Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3204
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1651
12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
22.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
28.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﯞەﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺒﺎﻱ ،ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﻫﺎﺟﻰ ،ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺸﺎﻫ ،
ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﯞە ﺳﻪﻣﻪﺗﺌﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞەﻛﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ
ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯗ .ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺑﺎﻱ )ﻗﺎﺯﺍﻕ( ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺗﻪﻥ ﺷﯩﯖﻠﻰ
)ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ( ،ﺷﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺩﯨﻠﻨﯘﺱ ،ﺑﻪﺩﻯ ﻏﻮﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﯞەﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ )ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 120ﺩﺍﻧﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 70ﺩﺍﻧﻪ ﺩەﻳﺪﯗ( 20
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﻮﻕ ­ ﺩﻭﺭﺍ 500 ،ﻗﯘﺭ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻢ 600 ،ﺟﯜﭖ ﭼﯩﮕﺮﯨﻦ
ﺋﯚﺗﯜﻙ 100 ،ﺩﺍﻧﻪ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯘﻕ ﭼﺎﭘﺎﻥ 500 ،ﺟﯘﯞﺍ ....ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ،
ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﻮﭘﯘﺭﻟﯘﻕ ،ﻗﻮﺭﺍﻝ – ﻳﺎﺭﺍﻍ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ،ﺳﺎﻗﭽﻰ ﯞە
ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﺯﯞﯦﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯗ .
] ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺳﯚﺯ – 1928 :ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ،ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ
ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
180ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﻮﻗﯘﺵ ،ﻫﯜﻧﻪﺭ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ )ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ( ،ﺋﺎﺑﻼ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ
)ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ( ،ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﻪﯞەﻳﺪﯗﻝ ،ﺧﺎﻣﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ،ﺋﺎﺳﺖ ﺋﺎﺧﯘﻥ ،ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﻯ ،
ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ،ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ،ﻫﺎﯞﺩﯨﻦ ﺳﺎﯞﯗﺕ ...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ،
ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ­3ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﺎﺗﺴﯩﺌﻮﻧﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ
ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﻫﺎﺟﻰ ،ﺳﻪﻣﻪﺗﺌﺎﺧﯘﻥ ﯞە ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻴﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺷﻮﭘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ؛ ﺧﯧﯟﯨﺮ ﺋﺎﺧﯘﻥ ،ﻫﯘﺷﯘﺭ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 19ﺑﻪﺕ



ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ[
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯩﺮ
ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺮﯨﭙﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭە ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ
ﻣﯘﻫﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
– 1932ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ
ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﯘﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﺍﻕ
ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ ؟
ﺋﺎﻟﺘﻪﺋﺎﻱ ﻳﺎﺗﺘﯘﻕ ﻣﯩﻨﮕﺎﯕﺪﺍ ،
ﺳﻮﻛﺴﻮﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﻗﺎﻻﭖ .
ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﮔﯚﻫﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﺘﻰ ،
ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ .
ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻛﻤﯘ ،
ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ .
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﻧﻼﺭ ،
ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪەﻙ ﭼﯧﮕﺮﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻗﯘﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ­ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎ
ﻛﯧﺮەﻙ.
ﺧﻮﺟﯩﻨﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،
ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩەﻡ ﺋﺎﺩﯗﺭﯗﭖ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ،
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺸﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺪﺩﯨﻲ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ،ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ
ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ
ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﺑﻮﺷﺎﭖ ،ﮔﻮﻳﺎ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﻗﯘﻣﯘﺭﻟﯘﭖ
ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

*

- 20ﺑﻪﺕ

*



*

*

­1932ﻳﯩﻠﻰ ­6ﺋﺎﻳﺪﺍ ،ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﺎﺭﺍﺗﯘﺩﺍ ﻳﯩﻐﯩﻦ
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺳﺎﻟﻰ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺳﺎﻟﻰ ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﯩﻴﺎﺯ
ﻣﯩﺮﺍﺏ ،ﺑﺎﻗﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻣﯘﺳﯩﺘﯩﭗ ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺋﯚﻟﻪﻥ ﻗﻮﺭﻣﺎﻝ ،
ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﻮﺧﺴﯘﻥ ﻣﯩﺮﺍﺏ ،ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻗﻮﺭﻣﺎﻥ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﺑﺎﻱ ،ﺧﻮﺟﺎ ﺋﺎﺧﯘﻥ ،
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ .
ﻳﯩﻐﯩﻦ :ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ
ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ،ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﺗﺎﺷﻘﻰ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ) ﺳﺎﻟﻰ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺑﺎﻗﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ
ﺩﻭﺭﻏﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ( ﻗﯘﺭﺍﻝ –ﻳﺎﺭﺍﻍ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺳﻮﺭﺍﺵ ،
ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ،ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﻰ
ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯦﻦ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ
ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﺗﺎﺭﺍﺗﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ .
ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞە ﺋﻪﻧﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﯞەﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻴﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﺴﯩﻦ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﺋﺎﺑﺎﯞ ،ﻧﯩﻴﺎﺯ ،ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،
ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ،ﺯەﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪە 500
70ﺗﺎﻝ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ 40 ،ﻣﯩﯔ ﺳﻪﺭ ﭘﯘﻝ
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ ،
ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
­1932ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯩﭽﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ­1933 .ﻳﯩﻠﻰ
ﺗﻮﺧﺴﯘﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ ­1933 .ﻳﯩﻠﻰ – 2ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺋﺎﻕ
ﺋﯘﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻟﯜﻛﭽﯜﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 21ﺑﻪﺕ



ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ،ﻛﯚﻛﻴﺎﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﺭﻯ ،ﮔﯘﭼﯘﯓ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ
ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺩەﻝ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﮔﯘﭼﯘﯕﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺗﺎﻝ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ
ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺟﯩﻤﺴﺎﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﺗﯩﻦ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﺎﻏﻼﭖ ،ﻗﻮﺭﺍﻝ – ﻳﺎﺭﺍﻏﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ
ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ
ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻐﺎ
ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﭗ
ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﯞە ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﯞﯞەﺗﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە
ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭەﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ .ﺑﯘ – 1933ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ – 6ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺷﯩﯔ
ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ›› ­12ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ‹‹ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ
ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ
ﺋﯩﺪﻯ .
ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
ﺋﯘ ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﺘﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ .ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻤﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻏﻪﻟﺒﻪ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯘﭼﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ .ﻣﺎﺷﯩﻤﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻓﯘﻳﯜەﻧﮕﻪ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺵ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩە ﻗﺎﻣﯩﻠﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ 3000ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﻣﺎﻓﯘﻳﯜەﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .
ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ،ﻣﺎﻓﯘﻳﯜەﻥ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞەﺯﯨﻴﻪﺕ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 22ﺑﻪﺕ



ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ
ﻗﻮﺭﺍﻝ – ﻳﺎﺭﺍﻍ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ
ﺳﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻢ ،ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺳﯩﺠﺎﯓ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯖﻐﺎ
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﺧﻪﻟﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﭘﻪﻥ
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ .
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ،ﺷﻪﻫﻪﺭ ،ﻳﯧﺰﺍ
– ﻗﯩﺸﻼﻕ ،ﻛﻪﻧﯩﺘﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ­1934ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ – 1944ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯩﺪﯗ ﯞە ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ
ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﻓﯘﻳﯜەﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﺎﻏﯘ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ
ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﺑﻪﮔﻨﻰ ) ﺋﯩﻬﺴﺎﻕ ﺑﻪﮒ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻡ ﭼﯧﮕﺮﺍ
ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺠﺎﯓ ﺋﯩﺪﻯ ( ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞەﻛﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ ) .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ ( .
ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﻪﺧﺮﻯ ›› ﺭەﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ‹‹
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ
ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞە ›› ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ‹‹ ﻧﻰ
ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺳﺎﯞﯗﺕ
ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗﯘﭖ ،ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ
ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ
ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ›› ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ‹‹ ﮔﻪ
ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

- 23ﺑﻪﺕ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ



ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ
ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺗﺮﺍﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ
ﯞە ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯕﻼﺭ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ›› ﺑﺎﯞﺋﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﯔ ‹‹ ) ﮔﺎﺭﻧﯩﺰﻭﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ (
ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ،ﺷﯘ
ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﻪﻓﺮﯨﺴﻮﻑ
ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻒ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ،ﺭﯗﺳﭽﻪ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 3ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ – 1934ﻳﯩﻠﻰ ­8
ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ – 2ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ
ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻫﺎﻣﺘﯩﺨﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎﯓ 200ﺩەﻙ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ
ﺑﺎﺷﻼﭖ – 9ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .
*

*

*

*

ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ
ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺩەﺭﺱ ﺋﯚﺗﺘﻰ ،ﺑﯘ ﺩەﺭﺱ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ
ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺳﯩﻴﯩﺖ ﻫﺎﺟﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﻮﯞﯦﺖ
ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﻼﺭ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ›› ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺳﯩﺰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ،ﻫﻮﻗﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ‹‹ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﺟﺎﺯﯨﻐﺎ
ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩەﺳﺴﻪﭖ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ – ﺩە ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 24ﺑﻪﺕ



ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ،ﺷﺎﻫﻤﺎﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﺷﺎﻫﻨﻰ ﻣﯘﻫﺎﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ
ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻻﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ:
›› ﺭەﻗﯩﺐ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺗﻮﺳﺘﻰ ،
ﯞﺍﭘﺎ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﺎﺗﺘﻰ‹‹ ،
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ›› 36ﻫﯩﻴﻠﻪ ‹‹ ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ
ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﻫﯩﻴﻠﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ››
ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ‹‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ – 1937ﻳﯩﻠﻰ – 10
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ – 12ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ.
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﯜﻛﻰ
ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ›› ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ‹‹
ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﺪﺍ ›› ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ
ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﯘ ﺧﺎﺋﯩﻦ ،ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ‹‹...ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﯔ
ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻥ
ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ،ﺧﺎﺋﯩﻦ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﺷﯘ ﺑﻮﻫﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﭘﻜﺎﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ
ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﯔ
ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﯞە ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺷﻰ
ﻳﯜەﻧﭙﯘ ) ﺷﯩﺒﻪ( ﻧﯩﯔ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺳﻮﺭﺍﻕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﯞە
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

- 25ﺑﻪﺕ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ



ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺳﻮﺗﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞە
ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺳﻮﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ② :ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
108ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﻫﺎﺷﯩﻢ ﻫﺎﺟﻰ ③
ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺯﺍ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﺘﻤﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻏﯘﭖ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
②ﺷﻰ ﻳﯜەﻧﭙﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ›› ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ‹‹ – 1ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ – 11ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
③ﻫﺎﺷﯩﻢ ﻫﺎﺟﻰ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ،ﺋﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺝ ﺥ

ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ.

*

*

*

*

– 1937ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ›› :ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ
ﺳﯘﻳﻴﯘەﻧﮕﻪ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳﻼﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ
ﺷﯘﭘﺘﻴﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ
ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ ‹‹....ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﺋﻪﻧﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ – 10ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ
­12ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩەﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﯩﻦ –
ﻗﯩﺴﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﻗﻼﺭ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﻤﻴﻮﻧﻮﯞ ،ﻳﺎﻗﯘﭖ ﯞە
ﻫﺎﺷﯩﻢ ﻫﺎﺟﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .
*

*

*

*

ﺋﯩﺲ ﺗﯜﺗﻪﻙ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﮔﻮﻳﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻤﺎﺱ ﻛﯧﭽﯩﺪەﻙ
ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ – 2ﺗﯜﺭﻣﻪ ④ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻫﯘ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ،ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ،
ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﯞە ﺳﯩﻢ ﺋﺎﺭﻗﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﭗ
ﺗﯘﺭﯗﺷﺎﺗﺘﻰ ......
ﻧﻮﻣﯘﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪە 9ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺋﻪﺑﻠﻪﺥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻗﺎﺵ .ﻛﻪﻛﻪ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﺩﻯ – ﺩە
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

- 26ﺑﻪﺕ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ



،ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،
ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ :
­ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ؟ ­ ﺩەﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .
­ ﻫﻪﻱ ،ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﯖﻐﯘ ؟ ­ ﺩﯦﺪﻯ ›› ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ‹‹
­ ﺑﯩﻠﺴﻪﻣﻤﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .
­ ﻫﻪ ! ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ­ ،ﺩەﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ ›› ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ‹‹
ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ،
ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ›› :ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻱ ! ﺷﯩﯔ ﺩﻭﺑﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻣﭙﻪﺭ ﻟﻮﻣﻮﺩﯨﻐﺎ ! ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ
ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ! ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯗ ! ‹‹....ﺑﯘ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ .
– 1937ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩە ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻥ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯘﻣﯘﻝ
ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻟﯩﺦ ﺩﻭﺭﻏﺎ ،ﮔﻮﺳﯘﻝ ،ﺑﺎﻗﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﻰ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺷﯧﺮﯨﭙﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭە ،ﻳﯘﻧﯘﺳﺒﻪﮒ ،ﻣﺎﯞﯗﻧﻠﯘ ،ﻣﺎﺷﺎﯞﯞﯗ ،ﺧﯘﺍﯓ ﺯﯗﯕﺸﯩﻦ ،
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﭘﯘﺯﯨﯟﺍﯓ ،ﺑﻮﻏﺪﺍ ﺑﺎﻱ ،ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﺎﺑﺎ ،ﻫﻪﺳﻪﻧﭙﺎﯕﮕﺎﯓ ،ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒﺎﻱ ،
ﺳﻮﭘﻰ ﺷﻪﻧﺠﺎﯓ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺩﺍﺧﻪﻥ ،ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺩﺍﺗﯘ ،ﻫﻪﻳﺪەﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻏﺎﻟﻰ ،
ﺳﻮﭘﺰﺍﺩە ،ﺯەﻳﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺑﻮﻗﺎﻥ ﺟﯧﻠﯩﻞ ،ﺭەﻗﯩﺖ
ﺟﺎﯓ ﺷﯧﻦ ،ﭼﯩﯔ ﺩەﻧﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 108ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺑﻮﻏﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺟﺎﯓ ﮔﯘﯞﺍﯕﭽﻪﻥ
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﺎﻳﻮﭘﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻛﯚﻣﯩﺪﯗ .
④ – 2ﺗﯜﺭﻣﻪ :ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻮﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ .

*

*

*

*

– 1947ﻳﯩﻠﻰ ­4ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ
ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻳﯩﺴﭙﯩﺘﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﻰ – ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ،ﻫﯜﻧﻪﺭﯞەﻥ
ﻛﺎﺳﯩﭙﻼﺭ ،ﺋﺎﻕ ﻟﯧﭽﻪﻙ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻼﺭ ،ﺭەﺕ – ﺭەﺕ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﭘﻼﻛﺎﺕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻛﻮﭼﺎ –
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 27ﺑﻪﺕ



ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﭘﻰ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﭘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﺎ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
ﺭەﺋﯩﺲ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻼﻛﺎﺗﻘﺎ ›› :ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ
ﯞە ﺷﯧﺮﯨﭙﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ‹‹ ﺩەﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺭەﺋﯩﺲ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪە ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ
ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ،ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﻫﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ،
ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
ﺑﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺭەﻫﺒﯩﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ
ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،
ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﯞە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯚﻟﻜﯩﻤﯩﺰﺩە
ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺠﺮﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ،ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻻﻳﻰ – ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ،ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ
ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 10ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺏ –
ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ :ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ
ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ،ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺩەﯞﺭ
ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﺘﯘﺭ .ﺋﯘ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ
ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ،ﺧﻪﻟﻘﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ
ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯗ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﻪﯕﮕﯜ
ﻫﺎﻳﺎﺕ ! ﺩەﭖ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

- 28ﺑﻪﺕ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ



ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯞە ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻮﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻚ ﺷﻮﺋﺎﺭﻻﺭ
ﯞە ›› ﺋﺎﻣﯩﻦ ‹‹ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺮﯨﭙﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺒﺎﻍ ) ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻰ ﻳﯧﻨﻰ ( ﺩﯨﻜﻰ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﻠﺪﻯ 40 ،
ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﻜﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻧﺎﻡ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﯞە ﺩﯗﺋﺎ – ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،
ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﯨﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ .ﻫﺎﺯﯨﺮ
ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﻫ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺩ
ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﯞە ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺭەﺩﺩﯗﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯘ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺭە –
ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ .
*

*

*

*

– 1953ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺧﯘﺍﯕﭽﯩﯔ ) ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻳﻮﻟﻰ – 19 ،
ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞە – 14 ، ­ 6ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ( ﺩﯨﻜﻰ ﺯﺍﺭﺍﺗﮕﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ
ﻣﯘﻳﯩﺴﭙﯩﺘﻠﻪﺭ ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞە ﺋﺎﻕ ﻟﯧﭽﻪﻙ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ⑤ .ﺋﺎﻕ
⑤ – 1953ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺮەﻡ ﺷﻪﻳﺦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ – ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ –
ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ ...
ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺗﺎ ﯞە ﺧﻪﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻐﺎ
ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻣﺎﻟﺒﺎﻍ ) ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﻰ (
ﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﻫﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻣﯧﯖﯩﻼﺗﺘﻰ ...
ﻗﺎﻳﻐﯘ ﯞە ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﻕ
ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 29ﺑﻪﺕ



ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ .ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ
ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭەﺗﺘﻰ ...ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﺷﯧﻬﯩﺘﮕﺎﻫﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﺎﻡ ﮔﯚﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ
ﺋﯩﺪﻯ ،ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﻪﻫﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ
ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ .ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ – ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﻪﻫﻪﺗﻜﻪ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﻠﺪﻯ ،ﺗﻮﭘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺕ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺳﻪﻟﻪﻱ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻢ
) ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺳﻪﻧﺸﯩﺨﺎﯕﺰﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩەﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺕ ( ›› :ﻛﯧﺮەﻡ ﺷﻪﻳﺦ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ‹‹....ﺩﯦﺪﻯ .ﻛﯧﺮەﻡ ﺷﻪﻳﺦ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ›› :ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯩﻨﺨﻪﻱ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻗﺎﺭﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ) ﭼﯩﯔ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ( ﯞە ﺷﺎﻫ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﯞﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ
ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻻﺭ – 1913ﻳﯩﻠﻰ – 3ﺋﺎﻳﺪﺍ
ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﯜﻟﻬﻰ ﻫﯩﻴﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺗﺎﻟﯩﻴﻮﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ ) ﻳﯩﯖﺠﺎﯓ ( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ – 9
ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ – 6ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﻣﻮﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﯞەﻗﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩەﻡ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺯﺍﺭﺍﺗﮕﺎﻫﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ
) ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ 8ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﯨﻢ ( ⑥ .ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ
ﺷﻪﻳﺦ ﯞە ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺷﺎﺟﯩﻤﻪﻥ ﺷﻪﻳﺨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﯓ
ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻐﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ .ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﺟﺎﺯﺍ
ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ ،ﭘﻪﻳﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ ،ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﺶ ،ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺳﯚﺭﯨﺘﯩﭗ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ،ﺋﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ) ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺟﺎﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﻣﺎﻓﯘﺷﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﺘﻪﻱ
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﻛﯚﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ
ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﻰ ﯞە ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺯﺍﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 30ﺑﻪﺕ



ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ،ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،
ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺷﺸﯜﺗﯜﭖ ﺋﯜﺯﯛﯞەﺗﻜﻪﻥ ،
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﯩﻤﯘ ﻫﺎﻳﺎﺕ .ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻨﻰ
ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺯﺍﺕ ﯞە ﺗﺎﻍ ﺟﻪﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﺩە
ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﯞە
ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ 40ﻳﯩﻞ ) ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻦ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ­1913ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ – 1953ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ( ﺋﺎﺳﺮﯨﺪﯨﻢ .ﻣﺎﯞﯗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﺎﻡ ﮔﯚﺭﻧﻰ
ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻮﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ .ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ
ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺯﺍﺭﺍﺗﮕﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﻡ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺩەﭖ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﺪﯨﻦ
ﻛﯧﭽﯩﭗ ،ﺑﯘ ﻟﻪﻫﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺯﺍﻫﯩﺘﻘﺎ ﻫﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ‹‹ ﺩەﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﻳﺨﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭەﻫﻤﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﻳﺦ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺷﯘ
ﺯﺍﺭﺍﺗﮕﺎﻫﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﯞەﺩە
ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﻫﻘﺎ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﻣﯜﺭﯨﻨﻰ
ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .
– 80ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻧﺎﯞﺍﻱ ،ﺋﺎﺑﯩﺨﺎﻥ ﻗﺎﺭﻯ ،ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﻳﺨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ
ﻫﻪﻣﺮﺍﺧﺎﻥ ﯞە ﻗﯩﺰﻯ ﺋﺎﻳﺘﯩﻠﻼ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﻳﺦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﺭﻻ
ﺟﺎﻳﺪﺍ ›› ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‹‹ ...ﺩەﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﻪ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ .
⑥ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﻳﺦ – 1905ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ – 1967 ،ﻳﯩﻠﻰ ­2ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ – 18ﻛﯜﻧﻰ 62ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

*

- 31ﺑﻪﺕ

*



*

*

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ،
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ – 30 .
ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺩەﯞﺭ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ .
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻗﺎﺭﺍ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻏﯘﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ›› – 12ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ
ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ‹‹ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﮕﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ .
ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ .ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺋﻮﺗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ،
ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ
ﯞﻭﻟﻘﺎﻧﺪەﻙ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺠﺎﭖ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﺪﻯ .ﺑﯘ
ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﯞە ﺩەﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ
ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ .
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭەﻫﺒﯩﺮﻯ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞە ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ›› .ﺗﯚﺕ
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮔﯘﺭﯗﻫ ‹‹ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ .
ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ – 11ﻧﯚﯞەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ – 3ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺪﯨﻢ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ،ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﯞەﺗﻪﻥ
ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ .ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ
ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺯﻯ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ›› ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 32ﺑﻪﺕ



ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭەﺋﯩﺴﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ
‹‹ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﯞە ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭەﺋﯩﺴﻠﯩﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ،
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ
ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ) ﭼﯧﻦ ﻟﯧﻔﯘ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ( ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ
ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞە ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ›› :
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ‹‹ .....ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﺴﻠﯩﻖ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﻟﻠﯩﺪە ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯘ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ 1931
– ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ – 1937ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻴﯩﺪﯨﻦ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ – 1941ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﺑﯧﻚ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ – 1943 ،ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﯩﯔ
ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪە ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻟﯩﺦ ﺩﻭﺭﻏﺎ
،ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺩﺍﺗﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﻣﻪﺕ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ،ﻗﯘﻣﯘﻟﻠﯘﻕ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻮﯞ ﯞە ﺳﻮﭘﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﯨﻢ .ﺑﯘﻻﺭ ،ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻻ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ .
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻣﻮﻫﺘﺎﺟﻤﻪﻥ .

ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﻯ

- 33ﺑﻪﺕ



›› ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮫﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ‹‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯔ.

ﺋﯩﻠﻜﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ :ﻛﯜﻟﻜﻪ0997

ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ!
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
  • Büleklär
  • Uy - 134 - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 3522
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1626
    13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 134 - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 3204
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1651
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.