Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3598
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1751
14.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
32.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺯەﺭﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ «.ﺩﯦﺪﻯ) .ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ 3ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪپ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ،ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ،
ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜﺭە
ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎﺩﺍ» :ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰ )ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ( ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ،ھﯧﭻ
ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯘۋﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ )ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﻳﺎﻣﺎﻥ
ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ( ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﻰ
ھﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ) ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ( ھﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﻤﯩﺰ «.ﺩﯦﺪﻯ.
)-47ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﺪﺍ» :ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ )ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ
ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ( ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ
)ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ( ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ ،ﺟﻪھﻪﻧﻨﻪﻣﺪە
ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺕ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ،ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﯗﻟﯘپ ،ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ )ﺑﻪﺗﭽﯩﺮﺍﻱ( ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ) .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( »ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ )ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ( ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻮﻗﯘپ
ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ )ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ( ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ«.
ﺩﯦﺪﻯ )-102ﺋﺎﻳﻪﺕ(

ﺳﯩﺮﺍﺕ)ﻛﯚۋﺭﯛﻙ(
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ۋە
ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ )ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ )ﺩﻭﺯﯨﺨﻰ(ﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ
ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﺍۋﺍﻧﺪﯗﺭ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ» :ﺋﻰ ﺍﷲ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻰ
ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ،ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ« ﺩەپ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ
ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﯩﺪﯗﺭ .ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪە ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
218

ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﻪﺩﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ،ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ،ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ» :ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ،
ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﻪﺩھﯩﻴﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ )ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﻗﺎﻣﯩﻐﺎ( ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﺸﻰ
ﻣﯘھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯘﺭ) «.ﺳﯜﺭە ﺋﯩﺴﺮﺍ-79ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ )ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ( ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ
)ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ( ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ .ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﮕﻪ
ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﻠﻪ ﺭەھﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ،ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ
ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ،ﺳﻮﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﻪﻙ ﺋﯚﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ« ھﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﺎھﺎﺑﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ:
»ﻣﻪﻥ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻏﺎ ﺋﺎﻧﺎﻡ ،ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﻪﻙ ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟« ﺩﯦﺴﻪﻡ،
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ »ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ )ﺋﺎﻝ(ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘپ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ
ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ )ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ(« ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻧﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ
ﺷﺎﻣﺎﻟﺪەﻙ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﯩﯟﺍﺭ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەﻙ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯ
ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ،ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ
ﺗﯘﺭﯗپ» :ﺋﻰ ﺍﷲ! ﺗﻨﭻ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻞ ،ﺗﻨﭻ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻞ!« ﺩەپ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﯩﻦ ﺳﺎﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﻱ
ﺋﯚﻣﯩﻠﻪپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ» :ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﻪﻙ ﻗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ
ﺑﺎﺭ .ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺴﺎ ،ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺩەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﻠﯩﭗ،
ﺗﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ .ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﻠﻐﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ
ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ« ﺩﯦﺪﻯ) .ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﻲ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ(

ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺑﺎﺭ
ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﺍﺕ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ
ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍۋەﺕ ،ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋە ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﻴﺎﺕ )ﻏﻪﻳﯟەﺕ،ﺋﺎﺯﺍﺭﺩەﻙ
ھﻪﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ( ﭘﺎﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ
ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ھﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ»ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ« ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ھﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ» :ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ
ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺧﺘﯘﺗﯘﻟﯘپ،
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺍﷲﻏﺎ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯚﺯ
ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘپ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ(

ﺗﯧﻨﭻ-ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻰ)ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ(

219

ﺗﯧﻨﭻ -ﺋﺎﻣﺎﻧﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻻﻛﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘپ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺍﷲ
ﺗﺎﺋﺎﻻ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻏﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ،ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ
ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪە ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺭﯗﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﻪﻗﯩﺪە ۋە
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﭼﺎﺭە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ
ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ.
ﺗﯧﻨﭻ -ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻰ)ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ(ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ
ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ .ﺷﯘﯕﺎ
ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﯩﺮﻯ،
ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺋﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ،ھﻪﺩﯨﺴﺘﯘﺭ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ،
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯗﺭ.
ھﻪﺩﯨﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩەﺳﺴﯩﮕﻪﻥ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ
ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺪﺭەﺗﯘﻟﻤﯘﻧﺘﻪھﺎﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪۋەﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﻧﻪﺟﻤﯩﺪە) » :ﺋﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ!( ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺋﯘ ﺟﯩﺒﺮﯨﺌﯩﻠﻨﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﺪﺭەﺗﯘﻟﻤﯘﻧﺘﻪھﺎ
)ﺩەﺭﯨﺨﻨﯩﯔ( ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺩﻯ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯘﻟﻤﻪﺋﯟﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩﺪﺭەﺗﯘﻟﻤﯘﻧﺘﻪھﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﺪﯗﺭ «.ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﯜﺭە
ﻧﻪﺟﯩﻢ -12ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ -15ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ(

ﺭەھﻤﻪﺕ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻗﯩﻠﯩﻘﻰ
ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪە ۋە ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ )ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ( ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ؟! ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ
ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪەﻛﺘﯘﺭ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە
ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻧﺪﺍ» :ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ۋە ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ
ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ -ﺯﯦﻤﯩﻨﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯕﻼﺭ «.ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﯜﺭە ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ -133ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ » :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯗ«.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ» :ﻧﯧﻤﻪﺕ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺭەﻳﻬﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ،ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﺳﻮﺭﺍﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ
ﺑﯩﺮ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ھﻪﺩﯨﺲ ﻟﯘﺋﻠﯘﺋﯘﻝ ﻣﻪﺭﺟﺎﻧﻨﯩﯔ -19ﺑﯧﺘﯩﺪە.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﻪﺭ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ 40ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ
ﻳﻮﻝ ،ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﻪڭ ﺗﯘﺭﯗپ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭ ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ،ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻗﯘﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ
220

ھﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺋﻪڭ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ۋە ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ
ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﺩﯨﻦ »ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﻰ 40ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﺑﯩﺮ
ﻛﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﺷﯘپ ۋە ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ۋە:
»ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻗﯘﺗﺘﯩﻦ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭەﺥ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯘﻻﻕ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘپ ،ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﻻﻕ ﺳﯜﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ،
ۋﺍﻟﯩﻠﺪﺍپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺳﻪﺗﻠﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﻳﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﭼﯘۋﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪە ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﺎﻳﻪﺕ» :ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﭘﻘﺎ ﻳﯩﭙﻪﻙ ۋە ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﯩﻦ )ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ( ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ )،ﺋﯘﻻﺭ( ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺋﯜﺯﯛﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯗ ،ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﺷﺎﺭﺍپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺪﯗ«.
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯘﺭ) .ﺳﯜﺭە ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ -21ﺋﺎﻳﻪﺕ( ھﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
»ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭەﺥ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜۋﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯘﻻﻕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻗﺘﯩﻦ ﺳﯘ
ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ،ۋﺍﻟﯩﻠﺪﺍپ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺭﺍھﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻣﺪەﻙ
ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎھﺎﺭەﺕ ﺋﺎﻟﺴﺎ ،ﭼﯧﭽﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﭼﯘۋﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ«.

ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺋﺎﺭﻗﺎ -ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﻪﺯﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯜﺯﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﭼﯜﻧﻜﻰ »ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﯧﻘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ«
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺲ ﺑﺎﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﯧﺴﺎپ ۋە ﺟﺎﺯﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ
ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﯧﺴﺎپ
ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎچ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﭘﻪﻗﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﺯﯗﻣﻪﺭﺩە» :ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮپ-
ﺗﻮپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ،ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﻝ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ〉 :ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ )ﮔﯘﻧﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ( ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﯕﻼﺭ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ
)ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ( ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯧﻠﯩﯖﻼﺭ〈 ﺩەﻳﺪﯗ «.ﺩەﻳﺪﯗ-73 ) .ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ۋە ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺲ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ» :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪڭ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻱ
ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪڭ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩەﻙ ﻣﯘﻧﻪۋۋەﺭ ﺑﻮﻟﯘپ
ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﭼﻮڭ -ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯗ ،ﺗﯜﻛﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ،
ﺗﺎﻏﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ،ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭙﺎﺭ ،ﺑﻮﻳﺴﯘﻟﻐﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻧﺪەﻝ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ
ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﺎﻕ -ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﻪﺩەﻧﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭﺩﯗﺭ .ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪەﻙ
221

ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ،ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪەﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ«
ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ(
ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ،ﺟﺎﻣﺎﻟﻰ ،ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻥ ،ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯟەﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ
ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە ﭘﺎﺭﺍﻏﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ۋە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
ﺭﻭھﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ
ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺭﯨﺰۋﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ» :ﭼﻮڭ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ )ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەھﺸﯩﺘﻰ(
ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ〉 :ﺍﷲ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ۋەﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘ〈 )ﺩەپ( ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ
)ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ( ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ «.ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﯜﺭە ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ -103ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯜﺭە ﺭەﺋﯩﺪﺩە» :ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺧﯘﺗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ
ۋە ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻣﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ )ﻣﯘﺑﺎﺭەﻛﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ( ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ) .ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ( 〉ﺳﻪۋﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﯩﺖ
ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﯧﻤﺪﯦﮕﻪﻥ
ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ!〈ﺩەﻳﺪﯗ « .ﺩﯦﺪﻯ -24 ،-23) .ﺋﺎﻳﻪﺕ(

ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﺮﻯ
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﯛﻣﺪە »ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ
ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻳﻮﻝ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﻣﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ .ﺋﯘ
ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ :ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ،ﻧﯧﻤﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯚﻱ -ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ
ﭼﯜﺷﯜﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە» :ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ
ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎڭ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە )ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪپ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ( ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە ﻛﺎﺗﺘﺎ
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﭘﻘﺎ ﻳﯩﭙﻪﻙ ۋە ﻗﯧﻠﯩﻦ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﯩﻦ )ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ(
ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ،ﺋﯘﻻﺭ( ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺋﯜﺯﯛﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯗ ،ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﺷﺎﺭﺍپ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﺘﯘﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻬﻨﯩﺘﯩﯖﻼﺭ
ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ «.ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ).ﺳﯜﺭە ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ -20ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ -22ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ :ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ
ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻧﺎﺯﯗ -ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﻣﻤﻰ ﺳﺎۋﺍﺗﺴﯩﺰ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺗﻪﺷﺮﯨﭗ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .ﺋﻮﻳﻐﺎﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .ﭼﯜﺷﯩﺪە ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻰ ۋەھﯩﻴﺪﯗﺭ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯘﺭ .ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻻﻳﻠﻰ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ۋە ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ
ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ» .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ
ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ» :ﺋﻰ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ! ﻣﯧﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻦ!« ﺩەپ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ
222

ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﮔﯚھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺕ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ﺍﷲﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ
ﺳﻪﺟﺪە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭ! ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘ» :ﺭەﺑﺒﯩﻤﻨﻰ
ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭ! ﺑﯘ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ
ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺳﻪﺟﺪە
ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻎ » :ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ!« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘ »ﺳﯧﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ» :ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﻪﻥ،
ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﻪﻥ« ﺩەﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺕ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯚھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﮔﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ،ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ،ﺯەﻧﺠﯩﺮ ،ﻗﯘﻟﯘﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ،ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻤﯘ
ﮔﯚھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺟﺎۋﺍھﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ۋە ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ
ﺭەﯕﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎۋﺍھﯩﺮ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﺎﺭۋﺍﺗﻼﺭ ،ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭ ۋە ﻗﯩﺰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﺎﺭﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯚۋﯨﻨﻰ
ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻮﻏﺎﻥ ھﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻗﺎﺕ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﭼﯩﻘﻰ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﻪﺩەﻧﺪﯗﺭ .ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ،ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﺪﯗﺭ) .ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚﺯ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ( ﺋﯚﻳﯟﺍﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩەﻡ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ھﻪﺳﺴﻪ
ﻛﻪﯕﺮﯨﺪەﻙ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ» :ﺋﯩﮕﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ!« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯩﮕﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ،ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ:
»ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﯗﺭ .ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯛڭ ﻛﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ.
)ﺗﯩﺒﺮﺍﻧﻰ ۋە ھﺎﻛﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(
ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺳﺖ ھﻪﺩﯨﺴﻨﻰ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ» :ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﻪۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﯩﻼﺭ» :ﺋﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ! ﺑﯘ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﺒﯩﻤﯘ؟« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ» :ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺍﷲﻏﺎ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺩەپ
ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭ« ﺩﯦﺪﻯ.
ﺑﯘ ھﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻰ ،ﺳﯜﺭە ھﻪﺩﯨﺪﺩە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:
»ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪەﻙ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ،ﺋﯘ )ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ( ﺍﷲﻏﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ
ﺍﷲﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﻟﯩﺪﯗﺭ) ،ﺍﷲ( ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﻠﯩﺪﯗ ﺍﷲ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺯﻝ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ-21) «.
ﺋﺎﻳﻪﺕ(

ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺵ
ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎۋﺯﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ،ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﻣﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ :ﺋﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﻰ
ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﻢ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺴﻪﻥ؟ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯧﺰﯨﻞ
ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەﻣﺴﻪﻥ؟ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﻐﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﺘﯩﻨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەﻣﺴﻪﻥ؟
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺸﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼﻣﺴﻪﻥ؟ ﻗﯩﺶ
ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻻﻱ ﺳﯩﻤﯘﻧﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻻﻳﻤﯩﺪﯗ ،ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭ! ﺳﯧﻨﯩﯔ
223

ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮەﺭ
ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﯘﺭﯗپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ،ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﭗ» :ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ،
ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺸﻰ ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﯩﻦ ،ﻗﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﻱ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺭﺩﯨﻦ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ
ﺷﯧﻐﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻗﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭۋﺍﻳﯩﺖ .ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﺯەﭘﻪﺩﯨﻦ ،ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍھﻪﺗﻼ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ .ﺧﺎﭘﯩﻖ
ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻧﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯗ .ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ«
ﺩﯦﺪﻯ) .ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ(

ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ
ﺋﻪﺩﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ :ﺋﻪﺩﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ﺋﻪﺩﻧﻰ
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ« ﺩﯦﺪﻯ .ﺗﯩﺒﺮﺍﻧﻰ ۋە ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯩﺪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ
ھﻪﺩﯨﺲ ﺋﯚﻟﻤﺎﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻛﻰ :ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﺋﻪﺩﻧﻰ
ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺸﻰ ﺋﺎﻕ ﮔﯚھﻪﺭﺩﯨﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺸﻰ
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻗﯘﺗﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺸﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺯەﺑﻪﺭ ﺟﻪﺩﺩﯨﻦ ،ﻟﯧﻴﻰ ﺋﯩﭙﺎﺭﺩﯨﻦ ،ﺋﻮﺕ -ﭼﯚﭘﻠﯩﺮﻯ
ﺯەﭘﻪﺩﯨﻦ ،ﺷﯧﻐﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭۋﺍﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ،ﺗﻮﭘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ» :ﺳﯚﺯﻟﻪ!«
ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ» :ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺩ -ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ
ﺩەﻳﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ :ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ھﻪﻣﻤﻪ
ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺮ
ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ۋە ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩﻯ ،ﺑﺎﺵ
ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻼھﻰ ﺑﯩﺮ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺑﯩﺰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ» :ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﺟﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ
ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ؟« )ﺳﯜﺭە ﺳﺎﺩ -75ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ:
»ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﻪﺩﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ،ﺍﷲ
ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺩەپ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ،ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ
ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﯩﺘﺎ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﯩﺰ.
ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺯﯦﻬﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ :ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ
ھﻮﻗﻮﻗﺪﺍﺭ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺕ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ،ﺷﯘ ﺋﯩﻤﺎﺭەﺕ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﺎﺩﺷﺎھ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﭼﻘﺎ ۋە ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺩﺷﺎھ ﭘﯜﺗﯜﻥ
ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻻپ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ» ،ﭘﺎﺩﺷﺎھ ﻗﯘﺭﻟﯘﺵ ﺳﺎﻟﺪﻯ« ﺩﯨﻴﯩﻠﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﺎﺩﺷﺎھ
ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮەﺭ ﺗﺎﺷﻨﻰ ،ﻳﺎ ﺑﯩﺮەﺭ ﻗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﺴﺎ» :ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﺩﺷﺎھ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺶ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪﺭﺩﻯ« ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ :ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ
ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺋﻪﺩﻧﻰ ﺟﻪﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ،
ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﺪە ،ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺲ ﺷﻪﺭﯨﭙﺘﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﭘﺎﻻﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
224

ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﺩەپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪۋەﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺩەپ
ﭼﯜﺷﻨﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯘ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﺑﯩﺮەﺭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭ ،ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ھﻪۋەﺱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺭﺍھﻪﺗﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ
ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺴﺎ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛپ
ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﻗﯘﻻﻗﻼﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﭼﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ۋە ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ.
ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ھﻪﻣﺪە ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﺍ ،ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ
ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ،
ﺳﯚﺯ – ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﯛپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ،
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﭼﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ« )ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ-143ﺑﻪﺕ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪە)» :ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( »ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻢ! ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﻳﻮﻕ ﻏﻪﻡ-
ﻗﺎﻳﻐﯘﻣﯘ ﻳﻮﻕ« )ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ( .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ۋە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ
ﺋﯩﺪﻯ) .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( »ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺧﯘﺷﺎﻝ -ﺧﯘﺭﺍﻡ ھﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ«
)ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ( .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻟﯧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩە )ﺗﺎﺋﺎﻡ( ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺟﺎﻣﻼﺭﺩﺍ )ﺷﺎﺭﺍﺏ( ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ
ﻛﯚﯕﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ.
ﺳﯩﻠﻪﺭ )ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ( ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ )ﻳﺎﺧﺸﻰ( ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺩﯗﺭ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ )ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ( ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ «.ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﯜﺭە ﺯﯗﺧﺮﯗﻑ -68ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ
-73ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ » :ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ〉 ،ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺍﷲﺩﯗﺭ〈 ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﺍ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﯜپ〉 :ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﯕﻼﺭ ،ﻏﻪﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ۋەﺩە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ،ﺑﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ،ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﺘﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻣﯩﺰ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ۋە ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ،
)ﺋﯘﻻﺭ( ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮەﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ،ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ )ﺍﷲ( ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ
ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﯘﺭ〈 ﺩەﻳﺪﯗ) «.ﺳﯜﺭە ﻓﯘﺳﺴﯩﻠﻪﺕ -30ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻧﻜﻰ :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭھﯩﻲ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻪﺧﯩﺖ -ﺳﺎﺋﺎﺩەﺗﻨﯩﯔ
ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﺪﯨﺮﻻﺭ ،ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺩﺍ
ﻗﻮﻳﯘﺵ ۋە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ »ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ۋە ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ؟ ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﭼﯧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﻧﻰ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﺋﻪﺭﺭﺍھﻤﺎﻧﺪﺍ» :ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯚﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ« )-72
ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺩەﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻠﺪﺍ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ؟
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪھﻠﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻮﺯﻭﺭﻯ ۋە ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ،ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭ
ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎۋﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ
ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯗ ،ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺟﺎۋﺍﺑﻰ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺭﺍﺳﯩﺖ ۋە ﺋﻮﭼﯘﻕ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﯘﺭ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ
ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ» :ﻣﯚﻣﯩﻨﮕﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﻛﺎۋﺍﻙ ﻣﻪﺭۋﺍﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 60
225

ﻣﯩﻞ )ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 100ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﺍ( ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻤﯘ 60ﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﯧﺪﯨﺮﺩﺍ ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪپ ﻳﻮﻗﻼپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﻪﺯﯨﺴﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﺪﯨﻢ:
ﺳﯘﺑﻬﺎﻧﻪﻟﻼ! ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭ .ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ
ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ۋە ﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ:
»〉ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ۋە ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﺘﻪ ﺩﻭﺳﺘﯘﯕﻼﺭﻣﯩﺰ .ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ
ۋە ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ〈 ﺩەﻳﺪﯗ «،ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ
ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪۋﻑ )ﺭەﺯﯨﻴﻪﻧﻼھﯘﺋﻪﻧﻬﯘ( ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﺩەﻙ ،ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻖ ۋە
ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﻗﻠﯩﭗ ،ﻛﯚپ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺑﺎﺯﺍﺭ
ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺌﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ
ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ھﻪﺩﯨﺲ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻴﺘﯩﺪﯗ :ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ ﺭەﺯﯨﻴﻪﻟﻼھﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ
ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ» :ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ
ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ،
ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺗﯧﮕﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ
ﮔﯜﺯەﻟﺮﺍﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻻ ﭼﺎﻗﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ :ﺍﷲﻏﺎ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ،ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ ،ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ) .ﺳﻪھﯩﻬﯘﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ
-145ﺑﻪﺕ(

ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭ
ﭘﻪﻳﻼﺳﯘﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ،ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺩﻯ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ
ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺱ ﺭﻭھﺎﻧﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻧﯧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ھﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ،ﺩەپ ﮔﯘﻣﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ .ﺑﯘ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺧﺎﺗﺎ ۋە ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ۋە ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ
ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﻪﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ
ﺋﯧﺘﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ:
.1ﻧﯩﺌﻤﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭھﻼﺭﻏﺎ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﺭﻭھﻼﺭﻏﺎ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺭﻭﻻﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺸﯩﭗ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻪﺩەﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
ھﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺷﻪھﯩﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ،ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ،ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻪﺩەﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺭﻭھﻼﺭ ﺷﯘ ﺑﻪﺩەﻧﮕﻪ
ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ،ﺷﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎ ﻧﯩﺌﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪﺩەﺭ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ» :ﺷﻪھﯩﺪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺸﯩﻞ
ﺋﯘﭼﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺟﺎﻧﯟﺍﺭﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﻳﺮﺍﻳﺪﯗ ،ﺋﻪﺭﺵ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ
ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻏﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻧﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭﻧﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ
ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ» :ﺍﷲ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩەپ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ
ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺩەﺭﮔﺎھﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﺰﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ )ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ
ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺭﯨﺰﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ( .ﺋﯘﻻﺭ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ
226

ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪﺯﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﺪﯗﺭ ،ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ )ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﻬﯩﺖ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ( ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ )ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﺘﻪ( ﻧﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ )ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ( ﻧﻪ
ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺵ ﺧﻪۋەﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ) «.ﺳﯜﺭە ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ -170 ، -169
ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
.2ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ،ﺭﯨﺰﻕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﻙ
ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ،ﮔﯜﺯەﻝ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯚﻱ – ﺋﯩﻤﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ،
ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺕ – ﺋﯘﻻﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜچ – ﻗﯘﺩﺭەﺕ ،ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ
ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﺎﻣﯩﻞ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.
.3ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ،
ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮەﺕ ھﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪۋﺯەﻝ ﻛﯚﺭﯛﺵ ،ﻳﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ
ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ
ﻳﯘﺭﺗﻰ ،ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ۋە ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺵ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ ھﻪﻡ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ھﻪﻡ ﺭﻭھﺎﻧﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺟﯩﺴﯩﻢ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭھ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﺋﺎﺧﯩﺮەﺕ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗ –
ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺱ ﺭﻭھﺎﻧﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻐﺎ ﺳﯩﻐﺎﻣﺪﯗ .ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھﺎﻳﺎﺕ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ
ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﺩەﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯘ ﻣﯘﺩﺩەﺗﺘﻪ ﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺗﻪﻥ
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ،ﺭﻭھﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺭﻭھﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯧﻠﮕﯧﺮﺍﻣﻤﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘ
ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ» :ﻣﯩﻴﺘﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﻛﻪﻟﺴﻪ ،ﻣﯩﻴﺖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ ۋە ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ
ﺟﺎۋﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ) .ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﻪﺭﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ »ﻛﯩﺘﺎﺑﯘ ﺋﻪﺯۋﺍﺋﯩﻞ ﺑﺎﻳﺎﻥ«(
ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﻡ ﺭﻭھﺎﻧﯩﻲ ھﻪﻡ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺩەﻟﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ،
ﺷﻪﺭﯨﺌﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﺩەﻙ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﻮﻕ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ۋە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ
ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ،ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ
ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ)» :ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( 〉ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻢ! ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﻳﻮﻕ
ﻏﻪﻡ -ﻗﺎﻳﻐﯘﻣﯘ ﻳﻮﻕ〈 )ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ( .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ۋە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ) .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ( 〉ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺧﯘﺷﺎﻝ -ﺧﯘﺭﺍﻡ ھﺎﻟﺪﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ
ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ〈 )ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ( .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻟﯧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩە )ﺗﺎﺋﺎﻡ( ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺟﺎﻣﻼﺭﺩﺍ )ﺷﺎﺭﺍﺏ( ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻟﻪﺯﺯەﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ
ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺳﯩﻠﻪﺭ )ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ( ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ )ﻳﺎﺧﺸﻰ( ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪﻧﻪ
ﺷﯘﺩﯗﺭ .ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ )ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ( ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ) «.ﺳﯜﺭە ﺯﯗﺧﺮﯗﻑ -68
ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻦ -73ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ(
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼھﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ۋەﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ
ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻏﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ» :ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ
ﻳﻪﻳﺪﯗ ،ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ ،ﺗﯜﻛﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ،ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ« ،ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ» :ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﻧﻪﮔﻪ
227

ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟« ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ» :ﻛﯩﻜﯩﺮﯨﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﯩﭙﺎﺭﺩەﻙ ﺗﻪﺭﻟﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻳﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘﺑﻬﺎﻧﻪﻟﻼھﯘ ،ﺋﻪﻟﻬﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼھ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺗﯩﻨﯩﻖ
ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪەﻙ« ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ :ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯚۋەﻥ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ
ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ،ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺑﻮﻟﯘپ،
ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻟﯧﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻏﯩﺰﺍ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯧﮕﻪﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ،ﻟﻪﺯﺯەﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺭﺩەﻙ ﻛﯩﻜﯩﺮﯨﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﯖﯩﭗ
ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯗ« ﺩﯦﺪﻯ) .ﺗﻪﺑﺮﺍﻧﻰ
ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ(
ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩەﻟﯩﻞ – ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ
ﺋﻪھﻠﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭھﺎﻧﯩﻲ ھﻪﻡ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ
ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﯨﺒﯘ – ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ،ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ ،ﺳﺎﭘﺎﻻﺭﺩﺍ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ،ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻧﺎۋﺍﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺶ ،ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ
ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪپ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ،ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﺎ ﺋﯘﭼﺮﯗﺷﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭەﺕ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻧﻼﺭﭼﻪ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە
ھﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻻﻳﻠﻰ ،ﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪۋەﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە» :ﺍﷲ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ
ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻳﺰﯛﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە ﻣﻪﺭۋﺍﻳﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ )ﻳﻪﻧﻰ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺗﻪۋھﯩﺪﻛﻪ(
ھﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ،ﺍﷲﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ھﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ) «.ﺳﯜﺭە ھﻪﺝ -24 ،-23ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭۋﺍﺗﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ)» :ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ( ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ
ﺑﻮﻟﯘپ )ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ( ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﺯﯗ -ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺍﷲﻏﺎ
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ،
ﺋﯘﻻﺭ )ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ( ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Moiminler Eqidisi - 24
  • Büleklär
  • Moiminler Eqidisi - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2188
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1237
    14.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3669
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1773
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3777
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1795
    13.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3775
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    14.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3705
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1666
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3753
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1662
    14.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3707
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1772
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3890
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1464
    16.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    15.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3847
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    16.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3772
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1419
    16.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3799
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1581
    14.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3636
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1578
    16.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3676
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1673
    14.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3698
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1769
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3640
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1533
    15.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3658
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1683
    14.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3556
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1676
    15.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3591
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1612
    16.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3636
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3705
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1774
    14.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3598
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1751
    14.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3670
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1707
    13.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3684
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    13.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3713
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1776
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3746
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1615
    14.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3818
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1532
    15.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 1708
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 853
    19.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.