Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3487
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1638
31.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
45.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
53.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ سېنى
يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ يېتىمنى خارلىما .سائىلغا قوپاللىق
قىلما .پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن( ”.زۇھا
سۈرىسى )11-1

بۇ ئايەتلەردە ۋەھىينىڭ ھەقىقەتلىكى ،ئالالھنىڭ ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغانلىقى ئۇنىڭغا
ئېنىق ئايان بولغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ،
ئالالھنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىنى بىلدى.
ۋەھىينى يېقىنلىرىغا بىلدۈرۈش ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانالر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا“ :ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى
(پەيغەمبەر!) تۇر! (ئىنسانالرنى) ئالالھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھالندۇر .پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغال.
كىيىمىڭنى پاك تۇت .ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشالردىن) يىراق بول( ”.مۇدەسسىر
سۈرىسى -5-1ئايەتلەر) نازىل بولۇشى بىلەن ئالالھتىن كەلگەن ۋەھىينى ئىنسانالرغا يەتكۈزۈش
ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بولدى .بۇ ئايەتلەر ئۇنى ئىسالمنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرىغان تۇنجى
ئايەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئاۋال شەخسىي دەۋەتتىن باشلىدى .ئالدى
بىلەن ئۆزى بىللە ياشايدىغان ئائىلە ئەزالىرىغا تەبلىغ قىلدى .مەخپى ئېلىپ بېرىلغان ۋە
ئادەتتە بۇنىڭغا ئىشىنىشىدە شۈبھە بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا قىلىنىۋاتقان بۇ شەخسى دەۋەت
تاكى پەيغەمبىرىمىزگە دىننى يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشالپ تەبلىغ قىلىش توغرىلىق ئايەت نازىل
بولغانغا قەدەر داۋامالشتى.
“يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھالندۇغىن( ”.شۇئەرا سۈرىسى -214ئايەت)
بۇ بۇيرۇق ئۇنى دەسلەپتە سىرتقا ئېچىلماسلىققا ئۈندىدى .چۈنكى ،ئۇ بۇ ئىشنىڭ تەسلىكىنى

29

-2باب :مەككە دەۋرى

بىلەتتى .شۇڭا پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىردى .بۇ زىياپەتتە ئۇالرغا ئالالھ
تەرىپىدىن بىر ئېغىر ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈردى .ھەتتا
بىر قېتىم ئۇ يەردىكى تاغىسى ئەبۇ لەھەب ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىپ قارشى چىقتى .كۆزگە ئىلمىغان
تەلەپپۇزدا“ :بىزنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن چاقىرغانمىتىڭ؟” دەپ مەسخىرە قىلدى.
نۆۋەت سىلەردە

سىلەر ئەڭ مۇھىم بىر ئىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىڭالرنى ئاۋال كىمگە
ئېيتىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن؟

30

ۋەھىينى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينى ئەمدى مەخپى ئەمەس ،بەلكى ئوچۇق-ئاشكارا
ھالدا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى بارلىق جامائەتكە تارقىتىشقا بۇيرۇلغان ئىدى .شۇنىڭ
ئۈچۈن مەككىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان قۇرەيش جامائىتىنى ئىسالمغا چاقىرىش ئۈچۈن كەبىگە
يېقىن سەفا ئېگىزلىكىگە چىقىپ ،شەھەر ئاھالىسىگە خىتاب قىلدى .شەھەر خەلقى ئۇنىڭ سۆزىگە
قۇالق سالدى .پەيغەمبىرىمىز سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:
ئەگەر مەن سىلەرگە شۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كەلگەندۈشمەن قوشۇنى بارگاھ قۇرۇپتۇ دېسەم ،سىلەر ماڭا ئىشىنەمسىلەر؟
خەلق ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
سەن ھازىرغىچە پەقەت يالغان گەپ قىلىپ باقمىدىڭ .سەن نېمە دېسەڭ ،بىز ساڭائىشىنىمىز.
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېدى:
ئۇنداق بولسا ،ئالالھقا قەسەم قىلىمەنكى ،سىلەر قانداق ئۇخلىغان بولساڭالر ،بىر كۈنىشۇنداق ئۆلىسىلەر ۋە كېيىن ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك تىرىلىپ قىلمىشىڭالردىن ھېساب بېرىسىلەر.
شۇنى ياخشى بىلىڭالركى ،ئەبەدى جەننەت بىلەن جەھەننەم بار .ئۆلگەندىن كېيىن ياخشىالر
جەننەتكە ،ئەسكىلەر جەھەننەمگە كىرىدۇ .كەلگۈسىدىكى قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن سىلەرنى
ئاگاھالندۇرۇشقا مەسئۇل بولدۇم .ئالالھنىڭ بىرلىكىگە ۋە مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە ئىمان
ئېيتقانالر ئازابتىن قۇتۇلىدۇ .ئىمان ئېيتمىغانالر قىيامەتتە ئېغىر جازالىنىدۇ( .ئىبنۇل ئەسىر“ ،ئەل-
كامىل”-2 ،جىلد)61-60 ،

پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇ مەزگىلدە ئالالھتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى جەمئىيەتتىكى بارلىق
خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ،پۈتۈن كۈچىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلغان ئىدى .ئەرەبلەر
ئارىسىدا ئەسلىنى يۇقىتىپ قويغان تەۋھىد (ئالالھنىڭ بىرلىكى) ئەقىدىسىنى توغرىالش ،ئالالھقا
شېرىك كەلتۈرمەسلىك ۋە بۇتقا چوقۇنۇشتىن ئۇزاقلىشىش ،ئالالھقا ھۆرمەت قىلىش ،پەقەتال
ئالالھقا ئىبادەت قىلىش ۋە گۈزەل ئەخالقلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
نۆۋەت سىلەردە

ۋەھىينى ئىنسانالرغا يەتكۈزۈش جەريانىدا پەيغەمبىرىمىزنى قانداق قىيىنچىلىقالرغا
ئۇچرىغان دەپ قارايسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

-1دەرس :پەيغەمبەرلىكنىڭ دەسلەپكى يىللىرى

ھەزرىتى ھەمزە بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئىسالمنى ئاشكارا تەبلىغ قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ،قۇرەيشلىك
مۇشرىكالر ھەر خىل ئۇسۇلدا قارشى چىقىشقا باشلىدى .بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانالر ئۈچۈن قېيىن
كۈنلەرنىڭ باشلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى .بۇنداق قېيىن بىر مەزگىلدە باتۇر،
قورقماسلىقى بىلەن نام چىقارغان ھەمزە بىلەن ئۆمەر بىن خەتتابنىڭ ئىسالمغا كىرىشى بىر
بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى ۋە مۇسۇلمانالرغا جاسارەت بېغىشلىدى.
‏ھەزرىتى ھەمزە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ تاغىسى بولۇپ ،ئۇنىڭدىن پەقەتال بىر قانچە
ياش چوڭ ئىدى .ھەزرىتى ھەمزە ئۆزىنىڭ جىيەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا ئەزىيەت قىلغان ئەبۇ
جەھىلگە غەزەپلىنىپ ،جىيەنىنى يالغۇز قويماي مۇسۇلمان بولغانتى .ھەزرىتى ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان
بولۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بىلەن مۆمىنلەرنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشتى .مۇشرىكالر ئۇنىڭدىن
ئەيمىنگەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانالرغا زۇلۇم سېلىشتا بىر ئاز تارتىنىشقا باشلىدى.
‏ئۆمەر بىن خەتتاب قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ئادىي جەمەتىدىن ئىدى .ئۇمۇ ھەمزىگە ئوخشاش
قەھرىمان ،باتۇرلۇقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ ،دەسلەپكى چاغالردا ئىسالمغا قاتتىق قارشى چىققان
ئىدى .بىر كۈنى قىلىچىنى ئېسىپ ،ئۇ چاغالردا ئەركامنىڭ ئۆيىدە ئىسالمنى تەبلىغ قىلىۋاتقان
پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى .يولدا نۇئەيم بىن ئابدۇلالھ ئۇچرىدى.
نۇئەيىم ئۇنىڭدىن قەيەرگە ماڭغانلىقىنى سورىدى .ئۆمەر ئۇنىڭغا« :ھېلىقى يېڭى دىن پەيدا
قىلىپ ،قۇرەيشنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغان ،ئىالھالرغا ھاقارەت قىلغان مۇھەممەد دېگەن
ئەبلەخنى ئۆلتۈرگىلى ماڭدىم» دەپ جاۋاب بەردى .نۇئەيىم ئۇنىڭغا« :ئەي ئۆمەر ،سەن ئۆزەڭنى
ئالداۋاتىسەن .خام خىيال قىلما ،سەن مۇھەممەدنى ئۆلتۈرسەڭ ،ئابدۇمەنافنىڭ ئوغۇللىرى سېنى
بوش قويۇۋېتەرمۇ؟ سەن ئاۋال ئۆزەڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشقۇرساڭچۇ!» دېگەچ ئۇنىڭغا
سىڭلىسى فاتىمە بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتتى .ئۆمەر غەزەپلەنگەن ھالدا
دەرھال سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە باردى .بۇ چاغدا ھەبباب بىن ئەرەت ئۇالرغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتاتتى.
ئۆمەر غەزەپ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ سىڭلىسى فاتىمە بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنى ئۇرۇشقا باشلىشى
بىلەن ھەبباب بىر بۇلۇڭغا يۇشۇرنىۋالدى .بۇ پەيتتە فاتىمە ئاكىسى ئۆمەرگە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان
بولغانلىقىنى ،ئىماندىن ئەسال ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر باياتتىن ئۇالر
ئوقۇۋاتقان نەرسىنى ئۆزىگە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى .ئۇالر تاھا سۈرىسى يېزىلغان قەغەزنى
ئېلىپ كەلدى .ئۆمەر ئۇنى ئوقۇپ ياقتۇرۇپ قالدى .بۇ چاغدا ھەببابمۇ يۇشۇرنىۋالغان يېرىدىن
چىقتى .ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ،ئەركامنىڭ
ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى .ئۆمەرنىڭ قىلىچ تۇتقان پېتى كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ساھابىلەر
ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىشتى .لېكىن ھەزرىتى ھەمزە« :ئەگەر ئۇ ياخشى
نىيەت بىلەن كەلگەن بولسا ،ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئايىمايمىز ،ئەگەر يامان نىيەت بىلەن كەلگەن
بولسا ،ئۆزىنىڭ قىلىچىدا ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ قويىمىز» دېدى .ساھابىلەر ئۇنىڭغا ئىشىك
ئېچىپ نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى سورىدى ،ئۆمەرنىڭ ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى
ئاڭلىغان پەيغەمبىرىمىز «ئالالھۇ ئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتتى .ئۆمەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
مۇسۇلمانالر ئۈچۈن ھەم خوشخەۋەر ھەمدە كۈچ-قۇۋۋەت بولدى.
نۆۋەت سىلەردە

ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن ھەزرىتى ھەمزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇسۇلمانالرغا نىسبەتەن
ئېيتقاندا نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

31

-2باب :مەككە دەۋرى

2

تۇنجى ئىسالم جامائىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى

دەسلەپكى چاغالردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئېھتىياتچان
بولۇشىنى ،ئىسالم توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ يۈرمەستىن ،ئىشلىرىنى مەخپى قىلىشىنى
تاپىلىغان ئىدى .شۇڭا ئۇالر ئىبادەت قىلماقچى بولسا ،باشقىالر كۆرمەيدىغان يىراق يەرلەرگە
بېرىپ ،ئەتراپقا كۆزەتچى قوياتتى.
‏رەسۇلۇلالھ ئەلەيھىسساالم ئىسالمنى ئوچۇق-ئاشكارا تەبلىغ قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن،
مۇشرىكالر ئۇنى ئېغىر تەھدىت دەپ بىلىپ ،ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتتى .ئۇنىڭ
تەبلىغىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر خىل چارە-ئامالالرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى :مۇسۇلمانالرنى
مەسخىرە قىلدى ،بەزىلىرىنى قېيىن-قىستاققا ئالدى ،ھەتتا بەزىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتتى .بولۇپمۇ
قۇل-چۆرىلەر ۋە ئىگە چاقىسىز غېرىپ مۇسۇلمانالر ئېغىر زۇلۇم ،قېيىن-قىستاققا دۇچ كەلدى.
‏قېيىن شارائىت ئاستىدا قالغان دەسلەپكى مۇسۇلمانالر بىر-بىرىگە ياردەم قىلغان ئاساستا
ھاياتىنى قامداشقا تىرىشىۋاتاتتى .ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان مۇسۇلمانالر كۆپ
ساندىكى مۇسۇلمان قۇل-دېدەكلەرنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلدى.

3
32

پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا قىلىنغان قارشىلىقالر ۋە بۇنىڭغا
قارىتا قۇرئاننىڭ جاۋابى

مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ساراڭ ،سېھىرگەر ،داخان ۋە شائىر دەپ قارىالش
ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەلالھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ئالالھتىن ئالغان ۋەھىيلەرنى ئەتراپىدىكىلەرگە يەتكۈزۈشكە باشلىشى بىلەن ھەر خىل تۆھمەت،
بۆھتان ،قارىالشقا دۇچ كەلدى .ئىنكارچى كاپىرالر دەسلەپتە ئۇنى ساراڭ دەپ تۆھمەت چاپلىدى.
قۇرئان-كەرىم ئۇالرنىڭ بۇ خىل سەپسەتىلىرىگە ئۇشبۇ ئايەتلەردە رەددىيە بەردى:
“ئۇالر ئېيتتى« :ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن( .ئەگەر
سەن (مەن رەسۇلۇلالھ دېگەن سۆزۇڭدە) راستچىلالردىن بولساڭ( ،پەيغەمبەرلىكىڭگە
گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟» پەرىشتىلەرنى
پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىال)
نازىل قىلىمىز ،بۇ چاغدا ئۇالرغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇالرنىڭ ئازابى
كېچىكتۈرۈلمەيدۇ( ”).ھىجر سۈرىسى -8-6ئايەتلەر)
“ئۇالر ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ،ئۇالرغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ
كەلدى .ئۇالرنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ( ”.مۇئمىنۇن سۈرىسى -70ئايەت)
“(ئۇالر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى ،ئۇالرغا« :ئالالھتىن باشقا ئىالھ يوق»
دەڭالر) دېيىلسە( ،كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى .ئۇالر:
«ئىالھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن)
تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى .ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇالرنىڭ بوھتان
قىلغىنىدەك ئەمەس) ،ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم) ھەق (دىن)نى ئېلىپ
كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلىدى( ”.ساففات سۈرىسى -37-35ئايەتلەر)

-3دەرس :پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا قىلىنغان قارشىلىقالر ۋە بۇنىڭغا قارىتا قۇرئاننىڭ جاۋابى

“كاپىرالر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن
يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ .سېنى «شۈبھىسىز بىر
مەجنۇن» دېيىشىدۇ .قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر”.
(قەلەم سۈرىسى -52-50ئايەتلەر)

“قەلەم بىلەن ۋە ئۇالر يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى( ،ئى مۇھەممەد!) سەن
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن( ،مۇشرىكالر ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن.
مۇقەررەركى ،سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن( .ئى مۇھەممەد!)
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخالققا ئىگىسەن .شۈبھىسىزكى ،سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ
ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانالرنى ئوبدان بىلىدۇ ،ھىدايەت تاپقۇچىالرنىمۇ ئوبدان
بىلىدۇ( ”.قەلەم سۈرىسى -7-1ئايەتلەر)

يەنە باشقا قارىلىغۇچىالر پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى داخان ،سېھىرگەر ،شائىر دېيىشتى.

“(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن (مەككە كۇففارلىرىغا)« :سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن
چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ ،كاپىرالر چوقۇم ئېيتىدۇ« :بۇ (سۆزنى ئىچىگە ئالغان
قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر« .ئەگەر بىز ئۇالرغا نازىل بولىدىغان ئازابنى
چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ،ئۇالر چوقۇم (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن)« :ئازاب
نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ ،راستال ئۇالرغا ئالالھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە،
ئۇالر قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ،ئۇالر مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇالرنى قورشىۋالىدۇ”.
(ھۇد سۈرىسى -8-7ئايەتلەر)

“مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن ،سىلەر كۆرمەيدىغان
نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن).
بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئالالھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن)
سۆزىدۇر .ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر ،سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر .ئۇ
كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس ،سىلەر ئاز ۋەز -نەسىھەت ئالىسىلەر( .ئۇ) ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر .ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى
توقۇيدىغان بولسا ،ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازااليتتۇق .ئاندىن ئۇنىڭ
ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشاليتتۇق .سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ
قااللمايتتى .شەك -شۈبھىسىزكى ،بۇ قۇرئان تەقۋادارالر ئۈچۈن ۋەز -نەسىھەتتۇر”.
(ھاققە سۈرىسى -48-38ئايەتلەر)

33

-2باب :مەككە دەۋرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئوقىغان ئايەتلەرنى ئىنسان ئۆزى ئىچىدىن توقۇغان دېگەن بۆھتان
ئىنكارچى كاپىرالرنىڭ ئاساسلىق تۆھمەتلىرىدىن بىرى قۇرئان-كەرىمنى ئادەم توقۇپ
چىققان ،ئۇ بىر ئادەمنىڭ گېپى دېگەن سەپسەتىسىدۇر .مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان-كەرىم بۇ
خىل تۆھمەتلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
“ئۇالرغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىالۋەت قىلىنسا ،بىزگە مۇالقات بولۇشنى ئۈمىد
قىلمايدىغانالر (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانالر)« :بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن
ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت ،ئىالھلىرىمىزنى
سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيلە ،ھارامنى ھاالل قىل)» دەيدۇ« .مەن ئۇنى ئۆزەمچە
ئۆزگەرتەلمەيمەن ،مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىيگىال ئەمەل قىلىمەن .ئەگەر
مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام ،ئەلۋەتتە ،بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ)
ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن( ”.يۇنۇس سۈرىسى -15ئايەت)
“ياكى ئۇالر قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟
ئېيتقىنكى« ،ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام ،سىلەر مەندىن ئالالھنىڭ ئازابىدىن ھېچ
نەرسىنى دەپئى قىاللمايسىلەر ،سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭالرنى ئالالھ
ئوبدان بىلىدۇ ،ئالالھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭالردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ
راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭالرغا گۇۋاھ بولىدۇ) ،ئالالھ (تەۋبە قىلغۇچىالرنى)
مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر( ،مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر( ”.ئەھقاف سۈرىسى 8-\46ئايەت)

“بۇ (كەالمۇلالھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر ،بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى.
ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن( ”.مۇدەسسىر سۈرىسى -26-24ئايەتلەر)

34

“(كاپىرالر قۇرئان سېھرىدۇر دەپال قالماستىن) بەلكى ئۇ شائىردۇر ،ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە
ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى .ئۇالردىن ئىلگىرى ،بىز ھاالك قىلغان
شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا( ،مۆجىزىلەرنى
كۆرسەتسەڭ) ئۇالر ئىمان ئېيتامدۇ؟” (ئەنبىيا سۈرىسى - 6-5ئايەتلەر)

مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ۋەھىي قوبۇل قىلىشقا اليىق ئەمەس دەپ قارىالش
مۇشرىكالرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى ۋەھىي ئېلىشقا اليىق ئەمەس دەپ تەنقىد قىلىشىغا قارشى

قۇرئان-كەرىم شاھىت بولۇپ مۇنداق دەيدۇ.:
“مۇشرىكالر (مۇھەممەد ئەلەيھىساالمنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى« :بازارالردا (بىز تاماق
يىگەندەك) تاماق يەيدىغان( ،بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ
بىلەن بىللە ئاگاھالندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئالالھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى؟
يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى ،يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟»
زالىمالر (يەنى كاپىرالر)« :سىلەر پەقەت سېھرىلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى.
مۇشرىكالرنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىسالالرنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن ،ئۇالر ئازدى،
توغرا يول تاپالمايدۇ .ئالالھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى ،ئەگەر ئۇ خالىسا ،ساڭا ئۇالرنىڭ
ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى ،ئاستىدىن ئۆستەڭالر ئېقىپ تۇرىدىغان باغالرنى ۋە چوڭ سارايالرنى
ئاتا قىالتتى( ”.فۇرقان “ )10-7ئۇالر« :بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن
تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى .پەرۋەردىگارىڭنىڭ
رەھمىتىنى ئۇالر تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇالرنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇالرنىڭ
ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق ،ئۇالرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ،
ئۇالرنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق ،پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتى
ئۇالرنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل -ماللىرى)دىن ياخشىدۇر( ”.زۇخرۇف “)32-31ئۇالر
سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ« :ئالالھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئادەم مۇشۇمۇ؟
ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىالھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس
قاالتتى» دېدى .كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇالر (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن
چاغدا بىلىدۇ( ”.فۇرقان سۈرىسى -41ئايەت)

-3دەرس :پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا قىلىنغان قارشىلىقالر ۋە بۇنىڭغا قارىتا قۇرئاننىڭ جاۋابى

پەيغەمبەر بولساڭ مۆجىزە كەلتۈر دېيىشى
ئىنكارچى مۇشرىكالر پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قولالنغان
چارىلەردىن بىرسى ئۇنىڭدىن پەۋقۇلئاددە مۆجىزىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى تەلەپ قىلىش
بولدى .قۇرئان-كەرىم بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇچۇرالرنى بەرگەن:
“ئۇالر ئېيتتى« :تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇالقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا
ھەرگىز ئىشنمەيمىز .ياكى سېنىڭ خورمىلىق ،تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ
تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن .ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە -پارچە
قىلىپ چۈشۈرگىن ،ياكى (پەيغەمبەرلىكڭگە) گۇۋاھچى قىلىپ ئالالھنى ۋە پەرىشتىلەرنى
ئالدىمىزغا كەلتۇرگىن ،ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن ،ياكى سەن (شوتا بىلەن)
ئاسمانغا چىققىن ،ياكى (ئالالھ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى
ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيااليدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا
چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز»( .ئى مۇھەممەد! ئۇالرغا) ئېيتقىنكى« ،ئالالھ پاكتۇر،
مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن .ئالالھنىڭ ئىزنى بولمىسا ھىچ ئادەم بىرەر مۆجىزە
كەلتۇرەلمەيدۇ( ”.ئىسرا سۈرىسى -93-91ئايەتلەر)

“ئۇالر (يەنى ئەھلى مەككە)« :نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمغا)
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرىلمىدى؟»
دەيدۇ .ئېيتقىنكى« ،غەيبنى بىلىش پەقەت ئالالھقا خاس (مۆجىزىلەرنى ئالالھ كەلتۈرىدۇ،
مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن) ،سىلەر (ئالالھنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى)
كۈتۈڭالر ،شۇبھىسىزكى ،مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن»)” (يۇنۇس سۈرىسى
-20ئايەتلەر)

“ئۇالر ئېيتتى« :ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن .ئەگەر
سەن (مەن رەسۇلۇلالھ دېگەن سۆزۇڭدە) راستچىلالردىن بولساڭ( ،پەيغەمبەرلىكىڭگە
گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟» پەرىشتىلەرنى پەقەت
ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىال) نازىل قىلىمىز ،بۇ
چاغدا ئۇالرغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇالرنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ)( ”.ھىجر سۈرىسى-
-8-6ئايەتلەر)

“ئۇالر« :نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى .ئېيتقىنكى،
«مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئالالھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر) ،مەن پەقەت
بىر ئاشكارا ئاگاھالندۇرغۇچىمەن» .بىزنىڭ ساڭا ئۇالرغا تىالۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان
كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇالرغا (مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان
ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك-شۇبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بار( ”.ئەنكەبۇت سۈرىسى-50
-51ئايەتلەر)

“(قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرمەسلىگىمىز پەقەت
بۇرۇنقىالر (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر،
بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق ،ئۇالر ئۇنى ئىنكار قىلدى .بىز
مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنال ئەۋەتىمىز( ”.ئىسرا سۈرىسى -59يەتلەر)

نۆۋەت سىلەردە
ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمغا بۇنچىلىك قاتتىق قارشى چىقىشىنىڭ
ئۇالر ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مۇھىت بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟

35

-2باب :مەككە دەۋرى

4

36

مۇسۇلمانالرنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ،ئىجتىمائىي بېسىم ۋە
ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش

رەھمەت ۋە شەپقەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم ئىسالمنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىشى
بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا نارازى بولغانالر ۋە قارشى چىقىدىغانالر كۆپىيىشكە باشلىدى .بولۇپمۇ
مەككىنىڭ چوڭلىرى بۇ جەھەتتە بەكال قاتتىق قوللۇق ،رەھىمسىزلىك قىلدى .قۇرەيشنىڭ
كاتتىلىرى پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىقىپ ،توسقۇنلۇق ۋە جەڭ ئېالن قىلىپال قالماستىن،
مۇسۇلمانالرنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ،ئۇالرنى مەككىدە چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىينىدى.
قۇرەيشنىڭ ئاقساقاللىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇنچە قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر زۇلۇمغا پەرۋا قىلماي
دەۋىتىنى داۋامالشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ،ئىمان ئېيتقانالرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنسىرى
زۇلۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى .بولۇپمۇ پېقىر-يوقسۇل ،ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىسالمغا كىرىپ كۆڭۈل
خاتىرجەملىكىگە ئېرىشكەنلىكى مەككىنىڭ چوڭلىرىنى بىئارام قىلدى .شۇڭا ،قىيىن-قىستاققا
ئېلىپ جازاالش ئارقىلىق ئۇالرنى ئىماندىن يېنىشقا زورلىدى .ئەممارنىڭ دادىسى ياسىر بىلەن
ئانىسى سۈمەييە ،بىالل ھەبەشى ۋە ھەبباب بىن ئەرەت قاتارلىق يوقسۇل ۋە ئىگە-چاقىسىز
مۇسۇلمانالر شىددەتلىك قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى.
‏ بۇ مەزگىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالممۇ ئېغىر زولۇم ۋە بېسىمغا ئۇچرىدى .ئۇ دەسلەپتە
ئىسالمنى تەبلىغ قىلغاندا ياش ساھابە ئەركامنىڭ ئۆيىنى دەرس ئۆگىتىدىغان ماكان قىلىپ
تاللىغان ئىدى .ئەركامنىڭ ئۆيى (دارۇل ئەركام) كەبىگە يېقىن سەفا ئېگىزلىكىنىڭ باغرىدا
بولغاچقا ،سىرتتىن ھەج قىلغىلى كەلگەنلەر بىلەن مەككىلىك مۇشرىكالرنىڭ دېققىتىنى تارتمىغان
ئاساستا بىخەتەر كۆرۈشكىلى بولىدىغان ئەپلىك يەردە ئىدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم يېڭى
مۇسۇلمانالر بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشۈپ ،ئۇالرغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگىتەتتى ،ئىنسانالرنى
ئىسالمغا چاقىراتتى ،مۆمىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئالالھقا ئىبادەت قىالتتى.
‏مەككىلىك مۇشرىكالر پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن چارە-ئامالالر
كارغا كەلمىگەندىن كېيىن ،پەيغەمبىرىمىزنى قوغداپ ھىمايە قىلىۋاتقان تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ
يېنىغا كەلدى.
‏ئەبۇ تالىبقا« :سېنىڭ جىيەنىڭ ئىالھلىرىمىزغا ھاقارەت قىلدى ،دىنمىزغا تۆھمەت قىلدى،
بىزنىڭ دۆت ئىكەنلىكىمىزنى ،ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خاتا يولدا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى .ھازىر سەن
يا ئۇنى بۇ قىلمىشتىن توسقىن ،ياكى بولمىسا ،ئۇنى ھىمايە قىلىشتىن ۋاز كەچكىن» دەپ بېسىم
قىلدى.
‏بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ تالىب جىيەنىنى چاقىرىپ قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدى.
دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشنى ،ئەمدى بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ھەل قىاللمايدىغان دەرىجىگە كەلگەنلىكىنى
ئېيتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم بۇنىڭغا جاۋابەن:
‏«تاغا ،سەنمۇ مەندىن ئادا-جۇدا بولۇشنى ئويالۋاتامسەن؟ جېنىم ئىلكىدە بولغان ئۇلۇغ ئالالھقا
قەسەم قىلىمەنكى ،ئىالھىي دىننىڭ تەبلىغىنى توختىتىشىم بەدىلىگە ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى،
سول قولۇمغا ئاينى تۇتقۇزۇپ قويسىمۇ ،سەن مېنى تاشلىۋەتسەڭمۇ ،مۇشرىكالرنىڭ دېگىنىنى
قىلمايمەن!» تاغىسىنىڭ يېنىدىن يىراققا كەتتى .بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ تالىب ئۆمرىنىڭ ئاخرىغىچە
جىيەنىنى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،مۇشرىكالرنىڭ ئەلچىلىرىنى يولغا سالدى.
(ئىبنۇل ئەسىر« ،ئەل-كامىل»-2 ،جىلد)64-63 ،

ئويالپ باقايلى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىغا بەرگەن جاۋابى ئۇنىڭ قايسى خىل ئاالھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ
بېرىدۇ؟

-4دەرس :مۇسۇلمانالرنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ،ئىجتىمائىي بېسىم ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش

‏مۇشرىكالر ئەبۇ تالىبنىڭ يېنىدىن كۈتكىنىدەك جاۋاب ئااللمىغاندىن كېيىن بىۋاستە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمنىڭ يېنىغا كېلىپ بەزى ئىشالرنى تەكلىپ قىلدى .ئۇتبە بىن رەبىئە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
‏«مۇھەممەد ،بىز سېنى ئەزەلدىن ئەقىللىق ،ياخشى ۋە كۆڭلىمىز يېقىن ئادىمىمىز دەپ قاراپ
كەلدۇق .سېنىڭ ھېچقانداق بىر كىشىگە يامانلىق قىلغىنىڭنى كۆرمىدۇق .شەھەر خەلقىگە غەيب
خەۋەرلىرى دەپ تەبلىغ قىلغان نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك كىشىنى ئازدۇرغانلىقى ،قااليمىقانچىلىق
پەيدا قىلغانلىقىنى تەكرارالپ ئولتۇرمايمەن .ماڭا راست گېپىڭنى قىلغىن ،سېنىڭ بۇنداق
گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشتىكى مەقسىدىڭ زادى نېمە؟ پۇل تېپىپ باي بولغۇڭ بارمۇ؟ ساڭا ھۆددە
قىلىمەنكى ،سەن قانچىلىك پۇل-مال دېسەڭ بىز شۇنچىلىك پۇلنى شەھرىمىزدە ساڭا يىغىپ
بېرەيلى .ياكى بولمىسا ،توي قىلغۇڭ بارمۇ؟ ساڭا شەھرىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ئايالنى ئېلىپ
بېرەيلى .سەن خالىغان قىز ياكى ئايالنى تاللىۋالغىن .خاتىرجەم بولغىنكى ،سېنى مەمنۇن
قىلىش ئۈچۈن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدۇق .ياكى بولسا ،سېنىڭ بىزگە
باشلىق بولغۇڭ بارمۇ؟ بۇنداقتىمۇ چاتاق يوق ،سېنى ئۆزىمىزگە پادىشاھ قىلىپ ساياليلى .لېكىن
پەقەت بىرال شەرتىمىز بار :سەن بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا تىل ئۇزاتمىغىن .دىنىي
ئېتىقادىمىزنى ھاقارەتلىمىگىن ،بىز بۇرۇندىن تارتىپ چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇتلىرىمىزنىڭ ئەبەدى
جەھەننەم ئۇتىغا تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغىن!»
‏ئاخىرىدا ھەتتا مۇنداق دېدى:
‏«ئەگەر سەن ئاغرىپ قالغان بولساڭ ۋە شۇ تۈپەيلى جۆيلۈۋاتقان بولساڭ ،ساڭا بەدىنىڭنى
ۋە روھىڭنى داۋالىيااليدىغان كىشى تېپىپ بېرەيلى .چۈنكى بىز شەھرىمىزدە سېنىڭ سۆزلىرىڭ
تۈپەيلى قااليمىقانچىلىق ،مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشىنى خالىمايمىز».
‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالم ئۇنىڭغا جاۋابەن قۇرئاندىن ئايەت ئوقىدى:

«ھا مىم( ،بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك ،مېھرىبان ئالالھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان
(ۋەھىيدۇر) .ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر ،بىلىدىغان قەۋم
ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر( .مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش
خەۋەر بەرگۈچىدۇر( ،كاپىرالرنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھالندۇرغۇچىدۇر .ئۇالر (يەنى
مۇشرىكالر)نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى .ئۇالر
(ئۇنىڭغا) قۇالق سالمايدۇ .ئۇالر (پەيغەمبەرگە)« :بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى
دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن ،قۇالقلىرىمىز ئېغىر ،سەن بىلەن بىزنىڭ
ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار ،سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل،
بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىاليلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول،
بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بواليلى)» دەيدۇ .سەن (ئۇ مۇشرىكالرغا)« :مەن سىلەرگە
ئوخشاش ئىنسانمەن ،ماڭا ،ئىالھىڭالر بىر ئىالھتۇر ،دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ ،ئۇنىڭغا
(ئىمان ۋە تائەت-ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭالر ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭالر!»
دېگىن ،مۇشرىكالرغا ۋاي! ئۇالر زاكات بەرمەيدۇ ،ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ .ئىمان
ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانالرغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ.
(سەن ئۇالرغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئالالھنى ئىنكار قىالمسىلەر
ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن.

37

-2باب :مەككە دەۋرى
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغالرنى ياراتتى ،زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى ،ئەھلى
زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى( ،زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى
كەم-زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)( ،زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ
يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىالر ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر) .ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا)
يۈزلەندى ،ھالبۇكى ،ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى ،ئاسمان بىلەن زېمىنغا« :ئىختىيارىي
ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭالر (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭالر)» دېدى .ئىككىلىسى
«ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى .ئالالھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى .ھەر ئاسماننىڭ
ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنالشتۇردى).
ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزالر بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق ،بۇ ئەنە شۇ غالىب،
ھەممىنى بىلگۈچى ئالالھنىڭ تەقدىرىدۇر .ئەگەر ئۇالر (بۇ بايانالردىن كېيىن ئىماندىن)
يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇالرغا)« :سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا
ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھالندۇرىمەن» دېگىن( ».فۇسسىلەت سۈرىسى -13-1ئايەتلەر)
ئويالپ باقايلى

پەيغەمبىرىمىز ئۇتبە بىن رابىئەنىڭ تەكلىپىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ جاۋاب
بەردى .پەيغەمبىرىمىز ئوقىغان بۇ ئايەتنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ،يەنى بېرىلمەكچى
بولغان ئاساسلىق ئۇچۇر نېمە؟

38

ئۇتبە بىن رەبىئە بۇ ئايەتنى ئاڭالپ ھەيران بولدى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە ئوقۇشنى توختىتىشنى
ئېيتىپ يالۋۇردى-دە ،يۈگۈرگەن پېتى قۇرەيشلىكلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇالرغا مۇنداق دېدى« :سىلەر
قانداق قىلغۇڭالر كەلسە شۇنداق قىلىڭالر .چۈنكى مەن بۇ ئىشنى ھەل قىاللمايدىكەنمەن»...
(ھەمىدۇلالھ« ،ئىسالم پەيغەمبىرى»-1 ،جىلد)111-109 ،

‏مەككىدە داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم ،قىيىن-قىستاقالر ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ زۇلۇمنى توسۇشقا
كۈچىنىڭ يەتمەسلىكى ئۇنى باشقا چىقىش يولى ئىزدەشكە ئۈندىدى .ئۇ مۆمىنلەرگە مۇنداق
دېدى« :ئەگەر كۈچۈڭالر يەتسە ،ھەبەشسىتانغا ھىجرەت قىلىڭالر .چۈنكى ئۇ يەردە خەلقىگە زۇلۇم
قىلمايدىغان بىر پادىشاھ بار ،ئۇ دۆلەتتە ئادالەت بار .ئالالھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگۈچە شۇ يەردە
تۇرۇڭالر( ».ھەمىدۇلالھ« ،ئىسالم پەيغەمبىرى»-1 ،جىلد)117 ،
‏بۇنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانالردىن بىر گۇرۇپپا كىشى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشنى نىيەت
قىلىشتى .مىالدى -615يىلى ،يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر بولغىنىغا بەش يىل بولغان ۋاقىتتا
رەجەپ ئېيىدا تۇنجى ھىجرەت قىلغۇچىالر يولغا چىقتى11 .ئەر ،تۆت نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
15كىشىلىك ھىجرەت ئۈمىگى ھەبەشسىتانغا قاراپ ماڭدى ،ئۇالرنىڭ ئارىسىدا ھەزرىتى ئوسمان بىلەن
ئۇنىڭ ئايالى ،يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى رۇقىيەمۇ بار ئىدى.
‏مۇشرىكالرنىڭ زۇلمى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى بىلەن بۇ ھىجرەت ئۈمىگى يولغا چىقىپ بىر
يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت كارۋىنى يولغا چىقتى .جافەر بىن ئەبۇ تالىبنىڭ
يېتەكچىلىكىدىكى بۇ ھىجرەت كارۋىنىدا 81ئەر 18 ،ئايال بار بولۇپ ،ئۇالر ھەبەشىستانغا باردى.
‏مەككىلىكلەر ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەتكەن مۇسۇلمانالرنىڭ مەككىنى تاشالپ چىقىپ
كەتكەنلىكىدىن بىئارام بولۇشتى-دە ،ئەمر بىن ئاس بىلەن ئابدۇلالھ بىن رابئەنى مۇسۇلمانالرنى
قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى .ئۇالر نەجاشىغا مۇھاجىرالرنى قايتۇرۇپ
بېرىشى ئۈچۈن نۇرغۇن سوۋغا-ساالمالرنى تەقدىم قىلدى .بىراق نەجاشى مۇھاجىرالرنى ئۇالرغا قايتۇرۇپ

بەرمىدى .كېيىن مۇھاجىرالردىن بەزىلەر پەرقلىق ۋاقىتالردا ئۆزى خاالپ مەككىگە ۋە مەدىنىگە قايتىپ
كەتتى .ئەڭ ئاخىرقى ھىجرەت ئۈمىگى ھىجرىيەنىڭ -7يىلى (مىالدى -628يىلى) مەدىنىگە
قايتىپ كەلدى.

-4دەرس :مۇسۇلمانالرنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ،ئىجتىمائىي بېسىم ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش

39
مەككىلىك مۇشرىكالرنىڭ مۆمىنلەرنى جازالىشى
مەككىلىك مۇشرىكالر ئىنسانالرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەلالھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنى پەيغەمبەرلىك تەبلىغىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى،
مۇسۇلمانالرنى بۇ ئېتىقادتىن ئايرىش ئۈچۈن قىيىن-قىستاققا ئالدى ،سالمىغان زۇلۇم جاپاسى
قالمىدى ،بۇ زۇلۇمالرغا چىدىماي ،يۇرت-ماكانىنى تاشالپ ھەبەشسىتانغا ھجرەت قىلىپ كەتكەن
مۇسۇلمانالرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن ھەبەشىستان پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتكەن بولسىمۇ،
ئەمما رەت جاۋابىغا ئۇچرىشى مەككىلىكلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ دەۋىتىنى توختىتىش
ئۈچۈن باشقىچە بىر چارە-ئامال تېپىشقا مەجبۇر قىلدى .مەككىلىك مۇشرىكالر پەيغەمبەر
ئەلەيھىسساالمنىڭ قەبىلىسىنى چەتكە قېقىپ ،ئۇالرنى جازاالشنى قارار قىلىشتى.
‏بۇ قارار بويىچە بەنى ھاشىم جەمەتى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىش ،ئۆيلىنىش ،تىجارەت
قىلىش مەنئى قىلىندى .تاكى ئۇالر مۇھەممەد ئەلەيھىسساالمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشرىكالرغا
تاپشۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر ئۇالر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىماسلىق ،ئۇالرغا بىخەتەرلىك
بەرمەسلىك ھەققىدە قارار ئىمزاالندى .ھەتتا بۇ قارارنى يېزىپ كەبىگە ئېسىپ قويۇشتى.
‏بۇ ئېغىر قارارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەبۇ تالىب مۇھەممەد ئەلەيھىسساالم ۋە ئائىلىسىنى
ئېلىپ بىخەتەررەك دەپ ئويلىغان ئەبۇ تالىن مەھەللىسىگە (شىئبۇ ئەبى تالىب)قا كۆچۈپ
كەتتى .ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن باشقا ،بەنى ھاشىم جەمەتىدىكى بارلىق مۇسۇلمان
ۋە مۇشرىكالر بۇ مەھەللىگە يىغىلىشتى .ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىىي جازاالش ئاستىدا چەتكە
قېقىلىش ،كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ بۇ يەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىنسانالرئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Peygamberim Uygurca - 04
  • Büleklär
  • Peygamberim Uygurca - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3377
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1706
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3409
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    29.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3487
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1638
    31.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    53.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3518
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1366
    31.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1609
    27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3497
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1499
    28.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3377
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1555
    30.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3304
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1575
    31.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    52.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3276
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1632
    29.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3230
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1553
    30.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Peygamberim Uygurca - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 539
    36.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    54.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.