Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3398
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
بولماسلىقى كېرەك .مەسىلەن :دىننىڭ بارلىق ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئىشەنگەن ھالدا ،نامازنى
ئىنكار قىلغان ھەر قانداق كىشى ئىمانىنى يوقاتقان بولىدۇ .چۈنكى دىنىمىزدا ئېتىقاد
قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشالرنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدە بولۇپ ،بۇالرنىڭ بىرىنى ئىنكار
قىلىش ،ھەممىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
- -3دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى گۈزەل دەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.
دىنىي ھۆكۈملەردىن ھەر قانداق بىرىنى ياقتۇرماسلىق ئىماننىڭ يوقۇلۇشىغا سەۋەب
بولىدۇ.
مۇسۇلماننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىماندۇر .ئىنسان دۇنيادىكى ھوزۇر-ھاالۋەت،
بەخت-سائادەت بىلەن ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتكە پەقەت ئىمان بىلەنال
ئېرىشەلەيدۇ .شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپىسى قالغۇچە ئىمانىنى قوغداپ ،ئاخىرەتكە شۇ
ئىمان بىلەن كېتىشى كېرەك.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمانىنى قوغدىيالمىغان ۋە دۇنيادىن ئىمانسىز پېتى ئايرىلغان
كىشىگە بۇرۇن ئىگە بولغان ئىماننىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ .شۇڭا ئىمانىمىزنى
قوغداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز ،دىنىمىزغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان گەپ-
سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بولسا ،دەرھال تەۋبە-ئىستىغفار ئېيتىپ ،ئالالھتىن ئەپۇ
سورىشىمىز كېرەك.
28
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
سوئالالر:
( (1كەلىمە تەۋھىد ۋە كەلىمە شاھادەتنى توغرا ئوقۇڭ ۋە مەنىسىنى بايان قىلىڭ.
( (2ئىمان ئاساسلىرى قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟
( (3ئىجمالى ئىمان دېگەن نېمە؟
( (4تەپسىلى ئىمان دېگەن نېمە؟
( (5ئامەنتۇ ئايىتىنى ئوقۇڭ ۋە مەنىسىنى بايان قىلىڭ.
( (6ئېتىقاد جەھەتتىن ئىنسانالر قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
( (7ئىماننىڭ ئىنسانالرغا ئاتا قىلغان ھوزۇر-ھاالۋىتى ۋە بەخت-سائادىتى قايسىالر؟
چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
( (8ئىمان ۋە ئىبادەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
)9ئىماننىڭ ھەقىقى ۋە توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرى قايسىالر؟
29
ئۈچىنچى
باب
ئالالھقا ئىشىنىش(ئىمان كەلتۈرۈش)
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
ئالالھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىر ئىكەنلىكى
ئالالھنىڭ سۈپەتلىرى
ئالالھ سۆيگۈسى
ھەقىقى ئىمان ئىگىسى بولغان بىر قىز (ئوقۇشلۇق)
ئالالھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىر ئىكەنلىكى
ئىماننىڭ ئالتە شەرتىدىن بىرىنچىسى ئالالھقا ئىشىنىش .ئەقىل ئىگىسى (ئەقلى-ھۇشى
جايىدا) بولغان ۋە باالغەتكە يەتكەن ھەر قانداق ئىنساننىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم
ۋەزىپىسى ئالالھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ۋە بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش .ئەتراپىمىزغا قارىساق،
ھېچقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىنال پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقىنى بايقايمىز .چىرايلىق
بىر ھۈنەر-سەنئەت ئەسىرى ،ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن بىر ھۈنەرۋەننىڭ بارلىقىنى نامايەن
قىلىدۇ .مەسىلەن :بىز ئىشلىتىۋاتقان سائەتنى ياسىغان بىر مېخانىك ،ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك-
دېرىزىلىرىنى بوياپ ،ئۇنىڭغا ھەر خىل نەقىش ،رەسىملەرنى سىزغان بىر نەققاش ،بىز
تۇرىۋاتقان بىنانى ياسىغان بىر ئۇستام يوقمىدۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى ،چوقۇم بار.
ئۇنداق بولسا ،ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن پىالنلىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ،مۇكەممەل
بىر سىستېما ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كائىناتنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ مۇكەممەل
بولغان ئەسەر ،ئىنساننىمۇ ياراتقان بىرى چوقۇم بار .ئۇ بولسىمۇ تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرەت
ئىگىسى بولغان «ئالالھ»تۇر .كائىنات ئالالھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتسە ئۇنىڭدىكى
تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇكەممەل تەرتىپ-ئىنتىزام ،ئالالھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتاليدۇ.
بىرىنچى ۋەزىپىمىز ،بىزنى ياراتقان ۋە ياشاتقان ئالالھقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا چىن
يۈرەكتىن سەمىمىي ئىخالس قىلىش .ئالالھقا ھەقىقىي ئىشىنىش ،ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى
توغرا تونۇش ئۈچۈن ئالالھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئالالھنىڭ سۈپەتلىرى
ئالالھنىڭ 14سۈپىتى بار ،بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى «زاتى» سۈپەتلىرى ،سەككىزى
بولسا «سۇبۇتى» سۈپەتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
زاتى سۈپەتلىرى:
)1ۋۇجۇد :مەۋجۇت بولۇش .ئالالھ بار ،يوق بولۇشى ئەسال مۇمكىن ئەمەس.
)2قىدەم :ئالالھنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى يوق .ئالالھ
كېيىن پەيدا بولغان بىر مەۋجۇدات ئەمەس ،ھېچبىر نەرسە يوق چاغدىمۇ ئۇ بار ئىدى.
30
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
)3بەقا :ئالالھنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاخىرى يوقتۇر .ھەممە نەرسە يوق
بولغاندىن كېيىنمۇ ئالالھنىڭ مەۋجۇتلىقى ئوخشاشال داۋاملىشىدۇ.
)4ۋەھدانىيەت :ئالالھنىڭ بىر ئىكەنلىكى بولۇپ ،ئالالھ بىر ،تەڭدىشى ،ئوخشىشى
ۋە ھەمجىنسى يوقتۇر.
)5مۇخالەفەتۇن لىل-ھەۋادىس :كېيىن بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرگە ئوخشىماسلىق.
ئالالھ ئۆزى ياراتقان ھېچ قانداق نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.
.)6قىيام بىنەفسىھى :ئالالھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزىدىن .ئالالھ ھېچ قانداق نەرسىگە
موھتاج ئەمەس ،ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.
سۇبۇتى سۈپەتلىرى:
)1ھايات :تىرىك بولۇش .ئالالھ داۋاملىق تىرىك (ھايات) تۇرىدۇ.
)2ئىلىم :بىلمەك .ئالالھ ئۆتمۈشنى ،كەلگۈسىنى ،يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممە نەرسىنى
بىلىپ تۇرىدۇ.
)3سەمىئ :ئاڭلىماق .ئالالھ ھەممە نەرسىنى ئاڭالپ تۇرىدۇ.
)4باسار :كۆرمەك .ئالالھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
)5ئىرادە :خالىماق .ئالالھ خالىغىنىنى قىالاليدۇ.
)6قۇدرەت :كۈچى يەتمەك .ئالالھ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر.
)7كەالم :سۆزلىمەك .ئالالھ سۆز ئىگىسى .ئۇ سۆزىنى پەيغەمبەرلىرىگە ئاڭالتقان.
قۇرئان كەرىم ئالالھنىڭ سۆزىدۇر.
)8تەكۋىن :ياراتماق .ئالالھ ياراتقۇچىدۇر .كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئالالھ ياراتقان.
بار بولۇشىنى خالىغان بىر نەرسىگە «بول» دېسىال دەرھال پەيدا بولىدۇ .بار بولغان بىر
نەرسىنى خالىغان ۋاقىتتا يوق قىلىۋېتەلەيدۇ.
مۇسۇلمانالر ئالالھقا مۇنداق ئىشىنىدۇ:
ئالالھ مەۋجۇت ۋە بىر بولۇپ ،ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرى يوقتۇر.
ئالالھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئوخشىمايدۇ .ئالالھنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل
ئۆزى ،ھېچ قانداق نەرسىگە موھتاج ئەمەس ،ھەممە مەۋجۇداتالر ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.
ئالالھ ھەر دائىم تىرىكتۇر .ئالالھ ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ ،ھەممە نەرسىنى ئاڭاليدۇۋە ھەممە نەرسىنى كۆرىدۇ.
ئالالھ خااليدۇ ،خالىغىنىنى قىلىدۇ ،ئۇنىڭ ئىشىغا ھېچ كىم ئارىلىشالمايدۇ. ئالالھ چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى بولۇپ ،ھەممە نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ. ئالالھ ياراتقۇچىدۇر .خالىغىنىنى يوقتىن بار قىالاليدۇ ،خالىغىنىنى بارلىقتىن يوققىالاليدۇ .كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ يارىتىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ ،ياراتقان
ھەممە نەرسىسىدە ھېكمەت بار.
31
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئالالھنىڭ سۆزى بار ،پەيغەمبەرلەرگە سۆزىنى مەلۇم قىلغان ،ئەمىر-پەرمانلىرىنىبىلدۈرگەن .مۇقەددەس كىتاب قۇرئان ئالالھنىڭ سۆزىدۇر.
ئالالھقا مۇشۇنداق توغرا ئىشەنگەن ئىنسان مەۋجۇداتالر ئىچىدە شەرەپلىك ئۇرۇنغا
ئىگە بولۇپ ،ھەقىقىي قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ .بۇ ئېتىقاد ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ھەر خىل
يامان ئوي-پىكىرلەرنى تازىالپ ،ئۇنى گۈزەل ئوي-پىكىر ۋە ئېسل مىجەز-خۇلق بىلەن
زىننەتلەيدۇ.
ئۇ چاغدا ئىنسان ھېچكىم كۆرمىگەن يەردە بولسىمۇ ئەخالق ئۆلچىمىگە ماس كەلمىگەن
ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمايدۇ .چۈنكى ئۇ ئالالھنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى
ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .ئالالھقا ئىمان كەلتۈرۈش بارلىق ياخشىلىقنىڭ
مەنبەسىدۇر.
ئالالھ سۆيگۈسى
ئالالھ بىزگە كۆرۈش ئۈچۈن كۆز ،ئاڭالش ئۈچۈن قۇالق ،سۆزلەش ئۈچۈن تىل ،ھەر
خىل ئىشالرنى قىلىش ئۈچۈن قول ۋە مېڭىش ئۈچۈن پۇتالرنى ئاتا قىلىپ ،تېنىمىزنى
ئەقىل-پاراسەت بىلەن قورالالندۇرۇپ ،بىزنى مەۋجۇداتالر ئىچىدە ئەڭ ئۈستۈن بىر مەرتىۋىدە
ياراتقان.
ئالالھ بىزنىڭ ساق-ساالمەت بولۇپ ،بەخت-سائادەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشىمىز
ئۈچۈن يەر يۈزىدە ھەر خىل نازۇ-نېمەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن ،نەپەس ئالغان ھاۋادىن
تارتىپ ئىچىۋاتقان سۈيىمىزگىچە بولغان بارلىق ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرغان .ئازراقال ھاۋاسىز
قالغان ،نەپەس ئېلىپ چىقارمىغان ھەر قانداق بىر ئىنسان ياشىيالماي دەرھالال ھاياتىدىن
ئايرىلىدۇ .بىز دائىم موھتاج بولغان بۇ نېمەتنى ئويلىساق ،ئالالھنىڭ بىزگە قىلغان
ياخشىلىقىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
بۇ ھەقتە ئالالھتائاال مۇنداق دېگەن:
4
«ئالالھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر( ».سۈرە ئىبراھىمنىڭ -34ئايىتى)
ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغاننى سۆيىدۇ .ئۇنداق بولغاندا ئەڭ كۆپ سۆيىشىمىز
كېرەك بولغان ئالالھتۇر .چۈنكى ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى چەكسىزدۇر .بىزمۇ
ئالالھىمىزنى كۆپلەپ سۆيىشىمىز كېرەك .سۆيگۈ پەقەتال ئېغىزدا بولسىال بولمايدۇ .ئىنسان
سۆيگەن كىشىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ،سۆيگىنى ياخشى كۆرمىگەن ئىشالرنى قىلمايدۇ .ئالالھ
سۆيگۈسى ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەش ،بىزگە ئەمىر قىلغان ئىبادەت
ۋەزىپىلىرىنى سۆيگۈ بىلەن ئورۇنالش ۋە چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن
بولىدۇ.
ئەگەر ئاشۇنداق قىلىپ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھەقىقى ئىسپاتلىساق ،ئالالھمۇ بىزنى
سۆيىدۇ ۋە دۇنيادىكى نېمەتلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغىنىنى ئاخىرەتتە بېرىدۇ.
« .4قۇرئان كەرىم» ،مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
32
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك بەخت ئالالھ سۆيگەن كىشىلەردىن بولۇشتۇر.
ئالالھ
يەر ،ئاسماننى ياراتقان،
دەل-دەرەخ ئاتا قىلغان.
گۈل-چېچەكلەر ئاچتۇرغان،
بىر ئالالھتۇر ،بىر ئالالھ!
ھەر جانلىقنى تويغۇزغان،
ھەر ئىنساننى ياشاتقان.
بۇ ۋەتەننى قوغدىغان،
بىر ئالالھتۇر ،بىر ئالالھ.
ئالالھ ھەر يەردە ھازىر،
نېمە قىلسام ئۇ كۆرۈر.
نېمە دېسەم ئۇ ئاڭالر،
باردۇر ،بىردۇر ،بۈيۈكتۈر.
مەن ئالالھنى سۆيىمەن،
ھەر سۆزىنى ئاڭاليمەن.
-سەبرى جەمىل يالقۇت
ئوقۇشلۇق:
ھەقىقىي ئىمان ئىگىسى بولغان بىر قىز...
ئۆمەر رەزىيەلالھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە ،سۈتچىلەرنىڭ سۈتكە سۇ
قوشۇشىنى چەكلەپ ،بۇ پەرماننى ھەممە يەرگە ئۇقتۇرغان ئىدى .شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى
كۆزىتىش ئۈچۈن بىر كۈنى كېچىدە مەدىنىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقتىدا ،ناھايىتى ھېرىپ
كېتىپ ،ئازراق دېمىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ ئشىكىگە يۆلىنىدۇ-دە ئۆينىڭ
ئىچىدە بولۇۋاتقان ئانا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پاراڭالرنى ئاڭالپ قالدى:
ئانا :قىزىم چاققان بول ،ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئاۋۇ سۈتلەرگە ئازراق سۇ قوشۇۋەت.
قىز :خەلىپىنىڭ سۈتكە سۇ قوشۇشنى چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟
ئانا :ئەلۋەتتە ئاڭلىدىم.
قىز :ئۇنداقتا خەلىپە چەكلىگەن ئىشىنى قىلسام قانداق بولىدۇ؟
ئانا :ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سۈتلەرگە دەرھال سۇ قوش ،ئۆمەر سېنى كۆرۈپ قاالمتى؟
33
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
قىز :ئۆمەرغۇ كۆرمەيدۇ ،ئەمما رەببىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ .ئالالھنىڭ نامى بىلەن قەسەم
قىلىمەنكى ،مەن ئۆمەر كۆرىدىغان يەردە قىلمىغان بىر ئىشنى ،ئۇ كۆرمەيدىغان يەردىمۇ
قىلمايمەن .چۈنكى ئۆمەر كۆرمىگەن بىلەن ئالالھ كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئۆمەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتتى .كېيىن ياخشى دىنىي تەربىيە
كۆرگەن ،گۈزەل ئەخالققا ئىگە ئۇ قىزنى كېيىنچە ئوغلى ئاسىم بىلەن ئۆيلەپ قويدى.
مانا بۇ ئالالھقا ئىشىنىشنىڭ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە كۆرسەتكەن ئىجابى
تەسىرى...
سوئالالر:
( (1ئىنساننىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى نېمە؟
( (2ئالالھنىڭ سۈپەتلىرى قانچە؟
( (3ئالالھنىڭ زاتى سۈپەتلىرىنى ساناپ بېرىڭ.
( (4ئالالھنىڭ سۇبۇتى سۈپەتلىرىنى ساناپ بېرىڭ.
( (5بىر مۇسۇلمان ئالالھقا قانداق ئېتىقاد قىلىشى كېرەك؟
34
تۆتىنچى
باب
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش (ئىمان كەلتۈرۈش)
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•پەرىشتىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاالھىدىلىكلىرى
•چوڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىم ۋە ۋەزىپىلىرى
•پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشنىڭ پايدىلىرى
پەرىشتىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاالھىدىلىكلىرى
ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن ئىككىنچىسى پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش .پەرىشتىلەر نۇردىن
يارىتىلغان مەۋجۇدات بولۇپ ،ئۇالر يېمەيدۇ ،ئىچمەيدۇ ،ئەر ياكى ئاياللىقى يەنى جىنسىيىتى
بولمايدۇ.
پەرىشتىلەر ئالالھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى بولۇپ ،ئالالھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى
تولۇق ئورۇناليدۇ ،ھېچقانداق گۇناھ سادىر قىلمايدۇ.
ئالالھتائاال مەۋجۇداتالرنى ھەر خىل شەكىلدە ياراتقان .بۇالردىن بەزىلىرى بىز
كۆرەلەيدىغان ،يەنە بەزىلىرى بىز كۆرەلمەيدىغان شەكىللەردە بولۇپ ،ئىنسانالر بەزى
مەۋجۇداتالرنى كۆرەلمەيدۇ .چۈنكى ئىنساننىڭ كۆزى ھەممە نەرسىنى كۆرەلەيدىغان
ئىقتىداردا يارىتىلمىغان بولۇپ ،كۆرۈش قابىلىيتى چەكلىكتۇر.
مەسىلەن :ئىنتايىن كىچىك بولغان جىسىمنى كۆرەلمىگەندەك ،ھاۋانى ،شامالنى،
روھىمىزنى ۋە ئەقلىمىزنىمۇ كۆرەلمەيمىز .سىمدىن ئۆتكەن ئېلىكتىر ئېقىمىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
لېكىن كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمىگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز .شۇڭا
پەرىشتىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ ،پەقەت بىز كۆرەلمەيمىز ،خاالس.
سۆيۈملۈك پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان بىر مەۋجۇدات بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇالرنى
كۆرەلمەيمىز .لېكىن پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمىز .چۈنكى پەرىشتىلەرنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى ئالالھتائاال قۇرئاندا بايان قىلغان بولۇپ ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالممۇ
پەرىشتىلەرنى كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە بىزنى خەۋەردار قىلغان .ئالالھتائاال ۋە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمنىڭ بىزگە يەتكۈزگەنلىرنىڭ ھەممىسى بەرھەق ،راستۇر .شۇ سەۋەبتىن بىز
پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىمان ئېيتىمىز.
چوڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىم ۋە ۋەزىپىلىرى
پەرىشتىلەر :يەردە ،ئاسماندا ،ئەتراپىمىزدا ۋە ھەر يەردە مەۋجۇت بولۇپ ،سانىنى
پەقەت ئالالھال بىلىدۇ .ھەر بىرىنىڭ ئالالھ بۇيرۇغان ۋەزىپىلىرى بار.
بەزىسى دائىم ئالالھقا ئىبادەت قىلىدۇ ،بەزىلىرى بولسا كائىناتنىڭ تەرتىپ-تۈزۈمىنى
ساقالش ۋەزىپىسىگە قويۇلغان .ئۇالر ئىنسانالرنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان چوڭ ئىشالرنى
قىلىدۇ .ئىنسانالرغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ ،يامانلىقتىن قوغدايدىغان ،قىيىنچىلىقتا
35
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
قالغان مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەرمۇ بار .ئالالھتائاال
پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق چەكسىز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
چوڭ پەرىشتىلەر ۋە ئۇالرنىڭ ۋەزىپىلىرى
)1جىبرائىل :پەرىشتىلەرنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر .جىبرائىلنىڭ ۋەزىپىسى ئالالھ بىلەن
پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىش ،ئالالھنىڭ كىتابلىرىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزۈش.
كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى ئالالھتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا يەتكۈزگۈچىمۇ پەرىشتە
جىبرائىلدۇر.
)2مىكائىل :تەبىئەت ھادىسلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بار( .يامغۇر يېغىش ،شامال
چىقىش ،زىرائەتلەرنىڭ بىخلىنىشى قاتارلىقالرغا ئوخشاش)
)3ئىسرافىل :قىيامەتنى قەييۇم قىلىش (يەنى زامان ئاخىرىنى پەيدا قىلىش) ۋە
ئىنسانالر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش ئىشالرغا مەسئۇل.
)4ئەزرائىل :ھاياتى ئاخىرالشقان ئىنسانالرنىڭ جېنىنى ئېلىش ۋەزىپىسى بار.
بۇ تۆت چوڭ پەرىشتىدىن باشقا بەزى پەرىشتىلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:
كىرامەن كاتىبىن :بۇالر ئىككى پەرىشتە بولۇپ ،بىرى ئىنسانالرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە،
يەنە بىرى سول تەرىپىدە بولۇپ ،ئوڭ تەرىپىدىكى پەرىشتە ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى
ئىشلىرىنى ،سول تەرىپىدىكى بولسا يامان ئىشلىرىنى يازىدۇ .بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر
ئىنسانغا ئائىت بولغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقالر خاتىرلەنگەن «ئەمەل دەپتىرى» بارلىققا
كېلىدۇ.
مۇنكىر ۋە نەكىر :بۇ پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانالر ئۆلگەندىن كېيىن ،ئۇالرنى سوئال-
سوراق قىلىش ۋەزىپىسى بار.
رىزۋان :جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنىڭ باشلىقى.
مالىك :جەھەننەمدىكى پەرىشتىلەرنىڭ باشلىقى.
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشنىڭ پايدىسى
ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا بىز بىلەن بىللە بولغان ،بىزدىن ھېچ ۋاقىت ئايرىلمايدىغان
پەرىشتىلەرمۇ بار« .كىرامەن كاتىبىن» نامىدىكى بۇ پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىسى شۇكى ،ئۇالر
قىلغان ياخشىلىقىمىز ۋە يامانلىقىمىزنى يازىدۇ .دېمەك ،ئىنسان يالغۇز قالغان چېغىدىمۇ
يالغۇز ئەمەس بولۇپ ،ئۆزىنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغان ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى يېزىپ
تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ بار.
پەرىشتىلەرگە ئىشەنگەن بىر مۇسۇلمان مەخپى يەرلەردە «مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ،
خالىغىنىمنى قىلىمەن» دېمەيدۇ ،يامانلىق قىلمايدۇ .چۈنكى ئۇ نەدە بولسا بولسۇن،
پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ،ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى يېزىپ
تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .شۇڭالشقا پەرىشتىلەرگە كەلتۈرگەن ئىمانىمىز بىزنى يامانلىق
قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدۇ.
36
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
بۇالردىن باشقا يەنە بىزنى يامانلىقالردىن ساقالپ ،ياخشىلىق قىلىشقا باشاليدىغان
پەرىشتىلەرمۇ بار .دۇنيادا ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۈلگىسى پەرىشتە ،ئەسكىلىك ۋە
يامانلىقنىڭ سىمۋولى بولسا شەيتان .پەرىشتە ئىنساننى ياخشىلىققا ،شەيتان بولسا يامانلىققا
دەۋەت قىلىدۇ.
مەسىلەن :قورسىقى ئاچ ۋە ياردەمگە موھتاج بولغان بىر كەمبەغەل بىلەن
ئۇچراشقىنىمىزدا ،ئىچىمىزدە بىر ھېسداشلىق تۇيغۇسى جۇش ئۇرۇپ ،يوشۇرۇن بىر ئاۋاز
بىزگە« :پېقىر-پۇقراغا ياردەم قىل» دەپ نىدا قىلىدۇ .بۇ پەرىشتىنىڭ ئاۋازى .بۇ ۋاقىتتا،
ئىچىمىزدە يەنە باشقا بىر ئاۋاز« :ياردەم قىلساڭ پۇلۇڭ ئازاليدۇ ،ياردەم قىلىشتىن ۋاز
كەچ» دەپ پىچىرالپ ،بىزنى يوقسۇلغا ياردەم قىلىشتىن ۋاز كەچكۈزۈشكە تىرىشىدۇ .مانا
بۇ پىچىرلىغان ئىپالس شەيتاننىڭ ئاۋازى.
بۇ ئەھۋالدا ،بىز پېقىر-پۇقراغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان ئاۋازغا ئەگىشىشىمىز كېرەك.
چۈنكى بۇ ئاۋاز ياخشىلىقنى سۆيگەن ۋە بىزنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندىگەن دوستنىڭ
ئاۋازى .ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىزنى ياخشى ئىش قىلدۇرۇپ ،ساۋابقا ئىگە بولۇشىمىزغا سەۋەب
بولىدۇ .شەيتاننىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىشتىن قەتئى ساقلىنىشىمىز كېرەك .چۈنكى ئۇ بىزنى
ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىپ ،گۇناھ سادىر قىلغۇزۇش ئۈچۈن ئالداشقا تىرىشىدۇ.
شۇالردىن مەلۇمكى ،پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش يامانلىقالردىن خالى قىلىپ ،ئەخالقىمىزنى
گۈزەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مۇنداق دېگەن:
«شەيتان ۋە پەرىشتە ئىنساننىڭ قەلبىگە بەزى نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .شەيتاننىڭ
ئىشى يامانلىققا چاقىرىش ،ھەقتىن يىراقالشتۇرۇش .پەرىشتىنىڭ ئىشى بولسا ،ھەققە،
ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش ۋە يامانلىقتىن يىراق قىلىش .كىمكى ئىچىدىن ياخشىلىققا
دەۋەت قىلغان بىر ئاۋاز ئاڭلىسا ،شۇنى بىلسۇنكى ئۇ پەرىشتىنىڭ ئاۋازى .دەرھال ئۇنىڭغا
ئەگەشسۇن ۋە ئالالھقا رەھمەت ئىيىتسۇن .كىمكى ئىچىدىن يامانلىققا چاقىرغان بىر ئاۋازنى
ھېس قىلسا ،شۇنى بىلسۇنكى ئۇ شەيتاننىڭ ئاۋازىدۇر .ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ ،ئالالھقا
سېغىنىپ ياردەم تىلىسۇن( 5».تىرمىزى)
سوئالالر:
( (1پەرىشتىلەر قانداق بىر مەخلۇقتۇر؟
( (2پەرىشتىلەرنى نېمە ئۈچۈن كۆرەلمەيمىز؟
( (3چوڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىم ۋە ۋەزىپىلىرى قايسىالر؟
( (4پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
« .5تىرمىزى».
37
بەشىنچى
باب
كىتابالرغا ئىشىنىش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•ۋەھىينىڭ ماھىيىتى
•ۋەھىينىڭ تۈرلىرى
•ئىالھىي كىتابالر ۋە ۋاراقالر (سۇھۇفالر)
•قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى
•قۇرئان كەرىمنىڭ يېزىلىشى ۋە مۇسھاف (كىتاب) ھالىتىگە كەلتۈرۈلىشى
•قۇرئان كەرىمنىڭ ئاالھىدىلىگى
•قۇرئان كەرىمگە قارىتا مەسئۇلىيىتىمىز
•قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك سۆزلىرى
(ئوقۇشلۇق)
ۋەھىينىڭ ماھىيىتى
ۋەھىينىڭ سۆز مەنىسى :بىر نەرسىنى مەخپى ۋە تىزدىن بىلدۈرۈش.
ۋەھىينىڭ دىنىي مەنىسى :ئالالھ تەرىپىدىن بىۋاستە ياكى ئەلچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن
پەيغەمبەرلەرگە بىلدۈرۈلگەن ۋە جەزىملەشتۈرۈلگەن ئۇچۇر(خەۋەر).
ئالالھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خاالپ تاللىغان كىشىلەرگە ،خالىغان نەرسىلەرنى
بىلدۈرۈشى ئاالھىدە بىر يولالر بىلەن بولغان .ئالالھ تۈرلۈك ۋەھىي يولى بىلەن سۆزىنى
پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزگەن.
ۋەھىينىڭ تۈرلىرى
- -1ھەقىقىي چۈش بىلەن كەلگەن ۋەھىي :ئالالھ خالىغان ئۇچۇرالرنى توغرا بىر چۈش
بىلەن پەيغەمبەرلىرىگە بىلدۈرگەن .پەيغەمبىرىمىزگە كەلگەن تۇنجى ۋەھىيمۇ شۇنداق
باشالنغان بولۇپ ،چۈشىدە كۆرگەنلىرى ئوخشاش ھالدا رېئاللىقتا كۆرۈنگەن.
- -2ئىلھام يولى بىلەن كەلگەن ۋەھىي :ئالالھنىڭ خالىغان نەرسىلەرنى ۋاستىسىز ھالدا
پەيغەمبەرلەرنىڭ قەلبىگە ئورۇنالشتۇرۇشى.
- -3پەردە ئارقىسىدىن كەلگەن ۋەھىي :ئارىلىقتا ۋاستە يوق ھالدا ،خىتاب قىلغۇچى
كۆرۈنمەي ئالالھنىڭ سۆزلىرى ئاڭلىنىش.
- -4بىر ئەلچى (پەرىشتە) ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ۋەھىي :ئالالھتائاال سۆزىنى پەرىشتە
ۋاستىسى بىلەن پەيغەمبەرلىرىگە يەتكۈزگەن.
ئالالھنىڭ سۆزىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزگەن پەرىشتە بەزىدە ئۆز شەكلىدە كېلەتتى.
بەزىدە بىر ئىنسان شەكلىدە كېلەتتى ،ئۇ يەردىكىلەر پەرىشتىنى كۆرەتتى ۋە ئاۋازىنى
38
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
ئاڭاليتى .بەزى ۋاقىتالردا پەرىشتىلەر كېلىپ ۋەھىينى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزەتتى ،ئەمما
ئۆزى كۆرۈنمەيتتى.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا ۋەھىينىڭ تۆتىنچى تۈرى بولغان /ئەلچى
پەرىشتە ۋاستىسى بىلەن نازىل بولغان .قۇرئاننى ئالالھتىن ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزگە
ئەكەلگەن بۇ ئەلچى پەرىشتىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان جىبرائىلدۇر.
ئىالھىي كىتاب ۋە ۋاراقالر (سۇھۇفالر)
ئىماننىڭ ئالتە شەرتىدىن ئۈچىنچىسى ئالالھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش .ئالالھتائاال
بەندىلىرىگە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىتابالر ئەۋەتكەن .بۇ كىتابالردا ئالالھنىڭ
ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بىلدۈرۈلگەن ،بەندىلىرىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان
ۋەزىپىلىرى ئۆگىتىلگەن ،دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلگەن.
بىز مۇسۇلمانالر پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن كىتابالرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىمىز .ئەمما،
قۇرئان كەرىمدىن باشقا ئىالھىي كىتابالرنىڭ كېيىن بۇزۇلۇپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنىمۇ
بىلىمىز .بۇ سەۋەبتىن ،بىز ئۇالرنىڭ ھازىرقى بۇزۇلغان شەكلىگە ئەمەس ،پەيغەمبەرلەرگە
ئەۋەتىلگەن چاغدىكى بۇزۇلمىغان ،ساغالم شەكلىگە ئىشىنىمىز .قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمغا نازىل بولغان پېتى مۇستەھكەم قوغدالغان ۋە ھېچقانداق بىر ئۆزگەرتىشكە
ئۇچرىمىغان.
ئالالھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن كىتابالرنىڭ بەزىلىرى بىرقانچە ۋاراقتىنال
تەشكىل قىلغان كىچىك كىتابالردۇر .بۇالر بەت مەنىسىدە كەلگەن سۆز بىلەن «سۇھۇف»
دېيىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقىسى «تۆت چوڭ كىتاب» دېيىلىدۇ.
ۋاراقالر (سۇھۇفالر) تۆۋەندىكى پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن:
( (1ئادەم ئەلەيھىسساالمغا 10 ،بەت (ۋاراق).
( (2شىت ئەلەيھىسساالمغا 50 ،بەت.
( (3ئىدرىس ئەلەيھىسساالمغا 30 ،بەت.
( (4ئىبراھىم ئەلەيھىسساالمغا 10 ،بەت.
بۇالر جەمئى 100بەتتۇر.
تۆت چوڭ كىتاب:
( (1تەۋرات مۇسا ئەلەيھىسساالمغا ئەۋەتىلگەن.
( (2زەبۇر داۋۇت ئەلەيھىسساالمغا ئەۋەتىلگەن.
( (3ئىنجىل ئىسا ئەلەيھىسساالمغا ئەۋەتىلگەن.
( (4قۇرئان كەرىم بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئەۋەتىلگەن.
39
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بېرىلىشتىن
بۇرۇن بىر مەزگىل مەككە ئەتراپىدىكى ھىرا غارىغا كىرىپ ،ئالالھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە
تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى.
-610يىلى رامىزان ئېيىنىڭ بىر دۈشەنبە كۈنى كېچىسى يەنە ھىرا تېغىدىكى غارغا
كىردى ،چىن كۆڭلىدىن پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئالالھقا سېغىندى .دەل شۇ ۋاقىتتا
پەرىشتىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان جىبرائىل ئەلەيھىسساالم ئالالھنىڭ ئەمرى بىلەن
پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئوقۇ!» دېدى ۋە بۇ بۇيرۇقنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز «نېمىنى ئوقۇيمەن» دېيىشىگىال ،جىبرائىل ئەلەيھىسساالم
قۇرئاندىن بەش ئايەتنى تەبلىغ قىلدى .شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ۋەھي كېلىپ ،قۇرئان
نازىل بولۇشقا باشلىدى.
شېئىر
«ھەقنىڭ ئەڭ پارالق نۇرى نامايەن بولدى،
تۇغدى قۇرئان قۇياشى ،بوش ۋاقىتالر تۈگىدى».
تۇنجى ۋەھي كەلگەن ۋاقىتتا ،پەيغەمبىرىمىز 40ياشتا ئىدى .تۇنجى قېتىم نازىل
بولغان ئايەت قۇرئان -96سۈرە ئەلەقنىڭ بېشىدا يەر ئالغان بەش ئايەتتۇر .بۇ بەش
ئايەتنىڭ مەنسى:
«( (1ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن».
«( (2ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى».
«( (3ئوقۇغىن ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر».
«( (4ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى».
«( (5ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى».
6
قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى بىلەن بىللە مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى
پەيغەمبەر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى .قۇرئان بەزى ئايەت شەكلىدە ،بەزىدە سۈرە شەكلىدە
پارچە-پارچە نازىل بولۇپ 23 ،يىلدا تامامالندى .ئايەتلەر كۆپ ۋاقىتالردا ،بىر سوئال ياكى
بىر ۋەقە ھەققىدە نازىل بولدى .ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان سوئال ۋە
ۋەقەلەر «سەبەبى نۇزۇل» دەپ ئاتىلىدۇ .قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايىتى
بەقەرە سۈرىسىنىڭ -281ئايىتى بولۇپ ،مەنىسى:
« سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭالركى ،ئۇ كۈندە
سىلەر ئالالھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر ،ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى ـ
.6
«قۇرئان كەرىم» ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ،مۇھەممەد سالىھ.
40
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ ،ئۇالرغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى
ئەمەلى كېمەيتىلىپ ،يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ) ».
7
قۇرئاننىڭ يېزىلىشى ۋە مۇسھاف ھالىتىگە كەلتۈرۈلىشى
قۇرئان نازىل بولغان ھامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ۋەھىي كاتىبلىرىنى چاقىرىپ،
ئايەتلەرنىڭ قايسى سۈرىنىڭ قايسى بۆلىكىگە يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى .ۋەھىي
كاتىبلىرى كۆرسىتىلگەندەك يازاتتى .نازىل بولغان ئايەتلەرنى ساھابىلەر ئوقۇيتتى ۋە
كۆپىنچىسى يادلىۋاالتتى .شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ھەم يېزىلىپ ھەم يادقا ئېلىنىپ،
پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىال مۇھاپىزەت قىلىندى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ،ئايەت نازىل بولۇشقا داۋامالشقانلىقى ئۈچۈن ،قۇرئان
كەرىم يېزىلغان ۋاراقالر مۇسھاف ھالىتىگە كەلتۈرۈلمىگەن ئىدى .قۇرئان كەرىم ۋەھىينىڭ
ئاخىرلىشىشى بىلەن تامامالندى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ،خەلىپە بولغان ئەبۇبەكرى رەزىيەلالھۇ
ئەنھۇ بۇرۇنقى ساھابىلەردىن بىر گۇرۇپپا كىشىنى تەشكىللىدى .بۇ گۇرۇپپا ئايرىم-ئايرىم
سۈرە ھالىتىدە يېزىلغان قۇرئان ۋاراقلىرىنى توپالپ ،قارىالر يادلىغان قۇرئان بىلەن
سېلىشتۇرۇپ يېزىپ مۇسھاف ھالىتىگە كەلتۈردى.
قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بىر يەرگە تۈپلىنىپ ،كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن شەكلى
«مۇسھاف» دېيىلىدۇ.
ئۇالر بۇ ئىشالرنى قىلغاندا پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىچە سۈرىلەر رەتكە
تىزىلدى .توپلىنىپ مۇسھاف ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ قۇرئان خەلىپە ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىدا
مۇھاپىزەت قىلىندى.
كېيىن ئىسالمنىڭ تېخىمۇ كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان
رەزىيەلالھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى كۆپەيتىپ ئوخشىمىغان يەرلەرگە ئەۋەتتى.
بۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىم ئالالھتىن پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغىنىدەك ئۆز پېتى
مۇھاپىزەت قىلىندى ۋە ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەي كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلدى .ئالالھ خالىسا
قىيامەتكىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ .بۈگۈن قولىمىزدا بار بولغان قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز
ۋاقتىدا يېزىلىپ ،يادالنغان ،ئەبۇبەكرى زامانىدا مۇسھاف ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئوسمان
رەزىيەلالھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا كۆپەيتىلگەن قۇرئاندۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاالھىدىلىگى
ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ بۈيۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئالالھ تەرىپىدىن
نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانالرنىڭ ئىالھىي كىتابى بولۇپ ،قۇرئان كەرىمنى باشقا
.7يۇقىرقىغا ئوخشاش.
41
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
ئىالھىي كىتابالردىن پەرىقلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى ئۈستۈن قىلغان نۇرغۇن ئاالھىدىلىكلەر
بار.
بۇ ئاالھىدىلىكلەرنىڭ ئاساسلىقلىرى:
( (1قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغىنى بويىچە ھېچ ئۆزگەرتىلمەي بىزگىچە
يېتىپ كەلدى ،قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدۇ.
باشقا ئىالھىي كىتابالرنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي يوقالدى ،بەزىلىرى ئۆزگەرتىلىپ
ئالالھتىن نازىل بولغان چېغىدەك شۇ پېتى مۇھاپىزەت قىلىنمىدى.
ئالالھتائاال قۇرئاننى قوغدايدىغانلىقىنى بۇ ئايەت بىلەن ۋەدە قىلدى:
8
«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز-15( ».سۈرە
ھىجرنىڭ -9ئايىتى)
ھەقىقەتەن ئىالھىي كىتاۋىمىز بولغان قۇرئاننى ئالالھتائاال ھازىرغىچە قوغدىدى ۋە
قىيامەتكىچىمۇ قوغدايدۇ.
( (2قۇرئان بىراقال توپالم شەكلىدە ئەمەس ،زامان ،ۋەقەلەرگە ئاساسەن ،ئايەت
ۋە سۈرىلەر ھالىتىدە ئاز-ئازدىن نازىل بولدى .بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ يادالشقا ئاسان ۋە
چۈشىنىشلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
( (3قۇرئان ئاخىرقى ئىالھىي كىتاب بولۇپ ،ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر كىتاب نازىل
بولمايدۇ .قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ ،ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ .باشقا
كىتابالر بەلگىلىك بىر ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە ئەۋەتىلگەن.
( (4قۇرئان پۈتكۈل ئىنسانالرغا ئەۋەتىلگەن كىتاب بولۇپ ،بارلىق دەۋىرلەرنىڭ
ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان ھەقىقەت ۋە ھېكمەتلەر بىلەن تولغان .ھالبۇكى ،باشقا
ئىالھىي كىتابالر بەلگىلىك مىللەتلەرگىال ئەۋەتىلگەن.
( (5قۇرئان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە دائىملىق مۆجىزىسى .ئۇنىڭ سۆزلىرى،
مەنىسى ۋە ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ ھەقىقىتى تەڭداشسىز بىر مۆجىزىدۇر.
قۇرئانغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىز
( (1ھەر قانداق مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنىڭ ئالالھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشى،
تەجۋىد ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ھالدا قۇرئاننى توغرا ئوقۇشى الزىم.
( (2قۇرئان كەرىمنى تاھارەت بىلەن قولىغا ئېلىپ «ئەئۇزۇ ،بىسمىلالھ» بىلەن ئوقۇش
كېرەك .قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا ،ئىمكان بار قىبلە تەرەپكە يۈزلىنىش ۋە ئەڭ يۇقىرى
ئەدەپ ۋە ھۆرمەتتە بولۇش ،ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىش كېرەك.
( (3قۇرئاننى پاكىز يەرلەردە ئوقۇش ،باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ،قۇرئاننى
ئاڭلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ۋە پاسكىنا يەرلەردە ئوقۇماسلىق كېرەك.
( (4باشقىالر ئوقۇغان قۇرئاننى ھۆرمەت بىلەن ئاڭالش كېرەك.
.8
«قۇرئان كەرىم» ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ،مۇھەممەد سالىھ.
42
بىرىنچى بۆلۈم :ئېتىقاد
( (5قۇرئاننى ئېگىز ،پاكىز يەرلەردە قويۇش ،قااليمىقان يەرلەرگە قويماسلىق كېرەك.
( (6قۇرئاننىڭ قىل دېگىننى قىلىش ،قىلما دېگەنلىرىدىن ساقلىنىش ،ئۇنىڭ
ئەخالق-پەزىلىتىگە رىئايە قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم
ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم،
ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم.
سېنى ئالالھ يېنىدىن،
ئەكەلدى پەيغەمبىرىم.
دۇنيانىڭ چىرىغىسەن،
روھنىڭ ئايدىڭىسەن.
سەن قىيامەت كۈنىدە،
ئىماننىڭ قالقىنىسەن.
ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم،
ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم.
سېنى ھەممە نەرسىدىن،
ئۈستۈن بىلىپ سۆيىمەن.
-گۆكخان ئەۋلىيائوغلى
ئوقۇشلۇق:
قۇرئان ئۇقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك سۆزلىرى
ۋە
ئۆگەنگەن
قۇرئان
ياخشىلىرىڭالر
ئەڭ
ئاراڭالردىكى
«سىلەرنىڭ
ئۆگەتكىنىڭالردۇر».
«كىمكى ئالالھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ،ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ساۋاب
بار .ھەر بىر ساۋابنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسىدۇر».
«كىمكى ئالالھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن بىر ئايەت ئاڭلىسا ،ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ساۋاب
بېرىلىدۇ .كىمكى ئالالھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەت ئوقۇسا ،ئۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ
ئۆزىگە نۇر بولىدۇ».
«قۇرئان ئوقۇڭالر .چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنىدە ئوقۇغانالرغا شاپائەت قىلىدۇ».
«كىمكى قۇرئان ئوقۇپ ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا ،قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا
شۇنداق بىر تاج كەيگۈزۈلىدىكى ،ئۇنىڭ نۇرى يەر يۈزىدە ئۆيلەرنى يورۇتقان قۇياش
نۇرىدىنمۇ پارالق بولىدۇ .ئەمدى سىز ئەمەل قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھېسابالپ كۆرۈڭ».
43
ئىسالم دىنىدىن ئاساسى بىلىملەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئەبۇ زەرگە مۇنداق دېگەن« :ئەتىگىنى ئۆيدىن چىقىپ
ئالالھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەت ئۆگىنىشىڭ ،سېنىڭ ئۈچۈن يۈز رەكئەت نەفلە ناماز
ئوقۇغاندىنمۇ ياخشى».
«كىمكى قۇرئاننى ئوقۇپ ،ئۇنى يادلىسا ،ھااللنى ھاالل ،ھارامنى ھارام دەپ بىلسە،
ئالالھ ئۇنى جەننەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى جەھەننەمگە كىرگەن
9
بولسا ،ئۇنىڭ ئىچىدىن ئون كىشىگە شاپائەتچى بوالاليدۇ».
سوئالالر:
( (1ۋەھىي دېگەن نېمە؟
( (2ۋەھىينىڭ تۈرلىرىنى چۈشەندۈرۈڭ
( (3پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىينىڭ كېلىش يوللىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ
( (4قۇرئان ۋەھىينىڭ قايسى تۈرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ئەۋەتىلگەن؟
( (5ئىالھىي كىتاب ۋە ۋاراقالر قايسى پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتىلگەن؟
( (6قۇرئان قانداق نازىل بولغان؟ تۇنجى نازىل بولغان ئايەتلەر قايسىالر؟
( (7قۇرئاننىڭ يېزىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
( (8مۇسھاف دېگەن نېمە؟
( (9قۇرئاننىڭ ئاالھىدىلىگى قايسىالر؟
((10قۇرئانغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىز نېمە؟
((11قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بەش ھەدىس يادالڭ.
.9
«ئەت-تەرغىب ۋەتتەرھىب»-2 ،جىلد-342 ،بەت.
44
ئالتىنچى
باب
پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش
نوقتىلىق مەزمۇنالر:
•پەيغەمبەرلىك ۋە پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئېھتىياج
•پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە سۈپەتلىرى
•قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر
•پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىنالردا ئوخشاش بولغان پرىنسىپالر
•مۆجىزە ۋە كارامەت دېگەن نېمە؟
•پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىلىرى
•پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاالھىدىلىكلىرى
•مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولۇشى
•پەيغەمبىرىمىز ھەققىدە ئۇالر نېمە دىدى؟( ...ئوقۇشلۇق)
پەيغەمبەرلىك ۋە پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئېھتىياج
ئىماننىڭ ئالتە شەرتىدىن تۆتىنچىسى پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش .پەيغەمبەرلىك ئالالھ
بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئەلچىلىك ۋەزىپىسى بولۇپ ،ئالالھ بۇ ۋەزىپىگە اليىق
بولغان ئەڭ ياخشى بەندىلىرىنى تالاليدۇ .پەيغەمبەرلەر ئىنسانالرغا يول كۆرسەتكۈچى
قىلىپ تەيىنلەنگەن بولۇپ ،ئىنسانالرنىڭ بۇنداق بىر يول كۆرسەتكۈچىگە ئېھتىياجى بار.
ئىنسانالر ئۆز ئەقلى بىلەن ئالالھنىڭ بارلىقىنى بىلەلىسىمۇ ،ئۇنىڭ مۇقەددەس
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Temel Dini Bilgiler - 03
  • Büleklär
  • Temel Dini Bilgiler - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3297
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    27.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3398
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1450
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3365
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1482
    30.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3446
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1587
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1373
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 866
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3693
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3632
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1310
    28.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3574
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1404
    26.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3427
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1569
    27.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3178
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1584
    27.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3244
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1675
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3459
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1660
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3494
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1602
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3421
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1599
    29.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 4279
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1964
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Temel Dini Bilgiler - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 1463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 604
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.