Latin

Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 07

Süzlärneñ gomumi sanı 3571
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﺋﯩﺪﻯ.ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ

90

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯓ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺪﻯ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ
ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﻮﮊﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯓ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻗﯩﻐﺎ
ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﺩﺍﯓ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮ ﮬﺎﯕﯟﺍﻗﺘﯩﻼﺭﭼﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ
ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ» :ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ،ﺳﯩﺰ ﺋﯘ ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﻮﮊﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ
ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ .ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ
ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﺰ ﺧﯧﺘﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﺩﯦﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻏﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﺎﻣﺰﺍﺕ.
ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﻤﻪﻥ !«
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ
ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎ،
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻻ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ
ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮﯕﺸﯩﻴﺎ ﮔﻮﺭﻭﮬﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﻩﻝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ،
ﺑﺎﺯﺍﺭ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ،ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﺩﯗﭺ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﺘﯩﻦ
ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ،ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ،ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ
ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺩﺍﻧﻪ ﻻﻣﭙﯘﭼﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ

91

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻣﻪﺳﮫﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻻﮬﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻻﻣﭙﯘﭼﻜﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ .
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﮔﺎﯕﺸﯩﻴﻪﻥ ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻻﻣﭙﯘﭼﻜﯩﻨﯩﯔ
ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻮﯕﺸﯩﻴﺎ ﮔﻮﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﺍﯞﯗﺗﻤﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .
10ﻣﯩﯔ ﺩﺍﻧﻪ ﻻﻣﭙﯘﭼﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ،
ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﭖ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ
ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ
ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ،ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ
ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ
ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ
ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﺴﺎ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺑﺎﺵ
ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ
ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺩﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﻤﯘ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ
ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ
ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ.

92

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

5

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻼر ﭘ ﯘ ل ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪ ۇ ،ﺧ ﻪ ﺟﻠ ﻪ ﺷﻨﯩﻤ ﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪ ۇ
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﻏﺎﻻﻳﺪﯗ؛ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﻝ
ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﯧﺠﯩﻴﻪﻟﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺗﯧﺠﻪﺵ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻧﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ
ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ .ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮬﯩﺴﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯦﻨﺠﯘ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ 1 ،ﻳﯜﻩﻥ
ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ 10%ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ
ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ
ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭘﯘﻝ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯘﻏﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ؛ ﻳﻪﻧﻪ
ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﭘﯩﻼﻧﻼﭖ ،ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ
ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ ،ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ
ﺯﯨﺘﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺯﯨﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ
ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ
ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ« ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﻨﻰ
ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ
ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ
93

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

5

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﯧﺰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ
ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ 78%ﺯﯦﮫﻨﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ »ﭘﯘﻝ

ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﺵ« ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ

ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ:
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﻨﯩﭗ ﻛﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﮕﺎﺭﯨﺖ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ
ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ
ﮬﺎﻟﺪﺍ» :ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﮕﺎﺭﺗﯩﯖﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ،ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺘﯘ-ﮬﻪ؟«
ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ .ﺳﯩﮕﺎﺭﺕ ﭼﯩﺸﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ »:ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩــﻤـﻤـﻪﺗـﻤـﯘ ﺋـﻪﻣـﻪﺱ ،
ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻭﻟﻼﺭ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ» :ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﻝ ﭼﯧﻜﯩﺴﯩﺰ؟« ،ﺳﯩﮕﺎﺭﺕ ﭼﯩﺸﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ 10»:ﺗﺎﻝ« » .ﯞﺍﻱ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ! ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟«30»،ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﻟﻼ ﭼﯧﻜﻪﺗﺘﯩﻢ«»،ﯞﺍﻱ ﺋﺎﻟﻼ ،ﺳﯩﺰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ
ﮬﯩﺴﺎﺑﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﭼﻪﻛﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ
ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻪﻥ!« .ﺳﯩﮕﺎﺭﺕ ﭼﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ

ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ»:ﺑﯘ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ

ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟« ،ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ :
»ﻣﻪﻥ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﻤﻪﻥ« .ﺳﯩﮕﺎﺭﺕ ﭼﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ» :ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ
ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟« ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ»:ﻳﺎﻕ« .ﺳﯩﮕﺎﺭﺕ ﭼﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ
ﺩﻩﭘﺘﯘ »:ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﻣﯩﻨﯩﯔ« .
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﮬﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ
ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯧﺠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ

94

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

5

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺳﻪﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻮﭼﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﮕﻪ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﯞﺍﻻﻗﺸﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﯘﻝ
ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯘﻝ
ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ 100ﻳﯘﻩﻥ ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪ 1000ﻳﯘﻩﻥ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ
ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ
ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ .
ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯘﻩﻧﻨﻰ ﺗﯧﺠﯩﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﺱ .ﺗﯧﺠﯩﮕﻪﻥ
ﭘﯘﻝ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺧﻪﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ
ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﭘﯘﻝ ﺗﯧﺠﻪﺵ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﯧﺠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﯧﺠﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ،ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ.
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ :ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ،ﺋﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ .ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ
ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﯦﻨﺠﯘﻟﯘﻗﻼﺭ
ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻥ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯩﺨﻪﻧﺰﻩ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯩﺮ

95

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

5

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﯞﯦﻨﺠﯘﻟﯘﻕ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 4ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻥ 500ﻣﯩﯔ ﻳﯘﻩﻧﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﻰ
ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ .ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﯩﮫﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ 130ﻛﯟﺍﺩﯨﺮﺍﺕ
ﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ
ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ 700ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 800ﻣﯩﯔ ﻳﯘﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ
ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ« ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻨﻰ
ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻳﺎﻳﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﻛﻪﻳﻨﻰ
ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ،ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﯗﻛﯩﻨﻰ،
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻱ
ﯞﯦﻨﺠﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
ﯞﯦﻨﺠﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﻝ
ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﯩﺶ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺱ ﭼﻮﯓ
ﭘﯩﯖﺮﻭﯓ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ »ﯞﯦﻨﺠﻮﯞﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ« ﻧﻰ :ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﺭﻭﮬﻰ؛ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮪ؛ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺭﻭﮬﻰ؛ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯚﺕ ﺟﯜﻣﻠﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺪﻩ ،ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻛﯚﭖ
ﺧﯩﻞ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﯦﻨﺠﻮﯞﻟﯘﻕ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺑﯘ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .
ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ
ﺑﺎﺭ ،ﺑﯩﺮ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﯞﯦﻨﺠﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ
ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ .ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ.
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ

96

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

5

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﻱ ﺩﯨﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﭺ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ
ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ
ﻛﯚﺯ-ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ»ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ« ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯧﻴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ
ﺑﯧﻴﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺱ .

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﭘﯘﻝ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﺍﻝ .ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻼﺭ
ﺋﯧﺰﯨﭗ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯧﻴﯩﻴﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ
ﺗﯧﺠﻪﺵ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﻝ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ
ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗ.

97

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

6

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﺑ ﯘ رﻧﯩﻨﯩ ﯔ ﺋ ﯘ ﭼﯩﻨﯩﻼ ﻛ ﯚ رﯨﺪ ۇ ،ﺑﺎﻳﻼر ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛ ﯚ رﯨﺪ ۇ
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ،ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ
ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ .ﻳﻪﻧﻰ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ.
»ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻟﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ« ﺧﯘﺷﯚﺷﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ» :ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ،ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ؛ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻛﯚﭖ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ
ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ ؛ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﻪ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ؛ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ
ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ« .ﺧﯘﺷﯚﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻯ »ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ،ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﺸﻤﯘ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ .ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻳﻼﺭ

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ

ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ
ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻳﺪﺍ -ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﯩﯖﻼ ﻏﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭ
ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ
ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭻ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻤﻰ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺑﺎﻱ-ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ .
ﺳﯩﺘﯩﯟﯦﻦ.ﺟﻮﺑﯩﺲ ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ،ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﺎﻧﯘ-
98

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

6

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ 6ﺋﺎﻳﻼ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ
ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺟﻮﺑﯩﺲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ
ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.
ﺟﻮﺑﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ
ﺟﻮﻥ.ﺳﯩﻜﻮﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍ ﻛﻮﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ» :ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﺎﺯﻟﯩﻖ ﺳﯘ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﻪﻥ؟« .ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ
ﺟﻮﺑﯩﺲ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ
ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ›› ﺋﺎﻟﻤﺎ ‹‹ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﯩﺴﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ
ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ
ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ،
ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ !
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ
ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ،ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ .ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ
ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ؛ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ

99

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

6

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ،
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ
ﻛﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯛﺵ،ﭘﯩﻼﻧﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ
ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯧﻠﻮﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﻩ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ
ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ
ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯩﭻ ﭘﯘﺷﯘﻗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺋﯧﻠﻮﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﭙﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯘ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ
ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﻗﺎﺧﺸﺎﭖ» :ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ
ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﭖ
ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ؟« ﺩﻩﭘﺘﯘ .
ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯜﺯﻯ ﺋﯧﻠﻮﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ
ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺳﻤﺎﻱ ،ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﺴﺎ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﮔﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ
ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺳﯧﺘﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ .ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﻮﻥ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 100ﻓﻮﻧﯩﺴﺘﺮﻟﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗ،
ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺋﯘﭼﺮﺍﭘﺘﯘ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﯩﺸﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﭘﺘﯘ .ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ
ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ.

ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ

ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯧﻠﻮﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ.

100

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

6

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻱ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ.
ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﻮﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﻻﻳﯩﮫﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﭙﺘﯘ .
ﻣﺎﺭﻛﺎ ﻻﮬﯩﻴﻪﻟﻪﺷﺘﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﻠﻔﯩﻨﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭙﺘﯘ .ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ

ﻛﺎﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ

ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﭙﺘﯘ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﻯ
ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ-1935 .ﻳﯩﻠﻰ »ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻦ« ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ
ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ »ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻦ« ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯘ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
»ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻦ« ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .
ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ.
ﺋﯧﻠﻮﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ،ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ .ﭘﯩﻨﮕﯩﯟﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ،ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ
ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ -ﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻜﻰ ،ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯘﻗﯘﻡ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ

101

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

6

ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯗ.
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ .ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻤﯘ ﻛﯚﭖ .ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ
ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﯘﺵ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ
ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ
ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ .ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭ
ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺭ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ
ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺪﺍ
ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﻰ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﺭﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻨﯩﻼ ﻛﯜﺭﯛﺷﯩﯖﯩﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ
ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﺎﺳﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ

ﺑﯩﻜﯩﺘﺴﯩﯖﯩﺰ،

ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ،ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﯩﻐﺎ

ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻱ
ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

102

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼردا ﭘ ﻪ ﻗ ﻪ ت ›› ﺋ ﯜ چ ﻣﯩﻨ ﯘ ﺗﻼ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ‹‹ ﺑﺎر ،ﺑﺎﻳﻼردا
ﺋ ﯘ زاﻗﻘﺎ ﺳ ﯘ ز ۇ ﻟﻐﺎن ﻗﺎﻳﻨﺎق ﮬ ﯧ ﺴﻴﺎت ﺑﺎر
»ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ« −ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ
ﻳﻮﻕ ،ﺩﺍﺋﯩﻢ

ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ

ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﺳﻰ ﻳﻮﻕ .ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ »ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ« ﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ
ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ،ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯗ .ﻗﺎﻳﺘﺎ -ﻗﺎﻳﺘﺎ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ »ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ« ﻻ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ
ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ -ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ
ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻳﻮﻕ .ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻱ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮪ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ .ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ .ﻟﯩﻜﯩﻦ
ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻥ ،ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﮬﯩﺴﺴﻴﺎﺕ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ
ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﻼ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﯞﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺩﯨﮕﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﯕﯟﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ
»ﻳﺎﻏﺎﭺ« ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ 12 .ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ.
ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﯩﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
103

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗﻧﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ
ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ «.ﺩﻩﭘﺘﯘ .ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﺘﯘ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯘ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﺘﯘ! ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ
ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ .
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ .ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺑﺎﻻ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ،

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ

ﮔﯩﺘﻠﯧﺮﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ .ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ .ﻟﯩﻜﯩﻦ
ﺋﯘ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﭘﺘﯘ-1965 .ﻳﯩﻠﻰ ،ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ »ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ
ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ-1975 ،ﻳﯩﻠﻰ »ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ.
ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ .
ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ -ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ
ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ -2002ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﯨﻨﮕﯩﺮﻳﯩﻠﯩﻚ
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯧﻤﯩﺮﻛﯧﺮﺗﯩﺴﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭘﺘﯘ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﭖ -ﺋﯘﻗﯘﺑﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﯩﻨﻰ
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» :ﺳﯩﺰ›ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ،
ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ‹ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﮔﻪ
ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ«.
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺩﻩﻝ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗ -ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،

104

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﻨﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ
ﺋﯧﻤﯩﺮﻛﯧﺮﺗﯩﺲ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ »ﺗﯩﺘﺎﻧﯩﻚ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻨﻰ
ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ:
ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﺟﺎﻣﯩﺲ ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻐﺎ»:ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ
ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﺘﺎ ›ﺭﻭﻣﯩﻴﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻟﯩﺘﺎ ‹ﻧﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺩﻩﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ
»ﺗﯩﺘﺎﻧﯩﻚ« ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﻪﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻛﯩﻨﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ
ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮔﯘﻣﭙﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﯘﺳﻠﯘﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ
ﺋﯜﭺ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯩﻨﻮﺳﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻪﻳﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺱ
ﺋﯩﺪﻯ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺟﺎﻣﯩﺲ .ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘ ﻛﯩﻨﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻦ:
» ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟« ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﻨﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﯨﻨﯩﯔ
ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ » :ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺧﺎﻣﭽﻮﺗﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ« ،ﺩﯨﮕﻪﻥ .ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ » :ﺧﺎﻣﭽﻮﺕ ﺑﻪﻙ
ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯧﻤﯩﻼ ﺧﺎﻻﺱ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺶ
ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺥ 250ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ،ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮬﻪﺗﺘﺎ 500ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮ

105

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ .ﺧﺎﻣﭽﻮﺗﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ،
ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ » :ﻛﯩﻨﻮ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻡ ﻣﻪﻳﻠﻰ« ﺩﯨﮕﻪﻥ .ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ
ﮔﯧﭙﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ .ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ

،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻢ

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ
ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ .ﺳﻮﻏﯘﻕ
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﯜﻳﻰ ،ﺳﯚﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ
ﻳﺎﺭ ﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ

ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ.ﻓﯩﻠﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻱ

ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 470ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ،ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ
ﺋﯘﻣﯘﻣﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 800ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻢ
ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ -70ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺳﻜﺎﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ 14ﺗﯜﺭﺩﻩ
ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩ 11ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ .ﺟﺎﻣﯩﺲ.ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﻣﯘﺷﯘ
ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ -70ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺳﻜﺎﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺑﯘ ﻛﯩﻨﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺍﻣﺴﯩﺰ؟ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﯘ
ﻛﯩﻨﻮﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﻛﺎﻣﯩﺮﻭﻥ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﯖﯩﺰ .
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮪ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ
ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﮬﯩﺴﺴﻴﺎﺕ ،ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .

106

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

7

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯘﻕ،
ﻟﯩﻜﯩﻦ »ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﮊﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺳﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﻳﺪﯗ ،ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 08
  • Büleklär
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1500
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3493
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1771
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1714
    13.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3577
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1730
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1699
    13.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3618
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1658
    13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1695
    13.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1756
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1755
    12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1821
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1666
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3564
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1746
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3599
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1804
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.