Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3692
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2172
14.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
22.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
كىتاپخۇمار بىلوگى





قەشقەر كېچىسى
)داستان)

ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر

ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى :تۇران -3102يىلى -8ئاي
مەنبە :ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى

1

كىتاپخۇمار بىلوگى



مۇقەددىمە
ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش-
ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ۋ.ئى.لېنىنبوران شۇڭقارلىرى سىلكىتىپ پەر،
سۈپۈرگەچكە پەلەكنى غالىب-مۇزەپپەر،
يوقاپ زۇلمەت ،كۈلۈپ چىققاندا چولپان،
تارىمدا ھەم يورۇپ كەتكەندە ئاسمان؛
كىيىپ بوغدامۇ تاج ئالتۇن قۇياشتىن،
تۇغۇلغاندا جاھانغا يېڭىۋاشتىن،
بۇ داستان ئىچرە تۈن-زۇلمەتنى سۆزلەش،
قىلۇر بەلكى كۆڭۈلنى خىرە ھەم غەش.
تىيانشاندا ئېرىپ قار ،تاشقاندا دەريا،
باياۋانالرمۇ گۈل قىسقاندا گويا،
سەھەر گۈلشەن ئارا كۈلگەندە اللە،
گۇالبىغا تولۇپ ئالتۇن پىيالە،
زىمىستان ئورنىغا مەڭگۈ بولۇپ ياز،
2

كىتاپخۇمار بىلوگى



بەخت-ئىقبال قۇشى قىلغاندا پەرۋاز،
بۇ داستان ئىچرە نەس ئۆتمۈشنى ئەسلەش،
قىلۇر بەلكى كۆڭۈلنى خىرە ھەم غەش.
لېكىن تارىخ يولى دۇردانە ھېكمەت،
بۇ ھېكمەت مەڭگۈ ئۆچمەس بىر ھەقىقەت:
كىشىكىم ،ئۇنتۇماس ئۆتمۈش ئەلەمنى،
قويار كەلگۈسىگە توغرا قەدەمنى.
زىمىستان دەھشىتىنى ئەسلىگەنچە،
يېتەر ھەر جان باھار قەدرىگە شۇنچە.
باھاردا ئۇنتۇسا غۇربەت كۈنىنى،
قاراقچى ئالغۇسى كىيگەن تونىنى.
بەختتە ئەسلىسە غۇربەتنى ئادەم،
تاپۇر ئىقبالىنى غۇربەتتە ئۇ ھەم.
بۇ داستاندىن مۇراد شۇلدۇر ناھايەت،
ئايان بولسا شۇ مەقسەت ئەلگە شايەت.
مېنى سورىسا پادا باققان بالىدىم،
بۇ شائىرلىق غېمىدىنمۇ نېرىدىم.
قاچانكى سۇندى تەقدىر بىر قەدەھ مەي،
ئۇنى ئىچمەك بىلەن ھوشۇمنى بىلمەي،
بولۇپ دىل بىر جۇنۇنلۇق مۇپتىالسى،
3

كىتاپخۇمار بىلوگى



يېپىشقاندا جېنىمغا ئىشىق باالسى،
تۇتۇندۇم بۇ جاپالىق ئىشقا يەكدىل،
ۋە گەرچە قىسقىدۇر قول ،چولتىدۇر تىل.
مۇراد داستان ئۈچۈن داستان ئەمەستۇر،
يېتىلسە ئەلگە خىزمەت ،ئۇشبۇ بەستۇر.
-9191يىلى دېكابىر ،ئۈرۈمچى

4

كىتاپخۇمار بىلوگى



بىرىنچى باب
بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ
كۆلگە چۈشتى شوالسى.
بىزنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ
نەزەر باغدا ھويالسى.
قەشقەر خەلق قوشىقى
9
خىيال ئاسمانىدا كۈلگەندە چولپان،
گۈزەل قەشقەرگە رىشتە باغلىدى جان،
قاراپ ھۆسنىگە بىر بوستاننى كۆردۈم،
نە بوستان دىلرەبا جاناننى كۆردۈم.
شۇ جانان مەڭزىگە خالدەك ياراشقان
تۈمەن بويلىرىدىن مىڭالرچە داستان-
يېزىلسا ،ئەرزىگەي ئەل كۆڭلىگە ساز،
قىالي قىسسەمنى مەنمۇ شۇندىن ئاغاز.
تۈمەن ناملىق تىنىمسىز ،شوخ بۇ دەريا
5

كىتاپخۇمار بىلوگى



گۈزەللىكتۇر ئۇنىڭ مەنىسى گويا.
نېمىكى دىلرەبا بولسا جاھاندا،
شۇالرنىڭ ھەممىسى مۇندا مۇھەييا.
زۇمرەت بىلەن ياقۇت ،پىرۇزىنى ھەم
شۇ دەريا بويىغا قىلغان كەبى جەم،
چىمەنگە پۈركىنىپ نۇرانە قىرغاق،
ياتار قۇشالر نەۋاسى بىرلە ئويغاق.
باراقسان تال-سۆگەتزار دىلغا ئارام،
ئارامى شامىلى ئاندىن دىلئارام.
تۈمەن مىڭ گۈل-چېچەكنىڭ خۇشبۇيىدىن،
كېتەلمەيدۇ كىشى تۈمەن بويىدىن.
كۆرۈنگەن مەلىلەرنىڭ ھەر يېرى باغ،
ئېتىز ،ھويال ،ئېرىق-ئۆستەڭ قىرى باغ.
شۇڭا ،گۈلباغ بولۇپ ئۇ تاپتى شۆھرەت،
بۇ دەرگاھ راستى ھەم پىردەۋىسى جەننەت!
ئاشۇ جەننەت مىسالى باغ ئارا باغ
كېلىشكەن بىر گۈزەل مەلە"نەزەرباغ".
تۈمەنگە ياندىشىپ تۇرغان بۇ دەرگاھ،
ئەجەب ھۆسنى بىلەن دىلغا ئارامگاھ.
ئەگەرچە ئولتۇرۇپ بىر باغ ئىچىدە،
تاماشا ئەيلىسەڭ ھەم كۆز ئۇچىدە،
6

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئانار ،شاپتۇل شېخى ئۈزرە تۆەنگە-
نەزەر سالساڭ سۈيى ئۆركەش تۈمەنگە،
ئەجەب ھېسالر بىلەن كۆڭۈل بىتاقەت
دېڭىزدەك چايقىالر تىنماي ئاالمەت.
كۆرۈنسە مۇڭلىنىپ قەشقەر ھىسارى،
(ئۇزاق ئۆتمۈش زامانالر يادىكارى)،
كىشىدە ئىختىيار قالغايمۇ شۇ دەم
ئۇزاق تارىخنى بىر-بىر ئەسلىمەي ھەم...
قاچانكى ،مەلىدە كەزگەندە بىر ئان،
ئۈجمىلىكنى قىلىپ سالقىن خىيابان،
ۋەياكى سۇغا چىقسا قىز-جۇۋانالر
(چېچى سۇمبۇل ،ئانار يۈزلۈك بۇ جانالر)،
ۋەيا كەچكى شەپەق كۈلگەن تاغدا،
ۋىچىرالپ قارلىغاچالر باغمۇباغدا،
يېنىشسا مەلىگە مۆرەپ موزاي ،قوي،
كىرىپ كەلگەن كەبى بىر شادىيان توي،
ھاياجانلىق بىلەن مەستانە بولماي-
تۇرارمۇ قەلبىڭىز ئىلھامغا تولماي!
بۇ ئۇيغۇر مەلىسىنىڭ ساددا چېھرى،
لېكىن ئوتتەك يېنىق شۇ ئىشقى-مېھرى
كۆڭۈل مۈلكىنى شۇنچە قىلسىمۇ شاد،
7

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئەيلەشكە بۇنياد،
قەلەم ئاجىز ،تىلىم بىچارە-چولتا.
قىالي مەن گەپنى ئەمدى كالتا-كالتا.
2
"نەزەرباغ" دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن ئەل،
نەزەر تەگكەنىكەن ئاۋۋالدىن-ئاۋۋال.
ئۆزى قانچە ئاجايىپ ،خەلقى شۇنچە،
يىگىتلەر خۇددى شىر ،قىزلىرى غۇنچە.
بېغىدەك خەلقىنىڭمۇ كۆڭلى بىر گۈل،
بۇ گۈلگە ھەر كىشى شەيدايى بۇلبۇل.
بىراق ،شۇ خەلق ئىچىدە بىرال ئادەم،
ئاجايىب كۆرۈنەتتى كۆزگە ھەر دەم.
تۇراق مەخسۇم ئىكەنمىش ئەسلى ئىسمى،
لەقەم سىڭگەن"چوالق"دەپ ئەمدى رەسمى.
نېچۈن قويدى ئاڭا ئەل بۇ لەقەمنى،
بايانىدىن تېجەپ قەغەز-قەلەمنى،
يازاي بىر نەچچە مىسرا سۈرىتىدىن،
يەنە خۇلقى-مىجەزى ،قىسمىتىدىن.
سېمىزلىكتە ئىدى مەخسۇم تۇلۇمدەك،
8

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئىغاڭالپ مېڭىشى گوياكى ئۆردەك.
يۈزى چوقۇر ،كۆزىنىڭ بىرى ئالغاي،
ساقالى كوسادۇر ھەم دوقا ماڭالي.
بۇرۇننىڭ ئورنىدا بىر ئەگرى مۇنچاق،
تەبىئەت قىلدى گويا ئاڭا چاقچاق.
بىراق ،ئىنساپ بىلەن ئېيتايكى ،ئەلۋەت،
چوالق مەخسۇمدىمۇ بار ئىدى خىسلەت.
ئوقۇيتتى گاھىدا جەڭنامىلەرنى،
گاھى مەشرەپ ،ھۇۋەيدا ،پەننامىلەرنى.
ئەجەب مەخلۇق ئىدى ،تەقدىر-ئىرادە،
ۋە لېكىن دۆلىتى كۆپتىن زىيادە.
شۇڭا ،ئۇ تاپتى يۈز ،بولدى پاالنى،
يېپىپ ھەممە ئەيىبىن خانۇمانى.
نەزەرباغدا كېلىشكەن ھويالرامى،
ئاجايىب باغچىسى دىلنىڭ ئارامى.
بېغىدا مېۋىلەر بىر-بىرىدىن مول،
يەنە ئەينەك كەبى چاقنار سۈزۈك كۆل.
شەھەردە مال توال دۇكانغا مالىك،
يېزا-سەھرادىمۇ خامانغا مالىك.
جىمىگە قىلدى مالىك ئۇنى تەقدىر،
پەقەت ئەۋالد ئىشىدا قىلدى تەھقىر.
9

كىتاپخۇمار بىلوگى



بەش-ئونالپ قىز-جۇۋان يەڭگۈشلىسىمۇ،
لېكىن پەرزەنت يۈزىنى كۆرمىدى ئۇ،
شۇ سەۋدا بىرلە ياش ئەللىككە باردى،
چىشى ھەم سارغىيىپ ،چاچالر ئاقاردى.
تاسادىپ بىر كۈنى بىر دوستى خالىس
ئاڭا بىر مەسلىھەت كۆرسەتتى قالتىس.
دېدىكىم":بىر تۇغۇمچان تۇل تېپىلسا،
ئەجەبئەمەس تەلىيىڭ شۇندا ئېچىلسا".
بۇ گەپ ياقتى چوالققا ،بولدى خۇشھال،
كىرىشتى تۇل ئايال تاپماققا دەرھال.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ مۈشكۈل بولدى ئاسان،
ۋە بەلكى توي ئىشىمۇ چۈشتى ئەرزان.
ئايال شۇ مەلىلىك ،ئېتى گۈاليىم،
ئۆزى قويدەك ياۋاش ئىدى مۇاليىم.
قويۇپ يالغۇز كېتەردە ئېرى مەرھۇم،
ئۇنىڭدىن قالدى بىر قىز توال مەسۈم.
ئېتى لەيلى ۋە ياكى لەيلىگۈلدۇر،
يېشى بەش-ئالتىلەردە ،چېھرى گۈلدۇر.
بۇ ئۆسمۈر غۇنچىنى كۆرگەندە مەخسۇم،
جىمى غەمنى قويۇپ بىر چەتتە زۇم.
"مۇشۇنداق قىزنى تۇغقان بولسا ئۇ خان،
10

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئەجەبئەمەستۇر مېنىڭدىن تۇغسا ئوغالن"-
دېدى ھەم كۈتتى پەرزەنت نەچچە ياز-قىش،
ۋە لېكىن كۈتكىنىدەك بولمىدى ئىش.
دېمەك ،مەخسۇم ئۆزى تۇغماس كىشىكەن،
نېمە چارە بۇڭا ،تەقدىر ئىشىكەن!
شۇڭا ئاخىر ئۈزۈپ ئۈمۈدىنى مەخسۇم،
دېدى":قىسمەت شۇ بولسا ،رازى بولغۇم"...
لېكىن قىزغا ئەگەر چۈشسە نىكاھى،
تۇتالماستىن ئۆزىنى دەيتتى گاھى:
"بۇ غۇنچە-گۈل ئۆسۈپ ،گەر بولسا شەمشاد
كىشى چەكمەي تۇرارمۇ ئاھۇ پەرىيات.
قىنى شۇ چاغدا قەشقەر ئەھلىدىن كىم،
پاالن بايۇ ،پوكۇن باي ھەمدە ھاكىم،
كۆرەي ئالدىمدا تەزىم قىلمىغاننى،
ئۆيۈمگە ئەلچىلەر ھەم تولمىغاننى"!
شۇڭا مەخسۇم بۇ قىزىغا قىلدى پەرۋىش،
ئوقۇتتى ئانچە-مۇنچە ھەريىلى قىش.
چوالق مەخسۇم كارامەت قىلدى گويا
(يېقىن كەلگۈسىنى ئۇ بىلدى گويا)،
قىزى لەيلى ئۆسۈپ يەتكەندە بويغا،
جامالى ئەل ئىچىگە سالدى غوۋغا.
11

كىتاپخۇمار بىلوگى



كۆزى چۈشكەن يىگىتنىڭ تېنى ياپراق،
جېنى مەڭگۈ بوالتتى ئاڭا مۇشتاق.
ئىشىتكەن ئارزۇلۇق بولدى كۆرۈشكە،
كۆرۈش بىرلە قاالتتى بىر كۆيۈشكە.
ئۇنىڭ داڭقى ئېشىپ ئۆز مەلىسىدىن،
يېتىپ ئەتراپقا تەكشى ھەممىسىدىن
كېلىشكە باشلىدى ئەلچى ئۈزۈلمەي،
بىرى كەتمەي ،بىرىنى بىرى كۈتمەي.
چوالق مەخسۇم بولۇپ بىر سۆزچى ناتىق،
تېپىپ ھەر ئەلچىگە ئۆزرە مۇۋاپىق،
كۈتەر بىر-بىرىدىن ئالىي مۇقامالر،
تەمە بىرلە يېقىپ ھەر يولغا شامالر.
ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن بىزنىڭ گۈاليىم
بولۇپ دۇچار قارا تەشۋىشكە دائىم.
يوپۇرماقتەك دىرىلدەپ تۇرغىنىچە،
كۆزىدىن ياش تۆكەتتى ئۈنچە-ئۈنچە.
قازارا بۇ چوالققا قايسى بىر كىم،
ياراپ قالسا بۈگۈن يا ئەتە بەلكىم،
ئۇ چاغدا ئىش تامام بولمامدۇ بەربات،
كىمگە ئەيلىگەي قىز دادۇ پەرياد؟
ئۇ چاغدا نېم بوالر شېرىن خىيالى،
12

كىتاپخۇمار بىلوگى



كېرىم ئاتلىق يىگىتنىڭ دەردۇ ھالى؟
ئېچىلماي سولسا گەر شېخىدا غۇنچە،
ئاياغ ئاستىدا خار بولسا بۇ ئۈنچە،
قۇرارمۇ كۈن ۋە تۈنلەر كۆزى نەمدىن،
يېرىلماسمۇ يۈرەك ئاچچىق ئەلەمدىن؟!
شۇڭا قانچە سوزۇلسا ئارقىغا ئىش،
يېنىكلەيتتى ئۇنىڭ كۆڭلىدە تەشۋىش.
ئۈمىد شۇكى پەقەت ياز كەلسە پاتراق،
كېرىمنىڭ تەلىيىمۇ كۈلسە پاتراق.
تېپىپ بەش-ئونچە تەڭگە ،باشلىسا سۆز،
نادامەت داغىدىن ياشالنمىسا كۆز.
شۇ ھالدا ئۆتتى ئايالر قانچە-قانچە،
باھار كەلدى ،بۇلۇتمۇ چاچتى تامچە.
3
قۇياش ئەركىلىتىپ يەرۇ جاھاننى،
قىشىچە ئىڭرىغان بىچارە جاننى،
ھاياتبەخش نۇرىنى چاچقاندا ھەريان،
تەبىئەت مەڭزىدە تەپچىپ يەنە قان،
يېشىل بەرقۇت كىيىپ ياساندى قىرغاق،
ئېچىلدى اللىلەر ھەرياندا پارالق.
13

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۇ اللە ھەربىرى گوياكى ياقۇت-
مىسالى تاۋلىنىپ كۈلسە ۋەياخۇت.
زۇمرەتتىن كىيىپ تاج تالى مەجنۇن،
كۆڭۈلنى ھۆسنى بىرلە قىلسا مەپتۇن؛
ئۇنىڭ ئەكسى كۈمۈشتەك سۇ يۈزىدە
ۋە يا قاينام بۇالقالرنىڭ كۆزىدە،
نامايان بولسا شۇ دەم جىلۋە بىرلە،
ھاشاراتالر يەنە ئەلنەغمە بىرلە،
قىزىتسا بەزمىنى ھەربىر نەپەستە،
ئۇسسۇلغا چۈشسە قۇشالر بەسمۇبەستە،
نېچۈن كۈلمەس كىشى قەلبى چېچەكتەك،
سۈزۈلمەس ھەم نېچۈن بىللۇر ،سەدەپتەك؟
نېچۈن كەتمەس ئەلەم-ھەسرەت بىلەن غەم،
يەنە كۆزلەرگە چۈشكەن ئۈنچە-شەبنەم؟
ۋە لېكىن شۇ باھارنىڭ لەززىتىدىن،
ئۇنىڭ چەكسىز سېخىيلىق شەربىتىدىن
تېخى ئىچمەي گۈاليىم بىر پىيالە،
يۈرەك-باغرى بولۇپ خۇن ،خۇددى اللە،
تۆكۈپ كۆزدىن توال قانلىق يېشىنى،
قويۇشقا يەر تاپالماي بىر بېشىنى،
پەرىشان بولدى كۆپ ،ھەريان پەرىشان،
14

كىتاپخۇمار بىلوگى



چېچىدىنمۇ ئۆزى سەرسان ،پەرىشان.
سەۋەبكى"،ئەلچى" دەپ بىر قېرى دەللە
(يەنە ئىككى ساقاللىق ،باشىدا سەللە)،
كىرىپ كەلدى بۇ ئۆيگە كەچ گۇگۇمدا،
يۈدۈپ دەھشەت بىلەن غەمنى تۇلۇمدا.
شۇ سائەت كەتتى بۇ ئۆيدىن ئامانلىق،
ئىشىك ،تۈڭلۈكتە ماراپ مىڭ يامانلىق.
نېچۈكتۇر بىر باالنى قىلدى تەيىن،
جىمى غەم لەشكىرى ھەم كەردى يايىن.
كېتىپ ئەلچى ،ئارادىن بىردەم ئۆتمەي،
چوالق مەخسۇم خوتۇندىن گەپمۇ كۈتمەي،
دېدى":گەپ شۇ ،قېنى ئولتۇر ئىزىڭغا،
بەگ ھاجىمدەك كىشى چىقماس قىزىڭغا.
بىلەمسەن ،كەلدى بىزگە بەختۇ ئامەت،
يىتىپتۇ ئەمدى ئىشقا ياخشى سائەت.
ئۆزى كىم ئۇ ،بەگ ھاجىم-نامى مەشھۇر،
پۈتۈن قەشقەر ئىچىدە بىرال مەسرۇر.
بەدۆلەت ھەم ئەمەلدار ھەمدە تەقۋا،
ئۇنىڭ قىلغان سۆزى ھەر جايدا پەتىۋا.
ئەگەر بىلسەم ئىدىم مەيلىنى زاتنىڭ،
دۇئاسىغا بېرىپ لەيلىنى زاتنىڭ،
15

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۇلۇغ دەرگاھىغا قۇللۇق قىالتتىم،
دۇئاسىنى يەنە كۆپرەك ئاالتتىم".
بۇ گەپلەرگە گۈاليىم ھېچ چىدالماي،
دېدى":مەنمۇ گېپىمنى قىسقا ئېيتاي،
ئەگەرچە ئۇ كىشى بولسا كۈيئوغلۇم،
ئاتا دەمال ئۇنى ۋە ياكى ئوغلۇم؟"
بۇنى ئاڭالپ چوالقنىڭ رەڭگى ئۆچتى،
غەزەپتىن تىترىدى ،ئەرۋاھى ئۇچتى.
يۈگۈردى ئالدىغا ،تىل سالدى دەرھال،
پۈتۈن ھويال ئىچىدە قوپتى جاڭجال.
چوالق ئېيتتى":دېمە بىلمەس سىرىمنى،
قىزىڭغا كۆزلىدىڭ كۆپتىن كېرىمنى.
تىلىڭغا ئالغۇچە بولما كېرىم دەپ،
ياالڭ تۆشكە ئاتا بولماق نومۇس گەپ".
ئۆزى قويدەك ياۋاش بىزنىڭ گۈاليىم
بۇ دورەم تۇرمىدى قاراپ مۇاليىم،
"بوغۇزاليمەن دېسەڭ ،قويمۇ تېپىرالر"-
دېگەندەك ،ئۇمۇ قىلدى گەپنى ئاشكار.
دېدىكىم ":قويمىدى بىچارە لەيلى،
ئۇنىڭمۇ يوقمىدى خاھىشى-مەيلى،
ياالڭ تۆش بولسىمۇ ،ئۆز جورى ياخشى،
16

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۆزىدەك ناتىۋان غەمخورى ياخشى".
چوالق سەكرەپ دېدىكىم":ئەمدى گەپ بەس!
سېنىڭدەك تېگى پەسنىڭ كۆڭلىمۇ پەس".
شۇ گەپ بىرلە يەنە ئۇلغايدى جاڭجال،
گۈاليىم بوغچىسىنى تۈگدى دەرھال.
داالندىن يىغلىغانچە لەيلىگۈل ھەم
گۈاليىمنىڭ قېشىغا چىقتى شۇ دەم.
يىغا-زارە بىلەن تولدى بۇ ھويال،
ئاراغا كىردى ھەم بىر قانچە قوشنا.
چوالقمۇ تەمتىرەپ كۆپ چەكتى ۋايىم:
كېتىپ قالسا قىزى بىرلە گۈاليىم،
نېمە قىلسۇن چوالقنى ئەمدى ھاجى،
چىقىپ كەتمەمدۇ قولدىن بەختۇ تاجى.
شۇڭا ،دەرھال بوشاتتى كۈلكە ئارىالش،
يېلى قاچقان رېزىنكە توپقا ئوخشاش.
ساال بىرلە گۈاليىممۇ بېسىلدى،
لېكىن لەيلى شۇئان باغقا ئېتىلدى.
4
كىرىپ باغقا يۆنەلدى كۆل تامان ئۇ،
بىراق ئالەم ئىدى زۇلمەت قاراڭغۇ.
17

كىتاپخۇمار بىلوگى



نە كۆك گۈمبەز شاملىرىدىن ئەسەر بار،
نە كۆكنىڭ ئەركىسى ئايدىن خەۋەر بار.
شامالدا چايقىالر ،دولقۇنلىنار كۆل،
لېۋىدە ئولتۇرار قىز ،كۆزلىرى ھۆل.
گويا زۇلمەت قاراڭغۇ تۈن تۈپەيلى
بوغۇلغان بارچە جاننىڭ ئەركى-مەيلى.
نە بىر ئۈن سالسىچۇ ھەتتا چېكەتكە،
ئۇ ھەم گويا ئەسىر غەم بىرلە دەردكە.
پەقەت ئاچچىق غەزەپتىن ھۇۋلىغاندەك-
ۋە يا سەۋر-تاقىتى ھېچ قالمىغاندەك.
تۈمەندىن ئاڭلىنار دەردلىك ساداالر،
سادا بىرلە يەنە ئوتلۇق نىداالر.
نىداكى ،بارچە زۇلمەت تۈنگە لەنەت،
بۇ تۈندىنمۇ قاراڭغۇ كۈنگە لەنەت.
دېدى لەيلى":بۇ قانداق زامان بولدى،
بېشىمغا تاغ يىقىلدى ،يامان بولدى.
گۈلى غۇنچە ئىدىم ،بوراندا قالدىم،
نە بوران ،بىر يامان شىۋىرغاندا قالدىم.
نە ئارمان تاڭ بىلەن تەڭ بىر ئېچىلسام،
يېتىپ ئارمانغا مەن ،ئاندىن يۇمۇلسام.
نېتەي مەن بۇ زامانە شۇملۇقىنى،
18

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۇنىڭ جانغا زەھەر-زوقلۇقىنى.
نېتەي مەن خورلۇقى ھەم كورلۇقىنى،
مېنىڭدەك ناتىۋانغا زورلۇقىنى!"
شۇنى ئېيتىپ كۆزىنى تىكتى كۆلگە،
ئەجەب مۇدھىش پىكىر كەلدى كۆڭۈلگە:
كۆزىنى يۇمسايۇ ھەم قىلسا غەيرەت،
قۇتۇلمامدۇ جىمى غەمدىن شۇ سائەت.
ھاياتلىق قانچە شېرىن ،قانچە ياخشى،
ئۆلۈممۇ نۆۋىتىدە شۇنچە ياخشى...
شۇ چاغ كەلدى يىراقتىن نەي ساداسى،
يۈرەكنى تىتىرىتىپ مۇڭلۇق ناۋاسى.
جىمىلدى لەيلىمۇ شۇ نەينى ئاڭالپ،
يۈرەك تىنماس ئىدى لېكىن تېپىرالپ.
بېرىپ شۇئان يۆلەندى بىر تېرەككە،
ياقار ئوت نەي سەسى دەردلىك يۈرەككە.
كېلەر نەي سەسلىرى مەھەللە چېتىدىن،
بۇ غەمكىن كېچىنىڭ سۈكۈنىتىدىن؛
كېلەر نەي سەسلىرى باغالرنى ئاتالپ،
ئۆزىگە مېھرىبان دىلبەرنى يادالپ؛
كېلەر نەي سەسلىرى دىلدارنى ئىزدەپ،
كېرىمىڭ كەلدى ،لەيلى،قېنى سەن دەپ؛
19

كىتاپخۇمار بىلوگى



كېلەر نەي سەسلىرى كۈيلەپ ۋىسالنى،
گۆدەكلىك دەۋرىگە باشالپ خىيالنى:
مانا بىللە يۈرۈپ ئۆسكەن نەزەرباغ،
يۈگەنسىز تاي كەبى شوخ بالىلىق چاغ.
كېرىم يۈگۈرەر ياالڭۋاش ھەم ياالڭياغ،
بولۇپ لەيلى بىلەن ئويناشقا مۇشتاق.
چىقار لەيلى چېچى تال-تال ئۆرۈگلۈك،
يىغلىغاچ بالىالر ،تىزىپ ئۆرۈكلۈك،
بولۇر بىردەم ئويۇن مۆككەننى تاپماق،
ۋەياكى بىرى قوغالپ ،بىرى قاچماق.
ئۆتەتتى بالىلىق شۇندا گۈزەل شاد،
نە دەردكە مۇپتىال ،نە چەكسىز پەرياد.
نە ئەمدى بولسا شۇ بەڭۋاش گۆدەكلىك،
يۈگۈرسە قېشىغا ،بارسا يۈرەكلىك.
بىرى ئېيتسا تېپىشماق ،بىرى تاپسا،
ۋەياكى ئۈجمىلىكتە بىللە چاپسا.
يا ئەمدى بولسىچۇ دۆڭلۈكتە مەكتەپ،
تېپىشقاندەك بولۇپ كاككۇك ۋە زەينەپ،
يېنىشسا ئۆيگە بىللە ئوينا-ئوينا،
مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئويال-ئويال.

20

كىتاپخۇمار بىلوگى



بىراق غەمسىز گۆدەكلىك ئۆمرى قانچە،
تۇيۇلدى كۆكتە چاقماق چاقنىغانچە.
قاچانكى جۇش ئۇرۇپ بىر ھېس ھارارەت،
كۆڭۈل مۈلكىدە قۇرغاچ بىر ئىمارەت،
بىرى سەزدى ئۆزىنى رابىئەدەك،
بىرى سەئدىن بولۇپ كۆيدى بەتەررەك.
ئۈزۈلدى ئىختىيار تىزگىنى دەھشەت،
يۈرەك قىلماس ئەقىلگە ئەمدى بەيئەت.
نېمەدۇر ئىستىگەن ئىسيانچى ئارمان
چاپار ھۇشسىز ،يۈگەنسىز ھەم پەرىشان.
بىراق ،قانۇن ئىدى قىزالرغا مۇتلەق،
شەرىئەت ھۆكىمىچە مەستۇرە بولماق.
شۇڭا ئۆتمەي ئۇزاق بوغۇلدى لەيلى،
بوغۇلدى تام ئىچىدە ھەممە مەيلى.
بوغۇلدى ئىختىيار ،سۇندى نىھالى،
قەپەس ئىچرە ئەسىر بىر قۇش مىسالى.
بوغۇلدى ھەممە ئەرك ،باشالندى ھىجران،
پەقەت شۇ نەي ئىدى ئارادا قالغان.
يېتىپ كەلسە شۇ نەينىڭ ئاھۇزارى،
كېتىپ قىز ئىلكىدىن بار ئىختىيارى،
چىقاتتى باغقا ئۇ تېپىپ باھانە،
21

كىتاپخۇمار بىلوگى



تۆكۈپ ياش ئۈنچىسىنى دانە-دانە.
كۈتەتتى سەۋرسىز شۇ بىنەۋانى،
ۋەبەلكى نەي كەبى باغرى يارانى.
كۈتەتتى بىر تاالي چاغالر قاتارى،
يېقىن كەلمەس ئىدى لېكىن ئۇ يارى.
نە بولدىكى ،بۈگۈن ئۆزگەردى ئەھۋال،
گويا يارغا ئايان بولمىش جىمى ھال.
كېلۇر نەي سەسلىرى ئاستا يېقىنالپ،
يېقىنالشقانسېرى ئاھى يېلىنجاپ،
كۆرۈنگەچ مانا تامدا بىر كۆلەڭگە،
يۈگۈردى لەيلى ،سىغماي جانى تەنگە.
بىراق ،شۇ چاغ چىقىپ باغقا تاراقالپ،
"قېنى سەن" دەپ چوالق مەخسۇم ۋاالقالپ.
كىيىپ باغنى بېشىغا سالدى چۇقان،
بۇزۇلدى ئىش تامام ،بولدى يۈرەك قان.
يەنە ھىجران ،جۇدالىق داغى پەرياد،
پەلەك قىلدى يەنە زۇلمىنى بۇنياد.
*********
ئايا چەرخ ،بۇ سېنىڭ پەيلىڭگە لەنەت،
22

كىتاپخۇمار بىلوگى



قارارسىز ۋەھشىي شۇم مەيلىڭگە لەنەت!
نېمە بۇ مۇنچىلىك بىھۇدە ئازار،
ئاران يەتكەندە پۇرسەت ۋەسلى دىدار؟
ئەجەب تەتۈر ئىكەن ھۆكىمىڭ ھەمىشە،
مۇھەببەت ئەھلىگە زۇلمىڭ ھەمىشە!

23

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئىككىنچى باب
قەشقەر قىزى يۈزىدە
دانە-دانە خالى بار.
ماڭا ئېيتقان سۆزىدە
شېكەر دېسەم ،بالى بار.
بىر كونا ژۇرنالدىن
9
نېچۈك ئاتقۇزدى تاڭنى لەيلى شۇ تۈن،
كۆزى ياشلىق ،جىگەر-باغرى بولۇپ خۇن،
بۇنىڭ تەسۋىرىگە يوق مەندە بەرداش،
ئەگەر يازسام ،كۆزۈمدىن تۆكۈلەر ياش.
ئۇنىڭدىن قىسسىگە تېز كۆچكىنىم خوپ،
جۇنۇن بىرلە ئادا بولمىغىنىم خوپ.
***************

24

كىتاپخۇمار بىلوگى



چوالق مەمنۇن بولۇپ بەگ ئەلچىسىدىن
(كۈتۈلگەندىن توال نېسىۋىسىدىن)،
ئىچىگە خۇشلۇقىنى ياتقۇزالماي،
قىمىرالپ ئورنىدا تاڭ ئاتقۇزالماي،
ئاران يەتتى-ئۇالشتى تاڭ سەھەرگە،
سەھەر بىرلە كىرىپ كەتتى شەھەرگە.
خااليىققا ئۆزۈمنى كۆرسىتەي دەپ،
ئەتەي كىردى ساماۋارغا سەھەرلەپ.
كۆرۈنسە بىر تونۇش ،كەلسە يېنىغا،
قىلىپ تەكلىپ ئۇنى چايۇ نېنىغا،
ئاچار سۆز شۇ زامان تېپىپ باھانە،
كۆيۆ ھەققىدە سۆزلەپ مەغرۇرانە.
ساماۋار ئەھلىمۇ ھەيران قېلىشتى،
چوالقنىڭ بەختىگە "بەللى" دېيىشتى.
2
چوالقنى شۇ ئورۇندا قالدۇرۇپ بىز،
گۈاليىمالر قېشىغا يانىلى تېز.
بەگ ھاجى ئەلچىسى كەتكەچ بۇ يەردىن،
گۈاليىم ياخشىلىقنى كۈتمەي ئەردىن،
نېمە قىلماقنى بىلمەي بېشى قاتتى،
25

كىتاپخۇمار بىلوگى



بېشى قاتماق نېمە ،ھۇشىن يوقاتتى.
ئاياندۇر ھەممە گەپ ،ئىش بولدى مۈشكۈل،
نە مۈشكۈلكى ،ئۈمىدمۇ بولدى بىر كۈل.
ئاسان بولماس ئىدى شىرغا تۇتۇلماق،
لېكىن مۈشكۈل بەگ ھاجىدىن قۇتۇكماق.
سەۋەب :شىر قوغلىسا ،قاچماققا ئىمكان-
تاپار ئاھۇ ،ئەگەر بولسا تىرىك جان.
بىراق ،بۇ بەگ ھاجى بىر باالدۇر،
كىمىكى ئۇچرىسا ،بەختى قارادۇر.
شۇنى ئويالپ گۈاليىم تىترە-تىترە،
كۆزىدىن ياش تۆكۈپ ھەم قەترە-قەترە.
قۇچاقالر لەيلىنى ،ساقالي دېگەندەك،
ئۇنى باغرى بىلەن ئاسراي دېگەندەك.
لېكىن لەيلى بۆلەك ئويالر بىلەن بەند،
ئۇنىڭ بۇ ئويلىرى ئىقبالغا پەيۋەند.
سەھەردە خالىي قالغان باغ ۋە ھويال،
چىقىپ لەيلىمۇ باغقا ئويال-ئويال،
سۈزۈك كۆل لېۋىدە ئولتۇردى جىم-جىم،
بۇنى كۆرگەچ يېتىپ كەلدى گۈاليىم.
دېدى":ۋاي شورى قۇرغۇ شۇم پېشانەم،
نېمە بولغاي كۆزۈمدە قۇرۇسا نەم؛
26

كىتاپخۇمار بىلوگى



بېشىمدىن كەتمىدى ھەسرەت-نادامەت،
ماڭا يولداش ھەمىشە دەردۇ كۈلپەت.
جاپا بىرلە قىرىقتىن ئاشتى ياشىم،
زەھەر بولدى ھەمىشە يېگەن ئاشىم.
نە كۆڭلۈڭ تىندى بىر كۈن ،كۆردى لەززەت،
نە ئەردىن تەلىيىم ،نە كۆردۈم ئىززەت.
مېنىڭدەك بولمىغايسەن لەيلى دەيتتىم،
كېچەلەر ئۇخلىماي بەختىڭ تىلەيتتىم.
قېرىشتى بۇ پەلەك ،كاج كەلدى تەلەي،
نېمىكى تىلىدىم ،ئۇ قاچتى كەلمەي".
دېدى لەيلى":ئانا بولماڭ پەرىشان،
پەرىشانلىق بىلەن كۆپ قىينىماڭ جان.
نېمىكى كەلسە باشقا ئۆز شورۇم دەي،
گۇناھىم قىز تۇغۇلماق ،مەن نە ئەيلەي!
مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن شۇنچە ئەلەملەر-
چېكىپ شامۇسەھەر كۆپ دەردۇ غەملەر،
بېشىمدا بولدىڭىز پەرۋانە گويا،
ئېقىپ كۆزدىن توال ياش ،بولدى دەريا.
لېكىن،جانىم ئانا ،مەن شۇنى ئېيتاي،
بۇ كۆز ياشالر قاچان تاشنى ئېرىتكەي؟
تىلەك بىر گەپ ئىكەن ،تەقدىرمۇ باشقا،
قاچان باقتى زامان ئاققان بۇ ياشقا؟
27

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۇنىڭدىن چۆل-باياۋان نەدە سەن دەپ،
كېرىم بىرلە كېتەي مەن پۈتكۈزۈپ گەپ.
تىلەيمەن ئانىلىق دۇئايىڭىزنى،
قىالي قىبلەم ھەمىشە دەرگاھىڭىزنى".
بۇنى ئاڭالپ گۈاليىم بولدى ھالسىز،
نېمە ئېيتارغا ھەم قالدى ئامالسىز.
پەقەت چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى بىردەم،
يىالن چاققان كىشىدەك تولغىنىپ ھەم.
يەنە شۇ خۇنپەرەس ئەجدىھانى ئەسلەر،
ئۇنىڭدىن چاچرىغان زەھەرنى ئەسلەر.
قايان بارسا ئۇنىڭ شۇم تىرنىقى بار،
ئۇنىڭدىنمۇ يامانراق يارلىقى بار.
يەنە چۆللەر ئارا ئۆي-ماكانسىز،
نېمە غۇربەت چۈشەر باشقا ئامانسىز.
نېمە قىلماق كېرەك؟ بەك ئەزدى قايغۇ،
جۇدالىق كۈنلىرى ئۇندىن قاراڭغۇ.
لېكىن ،راست ئېيتتى قىز ،جىم تۇرغۇلۇقمۇ؟
يېسەڭمۇ مەيلى دەپ ،ئولتۇرغۇلۇقمۇ؟
"يېتىپ قالغۇچە ئەمدى بىر ئېتىپ قال"-
دېگەن سۆز بولغۇسىدۇر ياخشى بىر پال.
شۇ ئويالردىن كېيىن غەمكىن تەبەسسۇم،
تەبەسسۇمكى ،رىزالىق بولدۇم مەلۇم.
28

كىتاپخۇمار بىلوگى



بۇنى لەيلى كۆرۈپ ،كۈلدى-يېيىلدى،
نە كۈلدى ،خۇددى بىر گۈلدەك ئېچىلدى.
ئېسىلدى ئانىنىڭ بوينىغا دەرھال،
سۈزۈك كۆل يۈزىدە ئەكىس ئەتتى بۇ ھال.
3
شۈكۈر كىم ،كەلدى پۇرسەت مەن ئۈچۈن ھەم،
قىالي رەسساملىقىمنى ئەمدى بىردەم.
سىزاي لەيلى ئۈچۈن تەسۋىرىي سۈرەت،
ئەگەر ئىلھام قولۇمغا بەرسە قۇۋۋەت.
بىراق ،كۈتمەڭ ئۇنى رەڭدار-بوياقلىق،
بوياققا ئىستېدات ،رايىمۇ چاغلىق.
مانا ئاددىي بىر ئۇيغۇر قىزى سىزگە،
تونۇشتۇر قارا سۇمبۇل چېچى بىزگە.
يۈزى ئايدەك دېمەيمەن ،چۈنكى ئايدا
ئۇنىڭدەك مېھىرنىڭ يالقۇنى قايدا؟
ئۇنىڭ مەڭزىدىكى بىر دانە خالى
ياراشقان شۇنچىلىك ،گويا جامالى-
ئۇنىڭسىز بولمىغاي گۈلشەندە رەنا،
نە قىلغاي ئايدىكى داغالرغا مەنا؟
29

كىتاپخۇمار بىلوگى



دېمەك ئاي تەڭلىشەلمەس بۇ چىرايغا،
پەقەت مۇڭلۇقلۇقى ئوخشايتتى ئايغا.
گۈزەللەر كۆزىنى ھېچ ئىختىالپسىز
"گويا چولپان"دېگەن شائىر ھېسابسىز.
لېكىن بۇ قىز كۆزىنى ئۈنچە مەسرۇر-
دېيىشكە يوق مېنىڭدە باي تەسەۋۇر.
نە چولپان جىلۋىسى ،بىبەھرى نۇرى،
نە ئويناق ئەركە قىزنىڭ شوخ غورۇرى-
تېپىلماس لەيلىنىڭ كۆزىدە ھەرگىز،
ئەزەلدىن كۆپ خىيالچان چۈنكى بۇ قىز.
تاپاي نەدىن ئۇنىڭ تەسۋىرىگە سۆز،
پەقەت ئاھۇدا بار شۇنداق ئوماق كۆز.
يامان كۆزلەر بۇ كۆزگە چۈشمىگەي دەپ،
كېچەيۇ كۈندۈزى دائىم غېمىن يەپ،
ئۇزۇن كىرپىكلىرى بىدار ھەمىشە،
نە بىدار ،ساقچىدەك ھۇشىيار ھەمىشە.
كىمىكى بىر قاراپ قويسا ئۇ كۆزگە،
تېگەر بىر ئوق كەبى كىرپىك شۇ كۆزگە.
بۇ ئوقكى تەگسە گەر يا جاننى ئالماي،
ۋە يا جان ئالمىسا ،مەيلىگە قويماي،
30

كىتاپخۇمار بىلوگى



قىالر دىلنى ئەسىر قارماق مىسالى،
ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوق ئامالى.
قەلەمدەك قاشلىرى دەپ قانچە شائىر،
گۈزەللەر تەئرىپىگە بولدى ماھىر.
ئەگەرچە لەيلىنى دېسەك قەلەم قاش،
ئۇنىڭ ھەر قېشىغا بىر مەنە يولداش.
نەۋائىينىڭ قولى تۇتقان قەلەمدۇر،
ئۇنىڭ ھەربىر تېلى بىر ئىشىق-ئەلەمدۇر.
فۇزۇلى دەرد بىلەن سىزغاندا سۈرەت،
دېدى ئۆز لەيلىسىنى سەۋرى قامەت.
لېكىن قەشقەر قىزىنىڭ بويىغا خاس-
تەسەۋۇرنى تاپالماي ،ئەييۇھەنناس.
تىلىم تىترەپ ،دىلىم كۆپ چەكتى دىشۋار،
سەۋەبكى بىزدە نە"سەۋرى" سۆزى بار؟
ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۆز سۆزىمىزچە-
قىالي تەسۋىر :بۇ قىزنىڭ بويى غۇنچە.
جاھاندا غۇنچە بوي قىز بەلكى كۆپتۇر،
لېكىن ھېچقايسىسى لەيلىچە يوقتۇر.
دېمەك بارچە گۈزەللىك خەزىنىسىدە
31

كىتاپخۇمار بىلوگى



ۋە يا جۇشقۇن التاپەت باغچىسىدە،
نېمىكى بولسا شۇندىن دەستە-دەستە-
بېرىلگەن لەيلىگە شۇنچە نېسىۋە.
پەقەت شوخلۇق ،غورۇرلۇق چەشمەسىدىن،
تەمەننا نازىنىڭ كەرەشمىسىدىن.
نېچۈندۇر تەگمىگەن بۇ گۈل پەرىگە،
نە گۈلكى بارچە گۈللەر سەرۋرىگە.
تۈرۈپ يەڭ باغدا ئەمگەك قىلسا گاھ-گاھ،
ۋە ياكى چاق ئېگىرسە ئۆيدە تەنھا،
قىالتتى ناخشىنى ھەمراھ ۋە لېكىن-
ئىدى بۇ ناخشىالر مۇڭلۇق ۋە غەمكىن.
گۆدەك چاغدا مۆكۈشمەك ئويناشتىمۇ قىز،
ئەمەستى بالىالردەك شوخ ۋە ئەنسىز.
بىراق ،لەيلى شۇ تاپتا غەيرىي بىر قىز-
بولۇپ قالدى ،ئاجايىپ شوخ ۋە كەپسىز.
بايا كۆرگەچ گۈاليىمدا تەبەسسۇم،
بۇنى بىر رازىلىق دەپ شۇنچە مەسۇم-
بوۋاقتەك بىغۇبار زوققا تولۇپ ئۇ،
ئېسىلدى ئانىنىڭ بوينىغا دەررۇ.
ئېسىلدى ،تاپتى گويا باشپاناھنى،
ۋىسال ئارزۇسىغا ھەم رەمنەمانى.
32

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئېسىلدى ،كۆزدە ياش ،ئۈمىد ،ھاياجان،
گۈاليىم قەلبىنى ھەم باستى تۇغيان.
دېدى يىغالپ گۈاليىم":مەن نېمە دەي،
پەلەكنىڭ كاجلىقىدىن كىمگە نالەي!
بۇيان تارتسام ھارۋا سۇنار ،نېتەي مەن،
ئۇيان تارتسام ئۆكۈز ئۆلەر ،نېتەي مەن.
كېتەرسەن ،مەن قاالرمەن بۇ ماكاندا،
نېمە خوۋلۇق بوالر ئەمدى جاھاندا؟
ئىزا ھەم تەنە-دەشنەم ،دوقمۇ چاغلىق،
ئۆتەر ئۆمرۈممۇ بىر-بىر ساناقلىق.
ئۆلۈم ئاسان ئىدى ئايرىلمىغىمدىن،
قانىتىمنىڭ سۇنۇپ قايرىلمىغىدىن،
لېكىن بولماي سېنىڭ بەختىڭگە زامىن،
ئىالھا ،يەت قىزىم مەقسەتكە ،ئامىن!"
ئانا بەرگەچ دۇئاسىنى مۇئەييەن،
كېڭەش بىرلە جىمى ئىش بولدى جەزمەن:
كېرىم كەلسە ئەگەر كەچتە سوراقالپ،
ئۇنىڭ بىرلە كۆرۈشكەي بىر ئامالالپ.
ئەگەرچە كەلمىسە يا چىقسا توسقۇن،
تېپىپ بىر چارە-تەدبىر ئەتە-ئۆگۈن،
خەۋەر قىلغۇزغۇلۇق بۇنى گۈاليىم
33

كىتاپخۇمار بىلوگى



(كېلىپ قالغاي ئۆزى كەچتە ،ئىالھىم).
ئۈمىد ،ئارزۇ ،ۋىسالغا تەلپۈنۈپ دىل،
نىجاتلىقنى تىلىدىيۇ ،شۇنچە شېرىن،
ھامان ياشلىق ئىدى كۆزلەر ۋە لېكىن.
***
ئايا چەرخ ،قىل بۇ نۆۋەت بىر مۇررۇۋۋەت،
زۇلۇم،بىدادلىقىڭنى قوي بۇ نۆۋەت.
يېتەر شۇنچە ئۇنى كۆيدۈرگىنىڭمۇ،
پىراق بىرلە تىرىك ئۆلتۈرگىنىڭمۇ!
ئۈمىدگە يېتىپ بىچارە لەيلى،
نىجات تاپقاي دىلى مىڭ پارە لەيلى.
قەلەم ،سەنمۇ بۇ گەپنى ئەمدى بەس قىل،
نېمە بۇ ئىلتىجا ،ئىشنى ھەۋەس قىل.
قېنى لەيلى ئۈچۈن مەجنۇن كېرىمىڭ،
ئۆزۈڭدەك باغرى خۇن ،مەھزۇن كېرىمىڭ؟
ئۇنى كەلتۈر ،قېنى خىلۋەتتە كەلتۈر،
ۋىسال باغىغا تېز سۈرئەتتە كەلتۈر!

34

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئۈچىنچى باب
پايدىسىز بىر پارچە گۆشتىنال ئىبارەتتۇر يۈرەك،
پارە-پارە كەسمىسە ئىشىق-مۇھەببەت قايچىسى.
-ئابدۇلال توقاي

0
كېرىم ئاجىز تېرىمچى بىر ماكاننىڭ،
تىكەندەك ئوغلى ئىدى توختىكامنىڭ.
كىشىنىڭ يېرىگە ئەر ئۆمرى ئىشلەپ،
ھامان قالغاچ يەنە لېۋىنى چىشلەپ.
تۈگۈپ بىر كۈن بېلىگە زاغرا ناننى،
سېلىپ ئۆشنىسىگە ياماق چاپاننى،
شۇ كەتكەنچە ئاتا تاغ ئارقسىغا
("بەخت تاپماق"ئۈچۈن ئۆيۋاقىسىغا)،
بۇ يۇرتقا قايتمىدى ،شۇ بولدى بانا،
يېنىشالپ قانچە رەت قايتسىمۇ تۇرنا.
شۇ يىلالر ئىچىدە بۇ بىقارار چەرخ،
يولىدا ئوڭ ۋە سولنى قىلمايىن پەرق،
35

كىتاپخۇمار بىلوگى



ئوقۇپ بارچە باال-شۇملۇققا ئەپسۇن،
تىرىلدى گۆرىدىن گوياكى پىرئۇۋن.
سوقۇپ بوران،جۇدۇن-چاپقۇن ،شىۋىرغان،
تۇمۇغ دەھشىتىدە قالدى تىيانشان.
تارىمنىڭ ياقىسى يىرتىلدى نەچچە،
ئاياغ ئاستىدا قالدى اللە-غۇنچە،
كىمىكى ئەرك دېدى ،باش قالدى تەنسىز،
كۆمۈلدى نى ئەجىب ئەرلەر كېپەنسىز.
ئاساۋ ،قارىغۇ ئەجەل ھەر ياندا كەزدى،
كىمىكى ئۇچرىدى ،دەسسىدى ،ئەزدى.
ئۈچەيلەر ئىلىنىپ جاڭگال گىياھى
شامالدا ھۇشقىتار ماتەم ناۋاسى.
گويا قۇشخانىغا ئايالندى ئۆلكە،
پۇراپ قان ،يامرىدى چىلبۆرە ،تۈلكە.
كۆرۈنگەن ھەممە دۆڭ شېھىت مازارى،
سۆڭەكلەردىن تىكىلدى"شېڭ"مۇنارى.
تىرىكلەر چۆرە-قۇل ،ئىت ئورنىدا خار،
ئۆزىنىڭ يۇرتىدا غۇربەتكە دۇچار.
پىيالە سۇندى ھەم تۆكۈلدى شەربەت،
نىكاھ تەنتەنىسى بولدى مۇسىبەت.
يۇالر چاچ ئانىالر ئوغۇل غېمىدە،
ئوغۇلالر قاتمۇ-قات تۈرمە ئىچىدە.
36

كىتاپخۇمار بىلوگى



كېلىننىڭ چاچلىرى ئاقاردى بىۋاخ،
بوۋاقالر زەنىخى ھەم ئۆچتى بىچاغ.
ئەگەرچە بىر ئۆمۈر يازسا مۇئەررىخ،
نېچۈك پۈتكەي بۇ قانلىق ئەسىرى تارىخ.
يەنە تويماي قارارسىز چەرخ شۇنچە قانغا،
"قىيامەت"دەھشىتىنى سالدى جانغا.
زاۋالنى ئاز كۆرۈپ ،ئەكەلدى تۈننى،
قارا تۈنگە قوشۇپ ئاچچىق تۈتۈننى.
گومىنداڭ كەلدى يۇرتقا ،بولدى پاشا،
قولىدا قامچىسى ،ئاغزىدا غاڭزا.
كۈلىنى قاقتى بىزنىڭ بېشىمىزغا،
پۇتىنى چىلىدى كۆز يېشىمىزغا.
نېچۈك بۇلغاتسا چاڭجىياڭ سۇلىرىنى،
تارىمغا چاچتى شۇنچە زەھىرىنى.
ئاۋۋال باشالپ بوغۇزالپ كۆمدى پەننى،
مائارىپ دېسە كىم ،سالدى كىشەننى.
بۇزۇپ مەكتەپنى قىلدى بىر گۆرىستان،
تىياتىر ۋە كۇلۇبالر بولدى يىڭفاڭ.
تىرىلدى سوپى-ئىشانلىق جاھالەت،
تۇماندەك قاپلىدى ئاسماننى زۇلمەت.
"قىزىلپاچاق" ئاتالدى ھەر زىيالىي،
37

كىتاپخۇمار بىلوگى



كۈنى شورلۇق ،ئايانچلىق بولدى ھالى.
كىمىكى داد دېسە ،كەستى تىلىنى،
تىلى تۇرماق ،تۆكۈپ ئىچتى قېنىنى.
خۇسۇسەن يۈرگۈزۈپ ئىرقىي سىياسەت،
خەلقلەر ئىچىگە سالدى ئاداۋەت.
قىلىپ ئىنكار جىمى مىللەتنى قەستەن،
دېدى":سەنلەر بىر نەسىلداش ئۇرۇق سەن".
بىرىنى ئاقچى سەن دەپ ،بىرىنى كۆكچى،
بىرىنى ئوغرىدۇر ،بىرىنى دوقچى،
دېدى ئەلنى بۆلۈپ مىڭ بىر بۆلەككە،
بۆلۈنگەننى ئوڭاي تېرىپ يېمەككە.
دېدى":بۇ چىگرا خەلقى بېشى تىنماس،
بېشى تىنسا ،تۈگۈلگەن مۇشنى تىنماس.
قىالر ئۈچ يىلدا بىر قوزغىالڭنى،
ھەر ئون يىلدا قىالر ئۇندىن يوغاننى.
كېرەك سالماق ئاڭا زەنجىر-كىشەنلەر،
قىرىلسۇن يىلتىزىدىن ئەرك دېگەنلەر".
قۇرتتەك يامرىدى جاي-جايدا جاسۇس،
ئاياغ ئاستى قىلىندى بىتتى نامۇس.
نە چىن دوستلۇق-ۋاپادىن قالدى زەررە،
قارا ئىتالر ئۈچۈن مول كەلدى مەررە.
38

كىتاپخۇمار بىلوگى



نە تىنىچلىقتىن ئەسەر ،نە بەرىكە ئەلدە،
نە قالدى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەكتە ،بەلدە.
زۈلۈكتەك شورىدى قاننى بۇ "لويا"،
كىشىگە كەڭ جاھان گۆر بولدى گويا.
زامانە زورغا بولدى ،قايغۇ كورغا،
قاچان باققان زامانە كۈنى شورغا!
كىمىكى تاپتى يۈز ،گۈللەندى يۈز-يۈز،
كىمىكى ناتىۋان ،باغىدا كەچكۈز.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ بولدى ھەر چاغ،
پۇلى يوقنىڭ بېشىغا كەلدى دوزاخ.
تېرىمچى بىر چوالق كەتمەندە قالدى،
ماتاچى مىڭ ياماق چەكمەندە قالدى.
غىچىلدار ھارۋىنىڭ چاقى قەدەمدە،
كانايغا بولمىسا ،سۇنايغا نەدە!
ئەگەر سوزسام بۇ گەپلەرنى يازاي دەپ،
قەلەم-قەغەز بىلەن تۈگەرمىدى گەپ.
ئۇنىڭدىن ياخشىسى باشالي كېرىمدىن،
بايا باشالپ چاال قويغان يېرىمدىن.
زىمىستان دەھشىتى گەر بولسا قانچە،
بوران ھۇۋالپ ،ئۇرۇپ تۇرسىمۇ قامچە،
ۋە ياكى شاخىغا ھەر كۈندە پالتا-
39

كىتاپخۇمار بىلوگى



تېگىپ ،ئۆمرىنى گەرچە قىلسا كالتە،
پۈكۈلمەي قامىتى ،سولماي جىاللى،
ھامانە تىك تۇرار قارىغاي مىسالى.
ئۆسۈپ يەتتى كېرىممۇ ياش قۇرامغا،
بولۇپ ۋارىس يەنە شۇ توختىكامغا.
ۋە لېكىن تەلەيدىن كۆپ بولدى شورلۇق،
قىلىپ نامەردە زامانە توال زورلۇق.
بىرى ئورتاق دېدى ،خاماننى ئالدى،
بىرى ئالۋان دېدى ،قالغاننى ئالدى؛
بىرى ئۆشرىگە دەپ ،توپاننى ئالدى،
بىرى يامۇلغا دەپ ،ساماننى ئالدى؛
بىرى چىرىككەن دەپ ،ئوتۇننى ئالدى،
بىرى بەگلەرگە دەپ خۇرجۇننى ئالدى؛
بىرى ئامبالغا دەپ ،مەي پۇلى ئالدى،
بىرى مەيگە قوشۇپ ،سەي پۇلى ئالدى؛
ئېشەكنى سەيسىگە دەپ دورغا ئالدى،
توقۇمنى بىر دۇئاغا مولال ئالدى؛
بىرىدىن بىرى كۆپ قىزغاندى ،ئالدى،
كېرىمنىڭ ئىككىال ھەمراھى قالدى:
بىرىدۇر ئانىسى زورەمخان ئاچام،
بىرى نەي ،قولىدىن چۈشمەس سەھەر-شام.

Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Qeshqer Kechisi - 2
  • Büleklär
  • Qeshqer Kechisi - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 3692
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2172
    14.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qeshqer Kechisi - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 3723
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2173
    15.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qeshqer Kechisi - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2132
    16.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qeshqer Kechisi - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 3695
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2108
    16.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qeshqer Kechisi - 5
    Süzlärneñ gomumi sanı 2687
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1592
    17.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.