Latin

قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 2

Süzlärneñ gomumi sanı 2999
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1426
12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
19.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
25.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
italki
ئەزالىــرى تېرىلەرگە ،ســىلىق تاشــارغا ،خورمــا دەرىخىنىڭ
قوۋزاقلىرىغــا ۋە بــەزى يوپۇرماقلىرىغــا ،شــۇنداقال تــۈز
ســۈڭەكلەرگە يېزىلىــپ پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
ئۆيىــدە ســاقالنغان «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ئايــەت ۋە
ســۈرىلىرىنى شــۇ ۋاقىتتىكــى قارىيالرنىــڭ يادلىغانلىرىغــا

023

مۇھەممەد يۈسۈپ

024

بىر-بىرىلەپ سېلىشــتۇرۇپ ،ھەر بىر قارىيدىن تىڭشــىغان
ئايەتلەردىــن ھــەر بىــر ئايەتنىــڭ توغرىلىقىغــا ۋە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسســاالمنىڭ ئۆيىــدە يېزىــپ ســاقالنغان ئايەتلەردىن
ھــەر بىــر ئايەتنىڭ پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ھۇزۇرىدا
يېزىلغانلىقىغــا ئىككــى گۇۋاھچىنىــڭ گۇۋاھلىقىنــى
ئېلىشــنى شــەرت قىلغــان .ئــۇالر ھەربىــر ئايــەت ئۈســتىدە
ئاالھىــدە توختىلىــپ ئۇنىــڭ پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
ھۇزۇرىــدا ،ئۇنىــڭ دەپ بېرىشــى بىلــەن يېزىلغانلىقىغــا
ئــەڭ ئــاز ئىككــى گۇۋاھچىنــى قەســەم قىلدۇراتتــى ،ئاندىن
شــۇ ئايەتنىــڭ ئۆزىنــى قارىيالردىــن تىڭشــاپ كۆرەتتــى،
قارىيالرنىــڭ ئوقۇغىنــى بىلــەن يېزىلىــپ ســاقالنغىنى
ئەينــەن چىقســا ،ئاندىــن ئۇنى رەســمىي «قۇرئــان كەرىم»
قاتارىدىــن ســاناپ خاتىرىلــەپ ماڭاتتــى.
شــۇنداق قىلىــپ ،ئــۇالر «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ئايــەت
ۋە ســۈرىلىرىنى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئــۆز ۋاقتىــدا
رەتلــەپ قويغــان تەرتىــپ بويىچە ئىنتايىــن ئېھتىياتچانلىق
بىلــەن تىزىــپ چىقىــپ« ،قۇرئــان كەرىم»نــى ھازىرقــى
كىتــاب ھالىغــا كەلتۈرگــەن« .قۇرئــان كەرىــم» ئالــاھ
تائاالنىــڭ ســۆزى ،ئۇنــى ئالــاھ تائاالدىــن چۈشــكەن ۋە
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمدىن تاپشــۇرۇپ ئالغــان پېتــى
مۇســۇلمانالرغا يەتكــۈزۈش ۋەزىپىســى ھــەم شــەرەپلىك ھەم
خەتەرلىــك چــوڭ بىــر ۋەزىپــە ئىــدى« .قۇرئــان كەرىم»نى
توپلىغان«كۇتتابۇلۋەھيــى» كومىتېتىنىــڭ ئەزالىــرى بۇنــى

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ناھايىتــى ياخشــى بىلەتتــى .ئــۇالر بــۇ ئىشــتا قىلچــە
ســەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشــنىڭ ئالــاھ تائاالغــا ۋە مۇھەممــەد
ئەلەيھىسســاالمغا قىلىنغــان كەچۈرۈلمــەس چــوڭ خىيانــەت
ھېســابلىنىدىغانلىقىنى ،نــاۋادا قىلچىلىــك ســەۋەنلىك
ئۆتۈلســە ،ئۆزلىرىنىــڭ خــۇددى ئىلگىرىكــى يەھۇدىــي،
خرىســتىئان ئالىملىرىغــا ئوخشــاش ئۆزلىرىنىــڭ ئىالھىــي
كىتابلىرىنــى ئۆزگەرتىۋېتىــپ تا قىيامەتكىچــە ئالالھنىڭ ۋە
خەلقنىــڭ ئالدىــدا لەنەتكــەردى بولــۇپ قېلىــش خەۋپىنــى
ئەلۋەتتــە ھېــس قىالتتــى ۋە ياخشــى بىلەتتــى.


◄«كۇتتابۇلۋەھيى» كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ۋاقتىــدا ۋەھيىلەرنــى
يېزىــپ قالدۇرۇشــقا ۋە كېيىنچــە «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىنــى توپالشــقا بەلگىلەنگــەن «كۇتتابۇلۋەھيــى»
كومىتېتىنىــڭ ئەزالىــرى ســاھابىلەرنىڭ ئــەڭ مۇكەممــەل
قارىيلىرىدىــن تالــاپ چىقىرىلغــان ئــەڭ تەقــۋادار ،ئــەڭ
ئالىــم ،ئــەڭ ھوشــيار ۋە چېكىگــە يەتكــەن ئېھتىياتچــان
شەخســلەردىن تەشــكىللەنگەن گۇرۇپپــا ئىــدى« .قۇرئــان
كەرىم»نىــڭ پۈتــۈن ئايەتلىرىنــى جەملــەپ ،ئۇالرنــى
كىتــاب ھالىغــا كەلتــۈرۈش ئىشــى ئۈچــۈن ســاق بىــر يىــل
ۋاقىــت كەتكــەن .ســاھابىلەرنىڭ مۇتلــەق كــۆپ ســانلىقى
«قۇرئــان كەرىم»نــى يادىســىغا بىلەتتــى .شــۇڭا ئــۇالر ئــۆز

025

مۇھەممەد يۈسۈپ

ۋاقتىــدا «قۇرئــان كەرىم»نــى كىتــاب شــەكلىدە توپــاپ
ئوقۇشــقا زور ئېھتىياجلىــق ئەمــەس ئىــدى .چۈنكــى
ئېغىزدىن-ئېغىزغــا يۆتكىلىــپ يۈرگــەن «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىــرى ھەتتــا ئۇنــى يادقا ئالمىغان ســاھابىلەر ئۈچۈنمۇ
تونۇشــلۇق ئىــدى .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ۋاپــات بولغان
يىلــى ئىســام دىنىنــى يــوق قىلىــش پىالنــى بىلــەن
ئوتتۇرىغــا چىققــان مۇرتەد (ئىســامدىن يېنىۋالغــان) ئەرەب
قەبىلىلىــرى بىلــەن بولغــان ،تارىختا«يەمامــە ئۇرۇشــى»
026

دەپ ئاتالغــان ئۇرۇشــتا ســاھابىلەردىن كــۆپ كىشــىنىڭ
شــېھىد بولغانلىقــى ،ھەتتــا قارىيالردىــن بــۇ بىــر قېتىملىق
ئۇرۇشــتا 70تىــن كۆپــرەك كىشــىنىڭ شــېھىد بولغانلىقــى
ســەۋەبلىك مۇســۇلمانالر «قۇرئــان كەرىم»نــى يادلىغــان
قارىيــار تۈگــەپ كەتســە ئۇنىــڭ بــەزى ئايەتلىرىنىــڭ
قەلبلەردىــن ئۆچۈرۈلــۈپ كېتىــش خەۋپىنــى ھېــس قىلغان.
شــۇنداق قىلىــپ ســاھابىلەر قارىيالرنىــڭ تۆگــەپ كېتىشــى
بىلــەن «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ قەلبلەردىــن كۆتۈرۈلــۈپ
كېتىشــىدىن ئەنســىرەپ ،پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئــۆزى
رەتلــەپ قويغــان ئايەت ۋە ســۈرىلەرنى شــۇ تەرتىپى بويىچە
كىتــاب ھالىغــا كەلتــۈرۈپ توپــاش قارارىغــا كەلگــەن.

◄«قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇسخىالرغا كۆپەيتىلىشى
«قۇرئــان كەرىــم» ھىجرىيىنىــڭ -25يىلــى (-645

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

مىــادى) ئۈچىنچــى خەلىپــە ئوســمان ئىبنــى ئاففــان
رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇنىــڭ دەۋرىــدە ،ئۇنىــڭ مەخســۇس
پەرمانــى بىلــەن نۇســخىالپ كۆپەيتىلگــەن« .قۇرئــان
كەرىم»نــى نۇســخىالپ كۆپەيتىــش پىكرىنــى قارىيالرنىــڭ
پېشىۋاســى ھۇزەيفــە ئىبنــى يەمــان رەزىيەلالھــۇ ئەنھــۇ
ئوتتۇرىغــا قويغــان بولــۇپ ،بــۇ پىكىرنــى خەلىپىدىــن
باشــاپ پۈتــۈن ئۆلىمــاالر قوللىغــان« .قۇرئــان كەرىم»نــى
ھــەر بىــر قارىينىــڭ ئــۆزى مەنســۇب بولغــان شــىۋىدە
ئوقۇشــى ۋە ھــەر بىــرى قارىينىــڭ ئــۆزى ئوقۇغــان شــىۋىنى
ھەممىدىــن ئــەۋزەل سانىشــى نەتىجىســىدە چىققــان
ئىختىالپنــى يــوق قىلىــپ« ،قۇرئــان كەرىم»نــى ھەممــە
بىــر خىــل قىرائــەت ۋە بىــر خىــل شــىۋىدە ئوقۇشــىنى
ئەمەلگــە ئاشــۇرۇش مەقســىتى بىلــەن «قۇرئــان كەرىم»نــى
بىــرال قۇرەيــش شىۋىســىدە نۇســخىالندۇرۇپ ،ھــەر قايســى
ئىســام ئەللىرىگــە بىــر نۇســخىدىن ئەۋەتكــەن.

◄«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىالندۇرۇش ئۇسۇلى
«قۇرئــان كەرىم»نــى نۇســخىالش ئىشــىنى «كۇتتابۇل-
ۋەھيــى» كومىتېتىنىــڭ رەئىســى زەيــد ئىبنــى ســابىت،
ئابدۇلــا ئىبنــى زۇبەيــر ،ســەئىد ئىنبــى ئــاس ،ئابدۇراھمان
ئىبنــى ھارىــس قاتارلىق قارىي ســاھابىلەر ئۈســتىگە ئالغان.
«قۇرئــان كەرىم»نــى نۇسخىالندۇرۇشــقا بەلگىلەنگەنلــەر

027

مۇھەممەد يۈسۈپ

028

بىرىنچــى خەلىپــە ئەبــۇ بەكــرى رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇنىــڭ
زامانىــدا توپالنغــان «قۇرئــان كەرىــم» نۇسخىســىنى
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ئايالــى ھەفســە رەزىيەلالھــۇ
ئەنھانىــڭ ئۆيىدىــن ســوراپ ئېلىــپ كېلىــپ ،نۇســخىالرنى
«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ مۇشــۇ نۇسخىســىغا ئاساســلىنىپ
نۇســخىالندۇرغان ،ئاندىــن ئەســلى نۇســخىنى يەنە ھەفســە
رەزىيەلالھــۇ ئەنھاغــا قايتــۇرۇپ بېرىپ ،يېڭى نۇســخىالردىن
بىرىنــى خەلىپــە ئوســمان رەزىيەلالھــۇ ئەنھــۇ ئــۆز يېنىــدا
ئېلىــپ قېلىــپ قالغانلىرىنــى ئىســام ئەللىرىدىــن ھــەر
بىرىگــە بىــر نۇســخىدىن «قۇرئان كەرىم»نــى بىردىن قارى
بىلــەن قوشــۇپ ئەۋەتىــپ بەرگــەن ۋە ھــەر جايــدا «قۇرئان
كەرىم»نىــڭ مۇشــۇ نۇسخىســىنى ئوقــۇش توغرۇلــۇق
مەخســۇس پەرمــان چىقارغــان .ئاندىــن مۇشــۇ قېتىــم
نۇســخىالندۇرغاندىن باشــقا قۇرئــان دەپ ســانالغانالرنىڭ
ھەممىســىنى كۆيــدۈرۈپ تاشــلىغان.
ئۈچىنچــى خەلىپــە ئوســمان ئىبنــى ئاففــان رەزىيەلالھــۇ
ئەنھۇنىــڭ زامانىــدا نۇســخىالندۇرغان «قۇرئــان كەرىــم»
زامانىمىــزدا دۇنيانىــڭ ھــەر قايســى جايلىرىــدا ئوقۇلىۋاتقــان
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىدۇر .بۇ نۇسخا «مۇسھەف ئوسمانى»
(ئوســمانىي قۇرئــان) دەپ ئاتىلىــپ كەلمەكتــە .ئوســمان
ئىبنــى ئاففــان رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇنىــڭ زامانىــدا كۆپەيتىلگــەن
«قۇرئــان كەرىــم» نۇســخىلىرى 5ئىــدى ،دېگەنلەرمــۇ ۋە 6
ئىــدى ،دېگەنلەرمــۇ بــار .ئەممــا خەلىپــە ئوســمان رەزىيەلالھــۇ

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ئەنھۇنىــڭ مىســىر ،بەھرەيــن ،يەمــەن ،مەككــە ،بەســرە
قاتارلىــق شــەھەرلەرگە بىردىــن «قۇرئــان كەرىم»نــى بىردىــن
قــارى بىلــەن قوشــۇپ ئەۋەتكەنلىكــى ئېنىــق.

◄«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ئوســمان رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇنىــڭ
زامانىدىكى قوليازما نۇسخىلىرى
تۆتىنچــى خەلىپــە ئوســمان رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇنىــڭ
زامانىــدا توپلىنىــپ ۋە ھــەر قايســى ئىســام شــەھەرلىرىگە
ئەۋەتىلگــەن «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ شــۇ ۋاقىتتىكــى ئەســلى
نۇســخىلىرىنىڭ كۆپىنچىســى زاماننىڭ ئۆتىشــى بىلەن يوقاپ
كەتكــەن .ئەممــا شــۇ ۋاقىتتىكــى قوليازمــا نۇســخىالردىن
بىــرى ھازىــر مەدىنــە مۇنــەۋۋەرە شــەھىرىدە ،يەنــە بىــرى
تۈركىيىنىــڭ ئىســتانبۇل شــەھىرىدىكى توپقاپــى ســارىيى
«مۇقــەددەس ئامانەتلــەر مۇزىيــى» دا ،يەنــە بىر نۇسخىســى
ئۆزبېكىســتان جۇمھۇرىيىتــى «مۇســۇلمانالر ئىدارىســى»نىڭ
كۇتۇبخانىســىدا ،تامغــا ئورنىتىلغــان مەخســۇس ئەينــەك
جىھازنىــڭ ئىچىــدە ســاقلىنىۋاتقانلىقى ســۆزلىنىدۇ.

◄ئىلگىرىكى ئەرەب ئېلىپبەسى
ئىلگىــرى ئــەرەب ئېلىپبەســىدىكى ھەرپلــەر چېكىتســىز
يېزىالتتــى .مەســىلەن( :ب ،ت ،ث ،ي ،ن)( ،ج ،ح،

029

مۇھەممەد يۈسۈپ

030

خ)( ،د ،ذ)( ،ر ،ز)( ،س ،ش)( ،ص ،ض)(،ع ،غ)،
(ط ،ظ)( ،ف ،ق) قاتارلىــق ھەرپلەرنــى بىر-بىرىدىــن
ئايرىــپ تۇرىدىغــان چېكىتلــەر يــوق ئىــدى .لېكىــن ئەرەبلــەر
ئادىتــى بويىچــە بــۇ چېكىتســىز ھەرپلەرنىــڭ قايسىســى (ب)،
قايسىســى (ت) ۋە قايسىســى (ث) ئىكەنلىكىنــى ســۆزنىڭ
باش-ئاخىرىغــا قاراپــا ،ھېچبىــر قىيىنچىلىــق ھېــس
قىلماســتىن بىلىۋاالتتــى ۋە توغــرا ئوقۇيتتى .شــۇڭا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسســاالمنىڭ زامانىــدا «قۇرئــان كەرىــم» ئايەتلىرىنىــڭ
ئوقــۇش بەلگىلىرىنــى بېكىتىشــكە ھاجــەت يــوق ئىــدى.
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئالەمدىــن ئۆتــۈپ قىســقا ۋاقىــت
ئىچىدىــا ،ئىســام دىنــى ئــەرەب ئەمــەس قەۋملــەر ئارىســىغا
كــەڭ تارقىلىشــقا باشــلىغان .ھــەر خىــل مىللەتلەرنىــڭ ئىســام
دىنىغــا كىرىشــى بىلــەن ئۇالرنىــڭ «قۇرئــان كەرىم»نــى
ئوقۇشــقا بولغــان زور ئېھتىياجــى ئــەرەب ئەمــەس قەۋملەرنىــڭ
ئــەرەب تىلىنــى توغــرا ئوقۇشــى ئۈچــۈن مەخســۇس قائىــدە
بەلگىلەشــنى تەقــەززا قىلغــان ئىــدى .چۈنكــى ئەرەبلــەر ئــۆز
تىلىــدا چۈشــكەن بــۇ «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ھەرپلىرىنى بىر-
بىرىدىــن پەرقلەنــدۈرۈپ ،توغــرا ئوقــۇپ كېتەلىگــەن بىلــەن،
ئــەرەب ئەمــەس مىللەتلــەر ئۇنــى ئەرەپلــەردەك ئوقۇيالمايتتــى.

◄«قۇرئان كەرىم»گە ئوقۇش بەلگىلىرىنىڭ قويۇلىشى
ئــەرەب تىلىنىــڭ گرامماتىــكا قائىدىســىنى ۋە «قۇرئــان

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

كەرىــم» ئايەتلىرىنىــڭ ئوقۇلــۇش بەلگىلىرىنــى تۇنجــى
قېتىــم تــۈزۈپ چىققــان ئــادەم تابىئىــن (ســاھابىلەرنى
كۆرگــەن ئىككىنچــى ئــەۋالد) ئۆلىمالىرىدىــن ئەبۇلئەســۋەد
دۇئلــى (688 - 606م) دېگــەن كىشــى بولــۇپ ،ئۇ تۆتىنچى
خەلىپــە ھەزرىتــى ئەلــى ئىبنــى ئەبــۇ تالىــب (601-660م)
نىــڭ ئەمــرى بىلەن بۇ ئىشــنى باشــاپ ،ھەرپلەرنىڭ فەتھە
(ــ َ
ــ) ،كەســرە (ــ ِـ) ،داممــە (ــ ُ
ــ) قاتارلىــق ھەرىكەتلىرىنــى
بېكىتىــپ چىققــان .فەتھــە ئاالمىتىنــى ھەرپنىــڭ ئۈســتىگە
بىــر چېكىــت قويــۇش بىلــەن ،كەســرە ئاالمىتىنــى ھەرپنىڭ
ئاســتىغا بىــر چېكىــت قويــۇش بىلــەن ،داممــە ئاالمىتىنــى
ھەرپنىــڭ ئوتتۇرىســىغا بىــر چېكىــت قويــۇش بىلــەن،
ســۇكۇن ئاالمىتىنــى ئىككــى چېكىــت بىلــەن ئايرىۋالغىلــى
بولىدىغــان قائىدىنــى تــۈزۈپ چىققــان.
كېيىــن خەلىــل ئىبنــى ئەھمــەد ئەلفەراھىيدىــي كېلىــپ
چىكىتلەرنىــڭ ئورنىغــا ھازىرقــى زىر(ــ َ
ــ) ،زىــۋەر (ـــِ) ،ۋە
پىــش (ــ ُ
ــ) بەلگىلىرىنــى قويــۇپ تېخىمــۇ روشــەن ،تېخىمۇ
پۇختــا ئۇســۇلنى ئىجــاد قىلغــان.

italki
◄ ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى
ئــەرەب ھەرپلىرىنىــڭ چېكىتلىــرى ۋە بەلگىلىرىنــى
تۇنجــى بولــۇپ ئىجــاد قىلغــان ئالىــم خەلىــل ئىبنــى
ئەھمــەد ئــەل فەراھىــدى (718-790م) دېگــەن كىشــى

031

مۇھەممەد يۈسۈپ

بولــۇپ ،ئــۇ يەنــە ھەمــزە ،شــەددە ۋە باشــقا بەلگىلەرنــى
تــۈزۈپ چىققــان .كېيىنچــە ئــەرەب تىلىنىــڭ سىنتاكســىس
قائىدىســىنى تــۈزۈپ چىققــان .شــۇنىڭدىن كېيىــن ئــەرەب
تىلىنىــڭ ئوقــۇش قائىدىلىــرى ،ھەرپلەرنىــڭ بەلگىلىــرى،
ھەرىكەتلىــرى مۇقىملىشــىپ« ،قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىنىــڭ خــەت ئۇســلۇبى كۈندىن-كۈنگــە كۆركــەم
ۋە چىرايلىــق ھالغــا كېلىــپ ،تەدرىجــى ھالــدا تەرەققىــي
قىلىــپ بېرىــپ ئــەڭ ئاخىرقــى كامالىغــا يەتكــەن.
032

«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ھازىــر بىــز ئوقۇۋاتقــان شــەكلى
ھىجرىيــە -3ئەســىردە بارلىققــا كەلگــەن .شــۇنىڭدىن
بىــرى «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ شــەكلى بىــر خىــل بولــۇپ
كەلمەكتــە.

◄«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ رەســمىي مەتبــەدە نەشــر قىلىنىــش
تارىخــى
«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ رەســمىي مەتبــەدە بېســىلغان
تۇنجــى نەشــرى _ 1538يىلــى ئىتالىيــەدە بېســىپ چىقىلغــان
بولــۇپ ،شــۇنىڭدىن كېيىــن -1694گېرمانىيــەدە_ 1728 ،
يىلــى تۈركىيــەدە _ 1787 ،يىلــى رۇســى يەنىــڭ ســانت
پتىربۇرگ شەھىرىدە _ 1802 ،ھىندىستاندا _ 1834 ،يىلى
گولالندىيــەدە _ 1848 ،يىلــى تاتارىســتان پايتەختــى قازانــدا
شــەھىرىدە _ 1823 ،يىلــى مىســىردا _ 1949 ،يىلــى مەككىــدە

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

بېســىلىپ تارقىتىلغــان .ئەممــا بىزنىــڭ ۋەتىنىمىــزدە بولســا
_ 12ئەســىردە «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ تۇنجــى تەرجىمىســى
ئوتتۇرىغــا چىققــان بولســىمۇ« ،قۇرئــان كەرىم»نىــڭ رەســمىي
مەتبــەدە بېسىلىشــى پەقــەت _ 20ئەســىرگە كەلگەندىــا
ئەمەلگــە ئاشــقان بولــدى.

◄ســەئۇدى ئەرەبىســتاندىكى«قۇرئان كەرىم»نــى نەشــر
قىلىــش ئاكادېمىيىســى
«قۇرئــان كەرىــم» ھازىرغىچــە ،ھىندىســتان ،مىســىر،
تۈركىيــە ۋە باشــقا كۆپلىگــەن دۆلەتلــەردە ،ھەتتــا
ياپونىيــە ،جۇڭگــۇ ،موســكۋا ۋە ئىتالىيەلەرگــە ئوخشــىغان
مۇســۇلمان ئەمــەس مەملىكەتلەردىمــۇ نەشــىر قىلىنىــپ،
تارقىتىلىــپ كەلــدى .كېيىنكــى ۋاقىتــاردا ســەئۇدى
ئەرەبىســتانىدا «قۇرئــان كەرىم»نــى بىــر خىــل شــەكىل
ۋە بىــر خىــل خــەت نۇسخىســى بىلــەن بېســىپ ئۇنــى
پۈتــۈن دۇنيــادا ئومۇمالشــتۇرۇش مەقســىتى بىلەن ســەئۇدى
ئەرەبىســتانىنىڭ ســابىق پادىشــاھى مەرھــۇم فەھىــد ئىبنــى
ئابدۇلئەزىــز ئــۆز نامىدىــن مەدىنــە مۇنــەۋۋەر شــەھىرىدە
«‹قۇرئــان كەرىم›نــى نەشــر قىلىــش ئاكادېمىيىســى»
قــۇرۇپ چىقىشــنى قــارار قىلغــان ۋە ئاخىــرى ئۇنــى قــۇرۇپ
چىققــان .چۈنكــى مەدىنــە مۇنــەۋۋەرە شــەھىرى «قۇرئــان
كەرىــم» چۈشــۈپ تامامالنغــان ۋە ئايەتلىــرى توپلىنىــپ،

033

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيانىــڭ ھــەر قايســى جايلىرىغــا تارقالغــان مۇبــارەك جاي
ئىــدى.
•مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى

034

-1984يىلــى -30ئۆكتەبىــر كۈنــى «‹قۇرئــان كــە-
رىم›نــى نەشــر قىلىــش ئاكادېمىيىســى»نىڭ ئېچىلىــش
مۇراســىمى ئۆتكۈزۈلــدى .بــۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىناســى ئىســام
مەدەنىيىتىنــى ئەكــس ئەتتۈرگــەن ،ناھايىتــى كۆركــەم ھــەم
زامانىۋىــي شــەكىلدە قۇرۇپ چىقىلغان .ئــۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە
شــەھىرىنىڭ تەبــۇك يولىغــا جايالشــقان بولــۇپ 250 ،مىــڭ
كــۋادرات مېتىــر يــەر مەيدانىغــا ئىگــە .بــۇ ئاكادېمىيىــدە
ئالىمــار ،قارىيــار ،خەتتاتــار ،ئىشــچىالر بولــۇپ جەمــى
900گــە يېقىــن ئــادەم ئىشــلەيدۇ .بــۇ ئاكادېمىيــە يىلىغــا
30مىليوندىــن كۆپــرەك «قۇرئــان كەرىم» بېســىپ چىقىش
قۇدرىتىگــە ئىگــە بولــۇپ ،ھــەر يىلــى 10مىليــون ئەتراپىــدا
قۇرئــان بېســىپ چىقارماقتــا.
مۇندىــن باشــقا ،تەپســىر ۋە «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ھــەر
خىــل تىلالرغــا تەرجىمــە قىلىنغــان تەرجىمــە نۇســخىلىرىنى
بېســىپ تارقىتىشــتىن تاشــقىرى ســەئۇدى ئەرەبىســتانى
ۋە ئىســام دۇنياســىدىكى مەشــھۇر قارىيالرنىــڭ ئاۋازلىــرى
بىلــەن ئوقۇلغــان «قۇرئــان كەرىــم» لېنتىلىرىنــى نەشــر
قىلىــپ تارقىتىــدۇ.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

•«قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى

«‹قۇرئان كەرىم›نى نەشــر قىلىش ئاكادېمىيىســى»دە
ھازىرغىچە ئىسپانىيە ،گېرمانىيە ،ئىنگىلىز ،ھىندونۇزىيە،
ئۇيغــۇر ،قــازاق ،خەنــزۇ ،رۇس ،ئــۇردۇ ،پــارس ،پاشــتۇ،
تــۈرك ،تايالنــد ،ســومالى ،فرانســۇز ،كەشــمىر ،كۇرىيــە،
مىلىبــارى ،ھەۋســا ،بورمــا ،گرېــك ،زۇلــۇ ،بوســنا قاتارلىق
30دىــن كۆپــرەك تىلــدا «قۇرئــان كەرىــم» تەرجىمىلىــرى
بېســىلىپ تارقىتىلغان.
035

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىككىنچى بۆلۈم

«قۇرئان كەرىم» تەپسىرلىرى

036

تەپســىر _ ئالــاھ تائاالنىــڭ كاالمــى بولغان«قۇرئــان
كەرىــم» نىــڭ مەنىســىنى چۈشــەندۈرىدۈرۈپ بېرىدىغــان،
ئەھكاملىرىنــى ۋە ھېكمەتلىرىنــى ئوتتۇرىغــا چىقىرىدىغــان
ئىلىــم دېمەكتــۇر[[[ .ئالــاھ تائــاال ھەربىــر پەيغەمبەرنــى
ئۇنىــڭ ئــۆز قەۋمــى ئىچىدىــن تالــاپ چىقارغانــدەك ،كىتاب
چۈشــۈرگەن پەيغەمبەرلەرگىمــۇ ئــۇ كىتابالرنــى ئۇالرنىــڭ ئۆز
َ
ـن َر ُسـ َّ َ
﴿و َمــا أَ ْر َســلْ َنا ِمـ ْ
تىلىــدا چۈشــۈرگەنَ .
ـان ق ْو ِمـهِ
ـول إِل بِل ِسـ ِ
ٍ
ِلُبَـ ّ َ
ـن ل َ ُهـ ْ
ـم﴾ يەنــى ﴿قانداقــا بىــر پەيغەمبــەر ئەۋەتەيلــى،
ِ
بىــز ئۇنــى ئــۆز قەۋمىگــە (ئالالھنىــڭ بۇيرۇغانلىرىنــى)
بايــان قىلىــپ بەرســۇن دەپ ،ئــۆز قەۋمىنىــڭ تىلىــدا
(ســۆزلەيدىغان قىلىــپ) ئەۋەتتــۇق ﴾[[[ .ســاماۋى دىننىــڭ
ئاخىرقــى پەيغەمبىــرى ھەزرىتــى مۇھەممــەد ئەلەيھىسســاالم
[[[
[[[

ئەلالمە زەركەشــىنىڭ «الربهان يف علوم القرآن» ناملىق ئەســىرى _1توم _13 ،بەت.
ئىبراھىم سۈرىسى _4ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ئــەرەب يېرىــم ئارىلىــدا دۇنياغــا كەلگــەن ۋە شــۇ جايــدا
بارلىــق ئىنســانىيەتكە پەيغەمبــەر قىلىــپ ئەۋەتىلگــەن
بولــۇپ ،ئۇنىڭغــا چۈشــۈرۈلگەن «قۇرئــان كەرىــم» ئۇنىــڭ
َّ
قەۋمىنىــڭ تىلــى بولغــان ئەرەب تىلىــدا چۈشــۈرۈلگەن﴿ .إِنا
َ ْ َ ْ َ ُ ُ ْ ً َ َ ًّ َ َ َّ ُ ْ َ ْ ُ َ
أنزلــاه قرآ َنــا عربِيــا لعلكـ
ـم تعقِلــون﴾ يەنــى ﴿شۈبھىســىزكى،
ســىلەرنى چۈشەنســۇن دەپ ،ئۇنــى ئەرەبچــە قۇرئان قىلىپ
چۈشــۈردۇق﴾[[[ .ئەرەبلــەر ئۆزلىرىنىــڭ تىلىدا چۈشــۈرۈلگەن
بۇ كىتابنى ياخشــى چۈشــىنەتتى ،مەنىسى ئوبدان بىلەتتى.
ئەممــا بــۇ كىتــاب گەرچــە ئــەرەب تىلىــدا چۈشــۈرۈلگەن
ئەرەبچــە كىتــاب بولســىمۇ ،ئــۇ ئۆزىنىــڭ ئىستىلىســتىكىلىق
ئىپادىلــەش ئۇســۇلى ،پاســاھىتى ۋە مۆجىزىســى بىلــەن
ئەرەبلەرنىــڭ ســۆزلىرىدىن ئاالھىــدە پەرقلىــق ئىــدى.
شــۇڭا «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ مەنىســىنى چۈشىنىشــتە
ئەرەبلەرنىــڭ ھەممىســى بىــر خىــل ئەمــەس ئىــدى ،ھەتتــا
ســاھابىلەرمۇ ئايەتلەرنىــڭ مەنىســىنى چۈشىنىشــتە بىــر
خىــل ئەمــەس ئىــدى ،ئــۇالر چۈشــەنمىگەن ئايەتلەرنىــڭ
مەنىســىنى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمغا مۇراجىئــەت قىلىــپ
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ئۆزىدىــن ئۆگىنەتتــى.
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ۋاپاتىدىــن كېيىــن بىــر _
بىرىدىــن ســوراپ ئۆگىنەتتــى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
ســاھابىلىرىگە چۈشــەندۈرۈپ بەرگەنلىرىنىــڭ ھەممىســى
ئۇنىــڭ «قۇرئــان كەرىم»نــى تەپســىر قىلغانلىقــى ئىــدى.
[[[

يۈسۈف سۈرىسى _2ئايەت.

037

مۇھەممەد يۈسۈپ

دېمــەك« ،قۇرئــان كەرىم»نــى تەپســىر قىلىــش پەيغەمبــەر
ئەلەيھىسســاالمنىڭ

زامانىدىــن

باشــانغان

بولــۇپ،

پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم تۇنجــى مۇپەسســىر ھېســابلىنىدۇ.
شــۇنىڭدىن كېيىــن زامانىمىزغــا قــەدەر «قۇرئــان كەرىم»نى
تەپســىر قىلىــش ئىشــى داۋاملىشــىپ كەلمەكتــە« .قۇرئــان
كەرىم»نىــڭ تەپســىرى بىــر قانچــە باســقۇچنى باشــتىن
كەچۈرگــەن بولــۇپ ،ئــۇالر تۆۋەندىكىچــە:
•بىرىنچــى باســقۇچ :پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ تەپســىر
قىلىشــى

038

شەكســىز ھەقىقــەت شــۇكى ،پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم
«قۇرئــان كەرىم»نىــڭ جانلىــق تەپســىرى ئىــدى ،چۈنكــى
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم «قۇرئــان كەرىم»نــى ئۆزىنىــڭ
ھەدىســلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن تەپســىر قىلىپ بېرەتتى.
ئالــاھ تائــاال «قۇرئــان كەرىم»نــى ساقالشــنى ئۆز ئۈســتىگە
ئالغانــدەك ،ئۇنــى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ قەلبىگــە
ئورناشــتۇرۇپ بېرىشــنىمۇ ئــۆز ئىچىگــە ئالغــان .بــۇ ھەقتــە
َّ َ ْ ُ َ َّ ْ َ ّ ْ َ َّ َ
ـر ِإَونــا ُل
ئالــاھ تائــاال مۇنــداق دېگــەن﴿ :إِنــا نــن نزلــا اذلِكـ
ََ ُ َ
لاف ِظــون﴾ يەنــى ﴿قۇرئاننــى ھەقىقەتەن بىز چۈشــۈردۇق ۋە
َ َُ ّ ْ
َ َ
ـرك بِهِ ل َِســانك
ئۇنــى ئەلۋەتتــە ئۆزىمىــز قوغدايمىــز﴾[[[،
﴿ل تـ ِ
ْ
َْ َ َ
ـه .فَ ـإ َذا قَ َرأنَــاهُ فَاتَّبـ ْ
ـه َوقُ ْرآ َنَـ ُ
ـل ب ـهِ .إ َّن َعلَيْ َنــا َجْ َعـ ُ
ـع قُ ْرآ َنَـ ُ
ـه.
ِ
ِ
لِ عجـ ِ
ِ
[[[

ھىجر سۈرىسى _9ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

ـم إ َّن َعلَيْ َنــا َب َيانَـ ُ
ُ َّ
ـه﴾ يەنــى ﴿(ئــى پەيغەمبــەر! ســاڭا ۋەھيــى
ثـ ِ
چۈشــۈۋاتقان چاغــدا) ئۇنــى ئېســىڭگە ئېلىۋېلىشــقا ئالدىراپ
تىلىڭنــى مىدىرالتمــا .چۈنكــى ئــۇ ۋەھيىنــى (ســېنىڭ
دىلىڭغــا) توپــاش ۋە ئۇنــى ســاڭا ئوقۇتــۇش بىزنىــڭ
مەســئۇلىيىتىمىزدۇر .شــۇڭا ،بىــز ئۇنى(ســاڭا جىبرىــل
ئارقىلىــق) ئوقــۇپ بەرگەنــدە ،ســەن ئۇنــى (جىــم تــۇرۇپ)
ئاڭلىغىــن .ئاندىــن ئۇنــى چۈشــەندۈرۈپ بېرىشــمۇ بىزنىــڭ
مەســئۇلىيىتىمىزدۇر﴾[[[ .ئاندىــن ئالــاھ تائــاال پەيغەمبــەر
ئەلەيھىسســاالمنى «قۇرئــان كەرىم»نــى كىشــىلەرگە تەپســىر
ََْ ْ َ َ
﴿وأن َزلَــا إِلْــك
قىلىــپ بېرىشــكە بۇيــرۇپ مۇنــداق دېگــەن:
ّ
َ ُ ّ َ َ ْ ْ َ َ َ َّ ُ ْ َ َ َ َّ ُ َ
ـر لِ ُبَـ ّ َ
اذل ِْكـ َ
ـن ل َِّلنـ ِ
ـزل إِل ِهــم ولعلهــم يتفكــرون ﴾ يەنــى ﴿
ِ
ـاس مــا نـ ِ
بىز ســاڭا بۇ قۇرئاننى ئىنســانالرغا چۈشۈرۈلگەن (ئەھكامالر)
نــى بايــان قىلىــپ بەرســۇن ،ئــۇالر تەپەككــۇر قىلســۇن
دەپ چۈشــۈردۇق﴾[[[ .شــۇڭا ســاھابىلەر چۈشــىنەلمىگەن
ئايەتلەرنــى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمدىن ســورايتتى،
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئۇالرغــا ئــەڭ مۇكەممــەل شــەكلدە
چۈشــەندۈرۈپ بېرەتتــى« .قۇرئــان كەرىــم» ســاپ ئــەرەب
تىلىــدا چۈشــۈرۈلگەن بىــر ئەرەبچــە كىتــاب بولغانلىقتىــن،
ســاھابىلەر ئايەتلەرنــى ئومۇمــەن تولــۇق چۈشــىنىپ
كېتەلىگەنلىكتىــن ،ئۇالرنىــڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسســاالمدىن
ســورايدىغانلىرى پەقــەت چۈشــىنىش قىيىــن بولغــان
[[[
[[[

قىيامەت سۈرىسى _17_16ئايەت.
نەھل سۈرىسى _44ئايەت.

039

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئايەتلــەر ئۈســتىدىال بوالتتــى .شــۇڭا ئــۇالر ھەممــە ئايەتنىڭ
َّ
﴿الِيـ َ
ـن آ ََم ُنــوا
تەپســىرىنى ســوراپ ئولتۇرمايتتــى .مەســىلەن:
َ َ ُ ْ ُ ْ ُ َ َ َُ ُ ْ َْ ُ َ ُ ْ ُ َْ ُ َ
ََ ْ َْ ُ
ـدون ﴾
ـم أولئِــك لهــم المــن وهــم مهتـ
ولــم يلبِســوا إِيمانهــم بِظلـ ٍ
يەنــى ﴿ئىمــان ئېيتىــپ ،ئىمانىغــا ھەرقانــداق بىــر زۇلۇمنــى
(مۇشــرىكلىكنى) ئارىالشــتۇرمىغان ئادەملەرگــە كەلســەك،
(ئازابتىــن) ئەمىنلىــك ئەنــە شــۇالرغا خاســتۇر .ئــۇالر
توغــرا يولنــى تاپقۇچىــاردۇر﴾[[[ دېگــەن ئايــەت چۈشــكەن
چاغــدا ،بــۇ ئايــەت ســاھابىلەرگە قاتتىــق ئېغىــر كېلىــدۇ،
040

ئــۇالر پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ ھۇزۇرىغــا بېرىــپ:
«يارەســۇلۇلالھ! ئارىمىــزدا ئۆزىگــە زۇلــۇم قىلمايدىغــان كىــم
بــار؟» دەپ ســورىغان .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئۇالرغــا
بــۇ ئايەتنــى يەنــە باشــقا ئايــەت بىلــەن تەپســىر قىلىــپ
بېرىــپ« :بــۇ ئايەتتىكــى زۇلــۇم ســىلەر چۈشــەنگەن زۇلــۇم
ئەمــەس ،ســىلەر ياخشــى بەنــدە (لۇقمــان ھەكىم)نىــڭ
َ ُ َ َّ َ ُ ْ ْ
َّ
ـاللِ إ َّن الـ ّ ِ ْ
ـم َع ِظيـ ٌ
ـر َك لَ ُظلْـ ٌ
ـم﴾ يەنــى ﴿ئــى
ـرك بِـ ِ
﴿يــا بــي ل تـ ِ
ئوغلــۇم! ئالالھقــا شــېرىك كەلتۈرمىگىــن .چۈنكــى شــېرىك
كەلتــۈرۈش ھەقىقەتــەن چــوڭ گۇناھتــۇر﴾[[[ دېگــەن
ســۆزىنى ئاڭلىمىدىڭالرمــۇ؟» دېگــەن .دېمــەك ،ئالدىنقــى
ئايەتتىكى«زۇلــۇم» دېگــەن ســۆز ئالــاھ تائاالغــا شــېرىك
كەلتــۈرۈش دېگــەن مەنىــدە كەلگــەن .ئادەتتە ســاھابىلىرى
سورىمىســىمۇ پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم بــەزى ئايەتلەرنــى
[[[
[[[

ئەنئام سۈرىسى _82ئايەت.
سۈرە لۇقمان _13 :ئايەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

تەپســىر قىلىــپ بېرەتتــى.
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ
ھەممىســىنى تەپســىر قىلغانمــۇ؟
ئۆلىمــاالر پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىنىــڭ ھەممىســىنى تەپســىر قىلىــپ بەرگەنمــۇ ياكى
ســاھابىلەر چۈشــىنەلمەي قالغان قىســمىنىال تەپســىر قىلىپ
بەرگەنمــۇ دېگــەن مەســىلىدە ئىختىالپالشــقان بولــۇپ،
شەيخۇلئىســام ئىبنــى تەيمىيــە قاتارلىق ئۆلىمــاالر پەيغەمبەر
ئەلەيھىسســاالمنىڭ «قۇرئــان كەرىم»نىــڭ ھەممىســىنى
تولــۇق تەپســىر قىلغانلىقىنــى ئىلگىــرى ســۈرگەن ،ئەلالمــە
ســۇيۇتى[[[ قاتارلىــق ئۆلىمــاالر پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
ھەممــە ئايەتنىــڭ تەپســىرىنى قىلمىغانلىقىنــى ،پەقــەت
ســاھابىلەر چۈشىنەلمەي ســورىغان ئايەتلەرنىڭال تەپسىرىنى
قىلغانلىقىنــى ئىلگىــرى ســۈرگەن .ئەلالمــە مۇھەممــەد
ھۈســەين زەھەبــى «تەپســىر ۋە مۇپەسســىرلەر»ناملىق
ئەســىرىدە ھــەر ئىككــى تەرەپنىــڭ دەلىــل _ ئىســپاتلىرىنى
ۋە دەتاالشــلىرىنى تەپســىلىي ئوتتۇرىغــا قويــۇپ ،ئاخىرىــدا
مۇنــداق دېگــەن« :يۇقىرىقــى ئىككــى خىــل كۆزقاراشــنىڭ
دەلىللىرىنــى كــۆرۈپ چىققاندىــن كېيىــن ،كۆڭلىمىــز
[[[

تولــۇق ئىســمى_ جااللىددىــن ســۇيۇتى ھىجرىيەنىــڭ _ 849يىلــى (1445م)
مىســىرنىڭ قاھىــرە شــەھىرىدە تۇغۇلغــان ،فىقــھ ،تەپســىر ۋە تارىــخ ئىلىملىرىــدە
ئەتراپلىــق يېتىشــكەن ئالىــم « ،ئــەددۇرل مەنســۇر»« ،تەپســىرى جەاللەيــن»
قاتارلىــق تەپســىرلەرنى ۋە كۆپلىگــەن ئىســامىي ئەســەرلەرنى يازغــان،
ھىجرىيەنىــڭ _ 911يىلــى (1505م) ئالەمدىــن ئۆتكــەن.

041

مۇھەممەد يۈسۈپ

042

شــۇنىڭ بىلــەن ئــارام تاپىدۇكــى ،بــۇ ئىككــى خىــل
كۆزقاراشــنىڭ ئوتتۇرىســىدا تــۇرۇپ مۇنــداق دەيمىــز:
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ســاھابىلىرىگە «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىدىــن كۆپلىرىنىــڭ مەنىســىنى بايــان قىلىــپ
بەرگــەن بولــۇپ ،بۇنىڭغــا ســەھىھ ھەدىســلەرمۇ گۇۋاھتــۇر.
شــۇنداقتىمۇ پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىنىــڭ ھەممىســىنىڭ مەنىســىنى بايــان قىلمىغــان.
چۈنكــى «قۇرئــان كەرىــم»دە مەنىســىنى ئالالھ تائــاال ئۆزىال
بىلىدىغــان ،ئالىمــارال چۈشــىنەلەيدىغان ۋە ئەرەبلــەر ئــۆز
تىلــى بولغانلىقــى ئېتىبــارى بىلــەن بىلىدىغــان ئايەتلــەر،
يەنــە ھەركىــم ئاســانال چۈشــىنەلەيدىغان ئايەتلــەر بــار.
ئىبنــى ئاببــاس رەزىيەلالھــۇ ئەنھۇمــا مۇنــداق دېگــەن:
‹تەپســىر تــۆت تۈرلــۈك بولىــدۇ :بىرىنچىســى ،ئەرەبلــەر
ئــۆز تىلــى ئارقىلىــق بىلىدىغــان تــۈرى ،ئىككىنچىســى،
ھەركىــم چۈشــىنەلەيدىغان تــۈرى ،ئۈچىنچىســى ،ئالىمــارال
چۈشــىنىدىغان تــۈرى ،تۆتىنچىســى ،ئالالھ تائاالدىن باشــقا
ھېچكىــم بىلمەيدىغــان تۈرىــدۇر›[[[.
بۇنىڭدىــن مەلۇمكــى ،پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم ئــە-
رەبلــەر ئــۆزى چۈشــىنەلەيدىغان ئايەتلەرنــى تەپســىر
قىلمىغــان .چۈنكــى «قۇرئــان كەرىــم» ئۇالرنىــڭ تىلىــدا
چۈشــكەن .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم يەنــە كىشــىلەر
دەرھــال چۈشــىنەلەيدىغان ئايەتلەرنىــڭ تەپســىرىنى
[[[

تەپسىرى تەبەرى _1 :توم _25 ،بەت.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

قىلمىغــان .چۈنكــى بۇنــداق ئايەتلەرنىــڭ مەنىســىنى ھەممە
كىشــى بىلىــدۇ .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم يەنــە قىيامەتنىڭ
قاچــان بولىدىغانلىقــى ،روھ ۋە غەيبكــە مۇناســىۋەتلىك
مەســىلىلەر توغرۇلــۇق كەلگــەن ئايەتلەرنــى تەپســىر
قىلمىغــان .پەقــەت ئۆزىگــە بىلدۈرۈلگــەن بــەزى غەيبلەرنــى
بايــان قىلىــپ بەرگــەن .پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالم يەنــە
ســاھابىلىرىگە ئۈچىنچــى تۈرگــە كىرىدىغــان ئايەتلەرنــى،
يەنــى ئالىمــار ئىجتىھــاد بىلــەن بىلەلەيدىغــان قىســمىنى
بايــان قىلىــپ بەرگــەن .مەســىلەن :ئايەتلــەردە ئىجمالىــي
بايــان قىلىنغــان مەســىلىلەرنى تەپســىلىي بايــان قىلىــش،
ئومۇمىــي ئەھكامالرنــى خاسالشــتۇرۇش ،چۈشــىنىش قىيىــن
بولغــان ئايەتلەرنــى ئايدىڭالشــتۇرۇپ بېرىــش قاتارلىقالرغــا
ئوخشــاش»[[[.
كــۆپ ســانلىق ئۆلىمــاالر پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىســىنى تەپســىر قىلمىغانلىقىغا،
پەقــەت تەپســىر قىلىشــقا زۆرۈرىيەت تۇغۇلغــان ئايەتلەرنى ۋە
ســاھابىلەر ســورىغان ئايەتلەرنىــا تەپســىر قىلىــپ بەرگــەن
دېگــەن قاراشــقا بىرلىككــە كەلگــەن .چۈنكــى پەيغەمبــەر
ئەلەيھىسســاالم ھايــات ۋاقتىــدا «قۇرئــان كەرىــم» نىــڭ
ئەھــكام ئايەتلىرىنــى ئۆزىنىــڭ ھەدىســلىرى ۋە ئەمەلىــي
ئىــش پائالىيەتلىــرى ئارقىلىــق تولۇق بايــان قىلىپ بەرگەن
[[[

ئەلالمــە زەھەبىنىــڭ «تەپســىر ۋە مۇپەسســىرلەر» ناملىــق ئەســىرى _1 :تــوم_50 ،
بــەت.

043

مۇھەممەد يۈسۈپ

044

بولســىمۇ ،دىننىــڭ ئەھكاملىرىغــا مۇناســىۋەتلىك بولمىغــان
ئايەتلەرنــى كــۆپ شــەرھلەپ كەتمىگــەن .بەلكــى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسســاالم بۇالرنىڭ تەپســىرىنى كېيىنكــى ئەۋالدالرنىڭ
ئىزدىنىشــىگە تاپشــۇرغان بولۇشــى مۇمكىن .چۈنكى«قۇرئان
كەرىــم» دىــن ئىلگىرىكــى ســاماۋىي كىتابــار مەلــۇم بىــر
زامــان ۋە مەخســۇس بىــر ماكانالرنــى كــۆزدە تۇتقــان ھالــدا
چۈشــۈرۈلگەن بولســا« ،قۇرئــان كەرىــم» تــا قىيامەتكىچــە
داۋاملىشــىدىغان مەڭگۈلــۈك مۆجىــزە بولغانلىقتىــن ،ئۇنىــڭ
مۆجىزىلىــرى ئىلىــم _ پەننىــڭ راۋاجلىنىشــىغا ۋە زاماننىــڭ
ئىلگىرلىشــىگە ئەگىشــىپ ھــەر بىــر دەۋرنىــڭ سەۋىيەســىگە
ماسالشــقان ھالــدا ئۆزىنىــڭ مۆجىزىســىنى نامايــان قىلىشــى
تەقــەززا قىلىنىــدۇ.
ئەلالمــە مۇھەممــەد مۇتەۋەللىــي شــەئراۋىي مۇنــداق
دېگــەن« :ئەگــەر مۇھەممــەد ئەلەيھىسســاالم ‹قۇرئــان
كەرىــم› نىــڭ ھەممىســىنى تەپســىر قىلىــپ ئۇنىڭدىكــى
ئىلمىــي ھەقىقەتلەرنىــڭ ھەممىســىنى ئوچۇقلىغــان
بولســا ،شــۇ ۋاقىتتىكــى ئىنســانالرنىڭ ئەقلىيىتــى ئۇالرنــى
قوبــۇل قىاللمىغانلىقتىــن ،دىننىــڭ ئاساســىي جەۋھەرىــي
مەســىلىلىرىگە دەخلــى يەتكــەن بوالتتــى .ئەگــەر «قۇرئــان
كەرىــم» نــى كىشــىلەرنىڭ شــۇ ۋاقىتتىكــى ئەقلىيتــى ۋە
ئىلمىــي سەۋىيىســىگە ماسالشــتۇرغان ھالــدا تەپســىر قىلغان
بولســا ،كېيىنكىلەرنىــڭ «قۇرئــان كەرىــم» نــى تەپســىر
قىلىــش يولــى تامامــەن ئېتىلگــەن بولــۇپ ،ئىلىــم –

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب

پــەن ئەســىرىدە مەيدانغــا چىقىــپ تۇرىدىغــان «قۇرئــان
كەرىــم» ســىرلىرىنى تەپســىر قىلىــپ ئېچىشــقا ئىمكانىيــەت
بولمىغــان بوالتتــى .چۈنكــى پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ
تەپســىرىدىن كېيىــن باشــقا تەپســىرگە ھاجــەت قالمايتتــى.
تەپســىر قىلىنغاندىمــۇ مۇســۇلمانالر ئاممىســى تەرىپىدىــن
قوبــۇل قىلىنمايتتــى .شــۇ ســەۋەبتىن تەپســىر يولىنــى
ئوچــۇق قويــۇپ قويغــان».
پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ قىلغــان تەپســىرلىرى
ئاساســەن چۈشــىنىش قىيىــن بولغــان ئايەتلەرنىــڭ
مەنىســىنى ئوچۇقالش ،ئومۇمىيلىق چۈشــىنىلىپ قالىدىغان
ئايەتلەرنــى خاسالشــتۇرۇش ،ئايەتلــەردە كەلگــەن بــەزى
ســۆزلەرنىڭ مەنىســىنى چۈشەندۈرۈشــتىن ئىبــارەت بولغــان.
•ئىككىنچى باسقۇچ :ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىشى

بىــز باشــتا ئېيتقانــدەك ســاھابىلەر «قۇرئــان كەرىــم»
ئايەتلىرىنــى ئومۇمــەن تولــۇق چۈشــىنىپ كېتەلىســىمۇ،
يەنىــا بــەزى ئايەتلەرنىــڭ مەنىســىنى چۈشىنىشــتە
ئۇالرنىــڭ ھەممىســى ئوخشــاش ســەۋىيەدە ئەمــەس ئىــدى.
مۇنــداق بولۇشــىنىڭ ســەۋەبى ئۇالرنىــڭ ئــەرەب تىلىنىــڭ
پاســاھىتىنى بىلىشــتىكى سەۋىيەســىنىڭ ئوخشــاش
بولمىغانلىقــى ،پەيغەمبــەر ئەلەيھىسســاالمنىڭ مەجلىســىدە
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 3
  • Büleklär
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 2728
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1369
    14.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 2999
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1426
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 2854
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1283
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 2889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1399
    11.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 5
    Süzlärneñ gomumi sanı 3166
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1491
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 6
    Süzlärneñ gomumi sanı 2951
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1547
    10.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 7
    Süzlärneñ gomumi sanı 2781
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    9.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 8
    Süzlärneñ gomumi sanı 2847
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1490
    12.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 9
    Süzlärneñ gomumi sanı 2812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1368
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • قۇرئان-كەرىم-قانداق-كىتاب - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 2160
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1157
    13.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.