Latin

Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09

Süzlärneñ gomumi sanı 3886
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ــ چوڭ ئاپامالرغا كەلگەن ئىدىم .ئۆيدە يوق ئىكەن .سىز نەگە كەتكەنلىكىنى
بىلەمسىز؟ دەپ سورىدىم.
ــ ئۇالر گۇڭشېدا مەھەللە يىغىنى بوپتىكەن ،شۇ يەرگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
بەش مىنۇت كۈتسىڭىز ئۇالر قايتىپ كېلىدۇ ،دەپ جاۋاب بەردى ،زەينۇس ئاپپاي .مەن
خوشلىشىپ قايتىپ چىقىپ ئۆمەرجانغا:
ــ چوڭ ئاپام سىڭلىسىنى ئۇزاتقىلى كېتىپتۇ ،كەچتە قايتىپ كېلىدۇ دەيدۇ ،دېدىم.
ئۆمەرجان سائىتىگە قاراپ قويۇپ ،ئۇنداق بولسا ھازىر سائەت ئون بولدى .چوڭ
دادىڭىز چۈشلۈك تاماققا كېلەر بەلكى ،بىراز كۈتۈپ باقايلى.
ــ ياق ،چوڭ دادام تامىقىنى ئىدارىسىدە يەيدۇ ،سائەت بەش ـ ئالتىلەردە كېلىدۇ،
دېدىم.
ئۆمەرجان بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ:
ــ ئۇنداق بولسا قايتايلى ،كەچ سائەت بەشلەر بىلەن مەن سىزنى چاقىراي ،شۇ چاغدا
بىرگە كېلەيلى ،دەپ مەكتەپكە قايتتۇق.
مەن ياتاققا كىرىپ چاپىنىمنى يېشىپ پىالتىيە (كاستۇم شەكلىدىكى ئەستەرسىز
كىيىم) نى كىيدىم .يانچۇقۇمغا ئاپتوبۇس بېلىتى ئۈچۈن پۇل ۋە ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ
دوختۇرخانىغا كەتتىم.
مەن چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ئۇ ماتېرىيالالرنى كۆيدۈرۋېتىشىم كېرەك .ئۇنىڭدىن
باشقا ۋاقىتتا مۇمكىن ئەمەس ،ئەگەر بۇ ۋاقىتتىن كەچ قالسام ئەمدى پۈتۈنلەي كەچ
قالىمەن ،بۇ ئادەم ئۆينى كۆرۈۋالدى .ماڭا دېمەي ئۆزى كېلىپ مەيلىچە ئاختۇرۇپ ئۆزى
ئېلىپ كېتىشنى ئويالۋاتقاندۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدىكى
ساندۇقتا دەپ يالغان ئېيتىپ قويغان ئىدىم .مەن قانداقال بولمىسۇن ئۇنىڭدىن بالدۇر
128

بېرىپ ئىشىمنى بېجىرمىسەم ،بۇ ۋاقىتتىن قالسا كەچ بولىدۇ دەپ كۆڭلۈم ئالدىراپ
تۇراتتى .دوختۇرخانىغا كىرسەم سائەت 11دىن 20مىنۇت ئۆتۈپتۇ .مەن كىرىپ خالىتىمنى
كىيگۈچە بىزنىڭ مۇئەللىمىمىزمۇ قايتىپ كەلدى ۋە مېنى كۆرۈپ:
ــ سىنىڭ كارىۋىتىڭغا بىر ئاغرىق كەلدى .ئۇنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ ،داۋاالش
ئۇسۇللىرىنى ،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشالرنى ھەمدە سۈيدۈك ،قان تەكشۈرۈش
دېگەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزۈڭ قىلىپ كېسەلنى ئۆزۈڭ داۋاالپ چىقىسەن ھەمدە كېسەل
تارىخىنى ياخشى يېزىپ چىققىن ،مۇشۇ كېسەل ساڭا ئىمتىھان بولىدۇ ،دىققەت قىل،
دېدى.
ــ ۋاي خۇدايىم ،مېڭەمگە ھېچنەرسە چۈشمەيۋاتقاندا ،بۇنى قانداق قىالرمەن؟ دەپ
ئىچىمدە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ۋە يەنە تېزلىك بىلەن ،ئارتۇق غەمنى قۇيايچۇ! دەپ
تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى ئېلىپ كېسەل تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .كېسەل بىر ياش خەنزۇ
ئايال ئىكەن .ئەھۋالى خېلىال ئېغىر ئىدى .بەدەن ھارارىتى بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ ،قىزىپ
كەتكەن ئىكەن ،ئۆزىنىڭ گەپ قىلغۇدەك ھالىمۇ يوق ،ئىنجىقالپ ئولتۇراتتى.
كىرىپ ئاغرىق تارىخىنى سوراشقا باشلىدىم .ئۇ قىينىلىپ ئاران ـ ئاران جاۋاب
بېرىۋاتاتتى .ئۇنىڭ شۇنچە قىينىلىپ سۆزلىگىنىگە يارىشا ئۇنىڭ سۆزى قۇلىقىمغا كىرسە
نېمە دەي! ئۇ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ،ئويلىسام مېڭەمدە ھېچنەرسە يوق .قايتا
سورىدىم .ئۇ يەنە سۆزلىدى ،كۆزۈم بىردەم ـ بىردەم سائەتتە ئىدى ،يەنە مېڭەمگە ئااللماي
تۇرسام ئاغرىق ئاخىرى ئۆزى ئېغىز ئاچتى.
ــ دوختۇر مېنىڭ پەقەت ھالىم يوق ،دېدى.
سائەتكە قارىسام 12گە 20مىنۇت قاپتۇ ،مىنۇتالر تېز ـ تېز ئۆتۈۋاتاتتى .كېسەلگە
تېخىچە دىئاگنوز قويمىدىم.
ئاخىرى ئاران تەسلىكتە مېڭەمنى بىر يەرگە يىغىپ كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇم .ئۇ
ئايال ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئىدى .مەن ئاغرىققا:
ــ سەن ھازىر دەم ئال ،دورا ۋە داۋاالش توغرىسىدا سېستراالرغا تاپشۇرىمەن ،دەپ
چىقىپ كەتتىم.
سائەتكە قارىسام 12گە 10مىنۇت قاپتۇ .ئاغرىققا بېرىلىدىغان دورا ۋە تائامالرنى
يېزىپ قويۇپ ،قان ۋە سۈيدۈكنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپ قويۇپ ،ئۆزۈم ئىچكى كېسەللىكلەر
زالىنى بويالپ مېڭىپ بالىالر بۆلۈمىنىڭ تېز كۆرۈش بۆلۈمىگە چىقىش ئىشىكىنىڭ ئالدىدا
129

خالىتىمنى يېشىپ پەلەمپەي ئاستىغا تىقىپ قويۇپ ،دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا چىقتىم.
چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا بەختىمگە يارىشا بىر ئاپتوبۇس تۇرغانىكەن .يۈگۈرۈپ ئاپتوبۇسقا
چىقىپ ئولتۇردۇم .قارىسام ماڭا تونۇش بولمىغان سوراق ئۈستىلىدە ئولتۇرغان خەنزۇ
ئاپتوبۇستا ئولتۇرىدۇ .ۋاي خۇدايىم قانداق قىالرمەن ،دەپ ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇقىغا
بېشىمنى قويۇپ ئولتۇرۇۋالدىم .مەن ئالدىرىغانسېرى ئاپتوبۇس ماڭمايۋاتاتتى .يۈرىكىم
دۈپۈلدەپ سوقۇپ قايسى تەرەپتىن كېلىپ مېنى چۈش دەپ سۆرەپ كېتەر دېگەن ئوي
بىلەن پۈتۈن بەدىنىم جۇغۇلداپ ئولتۇراتتىم .يېنىمغا بىر ئادەم كەلسە ،مېنى تۇتقىلى
كەلدىمىكىن دەپ يۈرىكىم جىغىلدايتتى .ئاپتوبۇسمۇ قوزغالدى .مەن ئالدىرىغانسېرى
ئاپتوبۇس ئالدىرىمىغاندەك بىلىنەتتى .ئاخىرى بىيمىنغىمۇ يېتىپ كەلدۇق ،ھېلىقى
مەن ئەنسىرىگەن خەنزۇ مەن ئاخشام كۆرگەن سوراقچى ئەمەسكەن .بىيمىنغا كەلگەندە
چۈشۈپ قالدى .ئۇھ! دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم« .قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ،
قۇيرۇقى بىلەن بەش كۆرۈنۈپتۇ» دېگەندەك ئاپتوبۇسقا چىققانلىكى خەنزۇ شۇ ئاخشامقى
خەنزۇغا ئوخشايتتى.
بەختىمگە قارشى ئاپتوبۇس بىيمىنغا كەلگەندە 15مىنۇت توختاپ دەم ئېلىشقا
تۇردى ،مەن ئالدىراپ تاقىلداپ كېتىپ باراتتىم .ئالدىرىغانسېرى ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكىمۇ تەس
بىلىنەتتى .ئىچىم تىتىلداپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئاپتوبۇسنى ئىتتىرىپ ماڭغۇم كەلدى.
شوپۇرغا «چاپسان ماڭ!» دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى .ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ
كۆزۈمگە كۆرۈنمەيۋاتاتتى .پۈتۈن كالالمدا شۇ ماتېرىيالنىڭ ئىشىال بار ئىدى .ئەتراپىمدىكى
نەرسىلەر ماڭا خۇشياقمايتتى.
بىز بىيمىڭدا تۇرغاندا گۇڭەنتىڭنىڭ ھېلىقى جىپ ماشىنىسى شەھەر تەرەپكە قاراپ
كىرىپ كەتتى.
ئاپال ،بۇالر بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ ،چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا چوڭ
دادىسى كەلگەنگە ئۈلگۈرۈپ بارايلى ،دەپ كېتىۋاتىدۇ ،ئەمدى قانداق قىالرمەن.
ئۈلگۈرمىدىم ،دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كەتتى .ئەمدى بارسام بوالرمۇ؟ بارمىسام بوالرمۇ؟
ئەگەر مەن بارغاندا ،ئۇالر بار بولۇپ قالسا ئىش يامىنىغا چىقىدۇ .بىزنىڭكىلەرنىڭ ئىشىنى
ئېغىرلىتىۋېتىشىم مۇمكىن .بەلكى ئۇالر ھەممە نەرسىنى قاتتىق ئاختۇرۇپ ماتېرىيالالرنى
تېپىۋېلىشى مۇمكىن.
ھەرگىز كەينىمگە يانمايمەن ،مۇشۇ ئىشنى پۈتتۈرمەي تاشالپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بەلكى گۇڭەنتىڭ ماشىنىسى باشقا يەرگە بارىدىغاندۇ ،دېگەن خىيال بىلەن يەنە
130

كۆڭلۈمنى تىنچالندۇردۇم.
ئاپتوبۇس قوزغالدى .مەن ئاشۇنداق تۈرلۈك خىيالالر بىلەن ئولتۇرۇپ كىتابخانىنىڭ
ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن.
ئاپتوبۇستىن چۈشۈپال ئالدى ـ كەينىمگە قارىماستىن چوڭ كوچىدا يۈگۈردۈم ـ دە،
بىزنىڭ ھويال دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم .دېگەندەك گۇڭەنتىڭنىڭ قارا جىپ ماشىنىسى
بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
ــ ئالالھ خۇدا ،بۇالر كەپتۇ ـ دە ،دەپ ماشىنا يېنىدا توختىدىم ۋە ئىچىگە قارىدىم.
ھېچكىم يوق ئىدى« .بۇالر ئۆيدە ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدىم ـ دە« ،نېمە كۆرسەم كۆردۈم
بولدى» دەپ قورۇغا يۈگۈرۈپ كىرسەم ،چوڭ ئاپام ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھويلىنىڭ
ئوتتۇرىسىدا تاھارەت ئېلىپ ئولتۇراتتى .كۆزلىرىمگە ئىشەنمەستىن تۇرۇپال قالدىم ،چوڭ
ئاپام خاتىرجەم ھالدا:
ــ كەل ،كەل باالم ،ئۆيگە كىر! دەپ ساالملىشىپ:
ــ ئۆيدە بىرسى بارمۇ؟ چوڭ ئاپا؟ مەن ئۆيگە قارىدىم.
ــ ياق ،بىرەرسى كەلمەكچىمىدى؟ دەپ سورىدى چوڭ ئاپام ئەجەبلىنىپ.
ــ ئۇھ! دەپ تىنچالندىم ۋە كىچىك دەرۋازىنى يېپىپ كۇلۇپ سالدىم ۋە چوڭ ئاپامغا
تاپىلىدىم:
ــ كىم كەلسىمۇ ئىشىكنى ئاچماڭ! مەن ئۆزۈم ئېچىپ بېرىمەن .ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدىن
بىر نەرسە ئالماقچى ئىدىم .مەن ئېلىپ بولغۇچە بىرسى كىرىپ قالمىسۇن دەيمەن ،دېدىم
ـ دە ،شۇ ھامان ئۆزىمىزنىڭ ئامبار ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم ،چوڭ ئاپاممۇ «مەنمۇ بىر ئاز
كۆمۈر ئېلىۋاالي!» دەپ داس كۆتۈرۈپ مەن بىلەن بىرگە كىردى.
مەن نەرسىلەرنى شۇنداق ئالدىراش ئالدىم .ھېلىقى 4ـ سىنىپ ئوقۇش كىتابىدىكى
شىنجاڭ تارىخى ۋە تەشۋىقات ۋارىقىنى يېزىش ئۈچۈن ئالغان قارا باسما قەغەزنى ھەم
بايراقنىڭ بەلگىسىنى ئېلىپ تاشالپ ،قۇرۇق التىنى بىر تەرەپكە ئېلىپ قويۇپ ،بىر
بايراقنى خاتىرە ئۈچۈن ئۆزۈم ساقاليمەن دەپ ئىچىمگە تىقىپ قويدۇم .قالغان «پارتىيە
پروگراممىسى»« ،قەسەمنامە» نى ۋە خۇالسىلەپ يېزىپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان
تارىخى» ۋە مەلىكە ،تۇرنىسا ،مەن ئۈچىمىزنىڭ كۆچۈرۈپ چىققان «شىنجاڭ تارىخى»
ۋە يەنە باشقا بىر نەچچە ماتېرىيالالرنى ئېلىپ ئۆيگە كىرسەم ئوچاقتا ئوت قىپقىزىل
131

بولۇپ ،كۆيۈپ تاۋلىنىپ تۇرغانىكەن ،قولۇمدىكى ئېلىپ چىققان پۈتۈن ماتېرىيالالرنى
ئوتقا سېلىۋەتتىم .كۆيۈپ بولغۇچە قاراپ تۇرۇپ ئوت تاۋلىغۇچى بىلەن كۈلنى كوالپ
تۇرخۇندىن چىقىپ كەتكۈچە قاراپ تۇردۇم .ئوت گۈلدۈرلەپ پۈتۈن ماتېرىيالالرنى
كۆيدۈرۈپ ،تۇرخۇندىن سۈمۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ يوق قىلدى .شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى زور
ئۈمىدلەر بىلەن يازغان ماتېرىياللىرىمىز بىر مىنۇت ئىچىدە كۆيۈپ يوق بولدى .ئىچىمدە
يوقىتىش ھەسرىتى ياندى .يەنە بىر تەرەپتىن ئۇالرغا ماتېرىيالالرنى بەرمەستىن ئۇالر
ئالغىلى كەلگەن شۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا كۆيدۈرۈپ يوق قىلغىنىم مېنى يەڭگىل قىلدى.
ئابلېكىمنىڭ يازغان بىر نەچچە شېئىرلىرى ۋە ئابدۇلەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدە
يازغان شېئىرالر توپلىمىنى ئاغزى كىچىك بىر بوتۇلكىغا سېلىپ ،ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورىغا تاشالپ ئۈستىگە توپا تۆكۈپ كۆمۈۋەتتىم .ئەمدى بۇ
يەردىن چاپسان چىقىپ كېتىشىم كېرەك ،چۈنكى ماشىنىدىكىلەر كېلىپ قىلىشى مۇمكىن
ئىدى .چوڭ ئاپام كۆمۈر توشۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ ،مېنىڭ نېمە قىلىپ ،نېمە ئېلىپ
يۈرگىنىمنى بىلمەي قالدى ۋە مېنىڭ ماڭاي دەپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ:
ــ تاماق يەپ كەت! دەپ زورلىدى.
ــ مەن ئالدىرايمەن چوڭ ئاپا ،رەھمەت بۈگۈن سائەت بەش بىلەن بىز يەنە كېلىمىز،
شۇ ۋاقىتتا سىز مېنىڭ چۈشتە كېلىپ كەتكىنىمنى ئېيتماڭ ،ئۇالر كەلگەندە مېنى
كۆرمىگەندەك بولۇپ ،ئەھۋال سوراپ (ئەتىگەن كەلگەن ئىكەنسەن ،مەن يوق بولۇپ
قاپتىمەن ،قوشنىالر شۇنداق دېدى دەڭ ،بىزنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ ،قورقۇپمۇ كەتمەڭ ،لېكىن
مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ھەرگىز دېمەڭ ،ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى ئەمەس ....دەپ قورقۇتۇپ
قويۇپ ،خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم.
ئىشىك ئالدىغا چىقسام ماشىنا يەنە شۇ يەردە تۇرۇپتۇ .ئىچىدە يەنە ئادەم يوق
«ئۇھ ،ئالالھقا شۈكۈر ،ئىشىم ئوڭدىن كەلدى ،خۇدايىم ماڭا ياردەم قىلدى ،ئىشىمنى
بېجىرىۋالدىم» دەپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى .لېكىن ھېچقانداق كىشىگە كۆرۈنمەستىن
دەرھال قايتىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى .چوڭ كوچىدا يۈگۈرگەن پېتى ئاپتوبۇس بېكىتىگە
قاراپ كەتتىم .كوچىدىكى كىشىلەر مېنىڭ يۈگۈرگىنىمگە قاراپ:
ــ ۋاي بۇ قىزغا نېمە بولغاندۇ؟ كوچىدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىدىغۇ؟ دېسە ،بەزىلەر :بەك
ئالدىراشقۇ؟ دەپ قالدى .چۈنكى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە چوڭ كوچىدا ماڭا ئوخشاش
قىزالرنىڭ يۈگۈرۈشى غەلىتە ئىش ئىدى ،ھېچكىم ئۇنداق قىلمايتتى ،ئۇيات بىلىنەتتى،
شۇڭا مەن يۈگۈرۈپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇزدۇم.
132

ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇرغان بىر ئايالغا:
ــ سىزنىڭ كەينىڭىزدە مەن بار ،مەن بۇ دۇكاندىن بىر نەرسە ئېلىۋاالي ،دەپ بېكەتنىڭ
يېنىدىكى دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ دۇكاننىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ
ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.
دۇكانچى خەنزۇ:
ــ ئوسما ئاالمسەن؟ دەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر قانچە باغالم ئوسما كۆتۈرۈپ چىقتى،
چۈنكى مەن قىزالرغا ھەر ۋاقىت مۇشۇ دۇكاندىن ئوسما ئالغاچ باراتتىم.
ــ مەن ھازىر ئوسما ئالمايمەن ،رەھمەت ،ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە ئاالر مەن ،ھازىر
باشقا يەرگە بارىمەن ،دەپال سۆزۈمنى تۈگەتمەستىن ئاپتوبۇسنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ
ئالدىراپال خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم .بەختىمگە يارىشا ئاپتوبۇس چوڭ كۆۋرۈككىچە
توختىماي ماڭىدىغان بولدى .دوستلۇق ساراينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە بايىقى گۇڭەنتىڭنىڭ
ماشىنىسى مەكتەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
مەن« :بۇالر ئۆزلىرىچە مەھەللە جۈرۈنلىرىگە ئېيتىپ كۆرىمىز دېگۈچە مەن چاققان
چىقتىم ،ھەرقاچان كىرسە مېنىڭ ساندۇقۇم چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدە بولماستىن ،ئۆزىمىزنىڭ
ئامبار ئۆيىمىز بارلىقىنى بىلىپ ئىشىكنى ئاچاي دېسە ئاچقۇچ يوق ،ئىشىكنى بۇزۇپ
كىرمەكچى بولسىمۇ پالتا بىلەنمۇ بۇزالمايتتى .چۈنكى ئىشىك قېلىن قاتتىق ياغاچتىن
ياسالغان بولۇپ ،ئىككى بويىدىن تۆمۈر بالداق بىلەن تاقاپ يوغان كۇلۇپ سېلىنغان.
بۇ قۇلۇپ كونا زاماندا سېلىنغان كۇلۇپ بولغاچ ،ھېچقانداق ئاچقۇچ چۈشمەيتتى ۋە
ئاسانلىقچە ئۇرۇپ سۇندۇرغىلى ۋە بۇزغىلى بولمايتتى .شۇڭا ئۇالر ئامالسىز ئاچقۇچ ئالغىلى
كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدىم .ئاپتوبۇستىن مەكتەپ ئالدىدا چۈشمەستىن ئۆتۈپ كېتىپ
دوختۇرخانا ئالدىغا بېرىپ چۈشتۈم .ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى .بالىالر بۆلۈمىنىڭ
ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ پەلەمپەي ئاستىغا تىقىپ قويغان خالىتىمنى كىيىپ كىتابىمنى
كۆتۈرۈپ ياتاق تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتسام ئالدىمغا نۇسرەت ئۇچرىدى.
ــ نەدە يۈرىسەن؟ سېنى ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى .مەكتەپتە سېنى ئىزدەپ
چاپمىغان ئادەم يوق ،بارمىغان يەر قالمىدى ،نەگە كەتتىڭ؟
ــ ھە ،شۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ؟ مەن ھېچيەرگە كەتمىدىم .البوراتورىيىدە يېڭى
كەلگەن كېسەلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قىلدىم .مەن نېمىگە كېرەك بولۇپ قالدىم؟ نېمە
شۇنچە ئەنسىرەپ كەتتىڭالر؟ دەپ سورىدىم ،كۈلۈپ تۇرۇپ.
133

ــ راست ،ئۇ يەر بىزنىڭ ئېسىمىزگە كەلمەپتۇ ،ھەممە يەرنى ئىزدەپتۇق ،كادىرالرغىچە
سېنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتى.
ــ مەن سىلەرنىڭ بۇنچىۋاال ئىزدەپ كېتىشىڭالرنى ئويلىماي البوراتورىيىدە
تەكشۈرۈش بىلەن ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن .ئۇنى بىلگەن بولسام بالدۇر قايتار ئىكەنمەن.
قورسىقىم ئاچمىسا قايتىش ئېسىمگىمۇ كەلمەس ئىدى .نېمە ئىش بار؟ مېنىڭ قورسىقىم
بەك ئېچىپ كەتتى ،تاماق يەۋاالي ھە! مەن ياتاققا كىرىپ كەتتىم .ياتاقتا شەمشىجامال
بار ئىكەن ،مەن ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن:
ــ جېنىم سۆيۈن ،قەيەرگە كەتتىڭ ،سېنى بەك ئىزدەپ كەتتى .سېنىڭ بېشىڭغا بىر
باال كەلدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم ،دېدى.
مەن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالالرنى قىسقىچە ئېيتىپ بەردىم .ئۇ سەكرەپ چۈشۈپ مېنى
قۇچاقلىۋالدى.
ــ ۋىيەي ،قانداق قورقماي قىلدىڭ؟ سەن ئاجايىپسەنغۇ؟ خۇددى كىنوالردىكى
قەھرىمان قىزالردەكال قىلىپسەن ،جېنىم دوستۇم ،سەندىن بەك ئەنسىرەيمەن ،سېنى
ئېلىپ كېتىپ قالسا قانداق قىالرمىز؟ شۇنى ئويلىسام يۈرىكىم ئاغرىيدۇ ،دەپ يىغالپ
ئېقىپ كەتتى.
زالدا بىرسىنىڭ كېلىۋاتقان ئاياق ئاۋازى ئاڭالندى .بىز جىم بولۇشتۇق ،شەمشىجامال
كۆز يېشىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈردى ،مەن ئۈستەل ئۈستىدىكى ماڭا دەپ ئەكىرىپ قويغان
مايلىق شورپا بىلەن ناننى يېگەن بولۇپ ،قوشۇق تۇتۇپ ئولتۇردۇم ،راستىنى ئېيتقاندا
قورسىقىم تازا ئاچقان ئىدى.
ئىشىكنى ئۇرۇپ نۇسرەت كىرىپ كەلدى.
ــ سېنى تاماقنى كىرىپ يېسۇن دەيدۇ ،ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ چىقسۇن دېدى.
ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالما! دەپ تاپىالپ قويدى.
مەن ئىچىمدە كۈلدۈم ،كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا شەمشىجامالغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ
قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
ــ ئۇالر سېنى دەرۋازا ئالدىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ ،دېدى.
مەن مەكتەپ دەرۋازا ئالدىغا چىقسام ھېلىقى گۇڭەنتىڭ قارا ماشىنىسى ئىشىك
ئالدىدا تۇرۇپتۇ .مەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىشىم بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.
134

مەن كىرىپ ئولتۇردۇم .ماشىنا ئۇچقاندەك شەھەرگە قاراپ مېڭىپ كەتتى .ماشىنىنىڭ
ئىچىدە ئالتە خەنزۇ ئولتۇراتتى .مەن بىرنىمۇ تونۇمايتتىم .مەنمۇ گەپ قىلمىدىم ،ئۇالرمۇ
زۇۋان سۈرمىدى .ئۇالر مەندىن ئۆيۈڭ قەيەردە دەپمۇ سورىماستىن ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆينىڭ
ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدى .ماشىنىنىڭ تۆت ئىشىكىنى ئېچىپ ھەممىمىز تەڭال
ماشىنىدىن چۈشتۇق .ئۇالر ئالدى ـ كەينىگە قارىماستىن ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
بىز ھويلىغا كىرىپ كېلىشىمىز بىلەن تەڭ ئۆمەرجان باشلىق بىر تۈركۈم ئادەملەر
يۈگۈرۈپ چىقتى .مەن خاتىرجەم ،ئەركىن ھالدا كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدىم .چوڭ ئاپامنى
تېخىمۇ قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ئەركىن ،خاتىرجەم تۇتۇپ كۈلۈمسىرىگەن
قىياپەتتە ساالمالشتىم ،چوڭ ئاپام چىرايلىرى سارغىيىپ قورققان ھالدا:
ــ قانداق باالم ياخشىمۇسەن ،ئەتىگەن كەلگەن ۋاقتىڭدا مەن يوق بولۇپ قاپتىمەن....
دەپ مەن ئۆگەتكەن سۆزلەرنى دەپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا:
ــ نېمە قىلىپ يۈرىسەن جېنىم باالم؟ دەپ يىغالپ كەتتى.
چوڭ ئاپامنىڭ يىغىسىغا يۈرىكىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ ھېچنەرسە دېيەلمىدىم .ئۇدۇل
بىزنىڭ كىچىك ئۆينىڭ ئىشىكىگە كېلىپ ئىشىكنى ئاچتىم .ھېلىقى ئون نەچچە ئادەم
ھەممىسى يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ كېلىشتى .مەن بايا ھازىرالپ قويغان بايراق التىسى ۋە
كىتابنى ،قارا قەغەزلەرنى بەردىم.
ــ مۇشۇلىما؟ باشقا ماتېرىيالالر ،تەشكىالتنىڭ رەسمىي بايرىقى قېنى؟ دەپ توۋالپ
ھەيۋە قىلدى ئۆمەرجان.
ــ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن كۆيدۈرۈۋەتكەن ،ھېچنەرسە يوق ،مەندە ھازىر بار
نەرسە مۇشۇ ،بۇ كىتاب مېنىڭ باشالنغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش كىتابىم ،بۇ ماگىزىندىن
ئالغان قارا قەغەز ،بۇ بايراقنىڭ بىرسى ،بەلگىسىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئېلىپ يىرتىۋەتكەن،
دېدىم مەن خاتىرجەم قىياپىتىم بىلەن.
ھەممىسى بىر ـ بىرسىگە قاراپ غۇدۇراپ سۆزلەشتى.
ــ بايراقنى ئىككى دېگەن ئىدى ،يەنە بىرسى قىنى؟ دەپ سورىدى ،بىر خەنزۇ .ئۆزى
خېلى ساالپەتلىك بىر خەنزۇ ئۆينى ئاختۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن چوڭ ئاختۇرۇش
باشالندى .ئۆينىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى ئېچىپ ئاختۇرۇپ تىتىۋەتتى .ئۆيدىكى
يوغان تۆت ساندۇق ،ياغاچ ساندۇق ،قىسقىسى ئۇالر ئاختۇرمىغان نەرسە قالمىدى .پەقەت
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورىغا چۈشۈپ كۆرمىدى ،لېكىن كېلىپ ـ كېلىپ ئېڭىشىپ قاراپ
135

قۇياتتى .ئۇالر كېلىپ ئورىغا ئېڭىشىپ قارىغانسېرى يۈرىكىم جىغ قىالتتى .ئابلېكىمنىڭ
شېئىرىغۇ مەيلى ،لېكىن تۈرمىدە ياتقان ئابدۇلەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدىن چىقىرىپ
بەرگەن شېئىرى خەتەرلىك ،ئۇنى كۆرۈپ قالسا چوڭ ئىش بوالتتى .ئۇالرغا چاندۇرۇپ
قويماسلىق ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە بىر قېتىمۇ قاراپ قويمىدىم.
بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئاختۇرۇش قىلىپ ھېچنەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن ،ئۇ
ئۆيدىن قايتىپ چىقماقچى بولدى .مەن ئۇالرغا:
ــ ساندۇقنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىڭالر ،مەن كۆتۈرەلمەيمەن ،دەپ ساندۇقنى ئۇالرغا
كۆتۈرگۈزۈپ ئىشىكنى تاقاپ چىقتىم .ئۇ كىتاب ،بايراقالرنى ئېلىپ ئۆيگە كىردى .پۈتۈن
نەرسىلەرنى ئېچىپ بىر ـ بىردىن ساناپ چىقتى .ماشىنا بىلەن تەكشۈرۈپ بولغاندىن
كېيىن ،يوغان سومكىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى قۇلۇپالپ ھەممىمىز ئۆيدىن چىقتۇق.
ئىشىك ئالدىدىكى قارا جىپ ماشىنىغا 15ئادەم قىستىلىپ سىغدۇق .بىر نەچچە ئادەم
دەرۋازا ئالدىدا ئۇالر بىلەن خوشلىشىپ تۇرۇپ قالدى.
بۇالر مەھەللە باشلىقلىرى ياكى مەھەللە ساقچىلىرى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.
ماشىنا ئۇدۇل گۇڭەنتىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىدى .ماشىنىدىكىلەر يوغان سومكىنى
كۆتۈرۈپ خۇددى چوڭ نەرسە تاپقاندەك گۈلدۈرلىشىپ گۇڭەنتىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ماشىنىدا مەن يالغۇز ئولتۇرۇپ قالدىم .بىر ھازادىن كېيىن ئۇالر قايتىپ چىقتى.
بىز سەككىز قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدى (باسىڭ دالو) غا كەلگەندە ،ئۇالر مېنى
ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ ،ئۆزلىرى مەكتەپكە كىرىپ كەتتى .مەن مەكتەپنىڭ ئالدىغا
كەلگەندە مەكتەپتىن قايتىپ چىقىۋاتقان زەينۇرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.
زەينۇرە بۇندىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى
مىرات بىلەن توي قىلغان ئىدى .شۇ ۋاقىتالر سوۋېت گىراژدانلىرىنى چېگرىدىن مەجبۇرىي
قوغالپ چىقىرىۋاتقان مەزگىل بولغاچ مىراتالرنىڭ ئائىلىسىمۇ سوۋېت گىراژدىنى
بولغانلىقتىن چېگرىدىن چىقىپ كېتىش قەغىزى كەلگەنلىكتىن مۇشۇ ھەپتىدە چىقىپ
كېتىشى كېرەك ئىكەن .شۇنىڭ ئۈچۈن زەينۇرە مەكتەپتىن قانۇنسىز توي قىلدى دەپ
قوغالنغان ئىدى .شۇ رەسمىيەت قەغەزلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن مەكتەپكە كەلگەن ئىكەن،
ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ چىققاندا بىز ئۇچرىشىپ قالدۇق .بىز ئۇ يەردە بىر ھازا پاراڭلىشىپ
تۇرۇپ قالدۇق ،مەن ئۇنىڭغا مەلىكىنىڭ ئادرېسىنى بەردىم.
ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن مەلىكىنى ئىزدەپ ،بىزنىڭ ئىشىمىز ھەققىدە مەلىكىگە
136

ئېيتىپ قويغىن ،بىزگە خەت يازمىسۇن ،بىزنىڭ تەقدىرىمىز قانداق بولىدۇ .ئۇ بىزگە
نامەلۇم ،ھەر ھالدا ياخشى ئىش يوق .سەن بىلەنمۇ خوشلىشىپ ئۇزىتىپ قويالمايدىغان
ئوخشايمەن .بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇپ
قېرىنداشالردەك ئۆتكەن ئىدۇق .مېنىڭ سېنى كۆڭلۈمدىكىدەك ئۇزىتىپ قۇيغۇم بار ئىدى،
لېكىن ئۆزۈڭ بىلىسەن مېنىڭ ئامالىم قانچە.
بىز خوشالشتۇق .شۇ خوشالشقان پېتى مەن ئۇنى ئىككىنچى كۆرمىدىم.
كەچتە مۇزاكىرىگىمۇ چىقمىدىم ،ياتاقتا ئولتۇراتتىم ،بىز بىلەن پراكتىكىدا بىر گۇرۇپپا
بولغان جىڭ خۇئا ئىسىملىك شاڭخەيلىك قىز كىرىپ كەلدى.
ــ بۈگۈن نەگە كەتتىڭ؟ دەرس ئۈستىدە ئەھمەد توختى ھوشىدىن كېتىپ قالدى.
دوختۇرالر كېلىپ ئوكۇل قويۇپ بىرقانچە ۋاقىت ياتقۇزغاندىن كېيىن ھوشىغا كەلدى.
ئىككى دوختۇر يۆلەپ ئاران ياتىقىغا ئاپىرىپ قويدى .بەك يامان ئاغرىپ قاپتۇ ،دەپ
ئىچىنى ئاغرىتىپ كەتتى.
ئەھمەد ئاكىنىڭ نېرۋىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلىدىم.
بۇرۇن بىز ئەھمەد ئاكا پاش قىلدىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ يۈرگەن ئىدۇق.
قارىغاندا ئەھمەد ئاكا پاش قىلمىغان ئوخشايدۇ ،ئەمىسە ئۇ كىمدۇر؟

- 19ئاپرېل
ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا بارسام مۇئەللىم ماڭا:
ــ سەن ئەمدى ئىچكى كېسەللىكلەر بىرىنچى بۆلۈمىگە بېرىپ پراكتىكا قىل ،سېنى
شۇ ياققا يۆتكىدۇق ،دېدى.
مەن كىتابلىرىمنى ئېلىپ ھازىرالندىم .شۇ ئارىدا ئەھمەد ئاكا رەڭگى سارغايغان،
كۆزلىرى ئىچىگە كىرگەن ،ئۆزى شۇنداق ئورۇقلىغان بولۇپ ،جىددىي كەيپىيات بىلەن
كىرىپ كەلدى ۋە مېنىڭ كىتابالرنى يىغىشتۇرىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ:
ــ سىز نەگە بارىسىز؟ دەپ ھەيران بولۇپ سورىدى.
ــ مېنى ئىچكى كېسەللىكلەر بىرىنچى بۆلۈمىگە يۆتكەپتۇ ،شۇ يەرگە بارماقچى بولۇپ
تۇرغانتىم.
137

ــ ھە ،بەلكى بىزنى تىل بىرىكتۈرۈۋالىدۇ ،دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك ،دېدى .مەن
كىتابلىرىمنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم .پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋاتسام ئەھمەد ئاكا مېنى
چاقىردى.
ــ توختاپ تۇرۇڭ ،مەن مەريەمگە بىر پارچە خەت يېزىپ بەرسەم ،بىزنى قولغا ئېلىپ
كەتكەندىن كېيىن پوچتىدىن سېلىۋىتەرسىزمۇ؟ سىز قىز باال بولغاچ ،بەلكى سىزنى قولغا
ئالماس ،دېدى.
ــ مەيلى يېزىپ بېرىڭ ،كەتمەي قالسام سېلىۋېتەرمەن ،دېدىم.
ــ ئۇنداق بولسا ،سىز مۇشۇ جايدا كۈتۈپ تۇرۇڭ ،مەن ھازىرال يېزىپ چىقىمەن،
دېگىنىچە يۈگۈرۈپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.
مەن زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلىغىچە كۈتتۈم ،كەلمىدى .مېنىڭ ئۇ يەردە كۈتۈپ
تۇرغىنىمنى كۆرگەن بىر خەنزۇ دوختۇر ئايال ئىشخانىسىدىن چىقىپ:
ــ بۇ يەردە نېمە قىلىپ تۇرىسەن ،بۇياققا كەل ،دەپ مېنى ئىچكى بۆلۈمنىڭ بىرىنچى
پاالتا ئىشخانىسىغا باشالپ كىردى .پۈتۈن دوختۇر ،سېستراالرغا بىز توغرۇلۇق خەۋەر قىلىپ
بولغان بولسا كېرەك ،سىرتقا چىقسام نەگە بارىسەن ،دەپ ھەممە ئىشىمغا دىققەت بىلەن
كۆزەت قىلىپ ئارتۇق مېڭىشىمغا يول قويمىدى .بىزنى رېجىمغا ئالغان ئوخشايدۇ ،دەپ
ئويلىدىم .شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد ئاكىنىڭ خېتىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىدى .چۈشتىن
كېيىن ئىشخانىدا بىر كېسەلنىڭ تارىخىنى يېزىپ ئولتۇراتتىم ،ئىشىكتىن بىرسى كىرىپ:
ــ سېنى سىرتتا بىرسى چاقىرىۋاتىدۇ ،دېدى.
مەن چىقسام مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ بىر كادىرى كېلىپ تۇرۇپتۇ.
ــ سىزنى مەكتەپ مۇدىرى چاقىرىدۇ ،دېدى.
مەن خاالتلىرىمنى يېشىپ ،مۇدىرىيەت ئىشخانىسىغا باردىم .مەن بۇ ئىشخانىغا
مەكتەپكە كىرگەندىن بېرى ئىككىنچى قېتىم كىرىشىم ئىدى.
ئىشخانا ئازادە ،پاكىز ،يورۇق ئىدى .يېڭى چىرايلىق قىزىل گىلەم سېلىنغان ،يۇمشاق
ئورۇندۇقالر قويۇلغان ،چىرايلىق ئۈستەللەر رەتلىك تىزىلغان بۇ بۆلۈمدە تاڭ يەنجاڭ،
دىڭ شۇجى ،مائارىپ باشقارما بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،تەرجىمان خەنزۇ ئايال ۋە يەنە مەن
تونۇمايدىغان ئىككى خەنزۇ كادىر بار ئىدى .مەن كىرىپال ئۇالر كۆرسەتكەن يۇمشاق
ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم .ئۇالر مېنى يۇمشاق ،سىلىق مۇئامىلە بىلەن قارشى ئالدى.
138

دىڭ شۇجى دەسلەپ گەپ باشلىدى:
ــ مەكتەپتىكى پۈتۈن بالىالر مېنىڭ بالىلىرىم ،مەن مەكتەپ رەھبىرى سۈپىتىم بىلەن
ھەم بىر ئاتا بولۇش ساالھىيىتىم بىلەن سەن بىلەن سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلدىم .سەن
تېخى ياش ھەم قىز باال سەن ،سەن ئىستىقبال ،كېلەچىكىڭنى ئويال .ئاتا ـ ئاناڭنى ئويال.
ئاڭلىساق سېنىڭ كىچىك ئۇكىلىرىڭ بار ئىكەن .شۇالرنىڭ بەختىنى ئويال ،تارىخىڭغا داغ
چۈشۈرۈۋالدىڭ ،ئەمدى ئۇنى يۇيۇشۇڭ كېرەك ،سەن ھازىر ھېچنەرسىنى ئۇقمايۋاتىمەن،
كېيىن پۇشايمان قىلىسەن ،بىز سېنى ئاالھىدە ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئولتۇرۇپ ،چاقىرتىپ
سېنى پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرايلى دەۋاتىمىز .سەن ئۆز مەيدانىڭغا قايت ،ئابلىزنىڭ كېلىپ
چىقىشى زومىگەر ،پومېشچىك سىنىپى ،ئەلۋەتتە بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز شۇنداق قۇترايدۇ،
لېكىن ئەڭ ئاخىرى ھاالك بولىدۇ .ئۆز بېشىنى يەيدۇ ،دېدى.
«بىچارە ئابلىزنى قولغا ئالىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ كۆڭلۈم غەش بولدى .دىڭ
شۇجى يەنە سۆزىنى داۋامالشتۇردى:
ــ بۇلتۇر پاش بولغان تەشكىالتتا قازاق ئوقۇغۇچىالرنىڭ ئىچىدە ئولجانخان ئىسىملىك
بىر قىز بار ئىدى .ئۇنى سەن بىلىسەن ،ئۇ قىز ئۇالرغا قوشۇلغان ئىدى .كېيىن ئۇ ئۆزى
ھەقىقەتكە قايتىپ بارلىق نەرسىنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى ،بىز ئۇنىڭغا
كەڭچىلىك قىلدۇق .ئۇ بىزنىڭ سۆزىمىزگە قۇالق سالغان ئىدى ،يامان بولمىدى ،ھازىر
ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .ئەگەر سەن تەشكىالتنىڭ مەخپىيىتىنى پاش قىلساڭ ،بىز
ساڭا كەڭچىلىك قىلىمىز .ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىسەن ،ئەگەر ياخشى پاش قىلساڭ
مۇكاپاتمۇ بېرىمىز ،سەن بىزگە تەشكىالتنىڭ ئارقا تىرىكىنى پاش قىل ،ئۇالر كىملەر ،نەدە؟
دەپ سوئال نەزىرى بىلەن مەندىن جاۋاب كۈتۈپ ماڭا قارىدى.
ــ بىزدە ھېچقانداق ئارقا تېرەك يوق ،دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇالر ئاچچىقالندى ،تاڭ يوئەنجاڭ:
ــ ئارقا تېرەك بولمىسا ،ئوقۇغۇچىالر بۇنداق تەشكىالت قورۇپ چىقالمايدۇ ،سەن
يوشۇرۇپ قاالاليمەن ،دەپ خام ـ خىيال قىلما ،بەرىبىر ئاشكارىلىنىدۇ ،خەلق دۈشمەنلىرى
قانچە قوترىغىنى بىلەن بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشىدۇ .ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆز ئىستىقبالىڭنى
ئويال ،توغرا يولدا ماڭ ،كاپىتالىزم يولىدا ماڭساڭ خۇراپىيلىققا چوڭقۇر پېتىپ ۋەيران
بولىسەن ،سوتسىيالىزم يولىدا ماڭساڭ ئۇنداق ......بۇنداق ياخشى ....دېگەندەك نۇرغۇن
ئەۋزەللىكلەرنى سۆزلەپ چىقىپ ئاخىرىدا:
139

ــ بىزنىڭ سۆزىمىزدىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭ ،قانداق ئوياليسەن ،تەشكىالتنىڭ
ئارقا تىرىكىنى پاش قىل ،ساڭا ئەڭ ياخشى چىقىش يول شۇ ،دېدى.
ــ مەن يەنە دېسەم ،بىزنىڭ ئارقا تىرىكىمىز يوق ،مېنىڭ ئۇ ئىزم ،بۇ ئىزم بىلەن
چاتىقىم يوق ،خەلق تۇرمۇشىغا قايسى ئىزم پايدىلىق بولسا ئۆزلىرى شۇ يولنى تالاليدۇ،
دېدىم.
ئۇالر بىر ـ بىرسىگە قارىشىپ ئالدى ،ئاندىن دىڭ شۇجى ماڭا قاراپ:
ــ ياخشى ،چىقىپ ئارام ئال! دېدى.

- 20ئاپرېل
ئەتىگەن يەنە دوختۇرخانىغا باردىم .بۈگۈن ئادەتتىكىدەك ئەمەس ئىدىم .ھېچ
نەرسە قىلغۇم كەلمەيتتى ،كېسەللەرنى كۆرگۈم كەلمىدى ،كىتابالرنى تۇتۇپمۇ قويمىدىم.
ماڭا بۆلۈنگەن كارىۋاتالر بار بۆلۈمىگە كىرىپ كېسەللەر بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇردۇم.
ماڭا بۆلۈنگەن كېسەل تارىخىنى يازىدىغان ۋە يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ئىدى ھەم
مېنىڭ كارىۋىتىمغا يېڭى كېسەللەر كەلگەن ئىكەن ،ئۇالرنى كۆرۈپ چىقىشىم كېرەك
ئىدى ،بۇالرنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدىم ،قولۇم ھېچ ئىشقا بارمىدى ،ئاغرىقالر بىلەن
ئادەتتىكى پاراڭالر ئۈستىدە غەمسىز پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇم.
كارىدوردا كىشىلەرنىڭ «سۆيۈنگۈل ،سۆيۈنگۈل» دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى
چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ،ئىزدىسە ئىزدەۋەرسۇن ،دەپ خاتىرجەم ئولتۇرۇۋەردىم.
لېكىن زالدا بارغانسېرى غۇلغۇال كۆتۈرۈلۈپ «يوق ،يوق ،نەگە كەتكەندۇ» دېگەندەك
سۆزلىرى ئۇلغايدى.
ــ ھە نېمە ئىش؟ مەن بارغۇ مانا! دەپ چىقتىم.
دوختۇر ،سېستراالرنىڭ ئەتىگەنلىك دوكالت بېرىشىگىمۇ قاتناشمىغان ئىدىم .مېنى
كۆرۈپ ئۆمەرجاننىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇر ئادەم:
ــ ئەنە ،چىقتى ،دېگەنتى ،ئۆمەرجان:
ــ بولدى كەلدى ،دەپ تۇرۇپكىنى قويدى ۋە ماڭا قاراپ:
140

ــ بىز سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدۇق ،دېدى.
ــ نېمە گەپ؟ دەپ ئالدىغا باردىم.
ــ بۈگۈن بىر كۈن سىلەرگە مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ ئالدۇق .مۇشۇ بىر كۈن
ئىچىدە تەشكىالت توغرىسىدا ماتېرىيال يېزىپ تاپشۇرىسىلەر ،ھازىر قايتىپ ھەممە
نەرسىنى تولۇق يېزىپ چىقىڭ ،دېدى.
مەن گەپ قىلماستىن خالىتىمنى يېشىۋاتاتتىم ،ئۇالر ماڭا قاراپ:
ــ دوختۇرلۇق سىزگە قانداق يارىشىدۇ ،ھە! پۈتۈن ئوقۇغۇچىالرغا قاراپ چىقتۇق،
ھەممىدىن بەك سىزگە يارىشىدىكەن ،ئۇنداق ئىشالرغا ئارىالشماي ،جىم يۈرۈپ ،دوختۇر
بولۇپ ،ئىشلەپ يۈرسىڭىز بولماسمىدى ،دەپ قاراپ قېلىشتى.
خاالتنى بۆلۈمگە ئېلىپ كىرىپ قويۇپ ،ياتاققا قايتتىم.
ياتاقتا ھېچكىم يوق ،بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن نېمە يازىمەن ،دەپ ئويالندىم.
يازىدىغان نەرسە يوق ئىدى ،يەنە بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئويالندىم« :بۈگۈن
ماتېرىيال يېزىڭالر دەپ ۋاقىت بەرگەندىكىن ،بۇ ۋاقىتنىڭ چوقۇم سورىقى بولىدۇ،
يازىدىغان نەرسە بولمىغاندىكىن بېرىپ يازمايمەن ،دەپ قويۇپ كېلەي» شۇنداق قىلىپ
مەن مۇدىرىيەت گۇرۇپپىسىغا بېرىپ ئامانلىق ساقالش بۆلۈمىگە كىرسەم ،ئۆمەرجان بىر
ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن .مېنى كۆرۈپ يېنىدىكى ئادەمگە «كېيىن
سۆزلىشەيلى» دېگەن ئىدى ،ئۇ ئادەم چىقىپ كەتتى ،ئاندىن ماڭا بۇرۇلۇپ:
ــ ھە نېمىگە كەلدىڭىز ،ئېيتىدىغان بىرەر ئىش بارمىدى؟ دەپ ئالدىمغا كەلدى.
ــ ئېيتىدىغان نەرسە يوق ،ھەتتا يازىدىغانمۇ نەرسە يوق ،شۇڭا مەن بۈگۈن ھېچ نېمە
يازالمايمەن ،شۇنى ئېيتىپ قوياي دەپ كەلدىم ،دېدىم.
ــ زادى يازىدىغان ھېچ نەرسە يوقمۇ؟
ــ يوق.
ــ تەشكىالت قۇرۇشنىڭ ئۆزى ھېچ نەرسە ئەمەسمۇ؟ ئەزا قوبۇل قىلىشمۇ ھېچ نەرسە
ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزى يازىدىغان نەرسە ئەمەسمۇ؟ دېدى ئاچچىقى بىلەن.
ــ مەن بۇنىڭ نېمىسىنى يازىمەن؟ مۇستەقىللىقنى خاالش جىنايەتمۇ؟ شەرقىي
تۈركىستان ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت بولغاندىكىن ،بىزمۇ مۇستەقىللىقنى تەلەپ
141

قىلساق گۇناھكار بولدۇقمۇ؟
ئۆمەرجان بىر ئاز توختاپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
ــ سىز نېمىلەرنى سۆزلەۋاتىسىز؟ شىنجاڭ نەدە مۇستەقىل بولغان ،شىنجاڭ
جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ،سىزگە كىم شىنجاڭ مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېيتتى؟
سىز نەدىكى سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقتىڭىز؟ دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
ــ مەن كۆتۈرۈپ ياكى ياساپ چىقمىدىم .تارىخ كۆتۈرۈپ ،ئىسپاتالپ چىقتى ،بىلەمسىز؟
مەن سىزگە ئۇ كىتابنى بىكارغا بەرمىدىم ،ئۇ كىتابنى پاكىت بولسۇن دەپ بەردىم .تارىخ
گۇۋاھتۇر .تارىخىي پاكىتالر ئالدىدا بىزنىڭ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ چىقىشىمىز
ھېچقانداق جىنايەت ئەمەس .بىزنىڭ ئىشىمىز ھەقىقەت ۋە ئورۇنلۇق .مېنىڭ يېزىپ
تاپشۇرغۇدەك جىنايىتىم يوق .شۇڭا ھېچ نەرسە يازالمايمەن ،دېدىم.
ــ سىلەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلساڭالر ،تەشكىالت قۇرۇپ پارتىيىگە قارشى
ئويۇشۇپ خىزمەت قىالمسىلەر؟ دەپ سورىدى ئۆمەرجان.
ــ پارتىيىدىن مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ چىققۇچىالرغا ئوڭچى ،مىللەتچى دەپ
قالپاق كىيدۈرۈپ ،تۈرمىلەرگە تاشالپ يوق قىلدى ،ئوچۇق مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ
چىقساق بىزگىمۇ شۇنداق تەقدىر بولىدىغىنىنى بىلىمىز ،ئۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمىشقا
ئوچۇق مەيدانغا چىقىمىز؟ پارتىيىدىن مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ چىققۇچىالرنىڭ
ئەھۋالى شۇ بولدى ،ئەمدى قوراللىق ،تەشكىللىك ھالدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق
مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ،دېگەن كۆز قاراشقا كەلدۇق ،دېدىم.
ئۆمەرجاننىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن پۈتۈن يۈزى بوينىغىچە قىزىرىپ ،كۆزلىرى
ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى.
ــ سىز بۇ يەرگە رىئاكسيون سۆزلىرىڭىزنى يېيىپ ماڭا تەشۋىق قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ؟
ئويلىنىپ ئىش قىلىڭ! مۇشۇنداق ماڭسىڭىز ئاقىۋىتىڭىز نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ــ ھەئە ئويالندىم ،ھاياتىمدا دۇچ كېلىدىغان ئېغىر كۈنلەرنى كۆز ئالدىمدىن
ئۆتكۈزدۈم ،ئەگەر ئەجەل توغرا كەلسە قەيەردە بولمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچقانداق چارە يوق.
ــ سىز بۇنداق يەڭگىل سۆزلىگەن بىلەن سىز قىز باال ھەم ياش ،بېشىڭىزدىن ئېغىر
كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەك ئوڭاي ئەمەس ،سىز ھازىر چوڭ سۆزلىگەن بىلەن ،ئىككى يىلدىن
كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلىسىز ،دېدى .ئۆمەرجاننىڭ بۇ سۆزلەرنى ماڭا ھەقىقىي چىن
142

كۆڭلى بىلەن دەۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
ــ ياق ،سىز خاتا ئويالۋاتىسىز ،مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن ،چۈنكى مەن
ئادەم ئۆلتۈرمىدىم ،كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمىدىم ،كىشىلەرگە زىيان كەلتۈرمىدىم .روھۇم
ئازابالنغۇدەك ھېچ نەرسە قىلمىدىم ،مەن پەقەت خەلق ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرىشتىم ،بىز
پەقەت خەلق ئەركىنلىكى ،ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق .شۇڭا
مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن ،بەلكى بۇندىن ئون ياكى يىگىرمە يىلدىن كېيىن سىز
پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن ،سىز پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىڭىز،
ئۆز مىللىتىڭىزنى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىسىز ،ۋەزىپىڭىز تۈگىگىچە سىز ياخشى
ئادەم ،ۋەزىپىڭىز تۈگىگەندىن كېيىن ،سىز مەندىنمۇ يامان ئادەم بولۇپ قالىسىز .خىتايالر
ھېچ ۋاقىت ئۇيغۇرالرنى ،شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتمايدۇ ،پەقەت
سىزدەك ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن تۇتىدۇ ،دېدىم.
ــ ۋاي نېمە دەپ كېتىۋاتىسىز؟ سىز ماڭا تەشۋىق قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ ياكى ئۆلۈم
ئالدىدا جان تاالشقاندەك جان تالىشىۋاتامسىز نېمە؟ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۆمەرجان.
ــ ياق ،مەن جان تالىشىۋاتقىنىم يوق ،جىنايىتىممۇ يوق ،قورقۇنچۇممۇ يوق،
پۇشايمىنىممۇ يوق ،دەپ جاۋاب بەردىم ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
ــ سىز ئۇيغۇرمۇ؟
ــ ھە ،مېنىڭ ئۇيغۇرلىقىم بىلەن سىزنىڭ نېمە ئىشىڭىز؟
ــ سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز ،قايسى ۋىجدانىڭىز بىلەن ئۆز مىللىتىڭىزنى خىتايغا تۇتۇپ
بېرىسىز؟ يۈرىكىڭىز ئازابالنمامدۇ؟
ئاخىرى بىزنى قولغا ئالىدۇ ،ھېچ بولمىسا كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى قىلىۋاالي ،بىر
كۈنلەردە ئېسىگە كېلىپ قاالر ...دەپ ئويلىدىم ،دە ـ قورقماستىن سۆزلەۋەردىم ھەم بۇ
سۆزلەرنى ئۇ ئادەمگە دېيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن بەكمۇ خوش بولدۇم ،خۇددى ئۆچۈمنى
ئالغاندەك ھېس قىلدىم.
ئۆمەرجان كۈتۈلمىگەن بۇ سۆزلەردىن ھەيران قالغاندەك ماڭا قارىدى .مەن بۇنىڭ
كەينىدىن چىقىدىغان يامان سۆزلەرنى ئويالپ:
ــ مەن سىزگە دەپ قوياي ،مەن ھېچ نېمە يازالمايمەن ،دېگەن پېتى چىقىپ كەتتىم.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
  • Büleklär
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 1927
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1054
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3770
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2004
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3817
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    22.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3760
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1839
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3776
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1825
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3742
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3811
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1720
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3792
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1727
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3886
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1726
    25.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3833
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1745
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3891
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1743
    24.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3943
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1768
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3942
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1816
    23.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1875
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3915
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1812
    21.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3925
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1931
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3910
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1920
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3949
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1883
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1926
    21.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3808
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1836
    22.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3856
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1861
    21.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1845
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3884
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    22.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3901
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1853
    24.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1806
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3920
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 3860
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1888
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 29
    Süzlärneñ gomumi sanı 3889
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1896
    22.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 30
    Süzlärneñ gomumi sanı 3869
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1871
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 31
    Süzlärneñ gomumi sanı 3894
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1889
    21.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    33.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 32
    Süzlärneñ gomumi sanı 3923
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1793
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 33
    Süzlärneñ gomumi sanı 3804
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1777
    21.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 34
    Süzlärneñ gomumi sanı 3904
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1890
    23.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 35
    Süzlärneñ gomumi sanı 3887
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1865
    21.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    32.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 36
    Süzlärneñ gomumi sanı 3936
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1855
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 37
    Süzlärneñ gomumi sanı 3908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1995
    22.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 38
    Süzlärneñ gomumi sanı 3875
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1834
    24.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 39
    Süzlärneñ gomumi sanı 3834
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1742
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 40
    Süzlärneñ gomumi sanı 3838
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1873
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 41
    Süzlärneñ gomumi sanı 3909
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1852
    23.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 42
    Süzlärneñ gomumi sanı 3812
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1794
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 43
    Süzlärneñ gomumi sanı 3895
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1870
    23.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 44
    Süzlärneñ gomumi sanı 3873
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1944
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Koz Yeshida Nemlengen Zemin Yengi Neshiri - 45
    Süzlärneñ gomumi sanı 2318
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1201
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.