Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3582
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2227
7.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
12.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
16.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻟﯧﯟﯨﯖﻨﻰ »ﻻﻟﻪ ﮔﯜﻟﻰ« ،ﭼﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ» ،ﺋﯜﻧﭽﻪ« ﺩﻩﻳـﺪﯗ ،ﻗـﻮﻝ ﺳﯧﻠـﯩﭗ
ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ» ،ﭘﺎﻫ ،ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ؟« ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﯨﯔ ﻳﺎﺭﯨﻢ ،ﻳﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﻮﺵ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺋﺎﻟﯩﭗ ،ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﯨﻢ ،ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﻤـﯩﺪﯨﯔ ،ﺗﻪﻗـﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨـﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠـﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﻐـﺎ ﺑﺎﺭﻏـﯩﺪﻩﻙ
ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ؛ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﻮﺵ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻳﯚﻟﻪﻛﻰ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ ،ﻳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ ﻗﺎﻳﺪﯨﻦ،
ﺧﻪﻓﭽﻪ ﺩﻩﻙ ﺑﻮﻳﻰ ﺯﯨﻠﯟﺍ ،ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭ ﻳﯚﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳـﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺴﺎ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـﯩﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﻧـﯩﯔ ﻳﺎﺭﻧـﯩﯔ
ﺑﻮﻳﻰ ﺗﺎﻟﺪﻩﻙ ﺯﯨﻠﯟﺍ ،ﮔﻪﭖ – ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺷﯧﺮﯨﻦ.
ﻳﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺯﯨﻠﯟﺍ ،ﺯﯨﻠﯟﺍ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﮔﯜﻝ ﺑﺎﺭ،
ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺧﺎﻝ ﺑﺎﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﯨﻮﻳﻰ ﺯﯨﻠﯟﺍ ،ﺯﯨﻠﯟﺍ ﺑﻮﻳـﯩﺪﺍ ﮔـﯜﻝ ﻣﯩـﺴﺎﻝ ﺑـﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠـﯩﻚ ﺑـﺎﺭ؛ ﭼﯜﭼـﯜﻙ ﺳﯚﺯﻟـﯩﺮﻯ
ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺧﺎﻝ ﺑﺎﺭ.
ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺎﻱ ﻳﺎﺭﯨﻢ ،ﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺎﻱ ﻳﺎﺭﯨﻢ،
ﺑﻮﻳﻠﯘﺭﯗﯓ ﺳﻪﻧﯩﯔ ﺯﯨﻠﯟﺍ ،ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺎﻱ ﻳﺎﺭﯨﻢ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

22



ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﯨﻢ ،ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﻳﻐـﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗـﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺭﻣـﯘ ،ﻛﯜﻧﮕـﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗـﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺭﻣـﯘ؟ ﺳﯧﻨـﯩﯔ ﺯﯨـﻠﯟﺍ
ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺭ؟

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﺏ
ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷﻼﺭﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﺴﺎﯕﭽﯘ ﻣﻪﻧﻰ،
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ ﺳﺎﺗﺴﺎﯕﭽﯘ ﻣﻪﻧﻰ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻗﺎﭘﻘــﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷﻠــﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﻣﯧــﻨﻰ ﻗﻮﺷﯩﯟﻩﺗــﺴﻪﯕﭽﯘ ،ﻣﯧــﻨﻰ ﻗــﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷــﻼﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨــﻐﺎ ﺋﺎﭘــﯩﺮﯨﭗ
ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﺴﻪﯕﭽﯘ.
ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ،
ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺴﺎﯕﭽﯘ ﻣﻪﻧﻰ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋﻪﮔــﻪﺭ ﻗــﺎﺭﺍ ﻗﺎﺷــﻼﺭ ﺑﺎﺯﺭﯨــﺪﺍ ﺑــﯩﺮ ﻛــﯩﻢ ﻣﯧــﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩــﺴﺎ ،ﻛﯩﺮﭘﯩﻜــﯩﯖﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴــﺎ ﻗﯩﻠــﯩﭗ
ﺋﯧﺘﯩﯟﻩﺗﺴﻪﯕﭽﯘ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺭﯨﻦ ﺋﺎﻳﺘﺎﻱ ﺟﺎﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﻧﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺩﻩﻱ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﻧﯩﯔ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ؟ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺭﻩﻧﺠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﻱ؟
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻩﻫﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺌﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺟﺮﻩﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﻪﺭﺧﻰ ﻛﻪﺟﺮﻩﻓﺘﺎﺭﻧﯩﯔ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻱ ،ﻛـﺎﺝ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨـﯩﯔ ﻗﺎﻳـﺴﻰ ﺑـﯩﺮ
ﺗﻪﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻱ؟
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩﻓﺎﺳﯩﺰ ﯞﻩﺳﻠﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺭﻩﻧﺠﯩﻦ ﻓﯘﺭﻗﻪﺗﻰ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﻧﯩﯔ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ ﯞﯨﺴﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺳـﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠـﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﻱ ،ﻗـﺎﻧﺨﻮﺭ ﭘﯩﺮﺍﻗﻨـﯩﯔ
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻱ؟
ﻏﯘﺭﺑﻪﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ،ﺋﻪﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ،ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﯞﻩﻓﺎ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻱ،
ﭼﯜﻥ ﯞﻩﻓﺎﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﻣﻪﺩﯨﯔ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯗ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ،ﺑﯘ ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﻰ ﻗﻮﻱ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﻳـﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨـﻦ ﯞﻩﻳـﺎ
ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﯞﺍﭘﺎ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯔ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺑﺎﺑﯘﺭ ،ﺋﻮﻝ ﮔﯘﻝ ﺟﻪﯞﺭ ﺋﻪﺗﻪﺭ ،ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

23



ﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﯞﺍﻫ ،ﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺧﺎﺭﻧﯩﯔ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺑﺎﺑﯘﺭ ،ﺋﯘ ﮔﯜﻝ ﺟﺎﭘـﺎ ﺳـﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳـﻪﺭﺩﻩ ،ﻳﺎﺗﻼﺭﺩﯨـﻦ ﻧﯧﻤـﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠـﯩﻖ ﻛﻪﻟـﺴﯘﻥ؟ ﮔﯜﻟﻨـﯩﯔ
ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﯩﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ – ﻫﻪ؟
–11ﻣﯘﻗــﺎﻡ ﻣﯘﺷــﺎﯞﻩﺭﻩﻙ ﻣﯘﻗــﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﭼــﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤــﻪ ﻗﯩــﺴﻤﻰ 162ﻣﯩــﺴﺮﺍ ،ﺗــﯚﺕ ﺩﺍﺳــﺘﺎﻥ 62ﻣﯩــﺴﺮﺍ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﺏ 30ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 254ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯗﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

5



–12ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ
ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ
ﻛﯩﺮﻣﻪﮔﻪﻳﻤﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯘﻝ ﻣﻪﺋﯟﺍﻏﻪ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ،
ﺷﯩﺸﻪﭘﯘﺷﻰ ﺗﯜﺷﻤﻪﮔﻪﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﮔﻪﯞﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪﻙ ﺟﺎﻳﻐﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﮔﯚﻫـﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤـﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏـﺎ ﻏﻪﯞﯞﺍﺳـﻤﯘ
ﭼﯘﺷﻤﻪﻳﺪﯗﻏﯘ.
ﺧﺎﻟﯘ ﺧﻪﺗﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﭙﺎﻫﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻫﺎﻧﮕﯩﺮ ﺋﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭ،
ﯞﻩﺭﻧﻪ ،ﺷﺎﻫ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻳﻤﯘ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻝ ﯞﻩ ﻣﯩﻴﯩﻖ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻟﻪﺷﻜـﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤـﯩﻐﺎﻥ
ﺷﺎﻫ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﺎﻻﻟﯩﺴﯘﻥ؟
ﺑﻮﻟﻤﺎﺩﻯ ﻣﻪﺋﻠﯘﻡ ﻫﯩﻜﻤﻪﺕ ﺋﻪﻫﻠﯩﻐﻪ ﺳﻪﻳﺮﻯ ﻗﻪﻣﻪﺭ،
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻰ ﻧﯩﻠﮕﯘﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﺋﻪﺧﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻧــﯩﻞ ﺭﻩﯓ ﺋﺎﺳــﻤﺎﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴــﯩﺪﻩ ﻳﯘﻟﺘــﯘﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨــﯩﺪﺍ ﺋــﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﻳﻨــﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭ ﻗﯩﻠــﯩﭗ
ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺗﺎﭘﻤﺎﻏﺎﻱ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﺭﻩﯞﺍﺟﻰ ﻗﯩﺴﺴﻪﺋﻰ ﺋﺎﺑﯩﻬﻪﻳﺎﺕ،
ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻧﻪﭼﻪ ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﺭﯗ ﺳﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺋﺎﺑﯩﻬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ ،ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭼﭽـﻪ ﻳـﯩﻠﻼﭖ
ﻳﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﺑﯩﻬﺎﻳﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺳﻮﻫﺒﻪﺗﻰ ﺳﺎﻫﯩﺒﺪﯨﻼﻥ ﮔﻪﺭﻡ ﺋﻮﻟﺪﻯ ،ﺯﺍﻫﯩﺪ ﺗﯘﺭﻣﺎﻏﯩﻞ،
ﺧﯩﺮﻣﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﻢ ﻛﯩﺮﮔﻪﻱ ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ،
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺯﺍﻫــﯩﺖ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭﻧــﯩﯔ ﺳﯚﻫﺒــﯩﺘﻰ ﻗــﯩﺰﯨﭗ ﻛــﻪﺗﺘﻰ ،ﺑــﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘــﻪ ﻗــﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣــﺎ ،ﺋﻪﮔــﻪﺭ
ﺳﻪﻣﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ؟
ﻫﯘﺑﻰ ﺑﯘ ﮊﯗﻟﯩﺪﻩ ﻣﻮﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯘ ﺩﯨﻠﮕﯩﺮ ﺋﻮﻟﻤﺎﯕﯩﺰ،
ﺯﺍﻫﯩﺮ ﺋﻮﻟﻤﺎﺱ ﺯﯨﻴﻨﻪﺗﻰ ﺷﻪﻫﺮﻯ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

6



ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﭼﯧﭽﻰ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷـﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧـﯩﯔ »ﻫـﯘ ﺋـﺎﻟﻼﻫ« ﺳﯧﻠﯩﺸﻠـﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﭘـﺎ ﺑﻮﻟﻤـﺎﯓ،
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻗﺸﻰ ﺑﻮﺭﯨﻴﺎﻳﻰ ﺑﻪﺳﺪﯗﺭﯗﺭ،
ﺋﻪﺗﻠﻪﺳﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﯘ ﺑﯩﺴﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻧﻪﻗﯩﺸــﯩﺒﻪﺩﯨﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨــﯩﯔ ﻛﯚﺭﭘــﻪ – ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻠــﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴــﯩﻤﯘ ،ﺑ ـﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼــﻪ ﺑــﻮﺭﺍ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.
ﺋﻪﮊﺩﻩﻫﺎﻳﻰ ﺑﯩﻴﺸﻪﻧﻰ ﻫﻪﻳﺒﻪﺗﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﺧﻪﺭﺍﺏ،
ﺩﯗﻟﺪﯗﻝ ﺋﯜﺯﺭﻩ ﻧﻪﺋﺮﻩﺋﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻟﺪﯗﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻫﻪﻳﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺭﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷـﯩﺮﻯ ﻫﻪﻳـﺪﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨـﯩﺪﺍ،
ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺧﺎﺭﺍﺏ ﻗﯩﻼﻻﻳﺘﺘﻰ؟
ﺋﻪﻱ ﺯﻩﻟﯩﻠﯩﻲ ،ﻛﻪﭼﻪﻳﯜ ﮔﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺩﯨﻴﯟﺍﻧﻪﻟﯩﻚ،
ﺗﺎ ﺟﯘﻧﯘﻥ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻣﯘﻟﻜﻰ ﻣﯘﺳﻪﺧﺨﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋــﻪﻱ ﺯﻩﻟﯩﻠــﯩﻲ ،ﺗــﺎﻛﻰ ﺟﯘﻧــﯘﻥ ﺋﯩﻘﻠــﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑــﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻣﻠــﯩﻜﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩــﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻤــﯩﭽﻪ،
ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻠﯘﻕ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﻪﺋﻪﺯﺯﻩ
ﺋﻮﺗﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ،ﮔﯘﻟﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﺪﺍ،
ﻳﺎﺭﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻮﻗﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﻝ ﻛﯚﺯﻯ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﺪﺍ ،ﺋﻮﺗﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﻫﻪﻡ ﮔﯜﻟﻤﯘ ﺑﺎﺭ ،ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﺎﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﻫﻪﻡ ﺋﻮﻗﻤﯘ ﺑﺎﺭ.
ﺯﻩﺋﻔﻪﺭﺍﻥ ﻫﻪﻡ ،ﻣﯘﺷﯩﻚ ﻫﻪﻡ ،ﺋﻪﻧﺒﻪﺭﻣﯘ ﻫﻪﻡ ،ﺳﯘﻧﺒﯘﻟﻤﯘ ﻫﻪﻡ،
ﺟﺎﻧﻤﯘ ﻫﻪﻡ ،ﺋﯩﻴﻤﺎﻧﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺋﻮﻝ ﻟﻪﺋﻠﻰ ﺷﻪﻛﻪﺭ ﺑﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﺎﺷﯘ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟـﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻟﯧﯟﯨـﺪﻩ ،ﺯﻩﭘـﻪﺭﻣﯘ ،ﺋـﯩﭙﺎﺭﻣﯘ ،ﺋﻪﻧﺒـﻪﺭﻣﯘ ،ﺳـﯘﻧﺒﯘﻟﻤﯘ ،ﺟـﺎﻧﻤﯘ،
ﺋﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ.
ﺯﯗﻟﻤﻰ ﻫﻪﻡ ،ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻤﯘ ﻫﻪﻡ ،ﻓﯘﺭﻗﻪﺗﻤﯘ ﻫﻪﻡ ،ﺋﯩﺸﺸﺮﻩﺗﻤﯘ ﻫﻪﻡ،
ﺯﻩﻫﺮ ﻫﻪﻡ ،ﺷﻪﻛﻪﺭﻣﯘ ﻫﻪﻡ ،ﺋﻮﻝ ﯞﻩﺳﻞ ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﺰﺍﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﺰﺍﺭﯨﺪﺍ ،ﺯﯗﻟﯘﻣﻤﯘ ،ﺷـﻪﭘﻘﻪﺗﻤﯘ ،ﭘـﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ،ﺋﯩـﺸﺮﻩﺗﻤﯘ ،ﺯﻩﻫـﻪﺭﻣﯘ ،ﺷـﯧﻜﻪﺭﻣﯘ
ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﯛﺭﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ،ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪ،
ﺑﯩﺌﻪﺩﻩﺩ ﺋﺎﺳﯩﻐﻠﯩﻖ ﺯﯗﻟﻐﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺪﺍ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

7



ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻣــﻪﻥ ﺋﯘﻧــﯩﯔ ﺋﯩــﺸﻖ – ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨــﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨــﺪﻩ ،ﺗﯜﻣــﻪﻥ ﻫﻪﺳــﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜــﯩﻤﻪﻥ ،ﻟﯧﻜــﯩﻦ
ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﻬﺒﺴﺎﺏ ﺩﻩﺭﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ.
ﺳﻪﺭﻧﯩﯟﯨﺸﺘﯩﻤﺪﯗﺭ ﻣﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﻤﻪﻙ ﺳﯘﺑﻬﯘ ﺷﺎﻡ،
ﮔﯘﻟﻼﺭﻯ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ،ﺟﺎﻧﯘ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﯗﺭ ﺧﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧـﺪﯛﺯ ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﺋﻮﺗـﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﺷـﺘﯜﺭ؛ ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﮔـﯘﻟﻰ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ – ﻳﯘ ،ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﺪﻩ.
ﺯﻩﺋﻔﻪﺭﺍﻥ ﻳﯜﺯ ﻣﻪﻧﺪﻩﺩﯗﺭ ،ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﯨﻤﺎﻏﻰ ﺗﺎﺯﻩﺩﯗﺭ،
ﻣﯘﺷﻜﯘ ﺋﻪﻧﺒﻪﺭ ﺳﯘﻧﺒﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﺑﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻣﯧﻨــﯩﯔ ﻳــﯜﺯﯛﻡ ﺩﻩﺭﺩ – ﺋﻪﻟﻪﻣﺪﯨــﻦ ﺯﻩﭘــﯩﺮﺍﻥ ،ﺋــﻪﻣﻤﺎ ،ﺋﯘﻧــﯩﯔ ﺋــﯩﭙﺎﺭ – ﺋﻪﻧﺒــﻪﺭ ﭼﯧﭽــﯩﺪﯨﻦ
ﺧﻪﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺧﻮﺷﺎﻟﺪﯗﺭ.
ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺭﺍﻫﻪﺕ ،ﻧﺎﺯﯗ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﺪﯗﺭ ﺋﻪﺯﻩﻝ ﻗﻪﺳﺴﺎﻣﯩﺪﯨﻦ،
ﻛﯚﻳﻤﻪﻛﯘ ﺋﯚﻟﻤﻪﻙ ﺳﺎﯕﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﭺ ﮔﯘﻝ ﻧﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯗ ﻧﯧﻤﻪﺕ ﺋﻪﺯﻩﻝ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠـﯩﭗ
ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺯﯨﺨﯩﺪﺍ ﮔﯜﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﻘﯩﺘﯩﻦ ،ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯗﺭ.
ﻛﯜﻟﻐﻪ ﭘﺎﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﻮﺗﻐﺎ ﺗﯜﺷﺘﯜﻡ ،ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯨﻢ ﻧﻪ ﻧﻪﯞﺋ ﻣﻪﻥ،
ﻏﻪﺭﻕ ﺋﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻓﻪﻧﺎ ﺋﯩﻜﻰ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻣـﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤـﻪ ﺑﻮﻟـﺪﯗﻡ ﻫـﯧﭻ ﺑﯩﻠﻤـﯩﺪﯨﻢ؛ ﻛﯜﻟﮕـﻪ ﻣـﯩﻠﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﺋﻮﺗﻘـﺎ ﭼﯜﺷـﺘﯜﻡ ،ﺋـﯩﻜﻜﻰ
ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻣﯘﻟﻤﯘ ﻫﻪﻡ ،ﺳﺎﻏﻪﺭﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ،ﻫﻪﻡ ﻧﻪﺑﺎﺗﯘ ﻟﻪﺋﻠﯩﺪﻩ،
ﺗﺎﺯﻩ ﮔﯘﻟﺪﻩﻙ ﻣﺎﻫﻰ ﺑﻪﺩﺭﻯ ﻣﯩﻬﺮﻯ ﭘﯘﺭ ﺋﻪﻧﯟﺍﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﯧﯟﯨﺪﻩ ﻣﻪﻳﻤﯘ ،ﻗﻪﺩﻩﻫﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﻧﺎﯞﺍﺗﻤﯘ ﺑﺎﺭ؛ ﮔﯜﻟـﺪﻩﻙ ﭘـﺎﻙ ﻳﯜﺯﯨـﺪﻩ ،ﺗﻮﻟـﯘﻥ ﺋـﺎﻱ ﺑـﯩﻠﻪﻥ
ﻗﻮﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻣﯘﺳﻪﻟﺴﻪﻝ ﺯﯗﻟﻔﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺑﻪﻧﺪ،
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭼﯩﺮﻣﺎﺷﺘﻰ ﺗﻪﻧﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨـﯩﯔ ﺯﻩﻧﺠـﯩﺮﺩﻩﻙ ﺗﺎﻻﻟـﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨـﯩﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ ،ﺑـﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧـﯩﯔ
ﺋﯩﺸﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ – ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯧﻨﯩﻤﮕﻪ ﭼﯩﺮﻣﺎﺷﺘﻰ.
ﺋﻪﻳﺸﻰ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ،ﺩﻩﺭﺩﯨﻦ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻝ ،ﮔﯘﻣﻨﺎﻣﻜﯩﻢ،
ﻣﯘﺋﺘﻪﺑﻪﺭﺩﯗﺭ ﺩﻩﺭﺩﯗ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﮔﯘﻣﻨﺎﻡ ،ﺭﺍﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﻡ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐـﯩﻨﻜﻰ،
ﺋﯩﺸﻖ – ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ ،ﺩﻩﺭﺩ – ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯗﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

8



ﺗﻪﺋﻪﺯﺯﻩ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﯩﺴﻰ
ﺋﻪﻳﺸﻰ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ،ﺩﻩﺭﺩﯨﻦ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻝ ،ﮔﯘﻣﻨﺎﻣﻜﯩﻢ،
ﻣﯘﺋﺘﻪﺑﻪﺭﺩﯗﺭ ﺩﻩﺭﺩﯗ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺋﯩﺸﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺭﺍﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﻡ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﻪﻱ ﮔﯘﻣﻨﺎﻡ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐـﯩﻨﻜﻰ،
ﺋﯩﺸﻖ – ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺪﺍ ،ﺩﻩﺭﺩ – ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯗﺭ.

ﻧﯘﺳﺨﻪ
ﻧﯩﮕﺎﺭﺍ ،ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﯖﺪﺍ ﺯﻩﺋﯩﻔﯘ ﻧﺎﺗﻪﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺩﻩﺭ – ﺑﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺨﺎﻧﯘﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋــﻪﻱ ﻧــﯩﮕﺎﺭ ،ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗــﯩﯖﺪﺍ ﺯﻩﺋــﯩﭗ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﺴــﯩﺰ ﺑﻮﻟــﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨــﻢ؛ ﺟﺎﻫﺎﻧــﺪﺍ ﻫﻪﻣﯩــﺸﻪ
ﺋﯩﺸﯩﻜﻤﯘ – ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﻱ – ﻣﺎﻛﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻧﻪﺗﻪﻱ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻏﻪﻣﮕﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﻳﻮﻕ،
ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻓﯘﺭﻗﻪﺕ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﺑﺘﻪﻻﺋﻰ ﻻﻣﻪﻛﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸـﯩﻤﻰ :ﺳﻪﻧﺪﯨــﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻏﻪﻣﮕﯘﺯﺍﺭﯨــﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺴﺎ ،ﭘــﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﺗـﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳــﯜﭖ ،ﻣﺎﻛﺎﻧﺴـﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨــﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ،ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ ،ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ؟
ﻗﺎﺩﺍﻟﺪﻯ ﻛﯩﺮﻓﯩﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﯘ ﺧﻪﺳﺘﻪ ﺟﺎﻧﯩﻤﻐﺎ،
ﻏﻪﻣﯘ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﻩﺭﺩ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺯﻩﺋﻔﻪﺭﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﯩﯖﻨــﯩﯔ ﻧﻪﺷﺘــﯩﺮﻯ ﺧﻪﺳــﺘﻪ ﺟﯧﻨــﯩﻤﻐﺎ ﺳﺎﻧﭽــﯩﻠﺪﻯ ،ﻏــﻪﻡ ﯞﻩ ﺟﺎﭘــﺎ ﺋﯩﭽــﯩﺪﻩ ﺩﻩﺭﺩ
ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ،ﻳﯜﺯﯛﻡ ﺯﻩﭘﯩﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﻧﺎﺯ ﺋﯩﻠﻪﻛﯩﻢ ﺗﺎﺯﻩ ﮔﯘﻟﺪﻩﻙ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎﯓ،
ﺟﻪﻣﺎﻟﯩﯔ ﺷﻪﯞﻗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻝ ﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﯛﭘﯘ ﺷﺎﺩﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻳﯧﯖــﯩﻼ ﭘﻮﺭﻩﻛﻠــﯩﮕﻪﻥ ﮔﯜﻟــﺪﻩﻙ ﺋﯧﭽﯩﻠــﯩﭗ ،ﻧــﺎﺯ – ﺋﯩﺴﺘﯩﻐــﯩﻨﺎ ﺑــﯩﻠﻪﻥ ﻟــﻪﺭﺯﺍﻥ ﻳــﯜﺭﯛﭖ
ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﯖﺪﺍ ،ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯖﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺯﻯ ﻫﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻕ ﺗﺎﻗﻪﺕ،
ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻏﻪﻡ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻯ ﻗﻮﻳﻤﺎﺱ ﻳﺎﻗﺎﻣﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﻩﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻏﻪﻡ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻯ ﻳﺎﻗﺎﻣﻨﻰ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻏﯘﯞﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ،ﺳـﺎﯕﺎ
ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺯ – ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﺪﻩﻙ ﻛﯜﭼﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

9



ﻧﻪﺗﻪﻱ ،ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﺋﻰ ﻏﻪﻣﮕﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭙﺪﯗﺭ ﺩﻩﺭﺩ ﺋﯩﻠﻪ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ،
ﺳﺎﺭﯨﺦ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﻩ ﻫﻪﺟﺮﯨﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﺧﻪﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻫــﯩﺠﺮﺍﻥ ﺑــﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺭﺩ ﻣﯧــﻨﻰ ﻏﻪﻣﻜــﯩﻦ ،ﺑــﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠــﯩﭗ ﻗﻮﻳــﺪﻯ .ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻘﻨــﯩﯔ ﺋﻮﺗــﯩﺪﯨﻦ
ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻢ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ،ﻛﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﻏﺎﺯﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ؟
ﺟﻪﻣﺎﻟﯩﯔ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﯜﺭ ﺷﺎﻣﯘ ﺳﻪﻫﻪﺭ ﺟﺎﻧﯩﻢ،
ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﺭﯗﺳﯟﺍﻳﻰ ﺟﻪﻫﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯖﻨﯩﯔ ﻫﻪﺳﺮﯨﺘﯩﺪﻩ ﺟﯧﻨـﯩﻢ ﺗﯜﻧﺪﯨـﻦ ﺗﺎﯕﻐـﯩﭽﻪ ﺋﯚﺭﺗﯩﻨـﯩﺪﯗ؛ ﺑـﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣـﺪﻩ ﻣـﻪﺟﻨﯘﻧﻐﺎ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯟﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﻲ ،ﺧﻪﺳﺘﻪﺩﯨﻞ ﺋﺎﺷﯘﻓﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ،ﺟﻪﻓﺎﻏﺎ ﻫﻪﻣﺰﻩﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﻲ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ؛ ﭘﯩﺮﺍﻗـﯩﯔ
ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ،ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻧﯘﺳﺨﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﯩﺴﻰ
ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﻲ ،ﺧﻪﺳﺘﻪ ﺩﯨﻞ ﺋﺎﺷﯘﻓﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ،ﺟﻪﻓﺎﻏﺎ ﻫﻪﻣﺰﻩﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻓﯩﺮﺍﻗﯩﻲ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ؛ ﭘﯩﺮﺍﻗـﯩﯔ
ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ،ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﺰﺍﺩ
ﺳﺎﻗﯩﻴﺎ ،ﺟﺎﻣﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﻑ ﺋﻪﻳﻠﻪ ﻣﻪﻳﻰ ﺋﻪﻧﯟﺍﺭﺩﯨﻦ،
ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﯩﻞ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺟﯘﻣﻠﻪﺋﻰ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﺩﯨﻦ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋــﻪﻱ ﺳﺎﻗــﯩﻲ ،ﻗﻪﺩﯨﻬــﯩﻤﻨﻰ ﻧــﯘﺭ ﺷــﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑــﯩﻠﻪﻥ ﭘــﺎﻙ ﻗﯩﻠﻐــﯩﻦ ،ﻛﯚﯕﻠــﯜﻣﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ
ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ.
ﻣﻪﺳﺖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻫﯘﺷﯘﻡ ﺋﺎﻝ ،ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﺪﻯ ﺧﻪﻻﺱ،
ﻫﻪﻡ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺖ ﻫﻪﻡ ﭘﻪﺭﺩﻩﺋﻰ ﭘﯩﻨﺪﺍﺭﺩﯨﻦ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻣﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺕ ،ﺧﯘﻣﺎﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗـﯩﻞ .ﻫـﻪﻡ ﺋﯚﺯﻟـﯜﻙ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﺪﯨـﻦ ﻫـﻪﻡ
ﻛﯩﺒﯩﺮ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻦ.
ﻫﻪﺟﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯗﻫﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﻪﺳﯩﺮ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

10



ﻛﺎﺷﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺋﻪﺩﻯ ﺑﯩﻴﻨﺎ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺩﯨﻴﺪﺍﺭﺩﯨﻦ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺗﯘﺗﯘﻟـﺪﻯ؛ ﻛﺎﺷـﻜﻰ ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﺩﯨﺪﺍﺭﯨـﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳـﺴﻪﺭ
ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﺑﯘ ﻫﺎﻟﺪﺍ ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﮔﻪﺭ ﺑﻪﻫﺎﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﭺ ﺗﻮﻻ ﺳﺎﺭﻏﺎﺭﺳﺎ ﻳﺎﻓﺮﺍﻗﻼﺭ ﻧﻪ ﺗﺎﯓ،
ﺳﺎﺭﻏﺎﺭﯨﭗ ﻳﯜﺯ ﻏﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﻪ ﺟﯘﺩﺍ ﻏﻪﻣﺨﺎﺭﺩﯨﻦ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴـﯩﻦ ،ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧـﯩﯔ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩـﺸﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟـﯩﻚ ﺋﻪﻣـﻪﺱ ،ﭼـﯜﻧﻜﻰ
ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﻏﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﯞﻩﺳﻞ ﻗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻤﻪﮔﻪﻧﮕﻪ ﻫﻪﺟﺮ ﺋﻮﺗﻰ ﭘﺎﺩﺍﺵ ﺋﻪﻣﯩﺶ،
ﺑﻮﻟﻤﺎ ﻧﻪﯞﻣﯩﺪ ،ﺋﻪﻱ ﺯﯗﻫﯘﺭﯨﻲ ،ﺑﯘﺭﻧﺎ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ.
ﻳﯧﺸـــﯩﻤﻰ :ﺋـــﻪﻱ ﺯﯗﻫﯘﺭﯨـــﻲ ،ﻫـــﯩﺠﺮﺍﻥ ﺋـــﻮﺗﻰ ﺋـــﺎﺯﺍﺑﻰ ﯞﯨﺴﺎﻟﻨـــﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨـــﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤـــﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ
ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻤﯩﺶ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﯖﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪ.

ﺟﯘﻻ
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﻻﺭ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﮕﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ،
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﮔﻪﺩﺍﻧﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﭘﯜﺭﻯ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯓ؛ »ﻟﻪﭘﭙﯩﺪﻩ« ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﻣـﻪﻥ
ﮔﺎﺩﺍﻳﻨﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﺮﻩﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻨﺎ،
ﺑﯘ ﮔﻪﺩﺍ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻫﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧـﯩﯔ ﻗﯧﻨـﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺴـﯩﺰ )ﺧﻪﻗﻠـﻪﺭ ﻧﺎﻣـﻪﻫﺮﻩﻡ
ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ( ،ﻣﻪﻥ ﮔﺎﺩﺍﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮔﯘﻧﺎﻫﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﯓ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﻳﻮﻟﺪﺍﺩﯗﺭ،
ﺋﺎﺗﯩﯖﯩﺰ ﻧﻪﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻛﻰ ﺭﺍﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺧﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻤﻪﯓ ،ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠـﯩﻖ ﺩﯦﮕـﻪﻧﻤﯘ ﺋـﯚﺯ ﻳﻮﻟـﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐـﯩﻨﻰ
ﺗﯜﺯﯛﻙ .ﻣﯧﻨﻰ ﻫﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﯧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﯞﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﺗﻮﭘﺴﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺋﻮﻝ ﻗﻪﺩﺩﯗ ﺋﺎﻏﯩﺰ ﻳﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪ،
ﺋﻪﻱ ﻣﯘﻫﯩﺒﻼﺭ ،ﺗﯘﺭﺑﻪﺗﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ،ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗـﻪﺩﺩﻯ – ﻗﺎﻣـﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻟﯧﯟﯨـﻨﻰ ﺋﻪﺳـﻠﻪﺵ ﺑـﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟـﯜﭖ ﻛﯧﺘـﯩﭗ
ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ،ﻗﻪﺑﺮﻩﻡ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ،ﺑﯩﺮ »ﺋﺎﻫ« ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

11



ﻫﻪﺭ ﻧﻪﭼﻪﻛﯩﻢ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺯﻩﻫﻤﻪﺗﺘﯘﺭ ،ﺯﻩﻛﺎﺗﻰ ﻫﯘﺳﯩﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺋﯩﻠﺘﯩﻔﺎﺗﻰ ﻟﯘﺗﻔﯩﻲ ﺳﺎﺭﻯ ﮔﺎﻫﻰ ﮔﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ ﻳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ،ﻫﯚﺳﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻛﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻟﯘﺗﻔﯩﻴﻐﺎ ﺋـﺎﺍ – ﺳـﯩﺮﺍ
ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺗﯜﯓ.

ﺳﻪﻧﻪﻡ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺩﻯ ،ﺷﺎﺧﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺳﺎﻳﺮﺍﺩﻯ،
ﺋﻪﺟﻪﺏ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮﮔﯜﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯧﺨﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ،ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨـﺮﻯ ﺋﻪﺟـﻪﺑﻤﯘ ﻳـﺎﺭﻧﻰ
ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﺘﻰ.
ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺩﻩﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺷﺘﯘﺭ ،ﺳﺎﻳﺮﺍﺳﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯘﺷﺘﯘﺭ،
ﺑﻪﺵ ﮔﯘﻧﻠﯜﻙ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺷﺘﯘﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ» :ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑـﯩﺮ ﻗﯘﺷـﺘﯘﺭ ،ﺳﺎﻳﺮﯨـﺴﺎ ﺋـﯜﻧﻰ ﺧﯘﺷـﺘﯘﺭ ،ﺗـﯚﺕ ﻛﯜﻧﻠـﯜﻙ ﺷـﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣـﺪﻩ ﻳـﺎﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺷﺘﯘﺭ.
ﺋﯩﺰﺩﻩﻣﻪﺱ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻣﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺰﻟﻪﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻝ،
ﻛﯩﻢ ﺳﻪﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺳﻪ ،ﺑﺎﺭﯨﺐ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﮔﯘﻟﺰﺍﺭﻯ ﺑﻮﻝ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﺎﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﻣﯧﻨـﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨـﻢ ﺑـﺎﺭ؛ ﺳـﻪﻥ ﺋـﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ،ﻛﯚﻳﮕـﻪﻥ
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻝ ،ﻛﯩﻢ ﺳﯧﻨﻰ »ﻳﺎﺭﯨـﻢ« ﺩﯦـﺴﻪ ،ﺳﯚﻳـﺴﻪ ،ﺋﺎﻧﺪﯨـﻦ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺷﯘﻧـﯩﯔ ﮔـﯜﻟﺰﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟـﺴﺎﯓ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺧﯘﺵ ﺑﻪﺧﯩﺖ – ﺳﻪﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ ،ﻛﯩﺸﻰ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺴﻪ،
ﭼﻪﻛﯩﭗ ﺟﻪﯞﺭﯗ – ﺟﺎﻓﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪﻏﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪ،
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋﯩﻨــﺴﺎﻥ ﺟﻪﺑــﯩﺮ – ﺟﺎﭘــﺎﻻﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴــﯩﻤﯘ ،ﻛــﯚﺯﻯ ﺳــﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨــﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪ ،ﺋﺎﺧــﯩﺮﺩﺍ ﺋــﯘ
ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺴﻪ ،ﺑﯘ – ﺧﯘﺵ ﺑﻪﺧﺖ – ﺳﻪﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﺋﻪﻱ ﻳﯜﺯﻯ ﻧﻪﺳﺮﯨﻦ ،ﻗﺎﻣﻪﺗﻰ ﺷﻪﻣﺸﺎﺩ،
ﻧﻪﭼﻪ ﻗﯩﻠﯘﺭﺳﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻴﺪﺍﺩ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

12



ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋـﻪﻱ ﻳـﯜﺯﻯ ﻧﻪﺳﺮﯨـﻦ ،ﻗﺎﻣـﯩﺘﻰ ﺷﻪﻣـﺸﺎﺩﻗﺎ ﺋﻮﺧـﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳـﺎﺭ ،ﺟﯧﻨـﯩﻤﻐﺎ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽـﻪ ﺯﯗﻟـﯘﻡ
ﺳﺎﻟﯩﺴﻪﻥ؟
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﭘﯘﺭﻛﺎﺭ ،ﺷﯩﯟﻩﺳﻰ ﺑﯩﺴﻴﺎﺭ،
ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﻯ ،ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺭ ،ﻫﯩﭽﺒﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﺩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺭ ،ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ ،ﺧﯘﻟﻘﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﻧﺎﺯ – ﺋﯩﺴﺘﯩﻐﻨﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗـﯧﺨﻰ ﻫـﯧﭻ
ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ.
ﺟﻪﯞﺭﯨﺪﻩ ﻧﺎﺩﯨﺮ ،ﺯﯗﻟﯘﻣﺪﺍ ﻣﺎﻫﯩﺮ،
ﺋﯩﺸﯟﻩﺩﻩ ﻗﺎﺩﯨﺮ ،ﻏﻪﻣﺰﻩﺩﻩ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺟﺎﭘﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻧﺎﺩﯨـﺮ ،ﺯﯗﻟـﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﻣﺎﻫـﯩﺮ ،ﻧـﺎﺯ – ﺧﯘﻟـﻖ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨـﺮ ،ﻏﻪﻣﺰﯨـﮕﻪ
ﺋﯘﺳﺘﺎ.
ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻣﯩﺪﯨﻦ ،ﻫﻪﺟﺮ ﺋﻪﻟﻪﻣﯩﺪﯨﻦ،
ﺳﻪﺑﺮ ﻛﻪﻣﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻟﻪﻳﯘ ﻓﻪﺭﻳﺎﺩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ،ﺳﻪﯞﺭ – ﺗﺎﻗﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﺩ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ!
ﺑﺎﺑﯘﺭﻯ ﺑﯩﺪﯨﻞ ،ﺋﻪﻱ ﺑﯘﺗﻰ ﻗﺎﺗﯩﻞ،
ﺟﻪﯞﺭﯗﯕﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ،ﺯﯗﻟﻤﯘﯕﻐﺎ ﻣﯘﺋﺘﺎﺩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﻪﻧﻪﻡ ،ﺷﻪﻳﺪﺍ ﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﺟﻪﺑﺮﯨﯖﮕﻪ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ ،ﺯﯗﻟﻤﯘﯕﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﻙ.

ﭼﻮﯓ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ ﺋﯩﻜﻰ ﻣﻪﻫﯩﭙﻪﻳﻜﻪﺭ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻪﻧﺪﯗ ﺑﯩﺮﯨﺴﻰ ﺷﻪﻫﺪﯗ ﺷﻪﻛﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﺎﺭ :ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻪﻧﺪﻩﻙ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﻪﺳﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﻜﻪﺭﺩﻩﻙ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻩﺯﻯ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺗﺎﺑﺎﻥ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻯ ﺧﻪﻳﺒﻪﺭ.
ﻳﯧﺸــــﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨــــﯩﯔ ﺭﯗﺧــــﺴﺎﺭﻯ ﻧﯘﺭﻟــــﯘﻕ ﻗﯘﻳﺎﺷــــﺘﻪﻙ؛ ﻳﻪﻧــــﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨــــﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟــــﯩﺮﻯ ﺧﻪﻳﺒــــﻪﺭ
ﻛﯘﭘﭙﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻔﯘ ﺧﺎﻟﻰ ﺩﺍﻧﻪﻳﯘ ﺩﺍﻡ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻣﻪﺗﻰ ﺳﻪﺭﯞﯗ ﺳﻪﻧﻪﯞﺑﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺯﺍﻕ ،ﻣﯧﯖﻰ ﻧﻮﻗﯘﺕ ﺩﺍﻧﯩﺴـﯩﺪﻩﻙ ﭼـﻮﯓ؛ ﻳﻪﻧـﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨـﯩﯔ ﻗﺎﻣـﯩﺘﻰ
ﺳﻪﺭﯞﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻧﻪﯞﺑﻪﺭﺩﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

13



ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﺑﻠﻪﺭﻯ ﻳﺎﻗﯘﺗﻰ ﺳﯩﻴﺮﺍﭖ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺸﻼﺭﻯ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﮔﻪﯞﻫﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﯧﯟﻯ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﻳﺎﻗﯘﺕ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﮔﯚﻫﻪﺭ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺑﻐﻪﺑﯩﺪﯗﺭ ﺳﯩﻴﺒﻰ ﺳﯩﻴﻤﯩﻦ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻰ ﺑﺎﺩﺍﻣﻰ ﻣﯘﻗﻪﺷﺸﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﺰﻯ ﺋـﺎﻕ ﺋﺎﻟﻤـﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠـﯩﻖ؛ ﻳﻪﻧـﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨـﯩﯔ ﺋـﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﭘـﯩﻘﻰ ﺑﺎﺩﻩﻣـﺪﻩﻙ
ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ.
ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﻣﻪﻻﻫﻪﺕ،
ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯘﺳﯩﻦ ﺋﻪﻟﯩﺪﻩ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﻯ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯚﺳﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺰﻩﺳﻰ ﺟﻪﺭﺭﺍﻫﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻓﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﯘ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺰﯨـﺴﻰ ﺋﯘﺳـﺘﺎ ﺟﻪﺭﺭﺍﻫﻨـﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﻘـﯩﺪﻩﻙ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺭ؛ ﻳﻪﻧـﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨـﯩﯔ ﻛﯩﺮﭘـﯩﻜﻰ
ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻛﻪﺳﻜﯜﺭ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﯗﺭ ﻳﺎﯕﻰ ﺋﺎﻱ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﺌﻪﺗﯩﺪﯗﺭ ﺋﻪﻳﺪﻯ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺸﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋـﺎﻱ؛ ﻳﻪﻧـﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨـﯩﯔ ﺭﯗﺧـﺴﺎﺭﻯ – ﺗﻪﻟـﻪﺗﻰ
ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﭼﯩﺮﺍﻱ.
ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﻛﺎﺭﯗ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻳﻰ،
ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﯘ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﺎﺗﺎﻳﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﻛﺎﺭ ﯞﻩ ﻗﯘﻝ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﭘﯘﺕ – ﻗﻮﻝ.

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﺩﻩﻫﺮﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻛﯩﻢ ،ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻫﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ،
ﺑﯩﻠﻤﺎﻥ ،ﺋﺎﻳﺎ ،ﺑﺎﺭﻣﯘﺩﯗﺭ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﻳﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺟﺎﻫﺎﻧﻨـﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘـﯩﮕﻪ ﻗـﺎﺭﺍ ،ﺋـﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔـﯩﺮﯨﭗ ﻛـﻪﺗﺘﻰ؛ ﻳـﺎ ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘـﯩﭽﻪ ﺧـﯩﻴﺎﻟﻰ
ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

14



ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺩﻩﻳﺮ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﻤﺎﺩﯗﻕ ،ﻛﻪﻝ ،ﺋﻪﻱ ﺭﻩﻓﯩﻖ،
ﻣﻪﺳﺖ ﺋﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻳﺨﺎﺭﻩﻟﻪﺭ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠـﯩﻮﭖ ،ﻣﻪﻳﺨﺎﻧـﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘـﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤـﯩﺪﯗﻕ .ﺋـﻪﻱ ﺩﻭﺳـﺖ ،ﻛـﻪﻝ ،ﻣﻪﺳـﺖ ﺑﻮﻟـﯘﭖ،
ﻣﻪﻳﺨﻮﺭﻻﺭﺩﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﺎﻳﻠﻰ.
ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﻪﯞﯞﯨﺮ ،ﺳﻪﻫﯟ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﺩﯨﻦ ﺧﻪﻳﺎﻝ،
ﻛﯚﺯﯗ ﻗﺎﺷﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻧﯩﯔ ،ﺧﻪﺗﺘﯘ ﺧﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ – ﻗﺎﺷﻠـﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘـﯩﭽﻪ ،ﻣﯩﻴـﯩﻖ ﯞﻩ ﻣـﯧﯖﻰ ﺋﯚﺯﮔـﯩﭽﻪ ،ﺳﻪﯞﻩﻧﻠـﯩﻚ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻦ.
ﺑﯘﻟﻬﻪﯞﻩﺳﻠﻪﺭ ﻏﻪﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﯩﯔ ،ﺋﻪﻫﺒﺎﺑﻜﯩﻢ،
ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﺗﺮﯗﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ،ﻫﻪﯞﺍﺳﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧـﺎﺱ ﺋـﻮﻱ – ﭘﯩﻜـﯩﺮ ﺑـﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠـﯩﯖﻼﺭﻛﻰ ،ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟـﯩﺪﺍ
ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ.
ﺗﺎﺏ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺱ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻫﯚﺳﻨﻰ ﺟﻪﻫﺎﻥ ﺋﺎﺭﺍﺳﯩﻐﺎ،
ﻳﺎﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﭖ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸـــﯩﻤﻰ :ﺟﺎﻫـــﺎﻧﻨﻰ ﭼﺎﻗﻨـــﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻫﯚﺳـــﯩﻦ – ﺟﺎﻣﺎﻟـــﯩﻐﺎ ﺑـــﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﯨـــﺴﺎﻕ ،ﻛـــﯚﺯ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠـــﯩﻖ
ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗﻛﻰ ،ﺟﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﻠﻰ.
ﺳﺎﺭﻏﺎﺭﯨﭗ ﮔﺎﻫﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﯨﭗ ﻣﯩﻬﺮﯗ ﻣﻪﻫ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﯩﺶ ﺋﺎﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍﺭﻯ ﺋﯩﻨﻔﯩﺌﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸـﯩﻤﻰ :ﻗﯘﻳـﺎﺵ ﺑـﯩﻠﻪﻥ ﺋــﺎﻱ ﺑﻪﺯﯨـﺪﻩ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴـﯩﭗ ،ﺑﻪﺯﯨـﺪﻩ ﻗــﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ،ﺑـﯩﺮ ﺧـﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳـﺪﯗﻛﻰ ،ﻳــﺎﺭ
ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺠﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻤﯩﺶ.
ﺋﯩﺸﻖ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻪﺩﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﺳﻪﯓ ﺑﯩﺒﺎﻙ ﺑﻮﻟﻜﯩﻢ ،ﺋﯚﺯﮔﻪﺩﯗﺭ،
ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺗﻪﯞﺍ ﺋﺎﻧﺪﺍ ،ﺭﯨﻨﺪﻯ ﻻ ﺋﯘﺑﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ،
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋﺎﺷﯩﻘﻠــﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺩﯨــﺮ – ﻗــﯩﻤﻤﻪﺕ ﺗﺎﭘــﺎﻱ ﺩﯦــﺴﻪﯓ ،ﻗﻮﺭﻗﻤــﺎﺱ ﺑــﻮﻟﻜﻰ ،ﺋــﯘ ﻳــﻪﺭﺩﻩ ﺗــﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻻﺭ
ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ،ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﯚﺯ ﻏﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ،ﻳﯜﺯ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﺋﯚﺭﺗﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻫﺪ،
ﺯﯗﻟﻒ ﺋﺎﯕﺎ ﺗﻪﻗﯟﯨﻴﻴﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻛﯚﺯ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺋﻮﯞﻟﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ،ﻳﯜﺯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ،ﭼﺎﭺ ﺋﯘﻻﺭ )ﻛـﯚﺯ ﺑـﯩﻠﻪﻥ ﻳـﯜﺯ(ﻧـﻰ
ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ– ﺩﻩ ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ،ﺋﺎﺷﯩﻘﻨﯩﯔ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﻝ )ﺩ( ﻫﻪﺭﭘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯧﮕﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.
ﺩﻩﻫﺮ ﻫﻪﺭ ﭼﻪﻧﺪ ﻛﯜﻟﺴﻪ ،ﺋﻪﺭﺷﯩﻲ ،ﺳﻪﻥ ﺳﺎﺭﻯ ﺑﯩﻞ ﺯﻩﻫﺮﺧﻪﻧﺪ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

15



ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺟﺎﻥ ﻗﻪﺳﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻲ ،ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﺧﻪﻧﺪﯨﻠـﯩﻚ ﻗﯩﻠـﯩﺪﯗ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻕ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ،ﺋﻪﻱ ،ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺗﺎﺑﺎﻥ،
ﺩﻩﻣﻪﻥ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺗﺎﺑﺎﻥ ،ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯩﻴﻤﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯛﯓ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯘﺭ ،ﻗﯘﻳﺎﺷﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﯨﺪﯗﺭ.
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺭﻩﻫﻢ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ،
ﻳﯘﺗﺎﺭﻣﻪﻥ ﻓﯘﺭﻗﻪﺗﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺯﻩﻣﺎﻥ ﻗﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯖﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﺎﻥ ﻳﯘﺗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ.
ﻗﯩﻠﯘﺭ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﻓﻪﺭﯨﻨﻠﻪﺭ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻣﺎﻫﻰ ﻛﻪﻧﺌﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻪﻧﺌﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﻰ )»ﻛﻪﻧﺌﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧـﻴﻰ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﯜﺳـﯜﭖ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴـﺴﺎﻻﻡ( ﺳﯧﻨـﯩﯔ
ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ،ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ،ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﻮﺭﺳﺎﯓ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻤﻨﻰ،
ﺳﻪﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭﯗﺭ ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋﺎﻏﺮﯨﻘــﯩﻤﻐﺎ ﺳﯧﻨــﯩﯖﺪﻩﻙ ﺷﯩﭙﺎﻟــﯩﻖ ﻳــﻮﻗﻜﻰ ،ﻣﯧــﻨﻰ ﻳــﻮﻗﻼﭖ ،ﺋﺎﻏﺮﯨﻘــﯩﻤﻨﻰ ﺑــﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘــﯩﻢ
ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯓ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻻﺭ؟
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻫﻪﺟﺮﯨﯖﺪﻩ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ ،ﺋﺎﻱ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺩ،
ﺋﯩﭽﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﺮﭖ ﺑﻮﻟﯘﺭﺳﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﭘﯘﺷﻪﻳﻤﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻘﯩﯖﺪﺍ ﺋﯚﻟـﯜﭖ ﻛﻪﺗـﺴﻪﻡ ،ﺋﯩﭽـﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨـﭗ ﭘﯘﺷـﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ
ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ.
ﺳﻪﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺟﻪﻫﺎﻧﺪﺍ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺪﺍ ﻣﻪﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ،ﺋﻪﻱ ﺟﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺟﺎﻥ ،ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻕ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻕ.
ﺋﻮﺷﯘﻝ ﮔﯘﻧﺪﯨﻨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺩﺳﯜﻡ ﺋﺎﺭﻩﺯﯨﯖﻨﻰ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﻪﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭﯨﯖﻐﺎ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﻓﻪﺭﻣﺎﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

16



ﺋﺎﻟﯩﭙﺴﻪﻥ ﺗﺎﻗﻪﺗﯘ ﺳﻪﺑﺮﯗ ﻗﻪﺭﺍﺭﯨﻢ،
ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺗﺎﻛﻰ ﻗﻮﻳﺪﯗﯓ ﺩﺍﻏﻰ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﺩﯦﻐﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﺪﯗﯓ ،ﺷﯘﻧﺪﯨـﻦ ﺑﺎﺷـﻼﭘﻼ ،ﻣﻪﻧﺪﯨـﻦ ﺳـﻪﯞﺭ ،ﺗﺎﻗـﻪﺕ ﯞﻩ
ﺗﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ.
ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺗﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﺎﻧﺪﻩ،
ﻗﯩﻠﯘﺭ ﯞﻩﺳﻔﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﯔ ،ﺋﻪﻱ ﻣﺎﻫﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋــﻪﻱ ﺩﻩﯞﺭﺍﻧﻨــﯩﯔ ﺋﯧــﻴﻰ ،ﻗﻪﻟﻪﻧــﺪﻩﺭ ﺑــﯘ ﺟﺎﻫﺎﻧــﺪﺍ ﻫﺎﻳــﺎﺗﻼ ﺑﻮﻟــﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺳﯧﻨــﯩﯔ ﺗﻪﯞﺳــﯩﭗ –
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﯩﺴﻰ
ﺩﻩﻫﺮ ﻫﻪﺭ ﭼﻪﻧﺪ ﻛﯜﻟﺴﻪ ،ﺋﻪﺭﺷﯩﻲ ،ﺳﻪﻥ ﺳﺎﺭﻯ ﺑﯩﻞ ﺯﻩﻫﺮ ﺧﻪﻧﺪ،
ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺟﺎﻥ ﻗﻪﺳﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﭼﻪ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻲ ،ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﺧﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯩﻦ.

ﭘﯩﺸﺮﻩﯞ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﭼﯩﻠﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯘﻝ،
ﺳﺎﻳﺮﺍﺩﻯ ﺷﺎﺧﺘﺎ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯘﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ،ﺷﯧﺨﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺳﺎﻳﺮﯨﺪﻯ.
ﺑﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯘﻝ ﻫﻪﺭﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،
ﻫﻪﺭﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻧﯩﯖﭽﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻗــﯩﺰﯨﻠﮕﯘﻝ ﺩﯦﮕــﻪﻥ ﺑﺎﻏﻨــﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤــﻪ ﻳﯧﺮﯨــﺪﻩ ﺑﻮﻟــﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ،ﻗﻪﻳــﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩــﺴﯘﻥ ،ﺳــﺎﯕﺎ
ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﺋﻪﻗﻠﯘ ﻫﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﮕﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﻫﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﮕﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

17



ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯﯛﯕﺪﯗﺭ،
ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﯛﯕﺪﯗﺭ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻫﻪﻳﺮﺍﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯﯛﯕﺪﯗﺭ ،ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﯛﯕﺪﯗﺭ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺋﻪﺳﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻨﺠﯘ – ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﮔﯘﻝ ﺗﯘﺗﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﯜﻧﭽﻪ – ﻣﺎﺭﺟﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯗﺭ .ﻳﺎﺭﯨـﻢ ﻣﺎﯕـﺎ ﺧﻪﻟﻘـﯩﺌﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ
ﮔﯜﻝ ﺗﯘﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﻱ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻣﻪﻥ – ﺋﯘ ،ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻣﻪﻥ.
ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﮔﯘﻝ ﺗﯘﺗﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﺌﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻼ ﻣﺎﯕﺎ ﮔﯜﻝ ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﮔﯘﻟﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻻﻱ ﺩﻩﺳﻪﻡ ﮔﯘﻝ ﺗﯩﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﮔﯘﻟﮕﻪ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺩﻯ ﮔﯘﻝ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.،
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﮔﯘﻟﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﯨﯟﺍﻻﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ،ﮔﯘﻝ ﺗﯩﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ .ﮔﯜﻟﺒﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﮔﯜﻟﮕﻪ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻱ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻣﻪﻥ– ﺋﯘ ،ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻣﻪﻥ،
ﮔﯘﻟﮕﻪ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺩﻯ ﮔﯘﻝ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﮔﯜﻟﺒﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﮔﯜﻟﮕﻪ ﻣﻪﻳﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣـﻪﻥ ﺋﯘﻧـﯩﯖﻐﺎ ﺑـﻪﻙ ﺧﯘﺷـﺘﺎﺭ
ﺋﯩﺪﯨﻢ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻫﺎﯓ
ﮔﯘﻝ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮔﯘﻟﺰﺍﺭﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻫﯩﭻ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻤﺎﺩﯨﻢ،
ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﻤﺴﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎﻏﺎ ﻗﺎﺵ ﺋﺎﺗﻤﺎﺩﯨﻢ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﮔــﯜﻟﺰﺍﺭﺩﺍ ﮔﯜﻟﻠــﻪﺭﻧﻰ ﻛــﯚﺭﯛﭖ ،ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴــﯩﻨﻰ ﺳــﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻤــﯩﺪﯨﻢ .ﺗــﺎﻟﻼﭖ ﺳــﯚﻳﮕﻪﻥ
ﻳﺎﺭﯨﻤﺴﻪﻥ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺵ ﺋﺎﺗﻤﺎﺩﯨﻢ.
ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭ ﺩﻩﻣﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﻰ ،ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭ ﺩﻩﻣﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﻰ،
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺭ ﻳﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ،ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﺧﺎﻫﻼﻣﺪﯗﺭ ﻛﯩﺸﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

18



ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭ ﺩﻩﻣﺪﯗ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻣـﺎﻧﻨﻰ ﻳـﺎﺭ ﺩﻩﻣـﺪﯗ؟ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﻳـﺎﺭ ﻳﺎﻧﺪﯨـﻼ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ ﻳـﻪﺭﺩﻩ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﺧﺎﻫﻼﻣﺪﯗ؟
ﺋﺎﺗﺨﺎﻧﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻻ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﺎﻗﻰ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﻤﻪﻝ ﺗﺎﺷﺘﯘﺭ ﺗﯘﻣﺎﻗﻰ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﺎﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻻ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳـﺎﻕ ﺋـﯩﺰﻯ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯗ .ﻣﯧﻨـﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﻗـﺎﺵ ﻳﺎﺭﯨـﻢ ﻣﻪﺧﻤـﻪﻝ
ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯘﻣﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﭙﺘﯘ.
ﻣﻪﺧﻤﻪﻝ ﺗﺎﺵ ﺗﯘﻣﺎﻗﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺋﻪﺗﻤﻪ،
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﻪﺗﻤﻪ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻣﻪﺧﻤــﻪﻝ ﺗﺎﺷﻠــﯩﻖ ﺗﯘﻣﯩﻘــﯩﯖﻨﻰ ﻗﯩــﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻴــﯩﭗ ﺑﯘﺯﯗﯞﻩﺗﻤــﻪ ،ﺑــﯘ ﺋﺎﻟــﻪﻡ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﺋﺎﻟــﻪﻡ
ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﻰ ﺋﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻤﻪ.
ﻗﺎﺷﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﻩﻳﺪﯗﺭ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ،
ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺭﯨﺸﺘﯩﻢ ،ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻗﯧﺸﯩﯔ ﺷـﯘ ﻗـﻪﺩﻩﺭ ﻗـﺎﺭﺍ ﺋـﯩﻜﻪﻧﻜﻰ ،ﻗﻪﻟـﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﻫـﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨـﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ؛ ﺭﯨﺸﺘـﯩﻢ ﺳـﺎﯕﺎ
ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯗﺭﺩﯗﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﺩﯗﺭ،
ﺷﯘ ﻳﺎﺭﯨﺪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎ ،ﺋﯚﻟﻤﻪﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺭﻩﯞﺍﺩﯗﺭ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻳﺎﺭﻧــﯩﯔ ﻛــﯩﻴﮕﻪﻥ ﻛﯚﻳﻨــﯩﻜﻰ ﻗــﯩﺰﯨﻞ ﺩﯗﺭﺩﯗﻥ – ﺗــﺎﯞﺍﺭﺩﯗﺭ ،ﺷــﯘ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻤﺪﯨــﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠــﺴﺎﻡ،
ﺋﯚﻟﻤﻪﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺭﺍﯞﺍﺩﯗﺭ.

ﺗﻪﺋﻜﯩﺪ
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﺳﯩﻤﻰ ﺳﯘﺑﻬﯩﺪﻩﻡ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ،
ﺋﻮﻝ ﺳﺎﭼﻰ ﺳﯘﻧﺒﯘﻝ ،ﻳﯜﺯﻯ ﮔﯘﻝ ،ﻧﻪﯞ ﺑﻪﻫﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺋــﻪﻱ ﺗــﺎﯓ ﺷﺎﻣــﯩﻠﻰ ،ﺋــﯘ ﺳــﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠــﯩﻖ ،ﮔــﯜﻝ ﻳﯜﺯﻟــﯜﻙ ،ﺑــﺎﺵ ﺑﺎﻫــﺎﺭﺩﻩﻙ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠــﯩﻖ
ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻻﻡ.
ﻟﻪﺑﻠﻪﺭﻯ ﻗﻪﻧﺪﯗ ﮔﯘﻻﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﺪﯗ ﺷﻪﺭﺍﺏ،
ﻏﻪﻣﺰﻩﺳﻰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ،ﺋﻮﻝ ﻛﯚﺯﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻟﻪﯞﻟــﯩﺮﻯ ﻗــﻪﻧﺖ ﺑــﯩﻠﻪﻥ ﮔــﯘﻻﺏ ،ﺳﯚﺯﻟــﯩﺮﻯ ﻫﻪﺳــﻪﻝ ﺑــﯩﻠﻪﻥ ﺷــﺎﺭﺍﺏ ،ﻏﻪﻣﺰﯨــﺴﻰ ﻣﻪﺳــﺖ
ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﯜﻣﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ.
ﺟﺎﻥ ﻧﯩﺴﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪﻡ ﻛﻪﺭﻩﻙ ﺑﺎﺩﻯ ﺳﻪﻫﻪﺭ ،ﺩﯨﻚ ﺋﺎﻟﻠﯩﺪﺍ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

19



ﺑﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﮔﺎﻫﻜﻰ ﺋﻪﻟﯩﺘﯜﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻗﺎﭼﺎﻧﯩﻜﻰ ﺗﺎﯓ ﺷﺎﻣـﯩﻠﻰ ﻣـﻪﻥ ﻗﯘﻟﺪﯨـﻦ ﻳﺎﺭﯨـﻤﻐﺎ ﺳـﺎﻻﻡ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳـﻪ ،ﺋﯘﻧـﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﺍ ﺗـﯩﻚ
ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ.
ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ ﻫﯘﺳﻨﯘ ﻟﯘﺗﻔﻰ ﺧﯘﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﻨﺪﻩ ﺳﻪﯞﯨﻨﺎﺯ،
ﺋﻮﻝ ﺳﻪﯞﻩﺭ ﺟﺎﻧﺪﻩﻙ ،ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻢ ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻫﯚﺳﯩﻦ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ ،ﻣﻪﺭﻫﯩﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﻟﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳـﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩـﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻜﻪﻥ ﺋـﯘ
ﺟﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻤﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ.
ﺗﺎﺑﯘﻏﯘﯕﺪﺍ ﻧﻪﭼﻪﻛﯩﻢ ﺋﻪﺭﺯ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﻫﺎﻟﯩﻦ ﮔﻪﺩﺍ،
ﺩﻩﻣﻪﺩﯨﯔ ﺑﯩﺮﮔﯜﻧﻜﻰ ،ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺧﺎﺳﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﻪﻻﻡ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﮔﻪﺩﺍﺋﯩﻲ ﻫﯘﺯﯗﺭﯗﯕﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼﭖ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘـﯩﻢ »ﺑـﯩﭽﺎﺭﻩ
ﺧﺎﻛﺴﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ« ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﯔ.

ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﯩﻢ ،ﺋﻪﻱ ﯞﻩﻓﺎﺩﺍﺭﯨﻢ،
ﺗﺎﺯﻩ ﻧﻪﯞ ﺟﻪﯞﺍﻧﯩﻢ ،ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﺭﻩﻓﯩﻘﯩﻢ ،ﻣﯘﻧﯩﺴﯩﻢ ،ﺋﻪﻳﺸﯩﻢ ،ﻣﻪﺩﺍﺭﯨﻢ،
ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﯗﻡ ،ﻏﻪﻣﺨﺎﺭﯨﻢ ،ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻫﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ،ﻏﻪﻳﯘﺭ ﺳﯘﺑﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨـﻢ ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﯨﺸـﯩﻢ ،ﺳـﯩﺮﺩﺍﺵ
ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ،ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ،ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﯗﻡ ،ﻏﻪﻣﮕﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﻛﯚﺯﯛﯕﺪﯗﺭ ﺋﻮﺕ ﻛﻪﺑﻰ ،ﺟﯩﺴﻤﯩﯖﺪﯗﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭ،
ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﯓ ﺳﯩﻤﺎﺑﺘﻪﻙ ﺗﯩﺘﺮﻩﺭ ﺑﯩﻘﻪﺭﺍﺭ،
ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺭﻯ ﯞﻩﻓﺎﺩﺍﺭ ،ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﯩﻞ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ،
ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻢ ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﻛﯚﺯﯛﯕﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨـﺪﯗ ،ﺗﯧﻨـﯩﯔ ﻛﯧـﺴﻪﻟﭽﺎﻥ ،ﯞﯗﺟـﯘﺩﯗﯓ ﺳـﯩﻤﺎﭘﺘﻪﻙ ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﺳـﯩﺰ
ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﻳﺎﺭﯨﻢ ،ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ؟
ﻓﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺟﺎﻧﯩﻢ،
ﺑﯩﺮ ﺯﻩﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻪﻡ ﺋﯚﺭﻟﻪﺭ ﻓﯩﻐﺎﻧﯩﻢ،
ﻳﺎﺷﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﺟﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﺭﻭﻫﻰ ﺭﻩﯞﺍﻧﯩﻢ،
ﻳﺎﺭﻯ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻧﯩﻢ ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

20



ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﯘ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪﻡ ﭘﯩﻐﺎﻧﯩﻢ ﺋﯚﺭﻟـﻪﭖ ﻗﺎﻟـﯩﺪﯗ .ﺳـﻪﻥ
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻤﺴﻪﻥ ،ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﻫﯩﻤﺴﻪﻧﻜﻰ ،ﺋﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨـﺒﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨـﻢ ،ﺳـﺎﯕﺎ
ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﺋﻪﯞﯞﻩﻟﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ،
ﻏﻪﺭﯨﺒﻠﯩﻖ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﻣﻪﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ.
ﺳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﻣﻪﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ،
ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﯩﻢ ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤـﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ،ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟـﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴـﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﻣـﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟـﺴﺎﻡ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﻛﺎﺷﻜﻰ .ﺋﻰ ،ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﯨﻨـﯩﻢ ﺳـﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤـﻪ
ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﺷﺎﻫ ﺳﻪﻧﻪﯞﺑﻪﺭ ﺩﻩﺭﻟﻪﺭ :ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﺋﻪﺯﯨﻠﺪﻯ،
ﻣﺎﯕﺎ ﻫﻪﻗﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﻳﺎﺯﯨﻠﺪﻯ،
ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﻳﻪﺗﯩﭗ ﺟﺎﻥ ﺗﻪﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﻯ،
ﻳﯘﺳﯘﻓﻰ ﻛﻪﻧﺌﺎﻧﯩﻢ ﻫﺎﻟﯩﯔ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺷــﺎﻫ ﺳــﻪﻧﻪﯞﺑﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘــﯩﺪﯗ :ﻣﯧﻨــﯩﯔ ﻫﻪﻗــﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜــﯩﻢ ﺋﯧﺰﯨــﻠﺪﻯ؛ ﺋﺎﻟﻼﻫﺘــﯩﻦ ﻣﺎﯕــﺎ
ﻣﯘﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩـﺴﻤﻪﺕ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕــﻪﻥ ﺋﻮﺧـﺸﺎﻳﺪﯗ؛ ﮔﻮﻳــﺎ ﺋﻪﺟﯩﻠـﯩﻢ ﺗﻮﺷــﯘﭖ ،ﺟـﺎﻥ ﺗﻪﻧﺪﯨــﻦ ﭼﯩﻘﺘـﯩﻜﻰ ،ﺋــﻰ،
ﻛﻪﻧﺌﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻓﯘﻡ ،ﺋﻪﯞﺍﻟﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﺪﻯ ﺟﺎﻧﯩﻢ،
ﺩﯨﻠﯩﻢ ﻛﯚﻳﺪﻯ ،ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻧﻪﯞﺍﻏﺎ.
ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﭽﻪ ﻣﻪﻥ ،ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﻣﻪﺟﺎﻟﯩﻢ.
ﻧﻪﯞﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺗﯚﻛﻪﻱ ﻳﺎﺷﯩﻢ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻤﻨــﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘــﯩﺪﻩ ﺟﯧﻨــﯩﻢ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧــﺪﻯ؛ ﻳﯜﺭﯨﻜــﯩﻢ ﻛﯚﻳــﯜﭖ ،ﺗﯩﻠــﯩﻢ ﺯﺍﺭﻻﺷــﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ؛ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻛﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﻧﺎﻟﻪ – ﻧﺎﯞﺍ ﻗﯩﻠـﯩﭗ ﻳـﺎﺵ
ﺗﯚﻛﯜﭖ ،ﺋﺎﻟﻼﻫﻘﺎ ﻳﯩﻐﻼﻱ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻣﻪﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﻪﺭﺍﺑﻪ،
ﻳﯜﺭﻩﻙ – ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻛﻪﺑﺎﺑﻪ.
ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻼﻱ ﺑﯘ ﺗﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻧﻪ،
ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻨﻰ ﺩﻩﮔﯩﻞ ﻗﺎﺷﻰ ﻗﺎﺭﺍﻏﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛـﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟـﺪﻯ؛ ﺑـﯘ ﺗﯧـﯩﻨﻤﺪﯨﻜﻰ
ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻼﻱ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻳﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ.
ﺳﻪﺑﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯ ﻣﻪﻧﯩﯔ ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻤﻨﻰ،
ﺧﯘﺩﺍﻏﻪ ﻳﯩﻐﻼﺳﺎﻡ ﺋﻮﯕﻼﺭ ﺑﺎﺷﯩﻤﻨﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

21



ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﺎﺭﻏﺎﺭﯨﭗ ﺗﯚﻛﺘﯜﻡ ﻳﺎﺷﯩﻤﻨﻰ،
ﺳﻪﺑﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯ ﺳﯚﺯﯛﻡ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻰ ﺗﺎﯓ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻛـﻪﻟﺘﯜﺭ؛ ﺋﺎﻟﻼﻫﻘـﺎ ﻳـﯩﻐﻼﺳﺎﻡ ،ﺑﯧﺸـﯩﻤﻨﻰ
ﺋﻮﯕﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭ؛ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ،ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﺘﯜﻡ .ﺋﻰ ﺗﺎﯓ ﺷﺎﻣـﯩﻠﻰ ،ﻣﯧﻨـﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠـﯩﺮﯨﻤﻨﻰ
ﺋﯘ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻱ.
ﺟﺎﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻣﻪﻥ ﺷﺎﻣﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﻏﻪﺭﯨﺒﻠﯩﻘﺘﺎ ﺩﻩﺩﯨﻢ ﺋﻪﺭﺯﯨﻢ ﺳﻪﺑﺎﻏﺎ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺟﺎﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳـﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟـﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨـﻢ؛ ﻣـﻪﻥ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺴﻤﻪﻥ؛ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ.
ﻏﻪﺭﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﯩﻤﻠﯩﻜﺪﻩ ﺧﻪﻳﺎﻟﻰ،
ﻧﻪﭼﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻓﻪﺭﺭﯗﺧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻫﺎﻟﻰ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻳﺎﺭﯗﺗﺎﺭ ﻣﻪﻫﺒﯘﺏ ﯞﯨﺴﺎﻟﻰ،
ﻏﻪﺭﯨﺒﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﺟﻪﺏ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺑﻪﻻﻏﺎ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﻏﯧﺮﯨــﭗ – ﻣﯘﺳﺎﭘــﯩﺮﻻﺭ ﻳﯧﺘﯩﻤﭽﯩﻠــﯩﻜﺘﻪ ﺧــﯩﻴﺎﻝ ﺑــﯩﻠﻪﻧﻼ ﻳﺎﺷــﺎﻳﺪﯗ ،ﻏﻪﺭﺭﯗﺧﻨــﯩﯔ ﺋــﻪﻫﯟﺍﻟﻰ
ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭ؟ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﺴﺎﻟﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯩﺪﯗ؛ ﻫﻪﻱ ،ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ،ﺋﻪﺟﻪﺏ
ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻻﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺷﺎﻫﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ،
ﺧﯘﺵ ﺋﯚﺗﻪﺩﯗﺭ ﻳﺎﺯ – ﻗﯩﺸﻼﺭﻯ.
ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﻫﻪﺑﯩﺮﻯ ﭼﺎﻏﻰ،
ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﯜﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻯ.
ﻳﯧﺸﯩﻤﻰ :ﺋﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﯩﻢ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻝ – ﻳﯘﺗﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯ – ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﺋﯚﺗـﯩﺪﯗ؛
ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ ﭼﺎﻍ ،ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﺘﯜﺭ ،ﺧﺎﻻﺱ.
ﺑﺎﻏﺪﺍ ﭘﯩﺸﺎﺭ ﺗﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻯ،
ﻣﻪﻳﯟﻩﻟﯩﻜﺪﯗﺭ ﻳﺎﻏﺎﭼﻼﺭﻯ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﭼﻼﺭﻯ،
ﻓﻪﺭﺍﯞﺍﻧﺪﯗﺭ ﻳﻪﻣﯩﺸﻠﻪﺭﻯ.
ﻳﯧﺸــﯩﻤﻰ :ﺑــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺷــﺎﭘﺘﯘﻝ – ﺗﻮﻏــﺎﭼﻼﺭ ﭘﯩﺸــﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ ،ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﯩﺮﯨﻨــﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩــﺴﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠــﯩﻚ
ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭺ – ﺯﺍﺭ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﻪﻝ – ﻳﯩﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﻣﻮﻝ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻮﺭﻯ

22



ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻯ،
ﺭﯗﺳﺘﻪﻣﭽﻪ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻯ،
ﺋﯩﺴﻔﻪﻫﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭽﻼﺭﻯ،
ﭼﺎﻗﯩﻦ ﻛﻪﺑﻰ ﭼﺎﭘﯩﺸﻼﺭﻯ.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Uy - 7 - 14
  • Büleklär
  • Uy - 7 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2289
    7.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2126
    8.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3654
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2316
    7.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    13.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3619
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2319
    7.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2167
    7.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3644
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2418
    6.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2268
    7.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    13.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3701
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2374
    7.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    13.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3587
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2269
    7.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3614
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2346
    7.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    11.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    14.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3654
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2167
    7.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3614
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2306
    7.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2227
    7.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 7 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 1123
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 864
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.