Latin

Qan Tepchirgen Afghanistan - 04

Süzlärneñ gomumi sanı 3513
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
11.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻧﻪﻳﺰە
ﺳﺎﻧﺠﯩﺸﻨﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﻐﺎ ﺋﯜﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺑﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ ۋە ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻧﻪﻳﺰە ﺗﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﯩﭗ
ﻛﻪﺗﻤﺴﻪﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﺩەﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ،ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍپ ،ﻳﺎﻛﻰ
ﻣﯩﺪﯨﺮﻻپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼپ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼھﺘﯩﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻴﺘﻰ.
63

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻕ ﻣﯚﺟﯩﺰە ھﻪ! ﺋﺎﻟﻼھ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻧﻪﻳﺰﯨﺪﯨﻦ
ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺭەھﯩﻢ ﻗﯩﻤﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﭘﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎۋﺍﺯﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ
ﺳﺎﺩﺍ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ.
_ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ھﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ .ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ،
ﻛﯚﺭﭘﯩﻠﻪﺭﻛﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
_ ﻳﯜﺭ! ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ
ﻗﯩﻠﯩﭗ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﺪەﻙ
ﻳﯜﻛﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗ ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ
ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻣﯘ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ
ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺋﯘھ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.
_ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻡ ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﯧﺮەﻣﺴﯩﺰ؟
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺩﯨﻦ._ ﻳﺎﻕ ﺋﺎﻧﺎ ،ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺰ-
ﺩﯦﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻝ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ.
ﺑﯩﺮ ھﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺩﺍﻻﻥ
ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻳﻪﻧﻪ
ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻣﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ۋە -ﺑﯩﺰ ھﯧﭽﻨﻪﺭﺳﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ
ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ-ﺩﯦﺪﻯ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
_ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺪﻯ؟
_ ﻳﺎﻕ ،ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ!
_ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە؟
_ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ.
_ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰﻛﻰ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ
ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪۋەﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ھﻪﻡ ﺑﺎﻧﺪﯨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ
64

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛۋﯦﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ
ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﺮ
ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﺎ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ
ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻗﯧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ! _ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
_ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﺎﻧﺪﯨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻛﺎﺑﯘﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ .ﺑﻪﻟﻜﻰ
ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ھﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
_ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﯕﻼﺭ .ﺋﯘ
ﺩەﺭھﺎﻝ ﻛﺎﺑﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯘﻥ.
ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﮔﯚﺩەﻙ .ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﯩﺘﯩﻨﻰ
ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ-
ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺩﯨﺪەﻙ ﻗﯧﺘﯩﭗ ھﻪﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ
ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻪﺭﺩﻯ _ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ!
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ
ﺗﯧﯖﯩﻘﻨﻰ ﻳﻪﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ -ۋﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ!
ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺴﻪﻧﻐﯘ!
_ ﺋﺎﭘﺎ ﺑﯩﻠﯩﮕﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻛﯚﻳﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻛﯚﻳﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ-ﺩﯦﺪﻯ
ﺭەھﯩﻢ ﺋﯩﯖﺮﺍپ .ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣﺪەﻙ ﺗﺎﺗﺎﺭﻏﺎﻥ ،ﻛﯚﻳﻨﯩﮕﯩﻨﯩﯔ
ﺳﻮﻝ ﺑﯧﻘﯩﻨﻰ ،ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ
ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺗﯧﯖﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺸﯩﭗ ،ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯ-
ـﺪﻯ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ
ﺳﯘ ،ﺑﯚﺯ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺘﺘﻰ .ﺭەھﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﻟﯩﻚ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﻝ
ﺑﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩەﻝ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺕ-
65

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ـﺘﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ
ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﻦ
ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ،ﻛﯚﺭﭘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ،ﺋﻪﺩﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯘﻗﻰ ﺗﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯘﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ﻗﺎﻟﺴﯩﭽﯘ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻥ
ﻳﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ
ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ھﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺋﯚﻳﺪە ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ
ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺰﺩەپ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەﺭ
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯩﺰ .ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺳﺎﺋﻪﺕ
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯧﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘپ
ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ
ﮔﻪپ.
ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ
ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻜﯩﻦ
ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯩﺮەﺭ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ
ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ– ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ
ﺧﻪۋﭘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﭼﺎﺭە ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻳﯘﻳﯘپ ،ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﺩﻯ .ﺋﯘ ﻟﯜﯕﮕﯩﻨﻰ
ﻳﯚﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮەپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺩەﻗﯩﻘﯩﻤﯘ ﺩەﻗﯩﻘﻪ ﺋﺎﺭﺗﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺭەھﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗپ ،ﭼﺎﻻ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻳﯩﻼﻧﺪەﻙ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩە ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯜپ ،ﺑﯩﺮﺩە ﭘﻪﺳﻠﻪپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘ
ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼپ ﻳﯩﻐﻼﻳﺘﺘﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ
ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ
ﺋﯚﺭﻟﻪپ ،ﺑﻪﺩەﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎۋﻻﻧﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩەﻙ ﻗﯩﺰﯨﻖ ھﺎﺭﺍﺭەﺕ
ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﻛﯚﺭﭘﻪ ﺑﯩﺴﺎﺗﻼﺭﻣﯘ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜپ ﭼﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻠﯩﻖ
66

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻳﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﻟﻪﺭﺩە ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ھﺎﻟﻰ ﺗﺎﻗﻪﺕ
ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﻛﺎﺭﯨﯟﯨﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘپ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﺪﻯ-ﺩە ،ﺩﻭﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻐﺎ
ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ
ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺭﯨﺪﺍﺳﯩﻨﻰ ﻛﻪﻳﺪﻯ .ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺭﻭﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ،
ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘﺩﯨﻦ ھﺎﻟﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﻤﺠﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ
ﺩﻭﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ ۋە ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﺳﯜﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﻬﻪﻡ ،ﺗﯧﯖﯩﻖ
ﻟﯩﻨﺘﯩﺴﻰ ،ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ ۋە ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺘﺘﻰ .ھﻪﻣﺪە ﺑﯘ
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯚھﻤﻪﺕ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭﻧﯩﯔ
ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ھﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ .ﺋﯘ
ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻧﺪﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﻳﺎﻛﻰ
ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺩەﺭھﺎﻝ )ﺥ.ﺋﺎ.ﺩ( ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﻰ .ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ
ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻏﺎ
ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩەﺭھﺎﻝ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ.
ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ-ﺩە:
_ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍ ﺋﯘ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺭﺍپ.
_ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍۋﯦﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﯜﯕﻪﻛﻜﯩﭽﻪ ﻛﯩﺴﯩﯟﺍﭘﺘﯘ.
ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯەﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎﻡ ﺋﯚﺭﻟﻪپ،
ﺑﯧﺘﺎپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎۋﺍپ
ﺑﯧﺮﯨﭗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﻛﻪ-ﺩﯛﻛﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﺎھ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﺪە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ-ﺩﯦﺪﻯ ﺩﻭﺭﺍﮔﻪﺭ
67

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ۋە ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﯩﺸﯩﺪە ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ،ﻳﺎﺭﯨﻐﺎ
ﺳﯜﺭﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻣﻪﻟﻬﻪﻡ ،ﺗﯧﯖﯩﻖ ﻟﯩﻨﺘﯩﺴﻰ ،ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻦ ،ﺋﻮﻥ
ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ
ﺗﯚﻟﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺭﯨﺪﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺩﻭﺭﺍﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﻥ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﺎﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﮕﻪ
ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﺘﯜﺭﺩﻯ.
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﯖﯩﻘﻨﻰ
ﻳﻪﺷﺘﻰ .ﺋﺎﻳﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻳﯘﻳﯘپ ،ﻣﻪﻟﻬﻪﻣﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﺘﻰ ۋە ﺗﯧﯖﯩﻖ ﻟﯩﻨﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻜﻪﻡ
ﺗﺎﯕﺪﻯ .ﺗﺎﺑﻠﯩﺖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜپ ﺭەھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﭼﻮڭ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺭەھﯩﻢ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ
ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯚﮔﺰﯨﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﺗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﺩەﺭھﺎﻝ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ
ھﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﺗﯧﺰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ ،ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪڭ
ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ،ﺋﯘﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ
ﺳﻪﻟﻠﯩﻤﺎﺯﺍ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ
ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ؟ ﺑﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﺵ
ﻗﯧﺘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ .ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩەﻙ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﻪﺕ
ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ
ﺑﺎﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻪﺵ ھﻪﭘﺘﯩﭽﻪ ﺋﺎۋﺍﻝ ﺑﯘ
ﻳﯧﺰﺍ ﺭﯗﺱ ۋە ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯘﺟﯘﻣﯩﺪﺍ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﻮﻕ .ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﻏﺎ
ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ
68

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺳﺎﺩﯨﻖ ،ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻛﻜﻪﻥ ﺧﻮﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ .ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨـ-
ﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ۋە ﻣﺎھﻤﯘﺩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟـ-ـﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯧﭽـ-
ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ .ﺩﻭﻗﯘﺭﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﮔﯘﻳﺎ
ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺋﻮڭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩـ-
ـﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯ-ﻗﯘﻻﻕ،
ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﯘﻥ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﮔﻪپ ﺗﯩﯖﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﺗﯘﺭﯗپ ﻣﺎﺭﻻﻳﺪﯗ .ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻼﺭ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ
ﻳﻮﻟﯘﻗﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍپ ،ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ
ﺳﯚﺯﻣﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ
ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﯩﺴﯘﻥ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩﺮﻻ ،ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ
ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻭﺳﺘﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪچ ﻛﯩﺮﯨﭗ
ﺋﻮﻓﯩﺘﯩﺴﯧﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮەﻙ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻛﻪچ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ
ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯜﻧﺪﻯ-ﺩە ،ﻛﯧﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﺩھﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ
ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯧﻴﯩﻢ -ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ،ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ
ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻣﯚﻛﯜﻧﯜپ
ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﻯ .ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﻨﻰ
ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ ﻗـﻮﻳـﺪﻯ .ﺋـﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺑﯩﺮ ﻗـﺎﻧـﭽـﻪ ﺩەﻗـﯩﻘﻪ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻥ
ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯘپ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺯﯗۋﺍﻥ ﺳﯜﺭﺩﻯ:
_ ﺳﯩﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺩﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭ
ﺷﯘﻛﻰ ،ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘۋﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺋﻮﭼﯩﻐﯩﻨﻰ
69

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﺎﯕﺎ ھﻪﻣﯩﺴﯩﻼ ﺗﻪﺗﯜﺭ
ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ؟ _ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯗﺷﯘڭ
ﺋﻪﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﻧﯘﻡ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ .ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﻰ
ﻳﻮﻟﺪﯗﺷﯘڭ ۋە ﺋﻮﻏﻠﯘڭ ﻣﺎھﻤﯘﺩ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﻰ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ
ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ،ﻣﺎﺭﻻۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻏﻠﯘڭ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺴﺎ،
ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە؟ – ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ
ﻳﻮﻟﺪﯗﺷﯘﯕﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ!
ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻻﻱ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻦ ﺳﯩﻤﺎ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻻﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻛﯜﺗﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟ -ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ
ﮔﯘﻧﺎھﺴﯩﺰ ،ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ.
_ ﻳﺎﻕ ،ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯘﺷﯘپ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ .ﺋﻪﻣﺪﻯ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ -ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ.
_ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺳﯩﻤﺎ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﭽﻪ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ .ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ
ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﻻﻱ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻣﻪﻥ-
ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺩەﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
ﺋﯘ ﺋﺎھ ﺋﯘﺭﻏﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ،ﺗﯧﻨﻪپ -ﺗﻪﻣﺘﯩﺮەپ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ
ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻼپ
ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﻯ ﺋﯘ
ﺑﯘﺳﯘﻏﯩﺪﺍ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭗ .ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻳﻮﻟﺪﯗﺷﯩﻨﻰ
ﻗﯩﺴﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧـﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋەﺩە ﺑﻪﺭﺩﻯ-ﻳﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ
ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩـﻨﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ
ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ
ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪپ
ﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
70

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ھﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺪە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﺎﻳﯟﺍﻥ
ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﺪە ﻓﻪۋﺯﯨﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼپ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺭﺍﺗﻪﺏ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺎ ﺋﯧﺴﻠﯩﭗ:
_ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺋﺎﭘﺎ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ-ﺩەپ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺘﺘﻰ
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ۋە ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﭽﻪﻳﺘﯩﭗ.
ﺑﯘ ﺷﯘﻡ ﺧﻪۋەﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺯﺩەﻙ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺭ
ﺑﺎﺳﺘﻰ ۋە :
_ ۋﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ! ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ-ﺩەپ ﻗﻮﺭﻗﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ۋﺍﺭﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ.
ھﻪﻣﺪە -ھﻪﻱ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ! -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ
ﻏﻪﺯەﺗﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺩﯙۋەﻳﻠﻪپ.
_ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺳﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﭙﻼ ﺭەھﯩﻢ ﺳﯘ-ﺩەپ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺳﯧﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻜﻪﻧﻤﯩﺰ-
ﺩﯦﺪﻯ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ھﯧﻘﯩﻘﺪﺍپ.
_ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭە ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﯘﺩەﻙ ھﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ!
_ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯦﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺯﺍﻕ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.
_ ﺋﯘﻻﺭ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ
ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟
_ ﺩەﺩﻯ .ھﻪﺭﺑﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
_ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜـ-
ـﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻤﯘ؟ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ!
_ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
_ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،ﺳﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ! ﻧﻪﻳﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ
ﺩﯦﻐﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
_ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺧﯘﺩﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ھﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﻯ-ﺩەپ
71

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﻮﻟﻐﯘﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﯘﻛﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ
ﻗﺎﺭﺍ .ﻣﻪﻥ ھﻪﺭﺑﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ.
_ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺋﯜﻟﮕﯜﺭەﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ .ﺳﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ
ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﯘ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﯟﯨﺪﻯ ،ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ھﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺳﺎﺋﻪﺕ
ﻳﻪﺗﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﺯ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯘپ
ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ
ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻗﺘﺎ! ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯚھﻤﻪﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،
ﭼﺎﺭەﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﻟﻪﻱ
ﺳﯩﻨﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺭەھﯩﻤﺴﯩﺰ
ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﯕﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ!
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪە ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺵ ﺧﻪۋەﺭ،
ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﻮۋﻟﯩﯟەﺗﻜﯜﺩەﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺷﺎﺗﻠﯩﻐﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ
ﻛﻪﻟﺪﻯ _ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭەھﯩﻢ ھﻪﺭﺑﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯘﻛﺮﻯ! ﺭەھﯩﻢ ھﻪﺭﺑﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ
ﻗﻪۋﯨﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﻟﯘﭘﺘﯘ .ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﯜﻳﯩﺪە ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻟﻠﯘﻕ
ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ،
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
_ ﺋﺎھ ﺧﯘﺩﺍ! ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ھﻪ! ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ
ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ-ﺩەﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻپ ،ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼپ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺷﺎﺗﻠﯩﻖ ۋﯗﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ .ﺋﯘ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﻰ.
ﭘﯘﺭﺍﻳﺘﺘﻰ .ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﻰ .ﺭەھﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺗﺘﻰ ،ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ.
_ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ؟ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻤﯘ؟
_ ھﻪﺋﻪ ،ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ _ ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻡ ،ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەﻙ
ﺋﯩﻜﻪﻥ.
72

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

_ ﺑﯘ ﺳﯧﺴﯩﭗ ،ﭘﯘﺭﺍپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮔﻪپ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ
ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯨﯟﺍﺗﯩـ-
ﺩﯨﻐﯘ! ﺭەھﯩﻢ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﯕﻼ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ
ﻗﺎﭼﻘﯩﻦ-ﺩە ،ﺋﯚﺯەﯕﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﯩﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﻣﺎﯕﺎ
ﺩەﺭھﺎﻝ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺴﻪﻥ .ﺳﯧﻨﻰ ﺩەﺭھﺎﻝ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ-
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﻳﻤﻪﻥ.
_ ﺋﺎﭘﺎ ،ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﺳﯘﻥ! ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ؛
ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ؛ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ
ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎﻣﻼ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻝ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻳﯩﺪەﻙ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ
ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺋﺎﭘﺎ .ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯەﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ
ۋﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻤﻪﻥ.
ﺭەھﯩﻢ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ھﻪﻡ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ھﻪﻡ ﺟﺎﺳﺎﺭەﺕ
ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼپ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ھﻪﻣﺪە
ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻭﺳﺘﺘﺎﻧﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯧﺠﻪپ
ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺭەھﯩﻢ ھﻪﺭﺑﻰ
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﯘﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﯘ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘۋەﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﭼﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩەﻣﻠﯩﻚ
ﺷﺎﺗﻼﻧﺪﻯ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﻛﯧﺴﻪﻝ ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺭەھﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻤﯘ
ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ
ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍپ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
_ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍڭ.
ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﺘﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻏﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ
73

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ.
_ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﯩﯔ ﺟﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻤﯩﺪﻯ -ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ .ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﻧﯧﻤﻪ ﺩەۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
_ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ! ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ -ﺩﯦﺪﻯ
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ ،ﭘﻪﺭۋﺍﺳﯩﺰ ھﺎﻟﺪﺍ.
ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪھﻪﻝ ﺯﯗۋﺍﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎپ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﺎﻳﻘﻰ ﺷﺎﺗﻠﯩﻖ ،ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯘ
ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﯜﻛﺘﻪﻙ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ
ﺧﻮﺷﻤﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ،ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﺮەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ
ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺋﻮﻥ ﻗﻪﺩەﻣﭽﻪ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ،
ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺗﻮۋﻟﯩﺪﻯ _ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺩەﻗﯩﻘﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺗﯘﺭﯗڭ!
ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ ۋە -ﻣﯘﺷﯘ
ﺋﺎﺩﯦﺮﯨﺴﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ
ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ-ﺩﯦﺪﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ .ﺋﯘ
ﺋﺎﺩﯦﺮﯨﺲ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ،
ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ ۋە
ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ-ﺩە،
ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﯦﺮﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ.

ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎپ

ﺗﯘﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ
ﺑﯧﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻥ ـ ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﻰ ﺧﺎﺭ-ﺯەﺑﯘﻧﻠﯘﻕ ،ﻧﺎﻟﻪ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﺗﯩﻦ ھﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮەﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﻪﺗﺘﻰ! ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ،ﻗﯧﺮﯨﻨـ-
74

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺩﺍﺷﻼﺭ ،ﺑﻪﺯەﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺑﻪﺯەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﻬﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺋﻪﻗﯩﻞ -ھﻮﺷﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﻥ-
ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ،ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ-
ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ -ﺋﺎﺗﺎ-
ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ۋە ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﻪﺯەﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭼﺎ-ﻛﻮﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ-
ﺩە ،ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼپ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪۋەﺭﻣﯘ
ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ
ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯨﻼﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻤﻪﻛﺘﻪ .ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﻨﺎﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭼﻮڭ ﻗﺎﻳﻨﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛپ
ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﻳﻪ-ﺋﯜﻳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﭼﺎﻗﻠﯩﯟﯦـ-
ﺗﯩﻠﮕﻪﻧﺪەﻙ ھﺎﺭﻏﯩﻦ ،ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻮپ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ،ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ
ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗپ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﻡ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﯜﺭەﻙ ﭘﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺕ -ﻣﺎﻣﺎﺗﻰ
ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺟﺎۋﺍﭘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﭘﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﻛﯜچ -ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﻳﮕﻪ
ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ
ﻳﻮﻟﯘﻗﯘپ ،ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎچ ،ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ
ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
_ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻣﭽﻰ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺭﺍپ ﻛﯚﺭەﻱ .ﺳﻪﻥ
ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ،ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ
75

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺳﺎﯕﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻻ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻳﻜﻰ ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
ۋەﺩە ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ
ﺋﯚﺯەﯕﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ .ﺋﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ
ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻛﻪﭼﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﺪﯨﻦ
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ھﻮﻳﻠﯩﺪﺍ
ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ -ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺟﺮﻭھﺘﻪﻙ
ﻳﯜﮔﯜﺭەﻳﺘﺘﻰ .ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﻼ
ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ
ﺭەھﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ -ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ھﺎﻳﺎﺕ،
ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺭەھﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ
ﺗﯜﺭﯨﮕﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺭەھﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻛﻪﭼﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺋﯘ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺘﯩﮕﻪ
ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛپ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﺎﭘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻐﯩﻼ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻣﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯜﮔﺮەپ:
_ ﺭەھﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﺎﻻﻟﯩﺪﯨﯖﻤﯘ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺳﻮﺭﺍپ.
_ ھﻪﺋﻪ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺭەھﯩﻢ ﺗﯚﻧﯜﮔﯜﻥ
ﺳﻪھﻪﺭﺩە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻚ ﺋﯘﭼﺎﺭﻏﺎ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﯘپ ﻗﻪﻧﺪﯨﻬﺎﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ .ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﻮﻕ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ،
ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ -ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺭﯗﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭ .ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﺑﯧﮕﯘﻧﺎھ
ﺧﻪﻟﻘﻤﯘ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻗﺘﺎ .ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ
76

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﺴﻰ ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ
ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ،ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺕ ۋە ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪپ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ
ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺑﯩﺰ ﺭەھﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ -ﺗﻪﻟﻪپ
ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ -ﺩﯦﺪﻯ
ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ .ﺋﯘ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻛﯩﺮﯨﭗ:
_ ۋﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ،ﺑﯘ ﺭەھﯩﻤﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺋﯘ
ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﻤﯘ
ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ،ھﻪﻣﺪە ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ
ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺟﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ
ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺭەھﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ
ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗﺭ؟ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗپ.
_ ﺳﯩﻤﺎ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ
ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺑﯘ
ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺭەھﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ
ﺋﺎﻣﻪﺕ ،ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﯧﻴﯩﻢ-
ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭻ ﺋﯩﺶ
ﻗـﯩﻼﻟـﻤﺎﻳـﻤﯩﺰ -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ.
_ ﻣـﻪﻥ ﺋـﻮﻏـﻠﯘﻣـﻨﻰ ھـﺎﻳـﺎﺕ ﻛـﯚﺭەﻟـﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ-
ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﻼپ.
_ ﺳﯩﻤﺎ ،ﺋﯜﻣﯜﺩﯨﯖﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛۋەﺗﻤﻪ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺭەھﯩﻢ
ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪەﻙ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ! ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ-ﺩﯦﺪﻯ
ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﺎﻱ ﺑﯧﺮﯨﭗ .ﺋﯘ ﻛﯚﺯ-ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﻜﻪچ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ _ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩە ﺑﯩﺮﻣﯘ
ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺗﯧﺨﻰ ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﮕﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ
ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻟﭙﺎﻗﻨﻰ ﻛﻪﻳﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ .ﺋﯘ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ
77

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛپ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﮔﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ۋە:
_ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟ ـ ﺩﯦﺪﻯ
ﺋﯘﻣﯘﻧﯘپ.
_ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ،ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺷﻠﯜﻙ .ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ھﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﭼﯩﻦ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻣﻪﻥ -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﻗﻪﺗﺌﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
_ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﺪەﻙ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ
ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻻپ-ﺗﺎﻟﯩﺸﻰ ،ﻗﺎﻗﺘﻰ-
ﺳﻮﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﺯەﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩﯨﻦ
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ
ﺑﻪﻙ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ
ﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ،ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﻐﺎ
ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ
ﺑﯧﺮەﻟﻪﻣﺴﻪﻥ؟
ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
_ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﺴﻜﯩﺖ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻦ-ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﺎﻧﭽﻪ ھﺎﻳﺎﻝ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﻮﭘﯩﺘﺴﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ
ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ ،ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﺴﻜﯩﺖ ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ
ﻣﯩﻬﻤـﺎﻧـﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
_ ﺑـﯘﻧـﻰ ﻗـﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠـﯩﺘـﯩﺸـﻨﻰ ﺳـﺎﯕـﺎ ﻛـﯚﺭﺳـﯜﺗﯜپ ﻗـﻮﻳـﺎﻱ .ﺑـﯘ
ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ
ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻪﻙ ﺩﯦﻘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻝ ،ﺑﯩﺮەﺭ
ﭘﯩﺸﻜﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻻﻱ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ
ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ! -ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﺋﯘﻧﻰ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎۋﺍﻝ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪە
ﺳﯚﺯﻟﻪۋﯦﺘﭗ .ﺋﯘ ﺩﯦﺴﻜﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺋﻮﻗﻨﻰ ﺭﯨﺪﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ،
ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﻥ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﮔﻪ ﺑﯧﺠﺎﻧﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ
78

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺭەﺧﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﺗﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﺧﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﻧﯩﺪﻯ .ﮔﯚﺵ ،ﻣﺎﻱ ،ﺷﯧﻜﻪﺭ ،ﻣﯩﯟە،
ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﺪە -ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻨﯩﻼ
ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺟﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﺩەﻙ ﭘﯘﻝ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻣﺪﺍﺵ
ﻛﯧﺮەﻙ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ
ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﻤﮕﻪ
ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪپ؟ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ،ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭﻻﺭ ﻗﯩﺴﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻜﯩﺮﺩە-
ـﻜﺘﯩﻦ ﺑﻮﻏﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ،ﺋﯘﻻﺭﮔﯧﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ
ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋەﻗﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺗﺎﺭﻗﺎپ ،ھﻪﻣﻤﯩﮕﻪ
ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ھﯧﭻ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ .ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﺎﺭﻛﻰ ،ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ
ﺑﺎﺯﺍﺭﭼﻰ-ﺩەپ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﺳﺴﺎپ.
ﺋﯘ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎۋﺍﻝ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺩﯗﻛـﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﮔﯧﻠﻪﻣـﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻗﺎﺳﺴﺎپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺩەﺳﻠﻪپ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﺪﺍپ ،ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﮔﯧﻠﻪﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ .ﺩﯦﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺳﺴﺎپ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﯜﻧﺪﻯ .ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﺘﯩﻦ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﮔﯧﻠﻪﻣﻨﻰ ﺗﻪڭ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪە -ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍپ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﻟﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻼﺭ ۋە ﺧﺎﻧﻪ ۋەﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ،ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮەﻙ! ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ
79

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ! ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ
ﻛﯜﺗﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ! ﺋﯘﻻﺭ ﺭەھﯩﻤﻨﯩﯔ
ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮەﻙ.
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ھﻪﭘﺘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ
ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻛﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ
ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺷﯜپ،
ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە
ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ
ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ۋە ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺗﺘﻰ.
_ ﺳﯩﻤﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ،
ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﺪە ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ .ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ۋەﺑﯧﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻝ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ.
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻝ ھﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ
ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﻰ
ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ .ھﻪ! ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ؟ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ -ﺩﯦﺪﻯ
ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﻛﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ.
ﺗـﯘﻳـﯘﻗـﺴﯩـﺰ ﺑـﯘ ﺷـﯘﻡ ﺗـﻪﻛـﻠـﯩـﭙـﺘـﯩﻦ ﺋـﯘﻧﯩﯔ ﺑـﯧﺸﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ _ ﻳﺎ ﺧﯘﺩﺍ ،ﺑﯘﻻﺭ ﻳﻮﻟﺪﯗﺷﯘﻣﻨﻰ ،ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ
ﻣﺎھﻤﯘﺩﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻰ ،ﺭەھﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﯨﻐﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﺪﻯ،
ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ
ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺋﯘ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼۋﯦﺘﯩﭗ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ
ﺗﺎﻣﺪەﻙ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.
_ ﻳﺎﻕ ،ﺭەﺧﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ! ﻣﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻡ،
ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ-ﺩﯦﺪﻯ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ
80

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ .ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ
ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﺘﻰ-ﻳﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ،
ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭼﻮﻛﺎﻥ:
_ ﻗﺎﺭﺍ! ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ،ھﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻢ
ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘ ﻳﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ،ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ
ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ،ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺰ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺯﺍھﯩﺮ ﺷﺎھ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﮔﯜﻧﭽﻰ ،ﻓﯩﺌﯘﺩﺍﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ
ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯘﻕ .ھﺎﺯﯨﺮ ھﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ،ﺧﻪﻟﻖ
ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ
ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ھﻪﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻪﻣﺴﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ
ﺗﯜﺯﯛﻣﺪە ﺳﯧﻨﯩﯖﺪەﻙ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ،ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ
ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼـﻪﺗﺌﻪﻟـﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﻪﺗﺘﯩﻤﯘ؟
ﺟﻪﺯﻣﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ!
ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ،ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎۋﺍﺯﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺗﺎﻛﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ،
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﺎۋﺍﺯ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ۋﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﭼﯩﺮﻣﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ،ﺯﯗۋﺍﻥ ﺳﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ .ﻧﻪﺟﯩﺒﻪ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ،ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺳﺎﺩﯨﻖ
ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘپ:
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻪﻥ ،ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ
81

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ،ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗـ-
ﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ.
_ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪﯕﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ-ﺩﯦﺪﻯ
ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭼﻮﻛﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
_ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ۋﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺮەﻙ! ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ
ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯەﯕﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ
ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﭼﻮﻗﯘﻡ
ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ-ﺩﯦﺪﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪپ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘپ ﺋﻪﺗﻪﻱ ﺧﻮﺵ ﻛﯜﻟﻜﻪ
ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ھﻪﭘﺘﻪ ﻧﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ،ﻧﻪ ﻧﻪﺟﯩﺒﻪﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ
ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﺗﯜپ:
_ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻼﻣﺴﯩﺰ؟ -
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭼﻮﻛﺎﻥ ھﯩﺠﺎﺭﺍپ.
_ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﻳﯧﻨﯩﻚ
ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ .ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ
ﺑﺎﺷﻼۋﯦﺘﯩﭗ ،ﺑﯩﺮەﺭ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﭼﺎﻱ ﺩەﻣﻠﯩﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ
ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭙﻼ ،ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ:
_ ﺳﯩﻤﺎ ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﯩﻤﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭﻏﯘ! ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﯕﻜﯩﺖ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.
ﺋﺎﯕﻜﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯەﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺴﯩﺰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯەﻥ
ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ
82

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ

ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﻰ ۋە ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺵ
ۋﺍﻗﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ!
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Qan Tepchirgen Afghanistan - 05
  • Büleklär
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3363
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1885
    12.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3546
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1887
    11.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3481
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1972
    11.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3513
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    11.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3537
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2023
    10.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3581
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2020
    11.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3572
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1948
    10.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3626
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1923
    10.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3565
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
    11.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3573
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1847
    10.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1781
    11.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Qan Tepchirgen Afghanistan - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 2320
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1369
    14.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.