Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12

Süzlärneñ gomumi sanı 3891
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ــ ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى بېرەي كىيىملىرىمنى ئەكېلىپ بەرسۇن ،كىيىم يۆتكىمىگىلى
بىر ئاي بولدى ،پاسكىنا بولۇپ كەتتى ،دېدىم.
ئابلىز نىياز قەغەز بىلەن ئاچقۇچنى ئېلىپ ،مەكتەپ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ
چىقىپ كەتتى ،كۆپ ئۆتمەستىن ،مەكتەپكە تېلېفون بەردۇق ،بۈگۈن ئۆزلىرى ھەممىسىنىڭ
كىيىم ـ كېچىك نەرسىلىرىنى ئاپىرىپ بېرىمىز ،دېدى .ئۇالر بىكار ئاۋارە بولۇپ ،ئۇقماي
كېتىپ قالدى ،دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى سائەت سوراق بولدى .چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەردە
تاالدىن ئادەملەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئاڭالندى .مەن كۈندە دېگۈدەك تاالغا
چىققۇچىالرنى بىر ئامال قىلىپ كۆرۈپ تۇراتتىم .لېكىن بۇ ئادەملەرنى بىر ـ بىرىدىن پەرق
ئېتىش قىيىن ئىدى .چۈنكى ھەممىسى ماركىستەك بومبا ساقال ،رەڭگى سېرىق ،ئۇرۇق
بىر خىل ئادەملەر .بۇالرنى بىر ـ بىرىدىن ئاجرىتىپ تونۇغىلى بولمايتتى .ئۆسكەن چاچ،
بۇرۇت ،ساقالالر ئادەمنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ تاشاليدىكەن.
مەن ئولتۇراتتىم ،بىر ۋاقىتتا تاالدىكىلەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئاڭالندى.
تۈرمىدىكىلەرنى ئېلىپ چىقىپتۇ ـ دە ،دەپ ئويالپ تۇراتتىم ،ئۇالرنىڭ قىزىلگۈل ،ئەتىرگۈل،
لەيلىگۈل ،مودەنگۈل ،سۆيۈنگۈل دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم ،ۋاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ
قۇالق سېلىشقا باشلىدىم .ئۇالر يەنە سۆزىنى تەكرار قىلىشقا باشلىدى .بىرسى:
ــ دۇنيادا گۈللەر كۆپ دېسە ،ئىككىنچىسى قىزىلگۈل دېسە ،يەنە بىرسى ئەتىرگۈل،
مودەنگۈل ،لەيلىگۈل ،سۆيۈنگۈل ،دەپ تەكرارلىدى.
مەن بۇ ئابلىزغۇ دەپ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇشاللىقىمدا نېمە قىلىشىمنى بىلمەي
177

تۇرۇپ قالدىم ،بىز مەكتەپتىكى چىغىمىزدا ئوقۇغۇچىالر ئولتۇرۇشىمىزدا مېنى دائىم سارمان
كۈيىگە جىرلىتاتتى ،مەن ئۆزۈمنى قايسى كامىرىدا بارلىقىمنى بەلگە بېرىش ئۈچۈن مۇشۇ
سارمان كۈيىگە جىرلىدىم ،ئاخىر مەن ئۇالرنى كۆرۈش ئۈچۈن دېرىزىگە يامىشىشقا ئۇرۇندۇم،
لېكىن بىزگە سىرتتىكلەر بىلەن سۆزلەشتى ،تاالغا قاراپ ئاالقە قىلىدۇ ،دېگەن باھانە
بىلەن دېرىزىلەرنىڭ ئەينەكلىرىنى سىرالپ قايتىدىن قويۇش ئۈچۈن پۈتۈن دېرىزىلەرنىڭ
رامكىلىرىنى ئېلىۋەتكەن ئىدى .ساقچىالرنىڭ تام بېشىدىن مېڭىپ ئىككىنچى تەرەپكە
كەتكىنىنى كۆرۈپ ،مەن ئەمدى دېرىزىدىن قاراي دەۋاتقاندا ئىشىك جاراڭالپ ئېچىلىپ
مېنى باشالپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى .بىز كەلگەندە ئانكىت توشقۇزغان ئۆيگە كىرسەم،
مەكتەپنىڭ ئامانلىقىنى ساقالش بۆلۈمىدىن بىر كادىر بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ
كەلگەن ئىكەن.
مەن ئۆز نەرسىلىرىمنى ئايرىپ ئېلىپ ،كېرەكلىك كىيىملىرىمنى ۋە كىتابالرنى
ئەپقېلىپ ،قالغان نەرسىلەرنى پېچەتلەپ تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى ئىسكىالت ئۆيگە ئېلىپ
كىرىپ قويدۇم ،ئىسكىالتنىڭ ئىچى چامادان ،ساندۇقالر بىلەن لىق توشقان ئىدى.
دەرسلىك كىتابالرنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ئېلىپ قالغانلىقى ماڭا ئۇقتۇردى.
ئابلىز ،ئەھمەد توختى ،ساجىدەلەرنىڭ نەرسىلىرى ئۆينىڭ ئىچىدە چېچىلىپ ياتاتتى .بۇ
بىزنىڭ مەكتەپتىن ئاخىرقى قول ئۈزۈشىمىز ئىدى .ئادەم مەكتەپكە قانچە قايتىپ بېرىشنى
ئويلىمىسىمۇ ،لېكىن كۆڭلۈم بەك ئەسكى بولدى.

- 28ماي
مانا قاراڭغۇ تۈرمىدە ياشاۋاتقىنىمىزغىمۇ بىر ئاي بولدى .كەلگەن ۋاقىتقا قارىغاندا
خېلىال كۆنۈپ قالدىم .ئۆيدىن كىرگۈزگەن پۇلغا بىر يۈز يۇيۇدىغان داس ئالدىم،
ئاشپەزلەر بىلەن ئۇستام ،دەپ يۈرۈپ تونۇشۇپ قالدىم .ئۇالر ھەر بىر سۇ ئېلىپ
كەلگەندە ئەڭ ئاخىرقى ئارتىپ قالغان سۇدىن ماڭا قۇيۇپ بېرىپ كېتىدىغان بولدى.
بىر كۈنى ئاشپەز تاماق ئېلىپ كەلگەندە ئاش توشۇيدىغان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە بىر
داستا ئاپاق ئۇندىن قىلىنغان مانتا داس ئىچىدە تىترەپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ مەززىلىك
پۇرىقى ئادەمنىڭ نەپىسىنى غىدىقاليتتى .مەن ئىختىيارسىز ئۇستامدىن «بۇ يەردە مانتا
يەيدىغان ئادەملەر بارمۇ؟» دەپ سورىدىم.
ــ ھەئە ،سەن مەھبۇسالر تامىقىنى يەيسەن ،لېكىن بۇ يەردە بىر تۈركۈم ئادەملەر
178

بار ،ئايغا ئەللىك سوملۇق ئالىي دەرىجىلىك تاماق يەيدۇ ،دەپ كۈلدى .بىز بۇالرغا
ئەللىك سوملۇق پۇلىغا اليىق تاماق قىلىپ بېرىمىز ،يېڭى چىققان مېۋە ـ چېۋە ،سۈت ۋە
ئىچىملىكلەر بېرىمىز ۋە ئۇالر خالىغان نەرسىلىرىنى قىلىپ بېرىمىز.
ئۇالر سوۋېت ئادەملىرى ،سەن بىلەن بىز ئۇالرغا ئوخشىمايمىز ،دەپ سۆزلەپ
تۇراتتى ،ساقچى كەلدى ،دەپ تاماق بېرىدىغان ئىشىكنى ياپتى .ئولتۇرۇپ توۋا
جەمىيەتتە يۇقىرى ـ تۆۋەن تەبىقە دەپ بۆلۈنگەندەك تۈرمىدىمۇ يۇقىرى ـ تۆۋەن
تەبىقىلەرگە بۆلۈنىدىكەن ،دەپ ئويالپ ھەيران بولدۇم .جەمىيەتتە كۆپ ساندىكى
ئادەملەرنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 40 - 30ھەم 50سوم ئالىدۇ ،يۇقىرى دەرىجىلىك
كادىرالر ۋە دوختۇرالر ( 60 - 50سوم) يۈئەندىن مائاش ئېلىپ پۈتۈن ئائىلىنى شۇ
مائاش بىلەن بېقىپ راسخوت قىلىدۇ .بۇالر بىر ئادەم ئەللىك يۈئەنلىك تاماق يەيدۇ ھەم
ئۆزلىرى مەھبۇسالر ھەيران قاالرلىق ئىش .بۇ يەردىكى 90پىرسەنت مىللىيالر ،ئەمما
پۈتۈن قاراۋۇل ساقچىالر ،ئاشپەزلەر ،ئاش توشۇغۇچىالر ،تۈرمىدىكىلەرگە قارايدىغان
ئادەملەرنىڭ بارلىقى خەنزۇ ،پەقەت سوراق قىلغۇچىالرال مىللىيالر ئىدى.
بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ مەن ياتقان كامىرىنىڭ ھەممە يېرىدىن سۇ
ئۆتۈپ كەتتى .پەقەت ئىشىك تۆۋىدىال سۇ ئۆتمىگەن يەرگە ئورۇن ـ كۆرپىلىرىمنى
ئېلىپ كېلىپ بىر كېچە ئولتۇرۇپ چىقتىم .ئەتىسى قارىسام يامغۇر ئۆتكەن يەرلەر
ئاپاق بولۇپ ،پۈتۈن تام ئاال ـ غۇال بولۇپ قالدى .شۇنىڭدىن كېيىن تامنى يۇسام
ئاقىرىدىغان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم ،تۈرمىگە ھەر كۈنى ئالتە مەرتىۋە سۇ ئەكېلىپ
بېرىدۇ ،مەن شۇ ھەر قېتىم بېرىدىغان سۇ بىلەن ئۆينىڭ تېمىنى يۇيۇشقا باشلىدىم ،بىر
ھەپتە دېگەندە كامىرىنىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇپ چىقتىم ،راست دېگەندەك
ئۆينىڭ ئىچى ئاقارتقاندەك ئاپاق بولۇپ ،كامىرىنىڭ ئىچى كۆڭۈللۈك پاكىز ھەم يورۇق
بولۇپ قالدى .ئالما ئۇرۇقى رەڭگىدە بويالغان تاختاي ھەم تام ئىشكاپالرنى كۈنىگە
ئىككى مەرتىۋە يۇيۇپ چىقىمەن ،ئاندىن باشقا باش ـ كۆزلىرىمنى يۇيىمەن ،كامىرىنى
شۇنداق پاكىز تازىالپ تۇتتۇمكى ھەتتا تاختايغا ئاق كىيىملىرىمنى يېيىپ قۇرۇتسام بىر
تال داغ تەگمەي قۇراتتى .بىر كۈنى ھاجەت ۋاقتىدا مەن ياتقان كامىرىغا تۈرمە باشلىقى
ۋە بىر قانچە ئادەملەر كىرىپ تامغا قاراپ سۆزلىشىپ تۇرۇپتۇ ،مەن ھاجەتخانىدىن
كىرگەندە ،تۈرمە باشلىقى:
ــ سەن بۇ تامنى قانداق ئاقارتتىڭ ،دەپ مەندىن ھەيران بولۇپ سورىدى .مەن
يۇدۇم ،دېسەم ئىشەنمىگەندەك بولۇپ تامنى تۇتۇپ كۆردى ،يېنىدا تۇرغان خەنزۇ بۇالر
179

دوختۇرالر ئەمەسمۇ ،تازىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ ،دېدى .تۈرمە باشلىقى:
ــ مەن شۇنچە يىلالر مۇشۇ تۈرمىدە ئىشلەپ يۈرۈپ تۈرمىنى بۇنداق پاكىز تۇتقان
مەھبۇسنى كۆرمىگەنمەن ،كۆردۈڭمۇ تاپقان ئامالىنى كىمنىڭ يادىغا كېلىدۇ ،بۇ يەردە
دوختۇرالرمۇ ۋە قىزالرمۇ ياتتى .لېكىن ئۇالر كۈندە ئەمەس ،ھەپتىسىگە بىر مەرتىۋىمۇ
ئۆزى ياتقان ئۆينى يۇيۇشقىمۇ خۇشياقمايتتى .شۇڭالشقا ئۇالر ياتقان كامىرىغا ئادەم
كىرگىلى بولمايتتى ،سېسىق پاسكىنا ئىدى .مانا بۇنىڭ كامىرىغا كىرسەڭ ئاياق
ئىزىڭ چۈشۈپ قالىدۇ ،دېيىشىپ ھەيران قېلىپ چىقىپ كەتتى .ئۇالر دېگەندەك مەن
ھاجەتخانىدىن قايتىپ كىرگەندە كامىرىغا قانچە ئادەم كىرىپ ماڭغان ئاياق ئىزىغا
قاراپ بىلەتتىم.
چۈشتىن كېيىن ئولتۇرسام ساجىدەنىڭ ئاۋازى ئاڭالندى:
سېنى قايالردا يۈرسەڭ ئىركەم،
ئالتۇنۇم كۆلەش يۈزى ئىركەم.
كېلەسىڭ دەپ مېنى ئۈمىد ئىتەم،
مېنى سېنىڭ ساغىنىپ كۆتەم.
دېگەن «ئىركەم» جىرىنى جىرلىدى ،مەن ساجىدەنىڭ ئاۋازنى ئاڭالپ ئورنۇمدىن
سەكرەپ تۇرۇپ دېرىزىگە ياماشتىم .ئۇ ۋاقىتالردا دېرىزىلەرنىڭ ئەينىكى ئاق سىر بىلەن
سىرالپ ،ئۈستىگە ئېچىلغان قىلىپ قويغانتى .پەقەت بىر غېرىچ كەڭلىكتىكى ئاسمان
يۈزىدىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرۈپ بولمايتتى .شۇنداقتىمۇ مەن كېسەك بىلەن دېرىزىنىڭ
رامكىسى ئارىسىدىكى ئىنچىكە يوچۇقىدىن يېقىن كېلىپ تاالدىكىلەرنى كۆرەتتىم .مەنمۇ
ساجىدەنىڭ جىرىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ ئېيتىشقا باشلىدىم .ساجىدەنى ئېلىپ چىققان
خەنزۇ بىردە ساجىدەگە يۈگۈرۈپ «بۇياققا ئۇت ،ناخشا ئېيتما» دېسە ،بىردە كامىرىنىڭ
دېرىزىسى ئالدىغا يۈگۈرەتتى .بىزنىڭ ناخشىمىزغا تۆتىنچى زالنىڭ بىر كامىرىدىن بىر ئەر
كىشى ئاۋازى قوشۇلۇپ ،ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى .شۇنىڭ بىلەن ساجىدەنى بىزدىن يىراق
ئېلىپ كەتتى .قارىسام ساجىدە ئۈستىگە يېشىل پەلتو كىيىپ ئاپتۇ .پوتىدا ئۆتۈك ،رەڭگى
ئاقىرىپ ئورۇقالپ قاپتۇ .بۇ بىچارە قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ ئويلىدىم.
- 4زالدىكى ناخشىغا قوشۇلغان ئادەم ئۇستازىم مەھمۇت ئەۋزى ئىكەن دەپ
ئويلىدىم .چۈنكى ئاۋازىنى ئوخشاتتىم .كېيىنكى ۋاقىتالردا ئاڭلىسام تۈرمىدە ئاغرىپ
يېتىپ ،تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ .ئاڭالپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.
180

- 10ئىيۇن
بۈگۈن يەنە سوراققا ئېلىپ چىقتى.
ئۇالر مەندىن:
ــ قانداق! تۈرمە ھاياتى ئېغىرمىكەن ،قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز ،دەپ سورىدى.
ــ ھېچقانداق ئەمەس ،ئادەم بالىلىرى دوزاخقىمۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆگىنىدۇ
دەيدۇ ،ئۆگىنىپ قالدىم ،دېدىم.
ئەلى يۈسۈپ:
ــ ئۇنداق بولسا ئۆز جىنايىتىڭىز ،خاتالىقىڭىز ئۈستىدە قانداق ئويالندىڭىز ،دېدى.
ــ ئويالنغۇدەك جىنايىتىم يوق ،خاتالىقىممۇ يوق ،بىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋايىمىز
ھەقلىق ،مەن ھېچقانداق خاتالىق دەپ تونۇمايمەن ،دېدىم .مەن سىزدىن بىر نەرسىنى
سوراي ،شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس يېرىمۇ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ تارىخى خاتا
يېزىلغانمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ئەلى يۈسۈپ ئاچچىقالنغاندەك بولۇپ ،قاپاقلىرى چۈشۈپ بىر ئازدىن كېيىن:
ــ شىنجاڭ ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ،تارىختا يېزىلغىنى توغرا ،لېكىن
سوتسىيالىزمنىڭ داھىيسى لېنىن «سوتسىيالىزمنى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش» دېگەن .جۇڭگو دۆلىتى بىلەن بىرلىشىپ سوتسىيالىزمنى قورساق
بۇنىڭ نەرى يامان ،بۇ نەرسىلەر ئۈستىدە ئارتۇق باش قاتۇرۇش سىلەر ئۈچۈن پايدىسى
يوق .سىز مەكتەپتىن يۈك ـ تاقلىرىڭىز كەلگەندىن كېيىن ئۆز تەقدىرىڭىز ھەققىدە بىر
خۇالسىگە كەلگەنسىز ،دېدى.
ــ مەن مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققاندىال ئۆز تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى
بىلگەنمەن ،دېدىم.
ــ توغرا ،سىز بىلگەن بىلەن ئۇ ھاياتنى باشتىن ئۆتكۈزمەك ئاسان ئەمەس ،بىز پەقەت
سىلەر ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتىمىز ،سىلەر قىز باال ھەم ياش ئۆمرۈڭالر زايە كېتىدۇ ،دەپ ئېغىر
ئېچىنىۋاتىمىز ،مەن سىزگە بىر نەرسىنى دەي:
ــ ئابلېكىم نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنماي قالدى بىلەمسىز؟ ئۇمۇ سىلەرگە ئوخشاش
181

تەشكىالتنى دەسلەپ قۇرغۇچى ئاساسلىق ئادەمنىڭ بىرسى بولغان ،ئۇنىڭ جىنايىتى
سىلەرنىڭكىدىن ئارتۇق بولمىسا كەم ئەمەس ،سىنىپ تەركىبىمۇ باي دېھقاننىڭ ئوغلى،
نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنماي قالدى ،بىلەمسىز؟ سىز تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەسىلىلىرىنى
ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىپ ئۇنى ئاقالپ كېلىسىز ،سىلەرنى كىم تۇتۇپ بەرگىنىنى بىلەمسىز؟
ــ ياق بىلمەيمەن ،دېدىم.
ــ ئابلېكىم ئالدى بىلەن كىرىپ ،پاش قىلىپ ،ھەممە نەرسىنى ئېيتىپ بەرگەن شۇ،
ئۇ مەسىلىنى ياخشى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىپ ،ھەتتا
مەكتەپ ئىچىدىمۇ چارە كۆرۈلمىدى .بۇنى بىلمىدىڭالرمۇ؟ دېدى.
بۇ سۆز ماڭا قاتتىق بىلىندى ،ئىشىنىپ يۈرگەن يېقىن دوستالردىن كەلگەن
ساتقۇنلۇق ئادەمگە ئەلەم بولىدىكەن .قانچە مەرتىۋە گۇمان قىلساممۇ لېكىن ئابلېكىمگە
بولغان ئىشەنچىم گۇمانىمنى يوق قىالتتى .ئابلېكىمنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرى ،سۆزلىرى،
ۋىجدان ۋە ئىنقىالب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى تەشكىالتنى پاش قىلىدۇ ،دەپ ئابلەينى
ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىرى ،ھەممىسى شۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى،
قانداق دوستالر ئىدۇق ،بىزلەرنى تۇتۇپ بېرىشكە قانداق ۋىجدانى كۆتۈردىكىن ،دەپ
ئويلىدىم.
پۈتۈن نەرسىنى پاش قىلغان مۇشۇ ئىكەندە ،كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە
دوستلۇق مېھرى ھەممىسى بىردەك يوقالدى.
ئەلى يۈسۈپ:
ــ سىز ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ دەپ سورىدى.
ــ ياق ئاڭلىمىغان ،گۇمانمۇ قىلماپتىمەن ،دەپ راستىمنى ئېيتتىم.
ــ يېقىن دوستالردىن بۇنداق ئىش كېلىپ ـ چىقسا ئادەمگە ئەلەم بولىدۇ دەڭە،
دېدى .مەن ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدىم .ئەلى يۈسۈپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ:
ــ مەن ئۇزۇن يىل مۇشۇ تۈرمىدە سوراقچى بولۇپ ئىشلىدىم .مېنىڭ ئالدىمغا نۇرغۇن
كىشىلەر كەلدى .لېكىن بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەردەك تەشكىالت قۇرۇپ كەلگەنلەر
بولمىدى .بىرىنچى مەرتىۋە كەلگەن سىلەر بولدۇڭالر ھەم بۇنداق سىياسەت ئىش ۋە
تەشكىالت ئىشلىرى بىلەن كەلگەن قىزالردىن سىز بىلەن ساجىدە ئىككىڭالر بولدۇڭالر،
بىز سوراق قىلغان پۈتۈن ئادەملەر ئۆز جىنايىتىنى باشقىالرغا ئارتىپ «مەن قىلمىدىم ،ئۇ
182

قىلدى» دەپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشاتتى ،ئەمدى سىلەر بولساڭالر باشقىالرنىڭ ئىشى
بولسىمۇ مەن قىلدىم ،دەپ ئۆز ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر ،تەشكىالت قۇرۇش مەسىلىسىنى
ئوتتۇرىغا كىم قويدى ،دېگەن مەسىلىدە سىز «مەن قويدۇم» دەيسىز ،ئابلىز «مەن قويدۇم»
دەيدۇ ،قايسىڭالر ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىپ بولمىدى ،سىلەر ئاجايىپ ئىكەنسىلەر،
باشقىالرغا ئوخشىمايسىلەر ،دېدى.

- 5ئىيۇل
يالغۇزلۇق نېمە دېگەن يامان ،بىر كۈنى ئولتۇرسام بىر يوغان چىۋىن غۇيۇلداپ ئۇچۇپ
كىرىپ كەلدى .توۋا ئاجايىپ ،ئۇنىڭ كىرگىنىگىمۇ خۇشال بولۇپ ،چىقىپ كەتمىسە
ئىكەن ،دەپ يالغۇزلۇقۇمدا ئۇنى بىر جان بىلىپ چىقىپ كەتمەسلىكىنى خالىدىم .لېكىن
ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ شۇنداق ئالدىراش چىقىپ كەتتى .ئادەتتە
مەن چىۋىننى كۆرسەم قاچۇرماي ئۆلتۈرەتتىم ،بۈگۈن چىۋىن بولسىمۇ غۇيۇلداپ تۇرغان
بىر ھەمراھتەك ھېس قىلدىم .مانا يالغۇز ياشاۋاتقىنىمغا 68كۈن بولدى .كۆپچىلىك
بىلەن ياشاپ ئۆگەنگەن ئادەم ئۈچۈن يالغۇزلۇق ناھايىتى قىيىن نەرسە ئىكەن .زېرىكىش
يالغۇز مېنىال قىينىمايتتى ،بارلىق كامىرالردىن ئالالھ ....خۇدا ....ۋايجان ....ئالالھ دېگەن
زارلىق ئاۋازالر توختىماستىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى .ئۇالرنىڭ ھەممىسى تۈرمىنىڭ زېرىكىشلىك
ئاۋازىدىن زارلىناتتى .بەزى ياشالر «قورساق تويار كۈن بوالرمۇ؟» دەپ ۋارقىرىسا ،بەزىلىرى
«ۋاي نان نەدىسەن ،بىزنى تاشالپ كەتتىڭغۇ؟» دەپ ناخشىغا قوشاتتى .بەزى كامىرالردىن
«نىرى يات ،نىرى يات» دېگەن ئۇزۇن جېدەللىرى چىقىپ ،ھەتتا مۇشتلىشىپ كېتەتتى.
بىر كۈنى مۇشتالشقان بالىالرنىڭ بىرسىنى ئېلىپ چىقىپ پۇتىغا ئىشكەل سالدى .پۇتى
ئاغرىپ كەتتىمۇ بىلمەيمەن ،ۋارقىراپ يىغلىغان ئىدى .كامىرىنىڭ ئىچىدە كۆڭلۈم
چىدىماي بىردەم ئىشىككە كېلىپ تىڭشاپ كۆردۈم ،ئاخىرى دېرىزىگە يامىشىپ چىقىپ
- 4زالدىكى كامىرالردىن «نېمە بولدى» دەپ ئەھۋال سوراپ قارىسام ،مۇشتالشقان ئىكەن
«تۈرمە تەرتىپىنى بۇزدى» دەپ ئىشكەل سېلىپ قويۇپتۇ.
بۇ كامىرالردىن ئەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك زارلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلىناتتى.
باشقا كامېرىدىكىلەر بولسا «ئاداش نېمە بولدۇڭالر»« ،يىغلىماڭالر»« ،چىداڭالر قانداق
قىلىمىز» دەپ ۋارقىرىشاتتى .دائىم دېگەندەك ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن غۇلجا ،قەشقەر
ناخشىلىرى باشالنسا ،پۈتۈن تۈرمىدىكىلەر قوشۇلۇپ ئېيتىپ شۇنداق چىرايلىق ،شۇنداق
183

مۇڭلۇق ناخشا دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى .ھەتتا ساقچىالر ئازلىق قىلىپ ،تۈرمە
كادىرلىرىنى باشالپ كېلىپ زالنىڭ ئىچىدە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئاران توختىتاتتى .ئادەملەر
ئىچ پۇشۇقىنى پەقەت ناخشا بىلەن چىقارمىسا چىداش قىيىن ،ناخشىمۇ ئادەمگە بىر
روھى تېرەك .بەزى كامىرالردىن مۇڭلۇق «قۇران» ئاۋازىمۇ ئاڭلىناتتى.
مەن دېرىزە ئارقىلىق ساجىدەنى ئىككى قېتىم ،ئابلىزنى ئىككى قېتىم كۆردۈم .ئابلىزنى
كېيىنكى كۆرگىنىمدە ئۇالر كىرىپ كېتىش ئالدىدا مەھبۇسالرغا قارايدىغان خەنزۇنى - 4
- 5ئادەم باشالپ تۆتىنچى زالنىڭ ئۇ تەرەپكە ئاپتاپقا يېيىپ قويغان يوتقان ـ كۆرپىلىرىنى
ئېلىپ كېلىشكە كەتتى .قالغان تۆتەيلەن ئەتراپنى كۆزەت قىلىپ تۇردى .ئابلىز مەن ياتقان
كامىرىنىڭ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ:
ــ سۆيۈنگۈل ،دەپ ۋارقىرىدى.
مەن :ھە ،دەپ دېرىزىدىن ئابلىزغا قارىدىم.
ــ قانداق ئەھۋالىڭ؟ ساالمەتلىكىڭ ياخشىمۇ ،ئاغرىپ قالدى ،دەپ ئاڭلىدىم ،ياخشى
بولۇپ قالدىڭمۇ؟ يالغۇز تۇرۇۋاتامسەن؟ دېدى .مەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن
كېيىن:
ــ بىزنى ئەمدى كېسىپ ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ،بەلكى بۇندىن كېيىن كۆرۈشەلمەسمىز،
قانداق قىيىنچىلىقىڭ بار؟ ئۆيدىن ئادەم كەلدىمۇ؟ دېدى.
ــ قىيىنچىلىقىم يوق ،ئۆيدىن ئادەم كەلدى ،دېدىم.
ــ سېنى ئاغرىپ قالدى ،دەپ ئاڭالپ كۆڭلۈم بەك ئەسكى بولدى ،بىر ئاز ياخشى
بولۇپ قالدىڭمۇ؟ ئۆزۈڭنى ئاسرا ،پوزىتسىيەڭنى يامان دەپ ئاڭلىدىم ،ئۇنداق قىلما،
ئىالجى بار ئاز كېسىلىشكە تىرىشقىن ،سىلەرگە قىيىن بولدى ،مەن سىلەرنى كۆپ
ئوياليمەن ،ساجىدە ياخشى - 3 ،زالنىڭ بىرىنچى ئۆيىدە تۇرىدۇ ،ئەھمەد ئاكا ھەم ياخشى
تۇرۇۋاتىدۇ .باشقا سۆزۈڭ يوقمۇ؟ خەير ـ خوش ئامان بول ،دېدى.
ــ خەير ئامان بول ،ئالالھقا تاپشۇردۇم ،ئالالھ ھەر ۋاقىت سىلەرگە ياردەم قىلسۇن،
ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرا ،دېدىم.
ــ سىلەرنىمۇ مەن ئالالھقا تاپشۇردۇم ،ئامان بواليلى ،دېدى .مەن:
ــ بەختلىك كۈنلەردە ئۇچرىشارمىز ،دېدىم .ئابلىز:
ــ ئالالھ شۇ كۈنگە ھەممىمىزنى ساالمەت يەتكۈزسۇن ،خوش ئامان بول ،دېدى.
184

يېنىدىكىلەرمۇ ئابلىزغا قوشۇلۇپ خوش نەگە بارسىڭىزمۇ ئامان بولۇڭ ،ئالالھقا تاپشۇردۇق،
دەپ كىرىپ كەتتى .مەنمۇ خوشلىشىپ تۇرۇپ ،كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي كەتتىم.
يەنە بىر كۈنى دېرىزىدىن تاالغا قارىسام بىر ياتاق ئادەمنى ئاپتاپقا ئېلىپ چىقتى.
بۇالرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياش قورامى ئوتتۇرا ياشلىق چوڭ ئادەملەر بولۇپ ،بۇالرنىڭمۇ
چاچ ،ساقاللىرى ئۆسكەن ،ئۆزلىرى ئۇرۇق ،چىرايلىرى سېرىق ،يىراقتىن ئۇالرنى پەرق ئېتىپ
تونۇش قىيىن ئىدى .بۇالر تاالغا چىقىش بىلەن ئارىسىدىن بىرى ئايرىلىپ چىقىپ بىزنىڭ
دېرىزە تەرەپكە كېلىپ بىر كىچىك دۆڭلۈكتە ئولتۇردى ۋە ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى،
قارىسام ئاۋازى ئەھمەد ئاكىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى ،لېكىن ئۆزى ئەمەس ،مەن شۇمۇ،
ئەمەسمۇ دەپ قاراپ تۇراتتىم .ئادەملەردىن بىرسى:
ــ ئەھمەتجان كېلىڭ ،ئىككىمىز بۇ ئېرىقنى تازىالپ قويايلى ،بەلكى «الۋگەي»
گېزىتىگە بىزنى ماختاپ يېزىپ چىقىرار ،دەپ چاقىردى.
ئېرىقنى تازىالپ بولغاندىن كېيىن ،يەنە شۇ جايغا كېلىپ «بىۋاپا» دېگەن ناخشىنى
ئېيتتى .ئەھمەد ئاكا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىالرغا ھەر ۋاقىت غۇلجا ناخشىلىرىدىن ئېيتىپ
بېرەتتى .قىزالر «بىۋاپا» دېگەن ناخشىنى ئەھمەد ئاكىدىن ئۆگەنگەن ئىدى .ئاۋازى
ئەھمەد ئاكىنىڭ ناخشا ئېيتقىنىغا ئوخشايدۇ ،ئېتى ھەم ئەھمەد .لېكىن چىرايىدىن
تونۇپ بولمايتتى .مەن ئەھمەد ئاكىنى تۈرمىگە كېلىپ مۇشۇ قېتىم كۆردۈم.
ئۇستازىم مەھمۇت ئابىزىنى بىر قېتىممۇ كۆرمىدىم ،ئەمما دائىم ماڭا ساالم يولالپ،
ھالىمنى سوراپ تۇردى.

- 8ئىيۇل
ئەتىگەنلىك ھاجەتكە ئېلىپ چىقىش ئىشى باشالندى.
مەن تاالدىن كىرىشىم بىلەن ،بىزنى ئاپتاپقا ئېلىپ چىقىپ يۈرىدىغان مەھبۇس
خەنزۇ كېلىپ:
ــ يۈك ـ تاقلىرىڭنى باغال ،دېدى.
يۈرىكىم ئاجايىپ بولدى.
ــ نەگە ئاپىرىدۇ ،دەپ سورىدىم.
185

ئۇ كۈلۈپ:
ــ مەكتەپكە ئاپىرىدۇ سېنى ،دېدى.
ــ يالغان ،يالغان دەۋاتىسەن ،دېدىم.
ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ:
ــ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىشلەيسەن ،دوختۇر بولىسەن ،دېدى.
مەن يالغان دەپ ئىشەنمىدىم ،راستىڭنى ئېيتساڭچۇ ،ئۇ:
ــ راست ،شۇ دوستۇڭنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمىز ،دېدى.
ئۇ خەنزۇ دائىم ماڭا بۈگۈن ئاپاڭ كەلدى دەيتتى ،كىم كەلسە نېمە ئېلىپ كەلسە
ئاستا كېلىپ خەۋەر قىلىپ قۇياتتى .شۇنداقال ساجىدەنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ماڭا يەتكۈزۈپ
تۇراتتى .قايسى كامىرىدا ،قانچە كىشى بىلەن ياتىدۇ .ئەھۋالى قانداق ،ساالم ئېيتتى
دەيتتى ،ئۇ ماڭا:
ــ سېنىڭ دوستۇڭ دائىم يىغاليدۇ ،بىر كۈنى ئاۋازىنى چىقىرىپ قاتتىق يىغالۋاتاتتى،
ئۇنىڭ يېنىغا كادىرالر كىرىپ كەتتى .كېيىن سورىسام ئىچىم پۇشىدۇ دەپ ئېيتتى .دوستۇڭ
دائىم يىغاليدۇ ،سەن دائىم ناخشا ئېيتىسەن ،ئىككىڭالر ئاجايىپ قىزىق ،دېدى.
مەن:
ــ قانداق قىلىسەن ،ئىچىڭ پۇشقاندىن كېيىن نېمە قىلىشنى بىلمەيسەن ،شۇنداقمۇ؟
دېدىم.
ــ راست ،باشقا كەلگەندىن كېيىن چىدىماي ئامال يوق ،بۇ تۇرمۇشقا ئەرلەرمۇ
چىدىيالمايدۇ ،دېدى.
ئۇ خەنزۇ ئادەم يوق ۋاقىتالردا كېلىپ كىچىك ئىشىكنى ئېچىپ ئەھۋال سوراپ
پاراڭلىشىپ ،بۇ يەرنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بېرەتتى .كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ماڭا سىلەرنىڭ
ۋاقتىڭالر ئاز قالدى ،سىلەرنى ئەمدى كېسىشى مۇمكىن دېگەن ئىدى .ئۇ ماڭا
تۈرمىدىكىلەرنىڭ ساالملىرىنى يەتكۈزۈپ تۇراتتى .ھەر ھالدا تۈرمىدىكىلەرگە يۇمشاق
كۆڭۈل ئادەم ئىدى.
مەن خۇشال بولۇپ راستمۇ؟ دەپ سورىدىم ،ئۇ:
ــ راست تېز بول ،نەرسىلىرىڭنى يىغىشتۇر ،دېدى.
186

مەن ئالدىراش نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇردۇم .خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي ،ساجىدەنى
كۆرۈشكە شۇنچىلىك ئالدىرايتتىم ،ئۇ قانداق بولۇپ كەتكەن ،ئۇ مېنى كۆرگەندە قانداق
قىالر ،ئەمدى ساجىدە بىلەن قانچە ياتساممۇ زېرىكمەيمەن ،دەپ ئوياليتتىم .تېز بول
دەپ يۈك ـ تاقلىرىمنى ئۇنىڭغا كۆتۈرتۈپ كەلسەم ئىشىك ئوچۇق ،ئۇالر ھاجەتخانىغا
كەتكەن ئىكەن ،بېرىپ قالغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم .قارىسام ئۆيدە ئۈچ ئورۇن
سېلىقلىق تۇرىدۇ .بۇالر ئورۇنلىرىنىمۇ يىغماپتۇ دەپ ئويلىدىم .كامىرىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ،
پاسكىنا ،چاڭ ـ توپا باسقان ،ئۆينىڭ ئىچىدە يۈز يۇيىدىغان داس ،قاچا ،سۈپۈرگە ۋە
التىالر چېچىلىپ ياتاتتى .مەن ساجىدەنىڭ ئەدىيىلىدىن تونۇدۇم ،ئۇالر قاچان كېلەر دەپ
ئىشىككە قاراپ كۈتۈپ تۇردۇم .ئىشىك ئالدىدا ساقچىال ۋە تۈرمە ئىچىدە ئىشلەيدىغان
مەھبۇسالر ۋە باشقا خىزمەتچىلەر ھەممىسى بۇالر قانداق كۆرۈشىدىكىن دەپ قاراپ
تۇراتتى .كۆپ ئۆتمەستىن زالدا ئاياق ئاۋازى ئاڭالندى .مەن بۇالرغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن
ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ تۇردۇم .ئىشىكتىن ئىككى خەنزۇ ئايال تۇڭ كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
ئۇالر مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى ئااليتىپ ،گەپمۇ قىلماي قارىشىپ تۇرۇپ قالدى ،ئارقىدىن
كېچىكمەي ساجىدەنىڭ ماڭغان ئاياق ئاۋازى ئاڭالندى ،كۆپ ئۆتمەستىن ئىشىكتىن
ئۈستىدە يېشىل پەلتو ،پۇتىدا ئۆتۈك ،بېشىغا يۇڭ ياغلىق باغلىغان ،قاپىقىنى تۈرۈپ يەرگە
قاراپ مېڭىپ ساجىدە كىرىپ كەلدى .ئۇ چەتتە قاراپ تۇرغان مېنى كۆرمىدى .مەن مىدىر
قىلماي كۈلۈپ قاراپ تۇردۇم .ساجىدە دەپ بېرىپ قۇچاقالپ كۆرۈشكۈم كەلدى ،لېكىن
ئىشىك ئالدىدا تۇرغانالر ئالدىدا ئۆزۈمنى تۇتۇپ ،ئۇ ئىككى قەدەم مېڭىپ كېلىپ مېنى
كۆردى ،ماڭا قاراپ كۆزى يۇپ ـ يۇمىالق بولۇپ« ،ئۇھ» دەپ ئىچىگە تارتىپ ئۆزىنى ماڭا
ئاتتى ۋە قاتتىق قۇچاقالپ يىغالپ كەتتى ،ئىشىككە ئۇالشقان شۇنچە كىشى بىزنى تاماشا
قىلىپ قاراپ تۇراتتى.
مەن:
ــ ساجىدە بولدى ،يىغلىما ،ئۇالر قاراپ تۇرىدۇ ،كۆزۈڭدىن كۆرسىتىپ ياش چىقارما،
دەپ بەزلەشكە باشلىدىم.
ساجىدە پەقەت ئۆزىنى توختىتالماي يىغاليتتى ،مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئەسكى بولۇپ
كەتتى .ساجىدە جېنىم دوستۇم يىغلىمىساڭچۇ ،مەن سېنى سېغىنىپ يېنىڭغا كەلدىم،
ئەمدى بىللە ياشايمىز دەپ بەزلىدىم .ئىشىك تۆۋىدىكىلەر ئىشىكنى تاقاپ كېتىشتى،
ساجىدە ھەقىقەتەن شۇنچىلىك ئۇرۇقالپ كەتكەنكى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.
ــ نېمە بولدۇڭ ،ئاغرىپ قالدىڭمۇ؟ قورسىقىڭ ئاچمۇ؟ ئۆيدىكىلەردىن بىرەر ئادەم
187

كەلمىدىمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ــ ئىككى ـ ئۈچ كۈن بولدى ،دىزېنتېرىيە بولۇپ ئاغرىپ قالدىم ،گەپ قىلما،
شۇنچىلىك ياغلىق نەرسە يېگۈم كېلىپ كەتتى .ھەدەم بىر قېتىم كەلگەن ئىكەن .بىر
ئاز كەنفىت بىلەن ئۇششاق ـ چۈشەك نەرسە ئېلىپ كەپتۇ ،ئاپام ئاڭلىمىدىمكىن ،بىچارە
قانداق بولدىكىن ،ئاكام ھېكىمنىڭ ئەمدى چىقىشى بىلەن مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمنى
دېمەمسەن ،ئاپامنى ئويلىسام يوق بولۇپ كېتىمەن ،دەپ يەنە كۆزلىرىدىن دەريا ياشالر
تۆكۈلدى .مەن ساجىدەنى بەزلەپ:
ــ يىغلىما ساجى ئۆزۈڭنى تۇت ،ئاغرىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن ،بىز بۇ ئىشالرنى
باشتىن ئويالپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ،پۈتۈن بولىدىغان يامان كۈنلەرنى يېڭەلەيدىغان
ئىرادىنى ئۆزىمىزدە تىكلەپ ،ئاندىن بۇ يولغا كىرگەن ئىدۇق ،شۇنداقمۇ؟ بىزگە ئەمدى شۇ
يامان كۈنلەرنىڭ ئالدى كەلدى .بىز بىرىنچى قەدەمنى بېسىپ كېتىپ بارىمىز ،كەينىمىزگە
ھەرگىز يانمايمىز ،ئالدىمىزدا ھەر ئېغىر كۈنلەر بار ،بىز شۇ كۈنلەرنى يېڭىپ ئۆتۈشىمىز
الزىم .شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە قەتىي ئىرادە ،ئالىي روھ ھەم ساالمەتلىك كېرەك .روھۇڭنى
ھەرگىز چۈشۈرمە ،بىز خەلقنى ،ۋەتەننى دەپ ئۆزىمىزنى ۋە ئاتا ـ ئانىمىزنى ئويلىمىدۇق.
ھازىر ھەم ئۇالرنى ئويلىمايلى ،بىز باشتا يامان كۈنلەرنى ئويلىغاندا مۇشۇنىڭ ھەممىنى
ئويلىغان ئىدۇق ھەم بىلەتتۇق .بۈگۈن ئالدىمىزغا كەلدى ،چىداش كېرەك .ئەمدى بىر
نەرسە ساجىدە بىز ئادەتتىكى سۆيۈنگۈل ۋە ساجىدە ئەمەس ،بىز كۆتۈرۈپ چىققان
غايىمىزنىڭ ۋەكىلى ھەم بىز تەشۋىقات بايرىقى ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالىي روھ بىلەن ھەر
ئىشتا ئۈلگە بولغۇدەك ھالدا ياشاپ ،كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئېلىشىمىز الزىم ،ئەمدى
ھەرگىز يىغلىما ،يىغالش ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى ،ئۆيدىكىلەرمۇ بىزنىڭ ساالمەت روھلۇق
تۇرۇشىمىزنى تىلەيدۇ ،ئۇالرمۇ بىزنىڭ غايىمىزنى قوللىشى مۇمكىن .دوستۇم ئەل ئۈچۈن
ئۆلسەكمۇ بىز بەختلىك .ئۆزىمىز شۇنىڭغا رازى ئىدىققۇ ،دېدىم.
ــ ھەي جېنىم دوستۇم ،سەن بولمىساڭ قانداق قىالتتىم ،سۆزلىرىڭ ھەممىسى توغرا،
ئىچىم سىقىلغاندا سېنى بەك سېغىندىم ،دەپ سۆزلەۋېتىپ يەنە يوغان چىرايلىق قارا
كۆزىگە ياش كەلدى.
ساجىدەنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ ،كۆپ سۆزلىدىم ۋە سومكامنى ئاختۇرۇپ،
تۈنۈگۈن سېتىۋالغان (تۈرمىدە ھەپتىسىگە بىر مەرتىۋە قول ھارۋا بىلەن ئۇششاق ـ چۈشەك
نەرسىلەر ۋە يەيدىغان كونسېرۋا ھەم پۇشۇرۇپ كەلگەن ياغلىق پوشكال ،ئاق نان،
پىرەنىككە ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىپ كېلەتتى) ،مەن ئۆيدىن كىرگۈزگەن پۇل بىلەن
188

بىر ئاز پوشكال سېتىۋالغان ئىدىم ،شۇنى چىقاردىم ۋە ئۆيدىن كىرگۈزگەن نەرسىلەردىن
قايماقنى سېنى ئويالپ ئېلىپ قويغان ئىدىم ،دەپ ئۇنى قويدۇم .بىز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ
چاي ئىچتۇق.
— ساجى ئەمدى ئىككىمىز پاراڭلىشىپ زېرىكمەي تۇرىدىغان بولدۇق ،قانداق ياخشى،
مەن شۇنچە ۋاقىت يالغۇز تۇردۇم ،يالغۇزلۇق نېمە دېگەن يامان؟ مەن زېرىككىنىمدىن
ئۆيدىن چاچقان چىقىدىغان تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا بىر ئاز نان تاشالپ قويسام چاچقانالر
يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ ۋىچىرالپ ناننى تالىشىپ يېسە ،شۇنىڭغا قاراپ كۆڭلۈم خوش
بۇالتتى ،شۇنچىلىك ئادەم سېغىندىم ،دۇنيادا يالغۇزلۇقتىن يامان نەرسە يوق ئىكەن،
ھېلىمۇ ياخشى سېنىڭ يېنىڭدا بۇ ئىككىسى بار ئىكەن ،بىر ئاز ياخشى بولغاندۇ ،دېدىم.
— ھەي سۆيۈن نەدىكىنى دەيسەن ،بۇالر يەنە شۇ خىتايلىقىنى قىلدى .مېنىڭ
مىدىر قىلغىنىمدىن تارتىپ ھەممە ئىشلىرىم ئۈستىدە ئىشىكنى ئۇرۇپ ساقچى چاقىرىپ،
«مېنىڭ ئىشخانىغا چىقىدىغان ئىشىم بار» دەپ چىقىپ مېنى چېقىشتۇرۇپ ،بىر قانچە
قېتىم مېنى ئاختۇرۇپ سوراققا ئېلىپ چىقتى .ئەركىن تۇرالمىدىم ،بىر ئەسكى نەرسىلەر
ئىكەن .بۇ ئۆيگە جىق ئايالالر كېلىپ قونۇپ ئۆتۈپ تۇردى .ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەم تۇردۇق،
دېدى .ساجىدە ئۆزىنىڭ تۈرمىگە ئېلىپ كىرگەندىكى ۋاقتىنى سۆزلەپ بەردى.
سۆيۈن مېنى ئېلىپ كىرىپ ئىشىكنى شۇنداق ياپقاندا كۆز ئالدىمغا ئاپام كېلىپ
ئىشىككە ئېسىلىپ ۋارقىراپ يىغالۋاتقاندەك بولۇپ ،يۈرىكىم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئۆزۈمنى
تۇتالماي كەتتىم .ئۇ ۋاقتىدا بۇ ئىككىسىمۇ يوق ،ئاپتاپقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن.
بۇالر كىرگىچە تازا يىغالپتىمەن ،بىزنىڭ ئۇدۇلدىكى ئۆيدە ئابلىز بار ئىكەن ،ئۇ ماڭا:
ــ ساجىدە نېمە بولدى؟ يىغىلما سەۋر قىل ،دېگەنسېرى ،ئۆپكەمنى باسالماي نېمە
دەي ،بۇالر كىرىپ گەپ قىلغاندىن كېيىن بىراز ياخشى بولدۇم .شۇنداق قىلىپ بىر
ئايغىچە يىغلىدىم .ئابلىز بىچارە مېنى بەزلەپ ھالى قالمىدى ،جېنىم سۆيۈن ئاپامنى
ئويلىسام ھازىرال گېلىم بوغۇلىدۇ .كۆردۈڭمۇ ئاپام بىتەلەي ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ياخشى
كۈن كۆرمىدى .ھېكىم كىرىپ ئىككى يىل يېتىپ چىقتى .ئابلىخەي دېگەن ئۇكام كىچىك
تۇرۇپ سايوزىغا قېچىپ چىقىپ كەتتى.
دادام ئاپامنى يىگىرمە يەتتە يېشىدا ئۇششاق بالىالر بىلەن تاشالپ ،سودا قىلىمەن
دەپ كېتىپ قېلىپ چەتتە يۈرۈپ ئۆلۈپ كەتتى .ئاپامنىڭ قىلمىغان ئىشى قالمىدى ،شۇنداق
قىلىپ بىزلەرنى باققان ئىدى .ئەمدى مېنىڭ ئەھۋالىمنى دېمەمسەن ،دەپ يەنە يىغالپ
كەتتى .مەن ئۇنى بەزلەپ ئاران توختاتتىم ،ئۇزۇن ئولتۇرۇپ پاراڭالشتۇق .ساجىدە ماڭا:
189

ــ بىلەمسەن ،ئابلېكىم دېگەن خائىنلىق قىلىپ بىزنى تۇتۇپ بېرىپتۇ ،ئاڭلىدىڭىمۇ،
دېدى.
ــ ھەئە ،سوراق ئۈستىدە ئاڭلىدىم .بۇالرنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ ،سۆزلەپ
ئولتۇرغىنىغا قارىغاندا ئىچىمىزدىن بىرسى پاش قىلغان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىغان ئىدىم،
دېگەندەك ئابلېكىم بولۇپ چىقتى .ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە سۆزىگە قاراپ ئادەم
دېگىلى بولمايدىكەن .ئاڭالپ شۇنداق نەپرەتلەندىم .باشتا يىپ ئۈچىنى سېتىۋالدى تېپىپ
بەردى .ئابلېكىم يېشىپ ئېچىپ بەردى ،مەن قولغا ئېلىنغىنىمغا ئېچىنمايمەن ،ئارىمىزدا
شۇنداق بولمىغۇر مەيدانسىز ،خائىنالرنىڭ بولغىنىغا ئېچىنىمەن ،دېدىم .ساجىدە:
ــ مەنمۇ ئۇنىڭ يىگىت بېشى بىلەن شۇنداق خائىنلىق قىلغىنى ئۈچۈن نومۇس
قىلمىغىنىغا قاراپ نەپرەتلەندىم .ئادەم ئەمەسكەن ئۇ ،دېدى.
شۇنداق سۆزلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچ كىرگىنىنىمۇ بىلمەي قالدۇق ،ناخشا
ئېيتتۇق ،كۈلۈشتۇق ،تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي سۆزلىشىپ ئولتۇردۇق .دېرىزىدىن كۆرۈنگەن
ئايغا قاراپ ،مەكتەپتىكى ئايدىڭ كېچىلەردە ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلەشكەنلىرىمىزنى
ئەسلىدۇق .ئەمدى ئايدىڭ كېچىدە تۈرمىدە پاراڭلىشىۋاتىمىز ،مەن دېرىزىدىن ئاسمانغا
قاراپ تاتار شائىرى ئابدۇلالھ توقاينىڭ:
كۆكتە يۇلتۇز يالتىرىدىر تۈن قارا بولغان سايى،
يادىما تەڭرىم تۆشەدىر بەختىم قارا بولغان سايى.
دېگەن شېئىرى يادىمغا كەلدى .مەن ئۇنى ساجىدەگە دەپ بەردىم .ئىككىمىز تەكرار
بىر نەچچە قېتىم ئوقۇدۇق.

- 9ئىيۇل
تاڭ ئاتتى .بىز تېخى ئۇخلىمىدۇق .لېكىن سۆزىمىزمۇ تۈگىمىدى .ئۇخلىماي تۇرۇپ
كەتتۇق .سائەت ئون بولغاندا كامىرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تۈرمە باشلىقى كىرىپ ،بىزگە
يۈك ـ تاقلىرىڭالرنى ئېلىپ چىقىڭالر ،دېدى .ساجىدە ئىككىمىز بىزنى نەگە ئاپىرىدۇ
دەپ بىلەلمەي ،بىر ـ بىرىمىزدىن سوراشتۇق .بىز ھاجەتخانىغا بارغۇچە ئىككى تەرەپ
كامېردىكىلەر بىلەن خوشالشتۇق .باشقىالرمۇ بىزگە بەخت ،ئاق يول ،ياخشى كۈنلەر
تىلەپ قالدى .ھەر قايسى ئۆزىنىڭ ياخشى سۆزىنى ئېيتىپ خوشالشتى .شۇنىڭ بىلەن بىز
190

يۈك ـ تاقلىرىمىز ۋە ئامباردىكى ئۆزىمىزنىڭ چامادان ھەم باشقا نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ
ئوتتۇرا زالغا چىققاندىن كېيىن ،ئۇالر بىزنى نەرسىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ دەرۋازا تۆۋىگە
چىقىشىمىزنى بۇيرۇدى ،بىر قانچە خەنزۇ مەھبۇسالر كېلىپ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى
كوچىدا تۇرغان قارا جىپ ماشىنىغا سالدى .ئۇ خەنزۇالرمۇ بىزگە ياخشى تىلەكلەر بىلەن
خوشالشتى.
ئاندىن ئۇالر بىزنى باشالپ مېنى ئەلى يۈسۈپ ،ساجىدەنى ئابلىز نىياز ئىشخانىسىغا
ئېلىپ كىردى.
مەن بۆلۈمگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ،ئەلى يۈسۈپ ھۆكۈم ئېالن قىلدى.
شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى قېتىم ئايالالر ئىچىدە مۇشۇنداق مەسىلە بىلەن ئالدىمىزغا
كەلگەنلەر پەقەت سىلەر بولدۇڭالر .بىز سىزگە بىرىنچىدىن ،قىز باال ،ئىككىنچىدىن،
ئوقۇغۇچى ھەم ياش ،جەمىيەتتە ئىشلەپ كۆرمىگەن ۋە ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرۈپ
چىقىپ ،ئاتا ـ ئانىڭىزنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ كۆپ ئېتىبار
بەردۇق .بولمىسا ئون بەش يىلدىن تۆۋەن كېسىلمەيتتىڭىز .كەڭچىلىك بىلەن ئۈچ يىل
الۋجاۋ چارىسى كۆرۈلدى ،دېدى.
ــ ئون بەش يىل كەسكۈدەك بىز نېمە جىنايەت قىلدۇق ،مۇشۇ بىر كىچىك ئىش
ئۈچۈن ئون بەش ،يىگىرمە يىلالپ كەسمەكچىمۇ سىلەر؟ توۋا كىشىلەرنىڭ ھاياتى
شۇنچىلىك قىممەتسىز نەرسىمۇ؟ كۈنلەر ،يىلالر ئۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ،مۇشۇنچىلىك
كەسكۈدەك نېمە جىنايى ئىش بار؟ مەن ھەيرانمەن ،دېدىم.
ئەلى يۈسۈپنىڭ ئاچچىقى كەلدى ،بىلەمسىز ،سىزگە مۇشۇ ئۈچ يىللىق كېسىمنى
كەلتۈرگۈچە بىز قانچە تىرىشتۇق ،سىزنىڭ جىنايى ئۆلچىمىڭىز ئابلىزنىڭكىدىن ھېچقانچە
پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ .ئابلىزنىڭ سىنىپ تەركىبىنى ئىناۋەتكە ئالمىساق ،جىنايەت
تەرەپتىن قانچىلىك پەرقىڭالر بار؟ سىزمۇ شۇ كەڭچىلىككە ئېرىشكىنىڭىز ئۈچۈن خۇشال
بولۇپ ،بىزگە رەھمەت ئېيتسىڭىز بولىدۇ .سىز ھەممە نەرسىنى ئۇنداق يەڭگىل ئويلىماڭ،
ھەر نەرسىنىڭ سىياسىي ئۆلچىمى ۋە سىياسىي قىياپىتى بار .سىز ئەمدى بۇ داۋايىڭىزنى
تىنچ يۈرۈپ مۇشۇ ئۈچ يىلنى تۈگىتىشنى ئويالڭ ،سىلەر ئۈچۈن بۇ يىلالرمۇ ئاسانغا
چۈشمەيدۇ .ئەمدى «يېڭى ھايات» ماشىنا رېمونت زاۋۇتىغا بارىسىلەر ،ئۇ يەردە مولالشوف
بار ،ئۇ سىلەرگە تۇغقان بولىدىكەن .يەنە يۈسۈپ چاڭجاڭ (زاۋۇت باشلىقى) سىلەرنى
تونۇيدىكەن .ئۇالر سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ ،ئۇ يەردە گۇڭەنتىڭنىڭ دوختۇرخانىسى بار.
شۇ دوختۇرخانىغا سىلەرنى ئورۇنالشتۇرىدۇ .بۇندىن كېيىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ ،مانا
191

چىرايلىق ياش ئۆمرۈڭالرنىڭ ئۈچ يىلى زايە كېتىدىغان بولدى .سىزنىڭ ئۆمرىڭىزگە مەن
ئېچىنىۋاتىمەن ،دېدى .مەن رەھمەت ئېيتتىم.
ساجىدە ،مەن ،ئەلى يۈسۈپ ،ئابلىز نىياز ،قاينىل بەشىمىز دەرۋازا تۆۋىگە چىقتۇق.
مەن ساجىدەنى قانچە دەپ سوراپ كۈلدۈم ،چۈنكى ھويلىدىكىلەر بىلىپ قالسۇن،
ئابلىزالرغا خەۋەر قىالر دەپ ئويالپ ،سورىدىم.
ساجىدەمۇ قولىنى كۆرسىتىپ ئىككى يىل ،دېدى .مەن ئۈچ يىل ،دېدىم.
ئۇ ئۈچىلىسى :مۇشۇالر قىزىق ،ئۇنداق قىلماڭالر ،توۋا خەۋىرىدە يوق كۈلۈشىدۇ.
ئۆزلىرىگە قارىساڭ بالىالردەك ئىشلىگەن ،ئىشلىرىغا قارىساڭ چوڭ ئادەم قىاللمايدىغان
ئىشنى قىلىدۇ ،دەپ بىر ـ بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى.
بىز ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇق ،ئەلى يۈسۈپ «مەن ئاپىرىپ كېلەي» دەپ ماشىنىغا
چىقتى ،ماشىنا قوزغالدى .ماشىنا رېمونت زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئىچكىرىكى
ھويلىدا توختىدى .ماشىنىنىڭ تۆت ئىشىكى تەڭال ئېچىلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق.
ئەلى يۈسۈپ «سىلەر مۇشۇ جايدا كۈتۈپ تۇرۇڭالر» دەپ چاڭبوغا كىرىپ چىقىپ،
بىزنىڭ ھۆكۈم قەغىزىمىزگە قول قويدۇرۇپ ئېلىپ كەتتى.
ھويلىدا ئادەم كۆپ ئىدى .ياش بالىالر ،چوڭ ئادەملەردىن بولۇپ 30 - 20 ،دەك
ئادەم ۋاقتىمىز توشتى ،كېتىمىز ،دەپ ئولتۇرۇپتۇ ،بىز ماشىنىدىن چۈشۈشىمىز بىلەن ھەر
تەرەپتىن ئادەملەر كېلىپ بىزنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى .ئىشخانىدىن ھەربىي كىيىم
بىلەن بىر قازاق ئادەم چىقىپ بىزگە قاراپ ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق ئاۋازدا:
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.