Latin

قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 9

Süzlärneñ gomumi sanı 2812
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1368
11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
19.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ئەئراف سۈرىسى-3،ئايەت.

[[[

نىسا سۈرىسى-105،ئايەت.

[[[

ئەنئام سۈرىسى-155،ئايەت.

181

مۇھەممەد يۈسۈپ

182

پەقەتــا ئۈگۈتتــۇر)[[[« .قۇرئــان كەرىــم» شــۇنداق بىــر
نۇرلــۇق مەشــئەلكى ،ئۇنىــڭ ئارقىســىدىن ماڭغانالرنىــڭ
يولىنــى يۇرۇتىــدۇ ،قەلبلەردىكــى شــەك _ شــۈبھىلەرنى ۋە
قاراڭغۇلۇقالرنــى يــوق قىلىــپ تاشــايدۇ .ئالــاھ تائــاال بــۇ
ھەقتــە مۇنــداق دېگــەن( :ھەقىقەتــەن ســىلەرگە ئالالھتىــن
بىــر نــۇر ۋە روشــەن بىــر كىتــاب كەلــدى .ئالــاھ شــۇ كىتاب
ئارقىلىــق رازىلىقىنــى ئىزدىگەنلەرنــى نىجاتلىــق يوللىرىغــا
يىتەكلەيــدۇ ،ئالــاھ ئــۆز ئىرادىســى بويىچــە ئۇالرنــى
(كۇفرىنىــڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىــن (ئىماننىــڭ) نۇرىغــا
چىقىرىــدۇ ۋە ئۇالرنــى توغــرا يولغــا يېتەكلەيــدۇ)[[[.
«قۇرئــان كەرىــم» بىلــەن ھەركىــم ئالــاھ تائاالغــا
بارىدىغــان يولىنــى تاپااليــدۇ( :بــۇ رەببىڭالردىــن كەلگەن،
قەلــب كۆزلەرنــى ئاچىدىغــان بايانــاردۇر ،مۆمىنلــەر ئۈچــۈن
[[[
ھىدايــەت ۋە رەھمەتتــۇر).
«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ كۆرسەتمىســى بويىچــە يۈرگــەن
ئــادەم ســىراتۇل مۇســتەقىمنىڭ ئۆزىــدە ماڭغــان بولىــدۇ:
(ئــى ئىنســانالر! ســىلەرگە رەببىــڭالر تەرىپىدىــن كەســكىن
دەلىــل كەلــدى ،ســىلەرگە ئوپئوچــۇق نــۇر (قۇرئان)نــى
چۈشــۈردۇق)[[[.
[[[

تەكۋىر سۈرىسى-27-28،ئايەتلەر.

[[[

مائىدە سۈرىسى-15-16 ،ئايەتلەر.

[[[

ئەئراف سۈرىسى-203 ،ئايەت.

[[[

نىسا سۈرىسى-174 ،ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

شــۇنداق« ،قۇرئــان كەرىــم» ئــەڭ ئىشــەنچلىك ۋە
ئــەڭ ماھىــر يولباشــچى بولــۇپ ،ئۇنىڭغــا ئەگەشــكەنلەرنى
ئــەڭ قىســقا ۋاقىــت ئىچىــدە ،ئــەڭ ئــاز تىرىشــچانلىق
بىلــەن ئالــاھ تائاالغــا ئېلىــپ بارىــدۇ( .بىزنىــڭ ســاڭا
ئۇالرغــا تىــاۋەت قىلىنىۋاتقــان كىتابنــى چۈشــۈرگەنلىكىمىز
يەتمەمــدۇ؟ شەكســىزكى ،ئىشــىنىدىغان قــەۋم ئۈچــۈن
ئەلۋەتتــە ئۇنىڭــدا رەھمــەت ۋە ئىبــرەت بــار)[[[.
«قۇرئــان كەرىم»نــى قويــۇپ باشــقا يولــار بىلــەن
ئالــاھ تائاالغــا يېقىنلىشــىمىز دېگۈچىلــەر ئەخمەقلــەردۇر.
چۈنكــى ئــۇالر ئىزدەۋاتقانالرنىــڭ ھەممىســى تولۇقــى بىلــەن
«قۇرئــان كەرىــم»دە بــار.

◄قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب
ئالــاھ تائــاال «قۇرئــان كەرىم»نــى ئۇنىــڭ ئوقــۇش
قائىدىســىگە رىئايــە قىلغــان ھالدا توغرا ئوقۇپ ،مەنىســىنى
توغــرا چۈشــىنىپ ،مەقســەت ۋە غايىلىرىنــى بىلىــپ،
بىزدىــن تەلــەب قىلغىنــى بويىچــە ئەمــەل قىلىــش ئۈچــۈن
چۈشــۈرگەن( .ســاڭا بــۇ مۇبــارەك كىتابنــى ئايەتلىرىنــى
تەپەككــۇر قىلســۇن ۋە ئەقىــل ئىگىلىــرى ۋەز _ نەســىھەت
ئالســۇن دەپ چۈشــۈردۇق)[[[ .ئەپسۇســكى ،مۇسۇلمانالرنىڭ
[[[

ئەنكەبۇت سۈرىسى-51 ،ئايەت.

[[[

ساد سۈرىسى-29 ،ئايەت.

183

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئــان كەرىــم» بىلــەن بولغــان چــوڭ ئاالقىســى ئۇنــى
تىــاۋەت قىلىشــتىن ئىبــارەت بولــۇپ قالغان .ئــۇالر «قۇرئان
كەرىم»نــى ئۇنىــڭ مەنىســىنى تەپەككــۇر قىلىــپ ،ئويــاپ،
مەقســەتلىرىنى چۈشــىنىپ ئەمــەل قىلىشــنىڭ ۋەسىلىســى
قىلماســتىن ،بەلكى ئۇنىڭ تېكىســتىنى تىالۋەت قىلىشــقىال
كۇپايــە قىلىدىغــان بولــۇپ قالغــان.

184

ئىبنىــى مەســئۇد رەزىيەلالھــۇ ئەنھــۇ مۇنــداق دېگــەن:
(ئالــاھ قۇرئاننــى ئۇنىــڭ روھــى بويىچــە ئەمــەل قىلىــش
ئۈچــۇن چۈشــۈرگەن تۇرســا ،كىشــىلەر ئۇنــى تىــاۋەت
قىلىشــنى ئەمــەل ســانىۋالدى) .فۇزەيــل ئىبنــى ئىيــاز
مۇنــداق دېگــەن« :قۇرئــان ئەمــەل قىلىــش ئۈچــۈن
چۈشــكەن بولســىمۇ ،كىشــىلەر ئۇنــى تىــاۋەت قىلىشــنى
ئەمــەل دەۋالغــان» .مۇســۇلمانالر قۇرئاننىــڭ لــەۋزى
بىلەنــا مەشــغۇل بولــۇپ قېلىــپ ،ئۇنىــڭ مەنىســىگە
ئەھمىيــەت بەرمىگەنلىكتىــن ،ئــۇالر ئۆزلىرىنىــڭ ئىــززەت _
ئابرۇيىنىــڭ ،كــۈچ _ قۇۋۋىتىنىــڭ ۋە قــەد كۆتۈرشــىنىڭ
مەنبەســىدىن مەھــرۇم قالغــان .ئــۇالر شــۇنداق قىلىــپ
يولىنــى يۇرۇتىدىغــان چىراقنــى ئــۆز قولــى بىلــەن ئۆچــۈرۈپ
قويغــان .نەتىجىــدە ،باشــقىالرنىڭ سايىســىدا ،ئۇالرنىــڭ
رەھىــم _ شــەپقىتىگە تايىنىــپ ھايــات كەچۈرىدىغــان،
قەدىــر _ قىممىتىنــى ۋە ئېتىبارىنــى يوقىتىــپ قويغــان
بىــر ئۈممەتكــە ئايلىنىــپ قالغــان .ئۆتمۈشــلەردە دۇنيانــى
ســورىغان ســەلتەنەتلىك مۇســۇلمانالر بۈگۇنكــى كۈنــدە

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

باشــقىالرنىڭ ســەلتەنىتىگە بېقىنىدىغــان بولــۇپ قالغــان.
ئۇالرنــى ئەســلىدىكى ســەلتەنىتىگە ۋە ئىــززەت _ ئابرويىغــا
ئېرىشــتۈرىدىغان ســېھىرلىك كــۈچ ئۇالرنىــڭ قولىــدا بــار.
ئەممــا ئــۇالر ئۇنىــڭ لەۋزىنــى تىــاۋەت قىلىشــقا كۇپايــە
قىلىــپ ،مەنىســىگە ئەھمىيــەت بەرمىگەنلىكتىــن ،ئۇنىــڭ
كۈچىدىــن پايدىلىنالمــاي كەلمەكتــە.

◄«قۇرئان كەرىم» تىالۋەت قىلىنىدىغا يېگانە كىتابتۇر
«قۇرئــان كەرىــم» مەنىســىنى بىلمىســىمۇ ئوقۇســا ســاۋاب
بولىدىغــان يېگانــە كىتابتــۇر .بــۇ «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ
ئۇلۇغلىقــى ســەۋەبتىندۇر .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم
«ئالالھنىــڭ كىتابىدىــن بىــر ھــەرپ ئوقۇغــان كىشــى بىــر
ســاۋابقا ئېرىشــىدۇ ،بۇ بىر ســاۋاب ئون ھەسســىگە كۆپەيتىپ
بېرىلىــدۇ‹ .ئەلىــف ،الم ،مىــم› نــى بىــر ھــەرپ دەپ
ھېســابلىمايمەن ،بەلكــى ‹ئەلىــف› بىــر ھــەرپ‹ ،الم› بىــر
ھــەرپ‹ ،مىــم› بىــر ھەرپتــۇر»[[[ دەپ كۆرســەتكەن .ئەممــا
ئىلگىرىكــى «تــەۋرات»« ،ئىنجىــل» ۋە «زەبــۇر» قاتارلىــق
ســاماۋى كىتابالرنىــڭ ھېچقايسىســىنى تىــاۋەت قىلغانغــا
ســاۋاب ۋەدە قىلىنمىغان ،ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
ھەدىســلىرىنىمۇ ئوقۇغانغــا ســاۋاب ۋەدە قىلىنغــان ئەمــەس،
پەقــەت ئەمــەل قىلغــان ســاۋاب بېرىلىــدۇ.
[[[

تىرمىزى رىۋايىتى.

185

مۇھەممەد يۈسۈپ

◄قۇرئــان ئوقۇشــتىن ئاساســلىق مەقســەت ئۇنىڭدىــن
تەســىرات ئېلىشــتۇر

186

قۇرئــان ئوقۇغاننىــڭ پايدىســىنى مۇشــۇ دۇنيــادا
كــۆرەي دېگــەن ئــادەم چوقــۇم ئۇنــى ئۇنىڭدىــن تەســىر
ئالغــۇدەك دەرىجىــدە ۋايىغــا يەتكــۈزۈپ تىــاۋەت قىلىشــى
كېــرەك .ھازىرقــى مۇســۇلمانالر ھەممىدىــن بــەك قۇرئاننىــڭ
تەســىرىگە مۇھتــاج .ئۇنىــڭ مۆجىزىلىرىنىــڭ ئــەڭ
ســەرخىلى كىشــىلەرنىڭ قەلبىگــە تەســىر قىلىــپ ،ئۇنــى
ئۆزىگــە قارىتىــش مۆجىزىســىدۇر .شــۇ ســەۋەبتىن ئــۆز
ۋاقتىدىكــى ئــەرەب مۇشــرىكلىرى تەۋەلىرىنــى قۇرئاننــى
ئــاڭالپ قېلىشــتىن توســقان .بىــز «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ
ھاياتىمىزنــى تۈپتىــن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغــان دەرىجىدىكــى
زور تەســىرىگە ئېرىشەلمەســتىن ،ئۇنــى قانچىلىــك كــۆپ
تىــاۋەت قىلســاقمۇ ئۇنىڭدىــن كۆزلىگــەن پايدىنــى
ئااللمايمىــز .چۈنكــى ئاۋۋالقــى مۇســۇلمانالرنى غەلىبىگــە
ئېرىشــتۈرگەن نەرســە قۇرئــان كەرىمنىــڭ تەســىرى ئىــدى.
شــۇڭا قۇرئــان كەرىمنــى تىــاۋەت قىلىشــتىن بىرىنچــى
مەقســەت ئۇنىڭدىــن تەســىرات ئېلىشــتىن ئىبــارەت بولىشــى
الزىــم.
قۇرئاننىــڭ تەســىرىنى قولغــا كەلتــۈرۈش ئۈچــۈن ئۇنــى
ئــاز بولســىمۇ ھــەر كۈنــى تىــاۋەت قىلىــپ تۇرۇشــنى ئــادات
قىلىــش ،تىــاۋەت قىلغانــدا ،تىنچ ئورۇننــى تالالپ ،ئۆزىگە

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ئاڭالنغــۇدەك مىقــداردا ئاۋازنــى چىقىرىــپ ،ئالدىرىمــاي،
مەنىســىنى چۈشــىنىپ ئوقــۇش الزىــم .ئىمكانقــەدەر
قۇرئاننــى يىغــاپ تــۇرۇپ ئوقــۇش تولىمــۇ ياخشــىدۇر.
چۈنكــى مۇنــداق قىلىــش ھېسســىياتنى ئۆرلىتىــش ،دىلنــى
يۇمشــىتىش رولىغــا ئىگــە .بىرەر ئايەتتىن تەســىرات ھاســىل
قىلغــان ۋاقتىمىــزدا ،شــۇ ئايەتنــى قايتا-قايتــا ئوقۇشــىمىز
الزىــم .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ (ئەگــەر ئۇالرغــا ئــازاب
قىلســاڭ ،ئــۇالر ســېنىڭ بەندىلىرىڭــدۇر .ئەگــەر ئۇالرغــا
مەغپىــرەت قىلســاڭ ،ســەن غالىبســەن ،ھېكمــەت بىلــەن
ئىــش قىلغۇچىدۇرســەن)[[[ دېگــەن ئايەتنــى تەھەججــۇد
نامىزىــدا بىــر كېچــە تەكــرارالپ چىققانلىقــى رىۋايــەت
قىلىنغــان.
قۇرئاننــى ئوقــۇش ،يادىــاش ،مەنىســىنى چۈشــىنىش،
ئۇنى باشقىالرغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش
ھــەم ئەمــەل قىلىــش بىلەن شــۇغۇلالنغۇچىالر ئىنســانالرنىڭ
ئــەڭ ســائادەتمەنلىرى ۋە ئــەڭ ســەرخىللىرىدۇر .پەيغەمبــەر
ئەلەيھىسســاالم« :ســىلەرنىڭ ئــەڭ ياخشــىلىرىڭالر قۇرئاننى
ئۆگەنگــەن ۋە ئۆگەتكەنلــەردۇر»[[[ دەپ كۆرســەتكەن.

◄مۇسۇلمانالرنىڭ شان – شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر
[[[

مائىدە سۈرىسى-118ئايەت.

[[[

ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

187

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئالــاھ تائــاال «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ مۇســۇلمانالر ئۈچــۈن
بەخــت _ ســائادەتنىڭ مەنبەســى بولغىنىــدەك ،ئۇالرنىــڭ

شــان _ شــەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىــڭ مەنبەســى ئىكەنلىكىنــى
بايــان قىلىــپ مۇنــداق دېگــەن( :ھەقىقەتــەن ســىلەرگە
ســىلەرنىڭ شــان_ شــەرىپىڭالرنى ئــۆز ئىچىگــە ئالغــان كىتاب
(قۇرئــان) نــى چۈشــۈرۈپ بــەردۇق .ســىلەر تېخىچــە ئەقىــل
ئىشلەتمەمســىلەر؟)[[[.
ئاۋۋالقــى مۇســۇلمانالر بارچــە كۈچىنــى «قۇرئــان
188

كەرىم»دىــن ئالغــان .ئــۇالر «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ نېمــە
مەقســەت بىلــەن چۈشــكەن كىتــاب ئىكەنلىكىنــى تونۇغــان
ۋە ئۇنىــڭ روھــى بويىچــە ئەمــەل قىلغــان .شــۇڭا ئۇالرنىــڭ
ســەلتىنىتى قىســقىغىنە ۋاقىــت ئىچىــدە ئــەرەب يېرىــم
ئارىلىدىــن ھالقىــپ ،ئــۈچ قىتئەگــە يۆتكەلگــەن .ئــۇالر
دۇنيــادا ئادالــەت بىلــەن ھەققانىيەتنــى ئومۇمالشــتۇرغان
ئىــدى.
ئەممــا ئەپسۇســكى ،ئىســامنىڭ ئالتــۇن دەۋرلىرىدىــن
كېيىنكــى ۋە ھازىرقــى مۇســۇلمانالردا «قۇرئــان كەرىــم»
ھازىــر ۋە غائىــب ھالەتتــە بولــۇپ قالغــان .ھازىــر دېگىنىمىز
«قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇســۇلمانالرنىڭ قولىدا ،قارىيالرنىڭ
دىلىــدا بــار ئىكەنلىكىنــى ،غائىــب دېگىنىمىــز «قۇرئــان
كەرىم»گــە ئەمــەل قىلىشــنىڭ يوقالغانلىقىدىــن ئۇنىــڭ
[[[

ئەنبىيا سۈرىسى-10 ،ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

روھىنىــڭ ،مۆجىزىســىنىڭ ۋە ھاياتتىكــى باشــامچىلىق
رولىنىــڭ بىزنىــڭ ھاياتىمىــزدا يوقالغانلىقىنــى ئىپادىلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتــە ،بىــز مۇســۇلمانالر قۇرئــان ئوقــۇپ ســاۋاب
تېپىشــقا كۇپايــە قىلىــپ ،ئۆزىمىزنــى چــوڭ ســاۋابلىق ئىــش
قىلغانــار قاتارىــدا ســاناپ كېلىۋاتىمىــز.
ئەلالمــە مۇھەممــەد غەززالىــي مۇنــداق دېگــەن:
«بىــز قۇرئاننــى ھاياتىمىــزدا ھەرىكەتلىنىــپ تۇرىدىغــان
ئېنېرگىيەگــە ئايالندۇرىشــىمىز الزىــم .ئەمما ئۇنــى ئۆيلەردە،
دۇكانــاردا ۋە ئىــش ئورۇنلىرىــدا ســاقالپ تەۋەررۈك قىلىشــقا
ياكــى قۇرئاننــى ئېچىــپ بىــر ياكــى ئىككــى ئايــەت ئوقۇپــا
يېپىــپ قويۇشــقا بولمايــدۇ»[[[.
توغــرا ،قۇرئاننــى ئوقــۇپ قويغــان بىلەنــا ئىــش
پۈتمەيــدۇ ،مەســىلە ھــەل بولمايــدۇ ۋە مەقســەت ئــادا
بولمايــدۇ .چۈنكــى ئــەرەب تىلىدىكى«تىــاۋەت» ســۆزى
ُْ
َ
«تــىَ ،يتلــو» دېگــەن ســۆز يىلتىزىدىــن چىققــان بولــۇپ،
مەنىســى داۋامالشــتۇرۇش ،ئارقىســىدىن يــۈرۈش دېگەننــى
بىلدۈرىــدۇ .ئــەرەب تىلىــدا ،بىــراۋ يەنــە بىرىنىــڭ
ئارقىســىدىن ئەگىشــىپ ماڭغاننى «يتلو» دەيــدۇ .دېمەك،
قۇرئــان تىــاۋەت قىلىــش دېگــەن بىــر قانچــە ئايــەت ياكــى
بىــر قانچــە ســۈرىنى ئوقــۇپ قويــۇش ئەمــەس ،بەلكــى
ئوقۇغاننىــڭ مەنىســىنى بىلىــپ ،روھىغــا ئەمــەل قىلىشــنى
[[[

«قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟» ناملىق ئەسەر-59 ،بەت.

189

مۇھەممەد يۈسۈپ

داۋامالشــتۇرۇش ،قۇرئاننىــڭ كۆرســەتمىلىرى بويىچــە ئىــش
كۆرۈشــتىن توختــاپ قالماســلىق دېگەننــى ئىپادىلەيــدۇ.
ئىمــام ھەســەن بەننــا مۇنــداق دېگــەن« :قۇرئــان
يۇقىــرى ئۇپۇقتىــن مۇھەممــەد ئەلەيھىسســاالمنىڭ قەلبىگــە
تۇمــار قىلىــپ ئېســىۋېلىش ياكــى مــازار بېشــىدا ئوقــۇش
ياكــى مۇســىبەتلەردە تىــاۋەت قىلىــش ياكــى قارىيالرنىــڭ
دىلىــدا ،ياكــى كىتــاب ھالىتىــدە ســاقالش ياكــى ئۆزىنــى
يــادالپ ئەھكاملىرىنــى تاشــاپ قويــۇش ئۈچــۈن چۈشــكەن
190

كىتــاب ئەمــەس ،بەلكــى ئــۇ ئىنســانىيەتنى بەختلىــك
ياھاتقــا باشــاش ئۈچــۈن چۈشــكەن كىتابتــۇر( .ســىلەرگە
ئالــاھ تەرىپىدىــن نــۇر ۋە روشــەن كىتــاب كەلــدى.
ئالــاھ شــۇ كىتــاب ئارقىلىــق رازىلىقىنــى تىلىگەنلەرنــى
ســاالمەتلىك يوللىرىغــا يېتەكلەيــدۇ ،ئىرادىســى بويىچــە
ئۇالرنــى (كۇفرىنىــڭ) قاراڭغۇلۇقىدىــن (ئىماننىــڭ) نۇرىغــا
چىقىرىــدۇ ۋە ئۇالرنــى توغــرا يولغــا ھىدايــەت قىلىــدۇ)[[[.
«ئاۋۋالقــى

مۇســۇلمانالر

«قۇرئــان

كەرىم»نىــڭ

پەزىلىتىنــى بىلگــەن .شــۇڭا ئــۇالر ئۇنــى ھاياتىنىــڭ
دەســتۇرى ۋە قانــۇن _ تۈزۈملىرىنىــڭ مەنبەســى ،قەلبىنىڭ
نــۇرى ،ئىبادەتلىرىنىــڭ ئاســالىقى قىلىۋالغــان .ئــۇالر
«قۇرئــان كەرىم»نــى چۈشــىنىپ ئوقــۇش ۋە مەنىســىگە
ئەمــەل قىلىــش ئۈچــۇن ئۇنىڭغــا قەلبىنــى ئاچقــان ،ئۇنىــڭ
[[[

مائىدە سۈرىسى-15-16ئايەتلەر.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ئۇلۇغــۋار ھــەۋزى كەۋســىرىدىن قانغۇچــە ئىچكەن ،شــۇنىڭ
بىلــەن روھىنــى ســۇغۇرغان .شــۇڭا ئالــاھ تائــاال ئۇالرغــا
دۇنيانىــڭ ســەلتەنىتىنى ئاتــا قىلغــان .ئاخىرەتتــە بولســا
ئۇالرغــا يۇقىــرى دەرىجىلىــك جەننەتلەرنــى ۋەدە قىلغــان.
ئەپسۇســكى ،بىــز ئۇالرغــا ئوخشــاش بواللمىــدۇق ،ئۇالرنىڭ
ئىرادىســىگە ۋارىســلىق قىاللمىــدۇق .بۇ ســەۋەبتىن ھازىرقى
ھازىرقــى ھالغــا چۈشــۈپ قالــدۇق .دۇنيالىــق ئىشــلىرىدا
ئاجىــز ،دىنىــي ئىشــاردا زەئىــپ بولــۇپ قالــدۇق»[[[.

◄ئىلگىرىكــى مۇســۇلمانالرنىڭ «قۇرئــان كەرىم»گە تۇتقان
پوزىتسىيەسى
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ســاھابىلىرى «قۇرئــان
كەرىم»گــە يۈرىكىدىــن بېرىلەتتــى ،ئۇنــى چىــن قەلبىدىــن
ســۆيۈپ تىــاۋەت قىالتتــى ۋە ئۇنــى ئاڭلىغانــدا ئىمانــى
كۈچىيەتتــى .ئــۇالر مۇنــۇ ئايەتلەردىكى ئېســىل ســۈپەتلەرگە
ســازاۋەر كىشــىلەر ئىــدى( :ئالــاھ يــاد ئېتىلســە دىللىرىــدا
قورقۇنــچ پەيــدا بولىدىغــان ،ئالالھنىڭ ئايەتلىــرى تىالۋەت
قىلىنســا ئىمانــى كۈچىيىدىغــان( ،ھــەر ئىشــتا) رەببىگــە
تايىنىدىغــان كىشــىلەرال ھەقىقىــي مۇئمىنلــەردۇر)[[[،
(مۇئمىنلەرگــە كېلىدىغــان بولســاق( ،چۈشــۈرۈلگەن ھەربىــر
[[[

«نەزەرات فى كىتابىلالھ» ناملىق ئەسەرنىڭ -34بېتىدىن.

[[[

ئەنفال سۈرىسى-2 ،ئايەت.

191

مۇھەممەد يۈسۈپ

ســۈرە) ئۇالرنىــڭ ئىمانىنــى تېخىمــۇ كۈچەيتتــى ،ئــۇالر
بۇنىڭدىــن ســۆيۈنۈپ كېتىــدۇ)[[[.
ســەييىد قۇتــۇب مۇنــداق دەيــدۇ« :پەيغەمبــەر ئــە-
لەيھىسســاالمنىڭ زامانىدىكــى مۇســۇلمانالر «قۇرئــان كــە-
رىم»نــى مەلۇمــات ھاســىل قىلىــش ياكــى بىلىــم ئاشــۇرۇش
مەقســىتى بىلــەن ئوقۇمايتتــى .بەلكــى ئوزۇقلىنىــش،
ئەمــەل قىلىــش ۋە ئىجــرا قىلىــش ئۈچــۈن ئوقۇيتتــى.
ئــۇالر «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ئايەتلىرىنــى خــۇددى جــەڭ
192

مەيدانىدىكــى ئەســكەرلەر قومانداندىــن بۇيــرۇق تاپشــۇرۇپ
ئالغانــدەك تاپشــۇرۇپ ئاالتتــى .شــۇڭا ئــۇالر كۈندىلىــك
ئالىدىغــان تەلىملىرىــدە زيادىنــى خالىمايتتــى .چۈنكــى
ئــۇالر كۈندىلىــك ئۆگىنىــپ ،ئۆگەنگەنلىرىنــى تۇرمــۇش
ئىشــلىرىدا ئەمەلىيلەشــتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ ماڭغانلىقتىن،
ئۈســتىلىرىگە كــۆپ تەكلىپلەرنــى ۋە مەســئۇلىيەتلەرنى
يۈكلىۋېلىــپ ئەمــەل قىاللمــاي قېلىشــىدىن ئەنســىرەيتتى.
شــۇ ســەۋەبتىن ،ئــۇالر _ ئىبنــى مەســئۇد رەزىيەلالھۇنىــڭ
رىۋايــەت قىلغىنىــدەك[[[ _ ئــون ئايەتنــى ياخشــى ئۆگىنىــپ
ۋە ياتــاپ ،ئۇنىــڭ روھــى بويىچــە ئەمــەل قىلىشــنى
ئۆگىنىــپ بولــۇپ ،ئاندىــن باشقىســىغا يۆتكىلەتتــى.
ئۇالرنىــڭ قۇرئــان ئەمرلىرىنــى ئىجــرا قىلىــش مەقســىتى
[[[

تەۋبە سۈرىسى-124 ،ئايەت.

[[[

ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نەقىل قىلغان.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

بىلــەن قوبۇل قىلىشــىنى ئۇالر ئۈچــۈن نۇرغۇنلىغان ھاالۋەت
ئۇپۇقلىرىنــى ئېچىــپ بېرەتتــى .ئــۇالر قۇرئاننــى ئىزدىنىش،
مەلۇمــات ئىگىلــەش نىيىتــى بىلەن ئوقۇغان بولســا ،بۇنداق
ھــاالۋەت ئۇپۇقلىــرى ئــۇالر ئۈچــۈن ئېچىلمىغــان بوالتتــى.
قۇرئــان ئۇالرنىــڭ ھاياتىغــا ئارىلىشــىپ كەتكــەن بولــۇپ،
ئۇالرنىــڭ ئەمەلىــي دەســتۇرىغا ئايالنغــان ئىــدى .قىسقىســى
«قۇرئــان كەرىــم» خــۇددى ئۇالرنىــڭ تومۇرلىرىــدا ئاققــان
قانغــا ئوخشــاش ئۇالرنىــڭ ھايــات ســاھەلىرىدە ئــۆز رولىنــى
كۆرســەتكەن ئىــدى« .قۇرئــان كەرىم»نىــڭ خەزىنىســى
پەقــەت ئۇنىڭغــا تولــۇپ تاشــقان جەڭگىۋارلىــق روھــى
بىلــەن يۈزلەنگــەن ئادەمگىــا بېرىلىــدۇ.
چۈنكــى «قۇرئــان كەرىــم» ئوقــۇپ كۆڭۈلنــى خــوش
قىلىــش ئۈچــۈن چۈشــكەن كىتــاب ئەمەس ياكــى ئەدەبىيات
ياكــى تارىــخ كىتابــى ئەمــەس .بەلكــى ئــۇ ھاياتلىقنىــڭ
دەســتۇرى بولــۇش ئۈچــۈن چۈشــكەن كىتابتــۇر»[[[.
«قۇرئــان كەرىــم» ســاھابىلەرنىڭ ھاياتىــدا ئۇالرنىــڭ
ئەقلىگــە ،ۋىجدانىغــا ۋە ئەخالقىغــا ئــەڭ زور تەســىر
قىلىدىغــان بىردىنبىــر تەســىر مەنبەســى ئىــدى .شــۇڭا
«قۇرئــان كەرىــم» ئۇالرنىــڭ ئۆزىنــى ،ئەقىدىســىنى،
ئەخالقىنــى ۋە بىــر پۈتۈن ھاياتىنــى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى.
ئــۇالر ھــەر قېتىــم پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ مۇبــارەك
[[[

يولدىكى ئىشارەتلەر (مەئالىم فىتتەرىق)-11-12.نەتلەر.

193

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئېغىزىدىــن «قۇرئــان كەرىــم» ئايەتلىرىنــى ئاڭلىغانلىرىدا،
ئــۇالردا چوقــۇم ئۆزگىرىشــلەر بوالتتى ،ۋىجدانــى ھەرىكەتكە
كېلەتتــى ،ئەقلــى ئويغىنشــقا ،ئەخالقــى ئۆزگىرىشــكە
باشــايتتى .شــۇنداق قىلىــپ ئۇالرنىــڭ ئىمانــى كۈچلىنىــپ
كېتەتتــى .نۇرغــۇن كىشــىلەرنىڭ مۇســۇلمان بولغانلىــق
قىسسىســى «قۇرئــان كەرىــم» بىلــەن مۇناســىۋەتلىك
بولــۇپ ،ئۆمــەر ئىبنــى خەتتابقــا ئوخشــاش «قۇرئــان
كەرىــم» ئايەتلىرىنــى ئــاڭالپ مۇســۇلمان بولغانلىــرى كــۆپ
194

ئىــدى.
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم مۇســئەب ئىبنــى ئۇمەيرنــى
مەدىنىگــە ئىســامنى تەبلىــغ قىلىشــقا ئەۋەتكىنىــدە،
ئۇنىــڭ قىلىدىغــان بىرىنچــى ئىشــى كىشــىلەرگە «قۇرئــان
كەرىم»نــى ئوقــۇپ بېرىــش بولغــان ئىــدى .مەدىنــە ئەھلــى
مۇســئەبنىڭ تىالۋىتــى سايىســىدا مۇســۇلمان بولغــان ۋە
ئىســام پەيغەمبىــرى مۇھەممــەد ئەلەيھىسســاالمنى مەدىنىگــە
ئېلىــپ بېرىــش باغرىغــا بېســىش ئارزۇســىدا ياشــىغان.
ســاھابىلەرنىڭ ،تابىئىنالرنىــڭ ۋە ئىســامنىڭ ئالتــۇن
دەۋرىدىكى مۇســۇلمانالرنىڭ ھاياتىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ
تەســىرى ئىنتايىــن چــوڭ بولغــان ئىــدى« .قۇرئــان كەرىم»
ئۇالرنىڭ ئەقىدىســى بىلەن ئەخالقىنــى ئۆزگەرتىۋەتكەننىڭ
ســىرتىدا ،ئۇالرنىــڭ تۇرمــۇش تەرزىنىمــۇ ئۆزگەرتىۋەتكــەن.
بــۇ ئۆزگىرىــش ئۇالرنىــڭ شەخســىي ھاياتىــدا ،ئائىلىــۋى

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ھاياتىــدا ،ئىجتىمائىــي ھاياتىــدا ،ئىقتىســادىي ھاياتىــدا،
ئەدەبىــي ھاياتىــدا ،سىياســىي ھاياتىــدا ئــۆز تەســىرىنى
تولــۇق كۆرســەتكەن .شــۇنداق قىلىــپ ئــۇالر «قۇرئــان
ئۈممىتــى» بولــۇپ ئوتتۇرىغــا چىققــان .دۇنيا خەلقــى ئۇالرغا
قايىــل بولغــان ،ھەممەئۇالرنــى ئۆزلىرىگــە ئۇســتاز تۇتقــان.
نەتىجىــدە ئــۇالر دۇنيانىــڭ ئــۈچ قىتئەســىدە ھاكىمىيىتىنــى
يۈرگۈزگــەن .چۈنكــى ئــۇالر «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ
جەۋھىرىــي تەرىپىگــە ئەھمىيــەت بېرەتتــى ،يەنــى ئــۇالر
قۇرئانغــا شــەكلىي ياكــى زاھىرىــي جەھەتتىــن ئەمــەس،
بەلكــى جەۋھىرىــي تەرەپتىــن ئەگىشــەتتى .ئــۇالر «قۇرئــان
كەرىم»نىــڭ ئەمرلىرىنــى ئىجــرا قىلىــش ئۈچــۈن قوبــۇل
قىالتتــى ،ئۇنىــڭ ئەھكاملىرىنــى تەتبىــق قىلىــش ئۈچــۈن
ئۆگىنەتتــى ،ئۆگەنگــەن ئايەتلىرىنــى تولــۇق ھاياتلىققــا
ئەمەلىيلەشــتۈرۈپ بولــۇپ ،ئاندىــن باشقىســىنى ئۆگىنەتتى.
ئىســام خەلىپىلىــرى ۋە يۇقىــرى مەرتىۋىلىــك قوماندانالرمــۇ
بىــراۋ قۇرئــان ئايەتلىرىنــى دەلىــل كەلتــۈرۇپ ئۇنىڭغــا
قارشــى چىققانــدا ســۈكۈت قىالتتــى ۋە ئەلۋەتتــە ئۇنىڭغــا
بــوي ئېگەتتــى .بىــر قېتىــم ئىككىنچــى خەلىپــە ئۆمــەر
ئىبنــى خەتتابقــا بىــر ســەھرالىق ئــەرەب ئەدەپســىز گــەپ
قىلغانــدا ،ئۇنىــڭ قاتتىــق ئاچچىقــى كەلگــەن .شــۇ ۋاقىتتــا
بــۇ ســەھرالىق ئەرەبنىــڭ بىــر ھەمراھــى ئۆمەرگــە ئالــاھ
تائاالنىــڭ ((ئــى پەيغەمبــەر!) ئەپۇچانلىــق يولىنــى تۇتقىن،
(كىشــىلەرنى) ياخشــىلىققا بۇيرۇغىــن ۋە نادانــار بىلەن تەڭ

195

مۇھەممەد يۈسۈپ

بولمىغىــن)[[[ دېگــەن ســۆزىنى تىــاۋەت قىلغاندىن كېيىن،
ئۆمــەر تەبەسســۇم قىلغــان .يەنــە بىــر قېتىــم ئــۇ مەســجىدتە
ئايالالرنىــڭ

مەھرىنــى

ئۆرلىتىۋاتماســلىق

توغرۇلــۇق

ســۆزلەۋاتقاندا ،بىــر ئايــال ئۇنىڭغــا قارشــى چىقىــپ،
ئالــاھ تائاالنىــڭ« :ئۇالرنىــڭ بىرىگە(مەھــرى قىلىــپ)
كــۆپ مــال بەرگــەن بولســاڭالرمۇ ئۇنىڭدىــن ھېــچ نەرســىنى
قايتۇرۇۋالمــاڭالر» دېگــەن ســۆزىنى تىــاۋەت قىلغانــدا،
ئۆمــەر «ئايــال توغرىســىنى تاپتــى ،ئۆمــەر خاتاالشــتى»
196

دېگــەن مەشــھۇر ســۆزىنى قالدۇرغــان .ھەججــاج ئىبنــى
يۈســۈپ زالىملىقــى ۋە رەھىمســىزلىقى بىلــەن تونۇلغــان
مۇســۇلمان قومانــدان ئىــدى .ئــۇ بىــر كۈنــى بىــر گۇناھســىز
ئادەمنــى باشــقا بىرىنىــڭ گۇناھى ســەۋەبلىك قولغا ئالغان.
بــۇ ئــادەم ئۆزىنىــڭ گۇناھســىز ئىكەنلىكىنــى ئېيتقانــدا،
ھەججــاج ئۇنىڭغــا بىراۋنــى تۇغقانلىرىنىــڭ گۇناھــى
ســەۋەبلىك جازالىســا بولىــدۇ ،دېگەننــى ئىپادىلەيدىغــان
شــېىرالرنى ئوقۇغــان ۋە ئۇنــى ســۈكۈت قىلدۇرماقچــى
بولغــان .بــۇ ۋاقىتتــا بــۇ ئــادەم «قۇرئــان كەرىــم» دىكــى:
((يۈســۈف)« :ئالــاھ ساقلىســۇن! بىز نەرســىمىزنى كىمنىڭ
يۈكىدىــن تاپقــان بولســاق ،شــۇنى ئېلىپ قالىمىز ،بولمىســا
بىــز چوقــۇم زالىمالردىــن بولــۇپ قالىمىز» دېــدى)[[[ دېگەن
ئايەتنــى تىــاۋەت قىلغــان .شــۇنىڭ بىلــەن ھەججــاج بــۇ
[[[

ئەئراف سۈرىسى -199ئايەت.

[[[

يۇسۇف سۈرىسى-79 ،ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ئادەمنى قويۇپ بەرگەن.
«قۇرئــان كەرىم»نــى تولــۇق يادلىۋالغــان قارىيــار
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ۋاقتىــدا ۋە ســاھابىلەرنىڭ
دەۋرىــدە ئــەڭ ھۆرمەتلىــك كىشــىلەردىن ســانىالتتى،
ئــۇالر خەلىپىلەرنىــڭ كېڭەشــلىرىگە قاتنىشــاتتى ،جىھــاد
مەيدانلىرىــدا ھەممىنىــڭ ئالدىــدا ئىــدى .يەمامــە ئۇرۇشــىدا
شــېھىت بولغانالرنىــڭ كــۆپ قىســمى قارىيــار ئىــدى.
قارىيــار «قۇرئــان كەرىم»دىــن ئىبــارەت بــۇ مۇقــەددەس
نۇرنــى دىلىــدا ســاقلىغانلىقى ســەۋەبلىك شــۇنچىلىك
ھۆرمەتكــە ســازاۋەردۇر .چۈنكــى «قۇرئان كەرىــم» ئۇالرنىڭ
ئەقلىنــى يورۇتىدىغــان ،يولىنــى كۆرســىتىدىغان ،ھاياتىنــى
پــارالق قىلىدىغــان بىردىنبىــر نــۇر ئىــدى( .ئالالھقــا،
ئۇنىــڭ پەيغەمبىرىگــە ۋە بىــز چۈشــۈرگەن نۇرغــا ئىمــان
كەلتــۈرۈڭالر([[[ دېگــەن ئايەتتىكــى نــۇر دەل «قۇرئــان
كەرىــم» ئىــدى.

◄ھازىرقــى مۇســۇلمانالرنىڭ «قۇرئــان كەرىم»گــە تۇتقــان
پوزىتسىيەســى
ھازىرقــى مۇســۇلمانالر «قۇرئــان كەرىم»گــە شــەكلىي
ياكــى زاھىــرى تەرەپتىنــا كۆڭــۈل بۆلمەكتــە .ئــۇالر
[[[

تەغابۇن سۈرىسى-8 ،ئايەت.

197

مۇھەممەد يۈسۈپ

198

«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ تىالۋىتىگــە ۋە ئۇنــى يادالشــقا
ئەھمىيــەت بەرگەنــدەك ئۇنىڭغــا ئەمــەل قىلىشــقا ۋە ئۇنىــڭ
كۆرســەتمىلىرىنى ھاياتتــا تەتبىقالشــقا ئەھمىيــەت بەرمەيدۇ.
ھازىرقــى زامانــدا يــۈز مىڭالرچــە مۇســۇلمان «قۇرئــان
كەرىم»نــى تىــاۋەت قىلىــدۇ ،مىڭالرچــە يــاش «قۇرئــان
كەرىم»نــى يادلىماقتــا ،يەنــە نۇرغــۇن كىشــىلەر ئۆيلىرىنى،
ئىشــخانىلىرىنى ۋە ماشــىنىلىرىنى قۇرئــان ئايەتلىــرى بىلەن
زىننەتلىمەكتــە .يەنــە نۇرغۇنلىــرى «قۇرئــان كەرىم»نــى
ماشىنىســىدا ياكــى يانچۇقىــدا ســاقالش ئارقىلىــق ئۇنــى
تــەۋەرۈك قىلماقتــا .بــەزى جايــاردا ،ھەتتــا ســەئۇدى
ئەرەبىســتاندەك بــەزى ئىســام دۆلەتلىرىــدە «ئايــەت بىلــەن
داۋاالش مەركەزلىــرى» ئېچىلماقتــا .ئىســام دۆلەتلىرىنىــڭ
رادىيــو ،تېلېۋىيەلىــرى قۇرئــان تىــاۋەت قىلىــش بىلــەن
باشــلىنىپ ،يەنە قۇرئان تىالۋەت قىلىش بىلەن يېپىلىدۇ،
مىســىر ،ســەئۇدى ئەرەبىســتان قاتارلىــق دۆلەتلــەردە
مەخســۇس «قۇرئــان كەرىــم» رادىيوســى بولــۇپ ،كېچــە
_ كۈنــدۈز قۇرئــان تىــاۋەت قىلىــدۇ .دېمــەك« ،قۇرئــان
كەرىــم» شــۇنچىلىك كــۆپ تىــاۋەت قىلىنىــپ تۇرماقتــا.
ئەممــا ئەپسۇســكى ،ھازىرقــى مۇســۇلمانالر «قۇرئــان
كەرىم»نىــڭ ھەققىنــى ئــادا قىلمىغــان ،ئۇنــى اليىقىــدا
قەدىرلىيەلمىگــەن ،ئۇنىــڭ چۈشۈرۈلۈشــىدىن بولغــان
ئاساســىي مەقســەتنى ئورۇندىمىغــان ،ئۇنىــڭ جەۋھىــرى
تەرىپىگــە ئەھمىيــەت بەرمەســتىن ،پەقــەت زاھىرىــي

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

تەرىپىگىــا ئەھمىيــەت بەرگــەن .شــۇڭا «قۇرئــان كەرىــم»
ئۇالرنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغان ،ئۇالرنىڭ
ئەقلىنــى ئاچالمايدىغــان ،قەلبىگــە تەســىر قىاللمايدىغــان
ۋە ئۇالرنىــڭ ۋىجدانىنــى ھەرىكەتكــە كەلتۈرەلمەيدىغــان
بولــۇپ قالغــان .ئىســام ئۈممىتــى «قۇرئــان كەرىــم» بىلەن
شــەرەپلەنگەن ۋە شــۇنىڭ بىلــەن قــەد كۆتۈرگــەن ئۈممــەت
بولــۇپ ،بىزمــۇ _ ئەگــەر ئەمــەل قىلســاق _ شــۇنىڭ بىلــەن
قــەد كۆتىرىمىــز .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم بــۇ ھەقتــە
مۇنــداق دېگــەن« :بــۇ ئۇممەتنىــڭ ئاخىرىنىــڭ ئەھۋالــى
پەقــەت ئالدىنقىلىرىنىــڭ ئەھۋالــى تۈزۈلگــەن نەرســە بىلەنال
تۈزۈلىــدۇ»[[[.
«قۇرئــان كەرىم»نــى يادقــا ئېلىــپ «قارىــي» بولــۇش
ناھايىتــى ياخشــى ئىشــتۇر .ئەممــا ئۇنــى يــادالپ قويــۇش
بىلــەن ،يىلــدا رامىــزان ئېيىــدا تەراۋىــھ نامىزىــدا خەتمــە
قىلىــپ قويــۇش كۇپايــە ئەمــەس .ئەرەبلــەر «قۇرئــان
كەرىم»نــى يادقــا ئېلىــپ ،مەنىســىنى بىلىــپ ،ئۇنىــڭ
قانــۇن _ پىرىنســىپلىرىغا ئەمــەل قىلىــپ ،ئۇنــى تىلــى،
دىلــى ۋە ئەمەلىــي ھەرىكىتــى بىلــەن ياشــناتقان ئادەمنــى
«ھامىلــۇل قۇرئــان» يەنــى «قۇرئاننــى كۆتۈرگۈچــى»
دەپ ئاتايــدۇ .بــۇ كۆتــۈرۈش قۇرئاننــى يــادالپ مېڭىــدە
ســاقالپ نەگــە بارســا شــۇ يەرگــە كۆتــۈرۈپ بېرىــش
ئەمــەس ،بەلكــى ئــۇ قۇرئاننىــڭ تېكىســتىنى ،مەنىســىنى،
[[[

ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

199

مۇھەممەد يۈسۈپ

200

قانــۇن _ پىرىنســىپلىرىنى ،ئەخــاق _ پەزىلەتلىرىنــى
ئەمــر _ پەرمانلىرىنــى مۇكەممــەل ئۆگىنىــپ ،ئــاۋۋال ئۆزىگــە
يەرلەشــتۈرۈپ ،ئاندىــن كىشــىلەرگە يەتكــۈزۈش ،ئۇالرغــا
ئۆگىتىــش دېگەنلەرنــى تەقــەززا قىلىدىغــان كۆتۈرۈشــتۇر.
بــۇ كۆتــۈرۈش قۇرئاننــى يــادالپ قويــۇپ ،ئۇنىڭ مەنىســىنى
ئۆگەنمىگەنلەرنــى ياكــى ئۇنىــڭ كۆرســەتمىلىرىگە ئەمــەل
قىلمىغانالرنــى ئــۆز ئىچىگــە ئالمايــدۇ ،ئەلۋەتتــە .چۈنكــى
«ھامىــل ئــەل قۇرئــان» دېگــەن ئۇنــۋان كاتتــا ئۇنــۋان
بولــۇپ ،ئــۇ بىزنىــڭ «قارىــم»« ،قاراخۇنــۇم» ۋە
«قارىھاجىــم» دېگــەن ئۇنۋانلىرىمىزدىــن ئەلۋەتتە چوڭدۇر.
«قۇرئــان كەرىــم» ئايەتلىرىدىن تۇمــار قىلىپ بويۇنالرغا
ئېســىۋېلىش ،كېســەللىكلەرنى قۇرئــان ئايەتلىــرى بىلــەن
داۋاالش دېگەنلــەر ســاھابىلەرنىڭ زامانىــدا بولۇپ باقمىغان
غەلىتــە ئىشــاردۇر .چۈنكــى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمدىن
ســابىت بولغىنــى كېســەللەرگە« :ئــى ئىنســانالرنىڭ رەببى!
كېســەلگە شــىپالىق بەرگىــن ،ســەندىن باشــقا شــىپالىق
بەرگۈچــى يوقتــۇر ،ســېنىڭ شــىپايىڭ بىلــەن كېســەل
قالمايــدۇ» دەپ دۇئــا قىلىشــنى ،فاتىھــە ،فەلــەق ۋە نــاس
ســۈرىلىرىنى ئوقــۇپ ئالــاھ تائاالدىــن شــىپالىق تىلــەش
قاتارلىقــاردۇر .ئەممــا ســاھابىلەردىن ياكــى ئۇالردىــن
كېييىنكىلەردىــن كېســەللەرنى ئايــەت بىلــەن داۋاالش
ئۈچــۈن شــىپاخانا ئاچقانــار بولمىغــان .توغــرا« ،قۇرئــان
كەرىــم» مۇســۇلمانالرنىڭ ماددىــي ۋە مەنىــۋى بارلىــق

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

كېســەللىكلىرىگە شــىپادۇر .ئەمما جىســمانىي كېســەللەردىن
شــىپا تېپىشــنىڭ چارىســى دوختۇرغــا مۇراجىئەت قىلىشــتۇر.
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم« :شــىپالىق پەقــەت ئــۈچ
نەرســىدىدۇر .ئــۇالر :ھەســەل يېيىــش ،قــان ئالــدۇرۇش
ۋە داغالشــتۇر»[[[ دېگــەن .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم
كېســەل بولــۇپ قالدىــم دەپ كەلگــەن بىرىنــى ئايــەت
ئوقــۇپ سۈپلەشــكە ياكــى ســۇغا ئوقــۇپ ئىچىشــكە ياكــى
تۇمــار ئېسىشــقا بۇيرۇغــان ئەمــەس .بەلكــى كېســەللەرنى
تېۋىپالرغــا مۇراجىئــەت قىلىشــقا بۇيرۇغــان .شــۇ ۋاقىتتــا
مەدىنىــدە ھارىــس ئىبنــى كەلــدە ئىســىملىك بىــر تېۋىــپ
بــار بولــۇپ ،پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ســاھابىلىرىدىن
كېســەل بولۇپ قالغانالرنى شــۇ تېۋىپقا بېرىشــقا بۇيرۇيتتى.
مەلۇمكــى« ،قۇرئــان كەرىم»دىكــى( :بــۇ (قۇرئــان) ئىمــان
ئېيتقانــار ئۈچــۈن ھىدايەتتــۇر ۋە شــىپادۇر)[[[ دېگــەن
ئايــەت «قۇرئــان كەرىــم» ئايەتلىرىنىــڭ قەلبلەرگــە شــىپا
ئىكەنلىكىنــى بىلدۈرىــدۇ .يەنــە بىــر ئايەتتــە ئوچۇقــراق
قىلىــپ( :ئــى ئىنســانالر! ســىلەرگە رەببىــڭالر تەرىپىدىــن
بىــر ئۆگــۈت بولغــان ،دىلالردىكــى (كېســەللىكلەر) ئۈچــۈن
شــىپا بولغــان ،مۇئمىنلەرگــە ھىدايــەت ۋە رەھمــەت
بولغــان قۇرئــان كەلــدى)[[[ دېيىلگــەن .دېمــەك« ،قۇرئــان
[[[

ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[[[

فۇسسىلەت سۈرىسى-44 ،ئايەت.

[[[

يۇنۇس سۈرىسى-57 ،ئايەت.

201

مۇھەممەد يۈسۈپ

كەرىم»نىــڭ شــىپالىقى ئالــدى بىلــەن مەنىــۋى شــىپالىق
بولــۇپ ،دىلالردىكى شــەك _ شــۈبھە ،نادانلىــق ،ئازغۇنلۇق
قاتارلىــق مەنىــۋى كېســەللىكلەرنى داۋااليــدۇ.

202

ئەگــەر ئاۋۋالقــى ئۈلگىلىــك مۇســۇلمانالر كېســەللىرىنى
«قۇرئــان كەرىــم» ئايەتلىــرى بىلــەن داۋاالش يولىنــى
تۇتــۇپ ،ســەۋەب قىلمىغــان بولســا ،ئىســام ھەزارىتىــدە
تېبابەتنىــڭ ئورنــى بولمىغــان ۋە دۇنياغا مەشــھۇر مۇســۇلمان
مېدىتســىنا ئالىملىرىمــۇ مەيدانغــا كەلمىگــەن بــوالر ئىــدى.
ئاۋۋالقــى مۇســۇلمانالردىن چىققــان ئالىمالرنىــڭ تولىســى
دىــن ۋە پــەن ھــەر ئىككــى جەھەتتىــن يېتىشــكەن
كىشــىلەر ئىــدى .مەســىلەن :ئىبنــى رۇشــد دىنىــي ئىلىمــدە
يېـــىشكەندەك دوختۇرلۇقتىمــۇ يېتىشــكەن بولــۇپ ،ئۇنىــڭ
دىنىــي ئىلىــم ساھەســىدە «بىدايەتــۇل مۇجتەھىد» دېگەن
كىتابــى ،مېدىتســىنا ئىلمىــدە «مېدىتســىنادا ئاســاس»
ناملىــق كىتابــى دۇنياغــا تونۇلغــان .ئاتاغلىــق مۇپەسســىر
فەخرىددىــن رازى ئەينــى ۋاقىتتا مېدىتســىنادا پېشــۋا ئىدى،
ئىبنــى نەفىــس مېدىتســىنادا قــان ئايلىنىــش مەركەزلىرىنــى
كەشــپ قىلغــان بولســا ،دىنىــي ئىلىملــەر ساھەســىدە
شــافىئىي فىقھىــدا مەشــھۇر ئەســەرلەرنى يازغــان .چۈنكــى
ئاۋۋالقــى مۇســۇلمانالر «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ بەرىكىتــى
ئۇنــى ســۇغا ئوقــۇپ ئىچىــش ياكــى كېســەلگە ســۈپلەش
بىلــەن ئەمــەس ،بەلكــى ئۇنىــڭ روھىغــا ئەگىشــىش،
ئۇنىــڭ كۆرســەتمىلىرىگە ئەمــەل قىلىــش ۋە ئۇنــى ھاياتىغــا

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

تەتبىــق قىلىــش بىلــەن بولىدىغانلىقىنــى ئوبــدان بىلەتتى.
كاشــكى ،ھازىرقــى مۇســۇلمانالر بۇنــى چۈشەنســە ئىــدى.

◄«قۇرئان كەرىم» قەد كۆتۈرۈش كىتابىدۇر
شەكســىزكى« ،قۇرئــان كەرىــم» قــەد كۆتۈرۈشــنىڭ،
دۇنيــادا ئەزىــز ياشاشــنىڭ ،ئاخىرەتتــە مەڭگۈلــۈك
ســائادەتكە ئېرىشىشــنىڭ كىتابىــدۇر .چۈنكــى ئــۇ كــۆر-
ســەتمىلىرىگە ئەمــەل قىلىــپ ئىككــى ئالەملىــك بەخــت _
ســائادەتلىك بولــۇش ئۈچــۈن چۈشــۈرۈلگەن بىردىنبىــر
ئىالھىــي كىتابتــۇر .ئــۇ ئالــاھ تائاالنىــڭ ســۆزى ،مۇھەممــەد
ئەلەيھىسســاالمنىڭ مۆجىزىســى ،مۇســۇلمانالرنىڭ ئــەڭ
ئاساســلىق دەســتۇرى ،ئىســام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى
ئاساســلىق مەنبەســىدۇر .ئــۇ پەيغەمبىرىمىــز ھەزرىتــى
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 10
  • Büleklär
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 2728
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1369
    14.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 2999
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1426
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 2854
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1283
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 2889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1399
    11.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 5
    Süzlärneñ gomumi sanı 3166
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1491
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 6
    Süzlärneñ gomumi sanı 2951
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1547
    10.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 7
    Süzlärneñ gomumi sanı 2781
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    9.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 8
    Süzlärneñ gomumi sanı 2847
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1490
    12.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 9
    Süzlärneñ gomumi sanı 2812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1368
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 2160
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1157
    13.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.