Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3589
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
21.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
27.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﻳﯧﺘﯩﭗ ،ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯖﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ
ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ
ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞە ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﯗﺵ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﯞە
ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞە ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﺴﺎ ﻣﯜﻟﯜﻛﺪﺍﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻻﭖ
ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ،ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻤﯘ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ
ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ⒆.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭼﺎﺭﯞﺍ⒇ .ﺷﯘﯕﺎ،
ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ­ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ .ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ
ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻳﻪﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﯞە ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﻠﻪﻥ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ
ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﯞە ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﻝ
ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ )ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﺩەﺭﺳﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ( .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﻣﻪﻣﯩﻠﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ،ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩەﺳﺴﯩﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﻰ،
ﺟﯘﺭﺟﺎﻥ ،ﺗﯜﺭﻙ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﻗﯩﺘﺎﻥ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺳﻪﻝ
ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
­ ­ 44ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺭ:
① ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻰ ﺱ .ﺩﻭﺭﺟﻰ ﺳﻮﺭﯗﯓ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺩەﭘﻨﻪ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ­1956ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﺗﯘﺭ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪ
ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ« ﻧﯩﯔ ­1ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ.
② ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ» :ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻓﯘﺭﻣﺎﺗﯩﺴﯩﻴﯩﻠﻪﺭ« ،ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ­1956ﻳﯩﻠﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ­8 ،ﺑﻪﺕ.
③ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« » ،ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­95ﺟﯩﻠﺪ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
④ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«
⑤ »ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­101ﺟﯩﻠﺪ »ﻟﯩﻴﯘﻳﯜەﻧﺨﻪﻱ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ­102ﺟﯩﻠﺪ »ﻟﯩﻴﯘﺯﯗﯓ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
⑥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻰ ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ » :ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ« ) ­1925ﻳﯩﻠﻰ ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﻧﻪﺷﺮﻯ(؛
ﻳﺎﭘﻮﻧﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﯧﻴﻴﯜەﻥ ﻣﻮﺟﻰ» :ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﻮﻳﺎﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ« ) ­1960ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮ
ﻧﻪﺷﺮﻯ( ­83ﺳﯜﺭەﺕ.
⑦ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« » ،ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ﯞە »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ­6 ،ﺟﯩﻠﺪ )ﯞﯗﺩﻯ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە( ﯞە ­7ﺟﯩﻠﺪ )ﺟﺎﯞﺩﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
⑧»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
⑨ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
⑩»ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺗﯜﻥ« )ﻟﻮ( ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﺭ؟ ﻣﺎﭼﺎﯕﺸﯘ »ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ
ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ« )»ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ« ­1954ﻳﯩﻠﻰ ­5ﺳﺎﻥ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە »ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ،ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە
ﺑﻪﺵ ﺟﺎﻥ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭺ­ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ ﺑﯘ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ» ،ﺗﯜﺗﯜﻥ« ﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻱ» :ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­90ﺟﯩﻠﺪ » ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە،
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪە »ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﻰ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ« ﺩەﭖ
­ ­ 45ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ »ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪە ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ،ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺑﻪﺵ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻫﯩﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻕ،
ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 300ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ
500ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﺎﭼﺎﯕﺸﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ
ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 500ﻣﯩﯔ ﺋﯚﭘﭽﯚﺭﯨﺴﯩﺪە ،ﺩەﭖ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﻪﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯧﺸﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻫﻪﺳﺴﻪ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺳﺴﻪ
ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﺭﯗﻏﺎ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ» ،ﺗﯜﺗﯜﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە .ﻫﻪﺭ
ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﺟﺎﻥ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ »ﺋﯩﻠﻮ« ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ »ﻟﻮ«
ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﻪﻙ­ ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰ.
⑾»ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
⑿ ﺟﯩﻴﺎﻳﻰ »ﺷﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ­4ﺟﯩﻠﺪ »ﻫﯘﻧﻼﺭ«.
⒀ ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻗﯘﻧﺸﺎﺭﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﺗﯘﻗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪە ﺧﻪﻥ
ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﻧﺸﺎﺭﺧﺎﻥ ﺷﯘﺗﯘﻗﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺗﯚﺕ ﺗﯜﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« ­110ﺟﯩﻠﯩﺪ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ­111 ،ﺟﯩﻠﺪ
»ﻗﯩﺮﺍﻥ ﭼﻪﯞﺍﻧﺪﺍﺯ ﺳﺎﻧﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
⒁ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
⒂ »ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­84ﺟﯩﻠﯩﺪ »ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
⒃ »ﻟﯩﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ­31ﺟﯩﻠﯩﺪ »ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﻫ­ ﻳﺎﺳﺎﯞﯗﻟﻼﻧﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
⒄ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ­98ﺟﯩﻠﺪ »ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«.
⒅ »ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ« ­1985ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ­4ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﯞﻳﺎﯕﺸﯩﻨﯩﯔ
»ﻫﯘﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
⒆ ﻟﯩﻴﯘﭼﺎﯕﻠﯩﻦ» :ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ« » ،ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ«
ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ­1980ﻳﯩﻠﯩﻖ ­5ﺳﺎﻥ.
⒇ ﻣﺎﺭﻛﺲ »ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﯩﺴﯩﻴﯩﻠﻪﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ» :ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ
­ ­ 46ﺑﻪﺕ

ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ
ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ

ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ
ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ
ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺳﻪﭘﻪﺭﭼﯩﻠﻪﺭ
) ،(ReisegeseIIschaftﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﯞە ﭼﺎﺭﯞﺍ ﺗﻮﭘﯩﺪﯗﺭ ...ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﯞە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻨﻰ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭼﺎﺭﯞﺍ ﺗﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ) « . . . .ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ­27ﺑﻪﺕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ» :ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ«
­62ﺟﯩﻠﺪ »ﺟﯧﯔ ﻳﯜەﻧﺸﻮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞە ﻫﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺕ ،ﻗﻮﻳﻼﺭﻏﺎ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ« ﺩﯦﮕﻪﻥ» .ﻟﯩﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ­59ﺟﯩﻠﺪ »ﺋﯜﺯﯗﻕ­ ﺗﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺩﯨﻤﯘ »ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪە ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻙ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺕ ،ﺳﯘ ﻣﻮﻝ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﯧﺘﯩﻖ­ ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺷﻘﺎ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻫﺎﺟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ
ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭەﺗﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ »ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ﯞە »ﻟﯩﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﯕﺎ،
ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﯞە ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
.3ﺑﺎﭖ ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞە ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ،
ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﻫﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﯩﻤﯘ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﺘﻰ ﯞە ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﻰ .ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ
ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ،ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﯞە ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞە ﻗﯘﻝ
ﺗﻮﭘﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﭗ ،ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ .ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻛﯧﯖﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞەﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﻫﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
­ ­ 47ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭺ
ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺲ » :ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞە ﺗﯚﯞەﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﻪﻙ ﺋﯘﺳﯘﻝ،
ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ .ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ
ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﯞە ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﺪﻯ«① ﺩەﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪ.
ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻫﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ
ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­209ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ
ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە
ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻟﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ )ﺧﺎﻧﯩﺸﯩﺪﯨﻦ( ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ،ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻏﺎ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ( ﺑﺎﺭﯨﻤﺘﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻨﻰ
ﺋﻮﻏﺮﻻﭖ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ »ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ« ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ
ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﻤﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻨﻰ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ»ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ«
ﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ
ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ »ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ« ﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ
ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ »ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ« ﻧﻰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ
ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ .ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ »ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ« ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ
ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ .ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ
­ ­ 48ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ »ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ« ﺳﯩﻨﻰ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩەﺭﻫﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﻰ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﯞە ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞەﺯﯨﺮﻟﻪﺭﻧﻰ )ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ( ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯘ
ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻨﻲ ﻛﯜﺭەﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﺭەﺵ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ.
ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ
ﺳﯩﻨﭙﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞەﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﯧﻠﯩﭗ
ﯞە ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞە ﺳﯩﻨﭙﯩﻲ
ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﯩﺪە ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ »ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ« ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﻠﻐﺎ
ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﻛﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ،ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ« ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻻﻧﺪﻯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯩﺮﺍﺱ
ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ،ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﺧﺎﻥ ،ﺑﻪﮒ ،ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە ،ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﺎﻫﯩﺒﻪﮒ ،ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﻪﮒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩە
ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ،ﭼﻮﯓ
ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻻﺩﻣﯘ­ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﻗﯘﻳﺎﻥ ،ﻻﻥ ،ﺷﯜﺑﯜ ،ﺋﯜﭺ ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩە ﺋﯘﺭﯗﻕ
ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ
ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﯓ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ،ﺋﻮﯓ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻥ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺗﯩﺲ ﺧﺎﻥ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ،
ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺋﻮﻧﯩﺌﻮﺕ ﺧﺎﻥ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﻧﺎﺯﯨﺮ ﺧﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ
ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻛﺎ­ ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺷﯜﻟﻪﻧﺪﻯ )»ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ
ﻻﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ( ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﻳﺎﻥ ،ﺷﯜﺑﯜ ،ﭼﻴﯘﻟﯩﻦ ،ﻻﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺋﯘﺭﯗﻕ
­ ­ 49ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻫﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯘﻗﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ
ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ .ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﯞە ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯩﯔ ﺩﯦﻤﯘﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ» ،ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ« ﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ،ﺷﯘ
ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﯕﮕﻮﺳﻼﺭ )ﻟﻴﺎﯞﺧﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ( ﻗﯘﺩﺭەﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﻣﻪﻥ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻟﭙﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺯﻟﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ،ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞە ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺩﯨﻜﻰ
ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﯗﻕ ﻗﺎﻗﺎﺱ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ )ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻥ( .ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ »ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻳﻪﺭ ،ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﺴﻪﻙ
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﭗ »ﻳﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ،
ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩەﭖ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺩەﺭﻫﺎﻝ
ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﯞە »ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯖﻜﯩﺪەﻙ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺷﯜﻧﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ
­ ­ 50ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺋﺎﻟﯘﺑﺎﻥ ﯞە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ
ﻳﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻫﯘﻧﮕﯩﺮ ،ﭼﯜﺷﯜﺭ ،ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ،ﺷﯩﻨﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ
ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯘﭖ »ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺐ«
ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ،ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭙﻼ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ،
ﻛﺮﻭﺭەﻥ ،ﺋﯘﻳﺴﯘﻥ ،ﺋﻮﻏﯘﺯ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﯩﭗ ،ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻟﻴﺎﯞﺧﯥ
ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ،ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﮕﯩﭽﻪ ،ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ،ﺯﻭﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﯞە ﺋﻮﻟﭙﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﭗ
ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ،ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ­ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ .ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ،ﻗﯘﻟﻼﺭ ﯞە
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﺱ­ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﻪﻣﯩﻠﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻨﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ
ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﺎﯞﺍﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ )ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﯩﻨﭙﯩﻲ
ﺋﯧﺰﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ(
ﻫﯘﻥ ﻫﺎﻛﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ )ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ( .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﻳﺠﯜﻥ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻴﻨﯩﯔ ﯞﯦﻴﺸﯩﻴﻪﻥ ﻧﺎﻫﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻰ( ﯞە
ﻳﯜﻧﺠﯘﯓ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﺘﯘ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ( ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ )ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ( .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﺎﯕﮕﯘ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻴﻨﯩﯔ ﺧﯘەﻳﻠﻪﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻰ( ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺧﯘﻳﻤﻮﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ )ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ( .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﺎﯕﺠﯜﻥ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﻟﯩﻦ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻰ( ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﻳﺎﯞﭼﻰ ،ﺩﻯ ،ﭼﻴﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ.
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﻫﻪﻡ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﻰ
­ ­ 51ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
»ﺗﻪﯕﺮﻯ« ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﻰ »ﻗﯘﺕ« ﺩەﻳﺘﻰ .ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯜﻳﯜﻙ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ② .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭەﻫﺒﻪﺭ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺭەﻫﺒﻪﺭ
ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞە ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻫﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﯓ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﺗﻘﯘ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ .ﻗﯘﺗﻘﯘﻟﯘﻗﻨﻰ ﻗﯘﻳﺎﻥ ،ﻻﻥ ﯞە ﺷﯜﺑﯜ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ .ﻗﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺳﻮﻝ ،ﻻﻥ ﯞە ﺷﯜﺑﯜ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﯓ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ،
ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﺋﺎﻏﯩﺰﺍﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ③.
ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﮕﻪﭼﻜﻪ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞەﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﯞە ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﻚ
ﺧﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺪﻯ .ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﯘ
ﯞەﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻧﻼﺭ
ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺳﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯚﺯ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞە ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ
ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯘﻳﯜﻙ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ،
ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﻪﮒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ­ ﺗﯚﯞەﻧﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﻗﻰ
ﺗﯚﯞەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻥ④.
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻥ ،ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە ،ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە،
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ،ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ،ﺗﻮﻗﻘﯘﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﻟﯘﺩ
ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﻪﮒ ،ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻝ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﻪﮒ.
»ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞە ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ« ﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ⑤ ،ﻫﯘﻥ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ
­ ­ 52ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻻﺵ ﯞە ﺋﯧﺰﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻻﺵ ﯞە ﺋﯧﺰﯨﺶ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻫﻪﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﻮﯓ­ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ
ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺋﯘﻟﯘﻍ
ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﻪﮔﻜﯩﭽﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ­ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﭼﻮﯕﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮەﺭ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮەﺭ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ 24ﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ »ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﻰ« ﺩەﭖ
ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺑﯘ 24ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ،ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺸﻰ ،ﺋﻮﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ،ﻳﺎﺳﺎﻗﺒﯧﮕﻰ ،ﺟﻮﺭﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ­ ﺗﯚﯞەﻥ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ­ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ­ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ­ ﺗﯚﯞەﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ⑥.
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ »ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ
ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ« )ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ( .ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻳﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩە ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ
ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﻰ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻥ ﺗﯚﺭە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ )ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ( ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
»ﺳﺎﯞﯗﺗﻠﯘﻕ ﭼﻪﯞەﻧﺪﺍﺯ« ﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ
ﻣﻪﺟﯘﺭﻻﻳﺘﻰ.
ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﻚ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ
ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﻣﺎﺭﻛﺲ» :ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩەﯞﺭﺩە ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ
ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯜﭺ
­ ­ 53ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﻪﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻜﺘﯘﺭ .ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ
ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ،ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭗ
ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ«⑦ ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩەﻝ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﺨﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞە
ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ
ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ،ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻡ ﺷﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ
ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﻫﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ
ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﯞە ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ
ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﯞە ﻫﻪﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻫﻪﻡ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ
ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻮﻗﺘﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻻﺵ ﯞە ﺋﯧﺰﯨﺶ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩەﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ
ﺗﯜﺭﺩە ﺋﻪﺯﺩﻯ.
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ⑧ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ
ﺋﺎﺕ ،ﻛﺎﻻ ،ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ،ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ
ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،
ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﯞﺍﯓ ﻣﺎﯓ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ
­ ­ 54ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﻼ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺋﻮﻟﭙﺎﻧﻨﻰ ﺳﯜﻳﻠﯩﺪﻯ ،ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﻮﻟﭙﺎﻥ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯘﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﭗ
ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎ­ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ
ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻫﯘﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﯞە ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﻫﯘﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ
ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞە ﺋﺎﺕ ،ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ
ﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞەﺗﺘﻰ ﻫﻪﻡ
ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞە ﺋﺎﺟﯩﺰ ،ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ
ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ­ﭼﺎﺭﯞﺍ ،ﺗﯧﺮە ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﺎﻝ­ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞە ﭼﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ⑨.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ
ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ
ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺷﯩﺮﯞﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻗﻮﺷﯘﭘﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﭘﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﺩﻯ⑾ .ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﻮﻝ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺑﺎﺭﯨﻜﯚﻝ
ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ«ﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻏﻪﺯەﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ
ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﯞﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ »ﺋﺎﯞﯗ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ«⑿
ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ،
ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻧﯘﻧﻼﺭ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﻟﯘﺳﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ،ﺑﺎﺝ­ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ،
­ ­ 55ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺕ
–ﺋﯘﻻﻍ،
ﻣﺎﻝ­ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ
ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ
ﻫﺎﻟﺪﺍ
ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﯞﯦﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭەﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯩﺲ ﺧﺎﻥ ﭼﺎﻛﺎﺭﻻﺭ ﻛﺎﻫ ﺑﯧﮕﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ
ﻳﯜﺭﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﺎﮔﻨﻰ ،ﺋﯜﺷﺎﻕ ،ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭ ،ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻰ( ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ،
ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ⒀ .ﺑﯘ ﭼﺎﻛﺎﺭﻻﺭ ﻛﺎﻫﺒﯧﮕﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­60ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺗﯩﺲ ﺧﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﯞﺍﯓ ﻣﺎﯓ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺕ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩەﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﻻﯓ­ﺗﺎﻟﯩﯖﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ
ﺑﯩﺮەﻟﻤﯩﺪﻯ.ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­61ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ(ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭەﭘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﺘﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺸﻜﻪ ﻫﻪﻡ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ⒁ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­73ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ
ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﭘﯩﺸﺎﻣﯩﺸﺎﻧﻐﺎ )ﻛﺮﻭﺭەﻥ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮەﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ( ﻫﯩﺮﺍﯞﯗﻝ )ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﯞە ﻫﻮﻗﻮﻗﻰ
ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻟﭽﻰ( ﺋﯘﻻﻳﺪﺍﻱ ﯞە ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﻫﯩﺮﺍﯞﯗﻝ ﺑﯩﻠﭽﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﻪﻥ ﭼﺎﯞ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ،
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­120ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭼﻴﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭘﯜﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻫﻪﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ،ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﺩەﺕ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ ،ﻗﻮﺵ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ( ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ
ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﻯ⒂.
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻣﯘ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺑﯘﻻﯓ­ﺗﺎﻻﯕﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﺪﻯ .ﺑﺎﺗﯜﺭ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﻟﻴﯘ ﺑﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻴﺎﯕﻴﯜ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯘ­ﺧﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ
ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻣﯧﯔ ﺗﻴﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯞﻟﺪﻯ ﯞە
ﭼﯧﮕﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﯩﭽﻪ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﺎﯞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ( ﺳﻮﺯﯗﭖ ،ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ
­ ­ 56ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﭼﺎﯞﻧﺎ )ﮔﻪﻧﺴﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﯖﻠﯩﻴﺎﻙ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ( ،ﻓﯘﺷﻰ )ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻟﯩﻦ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺲ( ﻏﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ.ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺧﻪﻥ
ﮔﺎﯞﺩﻯ ﻟﻴﯘﺑﺎﯓ ﭘﯩﯖﭽﯧﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ،
ﺧﻪﻥ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﺋﺎﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ­ﺩﯗﺭﺩﯗﻥ،
ﻫﺎﺭﺍﻕ­ﺷﺎﺭەﺏ ،ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺑﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ
ﺗﺎﻛﻰ ﺧﻪﻥ ﯞﯗﺩﻯ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﯞە ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﯞە ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻧﻰ
ﺑﯘﻟﯩﺪﻯ.
ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﯩﺮﺗﻘﯩﻼ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻜﺘﺎﺗﻮﺭﺍ
ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ­ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻠﻪﺕ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﻗﯘﻝ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻗﯘﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺮﯨﻖ ﻗﯘﻝ ﯞە ﻳﺎﻛﻰ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞەﻥ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ
ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ﯞە ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﺎﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،ﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ
ﺋﻮﻟﺴﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﻪﺗﺘﻰ .ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﺋﯧﺰﯨﺶ ﯞە ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﯩﮕﻪ
ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻴﻪﻧﯟﯗ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ
ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪﻥ »ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯘﻝ« ﻧﯩﯔ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘﯕﺎ ،ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﯘﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ،ﻗﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﻝ­
ﻣﯘﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«ﺩە ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﭽﺎﻕ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺯەﺧﯩﻤﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻣﺎﻝ–ﻣﯜﻟﯜﻙ
ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ
ﯞە
ﻣﺎﻝ­
ﻣﯜﻟﻜﻰ
ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮە
ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،
ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻜﺮەﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﺗﻰ ﻫﺎﺭﯞﺍ ﭼﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﯧﻐﯩﺮﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
­ ­ 57ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺝ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻪ« ﺩەﭖ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﺭﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ­1 .ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Uy - 131 - 05
  • Büleklär
  • Uy - 131 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3520
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1611
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3469
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1600
    12.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3594
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1477
    13.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3589
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3611
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1453
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3640
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1607
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3736
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1688
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3577
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1681
    12.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3490
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1537
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1647
    11.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1574
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1400
    13.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3653
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1500
    12.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1627
    12.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3529
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1573
    11.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3541
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1603
    11.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3683
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1576
    13.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3599
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1721
    11.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3641
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1699
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3505
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1668
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Uy - 131 - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 1056
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 615
    19.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.