Latin

نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 09

Süzlärneñ gomumi sanı 3499
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1929
22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
بوالمدىم؟ ئالىم بولۇپ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنامدىم؟ مۇئەللىم
بوالمدىم؟ ياكى ئېممانىڭ گېپىنى ئاڭالپ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر
دوختۇرى بوالمدىم؟ ياكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان دادىمۇ؟ يازغۇچىمۇ؟ مەن
زادى كىم بوالاليمەن ياكى كىم بولۇشۇم كېرەك؟ بىر دوختۇر بولۇش
سۈپىتىم بىلەن ،مېنىڭ كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان كېسەلگە گىرىپتار
بولغان بىمارالر دۇچ كەلگەن ئەھۋالالر ھەققىدە ئازراق چۈشەنچەم بار
بولۇپ ،بۇ دەل مەن ئۇالر بىلەن بىللە ئىزدەنمەكچى بولغان مىنۇتالر ئىدى.
ئۇنداقتا ،ساقايماس كېسەل دەل ئاشۇ ئۆلۈمنى چۈشەنمەكچى بولغان ياشقا
بېرىلگەن مۇكەممەل سوۋغات ئەمەسمۇ؟ ئۇنى چۈشىنىشنىڭ شۇ خىل
ھاياتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشتىن ئەۋزەلرەك بىر يولى بارمۇ؟
لېكىن مەن بۇرۇن بۇنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ،ئىزدىنىپ ،تەتقىق قىلىش
جەريانىدا قانچىلىك توسالغۇالرغا ئۇچرايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم .مەن
دوختۇرنىڭ خىزمىتىنى ئىزچىل ئىككى بۆلەك رېلىسنى تۇتاشتۇرغانغا
ئوخشىتاتتىم ،بەئەينى بىمارالرنى بىخەتەر سەپەرگە ئىگە قىلغانغا
ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىپ كەلگەن ئىدىم .مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈم سەپىرىنىڭ
بۇنچىلىك قااليمىقان ،نىشانسىز بولۇپ قېلىشىنى ئويالپمۇ باقماپتىكەنمەن.
مەن ياش ۋاقىتىمدىكى ئۆزۈمنى ئەسلەپ قالدىم ،ئۇ چاغدىكى مەن بەلكىم
«روھىمنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدا ۋىجدانىمنى تاۋالپ چىقماقچى
بولغىيدى»؛ مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ روھىنى كۆزىتىپ ،ئوت ۋە قورالنىڭ بەك
202



ئاجىزلىقىدىن ،ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىنىمۇ تاۋلىيالمايدىغانلىقىمنى
بايقىغان ئىدىم.
مەن ئۆز ئۆلۈمۈمنىڭ مەنىسىز چۆللۈكىدە نىشانىمنى يوقاتتىم ،نۇرغۇن
ئىلمىي تەتقىقات ،ھۈجەيرە ئىچىدىكى مولېكۇال سىگنال يوللىرى ۋە
پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق ئىستاتىستىكا ئەگرى سىزىقى ئىچىدىن
ھېچقانداق جەلپ قىلىش كۈچىنى تاپالمىدىم ،شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە
ئەدەبىيات بېغىغا قايتىپ كەلدىم .سولژېنستېيننىڭ «راك كېسەلخانىسى«،
B.جونسوننىڭ «بەختسىزلەر» ،تولستوينىڭ »ئىليىچ» ،نەگېلنىڭ «قەلب
ۋە ئالەم» ،ۋولف ،كافكا ،مونتېين ،فىروست ،گىرەۋىل ،راك بىمارلىرىنىڭ
ئەسلىمىسى… ئىشقىلىپ ئۆلۈم توغرىسىدا يېزىلغان ھەرقانداق كىتابنى
ئوقۇدۇم .مەن ئۆلۈمنى تەسۋىرلەيدىغان سۆزلۈك ئىزدەيتتىم ،ئۆزۈمگە
ئېنىقلىما بېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان چىقىش يولى ئىزدەيتتىم.
بىۋاسىتە تەجرىبە ئىمتىيازى مېنى ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-پەن خىزمىتىدىن
يىراقالشتۇرغان بولسا ،ئەمدىلىكتە مەن ئۆزۈمنىڭ بىۋاسىتە تەجرىبەمنى
چۈشىنىش ئۈچۈن بۇالرنى چوقۇم ئۆز تىلىمغا ئايالندۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى
ھېس قىالتتىم .ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق جەريانىنى مۇشۇنىڭغا
ئوخشاش ئۇسۇلدا بايان قىلغان ئىدى ،يەنى مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ،
ئاندىن چېكىنىپ تەپەككۇر قىلىش ،ۋە ئۇالرنى يېزىپ قالدۇرۇش .مەن
ئىلگىرىلەش ئۈچۈن سۆزلەرگە موھتاج ئىدىم.
203



شۇڭا بۇ مەزگىلدە مېنى تىرىلدۈرگىنى دەل ئەدەبىيات ئىدى .مېنىڭ
كەلگۈسىدىكى غايەت زور ئېنىقسىزلىقىم يورۇۋاتاتتى؛ مەيلى مەن قەيەرگە
باراي ،ئۆلۈمنىڭ سايىسى ھەر قانداق ھەرىكىتىمنىڭ ئەھمىيىتىنى
خىرەلەشتۈرۈپ تۇراتتى .مەن تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئەنسىزلىك
ئاخىرى باش ئەگكەن ۋە گويا ھالقىپ ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغان ئېنىقسىز
دېڭىز ئاخىرى ئىككىگە بۆلۈنگەن شۇ دەقىقە ھېلىمۇ ئېسىمدە .مەن
ئازابالنغان ھالدا ئويغىنىپ ،يېڭى بىر كۈنگە يۈزلەنگىنىمدە ،ناشتىدىن
باشقا قىلغۇدەك ئىش يوق ئىدى .شۇنى ئويلىدىمكى مەن ئەمدى ئالغا
ئىلگىرلىيەلمەيمەن ،يۈرىكىمدە ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز دەرھال ئىنكاس
قايتۇرۇپ« ،سامۇئېل بېكېت» دېگەن مۇنۇ سۆزلەرنى ئېسىمگە ساالتتى .بۇ
سۆزنى مەن ناھايىتى بۇرۇنال ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا
ئۆگىنىۋالغان« :مەن ئالغا باسىمەن» .مەن كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئالدىمغا بىر
قەدەم باستىم ۋە مۇنۇ سۆزنى قايتا قايتا تەكرارلىدىم« :ئەمدى ئالغا
باسالمايمەن .مەن ئالغا باسىمەن».
شۇ كۈنى ئەتىگەندە مەن بىر قارارغا كەلدىم :ئوپېراتسىيە ئۆيىگە
قايتىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇراليمەن .نېمىشقا؟ چۈنكى مەن قىالاليمەن .چۈنكى
مەن شۇنداق قىاللىغان .مەن چوقۇم ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ياشاشنى
ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك ،ئۆلۈمنى بىر مېھمان دەپ قارايمەن ،لېكىن مەن

204



بىلىمەن ،مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرساممۇ ،تاكى مەن ھەقىقىي
ئۆلگۈچە مەن يەنىال ھايات.

205



-14قىسىم

كېيىنكى ئالتە ھەپتىدە مەن ئۆزۈمنىڭ فىزىكىلىق داۋاالش پىالنىمنى
ئۆزگەرتتىم ،ئەمدى دىققىتىمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش ،كىچىك
ئەسۋابالرنىڭ مىكرو مەشغۇالتى ،ئومۇرتقا يايى بۇرما مىخنىڭ ئالدىغا
ئورنىتىلىشى قاتارلىق ئوپېراتسىيە تەييارلىقىغا قاراتتىم.
يەنە بىر قېتىم CTغا سالدۇق ،ئۆسمە كىچىكلىگەن ئىدى .ئېمما
تارتىلغان سۈرەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ مۇنداق دېدى« :سىزنىڭ يەنە
قانچىلىك ياشىيااليدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن ،بىراق شۇنى دەپ قوياي،
بايا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كۆرگەن بىمارىم تارسېۋا ئىچىۋاتقىلى يەتتە يىل
بولدى ،ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىدى .بىز ئوپېراتسىيەنى
ئوڭۇشلۇق تامامالشتىن بۇرۇن سىزنىڭ يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن
ئىشلىرىڭىز بار .قاراڭ ،يەنە ئون يىل ياشاشنى ئويالش ئەخمىقانە خىيال
ئەمەس ،ھەم بۇ ھەرگىزمۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس»
بۇ بىر بېشارەت ئىدى ،بېشارەت دېگەندىن كۆرە مېنىڭ نېرۋا تاشقى
بۆلۈمىگە قايتپ كېتىشىمدىكى بىر باھانەم دېسەك مۇۋاپىق بوالر .بىر
تەرەپتىن ئون يىللىق ئۈمىدتىن شادالنسام ،يەنە بىر تەرەپتىن ئېممانىڭ:
«نېرۋا تاشقى بۆلۈمىگە قايتىش بىر ساراڭلىق ،ئاسانراق بىر ئىش قىلىڭە»
دېيىشىنى ئارزۇ قىالتتىم .شۇنچە ئىشالر يۈزبەرگەن بولسىمۇ لېكىن
206



ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدا كۆپ ئاسانلىقالر بولدى .نېرۋا ئوپېراتسىيەسىنىڭ
ئېغىر مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئۈستۈمگە ئالمىدىم ،بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ بۇ
بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىالتتىم .نېرۋا ئوپېراتسىيەسى ھەقىقەتەن
بىر قىيىن خىزمەت ،مېنىڭ قايتىپ بارمىغانلىقىمدىن ھېچكىممۇ ئاغرىنىپ
كەتمەيتتى( .بەزىلەر مەندىن بۇ بۇرچنىڭ چاقىرىقىمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ،
مەن «ھەئە» دەيمەن .سىز بۇنى بىر خىزمەت دەپ قارىماڭ .چۈنكى بۇ بىر
خىزمەت بولسا ،ئۇنداقتا چوقۇمكى دۇنيادىكى ئەڭ ناچار خىزمەت) بىر
نەچچە پىروفېسسورۇم مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قارشى چىقىپ« :ئەجەبا سەن
ۋاقتىڭنى ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟»
دېگەن ئىدى .مەن بۇ سوئالدىن ئەجەبلىنەتتىم ،چۈنكى بۇ خىزمەت مەن
ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ۋەزىپە ئىدى.
لۇسى ئىككىمىز تاغ چوققىسىغا چىقتۇق ،كىرىمنى جىلغىسىدىكى
قۇرۇلۇشالرنىڭ تاملىرىدىكى ۋىۋىسكىالر ئۆتكەن بىر ئەۋالد كىشىلەرنىڭ
بىيولوگىيە ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى .ئاخىرىدا
يەنىال تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش
مېنى ئۆزىگە تارتتى .ئەخالقى مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەزنى ئېغىر ،ئېغىر
نەرسىلەرنىڭالر سالمىقى بولىدۇ .مېنى دەل مۇشۇنداق ئەجەللىك
مەسئۇلىيەت ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى .لۇسى مېنى بار كۈچى
بىلەن قوللىدى.
207



مەن پىروففېسورۇمغا تېلېفون قىلىپ ،ئۆزۈمنىڭ قايتپ بېرىشقا
تەييارلىنىپ بولغانلىقىمنى ئېيتتىم ،ئۇ گېپىمنى ئاڭالپ بەكال ھاياجانالندى.
ۋىكتورىيە بىلەن ئىككىمىز ئۆزۈمنى قانداق قىلغاندا قايتىدىن
چۈشەندۈرۈپ ،ئەڭ ياخشى ھالەتتە خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغانلىقىم
توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق .مەن تاساددىپىي يۈز بېرىپ قالىدىغان
خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر پىراكتىكانت دوختۇرىنىڭ ھەر ۋاقىت
ماڭا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلدىم .ئۇنىڭدىن باشقا بىر كۈندە پەقەت
بىرال ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالدىغانلىقىمنى ،ئوپېراتسىيەدىن سىرت
بىمارالرغا قارىمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم .بىز ئىشنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق
بىلەن باشلىدۇق .ئوپېراتسىيە ئورۇنالشتۇرۇش جەدۋىلى چىقتى .مەن چېكە
بۆلىكىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ئورۇنالشتۇ-
رۇلۇپتىمەن .بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوپېراتسىيەنىڭ بىرى ئىدى.
تۇتقاقلىق كېسىلى ئادەتتە چېكە بۆلىكىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايالشقان
سەقەنقۇر نېرۋونلىرىنىڭ خاتا سىگناللىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ،
سەقەنقۇر گەۋدىسىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندە تۇتقاقلىق كېسىلىنى
داۋالىغىلى بولىدۇ .لېكىن ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇرەككەپ ،مېڭە غولى
ئەتراپىدا سەقەنقۇر تېنى بىر قەۋەت نەپىس سۈزۈك يوپۇقتىن تۈزۈلگەن
يۇمشاق مېڭە پەردىسىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاجرىتىلىشى كېرەك.

208



مەن بىر كېچە تاشقى كېسەللىكلەر دەرسلىكىنى كۆرۈپ چىقىپ،
مۇناسىۋەتلىك ئاناتومىيە ۋە ئوپېراتسىيە باسقۇچلىرىنى تەكرار قىلدىم،
پەقەتال خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم .كىتابتىن باش سۆڭىكىنىڭ بۇلۇڭىنى
كۆردۈم ،چېكە بۆلىكىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى نۇرنىڭ يۇمشاق
مېڭە پەردىسىدىن نۇر قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆردۈم .ئورنۇمدىن تۇرۇپ،
كارۋاتتىن چۈشتۈم .كۆڭلىكىمنى كىيىپ گالسىتۇكۇمنى تاقىدىم( .مەن
نەچچە ئاي بۇرۇنال بارلىق ئوپېراتسىيە فورمىلىرىنى قايتۇرۋەتكەن ،ئۇالرنى
ئەمدى ماڭا الزىم ئەمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم ).دوختۇرخانىغا بېرىپ 18
ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۇس كۆكرەڭلىك خاالتنى كىيدىم .بىمار
بىلەن پاراڭلىشىپ ئارىلىقتا ھېچقانداق مەسىلە قالمىغانلىقىنى
جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن ئوپېراتسىيە تەييارلىقىنى قىلىشقا تۇتۇش
قىلدىم .بىمارغا نەيچە سېلىندى .مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئىككىمىز پاكىز
تازىلىنىپ ئوپېراتسىيەگە تەق بولدۇق .ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قولۇمغا
ئالدىم ،قۇالقنىڭ ئۈستىدىن تېرىنى يېرىپ ئالدىرىماي كېسىشكە باشلىدىم.
مەشغۇالت ئۇسۇلىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىققا ،خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىققا
تىرىشاتتىم .توكلۇق ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قولۇمغا ئېلىپ تېرىنى سۆڭەككە
تاقاشقۇچە كەستىم ،ئاندىن كېسىلگەن تېرىنى ئىلمەك بىلەن تارتىپ
يۇقىرى كۆتۈردۇم .ھەممە مەشغۇالتالر تونۇش بىلىنىشكە ،مۇسكۇل خاتىرەم
رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى .ئۈشكىنى ئېلىپ باش
209



سۆڭىكىدىن ئۈچ تۆشۈك تەشتىم .مەن ھەر قېتىم ئۈشكىنى ئىشلەتكۈچە
كۆزەتچى ۋىراچ سۇ پۈركۈپ باش سۆڭەك ئۈشكىسىنى سوۋۇتۇپ تۇراتتى،
ئۈشكىنى يەنە ئېلىپ تەشكەن تۆشۈكلەرنى تۇتاشتۇرۇپ چوڭ سۆڭەكنى
ئاجراتتىم .غىرتتىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن سۆڭەك ئاجرىلىپ چىقتى .ھېلىمۇ
ياخشى ،سۆڭەك ئۈشكىسى بىلەن كۈمۈش رەڭلىك مېڭە پەردىسىنى
زەغمىلەندۈرۈپ قويماپتىمەن .يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر دائىم مۇشۇنداق
خاتالىق سادىر قىالتتى .مەن ئۆتكۈر پىچاقنى ئېلىپ مېڭە پەردىسىنى
ئاچتىم ،يەنە بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت -مەن چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرۈپ
قويمىدىم .ئازراق بولسىمۇ «ئۇھ» دېدىم .ئاساسىي ئوپېراتسىيەگە دەخلىسى
بولماسلىقى ئۈچۈن ،تىكىش يىڭنىسى بىلەن مېڭە پەردىسىنى مىخلىدىم.
چوڭ مېڭە پارقىراپ يېنىك سوقۇپ تۇراتتى .تۇيۇقسىز مېنىڭ كۆرۈش
دائىرەم غۇۋاالشتى ،قولۇمدىكى ئەسۋابالرنى قويدۇم-دە ئوپېراتسىيە
ئۈستىلىدىن يىراقالشتىم .كۆز ئالدىم نۇرسىزلىنىپ ،قاراڭغۇلۇق
چىرمىۋالدى« .كەچۈرۈڭالر» ياردەمچى دوختۇرالرغا قاراپ دېدىم« :تۆۋەن
قاراردىكى پىراكتىكانت دوختۇر كېلىپ ياردەملەشسۇن ،بىر دەم يېتىۋاالي،
بېشىم قىيىۋاتىدۇ ».جەك تېزال كەلدى ،مەن ئۆزۈرە سوراپ ئارام ئېلىش
ئۆيىگە چىقىپ بىر ئىستاكان ئاپېلسىن سۈيى ئىچىپ كىرىسلودا ياتتىم.
يىگىرمە مىنۇتتىن كىيىن خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم« .نېرۋا يۈرەك
مەنبەلىك جىددىي تۆۋەن قان بېسىم» دەپ پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە.
210



ۋىگتاتىۋلىق نېرۋا سىستېمىسى قىسقا ۋاقىت يۈرەكنى سوقۇشتىن توختىىپ
قويغان بولۇشى مۇمكىن (تەرجىماندىن :ۋىگتاتىۋلىق نېرۋا سىستېمىسى 植
物性神经系统بولسا مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى
مۇھىم نېرۋا سىستېمىسى بولۇپ ،ئاساسلىقى يۇلۇن ئارقىلىق بارلىق ئىچكى
ئەزاالرنىڭ فىزىيولوگىيىسىنى كونترول قىلىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ .ۋىگتاتىۋلىق
نېرۋا سىستېمىسى ئۆز ئىچىدىن يەنە ئىختىيارى نېرۋا سىستېمىسى 同情
性神经系统ۋە ئىختىيارسىز نېرۋا سىستېمىسى 非同情性神经系
统دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ .يۈرەك ھەرىكىتى ۋە باشقا ئىچكى ئەزاالرنىڭ
ھەرىكىتى نورمالدا ئىختىيارسىز نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق
كونتىروللىقىدا بولىدۇ ،ئەمما روھىي بېسىم ئېشىپ كەتكەندە ئىختىيارى
نېرۋا سىستېمىسى قوزغىلىپ كونتروللۇقنى قولىغا ئالىدۇ ۋە ھېسسىياتنىڭ
ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .بۇ يەردە پاۋىلنىڭ ئىختىيارى نېرۋا سىستېمىسى
ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن) ياكى زاغرا تىلى بويىچە
تەشۋىشتىن شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن.
مەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ ،مەينەت كىيىملەرنى كىر
يۇيۇش ئۆيىگە تاشالپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ كىيىملىرىمنى كىيدىم« .ئەتە
تېخىمۇ ياخشى بىر كۈن بولىدۇ» -ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيتتىم.

211



ھەركۈندىكى ئىشالر ئوخشاش ،ئەمما ۋاقىت ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى بىر بىمارنىڭ ئومۇرتقا تەخسىسىنى كۆچۈرۈش
ئوپېراتسىيەسىنى قىلىۋاتاتتىم ،ئومۇرتقا تەخسىسىگە قاراپ كېيىنكى قەدەم
توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدىم .كۆزەتكۈچى دوختۇر سۆڭەك ئامبۇرى بىلەن
چوقۇشنى تەۋسىيە قىلدى« .شۇنداق ،مەن بۇنىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇل
ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىراليتتىم« .لېكىن يەنە بىر خىل
ئۇسۇل بار» .مەن يىگىرمە مىنۇتتەك ئويلىنىپ كەتتىم .كالالم ئۆگەنگەن
بىلىملىرىم ئىچىدىكى تېخىمۇ نەپىس ئۇسۇلنى ئىزدەۋاتاتتى .تۇيۇقسىز كۆز
ئالدىم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى« .كوب ئەسۋابى» ۋارقىرۋەتتىم« :ياغاچ بولقا،
قايرىش ئەسۋابىنى بېرىڭالر» .مەن 30سېكۇنتتىال ئومۇرتقا تەخسىسىنى
چىقىرىپ بولدۇم« .بۇ دەل مەن قولالنماقچى بولغان ئۇسۇل» دېدىم مەن.
كېيىنكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە مېنىڭ ماھارىتىم ۋە ئۈنۈمدارلىقىم
ئاشتى .قوللۇرۇمنى يارىالندۇرۇۋالماي تۇرۇپ بىر مىللىمېتىردىن ئىنچىكە
قان-تومۇرالرنى قانداق كونترول قىلىشنى قايتىدىن ئۆگىنىۋالدىم.
بارماقلىرىم بۇرۇنقى ئويناق ھالىتىگە قايتتى.
بىر ئايدىن كىيىن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىشلەشكە كىرىشتىم.
مەن خىزمەتتە پەقەت ئوپېراتسىيە بىلەنال چەكلەندىم ،رەسمىيەت،
بىمارالرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ،كەچ ۋە شەنبە يەكشەنبدىكى تېلېفون
دىجۇرنىلىقى دېگەندەك ئىشالرغا قاراشماي ،بۇ ئىشالرنى ۋىكتورىيە ۋە
212



باشقا بالنىست خادىملىرىغا قالدۇردۇم .قانداقال قىلماي ،مەن ئاساسىي
ئوپېراتسىيە ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ بولدۇم ،پەقەت مۇرەككەپ
ئوپېراتسىيەنىڭ ئىنچىكە پەرقلىرىنى تولۇق ئۆگىنىۋالسامال ئۆزۈمنى
مۇكەممەل

ھېس

قىلغان

بوالتتىم.

ماغدۇرسىز

كۈنلىرىم

ئاياغلىشىپ ،مۇسكۇللىرىمىغا كۈچ كېلىپ ،ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋاتاتتىم.
ئەپسۇسكى ،بۇ جەريان مېنى كۆڭۈللۈك ھېس قىلدۇرالمىدى .مەن ئىلگىرى
ئوپېراتسىيە جەريانىدا ھېس قىلغان كۆڭۈل ئازادىلىكى يوقالدى .ئۇنىڭ
ئورنىنى كۆڭۈل ئېلىشىش ،ئاغرىش ۋە چارچاشنى يېڭىش ئۈچۈن پۈتۈن
كۈچۈم بىلەن دىققەتنى يىغىشقا زورلىنىش ئالدى .ھەركۈنى كەچ ئۆيگە
قايتىپ ئاغرىق توختىشىش دورىسىنى ئىچىپ لۇسىنىڭ يېنىغا چىقىپ
ياتاتتىم .لۇسىمۇ پۈتۈن كۈن ئىشلەيتتى .لۇسى ھامىلىدار بولغىلى ئۈچ ئاي
بولغان ئىدى ،ئالتىنچى ئايالردا ،يەنى مەن پىراكتىكانت دوختۇرلۇق
خىزمىتىمنى تاماماليدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ كۆزى يورۇيتتى .بىز بالىنىڭ
بىالستۇال (تۆرەلمە خالتىسى) باسقۇچىدىكى رەسىمىنى سۈرەتكە
تارتقۇزدۇق«( .ئۇنىڭدا سىزنىڭ ھۈجەيرە پەردىڭىز باركەن» دېدىم مەن
لۇسىغا) .مەن يەنىال ھاياتىمنى بۇرۇنقى ئىزىغا ئەكېلىشكە بەل باغلىدىم.
ئالتە ئايدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق سايىلەش سۈرەتلىرىدىن
كېسىلىمنىڭ مۇقىمالشقانلىقى ۋە ئېغىرلىۋالماي بىر خىل تۇرغانلىقىنى
بىلدىم ۋە خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتىم .راك كېسىلىم كونترول
213



قىلىنغان ئەھۋالدا ،مېنىڭ يەنە بىر نەچچە يىل ياشىيالىشىم مۇمكىن ئىدى.
مەن شۇنچە يىل تىرىشىپ ئېرىشمەكچى بولغان خىزمەت ،كېسىلىم
سەۋەبلىك غايىب بولۇپ ،يەنە قايتىدىن ماڭا تەئەللۇق بولىدىغاندەك
تۇراتتى .شۇ تاپتا گويا كانايالردىن ياڭرىغان زەپەر مارىشىنى ئاڭلىغاندەك
ھېس قىلىشقا باشلىدىم.

214



-15قىسىم

كېيىنكى قېتىم ئېمما بىلەن ئۇچراشقىنىمدا ،بىز ھايات ۋە بۇ ھاياتنىڭ
مېنى نەلەرگە ئاپىرىپ تاشاليدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭالشتۇق .مەن
ھېنرى ئادامنىڭ ئىچىدىن يانىدىغان موتورنىڭ ئىلمىي كۈچى بىلەن
ئىالھىي شەخسلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچىنى سېلىشتۇرغانلىقىنى ئەسلىدىم.
ھازىر ئىلمىي مەسىلىلەر ھەل بولدى ،ئەمدى مەجۇتلۇق مەسىلىلىرىنى
ئويلىشىشقا ۋاقىت كەڭرى ئىدى ،لېكىن ئىككىلىسى دوختۇرنىڭ خىزمەت
دائىرىسى ئىچىدە بوالتتى .ئىسىتانفورد داشۆسىنىڭ مەن قىزىققان ۋە مەن
نەق چۈشىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى-ئالىملىق خىزمەت ئورنى
مەن ئاغرىپ قالغاندا تولۇقلىنىپ بوپتۇ .ئۈمىدلىرىم خانىۋەيران بولغان
ئىدى ۋە ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم.
«مەنچە» دېدى ئۇ« ،بۇ دوختۇرلۇق ۋە پىروفېسسورلۇقنى تەڭ
قىلىدىغان خىزمەت جانغا ئىكەك .لېكىن سىز بۇنى بىلىسىز.
ئەپسۇسالندىم».
«شۇنداق ،مېنىڭچە مېنى ھاياجانغا سالغان ئىلمىي تەتقىقات تۈرىنى
20يىلدا ئاران تاماملىغىلى بولىدۇ .ئۇ قەدەر ۋاقتىم يوق ئىكەن ،ئالىم
بولۇشقا بۇنچە قىزىقىپمۇ كەتمەيمەن (تەرجىماندىن :ئامېرىكىدا ئىلمىي
تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پىروفېسسورالر ياكى تەتقىقاتچىالر ئالىم
215



دەپ قارىلىدۇ)» دېدىم مەن ئۆزۈمنى بەزلەپ « :بەرىبىر قېپقالغان بىر
نەچچە يىللىق ئۆمرۈمدە ھېچقانچە تەتقىقاتنى تاماملىغىلى بولمايدۇ».
«توغرا دەيسىز ،ئېسىڭىزدە بولسۇن ،سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ قالتىس
ئىشالرنى قىلىۋاتىسىز .قاراڭ ،يەنە قايتا خىزمەتكە كىرىشتىڭىز .تېخى
بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرىسىز .سىز ئۆز قىممىتىڭىزنى تاپالىدىڭىز ،بۇنداق
قىلىش مۈشكۈل بىر ئىش».
شۇ كۈنى كەچتە سابىق پىراكتىكانت دوختۇر ۋە يېقىن دوستۇم
بولمىش بىر ياش پىروففېسسور كارىدوردا ئالدىمنى توستى.
«ھەي» دېدى ئۇ« .پىروفېسسورالر يېغىنلىرىدا سىزنى قانداق قىلىش
ھەققىدە نۇرغۇن مۇالھىزىلەر بولۇندى»
«مېنى قانداق قىلىش؟ قانداقسىگە؟» سورىدىم مەن.
«قارىسام بەزى پېروفېسسورالر سىزنىڭ پىراكتىكانت دوختۇرلۇقنى
تاماملىيالىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ».
پىراكتىكانت دوختۇرلۇق ( )residencyنى تامامالشنىڭ ئىككى
شەرتى بار ئىدى :بىرى ،دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ بىر قاتار تەلەپلىرىگە يېتىش،
بۇنى مەن ئورۇنداپ بولغان ئىدىم .يەنە بىرى پىروفېسسورالرنىڭ
ماقۇللىقىغا ئېرىشىش.
«نېمە؟» دېدىم مەن« .ئۆزۈمنى ماختىغۇم يوق ،لېكىن مەن ھەقىقەتەن
بىر ياخشى دوختۇر ،خۇددى باشقا بارلىق…».
216



«بىلىمەن ،لېكىن ئۇالرنىڭ سىزنىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە
ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ باش بولۇپ ئىشلىگىنىڭىزنى كۆرگۈسى باركەن .چۈنكى
ئۇالر سىىزگە ئامراق ،راست دەۋاتىمەن»
دېمىسىمۇ بۇ توغرا ئىدى :نەچچە ئايدىن بىرى ،مەن پەقەتال بىر تاشقى
كېسەللىكلەر تېخنىك خادىمى بولۇپال ئىشلەپ كەلگەن ئىدىم .راك
كېسىلىمنى باھانە قىلىپ بىمارالر ئالدىدىكى تولۇق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا
قىلمىدىم .ئۇنداق دېگەن بىلەن بۇ باھانە قالتىس ياخشى باھانە ئىدى.
ئەمدى مەن بىمارلىرىمىغا تولۇق مەسئۇل بولۇپ ،ئىشقا بالدۇر كېلىپ،
كەچتە كەچرەك قايتىشقا باشلىدىم .بۇرۇنقى 12سائەت ئىشلەيدىغان
كۈنلىرىمىگە

يېڭىدىن

4

سائەت

قوشۇلدى.

شۇنداق

قىلىپ

بىمارلىرىم قايتىدىن كالالمدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايالندى .تۇنجى
ئىككى كۈننى كۆڭلۈم ئېلىشىپ ،بەدەنلىرىم ئاغرىپ ،ھارغىنلىق ھېس
قىلىپ ،پەقەت بواللمىغىنىمدا بىكار كارىۋاتتا ئازراق ئۇخالپ يۈرۈپ بەك
تەستە ئۆتكۈزدۈم ،ۋاز كەچسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويالپ قالدىم.
بىراق ئۈچىنچى كۈنى بەدىنىمدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش ئاالمىتى
كۆرۈلمىسىمۇ ،خىزمەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدىم .بىمارالر بىلەن ئاالقەمنى
قويۇقالشتۇرۇش ماڭا قايتىدىن بۇ خىزمەتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلدۇردى.
ئوپېراتسىيە ۋە ياتاق تەكشۈرۈش ئارىلىقىدا كۆڭلى ئېلىشىشقا قارشى
دورىالر ۋە غەيرى سىتىروئىدلىق ياللۇغقا قارشى دورىالر ( )NSAIDsنى
217



يېدىم .مەيلى قانچىلىك قېينىلىپ كەتسەممۇ ،مەن كېسەلخانىغا تولۇق
قايتىپ كەلدىم .ئەمدى بوش كېسەل كارىۋىتىدا ياتماي ،تۆۋەن قاراردىكى
پىراكتىكانت دوختۇرالرنىڭ كېرىسلوسىدا يېتىپ ئارام ئالغاچ ئۇالرغا
بىمارلىرىمنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش ھەققىدە يېتەكچىلىك
قىالتتىم ،بەزىدە دۈمبە مۇسكۇل تارتىشىش كېسىلىم يۇقىرى پەللىگە
چىقسىمۇ چىداپ تۇرۇپ ئۇالرغا دەرس سۆزلەيتتىم .جىسمانىي ئازابلىرىم
قانچە كۆپەيگەنچە ،خىزمەتنى تاماملىغاندىكى خۇشاللىقىممۇ شۇنچە
كۆپىيەتتى .تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدا ،بىر ئۇخلىغانچە ئويغانماي تولۇق قىرىق
سائەت ئۇخلىدىم.
بىراق مەن ھازىر نوپۇز بىلەن سۆزلەيتتىم:
«ھەي باشلىق» دەيتتىم مەن « .ئەتىكى ئوپېراتسىيەلەرنى كۆرۈپ
چىقتىم ،بىرىنچى بىمار مېڭە شارچە ئارىسى ئوپېراتسىيەسى قىلىنماقچى
ئىكەن ،بىراق مېنىڭچە چوققا سۆڭىكى پوستالق قەۋىتىدىن ئوپېراتسيە
قىلىنسا تېخىمۇ ئاسان ۋە بىخەتەر بولىدۇ».
«شۇنداقمۇ؟» دېدى مەسئۇل دوختۇر« .مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى
قايتا كۆرۈپ چىقاي… ۋاي شۇنداقكەنغۇ ،توغرا دەپسەن ،داۋاالش پىالنىنى
ئۆزگەرتىپ بېرەمسەن؟»
ئەتىسى مەن يەنە دەيتتىم« :تىنچلىقمۇ ئەپەندىم ،مەن پاۋىل .مەن
ئېغىر كېسەللەر پەرۋىش ئۆيىدە پاالنىچى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ
218



ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم ،مېنىڭچە ئەتە ئومۇرتقا ئارىلىق
تەخسىسىنى كېسىۋىتىپ بېسىم چۈشۈرۈش ئوپىراتسيەسى قىلساق .ھازىر
ئورۇنالشتۇرسام بوالمدۇ؟ قاچان ۋاقىتىڭىز چىقار؟»
ئوپېراتسىيەخانىدىمۇ ئەسلىدىكى ئەڭ تېز سۈرئىتىمگە قايتتىم:
«سېسترا ،پوكونىچى باش ۋىراچنى چاقىرىپ قويامسىز؟ ئۇ كىرىشتىن
بۇرۇن مەن تۈگىتىپ بولىمەن».
«تېلېفون قىلدىم ،ئۇ سىزنى چوقۇم تۈگىتىپ بواللمايدۇ دەيدۇ».
باش ۋىراچ ھاسىرىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ ،ئوپېراتسىينى كۆزدىن
كەچۈردى.
«مەن كىچىك بىر بۇلۇڭ كېسىپ ۋېنا ئېرىقچىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ
ئۆسمىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋەتتىم» دېدىم مەن.
«ۋېنا ئېرىقچىسىدىن ئەگىپ ئۆتتۈڭ؟»
«شۇنداق ،ئۇستاز»
«بىر قېتىمدىال كېسىپ ئېلىۋېتەلىدىڭ؟»
«شۇنداق ئۇستاز .كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ».
«ياخشىغۇ .بەك ياخشى بولدى ،قاچاندىن بۇيان بۇنداق تېزلىشىپ
كەتتىڭ؟ كەچۈرگىن ،بالدۇر كەلسەم بوپتىكەن».
«ھېچقىسى يوق».

219



كېسەلنىڭ يامان يېرى شۇكى ،ئۇنىڭغا يولۇققاندىن كېيىن قىممەت
قارىشىڭىز ئىزچىل ئۆزگىرىدۇ .نېمىنىڭ سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىملىقى
ھەققىدە باش قاتۇرىسىز ،ھەمدە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يەنە توختىماي
باش قاتۇرىسىز .بۇ خۇددى بىراۋ مېنىڭ ئىناۋەتلىك كارتامنى تارتىۋالغىنىدا
ئاندىن پۇل تېجەشنى ئۆگەنگىنىمگە ئوخشاش بىر ئىشتەك تۇيۇالتتى .سىز
بەلكىم قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ
ئىشلەپ ئۆتكۈزۈش قارارىنى چىقارغانسىز ،بىراق ئىككى ئايدىن كېيىن
سىزنىڭ خىيالىڭىز ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن .يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن
سىز بەلكىم ساكس چېلىشنى ئۆگىنىشكە قىزىقىپ قاالرسىز ،ياكى ئۆزىڭىزنى
چېركاۋغا ئاتىۋەتكۈڭىز كېلىشى مۇمكىن .ئۆلۈمغۇ بىر قېتىملىق ئىش،
لېكىن ساقايماس كېسەل بىلەن ياشاش بولسا بىر ئۇزۇن جەريان.
مەن قايغۇنىڭ «ئىنكار قىلىش —> ئاچچىقلىنىش —> سۈلھىلىشىش
—> چۈشكۈنلۈك—> قوبۇل قىلىش» قاتارلىق بەش باسقۇچىنى بېسىپ
ئۆتكەنلىكىمنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم .دەپ كەلسەم بۇ بىر
بىمەنىلىك ،ئەمما مەن بۇ باسقۇچالرنى تەتۈر بېسىپ ئۆتۈپتىمەن .دىياگنوز
چىققاندا مەن ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ بولغان ئىدىم ،كەيپىياتىم ياخشى ئىدى،
ئۆلۈمگە ھازىر ئىدىم .ئاندىن چۈشكۈنلەشتىم ،چۈنكى بۇ كېسەلدە تېزال
ئۆلۈپ قالمايدىغىنىم ئېنىق بولدى ،بۇ ئەلۋەتتە بىر خۇشخەۋەر شۇنداقال
كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان ۋە روھى چۈشكۈنلۈككە دۇچار قىلىدىغان خەۋەر.
220



راكنى داۋاالش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قېلىشى ۋە
ئىستاتىستىكا دوكالتلىرىغا كۆرە ،مەن يەنە 12ئاي ياكى 120ئاي
ياشىيالىشىم مۇمكىن .بۇنداق چوڭ كېسەللىك كىشىگە ھاياتنى چوڭقۇر
تونۇتۇپ قويار بولغىيدى ،بىراق مەن ئۆلۈپ كېتىدىغىنىمنى بىلىمەن ،بۇنى
مەن كېسەل بولۇشتىن بۇرۇنال بىلەتتىم .مېنىڭ بىلىمىم بۇرۇنقىدەكال
بولسىمۇ ،ئەمما چۈشلۈك تاماققا دېيىشىشمۇ ئاسمانغا چىققاندەك تەس
ئىش بولۇپ قالغىلى تۇردى .كاشكى ئۆمرۈمنىڭ نەچچە ئاي ياكى نەچچە
يىل قالغانلىقىنى بىلسەم ئىدى ،كەلگۈسىدە نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى
ئېنىق بىلەلەيتتىم .ئەگەر ئۈچ ئاي ۋاقتىڭ قالدى دېگەن بولسا،
ئائىلەمدىكىلەرگە ھەمراھ بولغان بوالتتىم .ئەگەر بىر يىل ۋاقتىڭ قالدى
دېيىلسە ،بىر كىتاب يازغان بوالتتىم .ئەگەر ئون يىل بېرىلسە ،مەن
دوختۇرخانىغا قايتىپ كېسەل داۋالىغان بوالتتىم .بۈگۈننىال ئويالپ ياشا
دېگەن ھەقىقەتنىڭ ماڭا قىلچىمۇ پايدىسى تەگمىدى :بىر كۈننىال ئويلىشىم
كېرەك بولسا ،ئۇ كۈندە مەن زادى نېمە قىلسام توغرا بولىدۇ؟
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن مەن ھايات بىلەن سۈلىھلىشىشكە ،يەنى باھا
تالىشىشقا باشلىدىم ،بۇنى باھا تالىشىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ،مەن
خۇددى« :ئەي تەقدىر ،مەن بۇ سىنىقىڭنى چۈشەنمىدىم ،ئەمما سەن
ئەقىدەمنى سىنىماقچى بولساڭ ،مەن شۇنى بىلدىمكى مېنىڭ ئەقىدەم بەكال
ئاجىزكەن ،سەن نېمىشقا مېنى ئاسانراق ئىش بىلەن ،مەسىلەن
221



ساندىۋىچىمدىكى

قىيامنى

يەرگە

چۈشۈرىۋېتىش

بىلەن

سىنىمايسەن؟ ئېيقىنە! ماڭا خۇددى يادرو بومبىسى سىنىقىدەك چوڭ
سىناق بېرىشىڭگە نە ھاجەت ئىدى…» دەيتتىم .تالىشىش ئاياغلىشىپ
غۇژژىدە ئاچچىقىم تۇتتى« :بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئاران مۇشۇ يەرگە كەلسەم،
ئەجەبا ماڭا بېرىدىغان جاۋابىڭ راكما؟»
ئەمدى مەن ئاخىرى ئىنكار قىلىش باسقۇچىغا كەلگەندەك قىلىمەن،
بەلكىم پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتۇر .بىرەر ئېنىق يەكۈن يوق ئىكەن ،بەلكىم
بىز ئۆزىمىزنى ئۇزۇن ياشايمىز دەپ پەرەز قىلىشىمىز كېرەكتۇ .بەلكىم بۇ
بىردىنبىر چىقىش يولۇمدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان توققۇز ئايدىن بۇيان مەن تاكى يېرىم
كېچىگىچە ھەتتا تاڭ سەھەرگىچە ئىشلىدىم ،ئەس يادىم ئوقۇش
پۈتتۈرۈشتە ئىدى .بەدىنىم بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتاتتى ،ئۆيگە
قايتقاندا چارچاپ كەتكىنىمدىن تاماقمۇ يېيەلمەيتتىم .مەن ئاستا-
ئاستا ئىچىۋاتقان تايلىنول (بىر خىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاغرىق
توختىتىش دورىسى) ،غەيرى سىتىروئىدلىق ياللۇغقا قارشى دورىالر
( )NSAIDsۋە قۇسۇشقا قارشى دورىلىرىمنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتتىم.
يۆتىلىم بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى ،بۇ بەلكىم ئۆپكەمدىكى يامان
سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك .مەن ئۆزۈمگە
«يەنە نەچچە ئاي چىدىۋەتسامال پىراكتىكانت دوختۇرلۇق تۈگەپ بىر قەدەر
222



تىنچ ۋە ئەركىن پىروفېسسورلۇق خىزمىتىگە چۈشىمەن» دەپ تەسەللى
بېرىپ تۇراتتىم.
فېۋرالدا بىر خىزمەت يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشىگە قاتناشقىلى ۋىسكونسىنغا
باردىم .ئۇالر ماڭا پۈتۈنلەي ئارزۇيىمدىكى ھەممىنى تەقلەپ بېرىشنى ۋەدە
قىلدى :نېۋرولوگىيە تەجرىبەخانىسى قۇرۇشقا كېتىدىغان نەچچە مىليون
دولالرلىق تەتقىقات مەبلىغى ،مەن يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىلىنىكا
ئەترىتى ،ساغالملىق ئەھۋالىمغا ئاساسەن ئورۇنالشتۇرىدىغان ئەركىن
خىزمەت ۋاقتى ،مەڭگۈلۈك تەكلىپ قىلىش سىستېمىسى بويىچە
پىروفېسسورلۇق خىزمىتى (تەرجىماندىن :ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە
پىروفېسسورلۇق خىزمىتىگە قوبۇل قىلىشتا ئاساسلىقى ئىككى خىل سىستېما
بار :بىرى ،مەڭگۈلۈك تەكلىپ قىلىش سىستېمىسى؛ بۇ سىستېما بويىچە
پىروفېسسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشكەنلەر ئادەتتە 6يىلغىچە ياردەمچى
پىروفېسسور بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە قاتتىق باھاالش شەرتلىرىنى ھازىرالپ
فاكۇلتېت باھاالش كومىتېتىدىكى باشقا پىروفېسسورالرنىڭ يۇقىرى
باھاسىغا ئېرىشەلىسە ئۇ ھالدا ،مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش كۈچكە ئىگە
بولىدۇ ۋە ئورۇنباسار پىروفېسسور يەنى مۇئاۋىن پىروفېسسورلۇققا
ئۆستۈرلىدۇ .شۇنىڭدىن باشالپ بىرەر قانۇن ۋە مەكتەپ قائىدىلىرىگە
ئېغىر خىالپلىق قىلمىشى بولمىسىال خىزمەت ئىپادىسى قانداق بولۇشىدىن
قەتئىينەزەر پېنسىيەگە چىققۇچە قەتئىي ئىشتىن بوشىتىلمايدۇ .ھەتتا بىر
223



ئالىي مەكتەپتە بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسا نورمالدا باشقا ئالىي مەكتەپكە
كۆچۈپ خىزمەت ئالماشتۇرسىمۇ بۇ ئوخشاشال كۈچكە ئىگە بولىدۇ .شۇڭا
بۇ خىلدىكى پىروفېسسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشىشتە رىقابەت بەكال كۈچلۈك
بولىدۇ .ئىككىنچى خىلى بولسا ،غەيرى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش
سىستېمىسى بولۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇلدا پىروفېسسورلۇققا قوبۇل قىلىنغانالرنى
ئالىي مەكتەپ خالىغان ۋاقىتتا ئىشتىن بوشىتااليدۇ ،ھەتتا 15-10يىل
ئىشلەپ بولغاندىن كېيىنمۇ خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ.
شۇڭا مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىنىش سىستىېمىسىدەك ئىناۋىتى يۇقىرى
بولمايدۇ) .ئۇالر ھەتتا لۇسىي ئۈچۈنمۇ ياخشى خىزمەت تەمىنلىمەكچى
بولدى .يۇقىرى مائاشلىق ياخشى خىزمەت ،گۈزەل مەنزىرە ،خۇددى
چۈشتەك شەھەر ،ئېسىل باشلىق ،ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە كۆڭۈلدىكىدەك
ئىدى« .ساالمەتلىك ئەھۋالىڭىزدىن خەۋىرىم بار ،ئۆسمە كېسەللەر
دوختۇرىڭىز بىلەن قويۇق ئاالقىڭىز بارغۇ دەيمەن» ،دېدى فاكۇلتېت
مۇدىرى« .ئەگەر داۋاملىق شۇ يەردە داۋالىنىمەن دېسىڭىز ،بىز سىزنىڭ
بېرىپ-كېلىش چىقىمىڭىزنى كۆتۈرىمىز ،بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ناھايىتى
ياخشى راك تەتقىقاتى مەركىزى بار ،بۇ يەردە داۋاالنسىڭىزمۇ بولىدۇ .سىزنى
بۇ خىزمەتگە تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن مەن يەنە نېمە ئىش قېلىپ
بېرەلەيمەن؟»

224



ئېممانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى ئەسلىدىم .مەن بۇرۇن تاشقى
كېسەللىكلەر دوختۇرى بواللىشىمغا قىلچە ئىشەنمەيتتىم ،مانا ھازىر
بولدۇم ،بۇ خۇددى مۆجىزىدەكال غايەت زور ئۆزگىرىش ئىدى .مەن بۇ خىل
ساالھىيىتىمنى ئەستە تۇتۇشقا ئامالسىز قالغاندىمۇ ،ئېمما ھەر ۋاقىت
ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ كەپتۇ .بىر نەچچە يىل بۇرۇنال كۆڭلۈمگە پۈككەن ۋە
نىشان قىلغان بىر ئىشنى ئەمدىلىكتە ئېمما ئەمەلگە ئاشۇردى :ئۇ روھىمغا
مەسئۇل بولۇشتەك ئەخالقىي بۇرچىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى مەن ئۆزۈم
مەسئۇل بواللىغىدەك ھالەتكە يەتكىنىمدە يەنە ماڭا قايتۇرۇپ بەردى .مەن
نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر پىراكتىكانت دوختۇرلىرى يېتەلەيدىغان ئەڭ
يۇقىرى پەللىگە يەتتىم ،مەن ھازىر نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرىال
ئەمەس بەلكى ھەم دوختۇر ھەم ئالىم بولۇش ئالدىدا تۇرىمەن .بۇ ھەر بىر
پىراكتىكانت چۈشىدىمۇ ئوياليدىغان ،لېكىن ئاساسەن ھېچكىم يېتىپ
باقمىغان بىر ئارزۇ ئىدى.
شۇ كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ،مۇدىر ماشىنىسى بىلەن مېنى
مېھمانخانىغا ئەكېلىپ قويدى .ئۇ يول بويىدا ماشىنىسىنى توختىتىپ:
«سىزگە بىر نەرسە كۆرسىتەي» دېدى .بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ دوختۇرخانا
ئالدىغا كەلدۇق ،كۆل يۈزى مۇز تۇتقان بولۇپ قارشى قېرغاقتىكى بىنادىن
ئاندا-ساندا چىراغ نۇرى چاقناپ تۇراتتى« .يازدا ئىشقا سۇ ئۈزۈپ ياكى
كېمە ھەيدەپمۇ كېلەلەيسىز ،قىشتا قار تېيىلىپ ياكى چاڭغىلىق
225



كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ( ».تەرجىماندىن :بۇ تەسۋىردىن قارىغاندا ،پاۋىل
ئىشلىمەكچى بولغان داشۆ ۋىسكونسىن داشۆسى مەدىسون بولۇپ ،بۇ كۆل
دەل مەدىسون كۆلى .بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئىچىدە ئەڭ
ئالدىنقى 20گە تىزىلىدىغان داڭلىق مەكتەپ بولۇپ ،مېدىتسىنا ۋە
ھاياتلىق ئىلىمى ساھەسىدە نۇرغۇن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى چىققان.
بۇ كۆل بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.
بۇ چۈشكىال ئوخشايدىغان خىيالىي بىر مەنزىرە ئىدى .مۇشۇ نۇقتا مېنى
قاتتىق سىلكىدى :بۇ بىر چۈشال خاالس ،بىز ھەرگىزمۇ ۋىسكونسىنغا
كۆچەلمەيمىز .ئەگەردە بۇ ئىككى يىلدا كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتسىچۇ؟
لۇسىي يالغۇز قالىدۇ ،دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا يوق ،پەقەت
ئۆلۈپ كېتىدىغان يولدىشى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بوۋاق بالىسىال
قالىدۇ .مەيلى قانچە ئىنكار قىلماي راكنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتكىنىنى
تونۇپ يەتتىم .ئۆتكەن نەچچە ئايدا مەن راك كېسىلىنىڭ ئالدىدىكى
تۇرمۇشقا قايتىشىقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم ،بۇ كېسەلنىڭ
تۇرمۇشۇمغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشىغا ئۇرۇندۇم.
كۆڭلۈم غەلبە تۇيغۇسىغا شۇنچىلىك موھتاج ئىدى ،لېكىن بۇرۇنۇمغا
مەغلۇبىيەتال پۇرايتتى .راكنىڭ قارغىشى مېنى غەلىتە بىر جانلىققا
ئايالندۇردى ،مەن يېقىنالۋاتقان ئۆلۈمنى كۆرمەسلىككە سېلىپ
يۈرەلمەيمەن ،شۇنداقال ئۇنى ساقالپ ئولتۇرالمايمەن .گەرچە راكنى
226



داۋاالش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ۋەھىمىسى يەنىال ئەتراپنى
قاپاليتى.
تۇنجى قېتىم ئىستانفوردتىكى خىزمىتىمدىن ئايرىلغاندا ،بىر
تەجرىبىخانىنى يۈرگۈزۈشكە ئاز دېگەندىمۇ 20يىللىق پىالن كېتىدۇ دەپ
تەسەللىي بەرگەن ئىدىم ،ئەمدى بىلدىمكى بۇ قارىشىم ھەقىقەتەن توغرا
ئىكەن .فېرۇئىد بىر ئۇتۇقلۇق نېرۋا تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە كەسپى
ھاياتىنى باشلىغان .ئۇ نېرۋا تەتقىقاتىنىڭ يەنە ئاز دېگەندە بىر ئەسىر
سەرپ

قىلغاندا

ئاندىن

ئوي-پىكىرنى

چۈشىنىش

ئارزۇسىغا

يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلگەندە مىكروسكوپتىن ۋاز كەچكەن .مەنمۇ ئوخشاش
ئەھۋالدا قالغاندەك ھېس قىلدىم .تەتقىقات ئارقىلىق نېرۋا تاشقى
كېسەللىكلەر ساھەسىنى ئۆزگەرتىش بىر مەيدان قىمارغا ئوخشايتى ،ماڭا
قويۇلغان دىياگنوز بۇ قىماردا ئۇتۇش مۇمكىنچىلىكىمنى ئېلىپ كەتكەن،
قولۇمدىكى ئاخىرقى پېشكىنى تەجرىبىخانىغا تىككۈم يوق ئىدى.
ئېممانىڭ ئاۋازى قۇالق تۈۋىمدە يەنە ئاڭالندى :ئۆزىڭىزگە نېمىنىڭ
ئەڭ مۇھىملىقىنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك.
نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ساھەسى ۋە نېرۋا تەتقىقاتىنىڭ چوققىسىغا
چىقىش ئويۇمدىن كەچسەم مېنىڭ زادى نېمە قىلغۇم باردۇ؟
دادا؟
نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرى؟
227



ئوقۇتقۇچى؟
مەن بىلمىدىم .بىراق گەرچە نېمە قىلغۇم بارلىقىنى بىلمىسەممۇ ،مەن
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 10
  • Büleklär
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3060
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1773
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2176
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3491
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2020
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3527
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2001
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3418
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3439
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3515
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1948
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1929
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1988
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1994
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3402
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1953
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.