Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3459
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئىنسانالرغا دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ،ئەڭ
ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىگە ناھايىتى ئېھتىياجى بار ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ نەسەبى
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ دادىسى ئابدۇلالھتۇر .ئابدۇلالھنىڭ دادىسى قۇرەيش
قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن مەككىنىڭ مۆھتىرەم (مۆتىۋەر)لىرىدىن بولغان
ئابدۇلمۇتتەلىب ئىدى .ئانىسى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ زۆھرە جەمەتىدىن ۋەھبىنىڭ قىزى
ئامىنىدۇر .دادا ۋە ئانا تەرەپ پاكىز ،شەرەپلىك بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان مۇھەممەد
ئەلەيھىسساالمنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ئەلەيھىسساالمغا تۇتىشىدۇ.
211
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ دۇنياغا كېلىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم مىالدى -571يىلى -4ئاينىڭ -20كۈنىگە توغرا كەلگەن
رەبىيۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ -12كۈنى دۈشەنبە كېچىسى تاڭ يورۇشقا يېقىن مەككىدە دۇنياغا
كەلدى.
تەبىئەتنىڭ ئەڭ جەلىپكار ،ئەڭ نۇرلۇق بىر كېچىسى!
بۇ كېچە تۇغۇلىدۇ ،تۇغۇلغانالرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى!
تاغۇ-تاشالر ،دەل-دەرەخ ...تىكلىنىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن!
ھۆرمەت بىلەن دۇرۇت ۋە ساالم بەرمەك ئۈچۈن!
ئاسمان-زېمىن گۇۋاھتۇر ،تۇغۇلمىغان ھېچ بىر ئوخشىشى!
كۆز ئاچتى دۇنياغا بۇ كېچە ،ياراتقۇچىنىڭ بىر نۇرى!
-م.ئاسىم كۆكسال
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم تۇغۇلغان كۈنى سەھەر دۇنيا نۇرغا تولدى .دادىسى ئابدۇلالھ
پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغاچقا ،ئوغلىنى كۆرۈش نېسىپ
بولمىدى.
ئامىنە بۇنداق نۇرغا تولغان بىر ئوغۇلنى دۇنياغا كەلتۈرگەنلىگى ئۈچۈن چوڭ دادىسى
ئابدۇلمۇتتەلىپ چوڭ بىر زىياپەت بېرىپ ،سۆيۈملۈك نەۋرىسىگە مۇھەممەد ئىسمىنى
قويدى.
نەۋرەڭگە نېمە ئىسىم قويدۇڭ؟ -دەپ سورىغانالرغا: مۇھەممەد دەپ ئىسىم قويدۇم - ،دەپ جاۋاب بەردى.ئۇالر:
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر ئىسمى بولغان بىرسى يوقتى .بۇ ئىسىمنىقويۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ -دەپ سورىغاندا ،ئابدۇلمۇتتەلىب:
مەن ئوياليمەنكى ،ئۇنى كۆكتە ئالالھ ،زېمىندا خەلق ياخشى كۆرگەي! -دەپ جاۋاببەردى.
پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان كېچىسى دۇنيادا كۆپلىگەن ئاجايىپ ئىشالر يۈز بەردى .ئۇ
كۈنى كېچە ئىران ھۆكۈمدارى كىسرانىڭ ئوردىسىدىكى 14تۈۋرۈك ئۆرۈلدى ،ساۋا كۆلى
قۇرۇپ كەتتى ،مىڭ يىلدىن بېرى ئاتەشپەرەسلەر چوقۇنۇپ كەلگەن ئاتەشلەر بىر-بىرلەپ
ئۆچتى .بۇ ۋەقەلەر كەلگۈسىدە ئىران سەلتەنەتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى ،ۋىزانتىيە
ئىمپېراتۇرلۇقى ۋە بۇتپەرەسلىكنىڭ يۇقىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى .ئەمەليەتتىمۇ
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن شۇنداق بولدى.
212
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ بالىلىق ۋاقتى
مەككىدىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ بىر ئادىتى بار بولۇپ ،يېڭى تۇغۇلغان بالىالرنى مەككە
ئەتراپىدا ياشايدىغان قەبىلىلەردىكى ئېنىكئانىالرغا بېرەتتى .چۈنكى مەككىنىڭ ھاۋاسى
ناچار ۋە ئىسسىق بولۇپ ،بالىالرغا ماس كەلمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىزنى ئانىسى ئامىنە ئۈچ كۈن ،سۇۋەيبە ئىككى كۈن ئەمدۈردى .كېيىنرەك
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى سەئىد قەبىلىسىدىن بولغان ھەلىمە ئىسىملىك بىر ئېنىكئانىغا
باققىلى بەردى .ھەلىمە پەيغەمبىرىمىزنى ئۆزىنىڭ بالىسىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆردى،
ئۇنى شامالدىنمۇ قوغدىدى .ھەلىمەنىڭ كىچىك قىزى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ سۈت
قېرىندىشى بولغان فىئەيمامۇ ئۇنى ياخشى كۆردى ،دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىدى.
بۇ يېتىم باال ئۇالرنىڭ ئائىلسىگە بەرىكەت ئېلىپ كەلدى .ھەلىمەنىڭ يولدىشى بىر كۈنى
مۇنداق دېدى:
«ھەلىمە بۇ بالىنىڭ ئايىغى بىزگە بەك ياراشتى .ئۇ ئائىلىمىزگە ئاياق باسقاندىن
بۇيان ،ئۇالغلىرىمىزنىڭ سۈتى ۋە يېغى كۆپەيدى .ئۆيىمىزگە بەرىكەت ياغدى .قول-
ئىلكىمىزدە بولدى .مەن بۇ بالىنى باشقىچىرەك ھېس قىلىۋاتىمەن».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇ ئائىلىدە بەش يىل تۇرغاندىن كېيىن مەككىدىكى ئائىلىسىگە
ئېلىپ كېلىندى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ مەدىنىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى.
ئۇالرنى يوقالش ،ھەم ئوغلىغا دادىسى ئابدۇلالھنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ كېلىش ئۈچۈن
ئامىنە ئوغلى مۇھەممەد بىلەن بىللە مەدىنىگە باردى .مەدىنىدە بىر ئايدەك تۇرۇپ قالدى.
ئامىنە بالىسى ۋە خىزمەتكارى ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن بىرلىكتە مەككىگە قايتىش ئۈچۈن يولغا
چىقتى .كەچكە يېقىن ئەبۋا دېگەن يېزىغا يېتىپ كېلىپ ،كېچىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
ئامىنە ئۇ يەردە كېسەل بولۇپ قالدى .ئۇ بېشىدا قاراپ ئولتۇرغان يالغۇز ئوغلىنى
سۆيگۈ بىلەن قۇچاقالپ سۆيدى ،ھەسرەت بىلەن باغرىغا بېسىپ قايغۇردى .ئامىنە ۋاپات
بولىدىغانلىقى ۋە ئوغلىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،دۇنيا كۆزى بىلەن قايتا
كۆرۈشكە مۇيەسسەر بواللمايدىغان ئوغلىنىڭ يۈزىگە قاراپ مۇنداق دېدى:
«ھەر قانداق يېڭى نەرسە كونىرايدۇ ھەم يوقۇلىدۇ .مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىمەن .لېكىن غەم
قىلمايمەن .چۈنكى پاك بىر ئوغۇل تۇغدۇم .دۇنياغا ئۇلۇغ ،ياخشى بىر مەۋجۇدات قالدۇرۇپ
كېتىدىغان بولدۇم».
بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپال ئامىنە كۆزلىرىنى مەڭگۈلۈك يۇمدى .ئۇ چاغدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالم ئالتە ياشتا ئىدى .ئۇممۇ ئەيمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ئېلىپ مەككىگە
قايتتى.
ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ
ئۆز يېنىغا ئالدى .ئابدۇلمۇتتەلىپنىڭ ۋاپاتى يېقىنالشقاندا ،نەۋرىسىنى ئەبۇ تالىپقا تاپشۇرۇپ،
ئۇنىڭغا ياخشى قاراشنى ۋەسىيەت قىلدى .ئۇ ۋاقىتتا ،پەيغەمبىرىمىز سەككىز ياشتا ئىدى.
213
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئەبۇ تالىب ۋە ئايالى پاتىمە ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى قارىدى ،ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىدەك
سۆيۈپ ياخشى كۆردى.
ئوقۇشلۇق:
كەبىنىڭ ئالالھ تەرىپىدىن قوغدىلىشى...
كەبە ئالالھقا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە ياسالغان تۇنجى ئىبادەتخانا بولۇپ،
ئالالھنىڭ ئەمرى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسساالم بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسساالم
تەرىپىدىن بىنا قىلىندى .ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدىكى كەبە تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ
مۇقەددەسلىكىنى ساقالپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلدى.
ئىسالمدىن بۇرۇن كەبە بۇتقا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەر تەرىپىدىن بۇتالر بىلەن
تولدۇرۇلۇپ ،ياسىلىش مەقسىتىنىڭ سىرتىدا قوللنىلغانىدى-630 .يىلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ
مەككىنى فەتىھ قىلىشى بىلەن تەڭ كەبىدىكى بۇتالر چېقىپ تاشالندى.
ئىسالمدىن بۇرۇنقى مەككە ئەرەبلەرنىڭ سودا-تىجارەت مەركىزى بولۇپ ،ھەر يىلى
نۇرغۇن كىشىلەر كەبىنى زىيارەت قىلىشقا مەككىگە كېلەتتى.
ھەبەشىستاننىڭ يەمەندىكى ۋالىسى ئەبرەھە توپ-توپ بولۇپ كەبىنى زىيارەت
قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆز دۆلىتىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن سەنئا شەھرىگە چوڭ بىر
چىركاۋ سالدى .لېكىن كىشىلەر كەبىنى تاشالپ ئۇيەرگە بارمىدى .ئۇ سەۋەبتىن ئەبرەھە
كەبىنى ۋەيران قىلىۋېتىشنى قارار قىلىپ ،پىلالر بىلەن قورالالندۇرۇلغان نۇرغۇن ئەسكەر
بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ،مەككە ئەتراپىغا يېقىنالشتى .ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆپ
پىلالر سەپ بولۇپ تىزىلدى.
مەككىلىكلەرنىڭ بۇنداق زور قوشۇنغا تەڭ كېلىدىغان كۈچى يوق ئىدى .ئەبرەھەنىڭ
ئادەملىرى ئەرەبلەرگە تەۋە بولغان مال-ۋارانالرنى بۇالپ ،ئەبرەھەنىڭ يېنىغا ئەكەلدى.
بۇالپ ئەكەلگەن مالالرنىڭ ئىچىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپنىڭمۇ
100تۆگىسى بار ئىدى .مەككە خەلقى ئىچىدىن بىر ھەيئەت تەيىنلەپ ،ئەبرەھەنىڭ يېنىغا
مال-ۋارانلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن باردى ،ھەيئەت ئىچىدە ئابدۇلمۇتتەلىپمۇ بار ئىدى.
ئەبرەھە ئۇالرنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا ،ئابدۇلمۇتتەلىپ تۆگىلىرىنى
قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى دېدى .ئەبرەھە ئۇالرغا مۇنداق دېدى:
«مەن سىلەرنى كەبىنى ۋەيران قىلماسلىقىم ئۈچۈن يالۋۇرۇپ كېلىدۇ ،دەپ ئويلىغان
ئىدىم ،ئەمما سىلەر تۆگەڭالرنىڭ دەردىدە ئىكەنسىلەر».
ئابدۇلمۇتتەلىپ ئەبرەھەگە جاۋابەن مۇنداق دېدى:
«مەن تۆگىلەرنىڭ ئىگىسى ،ئۇالرنى قايتۇرىۋالىمەن .كەبىنىڭمۇ ئىگىسى بار ،ئۇنى
ئىگىسى قوغدايدۇ».
ئەبرەھە تۆگىلەرنى ئابدۇلمۇتتەلىپكە قايتۇرۇپ بېرىپ ،كەبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن
ھۇجۇمغا ئۆتتى .قۇشۇننىڭ ئالدىدا چوڭ بىر پىل بار ئىدى .كەبىگە يېقىنالشقانچە بۇ پىل
بىر قەدەممۇ ئالدىغا ماڭمىدى .پىلالر ئارقىغا بۇرۇلغاندا مېڭىپ ،كەبە تەرەپكە بۇرۇلغاندا
214
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىمەي جىم تۇرىۋالدى .قانچىلىك ھەپىلەشكەن بولسىمۇ ،پىلنى كەبە
تەرەپكە قاراپ ماڭغۇزۇش مۇمكىن بولمىدى.
بۇ جەرياندا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى .گۇرۇپ ھالىتىدە كەلگەن بىر توپ
قۇشالر ھاۋانى قاپالپ ،پىل قۇشۇنىنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇشقا باشلىدى .بۇ قۇشالرنىڭ ئېغىز ۋە
قاماقلىرىدا ئەكەلگەن تاش پارچىلىرى بومبىدەك ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىگە يېغىشقا باشلىدى.
تاش تەككەنال ئەسكەرنىڭ بەدىنى ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك
بىر قوشۇن قىسىقىال ۋاقىت ئىچىدە تارمار بولدى .كەبە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قالدى.
ئەبرەھە جېنىنى تەستە قۇتۇلدۇرۇپ دۆلىتىگە قايتىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيال ئۆلدى .ئابدۇل
مۇتتەلىپنىڭ دېگىنىدەك ،كەبىنى ئۇنىڭ ئىگىسى ئالالھ قوغدىدى.
ئىنسانالر قوغدىيالماي قالغان كەبىنى ۋەيران قىلىش ۋە باتىل ئېتىقادىنى داۋامالشتۇرۇش
ئارزۇسىدا بولغانالرنى ئالالھتائاال مۇشۇنداق جازاالپ ،كەبىنى ۋەيران قىلىشقا يول قويمىدى.
چۈنكى يېقىندا ئالالھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم دۇنياغا كېلەتتى.
-571يىلى مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەدىن 50كۈن كېيىنال پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسساالم دۇنياغا كەلدى.
سوئالالر:
( (1ئىسالمدىن بۇرۇنقى ئەرەبىستاننىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى؟
( (2مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
( (3مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم قەيەردە ،قاچان تۇغۇلغان؟ ئېنىكئانىسى كىم؟
( (4مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم تۇغۇلغان كېچە دۇنيادا قانداق ۋەقەلەر يۈز بەردى ۋە ئۇالر
نېمىدىن بېشارەت بەردى؟
( (5مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئىسمىنى كىم ،نېمە مەقسەتتە قويدى؟
( (6مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئاتا-ئانىسى قاچان ۋاپات بولدى؟
( (7مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىملەرنىڭ يېنىدا
چوڭ بولدى؟
215
ئىككىنچى
باب
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ياشلىقى ۋە ئۆيلىنىشى
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ سەپەرلىرى
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ تىجارەت ھاياتى
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ خەدىچە بىلەن ئۆيلىنىشى ۋە بالىلىرى
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ كەبىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى باشالمچىلىق
رولى
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ سەپەرلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى .بىر قېتىم
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىمۇ شام يېنىدىكى بۇسراغا بىللە ئېلىپ باردى .ئۇ يەردە بەھىرا
ئىسىملىك بىر خرىستىئان راھىب بىلەن ئۇچراشتى.
بەھىرا تەۋرات ،ئىنجىلدا سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ
ئاالمەتلىرىنى بۇ ئوغۇل بالىدا بايقىدى .شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تالىبقا بۇ بالىنى دەرھال مەككىگە
ئېلىپ كېتىشنى ،يەھۇدىالرنىڭ ئۇنىڭغا زىيان سېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى .ئەبۇ
تالىب بەھىرانىڭ بۇ تەكلىپى بويىچە شامغا بېرىشتىن ۋاز كېچىپ ،سودا-سېتىقىنى شۇ
يەردىال پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم 17ياشقا كىرگەندە تاغىسى زۇبەير بىلەن بىرلىكتە يەمەنگە
باردى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ تىجارەت ھاياتى
قۇرەيش مۆتىۋەرلىرىدىن تۇل ،باي بولغان خەدىچە ئىسمىدىكى بىر ئايال بەزىدە
كىملەرگىدۇر سەرمايە بېرىپ ،ئۆزىنىڭ تىجارىتىگە شېرىك قىلىۋاالتتى .خەدىچە مۇھەممەد
ئەلەيھىسساالمغىمۇ سەرمايە بېرىپ ،ئۇنى بىر سودا كارۋىنى بىلەن سۈرىيەگە يولغا
سالدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم سودىدا توغرا-دۇرۇس ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن زور
مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى .ئۇ باشالمچىلىق قىلغان سودا كارۋىنى ئويلىغىنىدىنمۇ نەچچە
ھەسسە پايدا ئېلىپ قايتتى .شۇنىڭ بىلەن خەدىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم بىلەن قىلغان
شېرىكچىلىكتىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ خەدىچە بىلەن ئۆيلىنىشى ۋە بالىلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم شام سەپىرىدىن قايىتقاندىن كېيىن قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ
مۆتىۋەر ۋە باي ئاياللىرىدىن بىرى بولغان خەدىچە بىلەن ئۆيلەندى .مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم
216
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
ئۇ ۋاقىتتا 25ياشتا بولۇپ ،خەدىچە 40ياشقا تولغان ئىدى .شۇنداق قىلىپ ،ئۇالر
بەختلىك بىر ئائىلە قۇردى
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئۈچ ئوغۇل ،تۆت قىز جەمئي يەتتە بالىسى دۇنياغا كەلدى.
بۇالردىن ئالتىسىنى خەدىچە رەزىيەلالھۇ ئەنھا ،بىرسىنى مارىيە رەزىيەلالھۇ ئەنھا تۇغدى.
ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى قاسىم ،ئابدۇلالھ ۋە ئىبراھىم ئىدى .قىزلىرى زەينەپ ،رۇقىيە،
ئۇممۇگۇلسۇم ۋە فاتىمە ئىدى .قاسىم بىلەن ئابدۇلالھ پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن،
مەككىدە كىچىكال دۇنيادىن كەتتى .ئىبراھىم بولسا ھىجرەتتىن كېيىن مەدىنىدە تۇغۇلۇپ،
شۇ يەردە كىچىكال ۋاپات بولدى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭىيىپ،
ئۆيلۇك-ئوچاقلىق بولدى .فاتىمەدىن باشقا ئۈچ قىزى پەيغەمبىرىمىزدىن بۇرۇن ۋاپات
بولدى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋالتلىرى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەلالھۇ ئەنھۇ بىلەن توي
قىلغان قىزى فاتىمە بىلەن داۋامالشتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ كەبىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى باشالمچىلىقى
مەككىلىكلەر بەزى يەرلىرى كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەبىنى ئوڭشاشقا
باشلىدى .تاملىرى پۈتۈپ ،نۆۋەت «ھەجەرۇل-ئەسۋەد» نامىدىكى مۇقەددەس قارا تاشنى
تام ئۈستىدىكى يېرىگە قويۇشقا كەلگەندە ،بارلىق قەبىلىلەر بۇ شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن
ئادىتى بويىچە بەسلەشتى .ھەتتا بۇ سەۋەبتىن ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەسلىك،
جېدەل-ماجرا چىقىشقا باشالپ ئىش چوڭىيىشقا باشلىدى .نەتىجىدە بۇ ئىشنى ئادىل بىر
تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ۋە توغرا-دۇرۇس بولغانلىقىغا ئۆزلىرى بىردەك ئىشەنگەن
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ باشالمچىلىق قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغانلىقى
ھەققىدە كېلىشىپ ،بىردەك قارار بەردى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم «ھەجەرۇل ئەسۋەد» تېشىنى بىر رەخت ئۈستىگە قويۇپ،
رەختنىڭ ھەر بىر ئۇچىنى ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرىغا تۇتقۇزۇپ ،تاشنى بىرلىكتە تامنىڭ
ئۈستىگە قويدى .مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم تاشنى مۇبارەك قوللىرى بىلەن تام ئۈستىدىكى
ئۆز-جايىغا قويدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەممە قەبىلىنى رازى ۋە
خۇشال قىلدى .شۇنىڭ بىلەن چوڭ بىر مەسىلە تىنچ ئۇسۇلدا ھەل بولدى .بۇ ۋەقە يۈز
بەرگەن ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم 35يېشىدا ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ناھايىتى سەمىمىي ،توغرا-دۇرۇس
ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئەخالققا ئىگە ئىدى .بۇ ئاالھىدىلىكى تۈپەيلى خەلق ئارىسىدا
«مۇھەممەدۇل ئەمىن» ،يەنى «ئىشەنچلىك مۇھەممەد» دەپ ئاتىلىپ ،كىشىلەرنىڭ
سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى .پاك ،نەمۇنە ھاياتى بىلەن قەۋمى ئىچىدە،
پارالق بىر يۇلتۇزدەك چاقنىدى .ئالالھتائاال ئۇنى مۇشۇنداق تەربىيلەپ ،گۈزەل ئەخالقى-
پەزىلەتكە ئىگە قىلدى .چۈنكى ئالالھتائاال ئۇنى ئىنسانالرنى نادانلىق ،غەپلەت ۋە خاتا
يولدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغانىدى.
217
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
سوئالالر:
( (1پەيغەمبىرىمىز بالىلىق ۋە يىگىتلىك چېغىدا قەيەرلەرنى ساياھەت قىلدى؟
( (2پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم كىم بىلەن قاچان ئۆيلەندى؟
( (3پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ قانچە بالىسى بولدى؟
( (4پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ كەبىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى باشالمچىلىق
رولىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (5پەيغەمبىرىمىزنىڭ «مۇھەممەدۇل ئەمىن» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
218
ئۈچىنچى
باب
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ پەيغەمبەر بولۇشى ۋە مەخپى دەۋەت
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•تۇنجى ۋەھىي (مىالدى -610يىل)
•فەترەت دەۋرى
•ئىسالم دەۋىتىنىڭ باشلىنىشى
•تۇنجى مۇسۇلمانالر
•ھەبەشىستانغا قىلىنغان تۇنجى ھىجرەت
•ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمانالرغا بولغان پوزىتسىيسى
تۇنجى ۋەھىي (مىالدى -610يىل)
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم 40يېشىغا كەلگەندە ،ئۇنىڭدا بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە
باشلىدى .ئۇ يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈكىنى بىللە ئېلىپ ،مەككە ئەتراپىغا جايالشقان ھىرا
تېغىدىكى غارغا كىرىپ تۇردى .ئۇ يەردە ئۆزى يالغۇز كۈنلەرچە ئالالھنىڭ ئۇلۇغلۇقى
ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزدى .چۈشىدە نېمە كۆرسە ،ئۇ رېئاللىققا ئايلىناتتى .ھېچكىم
كۆرەلمىگەن ،بىلەلمىگەن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ،ئوپ-ئوچۇق كۆردى .بۇ ئەھۋال ئالتە
ئايدەك داۋامالشتى .ئالالھتائاال مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى مۇشۇنداق تەربىيلەش ئارقىلىق
ئۇنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەييارلىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مىالدى -610يىلى رامىزان ئېيىنىڭ بىر يەكشەنبە كېچىسى
يەنە ھىرا تېغىدىكى غارغا كىردى ،پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئالالھقا سېغىنىپ ،ئۇنىڭغا
يۈزلەندى .شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە جىبرائىل ئەلەيھىسساالم كۆزىگە كۆرۈنۈپ:
ئوقۇ -دېدى.مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم:
مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن - ،دەپ جاۋاب بەردى.جىبرائىل ئەلەيھىسساالم ئىككىنچى قېتىم «ئوقۇ!» دەپ بۇيرۇق قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم يەنە
مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن - ،دېدى.جىبرائىل ئەلەيھىسساالم ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىم« :ئوقۇ!» دېگەندە ،مۇھەممەد
ئەلەيھىسساالم «نېمىنى ئوقۇيمەن؟» دەپ سورىدى .ئۇ چاغدا جىبرائىل ئەلەيھىسساالم
قۇرئان كەرىم ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئورۇن ئالغان تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشنى
ئېيتتى:
«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن .ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن
ياراتتى .ئوقۇغىن ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر .ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى)
ئۆگەتتى .ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى».
219
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا تۇنجى ۋەھي كېلىپ ،قۇرئان نازىل بولۇشقا
باشلىدى .كېيىن پەرىشتە غايىپ بولدى .بۇ ئوقۇلغان ئايەتلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەلبىگە
يېزىلغاندەكال ،ئۆزىمۇ ئۇالرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم تۇنجى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋەھىي ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقى،
ۋەزىپىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئۆزى ھېس قىلغان زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدە،
ئۆيگە ئارانال قايتىپ كەلدى .بېشىدىن بولۇپ ئۆتكەنلەرنى خەدىچىگە بىرنىمۇ قويماي
سۆزلەپ بەردى .خەدىچە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ياخشى بوپتۇ! چىداملىق بول .ماڭا ھاياتلىق بەرگەن ئالالھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
سەن بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرى بولىسەن ،ئالالھتائاال سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ .چۈنكى
سەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ھەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىسەن ،سۆز-ھەرىكىتىڭدە توغرا-
دۇرۇس ھەم سەمىمىي سەن ،ئاجىزالرغا ياردەم قىلىسەن ،مېھماننى ياخىشى كۈتىسەن،
پاالكەتكە ئۇچرىغانالرغا ياردەم بېرىشكە ئالدىرايسەن .ئالالھتائاال بۇنداق بەندىسىنى
ھەرگىزمۇ يالغۇز تاشالپ قويمايدۇ».
فەترەت دەۋرى
ئەلەق سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى بەش ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ۋەھي بىر مەزگىل
توختاپ قېلىپ ،جىبرائىل ئەلەيھىسساالم كۆرۈنمىدى .ئۇ مەزگىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا
ۋەھي نازىل بولۇشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىۋېلىشقا بېرىلگەندەكال قىالتتى .شۇنىڭ
بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئىالھىي ۋەھىينىڭ قايتا نازىل بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇالپ،
ئۇنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارالندى.
جىبرائىل ئەلەيھىسساالم مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا قايتا كۆرۈندى ۋە مۇددەسسىر
سۈرىسنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنى ئېلىپ كەلدى .بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق:
«ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كېيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) ،تۇر!
(ئىنسانالرنى) ئالالھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھالندۇر .پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغال .كىيىمىڭنى
پاك تۇت .ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشالردىن) يىراق بول».
شۇنىڭدىن كېيىن ۋەھىينىڭ نازىل بولۇشى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋامالشتى ،ۋەھىي داۋام
قىلىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىم 23يىلدا پۈتۈنلەي نازىل بولۇپ تامامالندى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ،تۇنجى ۋەھىيدىن كېيىن ئۆتكۈنچى بىر ۋاقىت ۋەھىي ئۈزۈلۈپ
قالدى ،بۇ مەزگىل «ۋەھىينىڭ فەترەت دەۋرى» دەپ ئاتالدى.
ئىسالم دەۋىتىنىڭ باشلىنىشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم ۋەھينىڭ نازىل بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ،پەيغەمبەرلىك
ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ،ئاۋۋال يېقىنلىرىغا ئېيتىپ ،ئۇالرنى ئىسالمغا دەۋەت قىلدى.
دەسلەپكى مۇسۇلمانالر ئىبادەتلىرىنى مەخپى قىلدى .بۇ ئەھۋال ئۈچ يىلدەك داۋامالشتى.
بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمان بولغانالرنىڭ سانى 30دىن ئاشتى.
220
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
تۇنجى مۇسۇلمانالر
پەيغەمبىرىمىزگە ئاۋۋال سادىق ئايالى خەدىچە ،ئاندىن كېيىن ئەلى ،ئەركىنلىككە
ئېرشكەن قۇل زەيد بىن ھارىس ۋە چوڭالردىن ئەبۇبەكرى قاتارلىقالر ئىمان ئېيتىپ
مۇسۇلمان بولدى.
ھەبەشىستانغا قىلىنغان تۇنجى ھىجرەت
مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قىلغان زۇلمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرالشتى .مۇسۇلمانالر
ئىبادەتلىرىنى ئەركىن-ئازادە قىاللمىدى ،ئوچۇق-ئاشكارا قۇرئان ئوقۇيالمىدى .شۇ
سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم مۇسۇلمانالرنىڭ ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر دەپ قارىغان
ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم پەيغەمبەرلىكىنىڭ بەشىنچى يىلى 11ئەر ۋە 4ئايالدىن
تەشكىل تاپقان تۇنجى بىر گۇرۇپپا كىشى مەككىدىن مەخپى يولغا چىقىپ ،قىزىل
دېڭىز يولى بىلەن ھەبەشىستانغا باردى .ئۇالرنىڭ ئارىسىدا ئوسمان ۋە ئۇنىڭ ئايالى،
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى رۇقىيەمۇ بار ئىدى .ئۇ يەردە مۇسۇلمانالر قىزغىن قارشى ئېلىنىپ
بىخەتەر ۋە بەختلىك بىر تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
تۇنجى قېتىم ھەبەشىستانغا بارغان مۇسۇلمانالرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى
ئاڭلىغان مۇسۇلمانالر 80كىشلىك ئىككىنچى بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ،بىر يىلدىن كېيىن
يەنە ئۇ يەرگە ھىجرەت قىلىپ باردى .ئۇالرغا ئەلىنىڭ قېرىندىشى جاپەرى تەييار باشچىلىق
قىلدى.
ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ مۇسۇلمانالرغا تۇتقان پوزىتسىيسى
مەككىلىك
مۇشرىكالر
مۇسۇلمانالرنىڭ
ھەبەشىستاندا
ھوزۇر-ھاالۋەت
ئىچىدە
ياشىشىدىن بىئارام بولۇشقا باشلىدى .ئۇالرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن ھەبەش پادىشاھى
نەجاشىغا نۇرغۇن ھەدىيەلەر بىلەن بىللە ئىككى كىشىلىك بىر ئەلچى ئەۋەتتى .ئەلچىلەر
مۇسۇلمانالرنىڭ ئۆزلىرىگە تەسلىم قىلىنىپ ،قايتۇرۇلىشىنى نەجاشىدىن تەلەپ قىلدى.
خرىستىئان نەجاشى مۇسۇلمانالرنى ئالدىغا چاقىرتىپ ،ئىسالم ھەققىدە مەلۇمات ئالدى .ھەر
ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى تەپسىلى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانالرنى ھەقلىق كۆرۈپ،
ئۇالر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇالرنى تاپشۇرۇپ بەرمىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەر قولى بوش ھالدا
مەككىگە قايتىپ كەلدى.
ئۇ ئىشتىن كېيىن نەجاشى مۇسۇلمانالرنى تېخىمۇ ياخشى ھىمايە قىلدى .مۇسۇلمانالر
بىلەن ھەبەشىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىمۇ ياخشى چىقىشىپ ئۆتتى.
221
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
سوئالالر:
)1مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا تۇنجى ۋەھىي قانچە يېشىدا ،قاچان ۋە قەيەردە نازىل
بولدى؟
)2فەترەت دەۋرى دېگەن نېمە؟
)3ئىسالمغا تۇنجى قېتىملىق دەۋەت قانداق باشالندى؟
)4دەسلەپكى مۇسۇلمانالر كىملەر؟
)5مۇسۇلمانالر ھەبەشىستانغا نېمە ئۈچۈن ھىجرەت قىلدى؟
)6مۇسۇلمانالر ھەبەشىستاندا قانداق قارشى ئېلىندى؟
222
تۆتىنچى
باب
دەۋەتنىڭ ئاشكارا قىلىنىشى
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•ئىسالمغا دەۋەت قىلىشنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى
•مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قىلغان زۇلمى
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالر
•قۇرەيشنىڭ ئىسالمغا دۈشمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
•مۇشرىكالرنىڭ ئەبۇ تالىبقا قىلغان ئەرز-شىكايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇالرغا
بەرگەن جاۋابى
•ھەمزە ۋە ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
ئىسالمغا دەۋەت قىلىشنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى
پەيغەمبىرىمىز ئىسالمغا دەۋەت قىلىشنى ئۈچ يىل مەخپى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،
تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن خەلقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىسالمغا دەۋەت قىلىشقا
باشلىدى:
"يېقىن خىش–ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھالندۇرغىن .ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە
مۇاليىم بولغىن .ئەگەر خىش ـ ئەقرىبالىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا« :مەن سىلەرنىڭ
قىلمىشلىرىڭالردىن ھەقىقەتەن ئادا-جۇدا مەن» دېگىن-26( 139".سۈرە شۇئەرانىڭ -214
-216ئايەتلىرى)
«ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا
قويغىن ،مۇشرىكالر(نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغن-15( 140».سۈرە ھىجرنىڭ -94
ئايىتى)
بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبىرىمىز ئاۋۋال يېقىنلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ زىياپەت بەردى .ئالالھتىن
ئالغان ئەمىر-پەرمانالرنى تەبلىغ قىلىپ ،ئۇالرنى ئىسالمغا دەۋەت قىلدى .تاغىسى ئەبۇ
لەھەب پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىقىپ ،توپالنغانالرنى تارقىتىۋەتتى.
بۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز دەۋىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن
سەفا چوقىسىغا چىقىپ ،ئۇ يەردە پۈتكۈل مەككە خەلقىگە خىتاب قىلدى ،ئاۋازنى ئاڭلىغان
كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپالندى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم توپالنغانالرغا:
سىلەرگە ئاۋۇ چوقىنىڭ ئارقىسىدا ،دۈشمەن ئەسكىرى بارلىقىنى دېسەم سىلەر ماڭائىشىنەمسىلەر؟ -دەپ سورىدى.
ھەممى كىشى تەڭال:
« .139قۇرئان كەرىم» ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ،مۇھەممەد سالىھ.
.140يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
223
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئىشىنىمىز ،چۈنكى سېنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىڭنى ھېچ ئاڭالپ باقمىدۇق- ،دېيىشتى.
پەيغەمبىرىمىز ئۇالرغا مۇنداق دېدى:
«ئۇنداق بولسا بىلىڭالركى ،ئالالھ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىدى .ماڭا پەرىشتىنىڭ
ۋاستىسى بىلەن ئۆز سۆزىنى يەتكۈزدى .ئىنسانالرنى ھەق دىن بولغان ئىسالمغا دەۋەت
قىلىشىمنى بۇيرىدى .ئالالھ پەقەت ۋە پەقەت بىر ،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ قانداق ئىالھ
يوقتۇر .مەن ئالالھنىڭ سىلەرگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانالرغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى بولىمەن».
ئۇ يەردە ئولتۇرغان ئەبۇ لەھەب ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ،پەيغەمبىرىمىزگە قارشى
ئەدەبسىزلىك قىلدى .شۇنىڭ بىلەن يېغىلغانالر يەنە تارقىلىپ كەتتى ،پەيغەمبىرىمىز يەنە
كۆڭۈلدىكىدەك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
مۇشرىكالرنىڭ مۇسۇلمانالرغا قىلغان زۇلۇملىرى
مۇسۇلمانالرنى ئۆز دىنىدىن ياندۇرۇش ۋە ئىسالمنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن
مۇشرىكالر مۇسۇلمانالرغا قارىتا زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى ،ئەتراپتا ھەر خىل زورلۇق-زومبۇرلۇق
ۋە قىيىن-قىستاقالر كۆرۈلدى.
ئىسالمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولغان ئۇمەييە ئىبنى خەلەف بىالل
ھەبەشىنى پىژ-پىژ ئىسسىقتا قۇمغا ئوڭدا ياتقۇزۇپ ،كۆكسىنى تاش بىلەن باستۇرۇپ:
ئەگەر مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كەچمىسەڭ ،سېنى مۇشۇنداق ئۆلتۈرىمەن - ،دەپتەھدىت قىلدى ،ئۇنىڭدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ،بىاللنىڭ بوينىنى يىپ بىلەن
باغالپ ،مەككىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە سۈر-توقاي قىلدى .بۇ ۋەھشىي قىيىن-
قىستاقالر ئىچىدە بىالل «ئالالھ بىر ،ئالالھ بىر» دەپ نىدا قىلدى .ئەبۇ بەكرى رەزىيەلالھۇ
ئەنھۇ بىاللنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلىپ ،زالىم ئۇمەييەنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقازدى.
دەسلەپكى مۇسۇلمانالردىن ئەممار بىن ياسىر ،پىژ-پىژ ئىسسىق قۇم ئۈستىدە يالىڭاچ
ھالدا ياتقۇزۇلۇپ ،ئايلىنىپ كەتكۈچە ئۇرۇلدى .ئانىسى سۇمەييە تاياق زەربىسىدە ئەبۇ
جەھىل تەرىپىدىن قانغا مىخالنغىچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى ،دادىسى ياسىرمۇ مۇشرىكالرنىڭ
قىيىن-قىستاقلىرى نەتىجىسىدە جان بەردى .لېكىن ياسىر بىلەن ئايالى سۇمەييە تۇنجى
شېھىتلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
يەنە ھەبباب بىن ئەرەت كۆيۈۋاتقان قىپ-قىزىل كۆمۈرنىڭ ئۈستىدە ياتقۇزۇلۇپ،
ئەبۇ فۇكايھانىڭ پۇتى يىپ بىلەن باغلىنىپ ،قىززىق قۇم ئۈستىدە سۆرۈلۈپ ،ئېتىقادى
سەۋەبىدىن چىدىغۇسىز رىيازەتلەرنى چەكتى .بۇالردىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمانالر
مۇشرىكالرنىڭ ئېغىر زۇلمىغا ئۇچرىدى .شۇنداق بولسىمۇ ،ھەقىقىي ئىمان ئىگىلىرى قىيىن-
قىستاقالردىن قورقۇپ قالماي ،ئىسالمدىن ھېچبىر ۋاقىت يانمىدى.
ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىسالمغا قىلغان ئەڭ چوڭ خىزمەتلىرىدىن بىرى ،مۇسۇلمان بولغانلىقى
تۈپەيلىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان نۇرغۇن قۇلالرنى سېتىۋېلىپ ،ئازاد قىلىشىدۇر.
224
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالر
مۇشرىكالر پەيغەمبىرىمىزگە ۋە مۇسۇلمانالرغا رىيازەت يەتكۈزۈشتىن ،زۇلۇم قىلىشتىن
قىلچىمۇ بوشاپ قالمىدى.
پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالر:
( (1ئەبۇ لەھەب :پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز تاغىسى بولۇشىغا قارىماي ،ئىسالمنىڭ ئەڭ
چوڭ دۈشمىنى بولۇپ ،بىرىنچى كۈنىدىن باشالپال پەيغەمبىرىمىزگە قارشى تۇردى .ئايالىمۇ
پەيغەمبىرىمىز ئۆتىدىغان يولغا پۇرسەت تاپسىال تىكەن قويۇپ قويدى .تەببەت سۈرىسى
بۇ ئىككىسى ئۈچۈن نازىل بولدى .ئەبۇ لەھەب بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانالرنىڭ غەلبە
قازانغانلىقىنى ئاڭالپال ئاچچىغىدا ھەسەتتىن ئۆلدى.
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئوغلى ئۇتەيبە بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ ،ياقىسىدىن
تۇتۇپ كۆينىكىنى يىرتىۋەتتى .پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بۇ قېلىقىدىن كۆڭلى قاتتىق يېرىم
بولۇپ «ئەي رەببىم! ئۇتەيبىگە ھايۋانلىرىڭدىن بىرىنى ئەۋەتكىن» دەپ دۇئا قىلدى.
ئالالھ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ ،ئۇتەيبە شامغا كېتىۋاتقاندا،
ئالدىغا بىر شىر چىقىپ ئۇنى پارچىلىدى .شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرگە قىلغان ھاقارەتنىڭ
جازاسىنى تارتتى.
( (2ئەبۇ جەھىل :پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالرنىڭ بېشىدا بولۇپ،
مۇسۇلمانالرغا ئەڭ كۆپ زۇلۇم سالدى .ئەممار بىن ياسىرنىڭ ئانىسىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن
ئۆلتۈردى .ئۇمۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلۈپ جازاسىنى تارتتى.
( (3ئاس بىن ۋائىل :پەيغەمبىرىمىزگە دۈشمەنلىك قىلىشتا ئالدىدا ماڭغان بۇ كىشى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغلى قاسىم ئۆلگەن چاغدا «مۇھەممەدنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇپ كەتتى» دەپ
مەسخىرە قىلىپ ،بالىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم
قىلدى.
كەۋسەر سۈرىسىدىكى «ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ».
(-108سۈرە كەۋسەرنىڭ -3ئايىتى) دېگەن ئايەت بۇ سەۋەبتىن نازىل بولدى .ئاس بىن ۋائىل
مەككە ئەتراپىدىكى بىر تاغ باغرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ،مىنگەن تۆگىسى ئۇنى يەرگە
تاشلىۋېتىش بىلەن پۇتى يارىلىنىپ ئۆلدى.
( (4ۋەلىد بىن مۇغىرە
( (5ئۇمەييە ئبنى خەلەف
( (6ئۇتبە بىن رەبىئەمۇ پەيغەمبىرىمىزگە دۈشمەنلىك قىلغانالرنىڭ ئالدىدا ماڭغانالر
بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قۇرەيشنىڭ ئىسالمغا دۈشمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
( (1ئىسالم سىنىپ ،تەبىقە پەرقىنى يوقىتىپ ،ئىنسانالرنىڭ بىر تاغاقنىڭ چىشىغا
ئوخشاش باراۋەر ئىكەنلىكى ،قۇل بىلەن خۇجايىننىڭ ئالالھ ئالدىدا بىر ئىكەنلىكىنى ئېالن
225
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
قىلدى .قۇرەيشنىڭ مۆتىۋەرلىرى بۇ باراۋەرلىكنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئىمتىيازلىرىنىڭ قولدىن
كېتىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىسالمغا دۈشمەن بولدى.
( (2ئەرەبلەرنىڭ سودا-تىجارەت مەركىزى مەككە بولۇپ ،كەبىنىڭ ئىچىدە 360قا
يېقىن بۇت بار ئىدى .ئەرەبلەر تىجارەتچىلەرنى كەبىگە جەلىپ قىلغان نەرسىنىڭ بۇت
ئىكەنلىكىنى ،ئىسالم بۇتالرنى يوق قىلسا مەككىگە ھېچكىمنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ،ھاياتىنى
قامداش ئۈچۈن بولۇۋاتقان سودا-تىجارەتنىڭمۇ يوق بولىدىغانلىقىنى ئويلىغانىدى.
( (3ئەرەبىستاندا ئەسىرلەردىن بۇيان بۇتالرغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان ئىدى.
ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىر-بىرىدىن ئايرىشتا قىينالغان نادان مىللەتلەر ئاتا-
بوۋىلىرىدىن قالغان نەرسىلەردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ-دە ،ئەتراپىدىكىلەرگە دۈشمەن
بولىدۇ .شۇڭا ئىسالم ئەرەبلەر كۆنگەن بۇتقا چوقۇنۇش ئادىتىنى يوقۇتۇپ ،بىر ئالالھقا
ئېتىقاد قىلىشنى ئېلىپ كەلدى.
( (4ئەرەبلەردە خەلققە باشلىق بولۇش ئۈچۈن الياقەت ،پەزىلەت ۋە قابىلىيەت تەلەپ
قىلىنمايتتى .پەقەتال ئىككى شەرت تەلەپ قىلىناتتى .بىرى ،بايلىق ،ئىككىنچىسى بولسا
كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمدا ئۇ ئىككى شەرت يوق بولغاچقا ،بىز ئۇنى ئۆزىمىزگە يېتەكچى
قىاللمايمىز دېيىشەتتى .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاشىمىيلەر بىلەن ئەمەۋىلەر ئارىسىدا
بۇرۇندىن تارتىپال داۋاملىشىپ كەلگەن قەبىلە رەئىسلىگىنى تالىشىش رىقابىتى بار ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن بولغاچقا ،ئۆزىگە ئەڭ
كۆپ دۈشمەنلىك قىلغانالرنىڭ كۆپنچىسى ئەمەۋىيلەردىن ئىدى.
مۇشرىكالرنىڭ ئەبۇ تالىبقا قىلغان شىكايەتلىرى
تاغىسى ئەبۇ تالىب پەيغەمبىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى .ئىسالمنىڭ تارقىلىشىدا
جىيەنىگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىپ ،ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھىمايە قىلدى .مۇشرىكالرنىڭ
مۆتىۋەرلىرى ئەبۇ تالىبقا شىكايەت قىلىپ« :يا جىيەنىڭنى ئىسالمغا دەۋەت قىلىشىدىن ۋاز
كەچتۈرگىن ياكى بولمىسا ئۇنى ھىمايە قىلىشتىن ۋاز كەچ» دەپ ،ئۇنىڭغا تەھدىت
قىلدى.
ئەبۇ تالىب ئەھۋالنى جىيەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا دېگەندە ،ئۇ مۇنداق جاۋاب
بەردى« :مەن ئالالھ تەرىپىدىن ھەق دىننى تەبلىغ قىلىشقا تەيىنلەندىم .مەن ئۆز ئىختىيارىم
بىلەن بىر ئىش قىلمايۋاتىمەن ،مەن ئالالھنىڭ ئەلچىسى .ئەي تاغا! ئۇالر مېنى بۇ ئىشتىن
ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى ،سول قولۇمغا ئاينى تۇتقازسىمۇ بۇ ۋەزىپىنى
ھەرگىز تاشلىمايمەن».
ئەبۇ تالىب بۇ جاۋابنى ئاڭالپ« :سەن ئىشىڭنى داۋامالشتۇرغىن ئوغلۇم ،مەن ساق-
ساالمەت بولسامال ،ئۇالر ساڭا بىر نەرسە قىاللمايدۇ» دەپ ،پەيغەمبىرىمىزنى قوغداشنى
داۋامالشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
226
تۆتىنچى بۆلۈم :تەرجىمىھال
ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
پەيغەمبىرىمىز بارلىق قارشىلىقالرغا پىسەنت قىلماي ۋەزىپىسىنى داۋامالشتۇردى،
مۇسۇلمانالرنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.
پەيغەمبەرلىكنىڭ ئالتىنچى يىلى بىر كۈنى سافا چوقىسىدا ئولتۇرسا ،ئۇ يەردىن
ئۆتۇپ كېتىۋاتقان ئەبۇ جەھىل پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلىدى .ئۇنىڭ بۇ ئەخالقسىزلىقىغا
پەيغەمبىرىمىز الم-جىم قىلمىدى .بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرگەن بىر ئايال بۇ ئەھۋالنى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەمزىگە يەتكۈزدى .ھەمزە تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى.
لېكىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا قىلىنغان بۇ ھاقارەتكە ئاچچىقلىنىپ ،دەرھال قۇرەيش
مۇشرىكلىرى توپالنغان يەرگە بېرىپ ،ئەبۇ جەھىلگە خىتاپ قىلىپ:
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Temel Dini Bilgiler - 14
  • Büleklär
  • Temel Dini Bilgiler - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3297
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    27.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3398
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3365
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1482
    30.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3446
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1587
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1373
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 866
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3632
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
    28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3427
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1569
    27.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3178
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1584
    27.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3244
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1675
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3459
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3494
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3421
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1599
    29.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 4279
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1964
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 1463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 604
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.