Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3516
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1627
12.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
20.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
25.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﺩەﻝ ﻟﻴﺎﯞﺷﯜﻳﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻰ ﺳﺎﻧﻐﯘﻧﻰ ﮔﯧﯔ ﻛﯜﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ
ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ].[51
ﺗﯩﻨﭻ ،ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞەﺯﯨﻴﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﻮﺭﯗﻟﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ
ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ» .ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ .ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩﯨﻜﻰ
»ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻫﯘﻥ ﺳﻮﻓﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺩەﻝ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﺴﯩﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺗﯜﺗﯜﻥ«
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺗﯜﻧﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﺟﺎﻥ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ،
ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﯘﺳﻰ 30­20ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞە ﻫﻪﺭ
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺗﻪﺑﺌﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ
40ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﯞە ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪە
ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﺪە ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ
ﺋﯩﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە »ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺗﺎﺭﺗﻘﯩﺪەﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﯗﺗﻠﯘﻕ ﭼﻪﯞەﻧﺪﺍﺯ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻨﯩﭻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺟﻪﯕﮕﻪ
ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ،ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﻡ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﻮﺭﯗﻟﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­90ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ­ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە »ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﻚ« ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ­ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﻪ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﯞﻣﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ،ﻧﯘﭘﯘﺳﻰ 34ﻣﯩﯔ
ﺗﯜﺗﯜﻥ 237300 ،ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ،ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ 50170ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ« ﻟﻪﺭ ﺩەﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﯩﻼ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ
­ ­ 183ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 200ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ50 ،ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﻫﯧﺴﺎﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞە ﺋﺎﺟﯩﺰ­ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﻼﺭ ﻫﻪﻡ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ،ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﻗﻮﻝ ﻫﯘﻧﻪﺭﯞەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ .ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪە ﺋﯜﭺ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞەﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﯩﺠﯩﺘﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻗﻘﻰ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞەﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼ
ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﺸﯩﻨﭽﺎ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺋﺎﺩەﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮەﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ،
ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ
ﻛﯜﭼﻰ ﯞە ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﯞە ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺕ
ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ )ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ( ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﺭﻗﻘﻰ
ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞە ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ،ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ .ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ
ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﻫﻪﻡ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺟﻪﻧﯩﺒﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ
ﺭﺍﯞﺍﭼﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ.
ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ
ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ ﺋﻮﻣﯘﻡ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﻰ
ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺝ­ﺳﯧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ،ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ »ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ« ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ
ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻯ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﻮﺭﯗﻟﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ
­ ­ 184ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻫﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻪﻟﻦ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﺎﻳﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﻰ
»ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﻚ« ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ
ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭ )ﺑﯘ
ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ( ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﭗ
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ .ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ،ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﭘﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﻰ ،ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ
ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ ﻫﺎﻻﻛﻪﺕ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
»ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­76ﻳﯩﻠﻰ )ﺟﻴﻪﻧﭽﯘ 1ﻳﯩﻠﻰ(
ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﭼﯧﻜﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﺗﯜﺯ ﺑﯧﺮﻯ ﭘﺨﻪﻟﻖ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺟﺎﯕﺪﻯ 30ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ
ﻛﯚﭖ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ 30ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻨﯩﯔ
ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﻴﺪﻯ ،ﺳﯘﻓﺎﯓ،
ﯞﯗﻳﯜەﻥ ،ﺗﯜﻧﺠﯘﯓ ،ﺩﯨﯖﺮﺍﯓ ،ﻳﻪﻧﻤﯧﻦ ،ﺩەﻳﺠﯘﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﺎﯕﮕﯘﻻﺭﻏﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ
ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ،
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­96ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯧﯖﺨﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ 4000ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﯞە ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ
ﺋﺎﺟﯩﺰ­ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ­ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﭼﯧﮕﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻧﺌﻮﺕ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻛﯘﻳﻜﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﺭﯗﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ
ﯞە 20ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﯔ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺟﯧﻨﻴﯜەﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ( ﯞە
ﺑﯧﻴﺪﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­140ﻳﯩﻠﻰ )ﻳﯘﯕﺨﯥ ­5ﻳﯩﻠﻰ( ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ
ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﻟﯘﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﯜﺱ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺷﯩﺨﯥ
­ ­ 185ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻴﺠﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ،ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﭼﻴﺎﯕﻼﺭ ،ﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ
ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺑﯩﯖﺠﯘ ،ﻟﻴﺎﯕﺠﯘ ،ﻳﯘﺟﯘ ﯞە ﻳﯩﺠﯘ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﯨﺪﯨﻦ
ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﻟﯩﺸﯩﻐﺎ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ( ،ﺷﺎﯕﺠﯜﻥ
ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﻴﺎﻳﺎﯕﻐﺎ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﭽﯧﯔ ﻧﺎﻫﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ( ،ﺳﯘﻓﺎﯓ
ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﯞﯗﻳﯜەﻧﮕﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﯞﺗﯘ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪە( ﻛﯚﭼﯜﺭﺩﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺷﯩﺨﯥ ،ﺷﺎﯕﺠﯜﻥ ،ﺳﯘﻓﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ،ﻛﯚﭖ
ﻗﯩﺴﻢ ﺑﯧﯖﺠﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﻨﺸﯜﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ] .[52ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ­187ﻳﯩﻠﻰ )ﺟﯘﯕﭙﯩﯔ ­4ﻳﯩﻠﻰ( ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ
ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺟﺎﯓ ﭼﯜﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﺴﯩﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﯩﺪﻯ .ﻟﯩﯖﺪﻯ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯘﺟﯘ ﭼﻮﭘﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﻟﻴﯘﻳﯜﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ
ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻧﺪە ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﺎﻧﻘﯘﻱ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺟﯘ
ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞەﺗﺘﻰ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﻘﯘﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﭖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­188ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﯓ
ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯩﻠﻮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ] [53ﻳﯜﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺴﯩﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﻰ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ .ﻣﺎﻧﻘﯘﻱ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﻳﯜﻓﯘﻟﻮ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻗﺎﻧﻘﯘﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ
ﻳﯜﻓﯘﻟﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﺴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﭖ ،ﺷﯜﺑﯘ ﻗﻮﺗﻘﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ .ﻳﯘﻓﯘﻟﻮ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺧﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩەﯞﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞە ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ
ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺧﻪﻥ ﻟﯩﯖﺪﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ،ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﭖ ﺋﻪﻝ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﻫﻪﺭ
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺩﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩەﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﺍﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯞە ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻳﯜﻓﯘﻟﻮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ،
ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﻳﺒﻮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﺧﯧﻨﯧﻲ )ﻫﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ
ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ( ،ﺗﻪﻳﻴﯜەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ ،ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
­ ­ 186ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﯞە ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ،
ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ
ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻼﺭ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﯘﻣﯘﻟﻮﻧﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﻰ
ﻣﯘﯞەﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﯧﺪﯗﯓ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﯖﻴﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪە )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻨﻔﯧﻦ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ( ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ
ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ].[54
ﺷﯜﺑﯘ ﻗﯘﺗﻘﯘﺳﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﺪﻯ .ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻯ،
»ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﺵ ﻗﯧﻠﯩﭗ« ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻡ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ
ﺋﻪﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ] .[55ﻳﯜﻓﯘﻟﻮ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩە ﭘﻮﻣﯩﺸﭽﯩﻜﻼﺭﻏﺎ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻳﯜەﻥ ﺷﺎﯞ ،ﻳﯜەﻥ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ­ﺗﯚﯞەﻥ ﭘﻮﻣﯩﺸﯩﭽﯩﻜﻼﺭﻏﺎ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﮔﻮﺭﻭﻫﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ،ﺑﻪﻳﺒﻮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯓ ﻓﯧﯔ،
ﺧﯘﺳﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺩﯗﯓ ﺟﯘ ﯞە ﺧﻪﻥ ﺷﻴﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻳﯜﻓﯘﻟﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﯘﺑﻰ
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­195ﻳﯩﻠﻰ )ﺷﯩﯖﭙﯩﯔ ­2ﻳﯩﻠﻰ( ﻗﯩﺸﺘﺎ ﻳﺎﯓ ﻓﯧﯔ ﯞە ﺧﯘ ﺳﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺧﻪﻥ ﺷﯩﻴﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ
ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻐﺎ ﻫﻪﻣﺪەﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺩﯗﯓ ﺟﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻟﻰ ﭼﯚ ،ﮔﻮﻓﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﯓ ﻓﯧﯔ،ﺧﯘﺳﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯞە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ
ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭ
ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﻠﺪﺍ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯘﻻﯓ­ ﺗﺎﻻﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﺴﯩﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﻪﻱ
ﻳﯘﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺳﻪﻱ ﯞﯦﻨﺠﻰ ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ].[56
ﻳﯜﻓﯘﻟﻮ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­195ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺧﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯩﯖﻴﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻮﻏﻠﻰ
ﻟﯩﻴﯘﺑﺎﯞ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻟﯩﻴﯘ ﺑﺎﯞ »ﺑﻪﺵ ﻏﯘﺯ ،ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻟﯩﻖ« ﺩەﯞﺭﯨﺪە
»ﺧﻪﻥ« ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻟﻴﯘ ﻳﯜەﻧﻨﯩﯔ )ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺴﯩﻤﻰ ﻟﻴﯘ ﻳﯜەﻧﺨﻪﻱ( ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
­ ­ 187ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­202ﻳﯩﻠﻰ )ﺟﻴﻪﻧﺌﻪﻥ ­7ﻳﯩﻠﻰ( ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺟﯘﯓ ﺧﯘﻳﻨﻰ ﺧﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﭘﯩﯖﻴﺎﯕﻐﺎ
ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﺧﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﯕﺎﺧﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ
ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﻫﯘﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞە ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ
ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﯩﺪﻯ ﯞە ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­216ﻳﯩﻠﻰ )ﺟﻴﻪﻧﺌﻪﻥ ­21ﻳﯩﻠﻰ( ﺧﻮﭼﯘﭼﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﯞﯦﻲ
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ )ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺧﯧﺒﯧﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﺴﯩﻴﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺘﻪﻱ ﻛﻪﻧﺘﻰ( ﺩە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﭼﯘﺑﻨﻰ ﭘﯩﯖﻴﺎﯕﻐﺎ
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﯞﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞە ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﺘﻰ ] [57ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﯖﺠﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺨﯥ،
ﺋﻪﻳﻴﯜەﻥ ،ﻳﻪﻧﻤﯧﻦ ،ﺷﯩﻨﺸﯩﯔ ،ﺷﺎﯕﺠﯜﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞە ﺧﯧﺪﯗﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ
ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ] .[58ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻮﭼﯘﭼﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ،ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ
ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﯜەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺸﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﻨﻴﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ( ،ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯗﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻴﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺳﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﺸﯩﻴﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ( ،ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯗﻕ
ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯘﺯﻯ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻴﻪﻧﺸﯩﻴﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﺴﯩﻰ( ،ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭەﭖ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ
ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻠﯩﯔ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯦﻨﺸﯜﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ( ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻫﻪﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ].[59
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺧﺎﻥ
ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯩﯖﻴﺎﯕﺪﺍ
ﺑﻮﻟﺴﯩﯘ ﻫﻪﻡ ﺑﻪﺵ ﻗﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﯞﻣﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺟﯩﻨﻴﺎﯓ
­ ­ 188ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﯞە ﻓﯧﻨﺸﯜﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ ] .[60ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞە ﺋﯘ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﻗﯩﺪەﻙ »ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ« ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﯖﺠﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺩﻭﺭﻏﺎﻳﻰ ﻟﯩﻴﺎﯓ ﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﯖﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ
ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ
ﺋﺎﻳﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﻗﺎﯞﯗﻝ ﻫﯘﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ »ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺕ ﻫﯘﻧﻼﺭ« ﯞە »ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭ «
ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ،ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ
ﺗﻪﯞەﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﭽﯧﯖﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ
ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ
ﯞە ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞەﻥ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە
ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ »ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺋﯩﺪە­ ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭﻏﺎ
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ﯞەﺯﯨﭙﻪ ﺋﯚﺗﻪﭖ ،ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ
ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﭼﯧﮕﺮﺍﻻﺭ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ،ﭘﯩﻠﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ،ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ« .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﯖﺒﯘ ﺗﻪﯞەﺳﯩﺪە ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ
ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ« ﯞەﺯﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ].[61
ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞ ﺧﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﻰ ﻳﯧﭽﯧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ،
ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ،ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ »ﺑﺎﺝ ،ﭘﺎﺭﺍﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ« ﺗﻪﻙ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ
] .[62ﻟﯩﻴﺎﯓ ﺷﻰ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪەﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ »ﭘﯩﻠﻪ
ﺑﯧﻘﯩﺶ ﯞە ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ« ﻧﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ
­ ­ 189ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ
ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﯖﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ
ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺑﯩﻴﯘﺭﻭﻛﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﯞە ﭘﻮﻣﯩﺸﯩﭽﯩﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺭە ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ
ﺋﯩﺠﺮﺍﻛﻪﺵ ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ» .ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­93ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﺎﺕ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ
ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺳﺎﯞ ﯞﯦﻲ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞەﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻻ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ
ﺳﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﺎﺷﺎﺭ­ ﺋﺎﻟﯟﺍﯕﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞە
ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻳﻴﯜەﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﻫﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻏﯘﺯ ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﻜﻪﺵ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞە ﻳﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﺎﻧﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﺑﯩﯖﺠﯘ ﯞە
ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ ،ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩە ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞە ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﻏﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﻝ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯧﻠﯩﭗ­
ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ» .ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«
­22ﺟﯩﻠﺪ »ﭼﯧﻦ ﺗﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﭼﯧﻦ ﺗﻪﻱ ﺟﯧﯖﺸﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ) ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­248 ~ 240
ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺑﯩﯖﺠﯘ ﺩﻭﺭﻏﺎﺑﻰ ،ﻫﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻐﯘﯕﻦ ،ﺗﻪﺗﻪﻛﺪﺍﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻧﯚﻛﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺑﯩﻴﯘﺭﻭﻛﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﯞﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ­ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ
»ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­104ﺟﯩﻠﺪ »ﺷﯩﻠﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ] .[62ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞەﻥ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺯﯨﺪﯨﺪﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯘﻥ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﯩﻜﻰ ﻟﯩﻴﯘ ﻳﯜەﻥ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺩەﻝ
ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﻯ.
ﻟﯩﻴﯘ ﻳﯜەﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ،ﺳﺎﯞ ﺳﺎﯞﻧﯩﯔ ﻫﯘﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ
ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭەﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﯞە ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ
ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ .ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻮﺗﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
­ ­ 190ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯘﻗﻪﺭﺭەﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﭘﻮﻣﯩﺸﭽﯩﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ
ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻫﯘﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ،
ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯩﻦ ﻫﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ،ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭼﻪﻙ­ ﭼﯧﮕﺮﺍﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ،ﻫﻪﺭ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺰﯨﺸﻰ ﯞە ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﺎﻻﺗﺎﺗﯩﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ
ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻼﺭ:
]» [1ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﮔﯘﺍﯓ ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« » ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﯞە ­19ﺟﯩﻠﺪ »ﮔﯧﯔ
ﮔﻮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ­28ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺕ.
]» [2ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﮔﯘﺍﯓ ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﯞە ­82ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﺍﺕ »ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
]» [3ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ ­54 .ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﯜەﻥ ﺋﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ» :ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ 900ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺭﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ«
ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯜەﻥ ﺧﯘﯕﻨﯩﯔ »ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« ­13ﺟﯩﻠﺪ »ﺧﯧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﮔﻪ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﻠﺪﻯ.
]» [4ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [5ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­90ﺟﯩﻠﺪ »ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ،ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
] [6ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.
]» [7ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﻯ« ­1ﺟﯩﻠﺪ »ﺑﯜﺯﯗﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﮔﯘﺍﯓ ﯞﯗ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
]» [8ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﮔﯘﺍﯓ ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﯞە ­35ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﺎﯓ ﭼﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [9ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­20ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﻪﻱ ﺭﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [10ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [11ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­97ﺟﯩﻠﺪ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩﯨﻜﻰ »ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﯘﻓﺎﯓ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺪە ﺩەﻝ
­ ­ 191ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ.
]» [12ﻛﯧﻴﯩﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­36ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﯧﯔ ﺟﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
] [13ﻳﯜەﻥ ﺧﯘﯕﻨﯩﯔ »ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﻯ« ­8ﺟﯩﻠﺪ »ﮔﯘﺍﯓ ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
] [14ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ .،ﻳﯘﯕﭙﯩﯔ ­15ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­72ﻳﯩﻠﻰ(
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻳﯜەﻧﺨﯥ ­1ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­84ﻳﯩﻠﻰ( ﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺗﻮﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺕ­ ﻛﺎﻻ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ») .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ(.
]» [15ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
] [16ﻳﯜەﻥ ﺧﯘﯕﻨﯩﯔ »ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﻯ .ﻣﯩﯖﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
]» [17ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
]» [18ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻣﯩﯖﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﯞە »ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [19ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ ­19 .ﺟﯩﻠﺪ »ﮔﯧﯔ ﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [20ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻣﯩﯖﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
]» [21ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­88ﺟﯩﻠﺪ »ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
]» [22ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻣﯩﯖﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«» ،ﺟﺎﯕﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« » ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﯞە
­19ﺟﯩﻠﺪ »ﮔﯧﯔ ﮔﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« » ،ﮔﯧﯔ ﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [23ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­48ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﺎﯓ ﺩﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« .ﻳﻪﻧﻪ ­54ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﯜەﻥ ﺋﻪﻧﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﯩﺪﺍ« ﺩﺍ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ 74ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ 800ﻣﯩﯔ
ﻳﺎﺭﻣﺎﻕ ،ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
]» [24ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [25ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [26ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺧﯧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﺪﯨﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮە«» ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﯞە ­23ﺟﯩﻠﺪ
­ ­ 192ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
»ﺩﯗﺷﯩﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [27ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﯞە »ﺩﯗﺷﯩﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﺪە »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ »ﻳﯜەﻥ ﺋﻪﻧﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺑﯘ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻛﯧﻴﯩﻦ.ﺋﯘ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
] [28ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە »ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﻠﺪﻯ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­19ﺟﯩﻠﺪ »ﮔﯧﯔ
ﻛﯜﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ 20 ،ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻡ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
] [29ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺩﯦﮕﯘﻳﮕﯩﻨﯩﺲ (Deguignes) .Jﯞە ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ
ﺧﯘﯓ ﻗﯜﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­1ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­4
ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺎﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺩﯦﮕﯘﻳﮕﯩﻨﯩﺴﻨﯩﯔ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ،ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﯞە
ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ) ­1758 ~ 1756ﻳﯩﻠﻼﺭ ،ﭘﺎﺭﯨﮋ( ،ﺧﯘﯓ ﺟﯜﻧﻨﯩﯔ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ« ­27ﺟﯩﻠﺪ »ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪەﺩ ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ« ﮔﻪ
ﻗﺎﺭﺍﯓ.
» ] [30ﺗﯜﺗﯜﻥ« ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﯞە ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ »ﺗﯜﺗﯜﻥ« ﻧﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ­2
ﺑﺎﭘﺘﯩﻜﻰ »ﺗﯜﺗﯜﻥ« ﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ.
]» [31ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ­103ﺟﯩﻠﺪ »ﻫﯘﻥ ﻳﯜﯞﯦﻦ ﻣﻮﺧﯘﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [32ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ­95ﺟﯩﻠﺪ »ﺗﻮﺑﺎ ﻟﻴﯘ ﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [33ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ­47ﺟﯩﻠﺪ »ﻟﻴﯘ ﭼﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [34ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺧﯧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﺪﯨﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮە« ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ« ﯞە »ﺑﻪﻥ ﻳﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [35ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
] » [36ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«
]» [37ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ « ﯞە »ﺑﻪﻥ ﻳﯘﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [38ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­6ﺟﯩﻠﺪ »ﺷﯜﻧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«» ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«
­ ­ 193ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
]» [39ﻣﯧﺘﺎﻝ ،ﺗﺎﺵ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭ« ﺩﯨﻜﻰ »ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯓ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﭘﯧﻲ ﺳﯧﻨﻨﯩﯔ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«.
]» [40ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ».ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
]» [41ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ« ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ­1978ﻳﯩﻞ ­7ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻴﺎﯞ ﺟﯩﺸﯩﯖﻨﯩﯔ »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
] [42ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﺭﯨﻦ» :ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ­1958
ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ ،ﺟﺎﯓ ﺟﯜەﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺴﻰ( ­6 ،ﺑﺎﭖ )ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ«­167 ~ 166 ،
ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ .ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﺭﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ 200ﻳﯩﻞ ) ­370 ~ 170ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ
ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻗﯘﻳﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻘﯩﺪە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­170ﻳﯩﻠﯩﻐﭽﻪ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ­370ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ­ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﻮﯞﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻥ
ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﻥ ﺧﺎﻥ
ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­151ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻤﯘ ­153ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ.
] [43ﺳﯧﻦ ﺟﯘﯕﻤﯩﻴﻪﻥ» :ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﯞە ﻫﯘﻥ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ«» ،ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ« ﻧﯩﯔ ­1944ﻳﯩﻠﻰ ­5ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ
­1ﺗﻮﭘﻼﻡ ­3ﺳﺎﻧﻰ.
] [44ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﺘﺎ» :ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞە ﺷﻪﺭﻗﻰ
ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺑﺎﻗﺎﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ..............ﺋﺎﻻﻧﻼﺭ ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻐﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
] [45ﭼﻰ ﺳﯩﺨﯥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﻤﯘﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ« ،ﺳﻪﻧﻠﻴﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ­1958ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ­32 ~ 31 ،
ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
] [46ﺷﯩﻴﺎﯞ ﺟﯩﯖﺸﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻣﯘ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
] [47ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻳﺎﯞ ﺳﯘﯕﯟﯗ »ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ )ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ
­ ­ 194ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ »ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ« ﻧﯩﯔ ­1930ﻳﯩﻠﻰ ­2ﺗﻮﭘﻼﻡ ­3ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ( ﭼﻰ
ﺳﯩﺨﯥ »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ )»ﺗﺎﺭﯨﺦ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ« ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ­1977ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ­3ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ( ﺧﺎﺗﺎ ﻫﺎﻟﺪﺍ »ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ﯞە »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﻰ )ﺋﺎﻻﻥ( ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩەﭖ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ.
] [48ﭼﻰ ﺳﯩﺨﯥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻠﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«،
­34ﺑﻪﺕ.
]» [49ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [50ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [51ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [52ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [53ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ« ) ­59ﺟﯩﻠﺪ( ﮔﻪ ﺧﯘ ﺳﻪﻧﺸﯧﯖﻨﯩﯔ ﺋﯩﻬﺎﻫ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ،
ﺟﯩﻴﻪﻧﯟﯗ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﯓ ﺋﯜﻛﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﺲ ﺧﺎﻥ ﺑﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯩﻠﻮﺟﯘﺕ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺷﯩﻠﻮﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺗﻮﻏﺎﻻﺭﻣﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ» ،ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ .ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﯗﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 19ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ .ﯞﯦﻲ
ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﺗﻮﻏﺎﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺴﺎ ﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻏﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩەﭘﻤﯘ
ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.
]» [54ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻟﯩﯖﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«» ،ﺷﯩﻴﻪﻧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﯞە »ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ
ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ﺩﯨﻜﻰ ﭘﯧﻲ ﺟﯘ »ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻧﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
]» [55ﻛﯧﻴﯩﻨﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [56ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ،ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ ،ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ­8 ،ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﺎﯓ
­ ­ 195ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻳﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« » ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺷﻴﻪﻧﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ­74 ،ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﯜەﻥ ﺷﺎﯞﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«
­75 ،ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﯜەﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ­84 ،ﺟﯩﻠﺪ »ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ.
]» [57ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯗﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ­15 ،ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﺎﯓ
ﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«» ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [58ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­56ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﯩﻴﺎﯓ ﺗﯘﯕﻨﯩﯖﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [59ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ .ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [60ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­101ﺟﯩﻠﺪ »ﻟﻴﯘ ﻳﯜەﻧﺨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«
]» [61ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ .ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ­15ﺟﯩﻠﺪ» ،ﻟﯩﻴﺎﯓ ﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [62ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ .ﺷﯩﻤﺎﻟﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [63ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ .ﺷﯩﻠﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ» :ﺗﻪﻳﺌﻪﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﻣﯩﯖﺠﯘﺩﺍ ﻗﻪﻫﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ،
ﺷﯩﻠﯥ ﯞە ﺑﻪﺯﻯ ﻏﯘﺯﻻﺭ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻳﻪﻧﻤﯧﻨﺪﯨﻦ ﻳﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯩﻴﺰﯤ ﭼﯧﯩﻜﭽﻰ ﺑﯧﮕﻰ ﻟﻴﯘ ﺟﻴﻪﻥ
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻻﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ...... .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻳﯟەﺗﻠﻚ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﻳﻪﻥ ﺳﯜﻱ ﺑﯩﯖﺠﯘ ﺩﻭﺭﻏﺎﻳﻰ،
ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺗﯧﯔ ﺟﯩﻐﺎ ﺷﻪﻧﺪﯗﯕﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯧﯔ ﺟﻰ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﮔﻮﻳﺎﯓ ،ﺟﺎﯓ ﻟﯘﯓ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﻳﯩﺠﯘﺩﯨﻦ ﻏﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﯩﭗ ﺗﺎﻗﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻫﻪﻳﺪەﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺷﯩﻠﯥ ﺷﯘ ﻳﯩﻰ
ﻳﯩﮕﯩﺮﯨﻤﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺟﺎﯓ ﻟﯘﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ
ﻫﺎﻗﺎﺭەﺗﻠﻪﻧﺪﻯ .....ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯦﻨﭙﯩﯖﻠﯩﻖ ﺷﻰ ﺧﯘەﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
­8ﺑﺎﺏ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ
.1ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ
ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ» :ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ .ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ
­ ­ 196ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺯﯙﺭﯛﺭ ...ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ
ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﻪﯞە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﯙﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ] .[1ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ
ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﯩﺘﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺲ
ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺎﻧﻘﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﻰ –ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯧﺰﯨﺸﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﯞەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ )ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﺘﯩﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ( ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ
ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﺎﺵ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ 70ﻣﯩﻞ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞە ﺋﯩﺪﻯ( ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻣﻮﻝ.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Uy - 131 - 15
  • Büleklär
  • Uy - 131 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3520
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1611
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3469
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1600
    12.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3594
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1477
    13.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3589
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3611
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1453
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3640
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1607
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3736
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1688
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3577
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1681
    12.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3490
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1537
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1647
    11.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1574
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1400
    13.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3653
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1500
    12.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1627
    12.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3529
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1573
    11.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3541
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1603
    11.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3683
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1576
    13.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3599
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1721
    11.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3641
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1699
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3505
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1668
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 1056
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 615
    19.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.