Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3251
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1715
22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
39.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
سىدىقھاجى روزى ئەسەرلىرى

دۆلەت مەجلىسىگە
يولالنغان مەكتۇپالر

ئاپتورى:

سىدىقھاجى روزى

تۈزىتىپ تەھرىرلىگۈچى:

سىدىقھاجى روزى

نەشىرگە تەييارلىغۇچى:

تۇرغۇنجان ئابدۇلئەھەد

مۇقاۋا اليىھىلىگۈچى:

مەمەتنىياز بۇالق

بەتچىك:

ئۇيغۇر سەۋداسى
-2017يىلى -4ئاي


ئۇيغۇر باھارى نەشرىياتى نەشر ق ىلىپ تارقاتتى

يازغۇچى سىدىقھاجى روزى

رابىيە خانىم ئامېرىكا سابىق رەئىسى بوش بىلەن 26/06/2006

رابىيە خانىم ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشالر مىنىستىرى رايس خانىم
بىلەن بىللە

ئاق ساراي (ئامېرىكا ۋاشىنگىتون) دىن سىدىقھاجى روزىغا يېزىلغان
خەت

(تەرجىمىسى)
ۋاشىنگىتون ئاق ساراي
-2002يىلى -3ئاينىڭ -4كۈنى

قەدىرلىك روزى ئەپەندىم:
رەپىقىڭىز رابىيە قادىرنىڭ خىتايدا ناھەق تۈرمىگە سوالنغانلىقى توغرسىدىكى
-23يانۋار يوللىغان تەلەپ خېتىڭىزگە ئامېرىكا پىرىزدېنتى "بۇش" نامىدىن
رەھمەت.
پىرىزدېنت -2ئاينىڭ -22-21كۈنلىرىدىكى زىيارىتىدە جۇڭگونىڭ
باشلىقىغا جۇڭگونىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىموكىراتىيسىنى نوقتىلىق ئوتتۇرغا
قويدى .بىزنىڭ تەلىپىمىزنى پىرىزدېنت ئەزالىرى رەپىقىڭىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى
بىلەن بولغان قېيىنچىلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ،رەپىقىڭىزنى قويۇپ
بېرىشكە قىستىدى .بېيجىڭدىكى ۋە ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو
ھۆكۈمىتىنى ھەقسىزلىكنى ئاخىرالشتۇرۇشنى تەكىتلىدى ،بىز تاكى رابىيە قادىر
ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە داۋامالشتۇرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن
(ئىمزا)

دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى پىرىزدېنت كاتىپى
سىدىق روزى (ئادرىس)

مۇندەرىجە
سىدىقھاجى روزى تەرجىمىھالى 1 .............................................
رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى 33 .............................................
كىرىش سۆز 45 ....................................................................
خىتاينىڭ

پىالنلىق

تۇغۇت

سىياسىتى

ۋە

ئۇنىڭ

پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى 48....................................................
دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى!58......................
تىبەتلەر بىلەن تونۇشۇش 68 .............................................
ھۆرمەتلىك خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىالتى71 ........................... .
ئەقىلنىڭ تەلەپلىرىنى ئىشقا ئاشۇرايلى! 74 ..............................
ھۆرمەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى!80 ...............................
گۇەنتانامو تۈرمىسىگە يولالنغان مەكتۇپ 88 ............................
ھۆرمەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە! 91 ....................................
ھۆرمەتلىك نورۋېگىيە خەلقى 93 ...........................................
ھۆرمەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى103...............................
سابىق پرېزىدېنت بىل كىلىنتونغا يېزىلغان خەت112..................

ئامېرىكا كونگىرىسى خىتاي كومىتېتىغا115...........................
ھۆرمەتلىك نامايىشچىالر! 116..............................................
ھۆرمەتلىك ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىالتىنىڭ ئەزالىرى119...........
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يولالنغان خەتلەر145....................
ھۆرمەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى! 151 .......................
خىتاينىڭ پىالنلىق تۇغۇت سىياسىتى 162 ......................
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يولالنغان خەتلەر 188 ..............
خىتاينىڭ ئۇيغۇرالرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن
دوكالت 201 .....................................................................
ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت بوش 214 ............................................
ھۆرمەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئېتنىك مىللەت
ئۇيغۇرالر كىم؟ ......................................................

218

ھۆرمەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى! 238 .........................
ئاق سارايغا يېزىلغان خەتلەر 243 ................................
ياخشىمۇ سىلەر كىچىك دوستالر؟ 261 ...................................
خىتاينىڭ

دۆلەت

تېررورىزمى

ۋە

ئۇيغۇرالرنىڭ

ناھەق ئۆلتۈرۈلۈشى 266 ....................................................
ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت بوش ..............................

274

ھۆرمەتلىك سەنەتورالر! 277 ..................................... ...........
ئامېرىكا كونگىرىسىگە 282 ........................................
ھۆرمەتلىك

خانىمالر!

ئەپەندىلەر!

.................

283

بىروشورغا تەييارالنغان خەت 292 .......................................
بۇ مىللەت ئۇيغۇرنىڭ ،كىمنىڭ ئالدىدا نېمە گۇناھى بار؟ 296 .....
«فىڭ خانىم» ۋە ئاپتورالرنىڭ تارىخ قارشى

312 ...............

نەپسىڭنى يىغىۋال! ناخشا ئوغرىسى ۋاڭ لوبىڭ

326 ......

سىدىقھاجى روزى ۋە رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمھالى
سىدىقھاجى روزى
يېقىندا" ئازادلىق" تور بىتىگە بىر نەپەر يېڭى كىشى ئىنكاس
يېزىپ مېنىڭ يەنى سىدىقھاجى روزىنىڭ ساالھىيىتى نېمە
دەپ سوراپتۇ .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تۆۋەندە
ساالھىيىتىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شۇ كىشىگە سۆزلەپ
بەر گۈچە ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ مېنىڭ ساالھىيىتىمگە نەزەر
ئاغدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .قارىغاندا مېنىڭ
ساالھىيىتىمنى سورىغان بۇ كىشى ،ھازىرغىچە 32ھەرىپنىمۇ
ئۈگەنمىگەن كىشى ئوخشايدۇ ،دەپ ئويالپ قالدىم.
بىلەلمىدىم .بۇ كىشىگە قانداق ساالھىيەت كېرەك ،ئىكىنە؟
مېنىڭ ساالھىيىتىمنى سورايدىغان بۇ كىشىنىڭ ئەسلى
ساالھىيىتى نېمە ئىكىنە؟! بۇ كىشىنىڭ مېنىڭ
ساالھىيىتىمنى سوراپ يازغان ئىنكاسىغا تولۇق جاۋاب
قايتۇرۇشتىن ئاۋۋال يۇقىرىدا ئىككى كەلىمە كەلتۈرۈپ
قويدۇم.
1
سىدىقھاجى رۇزى -1944يىلى -6ئاينىڭ -15كۈنى ئاتۇش
ناھىيە -ئازاق يېزا -مەيى كەنتىدە قارى قۇرئان ،ئىقتىسادى
ھاللىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرى -1949يىلى -10ئايدا ئۇيغۇرىستانغا
تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،ھەرخىل ۋەھشىيانە سىياسەتلەرنى
يولغا قويۇپ -1952 ،يىلىدىن باشالپ يەر ئىسالھاتى ئېلىپ
بېرىپ ،ئۇيغۈر دېھقانلىرىنى تەركىبلەرگە ئايرىش ئارقىلىق
1

مىللەتنىڭ جامائە بۇلۇپ ئۇيۇشۇش كۈچىنى پارچىالپ
قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈردى .ئادەم بىلەن
ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىشىت بىلەن ئىشىتنىڭ ياكى
ئىشىت بىلەن بۆرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئايالندۇرۇپ قويدى.
دادىسى رۇزى قاري- 1952يىلى پومېشچىك تەركىبكە
ئايرىلدى .ئائىلىۋى مال -بىسات ،ئىسكىالت-قازناق،
ئېغىلدىكى ئات-ئۇالقالرنى مۇسادىرە قىلىشقا باشلىدى .
سىدىقھاجى رۇزى كىچىك ئىدى.ئانىسىنى بىر تەرەپكە،
دادىسىنى بىر تەرەپكە تۇرغۇزۇپ قويدى زامان
زورىۋانلىرى".قەلەندەرلەر "ئىسكىالتتىن بۇغداي قاچىلىغان
تاغارنى ژۈدۈپ مېڭىشاتتى ،ئېغىلدىن ئات-كالىنى يېتىلەپ
چىقىپ كېتىشتى .مۇسادىرە قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا
باشلىق بۇلۇپ كەلگەن خىتاي ھىڭگاڭ چىشلىرىنى
چىقىرىپ تاماكا شوراپ چەتتە قاراپ تۇراتتى ،ئۇيغۇر-
ئۇيغۇرنى بۇالۋاتاتتى .دادام قولۇمنى تۇتۇپ ئالغان ئىدى دەيدۇ،
سىدىقھاجى رۇزى -قورقۇشتىنمۇ ياكى غەزەپتىنمۇ دادامنىڭ
قولى تىتىرەيتى-. 1952يىلىنىڭ ئاخىرىدا دادىسى رۇزى
قارىغا زومىگەر پومېشچىك قالپىقى كەيدۈرۈلۈپ تۈرمىگە
خىتاي
ئايدا-1955.يىلى11
تاشالندى
مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى سىدىقھاجى
رۇزى ئائىلىسىگە دادىسى رۇزى قارىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ
بەردى.
سىدىقھاجى رۇزى- 1961يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇش
شەھرىدە تۇلۇق پۈتتۈرۈپ ،شۇ يىلى- 9ئايدا ئۈرۈمچىگە
كېلىپ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتىتىغا
2

ئوقۇشقا كىردى-. 1966يىلى- 9ئايدا ئالى مەكتەپنى
تاماملىشى كىرەك ئىدى .بىراق،شۇ يىلى- 5ئايدا خىتاينىڭ
ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىالبى باشالندى .دەسلەپ قىلىپ
ئۇقۇغۈچىالر ئىچىدىن مەكتەپ بۇيىچە ئىككى نەپەر
ئوقۇغۇچى -ئىسمايىل ئابدۇراخمان ،سىدىقھاجى رۇزى
ئەكسىيەتچى،مىللەتچى ئۇقۇغۇچىالر دېيىلىپ ،تارتىپ
چىقىرىپ كۈرەش قىلىندى .كېيىن تامغا چاپالنغان" چوڭ
خەتلىك گېزىت "نى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەتلىك
ئىسمايىل ئابدۇراخمان ساقچىنىڭ تۈرمىسىگە 6ئاي قامالدى .
سىدىقھاجى رۇزى مەكتەپتە تۆت يېرىم قەۋەتلىك ئۇقۇغۇچىالر
ياتىقىغا نەزەربەنت قىلىندى .ئىبىراھىم سۇاليمان [
قازاق]،ئالىمبېك[ قازاق] ،نىزامەت قاتارلىق ساۋاقداشلىرى
ئىككى سائەتتىن ئالمىشىپ سىدىقھاجى روزىنى نازارەت
قىالتتى .تاماقنى ئەكىلىپ بېرەتتى ،تەرەتخانىغا نازارەت
ئاستىدا چىقىپ كىرەتتى.
-1966يىلى- 11ئايغا كەلگەندە" ئوقۇغۇچىالرغا زەربە
بېرىش" "،ئوقۇغۇچىالرنى تارتىپ چىقىرىش"،
"ئەكسىيەتچىل سىياسى يول " دېيىلىپ تەنقىدلىنىپ
سىدىقھاجى رۇزى نەزەربەنتتىن بو شۇتۇلدى .تارتىپ
چىقىرىلغان باشقا ئو قۇغۇچىالر ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى .
-1966يىلى-11ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋىېرىستىتىدا "قىزىل- 3
باتالىيۇن " مىللى ئۇقۇغۇچىالر تەشكىالتى قۇرۇلدى .بۇ
تەشكىالتنى ئاۋۋال قۇرغان كىشى كىم؟ سىقھاجى رۇزىنىڭ
قازاق ساۋاقدىشى ئالىمبېك ئىدى[.بۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ
بېرىۋەتكەن،
ئەركىنلىك"
"4چوڭ
ئوقۇغۇچىالرغا
3

ئۇقۇغۇچىالر نېمە تەشكىالت قۇرىمەن دېسە ئەركىن ئىدى].
ساۋاقدىشى ئالىمبېك بىلەن سىدىقھاجى رۇزى ئوتتۇرىسىدا
دېئالوگ مۇنداق باشالندى :
مەدەنىيەت زور ئىنقىالبى سىنىپى كۆرەش بىلەن باشالندى،شۇنداقمۇ؟
شۇنداق.كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارالر تارتىپ چىقىرىلدى،شۇنداقمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ ھوقۇقدارالر ماۋزېدۇڭ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسەتلەرگەقارشى يول تۇتقان ئىكەن ،ئەجىبا ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونىدا ۋاڭ ئىېنماۋ قاتارلىقالر ،ماۋزېدوڭ ئاساسى قانۇن
ئارقىلىق بەلگىلەپ بەرگەن مىللى سىياسەتنى توغرا ئىجرا
قىلغانمۇ؟
بۇ ،ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش ئىكەنغۇ؟ " ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزېدۇڭ"" ،مىللى كۆرەش تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا سىنپى كۈرەش مەسىلىسى" ،دېگەن
ئىدىغۇ؟
راست شۇنداق دېگەن .بۈگۈن بۇ سۆز "ئەڭ ئالى يوليۇرۇق "بۇلۇپ قالدى.
مەدەنىيەت زور ئىنقىالبى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا سىنىپىكۈرەشنى تۇتقا قىلىۋاتىدۇ ،نېمىشقا مىللى مەسىلىنى تىلغا
ئالمايدۇ .ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سېكىرتار خىتايلىرى
چوڭ-چوڭ سىياسەتلەردە خاتالىق سادىر قىلىپ ،مىللى
سىياسەتتە پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنمۇ؟
4

نېمە قىلىمىز ،دېمەكچىسەن؟
قېنى ساۋاقدىشىم ئالىمبېك ،نېمە قىلىشىمىز كىرەك؟ -مەنئەكسىيەتچى ،مىللەتچى ئوقۇغۇچى ئايرىلدىم .ئاشكارە
ئوتتۇرىغا چىقىپ تەشكىالت قۇرالمايمەن ،سەن تەشكىالت
قۇرۇپ چىق .مەن ئارقاڭدا تۇرۇپ ساڭا ياردەم قىلىمەن دېدىم.
"قىزىل -3لىيەن" مىللى ئوقۇغۇچىالر تەشكىالتى ئەنە
شۇنداق ئەھۋالدا -1966يىلى-11ئايدا قۇرۇلۇپ چىقتى.
دەسلەپتە بۇ تەشكىالتقا ساۋاقداشالردىن 9نەپەر كىشى
قاتناشتى-1968 .يىلى بۇ تەشكىالتقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ
سانى 2مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.ئايتان رەئىس بولدى.
"قىزىل- 3باتالىيۇن " ئوقۇغۇچىالر تەشكىالتى بىر يىل
دېگۈدەك ئۈرۈمچىدە ئانسامبىلنىڭ تېمىغا " چوڭ خەتلىك
گېزىت "چاپالپ ،ۋاڭ ئىېنماۋنىڭ مىللى سىياسەتتە
ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى .بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئىمىنوپ يازغان "
مېنىڭ باياناتىم" ،ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە" چوڭ خەتلىك
گېزىت"كە ئوقۇغۇچىالرنىڭ قولى ئارقىلىق كۆچۈرۈلۈپ،
ئانسامبىلنىڭ تېمىغا چاپالنغاندا ئۈرۈمچىدە كاتتا غۇلغۇال
باشالندى .مەمتىمىن ئىمىنوپ- 1967يىلىنىڭ ئاخىرىدا "
ئىسيان" كۈتۈرۈپ "،قىزىل- 3باتالىيۇن " مىللى ئوقۇغۇچىالر
تەشكىالتىنى قولالپ ،شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىغا كېلىپ
كادىرالر ياتىقىدا يالغۇز ياتاقتا يېتىپ قوپاتتى .مىللى
ئۇقۇغۇچىالر نۆۋەت بىلەن كېچىسى ھەمرا بۇلۇپ قوغدايتتى.
رەھمەتلىك مەمتىمىن ئىمىنوپ يازغان ماقالىسىدا -1962
يىلى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن20 ،مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن
5

ئۆلگەن ،خىتاي ھاكىم خەيرۈي پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق
ۋەقەسىنى پاش قىلغان ئىدى.
مۇشۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي-1966 .يىلى -9ئايدا
ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە تىگىشلىك ئوقۇغۇچىالرغا خىتاي
مۇستەملىكىچىلىرى ھاكىمىيىتى -1967يىلى -10ئايدىن
باشالپ ئاساسلىق مائاشىنى 60يۈەندىن بېكىتىپ مۇئاش
تارقاتتى .ئوقۇغۇچىالرنىڭ قولى پۇل كۆردى .بۇ چاغدا بىر
كىلوگرام گۆشنىڭ پۇلى 8 -7تەڭگە ئىدى ،بىر قاپ
تاماكىنىڭ پۇلى بىر تەڭگە ياكى ئىككى موچەن ،ئاچارچىلىق
ئۆتۈپ كەتكەن چاغالر ئىدى.
مەن بويتاق ئوقۇتقۇچىالر بىناسىغا مېھمان چاقىردىم .ئاپتۇنوم
رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەھمەتلىك مەمتىمىن ئىمىنوپ،
ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكانتى رەھمە تلىك زىكرى ئەلپەتتا ،يازغۇچى
رەھمە تلىك ئەرشىدىن تاتلىق ،تىلشۇناس مىر سۇلتان
ئوسمانوپ ( ھازىر ھايات .لىيۇداۋەن تۈرمىسىدە 7يىل ياتقان،
سىياسى مەھبۇس ،مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئىدى ،مىر سۇلتان
ئەپەندى" ئۇيغۇرنامە"نىڭ ئاپتورى سابىت ئۇيغۇرىنىڭ
تەشكىالتىغا قاتناشقان ئىكەن ).يەنە ئىككى نەپەر
ساۋاقدىشىم مىنىڭ مېھمانلىرىم ئىدى.
مۇئاۋىن رەئىس رەھمەتلىك مەمتىمىن ئىمىنوپ بىر ئوھ
تارتىپ :
-زىكرى ،چالساڭچۇ! فېىئۇنېر ۋاخلىرىڭدا چالغانناخشىالرغا ( فېىئۇنېر ۋاخلىرىڭ دېگىنى قاپاقنىڭ بوينىغا
قىزىل التا باغالپ دۇكانغا ئېسىپ قويۇپ ساتىراشلىق
قىلىدىغان دۇكانالردا چالغان ناخشا -مۇزىكىالرغا چالساڭچۇ
6

دېگىنى ئىكەن.بۇ بىر خىل ئۆز ئارا قىلىشىدىغان چاقچاقلىرى
بولسا كىرەك) چال ! زىكرى ئەلپەتتا رەھمەتلىك دۇتارنى
قولىغا ئېلىپ شۇنداق چالدىكى ،مەمتىمىن ئىمىنوپ كۈزىنى
ژۇمدى ئىككى تامچە ياش ئىككى مەڭزىگە ساقىپ چۈشتى.
ھەممىمىز مىشىلداپ كەتتۇق .ئىمىنوپ:
چال ،زىكرى چال! ئۆستەڭ ناخشىلىرىغا چال! چال!ئەرشىدىن تاتلىق رەھمەتلىك بىر مەيدان ئاخىرالشقىچە
يىغالپ توختىمىدى...
2
"قىزىل -3باتالىيۇن " مىللى ئۇقۇغۈچىالر تەشكىالتى
ئوقۇغۈچىلىرى" ،چوڭ خەتلىك گېزىت"كە ماقالە يېزىپ
ئانسامبىلنىڭ تېمىغا چاپالپ تۇراتتى " .بىڭتىۋەننىڭ
ئاپشاركىلىرى 80يۈەندىن پۇل خەجلىگەندە،ئالتايدا
قازاقالرنىڭ ئىرىمچىكىكە قوسۇغى تويمىدى" " ،ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايوننىڭ،جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى
قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى قەيەردىن-
بېقىپ
كۆچمەنلەرنى
ئۇيغۇرالر
قەيەرگىچە""،
كېتەلمەيدۇ""،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرغاق،
تاغلىق،چۆللۈك رايون،سۇ مەنبەسى كەمچىل ئارتۇق كۆچمەن
قۇبۇل قىاللمايدۇ""،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاڭ ئىېنماۋ
سېكىرېتار بۇلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇر سېكىرېتار بۇلىشى
كېرەكمۇ؟" ،،،خىلمۇ خىل پىكىرلەر "چوڭ خەتلىك گېزىـت"
ئارقىلىق ئانسامبىلنىڭ تېمىغا چاپلىنىپ تۇراتتى .خەلق
ئاممىسى بۇ تامنى كىچە -كۈندۈز ئاڭلىق ياكى ستىخىيىلىك
ھالدا قوغدايتتى" ،چوڭ خەتلىك گېزىت" نىڭ ئۈستىگە
7

"قىزىل -3باتالىيۇن " ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ
قەغەز چاپلىشىغا يول قويۇلمايتى .بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچى
شەھەرلىك ئاكىمىز تۆمۈر ئەپەندى ،ئاپشاركا ئىشتىنى
يېتىلەپ كىلىپ" .چوڭ خەتلىك گېزىت"چاپالنغان تامنى
قوغدايتتى [.رەھمەتلىكنىڭ ياتار جايى جەننەت بولسۇن]
سىياسى نەزەرىيىلەرگە ۋە ماركسىزمغا مۇناسىۋەتلىك
مەسىلەن ،ماركسنىڭ مىللەت توغرىسىدىكى نەزەرىيىلىرى
ياكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۇ نەزەرىيىلەرنى
مىللەتلەر مەسىلىسىگە قانداق تەتبىق قىلغانلىقى توغرىسىدا
يېزىلغان سېلىشتۇرما ئۇقۇملۇقالشقان ماقالىالرنى رەھمەتلىك
ئەرشىدىن تاتلىق بىلەن يازغۇچى ئۆمەر غازى(قازاق) قاتارلىق
زىيالىيالر يېزىپ بېرەتتى.ئۇقۇغۇچىالر بۇ سەۋىيىلىك
يېزىلىدىغان ماقالىالرنى يازالىغۇدەك سەۋىيىگە تېخى
يەتمىگەن.ھەر شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈندە ئىككى سائەت
بەزىدە 4سائەت ۋاقىت چىقىرىپ مەخپى يىغىن ئاچاتتۇق ،شۇ
ھەپتىلىك قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى بەلگىلەيتۇق ،يىغىنغا
رەھمەتلىك ساۋاقدىشىم ئايتان ئوسمانوپ ،ئوسمانجان ساۋۇت
)يېقىندا ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارە ئاتاشنى
مۇۋاپىق كۆردۈم .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ....دوستۇممۇ
رىياسەتچىلىك قىالتتى (.بۇكىشى ھازىر ۋەتەندە ئىسمىنى
ئاشكارىيالمايمەن) يەنە بىر ساۋاقدىشىممۇ) .......بۇ كىشى
ھەم ۋەتەندە ئىسمىنى ئاتىيالمايمەن ( شۇ دەرىجىدە يەنى
ئايتان دەرىجىلىك رىياسەتچىلىك قىالتتى .ساۋاقداشالر
ئۇيۇلتاشتەك ئىناق ئىدۇق .بىر -بىرىمىزدىن نام ئاتاق ،شان-
شەرەپ تاالشمايتۇق ،لىدىرلىك ،رەئىسلىك تاالشمايتۇق .ئۇ
8

بەشكىرەملىك بۇ قورغاسلىق ،ئۇ تارانچى ،بۇ قاراقچى ،دەپ
يۇرتۋازلىق قىلىشمايتۇق.ئەسلىدە يۇرتۋازلىق ئىپتدايى
ئايۋاننىڭ شەرتلىك رىپلىكىس ئارقىلىق رول ئوينايدىغان
ئىپتدائى قىزغانچۇقلىقىدىن پەيدا بولىدىغان ،ئادەملەردە بولسا
تۇغما ھەسەتخورلۇق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل
يېلىنجاپ تۇرىدىغان رەشىك ئوتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس
ئىدى .بۇنداق رەشىك ئوتى ساۋاتسىز ،قارا قورساق ،ئىلىم-
بىلىمسىز ئادەملەردە تېخىمۇ ئۆتكۈر بوالتتى .لېكىن يەنە بۇ
ئىسمىنىمۇ
ساۋاقدېشىمنىڭ
بىر
باشقا
يەردە
ئاشكارىلىيالمايمەن (.بۇ كىشى ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا مەلۇم
دۆلەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتىدۇ)
-1968يىلى -5ئاينىڭ -16كۈنى ياكى بۇ كۈندىن باشقا بىر
كۈنى بولسا كېرەك ،ئېسىمدە قالماپتۇ .لېكىن -5ئاي
ئىكەنلىكىگە سۆز كەتمەيدۇ 2000 .دىن كۆپرەك ،شىنجاڭ
ئۇنۋىېرىستىتىنىڭ ئۇيغۇر -قازاق ئۇقۇغۈچىلىرى دەرۋازىدىن
نامايىش قىلىپ چىقىپ ،ئۆرۈمچى شەھەر ئىتتىپاق
تىياتىرىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپالندى- 1962(.يىلى يۈز
بەرگەن -29ماي ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىش
قىلغۇچىالرنىڭ مەقسىتى ئىدى ).بۇ كۈنى بۇ جىددى يىغىنغا
بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۈرۈمچى خەلقى ،ھەتتا 20مىلىيۇن
ئۇيغۇرىستان خەلقى ئارىالشتى ،قاتناشتى دېسەك ،ھەر گىز
مۇبالىغە بولمايدۇ) .بۇ يىلالردا ئاپتۇنوم رايون دېگەن يەردە
ھۆكۈمەت يوق ،پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ كۆزى - "3باتالىيۇن "
ئوقۇغۇچىالر تەشكىالتى"غا قارىتىلغان .كىمدۇ بىرسى تور
بېتىگە خەتچەك يېزىپ ،بىردەم 2000دەيدۇ ،بىر دەم 15000
9

دەيدۇ ،قايسى راست ؟دەپتۇ .ھەممىسى راست .چۈنكى ،بۇ
نامايىشنى تەشكىللىگەن ،ئۇيۇشتۇرغان ۋە بۇ نامايىش ئۈچۈن
بەدەل تۆلەپ تۈرمىدە ياتقان ئادەملەر ئۈچۈن بۇ ئىش راست
ئىش ،بۇ تارىخ ئۇالر ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان راست تارىخ
ھېسابلىنىدۇ .بۈگۈنكى قويمىچى ،قورساق باقتىالر ئۈچۈن
ئېيتقاندا بۇ ئەلۋەتتە يالغان بولىدۇ .چۈنكى خىتايغا قارشى
نامايىشتىن ئۇالرغا ھېچ قانداق نەپ پايدا تەگمەيدۇ .شۇ ڭا
ئۇالرنىڭ جان بېقىش پەلسەپىسىگە ئاساسالنغاندا
"ئىشسىزالر نامايىش قىلىدۇ ،ئىشى بارالر نامايىش قىلمايدۇ(.
تەشكىالتنىڭ رەئىسى ئايتان ئوسمانوپ نوتۇق سۆزلىدى:
" -مىللەتلەر باراۋەرلىكى ،مىللەت تەڭلىكنىڭ سىياسەت
ساھەسىدە ئۇقۇمالشقان مەنىسى نېمە ۋە بۇ نە زەرىيىنىڭ
ئىجرائىيەتتىكى ئەمەلىيىتى ،مەسىلەن ،شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايونى دېگەن بۇ مەمۇرىي بىرلىكنىڭ ھوقۇق
شەكىللىرى نېمە؟" ،،،،،ئۇ كۈنى ساۋاقدىشىمىز ئايتاننىڭ
سۆزلىگەن نۇتقى بەك دەبدەبىلىك ،بەك جۇشقۇن،مەزمۇنلۇق،
بىۋاستە قاراتمىلىققا ئىگە بولغان نوتۇق ئىدى .ئەتىراپقا
توپالنغان بىر نەچچە مىڭ ئامما قۇالق بېرىپ ئاڭالپ تۇراتتى،
كۆز يېشى قىالتتى.ھېسداشلىق قىلغۇچىالر ،ئوقۇغۇچىالر
ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىالر ،ئەگىشىپ يولنىڭ چېتىدە
ماڭغۇچىالر ،نامايىشقا ئۇزۇتۇپ قويوپ مەكتەپ دارۋازىسىنىڭ
ئىچىدە قالغۇچىالر ،ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ،شۇ قاتاردا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرى" ،ئىنقىالبى ئاالقە باغالش" ئۈچۈن
ئۇيغۇرىستاننىڭ جاي-جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە يىتىپ
10

كەلگەن تولۇق ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
بۇلۇپ تەخمىنەن 15مىڭ 20مىڭدىن ئارتۇق كىشى شۇ كۈنى
ئۈرۈمچىدە "تاماشا" كۆرۈۋاتاتتى ياكى شۇ كۈنكى نامايىشقا
ھەر خىل يولالر بىلەن ئىشتىراك قىلغان ئىدى.شۇئار
توۋاليتتى ،ئارزۇلىرىنى ھەرىكەت ۋە شۇئار ئارقىلىق ئىپادە
قىالتتى .ھەقىقى ئىنقىالب قانداق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟
قوشۇلغاندا،
سەپكە
قىلغۈچىالرمۇ
ھېسداشلىق
قورقۇنچاقالرمۇ سەپكە قوشۇلغاندا،يول ياقىالپ ئەگىشىپ
ماڭغانالرمۇ نامايشچىالر قاتارىغا قوشۇلغاندا ئاندىن ھەقىقى
قىلىمىز
قانداق
چىقاتتى(.
ئوتتورىغا
ئىنقىالب
زامانداشلىرىم،ئۇيغۇر خەلقى ئوقنىمۇ چاال ئاتىدىغان،
نامايىشنىمۇ چاال قىلىدىغان بىر خەلق ئىكەن).
شۇ كۈنى ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرىم ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ
ئالدىدىن جەنۇبى قوۋۇق ئايالنمىىغىچە نامايىش قىلىپ بېرىپ
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدا يەنە
يىغىن تەشكىللىدى.بۇنداق قىلىش -ھەرىكەت ئارقىلىق
جامائەت پىكرى توپالشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىدى.
مەن ئانسامبىلىنىڭ ئۇدۇلىدا يەنى يولنىڭ شەرىق تەرىپىدە
قىردا ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىالرنىڭ نامايىشىغا رەھبەرلىك
قىلدىم .ئايتان بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ساۋاقدىشىم (ئەمەت)...
ئاالقىچىلىك قىالتتى.مېنىڭ قولۇمدا بىر جىڭدەك خام گۆش
بار ئىدى ،قەيەردىن ئالدىم بىلمەيمەن ،ياكى بىرسى مېنىڭ
قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدىمۇ بىلمەيمەن ياكى بىر خىل
نىقاپلىنىشمۇ
11

بىلمەيمەن.نامايىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويالپ قورقۇپ كېتىپ بىر
ھەرىكەت قىلىپ -گۆش سېتىپ ئېلىپ ھەرىكەت قىلىش
ئارقىلىق جىددىيلىكنى پەسەيتمەكچى بولدۇممۇ بىلمەيمەن.
( كىچىرىڭالر ۋەتەنداشلىرىم! مەن شۇ چاغدا 22ياشلىق باال،
نامايىشقا قاتناشقان ساۋاقداشلىرىممۇ 22 -20ياشلىق بالىالر
ئىدى).
ئەمەت ...يۈگۈرۈپ كەلدى -،مەركەزدىن جۇئېنلەي تېلېفون
قىلىپتۇ(...تېلېفون "ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ" ناملىق
خىتاي ئوقۇغۇچىالر تەشكىالتىنىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن)
نېمە گەپ ئىكەن؟ئايتاننىڭ ياكى باشقا بىرسىنىڭ مەكتەپكە بېرىپ تېلېفونئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئايتان بارالمايدۇ ،نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ ،باشقابىرسىنى ئەۋەتىڭالر .دوستۇم ھەم ساۋاقدىشىم ئوسمانجان
ساۋۇت تېلېفون ئىېلىشقا يۈرۈپ كەتتى .جۇئېنلەي:
ساۋاقداشلىرىم !ھەر قانداق گېپىڭالر بولسا،شىنجاڭ ھەربىرايونى ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزۈڭالر ،مەن سىلەرنىڭ
سوۋېت
قىلىپ
ئاڭاليمەن-،نامايىش
گېپىڭالرنى
رىۋىزونېستلىرىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمگە قارا
سۈركىمەڭالر! سىلەرگە ئىشىنىمەن،ئۈزۈم ئالدىراش ،كاتىبىم
گو كاتىپنى تېلېفوننىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم،
گېپىڭالر بولسا گو كاتىپقا يەتكۈزۈڭالر!
جۇئېنلەينىڭ تېلېفون ئارقىلىق قىلغان باياناتى نامايىشچى
ئوقۇغۇچىالرغا يەتكۈزۈلدى ،جىددىيلىك پەسەيدى( ،ئەسلىدە
جۇئېنلەينىڭ دېگەنلىرى ئوقۇغۇچىالرغا يەتكۈزۈلمەيدىغان
12

ئىش ئىدى .بالىلىق قىلدۇق ).ئوقۇغۈچىالر تارقىلىشقا
باشلىدى(.شۇ چاغدا ئوقۇغۇچىالرنىڭ يېنىدا كىيىم-
كېچەكنىڭ ئىچىگە يۇشۇرىۋالغان قوراللىرى بار ئىدى دەپ
كېيىن ئاڭلىدىم.لېكىن ئۈزۈم ئىسپاتالپ بېرەلمەيمەن)
ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ شەرىق تەرەپ
قىرغىقىدىكى رېىستۇران ۋە پوچتا خانىنىڭ ئۆگزىلىرىگە
چىقىپ ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتىنىڭ
ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىپ تۇراتتى بىر
تەرەپتىن فىىلىمۇتنى بەتلەپ نامايىش مەيدانىغا قارىتىپ
قويغان ئىدى...
3
ئو قۇغۇچىالر مەكتەپكە قايتىپ كەتتى .شۇ كۈنى كەچتە
خىتاينىڭ ھەربى رايونى كىچىدە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىغا
ئەسكەر ئەۋەتىپ ،خىتاي ئو قۇغۇچىالر تەشكىالتى"
ئۇچقىۇندىن يانغىن چىقىدۇ" تەشكىالتىنىڭ رەھبەرلىرىنى
ياردەمگە چاقىرىپ ،مىللى مۇناپىق تۈردى ئابدىرېھىمنى (يەنە
بىر ئىسمى تۈردى شىڭلى) ئالدىغا سېلىپ ،ئۇخالۋاتقان
ياتاققا باستۇرۇپ كىرىپ ،مەمتىمىن ئىمىنوپنى قوغداپ
ياتاقتا بىللە ياتقان ساۋقدىشىمىز غۇپۇر قادىرنى ئۇرۇپ
زەخمىلەندۈرۈپ،ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن
ئىمىنوپنى قولغا ئېلىپ كەتتى .ئەتىسى بۇ ئىشتىن خەۋەردار
بولغان ئۇيغۇر ،قازاق ئۇقۇغۇچىالر يەنە نامايىشقا
تەييارالنغاندا"،شىنجاڭ "ئۇنۋېرىستېىتى ئاللىقاچان ھەربى
رايوننىڭ نازارىتى ئاسىتىغا ئېلىنغان .ھەربى رايوننىڭ مۇئاۋىن
قوماندانى ئوالتايىپ بىر باتالىيۇن ئەسكەر باشالپ
13

كېلىپ،مەكتەپ ئىچىدە ئىشخانا قۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەن.
(كېيىن كېسەلگە باھانىداپ رەھمەتلىك ئىمىنوپنى باجىياخۇ
تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىپ ئاپتونوم رايونلۇق -2دوختۇر
خانىغا ئېلىپ كىلىپ قان قاتۇرۇش ھوكۇلى ئۇرۇپ
ئۆلتۈرۈپ-1970،يىلى -5ئاينىڭ - 29كۈنى ئۆلۈم جازاسى
بېرىلگەن 9نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قاتارىدا تاغ بۇالق جازا مەيدانىغا
دەپنى قىلنىغان .قان قاتۇرۇش ھۇكۇلى ئۇرۇپ مەمتىمىن
ئىمىنوپنى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر دۇختۇر ھازىر ھايات ،شۇ كۈندىن
باشالپ بىر دوختۇر خانىغا باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) ......
بۇ ھېكايىالر مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاڭلىغان
ھېكايىالردۇر(
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ،لېكىن مەدەنىيەت زور ئىنقىالبى تۈپەيلى
خىزمەتكە تەقسىم قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىالرنى -1968
يىلىنىڭ ئاخىرىدا جاي -جايالرغا تەقسىم قىلىشقا
باشلىدى.مەن شۇ چاغدىكى ئايالىم بىلەن بىللە ئاقسۇ
ۋىاليەتلىك دارىلمۇئەللىمىنگە تەقسىم قىلىندىم .شۇ يىلى
-12ئايدا قېچىش توغرۇلۇق تېلېگرامما تاپشۇرۇپ ئالدىم .بۇ
تېلېگراممىنى ماڭا كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ھازىرغىچە
بىلمەيمەن ...ھەم ئەسلىيەلمەيمەن-1969.يىلى -1ئاينىڭ
-17كۈنى بۆرتاال -ئۇتەيدە قولغا ئىېلىندىم .ئاۋۋال ئوبالستلىق
تۈرمىگە كېيىن بىڭتىۋەننىڭ تۈرمىسىگە 15كۈن قاماپ
قويدى-2.ئاينىڭ -15كۈنى ئەتىراپىدا ئۈرۈمچى -لىيۇ داۋەن
تۈرمىسىگە يۆتكەپ كەلدى.شۇ يىلى -3ئاينىڭ -24كۈنى
ئايتان باشلىق 9نەپەر ئىنقىالبچى ساۋاقدىشىم ،بىر نەپەر
قازاق چارۋىچىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۆرتاال ئارشاڭ ئارقىلىق
14

قېچىپ ھازىرقى قازاقىستانغا ئۆتۈپ كەتتى (.بۇ
ھېكايىالرنىڭ بىر قىسمىنى تۈرمىنىڭ ئىچىدە،بىر قىسمىنى
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاڭلىدىم)
-1969يىلى -6ئاينىڭ -19كۈنى دوستۇم ساۋاقدېشىم
ئېركى -ئەركىن) ،موڭغۇل( ،رەھمەتلىك ساۋاقدېشىم ئابىت،
ئالتاي تاغلىرى ئارقىلىق ھازىرقى قازاقىستاندىن ئۇيغۇرىستان
ۋەتىنىگە كىرىپ كەلدى .تۇيۇپ قالغان خىتاينىڭ رازۋېت
ئورگانلىرى شۇ كۈنى -6ئاينىڭ -19كۈنى پۈتۈن "شىنجاڭ"
مىقياسىدا ھەربى ھالەت ئىېالن قىلىپ ،ئاختۇرۇشقا،
تىنتىشقا باشلىدى .بۇ يىگىتلەرنى مەقسۇس بىر ئاپتۇ بۇسنى
ئىشلىتىپ ،ئۈرۈمچىدە رىمۇنت قىلدۇرىمەن دەپ ،باھانە
تېپىپ ئالتايدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن شوپۇر ئىسمايىل
ئەپەندى ،ئاپتۇ بۇسنى يىقىلغان تاشتا توختىتىپ ،ئىككى
ساۋاقدېشىمنى شەھەرگە ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈۋەتكەن .ئۇالر
تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە بويىچە سايۋاغ رايونلۇق ئەدلىيە باشلىقى
باقى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن .تىنتىش ،ئاختۇرۇش تېخىمۇ
ئەۋجىگە چىققان.ھەتتا خىتاينىڭ كاماندوروپكىغا چىققان
ھەربىلىرىنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن ،ئۈرۈمچىدە پۈتۈن مەكتەپلەر
تۈرمىگە ئايالندۇرۇلغان.ئىككى نەپەر ساۋاقدېشىم ئىشنى
تامامالپ قېچىپ يېزا ئىگلىك ئۇنۋېرىستېتىغا يىتىپ
كەلگەندە ئۇيەردە كـۇتـۇپ تۇرغان ساۋاقداشلىرىمىز ،بۇ
ئىككىسىنى سوۋېتلەر سالغان بىناننىڭ ئىككىنچى قەۋەت
بالىكونىغا ئورۇنالشتۇرۇپ ،ئىشكىنى كىرسىت شەكىللىك
مىخالپ بولقىنى ئەمدى يو شۇرۇپ تۇرۇشىغا خىتاينىڭ
ئەسكەرلىرى باستۇرۇپ كىرگەن .بالىكوندا ئەسكى
15

بۇ
ياتقان
كۈن
ئىككى
ئاستىدا
كىگىزنىڭ
ئەزىمەتلەر،ئۈچۈنچى كۈنى يىقىلغان تاشقا يەتكۈزۈلۇپ،
پشۇرۇپ
تا
قولىغا
ئەپەندىنىڭ
ئىسمايىل
بېرىلگەن.قازاقىستانغا قايتىش سەپىرىدە چېگرا رايوندا
قوغداشنى كۈچەيتكەن بىڭتۋەننىڭ قوراللىق كۇچۇكلىرى
ئىككى ئەزىمەتنى بايقاپ قالغاندا ،قىزىقى شۇ يەردىكى ئۇالر
ئاللىقاچان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بېتەرەپ رايونغا
كىرىپ بولغان .خىتايالر ئۆز تەۋەلىكىدە ئاسمانغا قارىتىپ
ئوق چىقارغانۇ ،لېكىن بىتەرەپ رايۇنغا قارىتىپ ئوق
چىقىرالىمىغان .ساۋاقدېشىم ئېركى ھەزىل قىلىپ...ئاتە-
ئاتە،ئاتىدىغان يەرگە ئاتمامسەن دېگەن .رەھمەتلىك باقى
ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 9نەپەر كىشىنىڭ
قاتارىدا ،رەھمەتلىك ئىسمايىل ئەپەندىلەر ئالتايدا- 1970 ،
يىلى -5ئايدا خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئارقىلىق ۋاپات بولغان.
بۇ ھېكايلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە بۇ ئىشالرغا ئارىالشقان
دوستۇم.....ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىدۇ.
دوستۇم ئېركى بۇ ھېكايىنى قانداق سۆزلەيدۇ ،تېخىى ئۇنىڭ
بىلەن بۇ توغرىدا ئەھۋالالشمىدىم.
4
- 1977يىلى - 7ئاينىڭ - 31كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى
مىېنى ئۈرۈمچى لىيۇ داۋان تۈرمىسدىن قويۇپ
بېرىپ،ئاپتۇبۇسقا سېلىپ ،ئۈرۈمچىدىن چىقىپ توقسۇننىڭ
تۈرمىسىدە ،قارا شەھەرنىڭ تۈرمىسىدە ،كۇچانىڭ تۈرمىسىدە
تۆنىتىپ ،قوندۇرۇپ ساقچىالر ياالپ ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىپ،
ئەركىن سىدىقنىڭ چوڭ دادىسى ،ئاقسۇ ۋىاليەتلىك ساقچى
16

باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەمەت سەلەينىڭ باشقۇرۇپ بىر
تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردى .مەمەت سەلەي مېنى ئاپىرىپ يەنە
ئاقسۇ ۋىاليەتلىك تۈرمىگە قاماپ قويدى .بۇ نېمە ئىش ؟ مەن
ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئادەمغۇ ؟! مەن ،توپ
توغرا 3ئاي ئاقسۇ ۋىاليەتلىك تۈرمىدە ياتتىم- 1977،يىلى
-10ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ -1978يىلى -7ئاينىڭ
-31كۈنى خېنىم رابىيە قادىر بىلەن توي قىلدىم-1980 .يىلى
-4ئايدا ئاقسۇدا رابىيە خېنىم ئىككىمىز تەسادىپ بىر ئەھۋالدا
نامايىش تەييارلىدۇق) ،يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ - 80يىللىرى
زامان كەڭرىپ كەتكەن ،تۆت كىشىلىك گۇروھ سوت
قىلىنىۋاتقان ،ماۋزېدۇڭنىڭ ئايالى جىياڭ چىڭغا ئۆلۈم
جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش
ھۆكۈم قىلىنغان يىلالر ئىدى( نامايىش تەييارالشقا ئاساس
تەييارالپ بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەسى ،يەنى خىتاي ساقچى
ئۆلتۈرۈۋەتكەن 17ياشلىق يولۋاس دېگەن يىگىت ئاقسۇ
ۋىاليەتلىك تۈرمىدە مەن بىلەن بىر كامېردا ياتقان كىشى
ئىدى ....شۇ كۈندىن باشالپ-1982 ،يىلى -7ئاينىڭ -2كۈنى
شىنجاڭ مائارىپ ئىنستېىتۇنىڭ ئەدەبىيات پاكولتىتىغا
ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئۇرۇنالشقىچە ،شاڭخەي ،گۇۋاڭجۇ قاتارلىق
خىتاي شەھەرلىرىدە رابىيە خېنىم بىلەن ئىككىمىز بىللە
يۈرۈپ سودا -تىجارەت قىلدۇق.
-1989يىلى 12ئاينىڭ -25كۈنى كىچىك قىزىم قەقىنۇس
تۇغۇلدى .خىتاينىڭ پىالنلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى
چىققان ئوخشايمىز.تىجارەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايالىم
رابىيە قادىرغا 50مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.ماڭا 2مىڭ يىۋەن
17

جەرىمانە قويدى ۋە دوتسېنتلىققا يوللىغان تەرجىمىھال،
ماتېرىيالىمنى بىكار قىلىپ ئۇنۋان ئېلىش ساالھىيىتىمنى
ئېلىپ تاشلىدى-1993 .يىلى- 9ئايدا توختام بىلەن
مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ رابىيە قادىرنىڭ تەرەققى
قىلىۋاتقان سودا -تىجارىتىگە قورغاس چېگرا ئېغىزىدا تۇرۇپ
ياردەملەشتىم.
-1994يىلى جەمئىيەتتە بىر غۇلغۈال "-ھەربى رايوننىڭ
مۇزىكانتى ۋاڭ لوبىڭ خىتاي -ئۇيغۇر -قازاقنىڭ ناخشا-
مۇزىكىلىرىنى مەن ئىجات قىلدىم دەپ ،ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ"،
دەيدىغان پىكىرلەر ئېقىپ يۈرەتتى.يەنە بىر فىىلىم ئۇيغۇر
بىلەن قازاق مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سالىدىغان
"فىىڭ خانىم" ماۋزۇلۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى خىتاي
يازغۇچىالر ئېكرانغا چىقىرپ" ،قازاقالر تارىختا ئۇيغۇرالرغا
ھۆكۈمرانلىق قىلغان "دەيدىغان سەپسەتىۋى جامائەت
پىكرىنى تەييارالشقا باشلىدى .بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن قازاق
زىيالىي قېرىندىشىمىز تەلەۋقان خىتاي تىللىق" شىنجاڭ
گېزىتى"دە " شىنجاڭ يالغۇز ئۇيغۈرالرنىڭ زېمىنى ئەمەس"
ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىشقا باشلىدى .تۆۋە،
ئاتالمىش" شىنجاڭ " ،ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇرىستان كىمنىڭ
زېمىنى ئىدى؟ ئۇيغۈر نىڭ زېمىنى بولماي كىمنىڭ زېمىنى
بولىشى كېرەك ئىدى ،قازاغىم ؟ بۇ ئىش بىلەن سىزنىڭ ۋە
خىتاينىڭ نېمە ئاالقىسى بار؟ نېمىشقا قازاقنى
ئۇيغۈرغا،ئۇيغۇرنى قازاققا كۈشكۈرتمەكچى بولدىڭىز ؟
زىددىيەت سېلىش ،قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىغا
زىددىيەت سېلىش ،ئەسلى گومنىداڭ خىتايلىرىغا ئادەت
18

بولغان ئۇسۇل-چارە ئەمدىلىكتە ،نەسلى كوممۇنىست ئەسلى
خىتايالرغا مىراس قالغان بولمامدۇ؟ كىچىكتۈرۈشكە
بولمايتى .شۇڭا مەن" ،نەپسىڭنى يىغىۋال! ناخشا ئوغرىسى
ۋاڭ لوبىبڭ" " ،فىىڭ خانىم ۋە ئاپتورالرنىڭ تارىخ قارىشىغا
باھا" ماۋزۇلۇق ماقالىالرنى يېزىپ "ئۈرۈمچى كەچلىك
گېزىتى"دە ئېالن قىلىپ يۇقىرقى كىشىلەرنى تەنقىد قىلدىم،
خىتاي يازغۇچىالرنىڭ تارىخ قاراشلىرىغا رەددىيە بەردىم .بۇ
ماقالىالر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېالن
قىلىندى .ئويالپتىمەن،ناخشا -مۇزىكا ئۇيغۇرنىڭ ئىدى،
خىتاي ۋاڭ لوبىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋاپتۇ ،مەن بۇ خىتاينى تەنقىد
قىلدىم...ئۇيغۇرالر قوزغۇلۇپ نامايىشقا چىقسا ،قاتارنىڭ
ئالدىدا ماڭىمەن دەپ ،ئويالپتىمەن.نەدىكىنى؟ ھازىرغىچە
ئۆزۈمنىڭ ياكى ئەقىللىق ياكى ئەقىلسىز ئادەملىكىمگە باھا
بېرەلمەي كەلدىم .مۇستەملىكە مىللەتنىڭ غۇرۇرى
مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەتنىڭ چەكتىن ئالقىغان
ھاقارىتىگە ئۇچرىغاندا ،كىشىلەر سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ،
مىللى غۇرۈرىنى قوغدىشى ،نۇمۇس-كۇچىنى ئاقلىشى
كېرەكمۇ ياكى جان بېقىشنىڭ كوچىسىدا الي -پاتقاققا
مىلىنىپ يۈرۈشى كېرەكمۇ؟ ئاۋۋالقىسى توغرا بۇلۇپ،
كېيىنكىسى خاتا بولسا ،مەن" ئەقىللىق "ئادەم ئىدىم ،مۇبادا
ئاۋۋالقىسى خاتا بۇلۇپ،كېيىنكىسى توغرا بولسا مەن "دۆت
"ئادەم ئىدىم .بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرالر
قالتىس يۈرەكلىك .لېكىن " مەن ئەقىللىق" ئادەم بۇلۇش
بىلەن "دۆت " ئادەم بولۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە
قايمۇقۇپ كەلدىم .لېكىن باشقا" ئەقىللىق "ئادەملەرچۇ ؟
19

ئۇالر "جان بېقىشنىڭ تەڭلىمىسى"نى ئىجات قىلىشىپ
يۈرۈپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدە يازغان ماقالىلىرىم خىتايغا
ئېغىر كەلدى .بۇلۇپمۇ دوستۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Uy - 87 - 02
  • Büleklär
  • Uy - 87 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3251
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1715
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3457
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1763
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 2795
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1987
    12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 2759
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1941
    11.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 2815
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1957
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 2759
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1819
    11.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 2801
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1843
    11.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 2839
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1859
    11.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 2732
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1835
    10.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 2762
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    10.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 2699
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1927
    10.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 2715
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1833
    10.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 2711
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1804
    11.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 2772
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1903
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 2834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2133
    10.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 87 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 2187
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1622
    9.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    13.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.