Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27

Süzlärneñ gomumi sanı 3535
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچمىسۇن، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن.»(459)
زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە
1010. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىك دېگەن نېمە؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىك — ئادەمنى مەست قىلىدىغان، خۇمار تۇتقۇزىدىغان ئەپيۇن، خېروئىن، مورفىن، نەشە، كوكائىن قاتارلىق زەھەرلىك نەرسىلەر بولۇپ، بۇلاردا كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلار بار. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپىنچە يوشۇرۇن ھالدا، قارا نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيانلىرى
1011. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيىنى قايسى؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىپ، ئۆلۈم بىلەن تۈگەشتۈرگەننىڭ سىرتىدا، ئىنسانىيەتكە زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، خۇسۇسەن مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىدىغان رەھىمسىز ئالۋاستىدۇر. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر بولۇپ، تەن ساقلىقى، ئىقتىساد، ئائىلە، پسىخىكا تەرەپلىرىدىن كۆپ زىيىنى بار. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشىمۇ بۇ زەھەرنىڭ بالايىئاپىتىنىڭ چوڭلۇقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر.
1012. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق زىيىنى بار؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىككە كۆنۈپ قالغان ئادەم ئۆز نەپسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇ ئەرزىمەس خۇمارىنى قاندۇرۇش يولىدا نەپسى خاھىشى ئۇنى نېمىگە بۇيرۇسا، شۇنى قىلىدۇ، ئەگەر نەپسى شەيتان ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتسە كىرپىكىنى قاقماستىن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. ئەقلىنى قوللىنىشقا كۈچى يەتمەي قالىدۇ. ئۇ تەڭپۇڭلۇقى يوقالغان، ئىرادىسى ئاجىز، قورقۇنچاق، ئىش بېجىرەلمەيدىغان، ھۇرۇن، غەيرەتسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
1013. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان زىيىنى قايسى؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ تەن ساقلىققا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەقىقەتەن چوڭ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلاردا تاماققا بولغان ئىشتىھانىڭ يوقىلىشى بىلەن كېسەللىك باشلىنىپ، تەننىڭ ئاجىزلىشىشى، چىراينىڭ سارغىيىشى، كېسەللىككە قارشى كۈچنىڭ زەئىپلىشىشى، مىجەزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، جىنسىي كۈچنىڭ ئۆلۈشى، جىگەرنىڭ، ئاشقازاننىڭ كاردىن چىقىشى، يۈرەكنىڭ ئېغىشى، قان بېسىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئاخىرىدا قىزىل قان تومۇرىنىڭ پارتلىشى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ئۆلۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
1014. سوئال: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادقا بولغان زىيىنى قايسى؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادقا بولغان سەلبىي تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئائىلىدىن دۆلەت ئىقتىسادىغا قەدەر بىر تۇتاش ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ئادەم بۇ خۇمارىنى قاندۇرۇپ ئارام تېپىش يولىدا نېمىسى بولسا ساتىدۇ. قولىدىكىسى تۈگىسە، ئوغرىلىق بولامدۇ، بۇلاڭچىلىق بولامدۇ ياكى نومۇسىنى سېتىش بولامدۇ، قايسى يولدىن بولمىسۇن پۇل تېپىپ خۇمارىنى قاندۇرىدىغان شۇ زەھەرنى سېتىۋالىدۇ. بۇ يولدا ئەڭ ۋىجدانسىز ئىشلارنى، پەسكەش قىلىقلارنى قىلىشقا، ئاتا – ئانىسىنى قاقشىتىش، بالىلىرىنى ۋەيران قىلىش، پۇلغا يارايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى نەدە بولمىسۇن ئوغرىلاشقا رازى بولىدۇ. ئاخىرى ئائىلىسىدىن، تۇغقانلىرىدىن ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ئۆلۈمىنى كۈتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىككە كۆنۈپ قالغان ئادەم ئاخىرى پۇلدىن، ئۆيدىن ۋە ئائىلىدىن، شۇنداقلا ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ قانچىلىك چوڭ باي بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ خۇمارىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە يەتمەيدۇ-دە.
كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە كۆنۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى
1015. سوئال: كىشىلەر نېمە ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە كۆنۈپ قالىدۇ؟
جاۋاب: ئىنسانلار تەرىپىدىن «ئاق ئالۋاستى» دەپ ئاتالغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىپ يەتمەكتە، ھەركىم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. ئومۇمەن كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىستېمال قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ. پەقەت بەزى كىشىلەر ئادەمىي شەيتانلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس شەخسىي مەنپەئەتى ۋە ۋاقىتلىق كىرىمى بەدىلىگە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى زەھەرلەشنى كۆز ئالدىغا قويغان رەزىل ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ قالغانلىق سەۋەبلىك بۇ زەھەرلەرگە خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بىلىپ تۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا ئۆتىدۇ. بۇ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ كەملىكى، زەھەرنىڭ خەتىرىنى ئاددىي چاغلاش، يامان، بۇزۇق دوستلارغا ئەگىشىش، مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، ئەخلاق تەربىيىسىدىن نېسىۋە ئالماسلىق قاتارلىق بىر قانچە سەۋەبلەرگە باغلىنىدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ساقلىنىڭ چارىلىرى
1016. سوئال: قانداق قىلغاندا زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ساقلىنىشنىڭ بەزى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئىمان، ئېتىقادنى ساغلام تۇتۇپ، گۇناھ – مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ھەر ئىشتا تەقۋالىقنى ئۆلچەم قىلىش.
(2) تاماكا، ھاراق، پىۋا، شامپانىيە ۋە باشقا ھەر قانداق خۇمار تۇتقۇزىدىغان، كەيىپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىستېمال قىلىشتىن قەتئىي يىراق تۇرۇش.
(3) زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئەڭ شەپقەتسىز ئالۋاستى ياكى يىرتقۇچ ھايۋان دەپ تونۇپ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىش ۋە ئۇ نەرسىلەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن بېقىش.
(4) دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن دوست بولماسلىق ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
(5) زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى «بىر قېتىملا قىلىپ باقاي»، «بىر سىناپ باقاي» دېگەنگە ئوخشاش شەيتانىي نەيرەڭلەرگە قەتئىي ئالدانماسلىق.
قىمار ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى
1017. سوئال: قىمار دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش بىلەن ئوينىلىدىغان ھەر قانداق ئويۇن تۈرى قىمار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش بىلەن ئوينىلىدىغان كارتا ئويۇنى، ئوشۇق ئويۇنى، ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرى ۋە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىمار ھېسابلىنىدۇ.
قىماردىن تاپقان پۇل شەكسىز ھارامدۇر
1018. سوئال: قىمار ئويناشنىڭ ھۆكۈمى نېمە ۋە قىماردىن تاپقان پۇل ھالالمۇ؟
جاۋاب: قىمار ئويناش خۇددى ھاراق ئىچكەنگە ئوخشاش ھارامدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى قىمارنىڭ ھاراملىقىنى ھاراق ئىچىشنىڭ، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ ۋە پال سېلىشنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. ﴿ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار﴾(460).
قىمار ئارقىلىق تاپقان پۇل قەتئىي ھارامدۇر. ئۇنى خەجلەش خۇددى جازانە قىلىپ تاپقان پۇلنى خەجلىگەنگە ئوخشاش ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ بەدەلسىز كەلگەن پۇلدۇر.
1019. سوئال: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟
قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ بەزى ھېكمەتلىرى
جاۋاب: قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ بەزى ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىشلەش ئارقىلىق يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ رىزقىنى ھالال ئەمگەك بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق تېپىشقا بۇيرۇغان. ھالبۇكى، قىمار ئاللاھ بۇيرۇغان قانۇنىيەت بىلەن زىتلىشىدىغان، قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ سىرتىدا، جاپا تارتماستىن، ئىشلىمەستىن پۇل تېپىشنى چىقىش يولى قىلغان بىر تەييار تاپلىقتۇر.
(2) قىمار تۈرىگە كىرىدىغان پۈتۈن ئويۇنلار ئىنسانلارنى ئىشلەشكە، ھالال رىزىق ئۈچۈن تەر تۆكۈشكە ئەمەس، تەلەي سىناشقا، تاسادىپىيلىق ۋە قۇرۇق ئارزۇلارغا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
(3) قىمار ئويناپ بىراۋنىڭ پۇلىنى ئۇتۇۋېلىش ئۇنىڭ پۇلىنى ھەقسىز ئېلىۋالغانغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى ئىسلام قانۇنى بويىچە، بىراۋنىڭ پۇل – مېلى يەنە بىرسىگە پەقەت سودا – سېتىق يولى بىلەن ياكى ئۆز كۆڭلىدىن سوۋغا قىلىشى بىلەن ياكى سەدىقە قىلىش بىلەنلا ھالال بولىدۇ.
(4) قىمار ئوينىغۇچىلار ئۇتتۇرۇۋەتكەندە، ئاغزى بىلەن رازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بىلەن چىن كۆڭلىدە ئۇتۇۋالغان كىشىگە ئۆچمەنلىك بىلەن ئاداۋەت تۇغۇلىدۇ. زىيان ئاچچىق بولغانلىقتىن زىيان تارتقان ئادەم قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، ئۇتۇۋالغان ئادەمگە يامانلىق قىلىش كويىدا بولىدۇ ۋە ئارىدىكى دوستلۇق بۇزۇلىدۇ.
(5) ئۇتتۇرغۇچى زىياننى قايتۇرۇۋېلىش، ئۇتقۇچى يەنە كۆپرەك ئۇتۇش تىلىكى بىلەن ھەر ئىككىسى قىماردىن باش ئالالمايدۇ. قىمارۋازلار ئاخىرىدا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ موھتاجلىقتا قالىدۇ.
مۇندىن باشقا قىمار ۋاقىتنى ۋە كۈچنى ئىسراپ قىلىدىغان ئويۇن بولغانلىقتىن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپ باي بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قىمارغا باغلىنىپ قالغان ئادەمنىڭ دىنىنى، نومۇسىنى، ۋىجدانىنى، مىللىتىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى سېتىۋېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. شۇڭا قىمار پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن ھارام قىلىنغان. قىمار ئوينىغان كىشى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.
1020. سوئال: لاتارىيە ئويۇنلىرىمۇ قىمار ھېسابلىنامدۇ؟
جاۋاب: ھەر خىل تۈردىكى لاتارىيە ئويۇنلىرى قىمارنىڭ تۈرلىرىدىن بولۇپ، قانداقلا بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇتۇش ۋە ئۇتتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھەر قانداق ئويۇن قىماردۇر. چۈنكى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغان ئادەم ئۇتۇۋالغان تەقدىردە، ئۇ ئۆزى بېلەتكە تۆلىگىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇلنى ھېچبىر مېھنەتسىز قولغا چۈشۈرگەن بولىدۇ. بۇ بىر ھارام. لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ ئۇتالمىغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز ئالغانلىقى يەنە بىر ھارام.



زىنا ۋە ئۇنىڭ خەتىرى
1021. سوئال: زىنا دېگەن نېمە؟
جاۋاب: زىنا — ئۆزىنىڭ جورىسى بولمىغان بىرسى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ ھارام قىلغان ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى زىنادىن قەتئىيلىك بىلەن توسۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار. چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر﴾(461).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. ئوغرىلىق قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ. ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ.»(462)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «كىشى زىنا قىلغان چېغىدا، ئۇنىڭدىن ئىمان چېقىپ كېتىپ ئۇنىڭ بېشىدا كۈنلۈككە ئوخشاش تۇرىدۇ. ئۇ كىشى گۇناھىغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئىمانى ئۇنىڭغا قايتىدۇ.»(463)
زىنانىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
1022. سوئال: زىنانىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: زىنا ـ ئىناق ئائىلىلەرنى پارچىلايدىغان، ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، گۇناھسىز نارەسىدە بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، ئوت يۈرەك ئەرلەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان بىر خىل رەزىل قىلمىشتۇر.
زىنا شۇنچىلىك قەبىھ ۋە رەزىل ئىش بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ جازاسىنى تۆۋەندىكىچە بېكىتكەن:
زىنا قىلغۇچى ئۆيلەنگەن ياكى تۇرمۇشقا چىققان بىرسى بولسا، ئۇنى تاش كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش. ئەگەر ئۆيلەنمىگەن ياكى ياتلىق بولمىغانلاردىن بولسا، ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا، يۈز قامچا ئۇرۇش. ئەر ـ ئايال، باي ـ گاداي، قېرى ـ ياش بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاشتۇر. بۇلار زىنانىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان، ئەقىلنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان سۆزىدە، زىنا قىلىشنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ۋە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر ساناپ، بۇ گۇناھلارنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلىپ قۆشىۋالمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى ئىشلىمەيدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن، ئۇ ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ﴾(464).
زىنانىڭ دەرىجىلىرى بىر خىل ئەمەس
1023. سوئال: زىنانىڭ دەرىجىلىرى بىر خىل بولامدۇ؟
جاۋاب: زىنانىڭ دەرىجىلىرى ئېغىرلىق جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆزىگە دۈشمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان باشقا دىندىكى ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، مۇسۇلمان ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. ناتونۇش مۇسۇلماننىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يىراق قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، يېقىن قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يېقىن قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن مۇجاھىد (ئاللاھ يولىدا جەڭگە چىقىپ كەتكەن كىشى) نىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر، ئەلۋەتتە. ئېرى يوق ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغىنىنىڭ گۇناھى باشقا يات ئاياللاردىن 10 ئايال بىلەن زىنا قىلغىنىدىن ئېغىردۇر.»(465)
بۇنىڭدىن، باشقا دىندىكى ياكى يات ئاياللار بىلەن زىنا قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى يېنىكرەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىپ قېلىش ئىنتايىن خاتادۇر. چۈنكى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغانلار مۇتلەق زىنانىڭ جازاسى بولۇپ، بۇ مۇتلەقلىك ئادەتتە زىنا دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يېنىك بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ باشقىلارغا ھاراملىقى، خۇددى بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئاتىلىرىغا ھارام بولغىنىغا ئوخشاشتۇر. قانداقلا بىر كىشى مۇجاھىدلاردىن ئايرىلىپ قېلىپ، بىرەر مۇجاھىدنىڭ ئايالىغا كېلىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە، بۇ مۇجاھىد ئۈچۈن ئۇنىڭ خىيانەت قىلغۇچىسىدىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ساۋابلىرى بولسا، مەزكۇر مۇجاھىد ئۇنىڭ ساۋابلىرىدىن خالىغانچە ئالىدۇ.»(466)
يۇقىرىقى، زىنانىڭ ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان گۇناھىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرۇن زىنا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئادەتتىكى كىچىك گۇناھلارنى ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ يۈزىسىدىن تەۋبىسىزمۇ كەچۈرىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارنى ھەقىقىي تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرىدۇ.
زىنانىڭ ئىناق ئائىلىلەرنى قانداق پارچىلىغانلىقى، ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنى نەپرەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، قانچىلىغان گۇناھسىز بالىلارنى يېتىم قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان، تەجرىبىلەرمۇ ئۇنى يەكۈنلىگەن بىر بالايىئاپەت ئىكەنلىكى ئوچۇق بىر رېئاللىقتۇر. شۇڭا زىنا ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى دېيىلىدۇ.
مۇندىن باشقا، زىنا مىللەتنىڭ چۆكۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. بىر ھەدىستە: «قانداقلا بىر مىللەتتە زىنا ياكى جازانىخورلۇق ئورتاقلىشىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ.»(467)
ئاللاھ تائالا شۇڭا زىنانى «يامان يول» دەپ تەرىپلىگەن.
زىنادىن چوڭ ئىككى زىنا ۋە ئۇنىڭ جازاسى
1024. سوئال: زىنادىن چوڭ زىنا قايسى؟
جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان، زىنادىنمۇ چوڭ ئىككى زىنا بولۇپ، بىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ ئادىتى بولغان «ئەر بىلەن ئەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى»، يەنە بىرى، «ئايالنىڭ ئايال بىلەن جىنسىي لەززەت ئېلىشى»دۇر. ئالدىنقىسى «لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق» دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىنكىسى «سىھاق – Lesbianism» دەپ ئاتىلىدۇ.
لەۋاتنىڭ جازاسى
1025. سوئال: لەۋاتنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: لەۋات ياكى بەچچىۋازلىق قىلىش ئىنسان تەبىئىتىنى يىرگەندۈرىدىغان، ئەڭ پاسكىنا، ئەڭ يامان قىلىق بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ قىلىق ھەر قانداق بىر مىللەتنى، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنى نابۇت قىلىپ يوق قىلىۋېتىشقا يېتەرلىكتۇر. ئۆز ۋاقتىدا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى مۇشۇ قىلىقنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى يەرنى ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرۈش بىلەن جازالىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «لەۋات قىلغانلارنى تۇتۇۋالساڭلار، قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.(468)
ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنى جازالىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتنىڭ روھىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىگە ئاساسەن، لەۋات قىلغان ئادەم ئىنسانلىقنى، جەمئىيەتنى كىرلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئۇنى تاش – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈش ياكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرۇلۇق ئىختىلاپلاشقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دوزاختۇر!
سىھاقنىڭ جازاسى
1026. سوئال: سىھاقنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: سىھاق ياكى Lesbianism ئىنسانلىق شەنىگە ياراشمايدىغان، پاسكىنا قىلىقتۇر. ئۇ زىنانىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇپ، گۇناھى زىنانىڭ گۇناھىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئايالنىڭ ئايالغا جىنسىي تەرەپتىن كېلىشى زىنادۇر»(469) دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىلىقتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئايالمۇ ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال بىر يوتقاندا ياتمىسۇن»(470) دەپ كۆرسەتكەن.
پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ قىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ۋە زىنانىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاقلاشقان.
سىھاقنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى زىنانىڭ جازاسىدىن ئېغىرراق بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى توغرۇلۇق قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىستە بىر نەرسە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ قامچا ئۇرۇشقا ئوخشاش جازالارنى قوللىنىشى كېرەك، دەيدىغان كۆز قاراشلار بار.
ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
1027. سوئال: ئالدامچىلىق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئالدامچىلىق — ھىيلە- مىكىرلەر بىلەن كىشىلەرنى قاندۇرۇش، قايىل قىلىش، ئىشەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ئالدامچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يات ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان بىر ناچار خۇلقتۇر. ئالدامچىلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلمەكتە. ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بۇيان كەلگەن پۈتۈن دىن، پەلسەپە ۋە يەرلىك قانۇنلارمۇ ئالدامچىلىقنى مەنئى قىلىدۇ ۋە ئالدامچىلارنى سۆكىدۇ.
ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ: «كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»(471) دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ ھەدىس ئالدامچىلارنىڭ گەرچە ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، زاكات بېرىپ ۋە ھاجى بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزلىرىنى مۆمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى «دىن – مۇئامىلە»دۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنسانلارنى دەخلى – تەئەررۇزسىز، بەختلىك ياشىتىشتۇر. ئالدامچىلىق بولسا ئىنسانلارنى زىيان – زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر جىنايەت.
سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى
1028. سوئال: سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ھازىرقى زاماندا ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان جاي بازارلار بولۇپ، سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئۇلاردىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
(1) ساتماقچى بولغان مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىش. مەسىلەن: مېۋە – چېۋە ياكى ئوتياش ۋە ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە، ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداپ ساتقانغا ئوخشاش.
(2) ساتماقچى بولغان ماللىرىغا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداش. مەسىلەن: سۈپەتسىز ماللارغا داڭلىق ماركىلارنى ياكى يەرلىك ماللارغا چەت ئەلنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ ساتقانغا ئوخشاش. بۇنداق قىلىش ئىنسانلارنى ئىككى تەرەپتىن زىيانغا ئۇچراتقانلىق بولۇپ، خېرىدارلارنى ئالداپ ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، يالغاندىن چاپلىۋالغان ماركىنىڭ ئىگىسى بولغان شىركەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئارقىلىق قاتمۇقات ھارامنى يېگەن بولىدۇ.
(3) تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم بېرىش. بۇ سودىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتتىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن (يەنى كاپىرلارنىڭ قاتارىدىن) سانىغان. (بۇ ماۋزۇ «سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى ئىسلام پىرىنسىپى» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى).
(4) خېرىدار ئەمەس بىرىنى خېرىدار ئورنىدا كۆرسىتىپ ئۇنى يۇقىرى باھادا تەلەپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق راستتىنلا ئالىدىغان خېرىدارلارنى ئالداپ سېتىۋېلىش. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «غەرەر» دەپ ئاتىغان ۋە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن مەنئى قىلغان.(472)
(5) چارۋا ماللارنى ساتىدىغانلارنىڭ بۇ ماللارنى سېتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەخسۇس دورىلار بىلەن يالغاندىن سەمرىتىپ، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بويىشى. مۇنداق ئالدامچىلىق بىلەن تاپقان پۇل ھارام بولىدۇ.(473)

ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى
1029. سوئال: ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز – يىگىتنىڭ ئۆزىدە بولمىغان ئارتۇقچىلىقلار بىلەن ياكى كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن قارشى تەرەپنى ئالدىشى بولۇپ، بۇ خىل ئالدامچىلىق بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان يامان ئىشتۇر.
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشى. بۇ مۇئەللىمنى ئالداشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ئالدىغانلىق ۋە ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتۇر. ئىمتىھاننى كۆچۈرۈپ ياكى قايسىبىر ھىيلە بىلەن تاپشۇرۇش ئارقىلىق دىپلوم ئالغانلارنىڭ، دىپلومنى ئوقۇپ، ئىمتىھان بېرىپ ئالماستىن سېتىۋالغانلارنىڭ بۇ دىپلومنى ئىشلىتىپ تاپقان پۇلى شەكسىز ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى ئۇ دىپلومغا ۋە دىپلومدىكى كەسىپنى قىلىشقا لاياقەتلىك ئەمەس. بىرەر كەسىپكە لاياقەتسىز كىشىلەر ئۇنىڭغا لاياقەت بولغانلارنىڭ ئورنىدا ئىش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكى سەۋەبلىك ئىنسانلارنى تۈرلۈك زىيان – زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»(474) دېگەن.
(3) دوستلارنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، ئەر – ئاياللارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ بىر – بىرىدە كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى، خاتالىقلارنى ياكى ئەيىبلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوشۇرۇش ياكى كۆرمەسلىككە سېلىش، ھەتتا ماختاشمۇ بىر خىل ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەز – نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دىن – نەسىھەتتۇر»(475) دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى»(476) بولۇشى لازىملىقىنى جېكىلىگەن.
ئالدامچىلىقنىڭ زىيانلىرى
1030. سوئال: ئالدامچىلىقنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
جاۋاب: ئالدامچىلىقنىڭ زىيانلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيىنى چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالماسلىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»(477) دېگەن مەشھۇر ھەدىسى ئالدامچىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەدىستىكى «بىز» دېگەن سۆز ئىسلام ئۈممىتىگە مەنسۇپ بولغان جىمى مۇسۇلمانلارنى، «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئالدامچىلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدامچىلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا زىيانلىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئالدامچىلىق دوزاخقا كىرىشنىڭ يولىدۇر.
(2) ئالدامچىلىق ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ پەسلىكىگە، ئەخلاقىنىڭ رەزىللىكىگە، ئىمانىنىڭ يوقلۇقىغا دەلىلدۇر.
(3) ئالدامچىلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، بەرىكىتىدىن ۋە مەغپىرىتىدىن ھەمىشە مەھرۇم قالغۇچىلاردۇر.
(4) ئالدامچىلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا شەك بار. چۈنكى ئالدامچىلىقتىن تاپقان پۇل ھارام، ھارام يېگەن ئادەمنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولمايدىغانلىقىدا شەك يوق.
(5) ئۆلىمالار زالىملارنىڭ ۋە كۇففارلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت بولۇۋېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ئالدامچىلىقتىن بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى ئالدامچىلىق بار يەردە، ئىشەنچ بولمايدۇ، ئىشەنچ بولمىغان يەردە، بىرلىك، ئىناقلىق بولمايدۇ، بىرلىك ۋە ئىناقلىق بولمىغان يەردە كۈچ – قۇۋۋەت بولمايدۇ، كۈچ – قۇۋۋەت بولمىغان يەردە ئېزىلىش، بوزەك قىلىنىش، مۇستەملىكە قىلىنىش بولىدۇ.

سېھىر قىلىش ۋە قىلدۇرۇشنىڭ گۇناھى ھەققىدە
1031. سوئال: سېھىر دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سېھىر — ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تەسىر قىلىدىغان، جىنلارنى ئىشقا سېلىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان يوشۇرۇن ئىش دېگەنلىكتۇر. سېھىر ئەر – ئاياللارنى بىر - بىرىگە ئۆچ ياكى ئامراق قىلىش، كىشىلەرگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈش ۋە قەستلەش رولىنى ئوينايدۇ.
1032. سوئال: سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى راستمۇ؟
جاۋاب: سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك دەرد ـ ئەلەملەرگە ۋە كېسەللىكلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمىگىمۇ سەۋەب بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.
سېھىرگەرلەردە ئىمان يوق
1033. سوئال: سېھىرگەرلىك قىلىشنىڭ گۇناھى قانداق؟
جاۋاب: سېھىرگەرلەر ۋە كىشىلەرگە سېھىر ئۆگەتكۈچىلەر شەكسىز كاپىرلاردۇر. پۈتۈن تەپسىرشۇناس ئالىملار قۇرئان كەرىمدىكى ﴿سۇلايمان (سېھىرگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى﴾(478) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە، سېھىر قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ چوقۇم كاپىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېھىرگەرلىكنى ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھ قاتارىدىن سانىغان.
سېھىردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى
1034. سوئال: سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: سېھىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:
(1) ھەر خىل ئاپەتلەر، ئاغرىق ـ سىلاق ۋە خېيىمخەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى، خۇسۇسەن، فاتىھە سۈرىسىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر، ھاللار ۋە جايلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان دۇئالارنى، كۆزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى كۆپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش.(479)
(2) ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئەمەل - ئىبادەتلەرنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ۋە گۇناھ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش.
(3) قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش.
سېھىردىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى
1035. سوئال: سېھىرگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: سېھىرگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شىپا تېپىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) سېھىر قىلىنغان ئورۇن بىلىنسە، ئۇنى شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدىغان يوللار ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاش. بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدۇر.(480)
(2) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇ» دىن«كافىرىين»غىچە) نى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ بىمارغا سۈفلەپ يۈرۈش.(481)
(3) بىمارنىڭ ئاغرىغان يېرىگە قولنى قويۇپ تۇرۇپ، مۇنۇ دۇئالارنى ئوقۇش:
_ «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! دەردكە داۋا، رەنجىمىزگە شىپالىق بەرگىن، ھەقىقەتەن سەن ھەرقانداق ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچىسەن. سېنىڭدىن بۆلەك شىپالىق بەرگۈچى يوق، سېنىڭ شىپايىڭ بىلەن كېسەللىك قالمايدۇ.»(482)
ـ «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاندىن، خەتەرلىك مەخلۇقلاردىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن.»(483)
— «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن.»(484)
كۆزدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن شىپا تېپىش ئۇسۇلى
1036. سوئال: قۇرئان ئايەتلىرى ھەر قانداق دەردكە داۋا بولامدۇ؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق دەردىگە داۋا ۋە كېسەللىرىگە شىپا ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى﴾(485) ، ﴿بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز﴾(486).
قۇرئان كەرىم بىلەن ئىسلامىي دۇئالار مۆمىنلەر ئۈچۈن شىپادۇر
1037. سوئال: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە دۇئا بىلەن شىپا تېپىشنىڭ شەرتى نېمە؟
جاۋاب: كۆز، سېھىر، ئاغرىق ـ سىلاق ۋە باشقىمۇ بالايىئاپەتلەردىن ساقلىنىش ھەمدە ئۇلارغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن شىپا تېپىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھقا قىلىنغان سەمىمىي دۇئالار ئەڭ ياخشى قالقان ۋە ئۈنۈملۈك شىپادۇر. لېكىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتى شۇكى، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن داۋا قىلغۇچى ۋە داۋالانغۇچى ھەر ئىككىسىنىڭ چىن مۇسۇلمان بولۇشى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ سۆزى ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مۆمىنلەر ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپتىن چوقۇم شىپالىق ئىكەنلىكىگە خۇددى ئاسپىرىننىڭ باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك چىن ئىشىنىپ يۈرىكى بىلەن تەستىق قىلىدىغان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. مەلۇمكى، دوختۇرنىڭ دورىسى مۇسۇلمان ـ كۇففار ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاشلا شىپالىق بولىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ شىپاسى مۆمىنلەرگىلا خاستۇر.
1038. سوئال: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئاللاھقا ئېسىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە ماددىي سەۋەبلەرنى ئورۇنلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر ئاغرىقنى ياراتقان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقان. ئاللاھ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان. شۇڭا مۇسۇلمانلار ھەر ئىشتا سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھقا يۆلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى قولدىن بەرمەسلىككە بۇيرۇلغان. ئاللاھقا يۆلىنىش بىلەن سەۋەب ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن قەتئىي ئايرىلماسلىقى لازىم.
1039. سوئال: كۆز تېگىش دېگەن راستمۇ؟
جاۋاب: كۆز تېگىشنىڭ راستلىقى ۋە يامان كۆزلەرنىڭ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىدا ئىسپاتلىنىپ كەلگەن بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر، ئەگەر قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان بىر نەرسە بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم كۆز بولاتتى» دېگەن.(487)
كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى
1040. سوئال: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنلاش، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش ۋە چوڭ ـ كىچىك بارلىق گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش.
(2) قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش.
(3) شەرىئەتتە كۈندىلىك ئوقۇشقا بۇيرۇلغان دۇئالارنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش.
(4) ئۆزىدىن ياكى پۇل ـ مېلىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بىرەرسىدىن خۇشلانغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت تىلەپ «ماشائاللاھ» ياكى«مۇبارەك بولسۇن»دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدە ياكى مال ـ دۇنياسىدا ياكى دىنىي بۇرادەرلىرىنىڭ بىرەرسىدە خۇشاللىنارلىق بىر نەرسىنى كۆرسە، «ماشائاللاھ» دەپ ئۇنى مۇبارەكلىسۇن. چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر.»(488)
(5) كۆز تېگىشتىن قورقىلىدىغانلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىش.
كۆز تەگكەندىن كېيىن شىپا تېپىش چارىلىرى
1041. سوئال: كۆز تەگكەندىن كېيىن ئۇنى قانداق قايتۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: كۆز تەگكەندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇش چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى («ئامەنەررەسۇلۇ»دىن («كافىرىين»غىچە) نى، كۆز ۋە تىلدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ كۆز تەككەن كىشىگە، خۇسۇسەن ئۇنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سۈفلەپ ئوڭ قول بىلەن سىپاش.(489)
كۆز تەككەن كىشى ئەگەر قۇرئان ساۋاتى بار كىشى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆزى ئوقۇغىنى ياخشى.
(2) يۇقىرىقى ئايەت ۋە دۇئالارنى سۇغا ئوقۇپ كۆز تەككۈچىگە ئىچكۈزۈش ۋە ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا چېچىش.(490)



تەۋبە – ئىستىغفار ھەققىدە
1042. سوئال: ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئاللاھقا سېغىنىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە چىن يۈرىكىدىن تەۋبە قىلىشى لازىم.
1043. سوئال: تەۋبە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەۋبە — سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.
1044. سوئال: ئىستىغفار دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئىستىغفار — ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك.
1045. سوئال: گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئۈمىدسىزلىك كۇپرىنىڭ جورىسىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قوۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ﴾(491) دېگەن.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.