Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3574
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
چاشگاھ ۋاقتىغىچە شۇ كۈننىڭ روزىسىغا نىيەت قىلسا بولىدۇ .پەقەت زولۇق ۋاقتى توشقاندىن
كېيىن ،روزىنى بۇزىدىغان بىر ئىش قىلمىسىال بولىدۇ.
ئەگەر زولۇققا تۇرۇشنى خالىمىغان بىر كىشى ،كېچىسى ئەتىنىڭ روزىسىغا نىيەت
قىلىۋېلىپ ،ئەتىسى قايتا نىيەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ .زولۇققا تۇرغان بىر كىشى ،روزىغا نىيەت
قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ،ئۇ كىشىمۇ چاشگاھ ۋاقتىغىچە قايتا نىيەت قىلسا بولىدۇ.
كېچكىپ نىيەت قىلغانالرنىڭ روزىسىدا ھېچبىر كەمتۈكلۈك بولمايدۇ .چاشگاھ ۋاقتىدىن
كېيىن روزىغا نىيەت قىلىنمايدۇ .رامىزان ئېيىدا تۇتۇلمىغان روزىغا ،باشقا ۋاقىتتا قازاسىنى
تۇتقاندا ،ئۇنىڭغا كېچىسى نىيەت قىلىش كېرەك .كەففارەت روزىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ،
زولۇق ۋاقتى تۈگىگەندىن كېيىن نىيەت قىلىنمايدۇ.
« .68ئەت-تەرغىب ۋەتتەرھىب»-2 ،جىلد-81 ،بەت.
142
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
نىيەت ئاساسەن چىن يۈرەكتىن بولىدۇ ،كىچىسى ئەتە روزا تۇتىمەن دەپ كۆڭلىدە
ئويلىغان كىشى ،نىيەت قىلغان بولىدۇر .روزا تۇتۇش خىيالى بىلەن زولۇققا تۇرغان
كىشىنىڭ ئۇ خىيالىمۇ نىيەت بولىدۇ .روزىغا يۈرەكتىن نىيەت قىلىش يىتەرلىك .لېكىن
قەلبتىن قىلىنغان ئۇ نىيەتنى تىل بىلەن ئىپادىلىسە تېخىمۇ ياخشى .بۇ سەۋەبتىن ،روزا
تۇتىدىغان كىشى ھەم كۆڭلىدە نىيەت قىلىش ھەم تىلى بىلەن «نىيەت قىلدىم ،رامىزان
شەرىفنىڭ ئەتىكى روزىسىنى تۇتۇشقا» دېيىشى كېرەك.
روزىنىڭ تۈرلىرى
روزا 6خىل بولۇپ:
( (1پەرز بولغان روزىالر :رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ،رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنى
باشقا كۈنلىرى قازا قىلىپ تۇتۇش ،كەففارەت روزىسى پەرزدۇر.
( (2ۋاجىب بولغان روزىالر :ئاداق روزىسى بىلەن بۇزۇلغان نەپلە روزىنىڭ قازاسىنى
تۇتۇش ۋاجىبتۇر.
( (3سۈننەت بولغان روزىالر :مۇھەررەم ئېيىنىڭ 11 ،10 ،9ۋە -13كۈنلىرى روزا
تۇتۇش سۈننەتتۇر.
( (4مۇستەھەب بولغان روزىالر :قەمەر ئېيىنىڭ 14 ،13ۋە -15كۈنلىرى بىلەن ھەر
ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ،رامىزاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا 6كۈن روزا
تۇتۇش مۇستەھەبتۇر.
( (5مەكرۇھ بولغان روزىالر :مۇھەررەم ئېيىنىڭ پەقەت -10كۈنى بىلەن تاق جۈمە
كۈنى ،تاق شەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر.
( (6ھارام بولغان روزىالر :روزا ھېيتنىڭ -1كۈنى بىلەن قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىنقى 4
كۈنى روزا تۇتۇش ھارامدۇر .چۈنكى بايرام كۈنلىرى ئالالھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان
زىياپەت كۈنى بولۇپ ،ئالالھنىڭ زىياپىتىدىن قېچىش ياخشى ئەمەس.
رامىزان روزىسىنى باشقا ۋاقىتتا تۇتۇشقا يول قويغان سەۋەبلەر:
سەۋەپسىز ھالەتتە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماسلىق ھەم گۇناھ ھەمدە جازاسى بار .لېكىن
بىر كىشى تۆۋەندىكى ئەھۋالدا رامىزان روزىسىنى تۇتمىسىمۇ ياكى تۇتقان روزىسىنى بۇزسىمۇ
بولىدۇ.
( (1كېسەل بولۇش :بىر كېسەل روزا تۇتقان ھالدا ،كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشى ياكى ئۇزىراپ
كېتىشىدىن ئەنسىرىسە روزا تۇتمىسا بولىدۇ .كېسىلى ياخشىالنغاندىن كېيىن تۇتالمىغان
روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ.
( (2سەپەرگە چىقىش :رامىزان ئېيىدا ئەڭ ئاز 90كېلومىتىر مۇساپە سەپەرگە چىققان
كىشى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ .سەپەر ئاخىرالشقاندىن كېيىن تۇتمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى
تۇتىدۇ .ئەگەر روزا تۇتۇشقا بىر قىيىنچىلىق بولمىسا ،يولۇچىنىڭ روزا تۇتىشى تېخىمۇ
ياخشى.
143
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
( (3ئېغىر كېلىش :روزىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۆلۈم ياكى بەدىنىگە زىيان-زەخمەت
بېرىش بىلەن تەھدىت قىلىنغان كىشى روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ.
( (4ھامىلە ۋە باال ئېمىتىۋاتقان بولۇش :ھامىلە ياكى باال ئېمىتىۋاتقان بىر ئايال روزا
تۇتىۋاتقان بولسا ،ئۆزىگە ياكى بالىسىغا زىيان-رەخمەت كېلىشىدىن ئەندىشە قىلسا روزا
تۇتمىسىمۇ بولىدۇ .ھامىلىلىك ۋە باال ئېمىتىش ئەھۋالى تۈگىگەندە ،تۇتمىغان روزىسىنى
قازا قىلىپ تۇتسا بولىدۇ.
( (5قاتتىق ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق :روزا تۇتقان بىر كىشى ئاچلىق ياكى ئۇسسۇزلۇق
سەۋەبىدىن كەيپىياتى بۇزۇلۇپ ياكى بەدىنىگە ئېغىر بىر زىيان-زەخمەت كېلىشتىن ئەندىشە
قىلسا روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ .كېيىن مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى
تۇتىشى كېرەك.
( (6قېرىلىق ۋە ئاجىزلىق :بەدىنى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزالشقان ۋە روزىغا بەرداشلىق
بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە قېرىغان كىشى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ .ئۇالر كېيىن روزىسىنىڭ
قازاسىنى تۇتمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن فىدىيە بېرىدۇ.
فىدىيە
روزا تۇتۇشقا كۈچ-قۇۋۋىتى يەتمىگەن ياشانغانالر بىلەن ياخشىلىنىشقا ئۈمىد بولمىغان
كېسەللەر ،رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كۈنى ئۈچۈن فىدىيە بېرىدۇ .فىدىيەنىڭ قىممىتى فىترە
مىقدارى بولىدۇ .بۇ فىدىيەلەر رامىزاننىڭ بېشىدا بېرىلگىنىدەك ،رامىزاننىڭ ئوتتۇرىسى ياكى
ئاخىرىدا بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
فىدىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى خالىسا بىر كەمبەغەلگە بىراقال بەرسىمۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم
ھالدا باشقا كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ .بۇ ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ فىدىيە
بېرىشكە كۈچى يەتمىسە ،ئالالھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ .روزا تۇتۇشقا ماغدۇرى
يەتمىگەن ياشانغانالر بىلەن ياخشىلىنىش ئۈمىدى بولمىغان كېسەللەر ،ئەگەر كېيىن روزا
تۇتقىدەك ھالغا كېلىپ قالسا ،تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىشى كېرەك .بۇرۇن بەرگەن
فىدىيەسىنىڭ ھۆكمى قالمايدۇ ،ئۇالر نەپلە ھەدىيە ھېسابلىنىدۇ.
رامىزاندا سەۋەپسىز روزا تۇتماسلىقنىڭ ھۆكمى
رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئالالھنىڭ كەسكىن ئەمىر-پەرمانى بولۇپ ،مۇسۇلمانالر بۇ
ئەمىر-پەرماننى ئىجرا قىلىشى كېرەك .بىر مۇسۇلمان سەۋەپسىز رامىزان ئېيىدا روزىغا نىيەت
قىلماي يەپ-ئىچسە ،روزا تۇتمىغان بىر كۈنىگە بىر كۈن قازا روزىسى تۇتۇشى كېرەك
بولۇپ ،كەففارەت الزىم قىلمايدۇ .چۈنكى كەففارەت روزا تۇتمىغاننىڭ ئەمەس ،تۇتقان
روزىنى بۇزغانغا بېرىلىدىغان جازادۇر.
رامىزاندا سەۋەپسىز ھالدا روزا تۇتمىغان كىشى گۇناھ قىلغان ۋە ئالالھقا قەرزدار بولغان
بولىدۇ .شۇڭا تەۋبە قىلىپ ئالالھتىن مەغپىرەت تىلىشى ۋە روزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي،
ۋاقتىدا قازا روزسىنى تۇتۇشى كېرەك.
144
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
روزىنى بۇزۇپ ،قازا قىلغان ھەمدە كەففارەتنى الزىم قىلغان ئىشالر
روزا تۇتقىنىنى بېلىپ تۇرۇپ:
( (1يەپ-ئېچىش (ئوزۇقلۇق ياكى دورا قاتارلىق)
( (2جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش.
( (3تاماكا چېكىش.
قازا :بۇزۇلغان روزىنىڭ ئورنىغا بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش.
كەففارەت (كاپالەت) :بۇزۇلغان بىر كۈن روزىنىڭ ئورنىغا ئىككى ئاي ياكى 60كۈن
ئارقا-ئارقىدىن روزا تۇتۇش.
رامىزان ئېيىدا نىيەت قىلىپ ،روزا تۇتقان بىر كىشى سەۋەپسىز ھالدا بىلىپ تۇرۇپ،
يەپ-ئىچسە ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا روزىسى بۇزۇلىدۇ .بۇزۇلغان بۇ روزىنىڭ بىر
كۈنىگە بىر كۈن قازا روزىسى تۇتۇش بىلەن بىللە ،روزا سەۋەپسىز ھالدا بېلىپ تۇرۇپ
بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن كەففارەت تۇتۇشى كېرەك.
باشلىغان روزىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇزغاننىڭ دۇنيادىكى جازاسى كەففارەت يەنى 60كۈن
ئارقا-ئارقىدىن روزا تۇتۇش .ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن كەففارەت روزىسى ئۈزۈلۈپ ياكى
كەم تۇتۇلسا ،قايتا باشتىن باشالپ 60كۈن ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈپ قويماي تولۇق تۇتۇشى
كېرەك .ئايالالر كەففارەت روزىسى تۇتىۋاتقاندا ئادەت كۆرۈپ قالسا ،ئۇ چاغدا تۇتماي،
ساقايغاندا داۋامالشتۇرۇپ ،ئۈزۈپ قويماي 60كۈننى تۈگىتىشى كېرەك.
روزىنى بۇزۇپ پەقەت قازا قىلىدىغان ئىشالر
( (1يېيش زۆرۈر بولمىغان ۋە دورا قىلىپ ئىشلەتمىگەن نەرسىلەرنى يۇتۇش( .توپراق،
قەغەز ،پاختا قاتارلىق)
( (2بۇرنىغا دورا سۈمۈرۈش.
( (3قۇالق ئىچىگە ياغ تېمىتىش.
( (4تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئېغىز-بۇرنىغا سۇ ئالغاندا ،تاساددىبى ھالدا گېلىدىن سۇ
ئۆتۈپ كېتىش.
( (5ئاغزىغا سالغان رەڭلىك نەرسىنىڭ رېڭى تۈكۈرۈككە ئارىلىشىپ قالغاندا يۇتۇش.
( (6زورلۇق بىلەن روزىسىنى بۇزۇش.
( (7ئۇخالۋاتقاندا باشىقالر تەرىپىدىن گېلىغا سۇ قۇيۇلۇش.
( (8ئاغزى تولغۇدەك دەرىجىدە قۇسۇش.
( (9نامازشام ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ،نامازشام بولدى دەپ بىلىپ ئىفتار قىلىش.
((10زولۇق ۋاقتى ئۆتكەن تۇرۇپ ،ئۆتمىدى دەپ ئويالپ بىر نەرسە يېيىش.
145
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
روزىنى سۇندۇرمايدىغان ئىشالر
( (1روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ يەپ-ئېچىش( .ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىۋاتقاندا ،روزا
تۇتقانلىقى ئېسىگە كەلسە ،دەرھال ئاغزىنى يۇيۇپ روزىنى داۋامالشتۇرسا بولىدۇ ،بۇنىڭدىن
كېيىن گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ)
( (2قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كېتىش.
( (3كۆزىگە دورا تېمىتىش.
( (4كېچىدە يۇيۇنماي ئەتىگەندە يۇيۇنۇش.
( (5ئىختىيارسىز قۇسۇش.
( (6ئېھتىالم بولۇش( .يەنى شەيتان ئاتالش)
( (7قان بېرىش.
( (8ئىختىيارسىز گېلىغا توپا-چاڭ كىرىش.
( (9ئاغزىدىكى تۈكۈرۈكنى يۇتۇش.
روزىدارغا مەكرۇھ بولغان ئىشالر
( (1بىر نەرسىنى يۇتماي ئۇنىڭ تەمىنى تېتىش( .ئەگەر ئايالنىڭ ئېرى تاماقنىڭ تۇزى
سەۋەبىدىن ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا ،قاتتىق تەگسە ،ئايال يۇتىۋەتمىگەن ھالدا
تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ باقسا بولىدۇ).
( (2تۈكۈرۈكىنى ئاغزىدا يىغىپ يۇتۇش( .ئەگەر ئاغزىدا يىغىلغان تۈكۈرۈكنى ئاغزىنىڭ
سىرتىغا چىقىرىپ يۇتسا روزىسى بۇزىلىدۇ).
( (3ئۆزىنى ئاجىزالشتۇرغىدەك دەرىجىدە قان بېرىش ،ئېغىر ئىشالرنى قىلىش.
روزىدارغا مەكرۇھ بولمىغان ئىشالر
( (1گۈل ۋە ئەتىرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى پۇراش.
( (2چىشىنى چوتكىالش.
( (3ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقاش.
( (4بۇرنىغا سۇ ئېلىش.
( (5يۇيۇنۇش.
146
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
سوئالالر:
( (1روزا دېگەن نېمە؟
( (2روزىنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (3روزا تۇتۇش كىملەرگە پەرز؟
( (4ئىفتار دۇئاسىنى يادقا ئوقۇپ بېرىڭ.
( (5روزىغا قاچان ۋە قانداق نىيەت قىلىنىدۇ؟
( (6روزىنىڭ تۈرى قانچە؟
( (7رامىزان روزىسىنى باشقا ۋاقىتالردا تۇتۇشقا سەۋەب بولغان سەۋەبلەر قايسىالر؟
( (8فىدىيە دېگەن نېمە؟ كىملەر فىدىيە بېرىشى كېرەك؟
( (9قازا ۋە كەففارەت دېگەن نېمە؟
((10روزىنى بۇزۇپ ،قازا ۋە كەففارەتنى كېرەك قىلغان ئىشالر قايسىالر؟
((11روزىنى بۇزۇپ ،پەقەت قازانىال كېرەك قىلغان ئىشالر قايسىالر؟
((12روزىنى بوزمىغان ئىشالر قايسىالر؟
((13روزىدارغا مەكرۇھ ۋە مەكرۇھ بولمىغان ئىشالر قايسىالر؟
147
يەتتىنچى
باب
زاكات بېرىش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•زاكاتنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىسى
•زاكاتنى كىملەر بېرىشى كېرەك؟
•نىساب
•زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
•زاكات كىملەرگە بېرىلمەيدۇ؟
•زاكات بەرمىسىمۇ بولىدىغان مال-مۈلۈكلەر
•زاكات بېرىش كېرەك بولغان مالالر ۋە زاكاتنىڭ مىقدارى
•پېتىر سەدىقىسى (فىترە)
زاكاتنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىسى
ئىسالمنىڭ بەش پەرزىنىڭ تۆتىنچىسى زاكات بېرىش .بۇ ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى
يىلى ،ئۈچىنچى شەرت بولغان روزا تۇتۇشتىن بۇرۇن پەرز قىلىنغان بولۇپ ،ئۇ مال بىلەن
قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.
زاكات دىنىي ئۆلچەملەرگە ئاساسەن باي بولغان مۇسۇلمانالرنىڭ بىر يىلدىن يەنە بىر
يىلىغىچە توپلىغان مال-دۇنيا ۋە پۇل-پۈچەكلىرىنىڭ قىرىقتن بىرىنى پېقىر-يوقسۇلغا
بېرىشىدۇر .زاكات قۇرئان كەرىمدە ناماز بىلەن بىللە 37يەردە تەكىتلىنىدۇ .زاكات ھەققىدە
بۇنداق كۆپ تەكىتلەش زاكاتنىڭ دىنىمىزدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
زاكات كۆڭۈلنى بېخىللىق كېسىلىدىن ،مال-دۇنيانى كەمبەغەلنىڭ ھەققى بىلەن
تازىاليدىغان ،بايالرنىڭ شەپقەت ۋە مەرھەمەت ھېس-تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان بىر
ئىبادەتتۇر .زاكات سايىسىدا پېقىر-يوقسۇلنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت ۋە قىزغانچۇقلۇق
يوقۇلىدۇ .ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان بايالرغا نىسبەتەن سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت پەيدا بولۇپ،
جەمئىيەتتە ئىتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق كۈچىيىدۇ.
ئىسالمدا ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ،ئېھتىياجالرغا جاۋاب بېرىدىغان
نۇرغۇن ئاساسالر بار .ئالالھنىڭ ئەمىر-پەرمانى بولغان زاكات بىر ئىجتىمائى ھەمكارلىق
سىستېمىسى بولۇپ ،ئۇ مال-دۇنيانىڭ كۆپىيىشى ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئەمەلگە
ئاشۇرىدۇ .ئالالھ زاكىتى بېرىلگەن پۇلنى يوقاپ كېتىشتىن ،يامان كىشىلەرنىڭ زىيان-
زەخمەت يەتكۈزىشىدىن قوغدايدۇ .بۇ ھەقتە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:
69
«مال-دۇنيايىڭالرنى زاكات بىلەن قوغداڭالر».
« .69ئەت-تەرغىب ۋەتتەرھىب»-1 ،جىلد-520 ،بەت.
148
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
زاكات مۇسۇلماندارچىلىقتا سەمىمىي بولغان ياكى بولمىغانلىقنىڭ بىر ئۆلچىمىدۇر.
زاكىتىنى بەرگەن كىشى ئالالھقا بەندىلىكتە سەمىمىي بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ،ئۇ
بايلىقنى ئۆزىگە بەرگەن رەببىگە ،تەشەككۈر ئېيتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.
زاكىتىنى بەرگەن كىشى پېقىر-پۇقراغا ياردەم قىلغان ،كەمبەغەلنىڭ چېھرىنى كۈلدۈرگەن
ۋە مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئىنساندۇر.
زاكاتنى كىملەر بېرىشى كېرەك؟
تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تەييارلىغان كىشىلەرنىڭ زاكات بېرىش مەجبۇرىيتى بار:
. .1مۇسۇلمان بولۇش.
. .2ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولۇش.
. .3باالغەتكە يەتكەن بولۇش.
. .4ئەركىن ،ئازاد بولغان بولۇش.
. .5دىنغا نىسبەتەن باي بولۇش( .يەنى نورمال ئېھتىياج ۋە قەرزىدىن باشقا «نىساب»
مىقدارى مال-دۇنياغا ئىگە بولغان بولۇش)
. .6زاكات بېرىلىشى كېرەك بولغان مال-دۇنيا ياكى پۇل-پۇچەك:
( (1نىساب مىقدارى 80.15گىرام ئالتۇنغا يەتكەن بولۇش.
( (2ئىگىسىنىڭ قولىدا تولۇق بىر يىل تۇرغان بولۇش.
( (3ئەمەلىيەتتە ياكى ھۆكۈمدە ئېشىپ ماڭغان سانى بولۇش.
نىساب
نىساب دىنىمىز بەلگىلىگەن بايلىق ئۆلچمى بولۇپ ،قەرز ۋە نورمال ئېھتىياجىدىن
ئېشىنغان بۇ مىقدار ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان مال-دۇنياسى بولغان كىشى دىنىمىزدا
باي ھېسابلىنىدۇ.
فىترە بېرىش ۋە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە ،نىساب مىقدارى مال-
دۇنيا ياكى پۇل-پۈچەككە ئىگە بولۇش كېرەك .ئەمما ئۇ مال-دۇنيا ياكى پۇل-پۈچەكتىن
بىر يىل ئۆتۈشى ۋە بەلگىلىك ئېشىپ بارغۇچى مىقدارىنىڭ بولۇشى شەرت ئەمەس.
زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
زاكات بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەر:
( (1پېقىر-يوقسۇلالر :دىنىي ئۆلچەمگە نىسبەتەن باي ھېسابالنمايدىغان ،نىساب
مىقدارى مېلى بولمىغان كىشىلەر.
( (2كەمبەغەللەر :ھېچ نەرسىسى بولمىغانالر.
( (3قەرزدارالر (قەرزگە بوغۇلغانالر) :قەرزىدىن ئارتۇق نىساب مىقدارىغا ئىگە
بولمىغانالر.
149
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
( (4يولۇچى :يۇرتىدا پۇلى بولغان ئەھۋالدا ،يولدا پۇلى تۈگەپ قالغان قولىدا
بىر نەرسىسى يوق كىشى( .ئۇالرغا يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە يەتكۈدەك زاكات بېرىلسە
بولىدۇ).
( (5ئالالھ يولىدىكىلەر :ئۇالر جىھاد ياكى ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ پۇلى
قالمىغانالر ۋە ئىشىنى تاشالپ ،ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىغان كىشىلەر.
زاكات بەرگەندە بۇ تەرتىپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
ئاۋۋال قېرىنداشالرغا ،ئۇالرنىڭ بالىلىرى ،تاغا ،ھامما ،ئاندىن كېيىن باشقا ئۇرۇق-
تۇغقان ،قۇلۇم-قوشنىالر ،ئۇالردىن كېيىن مەھەللىسى ۋە ئۆزى تۇرىۋاتقان يۇرتتىكى
پېقىر-يوقسۇلالرغا بېرىش كېرەك .ئالغان زاكاتنى گۇناھ يولىغا ئىشلىتىدىغان ۋە بۇزۇپ-
چاچىدىغان كىشىلەرگە ئەمەس ،بەلكى ھەقىقىي ئېھتىياجى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان
پېقىر-يوقسۇلغا بېرىش تېخىمۇ ياخشى.
زاكات كىملەرگە بېرىلمەيدۇ؟
تۆۋەندىكىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ:
( (1ئاتا-ئانا ،چوڭ دادا ،چوڭ ئانىالرغا.
( (2ئوغلىغا ،ئوغلىنىڭ بالىلىرىغا ،قىزىغا ،قىزىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇالردىن تۇغۇلغان
بالىالرغا.
( (3بايالرغا.
( (4مۇسۇلمان بولمىغانالرغا.
( (5ئەر-ئايالالر بىر-بىرىگە.
زاكات بەرمىسىمۇ بولىدىغان مال-مۈلۈكلەر
ئۆزى ۋە بېقىش مەجبۇرىيتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولغان نەرسىلەردىن
زاكات بەرمىسىمۇ بولىدۇ .ئۇالر «ھاۋائىجى ئەسلىيە» دەپ ئاتىلىدۇ .ئاساسلىقى
تۆۋەندىكىلەردۇر:
ئولتۇرىۋاتقان ئۆي ،ئۆي جابدۇقلىرى ،كېيىم-كېچەك ،قاتناش قۇراللىرى ،تىجارەت
ئۈچۈن بولمىغان كىتاب ،سەنئەتكارالرنىڭ ئىشلەتكەن ئەسۋابلىرى ،يېمەك-ئىچمەك
سايمانلىرى ،ئالتۇن-كۈمۈشتىن باشقا ساتمايدىغان مەرۋايىت ،ئالماس ۋە زۇمرەتكە ئوخشاش
زىننەت بويۇملىرى.
زاكات بېرىش كېرەك بولغان مالالر ۋە زاكاتنىڭ مىقدارى
زاكات بېرىلىشى كېرەك بولغان مال-دۇنيانىڭ نىسابى بىلەن ئۇالردىن بېرىلىشى كېرەك
بولغان زاكاتنىڭ مىقدارى تۆۋەندىكىدەك:
( (1ئالتۇن :ئەڭ ئاز بولغاندا 80.18گىرام ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا قىرىقتن
بىرى.
150
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
( (2كۈمۈش :ئەڭ ئاز بولغاندا 561گىرام ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا ،قىرىقتن
بىرى.
( (3نەق پۇل :ئەڭ ئاز نىساب مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان پۇلنىڭ قىرىقتن
بىرى( .پۇلنىڭ نىسابى ئەڭ ئاز بولغاندا 80.18گىرام ئالتۇننىڭ مىقدارىغا تەڭ بولغان
پۇلغا ئىگە بولۇش).
( (4تىجارەت ماللىرى :ئەڭ ئاز نىساب مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان ،ھەر خىل
تىجارەت ماللىرىدىن كىرگەن پۇلنىڭ قىرىقتن بىرى.
( (5قوي ۋە ئۆچكە :قىرىق تۇياق قوي ياكى ئۆچكىدىن بىر تۇياق قوي ياكى ئۆچكە.
( (6كاال ،قوتاز ۋە سۇ كالىسى 30 :كاال ياكى سۇ كالىسى ئۈچۈن بىر ياشقا تولغان
كاال.
( (7تۆگە :بەش تۆگە ئۈچۈن بىر قوي ياكى ئۆچكە.
ئۇالغالرنىڭ سانى ئاشقانسېرى زاكات مىقدارىمۇ ئۆزگىرىدۇ .يەردىن ئېلىنغان
ھوسۇلالرنىڭ زاكىتىمۇ ئوخشىمايدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان مالالرنىڭ زاكاتلىرى شۇ مالدىن بېرىلسىمۇ بولغاندەك ،ئۇالردىن
باشقىلىرى پۇلغا سۇندۇرۇلۇپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
زاكاتنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنىڭ شەرتى نىيەت بولۇپ ،باي بىر مۇسۇلمان پېقىر-
يوقسۇلغا زاكات بەرگەندە ،كۆڭلىدىن نىيەت قىلىشى كېرەك ،تىلىدا ئىپادىلەش شەرت
ئەمەس.
پېتىر سەدىقىسى (فىترە)
قەرز ۋە نورمال ئېھتىياجىدىن باشقا ،ئەڭ ئاز نىساب مىقدارى مال-دۇنيا ياكى ئۇنىڭ
قىممىتىدە پۇلى بولغان مۇسۇلماننىڭ پېتىر سەدىقىسى بېرىشى ۋاجىبتۇر .ئۇ قىسقارتىلىپ
«فىترە» دەپ ئاتىلىدۇ .پېتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىب بولۇشى ئۈچۈن زاكاتتا بولغاندەك
مال-دۇنيا ياكى پۇلدىن بىر يىلنىڭ ئۆتۈشى ۋە بەلگىلىك ئېشىپ بارغۇچى مىقدارىنىڭ
بولۇشى شەرت ئەمەس.
فىترە رامىزان ئېيىدا پېقىرغا بېرىلىدىغان بىر سەدىقە بولۇپ ،ھېيتتىن بۇرۇن بېرىلسە
ياخشى .ھېيت كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بېرىلسىمۇ بولىدۇ .دىنىي ئۆلچەمگە نىسبەتەن
باي بولغان كىشىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ھەمدە باالغەتكە يەتكەن بالىلىرىنىڭ فىترىلىرىنى
بېرىشى ۋاجىبتۇر.
فىترە بۇ تۆت خىل يېمەك ماددىسىدىن تۆۋەندىكىدەك مىقداردا بېرىلىدۇ:
مىقدارى:

ماددا تۈرى:
1460گرام

( (1بۇغداي
2920گرام

( (2ئارپا
2920گرام

( (3قۇرۇق ئۈزۈم
2920گرام

( (4خورما
151
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئۆزىنىمۇ زاكات قىلىپ بەرگىلى بولغاندەك ،پۇلغا
سۇندۇرۇلۇپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ .قايسىسى پېقىرالرغا كېرەكلىك بولسا شۇنى بېرىش تېخىمۇ
ياخشى .بىر فىترە پەقەت بىرال پېقىرغا بېرىلىدۇ ،ئىككىگە بۆلۈنمەيدۇ .ئەمما بىر پېقىرگە
بىردىن ئارتۇق فىترە بېرىلسە بولىدۇ .فىترە نىيەت قىلىپ بېرىلىدۇ .ئەمما ئۇنىڭ فىترە
ئىكەنلىكىنى پېقىرگە دېيىش كېرەك ئەمەس .ئىچىدە نىيەت قىلسىال يېتەرلىك بولىدۇ.
زاكات قانداق پېقىرغا بېرىلگەن بولسا ،پېتىرمۇ شۇالرغا بېرىلىدۇ .بىر سەۋەب بىلەن
رامىزاندا روزا تۇتمىغانالرمۇ ،نىساب مىقدارىدا مال-مۈلۈك ياكى پۇلغا ئىگە بولغان بولسا،
فىترە بېرىشى كېرەك.
قول ئىلكىدە بولغان مۇسۇلمانالر فىترە بېرىش ئارقىلىق پېقىرالرغا ھېيت-بايرام
خۇشاللىقىنىڭ تەمىنى تېتىتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇالر قەرزىنى ئادا قىلىپ ،ئۆلۈمنىڭ
شىددىتى ۋە قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
سوئالالر:
( (1زاكاتنىڭ پايدىسىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىڭ
( (2زاكات بېرىش كىملەرگە پەرز قىلىنغان؟
( (3زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
( (4كىملەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ؟
( (5قايسى تۈردىكى مالالردىن زاكات بەرمىسىمۇ بولىدۇ؟
( (6زاكات قايسى مالالردىن ،قانچىلىك مىقداردا بېرىلىدۇ؟
( (7نىساب دېگەن نېمە؟
( (8پېتىر سەدىقىسى دېگەن نېمە؟
152
سەككىزىنچى
باب
ھەج قىلىش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•ھەج قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىلىرى
•ھەج قىلىش كىملەرگە ۋە قايسى ۋاقىتتا پەرز قىلىنغان؟
•ھەجنىڭ پەرزلىرى
•ھەجنىڭ تۈرلىرى
•ئىھرام ،تەلبىيە ،تاۋاپ ،سەئيى ۋە ۋاقفە
•ھەجنىڭ قىلىنىشى
•ئۆمرە
ھەج قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىلىرى
ئىسالمنىڭ بەشىنچى شەرتى ھەج قىلىش .ھەج بەلگىلىك ۋاقىتتا ،بەلگىلىك يەرلەرنى
ئاالھىدە بىر ئۇسۇلدا زىيارەت قىلىش دېگەنلىكتۇر.
ھەج ھىجرەتنىڭ -9يىلى پەرز قىلىنغان بولۇپ ،ھەج مال ھەم تەن بىلەن قىلىنىدىغان
بىر ئىبادەتتۇر .بەلگىلىك شەرتلەرنى تەييارلىغان مۇسۇلمانالرنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىم
ھەجگە بېرىشى پەرزدۇر .ئالالھنىڭ ھەر بىر ئەمىر-پەرمانىدا بولغاندەك ،ھەجنىڭ پەرز
قىلىنىشىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ھېكمەت ۋە پايدا بار.
ھەر خىل دۆلەتلەردىن مۇقەددەس تۇپراققا كەلگەن تىلى ۋە رەڭگى بىر-بىرىگە
ئوخشىمىغان مۇسۇلمانالرنىڭ بىر غايە ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىىشى ،ھەممە بىرلىكتە
ئالالھقا يۈزلىنىشى ئىسالمىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىدۇ .ھەج مۇسۇلمانالرنىڭ بىر-بىرى
بىلەن تونۇشۇشى ،بىر-بىرى بىلەن دەرتلىشىشى ۋە قىيىنچىلىقىغا چارە-تەدبىر تېپىشى
ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
باي-كەمبەغەل ھەر خىل سەۋىيەدىكى مۇسۇلمانالرنىڭ ئىھرامغا كىرىپ ،ئوخشاش
كېيىم-كېچەك كېيىشى باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ ،قىيامەتتىكى مەھشەر كۈننى
ئەسلىتىدۇ .ھەج سەپىرى ئىنساننىڭ بىلىمى ۋە نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ ،قىيىنچىلىقالرغا
قارشى چىدامچانلىققا ئىگە قىلىدۇ .ئىنساندىكى مال-دۇنيا سۆيگۈسىنى ئازايتىپ ،پېقىر،
يوقسۇل-كەمبەغەللەرگە قارىتا مەرھەمەت ۋە يار-يۆلەك بولۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ،ئىسالمنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى
باشالنغان مۇقەددەس يەرلەرنى كۆرۈش روھىمىزغا مەنىۋىي ھاياجان ئاتا قىلىپ ،دىنىي
153
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ھېس-تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىدۇ .مۇقەددەس يەرلەردە ئىنسان ئۆزىنى ئالالھقا تېخىمۇ يېقىن
ھېس قىلىپ ،قىلغان ئىبادەتلىرىگە ھەسسىلەپ ساۋاب تاپىدۇ .ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن ھەج
ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان ۋە ئىنسانالرغا يامانلىق قىلىشتىن يىراق تۇرغانالرنىڭ (باشقىالرنىڭ
ھەققىنى يېيىش بۇنىڭ سىرتىدا) نۇرغۇن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ .بۇ ھەقتە
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن« :كىمكى ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن ھەج قىلسا ،يامان گەپ-سۆز
ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرسا ،ئانىسىدىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك گۇناھالردىن
70
پاكلىنىدۇ».
ھەج قىلىش كىملەرگە ۋە قايسى ۋاقىتتا پەرز قىلىنغان؟
تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تەييارلىغانالرنىڭ ھەج قىلىشى پەرزدۇر:
( (1ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولۇش.
( (2باالغەتكە يەتكەن بولۇش.
( (3مۇسۇلمان بولۇش.
( (4ھۆر ،ئازاد بولۇش.
( (5ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىش( .بۇ شەرت غەيرى مۇسلىم دۆلەتلەردە ئىسالم
نى قوبۇل قىلىپ ،مۇسۇلمان بولغانالر ئۈچۈن بولۇپ ،مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ياشاپ،
ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ئۆزۈر ئەمەس).
( (6زۆرۈر ئېھتىياجىدىن باشقا ،ھەجگە بېرىپ-كەلگىچە كېتىدىغان چىقىمالرنى
كۆتەرگۈدەك ،ئۆزىنى ۋە بېقىش مەجبۇرىيتى بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى
قامدىغىدەك ماددى كۈچكە ئىگە بولۇش.
( (7ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ھالدا ،بىر قاتناش قۇرالى بىلەن ھەج سەپىرىگە چىقىش
ئۈچۈن الزىملىق بولغان ۋاستە ۋە يول چىقىملىرىنى تۆلىيەلىگۈدەك پۇلى بولۇش.
( (8ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرگەن بولۇش.
يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۇ شەرتلەردىن باشقا ،ھەج ۋەزىپىسىنى شەخسەن ئادا قىلىش
ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭمۇ تەييار بولۇشى كېرەك .ئۇالر ھەجنى ئادا قىلىش شەرتلىرى
دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەجنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى:
( (1تېنى ساالمەت بولۇش( .كۆزى كور ،پالەچ ۋە ھەج سەپىرىگە بەرداشلىق
بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە كېسەل ياكى ياشانغان بولماسلىق)
( (2ھەج قىلىشىغا بىر توسقۇنلۇق بولماسلىق.
( (3سەپىرى بىخەتەر بولۇش.
« .70رىيازۇس-سالىھىن»-2 ،جىلد-521 ،بەت.
154
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
( (4ئايالنىڭ يېنىدا ئېرى ياكى توي قىلسا بولمايدىغان قان-قېرىندىشى بولۇش.71
( (5يولدىشى ۋاپات بولغان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالالرنىڭ ئىددەت مەزگىلى
ئاياغالشقان بولۇش.
يۇقىرىدا دېيىلگەن شەرتلەرنى تەييارلىغان كىشىنىڭ ئالدىدىكى تۇنجى ھەج پەسلىدە
ھەجگە بېرىشى پەرز بولىدۇ.
ھەجنىڭ پەرزلىرى
ھەجنىڭ پەرزلىرى بىرسى شەرت ،ئىككىسى رۇكۇن بولۇپ ،جەمئى ئۈچ تۈرلۈك
بولىدۇ:
( (1ئىھرامغا كىرىش( .شەرت)
( (2ئەرافات تېغىدا ۋاقفىدە تۇرۇش.
( (3زىيارەت تاۋاپى قىلىش.
ھەجنىڭ تۈرلىرى
ھەج قىلىنىش نوقتىسىدىن 3خىل بولۇپ:
( (1ئىفراد ھەججى :ئۆمرىسىز قىلىنغان ھەج دېگەنلىك بولۇپ ،ھەج قىلغۇچى ئىھرامغا
كىرگەندە ،ھەجگە نىيەت قىلىدۇ ۋە ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ .ئىفراد ھەججىنى
قىلغانالرغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ.
( (2تەمەتتۇ ھەججى :ئۆمرە ۋە ھەجنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ،ئىھرامغا كىرىپ ئادا
قىلىش بولۇپ ،ھەج قىلغۇچى ئاۋۋال ئۆمرە ئۈچۈن ئىھرامغا كىرىپ ،ئۆمرە ۋەزىپىسىنى
ئادا قىلىپ ئىھرامدىن چىقىدۇ .ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە قايتا يەنە ئىھرامغا كىرىپ ،ھەج
ۋەزىپىسنى ئادا قىلىدۇ .تەمەتتۇ ھەججىدە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىبتۇر.
ھەجگە بېرىشنى ئويلىغان بىر كىشى ،بۇ ئۈچ خىل ھەجدىن قايسىنى خالىسا شۇنى
قىلسا بولىدۇ .ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ھالدا قايسى ھەجنى قىلسا ،ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان
بولىدۇ.
ئىھرام ،تەلبىيە ،تاۋاپ ،سەئيى ۋە ۋاقفە
ئىھرام :ھەج ۋە ئۆمرە قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ باشقا ۋاقىتالردا ھاالل بولغان بەزى
ئىش-ھەرىكەتلەرنى بەلگىلىك بىر مۇددەت ئۆزىگە ھارام قىلىشىدۇر.
تەلبىيە :ئىھراملىق بولۇپ ،يۇقىرى ئاۋازدا« :لەببەيكە ئالالھۇممە لەببەيك ،لەببەيكە ال
شەرىكە لەكە لەببەيك ،ئىننەلھەمدە ۋەننېئمەتە لەكە ۋەلمۇلك ال شەرىكە لەك» دېمەكتۇر.
ئايالالر پەس ئاۋازدا تەلبىيە ئېيتىدۇ.
تاۋاپ :كەبىنىڭ ئەتراپىنى قائىدە-تۈزۈملىرىگە ماس ھالدا ،يەتتە قېتىم ئايلىنىش.
.71شافىئى مەزھىپىگە ئاساسالنغاندا يېنىدا يولدىشى ياكى قان قېرىندىشى (مەھرىمى) يوق بولغان ئايال،
ئىشەنچلىك بولغان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئايال بىلەن پەرز قىلىنغان ھەجنى ئادا قىلسا
بولىدۇ.
155
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
سەئيى :كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى سافا بىلەن مەرۋە دۆڭلىكى ئارىسىدا بېرىپ-كېلىش.
بۇ بېرىپ-كېلىشلەر سافادىن مەرۋىگە تۆت ،مەرۋىدىن سافاغا ئۈچ قېتىم بولۇپ ،جەمئى
يەتتە قېتىم.
ۋاقفە :ھەجدە ئەرافات ۋە مۇزدەلىفە دېيىلگەن يەرلەردە بەلگىلىك ۋاقىتالردا بىر مەزگىل
تۇرۇش بولۇپ ،ئەرافات ۋاقفىسى پەرز ،مۇزدەلىفە ۋاقفىسى ۋاجىبتۇر.
ھەجنىڭ قىلىنىشى
ھەجگە بېرىشنى ئويلىغان كىشى بۇ مۇقەددەس ۋەزىپە ئۈچۈن ھاالل پۇل سەرپ قىلىپ،
يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قەرزلىرى بولسا قايتۇرىدۇ ،ھەققى قالغانالر بىلەن ھاالللىشىدۇ.
گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ ،ئالالھتىن كەچۈرۈم سورايدۇ .قازا
بولغان ئىبادەتلىرى بولسا ،ئىمكان بار قازاسىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ .سەپەرگە
ماڭغاندا ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ .ئائىلە ئەزالىرى ،دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن
ھاالللىشىپ ،خوشلشىپ يولغا چىقىدۇ .سەپەردە ۋە ھەج ئىبادىتى مەزگىلىدە ،باشقىالرنى
رەنجىتىدىغان يامان گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە بولمايدۇ.
ئىھرامغا كىرىش يېرى «مىقات» چېگىرىسىغا كەلگەندە ،ئاۋۋال تىرناقلىرى ئېلىنىدۇ،
زۆرۈر بولغان بەدەن تازىلىقى قىلىنىپ ،مۇمكىن بولسا غۇسۇل قىلىنىدۇ ،بولمىسا تاھارەت
ئالىدۇ .ئەرلەر پۈتكۈل كېيhم-كېچەكلىرىنى سېلىپ «ئىزار» ۋە «رىدا» دەپ ئاتالغان
ئىككى پارچە يېپىنچىغا يۆگۈنىدۇ .ئىھراملىق بولغان مەزگىلىدە ،پۇت ۋە بېشى ئوچۇق
تۇرىدۇ .ئايالالر ئىھرامغا كىرگەندە ،كېيىم-كېچەكلىرىنى سالمايدۇ.
ئاندىن كېيىن «مىقات» چېگىرىسىدا «ئىھرامنىڭ سۈننىتى»گە نىيەت قىلىپ ،ئىككى
رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ ۋە ھەجگە نىيەت قىلىپ تەلبىيە ئېيتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئىھرامغا
كىرىدۇ ،ئىھرام داۋامالشقان مەزگىلدە ئىھراملىق كىشى قىلىش چەكلەنگەن ئىشالردىن يىراق
تۇرۇشى كېرەك.
مەككىگە بېرىپ غۇسۇل قىلىدۇ ياكى تاھارەت ئالىدۇ .ئاندىن ھەرەمى شەرىفكە
بېرىپ ،كەبىنىڭ ئەتراپىدا قۇدۇم تاۋاپى قىلىدۇ ۋە ئارقىدىنال ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى
ئوقۇغاندىن كېيىن ،سافا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە
قىلغان ھالدا سەئيى قىلىدۇ .ھەج قىلغۇچى ئۇالردىن كېيىن ئىھراملىق بولۇپ مەككىدە
تۇرىدۇ .ئۇ يەردە تۇرغان مەزگىلىدە ،مۇمكىن بولسا نامازلىرىنى ھەرەم شەرىفتە ئوقۇپ،
پۇرسەت تاپسىال نەپلە تاۋاپ قىلسا كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
تەرۋىيە كۈنى يەنى ئەرەفەدىن بىر كۈن بۇرۇن ئەرافات تېغىغا چىقىدۇ .ئەرەفە
كۈنى قۇياش ئولتۇرغىچە ئەرافات تېغىدا تۇرىدۇ .ئىبادەت ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ۋاقتىنى
ئۆتكۈزىدۇ .ئۇ يەردە پىشىن ۋە دىگەر نامازلىرى چۈشتە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇلىدۇ .بۇ
«جەمئى تەقدىم» دەپ ئاتىلىدۇ .چۈشتىن كېيىن ۋاقفە قىلىنىدۇ .قۇياش ئولتۇرغاندىن
كېيىن ،شام نامىزى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن «مۇزدەلىفە»گە قاراپ يولغا چىقىدۇ .مۇزدەلىفەدە
156
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
شام ۋە خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدۇ ،كېچىنى مۇزدەلىفەدە ئۆتكۈزگەن ھەج
قىلغۇچىالر ،شەيتانغا ئاتىدىغان تاشالرنى ئۇ يەردىن يىغىپ تەيياراليدۇ.
ھېيتنىڭ ئەتىگىنى بامدات نامىزىنى بالدۇر ئوقۇپ« ،مۇزدەلىفە ۋاقفىسى» قىلىدۇ.
كۈن يورۇغاندىن كېيىن مىناغا قاراپ ماڭىدۇ.
ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مىنادا رەت-تەرتىپى بويىچە:
( (1ئەقەبە جەمرىسىگە يەتتە تاش ئاتىدۇ.
( (2چاچالر چۈشۈرۈلۈپ ،ئىھرامدىن چىقىدۇ( .ئىفراد ھەججى قىلغانالرغا قۇربانلىق
قىلىش ۋاجىب بولمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇالر ئەقەبە جەمرىسىگە تاش ئاتقاندىن كېيىن
چېچىنى چۈشۈرۈپ ،ئىھرامدىن چىقىدۇ .تەمەتتۇ ياكى قىران ھەججى قىلغانالر ئەقەبە
جەمرىسىگە تاش ئېتىپ ،قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ،ئىھرامدىن
چىقىدۇ).
( (3ۋاقىت ۋە ئىمكانلىرى بولسا ،شۇ كۈنى مەككىگە بېرىپ ،پەرز بولغان زىيارەت
تاۋاپىنى قىلىدۇ.
ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى رەت-تەرتىپى بويىچە :كىچىك ،ئوتتۇرا ۋە ئەقەبە جەمرىلىرىگە
يەتتە قېتىمدىن تاش ئېتىپ ،ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى زىيارەت تاۋاپىنى قىلمىغانالر،
ئىككىنچى كۈنى قىلىدۇ.
ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى :يەنە كىچىك ،ئوتتۇرا ۋە ئەقەبە جەمرىلىرىگە يەتتە قېتىمدىن
تاش ئېتىپ ،شۇ كۈنى مىنادىن مەككىگە قايتىپ ،ۋىدا تاۋاپى قىلىپ ،ھەج ۋەزىپىسىنى
ئادا قىلىدۇ.
بۇ ئىفراد ھەججى بولۇپ ،تەمەتتۇ ۋە قىران ھەجلىرىنىڭ قىلىنىشىدا بەزى پەرقلەر
بار.
تەمەتتۇ ھەججى :تەمەتتۇ ھەججىنى قىلىدىغان كىشى مىقات چېگرىسىدا ،ئۆمرە
ئۈچۈن ئىھرامغا كىرىدۇ .مەككىگە كەلگەندە قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە قىلغان ھالدا ،ئۆمرىنى
قىلغاندىن كېيىن ،چېچىنى چۈشۈرۈپ ،ئىھرامدىن چىقىدۇ .تەرۋىيە كۈنىگىچە (يەنى ئەرەفە
كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن) مەككىدە ئىھرامسىز ھالدا ساقاليدۇ .تەرۋىيە كۈنى مەككىدە
ھەج ئۈچۈن يېڭىدىن ئىھرامغا كىرىپ ،يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا
قىلىدۇ.
ئىفراد ھەججىنىڭ پەرقى:
- -1ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى جەمرە ئەقەبەسىگە تاش ئاتقاندىن كېيىن ،قۇربانلىق
قىلىدۇ ،ئاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ،ئىھرامدىن چىقىدۇ.
- -2زىيارەت تاۋاپىدىن كېيىن ھەجنىڭ سەئيىنى قىلىدۇ.
قىران ھەججى :قىران ھەججىنى قىلماقچى بولغان كىشى مىقات چېگرىسىدا ھەج ۋە
ئۆمرىنىڭ ھەر ئىككىسىگە بىر-بىردىن نىيەت قىلىپ ،ھەر ئىككىسى ئۈچۈن بىراقال ئىھرامغا
كىرىدۇ.
157
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
مەككىگە بېرىپ ،ئاۋۋال ئۆمرىنى قىلىدۇ ،ئۆمرىدىن كېيىن ھەجنىڭ قۇدۇم تاۋاپىنى،
ئارقىدىنال ھەجنىڭ سەئيىنى قىلىدۇ .ئەمما ئىھرامدىن چىقماي ساقالپ ،تەرۋىيە كۈنى
كەلگەندە ،ئەرافات تېغىغا چىقىپ ،يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەج ۋەزىپىلىرىنى ئادا
قىلىدۇ .قىران ھەججىنىڭ ئىفراد ھەججىدىن پەرقى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى جەمرە
ئەقەبەسىگە تاش ئېتىپ ،ئاندىن قۇربانلىق قىلىدۇ ،ئاندىن كېيىن چاچنى چۈشۈرۈپ،
ئىھرامدىن چىقىدۇ.
ئۆمرە
ئۆمرە بەلگىلىك بىر ۋاقىتقا باغلىق بولماي ،قائىدە-نىزامغا رىئايە قىلغان ھالدا،
ئىھرامغا كىرگەندىن كېيىن ،تاۋاپ ،سەئيى قىلىش ۋە چېچىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئۆمرە سۈننەت بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقىم بىر ۋاقىت يوق .بىر يىل ئىچىدىكى ئەرەفە
ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدىن ئىبارەت 5كۈننىڭ سىرتىدا ،ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆمرە قىلىشقا
بولىدۇ.
ئۆمرىنىڭ قىلىنىشى:
ئۆمرە قىلماقچى بولغان كىشى «مىقات» چېگىرىسىنىڭ سىرتىدا زۆرۈر بولغان تازىلىقنى
قىلىپ ،ئاندىن ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ،تەلبىيە ئېيتىپ ئىھرامغا كىرىدۇ .مەككىگە بارغاندا
قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە قىلغان ھالدا ،كەبىنىڭ ئەتراپىدا ئۆمرە تاۋاپى قىلىدۇ .تاۋاپ
قىلىش تۈگىگەندە ،ئىككى رەكئەت «تاۋاپ نامىزى» ئوقۇيدۇ .ئاندىن سافا بىلەن مەرۋە
دۆڭى ئوتتۇرسىدا ئۆمرە سەئيىنى قىلىدۇ .سەئيى ئاخىرالشقاندىن كېيىن چاچنى چۈشۈرۈپ
ئىھرامدىن چىقىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۆمرە ئاخىرالشقان بولىدۇ.
سوئالالر:
( (1ھەج دېگەن نېمە؟
( (2ھەجنىڭ پايدىسىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىڭ.
( (3ھەج كىملەرگە پەرز قىلىنغان؟
( (4ھەج قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ؟
( (5قۇربانلىق قىلىش ھەجنىڭ قايسى خىلىدا ۋاجىب بولمايدۇ؟
( (6ئىھرام ،تەلبىيە ،تاۋاپ ،سەئيى ۋە ۋاقفە دېگەن نېمە؟
( (7ئۆمرە دېگەن نېمە؟
158
توققۇزىنچى
باب
قۇربانلىق قىلىش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•قۇربانلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى
•كىملەر قۇربانلىق قىلىدۇ؟
•قۇربانلىق قايسى ۋاقىتتا ،قانداق قىلىنىدۇ؟
•قۇربانلىقنىڭ گۆشى ۋە تېرىسى ھەققىدە قىلىنىدىغان ئىشالر
•قوربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان ھايۋانالر
•گۆشى ئىستېمال قىلىنىدىغان ھايۋانالر
•گۆشى ئىستېمال قىلىنمايدىغان ھايۋانالر
•ئاداق قۇربانلىقى
•قەسەمنىڭ تۈرلىرى ۋە ھۆكمى
قۇربانلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى
قۇربانلىق ئىبادەت نىيىتى بىلەن بەلگىلىك ۋاقىتتا قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننى
بوغۇزالشتىن ئىبارەت.
قۇربانلىق قىلىش مېلى بىلەن قىلىنىدىغان ۋاجىب بىر ئىبادەت بولۇپ ،ھىجرەتنىڭ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Temel Dini Bilgiler - 10
  • Büleklär
  • Temel Dini Bilgiler - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3297
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    27.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3398
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3365
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1482
    30.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3446
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1587
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1373
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 866
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3632
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
    28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3427
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1569
    27.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3178
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1584
    27.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3244
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1675
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3459
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3494
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3421
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1599
    29.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 4279
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1964
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 1463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 604
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.