Latin

نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 06

Süzlärneñ gomumi sanı 3439
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېچىلغان ئېغىز بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى ،بەل
قىسمىغا ئېچىلغان تۆشۈكتىن مەلھەمسىمان سۇيۇقلۇقنىڭ بەدەنگە
كىرگۈزۈلۋاتقانلىقىنى ،بەلكىم ئۇزاق مۇددەتلىك ،ئازابلىق ۋە پەقەت ئازراقال
ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكى ،ھەتتا بەزىدە ئۇالر بىلىدىغان كىشىنىڭ
مەڭگۈ

قايتىپ

كەلمەيدىغانلىقىنى

كۆز

ئالدىمغا

كەلتۈرەتتىم.

بۇ دەقىقىلەردە مەن ئادەتتىكىدەك ئۆلۈمنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ،بەلكى
ئۆلۈم ئەلچىسى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتىم .بىمارنىڭ ئائىلە
تاۋابىئاتلىرىغا ئۇالر بىلىدىغان مۇكەممەل ،ھەممە ئىشتا مۇستەقىل
ئىنساننىڭ پەقەت ئۆتمۈشتىال قالغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزى گەپ
قىاللىغان بولسا قانداق بىر كەلگۈسىنى تالاليدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشىمغا
ياردەم قىلىشى الزىملىقىنى چۈشەندۈرۈشۈمگە توغرا كېلەتتى.ئەگەر ياش
126



ۋاقتىمدا تېخىمۇ تەقۋادار بولغان بولسام ،بەلكىم ھازىر بىر باستىر بولۇپ
قىلىشىم مۇمكىن ئىدى ،چۈنكى بۇ دەل مىنىڭ نەزىرىمدىكى باستىرنىڭ
ئوينايدىغان رولى ئىدى.
***
مەن

قايتا

دىققىتىمنى

ئاغدۇرۇپ

ھېس

قىلسام،

ۋاقىپ

رازىنامىسى ،يەنى بىمار كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ،ئوپېراتسىيە قىلىشقا
قوشۇلغانلىققا قويۇپ بېرىدىغان ئىمزاسى -ھەرگىزمۇ يېڭى دورا
ئېالنىدىكى بارلىق خەۋپلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تونۇشتۇرىدىغان
چۈشەندۈرۈشكە ئوخشاش ئەدلىيە مەجبۇرىيىتى بولماستىن ،بەلكى
كېسەللىك ئازابىنى تارتىۋاتقان قېرىنداشالر بىلەن ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى
تۈزىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن .بىز بىرلىكتە تىرىشىمىز ،بۇ بىزنىڭ
چىقىش يولىمىز -گەرچە بۇ خەۋپلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ،مەن كۈچۈمنىڭ
يېتىشىچە ياخشى نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىمەن .پىراكتىكانت دوختۇرلۇق
ھاياتىم بۇ باسقۇچقا كەلگەندە خىزمەت ئۈنۈمىم ئاشتى ،تەجرىبەممۇ
كۆپەيدى .مەن ئاخىرى ئازراق تىنۋالغۇدەك ،ئۆز ھاياتىمنى ئۇنچىۋاال مۇھىم
دەپ قارىمايدىغان ،بىمارلىرىمنىڭ ساالمەتلىكىگە بولغان تولۇق
مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئاالاليدىغان بولدۇم .خىياللىرىم دادامغا
يۆتكەلدى .تېبابەت ئوقۇغۇچىسى بولغاچ ،لۇسىي ئىككىمىز دادامنىڭ
كىڭمەندىكى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ،ئۇنىڭ بىمارلىرىغا تەسەللى ۋە
127



ئازادىلىك ئىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇراتتىم .يۈرەك ئوپېراتسىيەسى
قىلدۇرۇپ يېڭىال ئويغانغان بىر ئايالدىن« :قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ يەيدىغان
بىرەر نەرسە ئەكېلىپ بېرەيمۇ؟» دەپ سورىدى دادام».
«نېمە بولسا مەيلى» ،دېدى ئۇ ئايال« ،قورسىقىم ئىچىپ كەتتى».
«ئۇنداقتا ،چوڭ راك بىلەن كاال گۆشى بۇيرۇتايمۇ؟» دېدى ۋە
تېلېفوننى قولىغا ئىلىپ سېستراالر پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ« ،مىنىڭ
بىمارىمغا چوڭ راك بىلەن كاال گۆشى ئەكېلىپ بىرىڭال!» دېدى ۋە بىمارغا
بۇرۇلۇپ «ھازىرال كېلىدۇ ،لېكىن قارىماققا كۈرۈك توخۇ گۆشىدە قىلغان
ساندىۋىچقا ئوخشاپ قىلىشى مۇمكىن ».دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇنىڭ چىقىشقاقلىقى ،بىمارلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى ئىزچىل ماڭا
ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە .35ياشلىق بىر ئايال ئېغىر كېسەللەر
پەرۋىشخانىسىدا ) (ICUئولتۇراتتى ،ئۇنىڭ چىرايىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكى
چىقىپ تۇراتتى.

ئۇ ئايال سىڭلىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ

بەرگىلى نەرسە كېرەك سىتىۋالغىلى چىققاندا ،تۇتقاقلىق كېسىلى تۇيۇقسىز
قوزغىلىپ قاپتۇ .تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە ،بىر ياخشى
سۈپەتلىك ئۆسمە چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ ماڭالي قىسمىنى بېسىۋالغان
ئىكەن .ئوپېراتسىيەنىڭ خەتىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ،بۇ بىر ياخشى
سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ ،ئۆسمىنىڭ ئورنىمۇ ياخشى ئىدى ،ئوپېراتسىيە
قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىنى ساقايىتقىلى بوالتتى .ئەگەر
128



ئوپېراتسىيە قىلمىسا بىر ئۆمۈر ئەكس تەسىرى كۈچلۈك تۇتقاقلىق دورىسى
يېيىشكە توغرا كېلەتتى .لېكىن مەن ئۇ ئايالنىڭ مېڭە ئوپېراتسىيەسىدىن
ھەممىدىن بەك قورقۇۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىگە تونۇش قايناق سودا بازىرىدىن
تۇيۇقسىزال ھەرخىل سىگنال ئاۋازلىرى ۋە دېزىنفېكسىيە پۇرىقى بىلەن
تولغان ناتونۇش ئېغىر كېسەللەر پەرۋىشخانىسىغا )(ICUكېلىپ قالغاچقا
ئۆزىنى ناھايىتى غېرىب ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم .ئەگەر مەن
ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيەنىڭ خەتىرى ۋە ئوپېراتسىيەدىن كىيىنكى قالدۇق
ئاسارەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم ،ئۇ ئوپېراتسىيەنى رەت
قىلىدىغاندەك

قىالتتى.

مەن

ئۇنىڭغا

ئوپېراتسىيە

قىلىشقا

قوشۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا جەدۋەلگە ئىمزا قويغۇزۇپال ،مېنىڭ
مەسئۇلىيىتىم تۈگىدى ،دەپ قاراپ ،كىيىنكى بىمارنى قوبۇل قىلساممۇ
بوالتتى .لېكىن ئەكسىچە مەن ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ
ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە چاقىرىپ ،تىنچ ئولتۇرۇپ
ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە قىلماسلىق توغرىسىدا ئەستايىدىل پاراڭالشتۇق.
پاراڭلىشىش جەريانىدا ،ئۇ يۈزلەنگەن زور تالالشنىڭ بارا-بارا قىيىن
لېكىن چۈشىنىشلىك بولغان قارارغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم .مەن
ئۇنى بىر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە قاتارىدا ئەمەس بەلكى بىر ئادەم
قاتارىدا كۆردۈم .ئاخىرىدا ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىشنى تاللىدى ،ئوپېراتسىيە
ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ،ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆيگە قايتتى ،تۇتقاقلىق
129



كىسىلىمۇ قايتا قوزغالمىدى .ھەرقانداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان
بىمار ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ .لېكىن
مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ يەنە تېخىمۇ غەلىتە ۋە چۈشىنىكسىز ئاقىۋەتلىرى
بار .ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاسايىشلىق دۇنياسىنى ئاللىبۇرۇن
ئۆزگەرتىۋەتتى؛ بىمارنىڭ تېنى ئىسسىق ،يۈرىكى تېخى سوقۇۋاتقان
بولسىمۇ ،لېكىن مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى چۈشىنىش نېمە دېگەن قىيىن؟
ئاپەتنىڭ يىلتىزى بىر يۇلتۇزنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ،نېرۋا
تاشقى بۆلۈم دوختۇرىنىڭ دىياگنوزىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ھېسسىياتنى،
پەقەت بىمارنىڭ شۇ سۆزنى ئاڭلىغان دەقىقىدىكى كۆزلىرىال ئەڭ توغرا
ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيتتى .بەزىدە بۇ دىياگنوز چوڭ مېڭىگە شۇنداق
چوڭ زەربە بولىدۇكى ،بۇنىڭ تەسىرىدە چوڭ مىڭىدە ئېلېكتىر سىگنال
ئۈزۈلۈپ

قىلىش

ھادىسىسى

يۈز

بېرىش

مۇمكىن.

بۇ

خىل

ھادىسە» پىسخىكىلىق» ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دېيىلىدىغان بولۇپ ،يامان
خەۋەر ئاڭلىغاندىن كىيىن ئېغىر دەرىجىدە ئايلىنىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ چەت-ياقا يۇرتلىرىدىن تۇرۇقلۇق -1960يىلالردا
ئۇنىڭ ئوقۇشىنى قوللىغان دادىسىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۇزۇن مۇددەت يېتىپ
ئاخىرى تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئانام ئالىي مەكتەپتىكى يالغۇز
كۈنلىرىدە ئاڭاليدۇ ۋە بۇ ئۇشتۇمتۇت خەۋەرنىڭ زەربىسىدە پىسخىك
تۇتقاقلىق كېسىلى بولۇپ قالىدۇ .بۇ تۇتقاقلىق تاكى ئۇ دادىسىنىڭ تەزىيە
130



مۇراسىمىغا قاتناشقۇچە داۋام ئەتكەن ئىكەن .بىمارلىرىمنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ
مېڭە راكىغا گىرىپتا بولغىنىنى ئاڭالپال ھوشىنى يوقاتقان ئىدى .مەن
البراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ،ئېلېكتىر دىئاگرام ،مېڭە سايىلەش قاتارلىق بىر
قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزغان بولساممۇ ،ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى
ئېنىقالشقا ئامال بولمىدى .ئاخىرى كارغا كەلگەن سىناق بولسا ئەڭ ئاسان
سىناق بولۇپ چىقتى :مەن بىمارنىڭ بىلىكىنى يۈزىنىڭ ئۈستىگە ئەكەپال
قولۇمنى قويۇپ بەردىم .پىسخىكىلىق ھوشسىزالنغان بىمار ئادەتتە دەل
ئۆزىنىڭ ئۇرۇپ سېلىشتىن ساقالنغۇدەك دەرىجىدىكى ھۇشىيارلىقنى
ساقلىيااليتتى.

بۇ

خىل

بىمارالرنى

داۋاالش

ئۈچۈن

بىمارنى

ئىلھامالندۇرىدىغان گەپلەرنى تاكى بىمارغا تەسىر قىلىپ ھوشىغا
كەلگەنگە قەدەر سۆزلەۋىرىشكە توغرا كېلەتتى.
مېڭە راكىنىڭ ئىككى ۋارىيانتى (تۈرى) بار ئىدى :يەرلىك ئورۇندىكى
راك ۋە ئۆسمە كۆچۈشتىن كېلىپ چىققان مېڭە راكى .بۇنىڭ ئىچىدە
كېيىنكىسى بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ
كۆچۈشىدىن ،بولۇپمۇ ئۆپكە راكىنىڭ كۆچۈشىدىن پەيدا بوالتتى.
ئوپېراتسىيە بۇ كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ ،ئەمما بىمارنىڭ
ھاياتىنى ئۇزارتىدۇ؛ كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن ،مېڭىدە راكى بار دېگەنلىك
بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ .لى خانىم ئاتمىشقا
ئۇلىشاي دەپ قالغان ،يۈز ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى بىر دوختۇرخانىدىن
131



ئىككى كۈن ئاۋۋال مېنىڭ پەرۋىشىمگە كۆچۈرۈلگەن ،سۇس يېشىل كۆزلۈك
ئايال ئىدى .ئۇنىڭ يولدىشى چاقماق كۆينىكىنى پادىچىالر ئىشتىنىنىڭ
ئىچىگە تىقىپ كىيىۋالغان بولۇپ ،كارىۋاتنىڭ يېنىدا جىددىيلەشكىنىدىن
توختىماي تويلۇق ئۈزۈكى بىلەن ھەپىلىشىپ تۇراتتى .مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى
تونۇشتۇرۇپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغىنىمدا لى خانىم ماڭا
ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى :ئالدىنقى نەچچە
كۈندىن بىرى ،ئۇ ئوڭ قولىنىڭ چىمىلداۋاتقىنىنى ھېس قىلىدۇ ،كەينىدىنال
ئوڭ قولىنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ ،ئاخىرى ئۇ جىلىتكىسىنىڭ
تۈگمىسىنىمۇ ئېتەلمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ مېڭىسىگە قان
چۈشكەن بولۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرەپ دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى
جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارىدۇ .ئۇ يەردە ئۇ ماگېنىتلىق رېزونانىسلىق
سايىلەش ماشىنىسىغا چۈشكەندىن كېيىن مېنىڭ يىنىمغا ئەۋەتىلىدۇ.
«بىرەرى سىزگە سايىلەش سۈرەتلىرىدە نېمىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى
ئېيتىپ بەردىمۇ؟» دەپ سورىدىم مەن« .ياق».
دېمەك ،ھەممەيلەن بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى يەتكۈزۈشتىن ياغلىق
قاپاقتىن قاچقاندەك بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىپ قويۇشقان ئىكەن .كۆپىنچە
ۋاقىتتا ،بىز ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرى بىلەن شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۈش
كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە قىزىرىشىپ قاالتتۇق .مەن قانچە
قېتىمالپ شۇنداق قىلدىم؟ بولدى ،بۇنداق تالىشىش مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن،
132



دەپ ئويلىدىم .مەن «خوپ» دېدىم .مەن «بىزنىڭ دېيىشىدىغان گەپلىرىمىز
ناھايىتى كۆپ ،كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە سىز ئۆزىڭىزگە نېمە ئىش بولدى دەپ
ئويلىغىنىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ بىرەر سوئالىڭىز جاۋابسىز
قالمىسۇن ئۈچۈن ،سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنى ئاڭالپ بېقىشنىڭ ماڭا كۆپ
ياردىمى تېگىدۇ».
«شۇ ،مەن ئەسلى مېڭەمگە قان چۈشكەن ئوخشايدۇ دېگەن ،قارىسام
ئەھۋال ئۇنداق ئەمەستەك تۇرامدۇ نېمە؟» «توغرا دېدىڭىز ،مېڭىڭىزگە قان
چۈشمەپتۇ» بىر ھازا توختىۋالدىم مەن .مەن ئۇ بىر ھەپتە بۇرۇن ياشىغان
ھايات بىلەن ئەمدىلىكتە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ھايات ئوتتۇرىدىكى ھاڭدەك
زور پەرقنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم .لى خانىم ۋە يولدىشى مېڭە راكى دېگەن
بۇ سۆزنى ھەر قانداق باشقا بىر كىشىدەكال ئاڭالشقا ھازىر ئەمەستەك
قىالتتى .شۇڭا مەن بىر قانچە قەدەم ئارقىغا يېنىپ ئالدىرىماي ئېغىز
ئاچماقچى بولدۇم .
«مېڭە سايىلەش سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا مېڭىڭىزدە بىر كاللەك گۆش
ئۆسۈپ قاپتۇ ،دەل شۇ نەرسە سىزدىكى كېسەللىك ئاالمەتلىرىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىپتۇ» .ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى« .سايىلەش سۈرەتلىرىنى
كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟» «ماقۇل » .مەن كارىۋات يېنىغا قويۇلغان
كومپيۇتېردا سۈرەتلەرنى ئاچتىم ۋە ئۇنى سۈرەتنىڭ ئاستى-ئۈستىنى
ئېنىقراق بىلىۋالسۇن دەپ ،بۇ بۇرنىڭىز ،بۇ كۆزىڭىز ،بۇ قۇلقىڭىز دەپ
133



كۆرسەتتىم .ئاندىن مەن رەسىمنى ئۈستىگە سىيرىپ مېڭىدىكى چىرىپ
كەتكەن قارا يەرنى ئوراپ تۇرغان ئاق رەڭلىك كاللەك ئۆسمىگە
توغىرلىدىم « .نېمە بۇ؟» دەپ سورىدى ئۇ« .ھەر نېمە بولۇشى مۇمكىن.
بەلكىم ياللۇغلىنىپ قالغان چىغى ،بۇنى پەقەت ئوپېراتسىيەدىن كېيىن
ئاندىن بىلەلەيمىز ».مېنىڭ سوئالدىن قېچىش خاھىشىم يەنىال كۈچلۈك
ئىدى ،ئەمما ئۇالرنىڭ يۈزىدە جىلۋىلەنگەن ئەنسىرەش ئاالمەتلىرى مانا
مەن دەپ چىقىپال تۇراتتى« .ئوپېراتسىيە قىلمىغۇچە بىز ئېنىق بىر نېمە
دېيەلمەيمىز» دەپ سۆزۈمنى داۋامالشتۇردۇم مەن« ،ئەمما بۇ نەرسە
قارىماققا

مېڭە

ئۆسمىسىگە

بەكال

ئوخشاپ

كېتىدىكەن» «بۇ

راكما؟» «يەنە دېسەم ،بىز ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بۇ نەرسىنى كېسىپ
ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئەۋرىشكە ئېلىپ پاتولوگىيەلىك (كېسەل كېلىپ
چىقىش ئىلىمى بويىچە) تەكشۈرۈش قىلغاندىال ئاندىن تولۇق
جەزملەشتۈرەلەيمىز .ئەمما مېنى زادى پەرەز قىلىپ باق دېسىڭىز ،شۇنداق،
بۇ راستتىنال مېڭە راكىغا ئوخشايدىكەن خانىم».

134



-9قىسىم

سايىلەش سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا مەنچە بولسا بۇ شۈبھىسىزكى مېڭە
راكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى بولغان جاھىل خاراكتېرلىك شىلىمسىمان
نېرۋا ھۈجەيرە راكى ئىدى .شۇنداق ،مەن لى خانىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ
ئىپادىسىگە قاراپ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قەدەم ئالدىم.
شۇنداقتىمۇ ،مېڭە راكى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇالر
باشقا گەپلەرنى ئېسىدە تۇتماسلىقى ئېنىق .بىر تەلەڭگە تىراگىدىيەدىن،
ئەڭ ياخشىسى بىر قوشۇقتىن بۆلۈپ خەۋەردار بولۇش ئاقىالنىلىك ئىدى.
ناھايىتى ئاز ساندىكى بىمارالرال ھەممىنى تولۇق ئاڭالشنى تەلەپ قىالتتى،
كۆپىنچىسى ھەزىم قىلىشى ئۈچۈن ئازراق ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىدى .ئۇالر
كېسەلنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە سوئال سورىمىدى ،ياخشى يېرى بۇ كېسەل
جىددىي زەربە خاراكتېرىدىكى كېسەللەردەك ئون مىنۇت ئىچىدە
چۈشەندۈرۈپال دەرھال بىر قارارغا كەلمىسە بولمايدىغان جىددىي كېسەل
بولمىغاچقا ،مەن ئۇالرنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىغا سەل ۋاقىت بەردىم .مەن
كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇالرنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى
چۈشەندۈردۈم :يەنى ،ئوپېراتسىيەنىڭ جەريانى؛ بىز گۈزەللىك نۇقتىسىدىن
چىقىش قىلىپ پەقەت ئۇنىڭ ئازراقال چېچىنى قىرىۋىتىدىغىنىمىز؛
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلىكىنىڭ سەل ئاجىز بولۇپ قىلىپ يەنە
135



ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى؛ ھەممە ئىش ئوڭغا تارتىپ قالسا ئۇنىڭ ئۈچ كۈن
ئىچىدىال دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ تېخى مارافوندىكى تۇنجى
قەدەم ئىكەنلىكى؛ ئارام ئېلىشنىڭ نېمىشقا مۇھىملىقى؛ ئۇالرنىڭ مەن
باياتىن بېرى دېگەن گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەستە تۇتۇشقا مەجبۇر
ئەمەسلىكى ۋە مېنىڭ بۇ گەپلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇالرغا تەكرارالپ
بېرىدىغانلىقىم دېگەندەكلەر.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ،بىز يەنە پاراڭالشتۇق ،بۇ قېتىم بىز خىمىيەلىك
داۋاالش ،رادىياتسىيەلىك داۋاالش ۋە كېسەلنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە
مۇزاكىرىلەشتۇق .بۇ كەمگىچە مەن بىر قانچە قائىدىلەرنى ئۆگىنىۋالغان
ئىدىم .بۇنىڭ بىرىنچىسى ،تەپسىلىي ئۆلچەملەشكەن ئىسىتاتىستىكىلىق
مەلۇماتالر تەتقىقات ئورۇنلىرىدا سۆزلەشكە ماس كېلىدۇ ،بالنىستتا ئەمەس.
ئۆلچەملەشكەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات ھېسابلىنىدىغان كاپالن-مايىر
ئەگرى سىزىقى ۋاقىت ئوقى بويىچە ھايات قالىدىغان بىمارالرنىڭ سانىنى
ئۆلچەيدۇ .بۇ بىز كېسەلنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كېسەلنىڭ قانچىلىك
ئېغىرلىقىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم ئىدى .شىلىمىسمان نېرۋا
ھۈجەيرىسى راكىغا كەلسەك ،بۇ ئەگرى سىزىق جىددىي تۆۋەنلەيدۇ ۋە
ئىككى يىلدىن كېيىن ھايات قالىدىغان بىمارالرنىڭ نىسبىتى ئاران بەش
پىرسەنت بولىدۇ .ئىككىنچىسى ،دەل توغرا بولۇش مۇھىم ،ئەمما چوقۇم
بىمارغا ئۈمىد قالدۇرۇش زۆرۈر« .بۇ كېسەلنىڭ ئوتتۇرىچە ھايات قېلىش
136



ۋاقتى ئاران 11ئاي» ياكى «سىزنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش
ئېھتىماللىقىڭىز »%95دېگەننىڭ ئورنىغا ،مەن «بۇ كېسەلگە گىرىپتار
بولغان كۆپ قىسىم بىمارالر ئۇزۇن ئايالر ھەتتا نەچچە يىلالر ياشايدۇ»
دەيتتىم .مەنچە بۇ تېخىمۇ سەمىمىي بىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئىدى .مەسىلە
شۇكى ،مەلۇم بىر بىمارنىڭ بۇ ئەگرى سىزىقنىڭ قايسى يېرىگە توغرا
كېلىدىغىنىنى ئېيتىپ بەرگىلى بولمايتتى :ئۇ ئالتە ئايدا ئۆلۈپ كېتەمدۇ
ياكى ئاتمىش ئايدىمۇ؟ خۇالسىلىشىمچە ،نەق دېگىلى بولىدىغاندىنمۇ
ئاشۇرۇپ دەل توغرا ساننى دېيىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى بىر
مەسئۇلىيەتسىزلىك .دەل ساننى دەپ بېرىدىغان ئاتالمىش ئەپسانىچى
دوختۇرالر (مەسىلەن ،ماڭا نەق ئالتە ئاي ئۆمرۈم قالغىنىنى دېگەن دوختۇر)
زادى قانداق ئادەملەر؟ ئۇالرغا ئىستاتىستىكا دەرسىنى كىممۇ ئۆگەتكەن
بولغۇيتتى؟ دەپ ئويلىنىپ قاالتتىم.
خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ،بىمارالر كۆپىنچە سۈكۈت ئىچىدە تۇرىدۇ.
(دېگەن بىلەن ،بىمار دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى جاپا-مۇشەققەتكە
قاقشىماي چىدىغۇچى ،ئەمەسمۇ ).كۆپىنچە ھالالردا غۇرۇرىنى ساقالش
ياكى ھەيرانۇ-ھەس قىلىش سەۋەبىدىن بۇ خىل شۇم خەۋەرلەر
تېشىلگەندە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى ۋە بىمارنىڭ قولىنى تۇتۇپ
سۆزلەش ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ قاالتتى.
پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى (ئادەتتە بىمارنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى
137



جورىسى) دەرھال قەتئىي ئىرادىگە كېلەتتى ۋە« :بىز بۇ كېسەل بىلەن
كۈرەش قىلىمىز ۋە چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز ،دوختۇر» دەپ ئىپادە
بىلدۈرەتتى .بىمارالرنىڭ كېسەلگە قارشى قوراللىنىشنىڭ تۈرلىرى كۆپ
ئىدى ،بەزىلىرى دۇئا قىلىشقا چۈشسە ،بەزىلىرى ئۆسۈملۈك دورىالردىن،
يەنە بەزىلىرى غول ھۈجەيرىلەردىن شىپا ئىزدەشكە تەمشىلەتتى .بۇ خىل
قەتئىيلىك ماڭا جانان چىنىدەك نازۇك ۋە يۈرەكنى ئېزىدىغان ئازابتىن
قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەھكەم يىپىشۋالغان ،ئەمما رېئاللىقتىن تولىمۇ يىراق
ئۈمىدۋارلىق بولۇپ تۇيۇالتتى .مەيلى قانداقال بولمىسۇن ،ئوپېراتسىيەدىن
يېڭى چىققاندا ئۇرۇشقا تۇتقاندەك قەتئىي روھنىڭ بولۇشى ئوبدان ئىش
ئىدى .كۆزىتىش ئۆيىدە قېنىق كۈلرەڭلىك چىرىۋاتقان ئۆسمە ،خۇددى
يۇمران مېڭە پۈرمىلىرىنىڭ ياۋۇز تاجاۋۇزچىسىدەك كۆرۈنەتتى ۋە ئۇنىڭغا
قاراپ غەزىپىم كېلەتتى (قولۇمغا چۈشتۈڭ مانا ھۇ ئاناڭنى ،دەپ ئىچىمدە
تىلاليتتىم) .گەرچە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان راك
ھۈجەيرىلىرى ساغالم كۆرۈنىدىغان مېڭە رايونلىرىغا تاراپ بولغان بولسىمۇ،
ئەمما ئۆسمىنى كېسىپ تاشالش كىشىگە يەنىال بىر خىل قانائەتلىنىش
تۇيغۇسى بېغىشاليتتى.
ئۆسمىنىڭ ئاساسەن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان قايتا
بىخلىنىشىنى باشقا بىر كۈندە چۈشەندۈرۈش كېرەك ئىدى .بەش قولنى
بىراقال ئېغىزغا سالغىلى بولمايدۇ-دە .كىشىلەر ئارىسىدىكى ئوچۇق
138



سۆزلۈك ھەرگىزمۇ بارچە چوڭ ھەقىقەتلەرنى بىراقال تۆكمە قىلىش
كېرەكلىكىنى ئەمەس ،بەلكى بىمارنىڭ غېمى تاغدىمۇ-باغدىمۇ دېگەننى
چۈشەنگەن ئاساستا ئۇالرغا راست گەپنى ئىمكانىيەت يول قويغان دائىرىدە
چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرەتتى.
شۇنداقتىمۇ ،كىشىلەر ئارىسىدىكى ئوچۇق سۆزلۈكنىڭ مەلۇم بەدىلى
بوالتتى.
ئۈچىنچى يىلىنىڭ بىر ئاخشىمى ،مەن جەف بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
ئۇمۇ ئوخشاشال جاپالىق ۋە تەلىپى يۇقىرى بولغان بىر كەسىپتە يەنى
ئومۇمىي تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە ئىدى .ئىككىلىمىز قارشى تەرەپتىكى
چۈشكۈنلۈكنى سەزدۇق« .سەن ئاۋۋال دېگىن» دېدى جەف .شۇنىڭ بىلەن
مەن بىر بالىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم .ئۇ باال
مېڭىسىگە ئوق تېگىپ دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدى ،بىز قۇتقۇزۋىلىشقا
شۇنچە تىرىشساقمۇ تىرىلەي دەپ قىلىپ ئاخىرىدا يەنىال ئۆلۈپ كەتتى…
يېقىنقى جانغا زامىن بولىدىغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكىلى
بولمايدىغان مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دىياگنوزىنى ئالغان ماڭا نىسبەتەن بۇ
بالىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ساقىيىپ كېتىشى مېنىڭ ئۈمىد
چىرىغىم بولۇپ قالغان ئىدى ،ئەمما بۇ باال مەغلۇپ بولغان ئىدى .جەف
جىمىپ كەتتى ،مەن ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭالشنى كۈتۈپ تۇردۇم .ھېكايە
سۆزلەش ئورنىغا ئۇ توساتتىن كۈلۈپ كەتتى ۋە بىلىكىمنى نوقۇپ تۇرۇپ:
139



«بوپتۇ ،بۈگۈن بىر نەرسە ئۆگەنگەن بولدۇم ،بۇندىن كېيىن خىزمەتتە
كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالسا ،روھىمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىرەر نېرۋا تاشقى
كېسەللەر دوختۇرى بىلەن مۇڭداشسام بولغۇدەك».
شۇ كۈنى يېڭى يەڭگىگەن بىر ئانىغا ئۇنىڭ بوۋىقىنىڭ بېشى يوق
تۇغۇلغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى
چۈشەندۈرۈپ بولۇپ ،كەچتە ئۆيگە ماشىنىلىق ماڭغاچ رادىيونى
ئاچتىم،

ئامېرىكا مەركىزى رادىيو ئىستانسىسىدا كالىفورنىيەدە

داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىتىۋاتاتتى .تۇيۇقسىز،
ياشلىرىم تارامالپ ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى.
مۇشۇ مىنۇتالردا بىمارالر بىلەن بىللە بولۇش بەلگىلىك روھىي بېسىم
ئېلىپ كېلەتتى ،ئەمما بۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى ،ئەلۋەتتە.
مەن ئەزەلدىن بىرەر دەقىقە سەرپ قىلىپ نېمە ئۈچۈن بۇ خىزمەتنى
قىلىۋاتقىنىم ياكى بۇنىڭ ئەرزىش-ئەرزىمەسلىكى ھەققىدە ئويلىىشپ
ئولتۇرمىغان ئىدىم .بىر جاننى ساقالپ قېلىش ،جاننىال ئەمەس ئۇنىڭ
كىملىكىنى ھەتتا بىرىنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۆزى سۆز كەتمەيدىغان
بىر مۇقەددەس ئىش ئىدى.
بىمارنىڭ مېڭىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن ،مەن چوقۇم ئۇنىڭ
ئېڭىنى ،كىملىكىنى ،قىممەت قاراشلىرىنى ،ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ نېمە قىممەتكە
ئىگە ئىكەنلىكىنى ،ھەتتا قانداق بىر ئېغىر ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ
140



ئاخىرلىشىشىغا يول قويۇشنىڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى
چۈشىنىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم .مېنىڭ ئوپېراتسىيەدە
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بېغىشلىغان يۈرەك قېنىمنىڭ بەدىلى ئېغىر بولدى،
قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەغلۇبىيەت مېنى چىدىغۇسىز گۇناھكارلىق
تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىالتتى .مېدىتسىنا ئىلىمى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس
ۋە مۇمكىنسىز ئىدىكى :سىز باشقىالرنىڭ ئازابلىرىنى زىممىڭىزگە ئېلىشىڭىز
ۋە بۇ ئازابنىڭ ئېغىرلىقىدىن يەر بىلەن يەكسان بولۇشتەك ئېغىر يۈكنى
كۆتۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
دوختۇرلۇق

پىراكتىكىسىنىڭ

يېرىمىغا

كەلگەندە،

قوشۇمچە

تەربىيىلەشكە مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرىتىالتتى .مېدىتىسىنا ئىلىمىگە يىگانە
خاس بىر ئاالھىدىلىك ،نېرۋا تاشقى كېسەللەر ئىلىمىنىڭ جېنى بولسا
ھەممىدە ئىلغارلىقنى قوغلىشىش ۋە بۇ ئىلىمنىڭ ئۆزىدىال ئىلغارلىقنى
ساقالشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدە ئىپادىلىنەتتى .بۇ ساھەنى ئالغا
سىلجىتىش ئۈچۈن ،نېرۋا تاشقى كېسەللەر دوختۇرلىرى چوقۇم ئالدىغا
قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ كامالەتكە يېتىشىگە توغرا
كىلەتتى .بەزىدە بۇ خىل تىرىشىش ئاممىغا ئاشكارىلىنىدۇ ،مەسىلەن ،نېرۋا
تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ۋە ژۇرنالىست سانجاي گۇپتانىڭ ئەھۋالى
شۇنداق ئىدى .ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالالردا دوختۇرالر ئۆزىنىڭ ساھەسىگە
يېقىن كېلىدىغان ساھەلەرگىال كۆڭۈل بۆلەتتى .ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ
141



ھۆرمەتكە سازاۋەر يول دەل بىرال ۋاقىتتا تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ۋە
نېرۋولوگىيە ئالىمى بولغانالرنىڭ تۇتقان يولى ئىدى.
تۆتىنچى يىلىمدا ،مەن ئىسىتانفوردتىكى بىر مەخسۇس ھەرىكەت نېرۋا
بىئولوگىيسى ۋە نېرۋا سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى كەشىپ
قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ،مەسىلەن پالەچ بولۇپ قالغان
كىشىلەرنىڭ كومپىيۇتېر مائۇسى ياكى ماشىنا ئادەم بىلىكىنى ئاڭ بىلەن
كونتىرول

قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان تېخنىكىالرنى چىقىرىشقا

مەركەزلەشكەن

بىر

تەجىرىبىخانىدا

ئىشلەشكە

باشلىدىم.

تەجىرىبىخانىمىزنىڭ يىتەكچىسى بولسا ماڭا ئوخشاش ئىككىنچى ئەۋالد
ھېندىستانلىق بولۇپ ،ئۇ ئېلىكتېر ئېنژىنىرلىقى ۋە نېرۋا بىيولوگىيە
پىروفېسسورى ئىدى .كۆپچىلىك يېقىملىق قىلىپ ئۇنى « »Vدەپ ئاتىشاتتى.
Vمەندىن يەتتە ياشال چوڭ ئىدى ،ئەمما بىز ئاكا-ئىنىلەردەك چىقىشىپ
كەتتۇق .ئۇنىڭ تەجىرىبىخانىسى مېڭە سېگناللىرىنى ئوقۇش ساھەسىدە
دۇنيانىڭ يېتەكچىسىگە ئايلىنىپ قالدى ،ئەمما ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن
مەن بىر قارىمۇ-قارشى تەتقىقات تۈرىنى باشلىۋەتتىم :يەنى تەتقىقات تېمام
«قانداق قىلىپ مېڭىگە سېگنالالرنى يولالش» ئۈستىدە ئىدى .دېگەن
بىلەن ،ئەگەر ماشىنا ئادەم قولى ئىشلەتكۈچى بىر قىزىل ھاراق ئىستاكانىنى
قانچىلىك قاتتىق تۇتقانلىقىنى سېزەلمىسە ،ئۇ ھالدا ئۇ چوقۇمال نۇرغۇن
ئەينەك ئىستاكانالرنى سۇندۇرۇپ قوياتتى ،ئەمەسمۇ .مېڭىگە سېگنال
142



يولالش ياكى «نېرۋا كونتىرولالش» ساھەسىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى
بۇنىڭدىن كۆپ كەڭرى ئىدى :مېڭە سېگناللىرىنى كونتىرول قىلىش
ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق دېگەنلىك بىر قاتار نۆۋەتتە داۋاسى يوق ياكى
بويسۇندۇرۇش ئىنتايىن قېيىن بولۇۋاتقان نېرۋا ۋە روھىي كېسەللەرنى
داۋاالش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىنىمىزدىن دېرەك بىرەتتى .بۇ كېسەللەر
خامۇشلۇق كېسىلىدىن تارتىپ خانىتىڭتون كېسىلىگىچە ،ئېلىشىپ
قىلىشتىن تارتىپ تورېت يېغىندا كېسەللىكى ،ھەتتا بىتاقەتلىك كېسىلى…
قاتارلىقالرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .بۇ تېخنىكا كېسەل داۋاالشقا چەكسىز
ئىمكانىيەتلەرنى ئېلىپ كىلەتتى .مەن ئەمدى ئوپېراتسىيەنى بىر تەرەپكە
قايرىپ قويۇپ ،گېنىتىكىلىق داۋاالشتىكى يېڭى تېخنىكىالرنى «شۇ تۈردىكى
تۇنجى قېتىملىق» تەجىرىبىلەردە سىناق قىلىپ قوللىنىشقا ئاتالنغان
ئىدىم.
بۇ تەجىرىبىخانىدا بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن V ،بىلەن ئېلىپ
بېرىلىدىغان ھەپتىلىك كۆرۈشۈشلىرىمىزنىڭ بىرىدە يەنە سۆھبەتنى
باشلىدۇق .مەن ئۇنىڭ بىلەن قىلىشىدىغان بۇ سۆھبەتلەرنى ياقتۇرۇپ
قالغان ئىدىم V .مەن تونۇيدىغان باشقا ئالىمالرغا ئوخشىمايتتى .ئۇ
يۇمشاق سۆزلەيتتى ،باشقا كىشىلەر ۋە كىلىنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشىغا
كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ئۇ ماڭا نەچچە قېتىم ئۆزىنىڭمۇ بىر تاشقى كېسەللەر
دوختۇرى بولغۇسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى .شۇنى چۈشىنىپ
143



يەتتىمكى ،ئالىملىق بولسا بىر خىل سياسىيلىققا ئىگە ،شىددەتلىك
رىقابەتكە تولغان ،كىشىنى ھارغۇزىدىغان ۋە كىشىنى ئاسان يولنى تالالشقا
قىزىقتۇرىدىغان بىر كەسىپ ئىكەن.
ھەر قانداق كىشى Vغا ئەڭ سەمىمىي بىر يولدا ماڭىدىغان بىرى دەپ
ئىشەنسە بوالتتى .كۆپىنچە ئالىمالر ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئەڭ داڭلىق
ئىلمىي ژۇرنالالردا ئېالن قىلىپ نامىنى تونۇتۇش الزىم دەپ ئىشەنسەV ،
پەقەت ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ۋە ھېچقانداق
ساختىلىق ئىشلەتمەي ئېالن قىلسامال بولىدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇراتتى.
مەن ئەزەلدىن مۇۋاپىققىيەت قازانغان كىشىلەر ئىچىدە ئۇ قەدەر
ئاقكۆڭۈللىرىنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم V .ھەقىقىي بىر تاكامۇلالشقان
ئىنسان ئىدى.
ئۇ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ ماڭا كۈلۈمسىرەش ئورنىغا ،غەمكىن كۆرۈنەتتى.
ئۇ ئۇھ تارتقاچ ماڭا« :دەرھال دوختۇرلۇق پوسماڭنى كىيىۋىلىشىڭنى
سورايمەن» دېدى.
«بولىدۇ»
«ئۇالر ماڭا ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بوپسەن دەيدۇ».
« …Vخوش ،قېنى قۇلىقىم سەندە».
ئۇ ئۆۆزىنىڭ بارغانچە ئورۇقالپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،ھەزىمىنىڭ
چېكىنگەنلىكى ۋە بۇ زاماندا ئاللىقاچان ئۆلچەملىك مەشغۇالت
144



ھېسابالنمايدىغان CTسايىلەش سۈرەتلىرىدىن ئاشقازان ئاستا بېزىدە بىر
كاللەك گۆش بارلىقى بايقالغانلىقى قاتارلىقالرنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ
بەردى .بىز كېيىنكى قەدەمدىكى ئىشالر ھەققىدە مۇڭداشتۇق .ئۇ ئازابلىق
Whippleۋىپول ئوپېراتسىيىسى قىلىشى كېرەك ئىدى (بۇ ئوپېراتسىيەدە
ئۇنىڭ بىر يۈك ماشىنىسى تەرىپىدىن سوقۇۋىتىلگەندەك ھېس
قىلىدىغانلىقىنى دەپ بەردىم) ،كىمنىڭ ئەڭ ياخشى ئوپېراتسىيەچى
ئىكەنلىكى ،بۇ كېسەلنىڭ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغا بولغان تەسىرى ۋە
ئۇنىڭ

ئۇزۇن

سوزۇلغان

خىزمەتتىكى

داۋامسىزلىقى

جەريانىدا

تەجىرىبىخانىنى قانداق ماڭدۇرۇش قاتارلىقالر ھەققىدە سۆزلەشتۇق.
ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ كېسەل تەرەققىياتى كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە
باشاليتتى ،ئەلۋەتتە Vنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى
بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
«پاۋىل» دېدى ئۇ توختىۋىلىپ« ،سېنىڭچە مېنىڭ ياشىغىنىمنىڭ
ئەھمىيىتى بارمۇ؟ سەنچە مەن ھاياتىمدا توغرا قارارالرنى چىقاردىممۇ؟ »
بۇ سوئال مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى :ھەتتا ئۇنىڭدەك پەزىلەتنىڭ ئەڭ
يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان كىشىمۇ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندە بۇ خىل
سوئالالرنى سوراۋاتاتتى.
Vنىڭ ئوپېراتسىيىسى ،خېمىيىلىك داۋاالش ۋە رادىئاتسىيىلىك
داۋاالشلىرى بەكمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلدى ،ئەمما ئوڭۇشلۇق بولدى .بىر يىلدىن
145



كېيىن مەن دوختۇرخانىغا قايتىپ كىلىنكىلىق خىزمەتكە قايتىدىن
كىرىشىش ئالدىدا ئۇمۇ خىزمەتكە قايتىپ كەلدى .ئۇنىڭ چېچى ئازالپ
ئاقىرىپ كەتكەن ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇر خىرەلەشكەن ئىدى .ئاخىرقى
ھەپتىلىك سۆھبىتىمىزدە ،ئۇ ماڭا قاراپ« :قارا ،بۈگۈن داۋاالنغىنىمنى
ئەرزىيدىغاندەك ھېس قىلغان تۇنجى كۈن .ئەلۋەتتە ،بالىلىرىم ئۈچۈن ھەر
قانداق ئىشقا بەرداشلىق بىرەتتىم ،ئەمما بۈگۈن پۈتۈن تارتقان ئازابلىرىم
ئەرزىيدىغاندەك ھېس قىلغان تۇنجى كۈن» دېدى.
بىز دوختۇرالر بىمارالرنى قانچىلىك ئېغىر سىناقالرغا قويىدىغىنىمىزنى
تىرناقچىلىقمۇ چۈشەنمىسەك كېرەك.
ئالتىنچى يىلىمدا ،مەن دوختۇرخانىدا پۈتۈن كۈن ئىشلەشكە چۈشتۈم،
Vنىڭ تەجىرىبخانىسىدىكى تەتقىقاتىم ئارام كۈنلىرى ياكى بىكار ۋاقتىمدا
قىلىغان ئىشىم بولۇپ قالدى .كۆپىنچە كىشىلەر ،ھەتتا ئەڭ يېقىن
خىزمەتداشلىرىممۇ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى پىراكتىكىسىنىڭ
قانداق بىر قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى .مېنى ئەڭ
ياقتۇرىدىغان سېستىراالرنىڭ بىرى ،بىر كۈنى كەچ سائەت ئونغىچە
داۋامالشقان بىر قېتىملىق تەس ۋە ئۇزۇن ئوپېراتسىيەنى تۈگىتىشىپ
بەرگەندىن كېيىن:
«تەڭرىگە كۆپ شۈكرى ،ياخشىغۇ مەن ئەتە ئارام ئالىمەن.
سىلەرچۇ؟» دەپ سورىدى.
146



«ياق جۇمۇ»
«لېكىن ھېچبولمىغاندا ئەتىگەندە كېچىكىپرەك كەلسەڭالر بولىدۇ،
شۇنداققۇ؟ ئادەتتە قانچىدە ئىشقا چۈشىسىلەر؟»
«سەھەر ئالتىدە»
«چاقچاق قىلماڭ ،راستمۇ؟»
«راست»
«ھەر كۈنى»
«شۇنداق ،ھەر كۈنى»
«ھەپتە ئاخرىلىرىدىچۇ؟»
«بولدى ،سورىمايال قويۇڭ»
دوختۇرلۇق پىراكتىكىسى جەريانىدا مۇنداق بىر گەپ بار ئىدى :كۈنلەر
ئۇزۇن ،يىلالر قىسقا .نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى پىراكىتىكىسىدا ،ھەر
كۈنلۈك خىزمەت ئادەتتە سەھەر ئالتىدە باشلىنىپ ئوپېراتىسيىە
ئاخىرالشقۇچە داۋاملىشاتتى .قانچىلىك بالدۇر تۈگىشى ئوپېراتسىيە
ئۆيىدىكى ئىشالرنى قانچىلىك تېز پۈتتۈرۈشىمىزگە باغلىق ئىدى.
بىر پىراكتىكانت دوختۇرنىڭ ھۈنىرى ئۇنىڭ تېخنىكىسى ۋە سۈرئىتى
بىلەن باھالىناتتى .بىپەرۋالىق قىلسىڭىز بولمايتتى ،ئەمما بەك ئاستا بوپ
كەتسىڭىزمۇ يەنىال بولمايتتى .يارا ئېغىزىنىڭ تۇنجى تىكىشىنى تىكىپ
بولۇپال ئەگەر بەك توغرا بولۇش ئۈچۈن كەچكىچە اليپاسلىق قىلسىڭىز
147



ئوپېراتسىيە تېخنىكىدىن گەپ ئاڭلىغىلى تۇراتتىڭىز« :ئاپال ،قارىغاندا
بۈگۈن بىز ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەچىسىنى خاتا ھالدا مېڭە
ئوپراتسىيىسىگە ئورۇنالشتۇرۇپ قويۇپتۇقمۇ نېمە؟» ياكى بولمىسا «ھە،
مەن سىزنىڭ ئىستىراتىگىيڭىزنى چۈشىنىپ بولدۇم ،سىزنىڭ مەقسىتىڭىز
يارىنىڭ ئۈستى يېرىمىنى تىكىپ بولغاندا يارىنىڭ ئاستى يېرىم ئۆزلۈكىدىن
تولۇق ساقىيىپ قالسۇن دېمەكچىكەنسىز ،شۇنداق بولغاندا ئىشنىڭ
يېرىمىال قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ قالتىس مانا!» تېخى باش پىراكتىكانىت يېڭى
پىراكتىكانتىنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ يول كۆرسىتىدۇ« :ئاۋۋال تېز تىكىشنى
ئۆگىنىڭ ،ياخشى تىكىشنى كېيىن ئۆگىنىۋالىسىز» .ئوپراتسىيە ئۆيىدە،
ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى سائەتتە .بىمارنى ئويلىساق :ئۇ ناركوزدا تۇرغىلى
قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ چۈنكى ئۇزۇن مەشغۇالتالر داۋامىدا ،نېرىبالر
يارىلىنىشى ،مۇسكۇلالر ئۈزۈلۈپ كېتىشى ياكى بۆرەك كاردىن چىقىشى
مۇمكىن ئىدى .باشقىالرنى ئويلىساق :بۈگۈن ئاخشام سائەت قانچىدە بۇ
يەردىن قۇتۇالرمىز؟ دېگەنلەر خىيالغا كىلەتتى.
مېنىڭچە ۋاقىتنى قىسقارتىشنىڭ ئىككى ئىستىراگىيىلىك ئۇسۇلى بار
ئىدى ،بۇنى خۇددى تاشپاقا بىلەن توشقانغا ئوخشىتىش مۇمكىن .توشقان
قانچە تېز قىاللىسا شۇنچە تېز ئىلگىرلەيدۇ ،قولالر چاقمەقتەك تېز،
ئەسۋابالر تاراقالپ پولغا چۈشۈپ كېتىدۇ ،تېرە خۇددى سىرتمىدەك
ئېچىلىدۇ،
148

ھەرىدەلگەن

سۆڭەكنىڭ

توزىڭى

قونۇپ

بولماستا



ئېلىۋىتىلىدىغان باش سۆڭەك داستا ھازىر بوالتتى .نەتىجىدە ،سۆڭەكنىڭ
ئېچىلغان قسىمىنى ئۇ يەر -بۇ يەرلىردىن بىرەر سانتىمېتىردىن كېڭەيتىشكە
توغرا كىلەتتى ،چۈنكى دەسلەپ دەل جايىدا كېسىلمىگەن بوالتتى.
تاشپاقىغا كەلسەك ،ئەكسىچە ،ھەر بىر قەدەمنى خاتاسىز ئاۋايالپ ئالىدۇ،
يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدۇ .ئوپېراتسىيەنىڭ ھېچقانداق باسقۇچىنى قايتا
تەكشۈرۈپ بېقىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى ،ھەممە مەشغۇالت نەق توغرا ۋە
ئۆلچەم بىلەن ماڭاتتى .ئەگەر توشقان بەك كۆپ كىچىك خاتالىقالرنى
ئۆتكۈزسە ،توختىماي يېڭىدىن تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ-دە ،تاشپاقا
يېڭىدۇ .ئەگەر تاشپاقا ھەر بىر قەدەمنى پىالنالشقا بەك كۆپ ۋاقىت سەرىپ
قىلسا ،ئۇ ھالدا توشقان يېڭىدۇ.
ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى قىزىق ئىش ،مەيلى قانچىلىك جىددىي ئىش
قىلىڭ ياكى ئېغىر-بېسىق مەشغۇالت قىلىڭ ،ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى ھېس
قىلغىلى بولمايتتى .ئەگەر خېيدىگېر ئېيتقاندەك زېرىكىش دېگەنلىك
ۋاقىنىڭ ئۆتكىنىنى ھېس قىالالش بولسا ،ئۇ ھالدا ئوپېراتسىيە دەل
ئەكسىچە ئىدى :كۈچلۈك دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ،سائەت
ئىستىرلىكىسىنى ئەھمىيەتسىز بىر نەرسىگە ئايالندۇرۇپ قوياتتى .بەزىدە
ئىككى سائەت بىر مېنۇتتەك سېزىلەتتى ،ھەتتا ۋاقىتنىڭ ۋىششىدە قىلىپ
ئۆتكىنىنى ئاڭلىغاندەك بوالتتىڭىز .لېكىن بەزىدە ئەجەبلىنىشكە

149



باشاليتتىڭىز :بىمار قانچىلىك ۋاقىتتا ئويغىنار؟ ئىككىنچى بىمار قاچان
كىرەر؟ بۈگۈن كەچ سائەت قانچىدە ئۆيگە قايتارمەن؟
ئادەتتە ئاخىرقى بىمارنىڭ ئوپېراتسىيسى تۈگىگەندە قەدەملىرىنىڭ
سۆرىلىپ قىلىشىغا قاراپ ئاندىن بىر كۈننىڭ زادى قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىنى
ھېس قىالتتىم .دوختۇرخانىدىكى بىر نەچچە باشقۇرۇش تىپىدىكى
خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپال ئۆيىگە قايتىدىغانالرنىڭ سۆزلىرى مېڭەمگە بولقا
بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.
«بۇ ئىشنى ئەتە قىلساقمۇ بوالمدۇ؟»
«ياق»
ئۇالر خۇددى يەر شارى ئارقىغا چۆرگىلەپ قۇياشقا قايتىدىن يېقىنالپ
قالغاندەك ئۇھ تارتاتتى.

150



-10قىسىم

باش پىراكتىكانت بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ھەممە مەسئۇلىيەت
مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى ،مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 07
  • Büleklär
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3060
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1773
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2176
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3491
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2020
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3527
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2001
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3418
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3439
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3515
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1948
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1929
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1988
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1994
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3402
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1953
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.