Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 2773
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1776
12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
24.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشالنغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال

–سان6 ئومۇمىي


–سان2 –يىللىق2019

تونۇلغــان ئۇيغــۇر يازغۇچــى جااللىدىــن بەھــرام ۋە ئۇنىــڭ ۋە ئۇنىــڭ ۋەكىــل خاراكتېرلىــك بىــر
قىســىم ئەســەرلىرى

-2019يىللىق -2سان

ژۇرنىلىمىز ھەققىدە
مەزكــۇر ژۇرنــال ئۇيغــۇر ئەدەبىياتىنــى ئــۆز ئىچىگــە ئالغــان دۇنيــا ئەدەبىياتىدىكــى كىالسســىك ۋە نادىــر ئەســەرلەرنى
ئوقۇرمەنلەرگــە تەقدىــم قىلىــش ،ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شــۇغۇللىنىدىغان كەســپ ئىگىلىرى ۋە ھەۋەســكارالرنىڭ
ئەســەرلىرىنى ئېــان قىلىــش ،ئۇيغــۇر ئەدەبىياتىنــى ۋە ئەدەبىــي تىلىنــى باشــقا تۈركىــي مىللەتلەرگــە تونۇشــتۇرۇش،
شــۇنداقال ئۇيغــۇر تىلىدىكــى بىــر ژۇرنالنــى مەزمــۇن ۋە ســۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلــدۇرۇپ ،خەلقئارادىكى ســۈپەتلىك
ئەدەبىــي ژۇرنالالرنىــڭ سەۋىيەســىگە يەتكۈزۈشــنى مەقســەت قىلىدىغــان پەســىللىك ئەدەبىــي ژۇرنــال.
مەزكــۇر ژۇرنالــدا پەقــەت ئەدەبىــي ئەســەرلەرال ئېــان قىلىنىدىغــان بولــۇپ ،بىۋاســتە ئۇيغۇرچــە يېزىلغــان ياكــى باشــقا
تىلالردىــن ئۇيغۇرچىغــا تەرجىمــە قىلىنغــان ئەســەلەر قۇبــۇل قىلىنىــدۇ.
ژۇرنالغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر:
1.1ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كىالسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر
2.2ئىجادىي ئەسەرلەر
3.3باشقا تىلالردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر
4.4خەلق ئارىسىغا تارقالغان ئەقلىيە سۆز ،ماقال–تەمسىل ،چۆچەك ،قوشاق ،يۇمۇر قاتارلىقالر
5.5ئۇيغۇرالر تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر ،فوتو–سۈرەت ،ھەجۋىي رەسىملەر
6.6مەلۇم رايونالردىكى ئۇيغۇر ئارىسىدىال قوللىنىلىدىغان سۆزلەر (لۇغەت)
ئەسەر ئەۋەتىش ھەققىدە:
1.1ئەسەرلەر ئادرېسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.
2.2كىالسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرالر (ئاپتورى ،ژانىرى ،ئېالن قىلىنغان ژۇرنال ،كىتاب ،يىلنامە
قاتارلىقالر) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
3.3مە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى تىلى ھەققىدىكى ئىزاھات ۋە ئەسلى تېكىستى تەمىنلىنىشى كېرەك.
4.4ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
5.5ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردە ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ (ئاپتورالر ۋە نەشىرگە تەييارلىغانالر) ئىسىمى يېزىلماسلىقى كېرەك.
ئەسەرنىڭ باھالىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى:
1.1ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن بارلىق ئەسەرلەر ژانىرىغا قاراپ ئۈچ باھاالش ھەيئىتىگە ئەۋەتىلىدۇ.
2.2قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئەسەر ئاز دېگەندە ئىككى باھاالش ھەيئىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
ئەسەرلەرنىڭ ئادىل باھالىنىشى ئۈچۈن ،ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردە ئاپتورالرنىڭ ئىسمى ياكى كىملىكى ھەققىدىكى
ئۇچۇرالر بىلدۈرۈلمەيدۇ.
3.3ئەسەرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن ،تىل–يېزىق ئىمال قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا يېزىلىشى كېرەك.
4.4مەزمۇن جەھەتتىن ژۇرنالنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىدە بولۇش كېرەك.
5.5ئەسەر قوبۇل قىلىنسا ،ئەسەر ئاپتورىدىن ئىسىم ،تەخەللۇس (ئەگەر ئىشلىتىدىغان بولسا) ۋە قىسقىچە
تونۇشتۇرۇش (ئەگەر ئاپتور تەمىنلەشنى خالىسا) تەلەپ قىلىنىدۇ.
6.6ئەسەر قوبۇل قىلىنمىسا ،قوبۇل قىلىنمىغانلىق ئۇچۇرى تەكلىپ ۋە پىكىرلەر بىلەن ئەۋەتىلىدۇ.
7.7ئەسەرلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى پۈتۈنلەي باھاالش ھەيتىئىنىڭ قارارى بىلەن بولىدۇ.
ژۇرنالنىڭ ئېالن قىلىنىش شەكلى:
ژۇرنال پەسىللىك تور ژۇرنىلى بولۇپ ،ئەرەب ھەرپلىرى ،التىن ھەرىپلىرى ،سالۋىيان ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر
يېزىقىدا ۋە (باشقا تۈرك مىللەتلىرىنىڭمۇ ژۇرنىلىمىزدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن) بىرلىككە كەلگەن تۈرك ئېلىپبەسىدە
بولۇپ جەمئىي تۆت نۇسخا ئېالن قىلىنىدۇ .يىلدا بىر قېتىم تۆت سان بىرلەشتۈرۈلۈپ يىللىق توپالم شەكلىدە نەشىر
قىلىنىپ ،ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋىي كۈتۈپخانىالرغا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن« :ئىزدىنىش ژۇرنىلى» تەھرىرلىك ھەيئىتى


ئىزدىنىش ژۇرنىلى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشالنغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال


ئىجاتاكرلرىمىىز
–2019يىللىق –2سان

يازغۇچى ،جامائەت ئەربابى جااللىدىن بەھرام ………………………………… جااللىدىن بەھرام 7

ئومۇمىي –6سان

نەرسىي ئەسەرەلر

ژۇرنال مەسئۇلى ،مۇھەررىرى
مۇرات ئورخۇن

ھارۋىكەش ………………………………………………………………… جااللىدىن بەھرام 9
خوجىالرنىڭ ۋەزىپىلىرى ………………………………………… خەمىت ھەمرايېۋ (قازاقسىتان) 13
رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مالىك مەھمەتوۋ (قازاقىستان)

تاتۇق …………………………………………………………… لۇئىس بورخېس (ئارگېنتىنا) 19

باش تەھرىر
زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋېتسىيە)

تەھرىر ھەيئىتى
ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)
ئادەم ئۆگەر (تۈركىيە)
مەمەتتۇرســۇن زۇنۇن ئوقيا (ئەنگىلىيە)
رىدۋان ئۆزتۈرك (تۈركىيە)
ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)
مەغفىرەت كامال (تۈركىيە)
راھىلە قەشقەرى (تۈركىيە)
دىل رەيھان (فرانسىيە)
مولوتجان توختاخىنوۋ (قازاقىستان)
سابىرەم ئەنۋەروۋا (قازاقىستان)
زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋېتسىيە)
دىلدۇز تېلمان (ئامېرىكا)

خەتتات
نۇر ئەفۋان

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ھامۇت (ئامېرىكا)

بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى ……………………………………………… ئەزىز نەسىن (تۈركىيە) 24
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر (تۈركىيە)

يــاردەم ……………………………………………………………….ئايشــە بۇلــۇت (تۈركىيــە) 35
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەسما ئىلھام (تۈركىيە)

ئائىلىگە خەت …………………………………………………………………………………
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم (تۈركىيە) 56
بىر مۆجىزىدۇر ياشــىماق …………………………………………………مۇپاسســان (فرانسىيە)
ئوغلىمىز

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ھەبىبۇلال ئابلىمىت (گېرمانىيە) 75
…………………………………………………………… تارىك بۇغرا (تۈركىيە)

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلۇ (تۈركىيە) 80
گۈلدۈرماما ئاۋازى …………………………………………………… رەي بىرەدبېرى (ئامېرىكا) 90
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :سەرۋى (ئامېرىكا)

ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش
ساختا مىللىيلىككە قارشى ھەقىقىي مىللىيلىك ………………………… يۈجەل ئۇغۇرلۇ (تۈركىيە) 38
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان ئابدۇلقادىر

چىلتەن مازىرى تەزكىرىسى ……………………………………… گۇستاف راكۇيت (شىۋېتسىيە) 41
شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى

بەتچىك
ئالىمجان ئىبراھىم

ئۇچار ئۇنىۋېرسىتېت −بىر پولشا ئەنئەنىسى …………………………ئۈمىت شىمشەك (تۈركىيە) 45
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن

مەن نېمىشــقا يازىمەن؟ ……………………………………………… جورج ئورۋېل (ئەنگلىيە) 51
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئابدۇرېھىم دۆلەت (تۈركىيە)

– 19ھېكمەت …………………………………………………… ئەخمەت يەسەۋى (قازاقىستان) 62
تۈركچىدىن نۈزۇگۈم قۇتلۇق تەرجىمىسى

-2019يىللىق -2سان

چىڭگىز ئايتماتوف ھېكمەتلىرى ………………………………………………………………………… چىڭگىز ئايتماتوف (قىرغىزىستان) 63
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىالشتۇرغۇچى :پاتىمە مەمەت (تۈركىيە)

ئەقلىيە سۆزلەر …………………………………………………………………………………………… مەجھۇل (گېرمانىيە) تەييارلىغان 65
ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى …………………………………………………………………………… ھەبىبۇلال ئابلىمىت (گېرمانىيە) تەييارلىغان 82

شېئرىىيەت گۈلزارى
قــوش جىنــازا ……………………………………………………………… ……………………….…….…….…….نىيازئەلى ئادىل 8
ئەلۋىدا ……………………………………………………………………………………………………………… .ئابلىز ئوبۇل فونتان 9
يېڭىلمەس ……………………… ……..……………………………………………………………………..ۋىليام ئېرنىست خېنلى 12
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :فاتىمە ئابدۇلغەفۇر سەيياھ (ئاۋسترالىيە)

غېرىبلىق ………………………………………………………… ……………………………………….زېلىمخان ياقۇپ (ئەزەربەيجان) 27
ئەزەرىجىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :نۇزۇگۇم قۇتلۇق (تۈركىيە)

ئىككى شېئىر ………………………………………………………………………………………… ئىلزابىت باررىت بىروۋنىڭ (ئەنگلىيە) 28
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :خەندان (تۈركىيە)

بىر شېئىر ………………………………………………………………… ……………………………….ۋىليام سادىقوۋ (رۇسيە ،ئۇيغۇر) 29
رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ۋ .مولوتوۋ (ئۇيغۇر ،قازاقىستان)

ئىككى شېئىر …………………………………………………………………………………………………… چولپان (ئۆزبېكىستان) 30
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىالشتۇرغۇچى :مۇرات ئورخۇن (تۈركىيە)

ئاي كەبى ……………………………………………………………………………………………………… …….ئۇنسى ئەلھاج (لېۋان) 31
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەركان (تۈركىيە)

ئىككى شېئىر ………………………………………………………………………………………………… ئېلزابېت.س .روناي (ۋېنگىرىيە) 32
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :پەرىدە ئەخەت (كانادا)

جانان يايالققا چىققاندا ………………………………………………………………………………………… ئاشىق مۇرادى (تۈركىيە) 32
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى (تۈركىيە)

ھەســرىتىڭدىن كىشــەنلەر ئۇپراتتىــم …………………………………………………………………………… ئەھمــەد ئارىــف (تۈركىيە) 33
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى (تۈركىيە)

مــەن ئەمــەس ئىدىــم ………………………………………………………………………………………… ئۆزدەمىــر ئاســاف (تۈركىيە) 33
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى (تۈركىيە)

ئۆلۈم ناخشىسى …………………………………………………………………………………………… ئورخان ۋەلى كانېك (تۈركىيە) 33
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى (تۈركىيە)

خۇشاللىققا مەرھەمەت ……………………………………………………………………………………… خەلېن ستەينېر رايس (ئامېرىكا) 34
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :دىلدۇز تېلمان (ئامېرىكا)

جىنايــەت …………………………………………………………………………………………… گۈلنــازا ئادىلىــۋا (ئۆزبېكىســتان) 34
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (ئەنگلىيە)

سۆيگۈ ……………………………………………………………………………………………… ئەھمەت سەلچۇك ئىلكان (تۈركىيە) 50
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەركان (تۈركىيە)

كېرەمگە ئوخشاش ……………………………………………………………………………………………… نازىم ھېكمەت (تۈركىيە) 58
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)

شــېئىرالر ……………………………………………………………………………………………… توماس ترانســترۆمېر (شىۋېتسىيە) 60
شىۋېتچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋېتسىيە)

قايســى كۈندەســىن ،تۈركىســتان …………………………………………………………………………… تىمــۇر كوجائوغلــۇ (ئامېرىكا) 67
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىالشتۇرغۇچى :مۇرات ئورخۇن (تۈركىيە)

بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە …………………………………………………………………………………… ۋىلىئام شېكىسپېر (ئەنگلىيە) 69
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (ئەنگلىيە)

ئارزۇسى ئىچىدە …………………………………………………………………………………………………… ئارسالن بايىر (تۈركىيە) 71
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :پاتىمە سەمەت (تۈركىيە)

-2019يىللىق -2سان

بىر قارا بوران ……………………………………………………………………………………………… ئاتائول بەھرام ئوغلى (تۈركىيە) 72
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئىلمىنۇر ئەفۋان (تۈركىيە)

راككا …………………………………………………………………………………………………… خېلىل ئىبراھىم ئۆزجان (تۈركىيە) 73
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مۇرات ئورخۇن (تۈركىيە)

دەرمانسىز مۈشۈكلەر غەزىلى …………………………………………………………………………………… ھەيدەر ئەرگۈلەن (تۈركىيە) 74
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئەركان (تۈركىيە)

ئىككى شېئىر …………………………………………………………………………………………………… مۇقەددەس نۇر (ياپونىيە) 84
ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :مۇقەددەس نۇر (ياپونىيە)

ئاخىسكا داستانى………………………………………………………………………………………………… ئاشىق گۈلئالى (تۈركىيە) 85
ئاخىسكاچىدىن ئۇيغۇرچىالشتۇرغۇچى :نۇزۇگۇم قۇتلۇق (تۈركىيە)

ئەي گۈزەل قىرىم ………………………………………………………………………………………………… ئاشىق گۈلئالى (تۈركىيە) 86
قىرىمچىدىن ئۇيغۇرچىالشتۇرغۇچى :نۇزۇگۇم قۇتلۇق (تۈركىيە)

سەۋەبكارىم……………………………………………………………………………………… فاتىمە ئابدۇلغەفۇر سەيياھ (ئاۋستىرالىيە) 87
ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم (تۈركىيە)

شېئىرلىرىم…………………………………………………………………………………………………………مۇتەللىپئىقبال(ئامېرىكا) 88

كىتاب ئۇچۇرلرىى ۋە خەۋەرەلر
خوجىالرنىــڭ ۋەزىپىســى …………………………… ……………………….…….….….….…….…….ئابدۇرېشــىتھاجى كېرىمــى 99
بوســتانۇل ئارىفىــن ……………………………… ……………………….…….…….……..….….ئابدۇجېلىــل تــۇران (تۈركىيــە) 100
ئۆلمەســلىكنىڭ دورىســى …………………………… ……………………….…….…….…….ئايشــەم ئۇيغــۇر قىــزى (تۈركىيــە) 101
……………………….…….…….…….…………………………………………………………… 1984ئالىمجان ئابدۇلقادىر (تۈركىيە) 102
ئۇچار ئۇنىۋېرسىتېت …………………………… …………………….…….…….……….….….….….مۇھەممەد يۈسۈپ (تۈركىيە) 103
تۇنجى قېتىملىق «مەن ‐ ناتىق» ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى …………… خەندان (تۈركىيە) 104

مۇقاۋىدا :ئىپارخان « ،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت قامۇىس»دىن ئېلىندى

-2019يىللىق -2سان

يازغۇچى ،جامائەت ئەربابى
جااللىدىن بەھرام

جااللىدىــن بەھــرام –1942يىــل –8ئاينىــڭ –16كۈنــى شــەرقىي تۈركىســتاننىڭ غۇلجــا شــەھرىدىكى بىــر
تىككۈچــى ئائىلىســىدە دۇنياغــا كەلگــەن .ئۇنىــڭ ئاتىســى بەھــرام ئەپەنــدى ئۇســتا ھۈنــەرۋەن بولۇپــا قالمــاي،
بەلكــى ئىلــى ناخشــىلىرىنى ھەقدادىغــا يەتكــۈزۈپ ئېيتىدىغــان خەلــق ناخشىچىســى ،يازغۇچــى ھــەم رەسســام
ئىــدى .ئــۇ مەرىپەتپــەرۋەر ئــادەم بولــۇپ ،خۇش–پېئىللىــق ۋە چاقچاقچىلىــق بىلــەن ئاالھىــدە كۆزگــە تاشــلىنىپ
تۇراتتــى .ئــۇ زېــرەك ھــەم تېتىــك چــوڭ بولۇۋاتقــان ئوغلىغــا خەلــق –چۆچەكلىــرى ۋە داســتانلىرىنى چوڭقــۇر
ھېسســىيات بىلــەن ســۆزلەپ بېرەتتــى .شــۇنداقال ئۇنىڭغــا ھەرخىــل رەســىملەرنى كۆرســىتىپ ،رەسســاملىقنىڭ
ســېھرى–كۈچىنى تەرىپلەيتتــى .شــۇڭا ،جااللىدىــن بەھــرام« :مېنىــڭ يۇمــران قەلبىمگــە ئەدەبىيات–ســەنئەت
ئۇرۇقلىرىنــى چېچىــپ ،رەسســاملىق ۋە ئەدەبىيــات بىخلىرىنــى يېتىشــتۈرگەن ئاتامنــى ھــەر دائىــم مەمنۇنىيــەت
بىلــەن ئەســلەيمەن…» دەيــدۇ.
جااللىدىــن بەھــرام –1950يىلدىــن –1954يىلغىچــە غۇلجــا شــەھىرىدىكى «روشــەن» باشــانغۇچ
مەكتىپىــدە–1954 ،يىلدىــن –1957يىلغىچــە ئىلــى ئوتتــۇرا مەكتىپىــدە ئوقۇغــان .رەســىم كۇرژۇكــى ،ئەدەبىيــات
كۇرۇژۇكــى قاتارلىقالرغــا قاتنىشــىپ ،مەكتەپنىــڭ تەشــۋىقات تاختىلىرىــدا تۇنجــى قېتىــم بالىلىــق ھېسســىياتى
بىلــەن يازغــان شــېئېرلىرىنى ئېــان قىلغــان–1957 .يىلــى ئۈرۈمچىگــە ئوقۇشــقا كېلىــپ–1958 ،يىلغىچــە
مىللەتلــەر ئىنىســتىتۇنىڭ رەســىم ســىنىپىدا ئوقۇغــان–1958 .يىلــى ســەنئەت ئىنىســتىتۇتى قۇرۇلغاندىــن كېيىن،
–1958يىلدىــن –1961يىلغىچــە ســەنئەت ئىنىســتىتۇتىنىڭ رەســىم كەســپى ســىنىپىدا ئوقۇغــان.
جااللىدىــن بەھــرام خىزمەتكە قاتناشــقاندىن كېيىن–1961 ،يىلدىن –1976يىلغىچە خوتەن ناھىيىســىنىڭ
سەيشــەنبە بــازار ئوتتــۇرا مەكـــتىپىدە ئوقۇتقۇچــى بولــۇپ ئىشــلىگەن–1976 .يىلدىــن –1981يىلغىچــە خوتــەن
ناھىيىلىــك مەدەنىيــەت يۇرتىــدا خىزمــەت قىلغــان–1981 .يىلدىــن باشــاپ خەلــق نەشــرىياتىنىڭ گــۈزەل–
ســەنئەت بۆلۇمىــدە مۇدىــر مۇھەررىرلىــك خىزمىتىنــى ئۆتىگــەن.
جااللىدىــن بەھرامنىــڭ ئەدەبــى ئىجادىيــەت پائالىيىتــى –1963يىلدىــن باشــانغان .ئــۇ دەســلەپتە كىچىــك
تىپتىكــى ســەھنە ئەســەرلىرىنى يازغــان .لېكىــن–1966 ،يىلــى «مەدەنىيــەت ئىنقىالبــى» باشــلىنىش بىلەنــا،
ئۇنىــڭ «ئۆمــۈر خاتىرىلىــرى» قاتارلىــق پوۋېســتلىرى ھەمــدە ســاقالپ كەلگــەن ئەتىۋارلىــق كىتاپلىــرى بــۇالپ
كېتىلگــەن ۋە ناھىيىنىــڭ گۈلبــاغ رەستىســىدە كۆيدۈرۈلگــەن« .مەدەنىيــەت ئىنقىــاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك
يىلالرنىــڭ بورانلىرىــدا« ،ئۈششــۈك تەگكــەن» ۋە «قوشــكۆل»لەردە ئىشلەشــكە ســۈرگۈن قىلىنغــان.
بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى ۋە باشقا تورالردىن ئېلىندى.

7

-2019يىللىق -2سان

جااللىدىــن بەھــرام ئەدەبىيــات ئىجادىيىتــى ھــەم گۈزەل–ســەنئەتتىن ئىبــارەت ئەدەبىيات–ســەنئەتنىڭ
قــوش تۈرىــدە مول–ھوســۇل بېرىۋاتقــان ئىقتىدارلىــق يازغۇچــى ،تاالنتلىــق رەسســامدۇر .ئــۇ ھازىــر كاندىــدات
ئالــى مۇھەررىــر ،جۇڭگــۇ ئــاز ســانلىق مىللــەت يازغۇچىلىــرى ئىلمــى جەمىئىيىتىنــڭ ئەزاســى.
جااللىدىــن بەھــرام ئۇيغــۇر يازغۇچىــار ئىچىــدە ئــەڭ كــۆپ رومــان يازغــان ۋە ئۇيغــۇر رومانچىلقىنىــڭ
تەرەققىياتىغــا زور تۆھپــە قوشــقان يازغۇچىالردىــن بىــرى .جااللىدىــن بەھرامنىــڭ ئەدەبىــي ئىجادىيــەت پائالىيىتى
–1963يىلــى ،ئــۇ 21يــاش ۋاقتىــدا رەســمىي باشالنغان.شــۇنىڭدىن تارتىــپ ھازىرغىچــە ئــۇ ئــون پارچــە
ھېكايــە ،پوۋېســتالر توپلىمــى (10كىتــاب) 14 ،رومــان ( 21پارچــە كىتــاب) 16 ،تېلىۋېزىيــە فىلىمــى (ھەممىســى
فىلىــم قىلىــپ ئىشــلەنگەن) ،جەمئىــي 29كىتــاب ،تېلېۋىزىيــە سېنارىيەســى يازغان.بۇالردىــن باشــقا ئــۇ يەنــە،
«قەدىمكــى ئۇيغــۇر ئوۋچىلىــرى»« ،مولــا مۇســا ســايرامى»« ،فارابى»…قاتارلىــق نەچچــە ئــون پارچــە نادىــر
رەســىملەرنى ســىزغان« .ئۇيغۇرچــە ،قازاقچــە ،قىرغىزچــە ،موڭغۇلچــە ،شــىبەچە 500پارچىدىــن ئارتــۇق
كىتابنىــڭ مۇقاۋىســىنى اليىھەلىگــەن ۋە مىڭلىغــان قىســتۇرما ســۈرەت ،كۆنچىــك ،نەقىشــلىرىنى ئىشــلىگەن»
(يازغۇچىــار مەجمۇئەســى –2006يىللىــق –1ســان) .ئۇنىــڭ «ماناس»داســتانىنىڭ مۇقاۋىســى قاتارلىــق بىــر
قانچــە رەســىم ئەســىرى مۇكاپاتالرغــا ئېرىشــكەن« ،ئانــا مېھــرى» ناملىــق ھېكايىســى –11نۆۋەتلىــك «خانتەڭرى
ئەدەبىيــات مۇكاپاتى»غــا ئېرىشــكەن ،بىرقانچــە پارچــە ئەســىرى ئوتتۇرا–باشــانغۇچ مەكتــەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىــڭ
تىل–ئەدەبىيــات دەرســلىكلىرىگە كىرگۈزگــەن.

قوش جىنازا
(ئاتاقلىق يازغۇچى ،رەسسام جااللىدىن بەھرام ۋاپاتىغا مەرسىيە)
نىيازئەلى ئادىل

بىر خەۋەرلەر ئاڭلىدىم ئەلدىن،
يـۈرىكىمنى كۆيدۈردى ئەلــەم.
توختىغاندا ئوتلۇق بىر يـۈرەك،
توختىدىمۇ بىـر نـادىر قەلــەم.

«دانۇر تاغا» قالسا گەر ئاڭالپ.
«قاچقۇن» ئىكەن ئۆمۈر ئاشۇنداق،
«قامغاق» كەبى قىساركەن جاننى.
بۇ ئۆمۈرگە بىزلەر «ھارۋىكەش»،
شۇڭا «بۇلبۇل بوستاننى تاپتى».

ھازىداردۇر «كۆمۈرچى باال»،
ھازىداردۇر «سەلىمە» قىزچاق.
«قوش جىنازا» كۆتۈرگەندە ئەل،
ئۆكسۈمەكتە «لېيىغان بۇالق».

يىغال خەلقىم ،يىغال «ئايگۈزەل»،
ئەلنىڭ ئوغلى «ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ».
«ئۆتنە ئالەم» ئايرىدى بىزدىن،
«قۇملۇقتىكى ئاتەش» دۇر ياراڭ.

«ناتىۋانالر» قالدى مۇڭسىراپ،
شۇ بولدىمۇ «ھايات قىسمىتى»؟
ھەممىگە بار «ئامەت ۋە ئاپەت»،
تۆكۈلمەكتە «تىمساھنىڭ يېشى».

تىلـەكلىرىم يەتسـۇن يېنىڭغـا،
ئۇنتۇلمــايدۇ قەلىمىـڭ ئىـزى.
يــادلىنىدۇ ئاشۇ «جاپالىق
ئەجرىڭنىڭ شېرىن مېۋىسى».

«كونا قاپقان» قالدى قۇملۇقتا،
«تەكلىماكان ئوغلى» نى ساقالپ.
«قاباھەتلىك چۈش» دۇر بۇ گويا،

2019ـ يىلى 17ـ مــاي جۈمــە
غۇلجا موڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى

8

-2019يىللىق -2سان

ئەلۋىدا
(ئۇستاز ،يازغۇچى جااللىدىن بەھرامغا مەرسيە)
ئابلىز ئوبۇل فونتان

بۈگۈن سەھەر خەۋەرنى ئاڭالپ
راستلىقىغا ئىشەنمەي قالدىم.
«مېھرىگىياھ»نى باغرىمغا بېسىپ
كۆزلىرىمگە يۇم–يۇم ياش ئالدىم.

پۈتۈن خەلق قايغۇ ئەلەمدە،
ھەتتا فونتان ئۇردى بېشىنى.
«لېيىغان بۇالق» پۈتتى قولۇڭدا
ئااللمىدى ئورنۇڭنى ھېچكىم.
قەشقەر ،خوتەن ،ئىلى ،تۇرپانالر
ياش تۆككەندۇر يامغۇردەك بەلكىم.

«ناتىۋانالر» كۆڭلۈمدە قالغان،
كۆزيېشىمدۇر نازۇك قىسمەتلەر.
«سۈرمازار» ۋە ئاي خېنىمالرنىڭ
ئەستىن چىقماس ئاچچىق كۈلپەتلەر.

خەير ئۇستاز ،يېتىڭ خاتىرجەم
مەدەنلەرنى مەڭگۈ ساقاليمىز.
قەلبىمىزدە ياساپ ئابىدە،
غايىڭىزنى ھامان ئاقاليمىز

ئېھ… ئۇستازىم ئەلۋىدا ،كەتتىڭ،
كۆك ئاسمانمۇ تۆكتى يېشىنى.

ھارۋىكەش
(ھېكايە)
جااللىدىن بەھرام

ئابدۇۋەلــى چاققانغىنــا يــۈك – تاقىســىنى كۆتۈرۈپ،
قىســقا يوللــۇق ئاپتوبــۇس بېكىتىگــە كەلگەنــدە،
«يالغــۇز تېــرەك» گۇڭشېســىغا قاتنايدىغــان ئاخىرقــى
ئاپتوبۇســمۇ مېڭىــپ كەتكەنىــدى.

كەنــت باشــلىقى ئىبراھىــم تۆگىنىــڭ ئــون تــۆت
ياشــلىق ئوغلــى غــۇالم ئۇنــى ئۇزىتىــپ قويغانىــدى.
ئابدۇۋەلىنىــڭ ھېلىمــۇ ئېســىدە تۇرۇپتــۇ ،غــۇالم بىــر
قولىــدا دوپپىســىنى ،بىــر قولىدا ئېشــەكنىڭ چۇلۋۇرىنى
ســىقىمداپ ،كۆزلىرىدىــن مونچــاق – مونچــاق يــاش
تۆكــۈپ « :مىــرزا ئــاكا ،يالغــۇز تېرەكنــى ئۇنتــۇپ
قالمــاڭ» دېگەنىــدى .چــارەك ئەســىر ئەلۋەتتــە ئــاز
ۋاقىــت ئەمــەس −دە! ئــۇ بۇنىڭدىــن يىگىرمــە
ســەككىز يىــل ئىلگىــرى ،يــەر ئىســاھاتى خىزمــەت
گۇرۇپپىســىنىڭ «بــاال كاتىپــى» بولــۇپ «يالغــۇز
تېــرەك» تــە يەتتە ئــاي تۇرغان .ئىســاھات مېۋىلىرىنى
تارقىتىــپ ،يەرلەرگــە قــۇزۇق قېقىــپ ،دىلكــەش
دېھقانالرنىــڭ خۇشــاللىقىغا ئورتاقالشــقان! شــۇ چاغــدا
«بــاال مىــرزا» دېگــەن نامغــا ئىگــە بولغــان .بۈگۈنكــى

ئابدۇۋېلــى ھاممــال ۋە ھارۋىكەشــلەرنىڭ« :
ئــاكا ،نەگــە بارىســىز؟ قېنــى ھارۋىغــا چىقىــڭ،
كۆزنــى يۇمــۇپ ئاچقۇچىــا ئاپىرىــپ قويىمــەن»
دېگــەن تەكلىپلىرىنىمــۇ ئاڭلىمىــدى .چۈنكــى ،ئــۇ
بېكــەت ئالدىدىكــى يوغــان بىــر تــۈپ كارداڭ ســېدە
بىلــەن ئاســمانغا بــوي تارتقــان ســۇۋادان تېرەكلەرگــە
قارىغىنىچــە ئــۇزۇن يىلــار مۇقــەددەم بولــۇپ ئۆتكــەن
بىــر ئىشــنى خىيالىدىــن ئۆتكــۈزدى.
ئــۇ چاغــدا بــۇ بېكــەت ئورنىــدا بىــر خارابــە دەڭ
بولىدىغــان .مانــا مۇشــۇ بىــر تــۈپ ســېدە تۈۋىــدە،

بۇ ھېكايە – 2000يىلى نەشر قىلىنغان «جااللىدىن بەھرام ھېكايىلىرىدىن تالالنما» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

9

-2019يىللىق -2سان

كۈنــدە ئــۇ پارتىيەنىــڭ يېزىالرغــا قاراتقــان «بەشــنى
بېكىتىــپ ،بىرنــى مۇكاپاتــاش» سىياســىتىنىڭ
ئەمەلىيلىشــىش ئەھۋالىنــى تەكشــۈرۈش ئۈچــۈن
ۋىاليەتتىــن بــۇ ناھىيەگــە يەنــە كېلىــپ قالــدى.

تۇتــۇپ ئىشــلىمەكچى.
يىغىندىــن كېيىــن پارتكــوم شۇجىســى ئابدۇۋەلىنــى
ئەتــە ئەتىگەنــدە ماشــىنا بىلــەن ئاپىرىــپ قويۇشــنى
ئېيتقــان بولســىمۇ لېكىــن ئابدۇۋەلــى بۈگــۈن كەچتىــا
يېتىــپ بېرىشــنى ئويلىغانىــدى…

ئابدۇۋەلىنىــڭ تەكلىپــى بويىچــە تۈنۈگــۈن
ناھىيەلىــك پارتكــوم ئــۈچ دەرىجىلىــك كادىــرالر
ســۆھبەت يىغىنــى ئېچىــپ ئۇالردىــن پىكىــر ئالــدى.
بــۇ سىياســەتنىڭ كــەڭ دېھقانــار
كادىــرالر:
ئاممىســىنىڭ قىزغىــن ئالقىشــىغا ئېرىشــىپ ،ئۇالرنىــڭ
ئىشــلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنــى بىــردەك قوزغىغانلىقــى
ھەتتــا مەشــغۇالت گۇرۇپپىلىــرى ئۆزئــارا «ۋەزىپىنــى
ئاشــۇرۇپ ئورۇنــداپ گۇرۇپپــا ئەزالىرىنىــڭ يىللىــق
كىرىمىنــى كۆپەيتىش»نــى شــەرت قىلىــپ ،مۇســابىقە
ئېــان قىلغانلىقــى ھەققىــدە قىزغىــن پىكىــر بايــان
قىلىشــتى .لېكىــن« ،يالغــۇز تېــرەك» تىــن كەلگــەن
يــاش شــۇجى ئايــۇپ تاماكىســىنى پۇرقىرىتىــپ،
ئايىغــى ئاســتىغا تۈكــۈرۈپ بېشــىنى ئىچىگــە تىقىــپ
ئولتۇراتتــى.

−كادىر ئەپەندىم ،نەگە بارىســىز؟ −ئابدۇۋەلى
ئالدىــدا تۇرغــان كەكــە ســاقال ،پــاكار بويلــۇق ،كونــا
چىبەرقــۇت چاپىنــى ئۈســتىدىن قــارا پوتــا باغلىغــان
ھارۋىكەشــكە قارىــدى.
« −يالغۇز تېرەك»كە.
−قېنــى ،ھارۋىغــا چىقىــڭ .نامــاز شــام بولــۇپ
قالــدى .مەنمــۇ شــۇ ياققــا كېتىمــەن −،ھارۋىكــەش
ئابدۇۋەلىنىــڭ يۈك–تاقىســىنى ھارۋىغــا باســتى.
ئــۇالر چــوڭ يولغــا چىققاندىــن كېيىــن ھارۋىكــەش
«يولنــى قىســقارتىش» ئۈچــۈن بولســا كېــرەك ،تاغدىن
– باغدىــن گــەپ ســوراپ ماڭــدى .ئابدۇۋەلىنىــڭ
قىســقا جاۋابلىرىنــى ئاڭلىغاندىــن كېيىــن ئــۇ ئېچىلىپــا
ســۆزلەپ كەتتــى.

−قېنــى ئايــۇپ ،ســىزمۇ ســۆزلەپ باقامســىز؟ −
ناھىيەلىــك پارتكــوم شۇجىســىنىڭ تۇيۇقســىز ســوئالى
ئايۇپنــى گاڭگىرىتىــپ قويدىمــۇ نېمــە ،ئــۇ دەماللىققــا
بىــر نەرســە دېيەلمــەي دۇدۇقــاپ قالــدى.

−ئوھــۇي ،ۋىاليەتتىــن كەلدىــم دەڭ! قانــداق،
ئــۇ تەرەپلەردىكــى ناھىيەلەردىمــۇ مەھســۇالتنى كۆتــۈرە
بېرىــپ ،مەشــغۇالت گۇرۇپپىلىــرى قۇرۇلغانــدۇ؟

−مەن…مەن…ھىم…ماقــۇل ،ســۆزلەي−،
ئايــۇپ قۇالقلىرىغىچــە قىزىرىــپ كەتتــى −،بىزنىــڭ
گۇڭشــېنىڭ ئەمەلىــي ئەھۋالــى باشــقا جايالرغــا ئانچــە
ئوخشــىمايدۇ ،ئادەملىرى ســەل گەدەنكەش« ،بەشــنى
بېكىتىــپ ،بىرنــى مۇكاپاتــاش» نــى يولغــا قويغــان
ئىككــى يىــل ئىچىــدە بــۇ خــەق ھارامزادىلىشــىپ،
يەرلەرنــى تاشــاپ ،گۇرۇپپىالرنــى چــۇۋۇپ ،بىرســى
ھارۋىكــەش ،بىرســى نــاۋاي ،بىرســى قاسســاپ
بولۇۋالــدى .شــۇڭا…

−شــۇنداق ،دېھقانــار ھــەر ھالــدا قــەد
كۆتۈرۈۋاتىــدۇ −،دېــدى ئابدۇۋەلــى ھارۋىــدا
جايلىشــىپ ئولتۇرۇۋېلىــپ −،بۇرۇنقىــدەك «ئىــش –
ئىشــچاننىڭ ،نومــۇر گەپتاننىــڭ» بولىدىغــان ۋاقىتــار
ئۆتــۈپ كەتتــى ،ئىشــقىلىپ ئىشــلەيدىغاننىڭ كۈنــى
تۇغــدى.
−توغــرا ئېيتتىڭىــز ،قــۇالق ئــاڭالپ ،كــۆز
كــۆرۈپ تۇرۇپتــۇ ،ھەممىــا يــەردە كۆڭــۈل يايــراپ،
گۈلقەقەلىرىــڭ ئېچىلغانــدەك ئىشــار بولۇۋاتىــدۇ،
لېكىــن ،بىزنىــڭ «يالغــۇز تېــرەك»زە…

ئايــۇپ ئۆزىنــى ئاقــاپ قانچــە قىلىــپ باققــان
بىلەنمــۇ ھامــان ســۆزلىرى قوالشــمىدى .ئۇنىــڭ
ســۆزىنى ئاخىرىغىچــە ئاڭالشــقا تاقــەت قىاللمىغــان
كادىــرالر تــەرەپ – تەرەپتىــن پىكىــر بايــان قىلىشــتى.
قىسقىســى ،ئايــۇپ مۆلــدۈردەك يېغىۋاتقــان تاپــا –
تەنىلــەر ئاســتىغا كۆمۈلــۈپ كەتتــى.

−ھە« ،يالغۇز تېرەك» قانداق ،ئوخشىمامدۇ؟
−ھــەي … −دېــدى ھارۋىكــەش بېشــىنى
ئىرغىتىــپ −،مانــا مەن ئەســلىدە دېھقــان .ھۆكۈمەت
دېھقاننــى «بېيىۋالســۇن» دەپ مىڭبىــر چارىلەرنــى
كۆرۈۋاتىــدۇ .لېكىــن ،بــەزى باشــلىقلىرىمىز« :بــۇ
خەقنىــڭ قوۋۇرغىســىغا كىچىككىنــە مــاي قوندىمــۇ
بولــدى ،ســاالم – ســائەتنىمۇ ئۇنتــۇپ قالىــدۇ»
دەپ ،ئەلمىســاقتىن تارتىــپ ئااللمىغــان مــو بېشــى
مەھســۇالتنى ئارتىــپ قويســا دېھقاننىــڭ ھــال – كۈنــى
يەنىــا شــۇ «ئاتــام ئېيتقــان بايىقــى» بولمامــدۇ؟
خــۇددى « خــۇدا بەرســە ،خــۇدا بەردىنىــڭ قورســىقى
كۆپتــى» دېگــەن شــۇ – دە.

−كۆپچىلىــك يولداشــار توغــرا ئېيتتــى−،
دېــدى پارتكــوم شۇجىســى ئايۇپقــا قــاراپ« −،يالغــۇز
تېــرەك» ھەققىدىكــى ئىنكاســار ۋە كەلگــەن خــەت
– چەكلــەر مەســىلىنىڭ ئېغىرلىقىنــى كۆرســىتىدۇ.
شــۇڭا« ،بەشــنى بېكىتىــپ ،بىرنــى مۇكاپاتــاش»
خىزمىتىنــى كۆزدىــن كەچــۈرۈش ۋە تەكشــۈرۈش
ئۈچــۈن ناھىيەلىــك پارتكــوم تەرىپىدىــن جايالرغــا
ئــادەم بارىــدۇ .ۋىاليەتلىــك پارتكومدىــن كەلگــەن
يولــداش ئابدۇۋەلــى «يالغــۇز تېــرەك» نــى ئــۆزى
10

-2019يىللىق -2سان

ئابدۇۋەلــى ھارۋىكەشــنىڭ ســۆزلىرىنى ئاڭالۋېتىــپ،
ئايــۇپ شــۇجىنىڭ «بــۇ خــەق ھارامزادىلىشــىپ
كەتتــى» دېگــەن ســۆزىنى دەرھــال ئېســىگە ئالــدى.
ئايــۇپ شــۇجىنىڭ ئەلپازىدىــن كۆرۈنــۈپ تۇرۇپتۇكــى،
تېخــى ئــاز ســاندىكى كادىــرالر ئــۆز ئالدىغــا يەرلىــك
سىياســەت چىقىرىــپ ،پارتىيەنىــڭ نۆۋەتتىكــى يېــزا
ئىگىلىــك سىياســىتىگە پۇتلىكاشــاڭ بولۇۋاتقانلىقــى
ناھايىتــى ئېنىــق ئىــدى.

دېدىــم .ئارىدىــن بىــر ئــاي ئۆتــۈپ «:ســەن پايــدا
ئېلىــپ كېتىدىكەنســەن ،بــەش پىرســەنتىنى ئالســاڭ،
شــەتەتتە – پەتەتتــە» دەپ تىلىنــى چاينايــدۇ،
«كۆتــۈر قاســقىنىڭنى ،نېمــە دېســەڭ ماقــۇل دەيدىغان
ھېلىــم بــوزەك ئەمەســمەن ،بــەش پىرســەنتىڭ بىلــەن
ئۆيدىكــى بەشــۋىتەك جاننــى قانــداق باقىمــەن مېنىــڭ
بالىلىرىــم ھــاك بىلــەن زاك يەمــدۇ» دېســەم« ،ھــەي،
بــۇ بىــر سىياســەت ،گۇڭشــې پارتكومــى تەســتىقلىغان
سىياســەت بىلەمســەن ،سىياســەت دېگــەن تــاش،
ســەن بولســاڭ بىر تۇخۇم … » دېمەمدۇ ،ئاچچىقىمدا
« :كۈنىگــە ئــون ياڭــزا سىياســەت چىقىرىدىكەنســەن،
سىياســىتىڭگە ئىگــە بواللمايدىكەنســەن ،يەنــە
نېمــە پــاالن – پوكــۇن دەيدىغــان ھەققىــڭ بــار
ئىشــلىمەيمەنغۇ قانــداق قىلىســەن» دەپ پېشــىمنى
قېقىــپ چىقىــپ ھارۋىكەشــلىك قىلىۋاتىمــەن.

ھارۋىكــەش ئەلــەم بىلــەن مىيىقىــدا كۈلــۈپ قويــدى
– دە ،يوغــان قــاداق ئالىقانلىرىــدا ســاقىلىنى ســىالپ
قويــۇپ ســۆزىنى داۋام قىلــدى.
−دۈيىمىــز نەچچــە يىلدىــن بېــرى تېرىيالمــاي
زېرىكىــپ تاشــلىۋەتكەن قىيپــاش يارلىقتىكــى ئاتمىــش
مــو يەرنــى گۇرۇپپىمىزدىكــى بــەش ئائىلىگــە بۆلــۈپ
بــەردى −،دېــدى تايىقىــدا ئېشــىكىنىڭ دۈمبىســىنى
نوقــۇپ −،بىــز ئېســىمىزنى بىلگەندىــن بېــرى ،بــۇ
يەرنىــڭ مــو بېشــى مەھســۇالتى ئىككــى يــۈز جىڭغــا
يەتكەننــى ئاڭلىغــان ئەمەســمىز ،بــەزى پەســىل
ياخشــى كەلمىگــەن يىللىــرى ئۇرۇقلــۇق دېگــەن
ئاقتىمــۇ ،كۆكتىمــۇ يــوق ،ھېچنېمــە ئااللمايســەن.
تېخــى ســۇغىرىش ۋاقتىــدا باشــقا يەرلەردەك ناخشــاڭنى
دۆڭ قويــۇپ بېرىــپ ســۇغىرىدىغان گــەپ يــوق ،بىــر
كــۆزۈڭ ئارقاڭــدا ،بىــر كــۆزۈڭ ئالدىــدا بولمىســا،
ســۇ دېگــەن توســۇن ئاتتــەك يۈگــۈرۈپ مايســىالرنى
ئېقىتىــپ كېتىۋېرىــدۇ .مانــا مۇشــۇنداق ئەپلەشــمىگەن
يەردىــن «تۆتيــۈز جىــڭ ئالىســەن» دېســە ،ســىزمۇ
ۋاك دەيســىز.

ئابدۇۋەلــى ھارۋىكەشــنىڭ ســۆزلىرىگە نــە
كۈلۈشــنى ،نــە ئېچىنىشــنى بىلمــەي قالــدى .دەرۋەقــە،
ئــۇ ناھىيەلىــك پارتكــوم شۇجىســى ئېيتقانــدەك
«يالغــۇز تېرەك»تــە مەســىلىنىڭ خېلىــا ئېغىرلىقىنــى
پەملىۋالــدى.
−بــۇ ئىشــار چوقــۇم ئىزىغا چۈشــىدۇ ،مەركەزنىڭ
بــۇ توغرىلىــق بىرلىككــە كەلگــەن چــارە – تەدبىرلىــرى
بــار« ،يالغــۇز تېــرەك» مــۇ ئوڭشــىلىدۇ −،دېــدى
ئابدۇۋەلــى ھارۋىكەشــكە تەســەللى بېرىــپ.
−شــۇ ،شــۇ ،بىزنىــڭ «يالغــۇز تېــرەك» تىــن
باشــقا يەرلەرنــى مۇشــۇ ئىككــى قــارا كۆزىمىــز بىلــەن
كــۆرۈپ تۇرۇپتىمىــز −،دېــدى ھارۋىكــەش جىددىــي
قىلىــپ −،ئااليلــى ،بېقىنىمىزدىكــى «رۈشــەنباغ»
كەنتىــدە ســەككىز ئائىلىگــە يۈزمــو يــەر بېرىــپ،
«مــو بېشــىغا ئىككــى يــۈز توقســان جىــڭ مەھســۇالت
تاپشۇرىســەن» دەپ بــەش يىللىــق مۇقىملىــدى.
بۇلتــۇر ئــۇالر يېمــەك – ئىچمــەك يــەم –خەشــەكلىرىنى
غەملــەپ ،ھــەر بىــر ئائىلــە يەنــە نــەق ئىككــى مىــڭ
تەڭگــە ئارقىســىغا ســېلىۋالدى ،بىــز كالپۇكلىرىمىزنــى
يالىشــىپ قالــدۇق .تېخــى نېمــە دەيــدۇ دېمەمســىز،
«بۇلتــۇر پىالنلىــق باشــقۇرالماپتىمىز ،بــۇ يىــل دۈينىڭ
ۋەزىپىســىنى ئاشــۇرۇپ ئورۇنداشــتىن ســىرت ،ئــۈچ
مىڭدىــن ئاشــۇرىمىز» دەيــدۇ.

−ئۇنداقتــا ســىز دېھقانچىلىقنــى تاشــاپ،
ھارۋىكەشــلىك قىلىۋېتىپســىز – دە؟
−ھەئە −،دېدى ھارۋىكەش ئېشــىكىنى تايىقىدا
نوقــۇپ قۇيــۇپ« −،ئالە يېرىڭنى چېكەڭگە تېڭىۋال،
بوينۇڭغــا تۇمــار قىلىــپ ئېســىۋال» دېــدۇق .ھېســابالپ
كۆرســەڭ ،يىــل ئاخىرىــدا ئۆزىمىزگــە قالدۇرۇلغــان
يەرنىــڭ ھوســۇلىنى قوشــۇپ بەرســەكمۇ ئورۇنــداپ
كېتەلمەيدىغانلىقىمىزغــا كۆزىمىــز يەتتــى ،بۇنــداق
قىلغــان گۇرۇپپىــار بىــزال ئەمــەس −،ھارۋىكــەش
خــۇددى ئېشــىكىنىڭ قەدىمىنــى ســاناۋاتقاندەك ئــۇزۇن
جىمىــپ كەتتــى – دە ،بىردىنال قولىنى شــىلتىپ ســۆز
باشــلىدى −،بىــر كۈنــى ئــەزاالر يىغىنىــدا ئەتــرەت
باشــلىقى« :كىــم قوشــۇمچە كىرىمگــە چىقىــدۇ؟»
دېــدى« ،مــەن» دېدىــم« .يىلىغــا ئۈچيــۈز ئاتمىــش
كــوي تاپشۇرىســەن» دېــدى« ،ماقــۇل» دېدىــم.
«دۈيــدە ئــون ئىككــى ھارۋىغــا باشــلىق بولــۇپ ئىشــقا
سالىســەن ،ئــون پىرســەنتىنى ئۆزۈڭگــە ،قالغىنىنــى
ھارۋىكەشــلەرگە بېرىســەن» دېــدى « ،بولىــدۇ»

−ھەقىقەتەن «روشەنباغ» ياخشى
باشقۇرۇلۇپتۇ −،دېدى ئابدۇۋەلى.
−شــۇنداق ،ئەتــرەت باشــلىقى ياشــىنىپ قالغىنــى
بىلــەن كونــا دېھقــان ،ئىشــنىڭ ئېپىنــى بىلىــدۇ،
دۈينىــڭ ۋەزىپىســىنىمۇ مىختــەك قادىلىــپ تــۇرۇپ
ئالىــدۇ .قالغىنىغــا تاغــارالپ ئالتــۇن ئۇسۇۋالســاڭمۇ
قىيــا كۆزىنــى ســالمايدۇ ،كۆكســى – قارنــى تــوق
11

-2019يىللىق -2سان

سىياســەتنى جانلىــق ئىشــلىتىدىغان ئــادەم – دە !
−ھارۋىكــەش بېشــىنى ســاڭگىالتقىنىچە ئۆزىگــە –
ئــۆزى ســۆزلەپ كېتىــپ باراتتــى −،دەريــادا ســۇنىڭ
ئۇلــۇغ ئىكەنلىكىنــى بىلىمىــز .لېكىــن ،كىچىــك ئېرىــق
مىرابلىرىنىــڭ ئــاچ كۆزلــۈك قىلىۋاتقانلىقــى «مانــا مــەن
دەپ كۆرۈنــۈپ تۇرمامــدۇ! ئاممىــزە ،بىــر قىســىم قــارا
تــۈرۈك ئادەملــەر ھۆكۈمەتتىنــا كۆرىــدۇ – دە! ۋۇي−،
دېــدى ھارۋىكــەش كەنــت ئۆيلىرىنىــڭ قارىســى
كۆرۈنۈشــكە باشــلىغاندا −،گــەپ بىلــەن كېلىپمــۇ
قاپتىمىــز ،ئــۇدۇل گۇڭشــېغا ئاپىرايمــۇ ؟

−ئابدۇۋەلــى؟ −شــىۋىرلىدى ھارۋىكــەش ۋە
بىردىنــا ۋارقىرىۋەتتــى −،ئــاھ «مىــرزا ئــاكا» …
مــەن… غــۇالم ئەمەســمۇ ؟
−غــۇالم … −ئــۇالر ھــەر ئىككىســى ھاۋادىــا
قۇچاقلىشــىپ كەتتــى.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - İzdinish - 6 - 02
  • Büleklär
  • İzdinish - 6 - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2773
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1776
    12.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 2798
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1898
    8.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    14.2 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 2898
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1669
    10.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    16.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3026
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1904
    13.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 2859
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1735
    8.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    20.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 2777
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1755
    9.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    21.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 2997
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2068
    15.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3023
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1929
    13.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    24.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3168
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 2014
    14.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    22.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    27.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 2908
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1682
    9.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    15.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    19.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İzdinish - 6 - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 2867
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1815
    8.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    14.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    18.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.