Latin

Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 06

Süzlärneñ gomumi sanı 3535
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن.گېرمانىيە ھانبۇرۇگ ئونىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى ،تۈركشۇناس
گابائىن خانىمنڭ (ۋون.گابائىن.ئا) مەلۇماتىغا ئاساسالنغاندا ،گېرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ
يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق
ئېكىسپىدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرالرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر
خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان .بۇ ئاددىي بىر مىسال .يەنە لوندون ،توكيو،
ستوكھولىم ،پارىزھ ،موسكىۋا ،قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈبخانا ۋە مۇزىيالردا قانچىلىك
بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .مۇشۇنداق ئەھۋالدا ،دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا
ئەرزىيدىغان

قەدىمكى

يازما

يادىكارلىقلىرىمىزدىن

«تۈركىي

تىلالر

دىۋانى»

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت.
مەنبە :قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى(ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي قەشقەر)

بىلەن

-7ئېتراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقىرى

ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلۇق
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ – 3101يىللىق – 0سانىغا مەشھۇر رەسسامىمىز غازى ئەمەتنىڭ
« ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەري پورترېتلىرىنىڭ يارىتىلىشى
ھەققىدە» نامىدىكى ماقالىسى بېرىلدى .ماقالە مېنىڭ – 3116يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلىنىڭ – 5سانىدا ئېالن قىلىنغان – 3117 ،يىلى ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن

نەشر قىلىنغان – 00« ،ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسى» دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن
«ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتى ۋە مىللى خاراكتېرى» دېگەن ماقالەمگە جاۋابەن يېزىلغان ئوبزور
ئىدى .مەن ماقىلىنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ھەيران قالدىم ،يەنە بىر تەرەپتىن ئەپسۇسالندىم .ھەيران
قېلىشىمدىكى سەۋەب ،ماقالىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىيەتلىك ئىلمىي ۋە تارىخى مەسلىلىەرگە
قارىتا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان ،ھېچ بولمىغاندا «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان
لۇغەت تۈرك» دېگەن شاھىت ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل بىرەر قېتىم ۋاراقالپ كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن
پىكىر قىلماي ،ئەكسىچە مېنى «يېتەرلىك بىلىم ئاسىسى بولمىغان ئوبزورچىالرنىڭ ئاساسسىز ۋە
ئورۇنسىز باھا ۋە تەقرىز يېزىشى كىشىنى ئەپسۇسالندۇرىدۇ» دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ئاپتور «يېتەرلىك بىلىم ئاساسى بولۇش» دېگەن تەلەپنىڭ سالمىقىنى مۆلچىيەرلىيەلمىگەن بولسا
كېرەك ،بۇ پىكىردىن «مەندەك بىر مەشھۇر رەسسام ئۈچۈن ،ھېچكىمنىڭ ئوبزور يېزىشىغا ھەققى يوق»
دېگەن مەنا چىقىدۇ .مەن رەسسام ئەمەس ،رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى تازا
چۈشەنمەيمەن ،شۇڭا ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت ئۆلچىمى ھەققىدە
پىكىر قىلمىدىم ،بەلكى مەن 21يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان بىلىش
نەتىجىلىرىمگە ،تارىخى پاكىتالرغا ئاساسەن ئىلمى نۇقتئىي نەزەردە تۇرۇپ سەمىمىي تەكلىپلىرىمنى
ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم .مەن ئۆمرۈمنى ئىككى ئالىمنى ۋە ئۇالرنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈشكە
سەرپ قىلدىم ،ئۇالر بىلەن بىرگە ماڭدىم ،بىرگە ياتتىم ھەم پىكىرلەشتىم« .قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە
بىر قانچە كىتاب يازدىم ،ھەمدە بىر قانچە يىل سەرپ قىلىپ «دىۋان لۇغەت تۈرك» كە شەرھى
يازدىم .بۇ جەريانىدا مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي سىماسى
دىلىمغا چوڭقۇر ئورناشتى .شۇڭا ،ئۇالر توغرۇلۇق پىكىر قىلىشقا ئۆزۈمنى تامامەن ھەقلىق دەپ
قارايمەن.
ئەپسۇسلىنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى ،غازى ئەھمەت ئاكىنىڭ ئىلمىي مەسلىلەرگە قارىتا ئىلمىي
پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقى ۋە سەمىمىي بولمىغانلىقى بولدى .بىز ھېچ بولمىغاندا تارىخقا ئوبدانراق
نەزەر سېلىشىمىز ،تارىخقا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز الزىم .بىر -بىرىمىزگە سەمىمىيەتسىزلىك،
ھۆرمەتسىزلىك قىلساق كارايىتى چاغلىق ،تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلساق تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز .
تارىخ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ .بىزنىڭ قىلغان ھەر -بىر ئىشىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا
بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ،تارىخ ئېتىراپ قىلىدىغان بولىشى كېرەك .يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن
مەھمۇد كاشغەرى -00ئەسىردىكى قاراخانىالرنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر
ئالىملىرى ،ھەرگىزمۇ ئەرەب ياكى پارس شائىرلىرى ئەمەس ،يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى دەۋردىكى
ئۇيغۇرالرنىڭ تىپىدىن ئەمەس .شۇڭا مىڭ يىل بۇرۇنقى مىللىي مەدەنىيەتنى ،ئىتنىك ئاالھىدىلىكنى،

مىللىي خاسلىق ۋە تارىخى ئاالھىدىلىكنى بىلمەي تۇرۇپ ،تارىخى شەخسلەرنىڭ پورتېرىتى ھەققىدە
تەسەۋۋۇر قىلىش ئەلۋەتتە شۇ تارىخى شەخسلەرگە نىسبەتەنمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ .شۇڭا
كىتابخانالرنىڭ ئېڭىدا شەكىللىنىپ قالغان بەزى مۈجۈمەل چىگىشلەرنى يېشىۋېلىشىغا ياردىمى بوالر
دېگەن نىيەتتە بىر قىسىم مەسلىلەرگە قارىتا كونكرىتراق پىكىر قىلىشقا توغرا كەلدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتى نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان يۇقارقى ئىككى
رەسىم ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ماھىيەتلىك نۇقتىالردا ئۇيغۇنلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ
قىلىنمايدۇ.
بىرىنچى ،تارىخىيلىق ۋە دەۋر ئاالھىدىلىكى ئەكىس ئەتمىگەن.
ئىككىنچى ،مىللىي ئاالھىدىلىك ۋە خاسلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن.
ئۈچىنچى ،ئۇيغۇرالرنىڭ خاقانىيە دەۋرىدىكى ئېرقىي ئاالھىدىلىك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان،
نەتىجىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر تىپ قىلىپ قويغان.
تۆتىنچى ،شەخسىنىڭ ئىندىئۇدال ئاالھىدىلىكى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ساالھىتى ،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە
ساالپىتىنى ئىپادە قىلىدىغان پاكىتالرغا زادىال نەزەر ئاغدۇرۇلمىغان.
بەشىنچى ،تارىخى پاكىتالر ۋە «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان لۇغەت تۈرك» تىكى ئۇچۇرالرغا
ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىغان .ھېچ بولمىغاندا رەسسام ئىككى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن-
ئاياغ بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان .پەقەت باشقىالر يازغان ماقالە ئەسەرلەردىكى ئۈزۈندىلەردىنال
پايدىالنغان .شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ ساال -سۈلھى قىلىدىغان ئىش ئەمەس ،بىر مىللەتنىڭ تارىخى،
مەدەنىيتى ۋە ئىپتىخارىغا تاقىشىدىغان مۇھىم تارىخى مەسلە .بىز مۇنداق ئېغىر سەۋەنلىكلەرنى
ئۆزىمىز ھېس قىلىپ تۈزەتمىسەك بەرىبىر تارىخ ئۇنى ئىنكار قىلىۋېتىدۇ .تارىخنىڭ سىنىقىغا
بەرداشىلىق بېرەلمەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىگ» كە بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىينەزەرىدىمۇ سەپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ
ئالدى بىلەن دېققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرەپ ،ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا ياش قۇرامى
ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ،ئەسلىدە بۇ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل ئىدى ،بىراق
رەسسام غازى ئەھمەد بۇ ھەقتىكى پاكىتنى ئېتىراپ قىلمايال قالماي ،بەلكى مېنىڭ رەسىمنى چۈشىنىش
ئىقتىدارىمنىڭ تولىمۇ چولتا ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ،ھەم ئىككى ئەسەرنى رەسساملىق نەزەر بىلەن
كۆزەتمىگەن دەپ « :ئىككى ئالىمنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئاپتور بۇ ئىككى ئالىمنىڭ
كىتابلىرىنى رەسساملىق نەزىرى بىلەن ئەستايىدىل ئوقۇپ باقىمىغان بولسا كېرەك» دەپ بولۇپ،

ئۆزىنىڭ رەسسامغا خاس نەزەرى بىلەن قايتا – قايتا ئوقۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە يۈسۈپ
خاس ھاجىپنىڭ پوترىتىنى سىزىپ چىقىشقا:
365تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك ياشىم،
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك باشىم.
دېگەن بېيىتقا ئاساسەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ساقاللىرى ۋاقىتسىز شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەن قىلىپ
سىزغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ{ .ئەمەلىيەتتە يۇقارقى بېيىتتا گەپ ساقال توغرىسىدا ئەمەس ،باش
(چاچ) ھەققىدە بولۇنغان بولسىمۇ }ئەسلىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بېيىتالرنى ھاياتنىڭ
قانۇنىيىتى ،ياشلىقنىڭ پۇرسەتلىرى ۋە قىممىتى ،قېرىلىقنىڭ مەھرۇملۇقلىرى ۋە مۇشەققەتلىرىنى
بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ ،ئەۋالتالرغا ،ياشالرغا نەسىھەت قىلىپ ،ئىبرەت كۆزىنى
ئېچىشقا ،ھاياتىنى قەدىرلەشكە دااللەت قىلماق بولىدۇ .بايانلىرىدا ئەلۋەتتە مۇبالىغە (كۆپتۈرۈش)
تەك بەدىئىي ئامىلالر بار .ئەگەر ئۇنداق ئەدەبىي ۋە بەدىئىي ئامىلالرنى نەزەرگە ئالماي،
«رەسساملىق نەزىرى بىلەنال» ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل چۈشەنگەندە ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئەما ،پالەچ،
دوك قىلىپ سىزىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىنىڭ – 270بېيىتىدا «ئوقتەك تۈز قەددىم يادەك
ئىگىلدى» دېسە – 274 ،بېيىتىدا «كىشەنسىز تۇرۇپ قەدەم ئااللماس بولۇپ قالدىم ،نۇرلۇق
كۆزلىرىم قاراڭغۇ كىچىدەك يورۇماس (كۆرمەس )بولۇپ قالدى» دەيدۇ6523 ،6521 ،6539 .
بېيىتلىرىدا « :ئىپاردەك قارا باشقا كاپۇر پۈركۈدۈم ،قىيىىندەك تۈز قەددىم ئەگرى يادەك ئىگىلدى
(مۈكچىيىپ قالدىم ).ئەرغۇۋاندەك قىزىل مەڭزىم زەپىراندەك سارغايدى».دەيدۇ ،بۇ ئارقىلىق،
ھاياتتا ئىنساننىڭ بېسىپ ئۆتۈشى مۇمكىن بولغان تەبىئىي قانۇنىيىتىنى «مەن» ئوبرازدا ئەكىس
ئەتتۈرىۋاتىدۇ .ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رەسساملىق نەزەرى بىلەنال سەپ سالماي ،يەنە بەدىئىي ئەدەبىيات
نۇقتىينەزەرى بىلەنمۇ نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ .مەن راسىتنال «رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر»
دېگەننىڭ نېمىنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم .رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر دېگەن بىر تەرەپنى
كۆرۈپ ،يەنە بىر تەرەپكە كۆزىنى يۇمىۋېلىشمىدۇ؟ ئىنساننىڭ تەبئىي يېتىلىش قانۇنىيتىنى ھېسابقا
ئالماي ،شەيئىنى ماھىيەت جەھەتتىن كۈزەتمەي ،ھادىسىلىك تەرەپكە ئېسلىۋالىدىغان «نەزەر»
مىدۇ دەپ قالدىم .ئەمەلىيەتتە ،رەسساملىق سەنئىتى بىلەن بەدئىي ئەدەبىيات قارىمۇ– قارشى
قۇت ۇپتىكى ئىلىم ئەمەس ،بىرى بوياق بىلەن ئوبراز ياراتسا ،يەنە بىرى تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئوبراز
يارىتىدۇ .ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق بىر پىرىنسىپى بار ،ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇش ۋە شەيئىلەرنى چىنلىق
بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈش .رەسىمدە ھەقىقەتەنمۇ چىنلىق ئەكىس ئەتمىگەن .ئاپتور ماقالىدا يۈسۈپ

خاس ھاجىپنىڭ ئەسلى ياش قۇرامىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ« .ساقال -بۇرۇتى چۈشۈرىۈۋېتىلسە،
ياش يىگىتتەك كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ ،چىرايى پارقىراپ ،قەددى -قامىتىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھەم
جۇشقۇن ھەم روھلۇق ھالىتىنى كۆرگەن بوالتتۇق» ،مەن تەكىتلىمەكچى بولغان قانۇنىيەتكە
مۇخالىپ ئىشنىڭ بىرى دەل شۇ ئىدى .شۇنچە ئۈمۈدۋار ،شۇنچە جۇشقۇن ،كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ،
چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان ،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ،ئېسىل تەبىئەتلىك بىر ئادەمنىڭ
ساقاللىرىنى چۈشكۈنلەشكەن ،ئۈمۈدسىزلەنگەن ،ئېرسىي كېسەلگە كىرىپتار بولغان ئادەمنىڭكىدەك،
قىران ئادەمنىڭ ئېڭىكىگە يەتمىش ياشلىق بوۋاينىڭ ساقىلىنى چاپالپ قويۇش قايسى مەزھەپىتىكى
رەسساملىقنىڭ مەنتىقىسىدۇ .بىزگە ياش قۇرامى ئەللىك ياشتىن ھالقىغان ،روھىيتى بىلەن جىسمانىيتى
بىر گەۋدىگە ئايالنغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى الزىم .ھەرگىزمۇ ساقىلى يەتمىش ياشلىق
بوۋاي ،ئۆزى تېخى ياش يىگىت بولغان سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسنىڭ ئوبرازى ئەمەس.
رەسسام غازىكام يېتەكلىگەن مەنزىل بىلەن ماڭغاندا نىشان خاتا تالالنغان بولىدۇ 51 ،ياشالردىكى
جۇشقۇن ،ئۈمۈدۋار ،روھلۇق بىر ئادەمنىڭ چاچ -ساقاللىرىنىڭ شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى
يۇقارقى بېيىتتىن باشقا چۈشۈندۈرىدىغان ئاساس بارمۇ؟ يۇقارقى بېيىتالردا قويۇلغان چاچ ھەققىدىكى
ئوبرازلىق بايانالرنى بەدئىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن «قارا چاچلىرىمغا ئاق سانجىلدى» دەپ
چۈشىنىلىدۇ ،يەنە بىر تەرەپكە نەزەر ئاغدۇرغاندا قەلەم ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن بۇ غورۇرلۇق
ئالىمنىڭ بويۇن -كۆكرەكلىرىدىن بۇغدىيەكنىال ئېلىۋەتسە ،بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان ياش
يىگىتلەرنىڭ كۆكرىكىدەك سىدام ،مويسىز سىزىلىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز .ساقاللىق شۇنچە ۋىژدانلىق،
غورۇرلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەيدىسىدە ئازراقمۇ تۈك يوق بولغىيمىتى .يۈز -چىرايىدىكى
ئاالمەتلەر بىلەن ،بويۇن ۋە كۆكرىكىدە ماسلىق ئەكىس ئەتكەنمۇ؟ باش تەرىپىنى توسۇپ تۇرۇپ،
بويۇن ۋە كۆكرىكىنى تەجىربىلىك رەسسامالردىن بىرىگە كۆرسەتسە قانداق باھا بېرەر؟ ئۆز ۋاقتىدىكى
ئۇيغۇرالرنىڭ بەدىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۈرىتىدەك ئۇنداق مويسىز ئەمەس ئىدى-0183 .
يىلدىكى قانۇن ھۆججىتىدە گۇۋاھلىققا چىققان ئەرنىڭ بەدەنلىرىنى «تۈكلۈك» دەپ سۈپەتلىگەن،
ئوغۇزخانمۇ شۇنداق تۈكلۈك خاقان ئىدى .مەنىۋىيەت بىلەن جىسمانىيەىتنىڭ بىرلىكىنى ئەكىس
ئەتتۈرۈشتە ئەلۋەتتە بۇ تەرەپلەرگىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇش الزىم ئىدى .ئۇيغۇرالردا ‹‹مەيدىسىدە تۈكى
بار›› دېگەن ئېدىئوم ئېسىل تەبىئەتلىك ،غورۇرلۇق ،كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ
سۈپىتىدۇر ،دېگەن .رەسىم دېگەن رەسسام ئۆز نەزىرى بىلەنال قاراپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن سىزىلمايدۇ،
بەلكى ئاۋامنىڭ بەھرىمەن بولىشى ئۈچۈن سىزىلىدۇ ،ئاۋامنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا ،يۈسۈپ
خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىنى يۇقارقى پورتېرتىدىن ئۇالرنىڭ ياش پەرقى نۇقتىسىدىن
نېمىنى ھېس قىالاليدۇ .يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەھمۇد كاشغەرىدىن 01ياش ئەتراپىدا كىچىك دەپ
ھېس قىالالمدۇ؟ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغاچقا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد كاشغەرىدىن 31

ياش ئەتراپىدا چوڭدەك تەسىرات بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن .ئەمەلىيەتتە ئىككى ئالىم ياش
قورامى جەھەتتىن تەڭتۇش ھېسابلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسىنى ئىزدەش يولى
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرالرنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى مۆجىزىلىك بەدىئىي پىرامىدا ،ھاكىمىيەتچىلىك
ئېڭىنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىلغار تىپى – 00 ،ئەسىردىكى بىلىش نەتىجىلىرىنىڭ بەدىئىي
يۈكسەكلىكتە ئەكىس ئېتىشى .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلغار ھاكىمىيەتچىلىك ئېڭىدا تۇرۇپ،
پادىشاھتىن تارتىپ دۆلەتنىڭ بارلىق تەبىقىلىرىنىڭ ئۆزىدە ھازىرالشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ساپا ۋە
كەسپىي ساپاسى ھەققىدە ئۆلچەم قويۇپ چىقىدۇ .ئەسەردىكى ئىدىيىۋىي سىستېما دۆلەت ۋە قانۇن
سىمۋولى كۈنتۇغدى ئىلىگ ،بەخت ئىقبال سىمۋولى ئايتولدى ،ئەقىل پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش،
ئاقىۋەت ۋە قانائەت سىمۋولى بولغان ئودغورمىشالر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەت ۋە مۇنازىرە
ئارقىلىق تۇرغۇزىلىدۇ .ئەسەردە يارىتىلغان ھەربىر ئوبراز ئىدىئال تىپ بولۇپ ،ئۇالر يۈسۈپ خاس
ھاجىپنىڭ غايىسىدىكى ئىدىئال دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى .ئەلۋەتتە ،بەدىئىي
ئەدەبىياتنىڭ پىرىنسىپى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ مەنىۋىي ئوبرازى مەلۇم دەرىجىدە سىڭىدىغانلىقىنى
ئىنكار قىلمايدۇ .ئۇنداق بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قايسى
قاتالمدىن ئىزدىسە مۇۋاپىق .بۇ مەسىلىدە يەنىال «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۇزۇن تەتقىق قىلغان مەشھۇر
ئالىمالرنىڭ پىكرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەشھۇر ئالىم رەشىد رەھەتى ئارات يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى ئوبرازىنى
ئىزدەشكە توغرا كەلسە «ئاي تولدى بىلەن‹ ئوقۇش-ئەقىل›گە سىمۋول بولغان ئۆگدۈلمىشنىڭ
كىشىلىكىدە شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتااليمىز .ئەسەردىن بۇ ئىككىسى ھەققىدە
ئۆگەنگەنلىرىمىز ،يۈسۈپنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ .تەبىئىيكى ،بۇ
سېلىشتۇرمىدا ئەسەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان
شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولغان پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك»①دەيدۇ.
رەسىد رەھمىتى ئارات يۇقىرىقى كۆز قارىشىنى يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئايتولدى كۈنتۇغدى
ئىلىگنىڭ ئەتراپىغا ئىستىداتلىق كىشىلەرنى توپالۋاتقانلىقىنى ئاڭالپ ،ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى
قىلدۇرۇش ئىستىكىدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ پايتەخىتكە كېلىپ ،كېيىن ئوردىغا قوبۇل
قىلىنغانلىقى ھەمدە كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى بىلەن
يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنچە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ 51 ،ياشالرغىچە زاماننىڭ
كۈلپەتلىرىدىن دىلى جاراھەتلەنگەن ،نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئالىم باالساغۇندىن

ئورداكەنت «قەشقەر» گە كېلىپ ،ئېدىئال دۆلەت غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن« قۇتادغۇبىلىگ»
ئەسىرىنى بۇغراخانغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ،ئوردىغا قوبۇل قىلىنىپ ،بۇغراخاننىڭ يۈكسەك
قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە تارتۇقلىنىپ خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەنلىكىدەك بىر قاتار
ئىقتىدار ۋە سەرگۈزەش ئورتاقلىقى قاتارلىقالر نەزەردە تۇتىلىدۇ.
غازىكام ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتىرىتىنى« قۇتادغۇبىلىگ» تىكى خاس ھاجىپ قانداق
ئاالھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بايان قىلغان – 20بابتىكى تەلەپلەرگە
ئاساسەن تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ .بۇ خىل ئىزدىنىش مەنتىقىغا چۈشمەيدۇ .رەسىمىدە
ياراتماقچى بولغان ئوبراز« قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى ،ھەرگىزمۇ
يۈسۈپ خاس ھاجىپ« قۇتادغۇبىلىگ» تە ئېدىئال دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ خاس ھاجىپى سۈپىتىدە بايان
قىلىنغان ئادەمنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئەسەردىكى خاس ھاجىپ
بەدئىي ئوبراز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژ ئوبرازى ئەمەس ،يانداشما ئوبرازمۇ
ئەمەس ،ئۇ بىر ئەدەبىي دېتال ،يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىنى
گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋاستە .ئۇنتۇماسلىق كېرەككى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ« قۇتادغۇبىلىگ» نى
يېزىشتىن بۇرۇن خاس ھاجىپ ئەمەس ئىدى .ئەگەر بۇغراخان يۈسۈپكە ۋەزىرلىك ،ئىشىك ئاغىلىق،
غەزىنىدارلىق ،يالىۋاچلىق ،سۇباشىلىق ،پۈتۈكچىلىك قاتارلىق مەرتىۋىلەرنىڭ بىرەرىنى بەرگەن
بولسا ،يەنىال بۇ ئوبرازالردا ئەكىس ئەتكەن قىياپەت ۋە مەنىۋىي كامالەت يۈسۈپ خاس ھاجىپتا«
تولۇق ھازىرالنغانلىقىغا جەزىم »قىالرمىتى .شۇڭا ،رەشىد رەھمىتى ئارات ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندا مۇنداق دېگەن« :
ئايتولدىنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ ،ھۆكۈمدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋەزىر
بولىدۇ .شائىر ھەر تۈرلۈك پەزىلەت ۋە خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ ئالىم ۋەزىرنى دۆلەت ئىشلىرىال
ئەمەس ،بەلكى يەنە شەخسىي چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردىمۇ ھۆكۈمدارنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە
سەھنىگە چىقىرىدۇر .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مۇئەسسەسىلىرى ھەققىدە سۆز
قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ .بەزىدە ھۆكۈمدارنىڭ ۋە بەزىدە ئۇدغۇرمىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش
شەكلىدە سۆزلەنگەن بۇ پىكىرلەر دۆلەت تەشكىالتىنىڭ پەلسەپەسىنى ۋە ئەخالقىي ئاساسلىرىنى
تەشكىل قىلغان بولۇپ ،قەدىمكى ۋە يېڭى دەۋرلەرنى بىر بىرىگە باغالش جەھەتتىن تەڭداشسىز بىر
قىممەتكە ئىگە .شۇڭا ،نۆۋىتى بىلەن ھۆكۈمدار ،ۋەزىر ،قوماندان ،ھاجىب ،ئىشىك ئاغىسى ،
ئەلچى ،پۈتۈكچى ،غەزىندار ،باش ئاشپەز ،شارابدار مەنسەپلىرى ۋە بۇ ئورۇنالرنى ئىگىلىگەن
كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ئايرىم بابالردا چۈشەندۈرۈلگەن » .يۈسۈپ خاس
ھاجىپنىڭ ئەسەردىكى سىيماسىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان مۇكەممەل ئوبرازالردىن ئەمەس،

بەلكى مۇكەممەل ئوبرازالر بايان قىلىۋاتقان بەدئىي دېتالدىن ئىزدەش ئەلۋەتتە ئازغۇنلۇق بولىدۇ.
ئەگەر ،بۇ ئىلمىي كۆز قاراشالر ئېتىبارغا ئېلىنمىسا يېڭىلىش كېلىپ چىقىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئاپتورنىڭ خائىشىدەك تون پىچىلغاندا ئۇ ئوردىغا كىرىشتىن بۇرۇنال ئۆزىنىڭ
خاس ھاجىپلىققا تەيىنلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندەك ،بۇغراخانغا بۇ ھەقتە بىشارەت بېرىپ ،غازى
ئەمەت ئەپەندىنىڭ تەبىرىچە مېنىڭ ئاۋازىم «ئەرەنچە» دېگىنىگە ئوخشاش بىر قاتار سۈپەتلىرىنى
سۈپەتلەپ بەرگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ .ئەڭ مۇھىمى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى ،جىسمانىي
ئوبرازىنى ،ئەڭ مۇكەممەل يارىتىلغان تۆت ئوبرازنىڭ بىرەرسىدىن ئەمەس ،بەلكى ئەسەردە
ھېچقانداق ئەمەلىي رول ئوينىمايدىغان ،ئۆلۈك بەدئىي ۋاستىدىن ئىزدەشنى ئىلىم ھەرگىزمۇ ئېتىراپ
قىلمايدۇ.
يۇقارقىدەك ئازغۇن يولغا كىرىپ قالغاچقا ،رەسسام ئوبىكىتنى ئارالشتۇرىلىۋېتىپ« ،قۇتادغۇبىلىگ»
تىكى خاس ھاجىپنىڭ «ئاۋازى ئەرەنچە »بولسۇن دېگەندەك شەرتلەرنى ئورۇنالش ئۈچۈن ،بەزى
خەنزۇ ناخشا مۇتەخەسسىسلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ،ئۇالردىن ئەۋازى بوم (ئەرەنچە)
كىشىلەرنىڭ بوينى ئۇزۇن ،كۆكرىكى كەڭ ،ئۆپكىسى تەرەققىي قىلغان ،بۇغدىيىكى بىر قەدەر روشەن
كۆرۈنىدىغان ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋاز ياكى تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى بولىدۇ ،دېگەن مەلۇماتىغا
ئېرىشىپ« ،ئاۋازى ئەرەنچە» دېگەن مەسىلىنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ھەل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا
قويىدۇ .بۇ ئىشتا رەسسام ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەردە تۇتقان «ئاۋازى ئەرەنچە بولسۇن» دېگەن
شەرتتىكى ئوبىكىت بىلەن ناخشا مۇتەخەسىسلىرى تەمىنلىگەن ناخشىچىالرغا قويۇلىدىغان تەلەپنى
ئارالشتۇرۇپ قويغان ،ياكى ،بۇ ئىككىسىنى بىر ئىش دەپ چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك .ئەمەلىيەتتە
بۇ ئىكىسى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش ئىدى.
ئەگەر ،مەسىلە يۇقىرىقىدەك تەقىسالنسا تازىمۇ كۈلكىلىك مەنتىقە بولۇپ قالىدۇ .ئاپتور ئەر ناخشىچى
تالالۋاتامدۇ ،خاس ھاجىپ تالالۋاتامدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەردە تۇتۇۋاتقان «ئاۋازى
ئەرەنچە» بولسۇن دېگەندە كۆزدە تۇتقان مۇددىئا بىلەن ئەر ناخشىچىالرغا قويىلىدىغان يۇقىرى –
تۆۋەن ئاۋازلىق بولۇشنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟ ئادەتتە تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ئەرلەرنىڭ
ھەممىسىنىڭ ئاۋازى دېگۈدەك ئەرەنچە چىقىدۇ (ناخشىچىالرغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئايرىم ئەھۋال)،
بۇ يارالمىش تەبىئىي قانۇنىيەت .ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولسا ،ئاپتور
ياراتقان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوينى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بوينىدىن خېلىال كالتە سىزىلغان.
ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بوينىمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ،يەنىال ئاۋازى ئەرەنچىغۇ .بۇ يەردىكى پەرقنى
قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رەشىد رەھمىتى ئارات يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيە

بىلەن « :ئەسەردە ئۇچرايدىغان تېمىالر ئۈستىدە مۇمكىن بولغان بارلىق تەھلىل يۈرگۈزۈلمەي
تۇرۇپ ،ئايرىم – ئايرىم پارچىالردىن ھەرقانداق بىر نەتىجىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش كىشىنى خاتا
يولغا باشاليدۇ» دېگەن③ .شۇ سەۋەبلىك غازى ئەمەت سىزىپ چىققان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ
پورتېرتى ئەمەلىيەتتە ،قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۆگدۈلمىش كۈن تۇغدىغا بايان قىلغان خاس ھاجىپنىڭ
قىياپەت تەلەپلىرىگە ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان سىما بولىدۇكى ،ھەرگىزمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ
پورتېرتى بواللمايدۇ.
مەن بىر قاتار ئىلمىي ،قانۇنىيەتلىك تەلەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ« :تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۈرىتىنى
ھەر بىر رەسسام ئۆزى خالىغانچە سىزىۋەرسە ،مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئۇنى ئېالن قىلىۋەرسە نەچچە خىل
سىمادىكى يۈسۈپ ،مەھمۇدالر ئوتتۇرىغا چىقىپ كەتسە ،ئۇالر تارىخىي ئوبرازدىن ئەپسانىۋىي
ئوبرازغا ئايلىنىپ قالىدۇ .بۇ نۇقتىنى ئىتىبارغا ئالغاندا ،تارىخىي شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى قااليمىقان
سىزىۋېرىشكە چەك قويۇش كېرەك ئىدى .ئەگەر تارىخىي شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى تۇرغۇزۇش توغرا
كەلگەندە شۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ ،بىرقانچە رەسسامنى تارىخىي
ئۇچۇرالر بىلەن تەمىنلەپ ،ئۇالرنىڭ قىياپىتى ۋە خاراكتېرىدىن نىشان بېرىدىغان پاكىتالر بىلەن
تەمىنلەپ ،ئاندىن ئۇالرنىڭ سىزىشىغا تاپشۇرۇش» كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەكلىپىمنى بەرگەنىدىم.
ئاپتور ماقالىسىدە پىكرىمنى بۇرمىالپ ،كېسىپ ،قىرقىپ ئۆزىگە مۇنداق پاس چىقىرىدۇ« :رەسسامالر
قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆزى خالىغانچە سىزىۋەرمەسلىكى الزىم .ئالىمالرنىڭ رەسىمىنى قااليمىقان
سىزىۋېرىشكە چەك قويۇش كېرەك‹ .ئەڭ ياخشىسى ئالىم مۇتەخەسسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا
تەشكىللەپ ،ئۇالر رەسسامالرغا رەسىمنى قانداق سىزىشى ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن،
ئاندىن ئۇالرنىڭ سىزىپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش› دەپ ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە مۇخالىپ كېلىدىغان
قاراشنىمۇ ئىپادىلىگەن»دەپ قارايدۇ ،ئارقىدىن يەنە« ئېنىقكى بۇ رەسسامالرنىڭ مۇستەققىل ئىجاد
قىلىش ئەركىنلىكىگە چاڭ سالغانلىق» دەپ قالپاق كەيگۈزىدۇ .ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە چاڭ
سېلىش دېگەن ،يۇقارقىدەك ئاپتورنىڭ پىكىرىنى قايچىالپ كۆتمەك قىلىپ ،ئۆز مۇددىئاسى بويىچە
كىتابخانالرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن گەپ ئويدۇرۇش ۋە قەستەن پىكىرلەرنى ئۆزگەرتىشنى
ئېيىتسا بولىدۇ .مېنىڭ ماقالەمدىكى يۇقارقى مەنتىقىي پىكىرلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر
ئۇقۇمۇشلۇق كىتاپخان ،ئۇنىڭ يوللۇق تەكلىپ ئىكەنلىكىنى ،ئاپتورنىڭ ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنى
ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بېقىندۇرۇش مەقسىتىدە قايچىالپ كۆتمەك قىلغانلىقىنى« ،تارىخى شەخسلەرنىڭ »
دېگەن سۆزنى «ئالىمالرنىڭ»دەپ« ،تارىخى ئۇچۇرالر بىلەن تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن »دېگەن
مەزمۇننى «قانداق سىزىشنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئاڭقىرااليدۇ.
چۈنكى ،تارىخىي ئۇچۇرالر بىلەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىياپىتى ۋە خاراكتىرىدىن نىشان

بېرىدىغان پاكىتالر بىلەن تەمىنلەپ ،رەسسامالرنىڭ ئۇتۇقلۇق سىزىپ چىقىشىغا ئاساس يارىتىپ
بېرىش دېگەن پىكىر قانداقمۇ «ئالىمالر رەسسامغا رەسىمنى قانداق سىزىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ
بەرگەندىن كېيىن» دېگەن مەنىنى بەرسۇن .بۇ قەستەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىكمۇ قانداق.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش ھاجەتكى ،ئادەتتىكى رېئال شەخسلەرنى ۋە باشقا خىيالى ئوبرازالرنى
نەچچە خىل سىزىپ تورۇسقا ئېسىۋالساق بولىدۇ ،بىراق نامى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخى ۋە غۇرۇرى
بىلەن باغالنغان شەخسلەرنى سىزىشتا ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇشقا بولمايدۇ .تارىخقا ئوبدان نەزەر
ئاغدۇرماي ،تارىخىي پاكىتالرغا ئېتىبار قىلماي ،ئىككى بۈيۈك ئائەسەرنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ تولۇق
ئوقۇپ باقماي ،مۇتەخەسىسلەردىن پىكىر ئېلىشقا سەل قاراپ ،ئۆز خائىشى بويىچە قەلەم
تەۋرەتكەچكە ،رەسىم نۇرغۇن نۇقسانالردىن خالىي بواللمىغان ۋە ئەسلى تەلەپتىن تولىمۇ يىراقالپ
كەتكەن .رەسسام تۇنجى قېتىم سىزغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۈرىتىدە قولىغا ياۋروپاچە پەي قەلەم
تۇتقۇزۇپ ،كۈلكىلىك ئىشتىن بىرنى قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ،مانا شۇ سەۋەنلىكمۇ
ئالىمالرنىڭ تارىخى ئۇچۇرالر بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئوڭشالغان ئەمەسمىدى .بىر ئادەم
ھەممىنى بىلەلمەيدۇ ،تارىخى شەخسلەرنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا تارىخچىالر ،تەتقىقاتچىالرنىڭ
پىكىرنى ئالغانلىقنىڭ نېمىسى يامان ،بۇ قانداقمۇ «ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە مۇخالىپ »پىكىر
بولسۇن.

مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويۇشقا ھەرقاچان ھەقلىقمىز
مېنىڭ ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى مۇكەممەلرەك تۇرغۇزۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەلەپ ۋە
ئارزۇيۇمنى ماقالىدا« :ئاپتور ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكىر پەقەت بىرال ،ئۇ بولسىمۇ
ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى مۇكەممەل ئەمەس ،مۇكەممەل ئوبراز يارىتىش كېرەك ،دېگەندىنال
ئىبارەت» دەپ« مۇكەممەل» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچە مەنىسىنى بىزگە يېشىپ بېرىدۇ ۋە مېنىڭ
ماقالەمدە« مۇكەممەل» ئىبارىنىڭ سەككىز يەردە تەكرارالنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتااليمەنكى ،بىز ئەرەپ ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر .ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن
خېلى كۆپ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا ئەسىلىدىكى ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسىدە ئەينەن
قوللىنىلمايدۇ .ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى ئۆزىنىڭ تىل ئادىتى بويىچە قوللىنىدۇ« .مۇكەممەل» سۆزىمۇ
شۇنداق .مېنى« مۇكەممەل» سۆزىنى ئىشلەتكەن دەپ تەنقىد قىلغان ئاپتۇر ماقالىسىدە« :تۈركىي
تىلالر دىۋانى» نىڭ يېڭى نەشرىنى تىلغا ئېلىپ «(مۇكەممەل نۇسخا)» دېگەن سۆزنى ئىختىيارسىز
تىلغا ئالىدۇ .ئەمەلىيەتتە «دىۋان» نىڭ يېڭى نەشرىمۇ مۇكەممەل سۆزىنىڭ ئەرەپچە
مەنىسىدىكىدەك «كەم كۈتسىز ،ئىۋەنسىز» ئەمەس .ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى بويىچە ئىستېمال

قىلغاندا دۇنيادا مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە توشىدىغان ھېچقانداق شەيئى يوق« .كەم كۈتسىزلىك،
ئىۋەنسىزلىك» پەقەت تەڭرىگىال خاس.
مەن ماقالەمدە مۇكەممەللىك تەلىپىنى ئاپتور ئېيتقاندەك ئۇنداق يالىڭاچ – قوڭالتاق مەنىدە
قويغان ئەمەسمەن .بەلكى «مۇكەممەلرەك ،خېلى مۇكەممەل» دېگەندەك سېلىشتۇرما دەرىجە
قوشۇمچىلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدىم« .تارىخىي شەخسلەرنىڭ مۇكەممەلرەك پورتېرىتىنى
تۇرغۇزۇپ چىقىش ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئەمگەك» «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇكەممەلرەك سۈرىتىنى
تۇرغۇزۇپ چىقىش ھەققىدە« »تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئەسلىي چىن
مەنىسى ،شۇ تارىخى شەخسلەرنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەلرەك ئىپادىلەپ بېرىدىغان قىياپەت بىلەن
ئەكىس ئېتىشى كېرەك» دېگەندەك.
تەرەققىيات نۇقتىينەزەرىدىن قارىغاندا تارىختىن بۇيان ھەر بىر يېڭى شەيئىگە مۇكەممەللىك تەلىپى
قويۇلۇپ كەلدى.
چۈنكى ھەرقانداق شەيئى بالداقمۇ – بالداق تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ .بۇ خۇسۇستا يۈسۈپ
خاس ھاجىپ «نە ئىشىكىم قىلىنسا تولۇقلۇق كۆتەر ،تۇلۇقلۇققا يەتسە چۈشۈشكە يانار» دەپ
مۇكەممەللىك سۆزىنى ساپ تۈركىي تىلىدىكى «تولوقلۇق» سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن .دېمەك،
مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويۇش تەرەققىياتىنىڭ ،يۈكسەكلىككە قاراپ ئىلگىرلەشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ،
شەيئىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى مەڭگۈلۈك دىئالىكتىك جەريان.
ئىجادىيەتتە قانچىلىك ئۇيغۇنلۇق ۋە چىنلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلسە ،شۇنچىلىك مۇكەممەللىشىپ
بارىدۇ .يۇقارقى ئىككى ئەسەردە تارىخىي چىنلىق ھەرگىزمۇ ئەكىس ئەتمىگەن.

كىيىم – كېچەك مەدەنىيەتىدىكى ياتالشتۇرۇش
دەۋىر ئاالھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىق ھەققىدە پىكىر قىلغاندا ،كىيىم – كېچەك مىللىي
مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ .بۇ ئەلۋەتتە تارىخىي شەخسلەرنىڭ
ئوبرازىنى يورۇتۇشتىمۇ قەتئىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپالرنىڭ بىرى.
ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرتى نامىدا سىزىلغان ئىككى سۆرەتتە دەل دەۋر ئاالسىدىلىكى ۋە مىللىي
خاسلىقنىڭ يارقىن جۇالسى بولمىش كېيىم -كېچەكلەردىن پۈتۈنلەي يىراقالشتۇرۇلغان .مەن
ئىلگىرىكى ماقالەمدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە كەسپىي ۋە ئەمەل كىيىمى سۈپىتىدە تەپسىلىي
تونۇشتۇرۇلغان ساۋۇت ،دۇبۇلغىالرنى ھەمدە «يۇغرۇش»نىڭ ئەمەلدارلىق باش كىيىم ئاالھىدىلىكىنى
تونۇشتۇرۇپ ،بۇ ئارقىلىق قاراخانىيالرنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئەمەلدارالرنىڭ ئەمەلدارلىق

ساالھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەخسۇس ئەمەل – مەنسەپ كىيىملىرى بولغانلىقىغا ۋە ئۇنى
ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇنتىزىملىقىغا پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدىم .ماقالىدا بۇ دەلىللەرنى
يولسىزلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ« :ئالىمالر… بېشىغا قار يامغۇر ۋە ئىسسىقتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن قارا
يىپەك كۈنلۈك تۇتۇشى كېرەك ئىدى ،دېگەن .بۇ يەردە ئاپتور ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تاال – تۈزگە
چىققاندا ،ئاممىۋىي سورۇنالرغا بارغاندا ياكى شىكارغا چىققاندا بېشىغا كۈنلۈك (سايىۋەن)
تۇتىدىغانلىقىنى ،ئوردا ئىچىدە بولسا مۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ئويلىمىغان» دەيدۇ.
مەن ماقالەمدە ھېچقاچان ،ئالىمالر ئوردىدا كۈنلۈك تۇتۇپ يۇراتتى دېگەن گەپنى قىلغان
ئەمەسمەن .پەقەت« يۇغۇرۇش» نامىدىكى ۋەزىرنىڭ باش كىيمىگە قارا رەختتىن كۈنلۈكسىمان
ئەمەل بەلگىسى تۇتۇالتتى دەپ مىسال ئالغان .شۇڭا ،ياندا مۇالزىمالر تۇتۇپ ماڭىدىغان كۈنلۈك
بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغان باش كېيمىگە تۇتۇلغان كۈنلۈكسىمان دەرىجە كېيمىنى
پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىدى .ئۇنداق بولمىغاندا ،ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بىزگە
قالدۇغان مەلۇماتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ .مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەيدۇ« :يوغرۇش،
تۈركلەردە ئاددى خەلق ئىچىدىن چىقىپ ۋەزىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئادەم .پارس ۋە
باشقىالرغا ھەرقانچە چوڭ ساالھىيەتكە ئىگە بولۇپ كەتسىمۇ بۇ ئۇنۋان بېرىلمەيدۇ ،ئۇ خاقاندىن بىر
دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ .ئۇنىڭ بېشىغا قار – يامغۇر ۋە ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارا يىپەك
كۈنلۈك تۇتىلىدۇ»④.بۇ پاكىت بىزگە خاقانىيەدە مۇنتىزىم ئەمەل -دەرىجىنى ئىپادىلەيدىغان
مەرتىۋە كىيىملەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتاليدۇ .ئىلمىي مەسلىدە پاكىتقا كۆز يۇمۇۋېلىش
سەمىمىيەتسىزلىك بولىدۇ .ئالىم فوئاد كۆپرۇلۇ بۇ مەلۇمات ھەققىدە پىكىر قىلىپ« :بىز بۇ ئىپادىدىن
ئۇالرغا بېرىلگەن بايراقنىڭ ھەتتا كىيدۈرۈلگەن خىالتنىڭمۇ قارا رەڭلىك يىپەكتىن تىكىلگەن ،دېگەن
نەتىجىگە كېلەلەيمىز»⑤دەيدۇ .مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردىنىڭ
«يۇغۇرۇش» نامىدىكى ۋەزىرى بولمىسا ،نېمىشقا ئۇالرنىڭ بېشىغا قارا يىپەكتىن كۈنلۈك تۇتۇلىشى
كېرەك ئىدى دېيىلىدىكەن.
مەھمۇد كاشغەرى خاقانىيە دەۋرىدىكى كېيىم -كېچەك ۋە شاھزادىالرنىڭ ياسىنىش ئاالھىدىلىكى
ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتالرنى بەرگەن .بۇالر مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇشتا تولىمۇ
ئەھمىيەتلىك مەنبە ئىدى. «Butبۇت ،بىر خىل قىممەتلىك چوڭ يېشىل چەش (پېروزە) بولۇپ،
ئۇلۇغالرنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى ماڭلىيىغا تاقايدۇ – 2( » .توم – 066بەت) ئۇلۇغالرنىڭ ئوغۇل ۋە
قىزلىرى دېگەن شاھزادە ،بەگزادە ،مەلىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ« .دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى قايتا-قايتا
كۆرۈپ دەلىل ئىزدىدىم دېگەن رەسسام ،بۇ قىممەتلىك مەلۇماتنى نېمە ئۈچۈن ئېتىبارغا ئالمىغاندۇ.
ئەگەر بۇ يېشىل ياقۇت مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ماڭلىيىغا تاقالغان بولسا ،مىللىي ئاالھىدىلىك بىلەن

دەۋىر ئاالھىدىلىكى ،شۇنداقال مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ساالھىيىتى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە
جۇالالنغان بوالتتى.
بىز بۇ يەردە يەنە مەھمۇد كاشغەرىي مەلۇمات بەرگەن خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېيىم -كېچەك
ئۆرنەكلىرىدىن مىسالالرنى كۆرۈپ باقايلى.
«يېشىل رەڭلىك تون ،يېشىل تون» ( -0توم -57بەت) «،ئۆز» نى ئىزاھالپ «كەمزۇلنىڭ قولتۇقى»
دەيدۇ -0( .توم -65بەت) ئىچۈك– ئىچىك ،بۇلغۇن ،سۆسەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشالرنىڭ تېرىسىدىن
تىكىلگەن جۇۋا -0( ،توم -92بەت) «،زەرباب – چىندا ئىشلەنگەن قىزىل رەڭلىك ،زەر بېسىلغان
يىپەك رەخت» ( -0توم - 406بەت)« ،ياقا – كېيىمنىڭ ياقىسى» ( -2توم 21بەت)« ،قۇالق تون –
قىسقا يەڭلىك تون » (1-توم -498بەت)« ،بارتۇ – كەمزۇل ،قىسقا پەلتۇ» ( -0توم -542بەت)،
«قوتۇرما بۆرك – قايرىما بۆك ،ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدە قايرىمىسى بولغان قالپاق -0( .توم 638-
بەت)« ،سوقارالپ بۆرك – ئۇزۇن قالپاق» ( -0توم -643بەت)« ،قىزغىلىغ بۆرك – قېيىقلىق بۆك،
جىيەكلىك بۆك» (-0توم -646بەت)« ،تىزىلدۇرۇق – ئۆتۈكنىڭ تۇمۇشىقىغا زىننەت ئۈچۈن
تاقىلىدىغان تەڭگىلەر» ( -0توم -686بەت)« ،ساقالدۇرۇق – ئىڭەكباغ ،بۇ يىپەكتىن توقۇلغان
بولۇپ ،قالپاقنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىڭەكتىن قوشۇپ باغالپ قويۇلىدۇ » .مەھمۇد
كاشغەرىيدەك يۇقىرى نەسەبلىك شاھزادىلەر يۇقارقى كېيىم -كىچەك ئۆرنەكلىرىنىڭ قىممەت
باھالىقلىرىنى ئېلىپ كېيىپ يۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ .بىز «بارتۇ» دەپ ئاتالغان
قىسقا كەمزۇلنىڭ نامىنى كۆرگەندە ،كۆز ئالدىمىزغا كۇچا مىڭ ئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىدە
ئېسىلزادىلەر كەيگەن مۇنۇ كەمزۇلالر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ .يۇقارقى «بارتۇ» ـ كەمزۇل ،روسالرغا
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 07
  • Büleklär
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3349
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1856
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2211
    17.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3675
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1961
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1801
    15.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3492
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1882
    21.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3543
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1867
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3514
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    20.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3547
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1561
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3550
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1744
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3702
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3604
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1808
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3442
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1842
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3438
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1997
    21.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3570
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1837
    18.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3384
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3558
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1585
    18.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3237
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1741
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1620
    19.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3315
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1662
    20.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    24.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1529
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3541
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3490
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1857
    20.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3520
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1758
    20.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1669
    22.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3474
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3462
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1829
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3324
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1641
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3532
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1815
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3581
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1667
    19.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3555
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1702
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3507
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1622
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1759
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1650
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 105
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 26
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    53.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.