Latin

Qan Tepchirgen Afghanistan - 09

Süzlärneñ gomumi sanı 3565
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
11.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛپ
ﻗﺎﺭﺍپ -ﺋﺎھ ﺧﯘﺩﺍ-ﺩەپ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﯘﻣﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺟﺎۋﻏﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ
ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﭼﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ
ﺋﯧﭽﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ! ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﺎھ ﺋﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ
ﺋﯘ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﯚﻟﻠﯜﻙ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﻯ .ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭘﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﯟﯨﺪﻯ،
ﺳﺎﻥ-ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻕ ﺋﯩﺰﻯ! ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﻰ ﺗﻪﺷﻤﻪ -ﺗﯚﺷﯜﻙ
ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ! ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻣﻪﯕﺰﯨﻨﻰ
ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﺎﻗﺘﻰ! ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﺪﻯ.
_ ﺋﯩﻤﺎﻧﺴﯩﺰ ،ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻧﺴﯩﺰ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺴﯩﺰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍپ
ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ ،ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﮔﯘﻧﺎھﺴﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ،ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺰ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻤﯘ ،ﺑﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ! -ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ،ھﻪﻣﺪە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﮔﻪ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ -ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺩەھﺸﻪﺕ! ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﯘ! ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ،ﺭەھﯩﻤﺴﯩﺰ ۋەھﺸﻰ
ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ!-ﺩەپ ،ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﯘﭼﯩﺮﻟﯩﺘﯩﭗ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪە
ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺧﻮپ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ،ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﻮﭼﯘﻗﭽﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺋﯩﺘﻼﺭ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﻰ
ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ-ﺩە،
ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﺎﻟﯩﻴﻮﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﭽﻰ
ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ
ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟﺍﻻﻳﻠﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ
161

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭەﺭﻣﯩﺰ .ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭘﯩﻴﺎﺩە ﻗﯩﺴﯩﻢ
ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼھﺘﯩﻦ ﭘﺎﻧﺎھﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ .ﺑﯘ
ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ
ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗپ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ
ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺭە
ﺗﯚﭘﻪ ،ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭە ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﻯ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ۋە ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ
ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪ ﺑﯘﻏﯘﻟﯘپ ،ﻗﯧﻘﯩﻨﺪﺍپ ﻳﯩﻐﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺩﺍﻟﺪﯨﺴﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﭙﭽﻪﻛﻠﻪپ ﺑﯩﺰەﭼﻪ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ،ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎۋﺍﻳﻼپ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﻯ.
ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗﺘﻰ ۋە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ
ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯟﺍ
ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﻰ ۋە ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ
ﻣﯩﻬﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎھ! ﺧﯘﺩﺍ .ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ -ﺋﺎۋﺍﻝ ﺋﯘ
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﻴﻮﻟﺪﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ! ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻻﭘﻼ ﭼﻮڭ
ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﺎھﻤﯘﺩﺗﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩەﻗﯩﻘﻪ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺭﺍﺗﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ! ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺮﻭھ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ
ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﻪﺯﻣﻪﻛﺘﻪ .ﺋﯘ ﺋﯩﭻ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍپ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ
ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺳﯩﻤﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ،ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﻧﺎ! ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻼھـﻨﯩﯔ ﺧـﺎھﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ،ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﺷﯧﻬﯩﺪﻟﯩﻚ ﻣﻪﺭﺗﯩﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ .ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ
ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻧﺪﯨﻼ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ! -ﺩﯦﺪﻯ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ
ﺑﯧﺮﯨﭗ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼھ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻏﺎ،
ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺟﺎﺳﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ،
162

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ﺭﻭھﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﺮ
ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺗﯩﻼۋەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼھﺘﯩﻦ
ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﺗﯩﺒﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﻪﺷﺘﻰ .ﺩﯗﺋﺎﺩﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭙﻼ ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺘﻰ:
ﺑﯩﺰ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭەﻙ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻪﺵ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!
ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ
ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﻻﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﻱ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ
ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ
ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺋﯜﯕﻜﯜﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺨﻪﺗﻪﺭ ﺟﺎﻱ.
ﻛﻪچ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﻣﯚﻛﯜﻧﯜپ ،ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻳﻤﯩﺰ ۋە ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺩەﭘﯩﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ھﺎﺯﯨﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﻰ
ﺩەﻗﯩﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ
ﻳﯜﮔﯜﺭەﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻰ ﮔﯜﺭﯛﻟﺪەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯەﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﻳﯜﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ
ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺩﯛﻡ ﻳﺎﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮەﺭ ﺗﯜپ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ،ﻳﺎﻛﻰ
ﻳﻮﻏﺎﻧﺮﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺩﺍﻟﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻪﻟﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯧﺨﻪﺗﻪﺭ.
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭙﻼ ﺩﺍﻟﺪﺍﻗﺎپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ
ﺋﻮﭼﯘﻗﭽﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻤﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﺎﻕ
ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﭘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﯩﺪەﻙ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼپ
ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ:
ھﻪﻱ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺗﯘﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﺪﯨﻦ!
_ ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯩﻚ
163

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺭﺍﺗﻪﺑﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼپ ھﯧﭻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ
ﺋﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻐﺎﻧﯩﺪەﻙ ﭼﺎﻟﯟﺍﻗﺎپ.
_ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﻧﺎ! ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﻟﯜپ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯘ! ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺟﺎﻥ
ﻛﯩﺮﮔﯜﺯەﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺯ ھﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ
ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ .ﻣﯘﻧﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼڭ .ﺩەﺭھﺎﻝ
ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛڭ.
_ ﻳﺎﻕ ،ﻳﺎﻕ!
ﺋﯘ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ ۋە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼﻳﺘﺘﻰ.
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻏﻪﺯەپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﺪﻯ-ﺩە ،ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺵ
ﭘﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﻮﻣﺪﺍﺧﻼپ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ:
ﺋﺎﯕﻼپ ﺗﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ،ھﻪﺭﺑﯩﺮ ۋەﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ،ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ۋە
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ
ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﻪﻣﺪﯗﺭ! ﮔﯧﺰﻯ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ،
ﻛﯘچ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ! ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻼپ ﻗﻮﻳﻜﻰ ،ﺳﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻻ ﺩەﺭﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ
ﺋﻪﻣﻪﺱ! ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻧﻜﻰ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ،ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ.
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘپ
ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ .ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﻴﻤﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ
ﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ ،ھﻪﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ،ھﻪﻣﺪە ھﯧﭻ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ
ھﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﺯﯨﺴﻰ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﺭەھﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺑﻮﺧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ
ﺭﺍﺗﻪﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ.
ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺧﯧﻴﯩﻢ-
164

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺧﻪﺗﻪﺭﺳﯩﺰ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻬﻜﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ
ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﯘۋﺍﻗﻼپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﺎﺧﺘﯩﺪەﻛﻼ
ﻧﯩﭙﯩﺰ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪپ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺳﯜﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﺭﯨﺪەﻙ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪپ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ
ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻼھ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻬﻜﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻏﯘۋﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﯩﻨﺪەﻛﻼ ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺘﯩﻦ ﺷﯜﺭﻛﯜﻧﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.
_ ﺋﺎھ ،ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻐﯘ؟ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﻳﯧﺘﯩﭗ
ﻛﯧﻠﯩﭙﺴﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ.
_ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻪﺭﯨﻢ ھﺎﻝ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ
ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﭗ.
_ ﺗﻮﺧﺘﺎ ﻛﻪﺭﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﯟﯦﺘﻪﻳﻠﻰ،
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻣﺨﯘﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ،ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﯩﺮەﺭﺳﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜپ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﯩﻜﻰ
ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺘﯩﭗ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﺸﺘﻰ ھﻪﻣﺪە
ﺳﯩﺮﯨﺘﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ۋە ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ھﺎۋﺍ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻳﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻰ.
_ ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﯨﯔ؟-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍپ.
_ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ،ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﯧﺰﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﯜﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻮﺭﯨﯟەﺗﺘﻰ .ھﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ،
165

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗپ ،ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺗﻜﯩﭽﻪ ،ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭ
ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻼ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻤﯘ
ﺯﯙﺭﯛﺭﻯ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ
ﺑﯩﺮ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ
ﺗﯧﺨﻰ
ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ
ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﯟﯦﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ!.
_ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ؟
_ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﻗﻮﺷﻨﺎ
ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ،ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪ-
ـﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪپ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻝ-
ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ۋە
ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺷﯘﯕﺎ
ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺰ-ﺩەپ ،ﺑﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﺘﯘﻕ.
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯨﻐﯘ!
ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺩەﻣﻠﯩﻚ ﺟﺎۋﺍﭘﺴﯩﺰ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ -ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺑﯘ ۋﺍﺩﯨﻼﺭﺩﺍ
ﺭﯗﺱ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺭﯛﻟﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎۋﺍﺯﯨﻨﻰ ،ﺋﻮﻕ
ﺋﺎۋﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟
_ ھﻪ ﺋﻪ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ!
_ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﻣﯘﻧﯘ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ـ ﺳﯩﻤﺎ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ
ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ھﺎۋﺍﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ
ﺋﯜچ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭﺍﺗﻪﺏ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻕ ﺑﻮﻣﺒﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼپ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ.
166

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

_ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻨﻰ ﺷﺎﺕ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﯘﻥ! ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ ﺋﯚﺯەﯕﻼﺭﻧﻰ
ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰھﺎﺭ
ﻗﯩﻠﯩﭗ.
_ ﺑﯩﺰ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ!-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ۋە
ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﻯ.
ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ
ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯜﻣﻜﻪپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ
ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ.
ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ،
ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ
ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎپ

ﭼﯚﻟﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻧﻼﺭ
ﺋﯜﯕﻜﯜﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ۋﺍﻗﯩﺖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ھﻪﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ
ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﻏﯘﻧﭽﻰ
ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﯩﺸﻰ ﺗﺎﻍ-ﺩﺍﻻﻻﺭﻧﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ
ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯜﻡ ۋەھﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ .ۋﺍﻗﯩﺖ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯚﺭﯛﻟﯜپ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﯜﻥ
ﭼﯜﺷﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ۋە ﻏﻪﻡ-ﻗﺎﻳﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ،ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗپ ،ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ
ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰ ﻛﯧﭽﻪ ،ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ
ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ۋە ﺭﻭھﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ
167

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯨﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﻯ ھﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﻰ
ﺳﻪﺯﻣﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ،ﺳﯜﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﺷﺘﻪﻛﻼ ﻗﯧﺘﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ھﻪﺭ ﺩەﻗﯩﻘﯩﺪە ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭙﻼ ﺟﺎﻥ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ھﯧﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ،ھﻪﺭ
ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ھﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛپ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ
ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﯩﺰﻯ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪ
ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ .ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ
ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ،ﺑﯘﺩﺭﯗﻗﻘﯩﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﮔﯧﺮە ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﺘﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ھﺎﺯﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﻧﯩﻐﺎ،
ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ
ﮔﯧﺮە ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﺑﺎﺳﺘﯩﻜﻰ ،ﺋﯘ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﯧﻬﯘﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ،ﭼﺎﻻ ﺋﯚﻟﯜﻙ ھﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ
ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ،ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ
ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﻮﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺑﯩﺮ
ﺗﻮﻏﺮﺍﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗپ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻗﻮﺯﯨﭽﺎﻕ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
ﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ.
ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ -ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﻳﻠﯩﻤﯘ ،ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻤﯘ
ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭپ ،ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺷﺘﻮ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ
ﭘﻪﺱ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ
ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻬﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩەﭘﻨﻪ
ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻛﻪﺭﯨﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩەۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﯩﺪﻯ.
168

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗـﯘﻳﺎﺵ ھﺎﺭﺍﺭﯨﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﻍ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،
ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﻣﺪﺍﻧﺪەﻙ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺩﯨﻤﯩﺦ ھﻪﻡ
ﻧﻪﻣﺨﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻏﺎﺗﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺭﯨﻢ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ،ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﭽﻪ
ﺯﻭﯕﺰﯨﻴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ،ﺋﺎﻏﯩﺰﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺧﻮﺭەﻙ
ﻛﯧﭽﯩﻠﻪپ
ﻗﺎﻧﭽﻪ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ
ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ
ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮەﻙ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ .ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺗﻪﺭﯨﺰﺩە ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻢ ھﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﯘﺯﺍﻧﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﭼﯧﻬﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﺗﯜپ ،ﭼﯚﭼﯜپ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ
ﺋﯘﻳﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯘﺯﯨﺴﻰ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻣﯘ ﺋﯘﻳﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
ﭼﯚﭼﯜپ ،ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﻳﻪﺗﺘﻰ.
ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ،ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺗﺘﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯩﻴﻨﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻛﯚﺯ-ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗپ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ-ﭘﯩﻜﺮﻯ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜﻳﯩﺪە
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭەﻙ-
ﺑﺎﻏﺮﻯ ﭘﺎﺭە-ﭘﺎﺭە ﺗﯩﻠﻐﯩﻨﺎﺗﺘﻰ! ﺋﯘ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻏﻪﺯەپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯧﻐﯩﺮ ھﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ،ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯜﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩەﻗﯩﻘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﺋﺎﺳﺘـﺎ ،ﺋﺎﺳﺘـﺎ ﻛـﻪﭼﻜﻰ ﺷـﻪﭘﻪﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯘچ ﺷﻮﻟـﯩﺴﻰ ﺗـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ۋﺍﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﯩﻠﻰ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﯘۋﺍﻗﻼپ
ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ .ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘپ:
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ.
ﺑﯩﺰ ﺋﯜچ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩەﭘﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻳﻠﻰ ،ﺋﺎﻧﭽﻪ
169

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯘﺯﯗﻥ ھﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ.
ﺋﯘ ،ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﯜﻛﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،
ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ:
_ ﻳﺎﻕ ،ﻳﺎﻕ .ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﺯەﺭ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ
ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎپ.
_ ﺳﯩﻤﺎﺧﯧﻨﯩﻢ ،ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻻﻱ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﻧﺎ! ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘڭ .ﺳﯩﺰ
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﺑﺮﻯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯ ﺟﯧﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺴﯩﺰ
ﺧﺎﻻﺱ .ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ
ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎڭ ﻳﻮﺭﯗپ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﻜﺎﺷﺸﺎڭ
ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺨﻪﺗﻪﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ
ﻛﯧﺮەﻙ .ھﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ-ﻳﯚﻟﻪﻛﺘﻪ
ﺑﻮﻟﯘڭ! ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﺩە
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺯەﺭﺩە ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ
ھﻪﻣﺪە ﻣﯘﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪەﻙ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﻧﯩﺨﺘﯩﺪﻯ.
_ ﻳﺎﻕ ،ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ!
ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﯘﻥ -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ
ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ ھﻪﻣﺪە ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﺭﯨﺪﻯ ۋە:
_ ﺋﺎﻧﺎ! ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ھﻪﻡ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ .ﺳﯩﺰﻣﯘ،
ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯘ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻗﻮﺭﺳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ
ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ،ﭘﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺰ ﻳﯜﺭەﻟﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.
ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜڭ ،ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﺩە ﻗﯧﻠﯩﯔ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ
ﺳﯚﺯﻟﻪپ.
_ ﻳﺎﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ
170

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﯩﻢ ﺑﺎﺭ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ.
_ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﻗﻮﻱ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ،ﻧﻰ ـ ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ .ﺑﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﺩە ﺑﯩﺮ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯧﻠﯩﺶ ھﯧﭻ ﮔﻪپ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ-
ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﯜچ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ
ﺟﺎﻥ ﭘﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ،ﺋﺎﺭﺯﯗﻻپ ﺋﺎۋﺍﻳﻼپ ﺗﯘﻏﯘپ
ﭼﻮڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ھﺎﻳﺎﺕ ﻣﯩﯟﯨﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ۋﯦﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﺳﯩﻨﻰ،
ﺭﺍﺗﻪﺑﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭەﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻻ
ﻳﯩﻐﻼپ ﻗﯘﺭﯗپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺭەھﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯘﻳﺎ ﺋﻪﻣﺎﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ،ﺗﺎﻍ
ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩە ﺳﯜﺯﯛﻟﯜپ ،ﺑﯩﺮﺩە ﺗﯜﻡ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﺷﯘپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ
ﺯﯗﻟﻤﯩﺘﯩﺪە ،ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﻣﻪھﻜﻪﻡ
ﻳﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ،ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﻝ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋـﻪﺭﻛـﯩﻨﻠـﯩﻚ ،ﺋـﺎﺯﺍﺗـﻠﯩﻖ ﺋـﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ،ﺋـﯚﺯ ھـﺎﻳـﺎﺗـﻠـﯩـﺮﯨـﻨﻰ
ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ!
ﺋﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ!
ﺋﯘ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﻻپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺳﯜﺭﺗﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ھﺎﻝ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪپ ،ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ ﺑﯧﺮەﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﺋﯩﺪﻯ .ﺭەھﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ
171

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘپ ،ﻳﯚﻟﻪپ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ
ﻗﻮﻝ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ ﻳﯧﻴﯩﭗ
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ .ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ۋە ﺋﻮﻣﺎﻕ
ﻗﯘﺯﯨﺴﻰ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺗﻪﺳﻜﻪﻳﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﺯﯗﻟﯘپ ،ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻗﻪﺩەﻣﭽﻪ
ﻧﯧﺮﯨﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ
ھﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻬﺎﺗﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻳﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﻥ ﻗﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﻪﺵ
ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺩەﭘﯩﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﻣﭽﻪﻙ ،ﺯﻭﻣﭽﻪﻙ ﻗﻪﺑﺮە ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ
ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺑﯘ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ
ﺟﻪﺳﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ،ﺧﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ
ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ
ﺋﺎﺯ ﺗﯩﻤﯩﺴﻘﯩﻼپ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ،
ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺯﺩﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ
ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭەﻙ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ .ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻮﭘﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﮔﯘﻧﺎھﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﯧﻬﯩﺖ
ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﺎﻧﭽﯩﭗ ﻗﻮﭼﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ
ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ۋﺍﻱ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎﻻﻡ -ﺩەپ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ ۋە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ
ﻳﻮﭘﯘﻗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﻣﯘﺯﻻپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﯚﻳﺪﻯ! ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﯨﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘپ-
172

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

_ ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﻰ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻦ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ۋﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚپ ﺋﻪﻣﻪﺱ!-
ﺩﯦﺪﻯ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ .ﺋﯘﻻﺭ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﯜپ
ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺭەھﯩﻢ ھﯚﯕﺮەپ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘپ
ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﯘپ
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺭﺍﺗﻪﺏ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ۋە ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﻢ
ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ
ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﺯﯗﻗﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﻰ
ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﺪﻯ ،ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ
ﺳﯚﻳﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭھﻰ
ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ
ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺪﻯ ،ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺪﻯ -ﻛﯩﭽﯩﻚ
ﻗﻮﺯﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜۋﯦﺘﯩﺶ! ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ
ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ!
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﻠﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﻮﻏﯩﺰﯨﺪﺍ
ﺑﯘﻏﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﯚﺭەپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ.
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ۋە ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺗﻪﺑﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﯜپ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﻰ .ﺭەھﯩﻢ
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ ھﯚﯕﺮەپ
ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ
ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ ۋە :ﺋﯘﻛﺎﻡ! ﺑﯘ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ
ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ
ﻳﯩﻐﻼﺵ ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺳﻪﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺘﺴﻪﻥ ،ﺩﺍﺋﯩﻢ
ﺟﺎﺳﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘڭ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ
ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ھﻪﻡ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ھﻪﻡ
ﺟﺎﺳﺎﺭەﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،
173

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺟﯩﻠﯩﺘﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،
ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ۋە ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭە ﺋﻮﻗﯩﺪﻯ .ﺗﯩﻼۋەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﺋﺎﻟﻼھﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ -ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ
ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ،ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ
ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ
ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﺭﺍپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ
ﺭﯗﺱ
ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ،
ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ
ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ
ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ .ﺩﯗﺋﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻗﺎﺯﻏﯘﭼﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ
ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ
ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
_ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﭘﻪﺱ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﭘﯩﻠﯩﮕﻪچ ،ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ
ﺑﯧﺮﯨﭗ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﯩﺪەﻙ ﻣﺎﺩﺍﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ
ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﯩﻴﺴﺎﻳﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯘﻏﯘﻟﯘپ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎۋﺍﺯﯨﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺋﯩﺪﻯ.
_ ﻣﻪﻥ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯩﻢ! ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺟﻪﺳﻪﺕ!-ﺩەﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ.
_ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻛﺎﯕﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻣﻪﻥ .ﺳﻪﻥ
ﺋﺎﭘﺎﯕﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯚﻟﻪپ ﻣﺎﯕﯩﺴﻪﻥ ،ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ!-
ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎچ.
ﺭەھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﺧﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ،ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻗﻮﻟﺘﯘﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﻟﯩﺪﻯ .ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ
ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ.
174

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﻐﺎ
ﻛﯚﻧﯜﻛﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻍ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﯧﻐﺮ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺭﺍپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎپ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﻯ
ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﮔﻪ
ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ
ﺗﻮﺧﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ-ﺩە ،ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪھﻪﻝ
ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩەﺳﺴﯩﮕﯜﺩەﻙ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎپ
ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ،
ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ
ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩە ﻗﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ -ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﯩﻼﺭ ﺗﯩﺸﯩﻠﯩﭗ ،ﭘﯘﺗﻰ ﺗﻪﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ
ﺗﯘﺯ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺵ ﺗﻪﺭﻟﻪپ
ﭘﯘﺗﺘﺎ ﺗﯜﺯﯛﻛﺮەﻙ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘ ﺷﯘ
ﺗﺎﭘﺘﺎ ﻣﻪﺳﺨﯘﺷﺘﻪﻙ ﺩەﻟﺪەﯕﻠﻪپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻤﯘ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﻼپ ﻣﯧﯖﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ -ﺩە -ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯘﯕﻤﯘ ﻗﺎﭘﯩﺮﯨﭗ
ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﺎ؟
_ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪپ.
_ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ! ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺋﺎﭘﺎ! ﺑﺎﻻ ﺗﻪﻛﻜﯜﺭ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﻤﯩﻼﺭ
ﺗﯩﺸﯩﻠﯩﭗ ﻛـﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺮەﻙ ،ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻛـﯚﻳﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻢ -ﺋﯩﯖﺮﯨﺪﻯ ﺭەھﯩﻢ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ.
_ ﺳﯩﻤﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ ،ﺋﺎﻧﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﺎ! ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩەﻟﺪﯛﺳﻠﻪپ
ﻣﯧﯖﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﻛﻼ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ! ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﻟﯩﻚ
ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎۋﺍﻝ ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ۋە ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ
175

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﺗﺎﯕﺪﻯ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە
ﺗﯚﺕ ﻏﯘﻻچ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻤﺎﺵ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼپ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻨﻰ
ﺩﺍۋﺍﻡ ﺋﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﭽﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ
ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺑﯘ ﺯەﻧﺠﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ
ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﭼﯘﻗﯘﺭ ھﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﻛﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ
ﺋﺎﺳﻤﺎ ﻗﯘﺯﯗﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﯩﻚ
ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﺘﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﻡ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮔﯜﻣﯜﺭﻟﯜپ
ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ھﻪﻳﯟە ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎ ،ﺋﻮڭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩەﻡ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ
ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ھﺎﯕﻼﺭ!
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ -ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯚﺯەﯕﻼﺭﻧﻰ
ﺭﯗﺳﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎۋﺍﻳﻼپ ،ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ
ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﯧﺴﯩﯖﻼﺭ! ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ھﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﯕﻼﺭ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ
ﺋﺎﮔﺎﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ .ﻗﺎﭘﺘﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪپ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ
ﺗﯧﯖﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﺯﻻ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ
ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ-ﺩە ،ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﻣﺪە ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ،
ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﻡ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪەﻙ ﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ،ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ .ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ
ﻳﻮﭼﯘﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘۋﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﻪ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻨﭻ-ﺋﺎﺭﺍﻣﯩﻨﻰ
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯜﺭﻛﯜپ ،ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ
ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻨﻼ
176

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺗﺎﺗﯩﻼپ ﺋﯚﺗﯜپ ،ﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺪﻯ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﮕﻪ
ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺘﯩﻦ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻱ ﻗﯩﻴﺎﻏﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ.
ﻛﯧﻠﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ،ﺋﯘ ﻗﯩﻴﺎﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺪﻯ،
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻐﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ،ﺗﻪﺭﻟﻪپ ﻳﯚﻝ
ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ
ﻗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘۋﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ،ﻗﻮﻟﻰ
ﺗﻪﻛﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﻣﯘﺭﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻱ
ﺑﻮﻏﯘﻕ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﭘﻪﺳﺘﯩﻜﻰ ھﺎﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻤﯘ
ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻟﻼھﻐﺎ ﺷﯘﻛﺮﯨﻜﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ
ﻗﺎﻟﺪﻯ! ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺩﯙۋﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺋﺎﺳﺘﻰ
ﺑﻮﺵ ﻗﯘﻡ ﮔﯜﻣﯜﺭﻟﯜپ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﺩﻭﻣﯘﻻپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺩﻭﻣﯘﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺟﯩﺰە ﻛﻪﺑﻰ! ﻛﯩﭽﯩﻜـ-
ﻛﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻗﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ھﺎﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ،ﻣﯜﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ
ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﯘ ﻳﺎﺭﻻﻧﻤﯩﺪﻯ .ﻛﻪﺭﯨﻢ
ﻗﯩﻴﺎ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺘﺘﻰ.
_ ﺋﺎﭘﺎ! ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﭘﺎ! ﺳﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ،ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻪ-ﺩەﻳﺘﺘﻰ ﺭەھﯩﻢ
ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ.
_ ھﻪ ﺋﻪ ،ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﻣﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ .ﻗﻮﺭﻗﻤﺎ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ
ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ .ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﻰ
177

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺳﯚﺭەﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ .ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ
ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ
ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،
ﻗﺎﭘﺎﺗﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻳﯘﻟﯘپ ھﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺗﻪﺭﻟﻪپ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻳﺎﻗﺘﺎ
ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ
ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘ ،ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ.
_ ﺋﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯖﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍپ ﺑﺎﻗﺎﻱ ،ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﺎﺭﺗﯩﯟەﺗﺘﯩﻜﯩﻦ-ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ.
_ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﺭەھﯩﻤﻤﯘ ھﻪﺭ
ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪﯕﻼ ﺟﺎۋﺍپ ﺑﻪﺭﮔﻪچ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﭗ.
_ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻏﯘ .ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ
ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪەﻙ ﭼﻮﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ-
ﺩﯦﺪﻯ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﯩﺮﻧﯩﭗ ھﻪﻣﺪە ﻳﺎﻧﭽﯘﻏﯩـ-
ـﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﻪﻣﺘﯘﺭﺍﭼﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼپ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻍ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ھﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﻧﻪﭘﻪﺳﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ھﯜﻣﯜﺩەﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻕ
ﻏﺎﺟﯩﻼپ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﻳﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺟﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺯ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ
ۋﯗﺟﯘﺩﻯ ﭼﯩﻠﯩﻖ-ﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩەﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ
ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺒﻮﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻴﯩﻦ ھﺎﻟﺪﺍ.
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ھﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ
ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻕ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ھﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ -ﻳﯚﻟﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯧﭽﯩﮕﻪ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺗﻼ ھﺎﺭﺩﯗﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ھﺎۋﺍﺩﺍ
178

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﮔﯩﺪﯨﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯜﻣﯜﻟﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ھﺎﻟﻘﯩﺪﻯ .ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ،
ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ،
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻟﻨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ
ﺗﻮﻏﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﻧﺎﻥ ﺋﯚﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ
ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻏﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ھﯧﭽﻨﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﺍﻡ
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﻥ ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ
ﭼﯩﮕﺮﺍﺳﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ
ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ.
ﺑﯘﻟﯘﺗﺴﯩﺰ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﺎ -ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯚﺯﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ،
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﮔﯜﻧﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ،ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺭﺍ -
ﺑﺎﺭﺍ ﺗﺎڭ ﺷﻪﭘﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﯟﯨﺪﻯ ،ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﺑﯘﺭﯗﻟﯘپ:
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ! ﺑﯩﺰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯩﮕﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﺎڭ ﺳﯜﺯﯛﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎۋﺍﻝ ھﻪﻣﺪە
ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﺮﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯜپ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺴﺘﯩﻬﻜﺎﻡ ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ! ﻛﻪچ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﯕﻜﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﻧﯘپ ،ﻛﯧﭽﯩﺪە ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ
ﺋﯧﺘﯩﻤﯩﺰ .ﺗﻪﺑﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ
ﻳﯩﮕﯜﺩەﻙ ﻧﺎﻥ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ .ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ! ﺷﯘﯕﺎ
ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﻣﻪﻧﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻏﻪﻳﺮەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ
ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﻪﻳﻠﻰ! -ﺩﯦﺪﻯ ھﻪﻡ ﻳﺎﻟﯟەﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ھﻪﻡ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ
ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎھﺎﯕﺪﺍ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ
ﺗﯜﮔﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ،
179

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ھﻪﻳﺪەﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ھﯧﭽﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﻣﯘ ﺟﺎۋﺍپ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﺎﺩﯨﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ﭘﺎﺧﻼﻧﻼﺭﺩەﻙ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ
ﻳﯜﺭﯛﺷﻪﺗﺘﻰ .ﺗﺎڭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻍ
ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ھﻪﺷﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Qan Tepchirgen Afghanistan - 10
  • Büleklär
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3363
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1885
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3546
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1887
    11.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3481
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1972
    11.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3513
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    11.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3537
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2023
    10.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3581
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2020
    11.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3572
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1948
    10.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3626
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1923
    10.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3565
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
    11.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3573
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1847
    10.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1781
    11.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 2320
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1369
    14.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.