Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3707
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1772
13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
30.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ۋە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺳﻪۋەﺏ ﺷﯘﻛﻰ :ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ
ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺍﷲ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﻪ .ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ
ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭەﺏ ﻣﯘﺷﺮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﻯ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ۋە ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﻼﺭ
ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺍﷲﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﻣﻪﺋﺒﻮﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ،ﻣﻪﺑﻮﺩﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮەﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ
ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﺸﻘﺎﻥ .ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺑﯘﺕ ۋە
ھﻪﻳﻜﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ھﻪﺗﺘﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ
ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ،ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﻤﯘ ۋە
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺋﺒﻮﺩﻟﯩﺮﻧﯩﻤﯘ »ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ« ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻣﯩﻐﺎﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺧﯘﻱ -
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ،ﺭﯨﺰﻕ ﺑﯧﺮﺷﯩﺪﯨﻦ ،ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ
ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ،ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺵ
ﺋﯩﺪﻯ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯩﻘﺮﺍﺭﯨﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭەﺭﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ،
ﺳﯜﺭە ﻳﯘﻧﯘﺳﺘﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ)» :ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ! ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻏﺎ( ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ〉 ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ )ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗپ( ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ )ﮔﯩﻴﺎ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛپ( ﻛﯩﻢ ﺭﯨﺰﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻼﺵ
ۋە ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) ،ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻨﯩﯔ( ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
54

ﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟〈 ﺋﯘﻻﺭ )ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ(〉 :ﺍﷲ〈ﺩەﻳﺪﯗ .ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ)〉 ،ﺍﷲﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﮕﻪ
ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ( ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟〈« ) -31ﺋﺎﻳﻪﺕ( .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﺯﯗﺧﺮﯗﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ〉 :ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ〈 ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎڭ ،ﺋﯘﻻﺭ:
〉ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ۋە ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻏﺎﻟﯩﺐ ،ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ )ﺍﷲ( ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ〈 ﺩەﻳﺪﯗ-9) «.
ﺋﺎﻳﻪﺕ( .ﻳﻪﻧﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺳﯜﺭە ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﯘﻧﺪﺍ» :ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ〉 ،ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ۋە ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺭﺷﻨﯩﯔ
ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﻛﯩﻢ؟〈 ﺋﯘﻻﺭ〉 :ﺍﷲ〈 ﺩەﻳﺪﯗ .ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ〉 ،ﺋﯘﻧﯩﯔ )ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ( ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟〈«.
ﺩەﻳﺪﯗ-87 ،-86) .ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻳﻪﻧﻪ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺳﻮﺭﯨﺴﺎڭ ،ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ 〉ﺍﷲ〈 ﺩەﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ )ﺍﷲﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ( ﺑﯘﺭﯗﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟« )ﺳﯜﺭە ﺯﯗﺧﺮﯗﻑ -87ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ
ﻳﺎﺭﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻣﭽﻪ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ -19 ،-18 :ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ
ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﺎﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ھﯧﭽﻘﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ
ﺗﻮﻧﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﻣﺎﺭﻛﺴﭽﻪ ،ﻟﯧﻨﯩﻨﭽﻪ ﻛﻮﻣﻮﻧﯩﺰﻡ ۋە ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ۋەﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ
ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎ ۋە ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ
ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﯛﻡ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺍﷲ
ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﺵ ۋە ﺍﷲﻏﺎ )ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ( ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﺭ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﯧﺰﯨﻤﺪﯗﺭ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ۋە ﺍﷲ ۋﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﺳﺎﻗﯩﻠﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﺭە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺍﷲﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩەپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺴﺰ ،ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼھﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﻠﻪﺭ ۋە
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﻪۋەﺏ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ
ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﺭ
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻨﺪﯗﺭ.
)ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻼھﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻱ ،ھﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯩﻼھﻼﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ(

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ
ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ ،ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ۋەﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘچ
ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﯘھﯩﻢ
ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ 5ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﺘﯘﺭ.
.1ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ )»ﺩﯨﻦ« ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ(ﻧﯩﯔ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ
55

ﺋﺎﻣﻤﺎ ،ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎھﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘ )ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ(ﻧﯩﯔ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺧﺎﺭﻟﯩﺸﻰ ۋە ﺩﯨﻨﻰ ،ﺭﻭھﯩﻲ ﻛﯜچ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺸﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺑﯩﭽﺎﺭە
ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ )ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﯩﮕﻪ( ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
.2ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ )ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪە
ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻱ( ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺸﻰ ۋە ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺯﯨﺖ ۋە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﻣﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ
ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺗﯩﻞ ،ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺴﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ،ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ۋە ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ،ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ
ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻨﯩﺸﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯨﻠﺪﻯ.
.3ﺩﯗﻧﻴﺎۋﻯ )ﭘﻪﻧﻨﻰ( ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﻰ ،ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ،ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ۋە ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﻰ،
ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﺎ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ
ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯜچ ،ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭھﻰ ﻛﯜچ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﺴﻪ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘپ،
ﺑﯧﺸﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ -ﺩە ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ )ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ( ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺩەپ
ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺋﺎﻣﻤﺎ ،ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ،ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ
ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮ -ﺋﻪﺳﺮﺍﺭﯨﺘﻰ ،ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ،ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ،ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﺴﯩﺰ ،ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﺎ ،ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ
ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ،ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ
ﺋﯩﺪﻯ .ﭘﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﻰ ،ﺩﯨﻦ ﺍﷲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺋﯩﺪﻯ .ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.
.4ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻡ ۋە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ
ﻗﯧﭽﯩﺸﻰ »ﺩﯨﻦ«ﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ
»ﺩﯨﻦ«ﻧﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﻟﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ،ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺑﯩﻬ ﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯ ،ھﺎﺭﺍﻡ
ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺭﺍۋﺍ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ۋە ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯘﻧﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ،
ﺩﯨﻨﯩﻲ ۋەﺯﯨﭙﻪ ،ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ۋە
ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺗﯧﭙﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ »ﺩﯨﻦ« ﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﯜﺳﻰ
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
.5ﺋﯩﺴﻼﻡ ھﯚﻛﯜﻣﻠﯩﺮﻯ )ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ(ﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘﻟﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ
ﻳﯘﺷﯘﺭﻧﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺭﻭھﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻپ ۋە ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺭﻭھﻰ
ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ۋە ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﻰ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺸﻘﺎ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ ،ھﯧﻠﻪ -ﻣﯩﻜﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻮﺩﻟﯩﻘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ ۋە ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ
ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎﻥ .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﮔﻪ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ۋە ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ) .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘ،
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ (.ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻰ
ﻛﻮﻣﻤﻮﻧﯩﺴﺘﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ،
56

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﺷﻘﺎ ،ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ،ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﯛپ ﺩﯛﻡ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ
ﻛﻪڭ ،ﺋﺎﺯﺍﺩە ﻣﻮھﺘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ .ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ،ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻳﯜﻛﻠﯩﺪﻯ .ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺩﯙﯕﮕﯩﺪﻯ ،ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﻰ
ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﺎﮔﺎھ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ! ﺍﷲﻏﺎ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ
ھﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ،ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ،ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ۋە ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ۋە ﺭﻭھﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ھﺎﻳﺎﺕ
ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ۋە ﭘﯜﺗﯜﻥ
ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭەھﯩﻢ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ھﻪﺗﺘﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺖ -ﺳﺎﺋﺎﺩەﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺩﯨﻦ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ
ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪۋەﺑﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘپ ۋەﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ
ﺗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪڭ ﺗﯚۋەﻥ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ھﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ
ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻘﯩﻢ
ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺧﯩﺘﺘﯩﺪﯗ ،ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ
ﺭﺍﺳﺖ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ،
ھﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ،ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ
ﻗﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯘۋﯗپ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﭽﻪﻙ
ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ۋە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ھﻪﻕ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺴﯩﺰ ،ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺩەۋﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ
ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺭەپ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ
ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ،ﻛﻮﻣﻤﻮﻧﯩﺴﺘﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯜﮔﯩﺸﯩﺪﯗ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ :ﺩﯗﻧﻴﺎ،
ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﻳﺎۋﺭﯗﭘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﺎ ۋە ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﻻﻳﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ۋە ﺋﺎﺧﯩﺮەﺗﻨﯩﯔ
ﺑﻪﺧﺖ -ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺑﻪﺧﺖ ﻳﻮﻟﻰ ۋە ﺳﺎﺋﺎﺩەﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ
ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ،ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ،
ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯩﺴﺎ ۋە ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﻪﻟﭽﻰ
ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﻖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺍﷲﻧﯩﯔ ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﺪەﻙ ،ھﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺪﻯ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ،ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﺯﻯ
57

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ» :ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﯩﻼ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ«.
ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ» :ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ
ﺋﯩﺴﺎ〉 :ﺋﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ! ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺍﷲ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﺗﻪۋﺭﺍﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺧﯘﺵ ﺧﻪۋەﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻣﻪﻥ〈 ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ〉 :ﺑﯘ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺳﯧﻬﯩﺮﺩﯗﺭ〈 ﺩﯦﺪﻯ) «.ﺳﯜﺭە ﺳﻪپ -6ﺋﺎﻳﻪﺕ(
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ »ﺑﺎﺭﭼﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪۋﻣﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺩەﻟﯩﻞ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻏﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ
»)ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ!( ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ »ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﻣﻪﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺍﷲ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﻤﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ )ﺳﯜﺭە ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ -158ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ۋە
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ »ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ )ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ( ﺧﯘﺵ
ﺧﻪۋەﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ۋە )ﻛﺎﻓﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ( ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﺘﯘﻕ .ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ )ﺑﯘﻧﻰ( ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ «.ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ) .ﺳﯜﺭە ﺳﻪﺑﻪﺉ -28ﺋﺎﻳﻪﺕ( ھﻪﻡ ﺍﷲ
ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ »ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﺳﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯚﺯ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ
)ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ(ﻛﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ )ھﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎھﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ( ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﺕ ﺑﻪﻙ
ﺋﯘﻟﯘﻍ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺩەﻟﯩﻠﺪﯗﺭ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭙﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺷﯘﻛﻰ :ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ۋە
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎۋﺍﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ۋە ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ،ﺩﯨﻨﻨﻰ
ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗپ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﻰ .ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭ ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ ﺋﯩﺴﺎ
ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭ ھﯩﻠﻪ ﻣﯩﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﯨﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﭘﺎﺧﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯘﺕ ﭘﻪﺭەﺳﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ
ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ .ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ ۋە
ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﺪە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ» :ﻣﻪﻥ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﻪﻥ«
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ» :ﺋﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ۋە ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯩﮕﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺍﷲﻏﺎ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ! ھﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺍﷲ
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ھﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻳﻰ ﺋﻮﺕ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ
ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ۋﺍﭘﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻣﭽﻰ ﻳﻮﻕ« )ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﻗﯘﻝ
ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ،ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗپ ،ﺗﻪۋھﯩﺪ
ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗپ » ﺋﯩﺴﺎ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ،ﺋﯩﺴﺎ -3ﺧﯘﺩﺍ«
ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ،ﺗﻪۋھﯩﺪ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺑﯘﺕ ﭘﻪﺭەﺳﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ
ﺋﯩﺪﻯ .ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ )ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ( ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﻕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ
ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﻰ(.
ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﯩﻨﻰ ،ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﻰ ﺷﯘﻛﻰ:
ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﯩﺠﯩﻠﻨﻰ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭ ﮔﻪپ ﻗﻮﺷﯘپ ،ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮ
ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻐﺎ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻧﻜﻰ :ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ )ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼھ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ(
ﻳﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﻨﻠﯩﻘﻰ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ،ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
58

ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺭەھﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ،ﺧﺎﺱ ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ۋە
ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ،ﺧﺎﺱ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻧﻜﻰ :ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﭼﯘﻕ
ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ
ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ،ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺳﻪﻟﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ .ﺭەھﯩﻤﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪھﯘﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯩﻠﻪ ﻣﯩﻜﺮﻯ ،ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﭽﯩﻠﯩﻚ
ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﺘﻰ.
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻨﺪﯨﻖ )ﺩﯨﻨﺴﯩﺰ(ﻻﺭ ،ﺑﺎﺗﯩﻨﯩﻴﻪ ﺗﺎﺋﯩﭙﻰ ۋە ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺗﭽﻰ ﺳﻮﭘﯩﻼﺭ ۋە ﺩﯨﻦ
ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺯﻏﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ۋە ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺷﺘﻰ .ﺑﯘ ﺗﺎﺋﭙﻪ
)ﮔﻮﺭﯗھ(ﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ھﯩﺴﺎﺑﻼپ ﺗﯘﺭﯗپ ،ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺵ ،ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ،ۋەﻳﺮﺍﻥ
ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﻡ ،ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ھﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎچ ،ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻻپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ
ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ
ﻛﯚﺯ ،ﻗﯘﻻﻕ ،ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛپ ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ» .ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ
ھﺎﻗﺎﺭەﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﯩﺮﻧﺴﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻝ ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭﻏﺎ
ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ .ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺩﯦﺮﯨﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ۋە
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ۋە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﺧﯧﺘﯩﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ )ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪە ،ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ،ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ
ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ ،ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ( .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ» :ھﯩﻴﻠﻪ -ﻣﯩﻜﯩﺮﻧﯩﯔ ۋﺍﺑﺎﻟﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﯩﻴﻠﻪ
ﻣﯩﻜﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) «.ﺳﯜﺭە ﻓﺎﺗﯩﺮ -43ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ﺩﯦﮕﻪﻥھﯧﻜﯩﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ :ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺍﷲﻧﯩﯔ ھﻪﻕ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎ -
ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ،ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻛﯚﺭﯛپ
ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ »ﺭەﺏ« ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪە
ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ
ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﻰ ،ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺷﯘ
59

ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ »ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ« ﻟﯩﻖ
ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪە ۋە ھﻪﺭﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺩەﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻜﻪ
ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ ،ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚپ
ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺷﻜﺎﺭە ﻛﯚﺭﯗﻧﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ۋﺍﻗﺘﭙﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯩﻦ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ
ھﻪﺯەﺭ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋە ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ) ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ( ۋە
ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﻰ )ھﻪﺩﯨﺴﻰ(ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ »ﺷﯧﺮﯨﻚ«
ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ،ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ
ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﺎﻟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
.1ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﺑﯩﻠﻤﺴﯩﺰ ﺋﺎۋﺍﻡ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ :ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪە ﻗﯘﺗﯘﺑﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺑﺪﺍﻟﻼﺭ ﺩەپ
ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎھ ،ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺑﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻰ
ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ .ھﻮﻗﻮﻗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺗﻠﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮەﻟﻪﻳﺪﯗ ،ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ .ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯩﺪﯗ ،ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ ﺩەپ
ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺑﺎﺭ .ﺷﯘ ﻗﯘﺗﺒﯩﻠﻪﺭﺩە ،ﺋﺎﺑﺪﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺩەﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘ ﺩەﭘﺘﻪﺭ
ﺳﺎﻟﯩﻬﻼﺭ ﺩەﭘﺘﯩﺮﻯ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺩەﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺭ )ﭘﺎﻻﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﺎﻻﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ
ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ،ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭘﺎﻻﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ( ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯩﻤﯩﻠﻪﺭ
ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚپ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ .ﺳﺎﻟﯩﻬﻼﺭﻧﻰ ﻏﺎﺋﯩﺒﺎﻧﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ )ﺩﺍﺩ ﭘﯩﺮﯨﻢ( ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە،
ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﺎﻟﻪ ﭘﻪﺭﻳﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺟﺎﭘﺎ -ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﺩﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺷﯘ ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺍﷲﻏﺎ »ﺭەﺏ« ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﺭﺑﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺷﯧﺮﯨﻚ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﺪﯗﺭ.
.2ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪھﻠﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ )ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ( ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎﻻﺭ ،ﺳﺎﻟﯩﻬﻼﺭ
ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە
ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ۋە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺭﻭھﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻗﻪۋﺭﯨﻠﻪﺭ ،ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻟﻪﺭ ،ﺳﯜﻣﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﻧﺎھ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ،ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ھﻪﺭ
ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﺴﻪ ،ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ،ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺷﯘ ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ،ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻟﻪﺭﮔﻪ
ﻳﯜﮔﯜﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﻮﭘﯘﻏﻠﯩﺮﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ »ﺩﺍﺩ ﻏﻪۋﺳﯘﻝ ﺋﻪﺯەﻡ!« ﺩەپ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ،ھﺎﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍۋﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻﻳﻰ -ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ،
ھﺎﺟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﻗﻪﺑﺮە ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ
ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭۋﺍھﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺩەﺕ -ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ھﻪﺗﺘﺎ
ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ» :ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ ،ﺩەﺭھﺎﻝ ﻗﻪﺑﺮﺳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯕﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻪﺑﺮﺳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﺭۋﺍھﻼﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ .ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ،
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ۋە ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭە ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﻪﻙ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ،ﺳﺎﻟﯩﻬﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ،ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗپ
ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﺎﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﺵ ،ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ ﺩەپ
ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ »ﺭەﺏ« ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ
60

ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ.
.3ﺟﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ،ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺟﯩﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩەﺭﺩﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺟﯩﻨﻼﺭ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﻝ ﺑﻮﻏﯘﺯﻻﺵ ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻗﯘﺩﯗﻕ ﺑﺎﺷﯩﻐﺎ ﺗﻮﺧﯘ ،ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻱ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪە
ۋە ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ۋﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﻣﺎﻝ ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ۋﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ،ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﻝ ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ
ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ
ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ :ﺟﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗپ ۋە ھﻮﻗﯘﻕ
ﺑﺎﺭ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ
ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻳﺎﻳﺪﻯ .ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺟﺎھﯩﻞ،
ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺍﷲﻏﺎ
ﺭەﺑﻠﯩﻜﺘﻪ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .ﺍﷲ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻧﺎھﯩﺪﺍ
ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ!
.4ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭەﺑﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ
ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ :ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗپ ﻣﺎﺷﺎﻳﯩﺨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ،ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺳﺎھﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ۋە ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼپ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ
ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ
ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ،ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﯨﻚ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﺪە
ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ،ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ،ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﺋﻪھﻠﯩﻨﻰ )ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﻰ( ،ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺩەۋەﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﻧﻰ
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺧﯘﺵ ﺩەپ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺋﯚﺯ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ،ﺋﯚﺯ ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﮕﻪ ﺩەپ
ﺗﻮﻧﯘپ ،ھﻪﻣﻤﻪﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺗﻮﻧﯘپ ،ﻣﻪﺧﭙﻰ -ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ
ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩەپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺭ ﺗﯘﺗﯘپ،
ﺟﯧﻨﯩﻐﺎ ،ﻣﺎﻝ -ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ،ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺑﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﮕﯩﺶ ،ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ،ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ
ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑﯘ
ﺳﻮﭘﯩﻼﺭ ) ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﯩﭽﺎﺭە ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ( ﻏﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺋﺒﻮﺩ ۋە ﻣﯘﺭەﺑﺒﻰ ﺑﻮﻟﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ
ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
.5ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﺭ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻮﻟﯘﻕ
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺧﯩﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ
ھﯚﻛﯜﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ،ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘپ ،ھﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ھﺎﻻﻝ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ،ھﺎﻻﻟﻨﻰ ھﺎﺭﺍﻡ ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ )ﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﭼﻪﻛﻠﮕﯩﻨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ
ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ،ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﯨﺴﯩﻤﯘ( ﺧﻮﺵ ﺩەپ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ،ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻣﻪﻱ ،ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺶ
ﺍﷲﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ.
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ھﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ،ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩەپ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ .ﺋﺎﺷﯘ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ھﻮﻗﻮﻗﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭەﺑﻠﯩﻚ )ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ(
ھﻮﻗﻮﻗﯩﻐﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺍﷲﻏﺎ ﺋﺎﺳﯩﻲ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ
61

ﺑﻮﻟﯘﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗپ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯗﺭ.
ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﻰ ﺋﻪﺩﻯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ھﺎﺗﻪﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎھﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﺩﯨﺲ
ﺷﯧﺮﯨﭙﺪﯗﺭ .ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻚ ﺟﺎھﯩﻠﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﻪﺳﺮﺍﻧﯩﻲ )ﺧﯩﺮﺳﺘﯩﺌﺎﻥ( ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﻳﻪھﯘﺩﻯ ،ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ ،ﺋﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ» :ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯩﺒﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺭﺍھﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ )ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ( ۋە ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ
ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻬﻨﻰ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ) .ھﺎﻟﯩﺒﯘﻛﻰ( ﺋﯘﻻﺭ )ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ( ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ
ﺋﯩﻼھﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ )ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ
ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ( ھﯧﭻ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩ )ﺑﻪﺭھﻪﻕ( ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﺍﷲ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ«.
)ﺳﯜﺭە ﺗﻪۋﺑﻪ -31ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺋﻪﺩﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻏﺎ »ﺑﯩﺰ
ﻣﻮﻟﻼ ،ﺋﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭەﺏ )ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺗﭽﻰ( ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ
ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ« ﺩەپ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﺪﻯ .ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ :ﻣﻮﻟﻼ ،ﺋﯩﻨﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ھﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ھﺎﻻﻝ ﺩەپ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻐﯘ؟ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ .ﺋﻪﺩﻯ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ.
ﺷﻪﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺴﻼﻣﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﻛﯘﻓﺮﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﯛﺵ
ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯ :ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩە ﻛﯚﺭﯛﻧﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻨﯩﯔ
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﯚﺟﺠﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ
ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ،ﺟﺎۋﺍﺑﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻛﻰ؛ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ
ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ )ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ(ﻧﻰ ۋە ﺋﯚﺯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻻﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ
ھﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﻯ )ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ(ﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ،ھﻪﺩﯨﺲ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﺸﺘﯩﻦ ۋە
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ
ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ۋە ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯩﻠﻪ ﻣﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ،ﺗﻪۋھﯩﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗپ ،ﺑﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻛﯜچ
ﻗﯘۋۋەﺕ ﻣﻪﻧﺒﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ،ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ،ﺧﻮﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﻻﻳﻰ -ﺋﺎﭘﻪﺗﺘﯘﺭ) .ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ،ھﻪﺩﯨﺲ ،ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ
ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻗﯩﺪە ،ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ،ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ
ﺩﯨﻨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ،ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺪﺋﻪﺗﻨﻰ ،ﺗﻪۋھﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺷﯧﺮﯨﻜﻨﻰ ،ھﺎﻻﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ،ﮔﯘﻧﺎھ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎۋﺍﺑﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ
ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺷﻪﻛﻠﯩﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ۋە ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺷﯘ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺷﯘ ،ﺩەپ
ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗپ ،ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻏﺎﺯﯨﯖﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ،ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ(.

ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ھﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ
ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﻣﻪﺋﺒﻮﺩﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮھﯩﻢ ﺑﯩﺮ
ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯗﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ۋە
62

ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪە ،ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﺩە ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ .ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ھﻪﻗﻠﯩﻖ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪە ،ﺭەﺑﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ۋە ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪۋھﯩﺪﻧﯩﯔ
ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ،ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ.
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ،ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ۋە ﺭەﺑﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ۋە ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ،
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺵ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ۋە ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﮔﻪ ھﯧﭽﯩﻜﯩﻢ
ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ۋە ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ ،ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ،
ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯚﺭﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ
ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﺋﺒﻮﺩﻟﯩﻘﺘﺎ )ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻨﯩﯔ
ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ھﻪﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە( ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ
ﺩەپ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
)ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﺘﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ
ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺩەپ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﺋﺒﻮﺩﻟﯩﻘﺘﺎ ﺍﷲ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ
ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ،ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺗﻪﻣﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﻳﯜﺭەﻛﻨﯩﯔ ﺍﷲﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ،
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺍﷲﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺍﷲﻏﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯧﭻ
ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﯧﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺳﯚﺯﻯ ﺩەﻟﯩﻠﻜﻰ) » :ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ〉 ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻢ،
ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ،ھﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ۋە ﻣﺎﻣﺎﺗﯩﻢ )ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻢ ۋە ﺗﺎﺋﻪﺕ -ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﯨﻢ(
ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭۋەﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﷲ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ .ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ،ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ )ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ
ﺍﷲﻏﯩﻼ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ( ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺪﯗﻡ ،ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋۋﯨﻠﯩﻤﻪﻥ〈) «.ﺳﯜﺭە ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ
-163 ،-162ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ،ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﻯ،
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ
ﺩﯦﺪﯨﻜﻰ» :ﺋﻰ ﻗﻪۋﻣﯩﻢ! ﻣﻪﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍ -ﺟﯘﺩﺍﻣﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ھﻪﻕ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘپ ،ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ،ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﺍﺗﻘﺎ
ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﯨﻢ ،ﻣﯘﺷﯩﺮﯨﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ) «.ﺳﯜﺭە ﺋﻪﻧﺌﺎﻡ -79 ،-78ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ(
ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪۋھﯩﺪﯗﻝ ﺋﯘﻟﯘھﯩﻴﻪﺕ )ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ھﻪﻗﻠﯩﻖ
ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ( ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺩﯨﻦ ۋە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ۋە ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ »ﺋﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ! ﺍﷲﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺵ
ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ «.ﺩەپ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ
ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ھﻪﻣﻤﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﺎﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ
ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ »ﻻﺍﻟﻪ ﺍﻻﺍﷲ« ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯗﺭ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ
ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻨﻰ )ﺑﯩﺮ ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩ ﻳﻮﻕ ﺩەپ( ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺩەپ
ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ .ﻣﻪﻛﻜﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 10ﻳﯩﻞ ﺩﺍۋﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ
63

ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩ ﻳﻮﻕ )ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ،ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﮕﯩﺸﯩﮕﻪ،
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﻕ( ﺩەﯕﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻡ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ .ﺩﯨﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ
ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﺎۋﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ،ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ،ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ
ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻰ :ﻻﺍﻟﻪﺍﻻﺍﷲ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩەپ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯘﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ۋﺍﭘﺎﺕ
ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺍﷲﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ھﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘپ،
ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﻣﻪﺋﺒﯘﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ
ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ »ﻻﺍﻟﻪ ﺍﻻﺍﷲ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺗﻪۋھﯩﺪ )ﺍﷲ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺳﯚﺯ( ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻗﻮﻗﺘﺎ ۋە ﺋﯚﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﺩە ﺑﺎﺭﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ،ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ
ﺗﯘﺗﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﻮڭ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻻپ ھﯚﻛﯜﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﷲ ﺗﺎﻻﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯜﺯﯛپ ھﯚﻛﯜﻡ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺭەﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺭﻭﻡ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ
»ھﯩﺮەﻗﻠﻰ«ﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ» ،ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼھ« ﺩەپ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ» :ﺋﻰ ﺋﻪھﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ )ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ۋە
ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ( ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ!
ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺍﷲﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺍﷲﻏﺎ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ۋە ھﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺭەﺏ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ )ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯗ( ،ﺍﷲﻏﯩﻼ
ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﻧﯩﻤﯩﺰ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Moiminler Eqidisi - 08
  • Büleklär
  • Moiminler Eqidisi - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2188
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1237
    14.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3669
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1773
    12.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3777
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1795
    13.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3775
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    14.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3705
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1666
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3753
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1662
    14.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3707
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1772
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3890
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1464
    16.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    15.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3847
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    16.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3772
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1419
    16.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3799
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1581
    14.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3636
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1578
    16.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3676
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1673
    14.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3698
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1769
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3640
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1533
    15.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3658
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1683
    14.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3556
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1676
    15.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3591
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1612
    16.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3636
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    14.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3705
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1774
    14.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3598
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1751
    14.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    25.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3670
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1707
    13.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    23.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3684
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    13.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3713
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1776
    13.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3746
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1615
    14.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3818
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1532
    15.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Moiminler Eqidisi - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 1708
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 853
    19.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.