Latin

Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 06

Süzlärneñ gomumi sanı 3618
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1658
13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

73

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

8

ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ
ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﮬﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ،
ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﮫﻨﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ
ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﺪﻩ »ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﻮﻕ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ
ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﺪﯗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﯩﭽﻨﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ
ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻯ ﭼﺎﺭﻩ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻰ -ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺶ .ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ،
ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ،ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.

74

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ:
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ
ﭘﻪﺭﻗﺘﯘﺭ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ،
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻣﯘ -ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺷﯘﯕﺎ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺭ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ
ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ» ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﻮﻳﯟﯦﺘﯩﭗ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ«
ﻗﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ
ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ
ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ،ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ
ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ،ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

75

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩ ﯔ ﻛ ﯚ زى ﺑﯩﻠ ﻪ ن ﺋ ﯚ زﯨﮕ ﻪ ﮬ ﯚ ﻛ ﯜ م ﻗﯩﻠﯩﺪ ۇ ،
ﺑﺎﻳﻼر ﺋ ﯚ زﯨﻨﯩ ﯔ ﻛ ﯚ زى ﺑﯩﻠ ﻪ ن ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﮬ ﯚ ﻛ ﯜ م ﻗﯩﻠﯩﺪ ۇ
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻱ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺱ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﺴﻰ
ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ — ﺑﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ
ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ
ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺑﺎﮬﺎ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ

ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ،
ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﭽﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ
ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯘ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ
76

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ

ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ

ﻛﯜﺭﯨﻨﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ .ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ
ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ .ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ -ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻳﻮﻕ .ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﮬﯚﻛﯜﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﭼﺎﺭﻟﯩﺰ ﭼﺎﭘﻠﯩﻦ-20 ،ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ
ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﻛﯩﻴﻤﻰ ،ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﻰ ،ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﻰ ،ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯘﺭﯗﺗﻰ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮬﺎﺳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ-1915 .ﻳﯩﻞ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ
ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻭﺭﺍﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯞﺝ
ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﭼﺎﭘﻠﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ .ﭼﺎﭘﻠﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ،ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩﻼ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ
ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯩﻘﺘﻰ ،ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯨﻢ؟
ﺑﯘ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎ ﻳﯩﻐﻼﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎ ﻛﯚﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ
ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ .ﭼﺎﭘﻠﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ

77

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
»ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺑﺎﺭ« ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ،ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ
ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﻳﻮﻕ .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ
ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ،ﭼﺎﭺ ﭘﺎﺳﻮﻧﻰ ...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ
ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﻮﯕﺎ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺗﺎ .
ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ،ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻱ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ
ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ
ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺷﯘﯕﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ .
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ
ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﺳﯩﻼ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ .ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﭽﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ
ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺪﯗ ،ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﻪﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ :ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ
ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻳﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ
ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ

78

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

1

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺭﻩﺳﯩﻢ
ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﻏﺎﻥ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ
ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ — ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ
ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ،ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺳﺎﻕ ،ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ› ﻧﺎﭼﺎﺭ‹ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎ ›ﻳﺎﺧﺸﻰ‹ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺳﺎﻗﭽﯘ؟ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ
ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺱ ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺭﺍﺯﻯ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ،

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ

ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ
ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻧﻪﺗﻨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻐﺎ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ
ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ› ﻳﺎﺧﺸﻰ ‹ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻰ ﯞﻩ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ
ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ›ﺑﺎﮬﺎ‹ ﻻﺭﻏﺎ ﻛﯜﻣﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﯞﺍﻝ
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ :ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ

79

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

1

ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺵ .ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ
ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ
ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻱ
ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪ ﺋﻪﯓ
ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ

ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ

ﺗﯚﯞﻩﻥ

ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

.

ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ

ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ

ﺋﺎﺩﻩﻡ

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ

ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ

ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯗﺭ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.

80

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

2

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﻛ ﯚ ز ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣ ﻪ ﻧﭙ ﻪ ﺋ ﻪ ﺗﻜ ﻪ ﻛ ﯚﯕﯜ ل ﺑ ﯚ ﻟﯩﺪ ۇ ،ﺑﺎﻳﻼر
ﻛ ﻪ ﻟﮕ ﯜ ﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤ ﻪ ﺗﻨﻰ ﻣ ﯘ ﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪ ۇ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ

ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ،

ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
»ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺗﯧﺠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯔ -«.ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ 40000 ، 10%ﻳﯘﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ
ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 44000ﻳﯘﻩﻥ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﯩﺶ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ
ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﭗ ،ﺧﻪﺝ-ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺷﯜﻛﺮﻯ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﻴﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ
ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻨﻰ
ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ،
› ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺗﯘﻏﯘﺷﻰ ،ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‹ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰ
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻜﯩﻴﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﺑﺎﻳﻼﺭ ››ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ
ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ 40000ﻳﯘﻩﻥ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ 40000000ﻳﯘﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1000ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯧﻜﻪ؟ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺑﯩﺮ ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﭘﺎﻳﺪﺍ 10%ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 4ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ
81

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

2

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﯘ !‹‹ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ.
ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ
ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ
ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺴﯩﻼ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ،ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﻳﻠﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .
ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ،ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ
ﺋﻪﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﭘﻮﻳﯧﺰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ،ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻱ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭘﺘﯘ .ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﯩﭽﻨﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯘ
ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ
ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺱ -ﺑﻪﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘ
ﻳﺎﺵ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺩﯛﭘﯜﻟﺪﻩﭖ ﺳﻮﻗﯘﭖ ،ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ »ﺑﯘ ﺋﯚﻱ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ
ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﺭﻛﻪﻥ« ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ .ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ
ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯚﻱ ﺋﯧﮕﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ
ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺱ ﺑﺎﮬﺎ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ 20ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺴﺎ

ﺋﯜﻧﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ

ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ IBMﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ
ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺑﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﭘﯘﻟﻰ 180ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ
ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .
ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ »ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ« ﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ

82

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

2

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯩﺘﺘﻰ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ
ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻥ.
ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ

ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ IBMﺷﯧﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ .ﺑﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ

ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .
ﺑﯧﻴﯩﺶ — ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ
ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ
ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ
ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻟﯘﺗﻮﯞ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ .ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﻗﯩﺰ
ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﭘﺎﺳﻮﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﻗﯩﺰ
ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.ﺋﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﯨﻦ
ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻮﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ ﻳﺎﺳﯩﺴﺎ
ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ،ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻱ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﯘ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﻮﭘﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﯘﮊﯨﻨﻰ ﻻﻳﯩﮫﻪﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ
ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩ
ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ
ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ .ﮬﻪﻡ -1923ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﻛﺎﻛﻮﻻ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ6 ،
ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻟﯘﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺗﯧﻨﺖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯟﺍﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ
ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻻﻳﯩﮫﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﻧﺎﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ .
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ

83

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

2

ﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺯ
ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯘﺗﻮﯞ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ
ﻗﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ .
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ
ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﻯ
ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﻟﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ .ﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻜﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ
ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ .ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﯩﻼ
ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ،ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯚﮔﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺭ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﯩﻼ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﯕﮕﯜ
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ،
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﻳﺪﯗ .ﺳﯩﺰﻣﯘ
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺴﯩﺰ.

84

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺑﺎﻳﻼر ۋە زﯨﻴ ﻪ ﺗﻜ ﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪ ۇ ،ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﻧ ﻪ ﺗﯩ ﺠﯩﮕ ﻪ
ﻗﺎراپ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪ ۇ
- 21ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻛﯜﭼﻰ ،ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻣﺎﺩﺩﻯ
ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﻮﻝ ،ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ .ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﮕﻪ
ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺩﻩﯞﺭﻧﻰ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ﺳﯩﺰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ .
ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺗﻮﻏﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﺎﻳﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﻳﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﯟﻩﺗﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺴﺎ،
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ ،ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ »ﺑﺎﻱ« ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻱ ﮬﯩﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺶ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻳﺪﯗ .ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ
ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﭼﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﯩﻼ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ
ﻳﯜﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ .ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ .ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻨﻰ
ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
85

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ .
ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﯞﺍﻝ ،ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ

ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﺴﯩﻼ ﺑﯘ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐﺎ
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ
ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ،ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﭖ
ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ
ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ،ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺯﺍﺭ
ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗﺭ .ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ
ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯗ .ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ
ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻼ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﻤﻪﻱ ،ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺧﯩﻴﯩﻢ-ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻛﯜﺭﯛﻟﺴﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .ﮬﻪﻣﺪﻩ
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﻪﺯﮔﯜﺳﻰ ﻳﻮﻕ .ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ.
ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ .ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻟﻼﺵ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .
ﭘﻮﻝ ﺗﺎﺧﺘﺎﻱ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﺷﯜﻩﻧﺸﺎﯓ

ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ

ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯘ
ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﻗﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﻪﭼﻜﻪ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ

86

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻤﯘ ﻗﯧﻴﯩﺸﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .
ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻏﯘﻡ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍﺭﯨﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﯩﺶ ﻛﻪﻟﺴﯩﻼ
ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﯩﺘﺘﻰ .ﻗﻮﺵ ﺯﻩﺭﺑﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﺷﯜﻩﻧﺸﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ
ﺋﯩﺪﻯ .
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﻩﻙ
ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﭘﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﯓ ﺷﯜﻩﻧﺸﺎﯓ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ
ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ .ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ،
ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻱ ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﯩﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭﻧﯩﯔ
ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ .ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ 30ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻼ ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ
ﺋﺎﺯ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ
ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .
ﻧﻪﻡ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺟﻮﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ
ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﻧﯘﭘﻠﯘﻗﻼﺭ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ،
ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ
ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯞﺍﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ
ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻳﻮﻟﻼﻳﯩﺘﺘﻰ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻐﺎ
ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﻯ ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﻮﺩﺍ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﯓ ﺷﯜﻩﻧﺸﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ

87

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

3

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﭘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﭘﯩﻜﺮﯨﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ
ﭘﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻤﺎﻱ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ،
ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ،ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ
ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ
ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ .

★ ★ ★ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ★ ★ ★
ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﯩﯔ
ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻳﻼﺭ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ
ﺋﯚﺯﯛﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﯞﺍﻝ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﻨﯩﻼ
ﺋﻮﻳﻼﭖ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﯩﺴﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

88

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﮬ ﻪ ﻣﯩﺸ ﻪ ﻣ ﯘ ﺗ ﻪ ﺋ ﻪ ﺳﺴﯩﭗ ،ﺑﺎﻳﻼر ﻣ ﯘۋ اﭘﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا
ﺧ ﻪ ﺗ ﻪ رﮔ ﻪ ﺗ ﻪۋە ﻛﻜ ﯘ ل ﻗﯩﻠﯩﺪ ۇ
ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﮫﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ
ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ،ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻼ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ.
ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻐﺎ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺭﺍﺯﯨﻜﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻨﯩﯔ ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ
ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ.
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ،ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻤﯘ ﺩﻭﻏﺎ
ﺗﯩﻜﯩﺶ ،ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﯞﻩ
ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ،ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ.
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ
ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮬﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻥ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭﯨﻨﻰ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻧﯩﺸﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ
ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ،ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﯞﻩ
89

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﺎﺷﮕﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ

4

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻱ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﯩﻠﯩﻚ ،ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻠﯩﻚ

ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ
ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺶ-ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯜﮔﯜﻥ
ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻤﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ.
ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ .ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ
ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.
ﭼﻮﯓ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﺳﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﯧﭙﯩﭗ
ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯕﺨﯘﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﭘﺘﻰ .ﭘﯩﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 3ﻳﯩﻞ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ،ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﻦ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺪﻯ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ
ﺋﯘ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﻘﭽﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﺩﻯ .ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯘ
ﺧﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ:
»ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘ
ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯓ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭘﺎﻛﭙﺎﻛﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮ
ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ،ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻯ.
ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻟﻮﭼﯩﻴﺎﯓ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﺪﻯ .ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﺪﯨﺮ
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﺮﺗﯩﻴﻮﮊﯨﻨﻰ
ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 07
  • Büleklär
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1500
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3493
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1771
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1714
    13.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3577
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1730
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1699
    13.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3618
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1658
    13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    12.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1695
    13.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1756
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1755
    12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1821
    12.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    11.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1666
    11.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3564
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1746
    12.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Namratlar Qoy Tebeytlik - 2 - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3599
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1804
    12.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.