Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20

Süzlärneñ gomumi sanı 3923
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
چوڭ دادامنى ئىزدىدىم .ئۇ ئادەم تېخى ئىشقا كەلمىگەن ئىكەن .ئاتامنىڭ شۇ ئىدارىدە
كۆزەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاڭالپ ئاتامنى ئىزدەپ باردىم .ئاتام ئوچاققا ئوت
قاالپ سۇ قاينىتىۋاتقان ئىكەن .ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەندە ئاتام يۈگۈرۈپ كېلىپ
مېنى قۇچاقالپ باغرىغا بېسىپ ،پېشانەمدىن سۆيۈپ كەتتى .خۇشاللىقتىن يۈگۈرۈپ
يۈرۈپ چاي قاينىتىپ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە داستىخان سالدى.
ناۋات ،قەنتلەرنى تۆكتى ۋە يۈگۈرۈپ چىقىپ بازاردىن ئىسسىق نان ئېلىپ كىردى.
چەينەككە چاي دەملەپ چىنىلەرگە چاينى قۇيۇۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئاكىسىنىڭ ياردىمى
بىلەن شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنالشقانلىقىنى ،يېقىندا ئانام بىلەن ئۇكىلىرىمنى
كۆچۈرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەك خۇشال پاراڭ قىلىپ بېرىۋاتاتتى ،تاالدىن بىر
ئادەم كىرىپ ئاتامغا «بۇ سىزنىڭ قىزىڭىزمۇ؟» دەپ سورىشى بىلەن يۈرىكىم «قات»
قىلىپ قالدى .ئۇ ئايالغا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋە ئادرېسالرنى دەپ بەرگەنلىكىم
يادىمغا كېلىپ قالدى .ئاتام بىچارە ھەئە مېنىڭ قىزىم ،بۈگۈن كەلدى ،دەپ ساددىلىقى
بىلەن خۇشال ھالدا ئۇ كىشىگە مېنى تونۇشتۇردى .ئۇ ئادەم قىزىڭىزنى ئىشخانىغا
چاقىرىۋاتىدۇ .بىر كىرىپ چىقىپ كەتسۇن ،بوالمدۇ ،دېدى .ئاتام ھەيران بولۇپ ،بىر ماڭا
بىر ئۇ ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ قالدى .ئۇ ئادەم مېنى باشالپ ئىشخانىغا ئېلىپ ماڭدى.
مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدىم.
ئىشخانىدا قاپاقلىرى تۈرۈلگەن چوڭ ئاتام بىلەن يەنە بىر ئادەم ھەم ياتاقتا بىللە
ياتقان ھېلىقى ئايال ئولتۇراتتى .چوڭ ئاتامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم ھېلىقى ئايالدىن
«مۇشۇ خانىممۇ» دەپ سورىدى .ھەئە شۇ دېگەندىن كېيىن چوڭ ئاتامنىڭ چىرايى
ئۆڭگەن ھالدا:
ــ سائەت قېنى ئەكەل ،دېدى.
قاتتىق قىسىلىشالر ئىچىدە سائەتنى قولۇمدىن چىقىرىپ بەردىم .ئۆمرۈمدە بىرىنچى
قېتىم قىلغان ئوغرىلىق مېنى رەسۋا قىلدى« .يامانغا يولىساڭ باالسى ،قازانغا يولىساڭ
قارىسى» دېگەندەك كېرەم بىلەن ماڭغان يولنىڭ دەسلەپكى قەدىمى مېنى شەرمەندە
296

قىلدى.
ئايالدىن «شۇ سىزنىڭ سائىتىڭىزمۇ» دەپ سورىدى« .ھەئە مېنىڭ» دېگەندىن كېيىن،
سائەتنى ئايالنىڭ قولىغا بەردى .ئايال ماڭا قاراپ ئادرېسىڭىزنى ماڭا دەپ بەرگىنىڭىز
ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ،دەپ چوڭ ئاتام بىلەن ھېلىقى ئادەمگە قاراپ رەھمەت ئېيتىپ
چىقىپ كەتتى .مەن ئۆلمىدىم .ئەمما ئۆلگەندىن يامان بولدۇم .چوڭ ئاتامنىڭ يېنىدىكى
كىشى چىقىپ كەتتى .چوڭ ئاتام نومۇسقا چىدىماستىن بىر ئولتۇرۇپ بىر تۇرۇپ ماڭا
قاتتىق سۆزلەپ كەتتى.
ــ بۇ سېنىڭ نېمە قېلىپ يۈرگەن شەرمەندىچىلىكىڭ .ئاتاڭنىمۇ مېنىمۇ يوق قىلدىڭغۇ.
بىزنىڭ بۇ كۇچار شەھىرىدە يۈز كۆتۈرۈپ يۈرگۈچىلىكىمىز قالمىدىغۇ .سېنى قانۇن بويىچە
قولغا ئېلىش كېرەك .سېنى بۇ شەھەردە سوالپ ،مەن بۇ يەردە تۇرالمايمەن .ھازىرقى
مىنۇتتىن باشالپ كۇچار شەھىرىدىن يوقال! بۇ يۇرتقا ئاياق باسما! ئاتاڭنىمۇ ،ئاناڭنىمۇ
بۇ شەھەردىن قوغاليمەن .سەن ئۆزۈڭنىال ئەمەس ،پۈتۈن ئائىلەڭنى ۋەيران قىلدىڭ،
دەپ بىر ئادەمنى چاقىرىپ مېنى بىر ئەسكى ئۆيگە سوالپ قويدى .مەن دېرىزىنى چېقىپ
چۈشۈپ قاچتىم .دەڭگە بارسام كېرەملەر ئەمدى ماڭماق بولۇپ تۇرۇپتىكەن .مەن شۇالر
بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم .بىز ماشىنىدىن چۈشۈشىمىز بىلەن بەش ئادەم بىزنى چۆرىدەپ
ئېلىپ ،كېرەم قولۇڭدىكىنى يەرگە قوي! دەپ ۋارقىرىدى .كېرەم قاچماقچى بولۇۋىدى،
ھەممىسى كېلىپ تۇتۇپ قولىغا كويزا سېلىپ ،مېنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭدى.
مېنى يۇرتمۇ ـ يۇرت يۈرۈپ ،ساياھەت قىلدۇرۇپ دۆلەتكە شۇڭغۇتۇدىغان
كېرەمنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن دۆلىتى مۇشۇ بولدى .ئۇنىڭ ئەسكىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ
كەينىگە كىرگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا خوپ بولدى .بۇ ئاز تېخى .مەن بۇنىڭ كەينىگە
كىرىپ ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ،شۇنداق ياخشى قېيناتا ـ قېينانامدىن ئايرىلدىم .شۇنداق
ئېسىل ئۆمەردىن ۋە چىرايلىق ئائىلەمدىن ئايرىلدىم .چوڭ ئاتامنىڭ يۈزىنى تۆكتۈم ۋە
ئاتا ـ ئانامنىڭ يۈزىنى تۆكۈپال قالماستىن ،ئۇالرنى ۋەيران قىلدىم .چوڭ ئاتام ،ئاتامنى
مەجبۇرى ئانامدىن ئايرىپ ھەم ھەر ئىككىسىنى يېزىغا قايتۇرۇۋېتىپتۇ .ئۇالر ئايرىلىپ
كېتىپتۇ .ئانام بالىالرنى ئېلىپ گۇڭشېغا چىقىپ كېتىپتۇ .مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇالر
بەكمۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق تارتىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن مېنى ئىككى يىل كەستى .شۇنداق جېنىمغا تەككەن شىيگوبىغا
ئىككىنچى قېتىممۇ شۇنداق قىلىپ كېلىپ قالدىم ،دەپ كۆڭۈلسىز كۈلۈپ قويدى.
297

ئايشەمنىڭ پۇتىنى ئۈششۈتۈۋېلىشى
- 31دېكابىر شەنبە
كەچلىك تاماقتىن كېيىن سادەت بىلەن ئايگۈلنىڭ سوقۇشۇپ ،مۇشتالشقاندا ياتاققا
چېچىلغان سامانالرنى سۈپۈرۈپ ،سامانغا مىلىنىپ يەردە ياتقان ئورۇن ـ كۆرپە ۋە كىگىزلەرنى
قېقىپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ،ساجىدە ئىككىمىز ئۆز ئورنىمىزدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەنكى يىلالر
ۋە يېڭى يىلالر ھەققىدە ،ساۋاقداشالر ھەققىدە ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى سۆزلىشىپ
كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتۇق ،قىزالر بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا يىغىلىپ :قارىساق بىر چىرايلىق پاراڭ
قىلىپ خۇشال كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپسىلەر ،نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ دېيىشىپ كېلىشتى.
ساجىدە :بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ،مەن تۇغۇلدۇم ،دەپ يېتىپ كىچىك
بالىدەك ئىڭەلەپ يىغلىدى .ئامىنە ساجىدەنىڭ بېشىغا ياغلىق باغالپ پۇت ـ قوللىرىنى
تېڭىپ زاكىلىدى .ساجىدە تېخىمۇ قاتتىق ئىڭەلەپ يىغلىدى .ئامىنە :ۋاي خۇدايىم ،قانداق
قىالرمەن ،بۇ بالىنىڭ يىغىسىغا ،دەپ خۇددى بىشەم يىغالڭغۇ بالىسى بار ئانىالردەك
ھودۇقۇپ يۈگۈرۈپ كەتكەن ئىدى .ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .ساجىدەنىڭ ئۆزىمۇ
كۈلۈپ ئېغىناپ كەتتى .بىز شۇنداق كۈلۈشۈپ تۇرغاندا تام قوشنا ياتاقتىن بىرسىنىڭ
قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازىغا ھەممىمىز دىققەت بولۇپ قۇالق سېلىپ قالدۇق.
ھوي! ئايشەم مامۇتنىڭ ئاۋازىغۇ ،سۇقۇشۇۋاتقان ئوخشايدۇ ،ئايشەم سەتەڭ كىم
بىلەن سۇقۇشۇۋاتىدىكىن؟ دەپ ئامىنە يۈگۈرۈپ تاالغا چىقىپ كەتتى .بىز ئۆز پارىڭىمىز
بىلەن كۈلۈشۈپ سۆزلىشىپ ئولتۇراتتۇق ،ئامىنە يەنە توشقاندەك سەكرەپ كىردى ۋە:
ئايشەم سەتەڭ گۈلنىسا دۈيجاڭ بىلەن سوقۇشۇپ مەن كىرسەم «يالغۇز قىزىڭ
تۈرمىدە چىرىپ ئۆلسۇن!» دەپ توۋالۋاتقانىكەن ،دۈيجاڭ بولسا گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى.
ئايشەم ئىككى ئايىغىنى ئىككى تەرەپكە چۆرۈۋېتىپ «مەن بۈگۈن ساڭا ئۆلۈپ بېرىمەن،
مېنىڭ ئۆلۈشۈمگە سەن جاۋابكار بولىسەن ھەي جاالپ» دەپ ياالڭغىداق چىقىپ سۇ
ئامبىرى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى ،ئالالھ! ئۇ ماۋۇ سوغۇقتا توڭالپ ئۆلىدىغان بولدى ،دەپ
كۆزلىرى چەكچىيىپ ،ئەنسىرەپ تۇرالماي قالدى .ھەممىمىز قاتتىق ئەنسىرىشىپ قالدۇق.
قاراڭغۇ زۇلمەت كېچىدە سىرتتا ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى .ھاۋا قاتتىق سوغۇق،
ۋىژىلداپ شىۋىرغان سوقۇپ تۇراتتى .بۇ سوغۇقتا بىردەم تاالدا تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ھەممىمىز يۈگۈرۈپ تاالغا چىقىپ سۇ ئامبىرى تەرەپكە قاراپ ئايشەم مامۇتنىڭ ھاياتىدىن
298

ئەنسىرەيتتۇق ،چاپسان بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرسا ئىكەن ،خۇدايىم
ئۆزى ساقلىسا ئىكەن ،دېگەن ئۈمىد بىلەن جىددىيلىشىپ سۇ ئامبىرى تەرەپكە قاراپ
بىرەر ئاۋاز بارمۇ دەپ قۇالق ساالتتۇق .دۈيجاڭ ۋە كۆزەتچى ئايالالر ياتاققا كىرىڭالر ،دەپ
ھەممىمىزنى ياتاقالرغا كىرىشكە بۇيرۇيتتى.
شۇ ئارىدا سۇ ئامبىرى تەرەپتە يىراقتىن ئايشەمنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭالندى.
ئارقىسىدىن قوغالپ بېرىپ تۇتۇپ ئالغان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدۇق.
شۇ ئارىدا ھەنىپە يېنىمغا كېلىپ ھۆرنىسانىڭ :ئايشەم نېمىشقا بۇنداق قىلىپتۇ؟
دېگەن سوئالغا:
ئايشەمنىڭ دۈيجاڭنىڭ يولدىشى بىلەن چاتىقى بار ئوخشايدۇ .دۈيجاڭ كىرىپ
سەۋرىنىساغا ئاياغ كىيىم توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتاتتى .ئايشەم مامۇت ئۆزىدىن ئۆزىگە
بىر نېمىلەرنى دەپ غۇڭشىۋاتاتتى .دۈيجاڭ ئايشەمگە قاراپ «نېمە بولدۇڭ نېمىگە
غىڭشىۋاتىسەن» دېگەن ئىدى .ئايشەم بىردىنال قايناپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىل ـ ھاقارەتنى
ياغدۇرۇشقا باشلىدى .دۈيجاڭ «نېمە بىشەملىك قىلغىلى تۇردۇڭ؟ نېمە دېمەكچىسەن؟»
دېيىشىگە ئايشەم يالغۇز قىزىڭ جاالپلىقىدىن دۇنياغا نامى تاراپ ئۆمرى تۈرمىدە ئۆتسۇن،
شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىڭ كۆيۈپ ئۆلەرسەن ،دەپ ئاچچىقتىن ھەر نېمىلەرنى دەپ كەتتى.
دۈيجاڭ ئۇنىڭ قىزىنى تىلغا ئالغان سۆزىگە چىدىماستىن تىترەپ كەتتى.
مېنىڭ ئىككى ياشقا كەلمىگەن قىزىمنى نېمە تىلغا ئالىسەن؟ مەن سېنى تۇتۇپ
كەلدىممۇ ،پەس پاسكىنا ئۆزۈڭنىڭ بېشى بىلەن كەتسۇن ،رەسۋا دەپ ۋارقىرىغان ئىدى.
ئايشەم يەنە بىشەملىك قېلىپ ۋارقىراپ ئاغزىغا كەلگەننى دەپ چىقىپ كەتتى .كۆرمەمسىز
بۇ بىر يامان ئىش بولدى ،دەپ تۇرۇشىغا ئاتقا مىنگەن ئىككى ئەر دۈيجاڭ قىيا ـ چىيا
قىلىپ ئايشەم مامۇتنى ئېلىپ كەلدى .ئاندىن چۈشۈرۈپ ياتاققا قولتۇقالپ كىرگۈزدى.
ئايشەمنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي مۇزالپ قالسىمۇ ،توختىماي كۈچەپ توۋاليتتى .قىزالر
ئاۋايالپ ئورنىغا ياتقۇزدى .ئۇنىڭغىچە دوختۇر ۋە كادىرالر كىردى .مەن ياتاققا قايتىپ
كەلدىم .ساجىدە:
نېمە بوپتۇ نېمىشقا قېچىپتۇ؟ دەپ سورىدى .مەن بىلمىدىم ،ھۆرنىسا دۈيجاڭنىڭ
ئېرى بىلەن ئايشەمنىڭ چاتىقى بار ئوخشايدۇ دەيدۇ .كىم بىلىدۇ .كۆزىمىز كۆرمىگەندىن
كېيىن ھېچ نەرسە دېيەلمەيمىز .ئۇ سىرالرنى ئالالھ بىلىدۇ ،دېدىم .ساجىدە كۈلۈپ ئۇغۇ
شۇنداق ،لېكىن ئۇ گەپنىڭمۇ جېنى بار گەپ ،دېدى.
299

بۇالر يىراقتىن بىر ئەر كىشىنى كۆرسە ھەممىسى ھەر تۈرلۈك ئاۋاز بىلەن مۇھەببەت
ناخشىلىرىنى توۋالپ كېتىدۇ .ئەگەر يېقىنراق يەردە كۆرسە سۆز تاشاليدۇ .ئىمكانىيەت
بولسا خەت تاشاليدۇ .ئۇنداق ئاراتام ياتاقتا ياتقان دۈيجاڭنىڭ ئېرىنى ھەر نېمىلەر قىالر،
دەپ قاقاقالپ كۈلۈپ كەتتى .ئۇغۇ راست ،بۇالرنى ھېچ نەرسە دەپ بولمايدۇ ،ئەمدى نېمە
ئۈچۈن ئۇ ئۆز جېنىغا قەستلىنىپ ئۆلۈۋالماق بولۇپ قاچقاندۇ؟ دېدىم مەن.
قارا سۆيۈن مېنىڭچە دۈيجاڭنى بىشەملىك بىلەن قورقىتىۋالماقچى بولسا كېرەك،
ئۆلىمەن ،دەپ قاچسام قوغالپ بېرىپ تۇتۇۋالىدۇ ،دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ .لېكىن
دۈيجاڭ ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ چىقماستىن ئۆزىمۇ تۇتۇپ يالۋۇرمىدى .ھەم
ئايالالرنىمۇ قوغالپ تۇتۇشقا يول قويماي كادىرالرغا ئېيتىپ ئۇالر ئاتقا مىنىپ بارغۇچە،
ئۇ كەينىگە يېنىشقا بولماي ئىككى ئارىلىقتا پۇتىنى ئۈششۈتۈۋالدى .لېكىن ئۆزىگە ـ ئۆزى
قىلىپ قويدى .بولمىسا ئۆلۈۋالغۇدەك ياكى قاچقۇدەك بىرەر ئەھۋال ياكى گەپمۇ بولماپتۇ،
دېدى ساجىدە .مەن ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ ،شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ،دەپ ئويلىدىم.
ئايشەمنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازى چىققان ئىدى .ساجىدە :جور كىرىپ باقايلى،
دېدى .ئىككىمىز كىرسەك سەۋرىنىسا بىلەن پاتەم بىر داس قار بىلەن ئايشەمنىڭ
ئىككى پۇتىنى ئۇۋۇالۋېتىپتۇ .بىراق ئايشەمنىڭ ئىككى پۇتى خۇددى بۇلدۇران مانتىدەك
ئىششىپ چىڭقىلىپ تۇراتتى .دوختۇر :ئايشەمنى ياتقۇزۇڭالر ،دەپ ئىككى پۇتىغا دورا
سۈرتۈپ ،دورىلىق التا بىلەن تېڭىپ قويدى .ئۇخلىتىدىغان ئوكۇل سېلىپ ۋە بىر تابلېتكا
دورا ئىچكۈزۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .ئايشەم توختىماي ئاغزىغا كەلگەن تىلالر بىلەن
توۋالپ ياتاتتى .يېرىم سائەتتىن كېيىن جېنى بىر ئاز ئارام تېپىپ ئۇخالپ كەتتى .ئۈچ
سائەتتىن كېيىن ۋايجانالپ ئۇخلىيالماي ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىزمۇ ئۇنىڭ زارىغا چىدىماي
ئۇخلىيالمىدۇق.
ئەتىسى دوختۇر كېلىپ باغالپ قويغان داكىنى ئاچقان ئىدى ،ئىككى پۇتى ئوتتا
كۆيگەندەك ،تاپان تېرىسىدىن سۇ قاپىرىپ چىقىپتۇ .دوختۇر تېشىپ سۇنى ئاققۇزدى،
دورىلىدى .مانا شۇنداق قىلىپ ئاياغنىڭ دەردى بىلەن ئورنىدىن تۇرالماي ئۈچ ئاي ئازاب
چەكتى ،ئالتە ئاي قولتۇق تاياق بىلەن ماڭدى.
ئايشەم مامۇت ئوتتۇرا بويلۇق ،ئاپاق ،قاش ـ كۆزى قارا ،بۇرنى ئىنچىكە ئۇزۇن،
كالپۇكلىرى نېپىز ،يۈزى يۇمىالق ۋە بەدەن قۇرۇلۇشى قامالشقان چىرايلىق ئايال ئىدى.
ئەگەر ئۇنىڭ بۇ چىرايىغا قىزالرغا خاس نازاكەت ،ھايا ۋە ئەدەپ ـ ئەخالق ۋە قىزلىق
ئىپپىتى بولسا ئىدى ،ئۇ قانداق گۈزەل بىر قىز بوالتتى.
300

زەينەپ بىلەن خاسىيەت بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئالتۇنخاچام بىلەن بۇالق بېشىغا
سۇغا چىقساق گۈلنىسا دۈيجاڭنىڭ ئېرى تۇرۇپتۇ ،ئالتۇنخاچىغا ئايشەم مامۇت توغرۇلۇق
خاپا بولۇپ سۆزلەپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ تۆھمەت چاپالپ ،بىشەملىك قىلىپ گۈلنىسانى
تىلالپ ئۆلۈكىنى ساتماقچى بولۇپ يۈرۈپتۇ .مەن مىللىي ئارمىيەدە تەربىيىلەنگەن
جەڭچىمەن ،ئۇنداق بۇزۇقالر بىلەن ئۆزۈمنى بۇلغاپ جەڭچى نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ
يۈرمەيمەن ،ئۇزۇن يىل ئارمىيە خىزمىتى بىلەن كۆپ جايالردا بولدۇق .بىزگە سۆيۈنگۈل،
ساجىدەگە ئوخشاش ئۈزۈك كۆزىدەك ساپ قىزالر ئۇچرىغان ئىدى .لېكىن بىز ئارمىيە
نامىنى ساقالپ ھېچقانداق بىر قىزغا قارىمىغان ئىدۇق .ھازىر مېنىڭ ئايالىم ،باالم بار
تۇرۇقلۇق قانداقالرچە مەن بۇ ئەسكىلىكنى ئىشلەيمەن ،دەپ بەك خاپا بولدى ،دېدى.
قاراڭالر ،سىلەرنى دۈيجاڭنىڭ ئېرى بەك ھۆرمەت قىلىدىكەن ،دەپ زەينەپنىڭ
سۆزىنى بۆلدى خاسىيەت ۋە بۇ يەردىكى پۈتۈن ئادەملەر سىلەرنى ھۆرمەت قىلىدۇ.
مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىيلىرىمۇ سىلەرنىڭ ياخشى گېپىڭالرنى قىلىدۇ .مانا قارىساق
دۈيجاڭنىڭ ئۆزىمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرۈپ ھۆرمەت قىلىدۇ .بىزمۇ سىلەرنى ياخشى
كۆرىمىز ،ئۆزۈمنىڭ ئاچىسىدەك كۆرىمەن ،دەپ بىزنى قۇچاقالپ قويدى.

- 21مارت شەنبە كۈنى
گۈزەل باھار پەسلى كېلىۋاتاتتى .قارالر ئېرىپ ،يەر يۈزىمۇ ئېچىلىپ كۆرۈنۈشكە
باشلىدى.
تۇرنا ،ھاڭغىرتالر كېلىپ ئۆزىنىڭ خۇش ئاۋازى بىلەن تەبىئەتنى جانالندۇراتتى.
قۇياش يېقىملىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا قارىغاندەك ،زېرىكىپ سىقىلغان كۆڭلۈمگە
خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بەرگەندەك بىلىنەتتى .پاتقاق ۋە قار كېچىپ يىراق ـ يىراق ئېتىزالرغا
ئەپكەش بىلەن ئوغۇت توشىساممۇ لېكىن تەبىئەتنىڭ گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىدا
ئۆز كۆڭلۈمنى خۇشال ھېس قىالتتىم ۋە ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنىمۇ سەزمەستىن ئۆزۈمنى
يەڭگىل ھەم كۆڭۈللۈك ھېس ،قىلىپ تېتىك چاققان يۈرۈپ ئىشلىدىم .ئىككىنچى ئايدىن
باشالپ ئات ئېغىلىدىن ئېتىزالرغا ئوغۇت توشۇپ ئىشلىدۇق .ئىككى سېۋەتنى ئەپكەشلەپ
قېلىن قارالرنى كېچىپ ئېتىزالرغا ئاپىرىش بەكمۇ تەس ئىدى .شۇنداق قىلىپ توشۇپ بىر
كۈنلۈك نورمىنى توشقۇزماقمۇ يەڭگىل ئەمەس ئىدى .قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇق ،قاتتىق
شىۋىرغانالردا ،بۇلۇتلۇق قارا كۈنلەردە ئات ئېغىلى بىلەن ئېتىز ئارىلىقىدا قار كېچىپ،
301

ئاياغ ،قوللىرىمىز مۇزالپ ئىشلەش ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى .ئىشتىن قايتقاندا پاختىلىق
شىمنىڭ پۇشقىقى بىلەن پاختىلىق ئاياغلىرىمىزنىڭ ئىچى سۇ ،سىرتى مۇز قاتقان ھالدا
ياتاققا ئاران قايتاتتۇق .كىيىملىرىمىزنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تام مەشنىڭ ئەتراپىغا ئېسىپ
تاشاليتتۇق .ئاياغ كىيىمدىن چىققان بەتبۇي ،سېسىق پۇراقتىن ياتاقتا تۇرغىلى بولمايتتى.
ئوتنىڭ كۈچى بولمىغانلىقتىن كۆپ ۋاقىت ھۆل كىيىم بىلەن ئىشقا چىقىشقا توغرا كېلەتتى.
بۈگۈن مەن چاققان ئىشلەپ نورمىنى بالدۇر تامامالپ ياتاققا سائەت ئىككى
يېرىملەردە قايتىپ كەلدىم .كىيىملىرىمنى يېشىپ قۇرۇتۇش ئۈچۈن تام مەشنىڭ يېنىغا
بارسام ،تام مەشنىڭ ئارقىسىدا تاجىنىسا يىغالپ ئولتۇرۇپتۇ .تاجىنىسا بۈگۈن ئاغرىپ
قېلىپ ئىشقا چىقمىغان ئىدى .نېمە بولدىكىن ،دەپ ھەيران بولۇپ:
نېمە بولدىڭىز تاجىنىسا؟ نېمىشقا يىغاليسىز؟ دەپ سورىدىم.
تاجىنىسا ئورۇق ،ئېگىز بويلۇق ،يۈزلىرى سوزۇنچاق ،كىچىك چېقىر كۆزلۈك ،قاش،
چاچلىرى سېرىق كەلگەن ،يۈزى ۋە لەۋلىرى قانسىز تاتىرىپ تۇرغان چىرايى سېرىق ،تارالماي
چۇۋۇلۇپ مۈرىسىگە چۈشكەن جانسىز چېچىنى ياغلىق بىلەن باغالپ يۈرىدىغان ،نېرۋىسى
چېچىالڭغۇلۇقتىن دائىم ئاچچىقلىنىپ تۇرىدىغان ئايال ئىدى .نېرۋىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن
قوللىرى ۋە ئاغزىنىڭ ئەتراپى تىترەپ تۇراتتى.
تاجىنىسا :بالىلىرىمنى سېغىنىپ كەتتىم ،دەپ يەنە يىغالپ كەتتى .مەن ھېچ
تاجىنىسانىڭ بالىسى بار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.
ھەيران بولۇپ :بالىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدىم.
تاجىنىسا :ھەئە ،ئون بىر باالم بار ئىدى ،دېدى.
مەن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم ،ياشقىنا بىر ئايالنىڭ ئون بىر بالىسىنىڭ بارلىقى
ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەي:
ــ چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ تاجىنىسا ،دېدىم.
ــ ئىشەنمەيۋاتامسىز ،راست ،ئون بىر باال تۇغدۇم .مەن ھەر يىلغا قوشكېزەكلەپ تۆت
قېتىم سەككىز باال ،ئاخىرقى بالىلىرىم ئۈچ كېزەك تۇغۇلغان ھەممىسى ئوغۇل ئىدى ،دېدى.
«ئىدى» دېگىنىگە قاراپ بۇ بالىالرغا بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم.
ئۇ بالىلىرىڭىز نەدە؟ يولدىشىڭىزنىڭ قولىدىمۇ؟ سىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغان
ئىدىڭىز؟ دەپ قىزىقىش بىلەن سورىدىم.
302

ــ قاراڭ ئون بىر بالىنىڭ دادىسى بىر ئەمەس ،ھەر كېزەكنىڭ دادىسى باشقا دېدى.
مەن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم ۋە:
ــ ئۇالرنىڭ ھەممىسى دادىلىرىنىڭ قوللىرىدىمۇ ،دەپ سورىدىم.
ــ ياق ،بۇ كوچىدا يۈرگەن ئەرلەر ،خوتۇن ـ باال بېقىش مەقسىتىدە ئەمەس ،ئۇالر
كوچىدىكى ئايالالردىن بىر كۈن ئۇنىڭ بىلەن ،بىر كۈن بۇنىڭ بىلەن بەزىدە بىر كۈندە
ئۈچ ـ تۆت ئايالنى قولدىن چىقىرىپ يۈرۈپ ئۆگىنىپ كەتكەن ،ئۇالر ئۆيلىنىپ ،ئۆي
تۇتۇپ خوتۇن ـ باال بېقىشنى خالىمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە ئوخشاش كوچىدا يۈرگەن
ئايالالرنى ھېچكىم ئالمايدۇ .سىز ئۇ كوچىدا يۈرگەن ئەر ـ ئايالالرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى
بىلمەيسىز ،دېۋىدى ،مەن يەنە گېپىنى بۆلۈپ:
ــ بالىلىرىڭىز نەدە؟ ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىدىمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ــ مەن سىزگە دەپ بېرەي ،ھەممە باالم دوختۇرخانىدا قالدى .بالىنى تۇغۇپ ئۈچ
تۆت كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان پۇلۇم بولمىغانلىقتىن ھەم بالىالرنىئېلىپ چىققان بىلەن باقىدىغان ئىقتىسادىم ۋە تۇرار ماكانىم بولمىغانلىقتىن ئويالپ ـ
ئويالپ ئاخىرى ھاجەتخانىغا كىرىپ كىيىملىرىمنى كىيىپ دوختۇرخانىدىن قېچىپ
چىقىپ كېتىمەن .بالىالر ئىگىسىز دوختۇرخانىدا قالىدۇ .شۇنداق قىلىپ ئون بىر بالىنى
دوختۇرخانىدا تاشالپ چىقتىم .ھازىر مەن بۇ بالىالرنىڭ نەدە ،كىملەرنىڭ قولىدا ،قانداق
ياشاۋاتقانلىقىنى ،ھەتتا ئاتىلىرى كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .شۇ بالىالرغا ئىچىم
كۆيىدۇ .بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ئىزدەپ باقسام دەپ ئوياليمەن ،دېدى .ئۇنىڭ بۇ
سۆزلىرىگە ھەيران بولۇپ ،تاجىنىساغا قاراپ قالدىم ۋە ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇ بالىالرنى سىز قانداق تاپىسىز؟ ئۈچ ـ تۆت كۈنلۈك تاشالپ كەتكەن بالىالرنى
سىز قانداق تونۇيسىز؟ كىمگە بېرىپ ،كىم باققانلىقىنى نەدىن بىلىسىز ،دەۋىدىم ،تاجىنىسا
ئىشەنچلىك ھالدا:
ــ ئۇ بالىالرنى كۆرسەم تونۇيمەن ،ئىنتايىن چىرايلىق ،ئوماق بالىالر بولۇپ تۇغۇلغان،
ھەر قايسىلىرىنىڭ دادىلىرىغا ئوخشايدىغان يەرلىرى بار ئىدى .ئاخىرىدا تۇغۇلغان ئۈچ
كېزەكنىڭ بەلگىلىرى بار .بىرسىنىڭ دۈمبىسىدە قارا خالىي بار ،بىرسىنىڭ بېشىدا ئاق
خالىي ھەم داچەندەك يېرىدە ئاق چېچى بار ،يەنە بىرسىنىڭ بىر كۆزى قارا ،بىر كۆزى
ماش رەڭدە بولىدىغان ،شۇنىڭغا قاراپ تونۇيمەن ،دېدى .مەن تاجىنىسانىڭ ئانا مېھرى
بىلەن سۆزلەپ ئولتۇرغان سۆزىگە قاراپ ھەيران بولدۇم .تاالدىن كىرىپ بىزنىڭ سۆزىمىزگە
303

قۇالق سېلىپ ئولتۇرغان مارىيە ،تاجىنىسانىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ:
ــ قاراڭ سۆيۈنگۈل ،بىز ئۆزىمىز ئۇ ۋاقىتتا جان باقالماي يۈرگەندە بالىنى قانداق
باقاتتۇق دەڭە! مەنمۇ تاجىنىساغا ئوخشاش ئوغلۇمنى باقالماي تۆت ئايلىق بولغان بالىنى
چوڭ كۆۋرۈكتە كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئادەمگە 40سومغا ساتتىم .ھازىر ئۇ بالىنىڭ نەدە
ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .مەنمۇ شۇ باالمنى كۆپ ئوياليمەن .يۈرىكىم سىقىلىدۇ .دۇنيا
يۈزىدە بىر كۆرسەم دەيمەن ،دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
مەن بۇالرنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ھەيران بولساممۇ ،باال ئۈچۈن ئېزىلىپ تۇرغان
كۆڭلىنى ئويالپ ئۇالرنى بەزلىدىم.
ــ يىغلىماڭالر ،بەندىگە قىيىن بولغان بىلەن ئالالھقا ئاسان ،بىرەر سەۋەب بىلەن
ئالالھ بالىلىرىڭالرنى سىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرسە ئەجەب ئەمەس ،ھەر ئىش ئالالھقا
ئاسان ،يىغلىماڭالر ،ئالالھ سىلەرگە ياردەم قىلسۇن! دەۋىدىم ،جېنىم قېرىندىشىم
دېگىنىڭىز كەلسۇن ،دەپ قوللىرىمنى تۇتۇپ خۇشال بولۇپ كەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» بولغان گۇڭشېلىشىش سىياسىتى
خەلقنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن ،ئۆز بايلىقى ،يەر ،سۇ ،ئۆي ـ جايلىرىدىن ئايرىپ تۇتقۇن
ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
خەلققە شەنبە ،يەكشەنبە ،ھېيت ـ ئايەم ،بايرام ،دەم ئېلىش كۈنلىرى يوق .كېچە ـ
كۈندۈز مەجبۇرى ئېغىر ئەمگەك بىلەن يىلالر بويى ئىشلەپ ،قولى بىر تىيىن پۇل كۆرمەستىن،
قورساق تويۇپ تاماق ،ئۈستى پۈتۈن كىيىم كىيىپ كۆرمىگەن خەلق ،كېلەچەكتىن
ئۈمىدسىزلىنىپ ،گۇڭشېدىن كېتىش چارىسىنى قانچە ئىزدىسىمۇ ،مۇمكىنچىلىك يوق
ئىدى .چۈنكى گۇڭشېدىن كەتسە ئۆز ۋەتىنىدە ئۆزى قارا نوپۇس بولۇپ ،ئىشسىز ،پۇلسىز،
ئۆي ـ ماكانسىز كوچىدا تەمتىرەپ تۈرمىگە كىرىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى.
مانا بۇنىڭدەك گۇڭشې تۇرمۇشىدا ئۆسكەن ئاق كۆڭۈل ،ساددا ،چىرايلىق قىزالر
گۇڭشې تۇرمۇشىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە ،يامانالرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ۋەيران
بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
ھەر بىرسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەننى يازساڭ بىر رومان يازغۇدەك ۋەقە بار ،ئاڭلىساڭ
ئۇالرنى ھېچ ئەيىبلىگۈڭ كەلمەيدۇ.
تاجىنىسانىڭ سۆزىنى ئاڭالپ كۆڭلۈم ئەسكى بولدى .بۇ بىچارە ئانىالر ئۆزىنىڭ
يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرىنى باقالماي تاشالپ كېتىشكە ياكى سېتىشقا مەجبۇر
304

بولۇپ قالغان .يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىالرنىڭ ئانا مېھرىنى كۆرمەي مال ئورنىدا
سېتىلىپ قىممەتسىز تاشلىنىپ قېلىشىغا مەجبۇر بولغان ،نېمە دېگەن ئېچىنارلىق ھال
بۇ؟ ھەقىقەتەن يۈرىكىم ئېچىشتى.

ئورما ۋاقتى
- 64يىلى - 25ئىيۇن پەيشەنبە
يازنىڭ قاتتىق ئىسسىق مەزگىلى ،ئەتراپ تونۇر تەپتىدەك يېلىنجاپ ،يىراقالرنى
ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى .يازنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدا ئەتىگەن سائەت 10دىن ،چۈشتىن
كېيىن سائەت تۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا تاالغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .چۈنكى
ئاپتاپ ئۆتۈپ ئادەمنىڭ ئىچىدىن قان ئۆتۈپ (دىزېنتېرىيە ئاغرىقى بىلەن ئاغرىتاتتى) شۇ
سەۋەبتىن ياز كۈنلىرى سەھەر سائەت تۆتتىن 10غىچە ئىشلەپ 10 ،دىن چۈشتىن
كېيىن تۆتكىچە دەم ئالىمىز .بۇ ۋاقىتتا ياتاقتىمۇ ئادەم تۇرۇپ بولغۇسىز تىنچىق ئىسسىق،
جان قويغۇدەك يەر تاپالمايتتۇق .ئۇنىڭ ئۈستىگە چىۋىن چۇسىالر جانغا تېگەتتى .پەقەت
بىز ئۈچۈن ئەڭ راھەت نەرسە قۇدۇقتىن چىققان مۇزدەك سۇ ئىدى .چۈشتىن كېيىن
سائەت تۆتتىن كېچە سائەت 10غا قەدەر ئىشلەيتتۇق .بۈگۈنكى كۈنگىچە كۆكتات،
شاللىق ھەم بۇغداي ئېتىزلىرىدا قىر ياساش ئىشلىرى بىلەن بولدۇق .بۇغداي ئېتىزىنىڭ
قىرلىرىنى بىر ئادەمگە 200مېتىر ئۇزۇنلۇقىدا ياساشنى ،شاللىق ئېتىزنىڭ قىرىنى بىر مېتىر
ئېگىزلىكتە ۋە بىر يېرىم مېتىر كەڭلىكتە ياساشقا ئادەم بېشىغا نورما قىلىپ بۆلۈپ بېرىپ،
بەلگىلەنگەن ئورۇننى تۈگەتمىگۈچە قايتۇرماي ئىشلەتكەنلىكتىن ياتاققا ھېرىپ ئاران
قايتاتتۇق .بۈگۈن بۇ ئىشالرنى تامامالپ ،ئورما ئورۇش ئۈچۈن بىزدىن 15 ،10كىلومېتىر
يىراقلىقتىكى بۇغدايلىق مەيدانىغا كۆچۈپ باردۇق.
بۇ مەيداندا ئۆز ۋاقتىدا چوڭ پىالنالر بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ قىزىل خىش بىلەن
ئىشىك ،دېرىزىلىرىنى يوغان قىلىپ ياسالغان چوڭ ـ چوڭ بىناالر بار ئىكەن .دېرىزە
ئىشىكلىرى تېخى ئورنىتىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ياخشى سېلىنغانلىقى بىلەن ئادەمنىڭ
كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنەتتى .ئاستىمىزغا سامانالر سېلىپ ئورۇنلىرىمىزنى رەتلەپ
جايلىشىپ ئالدۇق.
تەشكىل پۈتۈن شىيگوبى بويىچە يىغىن ئاچتى .ھەر بىر ئادەم بېشىغا بىر كۈندە
305

ئىككى مۇ يەردىكى بۇغداينى ئورۇش ھەم بىر تال باشنىمۇ ئېتىزدا قالدۇرماي پاكىز ئورۇش
الزىم .ئەگەر نورمىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىسا مۇكاپاتقا تاماق نورمىسىنى ئارتۇق بېرىمىز ،ئەگەر
نورمىدىن كەم ئورىسا (نورمىغا توشمىسا) تاماقنىمۇ كەم بېرىمىز ،بىر ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن
مەيداندىكى بۇغداينى ئورۇپ تۈگىتىشىمىز الزىم .بۇ تەشكىلنىڭ بەلگىلىمىسى ،دەپ ھەتتا
كۆرۈلىدىغان چارىلەرگىچە ئۇقتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىندىن كېيىن ئايشەم ئايۇپ يېنىمغا كېلىپ ماڭا:
ــ سۆيۈن ،بۇ يەر بۇرۇن شىيگوبىنىڭ مەركىزى ئورنى مەيدان رەھبەرلىكى جايالشقان
يەر ئىدى .نەچچە مىڭ ئادەم بۇ يەردە ئىشلەيتتى .سىز بىلەمسىزكىن ،بىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ
يازغۇچىسى زىيا سەمەدى مۇشۇ يەردە ئۆزگىرىشتە تۇرغان ئىدى ،دېدى.
مەن ھەيران بولۇپ:
ــ زىيا سەمەدى مۇشۇ يەردە بولغانمۇ؟ دەپ ،قايتىالپ سورىدىم .ئۇ :ھەئە ،ئۇ كىشى
ئوڭچىمۇ ،مىللەتچىمۇ ئۇقمىدىم ،شۇنداقراق بىر جىنايەت بىلەن ياتقان .ئۇ سىلەر ياتقان
ياتاقتا تۇرغان .ئۇ ئادەم يازغۇچى بولغانلىقتىن ئېغىر ئەمگەككە كۆپ سالمىدى .كۆپ
ۋاقىت ياتاقتا بوالتتى .كىشىلەر يازغۇچى ئادەم ئىكەن ،ئىشقا چىقماي يازىدىكەن ،نېمىلەر
يازىدىغاندۇ؟ دەپ ھەيران بوالتتى .ئۇ ئادەمنى مۇشۇ يەردە كۆرگەن ئىدىم .ئاچارچىلىق
باشلىنىپ ،كىشىلەر ئۆلۈپ ئادەملەر ئازالپ كەتتى .ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاغدىن كېلىدىغان
سۇالرمۇ قۇرۇپ بۇ يەر تاشالندۇق بولۇپ قالدى .چاڭبۇ ھازىرقى ئورۇنغا كۆچۈپ كەلدى،
دېدى .مەنمۇ زىيا سەمەدى توغرىسىدا بۇنداق ئەھۋالالرنى ئاڭالپ كۆرمىگەنلىكتىن راست
شۇنداق بولغانمىدۇ؟ دەپ ئويالپ قالدىم.
بىز كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئېلېكتر يوق دەپ بالدۇر ياتتۇق .ئامىنە ئورنىغا
يېتىۋېتىپ:
ــ ھەي قىزالر ،مەن قولغا ئېلىنىپ بۈگۈنكىدەك ئازادە ياتاقتا يېتىپ كۆرمىدىم.
ھاۋاسىمۇ تازا ،نېمە دېگەن ياخشى ،پۈتۈن ياز مۇشۇ يەردە بولسا قانداق ياخشى بوالتتى،
دەپ ئىككى قولىنى سوزۇپ «ئۇپ» دەپ كەتتى.
زەينەپ:
ــ شۇنى دەيمەن ،مەن ھەممىدىن چىۋىننىڭ يوقلۇقىغا خۇشال بولدۇم ،دېيىشىگە
ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ ساجىدە:
306

ــ ھەي قىزالر ،چۇسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭالرمۇ؟ بۈگۈن ئۇالردىن خالىي ،ئازادە ئۇخاليمىز،
دۇنيادا بۇنداقمۇ جىق چىۋىن ،چۇسىنى ھېچ يەردە كۆرمىگەن ئىدىم ،دېۋىدى ،خەلچەم:
ــ پاشا بىلەن كومىتىنى ئۇنتۇپ قالدىڭالرمۇ؟ جېنىڭالرغا تەگمىگەن ئىكەن ،دېدى.
تىلالخان تۇرۇپ:
ــ ھەممىسىغۇ بەك ياخشى بولدى .بۇ دېرىزە ،ئىشىكى يوق ياتاقتا چىلبۆرە كىرىپ
بىزنى يەپ كەتمىسۇن ،دەپ قورقۇۋاتىمەن ،دەپ ۋەھىمە سالدى .ئۇنىڭ سۆزىنى
قۇۋۋەتلەپ ئايشەم مامۇت:
ــ بۇ چۆلدە جىن ،ئېزىتقۇالر بار دەيدۇ .كېچىدە كېلىپ كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ يۈرمىسۇن
يەنە ،دېدى.
خەلچەم:
ــ قويە ئاداش ،ئەمدى بىر ھۇزۇرلىنىپ بىر تاتلىق ئۇخاليلى دېسەك ،سەن نەدىكى
ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى تاپتىڭ ،جىم ياتقىنا ئاداش ،خۇدايىم ساقاليدۇ دېدى .ھەممىمىز
كۈلۈشتۇق.
پۇشتەكنىڭ چىرقىراق ئاۋازى بىزنى كېچە سائەت ئىككىدە تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.
كۆزۈمنى ئۇۋىالپ ئاران ئورنۇمدىن تۇردۇم .تاڭ قاراڭغۇ ،ئەتراپنى كۆرۈپ بولمايتتى ،يېرىم
سائەت ئىچىدە سەپكە تىزىلىپ بۇغداي ئېتىزلىرىغا قاراپ ماڭدۇق .بىز ئىش مەيدانىغا
يېتىپ بارماستىن بۇرۇن كۈن چىقىش تەرەپ سۈزۈلۈپ ئاقىرىشقا باشلىدى .ھەر كىم
بۆلۈنگەن ئورنىغا كېلىپ ئورما ئورۇشقا كىرىشتۇق .سائەت يەتتىلەر بىلەن گۈلنىسا
دۈيجاڭ كېلىپ مېنى چاقىرىپ چىقىپ :ئورما تۈگىگۈچە ئايالالرغا قايناق سۇ توشۇپ
تۇرىسەن ،سەن چاققان ھەم مەسۇلىيەتچان بولغىنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن
چىقااليدۇ ،دەپ سېنى ئورۇنالشتۇردۇم ،دېدى .ياق دېگىلى بوالمدۇ! بۇ ئىش ئورمىدىنمۇ
ئېغىر ئىدى .ياتاق بىلەن ئېتىزلىق ئارىلىقى خېلى بار ،كۈننىڭ كۆيۈپ تۇرغان ۋاقتىدا بۇ
ئىككى ئارىلىقتا كۈنىگە ئون نەچچە قېتىم قايناق سۇ توشۇش ئوڭاي ئەمەس ئىدى.
سۇخانىغا بېرىپ بىر يېرىم سائەت دېگەندە ئاران كەلدىم .چاققان ماڭسام قايناق سۇ
پۇتۇمغا تۆكۈلۈپ كۆيدۈرىدۇ .ئاستا ماڭسام دېگەن ۋاقىتتىن كېچىكىپ بارىمەن .ئۆمرۈمدە
بىرىنچى مەرتىۋە ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇشۇم ئىدى .ئەپلىشەلمەي ئۆگەنگۈچە خېلى
قىينالدىم.
307

كۈن دېگەن كۆيدۈرۈپ تۇرىدۇ .قاتتىق قىزىغان دەزمال بىلەن كىيىملەرنى
دەزماللىغاندا رەختتىن كۆيگەن پۇراق چىققاندەك ئۈستۈمدىكى كىيىمدىن ئەنە شۇنداق
پۇراق چىقاتتى .ئارىلىق ئۇزاق ،چېلەكتىن قايناق سۇ چايقىلىپ ،تۆكۈلۈپ يۈرۈپ بىر
چېلەك سۇنىڭ يېرىمى تۆكۈلۈپ پۇتلىرىمنى كۆيدۈرۈپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە يېرىمىنى
ئېلىپ ئاران يېتىپ كەلدىم .مېنىڭ قارامنى كۆرۈشى بىلەن ئايالالر :ياشاپ كەت ،چاپسان
بول! دەپ چوقۇرۇشۇپ كەتتى .ئېلىپ كەلگەن ئىككى چېلەك سۇ ئايالالرغا يەتمەي
قالدى .يەنە يۈگۈرۈپ كەتتىم .ئۆزۈممۇ ئۇسساپ تىللىرىم قۇرۇپ كەتتى .ئىككىنچى
قېتىم ياتاقتىكى باكالشكىالردىن ئۈچ دانە ئېلىپ ئۇالرغا سوغۇق سۇ تولدۇرۇپ ،بوينۇمغا
ئېسىۋالدىم .بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن تېزرەك كەلدىم .كەلگۈچە بىر باكالشكا سۇنى ئىچىپ
بولدۇم ،پۈتۈن يۈز ـ كۆزۈمدىن تەر دېگەن مۇنچاقتەك ئېقىپ ماڭغان يوللىرىمغا ئىز بولۇپ
تېمىپ كەلدى .ئايالالر بولسا بىر قېتىم سۇنى ئېلىپ كېلىپ ،ئىككىنچى قېتىم كەلگۈچە
ئۇسساپ چاكىلداپ قاالتتى .بارا ـ بارا ئەپكەش كۆتۈرۈش يولىنى بىلىۋالدىم .لىڭ ـ لىڭ
قىلىپ بىر تامچە سۇنى تۆكمەي ئېلىپ كېلىدىغان بولدۇم.
ئەتىگەنكى تاماقنى ئېتىز بېشىدىال يەيتتۇق .كۈندىكى تاماققا قوشۇپ ھەر بىر ئادەمگە
بىردىن ھوردا پىشقان ياڭيۇ بەردى .مەن تاماقنى چاال ـ پۇچۇق يەپ يەنە سۇ ئېلىپ
كېلىش ئۈچۈن كەتتىم .سائەت ئونالر بىلەن ياتاققا دەم ئېلىش ئۈچۈن قايتتۇق .مەن
تۇرۇبىدىكى سوغۇق سۇ بىلەن باشلىرىمنى ،پۇت ـ قوللىرىمنى يۇيۇپ بىر ئاز راھەتلىنىپ
ياتاققا كىرسەم مېھرىبان كۈننىڭ ئىسسىقىدىن شىكايەت قىلىپ:
ــ ۋاي خۇدايىم ،بۈگۈن كۈن ئۆز ئورنىدىن تۆۋەن چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
بىر ئاز تۇرساق تونۇردا پىشقان پاقالندەك كاۋاپ بوالتتۇق ،دەپ ئەركىلەپ سۆزلىگەن
ئىدى .ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تەبىئىي ئوماقلىق ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ
كۆرسىتىۋەتتى .ئۇ ھەر ۋاقىت سۆزلىگەندە ئەركىلەپ سۆزلەيتتى .ئۇنىڭ قارىقاتتەك قارا
كۆزىنىڭ ئېقى يوقتەك بىلىنەتتى .قويۇق قارا كىرپىكلىرى قارا قاشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ
كۆزىنى چىرايلىق ھەم تېخىمۇ قارا كۆرسىتەتتى .قارا ،قويۇق بۇدرە چېچى ئۇنىڭ ھۆسنىگە
گۈزەللىك بېرەتتى .تېرىسىنىڭ قارا بولۇشىمۇ ئۇنىڭ يۈز تۈزۈلۈشىگە ماسالشقاندەك ئۇنىڭ
گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزمەيتتى .ئۇنىڭ ياشلىقىغا خاس تېتىكلىكىمۇ بار ئىدى.
مەن بېشىمنى لۆڭگە بىلەن ئېرتىۋېتىپ مېھرىبانغا قاراپ تۇرۇشۇمغا ئامىنە:
ــ جېنىم ئاداش ،كاۋاپ بولغان بولساڭ بىزگە ياخشى بوالتتى ،بىر گۆش يەپ تويۇپ
ئاالتتۇق .خۇيمۇ گۆش سېغىنىپ كەتتۇق ،بىر ساۋاپ ئالغان بوالتتىڭ -دە ئاداش ،دېۋىدى
308

ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
سائەت ئۈچلەردە تاماق يەپ ئىشقا چۈشتۇق .كەچ كىرگۈچە ئون مەرتىۋە سۇ
توشۇدۇم .كەچقۇرۇن سۈرۈن چۈشكەندە بۇغداي بەكمۇ ئوخشىغان ئىكەن ،بىر تۈپ
بۇغدايدىن تۆت ـ بەش تال باشاق ئۆسۈپ ،ھەر شاختىكى بۇغداي بىر غېرىچتىن ئارتۇق
باش تۇتقان .بۇ بۇغدايالر شۇنچىلىك ئوخشىغانكى ئېغىرلىقتىن باشلىرىنى كۆتۈرەلمەي
يېتىپ كەتكەنىدى .ئېغىر بولغاچقا بىر باغ بۇغداينى كۆتۈرمەك خېلىال ئېغىر توختايتتى.
مۇشۇنداق ئاشلىق ئوخشىغان يەردە شۇ ئاشلىقنى يېتىشتۈرگۈچى ئادەملەر ئاچلىقنىڭ
ئازابىنى تارتىپ ياشايدۇ .سائەت 10غىچە جىددىي ئىشلىدۇق .ئىشتىن چۈشۈپ يۇيۇنۇپ
ياتاققا كىرسەك ئايالالر يېتىپ ئۇخالپمۇ بوپتۇ .مەن:
ــ ئايالالر بۈگۈن قاتتىق چارچىغان ئوخشايدۇ دەۋىدىم ،ساجىدە:
ــ 14سائەتلەپ ئورما ئورۇش يەڭگىل ئەمەس ،مەنمۇ قاتتىق ھېرىپ كەتتىم .سەن
قانچىلىك ھارغانسەن دەيمەن ،دېدى كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا.
ــ دەسلەپكى كۈن بولغانلىقتىن بىر ئاز ئېغىر بولىدۇ .كېيىن ئۆگىنىپ كېتىمىز ،دېدىم.
ئورۇنغا بېرىپ ياتقاندىن كېيىن ،ئىككى پۇتۇم مۈرىلىرىمنىڭ ئاغرىقىدا ھالسىزالندىم.
مانا شۇنداق ئېغىر ئىشلەش بىلەن بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئومىنى تامامالپ
شىيگوبى ئەمگەك مەيدانىغا قايتىپ كەلدۇق.

- 3ئاۋغۇست
ئومىدىن قايتقاندىن كېيىن ،بىر كۈن دەم ئېلىپ ئاندىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ،
بىر گۇرۇپپا كۈزلۈك كۆكتات تېرىش ئۈچۈن ،بىر گۇرۇپپا كومبايىن ئارقىلىق خامان تېپىش
ئۈچۈن ئىشقا چىقتۇق .ئىش ئېغىر ،ۋەزىپە كۆپ ،يەنە جىددىي ھەم ئالدىراش ئىشلەشكە
توغرا كەلدى.
كومبايىننىڭ ئاغزىدىن سۇدەك قويۇلۇپ تۇرغان بۇغدايغا تاغار تۇتۇپ ،تولغاندىن
كېيىن ئاغزىنى باغالپ ئاندىن دۈمبىمىزگە يۈدۈپ چىقىپ ماشىنىالرغا قاچىاليمىز.
كومبايىننىڭ يالماۋۇزدەك يۇتۇشىغا تۆت ئايال باغ تاشالپ ئۈلگۈرتەلمەيتتى .ئۇنىڭ يوغان،
ئېگىز مۈرىسىدىن بۇغداينىڭ سامانلىرى قاراچاڭ بىلەن تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
309

باش ـ كۆزىمىز ئادەم كۆرگۈسىز چاڭ بولۇپ كېتەتتى .تەر بىلەن چاڭ قوشۇلۇپ
چىرايىمىزنى تونۇغۇسىز قىلىپ تاشاليتتى .كومبايىننىڭ توختىماي تاراقالپ تېز ھەرىكەت
قىلىشىغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن ماشىنىدەك ئىشلەش كېرەك ئىدى.
سەۋرىنىسا تاغارنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ:
ــ بۈگۈن ئانامدىن تۇغۇلغىنىمغا راستتىن تويدۇم .ھېرىپ ئۆلەي دېدىم ،تاغارنى
تۇتۇپ ماشىنىغا ئېلىپ چىققۇچە جېنىم چىققىلى ئاز قالدى ،دەپ كۆينىكىنىڭ يېڭى بىلەن
يۈزىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈپ كۆزىگە كەلگەن ياشالرنى يۇتۇشقا تىرىشاتتى .سەۋرىنىسانىڭ
باش ـ كۆزلىرىگە ئاپاق چاڭ ئولتۇرۇپ خۇددى توپا يولدا ئۇزۇن يول مېڭىپ كەلگەن يولچىغا
ئوخشايتتى .تەر بىلەن توپا قوشۇلۇپ يۈزىگە الي سۈركەپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى .مەن
ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم .ئۇمۇ ماڭا قاراپ قاقاقالپ كۈلۈپ :ۋاي سۆيۈن ،ھازىر
بىزنى بىرسى كۆرسە جىن كۆردۈم ،دەپ قورقۇپ قاچىدۇ .نېمە بولۇپ كەتتۇق قارىمامسىز،
بۇ تاغارالرنى ئەرلەر كۆتۈرسە بوالتتى .يۈز جىڭ ،خېلى ئېغىر نەرسە ئىكەن ،پۇت ـ قولۇمدا
كۈچ قالمايۋاتىدۇ ،دەپ مېنىڭ كەينىمدىن تاغارنى ئارقىالپ ماشىنىغا چىقىرىپ كېتىپ
بېرىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈپ تىزىنى قاتتىق ئاغرىتىپ ئالدى .تاغارنى ماشىنىغا قويۇپ
كېلىپ ئۈستىدىكى يۈكنى ئېلىپ تۇرغانىدىم ،تىزلىرى قاناپ دوختۇرخانىغا كەتتى .كۆپ
ئۆتمەي چۈشلۈك تاماققا چىقتۇق .يۈز ـ كۆزلىرىمنى يۇيۇپ تاماققا ئولتۇراتتىم ،ئۇدۇلۇمدا
پاراڭ قىلىپ تامىقىنى يەۋاتقان تۇراخان تامىقىغا قولىنى ئۇزىتىپ :مېنىڭ نېنىمنى كىم
ئالدى؟ قايسىڭ يېدىڭ؟ دەپ توۋالپ كەتتى .يېنىدا ئولتۇرغان تىلالخان بىلەن زەينەپتىن
گۇمانلىنىپ :سىلەر ئالدىڭالر ،دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىلالپ كەتتى .ئۇالر :تۇراخان بىز
ئالمىدۇق ،بىز مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ ئۆز تامىقىمىزنى يەۋاتىمىز ،سېنىڭ يېنىڭغا بارمىدۇق،
دېسىمۇ ئۇالرنىڭ گېپىگە قۇالق سالماي :مېنىڭ تامىقىمنى يېگۈچە ،دەپ ئاغزىنى شۇنداق
بۇزۇپ ئۇالرغا دېۋەيلىگەنىدى ،تىلالخانمۇ سەكرەپ تۇرۇپ ،ئاغزىنى بۇزۇپ تۇراخاننىڭ
ياقىسىغا ئېسىلىپ ئىككىسى ھەش ـ پەش دېگۈچە بىر ـ ئىككى مۇشت سېلىشىپمۇ ئالدى.
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇالرغا :قويۇڭالر ھەر ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلىڭالر ،دەپ ئاجراتتىم.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.