Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 2966
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2101
9.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
16.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
21.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place


ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻯ– 19 ،
ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ
ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ
)(1838 – 1897
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ :ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳـﻪﻓﺪەﺭ ﺋﻪﻝ
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺋﻪﻝ ھﯜﺳﻪﻳﻨﻰ.
ﻏﻪﺭﺑــــﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩــــﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــــﻴﻪﮔﯩﭽﻪ ،ﺷــــﻪﺭﻗﺘﻪ ﻣﯩــــﺴﯩﺮﺩﯨﻦ
ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺧـﺴﻠﯩﺮﻯ
ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋەﻗﻪ ۋە ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ
ﻛﻪﺗـــﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳـــﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺗـــﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ – 19ﺋﻪﺳـــﯩﺮ ﺋﯩـــﺴﻼﻡ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺋـﻮﺭﯗﻥ
ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ھﺎﻳــﺎﺕ ﺳﻪﺭﮔﯜﺯەﺷﺘﯩــﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐــﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩــﺸﻰ ﻛﯧــﺮەﻙ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻧﺎھــﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛــﯚپ ﻧــﯘﻗﺘﯩﻼﺭ
ﻣﻪۋﺟﯘﺗﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﻴﺎھﻼﺭﭼﻪ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻧﯩـﯔ
ھﻪﻗﻘﯩـــﺪە ﺑﯧـــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩـــﺮ – ﺑﯩـــﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨـــﺖ ﻣﻪﻟﯘﻣـــﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩـــﭗ
ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮﮔﻪ،
ﺗــﺎﻻﺵ – ﺗــﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣــﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﻪﭘــﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳــﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﻪﻧــﺒﻪﻟﻪﺭﺩە ،ﺟﺎﻣﺎﻟﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ھﯩﺠــﺮﻯ – 1254ﻳﯩﻠﯩﻨﯩــﯔ
ﺷــﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩــﺪﺍ )ﻣﯩــﻼﺩﻯ 1838ـ ﻳﯩــﻞ – 11 ،ﺋــﺎﻱ( ﺗﯘﻏﯘﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
ﺑﯩـــﺮﺩەﻙ ﻗﻪﻳـــﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـــﺎﻥ .ﻧﻪﺩە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ھﻪﻡ
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ھﻪﻡ ﻣﻪﺯھﯩﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜـﻰ
ﭘـــﯜﺗﻤﻪﺱ – ﺗـــﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﺗﯧﻤﯩـــﺴﻰ ﺑﻮﻟـــﯘپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛـــﺘﻪ.
1



ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ھﻪﻣﻪﺩﺍﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳــﻪﺩﺋﺎﺑﺎﺩﺗﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،
ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺷـﯩﺌﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﻗﻮﻳﻐـﯘﭼﯩﻼﺭ،
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻴﻪﻧﻰ ﺩەپ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩـﺮﺯﺍ ﻟﯘﺗﻔـﯘﻟﻼھ ﺧـﺎﻥ )– 1920
ﻳﯩﻠﻰ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ( ﺋﯩـﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩـﻖ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩـﺸﯩﻨﯩﯔ »ﺷـﻪﺭھﻰ
ھﺎﻟﯘ ﺋﺎﺳـﺎﺭﻯ ﺳـﻪﻳﻴﯩﺪ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩـﺪﺩﯨﻦ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳـﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ
ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩــﻖ ﺑﯩــﺮ ﺩﻭﺳــﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟــﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ »ﻣﻪﺟﻤﯘﺋــﺎﺋﻰ ﺋﻪﺳــﻨﺎﺩﯗ
ﻣﻪﺩﺍﺭﯨﻘــﻰ ﭼــﺎﭘﻨﻪ ﺷــﻮﺩە« ) – 1963ﻳﯩــﻞ ،ﺗﯧﻬــﺮﺍﻥ( ﻧــﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳــﻪﺭﮔﻪ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺑـﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ،ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧـﺮﻯ ﺩەپ
ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩـﺸﯩﻐﺎ ،ﺩﺍﺩﯨـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩـﺴﻤﯩﻨﯩﯔ
ﺳــﻪﻓﺪەﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻐﺎ ،ﺋﻮﻗﯘﻏــﺎﻥ ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘــﺎﻥ ﭘﻪﻟﯩــﺴﻪﭘﻪ ،ﻣﻪﻧﺘﯩــﻖ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﺎ
ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ﻗﻪﻳـﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ
ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ،
ﻛﺎﺑﯘﻟﻐـــﺎ ﻳـــﯧﻘﯩﻦ ﻛـــﯘﻧﻪﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐـــﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷـــﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳـــﻪﺩﺋﺎﺑﺎﺩ ﻳﯧﺰﯨـــﺴﯩﺪﺍ
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـــﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣـــﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﻛﯜﭼﻠـــﯜﻙ
ﺩەﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ
ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨــﺸﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩــﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐــﺎ
ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ
ﻧﯩﻜﻜــﻰ .ﺭ .ﻛﻪﺩﺩﻯ ،ھﯘﻣــﺎ ﭘﺎﻛــﺪﺍﻣﻪﻥ ،ﺋﻪﻟﯩــﻴﻪ ﻛﻪﺩﯗﺭ ،ﺋــﺎ .ﻗﯘﺗــﺴﯩﺰﺍﺩە ۋە
ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺷــﻪﺭﻕ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻠﯩــﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘــﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﻣﯘﺧــﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ،
ﻧﻪﺳــﺮﯨﺪﺩﯨﻦ ﺷــﺎھﺘﯩﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﯩــﺮﺍﻥ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ
ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺳـﯜﻧﻨﯩﻲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺌﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺗـﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ،
ﺑﻪﺯﻯ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩــﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘــﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑــﺎﺭ .ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑــﺪﯗھ ،ﺋﻪﻣﯩــﺮ ﺷــﻪﻛﯩﭗ
ﺋﺎﺭﺳــــﻼﻥ ،ﺋﺎﺑــــﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﻝ ﻣﻪﻏﺮﯨﺒــــﻰ ،ﻣــــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻝ ﻣﻪﺧﺰﯗﻣــــﻰ
)ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ( ،ﺭەﺷــﯩﺪ ﺭﯨــﺰﺍ ،ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﻓﻪﺭﯨــﺪ
2



ۋەﺟــﺪﻯ ،ﺋﻪﺩﯨــﭗ ﺋﯩــﺴﻬﺎﻕ ،ﺟــﻮﺭﺟﻰ ﺯەﻳــﺪﺍﻥ ،ﺋﺎﺑــﺪﯗﺭﺭﺍھﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﺭﺍﻓﯩﺌــﻰ،
ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﻗﻘـﺎﺩ ،ﺋﻪھـﻤﻪﺩ ﺋﻪﻣﯩـﻦ ،ھﻪﻳـﺪەﺭ ﺑﺎﻣﻤـﺎﺕ ،ﻣﻪھﻤـﯘﺩ
ﻗﺎﺳـــﯩﻢ ،ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩـــﻖ ﻳـــﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘـــﺎﺗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣـــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻝ
ﻗﻪﺯۋﯨﻨـــﻰ ،ﻣـــﯘﺭﺗﻪﺯﺍ ﺋﻪﻝ ﻣـــﯘﺩەﺭﺭﯨﺲ ﺋﻪﻝ ﺟﯩﻬـــﺎﺭﺩﯨﻬﻰ ،ﺋﯩﺒـــﺮﺍھﯩﻢ ﺋﻪﺱ
ﺳﻪﻓﺎﺋﻰ ،ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺋﻪﻝ ﻗﯘﻣﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨـﻖ ۋە
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ )ﺑﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﯧﻨﯩـﻖ ﺋﯩﭙـﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ( ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻥ
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐـﺎ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷـﺎۋﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ۋە ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ۋە
ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ﻛﯚﺭﺳـــﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨـــﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﭘﯧﺸﺎۋﯗﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏـﺎﻥ
ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐـﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺗﯘﻏﻘـﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە
ﺩﺍﺩﯨــﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩــﺴﻤﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺗﯚﭘﯩﻠﯩﻜﻨﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯚﻳﯩﻨﯩـــﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﺳـــﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﯩـــﺪﻯ .ﻣـــﯘﺭﺗﻪﺯﺍ ﺋﻪﻝ ﺟﯩﻬـــﺎﺭﺩﯨﻬﻰ ﻗﺎﺭﺷـــﻰ
ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ )ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ( ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ھﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ۋﺍﺋﯩﺰﯨﻨـﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷـﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ
ﺋﯧﻬﺘﯩﻤـــﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐـــﺎ ﺳـــﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ﺋﻪﺳـــﻠﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ
ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﺮﺍﻗﺘــﺎ ﻳﺎﺷــﺎپ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻥ ﻏــﯘﻻﻡ ھﯜﺳــﻪﻳﻦ ﺋﻪﻝ ﻣﯘﺳــﻪۋﻯ ﺑﯩــﺮ
ﺋﻪﺳــﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣــﺎﻣﻼﺵ ﻣﻪﻗــﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻐــﺎ ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ
ﺋﻪﺳﻪﺩﺋﺎﺑﺎﺩﻗﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛﺵ
ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺴﯩﺪە ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐـﺎ ﺩﺍﺋﯩـﺮ
ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩـﭗ ﺋﯘﭼﯩﻐـﺎ ﺋﯧﺮﯨـﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻗﺎﺭﯨـﺸﯩﭽﻪ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩـﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻪڭ
ﭼــﻮڭ ﺩەﻟﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻣﯩــﺮﺯﺍ ﻟﯘﺗﻔﯘﻟﻼھﻨﯩــﯔ ﻛﯩﺘــﺎﺑﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﯩــﺪﯗﺭ.
ﺩەﺭۋەﻗﻪ ،ﻛﯩﺘــــﺎﺏ ﺗﻪﻗﺮﯨﺰﯨﻤــــﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﯩــــﯔ ﺷــــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــــﻰ
ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯘﺳﯘﺳﻼﺭ ﺑﻮﻟـﺴﺎ،
ﺋﻮﭼــﯘﻕ ۋە ﻛﻪﺳــﻜﯩﻦ ﺩەﻟﯩﻠــﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﻳــﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺧﻤﯩــﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐــﺎ
3



ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــﯔ ﺋﻪھـ ـﻤﻪﺩ ﺋﺎﻏﺎﺋﻮﻏﻠﯩﻐـــﺎ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻥ ﺷـــﯘ ﺳـــﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﯩـــﻞ
ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩەﻟﯩﻞ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨـﻢ» :ﻣﯧﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺗـﺎ –
ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻣﻪﺭﺍﻏـﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻛﯧﻴﯩـﻨﭽﻪ ھﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻐـﺎ ﻛـﯚﭼﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ھﻪﻣﻪﺩﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨـﻰ ﺑـﻮۋﺍﻕ ۋﺍﻗﺘﯩﻤـﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩـﯔ
ﺋﯩــــﺸﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍۋﺍﺝ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐــــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــــﯜﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ھﯩﺠــــﺮەﺕ
ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ «.ﺑـﯘ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨـﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘـﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ
ﺋــﺎﺯەﺭﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ ھﻪﻗﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩــﺪﯨﻴﻪﻟﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗــﻮﻏﺮﺍ
ﻛﻪﻟﻤﻪﻛــــﺘﻪ .ﺋﯘﻧﯩــــﯔ ﺳــــﻪﻳﻴﯩﺪ ﺋﯘﻧــــﯟﺍﻧﻰ ۋە ھﯘﺳــــﻪﻳﻨﻰ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳــــﻰ
ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ھﯜﺳﻪﻳﻨﮕﻪ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ
ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﺋــﻮﻥ ﺳــﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧــﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﺎﺑﯘﻟــﺪﺍ ﺗــﯘﺭﺩﻯ ۋە ﺩەﺳــﻠﻪﭘﻜﻰ
ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧــﻰ ﺋــﺎﻟﯩﻢ ﺳــﯜﭘﻪﺕ ﺩﺍﺩﯨــﺴﻰ ﺳــﻪﻓﺪەﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧــﺪﻯ .ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ
ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ،ﺩﯨـﻦ ،ﭘﻪﻟـﺴﻪﭘﻪ،
ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﺎ ،ﺗﯩﺒﺒﻰ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺳـﺎھﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺩەﺭﺱ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩـﻨﭽﻪ،
ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻣــﻮﻝ ﺋﯩﻠﯩــﻢ ﺗﻪھــﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑــﺎﺭﺩﻯ.
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــــﯔ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩـــــﻖ ۋە ﺷـــــﯩﺌﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــــﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـــــﺎ
ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻗﺎﺭﯨــﺸﯩﭽﻪ ،ﺋــﯘ ﺑﺎﺷــﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻟﯘﻣــﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧــﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋـﯘﻧﻰ ﻗﻪﺯۋﯨـﻦ ۋە ﺗﯧﻬـﺮﺍﻥ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺟﻪﻓـﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩـﭗ
ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﯩﺌﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ ۋە ﻣﯘﺟﺘﻪھﯩﺪ ﺷـﻪﻳﺦ ﻣـﯘﺭﺗﻪﺯﺍ
ﺋﻪﻝ ﺋﻪﻧــﺴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺩەﺭﺱ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ،ﺋﯩﺮﺍﻗﺘــﺎ ﺗــﯚﺕ ﻳﯩــﻞ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﻦ
ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏــﺎﻥ .ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﯩــﻞ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﻳﺎۋﺭﯗﭘــﺎ
ﺋﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴـﺎﺗﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷـﻘﺎﻥ ،ﺑﯘﺭﯗﻧـﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـﭗ ﻛﺎﻟﻠﯩـﺴﯩﻐﺎ
ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐـــﺎﻥ ﺋﯩـــﺴﻼھﺎﺕ ﭘﯩﻜـــﺮﻯ ھﯩﻨﺪﯨـــﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤـــﯘ ﺋﻮﭼـــﯘﻕ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ۋە ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩـﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ھﻪﺝ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﯩـﺮ ﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻐـﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗـﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗـﯘپ،
ھﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷـﻜﻪﻥ ۋە ھﯩﺠـﺮﻯ – 1273ﻳﯩﻠـﻰ
4



)ﻣﯩـﻼﺩﻯ – 1857ﻳﯩـﻞ( ﻣﻪﻛﻜﯩـﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ھﻪﺝ ﺋﯩﺒــﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ
ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘـﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳـﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑـﯘ ھﻪﺝ ﻣﻪۋﺳـﯜﻣﯩﺪە
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ھﻪﺭەﻣﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜـﻰ
ﭘﯩﻜــــﺮﻯ ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩــــﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷــــﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺑﯩــــﺮ ﻳﯩــــﻞ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷــــﻘﺎﻥ ھﻪﺝ
ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘــﺎﻥ ﺟﺎﻻﻟﯩــﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ،
ﺩﻭﺳــــﺖ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺧــــﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩــــﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﯩــــﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ
ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﻘﺎﻥ .ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺧﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ )ھﯩﺠــﺮﻯ ،1279
ﻣﯩﻼﺩﻯ ،(1863ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧـﺖ ﺗﺎﻟﯩـﺸﯩﺶ ﻛﯜﺭﯨـﺸﯩﺪە ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ
ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﺯەﻡ ﺋﯘﺗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ۋە ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﺑـﺎﺵ ۋەﺯﯨـﺮﻟﯩﻜﻜﻪ
ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﺯەﻣﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ
ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳــﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐــﯘﻥ ﻛــﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩــﺰﻟﻪﺭ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺭەﻗﯩﺒــﻰ ﺷــﯩﺮ
ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺷـﯩﺮ ﺋﻪﻟـﻰ ﺗﻪﺧﺘﻨـﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﺯەﻡ ﺋﯩﺮﺍﻧـﺪﯨﻦ ﭘﺎﻧـﺎھﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩـﮕﻪﻥ .ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﯩـﯔ
ھﯚﺭﻟــﯜﻛﻰ ۋە ﻣﯘﺳــﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴــﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜــﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩــﯔ
ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨـــﻰ ﺟﻪﻟـــﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳـــﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ،ﺋـــﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩـــﺮ ﺗﯩﺠـــﺎﺭەﺗﭽﻰ
ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ ﺷـﯘﻧﭽﻪ
ﺗﯩﺮﯨــﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻏﻠــﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ .ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋــﯘﻧﻰ
ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜۋﺍﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ
ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﯜﺗـﯜﻥ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻧﻐﺎ
ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯛپ ،ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺩەﺭھـﺎﻝ
ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩـــﭗ ﻛﯧﺘﯩــﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـــﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــﺰﻟﻪﺭﮔﻪ
ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﭘﯩﻐــﺎﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﺋــﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨــﻰ
ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ» :ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ،ﭘﺎﺷـﺎ ﺑﻮﻟـﯘپ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ۋﯨﺰ – ۋﯨـﺰ ﺋـﺎۋﺍﺯ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩـﯔ
ﻗــﯘﻻﻕ – ﻣﯧﯖﯩــﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻱ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ!
5



ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺳــﯘ ﺗﺎﺷﭙﺎﻗﯩــﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋــﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋــﯚﺯ
ﺋﻮﺭﻧﯩــــﺪﯨﻦ ﺳــــﯚﻛﯜپ ،ﺩﯦﯖﯩﺰﻏــــﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﯩــــﯟەﺗﻜﻪﻥ ﺑــــﻮﻻﺗﺘﯩﯖﻼﺭ«...
ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻏﻪﻳﺮەﺕ – ﺷﯩﺠﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ1870 .
– ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ،ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ،ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﯩﺮﯨـﻖ ﻛـﯜﻥ
ﺗﯘﺭﻏﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ھﯩﺠﺎﺯﻏـــﺎ ﺑﯧـــﺮﯨﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩـــﺪﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩـــﭗ،
)ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐــﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳــﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺳــﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑــﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐﺎﻥ
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻘــﺎ ﺑﯩﻨــﺎﺋﻪﻥ( ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ .ﺋــﯘ ﺗﯧﺨــﻰ
ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ،ﻧـﺎﻡ – ﺷـﯚھﺮﯨﺘﻰ ھﻪﻣـﻤﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩـﭗ
ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ،ﻧﺎھــﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﺘــﺎ ھــﯜﺭﻣﻪﺕ – ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏــﺎ ﺳــﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ،ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ۋە ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﻣﺴﯚھﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨـﺮ
ﺋﻪﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ،ﻓﯘﺋـﺎﺕ ﭘﺎﺷـﺎ ،ﺳـﻪﻓﻔﻪﺕ ﭘﺎﺷـﺎ،
ﻣﯘﻧﯩﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ۋە ﺧﻮﺟﺎ ﺗﻪھـﺴﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﻗﯘﺭﻏــﺎﻥ .ﺋﯘﻧﯩــﯔ »ﺑﯜﻳــﯜﻙ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﻰ« ۋە
»ﺩﺍﻧﯩــﺶ ﺋﻪﻧﺠــﯜﻣﻪﻧﻰ«ﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﯨﻜﯩــﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﯩﻤﯘ،
ﺋــﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩــﯔ »ﺩﺍﻧﯩــﺶ ﺋﻪﻧﺠــﯜﻣﻪﻧﻰ« ﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ
ﻗﻪﻳــﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐــﺎﻥ .ﻣﻪﻧــﺒﻪﻟﻪﺭﺩە ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩــﯔ »ﻳﯧﯖــﻰ ﺋﻮﺳــﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭ«
ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘــﺎﺕ – ﭘــﺎﺕ ﺋﯘﭼﺮﯨــﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺧــﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ
»ﻳﯧﯖــﻰ ﺋﻮﺳــﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭ«ﻧﯩــﯔ ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺋﻪﻟــﻰ ﭘﺎﺷــﺎﻧﯩﯔ ۋﺍﭘﺎﺗﯩــﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ﺩﯨﻘـﻘﻪﺕ – ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏـﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨـﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ﺗـﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯗ» .ﺋﻮﺳـﻤﺎﻧﯩﻲ ﺩﺍﺭﯨﻠﻔﯘﻧـﯘﻧﻰ« 1870ـ ﻳﯩـﻞ – 2
ﺋﺎﻳﻨﯩــﯔ – 20ﻛــﯜﻧﻰ ،ﻣــﯘﺩﯨﺮ ﺧﻮﺟــﺎ ﺗﻪھــﺴﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗــﯜﺭﻛﭽﻪ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ،ﺋﺎﺭﯨـﺴﺘﯩﻜﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﯨﻨﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧـﺴﯘﺯﭼﻪ ﻧﯘﺗـﯘﻗﻠﯩﺮﻯ
ۋە ﺷـــﻪﻳﺦ ﺋـــﺎﺭﯨﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧـــﺪﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳـــﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠـــﺪﻯ .ﻣﻪﺩﺭﯨـــﺴﻪ
ﺋﯚﻟﯩﻤــﺎﻟﯩﺮﻯ ﺩﺍﺭﯨﻠﻔﯘﻧﯘﻧﻐــﺎ ﺳــﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﺋــﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩــﺴﻼﻡ
ھﻪﺳـــﻪﻥ ﻓﻪھﻤـــﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧـــﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــﯔ »ﻣﺎﺋﺎﺭﯨـــﭗ ﻣﻪﺟﻠﯩـــﺴﻰ« ﺩە
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ۋە ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ
6



ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﻪھﺴﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨـﺎﺋﻪﻥ،
ﺷـﯘ ﻳﯩﻠـﻰ ﺭﺍﻣﯩـﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩــﺪﺍ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ »ﺧﻪﻟـﻖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩـﺸﻠﯩﺮﻯ« ﻧﯩــﯔ
ﺑﯩﺮﯨــﺪە ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﭘﻪﻟــﺴﻪﭘﻪ ۋە ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﻤــﯘ ﺳــﻪﻧﺌﻪﺕ ﺗــﯜﺭﻯ
ﻗﺎﺗﺎﺭﯨـــﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﺷـــﻰ ،ﻣﯘﺧـــﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﯘﺳـــﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳـــﻪﺕ
ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ،ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳـﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ
ﺳﻪۋەﺏ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ،ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﺗﻪھﺴﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩـﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﭘـﺎﺭﭼﻪ ﺗﯧﻜﯩـﺴﺖ
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧـﺎﺯﯨﺮﻯ ﺳـﻪﻓﻔﻪﺕ ﭘﺎﺷـﺎ ،ﻣﯘﻧﯩـﻒ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ،
ﺷﯩﺮۋﺍﻧﯩﺰﺍﺩە ﺭﯛﺷـﺪﯛ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﺎﺷـﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏـﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ
ﺗﯧﻜﯩـــﺴﺘﻨﻰ ﻳـــﺎﻗﺘﯘﺭﯗپ ،ﺧﻪﻟﻘـــﻘﻪ ﺩﻭﻛـــﻼﺕ ﺑﻪﺭﺳـــﻪ ﺑﻮﻟﯩـــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ھﺎﻳﺎﺕ ۋە ﺋﯧﻬﺘﯩﻴـﺎﺝ
ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﯨﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨــﻚ ﺑﻪﺩەﻧــﮕﻪ ﺋﻮﺧــﺸﯩﺘﯩﭗ ،ﺑــﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴــﺎﺟﻼﺭﻧﻰ
ﻗﺎﻣﺪﺍﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳـــﻪﻧﺌﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺩەﻥ ﺋﻮﺭﮔـــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ،ھـــﯧﻜﻤﻪﺕ ۋە
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨــﻰ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ،ﺭﻭھ ۋە ﺟــﺎﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷــﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳــﯘپ،
ھــــﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺭﯨــــﭙﻪﺕ ﺋــــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠــــﻰ ﺑﻮﻟﯩــــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،
ھﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺷـﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺩﯨﻨﻐـﺎ
ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩـﯔ
ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨـــــﻰ ﺑﺎﻳـــــﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩـــــﺪﻯ .ﻣﯘﺧـــــﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩـــــﯔ
ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ» :ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳـﯚﺯﻧﯩﻼ ﺗﯘﺗﯘۋﺍﻟﻐـﺎﻥ
ﺑﻮﻟــﯘپ ،ھﻪﺳــﻪﻥ ﻓﻪھﻤــﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧــﺪﻯ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻏــﺎ ﭼﯩﻘــﺎﺭﺩﻯ .ﺩەﺭﺱ
ۋەﻛﯩﻠــــﻰ ﺧﯧﻠﯩــــﻞ ﻓﻪۋﺯﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧــــﺪﯨﻤﯘ ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩــــﺴﻼﻣﻨﻰ ﻗــــﻮﻟﻼﺵ
ﻣﻪﻗــﺴﯩﺘﯩﺪە »ﺋﻪﺱ ﺳــﯘﻳﯘﻓﯘﻝ ﻗﻪۋﺍﺗــﻰ« ﺋﯩــﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩــﺮ ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﺭﯨــﺴﺎﻟﻪ
ﻳــــﺎﺯﺩﻯ .ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩــــﺴﻼﻡ ۋەﺯ ۋە ﺧــــﯘﺗﺒﯩﻠﻪﺭ ﺋــــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣــــﺎﺋﻪﺗﻨﻰ
ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ،
ﺋﻪﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩـﺸﯩﮕﻪ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑـﯘ
ﭘﯩﺘﻨﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ »ﺧﻪﻟـﻖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩـﺸﻰ« ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠـﺪﻯ ۋە
7



ﺧﻮﺟـــﺎ ﺗﻪھـــﺴﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧـــﺪﻯ ۋەﺯﯨﭙﯩـــﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﺗﺎﺷـــﻼﻧﺪﻯ .ﺷـــﯘ
ﻣﻪﺯﮔﯩﻠــﻠﻪﺭﺩە ﺋﻪﺩﻟﯩــﻴﻪ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺋﯩــﺸﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺳــﻪﻓﻔﻪﺕ ﭘﺎﺷــﺎ ۋە
ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳــﯩﻲ ﺳــﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﺎﺭﻏــﺎﻥ ۋە ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ
ﺩﻭﻛـــﻼﺕ ﺗﯧﻜﯩـــﺴﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏـــﺎﻥ ﺟﻪۋﺩەﺕ ﭘﺎﺷـــﺎ ،ﻛﯧﻴﯩـــﻨﭽﻪ ﺳـــﯘﻟﺘﺎﻥ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩــﺪﻛﻪ ﺳــﯘﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩــﺪﺍ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ
ﮔﯧﭙﯩﻨــﻰ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ھﻪﻗﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺘﻨﯩﻨﯩــﯔ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﺧﺎﺗــﺎ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩــﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻧﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ
ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﺋــﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯨﺘﯩــﭗ ﭼﯩﻘﻘــﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺑﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩــﺴﻼﻡ ۋە ﺩﯨــﻦ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﺋﯧﻴﺘﻘــﺎﻥ ﺳــﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘــﺎ:
»ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺑـﯘ ﺋﯩﻜﻜـﻰ
ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩــﯔ ﺋــﯘﻟﻰ ھﻪﻕ ۋە ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﺎﺭﺍۋەﺭ ،ﺩﯨــﻦ
ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻴﻠﯩـــﻖ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﺋﯩـــﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﻰ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ،ﺋﯩﺴﻼھﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ
ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨــﻢ .ﻗــﺎﻧﯘﻥ ﺳــﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜــﻰ
ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ھــﯜﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐــﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷــﻰ ﻻﺯﯨــﻢ« ﺩەپ ﺟــﺎۋﺍﺏ
ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺗﯧﺨــﻰ ﺋــﯘ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩﯨــﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒــﺎﺭەﻥ ﺩﯨــﻦ ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ۋە
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩە ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ – 1871 ،ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎھﯩﺮەﮔﻪ
ﺑــﺎﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺑــﺎﺵ ۋەﺯﯨــﺮ ﺭﯨﻴــﺎﺩ ﭘﺎﺷــﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩــﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩــﺴﻰ ۋە
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯩـﯔ ﻗـﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﺋـﺎﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﻗـﻮﺭﻭ ﺟـﺎﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨـﭗ
ﺑﯧﺮﯨــﺸﻰ ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏــﯘﭼﻰ ۋە ﻣﻪﺳــﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩــﯔ
ﺗﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩــﺸﻰ ،ﺋــﯘﻧﻰ ﻣﯩــﺴﯩﺮﺩﺍ ﺗــﯘﺭﯗپ ﻗﯧﻠﯩــﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ
ﻣﯩــﺴﯩﺮﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺳــﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩــﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ،ﺟــﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﯩــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ
ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺯھﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ ،ﺩەﺭﺳـﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳـﺪە ﺋـﯚﺗﻪﺗﺘﻰ ۋە »ﭘﻮﭼﺘـﺎ
ﻗﻪھﯟەﺧﺎﻧﯩﺴﻰ« ﺩﯨﻜـﻰ ﺳـﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩـﺸﺎﺗﺘﻰ .ﺩەﺳـﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩـﻲ
ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩەﺭﺳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ،ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺩەﺭﺳـﻠﻪﺭﻣﯘ
ﻗﯧﺘﯩﻠــﺪﻯ .ھﯩــﺪﯨﯟ ﺋﯩــﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﭘﺎﺷــﺎ ﻣﯘﺳــﺘﻪﺑﯩﺖ ،ﺯﺍﻟﯩــﻢ ۋە ﺋﯩــﺴﺮﺍﭘﺨﻮﺭ
8



ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺩﯙﻟﻪﺗﻨـــﻰ ﻗﻪﺭﺯ ۋە ﻣـــﯘﻧﻘﻪﺭﺯﻟﯩﻜﻜﻪ ﻣـــﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ھﯩـﺪﯨﯟﻧﯩﯔ ﺋـﻮﻏﻠﻰ ﺗﻪۋﻓﯩـﻖ
ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣــﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩــﯔ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ھﻪﻟﯩــﻢ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﻘــﺎﺑﻪﺗﺘﻪ
ﺗﻪۋﻓﯩﻘﻨـــــﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩـــــﺪﻯ .ﻣﯩـــــﺴﯩﺮﺩﺍ ۋە ﺑﺎﺷـــــﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە »ﻣﺎﺳـــــﻮﻥ
ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ«①ﻧﯩــﯔ ﭘﺎﺋــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﻣﻪﻟﯘﻣــﺎﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ
ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﺋـــﯚﺯ ﻣﻪﻗـــﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟـــﮕﻪ ﺋﺎﺷـــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ »ﺋﯩـــﺴﻜﻮچ
)ﺋﯩـــﺴﻼﻧﺪﯨﻴﻪ( ﻣﺎﺳـــﻮﻥ ﺗﻪﺷـــﻜﯩﻼﺗﻰ«ﻏـــﺎ ﻛﯩـــﺮﺩﻯ .ﺑـــﯘ ﺗﻪﺷـــﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ
ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎﺳـﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩـﺪە ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ،
ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺋــﯘ »ﻓﯩﺮﺍﻧــﻚ ﮔﯩﺮﺍﻧــﺪ
ﺋﻮﺭﯨﻴﻪﻧــﺪ« ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩــﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺕ ﻗــﯘﺭﺩﻯ .ﺑــﯘ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ
ﺋﻪﺯﺍﺳــﻰ ﻛﯜﻧــﺪﯨﻦ ﻛــﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩــﭗ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻣــﯘھﯩﻢ ﺷﻪﺧــﺴﻠﻪﺭ ،ﺑﻪﺯﻯ
ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑـﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑـﯘ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ
ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺷﯚﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ۋە ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺷﯚﺑﯩﮕﻪ
ﺑﯩـــﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩـــﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩـــﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛـــﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ۋەﺯﯨﭙﯩـــﺴﻰ
ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺪﻯ .ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺗﻪﻧﻘﯩـﺪ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﻳﯩﻐﯩﻠﯩــﺶ ۋە ﻣﻪﺗﺒﯘﺋــﺎﺕ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘــﻘﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟــﺪﻯ.
ﻛﯚپ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ۋە ﺑـﯘ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳـﻰ
ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪۋﻓﯩــﻖ ،ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ۋە ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﯩــﺰﺍﺭ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨـﭗ،
ﺟﺎھﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑـﯘ ﺧﯩـﻞ ﭘﺎﺋـﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ۋە ﺋﯩـﺴﻼھﺎﺗﻼﺭﻧﻰ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﺘﯩـﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘـﻰ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺳـﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ،ﺧﻪﻟﻘـﻘﻪ ﺋﯩﻤﻜـﺎﻧﯩﻴﻪﺕ،
ھﯚﺭﻟــﯜﻙ ۋە ﻣﻪﺟﻠﯩــﺲ ﻳــﻮﻟﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯩــﺪﺍﺭﯨﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩــﺸﯩﺶ
ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـﺎ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ﺗﻪۋﻓﯩـﻖ ﭘﺎﺷـﺎ
ھﻪﻡ ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﻯ ھﻪﻡ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻐـﺎ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜـﻰ
①»ﻣﺎﺳﻮﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ« :ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ

9



ھﯧﺴــﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩــﻲ ﺗــﯘﺗﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ
ﭘﺎﺋـــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐـــﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــﺰ ھﯚﻛـــﯜﻣﯩﺘﻰ ،ﻛﻮﻧـــﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ
ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪۋﻓﯩـﻖ ﭘﺎﺷـﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗـﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ
ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ،ھﯚﻛـﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩـﺮ ﺋﯘﻗﺘـﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﻳﺎﺷــﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻠﻠﻪپ ﻣﻪﺧﭙﯩــﻲ ﺗﻪﺷــﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﺑﻮھﺘــﺎﻥ ﭼــﺎﭘﻼپ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩــﯔ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺷــﯩﻨﻰ
ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﻣﯩــﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳــﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﻠﯩــﻖ ھﺎﻳﺎﺗﯩــﺪﯨﻦ ﻣــﯘھﯩﻢ ﺋﯩــﺶ
ﺋﯩﺰﻻﺭ ،ﺗﺎﻟﯩﭗ – ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭ ۋە ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ،ﺋـﯜﭼﯩﻨﭽﻰ
ﻗﯧﺘﯩﻢ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ھﻪﻳﺪەﺭﺋﺎﺑﺎﺩﺗﺎ ”ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗـﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ
ﺭەﺩﺩﯨــﻴﻪ“ ﺗﯧﻤﯩــﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩﺘــﺎﺏ ﻳــﺎﺯﺩﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﺳــﻪﻳﻴﯩﺪ ﺋﻪھــﻤﻪﺩ
ﺧﺎﻧﻨﯩـــﯔ ﺩﯨـــﻦ ھﻪﻗﻘﯩـــﺪە ﺋﯧﻴﺘﻘـــﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﯩﯟﯨﺰﯨﻤﻠﯩـــﻖ ﺳـــﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
ﻣﯘﺳـــﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺯﯨﻴـــﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺋﻪﻣﻤـــﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــﺰﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﻛـــﯚپ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩـﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩـﻚ
ھﻪﻗﻘﯩــــﺪە ﺑﯩــــﺮ ﻛﯩﺘــــﺎﺏ ﻳﺎﺯﻏــــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤــــﺎ ﻛﯩﺘــــﺎﺑﻰ ﻣﯘﺳــــﺎﺩﯨﺮە
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻗﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰﻟﻪﺭ
ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ،ﻣﯩــﺴﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﻳــﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋــﯘﺭﺍﺑﻰ ﭘﺎﺷــﺎ ﺋﯩــﺴﻴﺎﻧﯩﻨﻰ
ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ) -1882ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ( ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺗﯜﺭﻛـﯜﻡ –
ﺗﯜﺭﻛــﯜﻣﻠﻪپ ﺋﻪﺳــﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗــﺴﻪ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻐــﺎ ”ﻣﯩــﺴﯩﺮ
ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺯەﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﯩﻨﺪﯨـﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨـﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰ
ھﯚﻛــﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﻛﯜﺷــﻜﯜﺭﺗﺘﻰ“ ﺩەپ ﻗــﺎﺭﯨﻼپ ،ﺋــﯘﻧﻰ ﻛﺎﻟﻜﯘﺗﺘــﺎﺩﺍ
ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧﺪ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟـﺪﻯ .ﻣﯩـﺴﯩﺮ ﺋﯩـﺴﻴﺎﻧﻰ ﺑﺎﺳـﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـﺰﻟﻪﺭ
ھﯚﻛـــﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐـــﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﻓﻐـــﺎﻧﯩﻨﻰ ھﯩﻨﺪﯨـــﺴﺘﺎﻥ
ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩـﺮ ﻛـﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷـﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧـﺪﺍ ،ﺋـﯘ ﺋـﯚﺯ
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﻓﻐـــﺎﻧﻰ ھﯩﻨﺪﯨـــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـــﻰ ﻗﯧـــﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩـــﺸﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ
ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻥ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ
10



ﺑـــﯘ ﻗﯩـــﺴﻤﯩﺪﺍ )ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـــﻰ ﻗﯩـــﺴﻤﻰ( ﺋـــﯚﺯ ﻣﻪﻗـــﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩـــﺮ ﻗﻪﺩەﻡ
ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟــﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷــﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨــﺸﺘﻰ .ﺑــﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩــﻞ
ﺋﯩﭽﯩــﺪە ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ﻛﯩــﺸﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩــﻲ ﻛﯩــﺸﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ
ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻮﻗـﯘ – ﺋﻮﻗﯘﺗـﯘﺵ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﯩﭽﯩـﺪە
ﺭﺍۋﺍﺟﻠﯩﻨﯩــﺸﻰ ،ﺩﯨﻨﻨﯩــﯔ ﺯﺍﻣــﺎﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐــﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺷﻪﺭھﻠﯩﻨﯩــﺸﻰ ۋە
ﺗﻪﺳﯩﺮﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩـﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩـﺴﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ،ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩـﯔ
ﺋﯩـــﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳـــﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷـــﻰ ﻣﯘﺟـــﺎﺩﯨﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﺑﯧـــﺮﯨﺶ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻢ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩـﯔ – 1883ﻳﯩﻠﯩـﺪﯨﻦ ۋﺍﭘـﺎﺕ ﺑـﻮﻟﻐﯩﭽﻪ
) _ 1897ﻳﯩــــﻞ( ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷــــﻘﺎﻥ ﺋــــﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩــــﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩــــﺮ ۋە
ﭘﺎﺋــــﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎھﻪﺳــــﻰ ﭘﯜﺗــــﯜﻥ ﺋﯩــــﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩــــﯔ ﺩﯨــــﻦ ۋە
ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩـﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘـﺎ .ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ
ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩـــﯔ ﺋﺎﻟـــﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯩـــﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻟـــﯘﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨـــﻰ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑـــﻰ
ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟــﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋــﺎﯕﻨﻰ ﺋــﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ۋە
ۋەﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳـــﯩﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷـــﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨـــﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﺎ ،ﺋـــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ
ﻗﯩــــﺴﻤﯩﺪﺍ ﺑــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩــــﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩــــﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨــــﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳــ ـﺘﻪھﻜﻪﻡ
ﻣﯘﻧﺎﺳـــﯩﯟەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷـــﻰ ،ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩـــﻚ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩـــﯔ
ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩـﺸﻰ ۋە ﺑـﯘ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﯚﺭﻟـﯜﻙ ،ﻣﯘﺳـﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐـﺎ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟـﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩـﺸﻰ
ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨـــﺸﺘﻰ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــﯔ ﺋـــﺎۋۋﺍﻝ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐـــﺎ ﺑﺎﺭﻏـــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯩﺮﺍژﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐـﺎ ﺋـﯚﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻛﯧﻴﯩـﻨﭽﻪ ﺑـﯘ
ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ،ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ،ﺑـﯘ
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ -ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩە ﻛـﯚپ
ﺗﯘﺭﻣــﺎﻳﻼ ﻓﺮﺍﻧــﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﺗــﯜپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ﻛــﯚپ ﺋــﯚﺗﻤﻪﻱ ،ﻣﯩــﺴﯩﺮﻟﯩﻖ ۋە
ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭەﭘــﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ »ﺋﻪﻝ ﺋﯘﺭۋەﺗــﯘﻝ
ۋﯗﺳﻘﺎ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ”ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪڭ ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ﺗﯩـﻞ
11



)ﻗﯘﺭﺋــــﺎﻥ ﺗﯩﻠــــﻰ( ﺑﯩــ ـﻠﻪﻥ“ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨــــﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐــــﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩــــﯔ
ﻣﻪﺳــﺌﯘﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋــﯚﺯ ﺋﯜﺳــﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟــﺪﻯ .ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ،ﺋــﯘ ﻛــﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺳــﯜﺭﮔﯜﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ ﺷــﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ۋە ﺩﻭﺳــﺘﻰ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑــﺪﯗھﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩــﯔ
ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩـﯔ ﺑـﺎﺵ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩـﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ
ﺑﯧﻴﺮﯗﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑـﺪﯗھﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ
ﺋﺎﺳﺎﺳـــﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩـــﭗ ﺗـــﯘﺭﯗپ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩـــﻲ ﻗﯩﻠـــﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩـــﯔ
ﻧﯩــﺸﺎﻧﻰ ﺷــﯘﻛﻰ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﻣــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺷــﯚﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ
ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻳــﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﮔﯧﺰﯨــﺖ ﻧﻪﺷــﺮ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ،ﺗــﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ،ﺑــﯘ
ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳــﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩــﻢ ﺋــﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ،ﺷــﻪﺭﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ
ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩــﭗ ،ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﯘﺳــﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩــﺪﯨﻦ
ﻗﯘﺗﯘﻟــﺪﯗﺭﯗﺵ ،ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨــﺪە ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐــﺎ ﻻﻳﯩــﻖ
ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺋﯩﺴﻼھﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺪﻯ .ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ،
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳـﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺋﯩـﺶ
– ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺷﻪﺭﺗــﺴﯩﺰ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋــﺎﻥ ھــﯚﻛﻤﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩــﭗ
ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷـﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘـﺎ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺑﯩـﺮ
ﻛﯩــــﺸﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺳــــﺴﻪ ﻗﻮﺷــــﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻪﺳــــﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩــــﺸﻰ ﺗﻪﻟﻪپ
ﻗﯩﻠﯩﻨـــﺎﺗﺘﻰ .ﺟﻪﻣﺌﯩـــﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨـــﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐـــﺎﻥ ﻣـــﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳـــﺎﺭﺩەﻡ
ﺋـــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺷـــﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـــﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨـــﺖ ﺋﻮﻗـــﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺩەﻟـــﺴﯩﺰ
ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠــﺪﻯ .ﺟﻪﻣﺌﯩــﻴﻪﺕ ۋە ﮔﯧﺰﯨــﺖ ﻏﻪﺭﺏ ۋە ﺷــﻪﺭﻗﺘﻪ ﻧﺎھــﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ
ﺗﻪﺳــﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏــﺎپ ،ﻛــﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨــﻰ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﯩــﭗ
ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻟﻪﺭ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﺳــﯘﺩﺍﻧﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐــﺎ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﻣﻪھــﺪﻯ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷــﻰ،
ﺭﯗﺳـــﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷـــﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷـــﻜﻪﻥ ﺗـــﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ،ﺋﯩـــﺮﺍﻥ ۋە ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـــﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ
ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩــﺮﻯ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩــﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨــﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙــﺎﻕ
ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ
ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩـﭙﯩﮕﻪ ﺩﻭﺳـﺘﻰ ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ
ﺋﺎﺑﺪﯗھﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ ،ﺑﯘ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳـﻪﻥ ﻣﯩـﺴﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻝ
12



ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ
ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨـﺴﯩﺰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩـﯔ
ﻣﯩـــﺴﯩﺮ ،ھﯩﻨﺪﯨـــﺴﺘﺎﻥ ،ھﻪﺗﺘـــﺎ ﺋﻮﺳـــﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩـــﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـــﺸﯩﻨﻰ
ﭼﻪﻛﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ .ﻣﯩـﺴﯩﺮﺩﺍ ﺑـﯘ ھﻪﻗـﺘﻪ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩـﭗ ،ﮔﯧﺰﯨـﺖ
ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﺪﻯ ۋە ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟـﺎﺯﺍ
ﺑﯧﺮﯨﻠـــﺪﻯ .ﺗـــﯘﻧﺠﻰ ﻧﻪﺷـــﺮﻯ – 1883ﻳﯩـــﻞ -3ﺋﺎﻳﻨﯩـــﯔ – 13ﻛـــﯜﻧﻰ
ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ،ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﻢ ۋە ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻥ 18
ﺳﺎﻥ ﻧﻪﺷـﺮ ﻗﯩﻼﻟﯩـﺪﻯ .ﮔﯧﺰﯨـﺖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﻣـﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ
ﺋﺎﺑﺪﯗھ ﺑﯧﻴﺮﯗﺗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ.
»ﺋﻪﻝ ﺋﯘﺭۋەﺗــﯘﻝ ۋﯗﺳــﻘﺎ«ﺩﺍ ۋە ﻳﺎۋﺭﯗﭘــﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﮔﯧــﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩە ﺋــﯧﻼﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳـﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ،ﺋﻪﺭﻧﻪﺳـﺖ ﺭﯦﻨـﺎﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﮔﯧـﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩە
ﻳﯧﺰﯨــﺸﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕــﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏــﺎﻥ ۋە ﭘــﺎﺭﯨﮋﺩﺍ ﺋﯩــﺰﺯەﺕ –
ھــﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳــﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ،ﺋــﯚﺯ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟــﮕﻪ
ﺋﺎﺷــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﻧﻴــﺎ ﺳــﺎﻳﺎھﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘــﻰ؛ ﺷــﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠــﻠﻪﺭﺩە،
ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺷﺎھﻰ ﻧﻪﺳﺮﯨﺪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﻪﺭەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧـﺮﯨﺶ
ﭘﯩﻼﻧﯩـــﺪﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩـــﭗ ،ﺋﯩﺮﺍﻧﻐـــﺎ ﻛﻪﺗﺘـــﻰ .ﺩەﺳـــﻠﻪﭘﺘﻪ ﺷـــﺎھ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺕ
ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺰﺯەﺕ – ﺋﯩﻜﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ .ﺷـﺎھ ﺋـﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ
ﻣﯘﺷــﺎۋﯨﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩــﺪﻯ ۋە ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭ ﻧــﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻨﻰ
ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ
ﻳﯩﻐﯩﻠﯩــﭗ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﭘﯩﻜﯩــﺮ – ﻣﻪﺳــﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ
ﺷــﺎھ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷــﻘﺎﻧﺪﺍ ۋە ﺧﯘﺳﯘﺳــﯩﻲ ﺳــﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە
ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﻼھﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩـﯔ
ﺋﯩــﺪﺍﺭﯨﻲ ﺋﯩــﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩــﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﭘﯩﻜﯩــﺮ – ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧــﻰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ،ﺷـﺎھ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺯﯨﺘﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ
ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﻠﺘــﺎﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھــﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ،ﺩەﺭھــﺎﻝ

13



ﺩﯙﻟﻪﺗـــﺘﯩﻦ ﺋـــﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ ﺭﯗﺧـــﺴﻪﺕ ﺳـــﻮﺭﯨﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــﯔ ﺑـــﯘ
ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﺭﯗﺳــﯩﻴﻪﺩە - 1886ﻳﯩﻠﯩــﺪﯨﻦ – 1889ﻳﯩﻠﯩﻐﯩــﭽﻪ ﺗــﯘﺭﺩﻯ،
ﺋﻪﻣﻤـــﺎ ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺭﯗﺳـــﯩﻴﻪﺩە ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﺑﺎﺭﻏـــﺎﻥ ﭘﺎﺋـــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩـــﺪە
ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘـﻰ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩـــﺴﺘﺎﻥ ۋە ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩـــﯔ ﻳـــﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ھﯩﻨﺪﯨـــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳـــﯜﺭﯛﺵ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺋﺎﻏــﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻼﺷــﻘﺎ ﺗﻪﺷــﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺭﯗﺳــﻼﺭﻧﯩﯔ ھــﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ
ﺋﺎﺳــــﺘﯩﺪﯨﻜﻰ 30ﻣﯩﻠﻴــــﻮﻥ ﻣﯘﺳــــﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﻕ – ھﻮﻗــــﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻧﻪﺷـﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﺸﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﭼــﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧــﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻤﺎﻗﺘـــﺎ .ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﯩـــﺶ – ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨـــﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐـــﺎﻥ ﭼـــﺎﺭ
ﭘﺎﺩﯨــﺸﺎھ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻟﯩﻤــﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ
ﺩﯙﻟﻪﺗـــﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩـــﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩــــﺪە ﻳـــﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘـــﺎﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻓﻐــــﺎﻧﻰ
ﺭﯗﺳـــﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩـــﭗ ،ﭘـــﺎﺭﯨﮋ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩـــﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩـــﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼـــﯜﻥ
ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯩﻨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ،ﺋﯩـﺮﺍﻥ ﺷـﺎھﻰ
ﻧﻪﺳﺮﯨﺪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨـﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺷـﺎھ ﺋـﯘﻧﻰ ﺑـﺎﺵ ۋەﺯﯨـﺮ ﻗﯩﻠﯩـﺶ
ۋەﺩﯨــﺴﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐــﺎ ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩــﭗ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﺷــﺎھﻨﯩﯔ
ﺯﻭﺭﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐـﺎ ﺑـﺎﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﺮﺍﻥ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ
ﭘﯩﻜﯩــﺮ ۋە ﺋﯩــﺴﻼھﺎﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨــﺪە ﭼﯩــﯔ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ
ﺷﺎھﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ »ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻣﺎﻛـﺎﻥ« ﺷـﺎھ
ﺋﺎﺑــــﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨــــﺴﯩﺪە ﭘﺎﻧﺎھﻠﯩﻨﯩــــﭗ ،ﺑــــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺩەﺭﺱ ۋە
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﻪﺳـﺮﯨﺪﺩﯨﻦ ﺷـﺎھ ﺑـﯘ ﻣـﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ
ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ھﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭۋﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﻪۋەﺗﯩـﭗ،
ﻗﻪھﺮﯨﺘﺎﻥ ﻗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘـﺎﺭﺩﻯ ۋە ﺑﻪﺳـﺮە
ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒـﺎﺭەﻥ،
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺷﺎھ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻘﺎ ۋە ﺧﻪﻟﻘﻨـﻰ
14



ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯜﺷـــــﻜﻪ ﺑﺎﺷـــــﻠﯩﺪﻯ .ﺷـــــﯘﯕﺎ ﺋـــــﯘ ﻛﯧﻴﯩـــــﻨﭽﻪ ﺷـــــﺎھﻨﯩﯔ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﭽﯩﺴﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ.
ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺋﻮﺳـﻤﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩـﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷـﻠﯩﻖ ﺑﻪﺳـﺮە ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐـﺎ ﺑﯧﺮﯨـﭗ،
ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺩﺍۋﺍﻻﻧــﺴﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﯩﻦ ﺋﯩــﺮﺍﻥ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﺳــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩـــﺸﯩﭗ ،ﺷـــﺎھﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩـــﻴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻐـــﺎ
ﻗﺎﺭﺷـــﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷـــﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠـــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺗﯩﺮﯨـــﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛـــﺎ
ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣـﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩـﺪﻯ1891 .
– ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺳﺮەﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ،ﻟﻮﻧﺪﻭﻧـﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩـﻖ
ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺷـــﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ ،ھﻪﺭﺧﯩـــﻞ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩـــﺰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨـــﺪە ۋە ﻧﻪﺷـــﺮ
ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮڭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ »ﺯﯨﻴـﺎﺋﯘﻝ ھـﺎﻓﯩﻘﻪﻳﻦ« ﻧـﺎﻣﻠﯩﻖ
ھﻪﭘﺘﯩﻠﯩــﻚ ژﻭﺭﻧﺎﻟــﺪﺍ ﺋﯩــﺮﺍﻥ ﺷــﺎھﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳــﺎﺯﺩﻯ .ﺋﯘﻧــﺪﯨﻦ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺋﻪڭ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ ﺷﯩﺌﻪ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﺳﯩﻐﺎ ﻣﻪﻛﺘـﯘﺏ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ،ﺷـﺎھﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ
ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﺎھ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﺴﯩﻤﯘ ،ﻣـﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ
ﺑﯩــﻠﻪﻥ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺟﻪﻟــﭗ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩـﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋـﯘﻧﻰ
ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ،ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺷﺎھﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼپ
ﭼﯜﺷـــﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺗـــﺎﻟﯩﻘﺘﯘﺭ .ﺋﺎﻓﻐـــﺎﻧﻰ – 1870ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨـــﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒـــﺎﺭەﻥ،
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳـﻪﺕ
ۋە ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ ۋە – 1880ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ
ﺑــﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻣﻪﻛﺘــﯘﺏ ﻳــﻮﻟﻼپ ،ﺋﯩــﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜــﻰ ﺩەۋﺍﺳــﻰ ﺋﯜﭼــﯜﻥ
ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩـــﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴـــﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﯩـــﺪﻯ .ﺳـــﯘﻟﺘﺎﻥ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩـــــﺪﺧﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩـــــﯔ ﺩﺍﯕـــــﻖ ،ﺗﻪﺳـــــﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـــــﺴﻰ ۋە
ﻗـــﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗـــﯘپ ،ﺋﯘﻧﯩﯖـــﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳـــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺋﻮﻳﻼپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﻧﯩﻬـﺎﻳﻪﺕ ،ﺋﺎﻓﻐـﺎﻧﻰ ﻟﻮﻧـﺪﻭﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩـﺴﻰ ﺭﯗﺳـﺘﻪﻡ ﭘﺎﺷـﺎ
ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩــﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺪﻯ .ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ
ﺗﻪﻛﻠﯩـــﭙﻜﻪ ﺋـــﯚﺯﺭە ﺑﯩﻠـــﺪﯛﺭﯛپ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻥ ﺑﻮﻟـــﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽـــﻰ
15



ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨــﻰ ﻗﻮﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯩــﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺑــﺎﺭﺩﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ
ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺰﺯەﺕ – ﺋﯩﻜﺮﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺗﻪﺷــﯟﯨﻘﯩﻴﻪﺩە ﺑﯩــﺮ ﻗــﻮﺭﻭ ﺟــﺎﻱ ،ﺑﯩــﺮ ﭘﻪﻳﺘــﻮﻥ ﺑﻪﺭﺩﻯ ۋە ﻳــﯘﻗﯩﺮﻯ
ﻣﺎﺋـــﺎﺵ ﺑـــﺎﻏﻼپ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺋﯘﻧـــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ،ﺳـــﺎﺭﺍﻱ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨـــﺪﯨﻦ ﺑﯩـــﺮﯨﮕﻪ
ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨـﻰ ﻗﻮﺑـﯘﻝ
ﻗﯩﻠﻤﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﻓﻐــﺎﻧﻰ ﻗﯩــﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ۋﺍﻗﯩــﺖ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻼ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐــﺎ ﺋــﺎﺩەﻡ
ﺗﻮﭘﻠﯩــﺪﻯ .ﺋــﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ،ﺋﻪﺩﯨــﺒﻠﻪﺭ ،ﺳﯩﻴﺎﺳــﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﻠﯩــﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ،ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮھﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳـﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ
ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﺗــﯜﺭﺩە ﻗﺎﺗﻨﺎﺷــﺘﻰ .ﺑــﯘ ﺋﺎﺭﯨــﺪﺍ ،ﺳــﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩــﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ
ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ،ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ – ﺷـﯩﺌﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩـﺸﻰ
ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﺩﻭﻛــﻼﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﻣﻪﻗــﺴﻪﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ﺑﯩــﺮ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ – ﺷﯩﺌﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩـﺸﻰ ۋە ﺋﯩـﺴﻼﻡ
ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳـﺎﺯﺩﻯ ۋە ﻳـﺎﺯﺩﯗﺭﺩﻯ600 .
ﭘﺎﺭﭼﯩﻐـــﺎ ﻳـــﯧﻘﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘـــﯘﺏ ﺋﻪۋەﺗﯩـــﭗ 200 ،ﭘﺎﺭﭼﯩﻐـــﺎ ﻳـــﯧﻘﯩﻦ ﺟـــﺎۋﺍﺏ
ﺗﺎﭘــﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ھﯩﻨﺪﯨــﺴﺘﺎﻥ ۋە ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺑــﯘ
ﭘﺎﺋــﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨــﺸﻪ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﯘﻟﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧــﺴﯩﻢ
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﻨﯩﯔ »ﻳﺎﺵ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟﯨﺘﻰ،
ژﻭﺭﻧــﺎﻟﻼﺭ ،ﺋﯩــﺮﺍﻥ ﺷــﺎھﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟــﯜﻣﻰ )ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷــﻰ(ﺩە ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻗــﻮﻟﻰ
ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨــﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗــﯚھﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﻪﻣﯩــﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷــﯩﺌﻪﻟﯩﻚ
ﺑﯩــــﻠﻪﻥ ﻗــــﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩــــﺴﻰ ﻗﺎﺗــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋــــﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩــــﯔ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳـﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - Jamalidin Afghani - 2
  • Büleklär
  • Jamalidin Afghani - 1
    Süzlärneñ gomumi sanı 2966
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2101
    9.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Jamalidin Afghani - 2
    Süzlärneñ gomumi sanı 2955
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2203
    10.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Jamalidin Afghani - 3
    Süzlärneñ gomumi sanı 2970
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2156
    9.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    17.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • Jamalidin Afghani - 4
    Süzlärneñ gomumi sanı 34
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 32
    6.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    12.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.