Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 1148
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 879
15.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
23.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
27.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place


ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ

ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ،ﭼﯩﺪﺍﻡ–ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ،ﺋﯩﻠﯩﻢ–ﮬـﯜﻧﻪﺭﺩﻩ ،ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﺘـﺎ ،ﺋﻪﻝ–ﻳﯘﺭﺗﻘـﺎ ﮬﯩﻤـﻤﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩـﺸﺘﻪ
ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
»ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﺎﻟﯩـﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷـﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘـﺎ
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ–ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ
ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ«.
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰﺍﺱ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ –2004ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ –2ﺳـﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋـﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ
»ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺋـﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯧـﺮﻩﻙ؟« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳـﻜﯩﻦ ﺧﯩﺘـﺎﺑﻰ .ﻣﯧـﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺳـﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ
ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻏﯩﻤـﯘ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺷﻼ ﻣـﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ! ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷـﯘ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻟﯘﺷﯜﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ –1920ﻳﯩﻠﻠﯩـﺮﻯ »ﺑﯩـﺰ ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧـﺮﻩﻙ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳـﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﯧﻼﻥ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻳﯜﺭﮔـﯜﺯﮔﻪﻧﯩﻜﻪﻥ .ﺷـﯘ ﻳﯩﻠـﻼﺭﺩﺍ
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ »ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ«ﻧـﻰ ﻗﻮﺯﻏـﺎﭖ ،ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋـﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘـﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟـﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯨﻴـﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺯﻩﭖ–ﻧﻪﭘـﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻛـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗـﺎﺕ
ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ،ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ،ﮬﻮﻗـﯘﻗﭙﻪﺭﻩﺱ ﻣﯘﺳـﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩـﺶ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ،ﻣﻪﮬﻜﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺗﯩﻜﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩـﻲ
ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺭ ﺋﯩﺒـﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩـﺪﭼﯩﻠﻪﺭ »ﻳﻮﻟﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻪﺳـﻜﻰ ﺩﺍﺩﺍ ﺗﻮﺷـﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘـﻰ« ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩـﺸﻘﺎﻥ .ﺷـﯘﯕﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ
ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺩﺍﺩﯨﻨﻰ ﺩﯗﻣﺒﺎﻻﺵ« ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻥ.
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﻛـﯧﻠﻪﭼﻪﻙ–ﺋﯩـﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩـﺪﻩ ﺋﻪﺳـﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧـﺪﺍ ،ﻣﻪﯞﺟـﯘﺕ
-1-



ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧـﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺪﯨـﺸﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻧـﺪﻩ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﯩـﻲ ﮬﺎﻟـﺪﺍ ﻛﺮﯨـﺰﯨﺲ ﺋﯧﯖـﻰ
ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ–ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ
ﻳﻮﻟﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜـﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯗ .ﺑﺎﻳـﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ »ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ
ﺋــﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯧــﺮﻩﻙ؟«» ،ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨــﻼﺭ ﻛﯧــﺮﻩﻙ؟« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺗــﯧﻤﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩــﺸﻼﺭﻣﯘ ﺷــﯘﻧﯩﯔ
ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ.
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰ :ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩـﻲ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ،ﺋﻪﻧـﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺧﺎﺳـﻠﯩﻘﻨﻰ
ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎﺕ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭ ﺷـﺎﺭﻯ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳـﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ
ﺳــﺎﮬﻪﻟﻪﺭ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻛﻪﺳــﻜﯩﻦ ﺭﯨﻘــﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯩــﺮﯨﺲ ﮬﻪﻣــﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺋﻮﺧــﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ،ﮬﻪﺭﺑﯩــﺮ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧـﺪﺍ ،ﮬـﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﯓ ﻣـﯘﮬﯩﻤﻰ
ﯞﻩ ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ–ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺑﯘﻧﻰ»ﺑﯩﺰ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺮﯨﺴﻼﺭ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺧﯩﺮﯨﺲ« ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ» ،ﺋﻪﺧـﻼﻕ–ﭘﻪﺯﯨـﻠﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜـﻰ
ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺗـﻮﻏﺮﺍ،
ﺋﻪﻗﻠﯩــﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩــﺪﺍﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗــﺘﻪ ﻏــﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨــﺸﯩﭗ ،ﻣــﯚﺟﯩﺰﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩــﻚ ﭘﻪﻥ–ﺗﯧﺨﻨﯩﻜــﺎ
ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩـﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟـﯘﺕ.
ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺧـﻼﻕ ﻛﺮﯨﺰﯨـﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩـﻲ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩـﻲ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐـﺎﻥ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺧـﻼﻕ–
ﭘﻪﺯﯨــﻠﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗــﺘﻪ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩــﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋــﯚﺯﮔﯩﭽﯩﺮﻩﻙ ،ﺩﻩﭖ ﻗــﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .ﺳــﻪﯞﻩﺑﻰ ﺷــﯘﻛﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ
ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﻗﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ،ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ،ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻚ ،ﺋﻮﭼﯘﻕ–ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ،ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ،ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯜﻳـﯜﻙ
ﮬﯧــﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟــﯘﻕ ﺋﻪﺧــﻼﻕ ﺋــﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻳﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻨــﺪﯗﺭ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﭼﺎﻛﯩﻨــﺎ ﺋﻪﺧــﻼﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷــﻼﺭ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻛــﺘﻪ ،ﺑﯩــﺮ ﭼﻪﺗــﻜﻪ ﭼــﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷــﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻗﺎﺭﺍﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﯖﯩﺰ ﭘــﺎﺭﯨﺨﻮﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟــﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ،
ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﭽﻰ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ،ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙـﭙﻪﺕ ﺳـﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ،ﮬـﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﻣـﺎﻕ ﮬﯘﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤـﯘ ،ﺋﻪﻳﺘـﺎﯞﯗﺭ،
ﺧــﺮﻭﺋﯧﻦ ﺳﻮﺩﯨــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺷــﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ...ﺋــﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﮬﯧــﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺗــﺎﻻﻱ ﺋﻪﺧــﻼﻕ
-2-



ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ،ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ،ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﺳـﺘﯩﻦ ﺳـﯚﺯﻟﻪﭖ
ﻳﯜﺭﯛﯞﯦﺮﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪ ﮔﯘﻧﺎﮬ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ،ﻧﻪ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳـﻰ ،ﻧﻪ ﻧﻮﻣـﯘﺱ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳـﻰ ﻳـﻮﻕ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺋـﯚﺯ
ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ–ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺴﺎ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﯚﻛﯜﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ
ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ،ﮔﻪﭖ – ﺳﯚﺯﻯ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ،ﻳﯜﺭﯛﺵ–ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﺭﻩﯓ؟ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟـﯘﻕ ﺋﻪﺧـﻼﻕ–ﭘﻪﺯﯨـﻠﻪﺕ
ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺋﻪﺧﻼﻕ–ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧـﯘﭖ
ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺗﯜﮔـﯜﻝ ،ﺋﻪﻛـﺴﯩﭽﻪ ﺋـﯘﻧﻰ
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ ،ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺑﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳـﺘﯩﻦ–ﺋﯜﺳـﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟـﯘﭖ
ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﺳـﻪﯞﻩﺏ ﻣﯧـﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳـﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩـﺰﺩﺍ .ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﮬـﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩـﺰ
ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳــﯩﺮﺩﯨﻜﻰ –70 ،–60 ،–50ﻳﯩﻠــﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺳــﯜﭖ ﻳﯧــﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺋــﯘ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ » ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ
ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘـﻰ« ﺑﻪﻛـﺮﻩﻙ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩـﭗ » ،ﮬﻪﻕ–ﻧـﺎﮬﻪﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳـﯩﻐﺎ ﺋﯩـﮕﻪ ،ﻣـﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ–
ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ،ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧـﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺪﺍﺭﻯ ﻛﯜﭼﻠـﯜﻙ ،ﮬـﺎﻻﻝ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻣﻐـﺎ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ«ﻛﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩـﻴﻪﺕ ﺑﯧـﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺑـﯘ ﺩﺍﺩﯨـﻼﺭ
ﺋﺎﺭﻗﺎ–ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻗﻮﻳـﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐـﺎ
ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧ ـﺎﺏ ﭘﻪﺯﯨــﻠﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺋــﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨــﺸﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩــﺪﻩ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟــﯘﻕ ﺋﻪﺧــﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩـﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩـﻴﻪﺕ ﺑﯧـﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ،ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﯩﺮﯨـﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗـﯘﭖ ﻳـﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨـﺸﯩﭗ
ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﮔﻪﭖ–ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﻝ–ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ،ﮬﻮﻗﯘﻕ–ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﯘﺭ ﯞﺍﺳـﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩـﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ
ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺑـﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧـﺪﻯ ،ﮬﯘﺯﯗﺭﻻﻧـﺪﻯ.
ﯞﻩﮬـــﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ،ﻗﯘﺭﺑـــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩـــﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨـــﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤـــﯘ ﺋﻪﭘـــﺴﯘﺳﻼﻧﻤﯩﺪﻯ ،ﮬﻪﺗﺘـــﺎ ﻣﻪﮬـــﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻥ
ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـﺸﻜﯩﻤﯘ ﻗـﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧـﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺗﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺑـﯘ ﺋﻪﯞﻻﺩﺗﯩـﻦ
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟـﺪﻯ)ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩـﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨـﻰ ﻗـﺎﺭﺍ–ﻗﻮﻳـﯘﻕ ﺑﯩـﺮ
-3-



ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ(.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ،ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧـﻼﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﻪ
ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﯞﻩ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟـﺴﺎ ،ﺩﺍﺩﯨـﻼﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﭽـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺩﺍﺩﺍ »ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ«ﻧـﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗـﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧـﺸﻰ ﮬﯩﻤـﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺴﺎ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﯩـﻲ ﮬﺎﻟـﺪﺍ »ﭘـﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ«
ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﻳﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ–ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻻﭖ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﺪﯗ .ﻣﺎﻧـﺎ ﺑـﯘ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ.
ﺧﻮﺵ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ »ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ«ﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻻﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧـﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳـﯩﻐﺎ
ﺋﯩﮕﯩﻤــﯘ–ﻳــﻮﻕ؟ ﻣﻪﻥ ﮬــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩــﺴﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻳــﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺗﻪﺭﺑﯩــﻴﯩﻠﻪﺵ ،ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﻣﻪﺳــﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ
ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﺧﻪﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ،ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﯞﻩ ﭼﯩﺪﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ،ﮬـﺎﻻﻝ
ﻣﯧﮭﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ،ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋـﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴـﺘﯩﺶ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﭼﺎﻏـﺪﺍ
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .ﻣﻪﺭﺩ–ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ،ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ،ﻏﯘﺭﯗﺭﻟﯘﻕ،
ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻥ ،ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ،ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋـﺎﺯﻻﭖ »ﻧﻪﺳـﻠﻰ ﻗـﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧـﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘـﻰ«ﮔﻪ ﺩﯗﭺ
ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻛـﺴﯩﭽﻪ» ،ﺋﯚﻳﯜﯕﻨﯩـﯔ ﺩﯦﺮﯨـﺰﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨـﺴﻰ ﭼﯩـﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻜﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳـﺴﺎ ،ﮬﻪﭘـﺘﯩﻠﻪﭖ
ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧـﻰ؛ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ »ﺋﺎﻳﺎﻟﯩـﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳـﺪﯨﻐﯘ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨـﺴﺎ ،ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﺎﯕـﺎ
ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩـﭗ ﻳﯜﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣـﺸﺎﻗﺒﺎﺵ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧـﻰ؛ ﻳﯧﻠﯩﻨﯩـﭗ–ﻳـﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﻳﺎﺷﺎﺷـﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛـﯜﭖ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ
ﻻﻳﻐﻪﺯﻩﻝ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﻰ؛ ﮬﯩﻤﻤﻪﺕ–ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻻﻟﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪﺯ
ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﻰ؛ ﺋﻪﻣﻪﻝ–ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﮬﺎﺭﻣﺎﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺧﭙـﺎﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧـﻰ؛ ﺋـﯚﺯﻯ
ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧـﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷـﻨﻰ ﻧﻮﻣـﯘﺱ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﻳﭙـﺎﻧﻪ ﻣﯩـﺠﻪﺯ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧـﻰ؛ ﺑﯩـﺮ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜـﺎ
ﺑﻪﺩﺑﯘﻱ ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺳﻮﺭﯗﻧﻤﯘﺳﻮﺭﯗﻥ ﺳﻮﻛﯘﻟﺪﺍﭖ ،ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺕ
ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﻰ؛ ﻟﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ،ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ،ﺳـﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ،ﺳـﯘﺧﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪﻙ ﭘﻪﺳﻜﻪﺷـﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗـﺎﻟﻤﯩﺶ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧـﻰ ﻛـﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛـﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟـﺪﺍ ،ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩـﯔ
-4-



ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻗﯩـﺴﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯧـﻴﯩﻦ ﻛـﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳـﺪﯗ،
ﺩﻩﭖ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗ؟
ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩـﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤـﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺑﯘﻟﻐـﺎﭖ ،ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ
ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ »ﺩﺍﺩﺍ«ﻟﯩﻖ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﺯﯛﻝ–ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳـﺖ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧـﻰ
ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳـﯩﺰ ﻛــﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﻛﯜﺗــﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘـﺎ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــﺪﺍ ﻣﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﯩـﺘﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳــﯘﺵ ﻛﯧــﺮﻩﻙ :ﺩﺍﺩﯨــﻼﺭ —
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ،ﻗﻮﻝ ،ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ .ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ﺑـﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ﭼﯩﯟﻩﺭﻟﯩـﻚ ﺑﯩـﻠﻪﻥ،
ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﯨﻴـﺎﻧﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﺷـﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜـﻰ ،ﺋـﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯦﻠﯩﻐﯘﻟﻠـﯘﻕ ،ﻣﯜﺟﻤﻪﻟﻠﯩـﻚ ،ﭘﻪﻣـﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﺑﯧﻠـﻰ ﺑﻮﺷـﻠﯘﻕ،
ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﮬﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺩﺍﺩﯨﻼﺭ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ،ﭼﯩﺪﺍﻡ – ﺟﺎﺳـﺎﺭﻩﺗﺘﻪ،
ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﮬﯜﻧﻪﺭﺩﻩ ،ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ،ﺋﻪﻝ–ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ...ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﻛﯧـﺮﻩﻙ؟ ﺋﻪﻟـﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯧﻨـﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺩﯨـﻼﺭ
ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.

) ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ» :ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ« ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ(
»ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ« ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ –2004ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ –4ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ

-5-
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.