Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3463
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1609
27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
.2مۇشرىكالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
.3يەھۇدىيالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
.4خرىستىئانالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
.5مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى
.6ئالەمشۇمۇل چاقىرىقنىڭ ئەلچىلىرى
.7ۋىدالىشىش ھەججى ،ۋىدا خۇتبىسى ۋە ئالەمشۇمۇل چاقىرىقالر
.8پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ ۋاپاتى

-3باب :مەدىنە دەۋرى

بۇ باب ھەققىدە
بۇ باپتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالالر بايان قىلىنىدۇ.
ھىجرەتتىن ئىلگىرىكى مەدىنىنىڭ ئەھۋالى ،پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان
پائالىيەتلەر ۋە ئورنىتىلغان قائىدە-تۈزۈملەر تىلغا ئېلىنىدۇ.
مۇشرىكالر بىلەن قىلىنغان ئۇرۇشالر ۋە ھۇدەيبىيە كېلىشىمى بايان قىلىنىدۇ .يەھۇدىيالر ۋە
خرىستىئانالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىسالمنىڭ تارقىلىشىنى تېزلەشتۈرگەن ۋە
ئىسالم تارىخىدىكى بورۇلۇش نوقتىسى بولغان مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى سۆزلىنىدۇ.
مەككىنىڭ مىالدى -630يىلى ،ھىجرى -8يىلى فەتھى قىلىنىشى ،كۈچلۈك ھەۋازىن قەبىلىسىنىڭ
مۇسۇلمان بولۇشى ،ھىجرى -9يىلدىكى تەبۇك سەپىرى بىلەن شىمالىي ئەرەبىستاننىڭ مۇسۇلمانالر
ھاكىمىيىتىگە كىرىشى نەتىجىسىدە ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەلچىلەر مەدىنىگە كېلىشكە
باشلىدى .ھىجرى -9يىلى نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆمىگى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىلى «سەنەتۇل ۋۇفۇد»
(ئەلچىلەر يىلى) دەپ ئاتالدى .بۇ باپتا ئەلچى ئۆمەكلىرىدىن بەزىلىرى بايان قىلىنىدۇ.
بۇ باپنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئادا قىلغان ھەج پەرزى ۋە ۋاپاتى سۆزلىنىدۇ .پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالم ھىجرەتنىڭ -10يىلى (مىالدى -632يىلى) ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان بولۇپ ،بۇ ھەجدە
ساھابىلىرى بىلەن ۋىداالشقانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كەبىنى قايتا تاۋاپ قىاللمىغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ
ھەج ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان .بۇ يەردە ئۇ ئىسالم چاقىرىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇتبىسىنى (ۋىدا

54

خۇتبىسىنى) ئوقىغان .ھەج ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن زىلھىججە ئېيىنىڭ -29كۈنى (مىالدى
-632يىلى -3ئاينىڭ -26كۈنى) مەدىنىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغرىپ قېلىپ ۋاپات بولغان.
ئۆگىنىش نىشانى
.1مەدىنىلىك مۇسۇلمانالرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى قانچىلىك قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىنى ھېس
قىلىسىلەر.
.2مەدىنىدىكى مەسجىدى نەبەۋى ،يەنى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ پەقەت ئىبادەت قىلىدىغان ماكان
بولۇپال قالماستىن بەلكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ئاممىۋى سورۇن ،مەكتەپ
سۈپىتىدە بىنا قىلىنغانلىقىنى بىلىسىلەر.
.3مەككىلىك ۋە مەدىنىلىك مۇسۇلمانالرنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش
ئۈچۈن ئۇالرنىڭ ئۆزئارا قېرىنداش قىلىنغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىسىلەر.
.4پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ ھەججى ۋە ھەج مەزگىلىدە ئوقىغان خۇتبىسىدىكى مەزمۇنالردىن
ئىنسانپەرۋەرلىك ،باراۋەرلىك ،ئادالەت ،قېرىنداشلىق قاتارلىق قىممەتلىك ئامىلالرنى بايقايسىلەر.
بۇ بابنى ئۆگەنگەندە
.1بابنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆگىنىش نىشانىغا يەتكەن يەتمىگەنلىكىڭالرنى داۋاملىق ئويالڭالر.
ئەگەر نىشانغا يېتەلمىگەن بولساڭالر ،خام قالغان مەزمۇنالرنى قايتا ئوقۇپ تەكرارالڭالر.
.2ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەتال بۇ كىتاب بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماڭالر .كىتابنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە
يېزىلغان نۇرغۇن كىتابالرنىڭ مەنبە تىزىملىكى بار .شۇ تىزىملىكتىن بەزى كىتابالرنى تېپىپ ئوقۇڭالر.
.3كىتابتىكى مەزمۇنالرغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى تېپىپ كۆرۈڭالر ،بىلىمىڭالر
تولۇقالڭالر.
.4ھەجگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئۆگەنگەندە ھەرەمگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ كەلگەن

ھاجىالرنىڭ ھەجگە مۇناسىۋەتلىك پاراڭلىرىنى ئاڭالپ بېقىڭالر.

-1دەرىس :پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى دەسلەپكى پائالىيەتلىرى

1

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى دەسلەپكى پائالىيەتلىرى

ھىجرەتتىن ئىلگىرىكى مەدىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىشى
ئىلگىرىكى ئىسمى يەسرىب دەپ ئاتالغان مەدىنە ھىجاز رايونىدىكى مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى
ئىدى .بۇ شەھەردە يەھۇدىالرنىڭ بەنى قۇرەيزە ،بەنى قەينۇقا ۋە بەنى نەزىر قەبىلىسى بىلەن
ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىن بۇ يەرگە كېلىپ يەرلەشكەن ئەۋس ۋە خەزرەج ناملىق ئەرەب قەبىلىلىرى
ياشايتتى.
ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسى يەسرىبكە كەلگەندە بۇ يەرگە ئۇالردىن ئىلگىرى
كېلىپ يەرلەشكەن يەھۇدى قەبىلىلىرىگە بېقىنىپ ياشىغان ئىدى .يەھۇدىالرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان
ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىسى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى غەسسانىيالردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ،تەدىرىجى ھالدا
يەسرىبتە ئۈستۈن ئۇرۇنغا يۈكسەلگەن ئىدى .بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەۋس قەبىلىسى
بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەت پەيدا بولۇپ ،ئۇالر ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىشتى.
دەرۋەقە« ،بۇئاس ئۇرۇشى»مۇ بۇ ئۇرۇشالردىن بىرى ئىدى .شۇنداق بولدىكى ،ئەۋس قەبىلىسىدىن
بىرەيلەن خەزرەج قەبىلىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈردى .شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت
تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ،ئەۋس بىلەن خەزرەج ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇش بولۇپ ،بۇ ئۇرۇشتا خەزرەج
قەبىلىسى يېڭىلدى .بۇ ئۇرۇش پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بەش يىل ئىلگىرى يۈز
بەرگەن ئىدى .مەدىنىلىك ئەرەبلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا ئەقەبەدە بەيئەت قىلغاندىن كېيىن،
مەدىنىدە مۇسۇلمانالرنىڭ سانى كۆپەيدى .مۇسۇلمانالر توپ-توپ بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ
كەلدى .ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالممۇ مەدىنىگە ھىجرەتكە يولغا چىقتى.
مەدىنىلىكلەر ئۇنىڭ مەككىدىن ئايرىلىپ ،مەدىنىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭالپال ئىنتايىن
خۇشال بولۇپ ،ھەر كۈنى ئۆيىدىن چىقىپ مەككە تەرەپتىن كېلىدىغان يولغا قاراش ئۈچۈن
ئېگىز جايغا چىقىپ ساقالپ تۇرۇشاتتى .بۇ يەرنىڭ ئىسمى «سەنىييەتۇل ۋەدا» ئېگىزلىكى دەپ
ئاتىالتتى .ئۇالر بۇ يەردە ئۇزۇن ساقالپ تۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ كۆرۈنگەنلىك خەۋىرى كەلدى .ئۇالر خۇشاللىق ھاياجىنى ئىلكىدە
پەيغەمبىرىمىزنى تۆت كۆزدە ساقالپ تۇردى .ئۇالر مۇنداق بېيىتلەرنى ئوقۇشاتتى:
سەنىييەتۇل ۋەدادىن چىققان تولۇنئاي،
كەلدى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە،
ئۇ بىزلەرنى چاقىرغاچقا ئالالھقا،
شۈكۈر الزىم ھەممىمىزگە......

ئايالالر ۋە بالىالر داپ چېلىپ ناخشا-قوشاق ئوقۇشتى .كىشىلەر شاد-خۇراملىققا چۆمگەن
ئىدى .ھەممە ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ
قىلىشاتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بولسا« :تۆگىنى ئۆزىنىڭ يولىغا قويۇپ بېرىڭالر .ئۇ
توختايدىغان يەرنى بىلىدۇ» دېدى .تۆگە ئاخىرى ئىككى يېتىم بالىغا تەۋە بىر بوش يەرگە كېلىپ
توختىدى .تۆگە توختاپ چۆككەن يەرگە ئەڭ يېقىن ئۆينىڭ ئىگىسى ئەبۇ ئەييۇپ ئەل-ئەنسارىي
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە ئاپاردى-دە ،مەسجىد قۇرۇلۇشى پۈتكىچە
پەيغەمبىرىمىزنى ئۆيىدە يەتتە ئاي مېھمان قىلدى.

55

-3باب :مەدىنە دەۋرى
نۆۋەت سىلەردە

پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەككىدە ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىندى .سىزنىڭچە،
بۇنىڭ مەدىنە شەھرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟
پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبەۋى)نىڭ بىنا قىلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي رولى
مەدىنىگە كېلىپ تۇنجى قىلغان ئىش بىر مەسجىد بىنا قىلىش بولدى .يۇقىرىدا دېيىلگېنىدەك،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئۆزىنى ئۆيىگە دەۋەت قىلىپ ،مېھمان قىلىشتا چىڭ تۇرغانالرغا ناھايىتى
سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىپ ،ھېچكىمنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن« :تۆگىنى رايىغا قويۇپ
بېرىڭالر ،ئۇ بىزنى ئالالھ رازى بولىدىغان بىر يەرگە ئېلىپ بارىدۇ» دەپ بۇ مەسىلىنى ھەل
قىلدى .تۆگە توختاپ چۆككەن يەرنىڭ ئىگىسى ئىككى يېتىم ئاكا-ئۇكىالر بۇ يەرنى ھەقسىز
سوۋغا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ،پەيغەمبىرىمىز بۇنى قوبۇل قىلمىدى ،ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ
يەرنى سېتىۋالدى-دە ،دەرھال مەسجىد قۇرۇلۇشى باشالندى.
بىلەمسىلەر؟

مەسجىد قۇرۇلۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالممۇ باشقا مۇسۇلمانالر بىلەن بىرلىكتە
ئىشچى بولۇپ ئىشلىدى.
مەسجىدنىڭ تېگىگە قۇم ،تېمىغا كېسەك خىش ئىشلىتىلدى .تۈۋرۈكلىرى خورما ياغىچىدىن تىكلەندى،
ئۆگزىسى خورما دەرىخىنىڭ شاخ-پۇتاق ،غازاڭلىرى بىلەن يېپىلدى .دەسلەپكى قىبلىسى قۇددۇس

56

(ئېرۇسالىم)غا قارايدىغان بۇ مەسجىدنىڭ بىر مىھرابى ،شەرق ،غەرب ۋە جەنۇپ تەرەپتە بىردىن ئۈچ
ئىشىكى بار ئىدى .جەنۇپ تەرەپتىكى تېمىدا «سۇففا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سايىۋەنلىك بار ئىدى .سۇففا
كۈندۈزى بىر مەكتەپ سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى ،كېچىسى بۇ يەردە بارغىلى كەلگىلى ئۆيى يوق ئىگە-چاقىسىز
ساھابىلەر ،بويتاقالر ،مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان تالىبالر يېتىپ قوپاتتى .بۇ يەردە تۇرىدىغانالر «سۇففا
ئەھلى» ياكى «ئەسھابى سۇففا» دەپ ئاتىالتتى .سۇففا ئەھلى ئادەتتە كەمبەغەل كىشىلەر بولۇپ ،ئۇالرنىڭ
ئېھتىياجلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ھەل قىالتتى ،باي مۇسۇلمانالرنى ئۇالرغا ياردەم قىلىشقا چاقىراتتى.
‏قىبلىنىڭ قۇددۇستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشى بىلەن جەنۇپ تەرەپتىكى ئىشىك ئېتىۋېتىلىپ ،شىمال
تەرەپتىن بىر ئىشىك ئېچىلدى .شۇنىڭ بىلەن جەنۇپ تام تەرەپتىكى سۇففا سايىۋەنلىكى شىمالىي تام
تەرەپكە يۆتكەلدى.
‏مەسجىدنىڭ ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن سەل ئېگىز ئىدى .مەسجىدى نەبەۋى (پەيغەمبەر مەسجىدى)
دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇش پۈتۈشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەبۇ ئەييۇپ
ئەلئەنسارىينىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ،مەسجىدنىڭ تېمىغا ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن يانداپ سېلىنغان ھوجرىغا
كۆچۈپ كىردى.
‏مەسجىدى نەبەۋى جامائەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشالرنى قىلىدىغان بىر ئاممىۋى سورۇن ئىدى.
مۇسۇلمانالر كۈندىلىك بەش ۋاقىت ناماز ،ھەپتىلىك جۈمە نامىزى قاتارلىق ئىبادەتلىرىنى بۇ يەردە
ئادا قىالتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم تەبلىغىنى بۇ يەردە قىالتتى .ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە
پائالىيەتلىرى بۇ يەردە قىلىناتتى .مۇھىم قارارالر بۇ يەردە ماقۇللىناتتى .سىرتتىن كەلگەن ئەلچىلەر بۇ يەردە
قوبۇل قىلىناتتى .بۇ مەسجىد مانا مۇشۇنداق بىر ئۇنۋېرسال ماكان ئىدى.
‏مەسجىد قۇرۇلۇشى پۈتۈشى بىلەن مۇسۇلمانالرنىڭ ناماز ۋاقتىغا مەسجىدكە دەل ئۈلگۈرۈپ كېلىش
مەسىلىسى ،يەنى ناماز ۋاقتىنى قانداق بىلدۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم
بۇ ھەقتە ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى .خىلمۇ-خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى .لېكىن پەيغەمبىرىمىز
بۇالرنى خوپ كۆرمىدى .ساھابىلەردىن ئابدۇلالھ بىن زەيد چۈشىدە كۆرگەن ئەزاننى ئېيتتى .پەيغەمبىرىمىز
بۇنى مۇۋاپىق كۆردى-دە ،بىالل ھەبەشىگە ئۆگەتتى .نەتىجىدە بىز بۈگۈن بىلىدىغان ئەزان نامازغا چاقىرىش
ئۈچۈن ئوقۇلۇشقا باشلىدى .مەسجىدى نەبەۋىدە ئەزان ئوقۇش ئۈچۈن ئايرىم بىر جاي تەييارالنغاندى.

-1دەرىس :پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى دەسلەپكى پائالىيەتلىرى
نۆۋەت سىلەردە

ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئوقۇغۇچىالر ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىگە يانداشتۇرۇپ بىر سۇففانىڭ بىنا
قىلىنىشى ئىسالمنىڭ قانداق بىر ئاالھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟

مۇسۇلمانالرنىڭ قېرىنداش ئېالن قىلىنىشى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەدىنىگە كېلىپ بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مەككىدىن كەلگەن
مۇھاجىرالر بىلەن مەدىنىلىك ئەنسار ئائىلە باشلىقلىرىنى چاقىرىپ بىر يىغىن ئاچتى .بۇيىغىننىڭ
مەقسىدى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانالرنىڭ مەدىنىدە ماددى ۋە مەنىۋى
جەھەتتىن خاتىرجەم ۋە ئىتتىپاق ياشىشى توغرىسىدا كونكرېت چارە-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش
ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەككىلىك ۋە مەدىنىلىك مۇسۇلمانالرنى
ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملىشىشكە چاقىردى .مۇھاجىر بىلەن ئەنسارنى قېرىنداش قىلدى.
قېرىنداشلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئىشلەيدۇ ،تاپقان كىرىمنى
ئۆلۈشىدۇ ،ھەتتا بىر-بىرىگە مىراسخور بولىدۇ .لېكىن بۇ قېرىنداشلىقنىڭ مىراسقا مۇناسىۋەتلىك
قىسمى بەدىر ئۇرۇشىدىن كېيىن نازىل بولغان ئايەت ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى:
«ئالالھنىڭ ھۆكمىدە ،ئۇرۇق-تۇغقانالر بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتالردىن) ئەڭ
ھەقلىقتۇر( »...ئەنفال سۈرىسى -75ئايەت)
‏‏ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېرىنداشلىق تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتى .مەككىلىك ۋە
مەدىنىلىك نۇرغۇن مۇسۇلمان ئائىلە شۇنداق قىلىپ ئۆزئارا قېرىنداش بولۇشتى.
‏ئىمانىنى قوغداش ئۈچۈن مەككىدە ھەممە نېمىسىنى تاشالپ قويۇپ ھىجرەت قىلغان مەككىلىك
مۇھاجىرالرنىڭ ماددى قىينچىلىقى شۇنىڭدىن كېيىن يىنىكلىدى .ئۇالرنىڭ خاتىرجەم ياشىشى
ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم تاشالندى .ئەنسار بىلەن مۇھاجىرالر ئۆزئارا قېرىنداش بولغاندىن كېيىن
مۇسۇلمانالر تېخىمۇ كۈچلەندى.
ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە تىنچلىق ئورنىتىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى بىلەن مەدىنە جەمئىيىتى ئۇشبۇ
كىىشلەردىن تەركىپ تاپتى:
‏ .1مۇھاجىرالر :مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانالر
‏ .2ئەنسار :مەدىنىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ ،ئۇالر ئاساسلىقى ئىسالمغا كىرگەن ئەۋس ۋە
خەزرەج قەبىلىسىدىكى ئەرەبلەر
‏ .3يەھۇدىيالر :مەدىنىدە يەرلەشكەن يەھۇدىيالرنىڭ بەنى قەينۇقا ،بەنى نەزىر ۋە بەنى
قۇرەيزە قەبىلىلىرى
‏ .4تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئەرەب قەبىلىلىرى
‏‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئەنسار بىلەن مۇھاجىرنى ئۆزئارا قېرىنداش قىلىش بىلەن مۇسۇلمانالر
ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى .لېكىن ئۇ شەھەردە ياشىغان يەھۇدى ۋە
مۇسۇلمان بولمىغان ئەرەبلەر بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىپ ،شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقالش،
ئۇالر بىلەن ئىتتىپاق ياشاشنى ئارزۇ قىالتتى .بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ساھابىلىرى بىلەن ،ھەمدە
مۇسۇلمان بولمىغان باشقا ئاھالىلەر بىلەن كۆرۈشتى .نەتىجىدە بىر شەھەر دۆلىتى قۇرۇش ھەققىدە
بىر پىكىرگە كەلدى .مەدىنە جەمئىيىتىنى يېڭىدىن تەرتىپكە سالىدىغان قائىدە-نىزامالر يېزىلغان بىر
قانۇن اليىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .ئىجتىمائىي كېلىشىم ماھىيىتىدىكى بۇ قانۇندا مۇسۇلمانالرنىڭ ئۆز
ئارا مۇناسىۋەتلىرى ،ياتالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ،مەمۇرى ۋە ئەدلىيە نىزامى ،شەخىسلەرنىڭ
دىنىي ئەركىنلىكى ،ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى يېزىلغان ئىدى.
‏بۇ كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن يەھۇدىيالرنىڭ مەككە مۇشرىكلىرىغا ياردەم قىلىشىنىڭ قانۇن
جەھەتتىن ئالدى ئېلىندى .ئەگەر مۇشرىكالر مەدىنىگە ھۇجۇم قىلسا ،مۇسۇلمانالر بىلەن يەھۇدىيالر

57

-3باب :مەدىنە دەۋرى

بىرلىكتە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىش قارارالشتۇرۇلدى .بۇ قانۇن بىلەن مۇسۇلمانالرنىڭ ئىجتىمائىي
ئورنى مۇستەھكەملىنىپ ،ھوقۇقى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولدى .يەھۇدىيالرنىڭ دىنىي ئېتىقاد
ئەركىنلىكى ۋە جان-مال بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى .شۇنىڭ بىلەن مەدىنە جەمئىيىتىدە
ئىجتىمائىي تىنچلىق ئورنىتىلدى.
نۆۋەت سىلەردە

‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەيلى مۇسۇلمانالر ئارىسىدا بولسۇن ،ياكى مەدىنىدە
ياشىغان باشقا خەلقلەر بىلەن بولسۇن ،ئۇالر بىلەن قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ
ئاساسلىق نىشانى نېمە؟

2

مۇشرىكالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

مۇشرىكالر بىلەن قىلىنغان ئۇرۇش

58

بەدىر
مۇسۇلمانالر بىلەن مەككىلىك مۇشرىكالر ئارىسىدىكى تۇنجى ئۇرۇش بەدىردە يۈز بەردى.
بەدىر مەدىنىنىڭ غەربى جەنۇبىغا 160كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ ،قىزىل دېڭىز ساھىلى بىلەن
بولغا ئارىلىقى 30كىلومېتىر كېلىدۇ .ئۇنىڭ ئورنى مەككە مەدىنە يولى بىلەن سۈرىيە كارۋان
يولى بىرلەشكەن نوقتىغا جايالشقان .بەدىر قۇدۇقلىرى شۇ زاماندىكى كارۋانالرنىڭ توختايدىغان
يېرى ئىدى.
بەدىر ئۇرۇشى مۇسۇلمانالر مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مەككىلىك مۇشرىكالرنىڭ
ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەردى .مەككىدە مۇسۇلمانالرغا قىلىنغان زۇلۇم ،پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمنى ئۆلتۈرۈش قەستى قاتارلىق ۋەقەلەر مۇسۇلمانالرنى توغۇلغان شەھرىنى تاشالپ
چىقىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى .قۇرەيشلىك مۇشرىكالر مەدىنىدىمۇ مۇسۇلمانالرنى خاتىرجەم ياشىغىلى
قويمىدى .ئۇالر ئۆزلىرىنىڭ تىجارىتى ۋە ئېتىقادىغا مۇسۇلمانالردىن بىرەر تەھدىت كېلىپ
قالمىسۇن دەپ چارە-ئامال ئىزدەۋاتاتتى .مۇسۇلمانالرمۇ ئۆزلىرىنى مەككىلىكلەردىن مۇداپىئە
قىلىش ئۈچۈن كالال قاتۇرىۋاتاتتى.
ئەبۇ سوفيان مەدىنىلىكلەرگە خەت يېزىپ ،ئۇالرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ھېمايە
قىلغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى .ئەھۋالدىن قارىغاندا مەككىلىكلەر مەدىنىلىكلەرگە قارشى
ئىقتىسادىي جازا تەدبىرىنى تۈزۈپ بولغاندەك قىالتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئۇالرنىڭ بۇ
نىيىتىنى بىلگەن ھالدا مەدىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش نىيىتىدە ئىدى .شۇڭا،
مەدىنىگە كېلىپ بىر يىلدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەككىلىكلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ
قۇرەيشكە ئائىت تىجارەت كارۋانلىرىنىڭ مۇسۇلمانالر ھاكىمىيىتىدىكى جايالردىن ئۆتۈشىگە
بولمايدىغانلىقىنى ئوقتۇردى .مەككىلىكلەرگە بۇنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئەسكەر
ئەۋەتتى ،ھەتتا بەزىدە توقۇنۇشالرمۇ بولدى.
ھىجرىيەنىڭ -2يىلى قۇرەيىشلىكلەر ئەبۇ سوفياننىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭ بىر تىجارەت
كارۋىنىنى سۈرىيەگە ئەۋەتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدى .ساھابىلىرى
بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كارۋاننى مەككىگە قايتىش يولىدىكى بەدىردە توسۇشنى قارار قىلدى-دە،
تەييار تۇرۇشنى ئېيتتى.
كارۋاننىڭ قايتىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان رەسۇلۇلالھ ئەلەيھىسساالم ھىجرىيە -2يىلى
رامىزان ئېيىنىڭ -12كۈنى (مىالدى -624يىلى -9مارت كۈنى) مەدىنىدىن بەدىرگە قاراپ يولغا
چىقتى .مەدىنىگە ئابدۇلالھ بىن ئۇممۇ مەكتۇمنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ قويدى .تەخمىنەن
305كىشىلىك بۇ قوشۇندا يەتمىشكە يېقىن تۆگە بىلەن ئىككى ئات بار ئىدى .بۇ پەيتتە ئەبۇ

-2دەرس :مۇشرىكالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

سوفيانمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ مەدىنىدىن يولغا چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى .ئەبۇ
سوفيان دامدام بىن ئامر ئىسىملىك ئادەمنى مەككىگە ئەۋەتىپ ياردەم تەلەپ قىلدى .ئۆزى بولسا،
كارۋاننى تۇزاقتىن ساقالپ قېلىش ئۈچۈن بەدىرگە بارماي ،ئاز ئىشلىتىلىدىغان ساھىل يولىدا مېڭىپ
مەككە ئامان يۈرۈپ كەتتى.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدىال مەككىلىكلەر ئەبۇ جەھىلنىڭ قۇماندانلىقىدا 1000كىشىلىك بىر قوشۇن
بىلەن بەدىرگە قاراپ يولغا چىقتى .بۇ قوشۇندا 100ئات ۋە 700دەك تۆگە بار ئىدى.
ئەبۇ سوفيان كېيىن كارۋاننىڭ ساق-ساالمەت قۇتۇلغانلىقىنى ،مەككىلىكلەرنىڭ قايتىپ كەتسە
بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خەۋەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما ئەبۇ جەھىل «قايتمايمىز!» دەپ چىڭ
تۇردى .ئىككى قوشۇن بىر-بىرىدىن خەۋەرسز ھالدا بەدىرگە كەلدى .قۇرئان-كەرىمدە بۇ ئەھۋالغا
ئىشارەت قىلىنغان:
«ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭالر ،ئۇالر ۋادىنىڭ
(مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى( .قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ
تۆۋىنىڭالردا ئىدى( .مۇشرىكالر بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭالر ،سىلەر
(ئۆزۈڭالرنىڭ ئازلىقىنى ،مۇشرىكالرنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىالپلىق
قىلغان بوالتتىڭالر ،لېكىن ئالالھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانالرنى
ئەزىز ،مۇشرىكالرنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە
مۇشرىكالر بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى) .ئالالھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھاالك
بولىدىغانالرنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھاالك بولۇشى ،ياشايدىغانالرنىڭ
روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى .ئالالھ (بەندىلىرىنىڭ
سۆزلىرىنى) ،ئەلۋەتتە ،ئاڭالپ تۇرغۇچىدۇر( ،نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
(ئەنفال سۈرىسى-42 ،ئايەت)

ھىجرىيە -2يىلى رامىزان ئېيىنىڭ -17كۈنى (مىالدى -624يىلى -14مارت) جۈمە كۈنى
ئەتىگەندە ئىككى قوشۇن بەدىرگە قاراپ ئىلگىرلىدى .مۇسۇلمانالر بەدىر قۇدۇقلىرىغا بالدۇر
يېتىپ كەلدى-دە ،بىر قۇدۇقنى قالدۇرۇپ ،باشقا قۇدۇقالرنى قۇم تۆكۈپ تىندۇرىۋەتتى .ئۇرۇش
تەييارلىقىنى تامامالپ بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئالالھقا مۇنداق دۇئا قىلدى:
“ئەي رەببىم! قۇرەيشلىكلەر كىبىر ۋە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كەلدى ،ساڭا قارشى جەڭ ئېالن
قىلدى ،پەيغەمبىرىڭنى يالغانغا چىقاردى .ئەي رەببىم! پەيغەمبەرلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىڭنى
ئېيتقانىدىڭ .ماڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان غەلبىنى نېسىپ قىلىشىڭنى تىلەيمەن .ئالالھىم! ئەگەر
مۇشۇ ئازغىنا مۇسۇلمانالرنى ئۇرۇشتا ھاالك قىلساڭ ،ساڭا ئىبادەت قىلغۇچىالر قالمايدۇ( ”.ئىبنۇل
ئەسىر« ،ئەل-كامىل»-2 ،جىلد)123-122 ،

ئۇرۇش ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئالدى بىلەن مۇبارىزە (رەقىپلەر مەيداندا يەكمۇ-يەك
ئېلىشىپ ئۇرۇشۇش) شەكلى بىلەن باشالندى .ۋاقىت ئۆتكەنسىرى شىددەتلىنىپ ،تۆت بەش سائەت
داۋامالشقاندىن كېيىن مۇسۇلمانالرنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن ئاخىرالشتى .قۇرەيشتىن 70ئادەم
ئۆلدى .يەنە 70ئەتراپىدا قۇرەيشلىكنى مۇسۇلمانالر ئەسىرگە ئالدى .مۇسۇلمانالردىن تۆت كىشى
شېھىت بولدى .گەرچە مەككىلىكلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدىال مەغلۇپ
بولدى .بۇنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانالردىكى سەۋرى-تاقەت ،چىدامچانلىق ۋە تاكتىكا بىلەن بىرلىكتە
ئالالھتائاالنىڭ پەرىشتىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق مۇسۇلمانالرغا ياردەم قىلغانلىقىدۇر .دەرۋەقە ،قۇرئاندا
بۇ ئەھۋال مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

59

-3باب :مەدىنە دەۋرى
«ئالالھ سىلەرگە بەدرىدە نۈسرەت ئاتا قىلدى ،ھالبۇكى ،سىلەر كۈچسىز ئىدىڭالر (سانىڭالر
ۋە قورالىڭالر ئاز ئىدى) .ئالالھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۈسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن
ئالالھتىن قورقۇڭالر(« .ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە« :پەرۋەردىگارىڭالر
سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ( ».ئال-ئىمران
سۈرىسى -124-123ئايەتلەر)

ئۇرۇشتىن كېيىن مۇسۇلمانالر غەنېمەتلەرنى يىغدى ،ئەسىرلەر بىلەن بىللە مەدىنىگە قاراپ
يولغا چىقتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تاپىالپ ،ئۇالرنىڭ
بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى .مۇزاكىرىدىن كېيىن ئەسىرلەر فىدىيە تۆلەش شەرتى بىلەن قويۇپ
بېرىلدى .فىدىيە تۆلىيەلمىگۈچى ئەسىرلەرنىڭ ھەر بىرى ئون مۇسۇلمان بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ
قويسا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانالر مەككىلىكلەرگە قارشى تۇنجى قېتىملىق غەلبىسىنى ،ھەيۋىتىنى
كۆرسىتىپ قويدى .بۇ غەلبىدىن كېيىن مۇسۇلمانالر تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كەلدى.

60

ئوھۇد
بەدىر ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ،يېقىن-يورۇقلىرى ۋە ئورۇق-تۇغقانلىرىدىن
ئايرىلىپ قالغان مەككىلىك مۇشرىكالر ئىنتىقام ئېلىش دەردىدە پۇچىلىنىپ كېتىۋاتاتتى .ئۇالر ئەبۇ
سوفياننىڭ يېنىغا بېرىپ ،سودا كارۋىنىدىن تاپقان پۇلنى مۇسۇلمانالرغا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن
خەجلەشنى تەكلىپ قىلدى .ئەبۇ سوفيانمۇ ئۇالر بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ،
بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى .مەككىلىك مۇشرىكالر ھەم بەدىردىكى ئىنتىقامىنى ئېلىشنى ،ھەمدە
ئۇالر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان سۈرىيە تىجارەت يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىيەت
قىلىشقانىدى.
مەككىلىك مۇشرىكالر ھەربى كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەككە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەردىن
پۇل بېرىش شەرتى بىلەن يالالنما ئەسكەر توپالشقا باشلىدى .نەتىجىدە 200ئاتلىق3000 ،
تۆگىلىك 700 ،نەپەر تولۇق قۇرالالنغان ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان
3000كىشىلىك ھەربىي قوشۇن ئەبۇ سوفياننىڭ قۇماندانلىقىدا مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇ قوشۇننىڭ مەدىنىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،
ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى چاقىردى .ساھابىلەردىن
بەزىلىرى مەدىنە ئىچىدە تۇرۇپ مۇداپىئەلىنىشنى تەكلىپ قىلدى .يەنە بەزىلەر مەدىنە سىرتىغا
چىقىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەدىنە ئىچىدە
تۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش تەرەپدارى ئىدى .بىراق ،بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان ياشالر بىلەن
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ھەمزە «مەدىنە سىرتىدا مەيداندا ئۇرۇش قىلساق» دەپ چىڭ
تۇرۇۋالدى .نەتىجىدە زور كۆپچىلىكنىڭ پىكرى بويىچە مەدىنە سىرتىدا مەيدان ئۇرۇشى قىلىش
قارار قىلىندى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ساۋۇت-دۇبۇلغىسىنى كىيدى ،قىلىچ قالقىنىنى قولىغا
ئالدى .مەدىنىدە ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئابدۇلالھ بىن ئۇممۇ مەكتۇمنى ۋەكىل قىلىپ قويدى .ئۆزىنىڭ
ئەتراپىغا يىغىلغان 1000كىشىلىك قوشۇن بىلەن يولغا چىقتى .يولدا سىلەرگە قوشۇاليلى دەپ
كەلگەن 600كىشىلىك يەھۇدى ئەسكىرىنى سىلىق رەت قىلدى .ئابدۇلالھ بىن ئۇبەي يولدا “مەن
مەدىنە سىرتىدا مەيداندا ئۇرۇش قىلىشقا قارشى ئىدىم .مۇھەممەد ئۇششاق-چۈششەك بالىالرنىڭ
گېپىگە كىردى ،بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمىدى” دەپ 300كىشىلىك ئادەملىرىنى ئېلىپ ئارقىغا
قايتىپ كەتتى.
مۇسۇلمانالر ھىجرى -3يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ -11كۈنى (مىالدى -625يىلى -1ئاينىڭ
-25كۈنى) جۈمە كۈنى ئەتىگەندە مەدىنىنىڭ شىمالىدىكى بىر سائەتلىك ئۇزاقلىقتىكى ئوھۇد

-2دەرس :مۇشرىكالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ يەرلەشتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم قوشۇنىنى ئۇرۇش قائىدىسى بويىچە
يەرلەشتۈرۈپ ،بايراقنى مۇسئەب بىن ئۇمەيرگە تۇتقۇزدى .زۇبەير بىن ئەۋۋام ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق
ئەسكەرلەرگە ،ھەزرىتى ھەمزە باشقا ئەسكەرلەرگە قۇماندانلىققا تەيىنلەندى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم
دۈشمەننىڭ ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇلالھ بىن جۇبەيرنىڭ
قۇماندانلىقىدا ئەللىك نەپەرگە يېقىن ئوقچىنى ئاينەيىن ئىسىملىك ئۆتكەلگە ئورۇنالشتۇرۇپ ،ئۇالرغا
ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشتىن قەتئىنەزەر ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز ئورنىدىن
ئايرىلماسلىقنى جېكىلىدى.

61
ئوقچىالرجايالشقان ئېگىزلىك

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مۇسۇلمانالر مۇشرىكالرنى تىرىپىرەن قىلدى .بۇنىڭلىق بىلەن
مۇسۇلمانالر ئۇرۇشتا غەلبە قىلدۇق دەپ ئويالپ ،ئۇرۇشنى تاشالپ ئالدىراش ھالدا غەنېمەت يىغىشقا
باشلىدى .ئاينەيىن ئۆتكىلىگە ئورۇنالشتۇرۇلغان ئوقچىالرمۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلدۇق دەپ ئويالپ،
پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىنى ئۇنتۇپ ،تۇرغان يېرىدىن ئايرىلدى .مۇسۇلمانالرغا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم
قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان خالىد بىن ۋەلىد دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى .ئاينەيىندە
ئورۇنالشتۇرۇلغان يېرىدە مۇقىم تۇرغان ئابدۇلالھ بىن جۇبەير ۋە ئۇنىڭ 10نەپەر ھەمراھى
ئۇرۇشتا شېھىت بولدى .ئاندىن خالىد بىن ۋەلىد غەنېمەت يىغىش بىلەن بەنت بولغان مۇسۇلمان
ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى .بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا مۇشرىكالرمۇ ئۇرۇش مەيدانىغا
قايتىپ يېڭىۋاشتىن ھۇجۇم باشلىدى .مۇسۇلمانالر قىيىن ئەھۋالدا قالدى .بۇ پەيتتە ھەزرىتى
ھەمزىنى ۋەھشى بىن ھەرب شېھىت قىلدى .ئىبنى قامىئە ئىسىملىك بىر ئادەم قىلىچ ئۇرۇپ
پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۈزىنى يارىلىدى .قىلىچ زەربىسى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇبۇلغىسى ئىككى
پارچە بولۇپ كەتتى ،ئۇنىڭ تۆمۈر ھالقىسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېڭىكىگە پاتتى .پەيغەمبىرىمىزگە
ئېتىلغان بىر تاش ئۇنىڭ لەۋلىرىنى يېرىپ ،بىر چىشى چۈشۈپ كەتتى .بۇ پەيتتە مۇسۇلمانالرنى
ئاالقىزادە قىلىۋەتكەن بىر ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقتى .بۇ ۋەقە مۇنداق :ئابدۇلالھ بىن قامىئە ئىسىملىك
مۇشرىك ئادەم مۇسئەب بىن ئۇمەيرنى ئۆلتۈردى-دە ،ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا ئوخشىتىپ
“مۇھەممەدنى ئۆلتۈردۈم” دەپ ۋاقىرىدى .بۇ خەۋەر مۇسۇلمانالرنى قورقۇتۇپ ئاالقزادە قىلىۋەتتى.
لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ راست ئەمەسلىكى بىر دەمدىن كېيىن ئايان بولدى-دە ،مۇسۇلمانالرنىڭ كۆڭلى

-3باب :مەدىنە دەۋرى

ئارامىغا چۈشتى.
بوش قالغان جەڭ مەيدانىغا كەلگەن ئەبۇ سوفياننىڭ خۇتۇنى ھىند قۇلى ۋەھشىگە بۇيرۇپ
ھەزرىتى ھەمزىنىڭ قارنىنى يېرىپ ،يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ،ئاغزىغا سېلىپ چايناپ تۈكۈردى.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز تاغىسى ھەزرىتى ھەمزىنى بەك ياخشى كۆرەتتى .كېيىن ۋەھشى مۇسۇلمان
بولدى ،پەيغەمبىرىمىز ۋەھشىنى ھەر كۆرگەندە بۇ ۋەقە ئېسىگە كېلىپ قالىدىغان بولغاچقا ،ئۇنىڭ
يۈزىنى كۆرۈشنى خالىماي ،بىر ئاز يىراق تۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
نەتىجىدە بۇ قىيىن ئۇرۇشتا مۇسۇلمانالردىن 70ئادەم شېھىت بولدى .مۇشرىكالردىن 23
ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.
مەككىلىك مۇشرىكالر ئۇرۇشتا بەك چىڭ تۇرۇۋالمىدى .ئاخىرىدا ئەبۇ سوفيان جەڭ مەيدانىنى
بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم شېھىتلەرنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى مەدىنىگە قايتتى.
لېكىن قۇرەيشلىكلەرنىڭ راستال قايتىپ كەتكىنىدىن گۇمانالنغانتى ،ئۇالرنىڭ قايتىپ كەتكىنىگە
پۇشايمان قىلىپ قايتا كېلىش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئەتىسى كۈنى قۇرەيشلىكلەرنى كۆزىتىش
ئۈچۈن 500كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن مەدىنىگە 16كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ھەمرائۇل-ئەسەد
دېگەن جايغىچە بېرىپ ،ئۇ يەردە بەش كۈن قوندى.
سانىنى كۆپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كېچىسى مىڭدەك گۈلخان ياقتى .بۇ قېتىمقى سەپەر
“ھەمرائۇل-ئەسەد غازىتى” دەپ ئاتالدى.

62

خەندەك
مۇشرىكالر بىلەن قىلىنغان يەنە بىر ئۇرۇش خەندەك ئۇرۇشىدۇر .بۇ ئۇرۇشتا شەھەرنىڭ
ئەتراپىدا تەخمىنەن 5كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا خەندەك قېزىلغانلىقى ئۈچۈن خەندەك ئۇرۇشى دەپ
ئاتالغىنىدەك ،ھەر خىل گوروھالر بىرلىشىپ مۇسۇلمانالرغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەھزاب
ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان.
خەندەك ئۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا يەھۇدىيالرنىڭ مەككە مۇشرىكلىرىنى ئۇرۇشقا
كۈشكۈرتكەنلىكىنىڭ رولى چوڭدۇر .بۇ ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق :ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغىنىدەك،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مەدىنىدىكى يەرلىك يەھۇدى
قەبىلىلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزاالپ ،شەھەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا بىللە كۈچ چىقىرىش
ۋە مۇشرىكالر بىلەن ھەمكارالشماسلىق توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە كەلگەن .يەھۇدىيالرنىڭ بەنى
نەزىر ۋە بەنى قەينۇقا قەبىلىسى بۇ كېلىشىمنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇزۇپ ،مەككىلىك مۇشرىكالر
بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى .بەنى نەزىر قەبىلىسىنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن
سۈيقەست قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇالر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تامامەن ئىناۋەتسىز بولۇپ ،بەنى
نەزىر بىلەن بەنى قەينۇقا مەدىنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىلدى .مەدىنىدىن چىقىرىلغان يەھۇدىيالرنىڭ
بىر قىسمى خەيبەرگە يەرلەشتى .مۇسۇلمانالرغا قارشى ئورتاق قوشۇن تەييارالش نىيىتىگە كەلگەن
بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى مەككىگە بېرىپ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنى مۇسۇلمانالرغا
قارشى ئۇرۇشقا چاقىردى .ئەبۇ سوفيان ئۇالرنىڭ بۇ چاقىرىقىغا خۇشاللىق بىلەن ئاۋاز قوشتى.
بۇ يەھۇدىيالر يەنە غەتافان ،سۇلەيم ،فەزارە ،مۇررە ۋە ئەشچا قاتارلىق بەزى مۇشرىك ئەرەپ
قەبىلىلىرىگە بېرىپ ،ئۇالرغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلىش ئارقىلىق ،ئۇالرنى مۇسۇلمانالرغا قارشى
ئۇرۇشقا ئاتالندۇردى .نەتىجىدە يەھۇدىيالر ،قۇرەيشلىكلەر ۋە باشقا مۇشرىك ئەرەپ قەبىلىلىرىنىڭ
بەزىلىرىدىن تەشكىللەنگەن زور بىر قوشۇن مۇسۇلمانالرغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتالندى .مەككە ۋە
ئۇنىڭ ئەتراپىدىن توپالنغان 4000كىشىلىك بىر قوشۇن يولغا چىققاندا يولدا ئۇالرغا قوشۇلغان
ئەسكەرلەر بىلەن كۆپىيىپ ،مەدىنىگە يېتىپ كەلگەندە سانى 10مىڭ كىشىگە يەتكەن ئىدى.
بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى مەككە ئەتراپىدىكى خۇزائە

-2دەرس :مۇشرىكالر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

قەبىلىسىدىن ئەۋەتىلگەن خەۋەرچى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى .بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەرنى
يىغىپ قانداق ئۇرۇش تاكتىكىسى ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى .مەدىنىدە تۇرۇپ شەھەرنى
مۇداپىئە قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى سىرتقا چىقىپ مەيدان ئۇرۇشى قىلىش كېرەكمۇ؟ نەتىجىدە ئوھۇد
ئۇرۇشىنىڭ ئەكسىچە ،شەھەردە تۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش قارار قىلىندى.
ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىرانلىق سالمان پارىسىي مەدىنىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە كەڭ ۋە
چوڭقۇر قىلىپ خەندەك قېزىشنى تەكلىپ قىلدى .سالمان پارىسىي ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئىراندا
پەقەتال شەھەرنى مۇھاسىرە قىلغان دۈشمەننىڭ كېچىسى ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن
ئەمەس ،بەلكى دۈشمەننىڭ پىيادە ياكى ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ مۇداپىئە لىنيىسىدىن ئاتالپ ئۆتۈپ
كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىغا خەندەك قېزىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر،
مەلۇمات ۋە تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى .بۇ تەكلىپ مۇۋاپىق كۆرۈلدى-دە ،ساھابىلەر دەرھال
ھەرىكەتلىنىپ خەندەك قېزىشقا تۇتۇش قىلىشتى.
خەندەكنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 5.50كىلومېتىر ،كەڭلىكى 9مېتىر ،چوڭقۇرلۇقى 4.50مېتىر
ئەتراپىدا بولغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.
دۈشمەن قوشۇنى مەدىنە ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەندە خەندەك قېزىش ئىشى تاماملىنىپ
بولغان ئىدى .مۇشرىكالر خەندەكنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى .قۇرەيش قۇشۇندىن بىر قانچە
كىشى خەندەكتىن ئاتالپ ئۆتەلىگەن بولسىمۇ ،ئەمما مۇسۇلمانالرنىڭ مۇداپىئە سىزىقىدىن ھالقىپ
ئۆتەلمىدى .چۈنكى ،مۇسۇلمانالر مۇداپىئە سىزىقىدا دۈشمەنگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.
مۇھاسىرە ۋاقتى بارغانسىرى ئۇزىراپ كەتتى .مۇشرىكالرنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكلىرى تۈگەپ ،قىيىن
ئەھۋالدا قالدى .شۇڭا بەزىلىرى قايتىپ كېتىش كويىغا چۈشتى .بۇ ئەھۋال مۇشرىكالرنىڭ قوشۇنىدا
ساراسىمە پەيدا قىلدى .ئۇالر بىر تەرەپتىن خەندەكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ،مۇسۇلمانالرنىڭ مۇداپىئە
لىنيىسىنى بۇزۇش توغرىسىدا كالال قاتۇرسا ،يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنە شەھرىدە ياشاۋاتقان بەنى
قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ،مۇسۇلمانالرنى ئىككى تەرەپتىن قىسماققا ئېلىشنى
ئارزۇ قىالتتى .مەدىنىنى قورشاشقا سەۋەب بولغان يەھۇدى خۇيەي بىن ئەھتاب بەنى قۇرەيزە
يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋىشى كەئەب بىن ئەسەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ،ئۇنى مۇشرىكالر بىلەن بىرلىشىپ
مۇسۇلمانالرغا ئارقىدىن خەنجەر ئۇرۇشقا قايىل قىلماقچى بولدى.
كەئەب بىن ئەسەد دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتىپ،
خۇيەينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ ،ئاخىرىدا ئۇنىڭ يالۋۇرىشىغا چىدىيالماي ماقۇل بولدى-
دە ،مۇسۇلمانالر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىدى .بۇ شارائىتتا مۇسۇلمانالر ھەقىقەتەن
قىيىن ئەھۋالدا قالدى .بەنى قۇرەيزەنىڭ كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Peygamberim Uygurca - 06
  • Büleklär
  • Peygamberim Uygurca - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3377
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1706
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3409
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    29.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3487
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1638
    31.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    53.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3518
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1366
    31.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1609
    27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3497
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1499
    28.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3377
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1555
    30.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3304
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1575
    31.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3276
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1632
    29.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3230
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1553
    30.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 539
    36.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    54.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.