Latin

پەيغەمبىرىمىزنىڭ-گۈزەل-ئەخلاقى-ھەققىدە-ھېكايىلەر - 3

Süzlärneñ gomumi sanı 1928
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1146
17.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
28.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
35.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯔ ﻳﺒﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﯛﺵ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

60

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯜﺗﺘﻰ .ﺗﯧﯟﯨﭗ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ
ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ...ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ
ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ .ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﯟﯨﭙﻘﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ
ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟
ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ
ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺍﻣﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ
ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻥ،

61

ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﺍﻣﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ
ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ

ﺋﯧﻠﯩﭗ

ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ

ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ

ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،
ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﯖﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩﻩﭖ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺩﯨﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ» :ﻣﻪﻥ
ﺗﯧﯟﯨﭗ .ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ
ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ« ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻥ

62

ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺗﯧﯟﯨﭙﻘﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ؟! ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ
ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺗﯧﯟﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩﺩﻩﺭﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﻪ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺴﺎﻡ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟
ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ
ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺩﺍﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ.

63

ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻟﻪ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭۈﻟﺪﻯ
ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ» :ﻣﺎﻗﯘﻝ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ
ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ .ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ
ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ« ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﻮﻱ-
ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ »ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ
ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ
ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺯ-ﻧﻪﺳﯩﮫﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﻥ-ﺩﯨﻠﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﯩﺪﻯ...
ﺋﯘ ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻨﻼ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ
ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰ-ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ
ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﭼﯚﻟﺪﻩ ﯞﻩ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﮔﺎﮪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ،ﮔﺎﮪ ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺪﻯ .ﭼﯚﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﻮﺗﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﺎﻱ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ.
»ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺯﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻤﯘ؟« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﻯ .ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﯩﺰﻟﻪﺗﺘﻰ .ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ
ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ
ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ.
ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﯚﺗﺘﻰ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﺰﺭﻩﻙ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﻮﭼﯩﻤﻮ-ﻛﻮﭼﺎ

64

ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ» :ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺩﻩﻝ
ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯚﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻚ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻳﻠﯘﻕ ،ﻧﯘﺭ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ .ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﺑﺎﻻﻡ ،ﺳﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﻗﺎ-ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻤﯘ ﺳﻪﻥ؟ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ،ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ ،ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ .ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﮬﻪ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ! ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ .ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ .ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ
ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﻳﯜﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﺎﺭﺍﻳﻠﻰ - .ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﺪﻯ.
ﺋﻮ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﮕﻪ» :ﺳﯧﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ« ﺩﯦﺪﻯ ﯞﻩ
ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.
ﻣﻪﺳﺠﯩﺪ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﺪﯗ؟ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺯﺍﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ
ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ.

65

ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻻﻳﻼ ﺩﯦﺪﻯ .ﭘﯜﺗﯜﻥ
ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺗﺒﯩﻨﻰ ﺗﯩﯖﺸﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﺋﯧﻨﯩﻖ
ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ-ﺑﻪﺧﯩﺶ ﺋﺎﺗﺎ
ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﻪﻱ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯜﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯘﺗﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ
ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻛﯩﻢ ﺑﯘ؟ ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ .ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻧﺎﻟﻪ-ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻰ،
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﻮﺭﻣﺎ
ﻛﯚﺗﯩﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﺎﺷﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﯘﻗﺘﻪﻙ ﺋﯧﺴﻪﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻗﻮﻟﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻼﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﻮﺭﻣﺎ
ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ.
ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﻗﺘﻰ .ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻤﯘ ﻳﯩﻐﻼﭖ
ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩﺮ ﺟﻮﺷﻘﯘﻥ
ﺭﻭﮪ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺑﯩﺮ
ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ
ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ .ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺖ
ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ:
-ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯚﺗﻪﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ

66

ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ؟ -ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺖ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ:
ﺑﺎﻻﻡ! ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﻮﺭﻣﺎﻛﯚﺗﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ
ﻛﯚﺭﺳﯜﻥ ﺩﻩﭖ ،ﺋﯜﭺ ﭘﻪﺷﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ
ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﯚﺭﺩﻯ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ
ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ .ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﮬﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﺪﻯ - .ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯘ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﯩﯔ
ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺪﻯ .ﺋﯘ »ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻏﺎﭺ )ﺋﻮﺗﯘﻥ(
ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ
ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ «...ﺩﻩﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﻯ.
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﭻ-
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ
ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺗﯚﺕ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﮕﻪ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﮬﯧﺲ-
ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘﻧﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ» :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ
ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﺗﺎﻛﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ« ﺩﯦﺪﻯ.

67

ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯۇﯕﻼﺭ
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭ...
ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻐﻰ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﻮﺗﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﻯ
ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻰ ﺗﯚﮔﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻛﺎ-
ﺋﯘﻛﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ
ﺑﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺗﯚﮔﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺗﻮﺷﯘﻳﺘﺘﻰ .ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ
ﺳﯘﺳﯩﺰ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺘﺘﻰ .ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﮕﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﺗﯩﻼﻕ
ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯜﺗﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻮ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯧﺮﯨﭗ
ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻕ ﭼﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻛﯜﻥ ﻧﯘﺭﻯ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ
ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺗﯘﻣﯘﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﮋ-ﭘﯩﮋ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﯩﺪﺍ
ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﻱ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎﯕﮕﯩﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻮﺭﻣﯩﻼﺭﻧﻰ
ﮬﺎﺭﻣﺎﻱ-ﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺭﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﻣﯩﻐﺎ ﻳﯜﻛﻠﯩﺪﻯ.
ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯜﻙ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﻣﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯚﮔﻪ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻳﻪﺭﮔﻪ
ﭼﯚﻛﯜﯞﺍﻟﺪﻯ .ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺍﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻧﭽﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ» :ﺑﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!« ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﻰ
ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ.

68

ﺑﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺗﯚﮔﻪ ﮬﯚﻛﯩﺮﻩﭖ ﻗﻮﭘﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯚﻛﺘﻰ.
ﻗﯧﺮﻯ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ
ﺑﯘ ﺗﯚﮔﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻰ:
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘﭖ
ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ - .ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ:
ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺑﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﻗﯧﺮﯨﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ

69

ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻱ - .ﺩﯦﺪﻯ.
ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﻯ .ﺧﻮﺭﻣﺎ
ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﻏﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﮔﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ
ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭼﺘﻰ .ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﮬﻮﺷﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﻗﯧﺮﻯ ﺗﯚﮔﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﻰ ﭼﺎﯓ-ﺗﻮﺯﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ .ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ.
ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻻﻱ ،ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﯞﺍﻝ!« ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

70

ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﯩﻼﺭﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ:
ﺑﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ؟ -ﺩﯦﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ .ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﮔﯩﻤﯩﺰ .ﺋﯘﻧﻰﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯚﮔﻪﯕﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﭽﻰ.ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ:
ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ،ﺗﯚﮔﯩﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؟ -ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ.
ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ:
ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﺯﺍﻳﻼﭘﺘﯘ.
ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﭙﺴﯩﻠﻪﺭ ...ﺑﯘ
ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ؟
ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ:
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ .ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ. ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ.ﺑﯘ ﺟﺎﯞﺍﺑﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ 100ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺗﯚﻟﻪﭖ
ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ:
ﺋﻪﻱ ﺗﯚﮔﻪ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ .ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ .ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﭼﯧﻘﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ- .
ﺩﯦﺪﻯ.

71

ﻫﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ ...ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖ
ﺟﺎﻥ-ﺟﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻞ ﻗﺎﺳﯩﻢ! ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻞ ،ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ
ﭼﯩﺪﯨﻐﯩﻦ! ﺷﯘ ﺩﯙﯕﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺴﻪﻛﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺕ! ﺋﯚﺯﻩﯓ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﭺ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﻘﯘﺩﻩﻙﻣﺎﺟﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﻳﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ! ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺗﯘﻟﯘﻧﺌﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﻮﭘﻴﻮﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﯜﻥ
ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ
ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺗﻪﻟﮫﺎ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﺵ ﺗﺎﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﺎ
ﺋﯘﺭﺩﻯ .ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ:
ﻛﯩﻢ؟ -ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ،ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻻﻳﻠﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﯩﻼ!ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯛﭘﻼ ﺋﯜﺭﻛﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻨﻰ
ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯩﮫﯘﺵ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺳﯩﻤﻨﻰ ﺳﯘﭘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ
ﺑﻪﺩﯨﻨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺍ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﺗﯧﯖﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﻳﻮﻝ

72

ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯚﺷﻪﻙ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺗﺘﻰ
ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﮫﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺗﻪﻟﮫﺎ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻨﻼ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺩﻭﺳﺘﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .ﺗﻪﻟﮫﺎ ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺭﯛﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯞﻩ ﺟﺎﭘﺎ-
ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻣﻪﻛﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ-
ﻗﯩﺴﺘﺎﻕ ،ﺋﺎﺯﺍﭖ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ
ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ
ﺗﯩﻨﯩﭻ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ؟
ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ!
ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﺎﺷﺘﯩﻠﯩﻖ
ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺗﻨﯘﺳﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺧﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ
ﺑﯩﻠﻪﻥ:
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ! ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺟﯚﻳﻠﯜﭖﭼﯩﻘﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ - .ﺩﯦﺪﻯ.
ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻣﻪﻛﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ

73

ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ:
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ! ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ. ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ

ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﯧﭻ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ

ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﮬــﯘﺯﯗﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﮬﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﺩﺩﻯ
ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ
ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺗﻪﻟﮫﺎ:
ﺗﺎﻏﺎ ،ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯨﯖﯩﺰ.
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﻳــﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯘﻧﺪﯨﯖﯩﺰ .ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ

74

ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﯖﯩﺰ .ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﯘ-ﮬﻪﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ
ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﮔﻪﺗﺘﻰ؟ -ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ:
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ-ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯩﺰﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﯘﻕ .ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﯗﻕ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﮔــﯜﺯﻩﻝ-
ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ.
ﺋﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ-ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ .ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ،ﺗﺎﻣﺎﺳﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ .ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺷﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ،
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.
ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﻪﻟﮫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ
ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ
ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ.

75
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.