Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3632
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
تەكبىر ئېيتىپ ،ئاندىن ئىككى تەرەپكە سېلىپ تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى تەكبىر :ئاندىن يەنە «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتىپ
بولۇپ ،قولىنى يانغا سېلىپ تۇرماي ،باغالپ تۇرىدۇ.
( (4ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىسمىلالھ» ئوقۇپ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ
پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر ياكى يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇيدۇ( .جامائەت ھېچ نەرسە
ئوقۇماي ئىمامغا قوالق سېلىپ جىم تۇرىدۇ).
128
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
( (5رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ ،ئىككىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ،قول
باغالپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى رەكئەت:
( (6ئىمام ئىچىدە بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ ،پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر ياكى بىر
سۈرە ئوقۇيدۇ ،ئاندىن ئىمام يۇقىرى ئاۋازدا ،جامائەت ئىچىدە بىرىنچى رەكئەتكە ئوخشاش،
يەنە ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ ،ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن قولالر باغالنمايال ،تۆتىنچى
تەكبىردە بىۋاستە رۇكۇغا بارىدۇ ،ئاندىن سەجدىلەر قىلىنىپ ئولتۇرىلىدۇ.
( (7ئولتۇرغاندا ئىمام ۋە جامائەت «ئەتتەھىيياتۇ ،ئالالھۇممە سەللى ،ئالالھۇممە بارىك
ۋە رەببەنا ئاتىنا »...دۇئالىرىنى ئوقۇپ ،ئاۋۋال ئوڭغا ،ئاندىن سولغا ساالم بېرىپ نامازنى
تۈگىتىدۇ .نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ.
قۇربان ھېيت نامىزى:
«( (1نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ،ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن ،قۇربان ھېيت نامىزىنى ،ئىقتىدا
قىلدىم ھازىر ئىمامغا» دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.
( (2ئىمام «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ ئىفتىتاھ تەكبىرىنى ئېيتىقاندا ،جامائەتمۇ «ئالالھۇ
ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ قولىنى باغالپ تۇرىدۇ.
نىيەتتىن كېيىنكىسى روزا ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇلىدۇ .نامازدىن كېيىن خۇتبە
ئوقۇلىدۇ.
تەشرىق تەكبىرلىرى
قۇربان ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇنقى «ئەرەفە» (ھارپا) كۈنىنىڭ بامدات نامىزىدىن
باشالپ ،ھېىيتنىڭ -4كۈنى نامازدىگەرگىچە بولغان 23ۋاقىت پەرز نامازلىرىدا ساالم بېرىپ
بولغاندىن كېيىن ،بىر قېتىم:
«ئالالھۇ ئەكبەر ،ئالالھۇ ئەكبەر ،ال ئىالھە ئىللەلالھۇ ۋەلالھۇ ئەكبەر ،ئالالھۇ ئەكبەر
ۋە لىلالھىل-ھەمدۇ» دەپ تەكبىر ئېيتىش ۋاجىبتۇر .بۇ «تەشرىق تەكبىرى» دەپ
ئاتىلىدۇ.
بۇ تەكبىر جامائەت ياكى يالغۇز كىشىگە ،يولۇچى ياكى يولۇچى بولمىغان ئەر-ئايالغا
ۋاجىبتۇر.
تەشرىق تەكبىرى ئوقۇلغان كۈنلىرى قازا بولغان نامازالرنىڭ قازاسى ،تەشرىق تەكبىرى
كۈنلىرى ئوقۇلسا ،تەشرىق تەكبىرى ئېيتىش كېرەك ،ئەگەر تەشرىق تەكبىر كۈنى ئۆتۈپ
كەتكەن بولسا تەشرىق تەكبىرى ئېيتىلمايدۇ.
ھېيت-بايرامدىكى ۋەزىپىلىرىمىز:
ھېيت-بايرام كۈنلىرى ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرۇش ،يۇيۇنۇش ،چىشلىرىنى پاكىز
چوتكىالپ يۇيۇش ،ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش ۋە خۇش-پۇراقلىق ئەتىرلەرنى
چېچىپ مەسجىدكە بېرىش ،ئۇچرىغان كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىش ،پېقىر-
129
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
پۇقراالرغا يار-يۆلەكتە بولۇش ،دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ،چوڭالرنى
يوقالش ،ۋاپات بولغانالر ئۈچۈن سەدىقە بېرىش ،قەبرىلەرنى يوقالپ دۇئا قىلىش،
ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىش ،يامانلىغانالرنى ياخشىالشتۇرۇپ قويۇش ،بالىالرغا ھەدىيە بېرىپ
ئۇالرنى خوش قىلىش قاتارلىقالر بىزنىڭ ھېيت-بايرامدا قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق
ۋەزىپىلىرىمىزدۇر.
تەراۋىھ نامىزى
تەراۋىھ نامىزى 20رەكئەت بولۇپ ،ئەر-ئايالالر ئۈچۈن سۈننەتى-مۇئەككەدە ۋە ھەر
رامىزان ئېيىدا ئوقۇلىدۇ .كېسەل ياكى سەپەر سەۋەبىدىن روزا تۇتمىغان كىشىلەرنىڭمۇ تەراۋىھ
نامىزىنى ئوقۇشى ۋە مەسجىدتە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇلۇشى سۈننەت بولۇپ ،ساۋابى
كۆپتۇر .ئۆيدە يالغۇز ياكى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ .ئەمما مەسجىدتە
ئوقۇش تېخىمۇ ساۋابلىق .پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«پەزىلىتىگە ئىشىنىپ ۋە مۇكاپاتىنى ئۈمىد قىلىپ ،ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن رامىزان
كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن (تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇغان) كىشىنىڭ ئىلگىرى
62
قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».
تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى:
تەراۋىھ نامىزى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ .بالدۇر ئوقۇشقا بولمايدۇ .ۋىتىر
نامىزىنى رامىزان ئېيىدا ،تەراۋىھدىن كېيىن ۋە بۇرۇن ئوقۇشقا بولىدۇ.
20رەكئەت بولغان تەراۋىھ نامىزىنى ھەر ئىككى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ساالم بېرىپ،
ياكى ھەر تۆت رەكئەتتە بىر ساالم بېرىپمۇ ئوقۇشقا بولىدۇ.
ئىككى رەكئەتتە بىر قېتىم ساالم بېرىپ ،تەراۋىھنى جامائەت بىلەن ئوقۇش:
خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزى ۋە ئاخىرقى سۈننىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تەراۋىھ نامىزى
باشلىنىدۇ.
نامازنى ئوقۇتقان ئىمام «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن تەراۋىھ
نامىزىنى ،ماڭا ئىقتىدا قىلغانالرغا ئىمام بولۇپ» دەپ نىيەت قىلىپ ،ئىفتىتاھ تەكبىرىنى
ئېيتىپ قولىنى باغالپ تۇرىدۇ.
ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغان جامائەت «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ،ئالالھ رىزاسى
ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزىنى ،ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا» دەپ نىيەت قىلىپ ،ئىمامنىڭ
تەكبىرىگە ئۇالپال «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە قولىنى باغالپ تۇرىدۇ.
ئاندىن ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە «سۇبھانەكە»نى ئوقۇيدۇ .ئاندىن (جامائەت ئۆرە
تۇرغاندا ھېچنەرسە ئوقۇمايدۇ) ئىمام ئىچىدە ئەئۇزۇ-بىسمىلالھنى ئوقۇپ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ
پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر ياكى بىر سۈرە ئوقۇيدۇ .ئاندىن جامائەت بىلەن بىللە رۇكۇ ۋە
سەجدىلەرنى قىلغاندىن كېيىن ،ئىككىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئۆرە تۇرىدۇ.
« .62رىيازۇس-سالىھىن»-2 ،جىلد-467 ،بەت.
130
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
ئۆرە تۇرغاندا ئىمام يەنە ئىچىدە بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر
ياكى بىر سۈرە ئوقۇپ ،جامائەت بىلەن بىللە رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ.
ئولتۇرغاندا ئىمام ۋە جامائەت «ئەتتەھىيياتۇ ،ئالالھۇممە سەللى ،ئالالھۇممە بارىك
بىلەن رەببەنا ئاتىنا »..دۇئالىرىنى ئوقۇپ ساالم بېرىدۇ .بۇنىڭ بىلەن ئىككى رەكئەت
تاماملىنىدۇ.
ئۆرە تۇرۇپ يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ،يەنە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدۇ .ئىككى
رەكئەتتىن 10قېتىم ئوقۇغاندا 20 ،رەكئەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلغان بولىدۇ .ئاندىن ئۈچ
رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىمۇ جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇلىدۇ.
ئىككى رەكئەتتە بىر قېتىم ساالم بېرىپ تەراۋىھنى يالغۇز ئوقۇش:
«نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ،ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزىنى» دەپ نىيەت
قىلىپ ،بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇلىدۇ.
20رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغىچە ،ئىككى رەكئەتتىن ئۇقۇش داۋامالشتۇرىلىدۇ .تەراۋىھ
نامىزى تۈگىگەندە ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ.
تۆت رەكئەتتە بىر قېتىم ساالم بېرىپ تەراۋىھنى جامائەت بىلەن ئوقۇش:
نامازنى ئوقۇتماقچى بولغان ئىمام ۋە جامائەت يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك نىيەت قىلىپ،
ئىفتىتاھ تەكبىرىنى ئېيتىپ ،قولىنى باغالپ ،ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سۇبھانەكەنى
ئوقۇغاندىن كېيىن جامائەت جىم تۇرىدۇ ،ئىمام ئىچىدە ئەئۇزۇ-بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى
چىقىرىپ ،پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر ياكى بىر سۈرىنى ئوقۇپ ،رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى
قىلغاندىن كېيىن ،ئىككىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئۆرە تۇرىدۇ.
ئۆرە تۇرغاندا ئىمام يەنە ئىچىدە بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ پاتىھە سۈرىسى ،ئايەتلەر
ياكى بىر سۈرە ئوقۇپ ،جامائەت بىلەن بىللە رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ.
ئولتۇرغاندا ئىمام ۋە جامائەت «ئەتتەھىيياتۇ ،ئالالھۇممە سەللى ،ئالالھۇممە بارىك
بىلەن رەببەنا ئاتىنا »..دۇئالىرىنى ئوقۇپ ،ئۈچىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئۆرە تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى رەكئەتتە تۇرغاندا ،ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سۇبھانەكەنى ئوقۇغاندىن
كېيىن ،جامائەت جىم تۇرىدۇ ،ئىمام ئىچىدە ئەئۇزۇ-بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ ،پاتىھە
سۈرىسى ،ئايەتلەر ياكى بىر سۈرىنى ئوقۇپ ،رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى قىلغاندىن كېيىن
تۆتىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئۆرە تۇرىدۇ.
ئۆرە تۇرغاندا ،ئىمام يەنە ئىچىدە بىسمىلالھ ،ئاۋازىنى چىقىرىپ ،پاتىھە سۈرىسى
ئايەتلەر ياكى بىر سۈرە ئوقۇپ ،جامائەت بىلەن بىللە رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ
ئولتۇرىدۇ.
ئولتۇرغاندا ئىمام ۋە جامائەت «ئەتتەھىيياتۇ ،ئالالھۇممە سەللى ،ئالالھۇممە بارىك
بىلەن رەببەنا ئاتىنا »..دۇئالىرىنى ئوقۇپ ساالم بېرىدۇ .بۇنىڭ بىلەن تەراۋىھ نامىزىنىڭ
دەسلەپكى تۆت رەكئىتى تامامالنغان بولىدۇ.
131
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ ،يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك تۆت رەكئەتتىن 20 ،رەكئەت
توشقىچە ناماز ئوقۇش داۋامالشتۇرىلىدۇ 20 .رەكئەت توشقاندىن كېيىن جامائەت بىلەن
ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ.
تۆت رەكئەتتە بىر قېتىم ساالم بېرىپ تەراۋىھنى يالغۇز ئوقۇش:
«نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزىنى» دەپ نىيەت قىلىپ،
ناماز دىگەرنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇلىدۇ .ھەر قېتىم 4رەكئەتتىن 5قېتىمدا 20
رەكئەت تەراۋىھ نامىزى تاماملىنىپ ،ئارقىدىنال ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ.
ئولتۇرۇپ ،ئىما-ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش
ئىسالمدا ئىبادەتلەر ئىنسانالرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە قارىتا بولۇپ ،نامازنى ئۆرە تۇرۇپ
ئوقۇيالمىغان كىشى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشى نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغاندا ،ئىجرا قىلغان مەسئۇلىيەتنى
ئولتۇرۇپ ئوقۇغاندىمۇ ئىجرا قىلىش كېرەك .ئېگىلىپ رۇكۇغا بېرىپ ،رۇكۇدىن باش
كۆتۈرۈپ ،ئاندىن سەجدىگە بېرىپ دېگەندەك داۋامالشتۇرۇپ ،نامىزىنى ئوقۇيدۇ.
ئەگەر بىر كىشىنىڭ پىشانىسىنى يەرگە تەككۈزۈپ سەجدە قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە،
بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇيدۇ .بۇ ئىما-ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش دەپ ئاتىلىپ،
رۇكۇ ۋە سەجدىگە سىمۋول بولۇشى ئۈچۈن ،بېشىنى ئېگىش دېيىلىدۇ .ئۇ ئەھۋالدا بولغان
كىشى رۇكۇدا بېشىنى ئازراق ئىگىپ ،سەجدىگە بارغاندا ،رۇكۇدىن بەكرەك ئېگىدۇ .ئەگەر
بەكرەك ئېگىلمىسە ،نامىزى توغرا بولغان بولمايدۇ.
كېسەلنىڭ ئولتۇرغۇدەك ھالى بولمىسا ،ئۇ ئەھۋالدا خالىغان ،ئۆزىگە قوالي بولغان
بىر ھالەتتە يېتىپ ،بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ،نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ .بېشى بىلەنمۇ
ئىشارەت قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە ،نامىزىنى كېيىنگە قالدۇرسا بولىدۇ.
سەپەردىكىلەرنىڭ نامىزى
بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن يېزىسىدىن ،مەھەللىسىدىن نورمال سۈرئەتتە 18سائەت
يەنى 90كىلومېتىر مۇساپىنى باسقان كىشىنى يولۇچى دەيمىز.
يېزىسى ياكى مەھەللىسىدىن يولغا چىققان كىشى ،بارىدىغان يېرىگە بارغىچە يولۇچى
بولغانغا ئوخشاش ،بارغان يېرىدە 15كۈندىن ئاز قالسا يەنە يولۇچى ھېسابلىنىدۇ .ئەگەر 15
كۈندىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېلىشقا نىيەت قىلغان بولسا ،ئۇ يولۇچى ھېسابالنمايدۇ.
يولۇچى ،يولۇچى بولمىغان كىشىلەرگە ئىماملىق قىلىپ تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇماقچى
بولغان بولسا ،ئىمام ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ساالم بېرىدۇ ،يولۇچى بولمىغان
جامائەت ئۆزلىرى نامازنى داۋامالشتۇرۇپ تۆت رەكئەت نامازنى تۈگىتىدۇ .يولۇچى سەپەردە
ئۆتكۈزىۋەتكەن تۆت رەكئەتلىك نامىزىنى سەپەردىن كېيىنمۇ ئىككى رەكئەت ئوقۇپ
تاماماليدۇ .يولۇچى تاھارەت بار ۋاقىتتا كەيگەن مەسىسىنى ئۈچ كۈن ،ئۈچ كېچە مەسھ
قىالاليدۇ.
132
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
يولۇچى رامىزاندا خالىسا روزا تۇتۇپ ،خالىمىسا يۇرتىغا قايتىقاندا تۇتسىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر روزا تۇتۇش ئۈچۈن قواليلىق بولسا تۇتسا ياخشى بولىدۇ .يولۇچى سەپەردە جۈمە ۋە
ھېيت بايرام نامازلىرىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ .ئەمما ئوقۇسا ناماز ئوقۇغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالمىسا ،ئورنىغا پىشىن نامىزىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
مانا بۇالر يولۇچىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ،دىنىمىزنىڭ سەپەر
ئۈستىدىكىلەرگە يارىتىپ بەرگەن قواليلىقىدۇر.
ۋاقتى ئۆتكەن نامازالرنىڭ قازاسى
بىر نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش «ئادا» ،ۋاقتى-سائىتى ئۆتكەندە ئوقۇش بولسا «قازا»
دەپ ئاتىلىدۇ .نامازنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئۆزۈرسىزال ۋاقتى-سائىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىش چوڭ
گۇناھتۇر .ناماز قازاسى ئوقۇلغاندا ،ئاندىن تولۇقلىنىدۇ .ئەمما ۋاقىت-سائىتىدىن كېيىنگە
قالدۇرغانلىقتىن ئالالھتىن ئەپۇ سوراش كېرەك.
بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرزلىرى بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسى ئوقۇلىدۇ .لېكىن
بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇمىغان كىشى ،شۇ كۈنى چۈش ۋاقىتىغىچە پەرز بىلەن بىللە
سۈننەتنىڭ قازاسىنىمۇ ئوقۇشى كېرەك .قازا نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن بەلگىلىك بىر ۋاقىت
يوق .كۈندۈز ۋە كېچە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ .پەقەت ئۈچ مەكرۇھ ۋاقىتتا ،يەنى
قۇياش چىقىۋاتقاندا ،قۇياش تىكلەشكەندە ۋە قۇياش پېتىۋاتقاندا ئوقۇشقا بولمايدۇ.
ۋاقتى ئۆتكەن نامازالرنىڭ قازاسىنى ئوقۇغاندا ،قايسى كۈننىڭ ،قايسى ۋاقىتتىكى
نامىزى ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ،مۇنداق نىيەت قىلسا بولىدۇ« :نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن،
ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن قازا بولغان تۇنجى بامدات نامىزىنىڭ پەرزنى» ،باشقا نامازالر ئۈچۈنمۇ،
قازا بولغان تۇنجى پىشىن ،تۇنجى نامازدىگەر ،تۇنجى نامازشام ،تۇنجى خۇپتەن ۋە
تۇنجى ۋىتىر نامىزىنى دەپ ياكى ئاخىرقى بامدات ،ئاخىرقى پىشىن ،ئاخىرقى نامازدىگەر،
ئاخىرقى نامازشام ،ئاخىرقى خۇپتەن ۋە ئاخىرقى ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشقا دەپ نىيەت قىلسا
بولىدۇ.
تىالۋەت سەجدىسى
تىالۋەت سەجدىسى ئالالھقا بولغان ھۆرمەت بولۇپ ،قۇرئان كەرىمنىڭ 14سۈرىسىدە
سەجدە ئايىتى بار .بۇالرنىڭ بىرىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغانغا سەجدە قىلىش ۋاجىبتۇر.
سەجدە ئايىتى نامازدا ئوقۇلسا ،تىالۋەت سەجدە نامازدا قىلىنىشى كېرەك .ئۇ
دېگەنلىك ،سەجدە ئايىتىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى داۋامالشتۇرماقچى بولسا ،سەجدە
ئايىتى ئوقۇلۇشى بىلەنال ،دەرھال تىالۋەت سەجدىسى قىلىپ ،ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ
ئوقۇشنى داۋامالشتۇرىدۇ.
ئەگەر سەجدە ئايىتىدىن كېيىن ئوقۇشنى داۋامالشتۇرالمىسا ،ئۇالپ بىر ،ئىككى
ياكى ئۈچ ئايەت ئوقۇپال دەرھال سەجدىگە بارىدۇ .ئايرىم تىالۋەت سەجدىسى قىلمىسىمۇ
بولىدۇ.
133
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
نامازدا ئوقۇلغان سەجدە ئايىتىنى ،نامازدا بولمىغان بىرسى ئاڭلىسا ،دەرھال سەجدە
قىلىشى كېرەك .ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشى ،ناماز ئوقۇمىغان بىر كىشنىڭ ئوقۇۋاتقان
سەجدە ئايىتىنى ئاڭالپ قالسا ،نامازدىن كېيىن تىالۋەت سەجدىسى قىلىشى كېرەك.
نامازدا سەجدە ئايىتى ئوقۇغان كىشى ،نامازدا تىالۋەت سەجدىسى قىلىشى كېرەك.
ناماز تۈگىگەندىن كېيىن قىلىشقا بولمايدۇ .ئىمام نامازدا سەجدە ئايىتىنى ئوقۇسا ،ھەم
ئۆزى ھەم ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جامائەت بىللە سەجدە قىلىشى كېرەك .تىالۋەت سەجدىسى
ناماز ئوقۇش بىلەن مۇكەللەپ بولغانالرغا ۋاجىب .ئادەت كۆرگەن ۋە تۇغۇت ھالىتىدىكى
ئايالالرغا ۋاجىب ئەمەس.
نامازنىڭ سىرتىدا تىالۋەت سەجدىسىنىڭ قىلىنىشى:
تاھارىتى بولغان ھالدا قىبلىگە يۈزلىنىپ ،تىالۋەت سەجدىسى نىيىتى بىلەن قول
كۆتۈرۈلمەيال «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپال سەجدىگە بارىدۇ .سەجدىدە ئۈچ قېتىم« ،سۇبھانە
رەببىيەل ئەئال»دىن كېيىن «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ ئۆرە تۇرىدۇ .ئۆرە تۇرغاندا «غۇفرانەكە
رەببەنا ۋەئىلەيكەل مەسىر» دېيىلىشى مۇستەھەب .سەجدە بىر قېتىمال قىلىنىدۇ ،ساالم
بېرىلمەيدۇ.
قۇرئان كەرىمدە سەجدە ئايىتى بولغان 14سۈرە تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
-13 .2سۈرە رەئدنىڭ -15ئايىتى
-7 .1سۈرە ئەئرافنىڭ -206ئايىتى
-17 .4سۈرە بەنى ئىسرائىلنىڭ -107ئايىتى
-16 .3سۈرە نەھلنىڭ -48ئايىتى
-22 .6سۈرە ھەجنىڭ -18ئايىتى
-19 .5سۈرە مەريەمنىڭ -58ئايىتى
-27 .8سۈرە نەمىلنىڭ -25ئايىتى
-25 .7سۈرە فۇرقاننىڭ -60ئايىتى
-32 .9سۈرە سەجدىنىڭ -15ئايىتى -38 .10سۈرە سادنىڭ -24ئايىتى
-41 .11سۈرە فۇسسىلەتنىڭ -37ئايىتى -53 .12سۈرە نەجمنىڭ -62ئايىتى
-84 .13سۈرە ئىنىشىقاقنىڭ -21ئايىتى -96 .14سۈرە ئەلەقنىڭ -19ئايىتى
مېيت نامىزى
مېيت نامىزى پەرزى كۇفايە بولۇپ ،مېيىت ئۈچۈن دۇئادۇر .ئالالھتىن دىنىي
قېرىندىشىنىڭ گۇناھى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزىپىنى
ئىجرا قىلىش دېمەكتۇر.
كىملەرنىڭ جىنازى نامىزى ئوقۇلىدۇ:
بىر مېيىت نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى ئۈچۈن ئالتە شەرت بولۇشى كېرەك .بۇ شەرتلەر
تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
( (1مېيىت مۇسۇلمان بولۇش.
( (2پاك-پاكىز بولۇش.
( (3جامائەتنىڭ ئالدىدا بولۇش.
( (4مېيىتنىڭ پۈتكۈل بەدىنى ياكى بەدىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يەنى بېشى بىلەن
بىللە بولغان يېرىمى بولۇش.
134
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
( (5مېيت نامىزىنى ئوقۇيدىغان كىشى ئۆزۈرلۈك بولمىسا ،ئۆرە تۇرۇپ نامىزىنى
چۈشۈرۈش.
( (6مېيت يەردە بولۇش ،مۈرىدە ياكى ئۇالغ ئۈستىدە بولماسلىق.
مېيت نامىزى پەرزى كۇفايە بولغانلىقى ئۈچۈن ،بەزى مۇسۇلمانالر بۇ نامازنى ئوقۇسا،
بەزىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كېرەك قالمايدۇ .مېيت نامىزىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇش شەرت
ئەمەس .پەقەت بىر ئەر ۋە ئايال مېيت نامىزىنى ئوقۇسا ،پەرز ئورۇنالنغان بولىدۇ .باشقا
نامازالرنى بۇزغان ئىش-ھەرىكەتلەر ،مېيت نامىزىنىمۇ بوزىدۇ .ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان
ئۈچ ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ،قاچانال بولسا مېيت نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ.
مېيت نامىزىنىڭ جەريانى تۆت تەكبىر ئېيتىش بىلەن قىيامدا تۇرۇش .ساالم بېرىش
ۋاجىب .مېيت نامىزىدا رۇكۇ ۋە سەجدە يوق.
مېيت نامىزىنىڭ سۈننەتلىرى:
( (1نامازىنى چۈشۈرىدىغان ئىمام مېيت كۆكسى بىلەن بىر سىزىقتا تۇرۇش.
( (2بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن «سۇبھانەكە» ئوقۇش.
( (3ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن «ئالالھۇممە سەللى ۋە ئالالھۇممە بارىك» ئوقۇش.
( (4ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن دۇئا ئوقۇش.
مېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى:
مېيىت پاكىز يۇيۇلغان ۋە كىپەنلىككە ئورىلىپ ،ناماز ئوقۇلىدىغان يەردە مېيت
تاختىسىغا قويۇلىدۇ .مېيت جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ .مېيىت نامىزىنى چۈشۈرىدىغان
ئىمام مېيىتنىڭ كۆكسى بىلەن بىر سىزىقتا تۇرىدۇ .جامائەت ئۆرە ۋە قىبلىگە يۈزلىنىپ،
ئىمامنىڭ ئارقىسا سەپ تۈزۈپ تۇرىدۇ .جامائەتنىڭ ئۈچ سەپ بولۇپ تۇرىشى مۇستەھەب.
نىيەت قىلغاندا ،مېيىتنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكى ،ئوغۇل ياكى قىز باال ئىكەنلىكى
بىلدۈرىلىدۇ.
ئىمام «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن ھازىر بولغان مېيت نامىزىنى،
(مېيىت ئەر بولسا) ئۇ ئەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا» دەپ نىيەت قىلىدۇ.
مېيىت ئايال بولسا« ،ئۇ ئايال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا»
مېيىت ئوغۇل باال بولسا« ،ئۇ ئوغۇل باال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا»
مېيىت قىز باال بولسا« ،ئۇ قىز باال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا»
ئىمامنىڭ ئارقىسىدىكى جامائەت «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ،ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن
ھازىر بولغان مېيت نامىزىنى( ،مېيىت ئەر بولسا) ئۇ ئەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ،ئىقتىدا
قىلدىم ھازىر ئىمامغا» دەپ نىيەت قىلىدۇ.
مېيىت ئايال بولسا «ئۇ ئايال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا»
مېيىت ئوغۇل باال بولسا «بۇ ئوغۇل باال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا»
مېيىت قىز باال بولسا «بۇ قىز باال ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا» دېيىلىدۇ.
جامائەتنىڭ بىرى ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ،مۇنداق نىيەت قىلىدۇ:
135
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
«نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن ئىمامنىڭ ئۆتەيدىغان شۇ مېيت
نامىزىنى ،مېيىت ئۈچۈن دۇئاغا ،ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا»
نىيەت قىلغاندىن كېيىن ئىمام يۇقىرى ئاۋازدا ،جامائەت بولسا ئىچىدە «ئالالھۇ
ئەكبەر» دەپ بىرىنچى تەكبىرنى ئېيتىدۇ ،باشقا نامازالرغا ئوخشاش قوللىرىنى قولىقىغا
تەككۈزۈپ ئاندىن بەل باغالپ تۇرىدۇ.
ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سۇبھانەكە ئوقۇيدۇ .سۇبھانەكەدە باشقا نامازالردا ئوقۇلمىغان
«ۋەجەللە سەنائۇك» جۈملىسىمۇ ئوقۇلىدۇ.
سۇبھانەكە ئوقۇلغاندىن كېيىن قول سېلىنماي ،ئىمام ئاۋازىنى چىقىرىپ ،جامائەت
بولسا ئىچىدە «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنچى تەكبىر ئېيتىلىدۇ .ئىمام ھەم جامائەت
ئىچىدە «ئالالھۇممە سەللى ۋە ئالالھۇممە بارىك» ئوقۇيدۇ.
ئاندىن كېيىن قولالر يانغا سېلىنمايال يەنە «ئالالھۇ ئەكبەر» دېيىلىپ ئۈچىنچى
تەكبىر ئېيتىلىدۇ ۋە مېيىت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ .مېيىت دۇئاسىنى بىلمىگەنلەر ،ئۇنىڭ ئورنىغا
قۇنۇت دۇئالىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ .قۇنۇت دۇئالىرىنىمۇ بىلمىگەنلەر «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا
ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئازابەننار» ئايىتىنى ئوقۇسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن قولالر سېلىنمايال يەنە «ئالالھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى
ئېيتىدۇ ۋە بىر نەرسە ئوقۇلماي ،باش ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ «ئەسسەالمۇ ئەلەيكۇم ۋە
رەھمەتۇلالھ» ،ئاندىن سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ «ئەسسەالمۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇلالھ»
دەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن مېيت نامىزى تاماملىنىدۇ.
مېيت نامىزىدا ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئاالر:
ھەر بىر جىنازى نامىزىدا تۆۋەندىكى دۇئاالر ئوقۇلىدۇ:
ئوقۇلۇشى «ئالالھۇممەغفىر لىھەييىنا ۋەمەييىتىنا ۋەشاھىدىنا ۋەغائىبىنا ۋەزەكەرىنا
ۋەئۇنسانا ۋەسەغىرىنا ۋەكەبىرىنا .ئالالھۇممە مەن ئەھيەيتەھۇ مىننا فەئەھيىھى ئەلەل
ئىسالمى ۋەمەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەففەنا ئەلەل ئىمان.
مەنىىسى :ئەي رەببىم! مېيتىمىزنى بۇ يەردە بولغانلىرىمىزنى ،بولمىغانلىرىمىزنى،
ئەرلىرىمىزنى ،ئاياللىرىمىزنى ،كىچىكىمىزنى ۋە چوڭىمىزنى كەچۈرگىن.
ئەي رەببىم! بىزدىن پەيدا بولىدىغان يېڭى ئەۋالدالرنى ،ئىسالم ئۈستىگە ياراتقىن!
بىزدىن ئەجىلى كېلىپ دۇنيادىن كېتىدىغانالرنىمۇ ئىمان ئىچىدە روھىنى ئال.
بۇ دۇئادىن كېيىن مېيىتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تۆۋەندىكى دۇئاالردىن بىرى ئوقۇلىدۇ.
( (1ئەگەر مېيىت ئەر بولسا ،بۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ:
ئوقۇلۇشى :ۋەخۇسسە ھەزەلمەييىتە بىررەۋھى ۋەررەھەتى ۋەلمەغفىرەتى ۋەررىزۋانى.
ئالالھۇممە ئىنكانە مۇھسىنەن فەزىد فى ئىھسانىھى ۋە ئىنكانە مۇسىئەن فەتەجاۋەز ئەنھۇ ۋە
لەققىھىلئەمنە ۋەلبۇشرا ۋەلكەرامەتە ۋەززۇلفا بىرەھمەتىكە يا ئەرھەمەرراھىمىن.
مەنىسى :رەببىم! بۇ مېيىتقا پاكىز بىر ھاۋا ئىچىدە مەڭگۈلۈك راھەت ،ئەبەدىي
مەرھەمەت ،گۇناھالردىن مەغپىرەت ،جەننەت ئىچىدە بىر ھايات بەرگىن.
136
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
ئالالھىم! بۇ مېيىت ياخشىلىق قىلغان بىر كىشى بولسا ،سەن ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ
مۇكاپاتىنى بەرگىن ،ئەگەر بۇ مېيىت يامانلىق قىلغان بولسا ،جازالىمىغىن! گۇناھلىرىنى
ئەپۇ قىلغىن.
بۇ مېيىتنى قورققانلىرىدىن خاتىرجەم قىلغىن ،مېھرىبانلىقىڭ بىلەن خوشخەۋەر
بەرگىن ،ئۇنى ئاخىرەتنىڭ شەرىپىگە ۋە يۇقىرى مەرتىۋىسىگە ئىگە قىلغىن.
ئەي مەرھەمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكى بولغان ئالالھىم!
( (2ئەگەر مېيىت ئايال بولسا ،بۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ:
ئوقۇلۇشى :ۋەخۇسسە ھەزەلمەييىتەتە بىررەۋھى ۋەرراھەتى ۋەلمەغفىرەتى ۋەررىزۋانى.
ئالالھۇممە ئىنكانەت مۇھسىنەتەن فەزىد فى ئىھسانىھا ۋە ئىنكانەت مۇسىئەتەن فەتەجاۋەز
ئەنھا ۋە لەققىھەلئەمنە ۋەلبۇشرا ۋەلكەرامەتە ۋەززۇلفا بىرەھمەتىكە يا ئەرھەمەرراھىمىن.
مەنىسى :رەببىم! بۇ مېيىتقا پاكىز بىر ھاۋا ئىچىدە مەڭگۈلۈك راھەت ،ئەبەدىي
مەرھەمەت ،گۇناھالردىن مەغپىرەت ،جەننەت ئىچىدە بىر ھايات بەرگىن.
ئالالھىم! بۇ مېيىت ياخشىلىق قىلغان بىر كىشى بولسا ،سەن ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ
مۇكاپاتىنى بەرگىن ،ئەگەر بۇ مېيىت يامانلىق قىلغان بولسا ،جازالىمىغىن! گۇناھلىرىنى
ئەپۇ قىلغىن.
بۇ مېيىتنى قورققانلىرىدىن خاتىرجەم قىلغىن ،مېھرىبانلىقىڭ بىلەن خوشخەۋەر
بەرگىن ،ئۇنى ئاخىرەتنىڭ شەرىپىگە ۋە يۇقىرى مەرتىۋىسىگە ئىگە قىلغىن.
ئەي مەرھەمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكى بولغان ئالالھىم!
( (3مېيىت ئوغۇل باال بولسا ،بۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ:
ئوقۇلۇشى :ئالالھۇممەجئەلھۇ لەنە فەراتەن ۋەجئەلھۇ لەنا ئەجرەن ۋە زۇھرەن ۋەجئەلھۇ
لەنە شافىئەن ۋە مۇشەففەئەن.
مەنىسى :ئالالھىم! بۇ بالىنى جەننەتتە بىزنى قارشى ئالىدىغان ئاخىرەتنىڭ ھەدىيەسى
قىلغىن.
ئالالھىم! بۇ بالىنى بىز ئۈچۈن شاپائەتچى قىلغىن ۋە شاپائىتىنى قوبۇل قىلغىن.
( (4مېيىت قىز باال بولسا ،بۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ:
ئوقۇلۇشى :ئالالھۇممەج ئەلھا لەنە فەراتەن ۋەجئالھا لەنە ئەجرەن ۋە زۇھرەن ۋەجئەلھا
لەنە شافىئەتەن ۋە مۇشەففەئەتەن.
مەنىسى :ئالالھىم! بۇ بالىنى جەننەتتە بىزنى قارشى ئالىدىغان ئاخىرەتنىڭ ھەدىيەسى
قىلغىن.
ئالالھىم! بۇ بالىنى بىز ئۈچۈن شاپائەتچى قىلغىن ۋە شاپائىتىنى قوبۇل قىلغىن.
مېيىت دۇئالىرىنى بىلمىگەنلەر بۇ ئايەتنى دۇئا نىيىتى بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ:
ئوقۇلۇشى :رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا
ئازابەننار.
137
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ِ
ِ ِ
الد ْنيا حس َن ًة و ِفي اْ ٰ ِ ِ
النار
اب َّ
الخ َرة َح َس َن ًة َوق َنا َع َذ َ
َر َّب َنا ٓ ٰات َنا في ُّ َ َ َ َ
مەنىسى :ئەي رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ،گۈزەللىك ،ئاخىرەتتە ياخشىلىق ۋە
گۈزەللىك ئاتا قىلغىن .بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن...
سوئالالر:
( (1سەھۋى سەجدىسى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئەھۋالالردا قىلىنىدۇ؟
( (2جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (3مەسجىدتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
( (4مەسجىدلەرنىڭ بۆلۈملىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (5ئىمامغا ئەگەشكەن بىر كىشى جامائەت بىلەن نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
( (6جۈمە نامىزى كىملەرگە پەرز؟
( (7جۈمە نامىزى قانچە رەكئەت؟
( (8ھېيت-بايرام نامىزى كىملەرگە ۋاجىب؟
( (9ھېيت-بايرام نامىزىنىڭ باشقا نامازالردىن پەرقى نېمە؟
((10تەشرىق تەكبىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
((11ھېيت-بايرامدىكى ۋەزىپىلىرىمىز قايسى؟ سۆزلەپ بېرىڭ.
((12تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
((13تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
((14ئولتۇرۇپ ۋە ئىما-ئىشارەت بىلەن ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟
((15يولۇچى (مۇساپىر) دەپ كىمنى دەيمىز؟ ئۇالر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
« ((16ئادا» ۋە «قازا» دېگەن نىمە؟ ئۆتۈپ كەتكەن نامازالرنىڭ قازاسى قانداق
ئوقۇلىدۇ؟
((17تىالۋەت سەجدىسى دېگەن نېمە؟ قانداق ئوقۇلىدۇ؟
((18كىملەرنىڭ مېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ؟
((19مېيت نامىزىغا قانداق نىيەت قىلىنىدۇ؟ مېيت نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
138
ئالتىنچى
باب
روزا تۇتۇش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•روزا تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىسى
•رامىزاندا روزا تۇتۇش كىملەرگە پەرز قىلىنغان؟
•زولۇق ۋە ئىفتارنىڭ پەزىلىتى
•روزىغا قاچان ۋە قانداق نىيەت قىلىنىدۇ؟
•روزىنىڭ تۈرلىرى
•رامىزان روزىسىنى باشقا ۋاقىتتا تۇتۇشقا يول قويغان ئۆزۈرلەر ۋە فىدىيە
•رامىزاندا سەۋەپسىز ھالدا روزا تۇتماسلىقنىڭ ھۆكمى
•روزىنى بۇزۇپ ھەم قازا قىلغان ،ھەمدە كەففارىتىنى الزىم قىلغان ئىشالر
•روزىنى بۇزۇپ پەقەت قازاال قىلغان ئىشالر
•روزىنى بۇزمىغان ئىشالر
•روزىدارغا مەكرۇھ بولغان ئىشالر
•روزىدارغا مەكرۇھ بولمىغان ئىشالر
روزا تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى
ئىسالمنىڭ بەش شەرتىدىن ئۈچىنچىسى ،رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش بولۇپ ،ھىجرەتنىڭ
ئىككىنچى يىلى پەرز قىلىندى.
روزىغا نىيەت قىلىپ ،تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ،ئاخشام قوياش ئولتۇرغىچە
بولغان ئارىلىقتا ،يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىراق تۇرۇش.
رامىزان ئېيى بەزىدە 29كۈن ،بەزىدە 30كۈن بولىدۇ .رامىزان ئېيى 29كۈن
بولسىمۇ ،روزا تولۇق تۇتۇلغان بولىدۇ .چۈنكى پەرز بولغان ئاينىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتقان
بولىدۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالممۇ 9ئاي روزا تۇتقان بولۇپ ،ئۇ ئايالرنىڭ تۆتى 29كۈن،
بەشى 30كۈن.
رامىزان ئېيى مۇسۇلمانالر ئۈچۈن مۇبارەك بىر ئاي بولۇپ ،ئىسالمنىڭ قۇياشى بۇ ئايدا
تۇغقان ،دۇنيانى يورۇتقان مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىممۇ بۇ ئايدا نازىل بولۇشقا
باشلىغان .مىڭ ئايدىن تېخىمۇ پەزىلەتلىك بولغان قەدىر كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ
ئىچىدە .كۆڭلىمىزنى يامان غەرەزلەردىن ،سىرتىمىزنى يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن
تازىاليدىغان روزىمۇ بۇ ئايدا تۇتۇلىدۇ.
ئالالھتائاال بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ« :ئى مۆمىنلەر! (گۇناھالردىن)ساقلىنىشىڭالر
ئۈچۈن ،سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز
139
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
قىلىنغاندەك ،سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى)پەرز قىلىندى-2( 63».سۈرە بەقەرەنىڭ -183
ئايىتى)
روزا بىزنى دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن ساقالپ ،ئاخىرەتتە جەھەننەمدىن قوغدايدىغان
ۋە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان مۇھىم بىر ئىبادەتتۇر .سۆيۈملۈك
پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ« :كىمكى ئىشىنىپ ۋە مۇكاپاتىنى ئالالھتىن كۈتۈپ
رامىزان روزىسى تۇتسا ،بۇرۇنقى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ».
64
روزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى
)1روزا ئەخالقىمىزنى گۈزەللەشتۈرىدۇ:
روزا بىزگە ھەر دائىم ئالالھنى ئەسلىتىپ ،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
قەلبىمىزدىكى يامان ھېس-تۇيغۇ ۋە ئوي-پىكىرلەرنى تازىالپ ،باشقىالرغا يامانلىق
قىلىشتىن ساقاليدۇ .روزا بىزنى ئەڭ گۈزەل ئەخالققا ئېرىشتۈرۈپ ،گوياكى پەرىشتىدەك
دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ .روزا كۆزنى ھارامغا قاراشتىن ،تىلنى يالغان-ياۋىداق سۆز قىلىشتىن،
قۇالقنى ھارام نەرسىلەرنى ئاڭالشتىن ،ئاشقازاننى ھارام نەرسە ھەزىم قىلىشتىن ،قولالرنى
يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئاياقنى ناچار يەرلەرگە بېرىشتىن ساقاليدۇ.
روزىنىڭ پەرز بولۇشىدىكى ھېكمەت بولسا ئالالھ رىزاسى ئۈچۈن بەندىلىك ۋەزىپىسىنى
تولۇق ئورۇنالپ ،يامانلىقالردىن ساقلىنىش.
)2روزا ئىنساننىڭ مەرھەمەت ۋە يار-يۆلەكتە بولۇش ھېس-تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ:
ھاياتىدا ئاچلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن باي بىر كىشى ،يوقسۇلالر تارتقان
ئاچ-يالىڭاچلىق قىيىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقى چۈشەنمەيدۇ .ئەگەر ئۇ كىشى روزا
تۇتسا ،ئاچلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى چۈشنىدۇ ۋە يوقسۇلالرنىڭ قىيىنچىلىقىنى قەلبىدىن
تېخىمۇ ياخشى چۈشنىدۇ ،ئۇالرغا نىسبەتەن شەپقەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇسى ئويغۇنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇالرغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ ،قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.
)3روزا ئىنسانغا نېمەتنىڭ قىممىتىنى ئۆگىتىدۇ:
ئىنسان قولىدىكى نېمەتنىڭ قىممىتىنى ،ئۇالر قولىدىن كەتكەندىن كېيىن چۈشىنىدۇ.
لېكىن بولغۇلۇق بولغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ قىلچىمۇ پايدىسى بولمايدۇ.
روزا تۇتۇپ ،بىر مەزگىل نېمەتتىن يىراق قالغان كىشىنىڭ نەزىرىدە ،بۇ نېمەتلەرنىڭ
قىممىتى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىدۇ .بۇ چۈشەنچە ئىنسانغا ئۇالرنى تېخىمۇ ياخشى
قوغدىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئالالھقا تېخمۇ كۆپ شۈكرى قىلىشنى
ئۆگىتىدۇ.
« .63قۇرئان كەرىم» ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ،مۇھەممەد سالىھ.
« .64رىيازۇس-سالىھىن»-2 ،جىلد-489 ،بەت.
140
ئىككىنچى بۆلۈم :ئىبادەت
)4روزا تۇتۇش ئىنساننى ساغالم قىلىدۇ:
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مۇنداق دەيدۇ« :روزا تۇتۇڭالر ،ساغالم
65
بولىسىلەر».
بىر يىلنىڭ 11ئېيىدا ھارغان ھەزىم قىلىش ئورگانلىرى ،روزىنىڭ سايىسىدا دەم ئېلىپ،
رامىزاندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇناليدۇ .ئالىمالر روزىنىڭ ساالمەتلىك
نوقتىسىدىن بەدىنىمىزگە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .تېببىي پەن نوبىل
مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق فىرانسوز ئالىمى ئالەكسى كارەل روزا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«روزا ۋاقتىدا ،بەدەندە ساقالنغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ھەزىم بولۇپ ،ئاندىن ئۇالرنىڭ
ئورنىغا يېڭىسى كېلىدۇ ،شۇنداق قىلىپ بەدەندە بىر يېڭىالش بولىدۇ .روزا ساالمەتلىك
66
نوقتىسىدىن ناھايىتى پايدىلىق».
)5روزا ئىنسانالرغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنى ئۆگىتىدۇ:
روزا تۇتۇش بىلەن ئۆزىنى مەلۇم مەزگىل ئاچلىق ،ئۇسسۇزلۇققا كۆندۈرگەن بىر ئىنسان،
ھاياتىدا ئۇچرايدىغان مۇشەققەتلەرگە ئاسانال سەۋر-تاقەت قىلىدۇ ،ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە
چىدايدۇ .ۋاقتى كەلگەندە دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدۇ ،بېىشىغا كېلىدىغان
ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشنى بىلىدۇ.
رامىزاندا روزا تۇتۇش كىملەرگە پەرز قىلىنغان؟
روزىنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر:
1 )1مۇسۇلمان بولۇش.
2 )2ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولۇش.
3 )3باالغەتكە يەتكەن بولۇش.
باالغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەر-ئايالغا
رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئالالھنىڭ ئەمرىدۇر .باالغەتكە يەتمىگەن بالىالرنىڭ روزى تۇتشى
پەرز ئەمەس .لېكىن بالىلىرىغا زىيان يەتمىگەن ئاساستا ،روزا تۇتۇشقا كۆندۈرسە بولىدۇ.
ئايالالر تۇغۇتلۇق ۋە ئادەت كۆرگەن ئەھۋالالردا روزا تۇتمايدۇ ،ناماز ئوقۇمايدۇ .ئەھۋالى
نورمالالشقاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ .ئەمما ئوقۇيالمىغان
نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ.
زولۇق يېيىش ۋە ئىفتار قىلىشنىڭ پەزىلىتى
زودا تۇرۇپ تاماق يېيىش مۇستەھەب بولۇپ ،سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز« :زودا تاماق
يەڭالر ،چۈنكى زولۇق يېمىكىدە بەرىكەت بار» 67دېگەن .زولۇق تائام روزىغا چىداش كۈچى
« .65كەشفۇل ھافا»-2 ،جىلد-33 ،بەت.
« .66ھايات ئېنسىكلوپېدىسى»نىڭ «روزا» ماددىسى.
« .67رىيازۇس-سالىھىن»-2 ،جىلد-495 ،بەت.
141
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
بېرىدۇ .دۇئاالرنىڭ قوبۇل بولىدىغان ۋاقتىمۇ دەل زو ۋاقتىدۇر .زولۇققا تۇرغان بىر كىشى
دۇئا قىلىشى ۋە ئالالھتىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلىشى الزىم.
روزا تۇتۇپ ،ئىفتار ۋاقتىغىچە چىدىغان كىشى بۇنىڭدىن ئىنتايىن زور بەخت-سائادەت
ۋە سۆيگۈ ھېس قىلىدۇ .تۇتقان روزىنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالالھنىڭ ھوزۇرىغا
بارغاندا ئەڭ چوڭقۇر سۆيگۈنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مۇنداق دەيدۇ« :روزا تۇتقان كىشىگە ئىككى خۇشاللىق بار.
بىرى ئىفتار قىلغان ۋاقىتتا ،يەنە بىرى ئالالھ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا 68».ئىفتار ۋاقتىدا
قىلىنغان دۇئاالرنىڭ قايتۇرۇلماي ،ئالالھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالم ئېيتقان.
ئىفتار دۇئاسى:
ئىفتار ۋاقتىدا بۇ دۇئانى ئوقۇش سۈننەت:
«ئالالھۇممە لەكە سۇمتۇ ،ۋەبىكە ئامەنتۇ ،ۋە ئەلەيكە تەۋەككەلتۇ ،ۋەئەال رىزقىكە
ئەفتەرتۇ ،ۋە ساۋمەلغادى مىن شەھرى رامىزانە نەۋەيتۇ ،فائفىر لىما قەددەمتۇ ۋەما
ئەھھارتۇ»
مەنىسى« :ئالالھىم ،سېنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن روزا تۇتتۇم ،ساڭا ئېتىقاد قىلدىم ،ساڭا
ئىشەندىم ،سەن بەرگەن رىزىق بىلەن ئىفتار قىلدىم .رامىزان ئېيىنىڭ ئەتىكى روزىسىغىمۇ
نىيەت قىلدىم .مېنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن!»
روزىغا قاچان ۋە قانداق نىيەت قىلىنىدۇ؟
روزىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن نىيەت قىلىش شەرت.
رامىزان روزىسىغا كېچىدىن باشالپ چاشگاھ ۋاقتىغىچە نىيەت قىلسا بولىدۇ.
نورمالدا روزىغا زولۇقنى يەپ بولۇپ نىيەت قىلىنىدۇ .ئەمما ،زولۇققا قوپالماي ،زولۇق
يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ھەتتا قۇياش چىقىپ بولغان ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرغان كىشى،
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Temel Dini Bilgiler - 09
  • Büleklär
  • Temel Dini Bilgiler - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3297
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    27.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3398
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3365
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1482
    30.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3446
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1587
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1373
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 866
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3632
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
    28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3427
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1569
    27.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3178
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1584
    27.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3244
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1675
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3459
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3494
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3421
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1599
    29.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 4279
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1964
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 1463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 604
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.