Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 2030
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1138
15.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
29.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯەپ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯩﻨﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺳﻪۋﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﯧﺮﻯ ﭘﻪﺱ
ﻛﻮﻳﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﻗﻘﯩﻠﯩﻖ
ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺒﻪﺳﯘﻣﻰ ۋە ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ھﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ
ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻛﺴﯩﻨﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭ -ﺧﯘﺗﯘﻥ
- 44 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘپ
،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ھﯩﺴﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﺴﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺧﺎﺭەﻛﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ
ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﻪﻳﯩﺘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ
ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪۋﺭﯨﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ
ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﺵ -ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭ -ﺟﯘﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ -
ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ
ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ۋە ﺋﯩﭽﻜﻰ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ
ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﺪﯗﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻڭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ،
ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ
ﺑﻪﺭ .ﺯﯙﺭﯙﺭ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﯘﻥ .ھﺎﻻﻝ -ھﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﻪﺗﺴﯘﻥ ،ھﻪﻕ -
ﻧﺎھﻪﻗﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ .ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻڭ ﺋﯚﻳﯩﯖﺪە ،ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻬﺮﻯ -ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ
ۋە ﻣﻪﺭھﻪﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎ .ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻧﮕﻪﻥ
ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﻜﺎھﻼپ ﺑﻪﺭ ......

ﻧﺎﺩﺍﻥ -ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ

ﻧﻪﺳﯩﻬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ » ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ « ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﺩﯗﺭ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ .ﻳﺎﺧﺸﻰ
- 45 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮﻯ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ
ﺋﻪﻗﯩﻞ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻗﯩﻞ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﯘﻟﯩﯟەﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ﺋﺎﺯ
ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ،ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﻞ .ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﺵ ،
ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺳﯩﻞ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﭗ ﺑﯘﻟﯘپ ،
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻤﻪ
ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺖ -ﺳﺎﺋﺎﺩەﺕ -ھﻪ ! ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺯﺍﻣﺎﻧﻪﯕﺪە
ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯘﻟﯩﺴﻪﻥ .ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻧﯩﺴﯩﭗ
ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ -ﺑﯩﻠﯩﻢ ،ھﯜﻧﻪﺭ -ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ھﺎﺳﯩﻞ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻬﺎﺕ ﻗﯩﻞ .ﺋﯩﻠﻢ -ﭘﻪﻥ ،ھﯜﻧﻪﺭ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺴﺎڭ ،ھﻪﺭ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ
ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭھﻰ ۋە ﺋﯩﺶ -ھﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪە
ﺋﯩﭙﺎﺩە ﺗﺎﭘﺴﺎ ،ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻧﻪﭘﯩﺲ ،ﺋﻪڭ ﺧﺎﺭ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ
ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻝ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺋﻪﻛﯩﺲ
ﺋﻪﺗﺴﻪ ،ﺑﯘ ﺷﯘ ﻗﻪۋﻡ -ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،
ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋﻡ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﻣﻪﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﭘﺎﻻﻧﻰ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ،ﭘﯜﻛﯜﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻛﯜﺗﺴﻪ ،ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩەپ
ﺗﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﮕﻪﻥ
ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﮕﻪ
ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪەﻙ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯗ .
- 46 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻛﯜﭼﻰ
ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﻰ » ﺋﺎﻣﻪﺕ «
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎپ ،ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚۋەﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻣﻪﺕ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ
ﺋﯜﺗﯜپ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ -ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ -ﺋﯩﺪﯨﺮﺍﻛﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ .ﺋﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪە ،ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ
ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯗﺭ .ﺑﯩﺰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﺩە ۋە ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﺩە ،
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍپ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ -ﭘﻪﻥ
ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺳﻪﻙ ،ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜپ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚپ
ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻛﻪﻡ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻧﯘﺭ ۋە ﺷﻮﻻ .ﺗﺎﻏﻼﺭ
ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ .ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ
ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻚ .ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﻻﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺟﯩﻠﯟﯨﺪﺍﺭﻟﯩﻖ .ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ
ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ .ﻗﺎﺭﻏﺎﻱ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ
ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ .ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻚ .....ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻤﯘ
ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭘﻼﺭ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺴﯩﻤﯘ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯەﺕ -
ھﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﭗ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺶ
- 47 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺩەﻳﺪﯗ .ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﺩەﻳﺪﯗ .
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺩەﻳﺪﯗ .ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭ
ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜچ ﺩەﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎھﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ھﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ،
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ،ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻼ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯜچ -
ﻗﯘۋۋەﺕ ،ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺳﯩﺰ ھﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜڭ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ھﺎﻳﺎﺕ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯩﻠﯩﺴﯩﺰ .ﺳﯚﻳﯜﻟﯜﺵ -ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ
ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ
ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯەﻝ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﯜﻳﯜﻣﻠﯜﻙ .ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪە
ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ! ﺋﺎﺩەﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ
ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ،ﺩەﺭﺩ -ﺋﺎﺯﺍپ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ،ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ،ﻏﻪﻟﺒﻪ ،ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋە ﺷﯩﺮﯨﻦ
ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ،ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ
ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ،ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯەﺕ -ھﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ،ﺋﯩﺰﺍ -ﺋﺎھﺎﻧﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ
ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜۋەﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ،ﺑﺎﺭﺍۋەﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،
- 48 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ،ﺳﻪۋﺭﻯ -ﺗﺎﻗﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺳﻪۋﺭﯨﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ۋە
ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﺭﯗﺵ -ﺟﯩﺪەﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﻛﺎﺯﺯﺍﭘﻠﯩﻘﻨﻰ ،
ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ھﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ،ﺗﺎﭘﺎ -ﺗﻪﻧﻪ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﻨﻰ ،ﻣﯧﻬﺮﻯ -ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ
ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﻣﯘھﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
» ﺋﻮﻥ ﻛﯚپ ،ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺯ « ﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ھﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ
ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻮﻥ ﻛﯚپ :ﺑﻪﺩەﻧﻨﻰ ﻛﯚپ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ،
ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚپ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﻨﻮ -ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚپ ﻛﯚﺭﯛﺵ ،
ﻛﯚپ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻣﯩﯟە -ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚپ ﻳﯩﻴﯩﺶ ،ﻛﯚپ ﻛﯜﻟﯜﺵ ،
ﻣﯩﯖﯩﻨﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ،ﺳﺎپ ھﺎۋﺍﺩﯨﻦ ﻛﯚپ ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﺵ ،
ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺯ :ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﭼﯩﻜﯩﺶ ،ھﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ ،ﻣﺎﻱ ۋە ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ
ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺶ ،ﭘﺎﺭﭼﻪ -ﭘﯘﺭﺍﺕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯩﻴﯩﺶ
،ﺋﺎﺯ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﯘﻟﯘﺵ ،ﺋﻪﺭ -ﺧﯘﺗﯘﻥ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯘﻟﯘﺵ ،ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ،
ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﺍ ۋە ﺭﯨﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﺸﯩﺶ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺯ
ھﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮڭ
ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮ -ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ھﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،
- 49 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺭﻭھﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮڭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻮﻕ .ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ
ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ۋە ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ،ھﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ
ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﭘﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺭﺳﻪ .ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ
ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩەﻣﺪە ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺭﻭھﻰ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ .ھﻪﺭ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﺎﻣﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺘﯩﯖﻜﻰ ،ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ -
ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺭﻭھﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ ! ﻗﻪﺩﺩﻯ -ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ
ﺭﻭﺳﻼپ ،ﻣﻪﻳﺪﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﯛﯕﻜﻰ ،ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪڭ .
ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﯕﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯘھﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﻪﻝ ﻗﻮﻳﯩﯟەﺗﻤﻪڭ .ﻣﯘھﯩﺘﻨﯩﯔ
ﺧﯘﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻜﻰ ،ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ !
ﺗﻮﻗﺴﯩﻨﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ
،ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺗﯩﻠﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ .
ﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻗﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺑﯘﻳﻰ ﭘﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،
ﻛﯚﯕﻠﻰ ﭘﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺗﯧﺮە
ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،
ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﻳﺎۋﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .
ﻗﻪﺗﺌﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺟﺎھﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ
،ﺗﻪﻛﻜﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ
ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺷﺎﻟﻼﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﻳﯩﺐ .ﺳﯚﺯﻣﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﯩﺐ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﯘﻏﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ
ﺋﻪﻳﯩﺐ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
- 50 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ » ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﺵ «
ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯەڭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍﻳﯩﻐﺎ
ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﺩﯨﻤﻪﻛﺘﯘﺭ .ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ،ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﺩەۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ
ﻛﯚپ ﺑﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪەﻙ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﺳﻪﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ
ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺸﯩﯔ
ﺷﻪﺭﺕ .ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ،ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺸﯩﯔ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺋﯘ
ھﺎﻟﺪﺍ ،ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺸﯩﯔ ﺷﻪﺭﺕ .ﺋﯚﺯەﯕﻨﯩﯔ
ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﯖﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻤﯩﺴﻪڭ ،ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﯔ
ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻧﻜﺎﺭ ،ﺋﯚﺯﯛڭ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﻪﭘﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ،ﺋﯚﺯ
ﺳﺎھﻪﯕﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺶ ﺯﻭﺭﻣﯘ ﺯﻭﺭ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ
ﺭەﯕﺪﺍﺭ ۋە ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﺩﻯ ھﻪﻡ
ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻏﻪﺭەﺯﺳﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ
ﻏﻪﺭەﺯﻟﻪﺭ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ
ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ،ﺳﯧﺨﻰ ﻳﯜﺭەﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ،ھﻪﺭ ۋﺍﻗﯩﺖ ھﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺯﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗپ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩەﺳﺴﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﺎﻗﻘﺎ ﺩەﺳﺴﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ .
ﺋﯩﺴﯩﯖﯩﺰﺩە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﺪﯗﺭ .ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
- 51 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﯘﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ

ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ

ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﺪﯗﺭ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﯔ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﺩﯨﺮﯨﺘﯩﯖﻨﻰ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﺭپ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﮔﯜﺗﯩﯟﯨﺘﯩﺸﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯ ،ﺳﺎﯕﺎ

ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪﯕﻤﯘ
ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ۋﺍﺧﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺕ
ﺩەﺭﯨﺨﯩﯖﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍۋەﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯜﻣﯜﺭ
ﺩەﺭﯨﺨﯩﯖﺪە ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜپ
ﺳﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ
ﻣﻪﯕﺴﯩﺘﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ
ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻱ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ
ﺋﯘﭼﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯧﯖﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ
ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ،ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﻮﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺴﯩﺰ .ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﺎﺩ -
ﺧﻮﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻕ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ،
- 52 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﺋﺎﺯﺍپ -ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻤﯩﺰ ھﯧﭻ
ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺧﯘﺳﻮﺳﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ -ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ
ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯩﺰ ﺷﺎﻥ -ﺷﻪﺭەﭘﻜﻪ ،ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ
ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﻘﯘچ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻤﯩﺰ .ﺋﯘ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ،ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ھﯚﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭەﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .....ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ
ﻳﯩﺘﯜﻟﺪﯛﺭەﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﯜﺭﯨﻨﻰ -ﻣﯜﺭﯨﮕﻪ ﺗﯧﺮەپ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ
ﻛﯧﺮەﻙ .ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﯜﺯەﻝ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩە ،
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺷﺎﺩﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ،ﺷﯘ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪە

،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺭەﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗپ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻪﻥ -
ﺑﯘﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﯩﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﯘﻟﯘﺵ ۋە ﺋﯘﺯﯗﻥ
ﺋﯜﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺮﻯ (1 :ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪە ﺋﯘﭼﯘﻕ -ﻳﯘﺭﯗﻕ ﺑﯘﻟﯘﺵ ،
ﺋﯜﻣﯜﺗﯟﺍﺭ -ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﯘﻟﯘﺵ ،ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻗﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘﺵ (2 .ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ
ﺑﯘﻟﯘﺵ (3 .ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ۋە ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ (4 .ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ
ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ (5 .ﻳﯩﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،
ﺯﯨﻴﺎﺩە ﺋﯩﭽﯩﭗ ،ﺯﯨﻴﺎﺩە ﻳﻪپ ﻛﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ (6 .ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ -
ﭼﯩﻜﯩﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ (7 .ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﺵ (8 .ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ
- 53 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﻛﯩﺴﻪﻟﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ (9 .ﻣﯘھﯩﺖ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ (10 .ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ
ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺗﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ،
ھﻪﻣﻤﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩۋﺍﺭ
،ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻥ ،ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ،ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ،ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ،ھﯧﭽﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ -ﺩە ،ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺪە ﻛﯩﺸﯩﺪە ھﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺭﻭھﻰ ھﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻣﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻏﻪﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ
،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪپ -ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯜﺭﻣﻪڭ .ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ ،
ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪڭ ،ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻳﺪﺍ -ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﯨﻼ
ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ
ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ،ھﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ
ھﻪﻡ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯗﺭﯗﺱ
ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪﻥ ھﻪﻡ ﺋﯚﺯەﯕﮕﻪ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪ .
ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ھﯚﺭﻣﻪﺕ
ﻗﯩﻞ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺖ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ
ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ .ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ،ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺴﺎﻕ ،
- 54 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﭘﻪﺭﺯەﻧﺖ ﺷﯘ ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﻣﯩﯟﯨﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺩەﺭەﺧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚپ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯩﯟە ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺭﺍﺯﻯ
ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﮕﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﻪﻥ .ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺎڭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻤﯘ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ
ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .
ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎ -
ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﻤﻪ .ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺎڭ ﺋﯚﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﺰﯨﻖ
ھﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ .ﺭﯨﺰﯨﻖ ) ﻣﯩﺮﺍﺱ ( ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯەﯕﮕﻪ ﻻﺯﯨﻢ
ﺗﯘﺗﻤﺎ .ﻧﺎۋﺍﺩﺍ ﺷﯘ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮ -ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ
ﻛﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﻛﮕﯜﺳﯩﺪﯗﺭ .ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ :ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ
ۋە ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﯩﻐﺎ
ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩە ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ،ﺳﻪھﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺯەﯕﺪﯨﻦ ﺗﯜۋەﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟە ،ﺗﯜۋەﻥ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﯩﻐﺎ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ .
ﻳﯜﺯﯨﻨﭽﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺋﻪﻱ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ) ﭘﯘﻝ -ﻣﺎﻝ (
ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ،ﺋﻪﻗﯩﻞ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ .ﭼﯘﻧﻜﻰ
ﺋﻪﻗﯩﻞ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ،ﺑﯩﻠﯩﻢ --ﻣﺎﻝ -ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯚپ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻪﻗﯩﻞ -
ﭘﺎﺭﺍﺳﺘﻨﻰ ﭘﯘﻝ -ﻣﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﺎﻟﺪﺍﺭ ) ﭘﯘﻝ -ﻣﺎﻝ
ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ( ﻧﺎﺩﺍﻥ ،ﺋﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﭘﺎﺕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘھﺘﺎﺝ ۋە ﮔﺎﺩﺍﻱ ھﺎﻟﻐﺎ
- 55 -



ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ

ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻗﯩﻞ ) ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪھﻠﻰ ( ﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺱ ،ﺋﻮﺗﺘﺎ
ﻛﯚﻳﻤﻪﺱ ،ﺷﯘ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺱ ! ﭘﻪﻡ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ۋە ﺳﺎھﯩﺒﻰ ﺋﺎﻗﯩﻞ
ﺑﻮﻟﺴﺎڭ ،ھﯚﻧﻪﺭ ) ﺋﯩﻠﯩﻢ ( ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻦ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ھﯚﻧﻪﺭﺳﯩﺰ ) ﺋﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ( » ﺩﺍﻧﺎ «
ﮔﻮﻳﺎ ﻛﯩﻴﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻪﻥ ۋە ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺳﯚﺭەﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﻰ » ﺋﻪﺩەپ -ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ
ﺳﯚﺭﯨﺘﻰ « ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻥ .

ﻣﻪﻧﺒﻪ :ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ 100ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ
ﺗﻮﺭﻏﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ )ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ( ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﻳﺎﺵ
ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰ

- 56 -


Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
  • Büleklär
  • Uy - 53 - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 3460
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1736
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 53 - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 3478
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    10.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 53 - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 2030
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1138
    15.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.