Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39

Süzlärneñ gomumi sanı 3834
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ياخشى گېپىڭالرنى قىلىدۇ ،دەپ چىن كۆڭلى بىلەن سۆزلەيتتى .مەن ھەيران بولدۇم،
راست سۆزلەۋاتامدۇ ياكى مېنى سىنىماقچىمۇ دەپ ئويلىدىم ۋە سۆزنى ئۆزگەرتىپ:
ــ نەگە ماڭدىڭىز دۈيجاڭ دەپ سورىدىم.
ئاپام قاتتىق ئاغرىق ئىكەن ،تېلېگرامما كەلدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقسۇغا كېتىپ
بارىمەن .ئاپام ساق ۋاقتىدىمۇ بېرىپ كۆرۈشەلمىدىم .ئۇنى تىرىك كۆرەلەمدىم يوق،
بىلەلمىدىم ،دەپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى.
ــ كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ خۇدايىم بۇيرۇسا ئاپىڭىز ساقىيىپ قاالر ،بېرىپ كۆرۈشەرسىز
دەپ كۆڭلىنى ياسىدىم .شۇ ئارىدا نەنسەنگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇس يولۇچىالرنى چاقىرىشقا
باشلىدى .مەن خوشلىشىپ ئاپتوبۇسقا قاراپ كەتتىم.
يول بويى گۈلنىسانىڭ سۆزى قۇلىقىمدىن كەتمىدى .ئۇ ئادەملەر شۇنداق ئويلىشى
مۇمكىنمۇ؟!
ئەگەر راستتىن گۈلنىسا دېگەندەك بولسا بۇ چوڭ بىر ياخشى ئىش بۇالتتى .لېكىن
ئىشەنگۈم كەلمىدى.
شۇنداقتىمۇ ئاپامنىڭ سۆزىنى ئەسلىدىم.
- 66يىلى مېنىڭ ئۈستۈمدىن يالغان ماتېرىيال يېزىپ گۇڭشېغا ئەۋەتكەن ئىدى.
شۇ ھەپتە ئېنىقلىتىپ كېلىش ئۈچۈن ئاپام بىلەن سوفىيە شاباخۇغا بېرىپ مىللىي
577

كادىرالردىن بارات دۈيجاڭغا يولۇقۇپ ،مېنىڭ ماتېرىياللىرىمنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ
ئىشخانىدا ئولتۇرغاندا تېلېفون كېلىپ بارات دۈيجاڭ ئالدىراپ تاالغا چىقىپ كەتكەن
ۋاقىتتا ئاپام ئوچۇق تۇرغان ماتېرىيالدىن سېتىۋالدى ،ئابلېكىم ،ئابلەت ،يارمۇھەممەد،
خەلىمە ،تۇرنىساالرنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يېزىپ بەرگەن پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى
كۆرۈپ :توۋا بۇالر يېقىن دوستالر ئەمەسمىدى؟ بۇالرنىڭ يازغان ماتېرىياللىرىنى قارا،
دەپ كۆڭلى بەكمۇ يامان بوپتۇ .شۇ چاغدا تېلېفون يەنە جىرىڭالپتۇ ،تاالدىن خەنزۇ
كادىر كىرىپ تېلېفوننى ئېلىپ «بۈگۈن مىللىي كادىرالرنى تۇتۇش كېرەك» دەپ بىر قانچە
مىللىي كادىرالرنىڭ ئېتىنى ئاتاپ ئۆتۈپتۇ .ئۇنىڭ كېتىشىگە ئەترەت باشلىقى بارات كىرىپ
ئاپامدىن تېلېفون كەلدىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ ،ئاپام ھەئە كەلدى دېگەندىن كېيىن بارات
ئالدىراپ نېمە دېدى دەپ سىڭلىمغا قارىغاندا سوفىيە ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بېرىپتۇ.
كىشىلەرنىڭ ئېتىنى ئاتىدىمۇ دەپ بارات بىر ئاز جىددىيلىشىپتۇ ،ھەئە دەپ ئاپام بىلەن
سوفىيە ئاڭلىغان ئىسىمالرنى دەپ بېرىپتۇ ،ئەترەت باشلىقى باراتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىكەن.
ئۇ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ ماتېرىيالالرنى يىغىشتۇرۇپ ،چاپسان قايتىپ كېتىڭالر ،ھازىر بۇ
ئىشالرغا قارايدىغان ئادەم يوق .بۇ يەردە مىللىي كادىرالرنىڭ ئۆزىگىمۇ كۈن يوق .مەن
كەتمىسەم بولمايدۇ ،دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ،ماڭغىلى تۇرغان ماشىنا بىلەن كېتىپ قالدى،
دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى .بۇ مىللىي توقۇنۇشالر ئۇالرغا بىزنى ئەسلەتسە كېرەك دەپ
ئويلىدىم.

- 69يىلى - 7ئاينىڭ 20ـ كۈنى
غەيشە :توكەن ئاغا كەپتۇ ،ئۇنى كۆردۈم ،بۈگۈن كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ سىز
بىلەن كۆرۈشىمەن ،دەپ قويىدىغان سۆز بار ئىدى ،ياتماي تۇرسۇن دەيدۇ ،دېدى.
مەن دوختۇرخانىدا ياتقاندا توكەن بىر قانچە مەرتىۋە يوقالپ كەلگەن ئىدى .ئۇ
بىزنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قاجاينىڭ ئۇكىسى بولۇپ ،ئۇ شەرقىي تۈركىستان
ئىنستىتۇتىنى تۈگىتىپ قۇتۇبى تەرەپتە خىزمەت قىالتتى .ھەربىي ھالەت بولۇشتىن بۇرۇن
ئىككى ئادەم بىلەن كېلىپ غۇلجا ئوبالستلىق ھەربىي رايوننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئېلىپ
كېلىپ مېنى غۇلجا ئارقىلىق سوۋېتكە ئۆتكۈزۈۋەتمەكچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن ،لېكىن
مەن ئۇ پىكىرگە قوشۇلمىدىم .چۈنكى مەن قېچىپ كەتكەن بىلەن ئۆيدىكىلەر ئېغىر
ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ئېنىق ،بەلكى ئاتا ـ ئانامنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشى ھەم مۇمكىن.
578

ئۇالر ھەربىي ھالەت بولۇشتىن بۇرۇن غۇلجىغا ماڭىمىز ،دەپ كەتكەن ئىدى.
ھەجەپ تېز قايتىپتىغۇ دەپ ئويلىدىم .سائەت 12دە توك تارقىتىش ماشىنا توختاپ،
پۈتۈن ئەتراپ قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى .مەن ياتماي كۈتۈپ ئولتۇردۇم .كۆپ كېچىكمەستىن
توكەن كەلدى .قاراڭغۇدا پاراڭالشتۇق .چۈنكى توكەن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ يۈرگەننى
باشقىالر بىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىالتتى .سۇپا ئۈستىدە ئۇكىلىرىم ئۇخالۋاتاتتى.
توكەن ماڭا :مەن غۇلجىغا كېتىشتىن بۇرۇن سىز توغرۇلۇق باشلىقالر بىلەن
سۆزلەشتىم ،ئۇالر سىزگە ئەزا قوبۇل قىلىشنى تاپشۇرغان ئىكەن ،مەن ئۇالرغا سىزنىڭ
ئەھۋالىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمايدۇ ،دېدىم .ئۇالر سىزنى ئەزا قوبۇل
قىلماي تىنچ تۇرۇپ تۇرسۇن ،ئۆزگىرىشلەر بولسا بىز ئۆزىمىز خەۋەر قىلىمىز دەيدۇ ،دېدى.
بۇ ھەربىي ھالەت كۈنى بىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنى قولغا ئېلىنىپ كەتتى .ئۆز
ئىچىمىزدىن خائىنالر چىقتى ئەمەسمۇ .ئەمما تەشكىالت تۈگىمىدى .قالغان ئادەملىرىمىز
ئېھتىيات بىلەن ئاستا ئىش داۋامالشتۇرىدۇ .ھازىرچە تىنچ تۇرۇپ دىققەت بىلەن ۋەزىيەت
كۆزەت قىلىشىمىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز الزىم .ئەگەر بۇ يەردىكىلەر
سىزنى بىلىپ قالسا سىزگە بەكمۇ ئېغىرچىلىق بوالر دەپ ئوياليمىز ،دېدى.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن شەھەردىن سوفىيە كەلدى .ئۇنىڭ دېيىشىچە :قەييۇم،
ياسىن ئارقىلىق ئەھۋالالرنى ئۇقتۇرۇپتۇ .مالىك قولغا ئېلىنىپ كېتىپتۇ .بۇ تەشكىالتتىكى
پۈتۈن ئادەملەرنى ھەر بىر ئورۇنالردىن تۇتۇپ باشلىقلىرىنى قولغا ئېلىپ ،قالغانلىرىنى
مەسىلە تاپشۇرغۇزۇۋېتىپتۇ .قەييۇمنىمۇ مەكتەپتە ئۆگىنىشكە ئېلىپتۇ .ئەگەر قاتتىق
قىيناشالر جەريانىدا مالىك پاش قىلىپ قويسا ،ئۇ چاغدا مەنمۇ دېمەي ئامالىم يوق،
راستتىن بۇ ئىش پاش بولۇپ قالسا سۆيۈنگۈلگە تەس بولىدۇ .كۆڭلىدە تەييارلىق بولسۇن،
ئەمدى بۇ تەشكىالت ھازىرچە ھەرىكەتسىز جىم تۇرۇشى كېرەك ،دەپتۇ.
بۇنى ئاڭالپ بەكمۇ كۆڭۈلسىز بولدۇم .ئۆمۈر بويى ئىزدەپ ئاران تاپقان ئەڭ قىممەتلىك
نەرسەمنى يوقاتقاندەك بولدۇم .كۆڭلۈمدىكى زور ئۈمىدلىرىم قاراڭغۇ كېچىدە كۆرۈنۈپ
ئۆتكەن چاقماقتەك بولۇپ قالدى .بۇ كۈنلەرنى يەنە يالغۇز ئۆزۈم كېچىپ ئۆتۈشكە توغرا
كەلدى.
ئالدىمدا مېنى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەر كۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى .ھەقىقەتەن بۇ
ئەھۋالالرنى بۇ يەردىكى خەلق بىلسە مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ،ھەممە ئىشنى
ئالالھقا تاپشۇردۇم .باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن .لېكىن بۇ ھەقتە ھېچنەرسىنى ئېيتماسقا
579

ۋە بەرگەن قەسىمىمنى بۇزماسقا «ئۆلسەممۇ ئىقرار قىلىپ ئاغزىمدىن چىقارماسقا قارار
قىلدىم».
- 29ئىيۇندىكى ھەربىي ھالەتتە ئېلىپ كەتكەن ئادەملەر ئۈستىدە ئەمدى خەۋەر
تېپىۋېتىپتۇ .ئۇالرنىڭ ئىچىدىن بەزى ئادەملەرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەردە سوراق قىلىپ ۋە
بەزىلىرىنى شەھەردىن سىرت جايالردا تۇتۇپ تۇرۇپ مەسىلە تاپشۇرغۇزۇۋېتىپتۇ .ئاندىن
قالغانالرنى شەھەردە يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر شەھىرىدە يېزا گۇڭشېالردا،
ئىدارە ،كارخانا ،زاۋۇت ۋە ھەر بىر ئورۇن ئۆزلىرىدە ئۆگىنىش گۇرۇپپىالر ئۇيۇشتۇرۇپ
مەسىلە تاپشۇرغۇزۇۋېتىپتۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر ئورۇنلىرىدىن بۇ تەشكىالتقا نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان
ئىكەن ،مەسىلەن ،تۇرپاننىڭ «قىزىل بايراق» گۇڭشېسىدا پەقەت بوغالتىر بىلەن گۇڭشېنىڭ
مۇئاۋىن رەئىسىدىن باشقا ھەممە ئادەم «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىغا ئەزا بولۇپ
چىقىپتۇ.
كېيىنكى ۋاقىتالردا كىشىلەر كوچىالردا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ ،قولىدىن قان چىقىرىپ
قەسەم قىلىش بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قوبۇل
قىلىۋەرگەن.
- 69يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئىمىنوپنىڭ ئىككى قىزى سوۋېتكە قېچىپ ئۆتمەكچى
بولۇپ ،بىر ماشىنا ئادەم بىلەن غۇلجىغا كېتىپتۇ .التىف رايونلۇق گۇڭەنتىڭ ئىدارىسىدىن
ماشىنا چىقىرىپ ھەم بىر ئادەم بىللە ماڭغان دېگەن سۆزلەر خەلق ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ
يۈردى .ئۇ قىزالر بىلەن نۇرغۇن ئادەم غۇلجىغا كەلگەن بولسىمۇ لېكىن قانداقتۇر باشقىالر
ئايرىلىپ قېلىپ ئەڭ ئاخىرى ئىمىنوپنىڭ ئىككى قىزى بىلەن كىچىك قىزىنىڭ يىگىتى
ئارسالن قاتارلىق بىر قانچە كىشىلەرال ئۆتۈپ كېتەلىگەن - 29 .ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان
بويىچە يۈرگۈزۈلگەن چوڭ «ھەربىي ھالەت» كۈنى قىزالر بىلەن كەلگەن بىر ماشىنا ئادەم
يېزىالرغا قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنسىمۇ لېكىن ئۇ كۈنى ئۇالرنى شەھەر ھەم يېزىالردىن
ئاقتۇرۇپ ،ھەتتا دەرەخلەر ئۈستىگە چىقىپ ئالغانالرنىمۇ قول چىراغ ۋە مىلتىقالر بىلەن
ئېتىپ يۈرۈپ تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇ قىزالر كىرگەنال ئۆيدىكى بىگۇناھ خەلقلەرنى تۇتۇپ ۋە بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى
بېرىپ ئاتقان ئىكەن ،بۇالر بىلەن قاچقان ئەھمەد ئىگەمبەردىمۇ تۇغۇتلۇق ئايالىنى ئىككى
باال بىلەن ھەم ئاغرىقچان قېرى ئانىسىنى تاشالپ كەتكەن بولسىمۇ نېمىشقىدۇر كېتەلمەي
قولغا چۈشۈپ 10 ،يىل تۈرمىدە يېتىپ 79 ،ـ يىلى سىڭلىم زەكىيە بىلەن توي قىلىپ،
580

شۇ سەۋەبتىن سىڭلىم بىزدىن كېيىن قېلىپ ،ئەھمەدنىڭ رەسمىيەتلىرى بىلەن تۆت
يىل ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ،بىز بولساق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ،خىتاي
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىالتىغا ئەرز يېزىپ 85 ،ـ يىلى مىڭ
تەسلىكتە ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ چىقتى.
شۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن تۈرمە« ،يىغىپ ئېلىش» ئورۇنالر قولغا
ئېلىنغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ ،ئىدارە ،زاۋۇت ،مەكتەپلەر تۈرمە ئورۇنلىرىغا ئايالندى.
ھەتتا يېزا ــ گۇڭشېالردىمۇ كىشىلەرنى رېجىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇپ مەسىلە تاپشۇرتۇپ
ئېلىش ھەرىكىتى باشالندى.

- 70يىلى - 5مارت
ئۈرۈمچى - 2دوختۇرخانىدىن ماڭا «ھەر قانداق ئەمگەك قېلىشقا يارىمايدۇ .ئۈچ
ئايدا بىر مەرتىۋە دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك» دەپ ئىسپىراپكا يېزىپ بەرگەن
ئىدى.
ساالمەتلىكىم ياخشى بولمىغانلىقتىن شەھەرگە دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن كەلدىم،
ئىككى ھەپتە بولماستىن گۇڭشېدا ئۆگىنىش باشالندى دەپ خەۋەر كەلدى .مەن
نەنسەنگە قايتىپ كەتتىم .ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشۇمغا يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى
ياڭ زوروڭ دېگەن ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى ،ھەممىمىز ھەيران بولۇپ قاراپ قالدۇق.
ئۇ ماڭا قاراپ:
ــ گۇڭشېغا بارساڭ ،بىر ئاز سۆزلىشىدىغان نەرسە بار ئىدى ،دېدى .يۈرىكىم «جۇغ»
قىلىپ قالدى .بۇ يەرگە خەۋەر يېتىپ كەلدىمۇ نېمە؟ دەپ ئويلىدىم.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ،ھەممىمىز ياڭنىڭ سۆزىدىن ئەنسىرىدۇق.
كۆپ كېچىكمەستىن گۇڭشېغا باردىم ،ياڭ مېنى ئۆز ئىشخانىسىغا باشالپ كىردى.
ئىشىكنى چىڭ يېپىپ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى .بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن مېڭەمدىن
ھەر تۈرلۈك پىكىرلەر كېچىپ ئۆتتى .ياڭ ئۈستەل تارتمىسىدىن بىر دەپتەرنى چىقىرىپ،
ئۇنىڭغا يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇپ ماڭا قاراپ سوئال بېرىشكە باشلىدى .ئىسمىمنى،
ئاندىن قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىمنى سورىدى.
581

مەن مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدۇم ھەم قولغا ئېلىنىپ ئاندىن گۇڭشېدا رېجىم
ئاستىدا ئىشلەيمەن دېدىم.
ياڭ يەنە مەندىن :نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىندىڭ؟ دەپ سورىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تەشكىالت قۇرۇپ قولغا ئېلىندىم،
دېدىم .بۇ سۆزۈمگە ھېچقانداق يامان پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى ،ياڭنىڭ بۇنداق يۇمشاق
پوزىتسىيىسىنىڭ ئاستىدا بىر سىر بار دەپ ئويلىدىم .ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىگە
دىققەت قىلىپ قاراپ ئولتۇردۇم .ئۇ دەپتەردىن كۆزىنى ئېلىپ ماڭا قاراپ سېنىڭ
ئۈستۈڭدە پىكىر بار .سەن مۇشۇ يەردىكى ئادەملەرنى تەشكىللەپ سوۋېتكە قاچماقچى
بولغان ئىكەنسەن راستمۇ؟ دېدى.
مەن كۈتۈلمىگەن بۇ تۆھمەت سۆزگە ھەيران بولۇپ ،ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى .ياق بۇ
پۈتۈنلەي يالغان سۆز .مەن كۆڭلۈمدىكى سۆزنى ئېيتسام پەقەت قېچىش ئويىغا كەلمىدىم.
چۈنكى مېنىڭ ئاتا ـ ئانام ۋە كىچىك ئۇكىلىرىم بار ،ئەگەر مەن قاچسام ئۇالرنىڭ كۈنى
نېمە بولىدۇ؟ مېنى قاچتى دەپ ئاتا ـ ئانامنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ ،ئۆيدىكى ئۇكىلىرىم تېخىمۇ
ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالىدۇ .ئۇالرنىڭ تۇرمۇشلىرى بۇنىڭدىنمۇ ناچارلىققا چۈشىدۇ ،مەن
ئۇالرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ،ئۇالرنى ئوتقا تاشالپ قانداق كېتەلەيمەن؟ شۇنداق
قىلىپ يۈرۈپ قاچقاندا بىر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەمدىم؟ بۇنداق قىلىش بىر چوڭ
ئەخمەقلىق ،ئۆزۈڭ ئويالپ باق ،بۇنداق جىق ئادەم بىلەن قېچىشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟
ھەم كۆپ كىشى بىلەن قېچىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ ھەم مەن بىر قىز
باال ئەرلەر بىلەن قېچىپ يۈرمەيمەن ،دېدىم .ياڭ ئورۇندۇقنى تەتۈر قويۇپ ئۇنىڭغا مىنىپ
ئولتۇرۇپ ،جىددىي ھالدا سەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىالتىغا قاتناشتىڭمۇ يوق؟ دەپ
سورىدى .يۈرىكىم «قات» قىلىپ كەتتى .مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەستىن:
ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام ئېيتمايمەن دېسەم بېشىمنى چاپسىمۇ ئېيتمايمەن.
لېكىن سەن ئېيتىشنى خالىمىساڭ ،مەن ئىككىنچى سەندىن سورىمايمەن ،دېدى.
مەن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم ،بۇ سۆزنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟! بۇ قانداق
تاكتىكا قوللىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭغا مەن ھېچقانداق تەشكىالتقا قاتناشمىدىم،
مەكتەپتە بولغان تەشكىالتتىن باشقا تەشكىالتالردىن خەۋىرىم يوق ،دەپ جاۋاب بەردىم.
سېنىڭ ئۈستۈڭدىن نۇرغۇن ماتېرىيالالر كەلدى .ئەگەر سەن راستتىن بۇ ئىشتا يوق
بولساڭ ،بۇ يالغان ماتېرىيالالرنى ئىناۋەتسىز قىلىپ يوقىتىمەن دېدى.
582

مەن ئۇنىڭغا تەكرارالپ مەن ھېچ ۋاقىت ئۇنداق ئىشالردا بولمىدىم ،دېدىم .ئۇ
مەندىن سوراق قىلىپ ئولتۇرۇشنىمۇ خالىمىدى .يېقىن دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك
ھۆرمەت بىلەن سۆزلىشىپ ئاندىن ئۆيگە كېتىشىمگە رۇخسەت قىلدى .ئۇ ئادەمنىڭ
تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاراپ ھەيران بولدۇم ۋە ئۇ ئۆزىمۇ شۇ تەشكىالتتىمۇ نېمە؟ دېگەن
پىكىر كۆڭلۈمگە كەلدى .ئۆيگە كېلىپ سىڭىللىرىمغا سۆزلەپ بېرىپ ھەيران بولدۇم.
سىڭىللىرىممۇ بۇ ئادەم كېلىپ بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلدى .ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ ياخشى
ھەدەڭالر بار دەپ سىزنى كۆرمەستىن بىزگە دېسە بىز ئۇ تەتۈر سۆزلەۋاتامدۇ ،دەپ گەپ
قىلماي قويدۇق ،دېدى.
غەيشە :بۇ ئادەمدە قانداقتۇر بىر سىر بار ،بىزدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىپ
يۈرەمدۇ؟ دېدى.
سوفىيە :ياق ،مەن بۇنىڭ ئۆزى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىنىڭ ئەزاسىمىكىن،
دەپ ئوياليمەن ،دېدى .مەن سوفىيەنىڭ سۆزىنى تۈزىتىپ شەرقىي تۈركىستان تەشكىالتى
ئەمەس ،بولسا «جۇگۇداڭ» (ۋەتەننى قۇتقۇزۇش) پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن،
لېكىن ئۇنداق دەپ ئويالش قىيىن ،دېدىم.

- 70يىل ئاپرېل
كەچتە ئىنى ـ سىڭىللىرىم بىلەن ئۆيدە قىزىق پاراڭدا ئولتۇراتتۇق ،ئىشىكنى ئېچىپ
ئىككى خەنزۇ مىنبىڭ ۋە كەينىدىن دادام ئۆيگە كىرىپ كەلدى .ئۇكىلىرىم چوقۇرۇشۇپ
بېرىپ دادامغا ئېسىلىپ كۆرۈشۈپ كەتتى .ئۆيىمىز خۇشاللىققا چۆمۈپ كەتتى .ئۇ ئىككى
مىنبىڭ داداڭالرنى ئېلىپ كېلىپ قويدۇق ،دەپ چىقىپ كەتتى .كۆڭلىمىزگە بىر ئەنسىرەش
كەلدى .دادامدىن قانداق كەلدىڭىز؟ مىنبىڭالر سىزنى ئېلىپ كەلدىغۇ ،مۇشۇالر شەھەرگە
بېرىپ ئېلىپ كەلدىمۇ؟ دەپ ئەنسىرەپ سوراشقا باشلىدۇق .دادام كىيىملىرىنى سېلىپ
ئولتۇرۇپ ۋەقەنى سۆزلەشكە باشلىدى:
مەن ئۆيدە يالغۇز ئولتۇراتتىم .كىچىك قىزىم مۇشەررەپ تاالدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ
پەيچۇسونىڭ موتسىكلىتى بىلەن ئىككى ئادەم كەلدى ،دەپ خەۋەر بەردى .بىچارە قىزىم
بەك قورقۇپ كېتىپتۇ ،كۆزلىرى ئالىقاندەك بولۇپ ،ئاغزىغا سۆز كەلمەي قاپتۇ .كەينىدىنال
ئۇالرمۇ كىرىپ كەلدى.
583

ئىككى كىشىلىك ئورۇندۇق بار ،موتسىكلىتقا مېنى ئولتۇرغۇزدى .قىزىم بىچارە
يۈگۈرۈپ چىقىپ ئالدىمغا ئولتۇرغان ئىدى ،ئۇنى چىقىرىپ سۆرەپ چۈشۈرۈپ مېنى ئېلىپ
كەتتى ۋە نۇرباغدىكى نېفىت ئىنستىتۇتىغا ئاپىرىپ ئىككى كۈن سوالپ قويدى .ئۇ نېفىت
ئىنستىتۇتىنىڭ بارلىق بىناسىنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەر بىلەن لىق
توشۇپ بوش بىر ئېغىزمۇ ئۆي قالمىغان ئىكەن .ئۇ يەردە ياتقان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بىر
يىلغا يېقىن بولۇپ كەينى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىكەن .ئۇ يەردە ئورۇن ـ كۆرپە ،كىيىم ـ
كىچەكتىن ھېچنەرسە يوق .كۈنىگە ئۈچ ۋاقىت قوناق ئۇنىدىن ئۇماچ بېرىپ تۇرىدۇ .بەزى
ئادەملەرنى بۇ يەردىن يۆتكەپ ئېلىپ كەتسە ئورنىغا ئۈزلۈكسىز ئادەم كېلىپ تۇرىدىكەن.
قىسقىسىنى ئېيتقاندا بۇ جايمۇ بىر تۈرمە ئورنى بولۇپ قالغان ئىكەن دېدى.
دادام بىزنىڭ «دادامنى ئېلىپ كېلىپ كۈرەش قىلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە قانداق قىلىمىز»
دېگەن ئەنسىرەشلىرىمىزنى بىلىپ ،قورقماڭالر ،مېنى ئىككى سائەت بۇرۇن ئېلىپ كەلگەن
ئىدى .مېنى ئۇالر چوڭ ئەترەت ئىشخانىسىدا سوراق قىلدى .ئۇالرنىڭ مەقسىتى قابدالنىڭ
مەسىلىلىرىدىن بىلگەنلىرىڭنى ۋە چوڭ ئەترەتنىڭ بوغالتىرى سالىقنىڭ جىنايەتلىرى
ئۈستىدە خەلقتە پىكىر كۆپ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېساباتلىرىنى تەكشۈرۈپ ھەم
بىلگەنلىرىڭنى ئېيتىپ بەر ،دەپ ئىككى سائەت سوراق قىلدى .مەن پەقەت ئۇالر ھەققىدە
ھېچنەرسە بىلمەيمەن ،دېدىم .سالىقنىڭ خىيانىتىنى بىلىش ئۈچۈن ناھىيىدىن بوغالتىر
ئېلىپ كېلىپ تەكشۈرۈپ ھېسابالتساڭ ھەممىسى ئېنىق بولۇپ چىقىدۇ .مەن تەكشۈرگۈچە
ئۇالر كېلىپ تەكشۈرگىنى ئوچۇق ھەم ياخشى بولىدۇ دېدىم ،دېدى.
بىز ھەممىمىز نېمىشقا دېمەيسىز ،ئۇ زالىمالرنى ئۇرىدىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش كېرەك
ئەمەسمىدى دەپ ئېچىنىپ كەتتۇق .دادام قىزىق سۆزلەيسىلەر سىياسەت دېگەن بۈگۈن
ئوڭ ،ئەتە تەتۈر ،بۈگۈن ساڭا دېگۈزگەن بىلەن ئەتە سېنى يەنە ئۇرىدۇ .ئۆز گۆشلىرىنى
ئۆزى يېسۇن «تۆگە كۆردۈڭمۇ؟ يوق» دېگەندەك ئۇششاق ـ چۈشەك نەرسىگە باش
تىقماسلىق كېرەك ،دېدى .باشقىنى قويۇڭالر ،چىرايلىق ئولتۇرۇپ چاي ئىچەيلى دەپ چاي
قاينىتىپ كۆڭۈللۈك چاي ئىچتۇق .سىڭلىم زەكىيەنىڭ ئوغلى شۆھرەتمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق
ۋاقىت بىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى .ئۇ ھەممىدىن خۇشال ئىدى .بوۋىسىنىڭ ئېتىكىگە
چىقىپ ئېلىپ ئەركىلەپ قۇچاقالپ سۆيەتتى .ئۆيىمىزنىڭ ئىچى كۆڭۈللۈك بولۇپ كەتتى.
سوفىيە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەھەرگە كەتتى .ئۇالرمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن
نېفىت ئىنستىتۇتىدا دەپ ئاڭالپ بارسا ،تۈنۈگۈن نەنسەنگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى ،دەپ
جاۋاب بېرىپتۇ.
584

- 70يىلى ئاپرېلدا مەن ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئەمدى ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشۇم
ئىدى .ئىشىكتىن ئىشلەپچىقىرىش ئەترەت باشلىقىنىڭ ئوغلى ئابلىمىت كىرىپ كەلدى .ئۇ
مېنىڭ ئىنى ـ سىڭىللىرىم بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ يۈرسىمۇ لېكىن مەن بىلەن سۆزلىشىپ
كۆرگەن ئەمەستى.
كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆي ئىچىگە سەپ سېلىپ ھېچكىم يوقلۇقىدىن خاتىرجەم
بولغاندەك كۆرۈندى.
ئابلىمىت« :مەن سىز بىلەن بىر نەرسە ئۈستىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم»
دېدى .ئۆزىنىڭ ئەنسىرەپ تۇرغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ــ ھە سۆزلە دېدىم.
ئورازان مېنى سىزگە ئەۋەتتى ،سىز مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشنى ئۆز ئۈستىڭىزگە
ئېلىپ «مەن قىلدىم» دەپ ئېيتسىڭىز ،بۇ يەردىكىلەر قۇتۇلۇپ قالىدۇ ،دەيدۇ .چۈنكى سىز
قالپاقلىق بولغاندىن كېيىن سىزال كۆتۈرۈپ باشقىلىرىمىزغا ياردەم قىلغان بوالر ئىدىڭىز،
دېدى.
بۇالر ماڭا بوھتان چاپالپ بىر باالغا تىقماقچى بولغانلىقىنى ئاڭالپ كۆڭلۈم رەنجىپ
قالدى.
ــ سېمە دېگەن ياخشى گەپ ،ھەر كىم ئۆز ئىشى ئۈچۈن ئۆزى جاۋاب بەرسۇن
«يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ ئولتۇرمايمەن» ،سەن رەنجىمە ئۇكا ،بۇ يەڭگىل ئىش
ئەمەس ،دېدىم.
ئابلىمىت بىر ئاز قىسىلدى« ،مەنمۇ دېگەن ئىدىم ،ئۇالر ئۇنىماستىن مېنى ئەۋەتتى»
دەپ خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئەپسىزلەندى.
سىز مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىر كىمگە دېمىسىڭىز دەپ ئۆتۈندى ،خاتىرجەم بول،
مەن سېنى كۆرمىدىم ،دېدىم.
ئابلىمىت شۇنداق چاققان چىقىپ كەتتى .كەينىدىن ئىشىككە قاراپ ئويلىنىپ تۇرۇپ
قالدىم .بۇ ئىشتا قانداق ياردەم قىلىش مۇمكىن ،بۇ توغرا پىكىر ئەمەس ،ئارىدىن ئىككى
ھەپتە ئۆتمەستىن دادۈينىڭ باشقا ئەترەتلىرىدىن سەكسەنگە يېقىن ئادەمنى ئېلىپ
كېلىپ گۇڭشېنىڭ يېنىدىكى باشالنغۇچ مەكتەپكە ئورۇنالشتۇردى .بارلىقىمىز كۆچۈپ
كېلىپ كېچە ـ كۈندۈز ئۆگىنىش ئېلىپ باردۇق .ئايالالردىن بىرال مەن قالغانلىرى ئەرلەر،
585

بۇالرنىڭ ھەممىنى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىغا قاتناشتى دېگەن گۇمان بىلەن
ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئوتتۇرىدىكى بىر سىنىپقا مېنى ئورۇنالشتۇردى .خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن
ئايال كادىر بىلەن بىللە ياتاتتۇق .كىشىلەر ئاغزىدا ئۇ ئايالنى «ياڭنىڭ ئالىدىغان قىزى
ئىكەن تېخى توي قىلماپتۇ» دەپ سۆزلىنىپ يۈرەتتى ،راستتىن ياڭ بىلەن ئىككىسى بەكمۇ
يېقىن ئىدى.
ئەرلەرگە يوغان ئىككى سىنىپنى ياتاق ئورنى قىلىپ بەردى .قالغان سىنىپالرغا
گۇرۇپپىالرنى بۆلۈپ ئۆگىنىش جىددىي باشلىنىپ كەتتى .ئەتىگەندىن يېرىم كېچىگىچە
مەسىلە تاپشۇرۇش ئىشى ئېلىپ بېرىلدى .كۈندۈز ئىككى ـ ئۈچ سائەت كۈرەش يىغىنى
بولىدۇ .كۈرەش ئوبيېكتىپى چەۋچىزى باشالنغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خەمىت شاۋجاڭ
ئىدى.
مۇدىر ئۈستىدىكى پىكىرلەر بولسا« ،خەمىت شاۋجاڭ شەھەرگە بېرىپ قانداقتۇر
بىر ئەكسىلىنقىالبچى تەشكىالتىغا قاتنىشىپ كېلىپ ،بۇ يەردىكى خەلقنىڭ بېشىنى
قايمۇقتۇرۇپ ،تەشكىالت قۇرۇپ ئەتراپقا ئادەم توپلىغان» دېگەن پىكىر ئاساسىدا بولۇپ،
كۈندە شۇ بىر خىل پىكىر چۈشەتتى.
ئەمدى كىچىك گۇرۇپپىالردا ھەر بىر ئادەمنى ئايرىم ـ ئايرىم مەسىلە تاپشۇرتاتتى.
بىزنىڭ گۇرۇپپىدا قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ھەر كۈنى شۇ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى
بىلەن مەشغۇل بولدۇق .ئەمما بىر ئادەمنى قارىلىغۇدەك پاكىتلىق ئاساسى يوق ئىدى.
پەقەتال مۇماقاننى چەۋچىزىدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىز بىلەن بولغان
مۇناسىۋىتىڭنى تاپشۇر ،دەپ قىستايتتى .چۈنكى چەۋچىزىدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ
بىر بۆلۈمچىسى جايالشقان بولۇپ ،ئۇ ئىدارىنىڭ باشلىقى ئابلىزنى «شەرقىي تۈركىستان»
تەشكىالتىغا قاتناشتى دەپ ئۈرۈمچىدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.
ماماقاننى ئابلىز بىلەن يېقىن ،سەنمۇ شۇ تەشكىالتتا بار ،پاش قىل ،دەپ پىكىر چۈشتى.
ماماقان 60 - 50ياشنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ ئادەم ،ئۇنىڭ ئايالى نەنسەندىكى
تۇغۇت ئانىسى رەشىدەنىڭ قىزى ئىدى .رەشىدەنىڭ ئېرى قازاق ،ئۆزىنى بولسا كىشىلەر
ئورۇس ،بەزىلىرى تاتار ۋە بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرمۇ دەيتتى .ماماقاننى ئابلىز بىلەن بولغان
مۇناسىۋىتىڭنى سۆزلە دېسە ئالدىرىماستىن ئولتۇرۇپ:
ــ نېمە مۇناسىۋىتىمىز بار دەيسەن ،بىزنىڭ قىرىقتەك توخۇمىز بار .مېنىڭ ئايالىم
586

تۇخۇمالرنى سېۋەتكە سېلىپ شۇ ئورمان ئىدارىسىدىكىلەرگە سېتىپ چاي ،تۇزلۇق پۇل
تاپاتتى .ئابلىزنىڭ ئايالى سارت ئىكەن .مېنىڭمۇ ئايالىم سارت ،ئابلىزنىڭ ئايالى «ئۆيگە
كىرسىلە» دېسە ،مېنىڭ ئايالىم كىرىپ كېتىدىكەن .ئۇنىڭدا بار بەش ئوغۇل مېنىڭدە بار
بەش قىز ،مانا شۇ مۇناسىۋەت دەپ بەكمۇ ساددا قىلىپ جاۋاب بېرەتتى .سۆزـ ھەرىكەتلىرى
كۈلكىلىك ،قىزىق ئادەم ئىدى.
قىسقىسى ئۇ ئۆگىنىش ،تەشكىالت توغرۇلۇق ھېچقانداق پىكىر چۈشمىدى.
تۇرمۇشتىكى ئاددىي نەرسىلەر ئۈستىدە مەسىلە تاپشۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.
ئۆگىنىش ئۈچىنچى ھەپتىسىگە كەلگەندە بىر كېچىدە ماشىنا كېلىپ ،بىزگە چۈشكەن
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ زوروڭنى قولغا ئېلىپ قالغانلىرىنى ياندۇرۇپ ئېلىپ
كېتىپتۇ .ئۇالرنىڭ ئورنىغا يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلدى .كىشىلەرنىڭ دېيىشىگە
قارىغاندا ياڭ زوروڭنى «ۋەتەتنى قۇتقۇزۇش» پارتىيىسىنىڭ ئادىمى ئىكەن ،ئۇالر پاش
بولۇپ قاپتۇ دېگەن سۆزلەر ئېقىپ يۈردى .بۇ يېڭى كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپا ،كىشىلەرگە
قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغان ،ئېشىپ كەتكەن سولچى (ئاكتىپ) الر ئىدى .بىزگە ھەر
كۈنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە ساالم قىلدۇرۇپ باش ئەگدۈرەتتى
ۋە ئۇنى ماختاپ شېئىرالر ئېيتقۇزاتتى ۋە كۈرەش يىغىنلىرىنى كۆپەيتىپ ،ئادەملەرگە
قاتتىق مۇئامىلە قىالتتى .ئەمما مەسىلە تاپشۇرغۇچىالر شۇ بۇرۇنقى پوزىتسىيىسىدىن ھېچ
ئۆزگەرمىگەندىن كېيىن ،ئۇالرمۇ بىر ئىش قىاللماي قالدى.
سىنىپقا كىرسەك تامغا يوغان قىلىپ 70ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ
يېزىلغان ئېالن تاختىسىنى چاپالپ قويۇپتۇ .ئۇالرنىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىدىغان كۈنى بۈگۈن
ئىكەن .بۇالردىن ئاتمىش نەچچە ئادەم مىللىيالر بولۇپ ،قالغانلىرى ئادەم ئۆلتۈرگەن
خەنزۇالر ئىكەن .بىز ئۇالرنىڭ ئىسىم فامىلىسى ،ياشلىرى ۋە جىنايىتىنى ئوقۇپ تۇراتتۇق،
ئىشىكتىن يېڭى كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كىرىپ كەلدى ۋە كۆپچىلىككە
قاراپ «كۆردۈڭالرمۇ» دەپ سۆز باشلىغۇچە ھەممىمىز ئورۇنلىرىمىزغا كېلىپ ئولتۇرۇپ
ئۈلگۈردۇق .ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ «ئەگەر سىلەرمۇ ياخشى بولماي مەسىلىلىرىڭالرنى
تولۇق تاپشۇرمىساڭالر ،سىلەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسىنى بېرىپ ئاتىمىز!» دەپ ھەممىمىزنىڭ
كۆزىگە بىردىن قاراپ چىقتى .يېنىمدا ئولتۇرغان ئابلىمىت «ئەمدى شۇ كەم بولۇپ
تۇراتتى» دېدى.
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى «نېمە دەيدۇ؟ نېمە دەيسەن» دەپ ئابلىمىتنىڭ
كۆزىگە كىرىۋالدى .مەن «ئۇ مەندىن قەلەم سورىدى» دەپ جاۋاب بەردىم ھەم قەلەمنى
587

چىقىرىپ ئابلىمىتكە ئۇزاتتىم« .دىققەت قىلىپ ئاڭالڭالر دەپ ئۆز سۆزىنى داۋامالشتۇردى،
بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى تۈركۈم ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەملەرنى ئەسلىدىم ،بىرىنچى
تۈركۈمدىكى 19ئادەم ئارىسىدىمۇ كۆپ ساندىكىلەر مىللىيالر ئىدى .ئۇالرنى التىف رايونلۇق
خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى مەيداندا ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە چوڭ سوت يىغىنى ئېچىپ
19ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن .ئۇالرنىڭ بويۇنلىرىنى ئىنچىكە سىم بىلەن بوغۇپ
باغلىغانلىقتىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغۇچە كۆپ ساندىكى ئادەملەر مەيدانغا يەتمەي تۇرۇپ
ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
ئىككىنچى قېتىم 29ئادەمنى سوتالپ «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىغا قاتناشقان
«ئەكسىلىنقىالبچى» ئۇنسۇر دەپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان .ئۇالر ھەممىسى دېگۈدەك
جاسارەتلىك ۋەتەنسۆيەر ،قەھرىمان ،مىللىي ياشالر ئىدى .بۇ شېھىدالرنىڭ ئەڭ كىچىكى
دولقۇن ئىبراھىم ئەمدى 18ياشقا كىرگەن ،ئۆتكۈر ،ئەقىللىق «شەرقىي تۈركىستان»
تەشكىالتىدىمۇ قابىلىيەتلىك ،ياراملىق تەشكىالت ئىشلىرىغا كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن
باتۇر ياشالرنىڭ بىرسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن .ئۇنىڭغىمۇ 29ئادەم بىلەن بىللە
ئۆلۈم ھۆكۈم ئىجرا قىلىندى.
دولقۇننىڭ ئاكىسى ئىرىك بىر قانچە ياشالر بىلەن شۇ كېچىدە ئۇكىسىنىڭ جەسىتىنى
جىنايەتچىلەر قەبرىستانىدىن يوشۇرۇنچە ئېلىپ ئۈرۈمچى يەنەنلۇدىكى قەبرىستانلىققا
ئاپىرىپ قويغان ئىكەن.
دولقۇننىڭ دادىسى غەنى مۇئەللىم ئەسىر باشلىرىدا قازاندىن كېلىپ تۇرپاندا ھەيدەر
سايرانى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئېچىپ ،بىر قانچە يىل باال ئوقۇتقان ،ئاندىن ئۇالر
ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆز كەسىپلىرىنى داۋامالشتۇرغان ،غەنى مۇئەللىم «شەرقىي تۈركىستان
ئىنستىتۇت» دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ پۈتۈن ئۆمرى مۇئەللىملىك بىلەن ئۆتتى .ئۇالرنىڭ
تەربىيىلەپ ئوقۇتقان بالىلىرى ياخشى ئادەم بولۇپ ،جەمىيەتتە يۇقىرى ئورۇنالردا ئىشلەپ
كەلگەن.
دولقۇننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن «ئاتا» كۆڭلى بۇ قايغۇنى كۆتۈرەلمەستىن ئوغلىنىڭ
كەينىدىن كۆپ ياشىماستىن دۇنيادىن ئۆتتى.
بۇ - 29ئادەمنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ گۇڭشېدىن سىدىق زالىڭنىڭ ئوغلى خەمزەگىمۇ
ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىپ شۇ ئادەملەر قاتارىدا ئاتتى .ئۇنىڭ جىنايىتى بولسا خوڭۋىبىڭالر
ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىنى قىبلە (ناماز ئوقۇغاندا بەيتۇلال تەرەپكە
قاراپ ئوقۇغانلىق ئۈچۈن شۇ تەرەپنى قىبلە تەرەپ دەپ ئاتايمىز) تامغا چاپالپ قويۇپ
588

چىقىپ كېتىدۇ .خەمزە رەسىمگە قاراپ ناماز ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ دەپ ئورنىنى يۆتكەپ
ئىككىنچى تامغا تاقاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ماۋجۇشىغا قارشى چىقتى دەپ ياشانغان
بوۋاينى قولغا ئېلىپ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلدى.
بىر ئايدىن كېيىن ئۇالرنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىپ «شەرقىي تۈركىستان تەشكىالتى»
غا قاتناشقان ئەكسىلىنقىالبچى دېگەن سۆزىنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تەرتىپىنى بۇزغان ئوغرى،
بانكا بۇلىغان بۇالڭچى ۋە قاراقچىالر» دەپ سوتتىن يېڭى ھۆكۈم چىقىرىپ شەھەرنىڭ
ھەممە يېرىگە قايتا ئېالن چاپالپ چىقتى.
خەلققە ئاڭالتماي ئۆز ئىچىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ يوشۇرۇنچە ئۆلتۈرگەنلەرمۇ ئاز
ئەمەس.
بۇ بىر ئايلىق ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن ئۇالر ھېچنەرسە چىقىرالمىدى ،دېسەممۇ
بولىدۇ .ئەڭ ئاخىرىدا كۈرەش ئوبيېكتىپى بولغان خەمىت مۇدىرمۇ گۇناھسىز بولۇپ قالدى.
مەن ئەنسىرىگەن «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىالتىدىن مېنىڭ ئۈستۈمدە ھېچقانداق سۆز
بولمىدى.

- 70يىلى - 6ئاينىڭ - 10كۈنى
چۈشلۈك تاماققا ئۆگىنىشتىكىلەرنى چوڭ ئەترەتنىڭ ئاشخانىسىغا ئېلىپ ماڭغاندا
رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كىرسەم دادام سىڭلىمنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيدە ئىچى پۇشقاندەك
يالغۇز ئولتۇرغان ئىكەن .دادامغا قاراپ «زېرىكىپ قالدىڭىزمۇ بالىالر ئىشتىن قايتمىدىمۇ»
دېدىم .دادام:
ــ بىلمەيمەن ،بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يامان بولۇپ ،ئىچىمگە سىغماي تۇرىمەن .ئۇنىڭ
ئۈستىگە قوشنىالرنىڭ توخۇسى يۈگۈرۈپ كېلىپ بىزنىڭ ئىشىكتىن ئۆيگە قاراپ توخۇ،
خوراز بولۇپ چىللىغان ئىدى قوغلىۋەتتىم .ئەمما كۆڭلۈم شوملىنىپ قالدى .ئۆتكەندە شۇ
توخۇ مۇسابېكنى سوالپ قويغان ئۆيگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن چىللىغىنىنى كۆرۈپ ،توخۇمۇ
خورازدەك چىلاليدىكەن دەپ ياراتمىغان ئىدىم .ئىككى كۈندىن كېيىن مەسىلە تاپشۇرتۇش
ئۈچۈن يالغۇز ئۆيگە سوالپ تۇتۇپ تۇرغان مۇسابېكنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى ،دەپ ئۆلۈكىنى
ئېلىپ كەتكەن ئىدى .بۈگۈن ئۇ توخۇ بىزنىڭ ئىشىككە كېلىپ چىللىدى .تۇتۇپ ئالسام
بوينىنى بۇراپ ئۈزۈۋەتكەن بوالتتىم ،دەپ كۆڭۈلسىزلىكى ئىچىگە سىغماي ئولتۇرۇپتۇ.
589

ــ خۇدايىم ساقلىسۇن ،ھېچنەرسە بولماس ،دەپ كۆڭلىنى ياساپ قويدۇم .لېكىن بۇ
ئىش ماڭىمۇ كۆڭۈلسىز تۇيۇلدى .ھەممىمىز تاماققا ئولتۇرغان ئىدۇق ،ئىشىك ئالدىمىزغا
يوغان بىر قارا ماشىنا كېلىپ توختىدى .ئۆيدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقتۇق .ماشىنىدىن تاغامنىڭ
ئايالى مەخفۇزە ھەدە ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ھەم تۇغقانالردىن بىر قانچە ئادەم بار ئىدى.
بۇالرنىڭ كېلىشىدىن بىر كۆڭۈلسىز ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن يۈرىكىمىز چۆچۈپ،
«نېمە بولدى؟!» «نېمە بولدى؟!» نېمىشقا كەلدىڭالر؟! دەپ تەرەپ ـ تەرەپتىن سوئال
ياغدۇرۇپ ،ئۇالرنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىرايتتۇق .مەخفۇزە ھەدەم:
ــ تۈنۈگۈن زەكىي ئابىزىنى ئىدارىسىدىن گەپ قىاللماس ھالدا ئۆيگە ئېلىپ ـ كېلىپ
تاشلىغان ئىدى .بۈگۈن ۋاپات بولۇپ كەتتى ،دېدى.
شۇنداق قاتتىق بىلىندىكى بېشىمغا بىرسى كالتەك بىلەن ئۇرغاندەك بولۇپ ،بېشىم
قېيىپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
كۈتۈلمىگەندە بۇ ئېغىر قايغۇ ھەممىمىزگە بەكمۇ قاتتىق تۇيۇلدى .چوڭ دادامنى
ئاخىرقى مەرتىۋە كۆرگىنىمدە «سىياسەتلەر ئوڭشىلىپ قالسا ئىككىمىزگىمۇ يەڭگىللىك
بۇالر ئىدى» دېگەن سۆزلىرى قۇلىقىمدا جاراڭالپ كەتتى.
ئۇ بىچارە كۈتكەن كۈنلەرنى كۆرەلمەي كەتتى دەپ كۆڭلۈم يامان بولدى .ھەممىمىز
ئىشىكنى تاقاپ ماشىنىغا چىقىپ كەتتۇق .ماڭا ئۈچ كۈن رۇخسەت قىلدى.
دادامغىمۇ بەك ئېغىر كەلدى .يالغۇز بىر ئاكىسى قالغان ئىدى .دادامنىڭ ئۆمرىدە
كۆزىدىن ياش چىققىنىنى كۆرمىگەن ئىدۇق .دادامغا قاراپ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئېزىلىپ
كەتتى.
پۈتۈن ئۇرۇق ـ تۇغقان ،تونۇش ـ بىلىش ،ئەل ـ يۇرت يىغىلىپ ئېغىر مۇسىبەتلەر
ئىچىدە جىنازىنى يىغا زارالر بىلەن ئۇزىتىپ قالدۇق.
چوڭ دادامنى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپ بىر قانچە كىشىلەر بىلەن تۈرمىگە ئوخشاش
بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سوالپ قويۇپ «مەسىلە تاپشۇرتۇپ ئېلىش» ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدا
داۋاملىق كۈرەش يىغىنلىرىنى ئېچىپ قاتتىق ئۇرۇپ قىيناپ ئەڭ ئاخىرى تۆت ئايدىن
كېيىن بىر كېچىدە تىلى ئاغزىدىن قالغان ئۆلۈم ئالدىدا ئۆيگە ئەكېلىپ تاشالپتۇ .ھوشسىز
يېتىپ ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا جان ئۈزۈپتۇ.
بىز ئۈچۈن ئېغىر قايغۇ ،چوڭ يوقىتىش بولدى.
590

چوڭ دادام بىر ئۆمۈر «شەرقىي تۈركىستان سودا ئىدارىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ
گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئورنىغا ئۇرۇپ
ـ قىيناپ ئۆلتۈردى .نېمە دېگەن ئېچىنارلىق ئەھۋال».

- 70يىلى - 20ئىيۇن
مەن چوڭ دادامنىڭ ئۈچ نەزىرىسىدىن كېيىن قايتىپ كەلدىم .ئون كۈندىن كېيىن
دادام بىلەن سىڭلىم فىردەۋس يېنىپ كەلدى .ئۇالر ئىشىكتىن كىرىپال:
«بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر دەھشەت ۋەقە يۈز بەردى» دەپ دادام
بىلەن سىڭلىمنىڭ رەڭلىرى قاچقان ئاۋازلىرى تىترەپ چىقاتتى .پۈتۈن شەھەردە يېزىغا
چۈشۈش ھەرىكىتى چوڭ دولقۇن بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.
«مەدەنىيەت ئىنقىالبى» دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىدا
ئېرىشەلمىگەن مەقسىتىگە شۇنداق ئاسان ئېرىشتى.
مەدەنىيەت ئىنقىالبىنىڭ مەقسىتى «كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان پارتىيە ئىچىدىكى
ھوقۇقدارالرنى سۆرەپ چىقىپ ،كۈرەش قىلىپ ،مەسىلە تاپشۇرتۇپ ئېلىش» دېگەن
پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئەمەلدارالرنى
ئاغدۇرۇپ ،قولغا ئېلىپ تۈرمىدىكىلەرنى يوشۇرۇن دورا ۋە ئوكۇلالرنى قويۇپ ۋە ھەر
تۈرلۈك يولالر بىلەن ئۇالرنى يوق قىلىپ تۈگەتتى .ھاكىمىيەتنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى
خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئۆزى باشقۇردى ھەم ئۆز قولىغا ئالدى.
باشسىز قالغان ۋەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئاسان چۈشۈپ كەتتى.
خەلقنى بولسا تۈرلۈك بىر ـ بىرىگە ئوخشىمىغان ئاتالغۇ بىلەن قالپاق كىيدۈرۈپ
كېچە ـ كۈندۈز كۈرەش قىلىپ ،قىيناپ ،ئۇالرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالدى.
پۈتۈن ئىدارە ،زاۋۇت ،كارخانا ۋە مەھەللىلەردىكى مىللىيالرنى يىراق ـ يىراق يېزىالرغا
ھەيدەپ يېزىغا چۈشۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى .بۇ سىياسەت يەنىال مىللىيالرغا
قارىتىلغان بولۇپ ،بىچارە خەلق ئىش ئورۇنلىرىدىن ،ئېلىۋاتقان مائاشلىرىدىن ،ئۆي ـ جاي
ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قورۇق قول كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
ھەر كۈنى بىر قانچە تۈركۈم ئادەملەرنى ھەر قېتىمدا 20 - 10ماشىنىالپ يېزىالرغا
591

ئېلىپ ماڭاتتى .بۇ ئادەملەر ئارىسىدىن بىرمۇ خەنزۇنى ئۇچرىتىپ بولمايتتى.
ئۇالر ئۆز ۋەتىنىنىڭ قوينىغا سىغماي سۈرگۈن ھەم تۇتقۇن ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر
قالدى.
بۇالر بارغان گۇڭشېالر نامرات ،ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن ئارتۇق كىرىمى يوق
بولغانلىقتىن ،بۇ كەلگەن ئادەملەرنى قانداق تەمىنلەپ كېتىش قىيىن بولۇپ ،بۇ ھەرىكەت
گۇڭشې خەلقى ئۈچۈن قاتتىق بېسىم بولدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە «يېزىغا بېرىپ يەنە تەلىم
ئېلىپ ،يىلتىز تارتىپ ماكان تۇتۇڭالر» دەپ پۈتۈن مەكتەپتىكى ياش ،ئەقلى توختىمىغان
ئوقۇغۇچىالرنى مەكتەپ بويىچە بىرمۇ ئوقۇغۇچى قالدۇرماستىن يېزىالرغا ئەۋەتتى.
خەنزۇ ئوقۇغۇچىالر ئۆزلىرىال يېزىغا كەتكەن بولسا مىللىي ئوقۇغۇچىالر نوپۇسى
بىلەن بىللە يېزىغا چۈشتى .خەنزۇ ئوقۇغۇچىالر بىر يىلغا قالماستىن شەھەرگە قايتىپ
كېلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ بولدى .ئەمما مىللىي ئوقۇغۇچىالر
بولسا كۆپ قىيىنچىلىقالرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ يېزىالردا قالدى.
مانا شۇنداق يولالر بىلەن ۋەتەن باشسىز ،ئىگىسىز ،خەلقى تۇتقۇن ھالدا قالدى .بۇ
پۇرسەتتە چوڭ توغنى ئېچىۋەتكەندەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خەنزۇالر شەرقىي تۈركىستانغا
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.