Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3571
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1778
25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ۋە ھۆرلۈك ( ساالم ) بىر خىل ئەمەس بولۇپ ،ھېس – تۇيغۇ ،چۈشەنچە ۋە
ھەرىكەت شەكلىدە بىر كىشىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .شەخس
بىلەنال چەكلىنىپ قالماستىن ،جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق ،ھۇزۇر ،سائادەت ،ۋە
خاتىرجەملىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ،فىترەت بىلەن ئوخشاش بىر مەنبەگە
مەنسۇپ بولغان ۋەھىينىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى نەپسىگە ئېرىشىش بىلەن
ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بىز بۇ كېچىدە بۇ زېمىننى ۋەھىيدىن مەھرۇم قىلغانالرنىڭ ھىدايىتى ۋە
ئىسالھى ئۈچۈن ۋە باشقىالر ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز .چۈنكى بىز بەك چاڭقاپ
كەتتۇق .

154

-8باب :ئۆمۈرگە بەدەل كېچە -قەدىر كېچىسى

ئۇ كېچە -ئوتتۇز مىڭ كۈندۈزگە تەڭ كېچە
رامىزان قۇرئان ئېيى .چۈنكى ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئىالھىي
خەۋەرنىڭ سۇلتانى بولغان قۇرئان ۋەھىي ،قۇرئاننىڭ ئۆز بايانىغا كۆرە بىر رامىزان
ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان.
لەيل سۈرىسىدە ،قۇرئان نازىل بولغان كېچىنى « قەدىر كېچىسى » دەپ
ئاتايدۇ ۋە قۇرئاننىڭ تۇغۇلىشىغا شاھىت بولغان بۇ مەجھۇل كېچىنىڭ « مىڭ
ئايدىن ئارتۇق » ئىكەنلىكى بىلدۈرمەكتە.
بىر كېچىنى مىڭ ئايدىن ئارتۇق قىلغانمۇ ،ئۇ كېچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
پۈتۈن بىر ئاي ( رامىزان )نىمۇ مۇبارەك قىلغان ئامىل قۇرئاننىڭ ئۇ كېچىدە /
ئايدا تۇغۇلۇشى ئىدى .دېمەك ،بارماق كۆرسەتكەن ئاي ئەسلىدە قۇرئان ئىدى.
رامىزانمۇ ،قەدىر كېچىسىمۇ ،بارلىق قەدىر – قىممىتىنى قۇرئاننىڭ تۇغۇلغان
ۋاقتى ئىكەنلىكىدىن ئالماقتا .
قۇرئاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،رامىزان ياكى قەدىر كېچىسىنىڭ
بەرىكىتىگە نائىل بولۇشنى خىيال قىلىش ،خۇددى ۋەسىلەگە دۈمبىسىنى
قىلىۋېلىپ ،سەۋەبكە ئېسىلىۋالغاندەك ،مەقسەتنى تاشالپ قويۇپ ۋاسىتىنى
چىڭ تۇتقاندەك بىر ئەخمەقلىق .
رامىزان ئىقلىمى قۇرئان ئىقلىمىدۇر .قۇرئاننىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى
ھاۋاسىنىڭ يۈرەكلەردىكى ئەڭ سۇلغان گۈللەرنىمۇ ئېچىلدۇرغان پەسلىدۇر.
روھىغا خىيانەت قىلىنمىغان بىر رامىزان ،قاراقولالر تەرىپىدىن يانغىنغا
ئايالنغان مىليونلىغان يۈرەكلەرگە بىر رەھمەت يامغۇرى بولۇپ چۈشىدۇ،
داغالنغان قەلبلەرگە مەلھەم بولىدۇ ،ماتەمگە تولغان قەلبلەرنى شادلىققا

155

رامىزان يازمىلىرى
چۆمدۈرۈپ ،ئۈمىد ئۇرۇقلىرى قۇرۇپ قالغىدەك ھالدا قاغجىراپ كەتكەن قەلب
چۆللىرىنى قايتىدىن بوستانلىققا ئايالندۇرىدۇ .
پۈتۈن بۇ گۈزەللىكلەرگە ۋەسىلە بولغان قۇرئان ،بۇنىڭدىن تەخمىنەن
1433يىل بۇرۇن ،ھىرادا مەۋجۇدىيەت تولغىقى يەۋاتقان مېھمىنىغا قايسى
جۈملىلەر بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بۇ كۈنلەردىن يادىمىزدىن
چىقارماسلىقىمىز كېرەك .
«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن ،ئۇ ئىنساننى لەختە
قاندىن ياراتتى .ئوقۇغىن ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر .ئۇ قەلەم بىلەن
(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى .ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى».
كىتاب ئەھلى بولماي تۇرۇپ ئىمان ئەھلى بولغىلى بولمايدۇ .شۇڭا
ئاخىرقى ۋەھىي ،ئاخىرقى ئەلچىگە « ئوقۇ » ئەمرى كېلىشكە باشلىغان .بۇ
ئەمىر « يەتكۈز ،بىلدۈر ،تەبلىغ قىل » دېگەن مەنىلىرىدىن بەكرەك،
كەلىمىنىڭ بىرىنچى مەنىسى بولغان « ئوقۇ » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ ئوقۇش
مەۋجۇدىيەتنى ئوقۇش ئىدى « .ئىقرا » ئەمرىنىڭ ئاساسىي مەنىسىنىڭ «
ئىجمائ » ئىكەنلىكىنى دىققەتكە ئالساق ،بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ« :
مەۋجۇدىيەتنىڭ بار بولۇش ۋە غايىسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىل ،ئۆزۈڭنىڭ
مەۋجۇت بولۇش غايەڭ ھەققىدە ئويالن ،مەخلۇقاتنى شەكىللەندۈرگەن زەنجىر
ھالقىسى ئارىسىدىكى ئۇ زىچ مۇناسىۋەتنى بايقا ،پارچىالرنى ئۆزى مەنسۇپ بولغان
گەۋدە بىلەن بىرلەشتۈرگىن » .بۇ ئەمىر ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر « تېكىستنى ئوقۇ
» ياكى « خەۋەرنى يەتكۈز » مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ .چۈنكى ،شۇ ۋاقىتنىڭ
ئۆزىدە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغان بىر « ئۇقتۇرۇش » يوقتى ،بۇ بىرىنچى
سەۋەب .ئىككىنچىسى ،بۇ ۋەھىي چۈشۈپ ،ئاندىن بىر مەزگىل ۋەھىي ئۈزۈلۈپ
قالغان ۋە ئاندىن مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇشى
156

-8باب :ئۆمۈرگە بەدەل كېچە -قەدىر كېچىسى
بىلەن « رىسالەت » رەسمىي شەكىلدە باشلىغان ۋە « ئەي ياتقان كىشى!
ئورنۇڭدىن تۇر ۋە ئاگاھالندۇر! » دەپ بۇيرۇق قىلىنغان .بۇنىڭدىن ئەلەق
سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ « نۇبۇۋەت » بىلەن ،مۇددەسسىر
سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ « رىسالەت » بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشى ۋە ئەخالقىي
جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ،جىمجىتلىق بىلەن
تولغان تاغقا قاچقان دەردلىك قەلب ،بۇ مۇبارەك تولغاقتىن كېيىن پەقەت «
ئۆز»ىنىال دۇنياغا كەلتۈرۈپ قالماي ،ئىنسانىيەتنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدىغان
بىر قۇياشقا ئېغىر ئاياق بولغان .
دەسلەپ نازىل بولغان ئايەتلەردىن ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك
قايسى سوئالالرنى سورىغانلىقىنى ،قايسى تولغاق ئازابىدا تولغانغانلىقىنى
بىلىپ يېتەلەيمىز .ئۇ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ئىككى نۇقتا ،دىن بىلەن
پەلسەپە ئۇچراشقان نادىر نۇقتىالردىن بىرى بولۇپ ،مەۋجۇدىيەت ۋە بىلىم ئىدى.
ئۇ « مەن كىم؟ » « ،مەۋجۇت بولۇشۇمدىكى مەقسەت نېمە؟ » « ،كىم ،قانداق
پەيدا قىلدى؟ » « ،قەيەردىن كېلىپ قەيەرگە كېتىۋاتىمەن؟ » « ،ھەقىقەتنى
كىمدىن ،قانداق شەكىلدە ،نېمە بىلەن ئۆگىنەلەيمەن؟ ».
بۇ سوئالالر مەۋجۇتلۇق سوئاللىرى ئىدى .ئايەتلەر مانا بۇ مەۋجۇتلۇق
سوئاللىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە نازىل بولغان ۋە « ئوقۇ » ئەمرى بىلەن
باشالنغانىدى .
ئۇ ئوقۇۋاتاتتى ،ئەلۋەتتە .ئۆزىنى ،كائىناتنى ،مەۋجۇدىيەتنى ۋە شەيئىلەرنى
ئوقۇۋاتاتتى .لېكىن ئالالھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇيالمىغانىدى .بۇ ئوقۇشنى
كىتاب بىلەن مۇكەممەللەشتۈرمىگەندە ،بۇ ئوقۇش يېرىم قاالتتى ،نىشانىغا
157

رامىزان يازمىلىرى
يېتەلمىگەن بىر ئوقۇش بوالتتى .ۋەھىي مانا بۇ مۇبارەك ئوقۇشنى مۇقەددەس
قىلدى ۋە « ئوقۇشنىڭ ھەر خىل ئىجابىي تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا
دائىم ئوقۇلىدىغان» مەنىسىدىكى قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى .
ھەر كىتاب بىر كىتابنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىدى .ئۇ كىتاب بولسا قۇرئان
ئىدى ۋە قۇرئان بىر رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىدى .
رامىزان ئەقىل ،قەلب ۋە روھنىڭ تويۇندۇرۇلىشى ئۈچۈن بەدەننىڭ ئاچ
قويۇلىشىدۇر .روھنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئىالھىي پۇرسەت
بولغان رامىزان داستىخىنىنى« ،قارۇن داستىخىنى»غا ئايالندۇرۇش ئۈچۈن ھەر
خىل غىزاالرنى يىغقۇچىالر ،كىتابالر سۇلتانى بىر كىتاب دۇنياغا كەلگەن بىر
ئايدا ،روھى ئوزۇق ئۈچۈن كىتاب يىغقان بولسا ،بۇ مۇبارەك كۈننىڭ مەنىسى ۋە
ئەھمىيىتىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولمامدۇ؟
پۈتۈن ئىنسانىيەتكە « ئوقۇ » ئەمرى بېرىلگەن بۇ ئاينى ،بۇ ئەمردىن ئايرىپ
مۇبارەكلەشنىڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمايمەن .لېكىن،
رامىزاننىڭ جىمى بەرىكىتىنى يىغىپ كۆڭۈل سارىيىمىزدا مېھمان
قىلماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن .
رامىزان ئىالھى بىر مەسىلە .بۇ ئىالھى مەسىلە ئالدىدا ئادەتتىكى،
سۈنئىي ۋە ئۆتكۈنچى مەسىلىلىرىمىز قۇياش نۇرىدا ئېرىگەن قاردەك ئېرىپ
كەتمىسە ،بۇ مىسلىسىز پۇرسەتنى ئىسراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان تۇغۇلغان ئاي دەپ مۇبارەكلىگەن رامىزاندا ،قۇرئانغا ھەدىيە
قىلىدىغان گۈلىمىز كىتابالردىن تىزىلغان بىر گۈل دەستە بولۇشى كېرەك .بۇ
گۈل دەستىنى قۇرئانغا سۇنۇشىمىز كېرەك .ھەممىدىن مۇھىمى ،قۇرئان بىلەن
بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇ ئايدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشىمىز ،ئۇنىڭ
158

-8باب :ئۆمۈرگە بەدەل كېچە -قەدىر كېچىسى
بىلەن ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇشىمىز الزىم .ئالالھ ئالدىدىكى «
ھۆرمەتتە تۇرۇش »ىمىزنى بۇزمىغانلىقىمىزغا قۇرئاننى شاھىت قىلىشىمىز
الزىم ،بۇ دوستلۇقنى « بىر شاھىتلىققا » ئايالندۇرۇشىمىز كېرەك .
ئالالھ قەسەم قىلىپ كۆرسەتكەن كېچە ،قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان
كېچە بولسا كېرەك .بۇ كېچىنىڭ شاھىدلىقى ئەڭ چوڭ گۇۋاھلىقتۇر .چۈنكى،
بۇ كېچە ئەڭ ئۇلۇغ كاالمغا شاھىت بولدى .ئۇ شۇنداق بىر كېچە بولۇپ ،ئوتتۇز
مىڭ كۈندۈزگە تەڭ كېلىدۇ .ئۇ شۇنداق بىر كېچىكى ،بىر ئۆمۈرگە توغرا
كېلىدۇ .
ئۇ كېچە نازىل بولغان ۋەھىي ھاياتىمىزنى يورۇتمىسا ،ھاياتىمىز ئەبەدىي
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدۇ.

159

رامىزان يازمىلىرى

-9باب بىر بايرام ئارزۇاليمەن
قەلەم بىلەن ئۆگەتكەننىڭ نامى بىلەن
بىر ھېيت ئارزۇ قىلىمەن
قەلەم بىلەن ئۆگەتكۈچىنىڭ ئىسمى بىلەن
ھەممىدىن بۇرۇن سۆز بار ئىدى .مۇشۇنداق باشاليدۇ يۇھاننا ئىنجىلى.
ئەڭ باشتا سۆز بار ئىدى ۋە ھەر شەيئى « كەلىمە » بىلەن باشلىدى .پەيدا بولۇش
« ۋۇجۇدقا كەل » ئەمرى بىلەن باشلىدى .پەۋقۇلئاددە بىر ھالنىڭ ئىپادىسى
بولغان ئىسا ئەلەيھىسساالمنى « كەلىمە » دەپ ئاتاش ھەرگىزمۇ بىر
تاسادىپىيلىق ئەمەس.
كەلىمە مۇھىم ،يېزىش مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ .مەسئۇلىيەت ئېڭىغا
ئىگە كىشى يازىدۇ ،سۆزلىرى ،نۇتۇقلىرى ۋە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغان تۇرۇپ،
يەتكۈزمىگەن ھەقىقەت سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
يازما /ئەسەر يازغۇچىنىڭ ئەمەلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يېزىش بىر پۇرسەت بولۇپ ،ھەر پۇرسەت بىر نېمەت .نېمەتنىڭ ھەققى
شۈكۈر بىلەن ئادا قىلىنغان ۋاقىت ئۇ نېمەت بولىدۇ .ئەگەر شۈكرى ئادا
قىلىنمىسا ،ئۇنىڭ بەدىلى بېرىلمىسە ،ئۇ ۋاقىتتا نېمەت مۇسىبەتكە ،باالغا،
پىتنىگە ئايلىنىدۇ .
سۆز مۇھەببەتتۇر .شۇڭا ئانادولۇدا ئۈچ كىشىنىڭ بىر يەردە تۇرۇپ
سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىسىڭىز« ،
مۇھەببەتلىشىۋاتىمىز ( سۆھبەتلىشىۋاتىمىز ) » دەپ جاۋاب بېرىدۇ .سۆزدىن
سۆيگۈنى ،يازمىدىن /ئەسەردىن مۇھەببەتنى چىقىرىۋەتكەن ۋاقتىڭىزدا ،سىزگە
قالىدىغىنى بىر دۆۋە ھەرپ ،بىر يېشىك كەلگۈدەك سۆز ۋە بىر چاڭگال جۈملە
160

-9باب بىر بايرام ئارزۇاليمەن
خارابىسى بولىدۇ .سۆزلىرىمىز شامدىن ياسالغان بېزەكلەر بولۇپ ،ئۇالرغا جان
بەرگۈچى ،قان بەرگۈچى مۇھەببەتتۇر .تەسىر كۈچىنى پەيدا قىلغۇچى
رەببىمىزدۇر.
سۆز قەيەردىن چىققان بولسا ،شۇ يەرگە بارىدۇ .ئېغىزنىڭ ئۇچىدىن
چىققان سۆز ،قۇالقنىڭ بۇ تەرىپىدىن كىرىپ يەنە بىر تەرىپىدىن چىقىپ
كېتىدۇ؛ يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە بېرىپ توختايدۇ .ھەر سۆز بىر نەرسە
دېمەيدۇ .كور ،گاس ،تىلسىز سۆزلەرمۇ بار .بەزى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ
نەرسىلەرنى دەيدۇ .ئاڭاليدىغان قۇلىقى ،كۆرىدىغان كۆزى بارالر ئۈچۈن ،ئەلۋەتتە.
يېزىش بىر سەنئەتتۇر .ئالالھنىڭ ،بەندىنىڭ ،سۇنىڭ ،ناننىڭ ھەققى
بولغاندەك ،يازمىنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ .ھەققىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ يېزىش،
ئەسەرگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ .ھەققى ئادا قىلىنغان ھالدا يېزىلغان بىر
ئەسەر ،ھەققىنى بېرىپ ئوقۇيدىغان كىتابخان ئىزدەيدۇ .بۇ جەھەتتىن ئوقۇشمۇ
بىر ماھارەت ۋە مەسئۇلىيەتتۇر...
ياخشى يېزىلغان بىر ئەسەرنىڭ مەقسىتى ،مەلۇم بىر مەسىلىنى
كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ياكى كۈنتەرتىپتىكى خاتالىقنى ئۆزگەرتىش.
كاپىتالنىڭ جاكارچىلىقىنى قىلىۋاتقان تاراتقۇالر پەيدا قىلغان يالغان
كۈنتەرتىپنىڭ لېيىغان سۈيىگە ئەگىشىپ ئېقىش ،بىر ئەسەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،
ئەڭ ئېغىر مۇسىبەت بولسا كېرەك .بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالغان ئەسەرنىڭ جازاسى
كۆپۈكتەك يوق بولۇشتۇر.
كۈنىمىزدە ئىككى كۈنتەرتىپ بار .بىرسى غەيۋەت دەپ ئاتىلىدىغان
ئۆتكۈنچى ،ئاددىي ۋە كىشىنى ئالدايدىغان كۈنتەرتىپلەر بولۇپ ،بۇالرنى تاراتقۇالر
پەيدا قىلىدۇ .يەنە بىرسى بولسا ،ئۇزۇن مۇددەت ئۇنتۇلمايدىغان ،رەسمىي ۋە توغرا
بولغان كۈنتەرتىپلەر بولۇپ ،بۇ ئىككىنچى كۈنتەرتىپ ئىچىدە ئەڭ بەرىكەتلىك
/مۇبارەك بولغانلىرى ئالالھ بەلگىلىگەن مەسىلىلەردۇر.
رامىزان ئالالھ بەلگىلىگەن ئىالھى كۈنتەرتىپ بولۇپ ،كۈندىلىك ھايات
قاينىمىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ،ئىنسانلىق
161

رامىزان يازمىلىرى
خۇسۇسىيىتى تەكىتلەنگەن ،بەشەر تەرىپىنى ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ
ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىغان بىر كۈنتەرتىپتۇر .بۇ ئىالھى كۈنتەرتىپنىڭ
مەقسىتى ،ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش .روزا پەرز
قىلغان ئايەتنىڭ « لەئەللەكۇم تەتتەقۇن » ئىبارىسى بىلەن ئاخىرلىشىشى بۇنى
روشەن بىر شەكىلدە كۆرسەتمەكتە .بەدەن بەزىدە ئەقىل ئىشلىتىدىغان قەلبنىڭ
ئۈستىگە يېپىلغان قېلىن بىر پەردىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .روزا ،مانا بۇ قېلىن
پەردە ئارىسىدىن ئىنساننىڭ ئىنسانىي تەرىپىنىڭ ،بەشەر تەرىپىدىن غالىب
كېلىشىگە ياردەم قىلىدىغان ئەمەل بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.
رامىزان ئىنسانغا ئەۋەتىلگەن بىر ئىالھىي باغاق .ئىنساننى باشقا يەرگە
ئەمەس ،ئۆزىگە قايتىشقا چاقىرغان بىر تەكلىپنامە .بۇ مەنىدە ،روزا ھەددىنى
بىلىشكە تەۋسىيە قىلىنغان بىر چاقىرىق .ئىنسانغا ئاجىز ،زەئىپ ،موھتاج بىر
مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش ھەرىكىتىدۇر روزا .يەنى ئىنساننى ئۆز ھۇدۇد
( چېگرا ) لىرىنى بايقاشقا چاقىرىق بولۇپ ،ئۆز ھۇدۇدلىرىنى بىلگەن كىشى
ھەددىنى بىلىدۇ ،بۇنى بىلگەن كىشى پەرۋەردىگارىنى بىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن رامىزان ،يۈرەك مەملىكىتىنى بىر يىل تاشالپ قويغان
ئىنسانغا « ،ئىچىڭدىكى دۇنيا »نى بايقاش ئۈچۈن يولغا چىق پەرمانى بولۇپ،
فىترەت جەھەتتىن ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن مىسلىسىز بىر كۈچ ،يادرو كۈچ
مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەلبكە ئىنساننىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشتۇر.
ئىنسان نەپسى دائىم ئۆزىدىن بەكرەك باشقىالرغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ،باشقىالرغا
قىزىقىشقا ،باشقىالرنى قۇتقۇزۇشقا ئامراق كېلىدۇ .باشقىالرغا قارىتىلغان بۇ
ھەددىدىن زىيادە قىزىقىش ،كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزىگە سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ ،ئىنسانغا ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ،ھەتتا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا سەۋەب
بولىدۇ .بۇ روھىي ھالەتكە گىرىپتار بولغان كىشىنى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزىگە
تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرمەي ،باشقىالرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ھالدا
كۆرىسىز .ۋاي ئىسىت ،دەپ قالىسىز .بىچارە ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتتىن بىخەۋەر.

162

-9باب بىر بايرام ئارزۇاليمەن
كىم بىلىدۇ ،باشقىالر ھەققىدە بۇ پەۋقۇلئاددە كەمچىلىكنى بايقاۋاتقان
ۋاقتىڭىزدا ،سىزگىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەندۇ ،بەلكىم.

163

رامىزان يازمىلىرى

كەمبەغەللـەر بىلەن ھەمداستىخان بولۇش
تولغىقىڭىزنىڭ مەقبۇل بولۇشىنى تىلەپ
تولغاقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئارزۇسى بىلەن

قۇرئان ئايالردىن رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۆزى
بايان قىلىدۇ .مۇبارەك بىر كېچە بولغان قەدىر كېچىسىدە چۈشۈشكە
باشلىغانلىقىنى قۇرئان تەكىتلەيدۇ .بۇ ئەھۋالدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان
مەزگىلدىكى قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكى ئېنىق .بۇالر قۇرئان
بىلەن ئېنىق بولغان ھەقىقەتلەر.
ئىالھىي ۋەھىي كەلگەندە رەسۇلۇلالھ ھىرا غارىدا ئىدى .تۇنجى
كەلىمىسى « ئوقۇ » بولغان ئەلەق سۈرىسىدىكى دەسلەپكى بەش ئايەت بۇ جايدا
نازىل بولدى .بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق « :ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى
بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى .ئوقۇ ،رەببىڭ چەكسىز كەرەم
ئىگىسىدۇر .ئۇ قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتتى .ئىنسانغا بىلمىگەننى ئۆگەتتى
» .بۇ مەلۇماتالرمۇ تارىختا ئېنىق بولغان ھەقىقەتلەر.
بۇ ھەقىقەتلەر ئاساسىدا ،رەسۇلۇلالھنىڭ ھىرادىكى روھى ھالىتى
ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋاقتىمىزدا ،ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا يارىتىلىش ھەققىدىكى
ئىزدىنىشنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاالاليمىز .مەۋجۇدىيەت ۋە
مەۋجۇت بولۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان « كىم ،نېمە ئۈچۈن،
نېمىشقا ،قانداق ،نېمە بىلەن؟ » سوئاللىرىنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىزدەنگەن
رەسۇلۇلالھقا ،ئالالھ تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلەر ئارقىلىق ،بۇ تىلسىمنىڭ
ئاچقۇچىنى جاۋاب شەكلىدە بېرىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇشقا دائىر مەلۇماتقا ،يەنى
ھەقىقەتكە قايسى مەنبە ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھىرا مەھرەمىيەتنى تەمسىل قىلىدۇ .دەۋرىمىز ئىنسانىي مەۋجۇتلۇق
تولغىقى يەپ ،مەۋجۇت بولۇش تىلسىمىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىپ قالمىسۇن
164

-9باب بىر بايرام ئارزۇاليمەن
دەپ؛ ئائىلىلەرنىڭ مەھرەمىيىتى ،پۇقراالردىن شەكىللەنگەن زامانىۋى قۇلالرنى
ئىجاد قىلغان زامانىۋى دۆلەت ۋە مەدەنىيەت تەرىپىدىن يوق قىلىندى.
ئائىلىنىڭ ئار – نومۇسىغا قول ئۇزۇتۇپ نامەھرەملىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپال
قالماستىن ،ماكاننىڭ تەپەككۇر قىلغان قەلبى ھېسابالنغان ھىرانى ئىشغال
قىلغىنىدەك ،ئىنساننىڭ ھىراسى بولغان ئەقلىنى ۋە قەلبىنى ئىشغال
قىلدى.
ئىنسانالر بىر « ئۆزلۈك ئىدراكى »غا ئېرىشىپ « ،قەيەردىن كەلدىم؟ مەن
كىم؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ نېمە ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم؟ نېمە بىلەن مەۋجۇت
بولىمەن؟ قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟ » دېگەنگە ئوخشاش مەۋجۇتلۇق سوئاللىرىنى
سوراشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئۆز كىملىكىگە ئىگە بوالاليدۇ .ئىنسان ئۆزلۈكىگە /
شەخسىيىتىگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا ،ئۇالرنى ئوخشاش كىملىككە ئىگە قىلغىلى
بولمايدۇ ،يەنى پادىغا ئايالندۇرغىلى ،پادىچى ۋە پادا ئىتى ئارقىلىق ئۇالرنى
باشقۇرغىلى بولمايدۇ .بۇ ،كىشىلەرنى پادىغا ئايالندۇرۇپ ،دۇنياۋى ھۇزۇر –
ھاالۋىتىنى ئۇالرنىڭ گۆشى ،تېرىسى ۋە سۈتى ئۈستىگە بەرپا قىلغان پادىچى ۋە
پادا ئىتىنىڭ شېرىن چۈشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بولۇپ قالغانلىقتىن ،ئۇالر
بۇنىڭغا ئاسانلىقچە يول قويمايدۇ .
ھىرا تېرەنلىك /چوڭقۇرلۇق ( بىلىم )نى ،ئىنسانىي تېرەنلىكنى ،تېرەن
ئىنساننى تەمسىل قىلىدۇ .تېرەن ئىنسانالر يوق ياكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك
ئاز بولغان يەرلەردە ،تەبىئەت قانۇنىيىتىگە كۆرە بۇ بوشلۇقنى تېرەن /قاراڭغۇ
دۆلەتلەر ئىگىلەيدۇ .ئۇالر ۋىجدانالرنى مونوپول قىلىشقا ،قەلبلەر ۋە ئەقىللەرنى
ئىشغال قىلىپ ،كىشىنى چۆچۈتىدىغان مېتودالر پەيدا قىلىشقا،
مەنپەئەتلىرىنى مۇقەددەس ۋە قول تەگكۈزگىلى بولماس قىلىش ئۈچۈن ،ساختا
ئىالھالر يارىتىشقا يۈزلىنىدۇ

.

165

رامىزان يازمىلىرى
رامىزان مانا بۇ جەھەتتىن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە.
قەلب چىتلىرىغا ئېسىلغان ھالدا ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغانالر ئۈچۈن
تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت رامىزان .بولۇپمۇ ،ئۈمىدلەر خۇددى قۇشالرغا ئوخشاش
كۆچكەن ،گۈل يۈزلۈك يارنىڭ مەست قىلغۇچى ھىدى ئۆلتۈرۈلگەن ،ئاق
چاچلىق سەۋداالرنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى يۇنۇسالردەك قىرغاققا ئاتقان،
خىيانەت بورانلىرىنىڭ بىغۇبار قەلبلەرنى تەيفېڭ بورىنىدىنمۇ بەكرەك
ئۇرۇۋاتقان ،كۈن نۇرىغا قارشى ھۇۋلىغانالر قۇترىغانسىرى غالجىرالشقان بۇنداق
ئېغىر ۋە تار بىر زاماندا -ماكاندا تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت رامىزان .
بىزنىڭ روزىنى روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تۇتۇۋاتقانلىقىمىزدىن ،تۇتقان
بولساق ،بۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىپ – ئېرىشەلمىگەنلىكىمىز ھەققىدە
ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن .ئەمما ،ماڭا ئايدىڭ بولغان بىر نەرسە باركى ،روزا
بىزنى تۇتۇۋاتىدۇ .بىزنى قەددى قامىتى تىك ،جانلىق ھالدا تۇتۇۋاتىدۇ .ئەگەر
بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا ،رامىزاننى بىر مەرىكىگە ،روزىنى ئورۇقالشقا،
ئىبادەتنى ئادەتكە ئايالندۇردۇق دېگەنلىك بولىدۇ « .روزا ھېيت » بىلەن «
كەمپۈت بايرىمى ( تۈركىيەدە روزا ھېيتنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى ) »
ئارىسىدىكى كۈرەشتە كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ،روزىنى قەددى – قامىتى
تىك ،ئىخالس بىلەن تۇتقان ،رامىزان تولغىقى يېگەن مۇئىمىنلەرگە
مۇناسىۋەتلىك.
ئالالھ يېگەن تولغىقىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن !

166

-9باب بىر بايرام ئارزۇاليمەن

167

رامىزان يازمىلىرى

168

-10باب بايرام يازمىلىرى

-10باب بايرام يازمىلىرى
شارابلىق روزا ياكى «تۈرك مۇسۇلمانلىقى»
بەلكىم كۆرگەنسىلەر ،بىرسى « يېڭى يىل كېچىسى ھاراق ئىچسەم ،روزام
قوبۇل بوالمدۇ؟ » دەپ سورايدۇ .رەسمىي مۇپتى ( غەيرى رەسمىي مۇپتىغۇ ئەلۋەتتە
«بولىدۇ» دەيدىغاندۇ) « :قەتئىي ئىچمىسەم بولمايدۇ دېگۈچىلەر،
بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك » دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بېرىلگەن جاۋابقا ئۆتۈشتىن بۇرۇن ،سورالغان سوئالنىڭ مەنتىقىلىقى
ھەققىدە توختىاليلى.
بۇ سوئال ،ماڭا دۆلەت قولالۋاتقان « تۈرك مۇسۇلمانلىقى » نەزەرىيەسىنى
ئەسلەتتى .تۈرك مۇسۇلمانلىقى ھەققىدە جار سېلىۋاتقانالرنىڭ نېمىنى مەقسەت
قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس .لېكىن مېنىڭ ئەقلىمگە نوئەل ( يېڭى يىل
بايرىمى ) بىلەن رامىزاننى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن؛ روزىسىنى ھاراق بىلەن
ئاچسا بولىدۇ ،دەپ قارايدىغان؛ بەدەن مەملىكىتىنىڭ پايتەختى قەلبنى،
شەيتان بىلەن پەرىشتە ئىتتىپاقىدىن شەكىللەنگەن فىترەتكە يات بىر
ھۆكۈمدارغا تاپشۇرغان « غەلىتە ئىمان »لىق بىر شەخسىيەت كېلىدۇ .
بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دېگەن سوئالىڭىزنى توغرا دەپ قارايمەن.
مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ،بۇ جەھەتتە ھەقلىق
ئىكەنلىكىڭىزنى ئوچۇق ۋە ئېنىق شەكىلدە ئېيتااليمەن « .نەرسىلەرنىڭ
تەبىئىتى » دېگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ،بۇنىڭ نەرسىلەرنىڭ تەبىئىيىتىگە
/فىترىتىگە زىت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن.
169

رامىزان يازمىلىرى
سوغۇق بىلەن ئىسسىق ،قىش بىلەن ياز ،ئوت بىلەن سۇ ،ئويمان بىلەن
دۆڭنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن .ئىمان بىلەن كۇپۇر ،ھەق
بىلەن باتىل ،پەرىشتە بىلەن شەيتان ،ياخشى بىلەن يامان ،چىرايلىق بىلەن
سەت ،توغرا بىلەن خاتا ،ساۋاب بىلەن گۇناھمۇ بىر بىرى بىلەن زىت .لېكىن،
ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەدە « ئاق -قارا » غا ئوخشاش ئىككىسىدىن
بىرسى كۈچكە ئىگە بولغان نۇقتىدا ،ئەمەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى
« ئاق ۋە قارا » پىرىنسىپىغا سالغان ۋاقتىڭىزدا ،ئېنىق بىر تەرەپ قىلغىلى
بولمايدىغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن.
شۇڭا بۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىنى ،شېرىك قوبۇل قىلمايدىغان ئەقىدە
ساھەسىنىڭ « ئاق ۋە قارا » پىرىنسىپىغا سالماي بىر تەرەپ قىلىش
كېرەك .ئەمما ،بۇنداق مۇرەككەپ بىر زېھنىيەتنى ،پەقەت « ئەمەلى» بىر
ئازغۇنلۇق بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ ،ئاستىدا باشقا مەسىلىلەر
ياتىدۇ ،دەپ قارايمەن .
سوراپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى ،بۇ سوئالنى سورىغۇچى روزىنى
نېمە ئۈچۈن تۇتىدۇ؟ روزا تۇتۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟ روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر «
ئادەت » مۇ؟ ياكى بىر « ئىبادەت »مۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ،مائۇن
سۈرىسىدىكى « ،شۇنداق ئىبادەت قىلغانالرنىڭ ھالىغا ۋاي! » ئايىتى خىتاب
قىلغان « دىندار (! ) مۇشرىكالر »نى ئەسلىتىپ « ،دىننى يالغانغا چىقارغان »
ھالدا روزا تۇتۇپ ،بۇنى ئەنئەنىۋىي مۇسۇلمانلىقنىڭ بىر تەقەززاسى ،دەپ
قارامدىغاندۇ؟ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان « دىننى يالغانغا چىقىرىش » ،دىننىڭ بىر
پۈتۈن ھايات بەرپا قىلىش پىالنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى
ئىپادىلەيدۇ .
بۇنداق بىر كىشى روزا پەرز قىلىنغان ئايەتنىڭ ،بۇ ئىبادەت بىلەن نېمىنى
مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ،بۇ ئارقىلىق روزىنىڭ ئىنساندا
170

-10باب بايرام يازمىلىرى
ئالالھقا ،ئىنسانالرغا ،مۇھىتقا ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن « مەسئۇلىيەت ئېڭى »نى
ئويغىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا ،يەنە مۇشۇنداق بىر مەنتىق
ئىچىگە كىرىپ قاالتتىمۇ؟ يەنە ئۇ كىشى ھاراق ئىچىشنى چەكلەشتىكى
مەقسەتنىڭ « ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەقلىگە زۇلۇم قىلىشى ،ئۇنىڭ
ئۈستىنى يېپىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇش خاھىشى »نى توسۇشنىڭ مۇددىئا بىلەن
بولغانلىقى چۈشەندۈرۈلسە ،مۇشۇنداق بىر – بىرىگە زىت مەنتىقىنى ئوتتۇرىغا
قوياتتىمۇ؟
ھەممىدىن مۇھىمى ،بىر ئىبادەتنى ئىبادەت قىلغان ئامىلنىڭ،
ئىماندىن ئېتىلىپ چىققان بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل
قىلىش ،شۇنىڭدەك ساھىبىغا ھەق ۋە مەسئۇلىيەت ئارتقان بىر ئىماننىڭ،
ئىنسان بىلەن پەرۋەردىگارى ئارىسىدىكى بىر ئەھدە ئىكەنلىكىنى بىلىش بولۇپ،
ئەگەر سوئال سورىغۇچى بۇ ھەقىقەتنى بىلگەن بولسا ،سورىغان سوئالىنىڭ
زىتلىق بىلەن تولغان ،ھەتتا ھاماقەتلەرچە سورالغان ،ئەھمىيەتسىز بىر سوئال
ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەسمىدى؟
بۇ نۇقتىدا سوئالغا بېرىلگەن جاۋابقا قاراپ باقايلى .بېرىلگەن پەتىۋادا،
سوئال سورىغۇچىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك ،ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش
چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ جاھالىتىگە خاتىمە بەرگۈدەك ،ئۆزى چۈشۈپ قالغان بۇ
زىتلىقنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم قىلغۇدەك بىر يىپ ئۇچى يوق .ئەكسىچە،
سوئالنى ئادەتتىكى بىر سوئال قاتارىدا كۆرگەن قورقۇنچ تەپەككۇر يوقسۇللىقىغا
دۇچ كەلمەكتىمىز.
بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن مۇپتىنىڭ ئەھۋالى ،يۇقىرىدىكى سەۋەبتىن
سوئال سورىغۇچىدىنمۇ خەتەرلىك بولۇپ ،تۈركىيەدە رەسمىي « دىن خادىملىرى
» ئارىسىدىكى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە،
تېزدىن ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ئالدىمىزغا
چىقماقتا.
171

رامىزان يازمىلىرى
بۇ مەسىلە « دىن تەسەۋۋۇرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى » تېمىسى
ئاستىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك .ھەقىقەتەن بۇ مەملىكەتتە كوچىدىكى
ئادەتتىكى بىر كىشىلەرنىڭ ئەمەس ،ئەكسىچە « دىن خادىملىرى » دەپ ئاتالغان
تەبىقىنىڭ دىن تەسەۋۋۇرىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش ،ئېغىپ كېتىش ۋە
بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەيدانغا كەلدى .
« يېڭى بىر دىن تىلى » ئەلۋەتتە الزىم .مەۋجۇت دىن تىلى دەۋرىمىز
ئىنسانلىرى چۈشىنەلمەيدىغان غەلىتە بىر قۇش تىلىغا ئايلىنىپ قالدى .شۇڭا
كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالمايۋاتىدۇ ،ئۇالرنى ئۆزىگە جەلپ
قىاللمايۋاتىدۇ .يەتكۈزۈلۈشى زۆرۈر بولغانالرنىڭ يەتكۈزۈلمەي ،سۈكۈتتە تۇرۇشى
كېرەك بولغان نەرسىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىدىكى ئاساسلىق
سەۋەب بۇ.
لېكىن ،بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر دىن تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۈستىگە ،يېڭى
بىر دىن تىلى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ،ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەتىجە:
زامانىۋى چۈشەنچىدىكى« شەيخۇل ئىسالم »لىقىغا تۆھپە قوشۇش
بولىدۇ ،خاالس.

172

-10باب بايرام يازمىلىرى

روزىدار بىلەن رامىزاننىڭ سۆھبىتى
رامىزان ئېيى قۇرئان تۇغۇلغان ئاي ئىدى.
ئۇ روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازان ۋە شەھۋىتىگە « توختا » ،مېڭىسى ۋە
قەلبىگە « ماڭ » دېدى .
روزا تۇتقۇچى :قەلبىمنىڭ پۇتى ئاقساق ،قانداق ماڭىمەن؟ قانداق
قىلىپ ،قايسى تەرەپكە ،قايسى يولنى بويالپ ،قايسى خەرىتىگە قاراپ ،نېمىنىڭ
يول كۆرسىتىشى بىلەن ماڭىمەن؟ دەپ سورىدى.
رامىزان :ئەڭ چوڭ كۈچۈڭ بولغان ئىماندىن ياردەم سورىغىن .تەقۋانىڭ
ئۆزى ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ئەمەسمۇ؟ دەپ جاۋاب بەردى.
روزىدار :قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭاي؟
روزا :سىراتىل مۇستەقىيمنى بويالپ ماڭ .مانا بۇ سېنى ئەبەدىي سائادەتكە
ئېرىشتۈرىدىغان يول .باشقا يولالرغا مېڭىپ قالمىغىن ،بولمىسا نەپس
ئورمانلىقىڭدا چىلبۆرىلەرگە يەم بولىسەن ،ئۆزلۈكۈڭنى يوقۇتۇپ قويۇپ ،پالتا
تېگىپ باقمىغان جاڭگالدا ئېزىقىپ قالىسەن.
روزىدار :ئەتراپىم قاپقاراڭغۇ ،سەپىرىم ھەر تەرەپنى قاراڭغۇلۇق باسقان بىر
مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالدى .بۇ قاراڭغۇدا يولۇمنى قانداق تاپىمەن؟
روزا :مەندىن كەلگەن يورۇقلۇققا ئەگەشكىن ،ئۇ قۇرئاندۇر .قۇرئان ساڭا يول
كۆرسىتىدۇ .پەيغەمبەر يەتكەن مەنزىلگە سەنمۇ يېتىپ بارماقچى بولساڭ،
پەيغەمبەرگە يولىنى يورۇتۇپ بەرگەن قۇياشقا ئارقاڭنى قىلىۋالما .ئۇنىڭ
قولچىرىغى قۇرئان ئىدى ،سېنىڭكىمۇ قۇرئان بولسۇن .قالغان ئىشتىن
ئەنسىرىمە!
173

رامىزان يازمىلىرى
روزىدار :سەپەر ئۈستىدە قاراڭغۇ جىلغىالردىن ئۆتىمەن ،دەڭلەردە
قونۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ .كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان نەرسىلەرگە دۇچ
كېلىمەن .ماڭا بەرگىدەك بىرەر تۇمارىڭ يوقمۇ؟
رامىزان :يۈرىكىڭ بارغۇ ،ئۇ ساڭا يەتمەمدۇ؟ ئۇ ئالالھ كۆكسۈڭگە ئاسقان
جانلىق تۇمار .ھەرگىزمۇ يۈرىكىڭدىن باشقا تۇمار ئاسما .ئالالھ ئېسىپ قويغان
قەلب تۇمارىنى قارايتىۋەتكەنلەر ،ئۆلتۈرگەنلەر ،مۆھۈرلەتكۈزىۋەتكەنلەر باشقا تۇمار
ئىزدەيدۇ .سەن ئۇنىڭغا ياخشى قارا ،ئالالھ نى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان بىر قەلب
سېنى يولدىكى پۈتۈن خەتەردىن ساقاليدۇ.
روزىدار :ئۇنداقتا بۇ ئۇزۇن سەپەردە ماڭا كىم يولباشلىغۇچى بولىدۇ؟
رامىزان :بىر كېچىسى مەندىن ئۆزىگە ۋەھىي كەلگەن ،ئالەملەرگە رەھمەت
بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم يولباشچىڭدۇر .ئۇ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا نېمە
ئۈچۈن ئىز قالدۇرۇپ كەتتى ،دەيسەن؟ ئەلۋەتتە ،سىراتىل مۇستەقىيم ئۈستىدە
ماڭماقچى بولغانالر مېنىڭ ئىزىمدىن ماڭسۇن ،دەپ ئىز قالدۇرۇپ كەتتى .ئۇ
تۇرۇپ باشقا يولباشچى ئىزدەش ئەقىلگە زىيان.
روزىدار :بۇ ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك يولدا ئۆزۈمنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىمەن؟
قولۇمدا ھەزرىتى مۇسانىڭكىدەك ھاسام يوق ،قېيىنچىلىقتا قالغاندا
كۆرسىتىدىغان بىر كارامىتىم بولغان بولسا بەك ياخشى بوالتتى.
رامىزان :كالالڭ يەنە ئېلىشىپ كېتىپتۇ .ئەڭ چوڭ كارامەت ئىستىقامەت
( توغرا يول ) .بۇنىڭدىن باشقا كارامەت ئىزدىگۈچىلەر ،كەرىم بولغان ئالالھ نىڭ
ئۆزلىرىنى « كەرىم » قىلىپ ياراتقانلىقىنى؛ ئاندىن بىر پەرىشتە ئارقىلىق كەرىم
بىر ئەلچىگە كەرىم بىر كىتابنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەر .بۇنچە
كارامەت يەتمەمدۇ؟
روزىدار :ئۇنداقتا قولۇمغا ھېچ بولمىسا بىر يول خەرىتىسى بەرگەن
بولساڭ ،ئېزىقىپ قالغاندا ئۇنىڭغا قارايتتىم.
رامىزان :قۇرئان قولۇڭدا تۇرۇپ مەندىن يەنە يول خەرىتىسى سوراۋاتامسەن؟
قارىغاندا سەن مېنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسەن .مەندە روزا تۇتۇپسەن ،لېكىن
174

-10باب بايرام يازمىلىرى
بۇنىڭ نېمىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلمەي قاپسەن .خوش،
ئالالھقا ئامانەت.
روزىدار يالۋۇرۇپ :مېنى تاشالپ كەتمە ئەي رامىزان! مېنى تاشلىۋەتمە! بىر
يىلنىڭ كىرىنى ،باسقان داتلىرىنى سەن ئارقىلىق يۇيۇپ تازىاليتتىم .سەن
كېتىپ قالساڭ مېنى كىم پاكاليدۇ؟
رامىزان :ساڭا بىر سىر دەپ بېرەي ،ئۆمرۈڭنىڭ جىمى ئايلىرى رامىزان
بولسۇن .ۋەھىي مەندە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك بولدۇم،
ئايالرغا سۇلتان بولدۇم .سەنمۇ تىرىشقىن ،ۋەھىي سېنىڭ قەلبىڭگە ۋە
ھاياتىڭغا نازىل بولسۇن ،سەنمۇ ماڭا ئوخشاش مۇبارەك بول .ۋەھىي مېنىڭ
غايەم ،ۋەھىينىڭ غايىسى سەن ( سەن ئۈچۈن نازىل بولدى ) .سەندىكى مەسىلە
ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەي قالغانلىق ،يەنى ئۆزۈڭنى تونۇماي
قالغانلىقىڭ ،سەن ئۆزۈڭنى تونۇپ يەتكىن!
روزىدار رامىزاننىڭ سۆزىگە قايىل بولدى.
روزىدار رامىزانغا ۋەدە بەردى.
روزىدار رامىزانغا « شاھىتىم بولغىن » دېدى.
رامىزان شاھىت بولدى.
ھايات شاھىت بولدى.
ئالالھ شاھىت بولدى.

روزىدار :بىز بۇ جاھانغا ساھىب بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ،شاھىت بولۇش
ئۈچۈن كەلدۇق.

175

رامىزان يازمىلىرى

ئۆمرى رامىزان بولغان كىشىنىڭ ئاخىرىتى ھېيت -بايرام
بولىدۇ
رامىزان بەزىلىرىمىزنى خۇش ھالدا ،بەزىلىرىمىزنى بوش ھالەتتە تاپتى .
رامىزان بوش ھالەتتە تاپقانلىرىنىڭ ئىچىنى توشقۇزاتتى ،ناخۇش
بولغانالرنى خۇشال قىالتتى ،ئەلۋەتتە .شۇنداق قىالتتى ،لېكىن بەزىلىرىمىز
رامىزاننىڭ ئۆزىمىزنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن قەلبىمىزنى ئاچمىدۇق .رامىزاننىڭ
ئىپار ھىدىغا ئۆزىمىزنى تاپشۇرمىدۇق ،زېھنىمىزنى رامىزانغا يۇيدۇرمىدۇق .
قەلب ئىشىكىنى ئاچمىغانالرنىڭ بەلكىم بىر ئۆزرىسى باردۇر .ئىچى
ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بىر قەلبكە « سۇلتان » قېنى مەرھەمەت،
دېگىلى بوالتتىمۇ؟ شۇنداق قەلبلەر ئىدىكى ،خۇددى دېڭىزنىڭ تېگى ئوخشاش
بولۇپ نېمە ئىزدىسىڭىز بار ( خۇددى ئەخلەت مەيدانى ) .تۈرلۈك – تۈرلۈك
دۇنيالىقالر ،كونىراپ كەتكەن سەۋداالر ،تىتمۇتىت بولۇپ كەتكەن ھەۋەسلەر،
ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئارزۇالر ،گۇناھالر تامچىلىغان يەرنى قارايتىۋاتقان
داغالر ...شۇنداقتىمۇ ئېچىشى كېرەك ئىدى قەلبلىرىنى .ئايالرنىڭ سۇلتانىنى
مېھمان قىلىش ئۈچۈن بولمىسىمۇ ،كىرلەنگەن قەلبلىرىنى پاكلىتىش ئۈچۈن
بولسىمۇ ئېچىشى كېرەك ئىدى .
رامىزاننىڭ مىسكى ئەنبەر كەبى ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى ھىدىغا ئۆزىنى
تاپشۇرمىغانالر ،كىم بىلىدۇ ،ئەس – ھوشىنى تاپالماي قالغاندۇ
بەلكىم .باشقىالرنى ۋە نەرسىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئادرېسىنى ،ئىسىم كارتىنى

176

-10باب بايرام يازمىلىرى
ساقالپ قويدى ،ئەمما ئۆزىنى ئىزدىگەندە قانداق تاپىدىغانلىقىغا كۆڭۈل
بۆلمىدى .ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن ،ئەس – ھوشىغا كېلىشتە قىينالدى .
زېھنىنى رامىزانغا يۇيغۇزمىغانالر « ،ئەقىل روزا تۇتمايدۇ » دەپ ئويالپ
قالغان ئوخشايدۇ .ھالبۇكى ،ئەقىلمۇ خۇددى قەلب ،كۆز – قۇالق ،تىل ۋە لەۋ،
قول – پۇتقا ئوخشاش روزا تۇتىدۇ .ئەمما ئۇالر ،روزىنى « ئاشقازاننى باشقۇرۇش »
دەپ ئويالپ قالدى .
كۆڭۈل ئىشىكىنى رامىزانغا ئاچقانالر ،رامىزاننىڭ پۈتۈن ئىھتىشامى
بىلەن كېلىپ تەخت قۇرغانلىقىنى كۆردى .مېھمان ئون بەرىكەت بىلەن كېلىپ،
بىرىنى يەپ توققۇزىنى ساھىبخانغا قويۇپ كېتىدۇ .رامىزان سۇلتانى مىڭ
بەرىكەت بىلەن كەلدى ،ھېچنەرسىنى يېمەي ھەممىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى .
ئۇنى ياخشى كۆرگەنىدۇق ،خۇددى جەننەتتىن كەلگەن بىر بادى سابا ،بىر
سەھەر شامىلى ئىدى ئۇ .كۆڭلىمىزنى سۆرۈنلەتتى ۋە قايتىپ كەتتى .گويا «
جەننەتتىن كەلگەن جەننەتكە قايتىدۇ » دېگەندەك قىالتتى .ھەر نەرسە
ئەسلىگە قايتىدۇ ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خۇددى «ئەي ئىنسان! سېنىمۇ سۈرگۈن
قىلىنغان ماكانىڭ جەننەتكە چاقىرىمەن » دېگەندەك قىالتتى .يەنە « ئەي
ئىنسان ،مەن ھەر يىلى سەن سۈرگۈن قىلىنغان جەننەتنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن،
دەپ كېلىمەن » دەۋاتقاندەك ئىدى .يەنە « شۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا باغالرغا،
باغچىالرغا ،باھارغا ،گۈل –چېچەكلەرگە ،ئورمانالرغا ،دەرياالرغا ،شارقىراتمىالرغا
قارىغان ۋاقتىڭدا ھېس قىلغان تۇيغۇلىرىڭ ،ئەسلىدە تۇنجى كۆز ئاغرىقىڭ
جەننەتكە بولغان سېغىنىشىڭ بىر پارچىسى .مەن مانا بۇنى ساڭا ھېس

177

رامىزان يازمىلىرى
قىلدۇرۇش ،ئادەم ئاتاڭدىن مىراس ئالغان بۇ پۇراقنى ساڭا ئەسلىتىش ئۈچۈن
كەلدىم » دېمەكچى بولغاندەك قىالتتى.
مانا ئەمدى ئۇ كېتىۋاتىدۇ ،سۇلتان ئەلۋىدا! دەۋاتىدۇ.
روزىنى پەقەت ئاشقازىنى بىلەنال ئەمەس ،قەلبى بىلەن تۇتقانالر ،بۇ
كېتىشكە قەلبتىن ئىنكاس قايتۇرسۇن .روزا تۇتقان ،تۇتۇپ قويۇپ بەرگۈسى
كەلمىگەن ھەر قەلبكە ،روزا ئېلىپ كەلگەن بەرىكەتنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ .بۇ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Ramazan Yazilari - 9
  • Büleklär
  • Ramazan Yazilari - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 3280
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1654
    24.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 3435
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1800
    24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 3519
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1814
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 3554
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1559
    27.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 5
    Süzlärneñ gomumi sanı 3454
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 6
    Süzlärneñ gomumi sanı 3553
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1709
    28.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 7
    Süzlärneñ gomumi sanı 3560
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 8
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1778
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 9
    Süzlärneñ gomumi sanı 194
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 139
    44.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    54.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    62.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.