Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3264
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2135
12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
18.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
23.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
بىـر تامچە قانغـا ،ئۇالرنىڭ روھى ۋە ئۈمىدىنىڭ بىر پارچىسـىغا ،بەختى
ۋە قايغۇسـىنىڭ بىر قىسـمىغا ئايالنغان بولىدۇ .ئۇلـۇغ زەپەر – خۇددى
بۈيۈك بەختسـىزلىككە ئوخشاشلا – قەلبلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ ،بارلىق
ئۈمىدلەرنـى بىر خۇمدانـدا تاۋاليدۇ.
100
زەپـەر بىلـەن قايتقـان چەۋەنـداز كوچىلاردا پەخىرلەنگـەن ھالدا
ماڭااليـدۇ .دېرىزىلەردىـن كۆرۈنگـەن خـۇش تەبەسسـۇملۇق گـۈزەل
چىرايالرغـا ،ئاپتاپتـا كۆيـۈپ كەتكـەن بالىالرغـا ،ئۇيـاق -بۇياققـا
خاتىرجەملىـك ۋە سـائادەت ئىچىـدە بېرىـپ كېلىـپ تۇرغـان كاسـىپ -
دېھقانالرغـا نـەزەر تاشلايدۇ .شـۇ چاغـدا ،ئـۇ چەۋەنـداز ئۆزىنىـڭ
سـېپىلالرنى مۇھاسـىرىگە ئېلىـپ ،تـوپ ئوقلىرىنـى ئېتىـپ ،يۇرتالرنـى
خىتتاينىـڭ پاسـكىنا ئاياغلىرىدىـن ئېرىغـداش ئارقىلىق زىممىسـىدىكى
مەسـئۇلىيەتلەرنى ئازراق بولسـىمۇ ئادا قىلغانلىقىنى ھېـس قىلىدۇ .مانا
مـەن زەپـەر قۇچقـان چەۋەندازمـەن! نېمىدېگەن گـۈزەل تۇيغۇ -ھە!
يېڭـى پەيدا بولغـان پەيالسـوپالرنىڭ ،يەنى ماركسـىزمچىالرنىڭ
مەغلۇبىيىتىنـى ،ئۇالرنىـڭ مەنتىقلىرىنىڭ يوقۇتۇلـۇپ دەرھال ئالالھنى
ئەسلەشـكە باشـلىغانلىرىنى كۆرسـەم قەلبىم شـادلىققا چۆمىدۇ .مەن
ئۇالرنىـڭ يالغاندىـن شـۇنداق قىلىـپ قويمىغانلىقلىرىغـا ئىشـىنىمەن.
كۆزلىرىدىكـى پـەردە كۆتۈرۈلـۈپ ،تەبىئىـي ھالـدا ئەزەلىـي بولغـان،
سـاختىلىق مەۋجـۇت بولمىغـان ئالالھقـا قايتتى.
يېڭـى ھەربىـي ئايىغىـم بىلـەن كوچىلاردا ئايلىنىـپ يۈرەتتىـم.
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
كەينىمدىـن چاقىرغـان ئـاۋاز ئاڭالنـدى:
– يەنـە قايتىـپ كەپسـەن مانـا مۇسـتافا ،دېسـەم -دېمىسـەم
ئۇنـى ئىـزدەپ كەلدىڭغـۇ ھەقىچـان!
كەينىمگـە بۇرۇلدۇم ،مەنسـۇر دورغـا تۇراتتى .ئۇنىڭ ئـوڭ بىلىكى
ۋە بېشـى تېڭىقلىق ئىدى.
– تـاس قاپتىمـەن سـېنى تونۇمىغىلـى – ،دېدىم چاقچـاق قىلىپ،
قۇچاقالشـتۇق .مەنسـۇر دورغا سۆزلەشـكە باشلىدى:
– شـىپاخانىدا بىـر مەزگىـل ياتتىـم .بىلىكىمدىـن ئىككـى -ئـۈچ
پايـدەك ئـوق چىقىرىلىپتـۇ .سـانىنى مەنمـۇ ئېنىـق بىلمىدىـم .ئـوڭ
بىلىكىمنىـڭ ۋاقىتلىـق پالەچ بولـۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشـتى .بۇنىڭ
كارايىتـى چاغلىـق – ،پەرىشـانلىق ئىچىـدە بېشـىنى ئېگىـپ داۋام
قىلـدى – ،بـەك كـۆپ ئەزىمەتلەر شـەھىد بولـۇپ كەتتـى .ئۆلۈمدىن
نەپرەتلىنىدىغـان بولـدۇم .ئىنسـاننىڭ ئىنسـاننى ئۆلتۈرۈشـى بـەك
ئېچىنىشـلىق ئىـش ئىكـەن.
بۇنچـە ھاماقەتلىكلـەر نېمـە ئۈچـۈن؟ ئۇنتۇشـقا تىرىشـىمەن
ۋە يەنـە مۈرەمنـى سـىلكىپ قويـۇپ ،قورالنـى قولۇمغـا ئالىمـەن.
خىتتايلار ياكـى ئورۇسلار توپالنغـان تەرەپكە قارىتىپ تـوپ ئوقلىرى
ياغدۇرۇشـقا باشلايمەن .ئۇالرنـى ئۆلتۈرگۈم يوق ،پەقەتلا ئۇالرنىڭ
بىزنـى ئۆلتۈرۈشـتىن توختىتىشـنى ،قوراللىرىنىـڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشـنى
ئۈمىـد قىلىمەن .ئېچىنىشـلىق بولغىنـى ،ئۇالرنىڭ ئۆزلىـرى جىمىقماي
تـۇرۇپ ،قوراللىـرى جىمىقمايـدۇ .مانـا بۇنىڭ ئـۆزى ئاپـەت .ئۇالرنىڭ
قوراللىرىنىـڭ سـاراڭلىقتىن توختىشـى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئۆلۈشـى كېرەك.
بولـدى بـۇ گەپلەرنـى دېيىشـمەيلى ،كۈلەيلـى بىرئـاز .بۇنچـە قانلىق
101
تۈركىستان كېچىلىرى
جەڭلـەر ئارىسـىدا ئۇنـى ئۇنتۇيالمىدىڭمۇ؟
ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم:
– كىمنى؟
– چولپاننىچۇ!
– مەن ئۇنىڭ دادىسى.
بۇ گەپنى ئاڭالپ مەنسۇر قاقاھالپ كۈلۈپ كەتتى:
– سەن ئۇنىڭ دادىسى دېگىن.
تاشالندۇق ساراي تەرەپكە كۆز تاشالپ قويۇپ ،مۇنداق دېدىم:
102
– كاشـغەردە بىـر قېـرى ئادەمنىڭ مۇشـۇنداق دېگىنىنـى ئاڭلىدىم.
«مـەن ئۇنىـڭ دادىسـى!» رەئىسـىمىز خوجا نىيـاز ھاجىنىڭمـۇ «مەن
ئۇنىڭ دادىسـى!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم .دوسـتۇم مەنسـۇر دورغا ،شـۇنى
بىلىـپ قويغىنكـى ،ۋەتىنىمىزنىـڭ دائىـم «مەن ئۇنىڭ دادىسـى!» دەپ
تۇرىدىغـان كىشـىلەرگە قاتتىـق ئېھتىياجى بار.
مەنسۇر دورغا مۈرەمگە قېقىپ قويۇپ:
– ئۇرۇش سېنىڭ نېرۋىلىرىڭنى چارچىتىۋېتىپتۇ ،ئاداش – ،دېدى.
– بەلكىم – ،دېدىم ئەپسۇسالنغان ھالدا.
– ئۈرۈمچىگە باردىڭالرمۇ؟
– قورشاۋغا ئالدۇق ،ئۇرۇش تۈگەشكە ئاز قالدى.
– مېنىڭچـە بولسـا بىزنىـڭ ئەزىيەتلىرىمىـز تېخـى تۈگىمەيـدۇ– ،
دېـدى مەنسـۇر دورغا كۈلۈپ قويۇپ ،بىز ھازىر ئىككى ئارىدا قىسـىلىپ
قالـدۇق ،بىـر تەرەپتـە خىتتـاي كاپىرلىـرى ،يەنـە بىر تەرەپتـە ئورۇس
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
كوممۇنىسـتلىرى .ئىككىلىسـىنىڭ كـۆزى بىزدە ،ئىككىلىسـى دىنىمىزنى
يـوق قىلىش كويىـدا .چۈنكى ،دىنىمىزنى يوق قىلسـا بىزدىـن قۇتۇلغان
بولىدۇ .ئۇالرنىڭ ئاتالمىش پەيالسـوپلىرىنىڭ شـۇنداق دېيىشكەنلىرىنى
ئاڭلىدىـم .ئـۇالر ئىشـغال قىلىشـقان بـەزى شـەھەرلەردىن قاچقـان
چاغـدا يـوق قىلىۋېتىشـكە ئۈلگۈرەلمىگـەن مەخپىـي ھۆججەتلىرىنى
ئوقـۇدۇم ،ئۇالردىمـۇ مۇشـۇنداق مەزمۇنلار باركـەن .مەنـدە بۇنـداق
ماتېرىيالالردىـن خېلـى بار ،ئۇالرنـى خوجا نىياز ھاجىغـا ئاپىرىمەن .بۇ
راسـتال يېڭىچە ئەھلىسـەلىپ ئۇرۇشـى ئىكەن.
– چولپـان زالىمالرنىـڭ قانىتـى ئاسـتىدا قېچىپ كەتتـى – ،دېدى
مەنسـۇر تۇيۇقسـىز قۇلىقىمغـا پىچىرالپ.
– سەن قانداق بىلىسەن؟
– ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ئەمەلدار ئەڭ بۇرۇن قاچقانالردىن.
– ئۇنىـڭ بىلـەن رزىۋانگۈلنىـڭ ئارىسـىدا ئاسـمان -زېمىـن پەرق
بـار – ،دەۋەتتىم ئىختىيارسـىز.
– چولپاننىـڭ پۈتـۈن ئۆمـرى توپـا -تۇپـراق – ،دېـدى مەنسـۇر
كۈلۈپ – ،ھەتتا الي -التقا .سـەن ئۇنى مېنىڭچىلىك بىلمەيسـەن.
سـاڭا تۇنجـى قېتىـم چولپـان ھەققىـدە ئـازراق سـۆزلەپ بېـرەي،
قەدىرلىـك دوسـتۇم .ئۇنىـڭ ئوندىـن ئارتـۇق ئاشـىقى بـار ئىـدى .ئات
باقاردىـن تارتىـپ پادىچـى بالىغىچـە ،نـۆۋەت تۇتقـان ئەسـكەردىن
ئۇنىڭغـا زىبـۇ -زىننەتلـەر سـوۋغا قىلىدىغـان قېرى بايغىچە ...سـەن
بـەك سـاددا ،ئەخمەق ئىكەنسـەن ،مۇسـتافا .قايغۇرما ...مەن سـاڭا
قەتئىـي ئوخشـىمايمەن .بـۇ قـارا كۈنلـەر مـاڭا بىـر خىـل كىشـىدىن
باشـقىغا ئىشەنمەسـلىكنى ئۆگەتتـى .قولىغـا قـورال ئېلىـپ ئۆلگۈچە
103
تۈركىستان كېچىلىرى
جـەڭ قىلغـان ئادەمگىلا ئىشـىنىمەن .ھازىرقى دەۋر پىتنە -پاسـاتقا
تولغـان ،ئازغـۇن بىـر دەۋر ،بـۇ دەۋردە ياشاشـنىڭ ئـۆزى بىتەلەيلىك.
چولپـان ئۈرۈمچىگـە كەتتـى .ئىشـەنگىنكى ،ئەگـەر ئۈرۈمچىگـە
كىرىشـكە مۇۋەپپـەق بواللىسـاق ،سـېنىڭ ئالدىڭغـا يىغلاپ يـاردەم
تىلـەپ كېلىـدۇ .ھەممەيلەنگە زىيانكەشـلىككە ئۇچرىغـان ئىپپەتلىك
ئايـال بولـۇپ كۆرۈنىـدۇ .كىشـىلەر ئۇنىڭ كۆز ياشـلىرىغا ئىشىنىشـىدۇ.
سـېنىڭمۇ ئوخشاشلا قەلبىـڭ ئېرىـپ كېتىدۇ.
– خائىنالرغـا ئۆلـۈم! – دېدىـم زەردە بىلـەن ،تاپانچامنى سـىالپ
قويغاچ.
مەنسۇر مۈرىسىنى قېقىپ ،كۈلۈپ قويۇپ:
104
– قىاللمايسەن .شۇنداق قىلىشىم زۆرۈر دەپ قارامسەن؟
– ۋەتىنىمىزنى ئوغىلىق تىكەنلەردىن ،پارازىت ئوتالردىن ئېرىغدىشىمىز
الزىم.
– تىكەنلەرنـى ئاللاھ ياراتقـان ،پارازىت ئوتلار ھەردائىم بار .ھە
راسـت ،مـەن بىـر تاغلىـق ئايـال بىلـەن ئۆيلەندىـم .جـەڭ ،ئـۇرۇش
ھەققىـدە جىـق بىر نەرسـە بىلمەيـدۇ .ھە ،سـەنچۇ؟
– بىـر -ئىككى كۈن قۇمۇلدا بولىمەن ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە
قايتىمەن.
– مەن سىلەرگە ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن قوشۇالاليمەن.
مەنسـۇر بىلـەن خوشلىشـىپ ،قۇمۇلنىـڭ كوچىلىرىـدا نىشانسـىز
ئايلىنىشـقا باشـلىدىم.
❁❁❁❁❁
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
7
نېمىلا بولمىسـۇن ،بىـز رۇسـىيە ۋە خىتتايدىـن ئىبـارەت ئىككـى
چـوڭ دۆلەتنىڭ ئارىسـىدا قىسـىلىپ قالغان كىچىك بىـر دۆلەت ئىدۇق.
لېكىـن كىچىكلىكىمىزنـى باھانە قىلىپ ،تاجاۋۇزچىالرغا ئىشـىكىمىزنى
ئېچىـپ ،ئالالھنىـڭ بىزگە ئاتـا قىلغـان نېئمەتلىرىنى بـۇالڭ -تاالڭ
قىلىشـلىرىغا قـاراپ تۇرامـدۇق؟ ئەلۋەتتـە يـاق! ئـۇرۇش بىـر ئـاي،
ئىككـى ئاي ،بىـر يىل ...ئالالھنىـڭ خاھلىغىنىچە ئۇزىراپ كەتسـۇن،
پۈتـۈن ئۆمرىمىز جەڭ مەيدانىدا ئۆتۈپ كەتسـىمۇ كەتسـۇن ،بۇ بىزنىڭ
تەقدىرىمىـز دېمەكتـۇر ،بىزنىڭ باشـقا تاللىشـىمىز يوق.
– ئـۇرۇش ھەممە نەرسـىنى ۋەيـران قىپتۇ ،ھەممە يـەر خارابە– ،
دېـدى خوجـا نىياز ھاجـى ئەتراپقا قاراپ.
– قۇدايىـم ،سـوغىس جۈرېگىمىزدېگـى ئالالھقا ئـەرى ئۆزىمىزگە
بولغـان سـېنىمىمىزدى جـوق قىلماسـىن – ،دېـدى شـەرىپخان تۆرە.
ئـۇ بەسـتلىك ،سـۈرلۈك ئـادەم بولۇپ ،خـۇددى ئالالھ ئۇنـى جەڭچى
بولۇشـى ئۈچـۈن ياراتقانـدەكال ئىدى.
– ھەممە يەردە ئاچ -يالىڭاچالر.
– بىلېمىن ،قاجى ،سوغىستىڭ بەدىلى ئاۋىر.
– ھەريەرنى قورقۇنچ -ئەندىشە ئەسىر قىلىپتۇ.
– قانـداي قىالمىز؟ – شـەرىپخان تـۆرە خوجا نىيـاز ھاجىغا يېقىن
105
تۈركىستان كېچىلىرى
كېلىـپ داۋام قىلـدى – ،مېنىـڭ ئويـۇم ،ئۈرۈمجىگە كىرېيىـك ،ئۈمىد ئاز
بولسادا.
– شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.
106
«شەرقىي تۈركىستان ئىسالم جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى
()12 - 11 - 1933
– يـە ئۆلىـپ بىتېرمىـز ،يـە ئۈرۈمجـى مېـن ئىلېنـى بۈتۈندېـي
قولىمىزغـا ئاالرمىـز.
بـۇ گەپلـەر بولۇۋاتقـان چاغـدا ،جىـن شـۇرېن بىلەن رۇسلارنىڭ
ئوتتۇرىسـىدا مۇسـۇلمانالرنى ئېزىدىغـان ماددىـي ۋە ئەسـكىرىي ياردەم
ھەققىـدە كېلىشـىم بولۇۋاتاتتـى .ئەمەلىيەتتـە رۇسلار جىن شـۇرېنغا
ئىشەنمەيتتى.
شـۇڭا ،دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ،خىتتاي ئارمىيەسـى ئىچىدىكى
نىيىتـى بـۇزۇق ئاتالمىـش خىتتـاي قوماندان شـېڭ شىسـەيگە ياردەم
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
بـەردى .شـېڭ شىسـەي كوممۇنىسـت ئىـدى .ھەربىـي ئۆزگىرىـش
مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،جىن شـۇرېن رۇسىيە ئارقىلىق خىتتايغا قېچىپ
كەتتـى .ھوقۇق پۈتۈنلەي شـېڭ شىسـەي ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىسـت قول
چوماقچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى .رۇسلار بىلەن شـېڭ شىسـەي ئارىسىدا
ئۆزئـارا يـاردەم بېرىـش نامـى ئاسـتىدا بىـر يېڭـى كېلىشـىم تۈزۈلـدى.
شـېڭ شىسـەي شـەرقىي تۈركىسـتاننىڭ خام ئەشـيالىرىنى رۇسلارغا
ئەۋەتىـپ بېرىشـنى ۋەدە قىلدى .رۇسلار بۇنىڭ بەدىلىگە مۇھاسـىرىنى
يېرىـپ چىقىـپ ،يېڭـى قۇرۇلغـان تۈركىسـتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى
يوقىتىـش ئۈچـۈن ئەسـكىرىي كۈچ ۋە قـورال -ياراق يـاردەم قىلىدىغان
بولۇشـتى - 1933 .يىلـى دېكابىرنىـڭ مەلـۇم بىـر كۈنـى رۇسلارنىڭ
ئوتتـۇز ئايروپىلان ،يىگىرمـە تانـكا ،ئەللىك ئۇرۇش ماشىنىسـى بىلەن
قورالالنغـان ئۈچ برىگادا ئەسـكىرى ئىلى ،چۆچـەك يوللىرىغا تۆكۈلدى.
خەۋەرلـەر تولىمـۇ بىئارام قىالتتى .كىشـلەر بىزنىڭ تۇيۇقسـىز يېتىپ
كەلگـەن ياردەمچـى قوشـۇنغا تـەڭ كېلەلمەسـلىكىمىزدىن ھەددىدىن
ئارتۇق ئەنسـىرەيتتى.
– تېخى تۈنۈگۈن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتۇق – ،دېدى خوجا نىياز ھاجى.
بۇ گەپنى ئاڭقىرالمىغان شەرىپخان تۆرە:
– بۈگۈنشى؟ – دېدى.
– بۈگۈنكـى ئۇرۇشـىمىز ئۆزىمىزنـى ھاالكەتكـە ئېتىشـتىن باشـقا
نەرسـە ئەمـەس – ،گېنېرالغا قـاراپ گېپىنى داۋام قىلدى – ،شـۇنداقتىمۇ
بىزنىـڭ ئۇرۇشـتىن باشـقا چىقىـش يولىمىـز بارمـۇ ،قەدىرلىـك تۆرەم؟
– مېن ساياسـات دېگېندى بىلمېيمىـن ،تەجرىبېلېردېن ئۈيرېنگېنىم،
107
تۈركىستان كېچىلىرى
بىزدىڭ تېك شـىغار جولىمىز سـوغىس .سـوغىس مايدانىندا جېڭبېسېك،
جاۋدىـڭ ئۆزى قورال تاسـتاۋى قىيىن.
– ئۇنداقتـا ئۇرۇشـنى ئاداققىچـە داۋام قىلىمىز – ،دېـدى خوجا نىياز
ھاجى قوزغىالڭچى قوشـۇنغا ئوق ياغدۇرۇۋاتقـان ئايروپىالنالرغا قاراپ
قويۇپ.
بـۇ ئارىلىقتـا ،رۇسلار ئەسـكىرىي ،تىجارىـي شـۇنداقال سىياسـىي
مۇتەخەسسىسـلەرنى ئەۋەتكـەن ئىـدى .ئۈرۈمچىدىكـى يېڭى خىتتاي
رەئىسـى شـېڭ شىسـەيگە ئەۋەتىلگەن ئىككى چوڭ مەسلىھەتچىنىڭ
بىـرى ،كېيىنچـە سـوۋېت ئىتتىپاقىنىـڭ ھۆكۈمـەت رەئىسـى بولغـان
مالىنكـوف ئىدى.
108
مالىنكـوف ناھايىتـى قـۇۋ ،قاقبـاش بولـۇپ ،ئۇنىـڭ اليىھەلىرىگە
ۋە پىكىرلىرىگـە سـەل قارىغىلـى بولمايتتى .ئۇ شـېڭ شىسـەي بىلەن
كۆرۈشـۈپ مۇنـداق دېدى:
– مېنىـڭ ئـۇرۇش ھەققىـدە بىـر پىكرىـم بـار ،ئەگـەر ئەمەلگـە
ئاشۇرالىسـاق جىـق غەلىبىگـە ئېرىشـىمىز.
– خوش؟ – دېدى شېڭ.
– بىـزدە بىـر تۈركـۈم تامامەن رۇسـىيەدە تەربىيەلەنگەن شـەرقىي
تۈركىسـتانلىق كوممۇنىسـت ياشلار بار ...ئۇالر ناھايىتى ئىشـەنچلىك.
ئەگـەر بىز ئۇالرنى يۆلـەپ ھاكىمىيەتنىڭ غوللۇق يەرلىرىگە قويسـاق،
ئۇ چاغدا ئۇرۇشـنىڭ تۈسـى ئۆزگىرىدۇ .ئۇرۇشـنى خۇددى مۇتەئەسسىپ
خوجا نىياز ۋە ئادەملىرى بىلەن يېڭىلىقپەرۋەر ھاشـىم ھاجى ۋە سـەيىد
ھاجى قاتارلىقالر ئوتتۇرىسـىدا بولۇۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسـىتەلەيمىز.
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
بۇ پىكىرنى شـېڭ شىسـەي قـوش قوللاپ قۇۋۋەتلىدى .شـەرقىي
تۈركىسـتانلىق كوممۇنىسـت «يولداشلار» دەرھـال توپالندى .سـەيىد
ھاجى ئۆز ۋاقتىدىكى ناتسىسـت گېسـتاپوچىلىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان
ئىسـتىخبارات ئىدارىسـىغا رەئىـس قىلىـپ سـايالندى .سـەيىد ھاجـى
شـەرقىي تۈركىسـتانلىقالردىن ئىنتىقـام ئېلىـش ۋە ئۇالردىـن مەلۇمات
ئىگىلەشـتە ئـەڭ پەسـكەش ئويۇنالرنـى ئوينىـدى .شـەھەر -
شـەھەرلەردە ئىسـتىخبارات ئىدارىسـىنىڭ شـۆبىلىرى قۇرۇلـدى.
ئاللاھ بىزگـە ئاتـا قىلغان بـار كۈچىمىـز بىلـەن ئۇرۇشـۇۋاتاتتۇق.
جـەڭ چىـن مەنىدە دەھشـەتلىك بولۇۋاتاتتـى .ئۇرۇش پەقـەت روھنى
تەندىـن جـۇدا قىلغۇچى مىلتىـق ،ئايروپىلان ،تانكا ،قالقانلار بىلەنال
ئەمـەس ،بەلكـى كوممۇنىسـتالر ناھايىتـى ماھىـر بولغان چىقىمسـىز
بىر ئۇسـۇلدىمۇ بولۇۋاتاتتى .بارا -بارا كوممۇنىسـتالر غالىب كېلىشـكە
باشـلىدى ،بىـز ئۈرۈمچىدىـن چېكىنىشـكە مەجبۇر بولـۇپ قالدۇق.
دوسـتۇم مەنسـۇر دورغـا ئۇالرغـا ئەسـىرگە چۈشـۈپ قېلىـپ ،بىـر
ئاماللار بىلەن قېچىـپ قۇتۇلغان ئىدى .يېنىمىزغـا قايتىپ كەلگەندىن
كېيىـن ،ئاجايىـپ -غارايىپ سـوراق قىلىنىـش جەريانلىرىنى سـۆزلەپ
بـەردى .بـۇ مەنسـۇر دورغا ھەيـدەپ ئاپىرىلغـان «ج خ ئورگىنى» دەپ
ئاتالغان ئىسـتىخبارات بىناسـىدا بولغان ئىشلار بولۇپ ،دەھشـىتىدىن
كىشـىنىڭ تەسـەۋۋۇرىغا سـىغمايتتى .مەنسـۇر دورغا قىيناقتىن يىقىلىپ
قاپتۇ ۋە:
– مـەن تاغلىـق ،ئـۇرۇش دېگەننـى چۈشـەنمەيمەن .سـاۋادىممۇ
يـوق .ئىسـيانچىالر مېنىـڭ قـوي -پادىلىرىمنـى زورالپ ئېلىۋالـدى،
ئاندىـن سـىلەر كېلىـپ مېنـى تۇتتـۇڭالر ...مـەن گۇناھسـىز ،ئـۇرۇش
109
تۈركىستان كېچىلىرى
دېگەننـى بىلمەيمـەن – ،دەپتـۇ.
110
سەيىد ھاجى
ئىسـتىخبارات مەركىـزى جەھەننەمگىلا ئوخشـايدىكەن ،مۇدىـر
سـەيىد ھاجـى ئـۆزى ئىـش بېشـىدا تـۇرۇپ چالۋاقاپتۇ:
– ھـەي دۆت خائىنلار! نېمىشـقا مۇتەئەسسـىپ ،خائىـن خوجا
نىيازنىـڭ سـېپىدە ئۇرۇش قىلىشىسـەن؟ ئۇنىـڭ ماللىرىڭالرنى ئالداپ
ئېلىۋالغانلىقىنـى ،سـەنلەردىن تۇيدۇرمـاي يىغقـان مىليونلىرىنـى...
سـەنلەرنى مـال ئورنىـدا سـېتىپ خەجلىگىنىنـى ،ئۆزىنىـڭ بولسـا
ھەددى -ھېسابسـىز مال -دۇنيا ،خوتۇن -كېنىزەككە سـاھىبلىقىنى
بىلشمەمسـەن؟ قـارا مانـا ئۇنىـڭ رەزىل قىلمىشـلىرى...
شـۇنىڭ بىلـەن ئۇنىـڭ ئالدىغـا ئويدۇرمـا خـەۋەر ،يالغان سـان -
سـىفىر ،ياسـالما فوتو سـۈرەتلەرنى يېيىشـقا باشلاپتۇ.
ئوخشـاش ئىشنى شـەرىپخان تۆرە ۋە باشـقا مۇھىم رەھبەرلەرنىڭ
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
ھەممىسـى ھەققىـدە قىلىـدۇ .مۇشـۇنداق يالغـان -ياۋىداقلار بىلەن
ئەسـىرلەرنىڭ روھىـي يۆلەنچۈكلىرىنـى بىرمۇبىـر ئـۆرۈپ تاشـلىغاندىن
كېيىـن ،سـەيىد ھاجـى زەبانىيلىرىنـى چاقىرىـپ قىيىـن -قىسـتاقنى
باشلايدۇ .ئۇالرنىـڭ قەبىھلىكتە جاھاندا تەڭدىشـى يوق سـايمانلىرى
قىيىـن -قىسـتاققا ئېلىنغانالرغـا جەھەننەمنىـڭ ئازابىنـى تېتىتىـدۇ.
بىچارىلـەر يىغالشـقا ،ۋارقىراشـقا باشلايدۇ ياكـى غىـڭ قىلمـاي
ئۆلىدۇ .ئەتىسـىدىن باشلاپ ،بۇ مەسـۇم ئادەملەرگـە مەجبۇرىي ئىمزا
قويغۇزۇلغان ئىقرارنامىلەر «شـىنجاڭ گېزىتى» گە بېسـىلىپ تارقىلىشـقا
باشلايدۇ .بـۇ گېزىتنىڭ مۇدىـرى ۋەن بـاۋ دېگەن پەسـكەش خىتتاي
بولـۇپ ،خائىنلار ياكى ئىسـتىخباراتچى شـايكىالر يازغـان يازمىالرنى
تۈركىسـتان ئەۋالدلىرىنىـڭ نامىـدا نەشـر قىالتتى .ئـۇرۇش مەيدانلىرى
كۆپىيىـپ ،ھەرتەرەپتىن ھۇجۇم بولۇۋاتاتتـى .قوزغىالڭچىالر جەڭگاھتا
قورال تۇتقان ياۋ بىلەن ئېلىشىشـتىن باشـقا يەنە ئەڭ چوڭ دۈشـمەن
روھىـي چۈشـكۈنلۈك بىلـەن ئېلىشىشـقا مەجبۇر قالغـان ئىدى.
ئۆمـرۈم بويـى ئۇنتۇيالمايدىغان ئۇ كـۈن كەلدى ...ئاھ ،كاشـكى،
ئاللاھ مـاڭا ئـۇ كۈننـى كۆرسـەتمەي تۇرۇپلا ئامانىتىنى ئالسـىچۇ.
- 1934يىلـى ئىيـۇل ئېيىـدا ،جـەڭ ناھايىتـى قىزىـپ كەتتـى .ھەر
تەرەپتىـن خىتتـاي ۋە رۇس كوممۇنىسـتالر ،ئۇالرنىـڭ گۇماشـتىلىرى
بولغـان يەرلىـك خائىنلار مىغىلـداپ باراتتى.
– قېرىنداشـلىرىم ،ئالدىمىـزدا شـەھىدلىكتىن باشـقا يـول يوق! –
دېـدى خوجا نىيـاز ھاجـى ئەتراپىغـا قاراپ.
شـەرىپخان تۆرە ئېلىشىشـتىن ھېرىپ ھالى قالمىغان ،ئۈستبېشىنى
توپا -چاڭ بېسـىپ كەتكەن ئىـدى .ئايروپىالن ۋە تانكىالر توختىماي
111
تۈركىستان كېچىلىرى
ئـوت چاچرىتىـپ تۇراتتـى ،يوللار جەسـەتلەر بىلەن تولغـان ،ھاۋانى
قان ھىـدى قاپالپ كەتكـەن ئىدى.
– بۇ جول بىز جېڭىلدىك سېكىلدى – ،دېدى شەرىپخان تۆرە.
خوجا نىياز ھاجى:
– باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلمىسەك بولمىدى – ،دېدى.
112
شەرقىي تۈركىستان ئىسالم جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى
دۈشـمەنلەر كۆپىيىـپ كەتتـى .بىـز تەرتىپسـىزال چېكىنىشـكە
مەجبـۇر بولدۇق ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسـىدا بىـز ناھايىتى ئاجىز تەرەپ
بولغـان بـۇ جەڭـدە ،تەرتىپسـىز چېكىنىشـنىڭ دەردىنـى ئوبدانلا
تارتتـۇق .قـول -پۇتلىرىمغا سـانجىلىۋاتقان تىكەنلەرگە پىسـەنتمۇ
قىلمـاي ،بىـر قىياغـا يامىشىشـقا باشـلىدىم .ئېگىـز بىـر چوققىغـا
ئۇالشـقاندىن كېيىـن ،ھاسـىراپ -ھۆمـۈدەپ تـۇرۇپ يىراقالرغـا
قارىدىـم ...ۋاي ئاللاھ! خوجـا نىياز ھاجى ،شـەرىپخان تـۆرە ۋە بىر
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
تۈركـۈم باشـقا قېرىنداشـلىرىمىز دۈشـمەننىڭ قولىغا چۈشـۈپ قالغان
ئىـدى .ئۇالرنىمۇ چوقۇم «ج خ ئورگىنى» دەپ ئاتالغان ئىسـتىخبارات
مەركىزىگـە قاراشـلىق بىـر يەرلەرگـە ھەيدەپ مېڭىشـقانىدى.
ئۈمىدلـەر قـۇرۇدى .قانىتـى سـۇنغان قۇشـقا ئوخشـاپ قالدىـم.
قەلبىمدىكى ھەممە نەرسـە -مۇھەببەت ،ئۈمىد ،غەلىبە ھەممىسـى
ئۆلـدى؛ خۇددى تۈنۈگـۈن چولپان يۈرىكىمدە ئۆلگەندەك .كۈرەشـچان
كۈنلـەر غايىـپ بولغـان ،پەقـەت ئەسـلىمىلىرى قالغـان ئىـدى؛
خـۇددى كۆزدىـن غايىـپ بولـۇپ ،ئـۆز ۋاقتىـدا ھېچقانـداق خەۋىرىنى
ئااللمىغان مەنسـۇر دورغىنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئوخشـاش .بالىلىقىدىن
باشلاپ كوممۇنىـزم سەپسەتىسـىدە تەربىيەلەنگـەن بۇ تۈركىسـتان
ئەۋالدلىرىنىـڭ ئېڭىدىكـى رەھىمسـىزلىك ،قۇلچىلىـق ۋە ئىنقىالبقـا
بولغـان ئۆچمەنلىكلەرنـى كـۆرۈش مېنـى بەك بىئـارام قىالتتـى .ماڭا
ئـەڭ ھـار كەلگىنـى ،دوغىالققىنـا ،پولتـاي كـۆز ،ئـاۋازى بـوم بىـر
يۇرتدېشـىمنىڭ ئـۆز قېرىنداشـلىرىنى قـوي ھەيدىگەنـدەك ھەيـدەپ
مېڭشـى ۋە ئۇالرغـا ھايۋانـدەك مۇئامىلە قىلىشـىنى كـۆرۈش بولدى.
خوجـا نىياز ھاجى ۋە شـەرىپخان تۆرىگە نېمـە بولغانلىقى خېلى
ئۇزۇنغىچە سـىر تۇتۇلدى .چۈنكى ،ئۇالر ۋە باشـقا ئەسـىرلەرنى تاغ
جىلغىلىرىنىـڭ ئارىسـىدىكى نامەلـۇم بىـر يەرگـە ئېلىپ كېتىشـكەن
ئىدى...
ئىسـتىخبارات مەركىزىدە خوجا نىيـاز ھاجى يىرتىق كىيىملەر بىلەن،
بەدەنلىـرى تىتمـا -تىتمـا بولـۇپ كەتكەن ھالـدا ئولتۇراتتى .سـوراق
مىسلىسـىز دەھشـەتلىك بولۇۋاتقان بولۇپ ،نۇرغۇن مۇھىم شەخسـلەر
قاتناشـقان ئىـدى .ئۇالرنىـڭ ئىچىـدە رۇسلاردىن مالىنكـوف فىدىن،
113
تۈركىستان كېچىلىرى
زاخـاروف ،ئىۋانـوف ۋە دوكتـور جـورا ۋىيلـوف ،خىتتايالردىـن جاللات
شـېڭ شىسـەي ،جاڭ مىنفاڭ« ،شـىنجاڭ گېزىتى» بـاش مۇھەررىرى
ۋاڭ باۋشـىن ،كېيىنچـە خوتەنگـە ۋالىـي بولـۇپ تەيىنلەنگـەن فـاڭ
بەيفەنلـەر بـار ئىدى.
خوجـا نىيـاز ھاجى كۆزلىـرى قىزىرىـپ كەتكەن ،ماغدۇرسـىز ھالدا
ئولتۇراتتـى .ئىسـتىخبارات مۇدىـرى سـەيىد ھاجـى ئۇنىڭغـا قـاراپ
ۋارقىرىدى:
– جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىالمسەن -يوق؟!
114
خوجـا نىيـاز ھاجى كۈلۈپ كەتتـى ،ھازىرال قـان چاچرىتىپ چىقىپ
كېتىدىغانـدەك بولـۇپ كەتكـەن كۆزلىـرى بىلـەن ئۇنىڭغـا تىكىلىـپ
تۇرۇپ:
– سەنچۇ؟! – دېدى.
– مەن؟!
– ھەي سەيىد ،خائىن مەنمۇ يا سەنمۇ؟
خائىن سـەيىد خوجا نىياز ھاجىنىڭ يۈزىگە بىر شـاپىالق سـالدى.
جۇمھۇر رەئىسـىمىز باغالنغان قوللىرىنى سـىلكىپ مەسـخىرە ئارىالش
پىچىرلىدى.
– كۆكۈيۈندەك نېمانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ ماۋۇ؟...
– راستىڭنى ئېيت!
– ھەممىسـى روشـەن تۇرمامـدۇ – ،دېـدى خوجـا نىيـاز ھاجـى
كۈلـۈپ – ،ئەركىنلىكى ۋە شـان -شـەرىپىنى قوغدىغانالرنىڭ قوللىرىدا
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
كىشـەن .نىجىس خائىنالرنىڭ قولىدا بولسا ئىشلارنىڭ تىزگىنى ،قامچا
ۋە زۇلمەتلىـك زىندانالرنىـڭ ئاچقۇچـى .يەنـە بىـر ھەقىقـەت شـۇكى،
مـەن ھامىنـى ئۆلىمەن .شـۇڭا مەن سـېنىڭ يۈزۈڭگـە تۈكۈرەلەيمەن،
تۈفىي!...
بۇنىڭدىـن چۆچۈپ كەتكەن سـاتقىن ئىسـتىخبارات مۇدىرى خوجا
نىيـاز ھاجىغا نەپرەت بىلـەن قاراپ:
– توغرا دېدىڭ ،ئۆلىسـەن ،ئىت ئۆلۈمىدە ئۆلىسـەن! جەسـىتىڭنى
ھېچكىـم تاپالمايدۇ – ،دېدى.
– جەسـىتىمنىڭ نېمـە قىممىتـى بولسـۇن؟ روھىـم تاغالردىـن
ئېشـىپ يۈكسـەكلەرگە كۆتۈرۈلىدىغـان ،ئۆلمەيدىغـان تۇرسـا.
قولىدا قەلەم قەغەز تۇتۇۋالغان باش مۇھەررىر گەپكە ئارىالشتى:
– روھ دېگەن نېمە؟
خوجا نىياز ھاجى ئۇنىڭغا قاراپ قويدى ،ئۇنى تونۇيتتى:
– گېزىتىڭـدە بـۇددا دىنىدىـن ،كوڭزىچىلىقتىـن يازمىلار نەشـر
قىلمامسـەن؟ – دەپ سـورىدى.
– سوئالنى مەن سورىدىم.
– ماقۇلە ...روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ.
– پەرۋەردىگار دېگەن نېمە گەپ؟
– ياراتقۇچى.
– قايسى ياراتقۇچى؟
– سـېنى ،مالىنكوفنـى ،شـېڭ شىسـەينى ياراتقانلىقىـدا شـەك
115
تۈركىستان كېچىلىرى
بولمىغـان ياراتقۇچـى .يېگانـە ياراتقۇچـى.
مالىنكوف زاڭلىق قىلغاندەك قىلىپ:
– تەبىئەت – ،دېدى.
– ئەمىسـە مەن سـوراپ باقاي ،تەبىئەت دېگـەن نېمە؟ – دېدى
خوجـا نىياز ھاجى مەسـخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ.
– كۆرۈنگەن ھەممە نەرسە.
– بۇ تەبىئەتنى كىم باشقۇرىدۇ؟ كىم ياراتقان؟
– بۇ دېگەن مۇتەئەسسـىپلەرنىڭ سەپسەتىسـى – ،دېدى سـەيىد
ھاجى.
116
خوجـا نىياز ھاجى كۈلۈمسـىرەپ قويۇپ قۇرئاندىكـى مۇنۇ ئايەتنى
پىچىرلىدى:
[ئـۇالر (يەنـى قىيامەتنـى ئىنـكار قىلغۇچىلار)« :ھايـات دېگـەن پەقـەت
دۇنيادىكـى ھاياتىمىـزدۇر ،ئۆلىمىـز ۋە تىرىلىمىـز (يەنـى تۇغۇلىمىـز) .پەقـەت
زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ) .ئۇالر بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق
مەلۇماتقـا ئىگـە ئەمـەس ،ئـۇالر پەقەت گۇمـان بىلـەن سۆزلەيدۇ]
(جاسـىيە)24 :
– پۈتـۈن خەلقنـى ئالدىغانلىقىڭنـى ئېتىـراپ قىلىشـىڭ كېرەك– ،
دېـدى سـەيىد ھاجـى يېقىـن كېلىـپ ،پەس ئـاۋازدا.
– سـەنمۇ ئـۆز ئەركىنلىكـى ئۈچـۈن جـەڭ قىلغـان بـۇ خەلقنىـڭ
كۆزىنـى بويىغانلىقىڭنـى ئېتىـراپ قىلىشـىڭ كېـرەك.
– قانچىلىـك بايلىقىنى يوشـۇرۇن يەۋالغىنىڭنىمۇ ئېتىراپ قىلىشـىڭ
كېرەك.
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
– مېنىڭ شەخسـىي مېلىم يوق .جەسـۇر مۇجاھىـدالر بىلەن بارنى
تەڭ يـەپ ،بىللە يېتىـپ بىللە قوپتۇم.
– مانا ھازىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە سوتقا تارتىلىۋاتىسەن.
– ئىشـغالچىالرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئـۇرۇش قىاللىغىنىم
مېنىڭ شـەرىپىم .مـەن جىنايەتچى ئەمەس ،بەلكـى ئالالھ يولىدىكى
مۇجاھىد.
– ئىسلامنى يوق قىلىشـىمىز كېرەك ،شـۇندىال پۈتۈن قارشـىلىقالر
يوقايـدۇ – ،دېدى مالىنكوف شـېڭ شىسـەينىڭ قۇلىقىغـا پىچىرالپ.
– ئەلۋەتتە.
سەيىد ھاجى ماتېرىيالالرنى يىغىشتۇرغاچ:
– سـېنىڭ ئېتىراپ قىلىشـىڭ بىھاجەت .ئۇرۇش مەيدانىدا ،جىنايەت
ئۈسـتىدە قولغا ئېلىندىڭ سـەن – ،دېدى.
– نىجىس خاتىرەڭگە يېزىپ قوي ،پۇشـايمىنىم يوق .شەھىدلىكنى
ئارزۇ قىالتتىم.
– قول ئاسـتىمداغىالردىڭ بىرەۋى بولغان بولسـاڭ قۇرت قوڭىزدى
مىجىغانـدەك ئېزىـپ جىبەرگەن بـوالر ئېدىم – ،دېدى شـەرىپخان تۆرە
سـەيىد ھاجىغا بۇرۇلۇپ.
– سـاڭا ئۆلـۈم جازاسـى يەتمىگـۈدەك ،سـېنى پارچـە -پارچـە
قىلىـپ گۆشـۈڭنى ئىتقـا تاشلاپ بېرىـش كېـرەك.
مەنسـۇر دورغىمۇ شـۇ تۈرمىگە قامالغان ئىكەن .بۇ ئىشلارنى ئۆز
كـۆزى بىلـەن كۆرۈپتـۇ .ئۆزىمـۇ قىيىن -قىسـتاق ۋە خورلىنىشلاردىن
نېسىۋېسـىنى ئاپتـۇ .ئۆلۈمدىن مۆجىزىـدەك قۇتۇلۇپ قاپتۇ .ئاۋغۇسـت
117
تۈركىستان كېچىلىرى
ئېيىنىـڭ بىـر كېچىسـى ،ئىسـتىخبارات مەركىزىنىـڭ ئەتراپىـدا قاتتىـق
بىـر پارتالش يـۈز بېرىپتۇ .پەيـدا بولغـان قااليمىقانچىلىـق ۋە تامدىن
ئېچىلىـپ قالغـان يوچۇقتىـن پۇرسـەت تېپىـپ مەنسـۇر دورغـا بىلەن
يەنـە ئـۈچ كىشـى ئـۇ تۈرمىدىن قېچىپتـۇ .لېكىـن ،قالغـان ئۈچەيلەن
ئـوق تېگىـپ شـەھىد بوپتۇ .مـەن مەنسـۇر دورغىنى تاكى بىـر يىلدىن
كېيىـن ،تاغدا ئەسـكى -تۈسـكى پادىچى كىيىملىرى بىلەن ،ئاقسـاق
ھالـدا ئۇچراتتىم ،باشـقىالر ئۇنـى «سـاراڭ» دەۋالغانىدى.
بـۇ مۈشـكۈل كۈنلـەردە ،دۈشـمەن كىشـىلەرنىڭ ئىدىيەسـىنى،
يۇرتالردىكـى خاتىرجەملىكنـى بۇزۇپ بولغان ئىـدى .نېمە قىممەتلىك
بولسـا شـۇنىڭ كويىغا چۈشـكەنىدى.
مەنسۇر دورغا مۇنداق دېدى:
118
– ئويلاپ باقـە ،ئورۇسلار ۋەتىنىمىزدىكى ھايۋانالرنىڭ نەسـلىنى
قۇرۇتـۇش ئۈچۈن چىشـى ھايۋانالرنى سـوۋېتكە ئېلىـپ كېتىۋېتىپتۇ.
– خـۇددى تۈنۈگـۈن خىتتايلار بىزنىـڭ ئاياللىرىمىزغـا قىلغاننـى،
بۈگـۈن بۇالر ئۆتۈپ -تېشـىپ ھايۋانالرغىمۇ قىلغىلـى تۇرۇپتۇ -دە! –
دېدىـم پەرىشـان ھالدا.
تۆھمەتلـەر ،ئويدۇرۇلما جىنايەتلـەر ...بىگۇناھ ئىنسـاندىن بىرىگە
تۆھمـەت چاپلىۋالدىمـۇ بولـدى ،ئۇنىـڭ پۈتـۈن جـەددى -جەمـەت،
ئـۇرۇق -تۇغقانلىرىنـى تۇتـۇپ سوالشـقا باھانـە تېپىلغـان بوالتتـى.
يامـان خەۋەرلەرنىـڭ سـىرتقا تارىلىـپ كەتمەسـلىكى ئۈچـۈن ھەربىر
يۇرتنىـڭ ئەتراپىـدا مۇسـتەھكەم قورغانلار بەرپـا قىلىندى .ئەندىشـە
ئـەۋج ئالـدى ،ھەرتەرەپنـى قورقۇنچ ،ۋەھىمە قاپالپ كەتتى .كىشـىلەر
ئـۆز بالىلىـرى بىلەنمۇ ئەركىـن ئازادە سۆزلىشـەلمەس بولـۇپ كەتتى.
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
رۇسلار بىـر ئۆيدىكى ئادەمنىـڭ يېرىمىنى جاسـۇس قىلىپ بولۇشـقان
ئىـدى .قوشـنىالرمۇ بىـر -بىرىگـە ئىشـەنمەيدىغان ھالغـا كېلىشـتى.
دۆلـەت ئورۇنلىرىـدا ئىشـلەيدىغانالرنىڭمۇ كۆپىنچىسـى جاسـۇس.
ئەسـكەر ،ئوقۇغۇچى ،ئىشـچىالرنىڭ يېرىمـى دېگۈدەك ئىسـتىخبارات
مەركىزىدىـن مائـاش ئالىدىغـان بولـۇپ كەتكـەن ئىـدى .بەزىلـەر
تەھدىتكـە ئۇچرىغانلىقتىـن ،بەزىلـەر تۈرمىگە تاشالنماسـلىق ئۈچۈن،
كىمـدۇر ئوغلىنىـڭ غايىپ بولۇپ كەتمەسـلىكى ،يەنە كىمـدۇر قىزىنىڭ
تۇتۇلـۇپ كەتمەسـلىكى ئۈچـۈن قىالتتـى بۇ جاسۇسـلۇقنى.
119
شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى «سىياسىي ئۆگىنىش» يىغىنى
كىشـىلەرگە ئارتىلغان تۆھمەت ،ئويدۇرمـا جىنايەتلەرمۇ خىلمۇخىل
ئاجايىـپ -غارايىـپ ئىـدى .ئوقۇغۇچىدىـن بىرىنـى تۇتاتتـى ،ئاتاقتـا
قوزغىالڭغا قاتنىشىشـنى نىيەت قىلغان ئىمىش؛ ئىشـچىدىن خاھلىغان
تۈركىستان كېچىلىرى
120
بىرىنى سـوئال -سوراققا تارتىپ قىيىن -قىستاققا ئاالتتى ،بەجايىكى،
كۆزقاراشـلىرى دۆلـەت بىخەتەرلىكىگـە زىيـان يەتكۈزگەنمىـش؛ بىـر
ئوقۇمۇشـلۇقنى تۇتاتتى ،ئاتالمىش چەتئەلگە خىزمـەت قىلغانمىش...
يـا ئاللاھ ...بـۇ كۆرگەنلىرىـم بەئەينـى قاباھەتلىك چۈشـتەك ،بولۇپ
ئۆتكەنلەرگـە ئىشـەنگۈم كەلمەيتتى .يۈز مىڭدەك ئادەمنىڭ ۋەھشـىي
ئۇسـۇلالر بىلـەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگـە؛ يېرىم مىليونغا يېقىن كىشـىنىڭ
تۇتقـۇن قىلىنغانلىقىغـا؛ دىنىـي ئۆلىماالرنىڭ ئـاۋۋال خورلىنىـپ ئاندىن
ۋەھشـىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگـە ،تارىخىـي ۋە دىنىـي كىتابالرنىـڭ
كۆيدۈرۈلگەنلىكىگە ،مەسـجىد -مەدرىسـەلەرنىڭ ئېغىل -ئامبار ياكى
تىياتىرخانىالرغا ئايالندۇرۇلغانلىقىدەك ھەقىقەتكە قانداقمۇ ئىشـەنگۈم
كەلسـۇن؟ يېڭى ئەۋالدالرنى بولسـا تارىخىنى بۇرمىالپ ،كىشىلىكىنى
بـۇزۇپ «يېڭىچە تەرەققىيـات» تونىغا ئورانغان قىزىل ئىسـتىال توپانىدا
تۇنجۇقتـۇرۇپ يوق قىلىۋېتىـپ باراتتى.
❁❁❁❁❁
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
8
ئـاھ ،قۇمـۇل شـەھرى! بېشـىڭدىن ئەجەب كـۆپ پاجىئەلـەر ۋە
ئاپەتلـەر ئۆتتـى -ھـە! خىتتـاي ئوفىتسـېرنىڭ بـەگ قىزىغـا ئىگـە
بولـۇش يامـان نىيىتىنى كۆپۈككـە ئايالندۇردۇڭ ،ئۆلىمـاالر قوزغالدى،
ئىسـيان پارتلىدى .ھەممـە ئادەمنىڭ ئاغزىدا «قۇمـۇل» ئىدى .قۇمۇل
چىـدام -غەيـرەت ،تىـك تۇرۇشـنىڭ سـىمۋولىغا ئايالنغـان .قۇمـۇل
دېمـەك غۇرۇر ۋە شـەرەپ دېمـەك ،قۇمـۇل دېمەك ئىپتىخـار دېمەك
ئىـدى .قۇمۇللۇقلار بـۇ ئېسـىل شـەھەرنىڭ پەرزەنتـى بولغىنىدىـن
پەخىرلىنىشـكەن ئىدى .خۇددى ئەجدادالرغا ئوخشاش ،شەھەرلەرمۇ
مۇشـۇنداق بىـر مەزگىل شـانۇ -شـەۋكىتى پۇر كەتسـە ،يەنـە بەزىدە
ئالالھنىـڭ كائىناتىدىكى ئەڭ قەدىرسـىز نەرسـىگە ئايلىنىـپ قاالتتى.
قۇمۇلنىڭمـۇ قوزغىالڭدىـن كېيىنكـى تەنتەنىلىـك كۈنلىـرى ئۇزاققا
بارمىـدى ،قانلىـق ئىنتىقامغـا ئۇچرىـدى .بـەگ قەسـىرى بولسـا ئوق
يامغۇرلىرىنىڭ ۋە غەزەپنىڭ ئاساسـلىق نىشـانى بولۇپ قالدى .كىچىك
بىكـە ۋە باشـقا ئائىلـە ئەزالىرى قەسـىردە ئىدى ،چولپانمۇ شـۇ يەردە
تۇرۇۋاتاتتـى .ئۇالر قېچىـش تەييارلىقلىرى پۈتـۈپ «چىقىپ كېتەيلى»
دەپ تۇرۇشـىغا ،باۋدىـڭ ئىسـىملىك خىتتـاي ھەربىـي ئەمەلـدارى
قەسـىرگە بېسـىپ كىـردى .ئەممـا ،يېنىدا جىق ئەسـكەر يـوق ئىدى.
باۋدىـڭ بېلىگە ئېسـىلغان قىلىچىنىڭ سـېپىنى سـىقىمدىغىنىچە كىرىپ
كەلـدى .كىرىپلا ،گۈللۈكتىكـى قىپقىزىـل ئەتىـر گۈلنى پـۇراپ تۇرغان
121
تۈركىستان كېچىلىرى
التاپەتلىـك قىزنـى كـۆرۈپ تۇرغـان يېرىـدە قېتىـپ قالـدى .چولپـان
باۋدىڭغـا مەنىلىـك تەبەسسـۇم بىلەن قـاراپ تۇراتتى .ئـۇ تېخى ئېغىز
ئاچمايلا چولپـان كۈلۈمسـىرەپ تۇرۇپ:
– بىزنى ئېلىش ئۈچۈن مەجبۇرالشـقا بولمايدۇ .مەن شىجائەتلىك
ئەزىمەتلەرنـى ياخشـى كۆرىمـەن ،لېكىـن رەھىمسـىز جالالتالردىـن
نەپرەتلىنىمـەن – ،دېدى.
122
- 1943يىلالردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى
باۋدىـڭ ئۇنىڭغـا ھەيرانلىـق بىلـەن قاراپ قالـدى ،بـۇ گەپلەردىن
نېمـە دېمەكچىـدۇ؟ ئـەڭ ئـاۋۋال ئـۇ كىـم؟ جامالىنىـڭ گۈزەللىكىـدە
شـەك يـوق ،ئۇنىڭغا قارىغـان ھەركىم مەپتۇن بولـۇپ قاالتتى .لېكىن،
باۋدىڭ ھېچكىمگە ئىشـەنمەيتتى ،ئالالھنىـڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن
گۇمـان قىالتتـى .ھەممـە نەرسـىگە كۈچىنـى ئىشـلىتىپ قوپاللىـق،
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
زورلـۇق بىلـەن ئېرىشىشـكە ئامراق ئىدى .ئەسـكەر ئەمەسـمۇ .ئۇنىڭ
ئۈسـتىگە غەلىبـە ئۇنىـڭ تەرىپىدە .ئەممـا ،بۇ مەغلۇپ مۇسـۇلمانالر
خىتتايالر بىلەن تويلىشىشـنى رەت قىلدى ۋە شـۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىالڭ
كۆتۈردى.
چولپان:
– ئەگـەر مېنـى مەجبـۇرالپ ئالسـاڭ ،ئەقەللىـي سـائادەتنىمۇ
تېتىيالمايسـەن – ،دېـدى.
باۋدىڭ ئۇنىڭغا يېقىنالشتى ،توغرىالپ تۇرغان قورالىنى چۈشۈرگەن
ھالدا:
– گېپىڭىزدىـن قارىغانـدا ،بىـردەم بىللە ئولتۇرۇپ مەي ئىچىشـكە
يـاق دېمەيدىغاندەك قىلىسـىز – ،دېدى.
– ئەسكى ،نېمىدەپ ياق دېگۈدەكمەن .لېكىن ،ئادەملىرىڭدىن
خىجىل بولۇۋاتىمەن – ،دېدى چولپان نازلىنىپ ،يۈزى قىزارغان ھالدا.
– ئۇالرنى سىرتتا ساقالشقا بۇيرۇيمەن.
چولپان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
– ۋاي خۇدايىـم! شـۇنچىۋاال ئـادەم قـاراپ تۇرسـا ،ھەتتـا خـەق
سـاقالۋاتقانلىقىنى بىلسە ،ئىككى ئاشـىق قانداقمۇ خۇشال بواللىسۇن.
يـاق ،كەتسـۇن ،يىراققا كەتسـۇن.
– قەسىردە مەن ئېلىپ كەتمىسەم بولمايدىغان ئادەملەر بار.
– مانا مەن قەسىرنىڭ خانىمى ،ئالدىڭدا پاقالندەك بويۇن ئېگىپ
تۇرۇپتىمەنغۇ – ،دېدى كۆزىنى قىسىپ قويۇپ.
123
تۈركىستان كېچىلىرى
باۋدىڭ ئەسـكەرلىرىنى دەرھال گازارمىغا قايتىپ كېتىشـكە بۇيرۇدى.
ئۇالرنـى كەتكۈزۈۋېتىپال چولپانغا قاراپ:
– ئەمدى بولغاندۇ؟ گۈزەللىكىڭىز ئەقلىمنى الل قىلدى – ،دېدى.
– توختـا ،سـەۋر قىلىـپ تۇر .ئـازراق ئۇپا -ئەڭلىك سـۈرۈپ ،ئەتىر
چېچىـپ ،مەي ئېلىـپ چىقاي.
124
چولپـان ئالدىـراپ ئىچكىرىگـە كىـردى .ئاغچا ئايىم ،بـەگ قىزى،
قېرىنداشـلىرى ۋە باشـقا خىزمەتچىلـەر ساراسـىمە ئىچىـدە ئـۈن -
تىنسـىز ئولتۇرۇشـاتتى .قۇمۇل شـەھرى تۈن قاراڭغۇسـىغا پۈركەنگەن،
ئەتراپتـا ۋەھىمـە ھۆكۈم سـۈرەتتى .چولپـان بەگ ئائىلىسـىگە قاراپ،
قەتئىيلىـك بىلەن« :قېچىشـنىڭ پەيتـى كەلـدى .خىتتايالرنىڭ قولىغا
ئەسـىر بولـۇپ چۈشـۈپ قالماسـلىق ئۈچـۈن ،دەرھـال كېتىشسـىلە.
ھەرقايسـىلىرىدىن ئايرىلىـپ قېلىـپ قېلىشـقا چىدىمايمـەن ،لېكىـن
ئۆزلىـرى بولسـىمۇ كېتىۋېلىشسـىال .مـەن ئـۇ خىتتـاي ئەمەلدارنـى
گوللاپ تۇرىمـەن ،ھەرقايسـىلىرى ئارقـا ئىشـىكتىن ئاسـتا چىقىـپ
كېتىشسـىلە .بىـز تەييـار قىلىپ قويغـان ھـارۋا ئارقا ئىشـىكنىڭ يېنىدا
سـاقالپ تۇرۇۋاتىـدۇ ،چىقىپلا تـاغ تەرەپكـە قـاراپ مېڭىشسـىال.
قېچىـش يوللىرىنـى قامـال قىلىۋېلىشـقان بولۇشـى مۇمكىـن ،ئـۇالر
بىلەن توقۇنۇشـۇپ قېلىشـتىن ساقلىنىشسـىال .چۈنكى ،بىرسـى بىلەن
توقۇنۇشـۇپ قېلىشسـىال ،پۈتـۈن دۈشـمەنلەر يوپۇرلۇپ كېلىـدۇ -دە،
ھاياتلىـرى ياكـى ئىززەتلىرى خەۋپكـە ئۇچرايدۇ .مەن ھەرقايسـىلىرى
ئۈچـۈن ئۆزۈمنـى قۇربان قىلىشـقا تەييار ،ۋاقىتنـى ئۆتكۈزمەي دەرھال
مېڭىشسـىال .خىتتـاي ئەمەلـدار سـاقالۋاتىدۇ ،مـەن ئۇنىڭغـا مـەي
ئېلىـپ چىقـاي .تېـز قېچىشسـىال» دېدى.
دوكتور نەجىب ئەلكەيالنىي
ھەممەيلـەن ئۈنسـىز يـاش تۆكۈشـكە باشـلىدى ،ۋىداالشـقاچ
ئۆكسـۈپ -ئۆكسـۈپ يىغالشـتى .چولپـان كىرپىكلىرىدىكـى يـاش
قۇرىمىغـان بولسـىمۇ ،خىتتايچـە بىـر سـېرىق ناخشـىنى غىڭشـىغاچ
چىقىـپ كەلـدى .ئۇ بۇ بىر نەچچە مىسـرا ناخشـىنى بىر قېـرى خىتتاي
خىزمەتكاردىـن ئۆگىنىۋالغـان ئىـدى .مـەي ئېلىـپ كەلگـەن ئىـدى.
خىتتـاي ئەمەلدارغـا بىـر قـەدەھ مـەي سـۇندى .باۋدىـڭ قەدەھكـە
شـۈبھە بىلـەن قـاراپ قويـۇپ ،قوپاللىق بىلـەن ئىتتىرىۋەتتـى .چولپان
ئۇنىـڭ بـۇ قىلىقىدىـن «بىـرەر ئىشـنى تۇيۇپ قالغـان بولسـا كېرەك»،
دەپ چۆچـۈپ كەتتـى ۋە قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىـپ كەتكەن ھالدا:
– نېمە بولدى؟ – دېدى.
– زەھەر سېلىۋەتكەن بولساڭچۇ...
چولپـان تېلىقىـپ قالغـۇدەك قاقاھلاپ كۈلـۈپ كەتتـى .ئۇنىڭغـا
مەنسـىتمىگەن نـەزەردە قـاراپ:
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Turkistan Keqiliri - 06
  • Büleklär
  • Turkistan Keqiliri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3160
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2028
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3277
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2190
    13.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3249
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2204
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3275
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2190
    13.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3264
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2135
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3226
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2127
    12.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3243
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2137
    13.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3249
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2102
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3229
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2137
    13.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3228
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2197
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3032
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1933
    9.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Turkistan Keqiliri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 2085
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1134
    10.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.