Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3435
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1800
24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
»نىڭ تەربىيەلىنىشى دېگەنلىكتۇر .شۇڭا ،رامىزان ھەم روزا ئىبادىتى ئارقىلىق
نەپىس ۋە روھ تەربىيەسىگە؛ ھەم ۋەھىي ئارقىلىق بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل
تەربىيەسىگە ئايلىنىشى كېرەك .مانا بۇ شەكىلدە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان
بولىدۇ.

18

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
ئىبادەتلەر ،ئىنسان -ئالالھ مۇناسىۋىتىدە ئىنساننىڭ ئالالھقا ئەۋەتكەن
بىر مەكتۇپىغا ئوخشايدۇ .ئىچى بوش كونۋېرت ئادرېسقا يېتىپ باردى دېگەن
تەقدىردىمۇ ،مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە
قىلغۇدەك بىر مەكتۇپ بولمايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئىچى بوش ئىبادەتلەر ،يۇقىرىدىكىدەك ئىچى بوش بىر
كونۋېرتقا ئوخشايدۇ .بۇ ،ھېچ بولمىغاندا بىر سەمىمىيەتسىزلىك دەپ قارىلىدۇ ۋە
مەقسىتىنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ .رامىزاننى قېنىدا مىكروبالر
بولغان ،زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئوسمانلى سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە« ،
تېرەكلەر ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش » بىلەن ،ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئۆزگەرگەن
شەكلى بولغان « ناخشا كېچىلىرى » بىلەن تەبرىكلەش ،رامىزانغا قىلغان بىر
ياخشىلىق ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ ،جەسىتى ئۈستىدە مەشرەپ
ئۆتكۈزگەندەك بىر ئىشتۇر.
يۇقىرىدىكى چۈشەنچە ،رامىزاننى تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن بايالرنىڭ «
ئورۇقالش ئېيى» ،يوقسۇل ۋە ۋىجىكلەرنىڭ « ئۆزىنى ياخشى كۈتۈش ئېيى » دەپ
چۈشىنىۋېلىشىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر.
نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم « قۇرئاننىڭ بەرپا قىلىشى » دەپ يۈرگىنىمىز
ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟ چۈنكى بۇ مەسىلە « ،مەن مۇسۇلمان » دېگەن ۋە
ئىخالسىدا زەررىچىلىك شەك بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسالمىنى ،ۋەھىينىڭ
بەرپا قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،قايسى پائالىيەتنى قىلسىڭىز قىلىڭ،
ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇرىڭىز ،ئەقلىڭىز ۋە كىشىلىكىڭىزنى ۋەھىينىڭ قولىغا
تاپشۇرۇپ ،ئۆزىڭىزگە بىر توغرا يول خەرىتىسى سىزدۇرۇڭ .ۋەھىينىڭ قولى
بىلەن ئاساس سالدۇرۇڭ .دىنغا ،دۇنياغا ،ئىنسانغا ،نەرسىلەرگە ئالالھ « نەزەر
سال » دېگەن يەردىن قارىشىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ...
مۇسۇلمانلىقىڭىزنىڭمۇ ئالالھ ھۇزۇرىدا دىققەتكە سازاۋەر بولۇشىمۇ دەل بۇنىڭغا
باغلىق ...
19

رامىزان يازمىلىرى
ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن خالىسىڭىز سىياسەتچى بولۇڭ،
خالىسىڭىز ئىقتىسادچى ...خالىسىڭىز سەنئەتچى بولۇڭ ،خالىسىڭىز
پۇتبولچى ...ۋە ياكى خالىسىڭىز ھاكىم ياكى پىرېزىدېنت بولۇڭ.

20

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز

كەلدى يەنە گۈل مەۋسۇم
ئاشىق تۇپراققا دېدىكى :ئاجايىپ ئىش ،گۈل پۇرايسىنا! سېنىڭ ئەسلى
ھىدىڭ بۇ ئەمەس ،سەن بۇ پۇراققا قانداق ئېرىشتىڭ؟
تۇپراق دېدىكى :مەن بىر گۈلنىڭ تۇپرىقى .ئۇ خۇشپۇراق مەندىن ئەمەس،
گۈلدىن كەلدى .گۈل تۇپرىقى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى ماڭا
سىڭدى .شۇڭا گۈل پۇرايمەن.
يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك زىمىستاننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ
گۈلىستاننى «كەنەفىستان ( ھاجەتخانا )» ھالىغا كەلتۈرۈپ سېسىتقانالرغا
قارىماستىن يەنە رامىزان كېلىۋاتىدۇ .كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان،
كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر بېغىشاليدىغان گۈل پۇرىقى بىلەن كېلىۋاتىدۇ.
قۇرۇپ-قاغجىراپ كەتكەن يۈرەكلىرىمىزگە رەھمەت ،بەرىكەت ،ئېھسان،
مۇھەببەت ۋە ھىدايەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ گۈلىستاننى كەنەفىستانغا ئايالندۇرغانالر گۈلگە ۋە
گۈلنى ئەسلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە قارشى ئەڭ ئاخىرقى شىددەتلىك
ھۇجۇمىنى بىر رامىزان ئېيىدا باشلىغان ئىدى .بەزىلەرنىڭ ئۆيىگە ئىشىكنى
چېقىپ بېسىپ كىرىشكەن ،مىلتىق ۋە كامېرالىرىنى ئۇالرغا بەتلىگەنىدى .بۇ
قەدىمى گۈلىستاننى ئىچ-ئىچىدىن نەپرەت ئۇرغۇپ تۇرغان گەندە كۆلچىكىگە
ئايالندۇرۋەتمەكچى بولغانىدى.
قارا باسقان يۈرەكلىرى ،قارا ئەقلى ،قاپقارا ۋىجدانلىرى ۋە قاپقارا يۈزلىرى
بىلەن چۈشلىرىمىزنى ۋە خىياللىرىمىزنى زۇلمەتكە ئايالندۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر
بولۇپ ،مىڭ يىل سۈرىدىغان ئۇرۇش ئېالن قىلىشقانىدى .بۇ گۈزەل
گۈلىستانىمىزنى ئەندەلۇسقا ئايالندۇرۋېتىدىغانلىقىنى جار سېلىشقانىدى.

21

رامىزان يازمىلىرى
ئۇالرنىڭ بىر رامىزاندا كېلىشلىرى خۇددى رامىزاننى نىشانغا ئالغاندەكال
ئىدى .ئۇ شۇم ئۇرۇش ،ماڭا رامىزانغا ۋە رامىزاننىڭ ئىگىسىگە قارشى ئېلىپ
بېرىلغان ئۇرۇشتەك بىلىنگەنىدى .رامىزان ئېلىپ كەلگەن روھنى كىرېستقا
مىخالش ئۈچۈن بەزىلەر جان – جەھلى بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى .بارماقلىرىنى
كۆزىمىزگە چەنلەپ ،بىر گېستاپوچى باشلىقىدەك « ھەي سەن! ...سەنمۇ! »
دېگەنلىرىدە ئىچىمىزدىكى رامىزانغا سېغىناتتۇق .بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى
گويا بىزگە ئەمەس ،بەلكى ئىچىمىزدىكى « رامىزان»غا قاراتقانىدى.
ئۇ قارا كۈنلەردە ،ئۇالر ئۈچۈن رامىزان ئىدۇق ،ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
جېنىمىزدەك سۆيگەن ،ئاسرىغان ئىچىمىزدىكى رامىزاننى بەرسەك ،باشقا
ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلىشمايدۇ دەپ ئويلىغانىدۇق .ھەتتا بەزىلىرىمىز
يالماۋۇزنىڭ ئالدىغا بالىسىنى تاشالپ بەرسە ،ئۆزى قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى
ئويلىغان ئەقىلسىز ئاتىالردەك ،ئىچىدىكى رامىزاننى ئۇ ئالۋاستىالرنىڭ ئالدىغا
تاشالپ بېرىشكەنىدى .ئەسلىدە ئۇالرنىڭ كۆزى پەقەت ئىچىمىزدىكى رامىزاندا
ئەمەس ئىكەن .ئۇالر ،ئەسلىدە پەردە ئارقىسىدا بۇالڭچىلىق ،تاالن-تاراج
قىلىشقا ئوخشاش باشقا ئىشالرنىمۇ قىالتتىكەن.
قورققان ئىدىم ،بۇ لەنىتىلەر يۈزىدىن ئۇشبۇ مەزلۇم تۇپراقلىرىمىزغا يەنە
رامىزان كەلمەسمۇ دەپ.
ئەمما ئۇ رەنجىپ قالمىدى ،يەنە كەلدى .بوينى پۈكۈك ،كۆڭلى يېرىم،
كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن بولسىمۇ يەنىال كەلدى.
ھەر كەلگىنىدە ئوزۇق -تۈلۈكىمىز ،سەپەردە يولداش ،ئېغىر كۈندە
قېرىنداش ،قىيىنچىلىقتا دوستىمىزغا ئوخشاش ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈمىد
ئېلىپ كەلدى.
قەھەتچىلىكتىكى ناندەك بۆلۈشتۇق ئۇنى.
ئىچىمىزدىكى رامىزاننى ئۇنىڭ بىلەن باقتۇق.

22

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
ئىككىسى
ئايلىناتتى.

ئۇچراشقىنىدا

سامانلىق

باغقا،

زىندان

گۈلىستانغا

بەلكىم سىزمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنسىز بۇ كۈنلەرنى.

ھەر رامىزاندىن كېيىن « ،مۇشۇنىڭ بىلەن يەنە ئون بىر ئاي ماڭااليمىز!
» دېيىشەتتۇق ۋە ماڭاتتۇق .ئۇ ۋاقىتالردا پەقەت بىزنىڭال روزىنى
تۇتمايۋاتقانلىقىمىزنى ،روزىنىڭمۇ بىزنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى --مەھكەم ،بېشى
تىك ،قۇۋۋەت بىلەن ۋە شەرەپلىك ھالدا ...تۇتۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىالتتۇق.
ئەنە شۇ ۋاقىتتا ،رامىزاننىڭ ئورۇقلىۋېلىش ياكى سەمىرىۋېلىش مەشرىپى
ئەمەسلىكىنى بىلگەنىدۇق .ھەتتا رامىزاننى ئاشۇنداق تونۇشتۇرغانالرنىڭ بىزگە
قانچىلىك يامانلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنىدۇق .رامىزاننىڭ ئېچىرقاپ
كەتكەن روھالرنى تويدۇرۇپ ،تويغان ۋە تويغانسېرى ئازغۇنلۇققا مۇپتىال بولغان
ئىچىمىزدىكى ھايۋاننى ئاچ قويۇپ تەربىيە قىلىش دېگەن مەنىگە
كېلىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتا بىلگەنىدۇق .روھنىڭ ئەكسىگە قاراپ بۇزۇلغان
ئىنسانىي مۇۋازىنىتىمىزنى دەرھال تەڭشىۋاالتتۇق.
بۇ كۆرۈنۈش ،بىزنىڭ رامىزانغا ئەمەس ،ئەكسىچە رامىزاننىڭ بىزگە ئېكرام
قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى .رامىزان ئەلۋەتتە مول نېمەت بەخش ئېتىدۇ.
چۈنكى ئۇ بىر ساماۋى داستىخان بولغان ۋەھىينىڭ ،ئىنسانالرنىڭ
زۇلمەت باسقان ئۇپۇقىنى يورۇتقان ئاشۇ ئاينى تەمسىل قىلىدۇ .ئۇ ،قۇرئان
ۋەھىينىڭ تۇغۇلغان ئېيى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتلىنىدۇ .بۇنىڭ مەنىسى
ناھايىتى ئوچۇق -رامىزان جىمى بەرىكىتى ،مۇقەددەسلىكى ،ھېكمىتىنى
ۋەھىيدىن ئالىدۇ.
ئۇنداقتا ،ۋەھىيسىز بىر رامىزاننى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
رامىزاننىڭ سەۋەبى بولغان ۋەھىيدىن يۈز ئۆرۈگەن ھالدا قانداقمۇ بىر رامىزاننى
ئەھيا قىلىش مۇمكىن؟! رامىزاننىڭ ھېكمىتى بولغان قۇرئان بىلەن تونۇشماي
23

رامىزان يازمىلىرى
تۇرۇپ ،رامىزاننىڭ پەيزىنى قانداقمۇ سۈرگىلى بولسۇن؟ رامىزاننىڭ ئەسلى
مەقسىتى بولغان ئىالھى خوش -خەۋەر بىلەن بىر گەۋدە بولۇش
تىرىشچانلىقىمىز ،ئۇنىڭ سىيماسى بولغان رامىزاننى چۈشىنىپ يېتىشىمىزنى
تېخىمۇ ئاسانالشتۇرىدۇ.
ئۇنداقتا ،قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بىر سەپەرۋەرلىك ئېالن قىاليلى!
ئۇنىڭغا جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان روھى قارا كىشىلەرگە قارشى،
قۇرئان بىلەن ئىچقويۇن -تاشقويۇن بولۇپ ،رامىزاننى قۇرئان بىلەن تېخىمۇ
سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلەيلى .شۇنى ئېنىق
كۆرىسىزكى ،قۇرئانغا قانچە يېقىنالشسىڭىز ،ئۇ سىزگە تېخىمۇ كۆپ پىچىراليدۇ،
ئۇمۇ سىزگە يېقىنلىشىدۇ .خۇددى ئورۇق بىلەن تۇپراق ،بارماق بىلەن تىرناققا
ئوخشاش ئىككى ئايەت بىر – بىرىگە زىچ كىرىشىپ كېتىدۇ .ئىككىسىنى بىر -
بىردىن جۇدا قىلماقچى بولغانالر مانا بۇ ۋاقىتتا پەرىشان بولىدۇ.
رامىزان بىلەن تونۇشۇپ ،ئۇنىڭ ۋەسىلىسى بولغان ۋەھىي بىلەن تونۇشمىساق
بوالمدۇ؟ بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە .ھەر نەرسىنىڭ بىر سەۋەبى بولغاندەك ۋەھىينىڭمۇ
بىر سەۋەبى بار .ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ،قۇرئاننىڭ ۋەسىلىسى بىلەن
تونۇشماي تۇرۇپ ،قۇرئان بىلەن تونۇشۇش مۇمكىن ئەمەس .قۇرئاننىڭ
ۋەسىلىسىنى بىلىدىغانسىز؟ ئۇ ،مېھرى -شەپقەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم.
بۇ رامىزان ،رەسۇلۇلالھمۇ كۆڭۈل سارىيىڭىزغا مېھمان بولۇشى ،ئۇنىڭ
بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كېرەك.
شۇنداق ،بىلىمەن ،ئەتراپىمىزدا « مانا بۇ رەسۇلۇلالھ » دەپ
تونۇشتۇرۇلىۋاتقان بىردىن كۆپرەك ئوبرازغا قاراپ« ،قايسى رەسۇلۇلالھ بىلەن؟ »
24

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن .يەنى پەرىشتىلەشتۈرۈلگەن رەسۇل تەسەۋۋۇرىمۇ؟ «
پوچتىكەش » ۋە « خەۋەرچى » سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان رەسۇل
تەسەۋۋۇرىمۇ؟ ۋە ياكى قۇرئان تونۇشتۇرغان رەسۇل بىلەنمۇ؟
جاۋابى ئېنىق :ئەلۋەتتە بىزگە قۇرئان تونۇشتۇرغان رەسۇل بىلەن
تونۇشۇپ چىقىش كېرەك!

25

رامىزان يازمىلىرى

رامىزان بىر پۇرسەت
ئى مۇئىمىنلەر! ( گۇناھالردىن ) ساقلىنىشىڭالر ( ئالالھ ئالدىدىكى
مەسئۇلىيىتىڭالرنى ھېس قىلىشىڭالر ) ئۈچۈن ،سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە
( يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك ،سىلەرگىمۇ ( رامىزان
روزىسى ) پەرز قىلىندى( .) 2:183
« رامىزانىڭىز مۇبارەك بولسۇن! » دەيمەن ،شۇنداق رامىزان ئەسلىدىنال
مۇبارەك ئىدى.
« خۇش كەلدىڭ ئەي رامىزان ئېيى » دەيمەن ،رامىزان دائىما خۇش كېلىدۇ.
لېكىن كىشى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش ،ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن ئەڭ
يۇقىرى سەۋىيەدە پايدىلىنىش بولۇپ ،ئۇنى خۇشال -خۇرام ھالدا كۈتۈۋېلىش،
ئۇنى خۇش قىلىش ۋە خۇش ھالدا ئۇزىتىشتۇر.
دائىم نەزىرىمىزدىن ساقىت بولىدىغان بىر ھەقىقەت بار .يەنى،
ئىبادەتلەرنىڭ ئۆزىال مەقسەت ئەمەس .ئەكسىچە ،ھەر ئىبادەت يۈكسەك
دەرىجىدىكى بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى .ئۇ مەقسەت نەزەردىن
ساقىت قىلىنغاندا ،ئىبادەت ئادا بولمايدۇ ۋە مەقىسىتىنى چۈشەنگىلى
بولمايدۇ .روزا ئىبادىتىنىڭ مەقسىتى ،بۇ ئىبادەتنى پەرز قىلغان يۇقىرىدىكى
ئايەتتە ئوپئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ ،مەسئۇلىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇشتۇر.
بۇ ،ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشى بىلەن باشلىنىدۇ .ئۆزىنى
تونۇشى ئۈچۈن ئىنسان دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىشى كېرەك .دىققىتىنى ئۆزىگە
تارتىشتىن مەقسەت ،گۆشىدىن سۆڭىكىگىچە ،چاچ -ساقاللىرىغىچە ،بەدەن
ئېغىرلىقى ۋە بوي ئۇزۇنلۇقىغا ،ئاشقازىنىغا ۋە تېنىگە ئېتىبار بېرىشى دېگەنلىك
ئەمەس .چۈنكى بۇالر ئىنساننى « ئىنسان قىلغان » تەرەپلىرى ئەمەس.
ئۇنداقتا ،ئۇ نېمە؟
ئەلۋەتتە ،ۋەھىي « قەلب » دەپ ئاتىغان ئىچكى دۇنياغا ،تۇيغۇغا،
چۈشەنچىمىزگە ،ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبكە يۈزلىنشتۇر! دىققەت ئېتىبارىنى
26

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
ئىچكى دۇنياغا قاراتقان ئىنسان ،ئۆزىنى تونۇشقا باشاليدۇ .ئۆزىنى ،يەنى ئالالھ
ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ۋە موھتاجلىقىنى ،دۇنيا مەئىشەتلىرى ئالدىدىكى شانۇ -
شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈكنى تونۇشقا باشاليدۇ.
بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنسان « ،مەسئۇلىيەت ئېڭىنى
تۇرغۇزغان » ئىنسان بولىدۇ.
بۇ ئۈچ يۆنىلىشلىك ئاڭدۇر .ئالالھقا ،ئۆزىگە ۋە باشقىالرغا قارىتا
شەكىللەنگەن ئاڭ .ئاچ -يالىڭاچالرغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى،
يوقسۇلالرغا ،يېتىملەرگە ،ئىگە -چاقىسىزالرغا ،قىيىنچىلىقتا قالغانالرغا
قارىتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھەر ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ.
رامىزاننى مەشرەپكە ئايالندۇرىۋالغانالر ،ئۇنى ئورۇقالرنىڭ سەمىرىۋېلىش،
سېمىزلەرنىڭ يېمەي ئورۇقلىۋېلىش ئېيى دەپ قارىغانالر بۇ مەقسەتنى قانداقمۇ
ئەمەلگە ئاشۇرالسۇن؟
بۇ خىل كۆز قاراشقا ئىگە بولغانالرغا نىسبەتەن ،رامىزان دېگەندە تۇنجى
بولۇپ ئەقلىگە ئىستانبۇلدىكى غەربچە ناخشىچى سەتەڭلەر ئىجراسىدىكى «
تېرەكلەر ئارىسى تاماشا » كېلىدۇ.
ئوسمانلىنى تىرىلدۈرىمىز ،دەپ ئىستانبۇلنىڭ « ئىسالمبول ( ئىسالم
مول ) » تەرىپىنى ئەمەس ،ئەكسىچە ئىستانبۇلنىڭ « پەرا ( قاۋاقخانا ) »
تەرىپىنى تىرىلدۈرۈشكە تىرىشىش ،سول تەرىپىدىن ئويغىنىشقا ئوخشايدۇ.
پەقەت ئۇنچىلىكال ئەمەس ،ھەتتا ئۆز ئېتىقادىغا « فىرانسۇزلىشىش
( ياتلىشىش ) » بولۇپ ،ئەيش – ئىشرەتنى دىننىڭ پارچىسى دەپ قالغانلىق
بولىدۇ.
ئىپتار چېدىرلىرىنى قۇرۇش نېمە دېگەن ياخشى ئىش .ئىستانبۇلنىڭ «
ئىسالمبول» تەرىپىنى مانا مۇشۇنداق ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر
ئەسلىتىدۇ.

27

رامىزان يازمىلىرى
خەلق ھۆكۈمەتلىرىمىز نېمىشقا پەقەت چېدىرغا كېلىدىغان كىشىلەرنىال
ئويالپ ،دەل ئىپتار ۋاقتىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قالغانالرنى
ئويلىمايدىغاندۇ؟ ئۇالرغا بەك ئالىي بولمىسىمۇ ،پەقەت ئېغىز ئاچقۇدەك بىر
خورما ،كىچىك بىر قۇتا سۇ ،كىچىك بىر توقاچتىن تەركىب تاپقان ئاددىي بىر
تاماق تىزىملىكى يېتەرلىك بوالتتى.
ئەگەر ئۆرنەك تەلەپ قىلىدىغان بولسا ،بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ ئىشنى
ۋەتەن كوچىسىدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەقەبە ۋەخپىدىن ئالسا بولىدۇ .ھەتتا
ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ .دەل ئىپتار ۋاقتىدا قاتناشتا قىستىلىپ قالغان
كىشىلەرنىڭ ،ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن سۇنۇلغان ئىپتارلىق ئېكراملىرىنى
ئالغان ۋاقىتتا كۆزلىرىنىڭ قانداق نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىر قاراپال
بىلىۋاالاليسىز .ئۇالرنىڭ ئورنىدا سىز بولۇپ قالسىڭىز ،سىزنىڭمۇ
كۆزلىرىڭىزدىن نۇر چاقنىماسمۇ؟
ئەلۋەتتە ،قارنىمىزغا قىلىنغان ئېكرام ،رامىزاننىڭ ئەڭ كىچىك
تەرەپلىرىدىن بىرى .بۇنىڭدىن باشقا چوڭ ھەدىيەسى بار رامىزاننىڭ.
ئەقلىمىزگە ۋە قەلبىمىزگە سۇنۇلغان ھەدىيە .ئۇ ،كىشىلەرگە قۇرئان ھەدىيە
قىلىش بولۇپ ،كىشىلەرنى ۋەھىينىڭ داستىخىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ،ئۇالرنىڭ
ئېچىرقاپ كەتكەن يۈرەكلىرىنى ۋە مېڭىسىنى قۇرئان بىلەن تويغۇزۇش.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق ،رامىزان بىر پۇرسەت .كىرلەنگەنلەرنى
پاكاليدىغان؛ بۇزۇلغانالرنى ،ئۇپراپ كەتكەنلەرنى ئوڭشايدىغان؛ يىقىلغانالرنى
ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان؛ تەسبىھ دانىسىدەك چېچىلىپ كەتكەنلەرنى
يىغىپ بىر گەۋدە قىلىدىغان؛ يىتتۈرۈپ قويغاننى تېپىۋالىدىغان ئەڭ ياخشى
پۇرسەت.

28

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز

29

رامىزان يازمىلىرى

شۇنداقتىمۇ يەنە خۇش كەلدىڭ
رامىزان ،ئالالھ بېكىتكەن كۈنتەرتىپتىن بىرى بولۇپ ،ئۇ،
مۇئىمىنلەردىن بىر ئاي بويىچە ئۇششاق ياكى كۈندىلىك مەسىلىلەر بىلەن
مەشغۇل بولماستىن ،ئالالھ بەلگىلەپ بەرگەن كۈنتەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى
تەلەپ قىلىدۇ.
رامىزان ،بىر ئىچكى دۇنيانى بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىكىدۇر.
رامىزان ،ئىنسان دائىم سەل قارىغان ئىچكى دۇنياسىغا ئاتلىنىدىغان
سەپەر ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر پەيت.
رامىزان ،نەپسنى تەربىيە ،روھنى پاكالش ۋە شەيتاننى قوغالش
مەزگىلىدۇر.
رامىزان ،تۆت قىرلىق ماددىغا بەشىنچى بىر قىرنى قوشۇش ئۈچۈن
ئىنسانغا بېرىلگەن بىر پۇرسەتتۇر.
بىراۋنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك باشقىالرغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ دۇنيادا،
ئىنسان ئۆزىگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .بىراۋ ئۆزىنى قويۇپ باشقىالرنى
قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ،ئىنسان يەنىال ئۆزىنى ئۇنتۇپ
قالىدۇ.
رامىزان ،بىر يىل بويىچە ئوتنى ئۆچۈرىمىز ،دەپ كەينىدىن قوغالپ ،ھەتتا
ئوتنى باشتا ئۆزى قويۇۋېتىپ ،ئاندىن ئوت ئۆچۈرىمەن ،دەپ ھەپىلىشىۋاتقان ئوت
ئۆچۈرگۈچىنىڭ ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرىدىغان مەزگىلىدۇر.
رامىزان ،ھاياتنىڭ ئالدىراش ۋە قااليمىقان قىستاڭچىلىقىدا بىر يىل
بويىچە يۈرگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش ۋە ئوڭشاش،
خاتالىقلىرىنى بايقاش ۋە ئۆزگەرتىپ ئەسلىگە قايتىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق
ۋاقىت.
30

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
ۋەيران بولمايدىغان قىممەتلەرنى ۋەيران قىلغان « سېكۇالر ( دىننى
ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشالش ) مەنتىق » ۋە بۇ
مەنتىقىنىڭ شىپاسى تېپىلغۇسىز تەزگاھلىرىدىن بىرى ،رامىزاننى «
ئەنئەنىۋىي بايرام » ،روزا ھېيتنى « كەمپۈت بايرىمى » ،قۇربان ھېيتىمىزنى «
گۆش بايرىمى » دەپ بىزگە تونۇشتۇرۇشتۇر.
روزىنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى تەرتىپىگە ئالغانالر ئۈچۈن
بىر رەھمەت ۋە مەغپىرەت يامغۇرى بولغان رامىزاننى « ،ئىپتار نېنى » ۋە «
زوھۇرلۇق دۇمباق ئاۋازى » ئەدەبىياتىغا قۇربان قىلىۋېتىش ،ئەسلى
ماھىيىتىدىن يىراقالشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .رامىزاننى ئەسلىدە
دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ھاياتىمىزنىڭ ،يېڭىدىن دىنغا يۈزلىنىشى ۋە ئالالھ
ئىشقىنىڭ بىر تەرىپىنى قوشۇۋېلىشىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر غەنىيمەت
دەپ قاراش كېرەك.
مانا بۇ دەل ئۆزىمىز بىلەن تونۇشۇشنىڭ پەيتى...

********************
ئىسالم ئۈممىتى ياشىغان جايالردا قان ۋە كۆز يېشى توختىماي
ئېقىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانالر خەلقئارا ۋە يەرلىك كۇپۇر ئەھلىنىڭ قىسقۇچلىرىدا.
دۇنياۋى ۋە يەرلىك كۇپۇر ئەھلى ھەممىسى بىرلىشىپ بىر مۇشتقا
ئايلىنىپ ،ئىسالمغا ۋە ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشماقتا.
ئىسالم ئۈممىتى پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ ،ھەر بىر پارچىنىڭ
بېشىغا باال بولغان مىللەتچى دۆلەتلەر ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمى داۋام

31

رامىزان يازمىلىرى
قىلىۋاتىدۇ.
تەپەككۇرالر پالەچ،
ئىلىم كور،
ھېكمەت يوقالغان.
ئوغرىالر مەمۇر،
ئۆلىماالرنىڭ نومۇسسىز كىشىلەرچىلىكمۇ يۈرىكى يوق،
مۇشۇنداق بىر زاماندا كەلدىڭ ئەي رامىزان.
خۇش كەلدىڭ ،لېكىن خۇشاللىق تاپالمىدىڭ.
خۇشلۇق تاپالمىدىڭ ،چۈنكى،
ئىسالمغا ئىسالم دۈشمەن.
مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا تاقىتى يوق.
كېپىنەك گالىستۇكلۇق موللىالر،
رىياكار ھاجىالر،
فېمىنىست (غەربچە
ھەدىلىرىمىز بار بۈگۈن.

ئايالالر

ھوقۇقىنى

تەشەببۇس

قىلغۇچى)

ئىمانالرغا ئىللەت ،مۇئىمىنلەرگە زىللەت ھەمراھ بولدى.
بەزىلەر دولمۇش ( مىنىبۇس )قا چىقىۋاتقاندا ،بەزىلەر دولمۇشقا تاش
ئېتىۋاتىدۇ.
بالىسىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى تاماشا قىلىۋاتقانالر ،جەسىتىنى بۆلۈشۈپ بواللماي
ئاۋارە.
مېھرى -شەپقەتنى بىلمەي «مۇسۇلمان» بولغانالر بار.
بىلەرمەنلەر ،شەكىلۋازالر...

32

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
« يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا »دىن كېيىن « ،يىراقتىن
باشقۇرۇلىدىغان مېڭىلەر » مەيدانغا كەلدى.
يانتۇ قارىغانالر ،خاتالىقنى قانداق قارىغانلىقىدىن ئەمەس ،قارىغان
نەرسىلىرىدىن ئىزدەيدۇ.
كارامىتى ئۆزىدىن باي -غوجامالر ،ئەپەندىلەر ،زاتالر « بەش قەدەم ئاتالش
» ئۈچۈن ھەلەبنى ياراتماي ،ئەمدى « ئالەم بوشلۇقى »غا چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ .
يەر يۈزىنىڭ شۇ قۇرغاق پەسلىدە چۆلگە ئايالنغان كۆڭۈل لەۋلىرى چاڭقاپ
يېرىلىپ كەتتى.
ئەي رەھمەت ئېيى،
ئەي رامىزان،
بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىمۇ يەنىال خۇش كەلدىڭ.

33

رامىزان يازمىلىرى

خۇش كەلدىڭ ،ئەمما تازا خۇش تاپالمىدىڭ!
ئى رامىزان!
ئى « مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق بىر خەيرلىك كېچىنى » باغرىدا ساقلىغان
ئاي!
ئى قۇرئان تۇغۇلغان ئاي ،ئايالرنىڭ ئىچىدە بەكرەك گۈل پۇرايدىغان ئاي!
ئى ۋەھىينىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى ھاۋاسىنى ھاياتقا ،مۇھەممەدنى
ئەبەدىي سۆيگۈگە ،مەۋجۇتلۇق ئالالھتىن يىراقالشقانسېرى مەنىسىنى يوقاتقان
دەۋرگە ،ئىنسان يوقۇتۇپ قويغان ئادىمىيلىك ،رەھمەت ،بەرىكەت ،خەيرى -
ئېھسان ،ھىدايەت ۋە شەپقەتنى قايتىدىن ئىنسانغا ئېلىپ كەلگەن ئاي!
خۇش كەلدىڭ!
14ئەسىردىن بۇيان ھەر يىلدىكىدەك ،مىڭلىغان ئۈمىدنى باغرىڭدا
ئېلىپ كەلدىڭ .ھەر قېتىمقىدەك ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان تېپىش نىيىتى
بىلەن كەلدىڭ .ھەممىدىن بەك ،خۇش ھالدا تاپقانلىرىڭىنى تېخىمۇ خۇش
قىلىش ئۈچۈن ،ناخۇش ھالدا تاپقانلىرىڭنىمۇ تەكرار خۇش قىلىش ئۈچۈن
كەلدىڭ!
كىم بىلىدۇ ،بەلكىم ئۆتمۈشتە سانسىزلىغان خۇش كېلىشىڭ ۋە خۇش
ھالەتتە تاپقانلىرىڭ بولغاندۇ!
بېشى تىك ،پېشانىسى ئوچۇق ،سېخىي ،يۈزى ئاق ،يۈرىكى پاك ،كۆزى
ئۆتكۈر ،سۆزى قۇۋۋەتلىك ،ئۆزى دۇرۇس مۇئىمىنلىرىڭ كۈتۈۋالغانىدى سېنى.
سەن خۇش كەلگەن ،ئۇالرنىمۇ خۇش ھالدا تاپقان ئىدىڭ.
قۇرئان قوللىرىدا ،دىللىرىدا ،كۆڭۈللىرىدە ۋە ھەممىدىن مۇھىمى
تۇرمۇشلىرىدا ئىدى .ئۇالر ئالدى بىلەن قۇرئاننى ئۆلتۈرۈپ ،ئاندىن تۇغۇلغان
34

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
كۈنىنى تەبرىكلىمەيتتى .ھەر رامىزاننى ۋەھىي بىلەن قىلغان بىر يىللىق
ئەھدى ،دەپ بىلەتتى.
قۇرئان ئۇالرنىڭ تەسەۋۋۇرى ،ئەقلى ۋە خاراكتېرىنى بەرپا قىلىدىغان
ئۇستاز ئىدى .ئۇالر بولسا ھاياتنى ،ھاياتنىڭ يىقىلغان ،ۋەيران بولغان،
بۇرمىالنغان يەرلىرىنى بىرمۇ بىر ئوڭشىغۇچىلىرى ئىدى...
سەن خۇش ھالەتتە تاپقان نەسىللەر ھاياتنىڭ قايسى ئېقىندا
ئاقىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيتتى .باشقىالر بەلگىلەپ بەرگەن ئېقىندا
ئەخلەت – چاۋارغا ئوخشاش ئاقمايتتى.
ئۇالر ھاياتنىڭ قۇلى ئەمەس ،خوجايىنى ئىدى...
ئۇالر ماللىرىنىڭ قۇلى ئەمەس ،خوجايىنى ئىدى...
ئۇالر ۋەزىيىتىنىڭ بالىسى ئەمەس ،ئانىسى ئىدى .چۈنكى شارائىتالر
ئۇالرنى ئەمەس ،بەلكى شارائىتنى ئۇالر يارىتاتتى.
- 1422يىلى رامىزاننىڭ - 1كۈنى ،سەن يەنە كەلدىڭ ،بۇرۇنقىدەك
خۇش كەلدىڭ .ئەمما شۇنى بىلىمەن 10 ،يىلالردىن بېرى ،ھەتتا يۈز يىلالردىن
بېرى ھېچ خۇشاللىق تاپالمىغىنىڭغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ ھېچ خۇش
تاپالمىدىڭ ،بىزنى.
كىم بىلىدۇ ،بۇ خۇش تاپالمىغان نەچچە ئون ،نەچچە يۈز نەقەدەر
قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە تاپتىڭ مۇئىمىنلىرىڭنى؟ كىم بىلىدۇ ،نېمە دەردلەرگە،
مۇسىبەتلەرگە ،ئوت ئاپەتلىرىگە ،يەزىدلىكلەرگە ،توڭگۇزلۇقالرغا ،كۇفرىلىقالرغا،
چاكىنىلىقالرغا شاھىت بولدۇڭ؟ قانچىلىغان يارىالر ۋە يارىالنغان يۈرەكلەرنى
كۆردۈڭ؟
لېكىن ،ئى رامىزان ،بۈگۈنكىگە ئوخشايدىغاننى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟

35

رامىزان يازمىلىرى
بىر يېرىم مىليارد نوپۇسلۇق بىر ئائىلىنى مۇشۇنداق پەرىشان،
چېچىلىپ كەتكەن ،ۋەيرانچىلىقتا قالغان ،قورققان ،بىزار بولغان ،ئۈمىدسىز،
ئىرادىسىز ،ئىقتىدارسىز ،جانسىز ،ئەقىل – پاراسەتسىز ھالدا كۆرگەنمىدىڭ؟
ئى رامىزان! ئەھلى ئىسالم دىيارىدىن دەريا بولۇپ ئاققان قانغا شاھىت
بولغانمىدىڭ؟ مۇئىمىنلەرنىڭ بۇ قەدەر ئېزىلگەن ،ئىتتىرىلگەن ،ئۇرۇپ -
سوقۇلغان ،خارالنغانلىقىنى ئەسلىيەلەمسەن؟
قارا ،مۇئىمىنلىرىڭگە! كۆڭۈللىرى ،ئائىلىلىرى ،يۇرتلىرى ،ھەممىدىن
بەك ئەقلى ۋە ئېڭى خاراب بولدى .سېنى كۈتۈۋالغاندەك يۈزى ۋە ماجالى
قالمىدى.
ئەمدى سېنىڭ مۇئىمىنلىرىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىگىسى ئەمەس ئىدى! زامان
ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۇالر بەلگىلىيەلمەيدۇ .ئۇالر ئېقىۋاتقان ئېقىنالردىكى
ئەخلەت -چاۋارغا ئايلىنىپ ،ئوڭ -سولغا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتىدۇ .بەزىلەر ،ساڭا
ۋە سەن تەمسىل قىلىۋاتقان قىممەتلەرگە خىيانەت قىلىشنى « پاراسەت » دەپ
بىلمەكتە.
بىر زامانالر كۇپپارالرنىڭ ئاچلىرىنى تويغۇزغانالر ،ئەمدى بولسا كاپىرالرنىڭ
نېنىغا موھتاج بولۇپ قالدى.
بىر زامانالر باشقىالرنىڭ يارىسىنى تاڭغانالر ،ئەمدىلىكتە ئۆز يارىسىنى
تاڭغۇدەك دەرمانى يوق.
بىر زامانالر ئىماننى يۇتۇم -يۇتۇمالپ باشقا قىتئەلەرگە ئېلىپ بارغانالر،
مانا بۈگۈن يۈرەكلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى توسۇشقا ئاجىز.
سېنىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبىڭ بولغان قۇرئان بىلەن يۈكسىلىشنى بەجا
كەلتۈرەلمىگەنلەر ،بۇ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ،ئەسلىدىنال ئۇلۇغ بولغان
قۇرئاننى ئۇلۇغالشتۇرۇپ ،ئۇنىڭغا پارا بېرىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە .كۆردۈڭمۇ ئى
رامىزان! مۇسۇلمانالر قۇرئان تۇغۇلغان ئاينى مۇبارەكلىشىدۇ ،ئەمما قۇرئان
ھاياتىدا ،قوللىرىدا ،ئۆيلىرىدە ،كوچىالردا ،تۇپراقلىرىدا يوق ...
36

-1باب رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
ئى رامىزان! بۇ ئېزىلىش ،بۇ قىرىلىش ،بۇ تۆكۈلۈش ۋە بۇ مەغلۇبىيەت ۋە
گاڭگىراشلىق ئىچىدە تولغىنىۋاتقاندا ،دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ!
خۇش كەلدىڭ ،ئەمما خۇشاللىق تاپالمىغانلىقىڭ ھەممىگە ئايان.
لېكىن سېنىڭ كېلىش مەقسەتلىرىڭدىن بىرى ،خۇشاللىق تاپالمىغانالرنى
خۇش قىلىش ئەمەسمۇ؟
قېنى ئەمسە ،ئېلىپ كەلگەن جەننەت خۇش -ھىدلىرى بىلەن
تۇپراقلىرىمىزنى قاپلىغان بۇ بەتبۇي پۇراقالرنى يوقاتقىن .چۆلگە ئايالنغان
يۈرەكلىرىمىزدە بىر رەھمەت شامىلى بولۇپ چىققىن .چاڭقاپ يېرىلغان
لەۋلىرىمىزگە سۇ تەگسۇن ،چۆللەر كۆلگە ئايالنسۇن!
مۇئىمىنلەر ئارىسىدىكى نەپرەت ،دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى يىلتىزىدىن
قومۇرۇپ تاشالپ ،ئورنىغا ئىمان قېرىنداشلىق ئۇرۇقىنى چاچقىن.
كۈنىمىزدە ئىگە – چاقىسىز ،يېتىم قالغان ئەھلى ئىسالم ئالىمىدە
قاناۋاتقان يارىالرغا مەلھەم بولغۇدەك بىر ئاڭ -چۈشەنچە ئېلىپ كەل! ئاچالرنى
تويغۇزىدىغان ،ئۇسسۇزالرنى قاندۇرىدىغان ،يېلىڭالرنى كىيىندۈرىدىغان بىر
شەپقەت ۋە مەرھەمەت يامغۇرى ئېلىپ كەل! خارلىقنى ئىززەتكە ،ھۇرۇنلۇقنى
غەيرەتكە ،يوقسۇللۇقنى بايلىققا ئايالندۇرىدىغان بىر روھ بەر!
ئۆزىمىز جىسىمالشتۇرغان قۇرئان ،سېنىڭ بىلەن بىرگە بىزنى قايتىدىن
بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرسۇن! بىزلەر دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان
شەخسىيەتچى كىشىلەردىن ئەمەس ،قۇرئان بەرپا قىلغان مۇئمىن كىشىلەردىن
بواليلى .ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسىگە ماس كېلىدىغان ھاياتنى قايتىدىن
بەرپا قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىاليلى.
ئىماننى ،قايتىدىن بەخت گۈلى قىلىپ ،كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يەتكۈزەيلى.
شۇنداق بولسۇنكى ،بىزنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنلەر بىزدە تىرىلسۇن! دوستلىرىڭ
ئولتۇرغان يېرىنى كۆكەرتىدىغان بىر « خىزىر » ،ھىدايىتى ئىمان تۇغىدىغان
بىرەر « مەھدى » بولسۇن!
37

رامىزان يازمىلىرى
بىلىمەن ،بۇ دۇئايىمغا « ئامىن! » دەيدىغانالرنىڭ ئەڭ ئالدىدا سەن بار،
ئى رامىزان!
قۇرئاننىڭمۇ قولىدىن يېتىلەپ كەلدىڭ ،خۇش كەلدىڭ!
ئاھ! بىر بىلسەڭ ،خۇشاللىق تاپقانلىرىڭ ئارىسىدا بولۇشنى نەقەدەر ئارزۇ
قىالتتىم!

38

-2باب رامىزان شاھىتىم بولسۇن

39

رامىزان يازمىلىرى

-2باب رامىزان شاھىتىم بولسۇن
ۋاقىت -پۈتۈن يارىتىلىشنى مەنىگە ئىگە قىلغان ئۆزگىچە مەخلۇقتۇر.
شۇڭا قۇرئان ۋاقىتنىڭ ئوخشىمىغان تىلىملىرى ئۈستىدە ئەڭ كۆپ قەسەم
قىلىدۇ.
قۇرئان -ئىنسان ئۈچۈن « ھاياتلىق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىتقا
نىسبەتەن ئىنساننىڭ دىققەت قىلىشىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە ،ۋاقىت
ئۈستىدە بۇنچە كۆپ قەسەم قىلىدۇ .جاپا تارتماي ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قەدرى
ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتقا دىققىتىمىزنى بۇرايدۇ.
ئەمما بۇ قەسەملەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان مەنىسى -زاماننى
شاھىت قىلىش « .ۋەلئەسىر »« ،زامان شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسۇن »
دېگەنلىك بولىدۇ .ئى! ۋاقىتقا مەھكۇم ئىنسان ،ۋاقىت سېنىڭ شاھىتىڭ،
ئۇنۇتما .سەھەر ،ئاخشام ،كېچە ،كۈندۈز ،چۈش ،شەپەق ،كۈن ،ئاي تىلغا كېلىدۇ
ۋە رامىزان تىلغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ۋاقىت شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسە ،نېمە دەر؟
بەزىلەر ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتتى ،لېكىن مەن ئۇنى تۇتمىدىم » ئى رەببىم،
دەيدۇ .بەزىلەر ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتتى ،مەنمۇ ئۇنى تۇتتۇم! » ئى رەببىم ،دەپ
شاھىت بولىدۇ .يەنە بەزىلەر ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتمىدى ،مەنمۇ ئۇنى تۇتمىدىم
» دەيدۇ .بىز بۇالردىن قايسىغا تەۋە؟ رامىزان بىز توغرىلىق رەببىگە نېمىلەرنى
دەيدۇ؟
ۋاقىتنىڭ بەزى تىلسىملىرىنى ۋەھىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ .بۇالرنىڭ
ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا قەدىر كېچىسى كېلىدۇ .قۇرئانغا كۆرە « مىڭ ئايدىنمۇ
خەيرلىكتۇر » .قەدىر كېچىسى مۇبارەك بولۇشىنى ،قۇرئان نازىل بولۇشقا
باشلىغان كېچە بولغانلىقىدىن ئالىدۇ .بۇ كېچىنىڭ رامىزان ئېيى ئىچىدىكى
كېچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ،يەنە قۇرئان بەرگەن باياندىن بىلىمىز.
40

-2باب رامىزان شاھىتىم بولسۇن
ئۇنداقتا ،رامىزان روزىسى ،بىر مەنىدە قۇرئان تۇغۇلغانلىقىنىڭ
تەبرىكلىنىشىدۇر .رامىزان بۇ سەۋەبتىن « قۇرئان ئېيى ».
قۇرئاننىڭ قايسى كۈن ياكى كېچە تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم بولغان كېچىنى
قوينىدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ،ھەممە كۈنىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن
رامىزان يەنە كەلدى .ئۇنداقتا ،رامىزاننىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى بولغان قۇرئانمۇ
كەلدىمۇ؟
رامىزاننى ئىدراك قىلغان ھەر مۇئىمىن بۇ سوئالنى ئۆزىدىن سورىشى،
ھاياتىدا قۇرئاننىڭ قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىشى كېرەك.
تۇغۇلغان كۈنىنى كاتتا ھەشەمەت بىلەن كۈتۈۋالغان كۆز نۇرى « بالىالر » ئۆزى
ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىشى كېرەك .قۇرئانسىز بىر
رامىزان روزىسى تۇتۇشنىڭ گويا بالىنى ئۆلتۈرۈپ ،تۇغۇلغان كۈنىنى
تەبرىكلىگەندەك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك.
« ئى رامىزان! » كەلگەندە ،ئاشىقسىزلىقتىن چۆلگە ئايالنغان
يۈرەكلىرىمىزگە ،قۇرئاننىڭ رەھمەت بۇلۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگىن ،دېيىشىمىز
كېرەك .ئۇخالۋاتقان ئىدراكلىرىمىز قۇرئاننىڭ شىپالىق ساپ ھاۋاسى بىلەن
ئويغانسۇن .سېغىنمىغان ،ئېچىشمىغان ،يىغلىمىغان ،كۆيمىگەن يۈرىكىمىز
سېغىنسۇن ،ئېچىشسۇن ،يىغلىسۇن ۋە كۆيسۇن .ھەمدە ئىنسان ،ئىچكى
دۇنياسىغا قاراپ چىقىدىغان سەپىرىدە ،كۆڭۈل گىرۋەكلىرىگە چىڭ يېپىشىپ،
قەلب دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقسۇن.
بۇالرنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن رامىزاننىڭ مەشرەپكە
ئايلىنىشىنىڭ ۋە « ئورۇقالش ئېيى »غا ئۆزگەرتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى
ئېلىشىمىز كېرەك .رامىزاننى مەشرەپكە ئايالندۇرغانالر روزا ھېيتىنىمۇ «
كەمپۈت بايرىمى »غا ئايالندۇرۇۋېتىدۇ .ھالبۇكى ،رامىزان « جىسمانىي
جەھەتتىن كىچىكلەپ ،روھى جەھەتتىن يۈكسىلىش » توغرىلىق تەلىم
بېرىلگەن بىر زامان تىلىمىدۇر.

41

رامىزان يازمىلىرى
رامىزان روھى دۇنيانىڭ ئوزۇقلىنىش مەزگىلى .شۇڭا ،بۇ ئايدا ئىنساننىڭ
ھايۋانىي تەرىپى -نەپسى ،ئىچكى تۇيغۇلىرى ،شەھۋىتى ،خۇمارى ۋە دۇنياغا
بېرىلىپ كېتىش خىرىسى ئارقىغا ئېلىنىپ ،ئىنسانىي تەرىپى ئالدىغا
چىقىرىلىدۇ.
رامىزان يىلدا بىر قېتىم روھى دۇنيانى پەرۋىش قىلىدىغان ئاي .روزا،
ئىنسان قەلب دۇنياسىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان سەپەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ
بىر ۋاسىتىسى .قەلبكە ،يەنى ئىنساننىڭ ئۆز -ئۆزىگە قىلىدىغان سەپىرى.
ئەگەر ،بۇ سەپەرنى داۋام قىلىشقا بەل باغلىسا ،ئۇ يەردە ئۇچرىشىدىغىنى يەنە ئۆزى
بولىدۇ .ئەڭ تەبىئىي ،نىقابسىز ،يېلىڭ ھالدىكى ئۆز شەخسىيىتى بىلەن
ئۇچرىشىدۇ.
ئىنسان ،بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ،بىلىشىدۇ،
تونۇشۇپ چىقىدۇ ۋە ئىچكى -تاشقى دۇنيادىكى « مەن » بىلەن ئەپلىشىدۇ.
يەنى « سىلم ( تىنچلىق ) » ،تەسلىمىيەت ۋە ساالمەتكە ( نىجادلىق )قا
ئېرىشىدۇ .ئۆزى بىلەن چىقىشالىغان كىشى ،شۈبھىسىز ،ھەقىقەت بىلەنمۇ
چىقىشااليدۇ .ئۆزى بىلەن چىقىشالمىغان ( فىترىتىگە ياتالشقان ) كىشى،
ئالالھتىن تارتىپ ھەقىقەت بىلەن ،تەبىئەت بىلەن ،ئىنسانىيەت بىلەن
جېدەللىشىپ تۇرىدۇ.
ياشاۋاتقان بۇ كۈنلەردە ،شۇ خەتەرلىك ۋە تېيىلغاق زاماندا ،ھەممىمىز
ساختا ۋە سۈنئىي كۈن تەرتىپ يامغۇرى ئاستىدا ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتىمىز.
مانا پۇرسەت يېتىپ كەلدى.
رامىزان! توغرا ۋە ئىالھىي كۈنتەرتىپ .ھەتتا رامىزان شاھىتىمىز.
« رامىزان شاھىت بولسۇنكى ،مەن ئۇنى ،ئۇ مېنى تۇتتى! » دېيىشنى
كىم ئارزۇ قىلمايدۇ دەيسىز؟

42

-2باب رامىزان شاھىتىم بولسۇن

ئايالرنىڭ سۇلتانى كەلدى ،كۆڭۈل سارىيىم خاراب
رامىزاننى ئايالرنىڭ سۇلتانى قىلغان ۋەھىينىڭ ئۇ ئايدا نازىل بولۇشقا
باشلىشىدۇر.
رامىزاننى قۇرئان ئېيى دەپ بىلىپ تەسەۋۋۇر ،ئەقىل ،شەخسىيەت ۋە ئەڭ
ئاخىرىدا ھاياتنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ،رامىزان بىلەن
يۈزەكى ئەمەس ،ماھىيەت جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقتۇر .چۈنكى ۋەھىي
ئىنساننى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىالھىياليىھە .يۇقىرىدىكى ئوخشىتىشنى نەزەردە تۇتساق ،قۇرئان ئالالھ تەرىپىدىن
ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن بىر مەكتۇپ .بۇ مەكتۇپتا ئادەم بالىلىرىنىڭ ئىككى
دۇنيالىق بەخت -سائادىتىنىڭ فورمۇالسى يېزىلغان.
ئالالھتىن كەلگەن مەكتۇپقا يۈزەكى مۇئامىلە قىلغان كىشى بىلەن چىن
دىلىدىن مۇئامىلە قىلغان كىشى ئوخشاش بوالمدۇ؟ ياكى ئالالھ ئىنسانىيەتكە
ئەۋەتكەن مەكتۇپنى يۈزەكى ئوقۇغان كىشى بىلەن تېگىدىن مەنىسىنى چۈشۈنۈپ
ئوقۇغان كىشى ئوخشاش بوالمدۇ؟ ۋە ياكى ۋەھىينىڭ كونۋېرتىغا قاراش بىلەنال
كۇپايىلىنىپ ،ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن كارى بولمىغان كىشىنىڭ ۋەھىيگە
تۇتقان مۇئامىلىسى سىزچە قايسى تۈرگە كىرىدىغاندۇ؟
خۇالسە قىلساق ،كىشى ئىنساننى مەقسىتىگە ماس ھالدا بەرپا قىلغۇچى
ئىالھى اليىھە بولغان ۋەھىي بىلەن يۈزەكى شەكىلدە مۇناسىۋەت قۇرغان بولسا،
ئۇنىڭ ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يۈزەكى بولىدۇ ،ماھىيىتىگە
يېتەلمەيدۇ .بۇ خۇددى ئالالھتىن كەلگەن مەكتۇپنىڭ كونۋېرتىغىال ئەھمىيەت
بەرگەن كىشىنىڭ مۇئامىلىسىگە ئوخشاش بولۇپ ،ئالالھقا ئەۋەتىلگەن جاۋاب
خەتكە ئوخشايدىغان ئىبادەتلىرىنىڭمۇ ئىچى بوش بولىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟
قىلىدىغان ئىش ناھايىتى ئېنىق .رامىزاننى بىر پۇرسەت دەپ قاراپ،
ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولغان ۋەھىي بىلەن چىن دىلىمىزدىن
43

رامىزان يازمىلىرى
مۇناسىۋەت قۇرۇشىمىز كېرەك .ۋەھىينىڭ يېتەكلىشىگە ئۆزىمىزنى تاپشۇرۇش
ئۈچۈن ،بەدەن ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلب ،ئىرادە ۋە روھقا ئورنىنى بوشىتىپ
بېرىشى الزىم .روزىنىڭ مەقسىتىنىڭ دەل بۇالرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن
ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
مۇسۇلمان كىشىلىك خاراكتېرىنى ۋە ئىسالم مەدەنىيىتىنىڭ قۇرغۇچى
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Ramazan Yazilari - 3
  • Büleklär
  • Ramazan Yazilari - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 3280
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1654
    24.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 3435
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1800
    24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 3519
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1814
    25.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 3554
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1559
    27.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 5
    Süzlärneñ gomumi sanı 3454
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 6
    Süzlärneñ gomumi sanı 3553
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1709
    28.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 7
    Süzlärneñ gomumi sanı 3560
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 8
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1778
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Ramazan Yazilari - 9
    Süzlärneñ gomumi sanı 194
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 139
    44.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    54.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    62.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.