Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3734
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1798
23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
42.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
تىكىپ دۇكانالرغا ئۆتكۈزۈشنى ئېيتىپ روشەن بىلەن ئىككىسى كېچە
– كۈندۈز دېگەندەك ئىش تىكىپ خېلى ئىقتىساد توپلىۋالدى ھەم
شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇپ ،ئىچ كۆيىكى ۋە قايغۇلىرى ئۇنتۇلۇشقا
باشلىدى.
ئەخمەت كېتىپ بەش ئايدىن كېيىن بىر كۈنى ساجىدەنى ئىزدەپ
ياشقا چوڭ بىر ئادەم كەلدى .ئۇ روزى باقىنىڭ قوشنىسى بولۇپ،
ئۇالردىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىكەن .روزى باقى شۇ كەتكەنچە
ھېچقانداق خەۋەرسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.
ئورتاق خەنزۇ بالىالرنى سېتىشقا ئېالن چىقاردى
ئۇ ئادەم روزى باقى ئىككى كۈن ئاغرىپال ۋاپات بولۇپ كەتتى
ۋە بالىلار روزى باقى بىلەن ئورتاق ئىشلىگەن خەنزۇدە قېلىپ ،ئۇ
خەنزۇ بالىالرنى ساتىمەن دەپ ئېالن چىقاردى دېدى .ئېالن چىقىرىپ

56

سۆيۈنگۈل چانىشېف

بەش كۈندىن كېيىن ،سانجىدىن ئورتا ياش ئۇيغۇر ئەر – خوتۇن
كېلىپ بالىالرنى كۆرۈپ مەخفۇروزنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى -دە،
روزى باقىنىڭ ئورتاق خەنزۇسى بىلەن سۆزلىشىپ باھاالشتى .بۇنى
ئاڭالپ بالىالر پەرىشان بولدى ھەم مەخفۇروزنى مەھكەم قۇچاقالپ
سىڭلىمىزنى بەرمەيمىز ،ئۆلتۈرسەڭمۇ بىز سىڭلىمىزنى ساتمايمىز دەپ
ۋارقىرىدى .ئۇالرنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلىرى يۈزىنى بويالپ يەرگە
تاماتتى.
ئۈچ ياشلىق مەخفۇروز قىز تولۇق بىر نەرسىنى بىلىمىسىمۇ ئۆزىنىڭ
بىر يەرگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا كېرەك:
−مەن كەتمەيمەن ،مەن كەتمەيمەن دەپ ئاكىلىرىنىڭ
بوينىدىن مەھكەم قۇچاقالپ ۋارقىراپ يىغلىدى .بۇ ۋەزىيەتتىن
قاتتىق قورققانلىقىدىن رەڭلىرى ئاقىرىپ تىترەيتتى .بۇ غېرىبالرنىڭ
ھالىغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى .بىزلەرنى بۇ ئېغىرلىقتىن
قۇتۇلدۇرىدىغان بىرەر ئىنسان چىقىپ قاالرمۇ دەپ ئەتراپلىرىغا قاراپ
تەلمۈرۈپ ياردەم كۈتەتتى.
بۇ بىچارىلەر ئىگىسىز ،چارىسىز ھالدا قەلبىنىڭ كۆيۈشىدىن بىر
– بىرىنى قۇچاقالپ يىغالشتى .بۇ ئاھۇ – زار يىغالپ چىرقىراشالردىن
خەۋەر تاپقان قولۇم – قوشنىالردىكى ئادەملەر كېلىپ «نېمە بولدى؟»
دەپ بالىالرنىڭ ھالىغا ئېچىندى .روزى باقىنىڭ ئورتىقى بولغان خەنزۇ
كېلىپ بالىالرنى ئىتتىرىپ ئۇالرنىڭ قۇچىقىدىن كىچىك قىزنى خۇددى
چۆجىنى ئېلىپ ماڭغان شۇڭقاردەك يۇلۇپ ئېلىپ سانجىدىن كەلگەن
ئەر – خوتۇنغا ئاپىرىپ بەردى .مەخفۇروزنى سېتىۋالغان ئەر – ئايال
بالىنى ھارۋىغا سېلىپ ئاتنى چاپتۇرۇپ مېڭىپ كەتتى .كىچىك قىز
مەخفۇروز قاتتىق قورققان ھالدا ئاكا دەپ چىرقىراپ ئاكىلىرىنىڭ

ماناس بويىدا تۇتقۇن

57

كېلىپ قۇتۇلدۇرۇشىنى كۈتۈپ ئىككى قولىنى سوزغان پېتى يىراقالپ
كەتتى .سىڭلىسىنىڭ كەينىدىن ئىككى ئوغۇل «ئۇكام» دەپ
ۋارقىرىغان ھالدا يۈگۈرۈپ يېتىشەلمەي ،ئامالسىز ئايرىلىپ قالدى .بۇ
ئەھۋالنى كۆرگەن قولۇم – قوشنىالرمۇ يىغالشتى .بالىالرنى قۇچاقالپ
ئۇالرنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقالشتى .لېكىن ئۇالرنى قۇتۇلدۇرۇۋالغۇدەك
بىرەر چارىسى يوق ئىدى .روزى باقىنىڭ ئورتىقى بولغان خەنزۇ پۇلنى
كۆتۈرۈپ خۇشال ھالدا بالىالرغا:
«ھەي! قايتىپ كېلىڭالر» دەپ توۋالپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپكەتتى.
كوچىدىكى توپالشقان كىشىلەر ھەم قولۇم – قوشنىالر بالىالرغا
ئىچى ئاغرىپ بىر ياردەم قىلىشنى ئوياليتتى .بالىالر يىغىسىنى
توختىتالماي پەرىشان ھالدا سىڭلىسىنىڭ كەتكەن يولىغا قاراپ
قالدى .مەخفۇروزنىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى خېلى ئۇزۇنغىچە
ئاڭلىنىپ تۇردى .كۆپ ئۆتمەستىن ھارۋا كۆزدىن غايىپ بولدى،
پەقەت ئۇنىڭ يول ئۈستىدە كۆتۈرۈلگەن چېڭى قالدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كۆپچىلىك قاتتىق ھاياجاندا يۈرىكى ئاغرىپ
ئۆزئارا سۆزلەشتى.
بۇالرغا بىز بىر ياردەم قىاليلى ،بۇ خەنزۇ بالىالرنى سېتىپ پۇلنى
ئېلىپ خۇشال ياشايدۇ .لېكىن بۇ بالىالرنىڭ كېلەچىكى ،تۇرمۇشى
قانداق بولىدۇ .ئۆز مۇسۇلمانىمىز ،ئۆز قېرىندىشىمىز ،نېمىشقا ياردەم
قىاللمايمىز .بىر ئامال قىاليلى دەپ ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي
كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلدى.
ئارىدىن بىرسى بالىالردىن سىلەرنىڭ بىرەر يېقىنىڭالر ،تۇغقىنىڭالر

58

سۆيۈنگۈل چانىشېف

يوقمۇ دەپ سورىدى .بالىالر يىغىسىنى توختىتىپ ،كۆپچىلىكنىڭ
سۆزىگە قۇالق سالدى .بۇالر بىزگە ياردەم قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ
ئۈمىدلەندى.
ھەمدۇلال سەككىز ياشلاردا بار ئىدى .ئۇ ئۆتكۈر ،ئەقىللىق باال
ئىدى .دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ،ئۆزىنى ئائىلىنىڭ بېشى دەپ
ئوياليتتى.
ھەمدۇلال كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ:
بىزنىڭ ھەدىمىز ھەم ئاكىمىز بار .ھەدەمنىڭ ئىسمى ساجىدە،ئاكامنىڭ ئىسمى ئەخمەت نەجىپ ،ئۇالر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرىدۇ
– دېدى.
قوشنىالردىن بىرسى ئۇالردىن ھەدەڭ بىلەن ئاكاڭالر بار ئىكەن،
نېمىشقا سىلەرنى ئېلىپ كەتمەي تاشالپ قويدى ،دەپ ئەجەبلىنىپ
سورىدى .ھەمدۇلال بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ،ئاكامالر بىلەن
خەۋەرلىشەلمىدۇق .دادام كېلىپال ئېغىر ئىشقا كىرىشىپ كېچە –

كۈندۈز بۇ خىتاينىڭ قولىدا قۇلدەك قاتتىق ئىشلەپ ئۈرۈمچىگە
بارغۇدەك ۋاقتى بولمىدى .دادام بىر ئاز ۋاقىت سوراپ ئۈرۈمچىگە
بېرىپ كېلەيلى ،ھەدەڭلەر بىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيدۇ،
ئۇالر بىزدىن ئەنسىرەۋاتقاندۇ ،مەن سىلەرنى ھەدەڭلەرگە ئاپىرىپ
قويايمۇ دەپ ئويالۋاتىمەن ،ھەدەڭلەر بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلمەيدۇ،
دېگەن ئىدى دەپ ھەمدۇلال كۆزىگە ياش ئالدى.
بۇالردىن ئۈچ ھويال نېرىدە ئولتۇرىدىغان قوشنىسى ئەمەت:

سەن ئۇالرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ دەپسورىدى.

ماناس بويىدا تۇتقۇن

59

ھەمدۇلال ئويلىنىپ مەن ياخشى بىلمەيمەن ،پەقەت ئاكام ئەخمەت
نەجىپ بەش ۋاقىت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقاتتى دېدى.
قايسى مەسجىدتە ئۇ ناماز ئوقۇيتتى ،دەپ سورىدى. -ياڭخاڭ تاتار مەسجىدىدە ئوقۇيتتى – دېدى.

ياخشى بولدى ئۇالرنى مەسجىد جامائىتىدىن سوراپ بىلگىلى
بولىدۇ ،دېدى.
50ياشالر ئەتراپىدىكى ئۇالرنىڭ تام قوشنىسى ئوسمانجان ئالالھ
رىزالىقى ئۈچۈن مەن بېرىپ ئىزدەپ كۆرەي دېدى.
پۈتۈن ئادەم بىر چىقىش يولىنى تاپقاندەك خۇشال بولدى،
ئوسمانجانغا كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپ:

ئالالھ سېنىڭدىن رازى بولسۇن ،چوڭ ساۋاپ ئىش قىلىدىغانبولدۇڭ ،ئالالھ ساڭا ياردەم قىلسۇن دەپ دۇئا قىلىشتى.
ئوسمانجان روزى باقى بىچارە يۇۋاش ياخشى ئادەم ئىدى .مۇشۇ
خىتاينىڭ قولىدا قاتتىق ئىشلەپ ئېغىر ئەمگەك ئۇنى يىقىتتى .ياش
ئىدى ،ئىككى كۈن ئاغرىپال تۈگەپ كەتتى ئەمەسمۇ ،ئۇنىڭغا بەكمۇ
ئېچىندىم ،ئەمدى بالىلىرىغا كەلگەن كۈننى دېمەمسىلەر ،بالىالرنىڭ
ھالىغا قاراپ ئىچىم ياندى دېدى.
ئۇكىلىرىنى ساجىدە سېتىۋېلىپ كەلدى
ئوسمانجاننىڭ يول خىراجىتى ئۈچۈن شۇ يەردىكى ھەممە ئادەم
ئازدۇر -كۆپتۇر پۇل بەردى .شۇنىڭ بىلەن ئوسمانجان ھارۋا كىرا
قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى.

60

سۆيۈنگۈل چانىشېف

بالىالر ئوسمانجان ئاكىسىنىڭ قايتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ
قالدى.
ئوسمانجان ھارۋا بىلەن بىر كۈن يول يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ
كەلدى .قاراڭغۇ چۈشكىچە ياڭخاڭ تاتار مەسجىدىنى تېپىۋاالي دەپ
كوچىالردىكى ئۇچرىغان ئادەملەردىن سوراپ خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن
تاتار مەسجىدىگە كېلەلىدى .كىشىلەر نامازدىن چىقىپ تۇرغاندا
ئوسمانجان كېلىپ ئادەملەردىن ئەخمەت نەجىپ دېگەن ئادەمنى
ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم ،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىم كېرەك ئىدى
دېدى .مەسجىدتىكىلەر ئەخمەت نەجىپ ھازىر يوق ئۇ قازانغا كەتتى
دېدى .ئوسمانجان ئۇنىڭ ئائىلىسىنى كۆرسەم بوالتتى ،دېدى.
ئەخمەت بىلەن مەسجىدكە بىللە كېلىدىغان قوشنىسى بار ئىدى.
ئۇ چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ .سىز مەسجىدنىڭ مۇساپىرخانىسىدا
يېتىپ قېلىڭ ،ئەتە كەلسە سىزگە كۆرسىتىپ قويارمىز – دېدى .بۇ
خەۋەرنى ئاڭلىغان ساجىدەنىڭ يۈرىكى ياندى« .ۋاي غېرىپ ئۇكىلىرىم

كىچىككىنە جېنىڭالرغا نېمىدېگەن ئېغىر كۈنلەر كەلدى» دەپ يىغالپ
كەتتى.

ئۇ ئادەمگە تاماقالر بېرىپ بولغاندىن كېيىن ساجىدە ئوسمانجان
بىلەن پاراڭلىشىپ ئەھۋالالشقاندىن كېيىن خەنزۇنىڭ سورىغان
پۇللىرىنى ئەخمەت نەجىپنىڭ تاشلاپ كەتكەن پۇللىرى بىلەن
ھازىرالپ بەردى ھەم ئۇ ئادەمنى رازى قىلىپ بالىالرنى ئېلىپ كېلىشنى
تاپشۇرۇپ يولغا سالدى .سىڭلىسى مەخفۇروزنىڭ سېتىلىپ كەتكىنى
ئۈچۈن يۈرىكى ياندى ،جان جىگىرىم نەرلەردە يۈرىكىڭ كاۋاپ بولۇپ
يۈرگەنسەن ،دەپ توختىماستىن كۆز يېشى قىلدى .ئىككى كۈن مىدىر
قىلماستىن ئولتۇرۇپ بالىالرغا كىيىم تىكىپ ھازىرلىدى.

ماناس بويىدا تۇتقۇن

61

ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ ئادەم بالىالرنى يېتىلەپ ئۆيگە ئېلىپ
كەلدى.
بىچارىلەرنىڭ رەڭگى ئادەم تونۇغۇسىز ھالدا ئورۇقالپ قاق
ئۇستىخان بولۇپ ،چاچلىرى ئۆسۈپ ،كىيىم – كېچەك ،باش كۆزلىرى
كىرلەپ ،شۇنداق ئېچىنارلىق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىكەن.
ساجىدە بالىالرنى كۆرۈپ قۇچاقالپ يىغلاپ كەتتى .ئۇالرنىڭ
چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ،يۇيۇندۇرۇپ ،يېڭى كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ
قويغانتى ،ئادەم قىياپىتىگە كىردى .ھەمدۇلالھ ئۆيىمىزگە كەلدۇق
دەپ خۇشال بولدى ،ئەمما ھەۋزۇلالھ بولسا قايغۇ – ھەسرەت ئىچىدە
چىرايىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ يىغالپ تۇراتتى.
بىر ئايدىن كېيىن ئەخمەت نەجىپ قازاندىن قايتىپ كەلدى.

روزى باقىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپات بولغانلىقى كىچىك قىز مەخفۇروزنىڭ
سېتىلىپ كەتكەنلىكى ۋە بالىالرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭالپ كۆڭلى بەك
يامان بولدى .ھەمدۇلالھ بىلەن ھەۋزۇلالھنى باغرىغا بېسىپ ئۆزىنى
تۇتالماي يىغالپ كەتتى( .ئەخمەت نەجىپ كۈچلۈك غەيرەتلىك
بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاق ئاسان كۆزىگە ياش كېلەتتى).
كىچك قىز مەخفۇروزنىڭ تەقدىرىنى ئويلاپ بەكمۇ ئېچىنىپ
ساجىدەگە:
بىز ئۇ قىزنى چوقۇم تېپىپ كېلىمىز دەپ مەخفۇروزنىڭ ئىستەكسورىغىنى قىلىشقا باشلىدى .بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى
ئاران تاپتى.
ئەخمەت بىلەن ساجىدە كىچىك قىز مەخفۇروزنى ئېلىپ كېلىش
ئۈچۈن ئۇ ئادەملەرگە سوۋغاتالر ۋە مەخفۇروز ئۈچۈن بەرگەن

62

سۆيۈنگۈل چانىشېف

پۇلالردىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقنى ئېلىپ يولغا چىقتى.

كىچىك قىزنى ئالغان ئادەملەرنىڭ بىرمۇ بالىسى بولمىغان ،ئوتتۇرا
ياشتىكى ئەر – خوتۇنالر ئىكەن .ئۇالر بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ قىزى قىلىپ
مەخفۇروزنىڭ ئىسمىنى يۆتكەپ تۇرۇپ قالسۇن دەپ «توختىخان»
قويۇپ بالىنى بېشىغا قوندۇرۇپ بېقىۋېتىپتۇ .ئەخمەت نەجىپ بۇ يەرگە
كەلگەن سەۋەبنى سۆزلەپ «بۇ قىزنىڭ ئىگىسى مەن ئاكىسى بولىمەن
بالىنى ئالغىلى كەلدۇق» دېگەندە ،ئۇ ئىككى ئەر – خوتۇننىڭ يۈرىكىنى
سۇغۇرۇۋالغاندەك بولۇپ ھۆكۈرەپ يىغالپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .بۇ
قىز بىزنىڭ ھاياتىمىز ،بىزگە ئۈمىد بەرگەن ،ئائىلىمىزگە خۇشاللىق
ۋە بەخت ئېلىپ كەلگەن ۋە ئائىلىمىزنىڭ چىرىغىنى يورۇتقان قىز
بولدى .بىز بۇ بالىدىن ئايرىلساق ئۆلىمىز .ئالالھ ھەققىگە بىزنى بۇ
بالىدىن ئايرىماڭالر ،بىز سىلەرنىڭ بىر قېرىندىشىڭالر بواليلى .بىز
سىلەر بىلەن تۇغقان بولۇپ ئۆتەيلى ،دەپ ئەر – خوتۇن ھۆڭگىرەك
ئېتىپ يىغالپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يالۋۇرۇپ كەتتى .مەن قىزىمنى ھەر
ۋاقىت سىلەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىپ كېلىمەن ،ئۇنداق قىلماڭالر
بىز بۇ قىزىمىزنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقارماي ئەزىزلەپ بېقىپ
چوڭ قىلىمىز دەپ قاتتىق يالۋۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەخمەت
نەجىپ بىلەن ساجىدە بۇالرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ قانداق
قىالرىنى بىلمەي ھودۇقۇپ تۇرۇپ قالدى.
راستىن ئۇالر بۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ بېشىدا كۆتۈرۈپ قەدىرلەپ
بېقىۋېتىپتۇ .بالىمۇ ئۇالرنى دادا ،ئاپا دەپ ئۆز ئاتا – ئانىسى بىلىپ
ئىچەكەپ كېتىپتۇ .ئەخمەت بىلەن ساجىدە مەخفۇروزگە كەل قىزىم،
بىز سېنى ئالغىلى كەلدۇق ،بىزمۇ سېنى ياخشى كۆرىمىز سەن بىز
بىلەن كېتەمسەن دەپ قۇچىقىنى ئاچقان ئىدى .مەخفۇروز يۈگۈرۈپ

ماناس بويىدا تۇتقۇن

63

بېرىپ ئۇ ئەر – خوتۇننى قۇچاقالپ كەتمەيمەن ،دادا – ئاپا مېنى
بەرمەڭالر دەپ يىغالپ كەتتى.
ئەخمەت بىلەن ساجىدە بۇ قىز بۇالر بىلەن خۇشال ئىكەن .بۇالدىن
ئايرىپ ئېلىپ كېتىپ ئۇنى بەختلىك قىاللمايدىغان ئوخشايمىز دەپ
ئويالپ قالدى.
بۇ بىچارە ئەر – خوتۇن نېمە قىالرىنى بىلمەي يۈگۈرۈپ يۈرۈپ
ساجىدە بىلەن ئەخمەتنى مېھمان قىلدى.
ئەخمەت بىلەن ساجىدە بۇ قىزنىڭ يۈزىدىن بىز بىر ئائىلە بولۇپ
ئاكا – ئۇكا قېرىنداشالر بواليلى دەپ تۇرۇپ قۇچاقلىشىپ قېرىنداش
بولۇشتى .ئەخمەت نەجىپ ئېلىپ كەلگەن سوۋغات ۋە پۇلالرنى ئۇالرغا
بېرىپ ئۇالرمۇ ئۆزلىرىىنىڭ ھازىرلىغان نەرسىلىرىنى بەردى .ھەر دائىم
بىر – بىرىنى ئىزدىشىپ تۇرارغا ۋەدە قىلىپ مەخفۇروزنى بىرىنچى
ئالالھقا ھەم ئۇالرغا تاپشۇرۇپ قايتىپ كەتتى .شۇنىڭدىن كېيىن بۇ
ئىككى ئائىلە ئاكا – ئۇكا قېرىنداشالر بولۇپ ياشاشتى .ئۇالر دائىم ئات
ھارۋىسى بىلەن كېلىپ ساجىدەنىڭ ئائىلىسىنى سانجىغا ئەخمەتلەر
ئۇالرنى ئۈرۈمچىگە مېھمانغا چاقىرىپ دېگەندەك يېقىن تۇغقان بولۇپ
قالدى .ئۇالرنىڭ ئەۋالدلىرى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئىزدىشىپ تۇرىدۇ.
ئەخمەت ھەمدۇل – ھاۋزۇلالرنى مەدرىسە مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا
بەردى .ئۆزى ھەم قوشۇمچە ئوقۇتۇپ تەربىيەلەشكە باشلىدى.
مەكتەپ ھەققىدە كانتوردا سۆھبەت
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولىدىن ئىتتىپاق يولىغا قاراپ
كىرىشىدە ئوڭ قول تەرەپ دوقمۇشتىكى ھويال زىياھاجى (ئىبراھىمنىڭ

64

سۆيۈنگۈل چانىشېف

ئاكىسى )نىڭ ھويلىسى بولۇپ ،غالىبىيەت يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا يانداش
ھويال ئىسھاق باينىڭ ھويلىسى ئىدى .بۇ ھويلىدىكى يوغان ئۈچ ئېغىز
ئۆينى كانتور (ئىشخانا) دەپ ئاتاپ ،خەلق ئىچىدىكى ھەر قانداق
مەسىلە بولسا كۆپچىلىك مۇشۇ ھويلىغا يىغىلىپ مۇزاكىرىلىشىپ
ئىشنى ھەل قىالتتى .بۇ كانتورنى دەسلەپ تاتارالر قۇرۇپ ،شۇالر ئىش
ئېلىپ باردى .كېيىن كانتورنىڭ دائىرىسى كەڭلەپ ئۇيغۇر ،قازاق،
ئۆزبېكلەر ،قىسقىسى ،ھەممە خەلق بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان
ئورۇن بولدى .بىر كۈنى ئەخمەت كانتوردا كۆپچىلىك جامائەت
يىغىلپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ،ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .ھەممىمىز
جەم بوپتۇق ،مەن بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قوياي ،ھەرقايسىمىزدا قىز -
ئوغۇلالر بار .ئوغۇلالرنى مەدرىستە ئوقۇتساقمۇ ،لېكىن قىزلىرىمىزغا
مەكتەپ يوق .قىزلىرىمىزنى نادان قالدۇرامدۇق؟ ئوغۇللىرىمىزغىمۇ
يۇقىرى بىلىم يۇرتى بولغان مەكتەپلەر كېرەك .كۆپچىلىك بۇنى بىر
ئويلىشىپ كۆرسەك دېدى.
ئىسھاق باي «بۇ ياخشى پىكىر ،كۆپتىن بىز بۇنى قىلىشقا
تېگىشلىك ئىدۇق .بالىلىرىمىزنىڭ نادان قېلىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ.
شۇنداقمۇ؟ ئويلىنىپ كۆرۈڭالر» دېدى .ھەممە ئادەم بۇ ئىنتايىن توغرا
پىكىر دېيىشتى .كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە تاالش – تارتىشالر
بولدى.
ئوقۇتقۇچىالر يوق ئۇنى قانداق قىلىمىز؟

مەكتەپ ئورنى ھەم ئىقتىسادىي ئىشالرنى قانداق قىلىمىز؟ دېگەنگە
ئوخشاش پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى .ئەخمەت نەجىپ:
−ھازىر مەدرىسىدە مەھمۇد قارىي بىلەن زىننەتتۇلالھ ئوقۇتقۇچىلىق

ماناس بويىدا تۇتقۇن

65

قىلىۋاتىدۇ .زىننەتتۇلالھ ئۇ ياش يىگىت ئۇنىڭمۇ ئۆيلىنىش ۋاقتى
بولدى .ئۇنى قازانغا ئەۋەتەيلى ئۇ يەردە ئوقۇمۇشلۇق بالىلىرىمىزنى
ئوقۇتااليدىغان يۇقىرى سەۋىيىدىكى بىلىملىك قىزغا ئۆيلەنسۇن،
مۇمكىن بولسا چوڭ ،بالىلىرى جىق ئائىلە بولسا تېخىمۇ ياخشى.
خانىمى قىزلىرىمىزنى ،ئۆزى ئوغۇللىرىمىزنى ئوقۇتسۇن .ئۇنىڭدىن
باشقا يەنە خەلقىمىز ئۈچۈن بۇ ئەمەس بىرقانچە مەكتەپلەر كېرەك
دېدى.
ئارىدىن بىرسى زىننەتۇلالھنىڭ ئىقتىسادى يوق ،قازانغا قانداق
بېرىپ توي قىلىپ ئۇالرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ دەپ سورىدى.
ئىسھاق باي ئۇنىڭ ئىقتىسادى بىز .بارلىق ئىقتىسادىنى بىز بالىلىرىمىز
ئۈچۈن ھەممىمىز كۆتۈرىمىز دېدى .شۇنىڭ بىلەن زىننەتتۇلالھ مۇئەللىم
قازان شەھىرىگە مېڭىپ كەتتى .كۆپ كېچىكمەستىن ئۆيلىنىپ ئايالى
ھەم ئائىلىسىنى ئېلىپ كەلدى .ئۇنىڭ ئايالى مەريەم بىكە ئابىستاي
ئوقۇغان بىلىملىك ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن قىز ئىدى .مەريەمبىكە
ئابىستاينىڭ دادىسى ئوسمان باباي موزدوز (ئاياق كىيىم تىكىدىغان
ئادەم) بولۇپ ،شۇ كەسپى بىلەن شۇغۇلالندى .ئوسمان باباينىڭ ئايالى
فەرىيخە ئابىستاي تۇغۇت ئانىسى ئىدى .ئۇ ئۆلگىچە شۇ كەسپى
بىلەن ياشىدى .مەريەمبىكە ئابىستاينىڭ خەدىچە ،ئەمىينە دېگەن
سىڭىللىرى بولۇپ ،ئەمىينە دېگەن قىزنى نىغمەتۇلالھ ئىسىملىك
زەرگەر يىگىتكە بەردى (ئۇالرنىڭ قىزى فىردەۋس ھازىر ئالمائاتىدا
ھايات ياشاپ كېلىۋاتىدۇ) .شۇنىڭ بىلەن جامائەت تاتار مەسجىدىنىڭ
ئۇدۇلىدىكى يەنئەنلۇنىڭ دوقمۇشىدا مىرمەن ھاجى دېگەن (قازاق)
كىشىنىڭ ھويلىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ ،ئۈچ ئېغىز ئۆينى سىنىپ قىلىپ
دەرس باشالپ كەتتى.

66

سۆيۈنگۈل چانىشېف

بۇ ھويلىنىڭ باش تەرىپىدە (ھازىرقى – 17تەجرىبە ئوتتۇا
مەكتەپنىڭ ئورنى) قەبرىستان ئىدى .ئۇ يېقىدا ئانچە ئۆيلەر يوق
ئىدى .كوممۇنىستالر كەلگەندىن كېيىن ئۇ قەبرىستاننى كۆچۈرۈپ
مەكتەپ ۋە بىناالر سالدى.
مەريەم بىكە ئابىستاي قىزالرنى ئوقۇتتى .ئۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر،
قازاق ،تاتار ،ئۆزبېك ھەتتا تۇنگان قىزلىرى كېلىپ ئۇقۇدى .مەريەم
بىكە ئابىستاي پەن ،دىن دەرسلىرىدىن باشقا ،ئەرەب ،فارىس ،تۈرك
تىللىرىنى ئۆگىتىپ چىقتى .ئۇنىڭدىن باشقا قىزالرغا قوشۇمچە ئىش
تىكىش ،تاماق پىشۇرۇش ،دوپپىالرغا مەرۋايىت كەشتىلەر تىكىشنىمۇ
ئۆگىتىپ باردى.

ئالتە يىل ئىچىدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىالرنىڭ بىلىم
سەۋىيىسى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىسى بىلەن تەڭ تەربىيەلىك ،ئەخالقلىق
قىزالر بولۇپ يېتىشتى .بۇ مەكتەپتىن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىالر
ھەم بارلىق كىشىلەر رازى ئىدى .خۇسۇسەن ،قىزالر ئوقۇش پۇرسىتىگە
ئېرىشىپ بىلىملىك ئادەم بولۇپ چىققىنىغا بەكمۇ خۇشال ئىدى.
ئۈرۈمچى شەھەر ياڭخاڭ (غالىبىيەت يول) كوچىسىنىڭ تارىخى
- 1901يىلى ئىبراھىم ۋەلى ،ئەخمەت نەجىپلەر ھازىرقى جاۋلۇيا
بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىن دوقمۇشتىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىپ ئېگىز كوتور
پىشايۋانلىق ،ئاستى – ئۈستى تاختايلىق سەككىز ئېغىزدىن ئۆي ۋە
دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۇكان سالدى .ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى
قوش قەۋەت ئەينەكلىك بولۇپ ،ئۇنىڭ يېشىل سىرالنغان تاختايدىن
دېرىزە قاپقاقلىرىنى قېلىن تۆمۈر تاسما بىلەن تاتۈرۈپ ،ئۆينىڭ ئىچىدىن

ماناس بويىدا تۇتقۇن

67

تاقايدىغان قىلىپ ياساتتى .قوش قەۋەت ئەينەك دېرىزىنىڭ ئىككى
ئارىلىقىغا ئاق پاختا قويۇپ ،پاختىنىڭ ئۈستىگە ھەر كىم خالىغانچە
بىزەكلەر قويۇپ ياسايتتى .بۇ پاختا قىشنىڭ سوغۇقىنى توسايتتى ،ياز
كۈنى قوش قەۋەتنىڭ بىر قەۋەتنى ئېلىپ قوياتتى .ھەر ئىككى ئۆيدە
بىردىن پارقىراق قارا سىر بىلەن سىرالنغان نېپىز تۆمۈر بىلەن قاپالپ
ياسالغان ئېگىز تام مەشلەر بولۇپ ،قىش كۈنى ئۇ مەشكە ھەپتىدە
بىر قېتىم ئوت قالىسا پۈتۈن ئۆيلەرنى ئىسسىق تۇتاتتى .ئالدىنقى
ئۆيدە ئوت قالىسا ئىچكىرىكى ئۆيلەر ئىسسىق ھەم پاكىز تۇراتتى .ئۇ
دەۋرلەردە سېلىنغان بىناالرنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق مەشنى ساالتتى.
ئۆيلەر يورۇق ئازادە ،يازدا سالقىن ،قىشتا ئىسسىق تۇراتتى.
ئۆينىڭ ئۈستىدىكى تاختايالرغا تام مەشنىڭ ئۈستى تەرىپى،

دېرىزىنىڭ ياغاچ قاپقاقلىرىنىڭ يۇقىرىسىغا ھەم پىشايۋانغا قەدەر
يەرلەرگە نەقىشلەر قويۇپ ياسالغانلىقى ئۈچۈن ،پۈتۈن ئەتراپ گۈزەل
كۆرۈنەتتى.

ھويلىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى يەرلەرنى باغ قىلىپ ،مېۋە
كۈچەتلىرىنى ئۆستۈرۈپ ،قىزىل گۈل ھەم ھەرخىل چىرايلىق گۈللەر
تېرىپ ھويلىنى باغ – بوستانلىق قىلىۋالدى .يازلىق كۆك تاتالرنىمۇ
ھويلىدا ئۆستۈرۈپ يەيتتى .ئۇ ۋاقتىدا بۇ يەرلەر بوز يەر بولۇپ،
كېچىلىرى تۈلكە ۋە ياۋايى داال ھايۋانلىرى ھويلىغا كىرىپ ،كىشىلەرنىڭ
توخۇلىرىنى يەپ كېتەتتى .شۇ قاتاردا نۇرغۇن ئائىلىلىكلەر يەر ئېلىپ
ئۆي – جايالر سېلىپ باغالر قىلىپ جايلىشىۋالدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىن نەنمىڭ (جەنۇبىي دەرۋازا)
غا قەدەر يەردە مىللىيالر ،جەنۇبىي دەرۋازىدىن شىمالى (بى مىڭ)غا
قەدەر يەردە خەنزۇالر ئولتۇراقالشقان ئىدى – 1850 .يىلالردىن باشالپ

68

سۆيۈنگۈل چانىشېف

ئىتتىپاق كوچىدىن يۇقىرىسىغا ئۆي سېلىپ كىشىلەر ئولتۇراقالشتى.

ئىتتىپاق يول بىلەن غالىبىيەت يولىنىڭ دوقمۇشىغا زىيا ھاجى
ۋەلىنىڭ ،ئۇنىڭ يېنىغا غالىبىيەت يول ئۈستىدە ئىسھاق باي ،ئۇنىڭ
يېنىغا تۇرسۇن بايۋەتچە ،مانسۇرجان ھاجىنىڭ ھويلىسى ،ئۇنىڭ يېنىغا
ئاۋىت ئاكا ،يېنىدا مورسەل باي ،ئۇنىڭ يېنىدا ئەنۋەر ئاكا ،ئۇنىڭ
يېنىدا خۇسەيىنتومسۇن ،ئۇنىڭ يېنىدا خۇسەيىن ئاقساقال ،ئاندىن
كەرىم چانىشېف دوقمۇشىدا مىرمەن ھاجى ،سىكسەن باي ،ئۇنىڭ
يېنىدا ئىسلام بابا تام قوشنا ئىبراھىم ۋەلى ،ئۇنىڭغا قوشنا دوقمۇشتا
ئەخمەت نەجىپ سافىن قاتارلىق كىشىلەر كېلىپ ئولتۇراقالشتى.
كوچىنىڭ ئۇ قېتىدا مامۇت قارىي دەرۋازىدىن چىققاندىن كېيىن سول
قول تەرەپتە پايپاقچى ھاجىنىڭ (تۇڭگان) ،ئۇنىڭ يېنىدا خۇسەيىن
باي چانىشېف ،ئۇنىڭ يېنىدا خالتاي ھاجى ،ئاندىن رەيىمجان باي،
ئۇنىڭ يېنىدا رەخىمانبايىن ،ئۇنىڭ يېنىدا ناسىر بورناشوف ،ئۇنىڭدىن
كېيىن رەفىقجاننىڭ ھويلىسى ،ئۇنىڭ يان تەرىپى تاتار مەسجىدى
يەنى نوغاي مەسجىدى دەپمۇ ئاتايتتى .ئۇ يېقى ئىتتىپاق يولىغا قەدەر
سوۋېت كونسۇلى جايالشقان .ئەخمەت نەجىپنىڭ ھويلىسىنىڭ باش
تەرىپىدە (يۇقىرىسىدا) كوچىنىڭ دوقمۇشىدا جاۋلويانىڭ ھويلىسى
يەنى (ھازىرقى بالۇجۇن بەنسىچۇ يەنى – 8ئارمىيە ئىش باشقۇرۇش
ئورنى) ،ئۇنىڭ يۇقىرىسىدا خەسەنبى شاكولوفنىڭ ھويلىسى ،ئۇنىڭغا
يانداش ھويال سوۋېتنىڭ بانكا قوروسى ئىدى.
كېيىنكى ۋاقىتالردا ئۇ بانكىغا ئوت كېتىپ ،يوغان تاشتىن سېلىنغان
قېلىن بىنا بىر سوتكا كۆيۈپ تامام كۈلگە ئايالنغىچە ھېچكىم كېلىپ
ئوتنى ئۆچۈرگەن ئادەم بولمىدى .شۇ ۋاقتىدا كىشىلەر ئاغزىدا بانكا
باشلىقلىرى بانكىدىكى پۇلالرنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇرالپ ،بانكىغا ئوت

ماناس بويىدا تۇتقۇن

69

قويۇپتۇ دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ يۈردى.
كېيىن شۇ ئورۇنغا «روس كۇلۇبى» بىناسى سېلىنىپ چىقىپ،

بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر روس كۇلۇبى نامى بىلەن ساقلىنىپ
كېلىۋاتىدۇ.
روس كۇلۇبىنىڭ يۇقىرىسىدا خەيدەربىك ھاجىنىڭ ھويلىسى
بار ئىدى .يېنىدا ساموغىجاننىڭ ئوغلى موتەلجان ئاكىنىڭ ھويلىسى
بولۇپ ،كېيىنكى ۋاقىتالردا ئۇ ھويلىنى كانفىت زاۋۇتى قىلدى .بۇ زاۋۇتتا
كانفىتتىن باشقا پىرەندىكلەر ۋە تاتلىق تۈرۈملەر ياساپ چىقىدىغان
زاۋۇت بولدى .ئۇنىڭ يۇقىرىسىدا ئاخۇن تاش بوۋاينىڭ قوروسى
بولۇپ ،كېيىن ئوغلى ئابدۇرۇسۇل ئاكا ئولتۇردى .ئۇنىڭ يۇقىرىسىدا
ئالتۇن تىشنىڭ ھويلىسى دەيتتى ،كېيىن ئۇ ھويلىغا روسالر چىركاۋ
(خىرىستىيانالرنىڭ ئىبادەتخانىسى) سېلىپ چىركاۋ ھويلىسى دەپ
ئاتاپ كەتتى.

دوقمۇشتىكى ھويال كوستە باينىڭ قوروسى ئىدى .ئۈرۈمچى مانا
شۇنىڭغا ئوخشاش رەتلىك ،چىرايلىق سېلىنغان گۈزەل شەھەر ئىدى.
كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىرىقىدا تازا مۆلدۈر سۇ ئاقاتتى .خەلق
ئۇ ئېرىقتىكى سۇالرنى تازا تۇتۇپ ،پاسكىنا نەرسىلەرنى تاشالشقا ۋە
بالىالرنىمۇ سۇدا كېچىپ ئويناشقا يول قويمايتتى .خەلق بۇ سۇ بىلەن
باغالرنى سۇغۇرۇپ مېۋە ۋە كۆكتاتالر ئۆستۈرەتتى .ھويلىدا قۇدۇقى
بولمىغان ئائىلىلەر شۇ سۇنى ئىچىشكە ئىشلىتەتتى .يولنىڭ ئىككى
چېتىگە دەرەخلەر تىكىپ شەھەر پاكىزە يېشىل باغۇ بوستان ئىچىدە
بەك گۈزەل كۆرۈنەتتى .يازنىڭ كۈنلىرى بۇلبۇل ،كاككۇك قاتارلىق
خۇش ئاۋاز قۇشلارنىڭ سايراشلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر
بېغىشاليتتى ۋە شەھەرنى گۈزەل كۆرسىتەتتى.

70

سۆيۈنگۈل چانىشېف

ھەربىر دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تاختايدىن ياسالغان ئورۇندۇقالردا
كەچقۇرۇن كىشىلەر كوچىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ چاقچاق
قىلىپ كۈلۈشۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى .ئۇ دەۋردە ئۇ مىللەت ،بۇ مىللەت،
ئۇ يەرلىك ،بۇ يەرلىك ،باي ،كەمبەغەل دېگەن سۆز يوق ،ھەممە
ئادەم قېرىنداشلاردەك ئىتتىپاق ياشايتتى .ياشلار بولسا پىيادە
ياكى پاۋسكا ھارۋىالرغا ئولتۇرۇپ تولۇق ئوركىستىر (گارمۇن ،گىتار،
باالاليكا ،ماندالىن ،ئىسكۇرۇپكىالر)نى تەڭكەش قىلىپ چېلىپ،
پۈتۈن كوچىالرنى ياڭرىتىپ ناخشىالر ئېيتىپ مەشرەپلەرگە كېتەتتى.
خەلقىمىز ئۇالرنىڭ مۇزىكا – ناخشىلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
مانا شۇنىڭغا ئوخشاش «ئالتۇن دەۋر»لەر بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.
شەھەرنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى سايدا ئۈچ ئۆستەڭ سۇ
بىلەن توشۇپ ئېقىپ تۇراتتى .بۇمۇ شەھەرنى گۈزەل ،ھاۋاسىنى ساپ
قىلىپ بېرەتتى .بۇ سۇالرنىڭ باش تەرىپىدىكى تۈگمەنلەر كېچە –
كۈندۈز ئىشلەپ خەلقنى ئۇن بىلەن تەمىنلەيتتى .سۇنىڭ ئۇ قېتىدا
«موتەلجاننىڭ قارا ياغىچى» بولۇپ ،ئۇ يەر ھاۋالىق گۈزەل ئورمانلىق
باغ بولغاچقا يازنىڭ كۈنلىرى كىشىلەر ئات – ھارۋا بىلەن كېلىپ دەم
ئېلىپ ئويناپ كېتىدىغان ئورۇن بولۇپ ،مانا شۇنداق گۈزەل ھاياتالر
ئۆتكەن ئىكەن.
بىر كۈنى ئەخمەتلەرنىڭ ئۆيىگە سابىر يەنە كەينى كىرىپ
كەلدى.
−كېلىڭ ،كېلىڭ دەپ ئۇنى ئۆيدىكىلەر ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ
چايالر قويدى .سابىر خىجالەت ۋە قىسىلغان ھالدا:
−ئەخمەت مەن سەندىن بىر نەرسىنى ئۆتۈنۈپ ياردەم سوراپ

ماناس بويىدا تۇتقۇن

71

كەلدىم دېدى.

−ئەخمەت خوش تەقسىر ھەرقانداق ئىش بولسا قولۇمدىن
كەلگىنىچە ياردەم قىلىمەن ،خىجالەت بولماستىن سۆزلەڭ دېدى.
سابىر سەن بىلىسەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ياخشى ئەمەس،
ئىقتىسادىمىز يوق ،قىيىن ئەھۋالدا ياشايمىز ،ئۆي جايىمىزمۇ يوق
دېدى.

ئەخمەت ئۇنىڭ نېمە دېمەكچىلىكىنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قاراپ
قالدى .بەلكى پۇل سوراپ كىرسە كېرەك دەپمۇ ئويالپ قويدى.
سابىر ئەخمەتكە ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى سۆزىنى ئاڭلىتالماي
قىينىلىپ كۈچ بىلەن:
مەن سېنىڭ ھويالڭنىڭ كەينىدىكى باغلىق يەرنى ماڭابەرسەڭ ،مەن ئۆي سېلىپ ساڭا خوشنا بولۇپ ئولتۇرسام ،سېنىڭ
يېقىن تۇغقىنىڭ بولۇپ ياشارمىز دەپ ئوياليمەن .يەر پۇلىنى كېيىن
ئىقتىسادىم كۆتۈرۈلگەندە بەرسەم دېدى.
ئەخمەت نەجىپ كۈتۈلمىگەندە بۇ سۆزگە نېمە دېيىشىنى بىلمەي
ئويلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ ئاندىن:
سابىركا سېنىڭ سۆزۈڭ ئورۇنلۇق ئەلۋەتتە بىز ياردەم قىلىشىمىزكېرەك ،لېكىن مەن خانىمىم بىلەن سۆزلىشىپ بىر جاۋاب بېرەي-،
دېدى.
ساجىدە ئۇ يەردىكى باغنى ياخشى كۆرسىمۇ ،لېكىن ئەخمەت
بىلەن ئىككىسى موھتاج ئادەملەرگە ياردەم قىلىش ساۋاب دەپ ئۇ
باغلىق يەرنى سابىرغا بېرىش قارارىغا كەلدى.

72

سۆيۈنگۈل چانىشېف

سابىرالر ئۆي سېلىپ تاملىرىنى توسۇپ كىچىك ھويلىسىغا
كۆچۈپ كىردى.
سابىر يىنكىفىگە يانداش باپاي ئاغانىڭ ھويلىسى دەپ ئاتاپ
كەلدى .ئۇ ئادەم تاتار كىشى بولۇپ ،ئىسمى غابدىل فەتتاخ ئىدى.
ئۇ قېرىنداش قازاق مىللىتىدىن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇالر غابدىل
فەتتاخنىڭ ئىسمىنى ئېيتالماستىن قىسقارتىپ باپاي دەپ ئاتاپ
كەتكەن .چۈنكى قازاق خەلقىنىڭ ئىسىملەرنى بۇزۇپ قىسقىچە
ئاتالمىلار بىلەن بۇزۇپ ئاتايدىغان ئادىتى بار .مەسىلەن ،ئەخمەت
بولسا ئەكەڭ ،سالىخ بولسا سەكەڭ شۇ ئىسىمنىڭ باش ھەرىپىنى
ئېلىپ «كەڭ» دېگەن سۆزنى قوشۇپ ئاتايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن
فەتتاخنىڭ ئىسمى باپاي بولۇپ ،شۇ پېتى ئاتىلىپ كەتتى .باپايغا
يانداش ھويال غابدىلخاق خەزىرت غىمادىنىڭ ھويلىسى ھەم ئۇالرنىڭ
مەكتىپىمۇ شۇ ھويلىدا ئىدى.
ئۇنىڭغا يانداش ھويال ئابدۇراخمان كۆك كۆزنىڭ قوروسى بولۇپ،

ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى كۆك بولغاچقا كىشىلەر «كۆك كۆز» نىڭ ھويلىسى
دەپ ئاتاپ كەتكەن .بۇ ئادەم بورخان شەھىدنىڭ چوڭ خوتۇنى
شەريفە تەتەنىڭ دادىسى بولىدۇ .ئۇ زامانالردا ئۇ ھويلىنىڭ ئۇ يىقى
بوشلۇق بولۇپ ،كىشىلەر ئۇ يەرنى مويكا دەپ ئاتاپ ئۇ يەر كىشىلەرنىڭ
ساياھەت قىلىپ دەم ئېلىش ئورنى ئىدى( .ھازىر ئۇ يەرگە «ئۆپكە
كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى» ۋە ئائىلىكلەر جايالشتى).
ياڭخاڭ نوغاي (تاتار) مەسجىدىنىڭ سېلىنىشى
– 1850يىلى ئىسھاق باي تاتارىستاندىن خەمىيدىل بىكمىتوف

ماناس بويىدا تۇتقۇن

73

(دەرگەر خەجى) ئۇ تۆمۈرچىلىك قىلىپ ھەم دورىالرنى ياساپ
كىشىلەرنى داۋاالپ ساقايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئادەملەر (دورىگەر
ھاجى) دەپ ئاتاپ كەتكەن) قاتارلىق ئون نەچچە تاتار ئائىلىلىرىنى
ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئىسھاق باي ۋە خەمىدۇلالنىڭ يېتەكچىلىكىدە – 1870يىللىرى
ئۇالر مەبلەغ توپلاپ ۋە خەلقتىن ياردەم ئېلىپ تاتار مەسجىدىنى
سېلىپ چىقتى.
بۇ مەسجىد ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ سېلىنغان بولۇپ ،ناماز زاللىرى يورۇق
ئازادە چوڭ ئىدى .دېرىزىلىرىمۇ يوغان ئىككى قەۋەتلىك دېرىزە بولۇپ،
يازدا بىر قەۋىتىنى ئېلىپ تاشالپ قىشتا ئارىسىغا پاختا قويۇپ ئىككى
قات دېرىزىنى قويغاندىن كېيىن ،ئۆي ئانچە سوغۇق بولمايتتى .زالنىڭ
ئوتتۇرىسىدىن ئىشىككە ئوخشاش توسۇق قىلىپ ئادەتتە ئىچكىرىكى
ئۆيدە ناماز ئوقۇلىدۇ .بايرام ھەم جۈمە نامازلىرى ياكى كىشىلەر
كۆپ كەلگەندە ئوتتۇرىدىن توسۇق ئىشىكنى ئېچىپ ئىككى ئۆينى
بىر قىلىپ چوڭ زالدا ناماز ئوقۇالتتى .بۇ ناماز زالنىڭ يان تەرىپىدە
خانىم – قىزالر ناماز ئوقۇيدىغان تۆت – بەش مېتىر كەڭلىكىدىكى
ئۇزۇن زالى بار بولۇپ ،بۇ زالدا خانىم – قىزالر ناماز ئوقۇياتتى .ھەر
ۋاقىت توپلىشىپ دىنىي سۆھبەتلەر ۋە دىنىي دەرسلەر ئۆتىلەتتى.
بۇ مەسجىدنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشقا مەسجىدلەردىن ئاالھىدىلىكى
خانىم – قىزالر ناماز زالىنىڭ بولۇشى ۋە ئايالالرنىڭ دائىم مەسجىدتە
نامازدا بولۇشى ئىدى .باشقا مەسجىدلەردە ئاياللار ناماز ئۆيى
يوق ھەم ئايالالرمۇ نامازنى ئۆيدە ئۆتەتتى .تاتارىستاندىكى ھەممە
مەسجىدتە ئايالالر ناماز زالى بولۇپ ،ھەر ۋاقىت ئايالالر مەسجىدتە
ناماز ئوقۇغاندەك ،بۇ مەسجىد ھەم شۇ نۇسخىدا سېلىنغان ئىدى.

74

سۆيۈنگۈل چانىشېف

مەسجىد زالنىڭ ئىشىك تەرىپىدە ئۆگزىگە تەككۈدەك يوغان ئىككى
تام مەشلىرى بولۇپ ،ئۇ مەشنى پارقىراق قارا رەڭگە بويالغان قېلىن
تۆمۈر بىلەن قاپالپ قويغان تام مەشنى تاشقىرى ئۆيدە ئوت قالىسا
شۇنچە چوڭ زالالر قىشنىڭ كۈنى ئىسسىق بولىدۇ .مەسجىدنىڭ ئىچى
ئىسسىق ،ئازادە ھەم پاكىزە كۆڭۈللۈك تۇراتتى.
مەسجىدنىڭ ئالدىدىكى كەڭ ،ئەتراپى راشاتكا بىلەن توسالغان
بالكون زالىغا ئونغا يېقىن پەلەمپەي بىلەن چىقاتتى .كىشىلەر
كۆپ كەلگەندە ياكى بايرام نامازلىرىدا شۇ بالكوندا ناماز ئوقۇالتتى.
مەسجىدنىڭ ئاستىدا ئۆلۈك قويىدىغان ھەم ئۆلۈك يۈيىدىغان ۋە
تاھارەت ئالىدىغان ئورۇنلىرى بار .كوچا تەرەپتە دەرۋازىنىڭ ئىككى
چېتىدە دۇكان سېلىپ چىققان ئۇ دۇكانالر مەسجىدكە قاراشلىق
بولۇپ ،ئىجارە ھەققى مەسجىد خىراجەتلىرىگە قوللىنىالتتى.
مەسجىدنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدە مەدرىسە ئۈچۈن ئۈچ ئېغىز ئۆي
ھازىرلىنىپ بالىالرغا دەرس ئۆتۈلەتتى .ئۇنىڭدىن باشقا مۇساپىر
خانىلىرى بولۇپ ،بۇنىڭغا كەمبەغەللەر ۋە سىرتتىن كەلگەن مۇساپىرالر
كېلىپ تۇرۇپ كېتەتتى.
كېيىنكى دەۋرلەردە تاتارالر مەبلەغ توپالپ ۋەقپى يەر ئالدى ئۇ
يەرلەرگە بولسا ئىمام – مەزىنلەرگە ئۆي سېلىپ چىقتى.
32يىلغا قەدەر غابدىلغاق خەزيرەت غىمادى ئىمامەتچىلىك قىلىپ
كەلدى .شىڭسىسەي غابدىلغاق خەزيرەتنى تۈرمىگە تاشلاپ يوق
قىلغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئورنىغا شاكىر ۋەلى خەزيرەت ئىمام بولۇپ
ئىشلەپ كەلدى( .مەدەنىيەت ئىنقىالبىدا مەسجىدنى خەلق قولىدىن
تارتىۋېلىپ ئەينەك زاۋۇتى قىلىپ قويدى .ئىمام – مەزىنلەرنى كۈرەش

ماناس بويىدا تۇتقۇن

75

قىلىپ «دىنى نىقابغا كىرىۋېلىپ خەلقنى زەھەرلەپ كەلدىڭالر» دەپ
كۈرەش قىلغاندا شاكىر ھەزرەت ئاغرىپ ۋاپات بولدى).
سابىر ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئەخمەت نەجىپنى چاقىرتىپ:

ئەخمەت مەن سېنىڭ يەر پۇلۇڭنى تۇرمۇشۇمدىن ئېشىپبېرەلمىدىم .بالىلىرىم كۆپ بولدى ،ئىقتىسادىم بولمىدى .سېنىڭ
قەرزىڭنى تۆلەش ئۈچۈن قانچە نىيەتلەنسەممۇ لېكىن قولۇم يەتمىدى.
ئەمدى سەن شۇ يەر پۇلى ئۈچۈن رازى بولساڭ ،دەپ رازىلىق
سورىدى.
ئەخمەت نەجىپ :سابىر ئابىزى مەن رازىمەن بالىلىرىمىز بىر –
بىرسى بىلەن دوست بولۇپ ئۆتسە بولدى ،دېدى.
سابىرئا بىزى ئالالھ بۇيرىسا مېنىڭ بالىلىرىمدىن سېنىڭ بالىلىرىڭغا
زىيان تەگمەس .تۇغقان بولۇپ ئۆتەر ئىنشائالالھ ئىشەنچىم كامىل
دېدى( .ئەمما ھېچكىم كېلەچەككە كاپالەتلىك قىاللمايدۇ .سابىر
ئابىزى ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋەدە قىلغان بىلەن زاكىرنىڭ قىزى تۇرسۇن
سابىر ئا بىزىنىڭ نەۋرىسى ئىدى .ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىالبى جەريانىدا
ئۇ سابىر ئا بىزىنىڭ ۋەدىسىنى بۇزدى).
مەدەنىيەت ئىنقىالبى جەريانىدا سابىرئا بىزنىڭ نەۋرىسى تۇرسۇن
چېقىمچىلىق ۋە پايالقچىلىق ئىشلىرى بىلەن بىزلەرگە ھەم خەلققە
كۆپ زىيان يەتكۈزدى.
– 17يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بالىالر ئارىسىدا ئىسكارالش
(تاماق ئاغرىق)نىڭ تارقىلىشى
بىر كۈنى ئەخمەت نەجىپ مەسجىدتىن بەكمۇ كۆڭۈلسىز بولۇپ

76

سۆيۈنگۈل چانىشېف

كەلدى .ساجىدە ئەنسىرىگەن ھالدا «نېمە بولدى ئەخمەت خاپا
كۆرۈنىسىزغۇ ،بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش بولدىمۇ؟» دەپ سورىدى .ئەخمەت
نەجىپ «بۈگۈن بامدات نامىزىدا بىزنىڭ مەسجىدتىن تۆت كىچىك
بالىنىڭ جىنازىسى چىقتى .ئاتا – ئانىالرنىڭ ئاھىزارى يۈرىكىمگە
چۈشتى .بالىالر ئىچىدە يۇقۇملۇق «بوغما» كېسىلى تارقىلىپ ،بالىالر
بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆلۈۋېتىپتۇ ،بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى يوق
ئىكەن» دېدى.
ساجىدە ۋاي خۇدايىم ئۆزۈڭ ساقال ،بالىلىرىمىزغا كېلىپ قالسا
قانداق قىالرمىز؟! دەپ قاتتىق ئەنسىرەپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغالپ
كەتتى.
ئەخمەت نەجىپ «ھوي ساڭا نېمە بولدى؟ يوقنى ئويلىمىغىن»
دەپ ئېيتسىمۇ ،ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەندىشىسى كۆزىدىن كۆرۈنۈپ
تۇراتتى .ئۇالر ئۆيگە كىرىپ ئۇخالۋاتقان بالىالرنىڭ بېشىنى سىالپ
پىشانىسىدىن سۆيۈپ قويدى .خۇددى بالىلىرىدىن ئايرىلىپ
قالىدىغاندەك كۆڭۈللىرى پەرىشان بولدى .ئۇالرنىڭ ئالتە ياشلىق
مەجىت ئىسىملىك ،ئۆتكۈر ئەقىللىق ،چىرايلىق ئوغلى «قىزىل» كېسىلى
بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى .ئەخمەت بىلەن ساجىدە ئۇ ئوغلىنىڭ
سۆزلىگەن سۆز – ھەرىكەتلىرىنى دائىم ئەسلەپ ئىچ كۆيۈكىدە ئۇنى
ئۇنۇتماي ياشاپ كەلگەن ئىدى .ئەخمەت ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن
دوستى ئىبراھىمنىڭ ئۆيىگە كىردى .ئۇالرمۇ مەسجىدتىن بۇ خەۋەرنى
ئاڭالپ پەرىشان ئولتۇرۇپتۇ.
ئىبراھىم« ،دوستۇم ئەخمەت بىز قىزىل كېسىلى بىلەن گۈلدەك
ئۈچ بالىمىزدىن ئايرىلىپ ئىچ كۆيۈكىدە ياشاپ كەلدۇق .ئۇالرنى
ئۇنتۇپ قەلبىمىزدىن چىقىرالماي يۈرگىنىمىزدە ئەمدى بۇ كېسەل

ماناس بويىدا تۇتقۇن

77

كېلىپ بۇ بالىلىرىمىزنى ئېلىپ كەتسە قانداقمۇ چىدارمىز دەپ كۆزىگە
ياش ئالدى.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Manas Buyida Tutqun - 04
  • Büleklär
  • Manas Buyida Tutqun - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3217
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1608
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3722
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1711
    23.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3734
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1798
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1850
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3649
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1831
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3628
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3694
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1824
    24.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3648
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1837
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3628
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1775
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3628
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1829
    23.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3727
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1735
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3670
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Manas Buyida Tutqun - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 30
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 30
    56.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    56.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    59.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.