Latin

Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 05

Süzlärneñ gomumi sanı 3492
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1882
21.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
30.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
قىلغان .ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ بۇ خىل ئاالھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ئۇيغۇر
چالغۇلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان .ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ مىالدىيىدىن ناھايىتى كۆپ ئەسىر
ئىلىگىرىال پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا يازما مەنبەلەر بار« .تۈركىي تىلالر دىۋانى»دىن ئۇيغۇر
چالغۇلىرىنىڭ بىرقانچە تۈرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ .مەسىلەن« ،ئىگەمە __ بىر تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابى،
قوبۇزغا ئوخشاش چېلىنىدۇ»« ،قوبۇز __ ئۇد (باربىت)قا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى» (0
– توم – 472 ،بەت)« .سىبىزغۇ __ سىبىزغا نەي» ( – 0توم – 626 ،بەت) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا
چاڭ ،بۇرغا قاتارلىقالر.
مەشرەپ ،بەزمە ۋە تۈرلۈك زىياپەت ئولتۇرۇشلىرى ئۇيغۇرالرنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيەت
ئاالھىدىلىكىگە ئىگە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ« ،تۈركىي تىلالر دىۋانى»دا قەدىمكى
ئۇيغۇرالرنىڭ مەشرەپ – بەزمىلىرى مۇنداق ئىزاھالنغان« :سۇغدىچ __ قاتار بەزمە ،قىش كۈنلىرى
دوستالر ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ»« ،شۇرچۇك __ مەشرەپ ،كېچىلىك ئولتۇرۇش»،
«كەتسەم __ كېچىسى ئۆزى كېلىپ قالىدىغانالرغا بېرىلىدىغان زىياپەت»« ،كۇدىن __ بالىغا ئات
قويۇش زىياپىتى»« ،بۇچى __ ئاۋازلىق ،مۇڭلۇق بىر خىل ئۇد» ( – 2توم – 213 ،بەت« ).يىراغۇ
__ چالغۇچى ،سازەندە ،ناخشىچى» ( – 2توم – 46 ،بەت) .يۇقىرىقى مەلۇماتالر مەخسۇس
خاراكتېردىكى زىياپەت – مۇراسىم ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرالر تۇرمۇشىدا قەدىمدىال ئومۇمىي خاراكتېر
ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،مەھمۇد قەشقەرى« تۈركىي تىلالر دىۋانى»دا نەقىل
قىلغان قوشاقالر ئىچىدىمۇ نەغمە – ساز بىرلەشكەن ،مەشرەپ شەكلىنى ئەسلىتىدىغان قوشاقالرمۇ
ئۇچرايدۇ .مەسىلەن:
كۆكلەر قامۇغ تۈرۈلدى،
ئىۋرىق ،ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى،
كەلگىل ئامۇل ئاۋنالىم.
مەنىسى:

ھەممە سازالر تۈزۈلدى،
ئىۋرىق ،ئىدىش تىزىلدى،
سەنسىز كۆڭلۈم بۇزۇلدى،
كەلگىن ئاستا ئوينايلى.
ئىۋرىق باشى قازاليۇ،
ساغراق تولۇ كۆزلەيۇ،
ساقنىچ قۇدى كىزلەيۇ،
تۈن – كۈن بىلە سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئىۋرىق بوينى غاز كەبى،
قەدەھ تولۇق كۆز كەبى،
ھەسرەتنى تۈۋىگە يوشۇرۇپ،
تۈن – كۈن بىلەن سۆيۈنەيلى.
ئوتۇز ئىچىپ قىقىرالىم،
يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم،
ئارسالناليۇ كۆكرەلىم،
ساقنىچ قاچتى سەۋنەلىم.
مەنىسى:
ئۈچ رەت ئىچىپ ۋارقىرايلى،

يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسالندەك ھۆركىرەيلى،
قايغۇ قاچتى سۆيۈنەيلى.
نەقىل قىلىنغان بۇ قوشاقالرنىڭ مەزمۇنىدىن ئەر – ئايال بىرلىكتە ناخشا – ساز بىلەن ئۇسسۇلغا
چۈشىدىغان ،شاد – خۇرام كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل مۇراسىم شەكلىنىڭ ئەنە شۇ چاغالردىال
بىرقەدەر رەسمىي تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن .يۇقىرىقىالر بىزنى ھازىرقى ئۇيغۇر
مەشرەپلىرىنىڭ خېلى قەدىمكى زامانالردىال بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايالنغانلىقىنى ،شۇنداقال
ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇيغۇرالرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا خەلق ئويۇنلىرىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ،بۇ ھەقتە
مەھمۇد قەشقەرى ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان« .تۈركىي تىلالر دىۋانى»دىكى مەلۇماتالرغا
ئاساسالنغاندا ،ئۇيغۇرالرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خەلق ئويۇنى خاراكتېرىنى
ئالغان بولۇپ ،ئەينى دەۋرلەردە ئۇيغۇرالرنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇشى ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىنىڭ
ئاساسى بولغان .ئۇيغۇرالرنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنلىرى :ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ،ئوقيانى
ئارقىغا قارىتىپ ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش ،ئات ئويۇنى ،چۆۋگەن توپ ئويۇنى ،ئوغالق تارتىشىش،
سارغايدى ئويۇنى ،دارۋازلىق ،سېھرىگەرلىك ،مولالقچىلىق ،ساقا ئويناش ،تەپكۈچ ئويناش ،لەگلەك
ئۇچۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن بالىالر ئويۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشالپ ،جاھان مەدەنىيەت
خەزىنىسىگە قوشۇلغان بۇ ئىلمىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى بىزنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىمىزگە ۋە
ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئۇ تۈركىي خەلقلەر ياشىغان كەڭ زېمىنالردا 05يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
ئارقىلىق ،بۇ زور ئىلمىي ئەسەرنى ،ئۇلۇغ قامۇسنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
«تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭ تەڭداشسىز قىممىتى ئۇنىڭ سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپال قالماستىن ،بەلكى
يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماقال – تەمسىللىرى ،ئۆرپ – ئادەتلىرى ،جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللىرى،
ئاسترونومىيە ،كالېندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر چوڭ قامۇس
بولغانلىقىدا ،شۇنداقال تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ،ئېتنىك مەنبەسى ،ئىشلەپچىقىرىش
ئۇسۇللىرى ،ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدىغان

قىممەتلىك ئەسەر بولغانلىقىدا! شۇڭا ،بىز ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلىمگە
ئۆزىنى بېغىشالش روھىنى ،ئىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا جاپا – مۇشەققەتلەردىن قورقمايدىغان
ئىزدىنىش روھىنى ،شۇنداقال ئەجدادالرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋالدالرغا ئۇالپ بېرىشتەك
ئالىيجاناب روھىنى ،ئىلىم ئۆگىنىشتىكى ئاجايىپ قەيسەرلىكى ۋە شىجائىتىنى ئۆگىنىشىمىز الزىم.
شۇنىڭدەك ،ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ھارماي ئىلگىرىلەشتەك روھىنى ئۆزىمىزگە
قىبلىنەما قىلىشىمىز ،ئىلىم ۋە ئىجادىيەت يولىدا توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز ،ئۇنىڭ ئىشلىرىغا
ئەبەدىلئەبەد ۋارىسلىق قىلىشىمىز الزىم .مەن بۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئالىمغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىم
ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن:
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد بوۋامغا
يىرتىلدى مىڭ قېتىم كالېندار پۈتۈن،
ئۆتكەزدى بىر – بىرلەپ جاھان مىڭ يىلنى.
پۇرىدى مەرىپەت خەزىنىسىدىن،
ئىپتىخار ئىچىدە مىڭ باھار گۈلنى.
بار شۇنداق رىۋايەت لوقمان ھەكىمنى
ئۈچ مىڭ يىل ياشىدى ،دېگەن ھېكايە.
مىڭ يىلالپ ياشىدى شۇنداق بىر ئىنسان،
ئەۋالدالر قەلبىدە يورۇق ،نۇرانە.
ئۇ قايسى ئەۋلىيا ،قانداق بىر ئىنسان؟
دەپ سوراپ قالسىڭىز تەئەججۈپ بىلەن.
دەيمىز بىز :ئۇ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى،
پەزىلەت ئىگىسى ئالىي مۆھتەرەم!

«مىڭ يىل» دەپ سانىماق ئېغىزدا ئاسان،
ئايلىنار مىڭ قېتىم بۇ چەرخى دەۋران.
ئۇ شۇنداق ياشىدى ئەلنىڭ قەلبىدە،
ئۆلمىگەن ،ئۆلمەيدۇ ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان.
مىڭ يىلغا ئابىدە تىكلەپ ھە بۈگۈن،
قىلماقتا بۇ جاھان ئەھلى تەنتەنە.
«دىۋانى لۇغەت»نى قولتۇقالپ بوۋام،
ئالىي بىر نەزەردە قارايدۇ ئەنە.
ئۆتتى بۇ مىڭ يىللىق ھايات مۇساپە،
كىم سىزنى كۆز يۇمدى دەيدۇ تۇپراققا؟
سىز گويا بىر ئېقىن ئۈزۈلمەيدىغان،
ئوخشايسىز ئۇخچىغان سىرلىق بۇالققا.
(ئاپتور :كۇچا ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ،ھازىر پېنسىيىدە)

-6تۈركى تىلالر دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ
كەچۈرمىشلىرى

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن

تارىخى ،ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي
زامانالردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى ،تاالن-
تاراجقا ئۇچرىدى .ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى .نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى
تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ ،تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى
خۇنىكلىشىپ كەتتى .باشقىالر ئۆز ئاتا -بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن
پەخىرلىنىپ ،ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ ،مەيدىسىنى
كۆتۈرۈپ يۈرگىئى خېلى ئۇزاق زامانالردا ئۇيغۇرالرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىالر نىمە دېسە شۇ
بولۇپ ،دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى .پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩئەسىرىنىڭ
ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرالرنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي
مىراسالر ئارقا -ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى .بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما
يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىلالر دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى
شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانالرنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
قىسقىسى ،بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ،تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ،
ئۇيغۇرالرنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا ،ئۇيغۇرالر مەدەنىيەت ،تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى
سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
تۆۋەندە قاراخانىيالر سۇاللىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك
شاھنامە مىراس «تۈركىي تىالر دىۋانى» ۋە« قۇداتغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما
يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگەندە قەدەر بولغان
توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش ،كۆچۈرۈلۈش ،تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى-
توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانالر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز.
ئىنسىكلوپىدىيىلىك ئەسەر «تۈركىي تىلالر دىۋانى»
ئۇلۇغ ئالىم ،تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى Ⅺ-ئەسىرنىڭ -31يىللىرى قەدىمكى
يېپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قارا خانىالر سۇاللىسىنىڭ يازلىق پايتەختى
قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان .ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قارا خانىالر سۇاللىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى.
ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ -00ئەۋالدى ھېسابلىنىدۇ .مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا
خانىالر سۇاللىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ ،ئوردىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش
زىدىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزاالر ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي
مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى .بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى

قالدۇرغان بولسا ،ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر ،تىرىشچان ،ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى
ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى .ئۇ قارا خانىالر سۇاللىسىنىڭ ھاكىميەت
ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قرانلىق مەزگىلىدە ،يەنى مىالدىيە -0158يىلى ھۈسەيىننىڭ
ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ،ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى
دېگۈدەك قىرىپ تاشالندى .شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى
ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتالردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ .مەھمۇد
قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى ،سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا
ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك ،تۈركمەن ،ئوغۇز ،چىگىل ،ياغما ،قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنى
ئايلىنىپ ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ.
مۇھەممەت بىننى ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپال قارا خانىالر
سۇاللىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان« مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى
ساچىيە»لەردە داڭلىق ئۇستازالرنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ياراملىق تالىپالردىن
بولۇپ يېتىشىپ چىقانلىقى سەۋەبلىك ،ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ .ئۇ بارغانلىكى يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ،شۇ جايدا ياشاۋاتقان
ئۇلۇسالرغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىيالالرنى توپاليدۇ 41 .ياشقا قەدەم بېسىش
ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ
ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىلالر
دىۋانى»نى يېزىشقا كىرىشىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىلالر دىۋانى»نى مىالدىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماماليدۇ
ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا
«قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى
ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن).
ئەسەر مىالدىيە 1074-يىل -3ئايدا يېزىلىپ تامامالنغاندىن كېيىن ،دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى
ئەبۇ بەكىر ئىبىن ئەبىلپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجىرىيە -464يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ
-37كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ .مەھمۇد قەشقەرى ھىجىرىيە -464يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىالدى
)0172-0174تەھرىرلەپ قايتا تولۇقالپ ،ھىجىرىيە -467يىلى( مىالدىيە -0175يىلى) بۇ
قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيالر سۇاللىسىنىڭ -37خەلىپىسى ،ھاشىمىيالر ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە
مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلال مۇقتەدى بى ئەمرۇلال ھەزىرەتكە تەقدىم قىلىدۇ.

ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ .بىراق ،ئۇنىڭ قەلبىدىكى
ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ ،ھىجىرىيە -473يىلى (مىالدىيە
-0181يىلى )ئايرىلغىنىغا 21يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن
يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ« ،ھەزىرىتى مولالم( »بىلىمگە
ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەرىسلىك قىلىدۇ .سەككىز يىل مۇدەرىسلىك قىلغاندىن
كېيىن ،مىالدىيە -0015يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زىمىنلىرىنى ئۇرۇش
تۇمانلىرى قاپالشقا باشلىغانىدى .شۇ يىلالردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە
ئايلىنىدۇ .ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابالرمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ،شۇ
قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىلالر دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىالر
تەرپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .ئارىدىن 011يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ .بۇ جەرياندا
يوقالغان كىتابالرنىڭ بىر قىسىمى كىشلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشاليدۇ .ئەمما «تۈركىي تىلالر
دىۋانى»نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقال
ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقال يوققا
چىقارمۇ؟ ئەرەب زىمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ .ئەمما،
ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن ،بۇ ئېسىل ئەسەرنى
كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى .ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقالپ قېلىشنىڭ
ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا ،مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ
كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈبخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابالرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭمۇ بارلىقىنى
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.
تارىخ چاقى مىالدىيە -0311يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد
كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان ،جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ .ئۇ بىر
كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ .ئازراقمۇ
ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن
ئىشىك باقارالر ئۇنى قىلىچ-نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ ،نەدىن كەلگەنلىكىنى ،پادىشاھقا
ئېيتىدىغان قانداق ئەرز-دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ .ئۇالر بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا
ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى ،ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن

باشقا ھېچقانداق ئەرز-دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم
قىلىدۇ .پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ .بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا
ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟
تىلەمچىنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ .بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ
ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ،قولىدىكى بوخچىنى ئاۋايالپ يېشىپ،
بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقالپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قولالپ
سۇنىدۇ .بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىلالر
دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيالر سۇاللىسىنىڭ -24ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن
رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقالرنى بېرىپ يولغا سالىدۇ .بۇ مىالدىيە
-0335يىللىرىغا توغرا كېلەتتى.
خەلىپە ئەل ناسىر (مىالدىيە )0081-0335بۇ كىتابنىڭ بىباھا ،تېپىلغۇسىز كىتاب
ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ،دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىال 01نەچچە
پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈبخانىسىدا قەدىرلەپ ساقالشقا بۇيرۇشتىن سىرت،
باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ .خەلىپە ئەل ناسىر
ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم
مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ .ئەپسۇس ،خىرىستىئان
قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇن) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش
قىلىپ ،ئەرەب زىمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ .ئاشۇ مالىمانچىلىقتا
«تۈركىي تىلالر دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ.
ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ .كىشىلەر قەدىمكى كىتاب
خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىلالر دىۋانى» ناملىق بىر
مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ .ئەمما ،ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش
ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا
ئۇچرايدۇ .بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ
ئۆگزىسىدە پارتالپ ،ئۇالرنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈبخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
كىشلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان ،ئەمما ئىنتايىن نەپىس
ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ .بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭ شۇ كەمگىچە
ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ ،ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان

نازىپ بىينىڭ ئائىلە-تاۋابئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە
ساقالپ ،كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىغا
رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى .ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان
مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈبخانىغا كېلىپ (ھىجىرىيە -0225يىلى،
مىالدىيە -0904يىلى) بۇ كىتابنى باشقىالردىن سېتىۋالىدۇ .ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ
تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ-0907 ،يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا مىخ
مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ .شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگالرنىڭ
دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشاليدۇ .دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىمالر بۇ كىتاب توغرىسىدا
تۈركچە ،نېمىسچە ،ئىنگىلىزچە ،رۇسچە ،ۋېنگر تىلالردا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېالن قىلىدۇ.
گېرمانىيىلىك «تۈركىي تىلالر دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇلالنغان ئالىم ،سام تىللىرى
مۇتەخەسىسى كارىل.برىككىلىمان -0938يىلى« تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە
تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسىنى ئېالن قىلىدۇ.
ئەمەليەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش
ⅩⅩئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىندۇ .تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس بېسىمئاتاالي 30يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبول مىخ مەتبەئە نەشىرىگە
ئاساسەن -0940يىلى «تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر
قىلدۇرغاندىن باشقا ،يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل (فوتو سۈرەت نۇسخىسى) نۇسخىسىنىمۇ نەشر
قىلدۇرىدۇ.
-1960يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى ،تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوپ «تۈركىي تىلالر
دىۋانى»نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ-0955 .يىلى قەشقەردە
ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان
ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان ،ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى
توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس.
-1963-1966يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى
ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن ،ئەمما سولچىل خاتا ئىدىينىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت
بولۇپ كەتكەن.

-1980يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس ،مۇتەخەسىس ،ئالىمالردىن كۈچ
تەشكىللەپ ،ئىنىسىكلوپىدىيلىك ئاالھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ
ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنيەت ،تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ ،ئۇيغۇر
ئالىملىرىدىن مولال ئابدىلھىمىت ھاجى يۈسۈفى ،ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى ،تىلشۇناس
ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى ،مەدەنيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ،ئابدۇساالم
ئابباس ئەپەندى ،تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ،سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق
كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىلالر دىۋانى»نىڭ -0940يىلى بېسىم
ئاتاالي تەرپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتو سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرىگە
تەييارلىنىپ-0980 ،يىلىدىن -0984يىلىغىچە ھەممە قىسىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇر
دىيارى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ ،كەڭ كىتابخانالر بىلەن يۈز
كۆرۈشكەن .مانا بۇ ئۇيغۇرالرنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىلالر
دىۋانى»نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەرەپ بولغان ۋاقتىدۇر .بۇ كىتاب -3113يىلى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە
قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
«تۈركىي تىلالر دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق ،ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فولكلور،
مەدەنيەت ،تارىخ ،ئارخېئولوگىيە ،دىن ،توپونومىيە-يەر ناملىرى ،سوتسىئولوگىيە ،ئېتنوگرافىيە،
پەلسەپە ،جۇغراپىيە ،تىبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ،
دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن،
سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىلالر دىۋانى»غا 343كۇپلېت شېئىر-قوشاق،
211پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىلنى ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ،تۈرك قەبىلىلىرىگە
مۇناسىۋەتلىك بولغان 7511دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام ،ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق
فونىتىكىلىق ،گرامماتىكىلىق قانۇنيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
مانا بۇ ئۇيغۇرالرغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.
دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى
ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرالرنىڭ قاراخانىيالر سۇاللىسى
دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقالرنىڭ بىرىدۇر .مۇكەممەل يېزىلغان
بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيالر سۇاللىسىنىڭ ماددى ،مەنىۋىي قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ

بېرىلگەن بولۇپ ،مىللەتنىڭ مەدەنىيەت،تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپال
قالماستىن ،دۇنيا شەرق كالسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يوقىرى ئورۇننى تۇتۇپ
كەلمەكتە.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىالدىيە - 0108قاراخانىيالر سۇاللىنىڭ
قىشلىق پايتەختى باالساغۇن (قوزئوردا) دا ،ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك ،بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان
رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى
قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى -0998يىلى قەشەردە ئۆتكۈزۈلگەن -2نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك
«قۇتادغۇبىلىك»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان .ئا).
ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان .يۈسۈپ خاس
ھاجىپ كىچىكىدىن باشالپال باالساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسەلەردە ئەرەب تىلى ،پارس تىلى ،سوغدى
تىلى قاتارلىقالرنى پىششىق ئۆگىنىپال قالماي ،يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە
مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن .ئۇ مىالدىيە -0175يىللىرى باالساغۇندىكى ئوردىدا يۈز
بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ ،ئائىلىسى
ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلشكە مەجبۇر بولغان .مىالدىيە -0171يىلى (ھىجرىيە
462يىلى) 08ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 02مىڭ 391مىسرالىق دىداكتىك داستان«قۇتادغۇبىلىك»نى يېرىپ تامامالپ ،بۇ كىتابنى قاراخانىيالرنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن
بىننى سۇاليمان بۇغراخانغا مىالدىيە 0174يىلى سوۋغا قىلغان .ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ
شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئونۋانىنى بەرگەن .ئالىم مىالدىيە 1085-يىلى 68
يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى ،تىلىنىڭ گۈزەللىكى ،پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى،
غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى ،بەدىئىي ئاالھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز
زامانىسىدىن

باشالپال

ھەرقايسى

ئەللەرگە

تارقىلىپ

«ئەدەبۇل

مۈلىك»

(شاھالرنىڭ

ئەدەپ-قائىدىلىرى)« ،ئاينۇل مەملىكە» (مەمىلكەتنىڭ دەستۇرى)« ،زىننەتۇل ئومرا( »ئەمىرلەر
زىننىئىتى)« ،شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)« ،پەندى نامەئى مۈلىك» پادىشاھالرغا
نەسىھەت)« ،قۇتادغۇبىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇالرنىڭ ھەممىس تۈركىي تىللىق خەلقلەر
زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل نامالر .ئا ).دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل نامالر بىلەن ئاتىلىپ ،بىباھا
گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن .ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ
بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتالرمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.

پۈتۈن تۈرك ،چىن ،شەرق ئېلىدە دېمەك،
بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال،
كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟
يازىچى بار بولسا ،مەن ماختاي ئۇنى.
دېمىسىمۇ ،تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب ،مەيلى پارس ياكى ھىندىستان،
جۇڭگوالردا بولسۇن ،ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ
باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابالردىن بولمىغان
بولسا ئىدى ،ئۇنىڭدىن ئاز كەم 0111يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن بولمىغان
بوالتتى.
تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى ،نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ
كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق .بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ
كەلدى .بىرىنچى خىل نۇسخا ،يەنى ۋېنا نۇسخىسى ،بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا
بولۇپ ،ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان .بۇ ئا نۇسخىدۇر.
ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ 5411 ،بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى
«ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈبخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان .بۇ ب نۇسخىدۇر.
ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ ،ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىاليىتى
تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى
دەپ ئاتالغان 6195 ،بېيىتتە پۈتۈلگەن .بۇ ئەسەرنىڭ چ نۇسخىسىدۇر .ئەسەرنىڭب،چ نۇسخىلىرى
تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان .ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى
ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا ،بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ
كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىالدىيە -0429يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن
قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن .شۇڭا ،بۇ نۇسخا
يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ .مىالدىيە -0474يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە
كەلتۈرۈلگەن ،كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ،

ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈبخانىسىغا قۇيۇلغان .مىالدىيە -0796يىلى ھاممىر
پورگىشتال تەرپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىالنغان.
پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىد مىالدىيە -0904يىلى پەرغانىنىڭ
نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان اللەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخشى
كۈتۈبخانىسىدىن بايقاپ ،بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن .مىالدىيە -0334يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت
بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ ،ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.
قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىالدىيە -0901يىلى بايقىغان .ئۇ
ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ،ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسيىسى بىلەن
نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتالر ياۋروپادا XX-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشالپ قىزىق
تېمىغا ئايالنغان .مىالدىيە -0837يىلى فىرانسىيىلىك زھانبىرت.ئامبىدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا
«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېالن قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن
بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان-0871 .يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى
تەتقىق قىلىپ ،ئۇنىڭ 0111بېيىتىنى ترانسىكرىپسىيىلەشتۈرۈپ« ،ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا
نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن-0891 .يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف
ۋامبىرى تەتقىقاتنى راۋاجالندۇرۇپ 31 ،يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب
تىلىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ،ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ ،ئىككى توملۇق
كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان .بۇنىڭغا ئۇالپال ئۇ يەنە -0942يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مانجۇچە
تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان-0938 .يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ
ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.
«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى،
تىلشۇناس رەشىت رەھمىتى ئارات ( )0964-0911داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل
سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ،بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقالپ 02 ،مىڭ 391مىسرالىق
تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان-0957 .يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى
ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان-0973 .يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەيۇم كەرىموف داستاننىڭ
پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان-0979 .يىلى
ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ ،ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىمالر

بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ ،ئۇيغۇر دىيارى خەلق
نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان-0982 .يىلى ئامېرىكا چىكاگو دارىلفۇنۇننىڭ شەرقشۇناس پروفېسورى
روبرىت.دانكوپ داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېالن
قىلغان .كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 011دولالردىن ئېشىپ كەتكەن-0981 .يىلى -8ئايدا ئۇيغۇر
دىيارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوپ ھامۇت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك»
تەرجىمە تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ« ،قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي
يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى ،مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى ،مەرھۇم
مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن -0985يىلى -5ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى
تەرپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى-0986 .يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن يەنە
خاۋگۈئەنجۇڭ ،جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇبىنالرنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى.
-0990يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى ،قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى
مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى-0993.يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبىك ،نۇرۇز ھۈسەن ئالىيالرنىڭ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسىرىي شەكىلىگە ئۆرۈگەن
تەرجىمە نۇسخىلىرى ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.
شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت
ئالىملىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ،تەرجىمە قىلىنىپ ،تۈركچە ،ئۆزبېكچە ،قازاقچە ،مانجۇچە،
قىرغىزچە ،رۇسچە ،نېمىسچە ،ئىنگىلىزچە تىلالردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى ،ئوكرائىنچە ،ياپونچە تولۇق
بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى ،شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە
ئۇيغۇرالرنىڭ مەدەنيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى .ھازىرغا
قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق ،ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي
مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە
چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ ،ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە ،تەبىئەت پەلسەپەسى،
ئالگېبىرا،

گېئومېتىرىيە،

قانۇن-سىياسەت،

ئىقتىسادشۇناسلىق،

ئەلنى

ئىدارە

قىلىش،

ئەدەبىيات-سەنئەت ،پىسخولوگىيە ،پىداگوگىكا ،ئىستىلىستىكا ،ئائىلە-نىكاھ ،ئاممىۋى مۇناسىۋەت،
ئەدەپ-ئەخالق ،كەسپىي ئەخالق ،ھەربىي-سىپاھگەرلىك ،تىلشۇناسلىق ،سېلىشتۇرما ئەدەبىيات،
ئېتىكا ،تىبابەت ،ئوزۇقلۇق ئىلىمى ،مەدەنيەت ،تارىخ ،مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس
توختىلىپ ئۆتكەن ،ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.

XXئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن خخ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسىجايلىرىدا ھەر خىل نامالر بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرالرنىڭ ئىسالمىيەتتىن
بۇرۇنقى ۋە ئىسالمىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسالرنى ئۆز
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 06
  • Büleklär
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3349
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1856
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3540
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2211
    17.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3675
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1961
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1801
    15.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3492
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1882
    21.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3543
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1867
    21.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3514
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    20.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3547
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1561
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3550
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1744
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3702
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1817
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3604
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1808
    23.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3442
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1842
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3438
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1997
    21.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3570
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1837
    18.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3384
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1802
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3558
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1585
    18.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    26.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3237
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1741
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1620
    19.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3315
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1662
    20.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1718
    24.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3582
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1529
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3541
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1656
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3490
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1857
    20.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3520
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1758
    20.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    29.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3538
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    22.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1669
    22.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3474
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3462
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1829
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3324
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1641
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3532
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1815
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3581
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1667
    19.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3555
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1702
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    31.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3507
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1622
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3576
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1728
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3472
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1759
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3468
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1650
    20.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    30.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Mehmud Qeshqiri We Turkiy Tillar Diwani Heqqide Tetqiqat - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 105
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 26
    30.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    53.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.