Latin

نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 02

Süzlärneñ gomumi sanı 3512
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2176
20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ئويناۋاتاتتى ،مەن بولسام «ئۆلۈم ۋە پەلسەپە» دېگەن كىتابنى ئوقۇۋاتاتتىم.
بۇ مەنزىرىنىڭ پەقەتال قامالشمىغانلىقىغا كېيىنچە كۈلۈپ يۈردۈم20 :
25



ياشلىق يىگىت گۈزەل ئورمان ،كۆل ،تاغ ،سايراۋاتقان چىرايلىق قۇشالر ۋە
خۇشال قىيغىتىپ ئويناۋاتقان تۆت ياشلىق بالىالرنىڭ قورشاۋىدا ئولتۇرۇپ
ئۆلۈم ھەققىدىكى كىچىك قارا كىتابقا چۆكۈپ كەتسە ...بىراق ھازىر مۇشۇ
دەقىقىدە مەن بىر پاراللېللىقنى ھېس قىلىپ يەتتىم :تاھو كۆلىنىڭ ئورنىدا
مەن ھازىر ھادسون دەرياسىدا؛ بالىالر بۇرۇنقى ناتونۇش بالىالر ئەمەس،
دوستلىرىمنىڭ بالىلىرى؛ بۇ يەردە مېنى ئەتراپتىكى ھاياتتىن ئايرىپ
تۇرغىنى ئۆلۈمگە دائىر كىتاب ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈۋاتقان بەدىنى.
ئۈچىنچى كېچىسى ئۆي ئىگىسى مايكولغا دەم ئېلىشىمنى بالدۇر
ئاياغالشتۇرۇپ ئەتىال قايتىدىغىنىمنى ئېيتتىم.
«مىجەزىڭ ياخشى ئەمەس» دېدى ئۇ« .چاتاق يوقتۇ؟»
«چىقىپ ئازراقتىن ئىچىشكەچ ئولتۇرمامدۇق» دېدىم مەن.
ئۇنىڭ ئوچىقى ئالدىدا ئولتۇرۇپ دېدىم« :مايك (مايكولنىڭ
قىسقارتىلمىسى) ،مەن راك بولۇپ قالغاندەك قىلىمەن .يەنە كېلىپ ياخشى
سۈپەتلىك ئەمەس»
بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئاغزىمدىن چىقىرىشىم ئىدى.
«خوش» دېدى ئۇ «بۇ بىر تازا كەلمىگەن چاقچاققۇ دەيمەن؟»
«ياق»
ئۇ توختاپ قالدى« .نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم».

26



«مېنىڭچە باشتا دەپ قويۇشۇم كېرەك ،ئۆزۈمنى راك دەيدىغانغا ئېنىق
بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى يوق ،پەقەت ئاالمەتلەرگە قاراپ شۇنداق
جەزملەشتۈرۈپ تۇرۇپتىمەن .ئەتە ئۆيگە قايتىپ مۇشۇنى ئېنىقلىماقچىمەن.
خاتاالشقان بولسامكەن دەيمەن».
مايك يۈك تاقامنى كۆتۈرۈپ يۈرمەي پوچتىدىن سېلىۋېتىش تەكلىپىنى
بەردى .ئەتىسى سەھەردە ئۇ مېنى ئايرودۇرۇمغا ئاپىرىپ قويدى ،ئالتە
سائەتتىن كېيىن ئۆزۈمنى سان فىرانسىسكودا كۆردۈم .ئايروپىالندىن
چۈشۈشۈمگە تېلېفونۇم سايرىدى .مەسئۇل دوختۇرۇم رېنتىگېن نەتىجەمنى
تونۇشتۇردى ،ئۇنىڭ دېيىشىچە تەسۋىردە ئۆپكەم سۈزۈك چىقماي غۇۋا
كۆرۈنگەن ،خۇددى كامېرانىڭ ئەينىكىنى قاپقىسى ئوچۇق ھالەتتە ئۇزۇن
قويۇپ قويغاندەك .دوختۇر ئاخىرىدا بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى
بىلمەيدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.
مېنىڭچە ئۇ بىلەتتى.
مەن بىلدىم.
لۇسىي مېنى ئايرودۇرۇمدىن ئېلىۋالدى ،ئۆيگە بارغۇچە ئۇنىڭغا
دېمىدىم .ئۆيگە كىردۇق .ساپادا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېيتتىم ،ئۇ بىلدى.
بېشىنى مۈرەمگە قويدى ،ئارىمىزدىكى مۇساپە پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتتى.
«مەن سىزگە موھتاج» پىچىرلىدىم مەن.
«سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن» دېدى ئۇ.
27



بىز دوختۇرخانىدىكى باش دوختۇرالرنىڭ بىرى بولغان يېقىن بىر
دوستىمىزنى ئىزدەپ مېنى ياتاققا ئېلىشنى ئېيتتۇق.
قولۇمغا بىمارالر تاقايدىغان سولياۋ بىلەيزۈك تاقىدىم ،ئۆزۈمگە تونۇش
كۆك رەڭلىك خاالتنى كىيدىم ،ئۆزۈم ئىسمى بىلەن تونۇيدىغان
سېستراالرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ياتاققا كىردىم .بۇ ئۆيدە مەن بىمارلىرىم
بىلەن كۆرۈشكەن ،ئۇالرغا ئاخىرقى دىياگنوزنى ۋە مۇرەككەپ
ئوپېراتسىيەلەرنى چۈشەندۈرگەن؛ بۇ ئۆيدە مەن كېسەلدىن غالىب كەلگەن
بىمارلىرىمنى تەبرىكلىگەن ،ئۇالرنىڭ ھاياتقا قايتىش تەنتەنىسىگە شاھىت
بولغان؛ بۇ ئۆيدە مەن بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان .مەن
ئورۇندۇقالردا ئولتۇرغان ،جۈمەكتە قولۇمنى يۇغان ،ئاق دوسكىغا
كۆرسەتمىلەرنى جىجىغان ،كالېندارنى ئالماشتۇرغان .مەن ھەتتا قاتتىق
ھېرىپ چارچاپ كەتكەندە مۇشۇ يەردە بىر دەم يېتىپ ئۇخلىۋېلىشنى قانچە
قېتىمالپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم .مانا ھازىر شۇ يەردە ياتىمەن ،ئويغاق.
مەن تونۇمايدىغان ياش بىر سېسترا ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ دېدى:
«دوختۇر ھازىرال كىرىدۇ»
شۇنىڭ بىلەن مەن تەسەۋۋۇر قىلغان ،ئەمەلگە ئېشىشقا ئازال قالغان،
نەچچە ئون يىللىق تىرىشچانلىقىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان كەلگۈسۈم
پارغا ئايالندى.

28



بىرىنچى باب
-1قىسىم

ئۆزۈمنىڭ دوختۇر بولمايدىغىنىمغا شەكسىز ئىشىنەتتىم .ئۆيىمىزنىڭ
يېنىدىكى تاقىر تۆپىلىكتە راھەتلىنىپ ئاپتاپسىنىپ ياتقان ھېلىقى كۈنى،
ئۆيىمىزدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزغا ئوخشاش دوختۇرلۇق قىلىدىغان
تاغام مەندىن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى سورىدى.
لېكىن پات ئارىدا ئالى مەكتەپكە بېرىش ئالدىدا تۇرغان مەن ئېنىق جاۋاب
بەرمىدىم .ئەگەر مېنى زادى جاۋاب بېرىشكە قىستىغان بولسا «يازغۇچى»
دەپ جاۋاب بېرىشىم مۇمكىن ئىدى .لېكىن راستىمنى دېسەم ،مۇشۇ ۋاقىت
بولغاندا ئاندىن كەلگۈسۈم توغرىلىق ئويلۇشۇش بىر كۈلكىلىك ئىش .يەنە
بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن ئارىزونا ئىشتاتىدىكى بۇ كىچىك بازاردىن
ئايرىالتتىم .مەندە قىلچىمۇ چوڭ ئىشالرنى تەۋرىتىپ بالداقمۇ-بالداق
يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ھېسسىيات يوق ئىدى ،ئەكسىچە ئۆزۈمنى خۇددى ئۆز
ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ ناتونۇش ،ئەمما يۇلتۇزالر چاقناپ تۇرغان يېڭى بىر
كائىناتقا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ،شوخچۇپ تۇرغان ئېلېكتىرونغا
ئوخشايدىغاندەك ھېس قىالتتىم.
مەن ئاشۇ تاقىر ئېگىزلىكتە كۈن نۇرىغا چۆمۈلۈپ ياتقاچ،
ئەسلىمىلىرىمنى ئون بەشمىڭ نوپۇسى بار بۇ بازارنىڭ كىچىكلىكىنى600 ،
29



مىل (تەخمىنەن 960كىلومېتىر) يىراقلىقتىكى ئىستانفورد داشۆسىدىكى
ياتىقىمنى ۋە ئۇ بېغىشلىغان ئۈمىدلەرنى خىيال قىلدىم .
مىنىڭ دوختۇرلۇققا بولغان چۈشەنچەم ئاساسەن «ھەمراھ
بواللماسلىق» تىن ئىبارەت .ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا ،كىچىكىمدىن تارتىپ
دادامنىڭ بىزگە ھەمراھ بواللماسلىقى ئىدى .دادام دائىم تاڭ يورىماستا
ئىشقا چىقىپ كەتكەنچە ،قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلەتتى ،تەخسىدىكى
ئاللىقاچان سوۋۇپ قالغان تاماقالرنى قايتىدىن ئىسسىتىپ يەيتى .ئون ياش
ۋاقتىمدا دادام نىيۇيوروك شەھەر ئەتراپىدىكى پاكىز ،باياشات بولغان
بىرنىكسۋېل دېگەن يېرىدىن ئون تۆت ياشلىق ئاكام ،سەككىز ياشلىق ئىنىم
ئۈچىمىزنى ئىلىپ ئارىزونا ئىشتاتىدىكى ئىككى تاغ ئوراپ تۇرغان ،باشقىالر
پەقەت يولدىن ئۆتكەچ ماشىنىسىغا گاز قاچىالپال ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر
جاي دەپال بىلىدىغان ،كىڭمەن دېگەن بازارغا كۆچۈپ كەلدۇق .دادام بۇ
يەرنىڭ ئاپتىپىغا ،تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ تۆۋەنلىكىگە مەپتۇن بولغان ئىدى.
دېمىسىمۇ بولمىسا ئۈچ ئوغلىنى ئارزۇسىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقىلى
بولمايدۇ-دە .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇيەردە ئۆز قولى بىلەن رايونلۇق يۈرەك
كېسەللىكلىرى مەخسۇس ئامبۇالتورىيەسى قۇرىدىغان پۇرسەتمۇ بار ئىدى.
دادامنىڭ كېسەللەرگە پۈتۈن قان-تەرىنى سىڭدۇرىدىغان تىز پۈكمەس
ئىرادىسى تېزال دادامغا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلىرى
قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ئىدى .بىز دادامنى پەقەت خېلى كەچ بولغان
30



ۋاقىتالردا ،ياكى ھەپتە ئاخىرلىرىدىال كۆرەلەيتۇق .بۇنداق چاغالردا دادام
بىزگە ئاتىالرچە مېھرىبانلىق بىلەن ،بەزىدە قاتتىق بۇيرۇقلىرى بىلەن
تەربىيە قىالتتى .دائىم بىزنى قۇچاقالپ ،مەڭزىمىزگە سۆيۈپ
تۇرۇپ «:بىرىنچى بولۇش ناھايىتىمۇ ئاسان ،ئاۋۋال كىم بىرىنچى بولدى
شۇنى تاپىمىز ،ئاندىن ئۇنىڭدىن بىر نومۇر يۇقىرى ئالساقال كۇپايە» دەيتتى.
دادام ئۆز كۆڭلىدە ئۆزى بىلەن مەلۇم كېلىشىم ھاسىل قىلغاندەك قىالتتى.
ئۇنىڭچە بولغاندا ئاتا بولۇشمۇ مېغىزلىق بولسا بوالتتى .قىسقا،
مېغىزلىق(ئەمما سەمىمىي)بولسا تامامەن ...تامامەن باشقا دادىالرنىڭ
قىلغىنى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرااليتتى .مىنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇكى،
ئەگەر مۇشۇالر دوختۇر بولۇشنىڭ بەدىلى بولىدىغان بولسا ،بۇ بەدەل
ئىنتايىن زور ئىكەن.
مەن تۇرۇۋاتقان تاقىر تۆپىلىكتىن ئۆيىمىزنى كۆرگىلى بوالتتى .ئۆيىمىز
سېربات تېغىنىڭ باغرىغا جايالشقان بولۇپ ،شەھەر ئەتراپىغا توغرا
كېلەتتى ،ئەتراپىنى ئانچە-مۇنچە ماش دەرىخى ،ئۈچ قۇالق ،پاالقسىمان
كاكتۇس ئۆسۈپ قالىدىغان قىزىل-تاش قۇملۇقى ئوراپ تۇراتتى .بۇ يەردىن
چاڭ-توزان خۇددى ئەرۋاھتەك تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ،كۆز ئالدىمىزدىكى
ھەممىنى خىرەلەشتۈرۈپ يەنە قۇملۇقنىڭ كۆز يەتكۈسىز يەرلىرىدە
تۇيۇقسىز غايىب بوالتتى .بىزنىڭ ئىككى ئىتىمىز نىپ بىلەن ماكس بۇ
زېمىننىڭ ئەركىنلىكىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان ئىدى .ھەر كۈنى ئەتىگىنى
31



ئۇ ئىككىسى سىرتقا «ئېكسپېدىتسىيە» گە چىقىپ كېتىپ ،قۇملۇقنىڭ
بايلىقلىرىنى چىشلىگىنىچە قايتىپ كېلىشەتتى :بەزىدە بىرەر بۇغىنىڭ
پۇتى ،نەچچىنى چىشلەپ قويۇپ كېيىنچە يەيدىغان ياۋا توشقان ،ئاپتاپتا
ئاقىرىپ كەتكەن ئۆلۈك ئاتنىڭ سۆڭىكى ،بۆرىنىڭ ئىسكىلىتلىرى…
دېگەندەك.
مەن ۋە دوستلىرىممۇ ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرەتتۇق .چۈشتىن
كېيىنلىرى چىقىپ ئايلىناتتۇق ،ئارىاليتۇق .ھايۋانالرنىڭ سۆڭەكلىرىنى،
كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان جىلغىالرنى ئىزدەيتۇق .ئەڭ گۈزەل ئون يىلىم
ئۆتكەن شەرقىي-شىمالدىكى يول بويلىرى دەرەخلەر ۋە تاتلىق-تۈرۈم
دۇكانلىرى بىلەن تولغان ،ئورمانالر بىلەن ئورالغان شەھەر ئەتراپىدىن بۇ
يەرگە كەلگىنىمدە ،بۇ كەڭ كەتكەن بورانلىق قۇملۇق ماڭا ناتونۇش ئەمما
ناھايىتى جەلپكار كۆرۈنگەن ئىدى .ئون ياش ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم يالغۇز
سىرتقا چىققان چېغىمدا ،بىر كونا تۇمى (سۇغۇرۇش قاپچۇقى) نى ئۇچرىتىپ
قالدىم .بارماقلىرىم بىلەن تولغاپ ،توسمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قارىسام
ئاپئاق يىپەك توردىن ئۈچى ،ھەر بىرىدە پۇتلىرى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن،
قارىلىقىدىن پارقىراپ كەتكەن ،بەدىنىگە قاراشقىال ئىچىدە قىپقىزىل قۇم
سائىتى باردەك كۆرۈنىدىغان چوڭ ئۆمۈچۈكلەر تۇراتتى .ھەربىر
ئۆمۈچۈكنىڭ قېشىدا بىردىن پىلتىڭالپ تۇرغان ،توختىماي يوغىناۋاتقاندەك
كۆرۈنىدىغان ،خۇددى ھازىرال سانسىزلىغان «قارا تۇل خوتۇن»
32



ئۆمۈچۈكلىرى ئىچىدىن چىقىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاق خالتىلىرى
تۇراتتى .قورققىنىمدىن تۇمىنى تاشلىدىمدە ئارقامغا بەدەر تىكىۋەتتىم.
قورقۇشىمنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار .مەن ئۆگەنگەن «سەھرا ھېكمەتلىرى»
بويىچە ئېيتقاندا «قارا تۇل خوتۇن» ئۆمۈچۈكى چېقىۋالغان ئادەمنىڭ
ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆمۈچۈكلەرنىڭ
ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق تەلەتى ،قاپقارا قورسىقى ،تېنىدىكى قىپقىزىل قانغا
تولغان قۇم سائىتى…دېگەنلەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشساممۇ مېنى ھەتتا
نەچچە يىلغىچە قارا باسقان.
بۇ قۇملۇقتا سانسىزلىغان قورقۇنۇچلۇق جانلىقالر بار :يۇڭلۇق
گىگىنا ئۆمۈچۈكى ،قوزاقسىمان چايان ،قامچا قۇيرۇقلۇق چايان ،سەكسەن
پۇت ،موھاۋى يېشىل يىلىنى ...بارا-بارا ئۇالر بىلەنمۇ تونۇشۇپ كەتتۇق،
ھەتتا قورقماسال بولۇپ ،دوستلىرىم بىلەن داۋاملىق تۈكلۈك گىگىنا
ئۆمۈچۈكى ئۇچراپ قالسىال چۈمۈلە تۇتۇپ كېلىپ ،ئۆمۈچۈك ئۇۋىسىنىڭ
قېشىغا تاشالپ ئوينايدىغان بولۇپ كەتتۇق .بىچارە چۈمۈلە قورقۇپ
قېچىۋاتقان پەيتلەردە ،ئۆمۈچۈكنىڭ ئۇۋىسىغا تۇتاشقان يىپەككە ئوخشاش
تورى قاتتىق تىترەيتىدە ،ئۆمۈچۈك ئۇۋىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ،
چۈمۈلىنىڭ گېلىدىنال ئاالتتى .بىز بۇنداق ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى
كۆرۈشكە ئىنتىزار ئىدۇق« .سەھرا ھەقىقەتلىرى» مېنىڭ نەزىرىمدە
شەھەردىكى ئەپسانىلەرگە ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە ئىدى .مەن دەسلەپ
33



ئاڭلىغان

«سەھرا

ھەقىقەتلىرى» قۇملۇق

جانلىقلىرىغا

شەھەر

ئەپسانىلىرىدىكى جىن-شاياتۇنالردەك قۇدرەتلىك سېھرى كۈچ بېغىشلىغان
ئىدى .پەقەت قۇملۇقتا بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىنال ئاندىن بەزى
گەپلەرنىڭ پەقەت ئادەم قورقۇتۇش ئۈچۈنال قىلىنغانلىقىنى بايقىيااليمىز.
مەسىلەن ،بۇغا مۈڭگۈزلۈك توشقان ئەپسانىسى خۇددى راستتەكال ،لېكىن
بۇ كىشىلەر قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ،شەھەرلىكلەرنى قورقۇتۇپ
ئۆزىنى خۇش قىلىپ ئوينايدىغان چاقچىقى ،خاالس .بىر قېتىم مەن بىر
سائەت ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ )ۋاتىلداپ)

بېرلىندىن كەلگەن

ئوقۇغۇچىالرغا كاكتۇس دەرىخىنىڭ ئىچىدە بىر خىل ياۋايى بۆرىنىڭ
بارلىقىنى ،ئون مېتىرچە يىراققا سەكرەپ ئوۋغا (ھىم ،دەل مۇشۇنداق،
گىرمانالرغا ئوخشاش ئوۋالرغا) تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ
بەردىم .ئەمەلىيەتتە ھېچكىممۇ ئاشۇ پەلەككە تاقاشقان چاڭ-توزاننىڭ
كەينىدە قانداق سىرالرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى« .سەھرا ھېكمەتلىرى» دە
قانچىلىك كۈلكىلىك سۆزلەر بولسا ،يەنە شۇنچىلىك ئىشەنچلىك سۆزلەرمۇ
بار ئىدى .مەسىلەن ،ئاياغ كىيىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاياغنىڭ ئىچىدە چايان
بار يوقلىقىغا قارىۋىتىش كېرەك .بۇ ئاڭلىماققىال جاننى قوغدايدىغان
ياخشى ئادەت.
ئون ئالتە يېشىمدىن باشالپ ئىنىم جىۋاننى ماشىنا بىلەن مەكتىپىگە
ئاپىرىپ قوياتتىم.
34



بىركۈنى سەھەردە ھەر كۈنىدىكىگە ئوخشاشال كېچىكىپ قاالي دېگەن
ئىدىم ،جىۋان تەخىرسىزلەنگىنىچە ،كارىدوردا ساقلىغاچ مېنىڭ
مىسىلدىشىم تۈپەيلى دەرستىن چۈشكەندە يەنە بىر قېتىم ئىلمىي مۇدىر
ئىشخانىسىدا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ
تېزرەك بولۇشۇمنى ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۆتۈنىۋاتاتتى.
مەن يۈگۈرگىنىمچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ،ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ
سىرتقا چىقىپال ئىشىك تۈۋىدە مۈگدەپ ياتقان ئادەم بويى كېلىدىغان
شالدىراق قۇيرۇق يىالننى دەسسەپ سالغىلى قىل قالدىم.
يېزا تۇرمۇشىدىكى يەنە بىر ساۋاق شۇكى ،ئەگەر سىز بىرەر شالدىراق
قۇيرۇقلۇق يىالننى بوسۇغىڭىزدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويسىڭىزال،
يىالننىڭ باال-ۋاقىسى ياكى جۈپتى دەرھال پەيدا بولۇپ بوسۇغىڭىزنى
مەڭگۈلۈك ئۇۋا قىلىپال ياتىدۇدە ،سىزدىن خۇددى ئاۋۇ گېرەندىلنىڭ
ئاپىسى مەندىن ئۆچ ئالغاندەك ئۆچىنى ئالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن جىۋان بىلەن ئىككىمىز ئۇتقىنىمىزغا گۈرجەك،
ئۇتتۇرغىنىمىزغا قېلىن قولقاپ بىلەن كونا ياستۇق قېپى چىقىدىغانغا
دېيىشىپ چەك تارتىشتۇق.
قالتىس كومېدىيەلىك «لەپەر» دىن كېيىن ،ئاران تەستە يىالننى
ياستۇق قېپىغا سولىدۇق .ئاندىن مەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت
مۇسابىقىسىدىكى زەنجىرلىك چۆيۈن توپ ماھىرىدەك بىر چۆرۈپ
35



قولۇمدىكى ياستۇق قېپىغا سولىۋالغان «نەرسىنى» چۆللۈككە تاشلىغاچ،
چۈشتىن كېيىنلەردە كېلىپ ياستۇق قېپىنى ئېلىپ كەتمىسەم ئاپامنىڭ
گېپىگە قالماي دېگەنلەرنى ئويالپ ئۈلگۈردۈم .بالىلىق دەۋرىمىزدىكى
سىرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ،دادامنىڭ بىزلەر ياشاپ كۆنۈپ ئانا
يۇرتىمىز ھېسابلىغان ئارىزونا ئىشتاتىدىكى كىچىككىنە «كىڭمان» ئاتلىق
بۇ بازارغا كۆچۈپ كېلىش قارارىغا ئاپامنى قانداق ماقۇل قىلغانلىقى ئىدى.
دادام ئاپامالر ئېپ قېچىپ توي قىلىشقانالردىن ھېسابلىناتتى.
ئۇالرنىڭ مۇھەببىتىنى يەرشارىالشقان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ،
نىيۇۋيوركتىن ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا تۇتاشقان مۇھەببەت ،ئارىزوناغا
كېلىپ يىلتىز تارتقان .لېكىن دادام خىرىستىيان ،ئاپام بولسا ھىندى،
ئۇالرنىڭ بۇ مۇھەببىتى ئىككىال ئائىلىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان
ئىدى .ئاددىيسى چوڭ ئاپام(ئاپامنىڭ ئاپىسى)ئەزەلدىن مېنىڭ پاۋىل
دېگەن ئىسمىمنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان .مېنى سۇندىھېر دېگەن ئىسمىم
بىلەنال چاقىراتتى ،بۇ ئىشمۇ ئائىلىمىزگە بىر مۇنچە ئازارالنى ئېلىپ كەلگەن
ئىدى .لېكىن بۇ قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقالنى يەڭگەن ئاپام بىچارە بۇ يەردە
بىر ئۆمۈر يىالندىن كەلگەن ۋەھىمە ئىچىدىال ئۆتەتتى .ئۇ يىالندىن
شۇنچىلىك قورقاتتىكى ،كىچىك بولسۇن ،ئوماق بولسۇن ،ئاددىيسى قەتئىي
چاقمايدىغان قىزىل يىالننى كۆرسىمۇ چىقىراپ تاشاليتتىدە ،ئىشىكنى

36



تاقاپ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئەڭ چوڭ كۆرۈنگەن پىچاق ،پالتىالر بىلەن
قوراللىناتتى.
يىالن ئاپامنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەشۋىشى بولغىنى بىلەن بالىلىرىنىڭ
كەلگۈسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ئىدى.
بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگۈچە چوڭ ئاكام سۇمان كۆپىنچە
ئوقۇغۇچىالر داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىدىغان ۋەستچەستېر
ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئازال قالغان ئىدى .ئۇ بىز
كىڭمانغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيال سىتانفورد ئونۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنىپ
ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا كەتتى .بىلىپ يەتتۇقكى ،كىڭمان بازىرى
ھەرگىزمۇ ۋەستچەستېر ئەمەس ئىدى .ئاپام موھاۋى ناھىيەلىك مەكتەپنىڭ
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپال ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى .چۈنكى يېقىندا
تېخى ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىڭمان
بازىرىنى ئامېرىكا بويىچە ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن جاي دەپ ئېالن
قىلغان ئىدى.
مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتى %30پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ ئالى
مەكتەپلەگە ئۆتكەنلەر بەكال ئاز ،ئەلۋەتتە دادامنىڭ كۆڭلىدىكىدەك
خارۋاردقا ئۆتكەنلەر ئەسال يوق ئىدى.
ئاپام تەسەللى ئىزدەپ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى باي شەھەر ئەتراپى
رايونىدا ئولتۇراقالشقان دوستلىرىغا تېلېفون قىلدى .بەزىلىرى تەسەللى
37



بەردى ،يەنە بەزىلىرى بولسا بالىلىرىنىڭ تۇيۇقسىزال تۈزۈكرەك ئوقۇشقىمۇ
ئېرىشەلمەيۋاتقان كاالنىتى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رىقابەتتىن قۇتۇلغىنىغا
ئۇف دېيىشتى.
ئۇ كېچىسى ئاپام كارىۋىتىدا يالغۇز يېتىپ يىغلىدى .ئاپام تايىنى يوق
ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى قورۇپ قويۇشىدىن قورقاتتى.
ئۇ نەلەدىندۇر ئالى مەكتەپكە ئۆتكىچە چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابالر
مۇندەرىجىسىنى تېپىپ چىقتى .ھىندىستاندا فىزىيولوگىيە ئوقۇغان ئاپام
23يېشىدا توي قىلىپ ،باشقا بىر دۆلەتتە ئۈچ بالىسىنى بېقىش بىلەن
ئاۋارە بولۇپ بۇ كىتابالرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزىمۇ ئوقۇپ باقمىغان ئىدى.
ئەمما ئاپام بىزلەرنىڭ ئىلغار بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن بەھرىمەن
بواللماسلىقىمىزغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايتتى.
ئۇ 1984يىلى دېگەن كىتابنى مەن ئون ياشقا كىرگەندىال ئوقۇشقا
بۇيرۇغانىدى.
بۇ كىتابتىكى جىنسى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى بايانالر مېنى ھەيرەتتە
قالدۇرغان ئىدى ،لېكىن دەل شۇ كىتاب مېنىڭ تىلغا بولغان كۈچلۈك
قىزىقىشىمنى قوزغىغان ئىدى.
تۆۋەندىكىسى ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىدا تىزغان تۈگىمەس كىتاب ۋە ئاپتورالر
مۇندەرىجىسى:

38



گىراف مونتى كىرىستو ،ئېدگارد ئالېن ،روبىنزون كىرۇز ،ئېۋانخوف،
گۇگۇل ،ئاخىرقى موھىكان ،چارلىز دېكىنىس ،مارك تىۋېن ،جەيىن
ئاۋىستېن ،بىللى باد…
ئون ئىككى ياشقا كىرگىنىمدە بۇ كىتابالرنى خالىغانچە تالالپ
ئوقۇيدىغان بوپكەتتىم ،چوڭ ئاكام سۇمان ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان:
شاھزادە ،دونكىخوت ،كەندىد ،شاھ ئارتورنىڭ ئۆلۈمى ،بىئولوف ،تورىيوۋ،
ساتېرى ،كامىيو دېگەن كىتابالرنى ئەۋەتىپ بەردى.
بۇكىتابالرنىڭ بەزىلىرىگە نۇرغۇن بەلگىلەر قويۇلغان ئىدى« .يېڭى
جەسۇر دۇنيا» ناملىق كىتاب ،مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەخالق ۋە پەلسەپە
بىلىمىمنى يېتىشتۈرۈپال قالماي ،ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماس
ماقالەمنىڭ تېمىسىغا ئايالندى ،شۇنداقال شۇ كىتابتا دېيىلگەن بەختكە
ئېرىشىشىنىڭ ھاياتنىڭ پۈتۈن مەنىسى ئەمەسلىكىگە قوشۇلىمەن.
ھاملېت مېنى مىڭ قېتىمالپ باالغەتكە يېتىش مەزگىلى كىرىزىسىدىن
قۇتۇلدۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ «خىجىلچان ئاشنامغا» دېگەن شېئىرىغا
ئوخشاش رومانتىك شېئىرلىرى مەن ھەم مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ تولۇق
ئوتتۇرا ھاياتىمىزنى ھەرخىل شادىمان ئازابالر بىلەن بېزىگەن ئىدى.
بىز دائىم كېچىلىرى ئۆيدىن قېچىپ چىقاتتۇق ،مەسىلەن :مەكتەپ
مەدەت كوماندىسى باشلىقى قىزنىڭ دېرىزىسى ئاستىدا «ئامېرىكا قىيامى»
(ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشلىرى
39



تەسۋرىلىنىدىغان داڭلىق كومىديىلىك فىلىم) نىڭ ناخشىسنى توۋاليتتۇق
(ئۇقىزنىڭ دادىسى يەرلىك پوپ ئىدى ،شۇڭا مىلتىق بىلەن ئاتمايدىغۇ دەپ
پەملىگەن ئىدۇق) ،تاكى بىر كېچىسى دەل مۇشۇنداق خەتەرلىك
تەۋەككۈلدىن تاڭ ئاتارغا يېقىن قايتىپ كېلەشىمدە تۇتۇلۇپ قالدىم.
ئاسانال غەم يەيدىغان ئاپام شۇ ۋاقىتالردا ياش بالىالردا ئەۋجىگە چىققان
ھەر بىر خىل زەھەر ياكى دورىالر توغرىسىدا مېنى بىرمۇ بىر سوتالپ
چىقاتتى-يۇ ،مېنى ئەڭ بەك مەھلىيا قىلىدىغىنىنىڭ دەل ئالدىنقى ھەپتىدە
ئۆزى ئوقۇ دەپ بەرگەن شېئىرالر توپلىمى ئىكەنلىكىنى ئويالپمۇ باقمايتتى.
كىتاب مېنىڭ سىردىشىمغا ،دۇنيانى كۆزىتىدىغان كۆز ئەينىكىمگە
ئايالنغان ئىدى.
بالىلىرىم ياخشىراق ئوقۇسا دېگەن ئارزۇدا ،ئاپام بىزنى ئېلىپ شىمالغا
يۈز نەچچە كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ بىزگە ئەڭ يېقىن شەھەر السۋىگاسقا
ئېلىپ كەلدى .بۇيەردە تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش ئىمتىھانى ،تولۇق
ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش خۇالسە ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا
قاتنىشاتتۇق.
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىيىتىگە ئەزا بولدى ،ئوقۇتقۇچىالرنى يىغىپ ،تالالپ
قاتنىشىدىغان دەرسلىكلەرنىمۇ سېتكىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى .ئاپام
بىر تاالنت ئىگىسى ئىدى ،ئۇ ئۆزىال كىڭماندىكى مەكتەپنىڭ تۈزۈلمە
ئىسالھاتىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ شۇنداق قىلدى.
40



تۇيۇقسىزال بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغا بۇ كىچىككىنە بازارنى ئوراپ
تۇرغان ئىككى تاغ جاھاننىڭ چېتى ئەمەستەك ،تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى
جاھانمۇ كۆرۈنگەندەك بولدى.

41



-2قىسىم

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان يىلىمىز مېنىڭ يېقىن دوستۇم ،بۇ يىللىق
ئوقۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدىغان ئوقۇغۇچىالر ۋەكىلى ھەم مەن
بىلىدىغان ئەڭ نامرات باال لېئوغا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى نەسىھەت
قىلىپ« :سەن ئەقىللىق باال ،ئەڭ ياخشىسى ئەسكەرلىككە بار» دەپتۇ.
ئۇ كېيىن ماڭا شۇ ئىشنى دەپ بېرىۋېتىپ ئاغزىنى بۇزدى« :ئۇ سامان
قورساق ئەبلەخ ئىشىنى قىلسۇن ،ئەگەر سەن خارۋارد ،يالى ياكى
ئسىتانفوردقا بارساڭ مەنمۇ بارىمەن» دېدى.
ئاخىرىدا مەن ئسىتانفوردقا قوبۇل قىلىندىم ،ئۇ يالىغا ئۆتتى .زادى
قايسىمىز ئۈچۈن بەكرەك خۇشال بولغىنىمنى بىلمەيمەن.
يازمۇ ئۆتۈپ كەتتى ،ئسىتانفورد باشقا داشۆلەردىن نەق بىر ئاي كېيىن
دەرس باشاليدۇ ،شۇڭا دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى تاشالپ تەرەپكە
تەرەپكە مېڭىشتى .مەن كۈندە چۈشتىن كېيىن قۇملۇقتا يالغۇز ئۇخالپ
ياكى خىيال سۈرۈپ يېتىپ كىڭماندىكى بىردىنبىر قەھۋەخانىدا
ئىشلەيدىغان ،قىز دوستۇم ئەبىگېيلنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنى ساقاليتتىم .بۇ
قۇملۇقتا تاغالر ئارىسىدىن بازارغا بارغىلى بولىدىغان بىر قىسقا يول بار،
يەنە كېلىپ پىيادە ماڭسا ماشىنا ھەيدىگەندىن كۆڭۈللۈك ئىدى .ئەبىگېيل
يىگىرمىدىن ئەمدى ئاشقان بولۇپ داشۆدە ئوقۇيتتى ،ئۇ ئوقۇش قەرزى
42



ئېلىشتىن قېچىپ بىر مەۋسۈملۈك رۇخسەت سوراپ ئوقۇش پۇلىغا
ئىشلەۋاتاتتى .مەن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خاس ئىشقا پۇختا
مىجەزىگە ئامراق ئىدىم ،ئۇنىڭ كەسپى پىسخولوگىيە ئىدى! بىز دائىم ئۇ
ئىشتىن چۈشكەندە ئاندىن كۆرۈشەتتۇق .ئۇ ماڭا مەن نەچچە ھەپتە
ئىچىدىال يۈزلىنىدىغان يىپيېڭى دۇنيادىن ئالدىن بېشارەت بەرگۈچىدەك
تۇيۇالتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇملۇقتا ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام بىر توپ
قۇزغۇنالر مېنى جەسەتمىكىن دەپ ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ .سائەت ئۈچ بوالي
دېگەن ئىدى .كېچىكىپ قاالي دەپتىمەن .كىيىملىرىمنى قاققاچ
يۈگۈرگىنىمچە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ يولغا چىقىشىمغا تۇنجى ئىمارەت
كۆرۈندى .كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىپال قولىدىكى سۈپۈرگە بىلەن
قەھۋەخانىنىڭ پوللىرىنى سۈپۈرۋاتقان ئەبىگېيلنى كۆردۈم .
«قەھۋە ماشىنىسىنى تازىالپ بوپتىمەن» دېدى ئۇ« .بۈگۈن سىزگە
مۇزلۇق قەھۋە دەملەپ بېرەلمەيدىغان بولدۇم«.
بىز قەھۋەخانغا كىردۇق ،ئەبى پۇل يىغىش ماشىنىسىنڭ يېنىغا تىقىپ
قويغان بىر كىتابنى ئالدى« .مەڭ» دېدى ئۇ كىتابنى ماڭا سۇنۇپ« :بۇنى
ئوقۇڭ ،قاچانال قارىسا ئېسىلزادىلەر مەدەنىيىتىگە تەۋە كىتابالرنى
ئوقۇيدىكەنسىز .بىرەر قېتىم تۆۋەن سەۋيىلىكلەرنىڭ كىتابالرنىمۇ سىناپ
بېقىڭ» دېدى .
43



بۇ 500بەتلىك روماننىڭ ئىسمى «شەيتان :بىچارە دوختۇر
كاسلېرنىڭ ئۇنى روھىي ئانالىز بىلەن داۋاالپ ساقايتىشى» بولۇپ ،ئاپتورى
جېرېمىي لېۋىن ئىدى .مەن كىتابنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ بىر كۈندىال
كۆرۈپ بولدۇم .بۇ بەك نەپىس ئەسەر سانالمايتتى .بۇ ئەسەر ئەسلى
قىزىقارلىق چىقماقچىكەندۇق ،ئەمما ئۇنداق بواللماي قاپتۇ .شۇنداقتىمۇ بۇ
كىتاب كالالمدىكى «ئاڭ پەقەتال چوڭ مېڭىنىڭ مەشغۇالتى» دېگەن
قاراشنى نەلەرگىدۇر چۆرۈۋىتىشم كېرەكلىكىنى تونۇتۇپ ،مېنىڭ دۇنياغا
بولغان گۆدەكلەرچە چۈشەنچىلىرىمنى تەۋرىتىۋەتتى ۋە مەندە چوڭقۇر
تەسىر قالدۇردى .ئەسلى بۇ جەزمەن توغرا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەگەر
خاتا دېيىلسە ،ئۇنداقتا بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىز زادى نېمە ئىش قىالر
بولغۇيتتى؟ گەرچە بىزنىڭ ئەركىن ئىرادىمىز بار بولسىمۇ ،لېكىن بىزمۇ
ئوخشاشال چەكلىمىلەرگە بويسۇنىدىغان بىر جانلىق ،مېڭىمىز بولسا
ئوخشاشال بارلىق فىزىكىلق قانۇنالرغا بويسۇنىدىغان بىر ئەزا ،خاالس!
ئەدەبىيات ئىنسانىيلىق ھەققىدە مول چۈشەنچىلەرنى بەرگەن ،دەل مېڭە
قانداقتۇر بىر ئۇسۇلالر بىلەن شۇنداق بولۇشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان
ئىدى .بۇ كىشىگە ناھايىتى سېھىرلىك تۇيۇلىدۇ .ئاشۇ كېچىسى مەن
ھۇجرامدا بۇرۇن نەچچە ئون قېتىم ئوقۇپ بولغان قىزىل رەڭلىك
ئسىتانفورد دەرس جەدۋىلىمنى ئاچتىم ۋە بەلگە قەلىمىمنى قولۇمغا ئالدىم.
ئاللىقاچان توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ بولغان بارلىق ئەدەبىيات دەرسلىرىدىن
44



باشقا مەن بىيولوگىيە ۋە نېرۋولوگىيەگە دائىر دەرسلەرنىمۇ تالالشقا
باشلىدىم.
نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن يەنىال بىرەر كەسىپ ھەققىدە جىق
ئويالپ كەتمىگەن ،ئەمما ئىنگلىز ئەدەبىياتى ۋە ئىنسان بىيولوگىيەسى
بويىچە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشەي دەپ قالغان ئىدىم .مېنى دەرستە ياخشى
نەتىجىگە ئېرىشىش ئانچە قىزىقتۇرالمايتتى ،مەن پەقەت شۇنى چۈشىنىشكە
قىزىقاتتىم :ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ مەن يەنىال ئەدەبىياتنى
مەنىۋى ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرى ،نېرۋا ئىلىمى بولسا مېڭىنىڭ ئەڭ
نازۇك قانۇنلىرى دەپ قارايتتىم .قىممەت گەرچە ئېنىقسىز بىر ئۇقۇم
بولۇشىغا قارىماي كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەخالق قارىشىنىڭ ئاجرالماس
پارچىسىدەك كۆرۈنەتتى .ت .س .ئېلىيوت «جەزىرە» دېگەن ئەسىرىدە
مەنىسىزلىك ۋە تەنھالىقنى ،شۇنداقال ئىنسانالر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى
تېپىش مەقسىتىدىكى پايدىسىز ئۇرۇنۇشلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەن
ئىدى .ئېلىيوتنىڭ ئوخشىتىشلىرىنىڭ ئۆز تىلىمغا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى
بايقايتتىم .باشقا يازغۇچىالرمۇ بار ئىدى .نابوكوۋ ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن
ئازابىمىزنىڭ بىزنى باشقىالرنىڭ ئاشكارا ئازابىغا پەرۋاسىز قىلىپ
قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدى .كونراد كىشىلەر ئارىسىدىكى خاتا
چۈشەنچىنىڭ

ئۇالرنىڭ

ھاياتىغا

قانداق

چوڭقۇر

تەسىر

كۆرسىتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەنگەن ئىدى .دېمەك ئەدەبىيات
45



يالغۇز باشقىالرنىڭ كەچۈرمىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپال قالماي ،مەن
ئىشىنىمەنكى ئۇ يەنە ئەخالقىي ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ باي ماتېرىيالىدۇر.
مېنىڭ ئانالىز پەلسەپەسىنىڭ رەسمىي ئېتىكىسىغا بولغان دەسلەپكى
ئىزدىنىشلىرىم تولىمۇ قۇرغاق بولۇپ ،رېئال كىشىلىك ھاياتىنىڭ
قااليمىقانچىلىق ۋە ئېغىرچىلىقلىرىدىن خالىي ئىدى .
ئالىي مەكتەپ يىللىرىمدا ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى
زاھىتالرچە ئىزدىنىشلىرىم بىلەن ئاشۇ مەنىنى شەكىللەندۈرىدىغان
كىشىلىك ئاالقە تورى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى ئارىسىدا
زىددىيەتكە دۇچ كەلدىم .تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقا ئەرزىمىسە،
ياشالمىغان ھايات تەپەككۇرغا ئەرزىمدۇ؟ داشۆ ئىككىنچى يىللىقنىڭ
يازلىق تەتىلىدە ئىككى خىزمەتكە ئىلتىماس قىلدىم ،بىرى ئاتالنتا
شەھىرىدىكى ئالىي تەتقىقات يۇرتى يېركېس پىرىماتالر تەتقىقات
مەركىزىدە پىراكتىكانت بولۇش ،يەنە بىرى سىيېرا الگېرىدا ياردەمچى
ئاشپەز بولۇش ئىدى ،بۇ ئسىتانفورد مەكتەپداشلىرى ئائىلە بويىچە
يىغىلىپ ساياھەت قىلىدىغان بىر مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ ،ئېلدورادو
دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ئىپتىدائىي جاڭگاللىقىغا تۇتىشىپ
تۇرىدىغان فولېن لىيف كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك قىرغىقىغا جايالشقان ئىدى.
الگېر سىزگە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئېسىل يازنى ۋەدە قىلىپ تۇراتتى .مەن بۇ
خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغىنىمدا ھەم ھەيران قالدىم ،ھەم ناھايىتى خۇش
46



بولدۇم .بىراق مەن ماكاكا مايمۇنىنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيىتى بارلىقىغا
دائىر خەۋەرنى ئاڭالپ يېركېسقا بېرىپ قىممەتنىڭ تەبىئىي مەنبەسىنىڭ
زادى نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىر بىلىپ باققۇممۇ كەلدى .باشقىچە
قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى خىزمەتنىڭ بىرىدە مەن ھاياتنىڭ مەنىسىنى
تەتقىق قىلسام ،يەنە بىرىدە ئۇنى ياشايتتىم.
ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىرى الگېرنى تاللىدىم .ئاندىن بۇ تاللىشىمنى
بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچۇمغا دەپ قويۇش ئۈچۈن ئىشخانىسىغا كىردىم .ئۇ
ئۈستىلىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ .ئۇ جىمغۇر ،قويۇق قاشلىق مۇاليىم
ئادەم ئىدى ،بىراق مەن ئۇنىڭغا پىالنىمنى ئېيتىشىمغىال ئۇ پۈتۈنلەي
باشقىچە بىر ئادەمگە ئايالندى :كۆزلىرى چەكچىيىپ ،يۈزلىرى قىپقىزىل
بولۇپ ،ئاغزىدىن تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ ۋارقىراپ كەتتى.
«نېمە؟!» دېدى ئۇ« .سەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولماقچىمۇ يا
ئاشپەزمۇ؟»
مەۋسۇم ئاخىرى تۈگەپ تەتىلگە چىقتۇق ،الگېرغا بارىدىغان بورانلىق
يولدا كېتىۋېتىپمۇ يەنىال ھايات يولۇمدىكى بۇ تاللىشىمنىڭ خاتا بولۇپ
چىقىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم .لېكىن بۇ ئەندىشەم ئۇزۇنغا بارمىدى .الگېر
دەرۋەقە ياشلىقنىڭ ھەممە ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك دەرىجىدە گۈزەل
ئىدى :كۆلدىكى گۈزەللىكلەر ،تاغالر ،ئادەملەر ،مول تەجرىبىلەر،
سۆھبەتلەر ،دوستلۇقالر… ئاي تولغان كېچىلەردە ئاي نۇرى كەلكۈنى
47



جاڭگالنى بېسىپ كەتكەن بولۇپ ،چىراغ ئالمايمۇ مېڭىپ ئايلىنىپ كىرىش
مۇمكىن ئىدى .بىز سەھەر سائەت ئىككىدە ئەڭ يېقىن تاغ چوققىسى بولغان
تالالك تېغىغا قاراپ ماڭدۇق ،قۇياش كۆتۈرۈلەي دەپ قالغان ئىدى،
سۈزۈك ،يۇلتۇزلۇق ئاسمان پەستىكى تەكشى ،تىنچ كۆل يۈزىدە ئەكس
ئېتىپ تۇراتتى .چوققىغا چىقتۇق 300 ،مېتىرلىق تاغ چوققىسدا ئۇخالش
خالتىلىرىدا قۇچاقلىشىپ ياتاتتۇق ،ھاۋانى قايسىدۇر بىر ئەتراپلىق
ئوياليدىغان بۇرادەر ئالغاچ چىقىپ دەملىگەن قەھۋەنىڭ ئارامبەخش
پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى .قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرىنى ئىلغا قىلدۇق ۋە
ھەممىمىز رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى تاماشا قىلدۇق ،شەرقىي ئۇپۇقتىن
كۆتۈرۈلگەن بىر كۆك رەڭلىك نۇر دەستىسى سۈپۈرگىدەك ئاسمان
بېتىدىكى يۇلتۇزالرنى سۈپۈرۈپ ماڭاتتى .كۈندۈز ئاسمىنى بارا-بارا
كېڭەيدى ۋە ئېگىزلىدى ،ئاندىن قۇياش ئاخىرى مۇبارەك جامالىنى
كۆرسەتتى .سەھەرچى يولۇچىالر جەنۇبىي تاھو كۆلى يوللىرىدا
ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى .بىراق بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىڭىزدا سىز
باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرەتتىڭىز :كۈندۈزنىڭ كۆك نۇرى ئاسمان يۈزىدە
بارا بارا قارىيىپ كېتىۋاتاتتى ،غەربتە كېچە تېخىچە بويسۇنمىغان ،قاپقارا،
يۇلتۇزلۇق بىر پارچە ئاسمان تولغان ئاينى پايتەخت قىلىپ تېخىچە ئۆز
ئورنىدا مەزمۇت تۇراتتى .شەرقتە كۈندۈزنىڭ يورۇقى يۈزىڭىزگە زەربە
بىلەن ئۇرۇلسا ،غەربتە كېچە ھۆكۈمرانلىقى تەسلىم بولۇشنىڭ بەلگىسىمۇ
48



يوق ھالەتتە داۋاملىشىۋاتاتتى .ئۇلۇغلۇقنى ھېچقانداق بىر پەيالسوپمۇ
كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ چېگراسىدا تۇرۇپ كۆزىتىشتىنمۇ ياخشىراق
چۈشەندۈرەلمەس دەيمەن .ھەممە خۇددى ھەممىگە قادىر كۆرۈنمەس بىر
كۈچ كائىناتقا« :يورۇ!» دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتقاندەك ئىدى .بۇ بۈيۈك
تاغالرنىڭ ،يەر شارىنىڭ ،كائىناتنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ زەررىچىلىكال
مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئەسلىمەي تۇرالمايتتىڭىز ،شۇنىڭ بىلەن تەڭال يەنە
ئىككى پۇتىڭىز بىلەن دەل مۇشۇ بۈيۈك مەنزىرىلەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا
تىك دەسسەپ تۇرغانلىقىڭىزمۇ ئېسىڭىزگە چۈشەتتى .
مانا بۇ سىيېرا الگېرىدىكى ياز ئىدى ،بەلكى باشقا بارلىق الگېرالردىن
پەرقى يوقتۇر ،ئەمما بۇ يەر ھەر كۈنى ھاياتقا ۋە ئۇنى قىممەتكە ئىگە
قىلىدىغان مۇناسىۋەتلەرگە تولۇپ تېشىپ تۇراتتى .بىر كېچىسى بىر
نەچچىمىز كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە الگېرنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى مو
بىلەن ۋىسكىي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ قالدۇق ،ئۇمۇ ئسىتانفوردتىن بولۇپ
ئىنگلىز ئەدەبىياتى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاشالپ قويغان ئىدى،
بىز ئەدەبىيات ۋە باالغەتنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىنىڭ ئېغىر باش
قېتىنچىلىقلىرى ھەققىدە پاراڭ سېلىشتۇق .كېيىنكى يىلى ئۇ دوكتورلۇق
ئوقۇشىنى قايتا باشلىدى ،كېيىن ئۇ تۇنجى ئېالن قىلىنغان قىسقا
ھېكايىسىنى ماڭا ئەۋەتىپتۇ ،ئاشۇ قېتىمقى بىللە ئۆتكۈزگەن يازلىق
الگېرىمىز ئۇنىڭ ھېكايىسىدە ناھايىتى ياخشى خۇالسىلەنگەن ئىدى:
49



«ھازىر تۇيۇقسىز نېمە ئىزدەۋاتقىنىمنى بىلدىم .مەن گۈلخان
ياقىدىغانالرنى ئىزدىمەكتىمەن ،جەسەت كۈلۈمنى چېچىۋېتىڭالر ،قۇمغا
ئارىلىشىپ كەتسۇن .سۆڭىكىم قاقشال ئوتۇنالر ئارىسىدا قالسۇن ،چىشلىرىم
قۇملۇقتا يوقاپ كەتسۇن… مەن بالىالرنىڭ ئەقلىگە ئىشەنمەيمەن،
چوڭالرنىڭكىگىمۇ ئىشەنمەيمەن .شۇنداق بىر چاغ كېلىدۇكى ،توپالنغان
تەجرىبىلەر ياشاشنىڭ تەپسىالتلىرى ئارىسىدا ھالسىراپ تۈگەيدۇ .بىز
ھەرگىزمۇ ئاشۇ چاغنى ياشىغان ۋاقتىمىزدىكىدىن ئاقىل ئەمەسمىز».

50



-3قىسىم

مەكتەپكە قايتتىم ۋە تاغدىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ كەتمىدىم .ھايات
تېخىمۇ رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۆتۈشكە باشلىدى ،شۇندىن كېيىنكى
ئىككى يىلدا مەن مەنىۋى ھاياتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن
داۋاملىق ئىزدەندىم .مەن ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىدىغان نەرسىنىڭ زادى
نېمىلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ئۆگەندىم.
مېڭىنىڭ زادى قانداق قىلىپ ئىنساندەك ھاياتنىڭ مەنىسىنى تېپىش
ئىقتىدارىغا ئىگە بىر جانلىق بولۇشىنى ئىمكانىيەتگە ئىگە قىلغانلىقىنى
چۈشىنىش ئۈچۈن نېرۋولوگىيە ئۆگەندىم ۋە فۇنكسىيەلىك يادرو ماگنىت
رېزونانىسلىق سايىلەش ( )fMRIتەجرىبىخانىسىدا ئىشلىدىم .ئۇنىڭدىن
باشقا مەن يەنە بىر قاتار قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق
يېقىن دوستلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى كۈچەيتتىم .مەسىلەن بىز
موڭغۇلچە ياسىنىپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا باستۇرۇپ كىردۇق؛ پۈتۈنلەي
يالغان بىر «گىرىكچە بۇرادەرلەر جەمئىيىتى» قۇرۇپ باش ئىشتاب
دەۋالغان ئۆيىمىزدە «سىرلىق» ئىشالرنى پىالنالش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن
قىياپەتكە كىرىۋاالتتۇق؛ ئورانگوتانچە ياسىنىپ بۇككىڭھام ئوردىسىنىڭ
دەرۋازىسىدا تۇرۇۋاالتتۇق .يېرىم كېچىدە مەكتەپ قەھرىمانالر چېركاۋىغا
سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ زالدا ئوڭدىسىغا يېتىپ جېنىمىزنىڭ بارىچە ۋارقىراپ
51



تورۇستىن يانغان ئەكس سادانى تاماشا قىالتتۇق( .مەن كېيىنچە ۋىرجىنىيە
ۋۇلفنىڭ مەكتەپتىكى چېغىدا ھەبەش مەلىكىسىدەك ياسىنىپ ئەنگلىيە
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 03
  • Büleklär
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3060
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1773
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2176
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3491
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2020
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3527
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2001
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3418
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1876
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3439
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3515
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1948
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3524
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1929
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1988
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1994
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • نەپەس ھاۋاغا ئايالنغاندا - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3402
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1953
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.