Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30

Süzlärneñ gomumi sanı 3869
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
جوتۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قاراپ كەتتىم .ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن ئاپام ھەيران بولدى.
نېمە بولدى ،نېمىشقا ئەتىگەن قايتتىڭ؟ دەپ سورىدى .مېنى قادىر بېك ھاجەتخانىنى
تازىالشقا بۇيرۇپتۇ .ھازىر شۇ يەرگە بارىمەن ،دېدىم.
ئاپامنىڭ كۆڭلىنىڭ يامان بولغانلىقىنى سەزدىم .بىر چىنە چاينى قۇيۇپ تۇرۇپ،
ياخشى بولدى ،ئۆزۈم يالغۇز ئىشلەيمەن ،ماڭا بۇ بىر ئاز يەڭگىل ،دەپ خاتىرجەم تۇرۇپ
چاينى ئىچىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئاپاممۇ ئۆزىنى توختىتىپ ئىچكىرىكى ئۆيدىن ماڭا ماسكا
ھەم پەلەي ئېلىپ چىقىپ بەردى.

ئىسيانچىالر بىلەن مۇنازىرە
- 13دېكابىر
شوئار توۋلىغان شۇنداق سەت بىر ئاۋاز ئاڭالنغان تەرەپكە قارىدىم .دادۈينىڭ
ئالدىدىن بايراقالر ۋە ماۋجۇشىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ئاتلىق ،پىيادە بولۇپ ،نەچچە
يۈزلىگەن ئادەم ساينى ياڭرىتىپ شوئار توۋالپ ئۆرلەپ كېلەتتى.
مەندىن سەل يىراقتا ئىشلەۋاتقان گۇڭشې ئەزالىرىمۇ «بۇالر نەگە بارىدۇ؟ نېمە
قىلىدىكەن؟» دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىسيانچىالرنى كۆزىتىپ قاراپ تۇراتتى.
ئۇالر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەگكۈدەك قاتتىق ئاۋاز بىلەن شوئار توۋاليتتى .ئۇالر
ئۆيدىن كىشىلەرنى سۆرەپ چىقىپ بوينىغا تاختاي ئېسىپ ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ
كېلەتتى .بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئۇالر بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە قاراپ بۇرۇلدى.
446

كۆڭلۈم ئەنسىرەپ گۇڭشې ئەزالىرى ئىشلەۋاتقان تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىسام سىڭىللىرىم
سوفىيە ،غەيشە قولىدىكى گۈرجەكلەرنى تاشالپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى .ئىشىك
ئالدىدا ۋارقىراش ۋە شوئار توۋالشالر ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
كۆپ ئۆتمەستىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى .مەنمۇ ئۆيگە قاراپ كەتتىم .ئىشىك
ئالدىغا كەلسەم ئاپامنى «چەتكە باغالنغان شيۇجېڭجۇيىچى ئۇنسۇر» دەپ (ئاپامنىڭ
ئاپىسى ۋە سىڭلىسى ھەم دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۈچ قىزى سوۋېتكە چىقىپ كەتكەنلىكى
ئۈچۈن چەتكە باغالنغان شيۇجېڭجۇيىچى دەپ قارايدۇ .چۈنكى جۇڭگو بىلەن سوۋېت
مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت سوتسىيالىزمىنى بۇرمىالپ كەتتى دېگەن
كۆز قاراشتا ئىدى .شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېتتە تۇغقىنى بار ئادەم بولسىال شيۇجېڭجۇيىچى
دەپ ئاتاپ كەلدى) شۇ سەۋەب بىلەن بوينىغا تاختاي ئېسىپ ئېلىپ چىقىمىز دەپ
كەلگەن ئىكەن .ئاپام تاختاي ئاستۇرماي سوفىيە ،غەيشە ئۈچى ماۋجۇشىنىڭ يىلوسى
(كىتاب) بىلەن مۇنازىرە قىلىۋېتىپتۇ.
مېنى كۆرگەن ئىسيانچى توپى مېنىڭ ئېتىمنى بىلمىسە كېرەك .چۈنكى باشقا
يەردىكى باشقا ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئىدى .ئايگۈل چىقسۇن! ئايگۈلنى يوقىتايلى! دەپ
شوئار توۋلىدى .ئايگۈل دەپ توۋلىغىنى ئۈچۈن ئۇالرنىڭ توۋلىغان شوئارىغىمۇ قارىماستىن
ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .تاالدا مۇنازىرە قاتتىق قىزىپ كەتتى.
مەن ئۆيدىن ئۇالرنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئۈزۈندە سۆز
كىتابىدىن جاۋاب تېپىپ بەلگە سېلىپ ئىنىم ئەھمەدتىن چىقىرىپ بېرىپ تۇردۇم .ئۇالر
شۇنىڭغا قاراپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ،بىر سائەت مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ
سۆزىنى ئۇالرغا جاۋاب قىلىپ يۈرۈپ يېڭىپ چىقتى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ كەلگەن نەچچە يۈز ئادەم بايراقلىرىنى كالتەكتىن
سۇغۇرۇپ ئېلىپ قاتالپ يانچۇقلىرىغا سېلىپ تارقاپ كەتتى .بوينىغا تاختاي ئاسقان
كىشىلەرمۇ ئۆز بوينىدىكى تاختايالرنى ئېلىپ تاشالپ تارقالدى.
گۇڭشېدىكى بىر قانچە باشلىقالر ئاپامنىڭ بوينىغا مەجبۇرى تاختاي ئاسماقچى
بولغاندا تاختاينى يۇلۇپ ئېلىپ بىر پىرقىرىتىپ ئاتقان ئىدى ،تاختاي ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ
پىرىلداپ ئۇچۇپ بېرىپ ئىسكىالت بىناسىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
ئاپام ماۋزېدۇڭنىڭ سۆزلىرىدىن مەدەنىيەت ئىنقىالبىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى
ھوقۇقدارالرنى سۆرەپ چىقىپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە سۆزلىرىنى ئوقۇپ
447

بېرىپ:
ــ بۇ ئىنقىالب ماڭا ئوخشاش ئۆيدە باال بېقىپ ئولتۇرغان ئايالالرنى ئەمەس ،مانا
سىلەرگە ئوخشاش پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇقدارالرنى سۆرەپ چىقىپ كۈرەش قىلىش
كېرەك دېگەن .بۇ قالپاق سىلەرگە خاس .ماڭا ۋە بۇالرغا ئوخشاش (تاختاي ئېسىپ
بالىسىنى ھاپاش قىلىپ تۇرغان خوتۇنالر) نى كۆرسىتىپ ،بىزلەرگە قارىتىلمىغان .سىلەر
ئىنقىالبنىڭ مەقسىتىنى ،سىياسىتىنى ياخشىالپ ئۆگىنىپ بولۇپ ،ئاندىن ئىنقىالب
قىلىڭالر ،دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ماۋزېدۇڭنىڭ ئۈزۈندە سۆزلىرىنى خاتا دەپ قارشى چىقىش ياكى ئۆزگەرتىش مۇمكىن
ئەمەس ئىدى .كىمكى ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەيدىكەن ئورنى تۈرمە ئىدى .شۇڭالشقا
ھېچكىم قارشى بىر ئېغىز سۆز قىاللمايتتى.
بۇ ۋەقەدىن ھەممىمىز كۆڭۈلسىز بولدۇق.
بۇ ئىنقىالب قاچان تۈگەيدۇ؟ قانداق ئاقىۋەتلەر بار؟
بىرىنچى قەدەمدە تىغنىڭ ئۈچىنى بىزگە قاراتتى .شۇنچە كۆرسەتكەن
ئەمگەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يوققا چىقتى .بۇالرنىڭ پەيلى يامان .قانداق بولمىسۇن
مىللەتچىلىك قىلىپ ئارىغا ئالمايدۇ .ھەر ئېغىرچىلىق بولسا بىزگە ئىتتىرىپ ،ئۆزلىرىنى
ساقالپ قېلىشقا تىرىشسا كېرەك ،دەپ ئۆيدىكىلەر بەكمۇ كۆڭۈلسىز بولدى .مەن ئىچىمدە،
مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم تۈپەيلىدىن بۇ ئەھۋالالر يۈز بېرىۋاتىدۇ ،دەپ خىجالەت بولۇپ
قىسىلدىم .بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىچىك سىڭلىم مۇشەررەپ تاالغا مۈشۈكنى ئىزدەپ
چىققان يېزىدىن سالىقنىڭ مەغرىيفە بىلەن فەدبىزە ئاپاينىڭ قىزى مەخفۇزە ئىككىسى
سىڭلىمنى ئەكسىلىنقىالبچىالرنى يوقىتىمىز ،دەپ ئۇرماقچى بولۇپ قوغلىغاندا ،مۇشەررەپ
قېچىپ بېرىپ ئۈچ مېتىر يارغا چۈشۈپ كېتىپ يانپىشىنى ئاغرىتىپ ئالىدۇ .بىر ھەپتىگە
يېقىن ئاغرىپ ئاقساپ ماڭالماي قالدى .دوختۇرالر ئۈرۈمچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ
رېنتگېنغا سېلىپ كۆرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن خەت يېزىپ بەردى .شۇنىڭ بىلەن 12
ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپام كىچىك سىڭلىمنى ئېلىپ شەھەرگە كەتتى .ئۆيىمىزنىڭ ئىچىتېخىمۇ كۆڭۈلسىز بولۇپ قالدى.
سىڭلىمنىڭ يانپىشى چىقىپ كەتكەن ئىكەن .ئۇنى تاڭدۇرۇپ ئۈچ ئاي ئورۇندا
يېتىپ داۋالىنىپ ساقايدى.
448

- 67يىلى يانۋار
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن زىيالىيالرغا قارشى سىياسەت باشالندى .شەرقىي تۈركىستان
بويىچە پۈتۈن مەكتەپلەر يېپىلىپ ئوقۇغۇچىالرنى «سېسىق زىيالىيالر» دەپ يېزىالرغا
ھەيدەپ ،ئەمدى گۇڭشېالردا بولسا دادۈي ،گۇڭشېالرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئۈستىدىن
ئىشچى ،كەمبەغەللەر باشقۇرۇش كېرەك ،دەپ ئۇالرنىڭ ئۈستىدىن تۆمۈرچى نوكتە دېگەن
كىشىنى سايالپ قويدى .ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى مولداش شاۋجاڭنىڭ ئورنىغا ھارۋىكەش
مۇقاش دېگەن كىشىنى سايلىدى .ئۇ ئادەملەر ئوقۇمىغان ھەتتا ساۋاتىمۇ يوق ئاددىي
ئۆز ئەمگەك كۈچى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدى .مۇشۇ سىياسەت ئۆزگىرىپ
تۇرغان بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دادامنى دوختۇرغا كۆرسىتىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىپ
شەھەرگە ئاپىرىپ قويدۇق .شەھەردە ئۆزىمىزنىڭ ئۈچ ئېغىز ئۆيىمىز بار ئىدى .ئۇالر شۇ
ئۆينىڭ بىر ئېغىزىدا ئۆزلىرى تۇرۇپ ،بىر ئېغىزىنى ئىجارىگە بېرىپ ،شۇ يەرگە ئورۇنالشتى.
دادامنىڭ ئەھۋالى راستتىن ئېغىر ئىدى .ئاستما ۋە برونشىت (دەم سىقىلىش كېسىلى)
بولۇپ ،نەپەس يەتمەي ئازاب چېكەتتى .دادام تېخى ياش ،ئەمدى ئەللىككە كەلگەندە بۇ
ئاغرىققا يولۇقۇشى بىزنى ئەنسىرىتىپ كۆڭلىمىزنى بۇزاتتى.
ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىككى ئاي بەلدىن سۇ كېچىپ قۇدۇق كولىدۇق.
بەشىنچى ئايغا قەدەر تاغنىڭ تىرىسكەي تەرەپتە يالغۇز ئۆزۈم بەلدىن قار كېچىپ
تىكەنلىك چاتقالالرنى كېسىپ ئىشلىدىم .پۈتۈن گۇڭشې ئەزالىرى ئۈچ ئاي ئىش يوق
دەم ئالدى .ماڭا ئىش تېپىپ بېرەلمەي ھېچ كېرەكسىز بولغان بۇ تىكەنلىكنى چاپتۇردى.
بىر يىلدا بىر كۈنمۇ دەم ئالماستىن قىشتا كۈنىگە ئون سائەت ،يازدا 36 - 24سائەتلەپ
ئىشلىگەن كۈنلىرىمىز كۆپ بولدى .بۇ ئېغىر ئەمگەك ،ئېغىر كۈنلەرگىمۇ ئۆگىنىپ قالدىم.
تۈرمە ھاياتىنى ئېغىر دەپتىكەنمەن ،ھازىرقى بۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ئالدىدا ئۇ ھېچ نېمە
ئەمەسكەن.

- 67يىل ئاپرېل نەنسەندە ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىشى
چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە قايتسام شەھەردىن ئاپام بىلەن تاغامنىڭ ئايالى مەخفۇزە
ھەدەم كەلگەن ئىكەن .ئۆينىڭ ئىچى بەك كۆڭۈللۈك بولۇپ ،ھەممىمىز خۇشال ئىدۇق.
449

بىر چىرايلىق تاماق يەپ ئولتۇرغىنىمىزدا شۇنداق دەھشەت پارتالش ئاۋازى بىلەن تەڭال
يەر تەۋرەپ پۈتۈن نەرسە سىلكىنىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى چىنە -قاچىالر داراڭالپ،
تامدىكى ئەينەك چۈشۈپ كەتتى .تامدىن توپىالر قۇيۇلدى .ھەممىمىز يۈگۈرۈشۈپ تاالغا
چىقتۇق .ئۆي -ئۆيلەردىن چىققان ئادەملەر ئات ھويلىسىنىڭ يۇقىرىسىغا تاغ توپىسىدىن
ئاسمان پەلەك بولۇپ ،موگو (ساڭراۋ قۇالق) شەكىلدە كۆتۈرۈلگەن قويۇق قارا ئىسقا
ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ بىر -بىرسىدىن »بۇ نېمە نەرسە« دەپ سورىشاتتى.
مەن ئۇ ئىسقا كۆزۈم چۈشكەندە يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلغاندەك بولۇپ ،ئىختىيارسىز
«ئاتوم پارتلىدى» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.
ــ نەدىن بىلىسەن؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ دەپ قورقۇپ كەتتى ،مەخفۇزە ھەدەم.
ــ بىز مەكتەپتە ئوقۇغان ،نەق ئۆزى شۇ ،ئاتوم پارتلىدى ،دەپ ھاياجاندا توۋالپ
كېتىپتىمەن.
ــ ئاستا گەپ قىل .باشقىالر ئاڭلىسا باالدا قالىسەن ،دەپ ئاپام ئەنسىرەپ ئەتراپقا
قاراپ قويدى.
موگو شەكلىدىكى قارا ئىس تارىلىپ كۈننىڭ نۇرىنى توسۇپ ،يەر يۈزىنى قاراڭغۇ،
كۆڭۈلسىز بىر ھالەتتە قالدۇردى .تاغامنىڭ ئايالى قورققىنىدىن «ئەل ئامان ،يۇرت تىنچ
ۋاقتىدا بالىلىرىمنىڭ يېنىغا كېتىۋاالي» دەپ شۇ كەلگەن ئاپتوبۇس بىلەن شەھەرگە
كېتىپ قالدى.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈستىدە «ئاتوم سىنىقى»نى
جۈرەتلىك ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى .بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئاياق ئاستى ،دەپسەندە قىلىش
ۋە خارالشتىن باشقا ئەل بېشىغا چوڭ بىر ئاپەتتۇر .خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شەرقىي
تۈركىستان خەلقى تەجرىبە سىناق ئېلىپ بارىدىغان ھايۋانالر ئورنىدا بولۇپ قالدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 45كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەنگۈگە يېقىن يەردە پارتلىغان
بۇ ئاتوم خەلقنىڭ بېشىغا يەنە قانچىلىك بااليى -قازاالرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن
ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ۋە ھېچكىمنىڭ بىر قارشىلىق قىلغۇدەك مادارىمۇ يوق ئىدى.
يەنە نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى ئالالھ بىلىدۇ .بۇ نەرسە ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى.
ئۇزۇن زامان مېڭەمدىن چىقماي ،ئىچىم سىقىالتتى.
450

ئۈچ ماشىنا ھادىسىسى
- 67يىل - 17ئاپىرىل
باشالنغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدا ئىشلەۋاتاتتۇق .شەھەر تەرەپتىن ئۈچ ماشىنا كەلدى.
ئالدىمىزدىن ئۆتكەندە قۇرۇق ماشىنىدەك كۆرۈندى .مەن بۇ يەردىن بىر نەرسە ئالغىلى
كەلگەن ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم .باشقىالرمۇ ماڭا ئوخشاش ئويلىسا كېرەك .ھېچكىممۇ
دىققەت قىلىپ قارىمىدى .ماشىنا بىزدىن ئۆرلەپ كەتكەندە قارىسام ماشىنىنىڭ ئىچىدە
زىچ ئولتۇرغان ھەربىي كىيىمدىكى قوراللىق ئادەملەرنى بايقاپ قالدىم .كۆڭلۈمگە گۇمان
چۈشتى .ئۇالر يوشۇرۇنغاندەك قىياپەتتە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ مىدىر قىلماي ئولتۇراتتى.
ماشىنا گۇڭشې تەرەپكە كەتتى .يېنىمدا ئىشلەۋاتقانالرنىڭ ھېچقايسى كۆرمىدى .مەن
ئەتراپقا دىققەت بىلەن قاراپ تۇردۇم .كۆپ كېچىكمەستىن پاڭ ـ پۇڭ ئوق ئېتىلغان ئاۋازالر
ئاڭالندى .ھېلىقى ئۈچ ماشىنا شۇنداق تېز كېلەتتى .ئىچىدىكى كۆرۈنمەي ئولتۇرۇپ
كەتكەن قوراللىق ئادەملەر ئۆرە تۇرۇپ تۆت تەرەپكە قارىتىپ ئوق ياغدۇراتتى .پۈتۈن
خەلق قىيا ـ چىيا قىلىپ قېچىشقا باشلىدى .مېنىڭ يېنىمدا ئىشلەۋاتقانالر مەكتەپ
بىناسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ .ماشىنىدىكىلەر كەتكەندىن كېيىن ،پۈتۈن خەلق
ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئېتىنى توۋالپ ساينىڭ ئىچىدە ئەنسىزلىك تۇغۇلدى .مەن بىرەرسى
ئۆلگەن ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم .پۈتۈن ئەتراپ ئاال ـ توپىالڭ بولدى .يېرىم سائەتتىن
كېيىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ ،ئۆيگە قايتسام سىڭلىم فىردەۋس چىرايلىرى تامدەك
بولۇپ ،يىغالپ ئولتۇرىدۇ .مەن چۆچۈپ كەتتىم.
ــ نېمە بولدى؟ بىرسى بىر نېمە بوپتۇمۇ؟ سوفىيە ،غەيشەلەر قېنى دېدىم.
ــ بىلمىدىم ،ئۇالر ئىشقا كەتكەن .ماشىنىدىكى كىشىلەر كېلىپ كەتكەندىن كېيىن،
قابدالقاق ،قەنەغەت بىر قانچە مىنبىڭالر بىلەن ئۆيگە كىرىپ:
ــ سادىق قېنى؟ سادىقنى چىقىرىپ بەر دەپ ھېچنېمىگە قارىماستىن پۈتۈن ئۆيىمىزنى
ئاختۇرۇپ چىقتى .تاختاي ئاستىنى ئېچىپ:
ــ سادىق چىق بوياققا! قورالىڭنى تاشال! چىق دەيمەن سادىق چىق دەپ يوغان
كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىچىدە توۋالپ كەتتى .مەن نېمە بولغىنىنى بىلمەي
سادىققا بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ ،دەپ بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم .ئۇالر ماڭا سادىقنى ھازىر
تاپ دەپ ۋارقىرىغان ئىدى ،مەن قورققىنىمدىن ئاران نېمە بوپتۇ ئۇنىڭغا؟ دەپ سورىدىم.
451

ــ سادىق ھازىر گۇڭشېغا ئىككىنچى قىزىل سىلىڭبۇنى (ئىشتاتنى) باشالپ چىقىپ
گۇڭشېنى تاالپ ،گۇڭشېنىڭ باشلىقى گۇ شۈجىنى باغالپ قويۇپ بارلىق ماتېرىيالالرنى
بۇالپ كېتىپتۇ .سادىقنى ھازىر تېپىپ بەرمىسەڭ كۆرگۈلۈكۈڭالرنى كۆرسىتىمىز ،دەپ
چىقىپ كەتتى .قانداق قىلىمىز؟ سادىقنى بۇالر تۇتۇپ ئالدىمۇ؟ دەپ ئۆزىنى تۇتالماي
تىترەيتتى.
مەن سىڭلىمنى بەزلەپ قورقما ،سادىق ئەتىگەن مەن بىلەن ئۆيدىن بىللە چىقىپ ئۇ
سارى چوقا فېرمىسىغا كەتتى ئەمەسمۇ دېدىم .مەن خالىس ئەمگەككە چىققاندا سادىققا:
«سەن ئۆيدىكىلەرگە بېرىپ كەل ،بىز بىر ئايدىن ئارتۇق بولدى ،خەۋەرلىشەلمىدۇق ،دادام
ـ ئاپامالر قانداق تۇرۇۋېتىپتۇ» دەپ ئۇنى سارى چوقا موچاڭغا (فېرمىسى) سىڭلىم زەكىيە
شەھەرگە ماشىنا توسۇپ سېلىپ قويسۇن ،دەپ ئەۋەتتىم .سادىق بۇ يىل ئىنچىكە ئۇزۇن
بولۇپ ،بويلىرى ئۆسۈپ قالغان ئىدى .ئۇ تېخى كىچىك ھەم بىرىنچى مەرتىۋە يالغۇز ئۆزى
يولغا چىقىشى ئىدى .مەن ئۇنىڭغا كۈچ بېرىپ «ئەمدى سەن چوڭ بولدۇڭ ،يىگىتسەن
قورقما ،مۇشۇ يول بىلەن ماڭ» دەپ ئۇزىتىپ كەينىدىن ئەنسىرەپ قاراپ قالدىم.
بۇ كەلگەن ئادەملەرنىمۇ ئىزاتارتماستىن بىزدىن كۆرمەكچىمۇ توۋا دېدىم.
فىردەۋس ماڭا بۇالر يەنە كىرىمىز ،ئۆيۈڭالرنى ئاختۇرىمىز ،دەپ چىقىپ كەتتى ،يەنە
كەلسە قانداق قىلىمىز؟ دېدى.
مەن بۇ نەرسىنى باھانە قىلىپ ئۆينى ئاختۇرۇشى مۇمكىن ،دەپ يېزىۋاتقان كۈندىلىك
خاتىرەمنى ئادەم كۆرمەيدىغان ئەپچىل جايغا يوشۇرۇپ قويدۇم ۋە فىردەۋسكە :مەن ھازىر
ئىشقا چىقىمەن ،سوفىيە بىلەن غەيشە كېلىپ قالسا ئۇالر ئىشقا چىقماستىن سېنىڭ
يېنىڭدا قالسۇن ،دېدىم.
كېيىن ئاڭلىساق شۇ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سادىققا ئوخشايدىغان بىر كىچىك باال
بار ئىكەن ،بۇالر ئۇنى سادىق دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ .ئەسلى گۇڭشې باشلىقى گۇ
شۈجىنىڭ ئوغلى ئۈچ ماشىنا ئادەمنى باشالپ چىقىپ گۇڭشېدىكى ماتېرىيالالرنى ۋە
پۇلالرنى ئېلىپ كېتىپتۇ.
كۈندە دېگەندەك مىنبىڭالر «خەلق ئەسكىرى» ۋە باندىت قەنەغەت (قەنەغەت
شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باندىتلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ خەلقلەرنى بۇالپ،
تاالپ ۋەيرانچىلىق قىلغانالرنىڭ بىرسى ئىدى .ئۇنى شۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن قولغا ئېلىپ
«تارىخى ئەكسىلىنقىالبچى» دېگەن قالپاق بىلەن تۈرمىدە يېتىپ چىققان ئىكەن.
452

ھازىر ئۇ ئەترەت باشلىقى بولۇپ ،خەلقنى قاتتىق قول بىلەن باشقۇرۇپ «مەدەنىيەت
ئىنقىالبىدا كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ بىرسى ۋە بىزنىڭ ئائىلىگە ئەڭ يامان دۈشمەن
بولغانالرنىڭ ھەم بىرسى شۇ كىشى ئىدى( .كىشىلەر ئۇنى ھەر ۋاقىت باندىت قەنەغەت
دەپ ئاتايتتى ).ئۆيىمىزگە كېلىپ سادىقنى ئىزدەپ ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يۈردى .سادىق
كەلگەندىن كېيىن« ،شەھەرگە بېرىشىڭغا قەتىي رۇخسەت يوق» دەپ ئۇنى كىچىك
بولسىمۇ ئەمگەككە ئېلىپ چىقىشقا باشلىدى .بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان دادام بىلەن ئاپام
سادىقنى بىر ئامال قىلىپ شەھەرگە ئەۋەتىۋېتىڭالر ،دەپ تاپىالپ ئېيتقاندىن كېيىن- 8 ،
ئايدا غەيشە بىلەن سوفىيە كەلگەن ماشىنىالر بىلەن سادىقنى يوشۇرۇپ يولغا سېلىۋەتتى.
ئورمىدىن قايتقاندىن كېيىن سوفىيە ھەم شەھەرگە كەتتى .چۈنكى - 67يىلى بىرىنچى
ئايدىن باشالپ گۇڭشېدىن دادام ـ ئاپام ۋە كىچىك ئىنى ـ سىڭىللىرىم بولۇپ ،ئالتە
ئادەمنىڭ ئاشلىق نورمىسىنى بەرمەي توختاتتى .پەقەت تۆت كىشىگىال نورما بەردى .بىر
يىلدا بىزگە پەقەت ئەتراپتىن ئون ۋە ياڭيۇدىن باشقا ھېچنەرسە بەرمەيدۇ .ئىشلىگەن
ئىش ھەققىمىز ئۈچۈن يىلالر بويى بىر تىيىن پۇل كۆرمەيمىز .تۇرمۇش ئېغىرالشتى.
شەھەردە ئاتا ـ ئانام بالىالر بىلەن نورمىسىز ئۆيدىكى گىلەم ،كىيىم ـ كىچەككە ئوخشاش
كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى سېتىپ ئېلىپ ئاندىن ئۇ بېلەتنى ھۆكۈمەتنىڭ
ئون پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ ئاشلىق سېتىپ ئاالتتى .سىرتتىن ئاشلىق بېلەتمۇ ئاسان
تېپىلمايتتى .ھۆكۈمەت بىلىپ قالسا« :قانۇنسىزلىق بىلەن ئېلىپ ـ ساتار قىلدىڭ» دەپ
تۇتۇپ كېتەتتى .ئەھۋال قىيىنالشتى .ئۆيدىمۇ ساتار نەرسە تۈگەپ قالغان ئىدى .ساتىمەن،
دەپ ئېلىپ چىقساڭ شۇنداق ئەرزان ئەرزىمىگەن باھا بىلەن ئاالتتى .شۇنىڭغىمۇ خۇشال
بولۇپ ،ئۆلمەسنىڭ چارىسىنى قىالتتى.
سىڭلىم سوفىيە شەھەرگە بارغاندىن كېيىن ئىسمىنى يوشۇرۇپ سورەييە دەپ،
سەلىمە ھەدىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن باسما زاۋۇتىغا ئىشقا كىرىپ ،كۈندۈزى زاۋۇتتا
ئىشلەپ ،كېچىلىرى رېشىلىيە تىكىپ ئائىلىگە ياردەملەشتى.
كۈندۈز ماشىنا بوش ۋاقتىدا ئاپام تىككۈچىلەرنىڭ كېسىپ بەرگەن زاكاز (بۇيرۇتۇلغان)
ئىشىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ئەرزان باھادا تىكىپ دېگەندەك كۈن كۆچۈرۈشكە باشلىدى .شۇ
يىلالردا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىككى خىل كۆز قاراشقا بۆلۈندى .بىرسى 1ـ
3ـ سىلىڭبۇ ،ئىككىنچى قىزىل ئىككىنچى سىلىڭبۇ بولۇپ ،بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشتىكى
كىشىلەر بىر ـ بىرىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى.
شەھەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ ،نەنمىڭ (جەنۇبى دەرۋازا) دىن سەندۇڭبىغا قەدەر ئارىلىقنى
453

قىزىل - 2سىلىڭبۇ كۆز قاراشتىكىلەر ئىشغال قىلدى .نەنمىڭدىن (جەنۇبى دەرۋازا)
ئو تەرىپنى - 3 - 1سىلىڭبۇدىكىلەر ئىشغال قىلىپ ،بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشتىكى
ئادەملەر قارشى تەرەپنىڭ يېرىگە ئۆتەلمەيتتى .ئەگەر ئۆتۈپ قالسا تۇتۇپ ئۇرۇپ قىيناپ
ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى .بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ
ئىدارە ،زاۋۇت ،مەكتەپلەر ،ئەڭ قىسقىسى ئائىلىدىكىلەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ،سوقۇشۇشقا
باشلىدى .نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر مۇشۇ سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ ،ئەر ـ خوتۇن ئايرىلىپ كېتىپ
بالىالر يېتىم قالغان ،ھەتتا بەزى ئادەملەر زىددىيەتنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئۆزلىرىنى
ئۆلتۈرۈپمۇ ئالغان ئىدى .شەھەر ئىچىدە تىنچلىق يوقالدى .پۈتۈن چوڭ بىنا ،مەكتەپ،
ئىدارە ئورۇنالرنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئاۋازلىق يوغان مىكروفون كانايلىرى ئورنىتىپ
ئۇنىڭدا توختىماي يىگىرمە تۆت سائەت ۋارقىراپ كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالىدىغان سۆزلەر
ۋە تەشۋىقاتالرنى ھەمدە ماۋجۇشىنى مەدھىيىلىگەن ناخشا ـ شوئارالرنى ۋارقىرىتىپ ،ئۇ
بولمىسا «قىزىل چىراغ»« ،شاجاباڭ» دېگەن خەنزۇچە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ شۇنداق
سەت ،يېقىمسىز ناخشىلىرىنى ئوينىتىپ كىشىلەرنىڭ جېنىغا تېگەتتى ،ئادەملەرگە كېچىدە
ئۇيقۇ كۈندۈزدە ئارام بولمايتتى .كىشىلەر ئۆزارا پاراڭلىشالماي قۇالقلىرىغا پاختا تىقىپ
ئالسىمۇ جېنىغا ئارام بولماستىن ئازابلىناتتى .بىزنىڭ گۇڭشېدىكىلەرمۇ « 3 - 1ـ سىلىڭ»
كۆز قاراشتا ئىدى .ئۇالر بۇ كۆز قاراشقا سادىق كۆڭلى ۋە ھەقىقىي يۈرىكى بىلەن ئىشلەپ
كەلدى.
ئۇالر گۇڭشېدىكى ساغالم ،كۈچلۈك يىگىتلەردىن يۈزدەك ياشالرنى تالالپ چىقىپ
ئۇالرغا تولۇق قورال ۋە مەخسۇس كىيىم بىلەن ئاتالر تارقاتتى ھەم بۇالرنى «ئاتلىق
مىنبىڭالر» (ئاتلىق ئەسكەر) دەپ تەيىنلەپ ،كېرەك بولغاندا بۇالرنى شەھەرگە ئېلىپ
كىرىپ بەزى ئورۇنالرنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇپ ،ئۇ يەردە ئۇرۇپ ـ تاالپ
ھەتتا ئۆلۈم ھادىسىسىگىمۇ ئۇالرنىڭ قاتناشقىنى كىشىلەر ئاغزىدا سۆزلىنەتتى.
ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ ئۆي ياڭخاڭدا يەنى نەنمىڭدىن يۇقىرى قىزىل - 2
سىلىڭبۇ ئىشغال قىلغان جايدا بولغانلىقتىن ،گۇڭشېدىكىلەر بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنى
«قىزىل - 2سىلىڭ» كۆز قاراشتا دەپ قارايتتى ۋە كېچە ـ كۈندۈز بىزنىڭ ئۆينى كۆزەت
قىالتتى .ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھېچقايسىمىز ھېچقانداق كۆز قاراشتا بولمىدۇق .چۈنكى بۇ
ئىككى كۆز قاراشنىڭ بىرسى ۋاڭ ئىنماۋنى ،يەنە بىرسى ئۇگاڭنى قولاليدىغان كۆز قاراش
بولۇپ ،بۇنىڭ بىز ئۈچۈن يەنى مىللىيالر ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.
454

چوڭ ئەترەت زالدىكى كۈرەش يىغىنى
- 67يىلى - 6ئاينىڭ - 15كۈنى
كىشىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قالپاقلىقالرنى ،پومېشچىك ،باي دېھقانالر
بىلەن كېسەكلەرنى توشۇپ تىزىۋاتاتتۇق 6 .قوراللىق مىنبىڭ كېلىپ بىزنىڭ ئەتراپىمىزنى
چۆرىدەپ زەھەرلىك كۆزلىرى بىلەن يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇراتتى .مەن ئاستا شىۋىرالپ
يېنىمدىكىلەردىن:
بۇالر نېمىشقا كېلىپ يۈرىدۇ ،دەپ سورىدىم.
الۋلى :گەپ قىلما قىز ،ئۇرۇپ كېتىدۇ ،دېدى.
مەن كۆڭلۈمدە بىرەر يامان ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى سەزدىم ،يېرىم سائەت ئۆتمەستىن
ھېلىقى مىنبىڭالر بىزنى چاپسان تىزىلىڭالر ،دەپ توۋالپ يۈرۈپ چوڭ ئەترەت زالىغا
ئېلىپ باردى .زالنىڭ ئىچىدە ئادەملەر زىچ جايالشقان ئىدى.
ئۈچىنچى چوڭ ئەترەتتىن كەلگەن ،ياشلىق ۋە ساغالملىق ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ
چىققان كۈچ ۋە غەيرىتىنى نەگە ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرغان 21 ،16ياشالر ئەتراپىدىكى
ئەللىككە يېقىن ياش مىنبىڭالر بەللىرىگە گرانات ۋە ئوقالرنى قىستۇرغان ،مۈرىلىرىگە
ئاپتومات ئاسقان ھالدا ،ئادەم بىلەن لىق بولۇپ تۇرغان زالنىڭ ئىچىدە كۆن ئۆتۈكى
بىلەن تارسىلدىتىپ ئۇياقتىن ـ بۇياققا مېڭىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشقا
تىرىشاتتى.
بىزنى زالغا باشالپ كىرىشى بىلەن:
«تۆت خىل ئۇنسۇرالرنى يوقىتايلى!»
«يوقالسۇن سىنىپىي دۈشمەنلەر!»
«تۆت خىل ئۇنسۇرالردىن ھېساب ئااليلى!» دېگەن شوئارالر بىلەن پۈتۈن زال خەلقى
دۇر ـ دۇر توۋاليتتى .بىزنى خەلقنىڭ ئالدىغا تىزىپ تۇرغۇزدى .ھەممە ئادەم مۇشتۇمىنى
بىزگە تەڭلەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرايتتى .ماڭا بەكمۇ ئېغىر تۇيۇلدى .خۇددى مەن
خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغۇدەك بىر يامان ئىش قىلغان ئەسكى ئادەمدەك بولدۇم .راست
مەن شۇنچىلىك يامان ئادەممۇ؟ مەن نېمە يامان ئىش قىلدىم؟ ئوغرىلىق قىلىپ ،ئادەم
ئۆلتۈرمىدىم ،يامان يولدا يۈرمىدىم .مەن پەقەت خەلق ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى
455

ئىستىدىم ،مەن يامان ئادەم ئەمەس .مېنىڭ گۇناھىم يوق ،دەپ ئۆز كۆڭلۈمنى بەزلەپ
قەددىمنى تىكلەپ ،ئۆزۈمنى مەغرۇر تۇتۇشقا تىرىشتىم ۋە ئىچىمدىمۇ بىر كۈچ پەيدا
بولغاندەك بولۇپ ،كۆكسۈمنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ خەلققە قاراپ تۇراتتىم .مېنىڭ
بۇ تۇرۇشۇمغا ئاچچىقى كەلگەن قابدالقاق مىنبىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ دۈمبىلىرىمىزگە
مۇشتالپ ئىتتىرىپ يۈرۈپ «ئېڭىش ـ ئېڭىش» دەپ يۈكۈنۈپ تۇرغاندەك تۇرغۇزۇپ ئىككى
قولىمىزنى پۇتىمىزنىڭ ئۇچىغا يەتكۈدەك چۈشۈرۈپ ئېگىپ قويدى ۋە مېنىڭ بېشىمدىكى
ياغلىقنى قابدالقاق يۇلۇپ ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ئاياق ئاستىغا تاشلىدى .ئۆزىنى بىلمەي
سەكرەپ يۈرگەن بەڭۋاش بالىالر پاسكىنا پۇتلىرى بىلەن چەيلەپ دەسسەپ تۈكۈرۈشكە
باشلىدى .ئۇالر بۇ ئارقىلىق ماڭا ھاقارەت قىلىۋاتقىنى ئىدى .بۇ ئىشالرنىڭ ھەممىسى
مېنىڭ روھۇمنى ئاياق ئاستىغا سېلىپ دەسسىگەندەك بولدى.
كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغان سىڭلىم سوفىيە بۇ خارلىققا چىدىماستىن يەردىن ياغلىقنى
ئېلىشى بىلەن ،ھېلىقى قوراللىق مىنبىڭالر سوفىيەنى سۆرەپ تاالغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
تاالدا ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ باشالندى .زالدىكى بارلىق مىنبىڭالر تاشقىرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ
كەتتى .مەن سىڭىللىرىمنى ئۇرۇۋاتقىنىنى بىلىپ كۆڭلۈم يامان بولدى .ئىچىم سىقىلىشقا
باشلىدى .بىر ھازادىن كېيىن مىنبىڭالر تاالدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ ،مېنىڭ ياقامدىن سۆرەپ
ئالدىغا تارتىپ چىقتى .قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ:
ــ ھەي خەلقلەر! بىلەمسىلەر ،ماۋۇ تۇرغان ئەكسىلىنقىالبچى سۆيۈنگۈل شىنجاڭنى
ئامېرىكا ،ياپون ۋە سوۋېتكە ساتقان خائىن دەپ توۋلىغان ئىدى ،زالدىكى پۈتۈن ئادەم
چۆچىگىنىدىن بىردەك «ئۇ» دەپ ئىچىگە تارتىپ خۇدايىم ساقلىسۇن دەپ دۇرۇلدىشىپ
كەتتى .ھەممە قوراللىق مىنبىڭالر مېنى چۆرىدەپ ئېلىپ شىنجاڭنى قانچىگە ساتتىڭ
تاپشۇر ،مەسىلەڭنى تاپشۇر ،دەپ ياقامدىن سىقىپ بىر ئىتتەرگەن ئىدى ،سەنتۈرۈلۈپ
بېرىپ قارشى تەرەپتە تۇرغان مىنبىڭ (خەلق ئەسكىرى) الرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ
قالدىم .ئۇالر:
ــ ساتقان پۇلۇڭنى نەگە قويدۇڭ تاپشۇر! دەپ بىر قانچە مۇشت بىلەن باش ـ كۆزۈم
دېمەي ئۇرغان ئىدى ،چېچىمغا قىستۇرغان تارغاق ئېتىلىپ يەرگە چۈشۈپ ئۆرۈلگەن
چېچىم مۈرەم ئۈستىدە تارىلىپ چۇۋۇلدى .شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدىكى ۋالىبول توپىدەك
بىر دەم ئۇ تەرەپكە ،بىردەم بۇ تەرەپكە سەنتۈرۈلەتتىم .ياقامدىن سىقىپ:
شىنجاڭنى كىمگە ساتتىڭ؟ نەچچىگە ساتتىڭ؟ ساتقان پۇلنى نەگە قويدۇڭ؟
تاپشۇر ھازىر ،دەپ ھەر بىر ئادەم بىر نەچچە مەرتىۋە تەكرارالپ توۋاليتتى .بازغاندەك
456

يوغان قوللىرى بىلەن ئۇرغاندا جېنىم قاقشاپ كېتەتتى .بىر ھازا ئۇرغاندىن كېيىن ،مېنى
سۆرەپ كېلىپ ئۆز ئورنۇمغا ئېڭىشتۈرۈپ تۇرغۇزۇپ قويدى .يۈزۈمگە چۇۋۇلۇپ چۈشكەن
چاچلىرىمنى قولۇم بىلەن قايرىپ كەينىمگە تاراي دەپ قولۇمنى بېشىمغا ئېلىپ بارغان
ئىدىم ،زالىم قابدالقاق قولۇمغا بىرنى سالغانتى ،قولۇم سۇندىمىكىن ،دەپ قالدىم .شۇنداق
ئاغرىدىكى جېنىم سىرقىراپ كەتتى.
ئاندىن پومېشچىك لويوجۇڭنى سۆرەپ چىقىپ «بۇزغۇنچى» سىنىپىي دۈشمەن ،ئۆچ
ئېلىش كېرەك ،دەپ خېلى قىينىدى.
ئۇنىڭ كەينىدىن تۇتۇڭخو تۈگمەن ئەترەتتىن ئېلىپ كەلدۇق ،دەپ بىر ئادەمنى
سۆرەپ چىقىپ:
ــ قوتاندىن چىققان بۇزغۇنچى ،بۇ خۇڭ ئەرسى (قىزىل - 2سىلىڭبۇ) ئىكەن.
شەھەرگە بېرىپ خەلققە سۆز تارقاتقان ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر ،تاپشۇر مەسىلەڭنى! دەپ
ئۇنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقتى .بىز ئېڭىشىپ تۇرغانلىقتىن باش كۆتۈرۈپ قاراش مۇمكىن
ئەمەس ئىدى .ئۇ ئادەمنىمۇ شوئارالر توۋالپ ،تارسىلدىتىپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئۇ
ئادەم:
ــ ۋاي مەن شەھەرگە كىرگەن ئىدىم .كىشىلەر «خەلق مەيدانى ئالدىدا ئاچلىق
ئېالن قىلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىالرنى قىرىۋېتىپتۇ» دېگەندىن كېيىن كۆرگىلى بارغانتىم
دېيىشىگە خەلق ئەسكەرلىرى يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ مىناۋ نى دېدى (ماۋۇ نېمە دەيدۇ) كىم
ئۆلتۈرۈپ كېتىپتۇ ئۇالرنى ،دەپ ۋارقىراپ ئۇ ئادەمنى ئۇرۇپ كەتتى .مەجلىس باشقۇرغۇچى
ئادەم توختاڭالر ،قۇربان ئاۋۋال ئۆزى سۆزلەپ بولسۇن ،ئۇيغۇرچە سۆزنى چۈشەنمىسەڭالر
سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن سوراڭالر ،دېدى.
قۇربان دېگەن ئادەم سۆزىنى داۋامالشتۇرۇپ ،خەلق مەيدانىنى كۆرۈش ئۈچۈن باردىم.
ئوقۇغۇچىالر ئاچلىق ئېالن قىلىپ مەيداندا ئۈچ كۈن ئولتۇرغان ئىكەن ،بىر كېچىدە پۈتۈن
ئوقۇغۇچىالر يوقاپ كېتىپتۇ.
ــ ئارىدىن بىرسى نەگە كېتىپتۇ ،قانداق يوقىلىپتۇ ئۇالر ،دەپ ۋارقىرىدى.
ــ قۇربان مەن بىلمەيمەن ،مەن پەقەت مەيداندا تۇرغان ئاپتوبۇستىكى قانالرنى
كۆردۈم ،ئاپتوبۇسنىڭ پۈتۈن دېرىزىلىرى سۇنۇپ كەتكەن ئىكەن ،ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىن،
يەنە سۆزنى بۆلۈپ:
سەن كىمنى ئادەم ئۆلتۈردى دېمەكچىسەن؟ بۇ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ ،دەپ ئۇرۇپ،
457

سوقۇپ ،قىيا ـ چىيا بولۇپ كەتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە شوئار توۋلىغۇچىنىڭمۇ ئاۋازى پۈتمەي
بىر كېچە توختىماستىن شوئار توۋالپ چىقتى .بۇ ئاۋازالر ئىچىدە بەش سائەت ئېڭىشىپ
تۇرۇپ پۇتۇمنىڭ ئاغرىشى جېنىمغا تەگدى.
سائەت 12لەردىن ئاشقاندا مەجلىس باشقۇرغۇچى تۆت خىل ئۇنسۇرالر چىقىپ
كەتسۇن! دەپ توۋلىغان ئىدى .ھەممە خەلق مۇشت تەڭلەپ بىزنى ئۇرغىلى كەلگۈچە
مەن ئىشىكتىن چاققان چىقىپ كەتتىم .قالغانالرنى ئىشىكتىن چىققانچە ئۇرۇپ ،مۇشتالپ
ھور جېنىنى قويدى .بالىالرنىڭ روھى چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ چاچلىرىمنى سىالپ
تاراپ ،رەتلىنىپ ،غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كۈلۈپ ئۆيگە كىردىم .مەن ئىشىكتىن كىرىشىم
بىلەن ئىنى ـ سىڭىللىرىم ھەيران بولۇپ:
ــ ئۇالر سېنى شۇنچە ئۇرۇپ قىيناۋاتسا سەن بولساڭ ھېچنېمە بولمىغاندەك ناخشا
ئېيتىپ كۈلۈپ ئولتۇرىسەنغۇ؟! دەپ ئالدىمغا كېلىشتى .مەن ئۇالرغا:
ــ ھېچ ۋەقەسى يوق .بۇ دۇنيا ياخشىمۇ ،يامانمۇ بولۇپ تۇرىدۇ .لېكىن ھەممىسى
ئۆتۈپ كېتىدۇ .بىز ھېچ كىمگە يامانلىق قىلمىدۇق ۋە ھېچقانداق قىلغان گۇناھىمىز
يوق .شۇڭالشقا ۋىجدان ئازابىمىز يوق دېدىم .شەھەردىن كەلگەن چوڭ دادامنىڭ قىزى
مۇقەددەس:
ــ سىز مۇشۇ مىجەزىڭىز بىلەن بۇ كۈنلەرگە چىدىغان ئىكەنسىز ،دەپ ھەيران بولدى.
ــ كېلىڭالر ،ئولتۇرۇپ راھەتلىنىپ چاي ئىچەيلى ،ئاندىن راھەتلىنىپ ئۇخالڭالر
دېدىم.
سوفىيىدىن :قانداق سېنى ئۇردىمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ھەئە ،مېنى سۆرەپ چىقىپ ئەكسىلىنقىالبچىغا يان باستىڭ ،دەپ ھېلىقى يوغان
مىنبىڭ ئۇرۇپ بىر ئىتتەرگەن ئىدى ،ئېرىقنىڭ ئىچىگە يىقىلىپ ئولتۇرۇپ قالدىم .ئىزامۇ
تارتماستىن شۇ بەستى بىلەن گەۋدەمگە بېسىپ مۇشتالپ يۈرىدۇ .غەيشە بولمىسا
ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ھالى بار دېدى.
غەيشە كېلىپ سوفىيەنى قۇچاقالپ قوللىرىنى سىالپ تۇرۇپ :قارىسام سوفىيەنى
بار جەھلى بىلەن تازا ئۇرۇۋاتقان ئىكەن ،يۈگۈرۈپ بېرىپ شۇنداق بىر ئاچچىق بىلەن
بىلىدىكى تاسمىدىن تۇتۇپ تارتقان ئىدىم ،ئۇ مىنبىڭ كەينىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
شۇ ئارىدا سىز بىلەن قۇرۇلۇشتا بىللە ئىشلەيدىغان ئادەملەر كېلىپ بىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ
قويدى .ئۇالر بىزگە «نېمىشقا يىغىنغا كېلىسىلەر؟ ئۆيدە ئولتۇرساڭالر بولمامدۇ؟ سىلەر
458

نېمە قىلىپ بېرەلەيتتىڭالر؟ مانا سەن كىرىپ ياغلىقنى ئالدىڭ ،ھەدەڭگە بىكاردىن
شۇنچە تاياق يېگۈزۈپ ئازابالتتىڭالر .ئۆزۈڭالرمۇ بوشقا تاياق يېدىڭالر .ھازىر كىشىلەرنى
سورايدىغان ھۆكۈمەت ،قانۇن يوق .كىمنى كىم ئۆلتۈرسىمۇ ھېچكىم سورىمايدۇ» دەپ
بىزگە كۆپ ياخشى سۆز قىلىپ ئۆيگە كىرگۈزۈپ قويۇپ كەتتى ،دېدى.
سوفىيە بىر كېچە ئاغرىپ ئۇخلىيالمىدى.
- 16ئىيۇن ئەتىگەن تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن خالىس ئەمگەككە چىقتىم .بىزنىڭ
يېنىمىزغا قۇرباننىمۇ ئىشلەشكە ئېلىپ كېلىپ قويدى .ئاياغلىرىنى يېشىپ اليغا چۈشۈپ
كەتمەن بىلەن الينى بىر ئاز ئارىالشتۇرۇپ قويۇپ ،مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.
— مەن سىزنى كىشىلەر ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم .بىز تەرەپتە كىشىلەر سىزنىڭ
ياخشى گېپىڭىزنى كۆپ قىلىدۇ .غەيرەتلىك ،چىداملىق باتۇر قىز دەپ سىزگە ئاتاپ
قوشاقالر توقۇپ يوشۇرۇن ئېيتىپ يۈرىدۇ .مەن ئاڭالپ سىزنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان
ئىدىم .ئاخشام كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ ئۇالر دېگەندىنمۇ ئارتۇق غەيرەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى
كۆردۈم .سىز نەنسەننىڭ گۈلى ئىكەنسىز .مېنىڭ ئىككى قىزىم بار .قىزلىرىم سىزدەك بولۇپ
چىقسا دەپ ئارمان قىلىمەن ،دېدى .مەن خىجالەت بولۇپ ،بىر نەرسە سۆزلىيەلمەي
قالدىم .قۇربان كەتمەن بىلەن الينى ئارىالشتۇرۇپ قۇيۇپ:
ــ قاراڭ ئاجايىپ بىر ئىش .ئاخشام يىغىندا ئاغزى يېپىلماي شوئار توۋالپ ئولتۇرغان
ھېلىقى قوتۇر ئاكتىپ ئىتنى بىلەمسىز ،مەن كۆرمىگەن ئادەم ئىكەن دەپ سورىدى.
ــ مەنمۇ بىلمەيمەن ،بۇ يەردىكى ئادەمگە ئوخشىمايدۇ ،دېدىم.
ھە شۇ ئادەم مەجلىستىن قايتقاندىن كېيىن گىلىم ئاغرىپ كەتتى دەپ ياتالماي
قالغان ئىدى ،دوختۇر كۆرۈپ «كېكىردىكى يېرىلىپ كېتىپتۇ ۋە يۈرىكىمۇ ياخشى ئەمەس،
شەھەرگە ئېلىپ بېرىش كېرەك ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدۇ» دېدى .ماشىنىنى ھەل
قىلغۇچە ئۇ بىچارە ئۆلۈپ كەتتى .كۆڭلۈم بەك ئەسكى بولدى .ھايات دېگەن شۇنچىلىك
نەرسە ئىكەن .ئۆلەرىمىزنى بىلمەي قىينىلىپ ياشايمىز ،دېدى.

- 67يىلى - 6ئاينىڭ - 29كۈنى
رېجىمدا ئىشلەۋاتقان تۆت خىل ئۇنسۇرالرغا ئورما ئورۇش ئۈچۈن بارىسىلەر ،يېرىم
459

سائەت ئىچىدە ئورۇن ـ كۆرپىلىرىڭالرنى ئېلىپ چوڭ ئەترەت ئالدىغا توپلىنىڭالر ،دەپ
ئۇقتۇردى.
دېگەندەك يېرىم سائەت ئىچىدە تەييار بولۇپ كەلدۇق.
چوڭ ئەترەت پارتكوم شۇجىسى قابدال چىقىپ مېنى كۆرۈپ ۋارقىراپ:
ــ سەن نېمە تويغا بارىدىغاندەك ياسىنىپ چىقىپسەنغۇ ،بىلەمسەن ،سەن دېگەن
خەلق دۈشمىنى ،ئەكسىلىنقىالبچى ئۇنسۇر ،سەن بۇنداق ياسىنىپ ،بېشىڭنى كۆتۈرۈپ
يۈرۈشكە ھەققىڭ يوق .ئەكسىچە خەلقلەردىن تۆۋەن تۇرۇشۇڭ كېرەك ،دەپ ئالدىمغا
دېۋەيلەپ كېلىپ ئاچچىق بىلەن توۋالپ «ياخشى ئىشلىمىسەڭ ئاقىۋىتىڭ نېمە
بولىدىغانلىقىنى ئويالپ قوي» دەپ پوپوزا قىلىپ كەتتى .ھەيران بولۇپ ،كىيىملىرىمگە
قارىدىم ،ھېچ ئۆزگىرىش يوق ،ئادەتتىكىدەك ئىدى .پەقەت پاكىزلىق بىلەن يېڭى كۆرۈنۈپ
كەتكەن ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم.
ئۈچ سائەت يۈكلىرىمنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ ياتاققا ئاران يېتىپ كەلدىم .مەن
قىزالر ياتىقىنىڭ ئىشىك تۆۋىدە بىر جايغا ئورۇنالشتىم .قالپاقلىقالرغا ئورۇن بولمىغاچ
تاالدا قالدى .تاماقخانىغا بارسام شۇنداق كۆپ ئادەم .ھەر بىر ئەترەتتىن ئورما ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كەلگەن ئىكەن.
بىزنى ئوتتۇرىغا تىزىپ تۇرغۇزۇپ قويدى .بەزى ئادەملەرنى ئاغزىغا كەلگەن يامان
سۆز بىلەن ھاقارەت قىلىپ كەمسىتەتتى.
ھەممە ئادەم تاماق ئېلىپ بولغۇچە كۈتۈپ تۇردۇق .بىزگە كەلگەندە تاماقمۇ تۈگەپ،
كۆيگەن ۋە خام نانالر تەگكەنگە تەگدى ،تەگمىگەنلەرگە يوق .بۇنداق تىزىپ قويۇپ
كەمسىتىشلەر ،تاماقتىكى قىلىنغان خورلىنىشالر ئىنتايىن جېنىمغا تەگدى .شۇنىڭدىن
كېيىن تاماققا بارمىدىم .سىڭىللىرىم سوفىيە ،غەيشە تاماققا بارغاندا ماڭىمۇ ئېلىپ
كېلىدىغان بولدى .بىز شۇ كۈنى كېچىدىن باشالپ ئىشقا چۈشتۇق .بىزگە شاالڭ بىر
غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى ئورغاق چۈشمەيدىغان ئېتىزالرنى بۆلۈپ بەردى .ئورغاق ئەمەس قول
بىلەن يۇلۇشقا توغرا كەلدى.
بىزگە بەلگىلەنگەن نورما باشقىالرغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بېرىلگەنلىكتىن،
سەھەر سائەت ئىككىدىن كېچە سائەت 11 - 10گە قەدەر ئىشلىگەندە نورمىنى ئاران
ئورۇنالپ بوالتتۇق .ئېغىر ئەمگەك ،ئېغىر تۇرمۇش ھەم ئۇيقۇسىزلىق ۋە كەمسىتىشلەر
ئاستىدا ئىككى ئاي دېگەندە ئەلنىڭ كەينىدە قېلىپ بارلىق ئىشنى تۈگىتىپ قايتتۇق.
460

قىزىل سايدىكى جاپالىق ئەمگەك
- 67يىلى - 9ئاينىڭ - 1كۈنى
ئورمىدىن پىيادە ھېرىپ ئۆيگە كەلسەم« ،ئەتە قىزىل سايغا يول ياساشقا بارىسىلەر»
دەپ ئۇقتۇردى.
ماشىنا بىلەن ئىككى يېرىم سائەت يول مېڭىپ يېتىپ كەلدۇق .قىزىل ساي
تۇتۇڭخۇدىكى تۈگمەننىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان ،ھەقىقەتەن قىپقىزىل ،ئوت ـ چۆپ
ئۆسمەيدىغان ئېگىز تىك تاغ بولۇپ ،يامغۇر ،بورانالردا يوغان ـ يوغان تاشالر يۇمىالپ
چۈشۈپ ساينىڭ ئىچىگە تىقىلىپ كەتكەن ،ئادەملەر پىيادە مېڭىشقىمۇ مۇمكىن ئەمەس
ئىدى .مۇشۇ ساينىڭ ئەڭ بېشىدا كۆمۈرخاڭ ئېچىپ كۆمۈر توشۇش ئۈچۈن خاڭ ئاغزىغىچە
ماشىنا ماڭىدىغان يول ياسايدىكەنمىز .پۈتۈن ئەترەتتىن كىشىلەرنى يىغىپ كېلىپ يول
ياساش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى ئېچىپ ،ئەتە ئىش باشاليدىغانلىقنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنىڭ
سىياسىي ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا دوكالت قىلدى .بۇ دوكالتقا تۆت خىل ئۇنسۇرالرنىڭ
قاتنىشىش ھوقۇقى بولمىغانلىقتىن ماڭا ئاشخانىغا ئوتۇن تىرىپ كېلىشنى تاپشۇردى.
مەن ساينىڭ ئىچىدىن ئوتۇن تىرىپ يۈرەتتىم .مېنىڭ ئالدىمغا تاغ ئۈستىدىن بىر
تاش يۇمىالپ چۈشتى .مەن تاش چۈشكەن تاغ ئۈستىگە قارىسام ،چاچ ـ ساقال ،قاش ـ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.