Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28

Süzlärneñ gomumi sanı 3860
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
تېپىپ كىيسە كۆڭلىدىكى جىددىيلىك ئالدىرىتىپ بىر قانچە قېتىم بۇ ئەھۋال تەكرارلىنىپ،
گۇڭشې دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ .ھېلىقى مىنبىڭالر خەدىچەنىڭ ياتاق
ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى شۇنداق جىددىي ھالدا ئۇرۇشقا باشلىدى .ئۆيدە ئۇخالۋاتقان
خەدىچە قورققىنىدىن چىرقىرىغان ئاۋازدا:
416

— كىم ئۇ! دەپ توۋلىشى بىلەن مىنبىڭالر ئىشىكنى ئۇرۇپ ئاچ ئىشىكنى! ئاچ دەپ
ئۈستى ـ ئۈستىگە توۋلىغان ھالدا ئىشىكنى مۇشتالپ ،تېپىپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن ئۆي
ئىچىدىن خەدىچە توختاپ تۇرۇڭالر كىيىمىمنى كىيىۋاالي دېسە ئۇنىڭغا قارىماستىن
ئاچ ،ئاچ ئىشىكنى دەپ ۋارقىرايدۇ .بىز ھەيران بولدۇق .نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆيگە ھەدەم
كېلىپ قالىدۇ؟ نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ قورقتۇق ھەم قاتتىق ئەنسىرىدۇق .ھېچ نەرسىنى
چۈشەنمەي ھەيرانلىقتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قالدۇق .ئىشىك ئېچىلىپ كىيىملىرىنىڭ
تۈگمىلىرىنى تۈگمىلەپ تۇرۇپ مىنبىڭالردىن خەدىچە سېسترا:
نېمە ئىش؟ نېمە بولدى دەپ سورىدى .مىنبىڭالر ئۇنىڭغا قارىماستىن ئىشىكنى
ئىتتىرىپ «سۆيۈنگۈلنى چىقىرىپ بەر» ئەكسىلىنقىالبچىنى نېمە ئۈچۈن ئۆيۈڭگە
تىقىپ ئالدىڭ دەپ ئۈسۈپ ئۆيگە كىرىپ ئاختۇرۇشقا باشلىغان ئىدى .خەدىچەنىڭ
ئاچچىقى كېلىپ« :مەن ئۇ ئەكسىلىنقىالبچىنى نېمىشقا ئۆيۈمگە تىقىمەن ،ماڭا ئەكېلىپ
بەرگەنمىدىڭ ،ساراڭ بولۇپ قالغانمۇ بۇ خەق .مېڭەڭ ئىشلەمدۇ ،يېرىم كېچىدە ئادەمنىڭ
ئىشىكىنى ئۇرۇپ قورقۇتىدىغان نېمە ھەققىڭ بار ،يوقىلىش» دەپ توۋالپ ئىشىكنى يېپىپ
كىرىپ كەتتى .بىز ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي بىر مىنبىڭغا بىر خەدىچەگە قاراپ قېتىپ
قالدۇق .شۇ ئارىلىقتا بىر مىنبىڭ كېلىپ «سۆيۈنگۈل كەلدى» دەپ ھېلىقى مىنبىڭالرغا
بىر نەرسىلەرنى سۆزلەپ قويۇپ كەتتى .بىز يەنە خاتىرجەم بواللماي ئىش مەيدانىغا بېرىپ
سىزنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى ،دېدى .شۇ كېچىدىكى ئەھۋالالرنى
سۆزلەپ سوفىيە بىلەن غەيشە ئۆزىنى باسالماي كۈلەتتى .ئۇالرنىڭ كۈلكىسىگە ئاپام
قوشۇلۇپ كۈلۈشەتتى ،غەيشە كۈلكىسىنى ئاران توختىتىپ:
ــ مىنبىڭ دەپ كاللىسىدا مېڭىسى يوق دەلدۈشلەرنى يىغىپ كەپتۇ ،ئۇ ۋاقىتتىكى
ئەھۋالنى سەن كۆرسەڭ ئىدى دەپ كۈلكىسىنى باسالماي كۈلۈشەتتى.
خەدىچەنىڭ ئۆيىدىن ئىزدىگەندە بىز ماشىنىدىن ئۆرۈلۈپ قاتتىق يارىالنغان ياكى
ئۆلدىمىكىن دەپ قورقتۇق .بىلەمسىز بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىمىزنى ،يۈرىكىمىز
يېرىلدى دەپ سوفىيە توۋا مىنبىڭ دېگەن ساراڭالرغا ئاچچىقىم كەلدى .بۇ ئەخمەقلەرنى
نەدىن تېپىپ كەلگەندۇ؟ خەدىچەنىڭمۇ يۈرىكىنى ياردى.
مەن ھەيران بولدۇم .نېمە ئۈچۈن ئۇالر مېنى خەدىچەنىڭ ئۆيىدىن ئىزدىدى ،دەپ
ئويلىدىم.
چاي ئېچىپ يېرىم سائەت دەم ئالغاندىن كېيىن ئىشقا ــ مەكتەپ سايغا كەتتىم.
417

نېمە بولسىمۇ ،ھەممىنى قوزغاپ قىيا ـ چىياغا سېلىپ ئۇخلىغان يېرىم سائەتلىك
ئۇيقۇم ماڭا خېلى كۈچ بەردى ،ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىك
بولسۇن دەپ چاقچاق قىلىپ ئۇالرنى كۈلدۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
مەكتەپ سايدىكى بۇ پونكىتنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ بىنا تاملىرى بىر يېرىم
مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن ئىدى .مەن شۇ قۇرۇلۇشقا بىر تەرەپتىن الي ياساپ ،بىر
تەرەپتىن ئىككى چېلەكلەپ ئەپكەش بىلەن الي توشاتتىم .ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز دەم
ئالماي ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھارغىنلىقتىن بولسا كېرەك يۈرىكىم تېز
سوقۇپ ئىچىم قىزىپ ئۇسسىغاندەك ئېغىزلىرىم قۇرۇپ ،پۈتۈن بەدىنىمدىن كۈچسىزلىك
سېزەتتىم .مېڭىلىرىممۇ يەڭگىل ئەمەس ،ھەممە نەرسە چۈشتەك بىلىنەتتى .بۇنداق ئۈچ
كېچە ـ كۈندۈز دەم ئالماي ئىشلەش ھەپتىسىگە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىش
بوپقالدى .بۇنىڭغىمۇ ئۆگىنىپ قالدىم.
مەن اليدا ئىشلەۋاتاتتىم .مېنىڭ كەينىمدىن ئۆتىدىغان ئات يولىدا ئاتقا مىنىپ بىر
قازاق بالىسى كېلىپ مېنىڭ يېنىمدا زەمبىلگە كېسەك سېلىپ ئىشلەۋاتقان ئايالالر بىلەن
ساالمالشتى .ئۇنىڭ سالىمىنى ئېلىپال ھېلىقى ئايال ھە تالدىباينىڭ بالىسى تېپىلدىمۇ
دەپ سورىدى.
ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان ياش يىگىت:
ــ ياق تېخى تېپىلمىدى .بىر ئاي بولدى .ئەمدى تېپىلىشى قىيىن ،ھېچقانداق ئىز ـ
دېرىكى بولمىدى .بۆرىلەر يېسىمۇ كىيىملىرىنىڭ بىر پارچىسى بولسىمۇ تېپىالتتى ،دېدى.
ياشقا چوڭراق ئايال :بىچارە تالدىباي بىلەن ئايالى قانداق بولغاندۇر .ئۇ بىچارىلەر
ئوت يۇتۇپ يۈرگەندۇ .نەگە كەتتىكىن؟ بىرەرسى ئېلىپ كەتتىمىكىن ،ياكى جىن
ئەپقاچتىمىكىن ،ئۇ چەۋچىزى سايدا جىن بار دەيدىغان ،نۇرغۇن ئادەملەر ئەنە شۇنداق
ئىز ـ دېرەكسىز يوقاپ كېتەتتى ،دېدى.
زەمبىلنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقان ياشراق ئۇرۇق ،پاكار ئايال ھەيران بولۇپ ھېلىقى
ئايالدىن:
ــ نېمە بولغان ،قانداق يوقالغان ،دەپ سورىدى.
چەۋچىزىدە ئورما باشلىنىپ پۈتۈن ئەر ـ ئايالالر ۋە مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى
ئومىغا چىقىپ ئورما ئورىغاندا ئۇ ئاتتىكى يىگىتتىن ئۇ ئايالنىڭ ئېتى كىم ئىدى دەپ
سورىدى .ئات ئۈستىدىكى يىگىت رەخىلە دەپ جاۋاب بەردى.
418

ھە ،رەخىلەنىڭ قۇچىقىدا كىچىك بالىسى بولۇپ ،دەپ سۆزىنى داۋامالشتۇردى ياشقا
چوڭ ئايال.
رەخىلەنىڭ ئون بىر ياشلىق قىزى ئۇ بالىنى ئانىسىغا ئېمىتىش ئۈچۈن ئېتىز بېشىغا
ئېلىپ بارغاندا ئالتە ياشلىق ئوغلى بىللە بارغان ئىكەن .بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن
كېيىن ،چوڭ قىزى بالىنى ئېلىپ كەتكەندە ئالتە ياشلىق باال بالىالر بىلەن ئويناپ قېلىپ
قاپتۇ .ئۇ بالىنى كۆرگەن ئانىسى «ماڭ چاپسان كەت ئاچاڭغا يېتىشىۋال» دەپ ئۆيگە
كەتكۈزۈپتۇ .ئۇالر كېتىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن شۇنداق قاتتىق پۇرچاق يىغىپ
پۈتۈن ئېتىزلىقتىكى زىرائەتنى تۆكۈپ ياتقۇزۇۋېتىپتۇ .ئومىدىكى پۈتۈن خەلق ئالدىرىشىپ
يۈگۈرۈپ پۇرچاقتىن قېچىپ ئۆي ـ ئۆيلىرىگە كېتىپتۇ .رەخىلە ئۆيگە كېلىشى بىلەن
تاغدىن كالىسى ۋە سايدىن موزايلىرى يۈگۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ موزاي ،كالىالرنى
باغالپ ئېمىپ قويغان كالىالرنى سېغىپ مالالرنى جايالشتۇرۇپ ئۆيگە كىرگۈچە ئەتراپ
كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ .ئۆيگە كىرىپ ،قىزى قايناتقان چاينى ئىچىش ئۈچۈن
داستىخان ئۈستىگە ئولتۇرۇپ قارىسا ئالتە ياشلىق ئوغلى يوق.
شۇنىڭ بىلەن قىزىغا قاراپ باال نەدە كەچ كىردى .چاقىرىپ كىر دەپتۇ .قىزى ھەي
سەن بىلەن قالغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ ئۆيگە قايتمىدى ،دەپ قورققىنىدىن يىغالپ كېتىپتۇ.
ئۆيدىكىلەر يۈگۈرۈپ چىقىپ بالىنى ئىزدەشكە باشاليدۇ .بۇ ئىزدەشلەرگە پۈتۈن ئەترەت
قوزغىلىپ قوشۇلۇپ ئىزدىشىدۇ .ئەرلەر ئاتقا مىنىپ تاغمۇ تاغ ،سايمۇ ساي بالىنىڭ ئىسمىنى
توۋالپ ئىزدەپ تاڭ ئېتىپتۇ ،پۈتۈن ئەترەت ئۈچ كۈن ئىش تاشالپ بالىنى ئىزدەيدۇ .لېكىن
ئىز ـ دېرىكىنى تاپالمايدۇ .بالىنىڭ دادىسى تالدىباي سانجى ،قۇتۇبى ،ماناس ئەتراپلىرىنى
ئىزدەپ كېلىپتۇ .نەدە بىر بالىنىڭ خەۋىرى چىقسا شۇ جايدىن ئىزدەپ بالىسى ئۈستىدە
ھېچقانداق خەۋەر ئااللماپتۇ .بىچارە ئاتا ـ ئانىنىڭ يۈرىكىدە بىر كۆيۈك بولدى ،دەپ
ئېچىنىپ سۆزلەپ كەتتى.

- 29سېنتەبىر
تۇجان دۈيگە قوي پونكىتى سېلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى بىلەن قالپاقلىقالرنىڭ
بىللە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى .شۇنچە ئەرلەر ئىچىدە يالغۇز مەنال بار ئىدىم.
ماشىنا بىلەن ئىككى سائەت مېڭىپ «قىزىل بايراق» ئەترىتىدىن ئۆتۈپ ،تۇتۇنغۇ
419

سايغا چۈشتۇق .تۇتۇنغۇ ئۆستەڭنى بويالپ تۇجان ئەترىتىگە قاراپ ماڭدۇق.
بۇ ساينىڭ ئىككى تەرىپى ئېگىز تاش تاغالر بولۇپ ،ئۇ تاغالردا تاشالر ئارىسىدا
ئۆسكەن گىياھ چۆپلەردىن باشقا ئۆسۈملۈكلەر يوق ئىدى .ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى
ساي كەڭ بولۇپ ،تاش يولنىڭ تۆۋىنىدە تۇتۇنغۇ ئۆستىڭى تاشتىن ـ تاشقا ئۇرۇلۇپ
شارقىراپ ئاقاتتى .سۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن ساينى جانالندۇرۇپ كۆڭۈللۈك قىلىپ تۇراتتى .ئۇ
ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپى قېلىن تېرەكلىك بولۇپ ،پۈتۈن ساي بۇك باراقسان ۋە قاراڭغۇ
تۇراتتى .ماشىنا كەڭ يېيىلىپ ئاققان سۇدىن ئۆتۈپ تۇجان دۈيگە يېتىپ باردۇق.
ئۇ ئون ـ يىگىرمە ئائىلە جايالشقان كىچىككىنە ئەترەت بولۇپ ،بىز شۇ ئەترەتكە
جايالشتۇق .مېنى كىچىككىنە بىر ياتاققا ئورۇنالشتۇردى .شۇ كۈندىن باشالپ پونكىت
قۇرۇلۇشىغا ئىشلەشكە باشلىدۇق .بىزدىن باشقا شۇ ئەترەتنىڭ ئاياللىرى بىلەن 16 - 12
ياش ئارىلىقىدا بولغان ياش قىزالر ۋە بىزنى ئېلىپ كەلگەن ئۈچ مىنبىڭمۇ بار ئىدى.بۇ ئەترەتنىڭ ئەرلىرى چۆپ چېپىش ئۈچۈن تاققا كەتكەن ئىكەن.
ئايالالر بىلەن قىزالر زەمبىلدە كېسەك توشۇيتتى .مەن سايدىن تاغ باغرىدىكى
قۇرۇلۇشقا سۇ توشۇپ الي ۋە سېمونت ياساپ قۇرۇلۇشقا يەتكۈزۈپ بېرەتتىم .باشقىالر
تام قوپۇرۇپ ھەممىمىز جىددىي ئىشلەيتتۇق .ھېلىقى ئۈچ مىنبىڭ خوجايىندەك كىرىلىپ،
ئالچاڭالپ مېڭىپ ھېلىدىن ـ ھېلىغا بىزگە «ھەي تۆت خىل ئۇنسۇرالر ياخشى ئىشلەڭالر»
دەپ توۋالپ قوياتتى .ئاندىن بىردەم ئۇ يەرگە بېرىپ ،بىردەم بۇ يەرگە بېرىپ ۋە يانپاشالپ
يېتىپ كىچىك ياش قىزالرغا كۆز سېلىپ ئۇالرغا سۆز تاشالپ كۈن ئۆتكۈزەتتى.
بىر كۈنى قارىسام ھېلىقى مىنبىڭالر ياش قىزالرغا تاماكا تەڭلەپ تاماكا چېكىڭالر،
تاماكا چەكمىسەڭالر مەدەنىيەتلىك بواللمايسىلەر .بۇ ئىنقىالب ــ مەدەنىيەت ئىنقىالبى
بىزگە مەدەنىيەت ئۆگىتىدىغان ئىنقىالب ،تاماكا چەكمىگەنلەرنى كېيىن كۈرەش قىلىپ
قالپاق كىيگۈزىدۇ ،دەپ قىزالرغا تاماكا تارقاتتى .بىچارە قىزالر قالپاق كىيدۈرۈپ كۈرەش
قىلىدۇ ،دېگەن سۆزنى ئاڭالپ خۇدايىم ساقلىسۇن؟ نېمە دەيدۇ بۇالر ،دەپ ھودۇقۇپ
كەتتى .تاماكىنى قولىدا تۇتۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي ،ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ بۇنىڭ
يۈزىگە قاراپ يىرگەنگەن ھالدا تاماكىنى ئاران ئاالتتى ،مىنبىڭالر سەرەنگە يېقىپ ھە ،ھە
چېكىڭالر ،دەپ تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بېرەتتى .قىزالر چەكمەيمەن دېيىشتىن قورقۇپ
ئامالسىز تاماكىنى ئاغزىغا ئېلىپ ،مىنبىڭالر قاراپ تۇرۇپ سۈمۈرتەتتى .تاماكىنىڭ تۈتۈنى
ئۆپكىگە كىرىشى بىلەن قىزالر يۆتىلىپ قېقىلىپ سۇ بويىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى .مەن
سۇ ئېلىش ئۈچۈن سۇ بويىغا بارسام قىزالر قاتار تىزىلىپ سۇ بويىدا ئاغزىنى (چىشىنى) قۇم
420

بىلەن يۇيۇۋاتاتتى .بۇنى كۆرگەن ئانىالر قىزالرنىڭ كەينىدىن كېلىپ:
«ھوي ئادىرا قالغىر ،كىمەلەك تيگراۋ بولنى قىلغانىڭ ،قاي قازاقنىڭ ئەيەلىرى
تەمەكى تارتقان ئىدى» (بۇ نېمە قىلغىنىڭ ،قايسى قازاقنىڭ ئاياللىرى تاماكا تارتقان ئىدى)
دەپ قىزلىرىغا خاپا بولۇپ كەتتى .ھەقىقەتەن ماڭىمۇ باشقىچە سەت كۆرۈندى .شەرقىي
تۈركىستاندا ئايالالر ھەرگىز تاماكا تارتمايتتى ،ئەگەر تاماكا چەككەن ئايالالر بولسا،
ئۇالرنى ئەڭ يامان ،بۇزۇق ئايالالر قاتارىدا كۆرۈپ ،ھېچكىم ئارىغا قوشمايتتى ،ئەمدى
بۇ ياش كىچىك قىزالرنى مەدەنىيەت ئىنقىالبى بىلەن چ ـ ئۆچۈتۈپ تاماكا چېكىشكە
مەجبۇرالۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىم يامان بولدى.
بىچارە ئانىالر ئۆز قىزلىرىغا كايىپ:
ــ بۇ نېمە دېگەن شۇملۇق .ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن كۆرۈلمىگەن ،بۇ نېمە دېگەن
شەرمەندىلىك ،ماۋۇ ئۈچ مىنبىڭ دېگەن نېمىلەر نەدىن كەلدى؟ بالىلىرىمىزنى بۇزىدىغان
بولدى دەپ چىن كۆڭلىدىن رەنجىپ ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ ،قۇرۇلۇش تەرەپكە
قاراپ قۇياتتى .قىزالر:
ــ ئاپا سەن بىلمەيسەن ،تاماكا چەكمىسەك قالپاق كىيگۈزىدۇ .كېيىن سىلەرمۇ
چېكىسىلەر دېيىشەتتى.
ــ ئالالھ ساقلىسۇن .ئەمدى ئۇ شۇملۇقنى كۆرگۈچە ئۆلگىنىمىز ياخشى .بۇ نېمە كۈن
خۇدايىم توۋا قىلدىم ،دەپ ئايالالر ياقىسىنى تۇتۇپ توۋا ،توۋا دېيىشىپ كەتتى .ئىككىنچى
كۈندىن باشالپ ئانىلىرى زەمبىلنىڭ بىر بېشىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ،ئىككىنچى بېشىنى قىزىغا
كۆتۈرتۈپ ،ئىالجى بار قىزالرنى مىنبىڭالرنىڭ يېنىغا كەلتۈرمەسلىككە قاتتىق تىرىشاتتى.
دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا مىنبىڭالر قىزالرنىڭ يېنىغا كۆرەڭلەپ كېلىپ ،ئۇالرنى گەپكە
تۇتۇشقا باشلىغاندا باشقا قىزالر ئۆستەڭ بويىغا ۋە باشقا تەرەپلەرگە كېتەتتى .ئىالجى
بولماي ئۇالرنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ قالغانالرنى ئاپىلىرى يېنىغا چاقىرىپ ئەكىلىۋاالتتى.
كېيىن قىزالر ئاپىلىرىنىڭ يېنىدىن قوزغالماي ،شۇالر بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ دەم
ئالىدىغان بولدى .ھېلىقى بىزەڭ مىنبىڭالر شۇ ئايالالر يېنىغا بېرىپ قىزالرغا ئانىسىنىڭ
ئالدىدا تاماكا تۇتۇپ چېكىڭالر ،دەپ تارقاتماقچى بولغان ئىدى .بىر ياشقا چوڭ ئايال:
ــ نېمە؟ سىلەر ھاياسىزالر بىزنىڭ نارەسىدە قىزلىرىمىزنى ئازدۇرۇپ نېمە
قىلماقچىسىلەر ،دەپ ئاچچىقى بىلەن توۋلىغان ئىدى ،ھېلىقى مىنبىڭ:
ــ سەن چۈشەنمەيۋاتىسەن ،ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەر بىر جايىدا مەدەنىيەت ئىنقىالبى
421

باشالندى .ھەممە ئادەم مەدەنىيەتلىك بولۇپ ،مەدەنىيەتلىك بىر مەملىكەت قۇرۇپ
چىقىشىمىز كېرەك .پۈتۈن كونىلىقالرنى يوقىتىپ ،ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشاليمىز.
سېنىڭ بۇ كىيىملىرىڭنى كونىلىق قىلىپ ھەممىسىنى ئوتقا قاالپ يوقىتىمىز .كونا ئۆرپ
ـ ئادەت ،دىنىڭالرنى يوق قىلىمىز .يېقىن كۈندە قىزالرنىڭ بېشىدىكى دوپپىلىرىنى ،قوش
ئېتەك كۆينەكلىرىنى ھەممىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ ،قىزالر چېچىنى كېسىپ ،شەپكە
كىيىدۇ ،كۆينەك ئورنىغا شىم كىيىدۇ ،دەپ ئېيتقان ئىدى ،ئەتراپتا قاراپ تۇرغان پۈتۈن
ئايالالر ھەيرانلىقتا تاڭ قېتىپ بىر ـ بىرىگە قارىشىپ قالدى .ھېلىقى قېرى ئايال ئۇنىڭ
يۈزى چىمىرالپ ئويباي بيتماي مەسخەرە بولنى سومدۇق ،شىم كىيىپ قاي بېتىمىز بىلەن
ئىلگە قارايمىز دەپ ۋارقىراپ كەتتى ۋە نېمە دەيدۇ ،بىزنى خىتاي قىلماقچىمۇ؟ بۇ مۇمكىن
ئەمەس .بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز قازاق بولۇپ يارالغان ئىكەن ،بىز ھەم قازاق بولۇپ
ياشاپ كېلىۋاتىمىز .بىزنى قانداق خىتاي قىلماقچى؟ بىز نېمىشقا مىللىي كىيىمىمىزنى
ئوتقا قااليمىز؟ بۇ نېمە دېگەن خارلىق دەپ بىر ـ بىرىگە سۆز بەرمەي چوقۇرۇشۇپ
كەتتى .ھېلىقى خەلق ئەسكىرى بۇ مەركەزنىڭ بۇيرۇقى ،پۈتۈن ئادەم ئورۇنالۋاتقاندا سىلەر
قارشى چىقالمايسىلەر ،دېدى .مەنمۇ بۇ سۆزنى ئاڭالپ ھەيران بولدۇم .ئەھۋال راست
بۇالر دېگەندەك بولسا كۆپلىگەن قااليمىقانچىلىقالر چىقىپ ئەھۋال ئېغىر بولىدىغان
ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم .بۇ يەردىكى ئادەملەر بىزنىڭ تەرەپتىكى ئادەملەرگە ھەرگىز
ئوخشىمايدىكەن ،دەپ ھەيران بولدۇم.

- 11نويابىر
چۈشتىن كېيىن قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدىم .ئەپكەش بىلەن چېلەكلەپ سېمونت
توشۇۋاتاتتىم ،ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن قالغاندا ئىككى پۇتۇمغا تاش ئېسىپ قويغاندەك
ئېغىرلىشىپ ،شۇنداق تەسلىكتە ئاران ئاتاليتتىم .پۈتۈن بەدىنىم توڭلىغان ئادەمدەك
تىترەيتتى.
بۇ ئەھۋالىمنى باشقىالرغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن توختىماي ئۆزۈمنى زورالپ
سېمونت توشۇيتتىم .ئەگەر توختاپ تۇرۇپ قالسام يىقىلىپ چۈشەرمەن ،يىقىلسام كىم
ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ ياردەم قىاللىسۇن! قاتتىق تىرىشىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆزۈمنى
مەجبۇرالپ ئىشلەشكە باشلىدىم .ئىشتىن چۈشكەندە ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەندەك بەك
تەسلىكتە ياتاققا يېتىپ كەلدىم .بەزگەك تۇتقان ئادەمدەك تىترەپ چىشىم ـ چىشىمغا
422

تېگىپ جاقىلدايتتى .ئالدىراپ ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمنى بىلىمەن ،كۆپ ئۆتمەستىن ئوت
بولۇپ ياندىم .كۆزۈمنى يۇمۇشۇم بىلەن قورقۇنچلۇق چۈشلەر بىلەن چۆچۈپ ئويغىناتتىم.
ياتاقتا ھېچكىم يوق ئۆزۈم يالغۇز .بۇ ياتاقتا ئىككى ئايال ياتقان ئىكەن ،بىرسى كوزەۋگە
مال بىلەن كەتكەن ئىكەن ،مەن كەتكۈچە ئۇنى كۆرمىدىم .بىرسى تۆت ـ بەش كۈندىن
بىرى يېرىم كېچىدە كېلىپ مەن ئىشقا چىقىپ كەتكەندە ئۇخالۋاتقىنىنى كۆرەتتىم .ئىككى
ـ ئۈچ مەرتىۋە كېلىپ قونۇپ كەتتى .ئومۇمەن ئېيتقاندا ياتاقتا يالغۇز ئۆزۈم بولدۇم .بۇ
كېچىمۇ يالغۇز ئىدىم .قاتتىق ھارارەتتىن ئاغزىم قۇرۇپ ،شۇنداق ئۇسساپ كەتتىمكى بىر
چىنە سۇغا تەشنا بولدۇم .ئەتىگەن ئىشقا چىقىش ئالدىدا بەك تەسلىكتە ئورنۇمدىن
تۇرۇپ گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئالدىغا باردىم .تېمپېراتۇرۇم قاتتىق ئۆرلەپ قىزىغانلىقتىنمۇ
ئىككى كۆزۈم ئوتتەك بولۇپ ئاران ئېچىالتتى.
ــ ئاغرىپ قالدىم ئىشقا چىقالمايمەن دەپ قويۇپ ،ياتاققا كىرىپ يېتىپ قالدىم.
سائەت ئونالر ۋاقتى بولسا كېرەك ،ئىشىكنى ئۇرۇپ ئۇزۇن بويلۇق ،ئاق سېرىق كەلگەن
كۆزلىرى قىسماق ،قاۋۇل بىر قازاق يىگىت كىرىپ كەلدى .مەن ئۇنى مۇشۇ دۈينىڭ مىنبىڭى
بولسا كېرەك دەپ ،ئويلىدىم.
مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپارغىلى كەلدىم ،دېدى.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەرگە تايىنىپ ئولتۇردۇم ۋە مىنبىڭغا قاراپ:
ــ مەن بارالمايمەن ،دېدىم.
دۈيدىن سىزنى دوختۇرغا ئاپارسۇن ،دەپ ئىككى ئات بىلەن مېنى ئەۋەتتى ،ئات
بىلەن بارىسىز ،دەپال تاالغا چىقىپ كەتتى.
ئاتقا مىنىپ كېتىۋېتىپ بېشىم قېيىپ تىترەپ ،كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشاتتى .ئاتتىن
يىقىلىپ چۈشۈپ بۇ خەقنىڭ ئالدىدا بىر كۈلكە سۆزگە قالماي ،دۈشمەن كۆزى بىلەن
قاراپ تۇرغان بۇ خەلقنىڭ ئالدىدا بىر ئۆزۈم دېڭىزنىڭ دولقۇنىغا يولۇققان ئادەم سۇغا
غەرق بولماسلىق ئۈچۈن تىرىشقاندەك مەنمۇ شۇنداق تىرىشىپ ياشاشقا توغرا كەلدى.
ئۆز ئەھۋالىمغا قارىغاندا ئاتقا مىنىپ تۇتۇڭغۇ دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈش بۇياقتا
تۇرسۇن ئاتقا مىنىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
مېنىڭ «ھەر قانداق قىيىنچىلىققا چىدايمەن ،ئۆلسەممۇ باش ئەگمەيمەن» دېگەن
سۆزۈم قۇلىقىمغا جاراڭالپ ئاڭالندى .شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئاغرىقىم ساقايغاندەك
ۋە غەيرەت ھاسىل بولغاندەك يەڭگىل بولۇپ قالدىم .مەن راست ساقايدىممۇ ،دەپ
423

بېشىمنى ،بەدەنلىرىمنى تۇتۇپ كۆردۈم .ئەمما ئوتتەك بولۇپ قىزىپ تۇراتتى .ئالىقىنىمنى
ئاغزىمغا تۇتتۇم ،ئاغزىمدىن يالقۇندەك ئىسسىق چىقىپ تۇراتتى .ئادەم ئۆزىگە ـ ئۆزى
غەيرەت بەرسە ھەر نەرسىنى يەڭگىلى بولىدىكەن ،دەپ ئويلىدىم.
تۇتۇڭغۇ دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ،قويۇق دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا بىر كىچىك ئۆينىڭ
ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق .ئاتتىن چۈشۈپ مىنبىڭنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئۆيگە كىردۇق.
كىچىك ئىككى ئېغىز ئۆي بولۇپ ،داالن ئۆيدە ئۈچ تال ئورۇندۇق بار ئىكەن .ئىچكىرىكى
ئۆيدە بىر ئۈستەل ،ئىككى ئورۇندۇق بولۇپ ،ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئەللىك ياشالر ئەتراپىدىكى
خەنزۇ دوختۇر ئالدىدا يېيىلىپ تۇرغان قەغەزلەرگە بىر نەرسە يېزىپ تۇرغان ئىكەن .بىزنى
كۆرۈپ بوش ئورۇندۇقالرغا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى .مەن بېرىپ ئولتۇردۇم .دوختۇر ئۈستەل
ئۈستىدىكى قەغەزلەرنى رەتلەپ ،يىغىشتۇرۇپ بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ ،ماڭا قاراپ:
ــ قىزىۋاتامسەن؟ دەپ گرادۇس قويۇپال:
تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى دەپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ،تارتمىالرنى ئاختۇرۇپ تېمپېراتۇرا
چۈشۈرىدىغان دورا بىلەن يەنە بىر تابلېتكا دورىنى قوشۇپ بىر ئىستاكان سۇ بىلەن ماڭا
بەردى.
ــ مە بۇنى ھازىر ئىچ ،دېدى .مەن ئۇسساپ تۇرغان ئادەمگە بۇ سۇ گۈلدەك كۆرۈندى.
دورا بىلەن يوغان بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىۋەتتىم.
دوختۇر مەندىن ئاغرىق ئەھۋالىمنى سوراپ بولغاندىن كېيىن ،نەدىن كەلگەنلىكىمنى
سورىغاندا مەن جاۋاب بەرگۈچە ھېلىقى مىنبىڭ دوختۇرغا:
ــ بۇ ئەكسىلىنقىالبچى قالپىقى بار ئادەم ،خەلق نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدۇ ،دەپ
جىددىي ھالدا جاۋاب بەردى.
دوختۇر بىر ماڭا ،بىر مىنبىڭغا قاراپ:
ــ ھەيران قاالرلىق ،بۇ ياشتا ،بەكمۇ ياش ،دەپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمەستىن
بېشىنى چايقاپ قويدى.
دورىالرنى قەغەزگە يۆگەپ ماڭا بەردى .يەنە بىر قەغەزگە خەت يېزىپ ئۇنى ھېلىقى
مىنبىڭغا بەردى ۋە بىر ھەپتە ئىشقا چىقماي دەم ئالسۇن ھەم يەڭگىل سىڭىدىغان تاماق
يېسۇن ،دەپ ئۇقتۇرۇۋاتاتتى ،ھېلىقى مىنبىڭ دوختۇرنىڭ بەرگەن قەغىزىنى دوختۇرنىڭ
ئالدىغا ئىتتىرىپ ،بۇ قالپاقلىق ئادەم ،ئالغىلى بولمايدۇ ،دېدى.
424

دوختۇر :بۇنىڭ كېسىلى ئېغىر ،دەم ئالمىسا بولمايدۇ ،بۇ قەغەزنى دۈيجاڭلىرىڭغا
ئاپىرىپ بەر ،ئەگەر بۇ دورىنى ئېچىپمۇ ساقايمىسا يەنە ئېلىپ كېلىڭالر ،دېدى.
ھېلىقى مىنبىڭ ئاچچىقالپ ئىسپىراپكا قەغىزىنى ئېلىپ ماڭدى .مەن كۈلۈمسىرەپ
دوختۇرغا قارىدىم .دوختۇر بېشىنى چايقىغان پېتى قالدى.
ئۈچىنچى كۈنى ئەھۋالىم بىر ئاز ياخشى بولغاندىن كېيىن ،ئىشقا چىقتىم .بىر
ھەپتىدىن كېيىن ئىشنى تۈگىتىپ گەڭگۇغا يەنى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

مەدەنىيەت ئىنقىالبىدىكى قالپاق كىيگۈزۈش ۋە بۇالڭچىلىق
ھەرىكەتلىرى
- 19نويابىر
چىرايلىق قىلىپ ياسالغان تاختاي رىشاتكىالرنىڭ يېنىغا يۈكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يېتىپ
كېلىشىم بىلەن ئۆيدىن ئۇكىلىرىم «ھەدەم كەلدى» دەپ چوقۇرۇشۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ
ماڭا ئېسىلدى .ئاپام بىلەن دادام ھەتتا توي قىلىپ چىقىپ كەتكەن سىڭلىممۇ كەلگەن
ئىكەن .ئۇالر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆيگە كىردۇق ،ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆيدىن ئايرىلىپ
سىرتتا ئەمگەك قىلىپ يۈرۈپ ئاتا ـ ئانامنى ،ئۇكىلىرىمنى ۋە ئۆينى بەكمۇ سېغىنىپ
كەتكەن ئىدىم .شۇڭالشقا ئۆزۈمنى ئەركىن ۋە خۇشال ھېس قىالتتىم .بىراق ئۆيدىكىلەردە
ــ دادام ـ ئاپام ۋە ئۇكىلىرىمدا قانداقتۇر ئىچىنى مۇجۇپ تۇرغان بىر خاپىلىق باردەك
يۈزىدىن قايغۇلۇق سېزەتتىم .خاتىرجەم بواللماي قايتا ـ قايتىالپ قانداق ئەھۋالىڭالر،
ساالمەت تۇردۇڭالرمۇ؟ ئەھۋالىڭالر ياخشىدۇ ،بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ دەپ سوراپ
كەتكەندىن كېيىن ،ئۇالر كۈلۈشۈپ نېمىشقا مۇنچىۋاال ئەنسىرەيسەن ،ھېچنەرسە بولمىدى.
كۆرۈۋاتىسەنغۇ ھەممىمىز ساالمەت ياخشىمىز ،دېدى ۋە ئۈستەلگە ئاق داستىخانالرنى
سېلىپ تاپقان ـ تەرگەنلەرنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىشقا باشلىدى .مېنىڭ كۆزۈمگە
ئۆيمۇ ئۆزگەرگەندەك كۆرۈنەتتى .ئۆيدە قىزالر كۆپ بولغانلىقتىن ئۆينى ھېلىدىن ـ ھېلىغا
تۈزلەپ ئۆزگەرتىپ ياسايتتى .شۇڭالشقا كۆزۈمگە باشقىچە كۆرۈنسە كېرەك ،دەپ ئويالپ
قويدۇم.
ئۇكام ئەھمەد قولۇمغا سۇ قۇيۇۋېتىپ:
ــ ھەدە ،سەن يوق بىزنىڭ ئۆيگە شۇنداق يامان ئوغرى ئادەملەر كېلىپ ئۆيىمىزنى
425

كوالپ ئۆرۈۋەتكىلى تاس قالدى .دېرىزىلەر سۇنۇپ بىرمۇ ئەينىكى قالمىغان ئىدى .دادام
ئەينەك سېلىپ ئوڭشاپ قويدى ،دەپ گېپىنى تۈگەتمەستىن كىچىك سىڭلىم مۇشەررەپ:
ــ ئۇالرچۇ ئادەم يەيدىغان ئەسكى ئادەملەر ئىكەن ،بىزنى ياالڭغىداق تاالدا قارغا
تۇرغۇزۇپ قويدى ،مەن تازا توڭالپ كەتتىم ،قورققىنىمدىن ئاۋاز چىقارماي يىغلىدىم،
دېدى.
ئەھمەد :راست ئۇالر ئوغرى ئىكەن ،بىزنىڭ ئۆيدىن جىق نەرسىلەرنى ئوغرىالپ ئېلىپ
كەتتى .دادامنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ تىلالپ دادامنى ئۇرغىلى ئاز قالدى ،دادام گەپ قىلماي
جىم تۇردى .ئاپامنىڭ بوغچىسىنى ئوغرىالپ پەسكە سۆرەپ ماڭغان ئىدى ،ئاپام :قۇراننى
سۆرىمە دەپ خاپا بولدى ،دەپ خۇددى چوڭ ئادەملەردەك جىددىي ،تۈرگۈن ھالەتتە
ھەسرەتلىنىپ سۆزلەيتتى .مەن بۇالرنىڭ سۆزىدىن ،بىر چوڭ كۆڭۈلسىزلىك ئەھۋالنىڭ
يۈز بەرگەنلىكىنى سەزدىم .شۇ ئارىدا ئاپام :بولدۇڭالرمۇ؟ تاماققا كېلىڭالر ،دەپ چاقىردى.
ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە تائامالرنى قويۇپ ،داستىخان ھازىرلىنىپ بىز توققۇز باال ئۈستەل
ئەتراپىدا لىق بولۇپ تىزىلىپ چايغا ئولتۇردۇق .نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك ھە! ئىنسانالرنىڭ
چوڭ خۇشاللىقىنىڭ بىرسى جامائەتنىڭ جەم بولۇشى .مەن بالىالردىن ئاڭلىغان نەرسىلەر
توغرىسىدا سورىدىم .ئاپام كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقان چېيىمىزنى بۇزما ئالدىرىمىساڭمۇ
ئاڭاليسەن ،دېدى.
سىڭلىم غەيشە :نويابىرنىڭ باشلىرىدا ئاڭگىنا بولۇپ ،دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن
دۈيدىكى بىر قانچە كىشىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئۈرۈمچىگە بارغان ئىدۇق .بىزنى
گۇڭەنتىڭنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويدى .كوچىدا ئادەم ماڭغۇدەك يول يوق ،نامايىشقا
چىققاندەك كوچا تولدۇرۇپ كېتىپ باراتتى .ئادەملەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى قىرىق ـ
ئەللىك ئادەمنىڭ قولىدا بايراق ،بايراق ـ بايراققا ئۇرۇالتتى .ئۇنىڭ كەينىدە يەنە قىرىق
ـ ئەللىك ئادەمنىڭ قولىدا بىر خىلدا ماۋجۇشىنىڭ رەسىمى ،تاختايغا مىخالپ كۆتۈرۈپ
ئالغانىكەن .ئۇالرنىڭ كەينىدە تاي قازاندەك ئىككى ـ ئۈچ دۇمباق ۋە بىر قانچە ئاۋاز ۋە
جاڭ ـ جاڭالر ئادەمنىڭ قۇلىقىنى يارغۇدەك ئاۋاز چىقىرىپ باراتتى .ئۇالرنىڭ كەينىدە
بىرەر يۈزدەك ئادەمنىڭ بېشىغا ئۇزۇن قالپاق ۋە بوينىغا تاختاي ئېسىپ ،ئۇنىڭغا شۇ
ئادەملەرنىڭ ئىسمى ۋە جىنايىتى يېزىلغان ئىدى ۋە شۇ ئادەملەرنىڭ قوللىرىغا ئىككى
چاڭ ـ چاڭ تاخسىنى بېرىپ ،ئادەملەر يىغىلغان جايغا كەلگەندە قالپاقلىقالر قولىدىكى
تۆمۈر تەخسىسىنى چاڭىلدىتىپ خەلققە ئۆز ئىسمى ۋە جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ چاڭ
ئۇرۇپ ئايلىنىپ يەنە ئالدىغا ماڭاتتى .شۇنداق قىلىپ كوچىالرنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىكەن.
426

كوچا ـ كوچىالردىن بايراقالرنى لەپىلدىتىپ قالپاقلىقالرنى لەڭلىتىپ ،دۇمباق ،بارابان ۋە
چاڭ ئۇرۇپ ھەر بىر ئىدارە ،زاۋۇتتىن ،فابرىكا ،كارخانا ،مەھەللە ۋە ھەر بىر مەكتەپ،
قىسقىسى ھەممە ئورۇندىن كوچا ئايلىنىپ يۈرگەن ئادەملەر بىر ـ بىرىگە توقۇنۇشۇپ ئاران
ئۆتەتتى .چېلىنغان چاڭ ۋە داقا ـ دۇمباققا ئادەم چىداپ تۇرالمايتتى.
ئاران دېگەندە ئىتتىپاق كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق .بارلىق ئادەملەر يولنىڭ
ئىككى چېتىدە مېڭىپ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالپاقلىقالر كېتىپ باراتتى .ئوتتۇرىدىن
بىر تۈركۈم سازچىالرغا كۆزۈم چۈشتى .ياشقا چوڭ پاكار بىر ئادەم سەھنىدە چاڭچى
ئوينىغاندەك چاڭنى شۇنداق تېز ئۇرۇپ ئۆزى شۇنىڭغا ماسلىشىپ پىر ـ پىر پىرقىراپ مەن
ئوڭچى ئەمەت ئۆمەرمەن دەپ توۋاليتتى .قارىساڭ ئۇ ئۆزىنى سازايى قىلغان ئەمەس،
ئويۇن قويغاندەك قىزىق ھەرىكەتلەرنى قىالتتى .ئەتراپقا يىغىلىپ ئالغان ئۇششاق بالىالر
چاۋاك سوقۇپ ئەمەت ئۆمەرنىڭ ھەرىكىتىنى قىزىقىپ كۆرۈپ راھەتلىنىپ كۈلەتتى.
ئارىدىن بىر قاپىقى يامان ،تۈرگۈن ئادەم چىقىپ ئۇششاق بالىالرنى قوغلىغان ئىدى،
مەنمۇ ئۇالر بىلەن كېتىشكە توغرا كەلدى ،ئەتراپقا قارىسام بىللە كەلگەن ئادەملىرىم
يوق ،ئۇالردىن ئايرىلىپ تاغامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە پۈتۈن كوچا سازايىچىالر بىلەن تولغان
بولۇپ ،ماڭغىلى بولمايتتى.
ئادەملەر ھويلىلىرىدىن چىقىپ قاراشتىن قورقۇپ دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ
قارايتتى .كىتابخانىنىڭ ئالدىدا سازايى قىلىپ تۇرغانالرنىڭ چەتتە بايراق كۆتۈرۈپ تۇرغان
بىرسىگە يەنەنلۇدىن چىققان سازايىچىالر توپىدىن ئىككى ئادەم كېلىپ بېشىغا بىر مېتىر
كېلىدىغان يوغان قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويدى .ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى شۇنداق ئۆزگىرىپ
نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھودۇقۇپ قالغان ئىدى .قولىدىكى بايراقنى تارتىپ ئېلىپال يەنە بىر
بايراق كۆتۈرۈپ تۇرغان كىشىگە ئىككى بايراق قىلىپ تۇتقۇزۇپ قويۇپ ،قالپاق كىيگۈزگەن
ئادەمنى سۆرەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ،دۈمبىسىدە دۇمباقنى كۆتۈرۈپ قارا تەرگە چۈشكەن
ئايالنىڭ دۈمبىسىدىكى تاي قازاندەك دۇمباقنى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ دۈمبىسىگە
كىيدۈرۈپ قويدى.
ئۇياق ـ بۇياقتىن كەلگەنلەر بىلەن ،بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر قانچە كىشىنىڭ بېشىغا
قالپاق كىيگۈزدى.
دوختۇرغا كۆرۈنەلمەي بىر ھەپتە ئارتۇق ۋاقىت ئۈرۈمچىدە بولدۇم .ھەر كۈنى شۇ
تەرىقىدە قالپاق كىيگۈزۈلگەن ئادەملەرنى كوچا ئايالندۇرۇپ سازايى قىلدۇراتتى.
تاڭ يورۇشى بىلەن ھەر بىر ئورۇنالرغا ۋە كىتابخانىنىڭ ئۈستىگە جايالشتۇرۇلغان
427

مىكروفونالردا ماۋجۇشىنى كۈيلىگەن كۆڭۈلسىز سەت ناخشىالرنىڭ دەھشەت قاتتىق
ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان خەلق قانداقتۇر بىر يامان ئېغىر ئەھۋالنىڭ بولۇشىدىن
قورققاندەك ھېچكىم ئۆزىدىن خاتىرجەم بواللماي ئەنسىرەيتتى .كوچىدا داڭ ـ داڭ
ئاۋازى ئاڭالنسا ئۆيدە ئىشلەۋاتقان ئايالالر ئىشىنى ،ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ،يۇغۇرۇۋاتقان
خېمىرىنى تاشالپ خېمىر قوللىرى بىلەن كوچىغا قاراپ يۈگۈرەتتى .دەرۋازىنىڭ تۆۋىگە
كەلگەندە چىقىپ قاراشقا جۈرەت قىاللماي ،دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ كۆرەتتى.
خۇددى ئۇالرنى سازايى قىلىدىغاندەك چىرايلىرى تاتىرىپ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ ئۆزىنى
بېسىشقا تىرىشىپ ،توۋا ـ توۋا قىلدىم خۇدايىم ،ئالەمدە كۆرۈلمىگەن ئىشالر بولۇۋاتىدۇ،
بۇ نېمە دېگەن شەرمەندە قىلىش ،خۇدايىم ئۆزۈڭ ساقال ،زامان ئاخىرى بولۇپ قالدىمۇ
نېمە دېيىشەتتى.
مەنمۇ كېلىپ مۇشۇ ئەنسىزلىكلەر بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
بىر ھەپتە ئىچىدە دوختۇرخانىغا كۈنىگە ئىككى مەرتىۋە بارىمەن ،دوختۇرخانىالردا ئاغرىق
كۆرىدىغان بىرمۇ دوختۇر يوق ،پۈتۈن دوختۇرالرغا قالپاق كىيدۈرۈپ ئوڭچى ،مىللەتچى،
گومىنداڭ قالدۇقى ،چەتكە باغالنغان ئۇنسۇر ،سوتسىيالىزمنى بۇرمىلىغۇچى ،كاپىتالىزم،
پومېشچىك ،باي دېھقان قاتارلىق خىلمۇ خىل قالپاقالر كىيدۈرۈپ كوچىالردا سازايى
قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىدا ئاغرىق كۆرىدىغان بىرمۇ
دوختۇر يوق ئىدى .نۇرغۇن ئېغىر كېسەللەر دوختۇرنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈپ سارغىيىپ
ئولتۇراتتى.
ئۈرۈمچىگە كېلىپ - 3كۈنى شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ ئوت بولۇپ كۆيەتتىم ،تامىقىمدىن
بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمەي قالدى ،پۈتۈن بەدىنىمگە خۇددى قىزىل چىققاندەك ئۇششاق
نەرسە ئۆرلەپ ،ئۆزۈم بىلمەي گاراڭ يېتىپ كەتتىم .ئىككى كۈندىن كېيىن ئىسسىتمام
چۈشۈپ بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدىم.
ماڭا قارايدىغان ئادەم يوق ،نېمىشقىدۇر ھەممە كىشى جىددىيلىك ۋە ئەنسىزلىك
بىلەن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى.
مەن ئۆيگە قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن تاغامنىڭ قوشنىسى ئىسمائىل مۇسابايۇپنىڭ
ئۆيىگە ئەللىكتەك ئادەم (ئۇالرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇششاق خوڭۋىبىڭالر) كىرىپ ئۇ
ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاالغا چىقىرىپ تىزىپ قويدى« .خوڭۋىبىڭ» كىچىك باتۇرالر
ئۇالرنى تۇرغۇزۇپ مىدىر قىلدۇرماي كۆزەت قىلدى .قالغانلىرى پۈتۈن ئۆينى ئاختۇرۇپ
ئۆيدىكى بارلىق نەرسىنى ئۆي ئىگىلىرىگە ئادەم بېشىغا بىر يوتقان ،بىر كۆرپە ،بىر ياستۇق،
428

ئىككى جور كونا ناچار كىيىملىرىنى ۋە بىر ئادەمگە بىردىن چىنە ،تەخسە ،قوشۇق ھەم
ئۆزلىرىگە يېتەرلىك قازان ـ چۆمۈچلىرى قالدۇرۇپ ،ئاندىن باشقا پۈتۈن نەرسىلەرنى
ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭدى .ئۇ نەرسىلەردىن ئۆي ئاختۇرغىلى كەلگەن ئادەملەرنىڭ
كۆڭلىگە ياققانلىرى بولسا ھەر قايسى ئېلىپ يانچۇقلىرىغا ،قويۇنلىرىغا تىقاتتى .قىسقىسى
تاالن ـ تاراج بولۇۋاتقان نەرسىلىرى ئۈچۈن ئىگىلىرى بىر نەرسە دېيەلمەيتتى.
ئۆينىڭ دېرىزە ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان چىرايلىق تەشتەكتىكى گۈللەرنىڭ ھەممىسىنى
ئېلىپ چىقىپ تەشتەكلەرنى سۇندۇرۇپ توپىالرنى سىنچىالپ قارايتتى ،ئۆينىڭ تاملىرىنى
ۋە يەردە يېيىتىلغان خىشالرنى ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ ،پوك ـ پوك ئاۋاز چىققان يەرلەرنى قومۇرۇپ
ئاستىنى كواليتتى .پۈتۈن ئۆينىڭ خىشلىرىنى قومۇرۇپ بولدى .كۆمۈرخانىدىكى بەش
توننا كۆمۈرنى تاالغا توشۇپ چىقىپ كۆمۈرخانىنىمۇ كوالپ كۆمۈرخانىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى
چىقىرىۋەتتى .ھەتتا ھاجەتخانىنىڭ تاختايلىرىنى قومۇرۇپ ئېلىپ ،ھاجەتخانىنىڭ
ئىچىگىچە ئاختۇرۇپ چىقتى .ئۆيدىن بىر ساندۇق پېچىتى ئېچىلمىغان بەش مىڭ سوم
پۇلنى ئېلىپ چىقىپ شۇ پۇلغا ئىسمائىل مۇساباينى قارىتىپ رەسىمگە تارتىپ ئالدى .ئۇ
ئادەملەرنىڭ غۇلجىدا كۆنچىلىك زاۋۇتى بولۇپ ،شۇنىڭدىن كەلگەن پىراشىنت پۇلالرنى
يىغىپ قويغان ئىكەن .ئۇ پۇلالرنىمۇ ساندۇقى بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتتى .چوڭ قىزى
ئايتەننى كاپىتالىست دېگەن قالپاق بىلەن كادىرالر الگېرى سەندۇڭبى سۇ ئامبىرىدا
ئىشلەۋاتقان يېرىدىن ئېلىپ كېلىپ ئۇنىمۇ تۇرغۇزۇپ قويدى.
ئىسمائىل مۇساباينىڭ خانىمى مەرھابا ئاپپاينىڭ قان بېسىمى يۇقىرى كېسەل
بولغانلىقتىن چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.
بىزگە تاالغا چىقىشقا رۇخسەت قىلماستىن بىر كۈن ئۆيدە سولىنىپ ئولتۇردۇق.
ئەتىسى ئەتىگەن ئۆيگە قايتىپ كەتتىم ،دېدى.
غەيشەدىن كېيىن زەكىيە ،شەھەرگە بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ھەققىدە
سۆزلەپ بەردى.
مەن غەيشە كېتىپ بىر كۈندىن كېيىن شەھەرگە تاغامنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئەھۋال شۇ
سىڭلىم غەيشە دېگەندەك بارلىق ئورۇنالردا قالپاق كىيگۈزۈش ۋە سازايى قىلىش ھەرىكىتى
جىددىي يۈرگۈزۈلۈۋېتىپتۇ .كوچىغا قالپاق كىيدۈرۈپ ئېلىپ چىققان ئادەملەرنى رېجىمغا
ئېلىپ ،ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدىن قالدۇرۇپ ،مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋېتىپتۇ .پۈتۈن
شەھەر خەلقىنىڭ تىنچلىقى كېتىپ ھەممە ئادەم ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قورقۇش ئىچىدە
ياشايدىكەن .تاغامنىڭ ئايالى مەخفۇزە ھەدەم گۇڭسەنداڭ (خىتاي كوممۇنىستلىرى)
429

كەلگەندىن بىرى خاتىرجەم تىنچ ياشىيالمىدۇققۇ ،مانا كۆرمەمسىز كېچىسى ئۇيقۇ يوق،
كۈندۈزى ئارام يوق .شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە ئورۇنالشتۇرۇۋەتكەن مىكروفونالرنىڭ كېچە
ـ كۈندۈز توختىماستىن جاراڭالپ توۋالپ تۇرۇشى ئادەمنىڭ مېڭىسىنى چوڭايتىۋېتىدۇ.
غەزەپلىك ئاۋازالر بىلەن ئادەملەرگە ھەيۋە قىلغان جانغا تىگەر سۆزلەر ۋە ماۋجۇشىنى
كۈيلەپ ئېيتىلغان سەت ئاھاڭدىكى ناخشىالر ئادەمنى تويغۇزدى.
قېچىپ كەتكۈدەك يەر بولسا كېتىپ قاالرلىق دەرىجىگە يەتتى ئادەم .ئەمدى يېڭى
ھۈنەر بۇالڭچىلىق باشالندى دېيىشىگە ،تاغامنىڭ چوڭ قىزى خالىدە:
ــ ئاپا ھويلىنىڭ ئالدىغا كىشىلەر داڭ ـ داڭ ئۇرۇپ كەلدى ،دېدى.
ھەممىمىز ھودۇقۇپ ئورنىمىزدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا باردۇق .دېگەندەك
بايراق ۋە ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ بىرەر يۈزدەك ئادەم كوچىدىن جاڭ ـ جاڭ
ئۇرۇپ داقا ـ دۇمباق بىلەن كىرىپ كەلدى .كۆپ ساندىكىلىرى 12 - 17ياش ئارىسىدىكى
ياش ئۆسمۈرلەر ئىدى .ئۇالرنىڭ قوللىرىغا «خوڭۋىبىڭ» دەپ يېزىلغان قىزىل التا
باغالنغان ئىدى.
ئۇالر دەرۋازىدىن كىرىپال بىزگە «مىدىرلىماڭالر» دەپ توۋالپ ئەتراپنى چۆرۈپ ئالدى
ۋە شۇ «كىچىك باتۇرالر» ھەممىمىزنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى .مېنىڭ يانچۇقۇمدا شەھەرگە
بارسام ئىشلىتىمەن دەپ ئېلىپ كەلگەن ئون جىڭ ئاشلىق بىلەت بىلەن ئوتتۇز سومدەك
پۇل بار ئىدى .ئۇنى سومكىدىن ئېلىپ ئۆز يانچۇقىغا سېلىۋالدى .مەن قورققىنىمدىن سۆز
قىاللماي قالدىم .تاغامنىڭ ئايالى مېنى ئاختۇرۇۋاتقان «كىچىك باتۇر» غا قاراپ:
ــ ھەي بۇنىڭ پۇلىنى ئۆزىگە بېرىڭالر ،بۇ گۇڭشېدىكى ھەدەمنىڭ قىزى دوختۇرغا
كۆرۈنۈشكە كەلگەن ،ئۇنىڭ پۇلى بىلەن ئاشلىق بېلىتىنى ئېلىۋالساڭالر ئۇ قانداق قىلىدۇ،
دەپ قايتا ـ قايتا دېگەن ئىدى ،بۇالرنى ئېلىپ كەلگەن ياشقا چوڭ ئادەم كېلىپ:
ــ قايتۇرۇپ بەر! دەپ ئۇ بالىنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىپ ماڭا بەردى.
بىزنىڭ ھەممىمىزنى تاالغا ھەيدەپ چىقىپ قاتار تىزىپ تۇرغۇزۇپ قويدى .تاغامنىڭ
چۆچۈرىدەك ئالتە بالىسى بار ئىدى ،كىچىك بالىالر قورققىنىدىن چىرقىراپ ئاپىسىغا
ئېسىالتتى .بالىالرنىڭ قورققىنىنى كۆرۈپ داڭ ئۇرۇشنى توختاتتى.
ئۆيگە كىرىپ ئۆزى خالىغانچە ئاختۇرۇپ ،پۈتۈن ئۆينى تىتىۋەتتى .ئاندىن تاختاي
ئاستىنى ئېچىپ ئۆينىڭ ئاستىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئون نەچچە ئادەم چۈشۈپ كەتتى.
يەنە بىر قىسمى ھويلىدىكى گۈللۈكلەرنى ۋە پۈتۈن مېۋە كۆچەتلىرىنىڭ ئاستىنى بىر
430

مېتىردەك كوالپ چىقتى .تاغامنىڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئون تۈپتەك ئالما ،ئۈجمە،
جىنەستە ،قارا ئۆرۈككە ئوخشاش مېۋە ياغاچلىرى ۋە پۈتۈن ھويلىغا ئادەم يۈرىدىغان
يولدىن باشقا ھەممە يەرگە گۈل تېرىپ ئېتىزلىق قىلىۋەتكەن ئىدى .ئۇالر شۇ ئېتىزلىقنىڭ
بىرىنى قويماستىن كوالپ چىقتى .بىر ۋاقىتتا تاختاي ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن خوڭۋىبىڭ
كىچىك باتۇرالرنىڭ كۆزى بىلەن چىشىال پارقىراپ قارا خۇرۇمغا مىلىنىپ ئادەم تونۇغۇسىز
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.