Latin

Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 28

Süzlärneñ gomumi sanı 3495
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1669
22.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
32.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خىش-ئەقرىبالىرى ،ئۇنىڭ ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ،بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى
قاتارلىقالرنى يارقىن ۋەقە ۋە گۈزەل تىل بىلەن يېقىشلىق بايان قىلىپ بەرگەن .ئەدەبىياتنىڭ كۈچى
بىلەن تەپەككۇرنى قاناتالندۇرۇپ ،ۋەقەلىكلەرنى ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر بىلەن كېلىشتۈرۈپ باغالپ،
پىرسۇناژالرنى يارقىن ئوبرازالشتۇرۇپ يېزىلغان بۇ رومان بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئالدى
بىلەن ،بىزنىڭ ئارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ۋە ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئوخشاشال خوشلۇقىمۇ،
خاپىلىقىمۇ ،خىيال -چۈشىمۇ ،ئارزۇ-ئارمانىمۇ بولغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەنكى،
بۇ ئەمەلىيەتتە ،ياش ئەۋالدلىرىمىزنىڭ شۇ تاپتىكى كۈندىلىك ھاياتتا ئالىم ئەجدادتىن ئۆرنەك
ئېلىپ ياشاش ئىستىكى ئۈچۈن ،نەق بىر ئەينەك ،مۇھىم بىر مەنبە بولۇش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە
ئىگە ،ئەلۋەتتە.
ئىككىنچى .تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىجاد بىلەن ،ئىلمىي
ئەمگەك بىلەن ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتىنى ھېكايە قىلش
جەريانىدا ،ئەينى زاماندىكى كاشغەرنى مەركەز قىلغان بۈيۈك قارا خانىيالر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ
تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ھالدا بايان قىلغان .ھالبۇكى ،مەكتەپلەردىكى دەرسلىكلەردە كۆپ
سۆزلەنمەيدىغان بۇ بايانالر بۈگۈنكى ئەۋالدالرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ،ئۆزلىرىنىڭ شانلىق
ئۆتمۈشىنى بىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كۈچ ئېلىپ ،پارالق ئەرتە يارىتىش يولىدا ئاڭلىق كۈرەش قىلىشى
ئۈچۈن ،سۇ بىلەن ھاۋادەك زۆرۈردۇر.
ئۈچىنچى .تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرى
مەسىلەن ،كىنو -تېلېۋىزىيەچىلىك ،دىرامما-تىياتېرچىلىق قاتارلىقالر ئۈچۈن ،قىممەتلىك ماتېرىيال
ئامبىرى ۋە دېتال خەزىنىسى بولۇش ئەھمىيىتى بىلەنمۇ بىباھادۇر.
ئىككىنچى ،داستان «ئىلىم ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى _ يۈسۈپ ۋە مەھمۇد».
مەرھۇم ئاتاقلىق شائىر ،تۆھپىكار تەتقىقاتچى ئەھمەد زىيائىي ( )0902-0989ئەپەندى
تەرىپىدىن يېزىلغان « ئىلىم ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى _ يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» داستانى
(قىسقارتىپ «يۈسۈپ-مەھمۇد داستانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد
كاشغەرىي ئوبرازىنى گۈزەل شېئىرىي تىل بىلەن ئىجادىي يارىتىپ چىققان نادىر سەمەرەدۇر.

كالسسىك داستانالرنى ئۆرنەك قىلىپ ،نەسرىي بايان بىلەن نەزمىي تەسۋىر بىرلەشتۈرۈلۈپ يېزىلغان
ۋە ئون بەش مىڭ مىسرا شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ژىرىك داستان مەزمۇن ئورانى بويىچە ئۆز
ئىچىدىن ئۈچ قىسىم ،يىگىرمە ئالتە بابقا بۆلۈنگەن.
داستاننىڭ بىرىنچى قىسمى جەمئىي ئون يەتتە بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،بابالرنىڭ ماۋزۇلىرى
مۇنۇالر :بىرىنچى باب «مۇقەددىمە» .مەزكۇر مۇقەددىمە بىر نەسرىي بايان 318 ،مىسرا مەسنەۋى،
سەككىز مىسرا نەقىل ۋە سەككىز مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ ئىككىنچى باب «بۇندىن مىڭ يىل
بۇرۇن» .مەزكۇر باب بىر نەسرىي بايان 321 ،مىسرا مەسنەۋى ،ئون ئالتە مىسرا نەقىل ۋە ئون
ئىككى مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ ئۈچىنچى باب «باالساغۇن ،بارسغان ۋە ئوردۇكەنت» .بۇ
باب بىر نەسرىي بايان 214 ،مىسرا مەسنەۋى ،تۆرت مىسرا رۇبائىي ،ئوتتۇز ئالتە مىسرا نەقىل ۋە ئون
تۆرت مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ تۆرتىنچى باب «شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت ،سۇاللە ،ئىرفان ۋە
دىن» .مەزكۇر باب بىر نەسرىي بايان 664 ،مىسرا مەسنەۋى ۋە يىگىرمە بەش مىسرا مۇخەممەستىن
تەشكىل تاپقان؛ بەشىنچى باب «يۈسۈپ كىم ئىدى ،مەھمۇد كىم؟» .ئالتىنچى باب «مەشھەد
يولىدىكى سۆھبەت» .يەتتىنچى باب «ئىككى ئالىمنىڭ ئوردىدىكى ئورنى» .سەككىزىنچى باب
«قارا خانىيالر سۇاللىسىدا چۈشكۈنلۈشۈش» .توققۇزىنچى باب «قارا خانىيالردا -0143-0147
يىلالردىكى سىياسىي ئۆزگىرىش» .ئونىنچى باب «مەھمۇد قانداق ساق قالدى؟» .ئون بىرىنچى باب
«يۈسۈپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى يېزىۋاتقان كېچىلەردىن بىر كېچە» .ئون ئىككىنچى باب
«مەھمۇدنىڭ پائالىيىتى ۋە ئېرتىش بويىدىن يۈسۈپكە مەكتۇبى» .ئون ئۈچىنچى باب «يۈسۈپنىڭ
‹قۇتادغۇ بىلىك› نى ھەمىدىيە مەدرىسىسىدە ئىلمىي مۇھاكىمىگە قويغانلىقى» .ئون تۆرتىنچى باب
«ئوردۇكەنت كاشغەر خان ھۇزۇرىدا ‹قۇتادغۇ بىلىك› تويى» .ئون بەشىنچى باب «مەھمۇدنىڭ ئىراققا
سەپىرى» .ئون ئالتىنچى باب «مەھمۇدنىڭ تۈركان خاتۇن بىلەن ئۇچرىشىشى» .ئون يەتتىنچى باب
«ئىككى ئالىمنىڭ ۋاپاتى ۋە دەپىنگاھلىرى».
داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمى جەمئىي تۆرت بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،ئۇالرنىڭ ماۋزۇلىرى
مۇنداق :ئون سەككىزىنچى باب «بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ باشتىن كەچۈرمىشلىرى ،يوقىلىش-پەيدا
بولۇش جەريانلىرى» .ئون توققۇزىنچى باب «‹قۇتادغۇ بىلىك› ۋە ‹دىۋان› غا شۇ چاغالردا يېزىلغان
مۇقەددىمە ۋە پىكىرلەر» .يىگىرمىنچى باب «بۇ كىتابالر تەرجىمە قىلىنغان تىلالر» .يىگىرمە بىرىنچى
باب «بۇ ئەسەرلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى ،ئۇالر ئۈستىدە ئىشلىگەن ئالىمالر ،بىزنىڭ
ئۇالردىن خەۋەرسىز ئۆتكەن نادامەتلىك كۈنلىرىمىز».

داستاننىڭ ئۈچىنچى قىسمى جەمئىي بەش بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،ئۇالرنىڭ ماۋزۇلىرى
مۇنداق :يىگىرمە ئىككىنچى باب «بىز بۇ يادىكارلىقلىرىمىزدىن قاچان خەۋەردار بولدۇق؟» .يىگىرمە
ئۈچىنچى باب «بۇ ئىككى ئابىدىنى كۆرۈش بىزدە بىرىنچى قېتىم كىمگە نېسىپ بولغان؟» .يىگىرمە
تۆرتىنچى باب «بۇ ئىككى ئەسەر ئۈستىدە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ ،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە
نەشىر قىلىنىشنىڭ ئومۇمىي جەريانى» .يىگىرمە بەشىنچى باب «ئىككى ئالىم دەپىنگاھىنىڭ
مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ،قۇببەلەر تەئمىرى ،خەلقىمىزنىڭ سۆيۈنچ ۋە ئىپتىخارى» .يىگىرمە ئالتىنچى
باب «تۈگەنچ».
شەكسىزكى،

«ئىلىم

ئابىدىلىرىمىزنىڭ

قۇرغۇچىلىرى

_

يۈسۈپ

ۋە

مەھمۇد»

داستانى

كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ،شېئىرىيەت بابىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ يىرىك شاھانە
ئەسەردۇر.
ئۈچىنچى ،رىۋايەتلەر توپلىمى «مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە ھېكايەتلەر».
بۇ – مەرھۇم تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم بىلەن ئابدۇكېرىم ئەخمىدى ئەپەندى
بىرلىشىپ ھازىرلىغان ۋە -3112يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەردۇر.
ساق يۈز بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەسەردە« ،ئوي چولپان»« ،ئانار شەربىتى»« ،ئاشىق شاھزادە»،
«ئەلچى بىلەن دانىشمەن قىز»« ،شاھزادىنىڭ ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىنىشى»« ،شاھزادىنىڭ ئۆيلىنىشى»،
«جانغا ئەسقاتقان ھۈنەر»« ،مەھمۇدنىڭ تەۋەللۇتى»« ،ئات ‹ئىسىم قويۇش› تويى»« ،مەھمۇدنىڭ
بوۋاقلىق دەۋرى»« ،مەھمۇدنىڭ مەكتەپكە كىرىشى»« ،ئائىلە تەربىيىسى»« ،مەھمۇدنىڭ
‹مەكتەپتە› ئىجتىھاد بىلەن ئوقۇشى»« ،شاھى ئېھرامنىڭ نەسىھىتى»« ،مەھمۇدنىڭ ئەل كېزىشى»،
«مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەسنىپ قىلغان كىتابلىرى»« ،ئانا ۋەتەن تەشنالىقى»« ،ئانا سېغىنىشى»،
«ۋەتەن ۋىسالى»‹« ،مەدرەسەئى مەھمۇدىيە› ۋە ‹نەۋروز بۇالق›»« ،ئىمام مالىك ئەجدەر»،
«مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن ئىخالسمەن ئەما»« ،مىڭبىر تۈپ ئۈجمە»« ،ھاي-ھاي تېرەك»« ،مەھمۇد
كاشغەرىينىڭ ۋەسىيىتى»« ،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ۋاپاتى» بولۇپ ،جەمئىي يىگىرمە ئالتە پارچە
ھېكايەت ئورۇن ئالغان .بېرىلىپ مۇتالىئە قىلىپ ،ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمچە ،تۈزگۈچىنىڭ
ئىستىدادى ئارقىلىق ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتى يېتىك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇ گۈزەل
رىۋايەت-ھېكايەتلەر توپلىمى ئوقۇش يېشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بالىلىرىمىزغا دەرسلىك ،ئانىالرغا
ئۆسمۈر-بالىالرنى تەربىيىلەش قولالنمىسى بولۇش قىممىتىگە ئىگە مۇھىم مەنبەدۇر.
تۆرتىنچى ،ھېكايە «باغدات ئوردىسى».

ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى تەرىپىدىن-3118 ،يىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر
تەشكىالتى پەن-مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېالن
قىلىنغانلىقى

شەرىپىگە

كاشغەرىيشۇناسلىق

تەنتەنە

تەتقىقاتى

قىلىپ

بويىچە،

يېزىلغان

ساھەسىدىكى

بۇ

ھېكايە

ئەدەبىيات

ھېكايىچىلىقنىڭ

يولىنى

كېڭەيتىۋاتقان

تۆھپىلىك

ئەمگەكلەردىن سانىلىدۇ.
« مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ھەر جۈمە كۈنى چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى ،ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋەخەلقئارالىق داڭقلىق ئەرباب ،مويسىپىت ئالىمالرنى ،تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنى قوبۇل قىالر ئېدى» دەپ
باشلىنىدىغان بۇ ھېكايە بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر-تۈرك
تىلىنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى ،ۋىجدانلىق ئالىمالرغا خاس
ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارىتى ئارقىلىق ئەينى زامان باغداد خەلىپىسىنى قايىل
قىلغانلىقى قاتارلىقالرنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن .ھالبۇكى ،مەزكۇر ھېكايە ھەممىدىن توال،
زامانىمىز ياشلىرىغا بېرىدىغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بىلەنمۇ قىممەتتە بىباھادۇر مېنىڭچە.
مۇندىن باشقا ،بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي فىلم
«ئۈچ ياش» ،شۇنداقال تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»دىن پايدىلىنىپ يېزىلغان رادېئو
دىرامىسى «مەھمۇد كاشغەرىي» قاتارلىقالرمۇ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئەدەبىيات
ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ھوسۇللۇق نەتىجىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
-3كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە تارىخ-تەزكىرە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر
«ئىلىم يولباشچىسى مەھمۇد كاشغەرىي».
بۇ – تارىخشۇناس تەتقىقاتچى مۇھەممەدزۇنۇن سىدىق بىلەن فولكلورشۇناش ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرلىغان ۋە ئاتاقلىق ئىلىمپەرۋەر سىياسىيون ،قەشقەر ۋىاليىتىنىڭ سابىق
ۋالىيسى مەرھۇم ئىيسا شاكىر مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن
-0985يىلى نەشر قىلىنغان 243بەتلىك ژىرىك ئەسەردۇر .بۇ ئەسەر ئۆز ئىچىدىن ئىككى قىسىمغا
بۆلۈنگەن بولۇپ« ،ھەزرەتى مولالم – مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىرىنچى قىسمى
« مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى ئاپتونوم رايونى بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي
يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىك ھەققىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق
ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى» « ،مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى ئاپتونوم رايونى بويىچە
نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىق جاۋابى»« ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم

رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ‹تۈركىي تىلالر دىۋانى›نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ
قەبرىسىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى
قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكالتى»« ،قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ‹تۈركىي
تىلالر دىۋانى› نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى دولەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق
قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق قاتارىغا كىرگۈزۈش ھەققىدىكى يوليورۇق سوراش دوكالتى»،
«‹ھەزرەتى مولالم مازىرى›نى نۇقتا قىلىپ ،ئوپالدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن دوكالت»« ،
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىي يادىكارلىق باشقارمىسى بىلەن
قەشقەر ۋىاليەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقالرنى مۇھاپىزەت قىلىش-باشقۇرۇش ئورنى ئارخىئولوگىيە
گۇرۇپپىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى تەكشۈرۈش دوكالتى»« ،مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا
كىتاب ۋەخپە قىلغانلىق ھەققىدىكى ھۆججەتنىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسخىسى»« ،ئوپال رايونىدىكى
پېشقەدەملەرنىڭ ‹ھەزرەتى مولالم› ھەققىدە ئېيتقانلىرى»« ،مۇھەممەتئىمىن ئەخمەت‹ :ھەزرەتى
مولالم تەزكىرىسى› توغرىسىدا ئەسلىمە»« ،مۇھممەدزۇنۇن سىدىق :ھەزرەتى مولالم – مەھمۇد
كاشغەرىي» « ،قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى ۋە قەبرىسى
توغرىسىدىكى يېڭى پاكىتالرنى مۇھاكىمە قىلدى»« ،ئىيسا شاكىر :قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ
ئوپال رايونى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى‹ ،ھەزرەتى مولالم مازىرى› بولسا ،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ
قەبرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقالندى»« ،ئابلىز ئۆمەر :ئۇلۇغ ئالىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا»« ،ھەسەن
ئابدۇرەھىم :مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسى ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئېتى» ماۋزۇسى ئاستىدا بايان
قىلىنغان ھۆججەت ۋە تەكشۈرۈش دوكالتلىرىدىن تەشكىل تاپقان .ئىككىنچى قىسمى بولسا،
««دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىلالر دىۋانى) نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان
دەسلەپكى چاغالردا يېزىلغان بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان.
بۇ ئەسەر بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى ئېنىقالپ بېكىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى
پاكىتالر بىلەن تەمىنلەيدىغان باش مەنبە ۋە شۇ ھەقتىكى قانۇنىي قارار ۋە بېكىتمىلەر توپلىمى بولۇش
سۈپىتى بىلەن ،كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى سورۇنىدا يېگانە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.
«مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات شەجەرىسى».
بۇ – قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن -3110يىلى نەشر قىلىنغان «ئىلىم ۋە ئالىم» قاتارلىق
ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم ئەھلىگە تونۇشلۇق بولغان ئىستىدادلىق كاشغەرىشۇناس تەتقىقاتچى ئۆمەر
ئوسمان شىفائىي ئەپەندى يازغان ۋە داۋاملىق ئىزدىنىپ مۇكەممەللەشتۇرىۋاتقان تەزكىرە
خاراكتېرىدىكى ئەسەردۇر .شىفائىي ئەپەندى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ۋە بوشاشماي

ئىزدىنىش ئارقىلىق ،نەق پاكىتالر ئاساسىدا يازغان بۇ ئەسەر كاشغەرىي ئەۋالدلىرىنى
ھاياجانالندۇرماقتا ۋە ئىپتىخارالندۇرماقتاكى ،بۇ ئەسەرنىڭ تولۇقلىنىپ پۈتۈپ چىقىشى بىلەن ،بۈيۈك
ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نەسەب شەجەرىسى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىگە تونۇتۇلغۇسى!
«مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ قەبرىگاھى».
بۇ -مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنىڭ چۈشەندۈرگۈچى كادىرى ،كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى
دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل خانىم ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىق بىلەن يازغان ۋە -3115يىل
-03ئايدا ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىچكى ماتېرىيال قىلىپ نەشر قىلىنغان 066بەتلىك
ئەسەر« .مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى بىلىملىرى قولالنمىسى» دېيىشكىمۇ بولىدىغان بۇ قوش تىللىق
ئەسەر ئۆز تەركىبىدىكى «مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدىكى كونا-يېڭى ئەسلىھەلەر»« ،مەھمۇد
كاشغەرىي قەبرىگاھى ئەتراپىدىكى تارىخىي ئىزالر» دېگەن باش ماۋزۇالر ئاستىدا بېرىلگەن
«مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى»« ،ھەزرەتى مولالم مەسجىدى»« ،ئوي چولپان راۋىقى»،
«كۆرگەزمەخانا»« ،چوڭ دەرۋازا»« ،نەۋروز بۇالق»« ،ھاي-ھاي تېرەك»« ،ھەزرەتى پاشا
قەبرىسى»« ،سۇلتان ئارىپ قەبرىسى»« ،مولال نەزەر ئاخۇنۇم قەبرىسى»« ،ئابدۇرەھىم نىزارىي
قەبرىسى»« ،خوجا سەيفۇددىن بۈزۈرۈكۋار قەبرىسى»« ،بۈۋى رابىيە خانىكام قەبرىگاھى»،
«يالماۋۇز غارى ھەققىدە رىۋايەت»« ،توققۇز قازناق ئىزى» قاتارلىق تارماق كۆزنەكلەردىكى
جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخىي ئوچۇقلىمىلىرى ،سان-سىپىرلىق يېگانە بىلگى-بىلىملىرى بىلەن
كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى سورۇنىدا ئۆزگىچە ئېتىبار ۋە قىممەتكە ئىگىدۇر.
-2كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىككى رەسىمى.
بۇ -ئاتاقلىق رەسسامىمىز غازىي ئەھمەد ئەپەندى تەرىپىدىن -0982يىل سىزىلىپ ئېالن قىلىنغان
«ئىلىم مۇتالىئە قىلىۋاتقان ياشانغان مەھمۇد كاشغەرىي» («ئىش ئۈستىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي»مۇ
دېيىلىدۇ) رەسىمى بىلەن-3115 ،يىل سىزىپ ئېالن قىلىنغان «ئۇدۇل قاراپ تۇرغان نەۋقىران مەھمۇد
كاشغەرىي» رەسىمىنى كۆرسىتىدۇ .ئۆزىنىڭ «غەرىب ۋە سەنەم»« ،جىنايى ھۆكۈم»« ،ھېساب
ئېلىش»« ،ئاماننىساخان»« ،مۇقام»« ،گىلەم – ئۇيغۇرالر»« ،مۇزىكا مەستانىلىرى»« ،دوالن
روھى»« ،پامىردا باھار كۈيى» قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى« ،قوتاز ئۈستىدە»« ،ئوغالق
تارتىشىش»« ،تەڭرىتاغ بۇلبۇلى»« ،ئىران قىزلىرى»« ،ئات ئۈستىدە»« ،كۈچ سىناش»« ،مېنىڭ
راۋابىم»« ،نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ پادىشاھنى مازاق قىلىشى» قاتارلىق 311پارچىدىن ئارتۇق
جۇڭگوچە رەسىملىرى ۋە «تەڭرىتاغ كۈيى»« ،ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»« ،تەڭرىتاغدىكى شادلىق»

قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تام رەسىملىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقلىق بولغان رەسسام غازىي
ئەھمەد ئەپەندى سىزغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەزكۇر ئىككى رەسىمى رەسسامنىڭ داڭقىغا داڭق،
شۆھرىتىگە شۆھرەت قوشقان نادىر ئەسەرلەردۇر.
مېنىڭ تەسىراتىمچە ،يازغۇچى پەرھات جىالن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ژىرىك ئەمگىكى بولغان تارىخىي
رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ئارقىلىق ،بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆمۈر تارىخى ۋە ھايات
پائالىيىتىنى خەلقىمىز شۇنداقال پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇشتۇرغان بولسا ،رەسسام غازىي ئەھمەد
ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىككى رەسىمى ئارقىلىق ،ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆلچەملىك
پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇپ بەردىكى ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى رەسىم بىلەن بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ
ئوبرازى خەلقىئالەم ئالدىدا تېخىمۇ كونكرېتلەشكەن ،تېخىمۇ روشەنلەشكەن بولدى.
مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلى.
بۇ – ھەيكەلتەراش خالمۇراد ئەپەندىنىڭ اليىھىلىشى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى
ھەيكەلتەراشلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ،ئوپال مەھمۇد كاشغەرىي
قەبرىگاھى باغچىسى ئىچىگە -0996يىلى تۇرغۇزۇلغان پۈتۈن گەۋدىلىك مەھمۇد كاشغەرىي
ھەيكىلىنى كۆرسىتىدۇ .مەزكۇر ھەيكەلنىڭ ئۇل پوندامىنتى ،x4x42يەر يۈزى پوندامىنتى بولسا،
x3x33بولۇپ ،زېمىن يۈزىدىن ئېگىزلىكى 9 .54كېلىدۇ.
رەڭگارەڭ خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ئازادە گۈلزارلىقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ
ھەيكەلدە ،بېشىغا يارىشىملىق باش كىيىم ،ئۈستىگە ئالىپتە تون كىيگەن ،قاڭشالىق ،قويۇق قاشلىق،
قىسقا ساقال-بۇرۇتلۇق ،ئۇزۇن بويلۇق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ،ئوڭ قولى بىلەن بىر توم كىتابنى
قولتۇقلىغان ،سول قولىنى بولسا ،ئىختىيارى سالغان ھالدا ،ئالىمغا خاس جاسارەت بىلەن يىراققا كۆز
تىككىنىچە ئالغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
ئۇيغۇر ھەيكەلتەراشلىق گۈزەل سەنئېتىنىڭ غوللۇق سەمەرىسى سانىلىشقا ھەقلىق بولغان مەزكۇر
مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلى كۈنىمىزدە ،يەر شارىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ۋە
كېلىۋاتقان مەھمۇد كاشغەرىي ھەيرانلىرىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن
شاراپەتلىك ئەسەر بولۇپ مەزمۇت تۇرماقتا.

خۇالسە قىلىپ ئېيتقاندا ،كاشغەرىيشۇناسلىق بۈيۈك ئالىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولغان جۇڭگودا ،ئەنە
شۇنداق ژىرىك ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن ،كەڭ دائىرىلىك ۋە پارالق ئىستىقباللىق بىر ئىلىم
ساھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە.
-3118يىل -08ئۆكتەبىر ،بېيجىڭ.
x

x

x

x

جەمئىي ئۈچ كۈن داۋامالشقان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ،ئالىمالر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ
يېڭى ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىالتى پەن-مائارىپ ئورگىنىنىڭ
-3118يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېالن قىلغانلىقىغا ئىپتىخار بىلەن تەنتەنە
قىلىشتى .بۇ دۇنياۋى بۈيۈك تەنتەنىگە مەنمۇ يۇقىرىدىكى ئەمگىكىم بىلەن قاتنىشالىغانلىقىم
ئۈچۈن ،ئۆزۈمنى بەختىيار ھېساباليمەن ،غۇرۇرلىنىمەن ۋە ئۇنى «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىمدىكى
ئۇنتۇلماس كۈنلەر» دەپ ئەبەدىي خاتىرىلەيمەن.
كاشغەرىيشۇناسلىق ياشالر ۋە بالىالر ئارىسىدا
مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تار ۋە كەڭ ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئىگە .تار مەنىدىكى
كاشغەرىيشۇناسلىق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى ،ئالىمالرغا خاس روھى،
ئۇنىڭ ئەۋالدالرغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن
ئالىمنىڭ كىشىلىك قارىشى ،دۇنيا قارىشى ،تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى ،ھەتتا ئالىمنىڭ
يار-بۇرادەرلىرى ،ئۇرۇغ-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتالرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاندىن ،دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى
تونۇشتۇرۇش ،مۇھاكىمىگە قويۇش ۋە ئومۇمالشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ
كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئەمدى ،كەڭ مەنىدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق بولسا ،ئىلىمپەرۋەر ئەجدادالرنىڭ ئۇدۇم روھىغا
ۋارىسلىق قىلىپ ،ئىلىم-پەن بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىش ،ئىلىم-پەن ئارقىلىق شەخسەن ئۆزىنى
مەدەنىي ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ،ئىلىم پەن ئارقىلىق توپلۇم-جامائەت ۋە مىللەتنى روناق
تاپقۇزۇشقا ھەسسە قوشۇش ،ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش قاتارلىق
پائالىيەت ۋە ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە كاشغەرىيشۇناسلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

چۈنكى ،كاشغەرىيشۇناسلىق دېمەك ئاداققىي مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئىلىمپەرۋەرلىك دېمەك،
مەرىپەتپەرۋەرلىك دېمەكتۇر!
ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى ،بۇ نۇقتىنى مەن دېمەتلىك قېرىالرال ئەمەس ،خېلى سالماقنى
ئىگىلەيدىغان ياشلىرىمىز ۋە نەۋرە يېشىدىكى بالىلىرىمىزنىڭمۇ بىلىپ ،ئاڭقىرىپ مېڭىۋاتقانلىقى
ئىنساننى سۆيۈندۈرىدۇ .مەن بۇ يەردە ،مۇشۇنىڭغا تالىق بىر-ئىككى كەچۈرمىشىمنى خاتىرىلەپ
ئۆتىمەن:
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ياش ئەۋالدالر بىلەن سۆھبەت
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكىتىمىز جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى
بولۇپ ،بۇ يەردە ،يۈزدىن يۈز ئەللىككىچە مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى
كۆرىۋاتىدۇ .بىر شەھەردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ
بېرىلىپ تۇرىدىغان بايراملىق پائالىيەتلەردە ،ئۇالر بىلەن ئۇچرىشىپ ،تونۇشالردىن بولۇپ قالىمىز.
مەن تونۇشىدىغانالرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ،ئەمما ئەدەبىياتنىمۇ
ياخشى كۆرىدۇ ،تىلشۇناسلىق ئىلمىنى ،ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىنى يەكلىمەيدۇ ،ئىستىقبالسىز كۆرمەيدۇ.
كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە بىز تەبىئىي پەن ئەھلىنىڭمۇ ئورنى ۋە رولى بار دەپ قارايدۇ.
شۇ ۋەجدىن ،بىزنىڭ ئارىمىزدا ئورتاق پىكىر ،ئورتاق قىزىقىش ۋە ئورتاق مۇھاكىمە نۇقتىلىرى بولۇپ
تۇرىدۇ ،بېرىش كېلىشلىرىمىز ئۈزۈلمەيدۇ.
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىالرنىڭ «ئۈمىد يۇلتۇزى» ناملىق قانۇنلۇق
ئۇيۇشما تەشكىلى بار .بۇ تەشكىالت ئۇالرنى قەرەللىك ھالدا بىر يەرگە توپالپ ،ئۆگىنىش ،تۇرمۇش ۋە
جەمئىيەت ماۋزۇلىرى بويىچە مۇڭدىشىش ،پىكىرلىشىش ئىمكانى بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدۇ.
-3116يىل -03ئاينىڭ -9كۈنى ،مەن تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرىپ،
«ھىجرەت ۋە نۇسرەت» ماۋزۇلۇق چاتما لېكسىيە بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانىدىم .شۇندىن بۇيان،
مەزكۇر ئوقۇغۇچىالر ئۇيۇشمىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز ،قويۇق بېرىش-كېلىشىمىز داۋامالشماقتا.
بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئابۇلئەزىز ،ئابدۇلئەھەد ۋە ئەھمەدجان دەيدىغان يولباشچى ۋە پائالىيەت
سەركەردىلىرى بار .ئۇالر بىلەن پىكىرلىشىش ،مۇڭدىشىش ئىنساننى پارالق ئۈمىدنىڭ قوۋناق
قاينىمىغا چۈمۈلدۈرىدۇ گويا.
بىز سۆھبەت ئۇيۇشتۇرساق ،ئادەتتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىالر ماڭا مۇئەييەن سوئال بىلەن سۆھبەت
تېمىسى چىقىرىپ بېرىدۇ .مەن شۇ تېمىغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىمەن .سۆھبەت باشالنغاندا ،مەن

ئوقۇغۇچىالر چىقىرىپ بەرگەن ھېلىقى سوئالالر ئاساسىدا ،يىگىرمە مىنوت ،ئۆتۈپ كەتسە يېرىم
سائەت سۆزلەيمەن .قالغان چاغدا ،ئوقۇغۇچىالر پىكىر بايان قىلىدۇ ،قىزىققان نۇقتىالر ئاساسىدا ئۆز
كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،بىز ئۆز ئارا پىكىر ،چۈشەنچە ئالماشتۇرىمىز .ھەر قېتىملىق
سۆھبەتتە ،مەن ياش ئوقۇغۇچىالردىن -بۇ نەۋرەم يېشىدىكى دوستلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسە
ئۆگىنىۋالىمەن ،بۇ مېنى تولىمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.
-3118يىل -03ئاينىڭ -6كۈنى ،ئاشۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئۈمىد يۇلتۇزى»
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىالر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن« ،بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز» دېگەن ماۋزۇ
ئاستىدا ھەمسۆھبەتتە بولدۇم .بەش يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتناشقان بۇ سۆھبەت
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش يېرىمگىچە داۋامالشتى .مەن بۇ سۆھبەتتە ،ئالدى بىلەن،
مىالدىيە -3118يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىالتى تەرىپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي
يىلى» ئېالن قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش
ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردىم .ئاندىن ،كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئەۋالدى بولۇش
سۈپىتىم بىلەن ،يۈرىكىمدە پەيدا بولغان شەرەپ-ئىپتىخار تۇيغۇسى ۋە ئۇ تۇيغۇنىڭ تۈرتكىلىكى ۋە
ھەيدەكچىلىكىدە ،ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمنى ھېچ كەم ياكى زىيادە قىلماي« ،بىرنى
بىر دېگۈلۈك» دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ،سۆھبەت ئەھلىگە دوكالت قىلدىم« .كاشغەرىي
يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى» دېگەن فىلىمنى قويۇپ بەردىم .ئارقىدىن ،ياشالرنى كۆز
ئالدىدىكى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ ،ياخشى ئۆگىنىپ ،بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىيدەك
ئالىمالردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردۈم.
مەن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ،ئوقۇغۇچىالر بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ ،ئۆز زىممىلىرىدىكى
ھەر قايسى كەسپلەر بويىچە ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تولۇقى بىلەن ئادا قىلىش ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق،
پۈتكۈل دۇنيانى قايىل قىلغان بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ

روھىنى خوشال

قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتىكى ،مانا بۇالر -بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنىڭ نەتىجە جەۋھىرى بولدى
مېنىڭچە.
سۆھبەت ئاخىرىدا ،ئوقۇغۇچىالر مېنى «ئۈمىد يۇلتۇزى شەرەپ تاختىسى» بىلەن مۇكاپاتلىدى.
ئۈستىگە ئوقۇغۇچىالر ئۆزلىرى يازغان «ئۇستاز شەنىگە» ناملىق شېئىردىن ئىككى كۈپلىت گۈزەل
ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مەرۋايىتتەك تىزىپ يېزىلغان بۇ شەرەپ تاختىسى ئەمەلىيەتتە ،مەن مەزكۇر
كاشغەرىي يىلىدا ئېرىشكەن ئەڭ ۋەزنىلىك مۇكاپات بولدى .راستىنى ئېيتسام-3116 ،يىلى نوبىل
مۇكاپاتىغا ئېرشكەن ئورخان پامۇكتىن چارە خوشال بولدۇم ،مىسلىسىز غۇرۇر تۇيۇدۇم ،چۈنكى ،بۇ

بىزنىڭ ياش كاشغەرىيشۇناسلىرىمىز تەرىپىدىن ،ئارقىمىزدىن بىز بىلەن سوڭدىشىپ كېلىۋاتقان
ئىلىمپەرۋەر ئىز باسارلىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات -تەڭداشسىز بۈيۈك مۇكاپات ئىدى
مېنىڭ ئۈچۈن!
تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق
مېنىڭ تونۇشۇمچە-0994 ،يىلى شىنجاڭ ياشالر – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەىر قىلىنغان
تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ،مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن
ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ ،ئۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق
ئاممىسىغا بىر ئۆرنەك ئىنسان سۈپىتى بىلەن تونۇتۇش جەھەتتە تەڭداشسىز زور رول ئوينىغان نادىر
ئەسەردۇر .كېيىنكى چاغالردا« ،ئورخۇن شەجەرىسى» ۋە «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» ناملىق تارىخىي
رومانلىرى بىلەنمۇ خەلققە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان تاالنتلىق يازغۇچى پەرھات جىالن ئەمەلىيەتتە،
ئۆزىنىڭ تارىخىي رومانى «مەھمۇد كاشغەرىي» ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدە كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىنىڭ
كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۆھپىكار ئالىم سانىلىدۇ .پەرھات جىالن ئەپەندى
مەزكۇر رومانىنىڭ خاتىمە قىسمىدا ،بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۈيۈك ئابىدە ئەسىرى «دىۋانۇ
لۇغاتىت تۈرك»نىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تارتىپ ،ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆتكەن مىڭ يىل جەريانىدا
دۇنيادىكى باشقا ئالىمالر تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشى ،تەقلىت قىلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىغىچە بولغان
ساپ ئىلمىي پائالىيەتلەرنى مېغىزلىق بايانالر بىلەن تىزىپ كۆرسەتكەنكى ،بۇ ھال مەزكۇر تارىخىي
روماننىڭ بىر ژىرىك ئەدەبىي ئەسەر بولۇش بىر چاغدا ،يەنە ئۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ياش ئەۋالدالرغا بىر
بىباھا ئىلىم خەزىنىسىنى ئوچۇقالپ چۈشەندۈرىدىغان ئوقۇشلۇق ،ئىنساننى ئىلىم-ئالىملىق يولىغا
باشاليدىغان بىر ئىلمىي رەھبەر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەلقىنلىق ئىپادە قىلىدۇ .بۇ روماننىڭ
-3116يىلى تۈركىيەلىك ئۆزتۈرك خانىم تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ،بەش مىڭ تىراژ
بىلەن نەشر قىلىنىشىمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەم بەدىئىيلىك ھەم ئىلمىيلىك جەھەتتە ئوخشاشال
مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان مۇنەۋۋەر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتاليدۇ مېنىڭچە .شۇنداق ئىكەن ،بىز
تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ،شۇنداقال
ئومۇمىي ئىلىمپەرۋەرلىك سورۇنىدىكى رولىنى يەنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز الزىم ،ئەلۋەتتە.
مەن مۇشۇنداق تونۇش ئاساسىدا ،تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئاشۇ -0994يىلى
تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغىنىدىن بۇيانقى ئوقۇلۇش ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىمكانىمچە
قىسقىچە تەكشۈرۈپ كۆردۈم .ئومۇمىيەت جەھەتتىن مەلۇم بولدىكى ،مەزكۇر رومان «دۇنيا مەھمۇد
كاشغەرىي يىلى» ئاتالغان -3118يىلدىكى يېڭى نەشرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ھازىرغىچە ئۈچ
قېتىم بېسىلغان .ئەمما تىراژ سانى «ئانا يۇرت» ۋە «ئىز» قاتارلىق رومانالردىن جىق ئاز .ئۈرۈمچى

شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى -0998يىلى بىر قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى
ئۆتكۈزگەندىن باشقا ،ھېچقانداق بىر ئورگان ياكى كوللىكتىپنىڭ تارىخىي رومان «مەھمۇد
كاشغەرىي» ھەققىدە خاس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس .مەن ئۆزۈم دەرس
سۆزلەۋاتقان ئۈچ سىنىپ جەمئىي 008نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن ،مەزكۇر روماننى ئوقۇپ
باققانالر پەقەت ئۈچ نەپەر .روماننىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭالپ باقمىغانالر بولسا 69 ،نەپەر بولۇپ چىقتى.
مەن مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ،ئارتۇقچە قېيىداپ ئولتۇرمىدىم ،ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىپ كايىپ،
قۇيرۇقۇمنى تاالپ يۈرمىدىم ،ئەكسىچە ،كۆز ئالدىمىزدىكى مەزكۇر دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا
ئەسكەن ئىلىمپەرۋەرلىك سەلكىن شامىلىدىن پايدىلىنىپ ،قېرىنداشلىرىمىز ،بولۇپمۇ ياش
ئوقۇغۇچىالر ئارىسىدا« ،مەھمۇد كاشغەرىي» رومانىنى ئوقۇش-مۇتالىئە قىلىش ،شۇ ئارقىلىق ،بوۋىمىز
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ھەققىدە ساۋات چىقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش زۆرۈركەن دەپ
قارىدىم.

دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ،فاكۇلتېتىمىزدىكى ئۆزۈم گەپ ئۆتكۈزەلەيدىغان

-3116يىللىق ۋە -3117يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى سىنىپىدىكى ئەۋالدالر ئارىسىدا تارىخىي
رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى ئوقۇپ ،مەن چىقىرىپ بەرگەن سوئالالر ئاساسىدا تەسىرات ۋە ئىلمىي
ماقالە يېزىش پائالىيىتى ئېلىپ باردىم .يېزىلغان ماقالىالرنى ئالدى بىلەن ،مەن بىلەن ئوقۇغۇچىالر
ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان خاس كومىتېت يىغىنىدا ئوقۇپ ،سەرخىللىرىنى تالالپ چىقتۇق .بۇنىڭ
نەتىجىسىدە-3118 ،يىل -03ئاينىڭ -7كۈنى ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە« ،تارىخىي
رومان ‹مەھمۇد كاشغەرىي› ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان
ۋە مەن يېتەكچى بولغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر يۈز قىرقتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى
قاتناشتى .كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە ساق ئىككى سائەت داۋامالشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە
يىغىنىدا ،جەمئىي 00نەپەر ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى تەسىرات ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى .ئۇالر ئۆز
سۆزلىرىدە ،ئالدى بىلەن ،تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئەمەلىيەتتە ،ياش ئەۋالدالرنى
بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى چوڭقۇر ،ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي بىلىش ۋە
چۈشىنىش ئىمكانىغا ئىگە قىلغانلىقىنى ،مۇشۇ رول ۋە ئەھمىيىتى بىلەن ،ئۇنىڭ پۈتكۈل
كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئاندىن ،ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىالن ئەپەندىنىڭ تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى
يېزىش ئارقىلىق ،كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋالدالر ئارىسىدا مەڭگۈ يىلتىز تارتىشى ۋە
چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكرار-تەكرار قەيت قىلىشتى .يىغىن ئەسناسىدا،
تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئاپتورى ،ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىالن ئەپەندىنىڭ

يىغىن ئەھلىگە يازغان ئىلھامبەخش تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى .پەرھات جىالن ئەپەندىم ئۆز
خېتىدە« :مەن يازغان تارىخىي رومان ‹مەھمۇد كاشغەرىي›نى ئوقۇپ ،ئۇ ھەقتە خاس ئىلمىي
مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگىنىڭالردىن مەمنۇن بولدۇم .بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي سىلە-بىزنىڭ
ئەبەدىيلىك ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ،ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى سىلە-بىزنىڭ ياشام ئۆرنىكىمىز .مەن
سىلەرنىڭ كاشغەرىي بوۋىمىزدىن ئۆگىنىپ ،ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئۆگىنىش ۋەزىپەڭلەرنى
ئەجدادالرنىڭ روھى سۆيۈنگىدەك دەرىجىدە ئەال ئادا قىلىشىڭالرنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!»
دېيىلگەنىدى .خەت ئوقۇلۇپ بولغاندا ،ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ياڭرىغان ئالقىش ساداسى ئەۋالدالرنىڭ
ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.
«كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى ،پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناخشىسىنى كوللىكتىپ
ئوقۇش بىلەن باشالنغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشتىن ئاياغ تولىمۇ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتتى.
سۆزگە چىققان ئوقۇغۇچىالر ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ ،بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيگە
يۈز كېلەلىگىدەك دەرىجىدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىق ئىرادىسىنى
بىلدۈرۈشتى .شۇنداقال-3118 ،يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقىغا سۆيۈنۈش بىلەن
تەنتەنە قىلىشتى.
دەل ۋاقتى-سائېتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن مەنال ئەمەس .ئوقۇغۇچى
شاگىرتالرمۇ رازىمەنلىك ھېس قىلغانلىقى مەلۇم بولدى .ئاڭلىسام ،ئوقۇغۇچىالر ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان
بۇ پائالىيەتنىڭ سۈرەتلىرىنى شۇ كۈنىال دەرھال مۇناسىۋەتلىك تورالرغا چىقىرىپ ،زامانداش
قېرىنداشلىرىنىمۇ ئۆز شادلىقىغا ھەمشىرىك قىلىپتۇ ،ئاڭلىغانالر ۋە كۆرگەن-بىلگەنلەر« :ئەمەلىي
پائالىيەت بىلەن كاشغەرىي يىلىغا تەنتەنە قىلىپسىلەر ،سىلەرگە ئاپىرىن!» دېيىشىپتۇ.
يىل خاتىمىسىدە تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش
-03ئاينىڭ -39كۈنى ،بېيجىڭ ۋاقتى سائەت سەككىز ،ئەنقەرە ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت
ئىككىدە ،تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو ئستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ياش دېكتورى ۋە
مۇخبىرى ئادىلجاننىڭ تېلىفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم .بۇ يەردە ،ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا
بولۇنغان سۆھبەتنى ئەينى بىلەن خاتىرىلەپ ئۆتىمەن:
-0سوئال :سىزنىڭچە-3118 ،يىلى ئۇيغۇرالر ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟
جاۋاب :مېنىڭچە ،بۇ -3118يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ،ئىپتىخارلىق،
غۇرۇرلىنىش بىلەن تولغان ۋە تويۇنغان بىر يىل بولدى .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىالتى

پەن-مائارىپ ئورگىنى بۇ يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېالن قىلغاندىن كېيىن،
پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەر ،ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ھەقلىق ھالدا ،ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 29
  • Büleklär
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3349
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1856
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2211
    17.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3675
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1961
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1801
    15.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3492
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1882
    21.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3543
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1867
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3514
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    20.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3547
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1561
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3550
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1744
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3702
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3604
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1808
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3442
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1842
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3438
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1997
    21.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3570
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1837
    18.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3384
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3558
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1585
    18.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3237
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1741
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1620
    19.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3315
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1662
    20.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    24.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1529
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3541
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3490
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1857
    20.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3520
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1758
    20.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1669
    22.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3474
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3462
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1829
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3324
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1641
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3532
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1815
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3581
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1667
    19.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3555
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1702
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3507
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1622
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1759
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1650
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 105
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 26
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    53.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.