Latin

Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 13

Süzlärneñ gomumi sanı 3559
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ
ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ،ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﺷﺘﯘﺭﯨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺍﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ
ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ،ﺳﺎﯞﺍﻏﺪﺍﺵ -ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ
ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ.

193

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

7

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪ ە ﺑﯩﭙ ﻪ ر ۋ ا ،ﺑﺎﻳﻼر ﺋﺎﻻﻗ ﻪ ﺋ ﯘ ﺳ ﯘ ﻟﯩﻐﺎ
ﺋ ﻪ ﮬﻤﯩﻴ ﻪ ت ﺑ ﯧ ﺮﯨﺪ ۇ
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﻮﻻﺳﯩﻠﯩﻨﯩﭗ
،ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﻧﺴﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﯩﯔ ﺧﻮﻻﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ
ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯘﻧﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ
ﺧﻮﻻﺳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ
ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺯ،ﺋﺎﻗﻜﻮﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺋﯜﭼﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭘﺘﯘ »ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯚﻳﻰ؟ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯚﻳﻰ؟« ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺧﯩﺠﯩﻞ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ»:ﯞﺍﻗﯩﺮﻣﺎﯓ ،ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ« .ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻗﭽﻰ
ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯘﻳﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭘﻼ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ» :ﺳﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﭼﯚﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ
ﺋﯧﺴﯩﭗ

ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ؟

ﺷﻪﮬﻪﺭ

ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ

ﺗﻪﺳﯩﺮ

ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ

ﺋﯜﭼﯜﻥ

ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ

ﻛﯧﺮﻩﻙ.«...ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ .ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﺩﻩﭘﺘﯘ» :ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮﺷﻘﺎ
ﺋﯜﭼﯚﻳﻰ ﺋﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺴﺎ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ « .
ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ،ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺋﯩﺶ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ
194

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ ،ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭖ -ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ.
ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﺭﺍﻣﻰ ،ﺋﺎﮬﺎﯕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ
ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ» .ﺳﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺴﯩﺰ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ ،ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ،
ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ
ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ،ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ
ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺴﯩﺘﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺎ 7%ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﮬﺎﯓ ،38%ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯩﻠﻰ 55%ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯜﺯﻣﯘ
ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ :ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ
ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ
ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ
ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ
ﺋﺎﯕﻼﺵ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﺳﯩﻜﯘﻧﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ »ﺑﯩﺰ« ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

195

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻳﺎﯕﺮﯛﻱ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ،ﺗﯜﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﺎﯞﺍﻏﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺷﯩﻐﺎ
ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ .ﺗﻮﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ
ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺧﯘﺭﯗﭼﻠﯩﺮﻯ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ .ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ
ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ
ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻱ ﺑﯘ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﮬﯩﺲ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﻪ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ
ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﻰ .ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻱ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ

ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ

ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ »ﻣﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ
ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟« ﺩﻩﭘﺘﯘ.
»ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯩﭙﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ«،ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﻮﺭ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ
ﺑﯩﻠﻪﻥ.
»ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ
ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ،
ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ -ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﭼﯩﮕﯩﺮﺳﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻠﯩﻖ
ﮬﯘﻗﯘﻗﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ،ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ
ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻜﻼ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺯﻏﯘﺗﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﯗﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
« .ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺗﯩﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﯘﺭﻏﺎ
ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ.

196

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯘﺯﯗﻟﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ .ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ
ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ؟ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﻕ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ،ﺗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻻﮬﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﭖﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﮬﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻱ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﯘﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﭙﺘﯘ.
ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ،
ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ،ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ .ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻳﮕﻪ
ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯜﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﯓ ﺭﯛﻱ
ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻻﮬﯩﻴﻪ ﺗﻮﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ › ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ
ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻪﻙ
ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﭗ
ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﻩﻣﺪﯗ ﻳﻮﻕ؟ ‹ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ
ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ

197

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ
ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﺳﻮﮬﺒﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻻﮬﯩﻴﻪﮔﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ
ﺗﻮﻏﺮﺍ،ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻪ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ
ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﻩ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﻻﮬﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ.ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ ،ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯘﻳﯘﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ
ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ
ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.

198

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ:
ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻮﻱ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ ,ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﺗﯩﺪﯗ

ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﺑﺎﺭ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﺎﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ
ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻧﻰ
ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﯙﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻱ
ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ،ﭼﯘﻗﯘﻡ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﭼﯩﯔ
ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯘﻧﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﮬﻪﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ،ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﻏﻪﻟﺒﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ
ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ
ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺳﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﺘﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺳﺴﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

199

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼردا ﭘ ﯘ رﺳ ﻪ ﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛ ﯚ ز ﻛ ﻪ ﻣﭽﯩﻞ
ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ،ﺋﯘ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﺗﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ
ﻳﯘﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ
ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺭ .ﺋﺎﺷﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ › ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ
ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﻐﺎﻥ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﻤﯩﺪﻯ ‹ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﭖ ﻳﯘﻟﯘﻗﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ،ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ،ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ
ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺷﯘﯕﺎ

ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ

ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ -ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﻮﺧﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ
ﺗﯘﺧﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺗﻮﺧﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﯘﻏﺎﻻﻳﺪﯗ .ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ
ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﺪﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺑﺌﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﺳﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﯨﭙﺘﯘ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺟﺎﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﯩﺰﯨﭗ ،ﻗﻮﻟﻰ ﺗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ
ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ
ﺭﻩﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﭼﺎﭼﯩﺮﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .ﻟﯩﻜﯩﻦ
200

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

1

ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭘﺘﯘ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻳﯩﻐﻘﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺑﯘ ﻛﯩﻴﻤﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭘﺘﯘ.
ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ

ﻏﻪﻟﯩﺘﯩﻠﯩﻚ

ﮬﯩﺲ

ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ.

ﺷﯘﻧﯩﯔ

ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺑﯘﻧﯩﯔ

ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ

ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻛﯩﺮ ﻳﯘﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻨﺎﭖ
ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ
ﺭﻩﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻯ ﻛﯜﺭﯛﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻕ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﭙﺘﯘ.ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺋﯘﭼﯜﻧﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ
ﺳﯩﻨﺎﭘﺘﯘ .ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ.
ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ
ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ > ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ
ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯓ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯩﺰﯨﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﯓ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻛﯜﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ < ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ
ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ
ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻘﻰ« ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﻗﯘﻳﯘﭖ ،ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ
ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ» ،ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯘﻳﯘﻟﯩﻘﻰ« ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ .ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻧﯩﻐﺎ ،ﺋﻮﻧﻰ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ
ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮫﺎﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﺎﺭ .ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ
ﺟﯘﭖ ﻛﯚﺯ ﺑﺎﺭﻣﯘ-ﻳﻮﻕ؟
»ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﯘﻣﻠﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ

201

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻰ
ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﯩﻴﻮﺗﯘﻥ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ
ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ،ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯧﭙﯩﺶ
ﺗﻪﺱ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ -ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ
ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ،ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ
ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﭙﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺭﻭﻝ
ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ
ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ
ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﯨﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ
ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻼ ﻛﯜﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ .ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ

202

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﺵ
ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯙﺭﯛﺭ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭼﯩﯔ
ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﻩ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ.

203

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

2

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻼر ﻛﯩﺮزﯨﺲ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤ ﯘ ﭘ ﯘ رﺳ ﻪ ت ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪ ۇ
ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺟﻪﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯜﻣﯜﺩﺳﯩﺰ ﺭﻭﮬﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﯩﭽﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ،
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭ-ﻳﯜﻟﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺩﯦﯖﯧﺰﯨﻐﺎ ﻏﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﺴﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ
ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ،ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻮﻻ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻮﯕﯜﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ
ﺋﯘﭼﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﺘﺎ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﻻﻳﺪﯗ.
ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ،ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﭽﯩﺮﺍﻕ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﯩﻦ
ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮬﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺭ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻼ ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﻪ
ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﻮﮬﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ -ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ،ﺋﯜﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯚﮔﯘﻧﯘﺵ ،ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ
ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ .ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ،ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ
ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯜﺩﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ.
-1984ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﮔﻨﺎﺕ ﻛﻮﻛﺎﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻳﺸﻰ ﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺕ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﺘﻰ .ﺑﻪﻳﺸﻰ ﻛﻮﻻ
ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﻛﺎﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺳﻪﻳﺠﯩﻨﻮﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ .ﺑﻪﻳﺸﻰ ﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ
204

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

2

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻳﻪﻧﻰ .
ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﺴﺘﯩﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﻣﻰ ﺳﻪﻝ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﺎﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻮﻛﺎﻛﻮﻻﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ
ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻮﻛﺎﻛﻮﻻ ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻨﻰ
ﺋﯧﮕﯩﻠﻪﭖ ،ﺭﻩﻗﯩﺒﻰ ﺑﻪﻳﺸﻰ ﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﺳﺎ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﯕﯜﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ
ﺋﯘﭼﯘﺭﺳﯩﻼ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻟﯜﻣﯩﻨﻰ
ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺗﻪﯕﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.
ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ .ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﺸﯩﻜﻰ
ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺷﺎﻝ ﺋﯧﺘﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯚﺭﻩﻙ
ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﺳﺎﻳﻤﺎﻥ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ
ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﻰ ﭼﯩﻘﺮﺍﻟﻤﺎﭘﺘﯘ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ
ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻞ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ
ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﻐﺎ ﻛﯜﻣﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﻛﯘﺭﺟﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﻐﺎ
ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﻮﭘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﻐﺎ ﺗﻮﭘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺴﺎ ،ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ
ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ
ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﯩﺸﭗ ،ﺋﺎﺯﮔﺎﻝ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﻪﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺯﮔﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ.

205

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

2

ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﻠﮫﺎﻡ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ-ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺑﺎﻻﻳﻰ
ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﻰ
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﺸﻰ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺸﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺸﻰ
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ »ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ .ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﭙﺘﯘ«
ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﺘﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺴﯩﺰ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ
،ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ
ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﯩﻘﻴﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ

ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻘﺎ

ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ

ﻳـﯜﺯﻟـﯩﻨـﯩـﺶ

ﻛـﯧـﺮﻩﻙ.

ﻛـﯩـﺮﺯﺳﺘﯩﻦ

ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ

ﺗﯧﭙﯩﺶ

ﺧﻪﯞﯨﭗ-ﺧﻪﺗﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻥ –ﺋﯩﺴﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﺳﺰﻧﻰ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ
ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

206

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻼر داﺋﯩﻢ ﮬ ﻪ ر ﺑﯩﺮ ﻣ ﯘ ﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘ ﯘ رﺳ ﻪ ﺗﻨﻰ ﻛ ﻪ ﺗﻜ ﯜ ز ۈ پ
ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪ ۇ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﺷﯩﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﻰ
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ .ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ،ﺗﺎﻟﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺋﯜﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻨﻰ
ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ
ﺗﻪﻳﻴﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ .ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰ ،ﮬﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ
ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﺪﺍ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ،ﺗﯘﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﺎ
ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ
ﻗﯘﻳﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ
ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ
ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ
ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﻪﺭﻛﻪﻧﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
-1921ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﻛﯜﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻻﻏﺎﻳﻼﭖ
ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ .ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﺗﻤﻪﻱ ﺑﯘ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﺰ ﻗﻪﻟﻪﻡ
ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﯩﻠﭗ ﻛﯘﻧﺪﯨﻠﯩﻠﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻯ
ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﮬﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺩﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﺩﻩ
207

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯘﭺ ﺳﯧﻨﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ 26ﺳﯧﻨﯩﺘﻘﺎ ﺳﯧﺘﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺑﯘ ﺋﻪﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺳﯧﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ،ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ
ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﻼ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯛﺭﯗﻏﺎﻥ .ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺏ -ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﻮﻟﺸﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﭘﻮﻟﺸﺎﻏﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻛﻪﺳﭙﻰ
ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺭ ﺋﻮﻟﯩﯟﯦﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﺎﻣﻰ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺷﯘ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ
ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ-1926 .ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﮫﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ،ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪﯗ .ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﯩﯟﯦﺮ
ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻟﯩﯟﯦﺮ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻼ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ،ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ
ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻟﯩﯟﯦﺮﻻ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ،ﺑﯧﻴﯩﺶ
ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﻮﻟﯩﯟﯦﺮ .ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟
ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ :ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ،ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﻮﺵ ﻗﯘﻳﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻻ

208

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﻝ ﺳﯩﺰ
ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﯘﻳﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﺕ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﻻﻣﺪﯗﻕ-ﻳﻮﻕ؟ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ» ،ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺋﻮﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ« ﺭﻭﮬﻰ
ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺯﯙﺭ
ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ،ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ ﺗﯜﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﯞﻩ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﭘﯧﺘﻰ ﺗﯜﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻱ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﻳﻼﺭ؟
ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ،ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﺸﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ،ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﯩﻘﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ
ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻨﻰ ،ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ
ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

209

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﭘ ﯘ رﺳ ﻪ ﺗﻜ ﻪ ﮬ ﻪ دﯨﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎد ە ﺋﯩﺸﻨﯩﺪ ۇ ،ﺑﺎﻳﻼر ﭘ ﻪ ﻗ ﻪ ت
ﭘ ﯘ رﺳ ﻪ ﺗﻨﻰ ﺗ ﯘ ﺗ ﯘ ﺷﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪ ۇ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ
ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﻰ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ
ﮬﻪﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ › ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻢ ﻛﺎﺟﻜﻪﻥ ،ﻣﯧﻨﻰ ﻧﻪﺱ ﺑﺎﺳﺘﻰ ‹ ﺩﻩﭖ
ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ .ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﯩﻤﯘ،
ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ،ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ
ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯛﭖ
ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﻪﻟﺒﻪ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﻣﯧﻠﻠﯘ ﺋﯘﺩﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﮬﺎﯕﯟﺍﻗﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺗﯘﺭﯗﭖ-ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ .ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ
ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.
ﺧﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﻛﺎﯕﻤﯥ ﻣﯧﻠﻠﻮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺗﯘﺭﯗﭘﻼﺭﻧﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻐﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ،ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻤﻪﻥ؟ ﺋﯩﺴﯩﯖﺪﻩ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ،ﻣﻪﻥﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﭖ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ
ﻗﻮﻣﯘﺭﯞﻩﺗﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﭼﯧﻘﯩﭗ ،ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ
210

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﻩﺗﺘﻰ .ﺳﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﻪ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻜﻤﯘ -ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﺳﻪﻧﻐﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ! ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩﺋﻮﻟﺘﯜﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺴﻪﻥ؟ -ﻛﺎﯓ ﻣﯧﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ.
ﻣﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﺴﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭘﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﻗﻮﻣﯘﺭﻟﯘﭖﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺧﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺩﺍﯕﻘﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﯦﺮﯨﭗ ﻛﯚﺯﻯ
ﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻮﻣﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻪﻝ »ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺵ«ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺩﯦﮫﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻮ
ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻩﻝ ﻛﯩﻠﯩﭗ
ﻗﯧﻠﯩﺶ › ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ‹ ﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﻣﯩﻠﻠﻮﻧﯩﯔ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﮬﻪﺩﯨﺪﯨﻦ
ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻟﻪﻳﮕﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﭗ ﺳﺎﺧﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﺷﯩﭗ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ
ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 14
  • Büleklär
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1500
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3493
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1771
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1714
    13.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3577
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1730
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1699
    13.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3618
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1658
    13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1695
    13.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1756
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1755
    12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1821
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1666
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3564
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1746
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3599
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1804
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.