Latin
Süzlärneñ gomumi sanı 3457
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1527
29.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
41.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
49.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
بىر سوئال سوراشتىن بۇرۇن ئۇ « يارىتىلغان بولىشى » الزىم .مەۋجۇت بولمىغان
بىرسىنىڭ شەخسىيتى بولمايدۇ .ئۇ مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن « مەن »
دېگەن سۆز بىلەن باشالنغان بىر جۈملە شەكىللەندۈرەلمەيدۇ .بۇ سەۋەپتىن
مەۋجۇت بولمىغان شەيئىنىڭ چۈشەنچىسىمۇ بولمايدۇ.

ئىنساننىڭ قىممىتى نېمە؟
ئىسالمدا ئىنسان ئالالھنىڭ شاھ ئەسەرى دەپ قارىلىدۇ.
دۇنيادىكى شەيئىلەر ئىچىدە « ئەڭ چىرايلىق » شەكىلدە يارىتىلغان
مەخلۇق ( تىن.) 4 ،
ئىنسانغا قاتمۇ قات ئىكرام قىلىنغان ( ئىسرا.) 70 ،
ئەقىل ،ئىرادە ۋە ۋىجدانى بىلەن ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئۆزى
ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بىر مەخلۇق ( قىيامەت.)14 ،
ئىنسان يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى ( نەمل .) 62 ،يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش
مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلىنغان .ياراتقۇچى ،دۇنيادىكى بارلىق نەرسىنى
ئىنسان ئۈچۈن ،ئىنساننى ئۆزى ئۈچۈن ياراتقان.
93

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

قۇرئان ئىنساننى قانداق تونۇشتۇرىدۇ؟
قۇرئان ئىنسا ننى ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بىلەن بىرگە تونۇشتۇرىدۇ.
لېكىن قۇرئاندا ئىنسان يارىتىلىشتىنال ياخشى بىر مەخلۇق .قۇرئاندا « بىز ئادەم
بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق » ( ئىسرا.) 70 ،
ئىسالم ،خىرىستىيانلىقتىكى تۇنجى گۇناھ چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدۇ.
ياخشىلىقنىڭ ئىنساننىڭ ماھىيىتىدە بارلىقىنى ئېيتىدۇ « :بىز ئىنساننى ئەڭ
چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق ،ئاندىن ئۇنى ( بۇ ماھىيەتنى ئۆزى تاپسۇن دەپ )
يولنىڭ بېشىغا ئەكىلىپ قويدۇق » ( تىن.) 5 - 4 ،
ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان ئىنساننىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنىمۇ بايان قىلىدۇ.
مەسىلەن :ئىنسان ئ ېزىپ كېتىدىغان بىر مەخلۇق .ئىنسان قانداق ۋاقىتتا ئازىدۇ؟
« شۇنداق ،ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى يېتەرلىك دەپ قارىغان ۋاقتىدا ئازىدۇ »
( ئەلەق .) 7 – 6 ،ئىنسان يامانلىقنى خۇددى ياخشىلىقنى تىلىگەندەك ئارزۇ
قىلىدىغان ئالدىراڭغۇ مەخلۇق ( ئىسرا .) 11 ،ئىنسان كۆپ دەتاالش قىلىدىغان
بىر مەخلۇق ( كەھف .) 54 ،ئىنسان ئۆزىگە مەرھەمەت قىلغۇچى رەببىگە
ئاسىيلىق قىالاليدىغان مەخلۇق ( ئىنفىتار.) 6 ،

94

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

اللَّە ئىنساندىن نېمىنى كۈتىدۇ؟
اّلل ئۈچۈن ئەمەس ،ئۆزى ئۈچۈن سالىھ ئەمەل قىلىشنى
اّلل ئىنساندىن َ ،ه
َه
كۈتىدۇ .ئالالھنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئەمەس ،ئۆزىنىڭ سائادىتى ئۈچۈن
ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتىدۇ ( فۇسسىلەت.) 46 ،
چۈنكى ئالالھ نىڭ ئىنسانغا ئىھتىياجى يوق ،لېكىن ئىنساننىڭ ئالالھقا
ئىھتىياجى بار ( فاتىر.) 15 ،
اّلل ھەر ئىنسانغا ۋە ھەر شەيئىنىڭ
ئىنسان ئۆزىگە يېتەرلىك ئەمەس ،ئەمما َ ه
ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ ( زۇمەر.) 36 ،

قۇرئاندا تۇنجى ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى جەريانى قانداق؟
قۇرئاندا ئىنساننىڭ يارىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ،بىر پۈتۈن
رەسىمنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش ئوخشىمىغان سۈرىلەرگە تارقىتىۋېتىلگەن
ھالەتتە .بۇالرنى بىر پۈتۈن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىلدە بىر يەرگە
كەلتۈرۈش ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمىگە ،زېھىن كۈچىگە ،تەپەككۇر دائىرىسىگە ۋە
چۈشىنىش قابىلىيىتىگە تاپشۇرلغان.
قۇرئاندا « ،ئىنسان تارىخ سەھنىسىگە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى
ئۇزۇن بىر سۈرە ئۆتكەن بولۇپ ،بۇ جەرياندا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر نەرسە
ئىدى »( ئىنسان .) 1 ،قۇرئاندا ،ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇش جەريانى تۇيۇقسىز ۋە
بىردىنال بولۇپ قالمىغان بولۇپ ،ئىنسان بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن
ئۇزۇن جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ( نۇھ.) 14 ،
ئىنسانغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن جەريان ئۈچ باسقۇچتىن تەشكىل تاپقان:
. 1ئىنسان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئېلېمېنت شەكلىدە يارىتىلىش باسقۇچى :بۇ
باسقۇچتا رول ئوينىغان ئامىلالر « تۇپراق تۈرى ( ھەج « ،» ) 5 ،چەكسە
95

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

جاراڭاليدىغان قۇرۇق الي ( ھىجر « ،» ) 26 ،قارا الي ( ھىجر« ،» ) 28 ،
يېپىشقا الي ( ساففات « ،» ) 11 ،الينىڭ جەۋھىرى ( مۇئمىن .» ) 12 ،بۇالرنىڭ
ھەممىسى بىز بىلىدىغان توپا ۋە الي ئەمەسلىكىنى ،ئاالھىدە بىر ماددا
ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان شەكىلدە ئېنىقلىغۇچىسىز ھالدا كېلىدۇ.
. 2ئىنسان بولۇشتىن بۇرۇنقى بىئولوگىيلىك يارىتىلىش باسقۇچى « :بىز ھەر
جانلىقنى سۇدىن ياراتتۇق ( ئەنبىيا .» ) 30 ،ئەڭ باشتا بىر ھۈجەيرىلىك جانلىق
( نەفسى ۋاھىدە ) يارىتىلغان ( نىسا .) 1 ،قۇرئان تۇنجى ئىنسانغا بەرگەن «
ئادەم » ئىسمىنى ،ئادەم بالىلىرى مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىدۇ ( ئەئراف .) 11 ،ئادەم
باللىرىغا ۋەكىللىك قىلغان ئادەمنىڭ يارىتىلىشى « ئۇ ،ۋۇجۇتقا كەل ،دېدى ،ئۇ
ۋۇجۇتقا كەلدى » شەكلىدە ئەمەس « ،ئۇ ،ۋۇجۇتقا كەل ،دېدى؛ ئۇ پەيدا بولۇش
باسقۇچىغا قەدەم باستى » شەكلىدە ئىپادە قىلىنىدۇ ( ئالىئىمران .) 59 ،چۈنكى
ئىبارىدىكى « فە يەكۇن » كەڭرى زامان پېئىلى « يېڭىلىنىش ( تەجەددۇت ) »
ۋە « ئىزچىللىق »نى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۈچ زاماننى ئىپادىلەيدۇ ،يەنى كەڭرى زامان،
ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسى زاماننى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ئىككى باسقۇچتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان جانلىقنى قۇرئان « بەشەر »
دەپ ئاتايدۇ ( ھىجر .) 28 ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان بولغان « بەشەر»،
بەشەرلىك ھالىتى نى دائىم ئۆزلىكىدە ساقاليدۇ .ئىنسان بەشەر بولۇشتىن بۇرۇن
اّلل جانلىقالر ئىچىدە ئەقىل ،ئىرادە ۋە ۋىجداننى تەمسىل قىلغان روھنى پۈلەش
َه
ئۈچۈن تالالش ئېلىپ بارىدۇ ( ئالىئىمران .) 33 ،تالالنغان جانلىققا « ئەقىل،
ئىرادە ۋە ۋىجدان »غا ۋەكىللىك قىلىدىغان روھنى پۈلەيدۇ ،پەرىشتىلەر بۇ روھقا
سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ( بەقەرە30 ،؛ سەجدە .) 9 ،پەرىشتىلەر ئالالھقا« :
سەن يەر يۈزىدە پىتنە – پاسات تېرىيدىغان ( يەسفىقۇ ) ۋە قان تۆكىدىغان
( يۇفسىدۇ ) بىرسىنى خەلىپە قىالمسەن؟ » دەيدۇ .چۈنكى ئىنسان تېخى ئەقىل
ۋە ئىرادىنى تەمسىل قىلغان روھ پۈلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالى بىلەن « پىتنە –
پاسات پەيدا قىلماقتا » ۋە « قان تۆكمەكتە » ئىدى .ئادەم باللىرىنىڭ
دەسلەپكى قان گۇرۇپپىسىنىڭ 0بولىشى ۋە 0گۇرۇپپىسىنىڭ گۆشخور بولىشى،
ئىنساننىڭ بەشەر ھالىتىدىكى ۋاقتىدا قان تۆككەنلىكتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى
تەستىقاليدۇ .روھ پۈلەنگەندىن كېيىن « نەرسىلەرگە ئىسىم قويۇش قابىلىيىتى »،
يەنى ئەقىل ئىشلىتىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ( بەقەرە،
96

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

.) 31بۇ يەردىكى ھالقىلىق نوقتا « ،پۈلەنگەن روھ » بىلەن « جان »نىڭ
ئوخشاش بىر مەنىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقى بولۇپ ،جان ھايۋانالردىمۇ بار .لېكىن
ۋەھىي روھنىڭ پەقەت ئىنسانغىال پۈلەنگەنلىكىنى ئىشارەت قىلماقتا.
.3ئانا قارنىدىكى ئېمبىروگىيلىك يارىتىلىش باسقۇچى :بۇ ئىنسانغا
ئايلىنىشتىن بۇرۇن ۋە ئىنسانغا ئايالنغاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە بولغان،
ھايۋانالر بىلەن ئىنسانالرغا ئورتاق بولغان بىر باسقۇچتۇر .بۇ باسقۇچ كۈنىمىز
تىبابەتچىلىك ئىلىمىدىمۇ تەستىق قىلىنغان ھالدا تەتقىق قىلىنىدۇ ( مۇئمىنۇن،
.) 14قۇرئان ھەر ئىنسان ( ئەل ئىنسان )نىڭ « ھايات ئۇرقى ( نۇتفە ) »دىن
يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ( ئىنسان .) 2 ،گرامماتېكا قائىدىلىرىغا
ئاساسالنغاندا ،ئىنسان سۈرىسىنىڭ - 2ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە تۈرىنىڭ
ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ئەل ئىنسان» دائىرىسىگە تۇنجى ئىنسانمۇ
كىرىدۇ .ھايات ئۇرۇقىدىن يارىتىلىش پەقەت ئىنسانغىال خاس ئەمەس.
بەشەردىن تارتىپ پۈتۈن ھايۋانالرمۇ ھايات ئۇرۇقىدىن يارىتىلغان.

97

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

ئالالھنىڭ « روھىدىن پۈۋلەش » نېمە دېگەنلىك؟
« روھىمدىن پۈۋلىدىم » ئىپادىسى ئىنساننىڭ بەشەر ھالىتىدىن ئىنسان
ھالىتىگە ئۆتۈشتە ئالالھنىڭ ئاكتىپ ئارلىشىشىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ،
ئىنساننىڭ تاسادىبىيلىق مەھسۇلى ئىكەنلىكى دەۋاسىنى تۈپتىن رەت قىلىشنى
اّلل ئۆزى
مەقسەت قىلىدۇ .ئىنسان تەبىئەت بار قىلغان بىر تاسادىبىيلىق ئەمەس َ ،ه
بەلگىلىگەن قانۇنالرغا بىر ئۈست قانۇن بىلەن مۇداخىلە قىلىپ مەۋجۇت
بولىشىنى مۇراد قىلغان بىر ئىالھى الھىيەنىڭ سەمەرىسى.
« روھىمدىن پۈۋلىدىم » قۇرئانى ئىپادىسى ،ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ ئالالھتىن
بىر پارچە ئىكەنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ .قۇرئان بۇنى شىددەت بىلەن رەت
قىلىدۇ .بۇ ئالالھ نىڭ ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكى شەكلىدىكى « ھۇلۇل »
ۋەياكى ئىنساننىڭ ئىالھ بىلەن بىرلەشكەنلىكى شەكلىدىكى « ئىتتىھات »
چۈشەنچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ .بۇ ئىككى خىل
چۈشەنچە ئىسالمنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەقىدىسى بولغان تەۋھىدكە تۈپتىن زىت
كېلىدۇ .بۇ ،ئىالھىي ھەرىكەت تىلغا ئېلىنغاندا ئىشىلىتىلگەن مەجازى
( ئوخشىتىش ) ۋاستە بولۇپ ،خۇددى ئوتنى پۈۋلىگۈچىدىن ئوتقا بىر نەرسە
ئۆتمىگەنگە ئوخشاش ،ئىنسانغا روھ پۈۋلىگەن ئالالھتىن ئىنسانغا بىر نەرسە
اّلل سەمەتتۇر ( ئىخالس .) 2 ،سەمەت « پارچىالنماس،
ئۆتمەيدۇ .چۈنكى َ ه
بۆلۈنمەس ،بىر نەرسە چىقىپ كەتمەس ،بىر نەرسە كىرمەس » مەنىسىنى
بىلدۈرىدۇ .بۆلىنىدىغان بىر شەيئى ،زامان ۋە ماكانغا مەھكۇم بولغان بولۇپ،
بىرلەشمە شەيئىلەر بۆلىنىدۇ ۋە ھەر بۆلىنىدىغان شەيئى يارىتىلغان بولىدۇ.
اّلل بواللمايدۇ.
بۇنداق بىر شەيئى َ ه

98

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

قۇرئان روھ ۋە بەدەن ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
قۇرئان روھ ھەققىدە بىزگە ناھايىتى ئاز مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بايان
قىلىدۇ ۋە رەسۇلۇلالھقا مۇنداق دەيدۇ « :ئۇالر سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى
ھەققىدە سورىشىدۇ .روھنىڭ ماھىيىتىنى رەببىم بىلىدۇ ،دېگىن .سىلەرگە پەقەت
ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن » ( ئىسرا .) 85 ،بۇ ئىالھى كاالم ،روھنىڭ ماھىيىتىنى
ئىنسانالرنىڭ ھېچقاچان چۈشىنەلمەيدىغانلىقى ھەقىقىنى بايان قىلىدۇ .بۇ
ئارقىلىق ئىنساننىڭ كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرگە قارىتا ئىنساننىڭ بىلىمىنىڭ
چەكلىك ئىكەنلىكىنى ،بۇ سەۋەپتىن بۇ خىل مەسىلىدە ئالالھقا ئىشىنىشى
كېرەكلىكىنى ئىما قىلىدۇ .ئىسالمدا ۋۇجۇت يامان كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسە
ئەمەس .قۇرئاندا بەدەنگە قارىتا ھېچقانداق سەلبىي مەنا بېرىلمەيدۇ .ئەكسىچە،
بەدەن ھەرىكەتنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر ۋاستە بولۇپ ،ھەرىكەت ( ئەمەلۇس
اّلل قارايدىغان ئىككىنچى
سالىھ ) ئىماندىن قالسىال ،ئىنسانغا باھا بېرىشتە َ ه
ئامىلدۇر .ئېلېكتېرونلۇق ئۈسكىنىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرسەك ،بەدەن -
قاتتىق دېتال ،روھ -ئىنېرگىيە ۋە يۇمشاق دېتال ( پروگرام )غا ئوخشايدىغان
بولۇپ ،بىرىنچىسى بولمىسا ،ئىككىنچىسى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

روھ ۋە بەدەن بىر -بىرىدىن ئېنىق ئايرىالمدۇ؟
قۇرئان روھ ۋە بەدەننى ئېنىق بىر شەكىلدە ئايرىمايدۇ .قۇرئان بۇنىڭغا
ھەرگىز يول قويمايدۇ .قۇرئاننىڭ بۇ ھەقتىكى ئايەتلىرىدىن چىققان نەتىجە شۇ:
روھ بىلەن بەدەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ،ئەقىل بىلەن مېڭە ،مەنا بىلەن
كەلىمە ،ئېلېكتىرىك بىلەن سىم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ .روھ بىلەن
بەدەن بىر – بىرىگە زىت ئىككى قۇتۇپ ئەمەس ،ئەكسىچە بىر – بىرى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك بىر جۇپ .بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولىنى جارى
قىلدۇرالمايدۇ.
99

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

اللَّە نېمە ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان؟
پەرىشتىلەرنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشى ،سىمۋول خاراكتېرلىك مەنىگە ئىگە
ئىپادە بولۇپ ،قۇرئاندا يۇلتۇزالرنىڭ ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ سەجدە قىلغانلىقى
بايان قىلىنىدۇ ( رەھمان .) 6 ،بۇ مەنا كۆزدە تۇتۇلغاندا ،سەجدە « شەيئىلەرنىڭ
اّلل ئۆزلىرىگە بەلگىلىگەن ۋەزىپىگە رازى بولغان »لىقىنى ئىپادىلەيدۇ .ھەر
َه
مەخلۇقنىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى بار بولۇپ ،مەخلۇقات بۇ ئىالھىي
ۋەزىپە دائى رىسى ئىچىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ .مەخلۇقالرنىڭ
يارىتىلىش ۋەزىپىسىمۇ « پەرىشتە » ئۇقۇمى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەتنىڭ ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ
بېرىلگەنلىكى ،ئۇنىڭ ئەمرىگە بېرىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ( نەھل12 ،؛
ھەج ،) 65 ،پەرىشتىلەرنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشى شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
ئىنسان بۇ سايىدە تۇپراق ،سۇ ۋە ھاۋانى ئىشلىتىدۇ .قۇرۇقلۇقتا ،دېڭىزدا ۋە
ھاۋادا ئۆزىگە يول ياسايدۇ ،تەبىئەتنى كەشپ قىلىشقا چىقىدۇ.

قۇرئاندا تۇنجى گۇناھ چۈشەنچىسى بارمۇ؟
يوق .قۇرئان ئىنساننىڭ ئىالھىي فىترەت بىلەن يارىتىلغانلىقىنى بايان
قىلىدۇ ( رۇم .) 30 ،بۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتى سۈپتىدە رەسۇلۇلالھ مۇنداق دەيدۇ« :
ھەر ئىنسان ئىسالم فىترىتى ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم )« .
تۇنجى گۇناھ چۈشەنچىسى » ،ئەخالقى مۇئامىلىنىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىدىن
بىرى بولغان « شەخسىي مەسئۇلىيەت » پرىنىسىپىگە پۈتۈنلەي زىت.
قۇرئانغا نىسبەتەن ،ئىنسان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا دۇنياغا
كېلىدۇ .چۈنكى ئىنسان تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشالپ ئۆزىنى ياراتقان خالىقىغا
قەرىزدار بولىدۇ.
100

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

ئەمەلىيەتتە ،تۇنجى گۇناھ ئىنسانغا ئەمەس ،شەيتانغا ئائىت .چۈنكى ئادەم
چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشتىن بۇرۇن ،ئىبلىس ئادەمگە سەجدە
قىلىش بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ ،ئالالھقا ئاسىي بولغان .بۇ سەۋەپتىن تۇنجى
گۇناھتىن سۆز ئېچىلسا ،بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى ئادەم ئەمەس ،شەيتاندۇر.
خاتا ھالدا ئىنسانغا نىسبەت بېرىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى گۇناھ
چۈشەنچىسى ،كېيىنكى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن ئىرقچىلىققا ئوخشاش بىر
قاتار ئايرىمچىلىق پىتنىسىگە سەۋەپ بولدى.

قۇرئانغا ئاساسالنغاندا بوۋاقالردا تۇنجى گۇناھ بوالمدۇ؟
قۇرئانغا ئاساسالنغاندا دادىنىڭ گۇناھى سەۋەپلىك باال ئەيىپلەنمەيدۇ.
قۇرئان مەسئۇلىيەتنىڭ شەخسلەر ئۈستىگە ئارتىلغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ:
« ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ( گۇناھ )نى ئۈستىگە ئااللمايدۇ » ( فاتىر،
.) 18ئىنسان گۇناھكار ھالەتتە دۇنياغا كەلمەيدۇ.
قۇرئان ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئوخشاش بۈيۈك بىر نەبىنىڭ دادىسىنىڭ بۇت
ياسايدىغان بۇتپەرەست ئىكەنلىكىنى ( ئەنئام) 74 ،؛ ھەزرىتى نۇھنىڭ ئوغلىنىڭ
كۇپىردا چىڭ تۇرغان بىر كاپىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ( ھۇد .) 47 ،42 ،بۇ
تارىخىي ئۆرنەكلەر ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ شەخسىكە ئائىت ئىكەنلىكى
پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم ۋە ھاياتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتى نېمە؟
قۇرئان بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ « :سىلەردىن قايسىڭالرنىڭ ئەمەلى
اّلل ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى »
ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن َ ،ه
( مۈلك.) 2 ،

101

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

ئىنساننىڭ فىترىتى دېگەن نېمە؟
فىترەت « ،تەبىئىتى » ۋە « يارىتىلىش » دېگەنلىك بولۇپ ،بىر شەيئىنىڭ
فىترىتى ،ئۇ شەيئىنىڭ يارىتىلىشتا بەلگىلەنگەن تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنى
كۆرسىتىدۇ .كۈنىمىز تىلى بىلەن ئېيتقاندا « ،بىر نەرسىگە خاس بولغان
اّلل ئىنساننى ئۈستىدە
ئاالھىدىلىك » ئۇ شەيئىنىڭ فىترىتى بولىدۇ .قۇرئان « َ ه
قىلىپ ياراتقان ئىالھىي فىترەت »نى ئىما قىلىپ ( رۇم ،) 30 ،ئىنساننىڭ
ئەسلىدە ياخشى بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى تەستىقاليدۇ .فىترەت ،بىر نەرسىنىڭ
ئىچىگە بۇرۇندىنال يەرلەشتۈرۈلگەن ،قېپىنى ئاچقان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان
اّلل ئىنساننى ياراتقاندا ئىچىگە يەرلەشتۈرۈگەن
باشقا بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ َ .ه
مانا بۇ « ئىالھى پروگرام ( يۇمشاق دېتال ) » فىترەتتۇر .فىترەتتىن سۆز قىلىنغان
ھەر قانداق يەردە ،ياراتقۇچى ۋە ياراتقۇچىنىڭ شەيئىگە ئۆزلىكىدىن ۋە ئاڭلىق
ھالدىكى مۇداخىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىنىۋاتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.
فىترەت « شەر ( يامانلىق ) قارىشى »نى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان
بىر ئۇقۇم « .ھەر شەيئىنىڭ بىر فىترىتى بار » ھەقىقىتى « ،ھەر شەيئىنىڭ بىر
يارىتىلىش مەقسىتى بار » ھەقىقىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر .يەنى بىر نەرسىنىڭ
فىترىتى ،ئۇ نەرسىنىڭ « يارىتىلىش مەقسىتى ( ما خۇلىقا لەھ ) » دېگەنلىك
بولۇپ ،بىر نەرسىنى يارىتىلىش مەقسىتى ئۈستىدە ئىشلىتىش « خەيىر
( ياخشىلىق ) » ،يارىتىلىش مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىتىش « شەر » بولىدۇ.
بىر شەيئى يارىتىلىش مەقسىتىدىن قانچىلىك يىراقالشسا ،شەرمۇ ئۇنىڭغا ماس
ھالدا چوڭ بول ىدۇ .لېكىن ئوتتۇرىغا چىققان يامانلىق ،ئۇ نەرسىنىڭ
يارىتىلىشىدىن ئەمەس ،ئەكسىچە يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق
ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
شەيئى ،ياراتقۇچىنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى فىترىتى بىلەن ئىسپاتاليدۇ.
شەيئىنىڭ فىترىتىنى ،ئۇچۇر تىلى بىلەن چۈشەندۈرسەك « ئىالھى فورمات
اّلل ،شەيئىلەرنى ياراتقاندا ئۇالرغا مۆھۈرىنى
( شەكىل ) » بولۇپ ،فاتىر بولغان َ ه
باسقان .ئىالھى مۆھۈر بولغان شەيئىنىڭ فورماتى ،ئۇالرغا ئىسىم قويۇشىمىزغا
102

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

اّلل ئادەم بالىلىرىغا
ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان ئامىل بولۇپ ،فىترەت َ ،ه
ھەدىيە قىلغان « ئىسىمالرنىڭ ئۆگىتىلىشى ( ئەلىمۇل – ئەسما ) » ھەقىقىتى
اّلل شەيئىلەرگە فىترەت بەرمىگەن بولسا ئىدى،
بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ئەگەر َ ه
شەيئىنىڭ كىم لىكىمۇ بولمايتتى .ئەگەر شەيئىنىڭ كىملىكى بولمىغان بولسا ،بىز
ئۇنىڭغا ئىسىم قويالمايتتۇق .فىترانىڭ ئورنىغا « رەڭ ( سېبغا ) » ئىشلىتىلگەن
بۇ ئايەت ،فىترەتنى چۈشىنىشىمىزنى ئاسانالشىتۇرىدۇ:
اّلل بەرگەن رەڭ ... « ،ئالالھتىنمۇ ياخشى رەڭ بەرگۈچى بارمۇ؟ شۇڭا بىز
َه
ئالالھقا ئىبادەت قىلغۇچىالرمىز » ( بەقەرە.) 138 ،
« جىمى ھەمدۇسانا ئاسمان ۋە يەرگە فىترەت قويغان! ئاسمان ۋە زېمىننى
بىر ئۈچكىنى چاققاندەك يوقتىن بار قىلغان ئالالھقا خاستۇر ( »...فاتىر.) 1 ،

فىترەت بىلەن ئىماننىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
فىترەت بايقىلىدۇ ،ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
ئىنسان فىترىتىدىن يىراقلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ،ھەتتا فىترىتىگە
ياتلىشىپمۇ قالىدۇ .بۇنىڭ نەتىجىس ىدە ئىنسان فىترىتىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ،
لېكىن ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويىدۇ .قۇرئان بۇنى « كۇپۇر » دەپ ئاتايدۇ.
بۇ يېپىنچا بەزىدە شۇنداق قېلىن ،شۇنداق ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدىغان ھالغا
كېلىپ قالىدۇكى ،ئىنساننىڭ فىترىتىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
ئىنسان فى ترىتىگە خىيانەت قىلماي تۇرۇپ ،كۇپۇردا چىڭ تۇرمايدۇ .مانا بۇ
ھالەتنى قۇرئان « قەلبنىڭ مۆھۈرلىنىشى » دەپ ئاتايدۇ .بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان
قەلبنى فىترەت ياكى ۋىجدان دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

103

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

ئىنسان مەسئۇلىيىتىنىڭ چىكى بارمۇ؟
ئادەم ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىندى ۋە
زېمىننىڭ خەلىپىسى بولۇپ تالالندى ( « :ئادەم ) مەن نەپسىمگە زۇلۇم قىلدىم »
دېدى ( ئەئراف.) 23 ،
قۇرئاندا ئىبلىس جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالماي ،خاتالىقىنى ئالالھقا
دۆڭگەپ قويغاچقا شەيتان بولۇپ كەتكەن :ئىبلىس ئېيتتى « :رەببىم! سەن مېنى
گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ،يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا ( گۇناھالرنى ) ئەلۋەتتە
چىرايلىق كۆرسىتىمەن ،ئۇالرنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن » ( ھىجر،
.) 39
ئېبلىس ئېيتتى « :سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇالر ( يەنى ئادەم ۋە
ئۇنىڭ ئەۋالدىغا ۋەسۋەسە قىلىش ) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە
ئولتۇرىمەن » ( ئەئراف.) 16 ،
اّلل بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى
« بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭالر تۈپەيلىدىندۇر َ ،ه
ئەمەستۇر » ( ئالىئىمران.) 182 ،

ياخشىلىق ياراتقۇچىدىن ،يامانلىق مەخلۇقتىن
« ( ئى ئىنسان! ) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ( مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن )
اّلل تەرىپىدىندۇر ،ساڭا يەتكەن يامانلىق ( قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن )
َه
ئۆزۈڭدىندۇر » ( نىسا.) 79 ،
« سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭالر مۇمكىن ،ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن
پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭالر مۇمكىن ،ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن
اّلل بىلىدۇ ،سىلەر
زىيانلىقتۇر ( سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ) َ ه
بىلمەيسىلەر » ( بەقەرە.) 216 ،
104

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

« ئۇالرغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇالر ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم
قىلدى » ( زۇخرۇف.) 76 ،
« ئىنسان ( ئۆزىگە ۋە باال – چاقىلىرىغا ) خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك،
( ئاچچىقى كەلگەندە ) بەددۇئا قىلىدۇ ،ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر » ( ئىسرا.) 11 ،
اّلل كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇالر تەلەپ
« ئەگەر َ ه
قىلغان ياخشىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى ،ئۇالرنىڭ
ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بوالتتى ( يەنى ھاالك بوالتتى ) .بىز بىلەن مۇالقات
بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانالرنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز
»( يۇنۇس.) 11 ،
« مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن ،قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ
شەررىدىن ،تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن،
ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ رەببىگە سېغىنىپ
پاناھ تىلەيمەن » دېگىن ( فەلەق سۈرىسى ).
« ئىنسانالرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ،قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا
اّلل ئۇالرنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ
ئاپەت يۈز بەردى َ ،ه
(جازاسىنى) ئۇالرغا تېتىتتى » ( رۇم.) 41 ،

ھىدايەت ۋە زااللەتتە ئىنساننىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟
« شۈبھىسىزكى ،ئۇنىڭ ( ئىنسان )غا بىز ( ئەقىل ،ئىرادە بېرىپ ،كىتاب ۋە
ئەلچى ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان ) يولنى كۆرسەتتۇق ،ئۇ مۇئمىن بولۇپ
ياخشى يولدا مېڭىپ ( ئالالھنىڭ نېمىتىگە ) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر ،ياكى ( فاجىر
بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر » ( ئىنسان.) 3 ،
« ئۇالر دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ ،ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ .ئۇالر
كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ ،ئۇ ئارقىلىق ( ئالالھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى )
كۆرمەيدۇ .ئۇالر قۇالقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ ،ئۇ ئارقىلىق ( ئالالھنىڭ ئايەتلىرىنى
ئىبرەت ئىلىپ ) تىڭشىمايدۇ »( ئەئراف.) 179 ،
105

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

« خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن ،خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن » ( كەھف،
.) 29
« شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانالرغا ،ئالالھقا ( ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە )
قايتقانالرغا ( جەننەت بىلەن ) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ ،سۆزگە قۇالق سېلىپ
ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانالرغا ( يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە ) خۇش
خەۋەر بەرگىن ،ئەنە شۇالر ئالالھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ،ئەنە شۇالر
( ساغالم ) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر » ( زۇمەر.) 18 – 17 ،
« ئەگەر بىز خالىساق ،ئۇالرنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق،
ئاندىن ئۇالر يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى ،لېكىن ئۇالر قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ »
( ياسىن.) 66 ،
« ئەگەر بىز خالىساق ،ئۇالرنى ئۆيلىرىدىال سۈرىتىنى مۇبەددەل ( يەنى
مايمۇن ،چوشقا ياكى تاش ) قىلىۋېتەتتۇق ،شۇنىڭ بىلەن ئۇالر ئالدىغىمۇ
ماڭالمايتتى ،ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى »( ياسىن.) 67 ،
« ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھالندۇرغۇچى ( يەنى
ئەلچى ) ئەۋەتەتتۇق » ( فۇرقان.) 51 ،
اّلل مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم
« َه
اّلل خالىغىنىنى قىلىدۇ » ( ئىبراھىم،
اّلل زالىمالرنى گۇمراھ قىلىدۇ َ ،ه
تۇرغۇزىدۇ َ .ه
.) 27
اّلل بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن )
« َه
ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن ) ھىدايەت قىلىدۇ؛
اّلل ۋەدە ئالغاندىن كېيىن
شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقالرنىال ئازدۇرىدۇ .پاسىقالر َ ه
اّلل ئۇالشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ ( يەنى
بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ َ .ه
سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ ) ،يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇالر زىيان
تارتقۇچىالردۇر » ( بەقەرە.) 26،27 ،

106

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

قۇرئاندا قەدەر ( تەقدىر ) چۈشەنچىسى قانداق؟
اّلل ھەر نەرسىگە قادىر ».
قۇرئان ئوچۇق ۋە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ َ « :ه
مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە ھەر ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ .ئۇنىڭ
ئىرادىسىدىن تاشقىرى بىر ئىش بولمايدۇ.
ئۇنىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىشى ،ئۇ نەرسىنى بىر « ئۆلچەم » بىلەن
يارىتىپ ،ئۇنىڭغا بىر « قانۇن ،ئورۇن ،ھال ،زامان ،ماكان ۋە مۇددەت »
بەلگىلىشىدۇر « .ئۇ خالىمىسا ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ » دېگەنلىك ،ئۇ ھەر
نەرسىنى بىكاردىن بىكارغا شۇنداقال ياراتمىغان دېگەنلىك بولىدۇ .ياراتقان ھەر
نەرسىنى بىر « قەدەر – ئۆلچەم ،مىزان » بىلەن يارىتىشمۇ ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن
بولىدۇ.
اّلل كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمەيدىغان ئىرادىسىز مەۋجۇدىيەتنىڭ تەقدىرىنى،
َه
ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنالرغا تەۋە قىلغان .ۋەھىي ئۇ قانۇنىيەتنى « ئالالھنىڭ
اّلل ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى
سۈننىتى ( سۈننەتۇلالھ ) » دەپ ئاتايدۇ َ .ه
پەقەت ۋەھىيلەردە كۆرسىتىلگەن قانۇن يولى بىلەنال ئەمەس ،تەبىئەتنىڭ
قۇرئانىدا يېزىلغان قانۇنالر ئارقىلىقمۇ بىلدۈرگەن ( فۇسسىلەت .) 53 ،ئالالھنىڭ
سۈننىتىدە ھەرگىز بىر ئۆزگۈرۈش ۋە بۇزۇلۇش بولمايدۇ .ئىرادىسىز بىر
مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان قانۇنىيەت سۈننەتتۇلالھتۇر.
ئىنسانغا ئوخشاش ئىرادىلىك بىر مەخلۇققا كەلسەك،
. 1ئىرادىسى سىرتىدىكى ۋەقە ۋە ئەھۋالالر .ئىنساننىڭ « » DNAسى« ،
» RNAسى ،قان گۇرۇپپىسى ،گىن تۈزلىشى ،رەڭگى ،بويى دېگەندەك مەسىلىلەر
ئىنساننىڭ ئىرادىسى سىرتىدا بولىدۇ .بۇالرمۇ خۇددى يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش
ئالالھنىڭ سۈننىتىگە ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
اّلل ئىرادە بىلەن
.2ئىرادىنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ۋەقە ۋە ئەھۋالالر َ .ه
ئەمەلگە ئاشىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ،ئىنسانغا ئامانەت قىلغان
ئىرادىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان .ئىرادىنىڭ ئۆزى ئالالھنىڭ تەقدىرى بولۇپ،
107

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
ئىنساننى مەسئۇلىيەت ئىگىسى قىلغان ئىرادىنى ئامانەت قىلىپ بەرگۈچى َ ه
اّلل
بولۇپ ،ئىرادە بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشالردا ،ئىنساننىڭ تەقدىرى
ئىنساننىڭ تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
اّلل ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئىشلىتىشىنى
َه
خالىغان .شۇڭا ئۆزىنىڭ كۇللى ( ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى ) ئىرادىسى
ئىچىگە ،ئىنساننىڭ جۈزئى ( ئازغىنە ) ئىرادىسىنى قويغان .كۇللى ھەرىكەتنىڭ
ئىچىگە ئىنس اننىڭ جۈزئى ھەرىكىتىنىمۇ قويغان .بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ
ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن ۋە
ئىنساننى مۆتىۋەر قىلغان .ئىنساننى ۋاقىتنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ
اّلل بىلەن بىرلىكتە تارىخ
ئۇنىڭ ساھىبىغا ئايالندۇرغان .ئىنسان بۇ سايىدە ه َ ه
يارىتىش شەرىپىگە نائىل بولغان.
اّلل كۇللى ئىرادە ساھىبى ،ئىنسان جۈزئى ئىرادە ساھىبىدۇر .ئىنسانغا
َه
اّلل بەرگەن .ئالەمدىكى ھەر نەرسە ئالالھنىڭ تەقدىرى ( ا َ ه
ّلل
جۈزئى ئىرادىنى َ ه
اّلل ئىرادىسىز
بەلگىلىگەن قانۇنىيەت ) بىلەن بولىدۇ .ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان َ ه
مەۋجۇدىيەتلەرگە « ئۆزگەرمەس تەقدىر » ،ئىرادىلىك مەخلۇقالرغا «
ئۆزگىرىشچان تەقدىر » بەلگىلىگەن.
ئىنسانغا ئىرادىنىڭ بېرىلىشىمۇ ئالالھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن بولغان.
ئىنسان ئىرادىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ،ئالالھنىڭ تەقدىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت
قىلغان بولىدۇ .مانا بۇ سەۋەپتىن ،ئىرادىسى دائىرىسىگە كىرگەن ھەر مەسىلىدە
ئىنساننىڭ تەقدىرى تالالش بولىدۇ .ئالالھنىڭ ئىنسانغا تالالش قابىلىيىتىنى
بىلدۈرىدىغان ئىرادىنى بەرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ ،ئاندىن ئىنساننىڭ
ئىرادىسىنى قايرىپ قويۇپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئالالھنىڭ تاللىغانلىقىنى ئېيتىش
ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .بۇ ئالالھنىڭ تەقدىرىنى ئىنكار قىلغانلىق.
ئالالھ نىڭ ئىرادىسى چەكسىز ۋە شەرتسىز ،ئىنساننىڭ ئىرادىسى چەكلىك ۋە
شەرتلىك بولىدۇ .ئىنساننىڭ چەكلىك ۋە شەرتلىك ئىرادىسى ،ھەرگىزمۇ
ئالالھنىڭ چەكسىز ۋە شەرتسىز ئىرادىسى سىرتىدا ،ئۇنىڭغا پاراللىل ،ئۇنىڭدىن
مۇستەقىل بىر ئىرادە ئەمەس .ئىنساننىڭ چەكلىك ئىرادىسى ،ئالالھنىڭ چەكسىز
108

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

اّلل خالىغاندىال ،ئاندىن سىلەر
ئىرادىسى ئىچىدە بولىدۇ .شۇڭا قۇرئان « :پەقەته َ ه
خااليسىلەر » ( ئىنسان ) 30 ،دەيدۇ.
اّلل ئىنساننىڭ تاللىشىنى خالىغان .ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش
َه
– ھەرىكىتىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ .ئىنساننى ئىش – ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى
بولۇشتىن خالىي قىلىپ ،ئۆزىگە باشقا بىر ئىرادە تەرىپىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن
رولنى مەجبۇرىي ئوينايدىغان ئارتىس دەپ قارايدىغان چۈشەنچىنى قۇرئان رەت
قىلىدۇ .بۇنداق چۈشەنچە ،ئىنساننىڭ ئەخالقى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى گۇمران
قىلىدۇ .ئەخالقى مەسئۇلىيەت ،ئەخالقلىق مۇئامىلىنىڭ ئۇلى .بۇ ئۇل يېقىلسا،
ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنى ئويالشقان ھالدا ئىش – ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتۈش
مۇمكىن ئەمەس .شۇنىڭدەك مۇكاپات ۋە جازانىڭ ،جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ بىر
ئەھمىيىتى قالمايدۇ .بۇالرنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا « ،ئاخىرەتكە ئىمان »نىڭ
ئاساسىمۇ يوق بولىدۇ.
ئىنسان ،تالالشنى ئىرادىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .لېكىن ئىرادىنى
اّلل ئىنساننىڭ
تالالش – تاللىماسلىق ،ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا بېرىلمىگەن َ .ه
ئىرادىلىك بىر مەخلۇق بولىشىنى خالىغان .ئىنسان « ئىنسان » ئىسمىنى ئىرادىگە
ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئالغان.
ئىالھىي ئىرادە ،ئىنساننىڭ ئىرادىلىك مەخلۇق بولىشىنى خالىغان .ئىنسان
ئىككى نەرسە ئارىسىدا تالالش ئېلىپ بارىدۇ .لېكىن ئىرادىلىك ياكى ئىرادىسىز
بولۇش نى تالالش ھەققى ئىنسانغا بېرىلمىگەن .بۇ مەسىلىدە تالالش ۋە خاالش
اّلل ئىشلىتىپ ،ئىنسانغا ئىرادە بەرگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى
ھەققىنى َ ه
بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشالردا ئىرادە ئىنساننىڭ تەقدىرى بولغان .ئىرادە
ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ئىنسان بۇ تەقدىردىن ،يەنى ئىختىيارى تالالشتىن ئۆزىنى
چەتكە ئااللمايدۇ .تالالش ئىنساننىڭ تەقدىرىدە بار ،شۇڭا ئىنسان تالالشقا
مەجبۇردۇر .ئۇنداقتا ،ئىنساننىڭ تالالش ئىقتىدارىنى يوق دەپ قارىغان ھەر
اّلل خالىغاندىال ،ئاندىن
چۈشەنچە ،ئىرادىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ « .پەقەت َ ه
سىلەر خااليسىلەر » دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرنى مانا بۇ نوقتىدىن چۈشىنىش
كېرەك.

109

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

قۇرئان ھۆر ئىرادە بىلەن تەقدىر ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت
شەكىللەندۈرىدۇ؟
« بىز ھەر بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۇنىڭ ئەمىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىلدۇق
» ( ئىسرا.) 13 ،
« ھەر ئادەم ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر » ( تۇر21 ،؛ مۇددەسسىر.) 38 ،
اّلل ۋەدە قىلغان ساۋاپ ) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭالر ۋە
« بۇ ئىش ( َ ه
ئەھلى كىتاب نىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ ،كىمكى بىر يامانلىق
قىلىدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن ( دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ) جازالىنىدۇ » ( نىسا،
.) 123
« ئۇالر بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا < :ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ
اّلل بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان >
مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق َ ،ه
اّلل ( بەندىلىرنى ) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرىمايدۇ،
دەيدۇ .ئېيتقىنكى َ < :ه
اّلل نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟ > »
ئۆزلىرىڭالر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى َ ه
( ئەئراف.) 28 ،
اّلله) پاسىقالرنىال ئازدۇرىدۇ » ( بەقەرە.) 26 ،
« ئۇ ( َ ه
اّلل ئۇالرنىڭ دىللىرىنى
« ئۇالر ( ھەقتىن ) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن َ ،ه
ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى » ( سەپ.) 5 ،
« بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ،بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ( كۇفرى ۋە گۇناھ
اّلل ئۇالرغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ »
بىلەن ) ئۆزگەرتمىگۈچە َ ،ه
( ئەنفال.) 53 ،
اّلل بەندىلىرىنىڭ كاپىر
اّلل سىلەردىن بىھاجەتتۇر َ ،ه
« ئەگەر كاپىر بولساڭالر َ ه
اّلل سىلەرنىڭ قىلغان
بولىشىغا رازى بولمايدۇ .ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭالر َ ،ه
شۈكۈرۈڭالردىن رازى بولىدۇ » ( زۇمەر.) 7 ،
110

قۇرئانغا كۆرە ئىسالم نېمە؟

اّلل خالىسا ئىدى ،بىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز شېرىك
« مۇشرىكالر < :ئەگەر َ ه
كەلتۈرمەيتتۇق > دەيدۇ » ( ئەنئام.) 148 ،
« روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان ،ئۇنىڭغا ياخشى – يامانلىق
( مەسئۇلىيەتچانلىق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارنى )
بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى ( » ... ،شەمس.) 7،8 ،
« روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ ،نەپسىنى ( كۇفرى ۋە
پىسقى – فۇجۇر بىلەن ) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ » ( شەمس،9 ،
.) 10
ئۇالر « :رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا ،كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت
قىلدۇق ،ئۇالر بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى » ( ئەھزاپ.) 67 ،

111

مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسان

تەقدىر چۈشەنچىسىنىڭ رەسۇلۇلالھ زامانىدىكى ئۆرنەكلىرى
قايسى؟
رەسۇلۇلالھ تەقدىر چۈشەنچىسىنى قۇرئان تەلىماتى ئاساسىدا
شەكىللەندۈرگەنىدى .ئەبۇ ھۇزامەدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە ئەبۇ ھۇزامە
مۇنداق دەيدۇ:
ئ ى رەسۇلۇلالھ ،ئۆگىنىۋاتىمىز ،دورا ئىچىپ ساقىيىۋاتىمىز ۋە قورققاننەرسىلەردىن ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتىمىز .بۇالرنىڭ ھەممىسى
ئالالھنىڭ بىزگە پۈتكەن تەقدىرىنى قايتۇراالمدۇ؟ دەپ سوردۇم .رەسۇلۇلالھ:
بۇالرمۇ ئالالھنىڭ تەقدىرى ،دېدى ( .تىرمىزى ).رەسۇلۇلالھنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي « ئىرادىنىڭ ئىمتىھانى » بىلەن
ئۆتكەنىدى .ئۇ ئالالھنىڭ ئۆزىگە پۈتكەن تەقدىرنى بىر مەجبۇرىيەت ئەمەس،
ئەكسىچە مەسئۇلىيەت دەپ بىلگەن .بولمىسا رەسۇلۇلالھنىڭ ئۆمرىدە قىلغان
كۆرىشىنى قانداق ئىزاھالپ بەرگىلى بولىدۇ؟ ئۇ ئالالھقا تەسلىمىيەتنىڭ ئەڭ
تىپىك ئۆرنىكى بولغان تۇرۇپمۇ ،تەدبىرنى قولدىن بەرمىگەنىدى.
رەسۇلۇلالھ قەدەرنىڭ مەجبۇرىيتىگە ئەمەس ،بەندىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە
ئىشەنگەن .شۇڭا ئالدى بىلەن زىياپەت بەردى ،ئاندىن دەۋەت قىلدى .بۇ
سەۋەپتىن ،دارۇل – ئەرقامنى ئۈچ يىل مەخپىي تۇتتى .بۇ سەۋەپتىن تۇنجى
ھىجرەت ماكانىنى ھەبەشىستان دەپ قارىدى .بۇ سەۋەپتىن كۈچ ئىشلىتىشكە
قوشۇل مىدى ،تىنچلىق تەرەپتارى بولۇشقا تىرىشتى .بۇ سەۋەپتىن ،دائىمى بىر
ھىجرەت ماكانى ئۈچۈن رىسالەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىن تارتىپ ئىزدىنىشكە
باشلىدى .بۇ سەۋەپتىن ،تائىپتا تائىپلىقالرنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلدى.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - İslam Nedir Uygurca - 07
  • Büleklär
  • İslam Nedir Uygurca - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 2226
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1053
    33.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    54.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3460
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1446
    27.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3419
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1594
    29.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3414
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1628
    28.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    51.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3432
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1608
    29.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3457
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1527
    29.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3463
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1709
    26.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3489
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1679
    28.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3451
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1600
    28.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3499
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    27.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3487
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1611
    29.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • İslam Nedir Uygurca - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 36
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 34
    58.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    76.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    82.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.