Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42

Süzlärneñ gomumi sanı 3812
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
قارا كەلگەن ،يۈز ـ كۆزلىرىدە چېچەكنىڭ ئىزى قالغان سوغۇق بىر ئادەم قارشى ئالدى.
ئۇنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ يۈرىكىم مۇزالپ قالدى .قاپىقى شۇنداق يامان ،ئۇنىڭغا سۆزلەشكىمۇ
جۈرەت قىاللماي قالىدىكەن كىشى ،ئۇ ساجىدەگە قاراپ:
— سەن نېمىشقا كەلدىڭ؟ مەن سېنى كەلمە! دېمىدىممۇ دەپ ئاچچىق بىلەن
سۆزلىدى .مەن ئۇنىڭغا:
مۇسا ئاكا سىزنى مۇشۇ ماتېرىيالالر بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ ،دېگەنلىكتىن ،بىزنىڭ
ماتېرىياللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ كەلگەن ئىدۇق ،دېدىم .ئۇ ئادەم يەر
ئاستىدىن قاپىقىنى تۈرۈپ:
— ھە سىلەر ئەنزە ئاغدۇرغىلى كەلدىڭالرمۇ؟ سىلەر تېخى ئۆزگەرمەپسىلەر ،يەنە
قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرامسىلەر؟ ھازىر كېتىپ بۇرۇنقى خەلق نازارىتىگە تاپشۇرۇلغان
ئورنۇڭالرغا بېرىپ شۇ يەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەڭالر ،سىلەرنى بىز نازارەتكە
تاپشۇرغانمىز ،دېدى.
بىز بىر ـ بىرىمىزگە قاراپ ،ئاندىن مەن ئۇنىڭغا:
— سىلەر بىزگە الۋجاۋ (ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش) ،الۋگەي (ئەمگەك بىلەن
ئۆزگەرتىش) نىڭ پەرقى دەپ چۈشەندۈرگەندە ،الۋجاۋ ئۆز ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئېيتقان
ئىدىڭالر ،ماڭا ئون يىل بولدى .بىزنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىپ ،خەلق رېجىمىغا تاشالپ
بەردىڭالر ،دەپ سۆزلەپ بولماستىن ،مۇسا ئىيسا ۋارقىراپ:
ــ ھە ،سىلەر ئەنزە ئاغدۇرۇپ ،پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقماقچىمۇ ،دەپ
توۋلىغان ئىدى ،ساجىدە :بولىدۇ ،بىز ئەنزە ئاغدۇرغان بواليلى ،بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق چارە
قوللىنىسىز؟ دېدى.
ئۇ ئادەم ئاچچىقىدىن ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرۇپ تۇرۇپ:
— تۈرمىگە ئېلىپ قايتا كېسىمىز ،دېدى.
مەن:
— ياخشى ،شۇنداق قىلسىڭىز بىز خۇشال بولىمىز .شۇ خەلق رېجىمى دېگەن چېكى
623

يوق زۇلۇم ۋە خارلىنىشتىن قۇتۇلغان بۇالتتۇق .ياخشى بولدى ،يوتقان ـ كۆرپىمىزنى ھازىر
ئېلىپ كېلىمىز ،دەپ ئىشىككە قاراپ ماڭغان ئىدۇق ،توختاڭالر! سىلەر ئۈچۈن تۈرمىدە
ئورۇن يوق ،تۈرمىدىكى ئادەملەرنى قويىدىغان يەر تاپالمىغاندا سىلەرگە نەدىكى ئورۇن،
كېتىپ ئۆز جايلىرىڭالرغا بېرىڭالر ،دەپ ئىتنى قوغلىغاندەك بىزنى قوغالپ چىقىرىۋەتتى.
بىز ئىككىمىز «توۋا خۇدايىم دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكى ئادەملەر كۆپىيىپ كەتكەنمۇ
نېمە» دەپ كۈلۈشتۇق.
شۇنداق قىلىپ ساجىدە ئىككىمىز ھەر كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقالش
ئىدارىسىگە مۇسا ئىيسانىڭ ئالدىغا بىر ئاي قاتراپ ھېچقانداق بىر ئۈمىدلىك سۆز بولمىدى.
باشقا بۆلۈملەرگە ،الۋگەي دۈيلەرگە كىرىپ ئىزدەندۇق .بىزنىڭ بۇ ئىشنى پەقەت شۇ مۇسا
ئىيسا قىلىدىكەن ،باشقىالرغا ئۇنداق ھوقۇق بېرىلمىگەن دېيىشەتتى .بەزى كادىرالر بىزگە
ۋاي ئۇكىلىرىم ھازىر پۈتۈن تۈرمە ئورۇنالردا تىقمۇ تىق ئادەم ،ئۇالرنىڭ كۆپچىلىكى
گۇناھسىز ،بوشقا ئون يىلدىن ئارتۇق يېتىۋاتىدۇ .ئۇالرنىڭ ئىشىنى ئىشلەيدىغان ئادەم
يوق ،سىلەر بولساڭالر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈپ ،ئەركىن ھاۋادا ياشاۋاتىسىلەر ،شۇنىڭغا
خۇشال بولساڭالر بولىدۇ ،دېدى.
— نېمىشقا ئەمدى گۇناھسىز ئادەملەرنى ئون يىلالپ تۈرمىدە سوالپ تۇتىسىلەر،
گۇناھسىزلىقىنى بىلگەندىن كېيىن چىقىرىۋەتسەڭالر بولمامدۇ؟ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا
بۇنداق زۇلۇم سالسا بوالمدۇ؟ دېدىم .ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ ماتېرىيال
بۆلۈمىنىڭ باشلىقى:
— ئۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس .ئەگەر بۈگۈن مەن ئۇالرنى گۇناھسىز دەپ
چىقىرىۋەتسەم ،سىياسەتنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز ،بىر كۈنى كەلگەندە سىياسەت يەنە
ئۆزگىرىپ« ،ئادەملەرنى تۈرمىدىن قويۇۋەتكەن» دەپ مېنى تۈرمىگە سواليدۇ .شۇنىڭ
بىلەن پۈتۈن ئۆمۈر تۈگەيدۇ .بىز شۇنىڭدىن قورقىمىز .ھەممىنى ئاڭاليمىز ،ئۇكام بىلىپ
تۇرۇپ ئوتقا سەكرىگىلى بولمايدۇ ،دېدى.
مەن:
— ھە شۇنداق دەڭ ،بىلگەنلەر ئۆزىدىن قورقىدۇ .بىلمىگەنلەر ئۇخاليدۇ دەڭ دېدىم.
— ئۇكام بايقاپ سۆزلەڭ ،ھەر نەرسە سىز ئويلىغاندەك يەڭگىل ئەمەس ،دېدى.
جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن ،مېدىتسىنا
ئىنستىتۇتىغا باردۇق .ئۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقالش بۆلۈمىگە كىردۇق .ئۇ بۆلۈمدە
624

ئىيسا روزى ھەم الۋما دېگەن بىر خۇيزۇ بار ئىكەن .ئۇالر بىزنى ياخشى قارشى ئالدى.
بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭالپ ،ئىچ ئاغرىتىپ ،ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىزگە ئىككى
كۈندىن كېيىن كېلىڭالر ،بىز سىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئەۋەتكەن
ماتېرىيالالرنى كۆرۈپ ئاندىن سىلەرگە جاۋاب بېرەيلى ،بىزنىڭچە بولغاندا سىلەرگە قالپاق
كىيگۈزمىگەن بولسا ياخشى بوالتتى ،دەپ قالدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن ساجىدە ئىككىمىز مەكتەپكە باردۇق .مۇسا روزى بىلەن الۋما:
ــ بىز ماتېرىيالالرنى كۆردۇق ،سىلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن قالپاق
كىيگۈزمىگەن ئىكەن .سىلەر قورقماستىن ئىزدىنىڭالر ،ھېچقانداق خاتالىق بولمايدۇ.
پەقەت ئۈمىدسىزلىنىپ توختاپ قالماڭالر ،دېدى .بۇ سۆز بىزگە كۈچ ۋە غەيرەت بەردى.
بىزگىمۇ شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىدىغان ئادەملەر بار ئىكەنغۇ ،دەپ خۇشال بولۇپ
قايتتۇق.
بىز كەلگىلىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى ،ئىشىمىزدىن ئۈمىدلىنەرلىك بىرەر نەتىجە
بولمىدى .ئۆزىمىز تۇرغان شاباخۇغا بېرىپ كۆرەيلى ،دەپ ئويلىدۇق .ئەتە ماڭايلى دەپ
ھازىرلىنىپ تۇراتتۇق ،زۆھرە ئالدىراپ بىزنى ئىزدەپ كەلدى.
مەن خەۋەر تېپىپ كەلدىم .تۇرنىسا دۈيجاڭ بىلەن ئاتەك گەنسى باجاخۇ تۈرمىگە
يۆتكىلىپ كېلىپ ،شۇ يەردە ئىشلەۋېتىپتۇ .شاباخۇ يىراق ،بارغىنىڭالر بىلەن ئۇ يەردە ھېچ
نەرسە قىاللماي ئاۋارە بولۇپ قايتقىنىڭالر قالىدۇ ،دېدى.
بىز خۇشال بولدۇق ،زۆھرەگە رەھمەت ئېيتتۇق .ساجىدە خۇشاللىقىدىن زۆھرەنى
قۇچاقالپ جېنىم دوستۇم ،سەن بەك ياخشىسەن ،بىزگە كۆپ ياردەم قىلدىڭ دەپ
مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ساجىدە بىلەن ئىككىمىز باجاخۇغا باردۇق .بىزنى دەرۋازىدىن توسۇپ كىرگۈزمىگەن
ئىدى ،بىز تۇرنىسانىڭ تۇغقىنى بولىمىز دېگەندىن كېيىن ،ساقچى بىزگە تۇرنىسا دۈيجاڭنى
چاقىرىپ بەردى .تۇرنىسا دۈيجاڭ بىزنى كۆرۈشى بىلەن راستتىن تۇغقىنىنى كۆرگەندەك
ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ ئۆيگە باشلىدى .تۇرنىسانىڭ ئانىسى بىزنى تونۇپ:
ــ ۋاي جېنىم بالىلىرىم ،ساالمەتمۇ سىلەر دەپ ئۆزىنىڭ بالىسىدەك مېھرى بىلەن
كۈتۈۋېلىپ ئاستىمىزغا كۆرپە سالدى.
بىز ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ،ئەھۋاللىرىمىزنى ئېيتتۇق .تۇرنىسانىڭ ئانىسى بىچارە كۆز
ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ ئاڭلىدى.
625

— ۋاي جېنىم بالىلىرىم ،قانداقمۇ چىدىغانسىلەر دەپ ھېسداشلىق قىلىپ قوياتتى.
كۆپ ئۆتمەستىن ئاتەك گەنسى ئىشتىن چۈشۈپ كەلدى .بىز كەلگەن مەقسەتلىرىمىزنى
ئاڭالتتۇق.
ھازىر مەن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلدىم .مەندە ھېچقانداق ماتېرىيال يوق .بۇ ئىشقا
مەن قول سېلىپ ئىشلىيەلمەيمەن ،پەقەت شاباخۇ الۋگەي ئەترىتىدىن ئوقۇشۇپ كۆرەي
دەپ بىزنى قايتۇردى.
ئىككىمىز باجاخۇدىن ئۈمىد يوق بولدى ،مەكتەپكە بېرىپ ئۇرۇنۇپ كۆرەيلى دەپ
ئەتىگەن ئىدارىلەر ئىشقا چۈشىدىغان سائەت 9دا مەكتەپكە يېتىپ كەلدۇق ،دېگەندەك
ئىشىك تۆۋىدە ئىيسا روزى بىلەن ئۇچراشتۇق .ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كەلدىڭالر ،ئىككى
كۈندىن بۇيان سىلەرنى ئويالپ قانداق چاقىرتىپ كېلەرمىز دەپ تۇراتتۇق ،ياخشى كېلىپ
قالدىڭالر .مەكتەپكە مەركەزدىن (بېيجىڭ) خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلدى .سىلەر كىرىپ
ئۇالرغا ئۆز ئەھۋالىڭالرنى ئېيتىڭالر ،ئۇ گۇرۇپپا ئەنە شۇنداق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ،
مەكتەپ خىزمەتلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن .ئەگەر سىلەرنىڭ ئىشىڭالرنى
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىڭالر دەپ بىزگە رۇخسەت قىلسا ،ئاندىن بىز بۇ ئىشقا قول
سېلىپ ئىشلەيمىز .بولمىسا كېيىنكى كۈنلەردە «سىلەرگە يانباستى» دەپ بىزنى سۆرەپ
چىقىشى مۇمكىن .بۇ نەرسىنى ئاڭلىق چۈشىنسلەر دەپ قويدى ھەم بىزگە ئۇالر يۇكۇلۇنىڭ
ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىپ سول قول تەرەپ زالنىڭ ئەڭ بېشىغا بارغاندا ئوڭ قول
تەرەپ چەتتىكى ئۆيدە تۇرىدۇ ،دېدى .بىز رەھمەت ئېيتىپ ،پەلەمپەيگە قاراپ يۈگۈردۇق.
ئىشىكنى ئاستا چەككەن ئىدۇق ،ئۆي ئىچىدىن كىرىڭالر! دېگەن ئاۋاز ئاڭالندى ،ئۆيدە
تولۇق ھەربىي ئۇنۋانالر تاقاپ ،ھەربىي كىيىم كىيگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى
خەنزۇ ھەربىي بىزنى قارشى ئالدى .قارىماققا يىگىرمە بەش ـ ئوتتۇز ياشالر ئەتراپىدا،
ئۆزىنى تۇتقان ،كۆپنى ،كۆرگەن بىلىملىك ئادەملەردەك كۆرۈنەتتى .چىرايلىرى مانجۇالرغا
ئوخشاش يوغان كۆزلۈك ،قارا قاشلىق ،قاڭشارلىق كىشىلەر ئىدى.
كېلىڭالر ،ئولتۇرۇڭالر ،دەپ ئىككىمىزگە ئورۇندۇق قويدى ۋە نەدىن كەلدىڭالر،
نېمىگە كەلدىڭالر؟ دەپ سورىدى.
بىز تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى پۈتۈن ئەھۋالنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردۇق.
ئۆرە تۇرۇپ كىيىم كىيىۋاتقان ھەربىي كىيىمىنىڭ تۈگمىلىرىنى تۈگمىلەپ بولۇپ ،بىزنىڭ
يېنىمىزغا كېلىپ سۆزگە قوشۇلدى.
626

— بۇ قەدەر ياش ئوقۇغۇچىالرغا تۇتقان پوزىتسىيە ياخشى بولمىغان .بۇالرنى
مەكتەپتە تەربىيىلەپ ئۆز تەرەپكە تارتماستىن ،دۈشمەن تەرەپكە ئىتتىرىپ بېرىپ قاتتىق
پوزىتسىيە قولالنغان دەپ بىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھەربىي يولداشنىڭ يېنىغا كېلىپ
ئولتۇردى ،ئۇالر بىزدىن:
— مەكتەپ تەشكىلى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشتىڭالرمۇ؟ دەپ سورىدى.
ھەئە ،بىز نەچچە كەلدۇق ،بۇ ئىشقا قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ئادەم يوق دېدۇق.
ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقالش بۆلۈمىنىڭ
باشلىقىنى تېلېفوندا چاقىرتتى.
— الۋما بىلەن ھازىر بىزنىڭ ئىشخانىغا كېلىڭالر ،دېدى.
كۆپ كېچىكمەستىن الۋما بىلەن ئىيسا روزى كەلدى .بىزنىڭ ئىشىمىز توغرىسىدا
ئۇالر بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە بېرىپ ،بۇالرنىڭ
ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقىشقا تاپشۇرۇڭالر! دەپ جېكىلەپ چىقاردى.
تاالغا چىققاندىن كېيىن ئىيسا روزى مانا ياخشى بولدى .بۇالرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن
مەكتەپ سىلەرنىڭ ئىشقا قول سالسا گۇڭەنتىڭ سىلەرنىڭ ئىشنى ئىشلىمەي ئامال يوق.
بىزگە ھەم ياخشى بولدى ،بىزگە ئۇالر بۇيرۇق قىلدى .بىز شۇنى ئاساس قىلىپ بۇ ئىشنى
قورقماستىن ئىشلەيمىز ،دەپ بۆلۈمگە كىرىپ ماتېرىيالالرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ھەممىمىز
ئاپتوبۇس بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقالش ئىدارىسىگە يېتىپ كەلدۇق.
دەرۋازىدىكى كۆزەت ساقچىسى بىزنى «خەت ـ چەك» بۆلۈمىگە باشالپ كىردى .بۇ
دەرۋازىدىن كىرىشتىال مەخسۇس ئايرىم قىزىل خىشتىن سېلىنغان كىچىككىنە ئىككى
ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ،بىز ئالدىنقى داالن ئۆيدە ئۆچىرەت ساقلىغۇچىالر قاتارىغا بېرىپ
ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق .الۋما بىلەن ئىيسا روزى ئىچكىرىكى بۆلۈمگە كىرىپ ،ئۇ يەردىكىلەر
بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىپ «بىزنى بالدۇر كۆرىدىغان بولدى» دەپ سائىتىگە قاراپ قويدى.
ئالدىنقى ئۆيدە ئۆچىرەت ساقالپ ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ جىق ،بەزىلىرى يەردە زوڭزىيىپ
ۋە بەزىلىرى يەردە ئىككى تىزىنى قۇچاقالپ ئولتۇرغۇچىالرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى .بۇالر ھەر
ساھەدىن ،ھەر شەھەردىن ،ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگۈچىلەر
ئىدى .بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزىگە قارىسا دەرد ـ ئەلەم ،ھەسرەتلەر كۆرۈنۈپ
تۇراتتى .ئىچكىرىكى ئۆيدىمۇ لىق ئادەم ئولتۇراتتى .بىر ئايال ئوغلىنىڭ مەدەنىيەت
ئىنقىالبىدا بىگۇناھ ئۇرۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى يىغالپ سۆزلەۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ
627

تۇراتتى .بىر ئەر كېلىپ «يىغلىماڭ ھەدە ،ماۋۇ خەتنى ئوتتۇرا سوتقا ئاپارسىڭىز ،مۇشۇ
ئادەم سىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ ئۇ بەك ياخشى كىشى» دەپ قەغەز يىرتقان ئاۋاز
چىقتى .كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ 50 - 40 ،ياشالر ئەتراپىدىكى بىر ئايال قولىدا لىپاپا
كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ كەينىدىن الۋما بىلەن ئىيسا روزى بىزنى باشالپ ئىچكىرىكى ئۆيگە ئېلىپ
كىردى .ئۇ ئۆيدە ياش ـ قېرى ،ئەر ـ ئايال بولۇپ ،ھەر ساھەدىن كەلگەن ئوندىن ئارتۇق
ئادەم ئولتۇراتتى .خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا قەلەم ـ قەغەز تۇتۇپ كىشىلەرنىڭ ئەرزىنى
ئاڭالپ بىر ياش ئۇيغۇر يىگىتى ئولتۇراتتى .مۇسا روزى بىلەن الۋما ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا
بېرىپ ،بىزنىڭ ئىشىمىز ئۈستىدە ئۇ ئادەمگە ئاستا ئاۋاز بىلەن چۈشەندۈرۈپ ،ئۇ ئادەمگە
بىزنى كۆرسىتىپ مەكتەپ تەشكىلىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ،بىزنى ئۇ
ئادەمگە تاپشۇرۇپ ۋە بىزگىمۇ سىلەرنىڭ ئىشىڭالرغا مۇشۇ ئابلىز ياردەم قىلىدۇ .باشقا
ئەھۋالالر بولسا مەكتەپكە بېرىپ بىزنى تېپىڭالر ،دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى .بىز
ئۆچىرەت ساقالپ خېلى ئۇزۇن كۈتۈپ ئولتۇردۇق.
ئەرز ئېيتقۇچىالرنىڭ بەزىلىرى مەدەنىيەت ئىنقىالبىدا ھېچقانداق سەۋەبسىز يېزىغا
ھەيدىلىپ كۆرگەن ئېغىر كۈنلىرىنى سۆزلەپ ،خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس
قىلسا ،بەزىلىرى ناھەق قالپاق كىيگۈزگىنىدىن شىكايەت قىالتتى .شۇ ئارىدا بىر قازاق
بوۋاي كېلىپ:
ــ باالم ،مەن ئۆمرۈمدە ھېچقانداق مېلىم بولۇپ ،باي بولۇپ كۆرگەن ئەمەستىم،
مەدەنىيەت ئىنقىالبىدا ماڭا «مۇجۇ» (چارۋا ئىگىسى) دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ كۆرمىگەن
ئازاب ـ ئوقۇبەت قالمىدى .ئەڭ ئاخىرىدا بىزگە مالغا ئوخشاش دۈمبىمىزگە تۆمۈرنى
قىزدۇرۇپ تامغا باستى دەپ ئۈستىدىكى كىيىمىنى يېشىپ دۈمبىسىنى كۆرسەتتى .مۇجۇ
دېگەن خەتنىڭ كۆيۈك ئىزىنى كۆرۈپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يامان بولدى .ئەرزنى ئاڭالپ
ئولتۇرغان ئابلىز قەلەمنى قويۇپ كېلىپ قازاق بوۋاينىڭ دۈمبىسىدىكى كۆيدۈرۈلگەن
ئىزنى سىالپ تۇتۇپ كۆردى.
قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ چىرايىدىن ئىچى ئاغرىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى ،ئۇ بوۋاي
كىيىملىرىنى كىيىۋېتىپ:
مېنىڭكى «مۇجۇ» دېگەن ئىككى خەت بولغىنىغا خۇشال بولدۇم ،ئەمدى ئۇزۇن
خەتلىك قالپىقى بارالرنىڭ قىينالغىنىنى دېمەيال قويۇڭ ،پۈتۈن دۈمبىسى ئېشىپ يىرىڭالپ
كۆپ جاپا چەكتى .ئارىمىزدا بىرسى شۇ يىرىڭالش بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەپ كىيىملىرىنى
628

كىيىشكە باشلىدى .بوۋاينىڭ يېنىدا گەپ قىلماي قاپاق تۈرۈپ ئولتۇرغان ياش قازاق
يىگىتى بوۋاينىڭ سۆزىنى داۋامالشتۇردى.
بۇ قالپاق يالغۇز دادام بىلەن كەتمەستىن پۈتۈن ئائىلىمىز بويىچە قالپاقلىق بولۇپ،
قارا ئائىلە ھېسابلىنىپ قالدۇق .بىزنى مەكتەپكە ئالمايدۇ .ئىنستىتۇتالرغا كىرەلمەيمىز،
بىرەر ياخشى ئىشمۇ تەگمەيدۇ .ھەممە يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايمىز ،ھەتتا توي قىالي
دېسەكمۇ ھېچكىم قىزىنى بەرمەيدۇ .قىزالرمۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قاراپ قورقىدۇ .بىزنىڭ
نېمە ئەيىبىمىز بار ،دەپ سۆزلىگەندە ئۇ يىگىتنىڭ يۈزىدىن قايغۇ ـ ھەسرەت يىغىپ
تۇراتتى .ھەممە ئادەم جىمجىت زۇۋان سۈرمەي ئاڭالپ ئولتۇردى .كىشىلەرنىڭ دەرد ـ
ئەلەملىرىنى ،ئەرز ـ شىكايەتلىرىنى توال ئاڭالپ ئىچى توشۇپ كەتكەن ئابلىز ،خۇددى قۇرت
يېگەن ياغاچتەك كىشىلەرنىڭ ھال ـ مۇڭلىرى ئابلىزنىڭ ئىچىنى يەپ كاۋاكالشتۇرغاندەك
ھارغىن كۆرۈنەتتى .ئۇ گەپ قىلماي بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىش
قەغىزىنى ئېلىپ قولىدىكى قەلەمنى يۈگۈرتۈپ ئىككى جور خەت يېزىپ ،ئىش تامغىسىنى
بېسىپ:
ــ ئاغا ،سىز مۇشۇ خەتنى كۆتۈرۈپ التىف رايونلۇق پارتكومغا ئېلىپ بېرىڭ ،ئۇالر
سىزگە ياردەم قىالاليدۇ ،دەپ قەغەزنى بوۋايغا ئۇزاتتى .بوۋاي رەھمەت ئېيتىپ ،دۇئالىرىنى
بېرىپ ئوغلى بىلەن ئىككىسى چىقىپ كەتتى.
بىزدىن ئۈچ كىشى نېرىدا ئولتۇرغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى دېمەكچى بولۇپ
سۆز باشلىدى.
مەن غۇلجا ئوبالستقا ئەرز ئېيتىپ بارسام ئۇ يەردە ئوتتۇرا ياشلىق بىر قازاق يىگىتى،
ئاغرىقچان بولۇپ تاياق بىلەن مېڭىپ كەلگەن دادىسىنى باشالپ ئۆزىنىڭ ياش ئىنىسى
ھەققىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئىكەن .ئۇالر موڭغۇل كۆرەلىك بولۇپ ،مەدەنىيەت
ئىنقىالبىدا «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىغا قاتناشقانالرنى «تازىالش» ھەرىكىتىدە ئۇ
بوۋاينىڭ 22ياشلىق ئوغلىنى تەشكىالتقا قاتناشقان دەپ سۇالپ قويۇپ ئۇرۇپ ،قىيناپ،
پۈتۈن بەدىنىنى ئىنچىكە كەندىر يىپ بىلەن باغالپ ،ئاندىن تازا ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ،
ئىككىنچى كۈنى كەندىر يىپىنى يۇلۇپ ،تارتىپ يەشكەندە ئۇ يىگىتنىڭ بەدىنىدىكى
تېرىسى سويۇلۇپ چىقىپ قىزىل گۆشكە ئايلىنىپ قاپتۇ .ئۇ يىگىت ئولتۇرالماي ،ياتالماي
قاتتىق قىينىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق باغالقتىن كېيىن ۋاپات بولۇپتۇ .ئۇنىڭ ئانىسى بۇ
ھەسرەتكە چىدىماستىن ئوغلىنىڭ كەينىدىن بىر يىلغا قالماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .دادىسى
ئاغرىقچان بولۇپ ،ماڭالماس ھالەتكە كەپتۇ .مەن ئاڭالشقىمۇ تاقىتىم چىدىماستىن
629

يىغالپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم .نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك ،ئادەمنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ،
دېدى .ئۇ ئايال سۆزىنى تۈگىتىپ بولغۇچە ئولتۇرغانالر توۋا خۇدايىم ئادەملەرنىڭ بېشىغا
نېمە ئىشالر كەلمىدى دەيسىز؟ نېمە دېگەن زالىملىق؟ دەپ ھەر بىر ئادەم سۆز قېتىپ،
مەدەنىيەت ئىنقىالبىدىكى ۋەھشىي ھەرىكەتلەرگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
ئابلىز ئۇ ئوتتۇرا ياشلىق يىگىت مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەن ئىدى ،دەپ سۆزگە
قوشۇلدى.
ساجىدە :ئابلىزدىن ئۇنىڭ ئەرزى قانداق ھەل بولدى؟ دەپ سورىدى.
ئابلىز ئوتتۇرا سوتقا يولالپ بەردىم ،دېدى.
ئۆچرەت بىزگە كەلدى .بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭالپ ۋە مەكتەپتىن كەلگەن
قەغەزلەرگە قاراپ چىقتى.
مەن بۇنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە يولالپ بېرىمەن .ئۇالر سىلەرنىڭ
ماتېرىياللىرىڭالرنى ئىزدەپ تېپىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ .مەدەنىيەت ئىنقىالبىدىكى
قااليمىقانچىلىقتا نۇرغۇن ئارخىپالر يوقىلىپ ،كۆيدۈرۈلۈپ كەتكەن ئىكەن ،ئۇنى تېپىش
خېلى تەس .شۇنداق بولسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك .بىر ئاز ۋاقىت
كۈتۈش كېرەك ،ئۆزۈڭالر كېلىپ ئىزدىنىپ تۇرۇڭالر ،دېدى.
بىز رەھمەت ئېيتىپ چىقتۇق.
ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئابلىزنىڭ خەت ـ چەكلەر ئىشخانىسىغا كەلدۇق.
ئىشخانا يەنە شۇ ئۆچرەت ساقالپ ئولتۇرغان ئادەملەر بىلەن لىق ئىدى .بىزمۇ ئۆچىرەتتە
تۇرۇپ كۈتتۇق .ئىچكىرىكى بۆلۈمگە كىرىش ئۈچۈن ئىككى سائەت ئىچكىرىكى بۆلۈمدە
بىر سائەت نۆۋەت ساقلىدۇق.
بىزدىن بىر كىشى ئالدىدا كۈتۈپ ئولتۇرغان 40 - 35ياشالر ئەتراپىدىكى رەتلىك
كىيىنگەن جەمىيەتتە ئىشلىگەن ،بىلىم ئىگىسىدەك كۆرۈنگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىدا
ساقال ـ بۇرۇتلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەن ،چېچىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ بېشىغا تۇماق،
ئۇچىسىغا چەكمەن چاپان ،پوتىغا ئۆتۈك كىيگەن ،روھى بەكمۇ چۈشكۈن بىر ئەر كىشى
ئولتۇراتتى .ئۇ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايتتى .ئايال ئۇ ئەرگە قاراپ كۈلۈپ ئاستا تاۋۇش
بىلەن بىر نەرسىلەر سۆزلەپ ،ئەرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى .لېكىن ئەرنىڭ ئىچ
ـ ئىچىدىن چىقىپ تۇرغان كۆڭۈلسىزلىكى ،چۈشكۈنلۈكى ئۇنى خۇشال قىلمايتتى.
630

نۆۋەت ئۇ ئەر بىلەن ئايالغا كەلدى .ئابلىز بىلەن ئايال سۆزلەشتى.
— بۇ مېنىڭ ئېرىم .مەن ئۇنى ئۇ ئايالنىڭ دادىسىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .ئېرى
ئىكەن دەپ ھەيران بولدۇم .ئۇ ئىككىسىگە قاراپ ئەرنى قېرى كۆرسەتكەن ساقىلى بىلەن
كىيىمى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم .ئايال سۆزىنى داۋام قىلدى.
مەدەنىيەت ئىنقىالبىدا «مەسىلە تاپشۇرتىمىز» دەپ ئۇرۇپ ،قىيناپ ئۆيگىمۇ
چىقارتماي قويدى .يوقالپ بارساقمۇ كۆرسەتمەيدىغان بولدى.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بىرسى ئىشىكنى ئاستا ئۇرغانلىقىنى ئاڭالپ كىمدۇر بۇ،
يېرىم كېچىدە ئىشىك ئۇرغان ،دەپ ئەنسىرەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ،ئېرىم توغرىسىدا ئىككى
ھەپتىدىن بېرى «ئېرىمنى ئۇرۇپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويارمۇ؟» دېگەن ئەنسىرەش كۆڭلۈمگە
كىرىپ ئېلىپ ،ئۆزۈم كۆڭۈلسىز ھەم بىئارام بولۇپ يۈرگەنىدىم.
كىمدۇر ،ئېرىم كەلدىمۇ؟ ياكى يامان خەۋەر بارمۇ؟ يامان خەۋەر بولسىمۇ يېرىم
كېچىدە كېلىپ دېيىشكە ھېچ ئالدىرىماس دەپ ئۆزۈمنى بېسىپ ئىشىككە باردىم.
— كىم ئۇ دېيىشىمگە تاالدىن ئېرىمنىڭ ئىدارىسىدە ئاددىي ئىشچى بولۇپ
ئىشلەيدىغان ئەھمەتجان ئاكا ئىكەن.
— سىڭلىم ئىشىكنى ئېچىڭ ،دەپ بەك كۆڭۈلسىز ئاۋاز بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى
سېزىپ ئالدىراش ئىشىكنى ئېچىپ:
ــ ئەھمەد ئاكا نېمە بولدى ،ئېرىم ئامانمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ــ ئېرىڭىزنى ئۇرۇپ قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆلدى ،دەپ كۆمۈۋەتتى ،دېگەن ئىدى ،بېشىم
ئايلىنىپ ئۆزۈمنى يوقاتقاندەك بولۇپ ،ئىشىككە يۆلىنىپ قالدىم .ئۇخالۋاتقان 15ياشلىق
ئوغلۇم نېمە بولدى ئاپا؟ دەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى يۆلەپ ئالدى .ئۇ ئادەم دىققەت
قىلىپ ئاڭال ئوغلۇم ،داداڭنى كۆمگەن يەرنى ياخشى بىلىپ ئېلىپ بارساڭالر ئۇ تېخى
ئۆلمىدى .مەنمۇ قاراڭغۇدا ئۇالرغا سەزدۈرمەي ئۆلۈپ قالمىسۇن ،دەپ ئۈستىنى ئاز توپا
بىلەن يېپىپ قويدۇم.
ئورنىغا توپىنى بۇرۇنقىدەك دۆۋىلەپ قويۇڭالر ،تېز بېرىڭالر چىقىرىپ ئاالاليسىلەر،
مېنى دېدى دەپ ئۆمۈر بويى ئاغزىڭالردىن چىقىپ كەتمىسۇن ،دەپ ئوغلۇمغا كۆمۈلگەن
يەرنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ ئۆزى ئاستا كېتىپ قالدى.
بىر ئازدىن كېيىن بېشىم ئايالنغىنى تۈزۈلۈپ ئۆزۈمگە كەلگەندىن كېيىن ،قارىسام
631

ئوغلۇم گۈرجەكلەرنى ۋە قول چىراغنى ئېلىپ كىيىمىنى كىيىپ تەييار بوپتۇ .بالىالرنى
ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇپ ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز دېگەن يەرگە باردۇق .ئۇ بىر چەت يەر
ئىكەن .دېيىلگەن يەردە يېڭىدىن كۆمۈلگەن توپا دۆۋىلىرىنى كۆرۈپ كوالشقا باشلىدۇق.
ئوغلۇم گۈرجەك بىلەن مەن قولۇم بىلەن تاتىالشتۇرۇپ قەبرىنى ئاچتۇق ،دېگەندەك نېپىز
توپا بىلەن كۆمۈلگەن ئىكەن ،ئوغلۇم ئىككىمىز ئېرىمنى سۆرەپ تارتىپ چىقتۇق .قارىسام
ئېرىم تىرىك يۈرىكى سوقۇپ تۇرىدۇ .ئىككىمىز ھاپاشالپ مىڭ تەسلىكتە ئۆيگە ئېلىپ
كەلدۇق .كىشىلەردىن يوشۇرۇپ ئۆيدە بىر ئايدەك قارىدۇق .ئېرىم تىرىلىپ ساقىيىپ
قالدى.
بىز ئۇنى ئۆيدە ئۇزاق تۇتۇشقا بولمىغانلىقتىن ،بىر كېچىدە پويىز بىلەن تۇرپانغا
ئېلىپ بېرىپ ،ئىسمىنى يۆتكەپ ،تۇرقىنى مانا مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ قويدۇق ،ئېرىمنىڭ
بىر سىڭلىسى بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتتىم .ئۇ يەردىمۇ ئېرىم يوشۇرۇن
ياشاشقا باشلىدى .بىز ئايدا بىر مەرتىۋە پۇل ،كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ
تۇردۇق .ئېرىم تۇرپان ،توقسۇن ،پىچان قاتارلىق يەرلەردە ،يېزىالردا ،چەت جايالردا ئىككى
يېرىم يىل يوشۇرۇنۇپ يۈردى ،كېيىن مەن ئېرىمنىڭ ئاكىسى ئاغرىپ دوختۇرغا كەلدى
دەپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ ئالدىم .مۇشۇ تۆت يىل ئىچىدە كۆپ قىيىنچىلىقالر تارتىپ
كەتتۇق.
ئېرىمنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقالپ ۋە ئېرىمنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۆلۈك
ـ تىرىكلىكىدىن ئىدارىدىن تەكشۈرۈپ بەرسەڭالر ،دەپ كەلگەن مەقسىتىنى ئېيتتى.
ئولتۇرغان ئادەملەر ئاڭلىغان سۆزلىرى ئۈچۈن قۇالقلىرىغا ئىشەنمەستىن بىر ـ
بىرسىگە قاراپ ۋە يەنە ئۇ ئەر ـ ئايالغا قارايتتى.
ئابلىز ئۇ ئايالغا ئىدارىدىن ئېرىڭىزنى ئىزدەشتۈرۈپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى.
ئۇالر ئۆزلىرى ماڭا:
ــ ئېرىڭ سوالپ قويغان يەردىن قېچىپ كەتتى ،تاپالمايۋاتىمىز ،دەپ خەۋەر قىلدى،
دېدى .ئابلىز ئۇ ئادەمدىن:
ــ نېمە جىنايەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى ،دەپ سورىدى.
كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار - 2 ،خىيانەتچى ،سەن نېمە نەرسىلەرنى خىيانەت
قىلدىڭ؟ - 3مېنىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىم غۇلجىدا ياشايتتى .ئۇالر قاچ ـ قاچتا سوۋېتكە
قېچىپ كەتكەن ئىكەن .ئۇالر بىلەن نېمە ئاالقە قىلدىڭ ،شۇنى تاپشۇر! دەپ كېچە ـ
632

كۈندۈز قىيناپ ئۇردى ،دېدى.
ــ سەن راست خىيانەت قىلغانمۇ؟
ــ ياق ،بىر تىيىنمۇ خىيانىتىم يوق ،دېدى.
بىز سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈستىدە ئىدارىڭىزغا خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم
ئەۋەتىمىز .ئاندىن تەكشۈرۈپ ،سىزنىڭ نەگە كەتكەنلىكىڭىزنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن يېشىلىدۇ ،دېدى ھەم ئىككى كۈندىن كېيىن
يەنە كېلىشنى بۇيرۇدى.
بىزنىڭ ئىشىمىزنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ماتېرىيالالر بۆلۈمىگە
تاپشۇردۇق ،ئەمدى سىلەر مۇسا ئىيسا بىلەن ئاالقە قىلىڭالر ،بۇ ئىشنى شۇ كىشى
ئىشلەيدۇ ،دېدى.
شۇنىڭ بىلەن گۇڭەنتىڭنىڭ ،مەكتەپ ھەم ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك
ئىدارىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئالتە ئاي ھەر كۈنى قاتراپ يۈرۈپ كۈنىمىز ئۆتتى.
نەنسەندىن مېنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بىر ماشىنا مىنبىڭ بايراق ،لوزۇنكا ۋە
ماۋجۇشىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئىككى قېتىم كەلگەن ئىكەن ،ناھىيىلىك جامائەت
خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خارس ئابىزى گۇڭەنتىڭ ئۇالرنىڭ مەسىلىسىنى
تەكشۈرۈۋاتىدۇ .ئىش تۈگىگەندىن كېيىن قايتىپ كېتىدۇ ،دەپ ئۇالرنى كەتكۈزگەن
ئىكەن.

ئەجدىھا ۋەقەسى
بىر كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ «ماتېرىيالالر تەكشۈرۈش» بۆلۈمىگە
بارسام ،ئىشىكتىن بىرسى قولىدا لىپاپا تۇتۇپ:
— ئەلى يۈسۈپ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس يېزىپ
ئەۋەتىپتۇ ،دەپ خەتنى بەردى.
مۇسا ئىيسا لىپاپىنى ئېلىپ ئۈستەل تارتمىسىغا سېلىپ قويدى.
مەن ئۆيگە كېلىپ ئۆزۈمگە ئاجايىپ بىلىنگەن بۇ خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە دەپ
بەردىم.
633

توۋا قىلدىم خۇدايىم ،دۇنيا قانداق بولۇپ كەتتى ،بىزنى سوالپ سوراق قىلغان ئەنۋەر
جاكولىن ئۆزى تۈرمىدە كېسەل ئىكەن ،ئەلى يۈسۈپ بولسا خىزمەتتىن ھەيدىلىپ تۆۋەنگە
چۈشۈرۈلۈپتۇ .مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭالپ بەكمۇ ھەيران بولدۇم ،دېدىم.
ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرغان مېھمان مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك سۆزگە قوشۇلۇپ:
— مەن سىزگە بىر نەرسىنى سۆزلەپ بېرەي .بۇندىن يۈز يىلالر ئاۋۋال بەدۆلەت
تۇرپانغا باستۇرۇپ كىرىپ تۇرپاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ،بەدۆلەتنىڭ بەزى
ئەسكەرلىرى خەلقنىڭ چىرايلىق قىزلىرىغا چىقىلىپ قويۇپتۇ .شەھەردە قااليمىقانچىلىق
چىقىپ ،خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىپتۇ .چۈنكى تۇرپان خەلقى ئەدەپ ـ ئەخالقلىق ،دىن
ـ دىيانەتلىك ،تىنچ خەلق بولغانلىقتىن ئۇالر بۇ ئىشقا چىدىماستىن غۇلغۇال كۆتۈرۈلۈپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئىچىدە جامائەت بېشى بولغان سەككىز ئادەم بېيجىڭغا بەدۆلەت
ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ياردەم سوراپتۇ .بۇالرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن بېيجىڭ
ھۆكۈمىتى ئەسكەر ئەۋەتىپ بەدۆلەتنى يېڭىپ تۇرپاندىن ئۇالرنى قوغالپ چىقارغاندىن
كېيىن ،بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۇرپاننى سوراشقا باشالپتۇ .بىر كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ
«بىزنى چاقىرتىپ خەت يازغان ئادەملەر كەلسۇن ،بىزنىڭ ئۇالرغا بېرىدىغان مۇكاپاتىمىز
بار» دەپ چاقىرتىپتۇ .خەلققە باش بولغان سەككىز ئادەم كىيىنىپ ـ ياسىنىپ زىياپەتكە
كەلگەندەك يېتىپ بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇالرغا:
— سىلەر ئۆز مۇسۇلمانلىرىڭالرنىڭ ئۈستىگە بىزنى چاقىرتىپ كەلگەن ئادەملەر،
كېيىنكى كۈندە بىزنىڭ ئۈستىمىزگىمۇ باشقىالرنى چاقىرتىپ كېلىشىڭالر مۇمكىن ،دەپ
بۇ سەككىز ئادەمنى ئېلىپ چىقىپ دارغا ئاسقان ئىكەن .بۇمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش
تارىختىن كېلىۋاتقان ئىش ،دېدى.
ئىشىكتىن كىرگەن مېھمان بىلەن سۆزىمىز ئۈزۈلدى.
مالچىمىزنىڭ ئوغلى ئەنۋەر «شەھەرگە كەلگەن ئىدىم ،سىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەي»
دەپ كىردىم ،دېدى .ئۇ ئولتۇرۇپ دادامالر بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭالشتى .ئەنۋەرنىڭ
ئاكىسى جاڭ يۇڭ (جەمىخۇن) توغرىسىدا سۆزلىشىۋېتىپ «ئەجدىھا توغرىسىدا قىزىق بىر
ۋەقەنى ئەسلەشتى .مەن ئەجەبلىنىپ ئۇالرنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئىشەنگۈم كەلمەي ،بۇ
راست بولغان ئىشمۇ ،دەپ سوئال سوراشقا باشلىدىم .شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام :بۇ راست
بولغان ،مېنىڭ ئاپام ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ،شۇ ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئادەملەر بىلىدۇ،
دەپ سۆزلەپ بەردى .بۇ شۇنداق بولغان:
634

- 1939يىلى - 3ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلى .ئاپام ،چوڭ ھەدەم مەغرىفەنى تۇغۇپ
قىرقى چىقمىغان بىر كۈنى سائەت تۆت ئەتراپىدا تاالدا داپو ،مىلتىق ۋە پوجاڭزىالر
ئېتىپ ،جاڭ ـ جاڭ سوقۇلۇپ ،ۋاقىتسىز مەزگىلدە ئاۋازالر ئاڭلىنىشقا باشالپتۇ .شۇ ئارىدا
ئاپامنىڭ كىچىك ئۇكىسى ھەۋزۇلال يۈگۈرۈپ كىرىپ ھەدە ،ھەدە ئاسماندا يوغان بىر
نەرسە ئۆچۈپ كېلىۋاتىدۇ .كىشىلەر ئەجدىھا كېلىۋاتىدۇ ،دەپ قورقۇپ ئۇنى شەھەرگە
چۈشمىسۇن دېيىشىپ شۇنداق ئاۋازالر چىقىرىۋاتىدۇ .مۇسۇلمانالر مەسچىتكە يىغىلىپ
خۇدايىمدىن سوراپ ،تىلەكتە ئولتۇرۇپتۇ ،دېگەندىن كېيىن ،ئاپام چىقىپ قارىسا كۈن
پېتىشتىكى قىزىل تاغ تەرەپتە شۇنداق يوغان نەرسە ئاسماندا ئاستا ئۆچۈپ كېلىۋېتىپتۇ.
ئاپامنىڭ دېيىشىچە ،ئۇ بىزنىڭ تاماق يەيدىغان 10كىشىلىك يۇمىالق شىرەمىزدىن
يوغان بولۇپ ،قۇيرۇق تەرىپى قىزىل تاغدىن چىقىپ بولمىغان ،شۇنداق قورقۇنچلۇق نەرسە
كېلىۋاتاتتى .ئۇنىڭ ئاتنىڭ قۇلىقىدەك ئىككى قۇلىقى ۋە مۈشۈكنىڭ بۇرۇتىدەك ئۇزۇن
بۇرۇتلىرى ساڭگىالپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى .ئۇ بېشىنى ئىككى تەرەپكە بۇراپ يەرگە قاراپ
ماڭاتتى .ئۇ شەھەرنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە شۇنداق سوغۇق شامال بىلەن كېلىپ تاالغا
يايغان كىرلەر مۇزدەك تۇڭالپ قېتىپ قالدى ،دېدى .ئۇنى شەھەرگە چۈشۈپ قالمىسا
ئىكەن ،دەپ پۈتۈن ئادەم قورقاتتى .كىشىلەر كېچىچە ئۇخلىماي چىقىپ قاراپ تۇرۇشتى.
سەھەر ۋاقتى كەلگەندە ئۇ خېلى ئۇزاپ كېتىپ ،پەقەت قۇيرۇقى بۇرھان شەھىدىنىڭ
ھويلىسىنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىپ ،ئۆزى ئوڭ قول تەرەپكە قاراپ بۇرۇلۇپ كېتىۋېتىپتۇ.
تاڭ ئاتقاندا ئۇ پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقالدى .بىر قانچە ۋاقىت كىشىلەر ئاغزىدا «ئۇ ئەجدىھا
باركۆل تەرەپكە كېتىپتۇ»« ،باركۆل كۆلىگە چۈشۈپتۇ» دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ يۈردى،
دەپ ئاپام مومامنىڭ كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
مالچىمىزنىڭ ئوغلى جاڭيۇن (جەمىغۇن) ئارمىيىگە قوشۇلۇپ ،ئوسمان «باندىتىنى»
تۇتۇش قوشۇنى بىلەن ئۇالرنى قوغالپ يۈرۈپ ،چۈمەن تاغقا كېلىپ مىڭ تەسلىكتە تاغقا
چىققاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ شۇ يەردە قونۇشقا توغرا كەپتۇ .ھاۋا سوغۇق شىۋىرغان چىقىپ
تۇرغانلىقتىن دالدا بوالرلىق يەر ئىزدەپ بىر ئەسكى تاملىق تاشالندۇق ئۆيلەرگە كېلىپ
شۇ يەردە قونۇپتۇ .تاڭ ئاتقاندا قارىسا ئۇالر يوغان ئومۇرتقا ئۇستىخاننىڭ يېنىدا ياتقۇدەك،
قاتار تىزىلغان ئۆي دېگەنلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئومۇرتقا ئۇستىخانالر ئىكەن .جاڭيۇننىڭ
دېيىشىچە ،ئۇ قولنى كۆتۈرۈپ قارىسا قولى يۇقىرىغا يەتمەپتۇ .بۇالر مۇشۇ ئۇستىخان
بويالپ بىر كۈن ئات بىلەن يۈرۈپ چىقىپتۇ .قارىسا باش ئۇستىخىنى يوق ،ئومۇرتقىالرمۇ
ئۈزۈلۈپ ،پارچىلىنىپ كەتكەن ئىكەن .ئۇالرمۇ ئومۇرتقا تىزىلمىسىغا قاراپ ئەجدىھانىڭ
بولسا كېرەك دەپ ئويالپتۇ .جاڭيۇن ئۆيدىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندە ئۇ ئەجدىھا 1909
635

يىلى ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ شۇ چۈمەن تاغقا چۈشۈپ ئۆلگەن ئوخشايدۇ ،دەپپەرەز قىلىشتى.
- 6ئايدا مۇسا ئىيسا ماڭا ماتېرىياللىرىڭىزنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن
تاپالماي شاباخۇدىن ئالدۇردۇق .تەكشۈرۈپ قارىساق سىزلەرنى «خەلق رېجىمىغا
تاپشۇرۇپ ،قالپاق كىيگۈزۈلمىگەن ،خەلق نازارىتىگە تاپشۇرۇلغان ئىكەن .بىز سىزنىڭ
ماتېرىيالنى ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بېرىمىز» ،دېدى.
مۇسا ئىيسانىڭ ئوچۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىرىنچى مەرتىۋە كۆرۈشۈم ئىدى .ئۇ
ئادەم باشتا بىزگە ھايۋانغا تۇتقان پوزىتسىيە بىلەن ئىشخانىدىن ئىتنى قوغلىغاندەك
قوغالپ چىقىراتتى .ئىشىكتىن كىرسەك «نېمە يەنە كەپسىلەرغۇ» دەپ قوپال سۆزلەيتتى.
ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىپ «سىز ،ئۇكام» دەپ
ساالملىشىپ ،كۈلۈپ سۆزلەيدىغان بولدى.
مەن مۇسا ئىيسادىن ھازىر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بارىمەن،
ماتېرىيالنى ئۆزۈم ئېلىپ باراي ،دەپ سورىدىم.
ــ ياق ئۇكام ،ماتېرىيالنى سىزگە بەرگىلى بولمايدۇ .ئۇنى رەسمىي قوراللىق ،ئىشەنچلىك
بىر ھەربىي ئادەم موتسىكلىت بىلەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك .سىلەرگە كۆتۈرتۈپ ئەۋەتىپ
بېرەلمەيمىز .ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىي رەسمىيىتى بولىدۇ .سىز ناھىيىلىك جامائەت
خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئەتىگىچە بارسىڭىز بولىدۇ ،دېدى.
مەن ئەتىسى سائەت توققۇزدا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە يېتىپ
باردىم .ئۇ يەردىكىلەر ماڭا ھېچقانداق بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغاندەك ئەمەس.
«نېمىشقا كەلدىڭ» دەپ ئۇ يەرنىڭ باشلىقى بولغان خەنزۇ قوپال مۇئامىلە قىلدى.
كۆڭلۈمدىكى خۇشاللىقىم قايناپ تۇرغان قازانغا سۇغ سۇ قويغاندەك بولۇپ« ،بۇ ئىشالر
ھەل بولمىغان ئوخشايدۇ» دەپ كۆڭلۈم يامان بولدى ۋە بۇ خۇشاللىق قىسقا ۋاقىتقا
كەلگەندەك بىلىندى.
مەن ئۇنىڭدىن تۈنۈگۈن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىزنىڭ ماتېرىياللىرىمىزنى
سىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىمىز دېگەن ئىدى ،كەلدىمۇ دەپ سورىدىم.
ئۇ باشلىق خەنزۇ سوغۇق قىياپىتى بىلەن:
ــ ھە كەلدى .لېكىن بىز ئۇنى التىف رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە
قايتۇرۇۋەتتۇق .ئۇالر سىلەرگە قالپاق كىيگۈزمىگەن دەپ يېزىپتۇ .ھە بىزگە سېنى
636

ئەۋەتكەندە ،يوللىغان ماتېرىياللىرىدا يازغان نەرسىلەرنىڭ بىرسى يوق .ئۇ نەدىن كەلدى؟
بۇ ماتېرىيالنى بىز يېزىپ قالپاقنى بىز كىيگۈزمىدۇق .ئۇنىڭغا بىز جاۋابكار ئەمەس ،بىز
سەن كەلگەندە ئەۋەتكەن ماتېرىيالالرنى تونۇيمىز .ئاۋۋال بىزگە ئەۋەتكەن ماتېرىيالالرنى
تېپىپ ،شۇ ماتېرىيالالرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسۇن ۋە جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالسۇن،
ئاندىن بىز بۇ ماتېرىيالنى يوق قىلىمىز ،دېدى.
مەن پالتا سېپى چۈشكەن ئوتۇنچىدەك كۆڭۈلسىز ھالدا ئۆيگە قايتتىم .يەنە بىر
ئارىلىقالردا ئالتە ئاي قاتراپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق.
ئۆكتەبىر بايرىمى ئالدىدا شەھەردىن چىقىپ كېتىڭالر ،بولمىسا بايرام ئالدىدا ھەربىي
ھالەت بولۇپ ،نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ .ئۇ ۋاقىتتا سىلەرنىمۇ
يىغىپ كەتسە ،قايتا بۇ يەرگە كېلەلمەيسىلەر ،بىر ھەپتە ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ناھىيە
ياكى يېزىالرغا بېرىپ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭالر .بايرامدىن كېيىن قايتىپ كەلسەڭالر بولىدۇ،
دېگەندىن كېيىن ،بىز شۇ كۈنى ھازىرلىنىپ تۇرپانغا بارىدىغان ماشىنىنى تېپىپ ،قاراڭغۇ
چۈشۈشى بىلەن مېڭىپ كەتتۇق .قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئەر ـ ئايال ،ياش ـ قېرى ۋە
كىچىك بالىالر بولۇپ ،يىگىرمە نەچچە ئادەم ئولتۇردۇق .ماشىنىنىڭ ئۈستى تىقما ـ تىقما
بولۇپ ،ئاياغ ئۇزاتقۇدەك يەرمۇ قالمىغان ئىدى.
ساي يولىغا كەلگەندە سوغۇق شامال چىقىپ ماشىنا ئۈستىدە ئولتۇرغان ھەممە
ئادەم توڭالشقا باشلىدى .بالىالرنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ ھەم توڭالپ سوزۇلۇپ ياتالمىغاچقا
يىغاليتتى.
بىر ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتە بالىنىڭ جېدىلى ھەممىمىزنى بىئارام قىالتتى.
توڭلىغىنىمدىن ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىم بىر پارچە التىدەك بىلىنىپ كەتتى .پۇتلىرىم
كۆيۈشۈپ ،مېنىڭمۇ جېنىم سىقىلىشقا باشلىدى .بەزى ئادەملەر يېنىدىكى ئادەملەرگە
بېشىنى قويۇپ راھەتلىنىپ ئۇخالپ كېلەتتى ۋە بەزى ئادەملەر توڭلىغاندىن ماشىنىدىكى
چاڭ باسقان بېنزىنالرنى ئېچىپ تارتىپ ئۈستىگە ياپماقچى بولغان ئىدى ،ئەتراپتىكى
ئادەملەرمۇ بېنزىن چاترىنىڭ ئۇچ ـ ئۇچلىرىدىن تارتىپ ئاستىغا كىرىپ سوغۇقتىن ئۆزىنى
دالدىغا ئاالتتى.
شۇنداق يول ئازابلىرى بىلەن تۇرپانغا مىڭ تەسلىكتە يېتىپ كەلدۇق .ئۇ يەردە
ساجىدەنىڭ تاغىسى ،مېنىڭ دادامنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىزى ،ئاپامنىڭ نەۋرە
ھەدىسى بار ئىدى .بىز ئۇالردا چوڭ ھۆرمەت بىلەن مېھماندا بولدۇق .بىزنى تۇرپاننىڭ
يۈز يىلدىن ئوشۇق بولغان مۇنارىسىغا ئېلىپ چىقتى .باغالرغا ،كارىزالرغا ئېلىپ باردى
637

ۋە بىر قانچە تويالردا ،سۈننەت تويلىرىدا بولدۇق .بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.