Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3494
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
مېنىڭ قېرىندىشمنىڭ ئوغلىنى ھاقارەتلەپ رەنجىتكەن سەنمۇ؟ دەپال ھاسىنىڭسېپى بىلەن ئەبۇ جەھىلنىڭ بېشىغا ئۇردى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەمزە مۇسۇلمان بولۇپ ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدىن ئورۇن
ئالدى.
ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە مۇسۇلمانالرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى ،قۇرەيش
مۇشرىكلىرىنى بىئارام قىلدى .بۇ ئەھۋالغا چارە تېپىش ئۈچۈن «دارۇن نەدۋە» دېگەن
يەردە توپالندى .ئەھۋالنى بىر قۇر مۇالھىزە قىلىشقاندىن كېيىن ئەبۇ جەھىلنىڭ تەكلىپى
بويىچە ،مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلدى .بۇ سۈيىقەستنى ئىجرا قىلىش
ئۈچۈن ئەڭ جەسۇر بولغان ئۆمەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى .ئۇ چاغدا 33ياشتىكى ئۆمەر
قىلىچىنى ئېلىپ ،مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتالندى.
مۇسۇلمانالر ئەركامنىڭ ئۆيىگە توپالندى ،پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۇ يەردە ئىدى .ئۆمەر يولدا
نۇئايمغا ئۇچرىدى .نۇئايم «ئۆمەر ،نەگە كېتىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدى .ئۆمەر «خەلقنى
بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلغان مۇھەممەدنىڭ تېنىنى جۇدا قىلىشقا كېتىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب
بەردى .نۇئايم ئۆمەرگە« :قىيىن بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسەن!» دېيىشىگە ،ئۆمەر« :سەنمۇ
مۇھەممەدكە يان-تاياق بولىۋاتامسەن؟» دەپ چېقىشتى .نۇئايم« :ئۆمەر ،مەن بىلەن
كارىڭ بولمىسۇن ،ئۆزەڭنىڭ ئائىلىسىگە بىر قارىغىنە ،قېيىن ئىنىڭ سەئىد بىلەن سىڭلىڭ
فاتىمە مۇسۇلمان بولدى» دېيىشىگە ،ئۆمەر« :ئاۋۋال ئۇالرنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىالي!»
دەپ يولىنى ئۆزگەرتىپ ،سىڭلىسىنىڭ ئىشىگىنى قاقتى .ئۇ چاغدا سىڭلىسى بىلەن
قېيىن ئىنىسى پەيغەمبىرىمىزگە يېڭىدىن نازىل بولغان «تاھا» سۈرىسىدىكى ئايەتلەرنى
ئوقۇۋاتاتتى .ئۆمەرنىڭ قىلىچ بىلەن كەلگىنىنى كۆرۈپ ،قۇرئاننىڭ ۋاراقلىرىنى يوشۇرۇپ
قويدى.
ئۆمەر ئۆي ئىچىگە كىرىپال نېمە ئوقۇغانلىقىنى سوردى .ئۇالر« :بىز ھېچ نەرسە
ئوقۇمىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى .ئۆمەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ« :ئۇنداقتا ئاڭلىغانلىرىم
توغرىكەندە!» دەپال ،قېيىن ئىنىسىنىڭ ياقىسدىن تۇتۇپ يەرگە ئېتىپ ،ئۇرۇشقا باشلىدى.
227
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان فاتىمەنىڭ يۈزىگىمۇ بىر تەستەك سالدى .بىچارە ئايالنىڭ
ئاغزى-بۇرنىدىن قان ئېقىپ يەرگە يىقىلدى .فاتىمە ئىماننىڭ جاسارىتى بىلەن ئۆمەرگە
مۇنداق دېدى:
ئالالھتىن قورق .بىر ئايالغا قىلغان قىلىقىڭغا قارا! مەن ۋە يولدىشم مۇسۇلمانبولدۇق .بېشىمىزنى تېنىمىزدىن جۇدا قىلساڭمۇ تۇتقان يولىمىزدىن قەتئى يانمايمىز!
ئۆمەر:
ئوقۇغان نەرسىلىرىڭنى ماڭا كۆرسەت! -دېدى .سىڭلىسى ئۇنى بەردى .ئۆمەركۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدى ۋە قەلبى يۇمشاشقا باشلىدى .قۇرئان كەرىمنىڭ تەڭداشسىز ۋەزنى،
پاساھىتى ،ئوقۇلۇشىدىكى تاتلىقلىق ۋە گۈزەللىك ئۆمەرنىڭ قەلبىنى مۇپتىال قىلدى .شۇنىڭ
بىلەن ئۆمەرنىڭ قەلبى ئىسالمغا ئېچىلدى .ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ يېنىغا بېرىپ،
تىزلىنىپ تۇرۇپ ،كەلىمە-شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى .ئۇ يەردىكلەرنىڭ ھەممىسى
بولۇپ ئۆتكەنلەردىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ ،ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە كەلىمە شاھادەت ئېيتتى.
ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن مۇسۇلمانالر تېخىمۇ كۈچلەندى .ئۆمەر:
دوست-بۇرادەرلىرىمىزدىن قانچە كىشى بار؟ -دەپ سورىدى. سەن بىلەن قىرىق كىشى بولدۇق - ،دەپ جاۋاب بەردى.ئۆمەرنىڭ تەلىپى بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم يول باشالپ ھەممىسى
كەبىگە قاراپ يۈردى .ئۇالر كەبىنىڭ ئالدىدا جامائەت بولۇپ ،ئوچۇق-ئاشكارا ناماز ئوقۇدى.
پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇشرىكالر
ھاڭ-تاڭ بولۇپ ھەيران قالدى.
پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۆمەرنىڭ مەرھەمەتسىز ۋە تاشتىن
قاتتىق بولغان قەلبىنى ،سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان قۇرئان ئايەتلىرى يۇمشۇتۇپ،
قاراڭغۇلۇق بىلەن تولغان كۆڭلىنى نۇرالندۇردى .پەيغەمبىرىمىزگە بولغان دۈشمەنلىكىنى
چىن دوستلۇققا ئايالندۇردى.
سوئالالر:
( (1مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم كىشىلەرنى ئىسالمغا قانداق دەۋەت قىلدى؟
( (2مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قىلغان زۇلمىنى ۋە مۇسۇلمانالرنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارىتا
قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭ
( (3مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالر كىملەر؟
( (4قۇرەيشنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا دۈشمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
( (5ئەبۇ تالىب كىم؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى قانداق قوغدىغان؟
( (6ھەمزە ۋە ئۆمەر قانداق مۇسۇلمان بولدى؟
228
بەشىنچى
باب
بايقۇت ۋە ئازاپلىق يىلالر
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قاراتقان بايقۇتى
•ئەبۇ تالىپ ۋە خەدىچىنىڭ ۋاپات بولۇشى
•تائىفقا سەپەر
•ئەقەبە كېلىشىمى
•مېراج مۆجىزىسى
•مېراجنىڭ ھەدىيەسى ناماز
مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قىلغان بايقۇتى
ھەمزە ۋە ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ،ئىسالمنىڭ كۈندىن-كۈنگە تارقىلىپ كۈچيىشى
مۇشرىكالرنى ئىنتايىن ئاالقزادە قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇالر توپلۇشۇپ مۇسۇلمانالرغا قارىتا
تۆۋەندىكى بايقۇت قارارىنى ماقۇللىدى:
«بۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانالر ،ئۇالرنى ھىمايە قىلغانالر ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۇرۇق-
تۇغقانلىرى بولغان ھاشىم جەمەتى بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ ،ئۇالر
بىلەن ھېچكىم كۆرۈشمەيدۇ ،ئېلىم-سېتىم قىلمايدۇ ،قىز ئالمايدۇ ھەم بەرمەيدۇ».
مۇشرىكالردىن مەنسۇر بىن ئىكرىمە بۇ قارارنامىنى يازدى ۋە بىرلىكتە كەبىنىڭ تېمىغا
ئاستى.
بايقۇت قارارى ئۈچ يىل داۋامالشتى .بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانالر ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى
بېشىدىن كەچۈردى .مۇشرىكالر مۇسۇلمانالر توپلۇشۇپ ئولتۇراقالشقان مەھەللىگە يېمەك-
ئىچمەك كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەن ئەسكىلىكنى قىلدى .مۇسۇلمانالر
ئىسالم ئۈچۈن ھەر خىل ئازاپالرغا ،ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا سەۋر-تاقەت كۆرسەتتى .دەرەخ
يوپۇرماقلىرىنى يەپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر قالدى .ئاچلىقتىن ئاھۇ-پەرياد قىلغان
بالىالرنىڭ ئەھۋالى بولسا ،يۈرەكلەرنى پۇچۇالپ ئەزدى.
مۇشرىكالر بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكى بىلەنمۇ بىر نەتىجىگە ئىرىشەلمەيال
قالماي ،ئىسالم نۇرىنىڭ تارقىلىشىنى توسالمىدى .ئۇ مەزگىلدە بىر كۈيە كەبىنىڭ تېمىغا
ئېسىلغان قارارنامىنىڭ ھەممىنى يەپ ،پەقەت «ئالالھ» سۆزىنى قالدۇرۇپ قويدى .ئۇنىڭدىن
باشقا مەنسۇر ئبىن ئىكرىمەنىڭ قارارنامىنى يازغان قولى قۇرۇپ ،چوالق بولۇپ قالدى.
ئاخىرى مۇشرىكالردىن بىر قانچە كىشى ئىنسابقا كېلىپ ،قارارنامىنى چۈشۈرۈپ
يىرتىۋەتتى .شۇنىڭ بىلەن بايقۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ،مۇسۇلمانالر چوڭ بىر ئازاپتىن
قۇتۇلدى .مۇسۇلمانالرغا قىلىنغان بايقۇت پەيغەمبەرلىكنىڭ -7يىلىدىن -10يىلىغىچە
داۋامالشتى.
229
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئەبۇ تالىپ ۋە خەدىچىنىڭ ۋاپات بولۇشى
بايقۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ۋە مۇسۇلمانالر بىرئاز ئەركىن
نەپەس ئېلىشقا باشلىدى .ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەدىرلىك تاغىسى
ئەبۇ تالىب ،بىر قانچە كۈندىن كېيىن سۆيۈملۈك ئايالى خەدىچە ئالەمدىن ئۆتتى.
ئەبۇ تالىب پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز بالىسىدەك ياخشى كۆرۈپ باقتى .خەدىچە بولسا
پەيغەمبىرىمىزگە دەسلەپ ئىشەنگەن ،ئەڭ قىيىن مەزگىللەردە ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن،
ياردەم قىلغان ،سادىق ۋە ۋاپادار ئايالى ئىدى .پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنى دائىم قوللىغان بۇ
ئىككى قىممەتلىك كىشىدىن ئايرىلىپ ،قاتتىق ئازابالندى .شۇ سەۋەبتىن ئۇ يىل ئازاپلىق
يىل مەنىسىدىكى «مۇسىبەت يىلى» دەپ ئاتالدى.
ئەبۇ تالىب ۋە خەدىچەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇشرىكالر پەيغەمبىرىمىزگە قارىتا زۇلۇمنى
كۆپەيتتى .بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتقاندا بىرسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بېشىغا توپا چاچتى،
پەيغەمبىرىمىزمۇ شۇ پىتى ئۆيىگە قايتتى .قىزى فاتىمە دادىسىنىڭ ئۇ ھالىنى كۆرۈپ ،كۆڭلى
قاتتىق يېرىم بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىالرنى تازىالۋىتىپ يىغالپ كەتتى .قىزىنىڭ
يىغلىغىنىنى كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز «يىغلىما قىزىم ،ئالالھتائاال داداڭنى قوغدايدۇ» دەپ
ئالالھقا بولغان ئىشەنچىنى تىلغا ئالدى.
تائىفقا سەپەر
ئەبۇ تالىب بىلەن خەدىچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ،مۇشرىكالر پەيغەمبىرىمىزگە تېخىمۇ
كۆپ زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى .پەيغەمبىرىمىز تائىف خەلقىنى ئىسالمغا دەۋەت قىلىش
ئۈچۈن تۇنجى مۇسۇلمانالردىن زەيىد ئىبنى ھارىسەنى ئېلىپ تائىفقا كەلدى .تائىفلىقالر،
ئىسالمنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ تائىفتىن كېتىشنى تەلەپ
قىلىپ ،پەيغەمبىرىمىزگە تاش ئاتتى .ئېتىلغان تاشالر پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۇتىغا تېگىپ
پۈتكۈل بەدىنى قانغا بويىلىپ ،ماڭالمايدىغان دەرىجىدە يارىالندى .زەيد بولسا بەدىنى
بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى قوغداپ ،تاشالرنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقالشقا
تىرىشتى.
پەيغەمبىرىمىز يول بويىدىكى بىر قىيانىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ ،بىرئاز دەم ئېلىۋالغاندىن
كېيىن قاتتىق ئازاپ ئىچىدە مەككىگە قايتىپ كەلدى .پەيغەمبىرىمىز ھاياتىدىكى ئەڭ
چوڭ ئازاپقا بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۇچرىدى .لېكىن بۇنىڭ بىلەن ھېچ ئۈمىدسىزلەنمەي،
ۋەزىپىسىنى داۋامالشتۇردى.
ئەقەبە كېلىشىمى
پەيغەمبىرىمىز ئۇزۇن يىلالر مەككە خەلقىنى ئىسالمغا دەۋەت قىلدى .لېكىن
مەككىلىكلەرنىڭ جاھىللىق ۋە نادانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ قىيىنچىلىقالرغا دۇچار بولسىمۇ،
بۇ قىيىنچىلىقالر ئىسالم پەيغەمبىرىنى ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچكۈزەلمىدى .ئىسالمنىڭ نۇرى
ئىنسانالرنى ئويغىتىشنى داۋامالشتۇردى .ئالالھتائاال پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا يەنە يېڭى
230
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
بىر ئوپۇق ئاچتى .ئىسالمنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇن بىر مۇھىت تەييارلىدى .ئۇ
مۇھىت بولسا مەدىنە ئىدى.
پەيغەمبەرلىكنىڭ -11يىلى ھەج مەزگىلىدە ،مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم مەككىنىڭ
سىرتىغا چىقىپ ،مەدىنىدىن كەلگەن ئالتە كىشلىك بىر ھەيئەت بىلەن ئۇچراشتى .ئۇالرغا
ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ،قۇرئاندىن ئايەتلەر ئوقۇدى ،ئالالھنىڭ ئەمىر-
پەرمانلىرىنى سۆزلەپ ،ئۇالرنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
مەدىنىلىكلەر ئەقىل-پاراسەتلىك ،ئۆتكۈر كىشىلەر بولۇپ ،ئۇالر پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇپ ،مۇسۇلمان
بولدى ۋە مەدىنىگە قايتىپ بېرىپ ،ئۇ يەردە ئىسالمنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا
تىرىشتى.
بىرىنچى قېتىملىق ئەقەبە كېلىشىمى (پەيغەمبەرلىكنىڭ -12يىلى)
ئىككىنچى يىلى يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ -12يىلى ،مەككىگە كەلگەن مەدىنىلىكلەردىن
12كىشلىك بىر ھەيئەت ،مەككىنىڭ يېنىدىكى ئەقەبە دېگەن يەردە پەيغەمبىرىمىز
بىلەن كۆرۈشتى .باشلىقى ئەسەد بىن زۇرارە ئىدى .ئۇالر بىلەن بىللە بىر يىل بۇرۇن
مۇسۇلمان بولغان بەش كىشىمۇ بار ئىدى .ئۇالر «ئالالھقا شېرك قوشماسلىق ،ئوغرىلىق،
زىنا قىلماسلىق ،يالغان سۆزلەش ۋە قارا چاپالشتىن ساقلىنىش ،پەيغەمبەرگە قارشى
تۇرماسلىق» قاتارلىقالرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزگە
ۋەدە قىلدى .بۇ كېلىشىم بىرىنچى قېتىملىق ئەقەبە كېلىشىمى دەپ ئاتالدى.
مەدىنىلىكلەر ئۆزىگە ئىسالمنى ئۆگىتىدىغان بىرسىنى تەلەپ قىلدى .پەيغەمبىرىمىز
بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ساھابە مۇسئابنى ئەۋەتتى .مۇسئاب مەدىنىدە ئىسالمنى
ئۆگىتىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدى.
ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە كېلىشىمى (پەيغەمبەرلىكنىڭ -13يىلى)
بۇ قېتىم مەدىنىدىكى مۇسۇلمانالردىن 75كىشىلىك بىر ھەيئەت مەككىگە كەلدى.
ئۇالردىن ئىككىسى ئايال بولۇپ ،ئەقەبە دېگەن يەردە پەيغەمبىرىمىز بىلەن كۆرۈشكەندىن
كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە كېلىشىمى تۈزۈلدى .ئۇنىڭدا مەدىنىلىكلەر خوتۇن-
قىزلىرىنى قانداق قوغدىغان بولسا ،پەيغەمبىرىمىزنىمۇ شۇنداق قوغدايدىغانلىقىنى
بىلدۈرۈپ ،پەيغەمبىرىمىزگە قول بېرىپ ۋەدە قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۇالرنىڭ ئۆز ئىچىدىن 12ۋاكالەتچى تەيىنلەشنى تەلەپ
قىلدى .ئۇالرمۇ 12كىشىنى ۋاكالەتچى قىلىپ تالالپ چىقتى .ھەممىسى پەيغەمبىرىمىزگە:
«ياخشى-يامان كۈنلەردە ،ھەر قانداق ئەھۋال ۋە شارائىتتا ئىتائەت قىلىش ،ھەر قانداق
ۋاقىتتا راسىت گەپ قىلىش ۋە ئالالھ يولىدا ھەر قانداق نەرسىدىن قورقماسلىق» ھەققىدە
ۋەدە بەردى.
231
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئەقەبە كېلىشىمى ئىسالمنىڭ تارقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ بىر بورۇلۇش نوقتىسى بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ.
مېراج مۆجىزىسى
مېراجنىڭ لۇغەت مەنىسى يۇقىرىغا ئۆرلەش ،بوشلۇقتا ،كېچىلەردە يۈرۈش دېگەن
مەنىدە بولۇپ ،پەيغەمبىرىمىز ھىجرەتتىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ،رەجەپ ئېيىنىڭ -27
كېچىسى ،مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەمدىن قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا ئاپىرىلىپ ،ئۇ
يەردىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلىپ ،پەرىشتىلەر دۇنياسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
ئالالھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىڭ بىر نامايەندىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ
ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولغان مېراجغا مۇشرىكالر ئىشەنمىدى .چۈنكى ئۇالر ئالالھنىڭ
ئۇلۇغلۇقى ،قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىشكە ئاجىز ئىدى .ئۇالر چەكلىك تەپەككۇر
ۋە باتىل بىر ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقىدىن ،مېراج مۆجىزىسىنى قوبۇل قىاللمىدى.
مۆمىنلەر ھېچ ئىككىلەنمەيال مېراجنى قوبۇل قىلىىپ ،ئىشەندى .ئەبۇ بەكرىگە مېراج
ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەرگەندە ئۇ «ئەگەر بۇنى مۇھەممەد دېگەن بولسا توغرا دەيدۇ» دەپ،
پەيغەمبىرىمىزنى تەستىقلىدى .شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا «تەستىقلىغۇچى» مەنىسىدىكى
«سىددىق» ئۇنۋانى بېرىلدى.
مېراجنىڭ ھەدىيەسى ناماز
ھەر قانداق بىر ساياھەتتىن قايتقان بىر كىشى ئۆز يېقىنلىرىغا سوۋغا-ساالم ئېلىپ
كەلگەندەك ،پەيغەمبىرىمىزمۇ مۇقەددەس مېراج سەپىرىدىن ئىنتايىن مۇھىم خوش-خەۋەر
ۋە سوۋغات بىلەن قايتتى.
مېراج كېچىسى پەيغەمبىرىمىز چىققان ئەڭ ئېگىز يەردە ئالالھ بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئىالھىي
ۋەھىيگە (بىۋاستە خىتابقا) مۇيەسسەر بولدى .ئۇ يەردە ئۆزىگە ئۈچ نەرسە بېرىلدى.
--1بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى (ئامەنەررەسۇلۇ)
--2ئۈممىتىدىن ئالالھقا شېرىك كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىق
خوشخەۋىرى.
--3مېراج ھەدىيەسى سۈپىتىدە بەش ۋاقىت ناماز.
شۇنداق قىلىپ ئىسالمنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ۋە دىننىڭ تۈۋرىكى بولغان ناماز مېراج
كېچىسى پەرز قىلىندى.
232
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
سوئالالر:
( (1مۇشرىكالر مۇسۇلمانالرغا قانداق بىر بايقۇتنى قارار قىلدى؟ بايقۇت قانچە يىل
داۋامالشتى؟
( (2ئەبۇ تالىب ۋە خەدىچە قاچان ۋاپات بولدى؟ ئۇ يىلغا نېمە دەپ نام بېرىلدى؟
( (3پەيغەمبىرىمىزنىڭ تائىف سەپىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (4بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە كېلىشىمىنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ
بېرىڭ.
( (5پەيغەمبىرىمىز قاچان مېراجغا چىقتى؟
( (6مېراجنىڭ ھەدىيەسى نېمە؟
233
بەشىنچى
باب
ھىجرەت قىلىش ۋە مەدىنىدىكى دەسلەپكى يىلالر
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى (مىالدى -622يىلى)
•پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىشى
•پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبەۋى)نىڭ بىنا قىلىنىشى
•ئەنسار ۋە مۇھاجىرالر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق
•پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ مەكتىپى ۋە ئەسھابى سۇففە
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى (مىالدى -622يىلى)
ئىسالم تارىخىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچىشى «ھىجرەت» دەپ
ئاتىلىدۇ.
مۇشرىكالرنىڭ بېسىمى ۋە زۇلمىنىڭ ئېغىرلىشىشى تۈپەيلىدىن پەيغەمبىرىمىز
مۇسۇلمانالرنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى .مۇسۇلمانالر
گۇرۇپ ھالىتىدە مەدىنىگە كۆچۈشكە باشلىدى .دىن ئۈچۈن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرت،
مال-مۈلكىنى تاشالپ ،مەدىنىدە يانغان ئۈمىد چىرىغىغا قاراپ يولغا چىقتى.
مەككىدە پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىللە ئەبۇ بەكرى ،ئەلى ۋە بىر قانچە مۇسۇلمانالردىن
باشقا ھېچكىم قالمىدى .پەيغەمبىرىمىز بارلىق قىيىنچىلىقالرغا قارشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنالپ،
پەيغەمبەرلىكىنىڭ -13يىلىنى مەككىدە ئاخىرالشتۇردى.
مۇشرىكالر مەدىنىلىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە مەككىدىكى مۇسۇلمانالرنىڭ
مەدىنىگە كۆچۈپ بېرىپ ،كۈچلۈك بىر ئىسالم مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرىشىدىن قورقتى.
ئىسالمنى يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن «دارۇن-نەدۋە» دېگەن يەردە مەخپى يىغىلىپ،
ئەبۇ جەھىلنىڭ تەكلىۋى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلدى .بۇ قورقۇنۇچلۇق
پىالننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن يىگىت تالالپ چىقتى .تالالنغان بۇ
قۇراللىق يىگىتلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىنى قورشاپ ،ئۇالرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى ساقالشقا
باشلىدى.
مۇشرىكالرنىڭ بۇ مەخپى قارارى ئالالھ تەرىپىدىن جىبرائىل ۋاستىسى بىلەن
پەيغەمبىرىمىزگە بىلدۈرۈلۈپ ،ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى .پەيغەمبىرىمىز ئۆز
ھوجرىسىغا ئەلىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ،ئۆيىنى قورشاپ تۇرغان مۇشرىكالرنىڭ ئارىسىدىن
ئۆتۈپ ،ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە باردى .ئالالھ پەيغەمبىرىنى قوغدىدى ،قوراللىق مۇشرىكالر
ئۇنى كۆرمىدى.
يول تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئەبۇ بەكرى بىلەن بىرلىكتە كېچىدە
مەككىدىن بىر يېرىم سائەت كېلىدىغان سەۋر تېغىغا بېرىپ ،يەردىكى بىر غارنىڭ ئىچىگە
مۆكۈندى .سەھەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى .شۇنىڭ
234
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
بىلەن مۇشرىكالر ھەر تەرەپنى ئىزلەپ ،پەيغەمبەرنى كىم تۇتسا ،ئۇنىڭغا يۈز تۆگە مۇكاپات
بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
پەيغەمبىرىمىزنى ئىزدەۋاتقانالر يولدىكى ئىزالرنى بېسىپ ،غارنىڭ ئالدىغا كەلدى.
غارنىڭ ئاغزىدا بىر ئۆمۈچۈكنىڭ تور باغلىغانلىقىنى كۆردى .غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاراپ
باقماقچى بولغاندا ،ئۇالرنىڭ ئىچىدىن بىرى« :ئىچىگە بىرسى كىرگەن بولسا ئىدى ،بۇ
يەردە ئۆمۈچۈكنىڭ تورى ،كەپتەرنىڭ ئوۋىسى بولمايتتى» دەپ ئارقىغا ياندۇردى .مۇشرىكالر
غارنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتتا ،ئەبۇ بەكرى غەم-ئەندىشە قىلىپ ،ناھايىتى تەشۋىشلەنگەن
ھالدا:
ئالالھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزنى كۆرۈپ قالىدىغان بولدى ،دېدى .پەيغەمبەرئەلەيھىسساالم:
غەم قىلما! ئالالھ بىز بىلەن بىللە ،دەپ جاۋاب بەردى.غارنىڭ ئاغزىغا ئۆمۈچۈكنىڭ تور باغلىشى ،ئۇ يەردىكى بىر دەرەخنىڭ شاخلىرىغا
كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋا ياساپ ،تۇخۇم قۇيىىشىنىڭ ھەممىسى بىر مۆجىزە ئىدى .ئالالھتائاال
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنى بۇ مۆجىزىلەر بىلەن قوغداپ ،غارنىڭ ئاغزىغىچە كەلگەن دۈشمەننى،
يوشۇرۇن بىر كۈچ كەينىگە ياندۇردى.
پەيغەمبىرىمىز ئەبۇ بەكرى بىلەن غاردا ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن مەدىنىگە قاراپ
يولغا چىقتى .ئۇالرنى قوغالپ يۈرگەن سۇراقە ئىسىملىك بىر مۇشرىك ،ئۇالرنىڭ ئىزىنى
تېپىۋىلىپ ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېتىنى ئۇالر تەرەپكە چاپتۇردى .ئۇالرغا يېقىنلىشاي
دېگەندە ،ئېتى پۇتلىشىپ ،يەرگە دومىالپ چۈشتى .ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ،بار كۈچى
بىلەن ئېتىنى ئۇالرنىڭ ئارقىسىدىن چاپتۇردى ،ئەمما بۇ قېتىم ئېتىنىڭ پۇتى تېزىغىچە
قۇمغا پېتىپ قېلىپ ،شۇ يەردە قادىلىپ قالدى .قۇدرەتلىك بىر كۈچ ئاتنى كەينىگە
گويا ماگىنىتتەك تارتتى ،سۇراقە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قۇرقۇپ كەتتى ،قىلغىنىغا پۇشايمان
قىلىپ ،پەيغەمبىرىمىزدىن كەچۈرۈم سوراپ ،كەينىگە ياندى .كەينىدىن كېلىۋاتقانالرغا:
«مەن بۇ يەرلەرگە قارىدىم ،ھېچكىم يوقكەن» دەپ ئۇالرنى كەينىگە ياندۇرۇۋەتتى .سۇراقە
كېيىن مۇسۇلمان بولدى.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىر ھەپتە داۋامالشقان سەپىرىنى تۈگىتىپ ،بىر دۈشەنبە
كۈنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇبا يېزىسىغا يېتىپ كەلدى .بۇ يەردە قىزغىن قارشى
ئېلىندى.
پەيغەمبىرىمىز ئۇ يەردە ئون كۈندەك تۇرۇپ ،قۇبا مەسجىدىنى بىنا قىلدى .مەسجىدنى
سالغاندا مۇبارەك قوللىرى بىلەن تاش توشۇپ ،بىر ئىشچىدەك ئىشلىدى.
بۇ ئىسالم تارىخىدا تۇنجى سېلىنغان مەسجىد ئىدى .پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈچ كۈن
كېيىن مەككىدىن ئايرىلغان ئەلىمۇ ئۇ يەردە پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇچراشتى.
235
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدە قارشى ئېلىنىشى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم يېنىدىكى مۇسۇلمانالر بىلەن بىللە بىر جۈمە كۈنى قۇبادىن
مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى .سەلىم جەمەتى يۇرتىغا كەلگەندە ،چۈش ۋاقتى بولۇپ
قالدى .پەيغەمبىرىمىز جۈمە نامىزىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى مۇسۇلمانالرغا بىلدۈرىدۇ .ئۇ
يەردە تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى .پەيغەمبىرىمىز نامازدىن كېيىن مەدىنىگە قاراپ يولىنى
داۋامالشتۇردى.
مەدىنىلىكلەر بىر ھېيت قىزغىنلىقى ئىچىدە ،ئۇ شەرەپلىك مېھماننى قارشى ئېلىش
ئۈچۈن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلدى .پەيغەمبىرىمىز ئۇ يەردىن ئۆتكەندە« :قارشى
ئالىمىز ،ئەي ئالالھنىڭ پەيغەمبىرى» دېدى ،كىچىك بالىالرمۇ« :ئالالھنىڭ ئەلچىسى
كەلدى» دەپ سۆيگۈ بىلەن چۇرۇلداشتى.
مەدىنىدە قىزغىن بىر سۆيگۈ بىلەن قارشى ئېلىنغان پەيغەمبىرىمىز خالىد بىن زەيد،
يەنى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ ،ئۇ يەردە يەتتە ئايدەك تۇرۇپ
قالدى.
پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبەۋى)نىڭ بىنا قىلىنىشى
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىنىڭ ئۆيى يېنىدا بىكار بىر يەر بولۇپ ،پەيغەمبىرىمىز ئۇ يەرنى
سېتىۋېلىپ ،بىر مەسجىد ۋە ئەتراپىغا ئۆزى ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلدى .ئاندىن مېھمان بولۇپ
تۇرغان ئۆيدىن ئۇ يەرگە كۆچۈپ چىقتى.
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانالر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىۋاتقان «مەسجىدى نەبەۋى» دەل
ئاشۇ يەر ئىدى .ئۇ مەسجىدنى بىنا قىلغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزىمۇ دۈمبىسىدە خام
كېسەك ،خىشالرنى توشۇپ ،باشتىن-ئاخىر ئىشلىدى.
ئەنسار ۋە مۇھاجىرالر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق
مەككىدىن كۆچۈپ مەدىنىگە كەلگەن مۇسۇلمانالر «مۇھاجىر» ،مەدىنىنىڭ يەرلىك
خەلقى مۇھاجىرالرغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئەنسار» دەپ ئاتالدى.
مال-مۈلكىنى تاشالپ كەلگەن مۇھاجىرالرغا مەدىنىلىكلەر ياردەم قىلىپ ،ئۇالرنى ئۆز
باغرىغا باستى ،ھەر نەرسىدە ئورتاقالشتى.
دۇنيا تارىخىدا بىر-بىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ سۆيگەن ،بىر-بىرىگە ئىچ-ئىچىدىن
بۇنداق باغالنغان بىر قەۋم ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى .پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان
بۇ ۋەقە ئىسالم قېرىنداشلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل نامايەندىسى بولۇپ قالدى.
پەيغەمبىرىمىز مۇھاجىرالرنىڭ ھەر بىرىنى ئەنسارالرنىڭ ھەر بىرى بىلەن قېرىنداش
قىلدى .بۇ قېرىنداشلىق بىر تۇغقان قان-قېرىنداشتىنمۇ كۈچلۈك بولدى.
ئىسالم تارىخىدا ھەر قېتىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئەنسار ۋە مۇھاجىرالر
دىنىمىزغا ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلدى.
236
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ مەكتىپى ۋە ئەسھابى سۇففە
مەسجىدى نەبەۋىنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈستى يېپىق سېلىنغان بىر يەر «سۇففە» ،ئۇ
يەردە پاناھالنغانالر «ئەسھابى-سۇففە» دەپ ئاتالدى.
ئۇ يەردە ئۆي-ماكانسىز ،يېتىم-يېسرالر تۇردى .بۇ كىشىلەر ئىش تاپقاندا ئىشلەپ
تۇرمۇشىنى قامدىدى .ئىش تاپالمىغاندا پەيغەمبىرىمىز ۋە قول ئىلكىدە بولغانالر ئۇالرنىڭ
ھەر خىل ئېھتىياجىنى قامدىدى .ئۇالرنىڭ ئىچىدىن توي قىلغانالر ئايرىم بىر ئۆيگە چىقتى
ۋە يېڭى بىر تۇرمۇش قۇردى.
ئۇ يەردىكىلەر ھەر ۋاقىت پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بولۇپ ،ئۇنىڭ بىلىمىدىن
مەنپەئەت ئېلىپ ،كۈنلىرىنى ئىبادەت ۋە ئىلىم ئىگەللەش بىلەن ئۆتكۈزدى .ئىسالمدا
تۇنجى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش بىناسى سۇففا مەكتىپى بولۇپ ،ئۇ يەردە ئوقۇغانالر ساھابە،
ئوقۇتقۇچى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئىدى .پەيغەمبىرىمىزدىن ئەڭ كۆپ ھەدىسنى
رىۋايەت قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە يېتىشىپ چىقتى.
سۇففە مەكتىپىدە يېتىشىپ چىققانالرنىڭ ئىچىدە ئىسالمنى ،قۇرئاننى ۋە ھەدىس-
شەرىفلەرنى ياخشى چۈشەنگەن ،چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئالىمالر بار ئىدى .باشقا
يەرلەرگە بېرىپ ئىسالمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ۋەزىپىگە قويۇلغانالر ئۇالرنىڭ ئىچىدىن
تالالندى.
بۇ سەۋەبتىن سۇففە ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ يەر ئىسالم تارىخىدا تۇنجى قېتىم
قۇرۇلغان مەكتەپتۇر .بۇ مەكتەپتە يېتىشىپ چىققانالر ئىسالمنىڭ تارقىلىشى ۋە دىنى تەلىم-
تەربىيە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تۆھپىلەرنى قوشتى.
سوئالالر:
( (1ھىجرەت قىلىش دېگەن نېمە؟
( (2پەيغەمبىرىمىز ۋە مۇسۇلمانالرنىڭ ھىجرەت قىلىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟
( (3ھىجرەت ۋەقەسى ۋە ھىجرەت جەريانىدا پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى
سۆزلەپ بېرىڭ.
( (4ئىسالم تارىخىدا تۇنجى سېلىنغان مەسجىد قايسى؟
( (5پەيغەمبىرىمىز مەدىنىدە قانداق قارشى ئېلىندى ۋە كىمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ
تۇرۇپ قالدى؟
( (6مەسجىدى نەبەۋىي دېگەن نېمە؟ ئۇ قەيەرگە سېلىندى؟
( (7ئەنسار ۋە مۇھاجىر دەپ كىملەرنى دەيمىز؟
( (8ئەسھابى-سۇففە دەپ كىملەرنى دەيمىز؟ ئۇالر ئىسالمغا قانداق تۆھپە قوشتى؟
237
ئالتىنچى
باب
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ ئۇرۇشلىرى ()1
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•بەدىر ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
•بەدىر ئۇرۇشى ۋە نەتىجىسى
•ئۇھۇد ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
•ئۇھۇد ئۇرۇشى ۋە نەتىجىسى
•ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن ئېلىنغان تەجرىبە-ساۋاقالر
•خەندەك ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
•خەندەك ئۇرۇشى ۋە نەتىجىسى
•ھۇدەيبىيە كېلىشىمى
•ھۇدەيبىيە كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسى
•قوشنا دۆلەت باشلىقلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئىسالمغا دەۋەت مەكتۇپلىرى
•خەيبەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشى
•كەبە زىيارىتى (قازا ئۆمرىسى)
بەدىر ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
پەيغەمبىرىمىز مۇھاجىرالر بىلەن مەدىنىگە ئورۇنالشقاندىن كېيىن مەككىلىك مۇشرىكالر
دۈشمەنلىك قىلىشتىن ۋاز كەچمىدى .ئۇالر مەدىنىنىڭ ئەتراپىغىچە كېلىپ ،مۇسۇلمانالرنىڭ
ئوتالپ يۈرگەن تۆگىلىرىنى ئېلىپ كەتتى .مۇشرىكالر ئابدۇلالھ ئىبنى ئۇبەيگە خەۋەر
ئەۋەتىپ ،مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى مەدىنىدىن چىقىرۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى .ئەگەر
دېگىنىدەك قىلمىسا ،مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .يەنە مۇسۇلمانالر بىلەن
قىلىنىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چوڭ بىر سودا كارۋىنىنى شامغا ئەۋەتتى.
مۇسۇلمانالر بۇ خەتەرگە قارىتا ھۇشيار ۋە تەدبىرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى .كارۋاننىڭ
يولىنى توسۇش ئۈچۈن ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم
305كىشلىك بىر قۇشۇن بىلەن يولغا چىقتى .بۇنى تۇيۇپ قالغان مەككىلىك مۇشرىكالر
1000كىشىلىك بىر ئەسكەر بىلەن مەدىنىگە قاراپ يۈردى .بەدىر دېگەن يەردە توختاپ،
ئۇ يەردىكى سۇنى كونتىرول ئاستىغا ئالدى.
مۇسۇلمانالر مەدىنىدىن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ،مۇشرىكالرنىڭ سودا كارۋىنىنى
توسۇش ئۈچۈن چىققان ئىدى.
مەككىدىن زور بىر دۈشمەن قۇشۇنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى .بۇ
ھەقتە پەيغەمبىرىمىز ساھابىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن دۈشمەنگە قارشى
تۇرۇش قارار قىلىندى.
238
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
بەدىرگە يېتىپ كەلگەن ئىسالم قۇشۇنى قۇملۇق بىر بوشلۇققا ئورۇنلىشىشقا مەجبۇر
بولدى .ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى .چۈنكى بۇرۇن كەلگەن مۇشرىكالر سۇ بار يەرنى ئىگەللىۋالغان
ئىدى .مۇسۇلمانالرغا ئالالھنىڭ ياردىمى كېلىپ ،شۇ كۈنى كېچە يامغۇر ياغدى ،شۇنىڭ
بىلەن مۇسۇلمانالر سۇ قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدى.
پەيغەمبىرىمىز ئىسالمنى باشتىنال گۈزەل سۆز ۋە ئىلىم يولى بىلەن تارقىتىشقا تىرىشىپ،
ھېچكىمنى دىنغا كىرىشكە زورلىمىدى .لېكىن مۇشرىكالرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ئالالھ
تەرىپىدىن مۇسۇلمانالرغا ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن ئىدى.
بەدىر ئۇرۇشى ۋە نەتىجىسى
مۇشرىكالر ئەسكەر ۋە قورال-ياراق جەھەتتە مۇسۇلمانالردىن ناھايىتى كۈچلۈك
ئورۇندا ئىدى .بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇشتا يېڭىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندەك ھېس قىلىشىپ،
مۇسۇلمانالرنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ھېسابقا ئالمىدى .ئۇ يەردە ھەق بىلەن باتىل ،ئىمان
بىلەن كۇفۇر ئۇرۇشىدىغان بولغاچقا ،ئىسالمنىڭ كەلگۈسى بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە
باغلىق ئىدى.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئىككى تەرەپ قۇشۇنى قارمۇ-قارشى تۇرۇپ ،ئۇرۇش
باشالندى .ئۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز قوللىرىنى كۆتۈرۈپ:
«ئەي ئالالھىم! ماڭا ۋەدە قىلغان ياردىمىڭنى بۈگۈن بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى.
ئاندىن سەجدىگە بېرىپ ئالالھقا دۇئا قىلىپ مۇنداق يالۋۇردى« :ئۇلۇغ ئالالھىم! ئەگەر
بۈگۈن ،بۇ بىر ئۇچۇم مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلسا ،يەر يۈزىدە ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان
ھېچكىم قالمايدۇ».
ئالالھتائاال پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
مۇسۇلمانالر ئىمانىدىن ئالغان كۈچ بىلەن قەھرىمانالرچە ئۇرۇش قىلدى ۋە ئالالھنىڭ
ياردىمى بىلەن ئۆزىدىن قاتمۇ-قات كۈچلۈك بولغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە
مەغلۇپ قىلدى .دۈشمەنلەر ئۇرۇشتا 70ئۆلۈك 70 ،ئەسىرنى تاشالپ قاچتى .ئىسالمنىڭ
ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئەبۇ جەھىلمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش
مۇسۇلمانالرنىڭ تولۇق غەلبىىسى بىلەن ئاخىرالشتى .بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانالردىن 14ئادەم
شېھىت بولدى.
ئىسالم قۇشۇنى غەلبە تەنتەنىسى بىلەن مەدىنىگە قايتتى .پەيغەمبىرىمىز ئەسىرگە
چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى بۇيرىدى .ئەسىرلەرنىڭ بىر قىسمى فىدىيە
(بەلگىلىك بىر مىقداردىكى پۇل) تۆلىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى .ئۇنچىلىك پۇلنى
تاپالمىغانالر ئوقۇش-يېزىشنى بىلسە ،مۇسۇلمانالردىن 10ئادەمگە ئوقۇش-يېزىشنى
ئۆگەتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئىسالمنىڭ ئوقۇش-
يېزىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
239
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئۇھۇد ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
مۇشرىكالرنىڭ بەدىر ئۇرۇشىدا يېڭىلىشى مەككىگە چوڭ بىر مۇسىبەت ئېلىپ كەلدى.
مۇشرىكالر بۇ مۇسىبەتكە ماتەم تۇتتى .پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغان ئەبۇ
لەھەبمۇ بۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆلدى.
مۇشرىكالر بەدىر ئۇرۇشىدىكى غايەت زور مەغلۇبىيتىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن
3000كىشلىك بىر قوشۇن تەييارلىدى .بەدىر ئۇرۇشىدا ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن
ئايالالرمۇ قوشۇنغا قېتىلدى .ئەبۇ سۇفيان قوماندانلىقىدىكى بۇ قوشۇن مەككىدىن يولغا
چىقىپ ،مەدىنىگە يېقىن بىر يەردىكى ئۇھۇد تېغىغا ئورۇنالشتى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئابباس ئۇ چاغدا تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بولۇپ ،مەككىدە
تۇراتتى .مۇشرىكالرنىڭ مەدىنىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى مەخپى بىر خەت بىلەن
پەيغەمبىرىمىزگە خەۋەر قىلدى( .پەيغەمبىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن تاغىسى ئابباس
كېيىن مۇسۇلمان بولدى).
ئۇھۇد ئۇرۇشى ۋە نەتىجىسى
خەتتە دېيىلگەندەك ،دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئۇھۇد تېغىغىچە كېلىپ ئۇ يەرگە
ئورۇنالشقانلىقى مەلۇم بولدى .بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ساھابىلىرى بىلەن
ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ 1000 ،كىشلىك قوشۇن بىلەن دۈشمەنلەر ئورۇنالشقان ئۇھۇد
تېغىغا قاراپ يولغا چىقتى .يېرىم يولدا 300گە يېقىن مۇناپىق ،قوشۇندىن ئايرىلىپ ئارقىغا
يېنىپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانالر قۇشۇنىدىن 700كىشى قالدى.
مۇسۇلمانالر مۇشرىكالر جايالشقان يەرگە بېرىپال ،ئارقىسىنى ئۇھۇد تېغىغا قىلىپ،
ئۇرۇش ھالىتىدە تۇردى .ئىسالم قۇشۇنىنىڭ سول تەرىپىدە بىر ئېگىزلىك بولۇپ ،ئۇ
يەردىن كېلىدىغان دۈشمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن ،پەيغەمبىرىمىز ئۇ يەرگە 50كىشلىك
ئوقياچىنى ئورۇنالشتۇردى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇ ئوقياچىالرغا« :دۈشمەن يەڭسۇن
ياكى يېڭىلسۇن ،مەندىن بۇيرۇق كەلمىگىچە ،بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلماڭالر .دۈشمەن
كېلىشى بىلەن ئوق ئېتىڭالر ».دەپ ،ئەمىر بەردى.
مۇسۇلمانالرنىڭ قەھرىمانالرچە ئۇرۇش قىلىشى نەتىجىسىدە ،دۈشمەنلەر تارمار بولۇشقا
باشلىدى ،بۇ قوشۇندىكى ئايالالر تاغ تەرەپكە قاراپ قاچتى .لېكىن ئۇرۇش تېخى پۈتۈنلەي
غەلبە قىلمىغان بولۇپ ،دۈشمەننى قوغالپ زەربە بېرىپ ،تولۇق غەلبىگە ئېرىشىش كېرەك
ئىدى.
نېمىشقىدۇ ،مۇسۇلمانالر ئۇرۇشتا غەلبە قىلدۇق دەپ ئويالپ ،دۈشمەن قالدۇرۇپ
قاچقان غەنېمەتلەرنى توپالش بىلەن بولۇپ كەتتى.
ئۇالرنى كۆرگەن 50كىشلىك ئوقياچىالرمۇ ،قۇماندانىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنماي،
بىرقانچىسىدىن باشقا ھەممىسى ئورنىدىن ئايرىلدى .لېكىن ئۇالر ،پەيغەمبىرىمىزدىن
ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز تۇرغان يېرىدىن ئايرىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق ئالغان ئىدى.
240
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
ئوقياچىالرنىڭ ئورنىدىن ئايرىلىشى مۇشرىكالرغا كۈتۈلمىگەن بىر ئامەت ئېلىپ كىلىپ،
دەرھال قايتا توپلىنىپ ،ئوقياچىالر تاشالپ كەتكەن ئىگىزلىككە ھۇجۇمغا ئۆتتى.
بۇ ھۇجۇم بىلەن مۇسۇلمانالر قىيىن ئەھۋالدا قالدى .مۇسۇلمانالرنىڭ بۇ غەپلىتى،
قولغا كەلتۈرەي دەپ قالغان غەلبىنىڭ قولدىن كېتىشىگە ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەمزە
بىلەن بىللە نۇرغۇن ساھابىالرنىڭ شېھىت بولۇشىغا سەۋەب بولدى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ
چىشلىرى سۇنۇپ ،يۈزى يارىالندى .ئۇرۇشنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ۋاقىتلىرىدا ،پەيغەمبىرىمىز
يۈزىدىكى قانالرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ« :ئەي ئالالھىم! مىللىتىمنى ئەپۇ
قىلغىن...ئوالر ئۆزىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ».
مانا بۇ پەيغەمبەر قەلبىدىكى مەرھەمەت ۋە ئىنسانلىق سۆيگىسىنىڭ نامايەندىسى...
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا 70ساھابە شېھىت بولدى .مۇشرىكالردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى .22
ئۇرۇشتا ئىسالم قۇشۇنىدىكى ئايالالر غايەت زور پىداركارلىق كۆرسىتىپ ،ئەسكەرلەرگە سۇ
توشۇپ ،يارىلىرىنى تېڭىپ خىزمەت قىلدى.
پەيغەمبىرىمىز بىر قانچە يىل كېيىن ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان يەردىن ئۆتكەندە ،ئۇ
ئازابلىق كۈنلەرنى ئەسلەپ ،يېنىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى« :مۇسۇلمانالر بۇندىن كېيىن
بۇتقا چوقۇنۇشىڭالرغا ئىمكان قالمىدى .بۇنىڭدىن قىلچىمۇ ئەندىشە قىلماڭالر .مېنىڭ
قورقىدىغىنىم سىلەرنىڭ دۇنياغا چوقۇنۇشىڭالردۇر».
ئۇ ئۇرۇشتا ،مۇشرىكالر غەلبە قازىنىپ ،كۆزلىگەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرمەيال ،ئۇھۇدتىن
ئايرىلشى .قايتا توپالنغان مۇسۇلمانالر بىر مەزگىل دۈشمەننى قوغلىدى ،دۈشمەنلەر قايتا
ئۇرۇشۇشقا كۆزى يەتمەي ،مەككىگە قاراپ يولىنى داۋامالشتۇردى .مۇسۇلمانالرمۇ مەدىنىگە
قايتىپ كەلدى.
ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن ئېلىنغان تەجرىبە-ساۋاقالر
ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدا ،مۇسۇلمانالر غەلبىگە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق ،كېيىن نېمە
سەۋەبتىن يېڭىلدى؟
بۇ ئۇرۇشتىن مۇسۇلمانالر ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەجرىبە-ساۋاقالر بار؛
چوڭالرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق ،قۇماندانغا ئىتائەت قىلماسلىق ،ئىالھىي بىر ۋەزىپە
بولغان نۆۋەتچىلىكنى تاشالپ ،شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش ،بىر قوشۇننىڭ
ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەب بولسا ،بۇنىڭدىن پەقەت بۇ خاتالىقنى سادىر قىلغانالرال
ئەمەس ،پۈتكۈل مىللەت زىيان تارتىدۇ.
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ ،ئېگىزلىككە ئۇرۇنالشتۇرۇلغان
ئوقياچىالرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنماسلىقى ۋە نۆۋەت يېرىنى
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Temel Dini Bilgiler - 15
  • Büleklär
  • Temel Dini Bilgiler - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3297
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    27.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3398
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3365
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1482
    30.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3446
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1587
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1373
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 866
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3632
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
    28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3427
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1569
    27.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3178
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1584
    27.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3244
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1675
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3459
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3494
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3421
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1599
    29.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 4279
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1964
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 1463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 604
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.