Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25

Süzlärneñ gomumi sanı 3533
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى مەھكىمە ئالدىدا ئوغرىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىپ جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان. كۈچلۈك كۆز قاراشقا كۆرە، ئوغرى ئەگەر ئۆز گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلسا، مەھكىمە ئۇنى ئەپۇ قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئەركىندۇر.
942. سوئال: ئوغرىلىقنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى نېمە؟
جاۋاب: بۇ دۇنيادا جازاسىنى ئالمىغان ئوغرى ئاخىرەتتە چوقۇم ئالىدۇ. چۈنكى ئىككى جازا بىرلەشمەيدۇ، يەنى بۇ دۇنيادا جازاسىنى چەككەن ئوغرى ئاخىرەتتە جازالانمايدۇ، بۇ دۇنيادا جازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئادالەتلىك مەھكىمىسىدىن ھەرگىز قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. ئوغرىنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ.
بىراۋغا قارا چاپلاشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ جازسى
943. سوئال: بىراۋغا قارا چاپلاشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھى ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت – نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەر - ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەر - ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (ئۆزلىرى چاپلىغان شۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ﴾(414).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىمكى باشقىلارغا ئەيىب قويۇش ئۈچۈن يوق ئىشنى بار دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغان بولسا، شۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلىپ كەلمىگۈچە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن چىقارمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. يالغاندىن چاپلىغان تۆھمەتنىڭ ھەقىقىتىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولسۇن!
يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئاقىۋىتى
944. سوئال: يالغان گۇۋاھلىق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بىراۋغا ئاساسسىز ھالدا، يالغاندىن تۆھمەت قىلىپ، قىلمىغان ئىشنى قىلدى، دېمىگەن گەپنى دېدى، دەپ قارىلاشتۇر. يالغان گۇۋاھلىق بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ھەق – ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە، گۇناھسىزلارنىڭ قارىلىنىشىغا، گۇناھكارلارنىڭ جازاسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان، كەچۈرۈلگۈسىز ئەڭ يامان جىنايەتتۇر. ئاللاھ تالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن قېچىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن قېچىڭلار﴾(415).
945. سوئال: يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى، يۈز - ئابرۇيى ۋە جېنىغا زامىن بولىدىغان، ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن مۆمىن ئادەم كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشقا يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ: ﴿ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ﴾ دېگەن.
بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى بايان قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ، ساھابىلەردىن: «سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: ”ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرىڭ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى“ دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بىلىڭلاركى، ئەڭ چوڭ گۇناھلار: مەخلۇقاتنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش» دەۋېتىپ، يۆلىنىپ ئولتۇرغان يېرىدىن تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن «دىققەت قىلىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر»(416) دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ.
غەيۋەت، ئۇنىڭ خەتىرى ۋە گۇناھى
946. سوئال: غەيۋەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»(417) دەيدۇ.
بىراۋنىڭ چىراي – شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق نەرسە ھەققىدە ئېيتىلغان يامان سۆزلەر غەيۋەت قاتارىغا كىرىدۇ.
947. سوئال: غەيۋەتخورلۇقنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: سۆز ئېغىردىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز – چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە – پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل — مەنىۋى راكتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾(418) دەپ تەۋسىيە قىلغان.
بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشىتىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىسىز گەپ – سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت – شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
بىر ھەدىستە: «كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەمنى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ» دەپ كەلگەن.
خىيانەت ۋە ئۇنىڭ رەزىللىكى
948. سوئال: خىيانەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: خىيانەت – ساداقەتسىزلىك، سېتىلىپ كېتىش ياكى سېتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى نومۇسسىزلىقتۇر. ئاۋام خەلق خىيانەت قىلىش دېگەننى ئامانەت قويغان نەرسىنى ساقلىماسلىق دېگەن ئاددىي مەنىدىلا چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى چوڭقۇردۇر. خىيانەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ زىيىنى شەخسلەردىن ھالقىپ، پۈتۈن كوللېكتىپ ۋە دۆلەتكىچە بولىدۇ. خائىنلىق كېسىلى قايسى مىللەتتە داۋام قىلسا شۇ مىللەت، شۇ ئەل خاراب بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە خىيانەتچىلىك قىلىشتىن توسقان.
949. سوئال: خىيانەت قىلىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: خىيانەتچىلىك بىر خىل رەزىل قىلمىش. ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور، نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر سادىر قىلىدۇ. خىيانەتچىلىك يامراپ كەتكەن ئەلدە ئادەمىيلىك ۋە ئىنسانىي مېھرى - مۇھەببەت ئۆلگەن بولىدۇ. خىيانەتچىلىك ماددىي نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش ۋە مەنىۋى نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەنىۋى نەرسىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ.
خىيانەت بەكمۇ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىققا ئوخشاش رەزىللىكلەرنىڭ باش رولچىسى خىيانەتتۇر. قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلار بىر - بىرىگە خىيانەت قىلىدىكەن، بۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ يوقىلىدۇ. ئىشەنچ يوقالغان يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئادەملەر بىر - بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئۇششاق – چۈشەك زىددىيەتلەر تۈگىمەيدۇ.
خىيانەتنىڭ تۈرلىرى
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار﴾(419).
بۇ ئايەت خىيانەتچىلىكنىڭ مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنىسىدىن بېشارەت بەرگەن:
(1) خىيانەتنىڭ بىرىنچى قاتلامدىكى مەنىسى ئاللاھقا خىيانەت قىلىش، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىنىڭ پۈتۈن قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىش. بۇ بارلىق خىيانەت تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. چۈنكى قەلبىدە خۇداسى بولمىغان ئادەمنىڭ پەس ۋە چاكىنا ھەۋەسلىرىگە تولغان نەپسىدىن باشقا نېمىسى بولسۇن! مۇنداق ئادەملەردىن تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز يامانلىقلارنى كۈتۈشكە بولىدۇ. جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ساتقۇنلۇق، چېرىكلىك قاتارلىق جىنايەتلەر شۇنداق ئادەملەر تەرىپىدىن سادىر بولماقتا.
(2) خىيانەتنىڭ ئىككىنچى قاتلامدىكى مەنىسى پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلىش بولۇپ، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا جىمى پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بىلەن ئەسلىنىدىغان، ياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى بولغان، ئۈلگىلىك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان قىلىقلارنى قىلغۇچىلار ئۇلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.
(3) خىيانەتنىڭ ئۈچىنچى قاتلامدىكى مەنىسى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشىدۇر. بۇ خىل خىيانەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان رەزىل قىلمىش. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە قويغان ئامانىتى بولىدۇ. بۇ ئامانەت بىر ئېغىز سۆز بولۇشىمۇ ياكى ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددىي نەرسە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەركىم ئۆز ئامانىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئامانەتكە خىيانەت قىلىش تولىمۇ رەزىل ئىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يالغان ئېيتىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ ئالامىتىدۇر»(420) دەپ كۆرسەتكەن.
زامانىمىزدا خائىن سۆزى ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلارنى، ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
زۇلۇم ۋە ئۇنىڭ جازسى
950. سوئال: زۇلۇم قىلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: زۇلۇم قىلىش — ھەقسىزلىق قىلىش، ناھەق ئىش قىلىش دېگەنلىكتۇر.
951. سوئال: زۇلۇم قىلىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلىشنى قاتتىق يامان كۆرىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز ئازابىمىزنى تېتىتىمىز﴾(421).
زۇلۇم يەنى ھەقسىزلىق ھەر تۈرلۈك بولۇپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، زىيانغا ئۇچرىتىش، يامانلىق قىلىش، ھەققىنى يەۋېلىش ۋە باشقىمۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىنىڭ زۇلمەتلىرىدىندۇر»(422) دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى باشقىلارنىڭ يېرىدىن بىر غېرىچ يەرنى ناھەق ئېلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ بوينىغا يەتتە ھەسسىسى ئېسىلىدۇ»(423) دەپ كۆرسەتكەن.
يالغانچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
952. سوئال: يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جازاسى نېمە؟
جاۋاب: يالغان سۆزلەش ئەڭ يامان قىلىق، ناچار ئەخلاق ۋە ئىمانغا زىت كېلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان قەسەم قىلىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاش، چېقىمچىلىق، ساتقۇنلۇق، گۇمانخورلۇق، تارازا - ئۆلچەمدە كەم بېرىش قاتارلىق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ ۋە ئېغىر گۇناھلارنىڭ باش رولچىسى يالغانچىلىقتۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانالسىمۇ، يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى بۇلاردىن چوڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلىۋەرسە، راستچىل بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر ھەرقانداق بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ.»(424)
953. سوئال: يالغان ئېيتىشنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟
جاۋاب: يالغانچىلىق پۈتۈن رەزىللىكلەرنىڭ مەنبىئىدۇر. يالغانچىلىق تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر، ھادىسىلەر، زىيانلار، ئاداۋەتلەر ۋە دەپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يالغانچى ئادەم خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەس بولىدۇ. يالغانچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ ئىسراپخورنى، يالغانچى ئادەمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ﴾(425) دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تىلنى سۆز قىلىشقا ياراتقان، بىراق قىزىل تىلنىڭ ئۇستىخىنى يوق. نېمە دېسە سۆزلەۋېرىدۇ. ئىنسان تىلىنى كونترول قىلمىغاندا ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ.
مۇسۇلمان يالغان سۆزلىمەيدۇ
954. سوئال: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم يالغان سۆزلەمدۇ؟
جاۋاب: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كۈنى ”مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟“ دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ”مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟“ دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە ”مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟“ دەپ سورالغىنىدا، «ياق، مۇمكىن ئەمەس»(426) دەپ جاۋاب بەرگەن.
955. سوئال: قانداق شارائىت ئاستىدا يالغان سۆزلەشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: يالغان سۆزلەش قەتئىي توغرا ئەمەس، پەقەت قىسمەن ئەھۋالدا يالغان گەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل يالغان سۆزلەش پەقەت زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش، ئاداۋەتلىك كىشىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن رول ئوينايدىغان يالغان سۆز بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان ئادەم يالغانچى ئەمەس»(427) دەپ كۆرسەتكەن.
شۇنداقلا، جەڭلەردە دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن يالغان ئېيتىشقا بولىدۇ.
سۆزىدە تۇرماسلىق كېسىلى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى
956. سوئال: سۆزىدە تۇرماسلىق دېگەن قانداق ئىللەت؟
جاۋاب: سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: «مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.
957. سوئال: سۆزىدە تۇرماسلىقنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: ﴿ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە) ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر﴾(428) دەپ كەلگەن.
958. سوئال: قانداق قىلغاندا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئادەم بولغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىنساننىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇن! ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر – قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ.
ئۆچلۈك، ئاداۋەت ساقلاشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
959. سوئال: ئۆچلۈك، ئاداۋەت ساقلاشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋىتى بار؟
جاۋاب: ئۆچلۈك ناچار ئەخلاقلاردىن بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم كۆڭلىدە بىراۋغا قارشى ئۆچ – ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سۆيۈنىدۇ. بېرەر كىشىگە زىيان يەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە قايغۇرىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدىغان بولسا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەخت – سائادەتتىن ئورتاق ھۇزۇر ئالغان ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ – مۇھەببەت ئورتاقلاشقان بولار ئىدى.
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان پەس ئەخلاقلار ۋە ناچار قىلىقلار بار بولۇپ، دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ مەنبىئىنى بىلەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ سەۋەبى پەقەتلا بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەت ساقلاشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش قاتتىق ئۆچلۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر جىنايەت بولۇپ، ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئازار بېرىشتەك پاسسىپ تەسىرى زور بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە ئەڭ قەبىھ جىنايەت سانىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىشىپ كېتىشى توغرا ئەمەس»(429) دەپ كۆرسەتكەن.
ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿مەدىنىلىكلەردىن ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئەتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ”پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن“ دەيدۇ﴾(430).
كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش رەزىللىك
960. سوئال: كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشنىڭ گۇناھى قانداق؟
جاۋاب: كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا ئەيىب قويۇش شۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىك ۋە پەسلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار﴾(431). ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە رۇخسەتسىز قارىسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتسىمۇ بولىدۇ.»(432)
961. سوئال: كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدىكى مەخپىيەتلىكنى قوغداشنى مۇقەددەس بىلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ يۈرۈشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ يۈرمەڭلار، كوچىلاپ يۈرمەڭلار». كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يېپىش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ ياپسا، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
كىشىلەرنىڭ مەخپىي پاراڭلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشتىن قاتتىق توسۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنىڭ پارىڭىنى ئوغرىلىقچە تىڭشايدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن تۆكۈلىدۇ.»(433)
كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ گۇناھى
962. سوئال: مەسخىرە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مەسخىرە — كىشىلەرنى زاڭلىق قىلىش، ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە كۈلكە پەيدا قىلىش تېمىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قەبىھ ئەدەپسىزلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۆمىنلەر! بىر قوۋم يەنە بىر قوۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قوۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قوۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن﴾(434).
963. سوئال: كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى قايسى؟
جاۋاب: كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئىمانسىزلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن:﴿كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى، مۆمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى﴾(435)
كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئۆز ئارىدىكى دوستلۇقنى دۈشمەنلىككە، ئىناقلىقنى بۆلۈنۈشكە، بىرلىكنى پارچىلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان رەزىل خۇلۇق بولۇپ، نىقابلانغان مەغرۇرلۇقتۇر. كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغانلار ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغانلاردۇر.
كۆرەلمەسلىك مەنىۋى ئاغرىقتۇر
964. سوئال: كۆرەلمەسلىك قانداق خۇلۇق؟
جاۋاب: كۆرەلمەسلىك ئۆچ – ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان قەبىھ روھىي ھالەت بولۇپ، قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. كۆرەلمەسلىك ئۆزى ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مال – مۈلۈك، ھوقۇق – مەنسەپ، ئىلىم – ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىشتۇر. جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر بۇ دۇنيادىن ئىبارەت قىسقىغىنا ھاياتلىق سەھنىسىدە بىلىپ – بىلمەي بۇ خىل رەزىللىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. دوست بۇرادەرلىرى، قۇلۇن – قوشنىلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئازغىنا مال- مۈلكىگە، كىچىككىنە ھوقۇق – مەنسىپىگە كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ. مۇنداقلار باشقىلارنىڭ شادلىقىدىن غەمكىن بولىدۇ، ئەلەم تارتىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن زەخمەت چېكىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار! بىر – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار! يۈز ئۆرۈشمەڭلار، سىلە – رەھىم قىلىشىشنى تەرك ئەتمەڭلار، بەلكى ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن بولغان ھالدا ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار»(436) دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆرەلمەسلىكتىن ساقلىنىڭلار، خۇددى ئوت ئوتۇن ياكى ئوت – چۆپنى يېگەندەك كۆرەلمەسلىك ياخشى ئەمەللەرنى يەپ كېتىدۇ»(437)
گەپ توشۇش ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىسلىق ئاقىۋەتلىرى
965. سوئال: گەپ توشۇش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: گەپ توشۇش — بىراۋنىڭ باشقا بىر كىشى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ۋە مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرىدىغان شەكىلدە شۇ كىشىگە يۆتكەش دېگەنلىكتۇر.
966. سوئال: گەپ توشۇشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: گەپ توشۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خۇلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر – بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، بىرلىك بۇزۇلىدۇ، ئىناق ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر- بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەتتا گەپ توشۇش سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىدا، گەپ توشۇغۇچىلار، پىتنە- ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قاتتىق سۆكۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئەڭ يامان بەندىلىرى گەپ توشۇغۇچىلار، دوست- بۇرادەرلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىغۇچىلار ۋە گۇناھسىز ئادەملەرنى ئەيىبلىگۈچىلەردۇر»(438).
گەپ توشۇشنىڭ يەنە بىر چوڭ زىيىنى شۇكى، گەپ توشۇغۇچىلار ئاخىرەتتە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلسىمۇ، جەننەتكە كىرمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گەپ توشۇغۇچىلار جەننەتكە كىرمەيدۇ»(439) دېگەن.
967. سوئال: بىراۋ گەپ توشۇپ كەلگەندە نېمە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: گەپ توشۇپ كەلگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئېنىقلىماستىن ئىشەنمەسلىك لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ تەلىم بېرىدۇ: ﴿ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قوۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار﴾(440).
كىشىلەرگە لەقەم قويۇش ئەدەپسىزلىك
968. سوئال: كىشىلەرگە لەقەم قويۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: كىشىلەرگە قانداقلا بىر لەقەمنى قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىنى، يۈز – ئابرۇيىنى قوغداش دىنىي زۆرۈرىيەتتۇر.
969. سوئال: كىشىلەرگە لەقەم قويۇشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلىرى بار؟
جاۋاب: كىشىلەرگە لەقەم قويۇش ياكى ئۇلارنى ئۇلار يامان كۆرىدىغان لەقەملەر بىلەن چاقىرىش، ئاتاش ئەڭ يامان ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، مۇنداق قىلىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بارچە يېقىنلىقلارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىلىقتىن ئالاھىدە توسۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار﴾(441).
ھاياسىزلىق-ئىمانسىزلىقتۇر
970. سوئال: ھاياسىزلىق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ھاياسىزلىق — گۇناھ، يامان ئىشلارنى ھېچكىمدىن تەپ تارتماستىن ياكى خىجىل بولماستىن قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ھاياسىزلىق ئىمانسىزلىق بىلەن باراۋەر يامانلىقتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى بىر پۈتۈن نەرسە. ئۇلارنىڭ بىرى يوقالسا، ئىككىنچىسىمۇ يوقىلىدۇ»(442) دېگەن. يەنە ئۇ:«ھايا ياخشىلىقتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ»(443) ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ھاياسىزدا ئىمان يوق» دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن.
شەرم-ھايا ۋە نومۇسلۇق بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى
971. سوئال: ھايالىق بولۇش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ھايالىق بولۇش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان توغرا مىزان. ئۇ بىزگە شۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ ۋە ئەدەپ – ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق بىر دىننىڭ ئەخلاقى باردۇر، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى – ھايادۇر.»(444) سىز بىر ئادەمنىڭ تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى ياكى تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ قويغان ۋاقىتتا چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئويغاق، ئەسلىنىڭ پاك، تەبىئىتىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. شۇنداقلا بىرەرسىنىڭ پەس، گۇناھ ئىشلارنى ھايا قىلماستىن قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ئالغان – قويغىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ قولىدىن ياخشى ئىش كەلمەيدىغان كۆڭلى قارا، يۈزى قېلىن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.
972. سوئال: شەرم – ھايا ۋە نومۇسلۇق بولۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
جاۋاب: شەرم - ھايا ۋە نومۇس ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇل تېمى. قىسقىسى ئىماننىڭ پوستى شەرم – ھايا ۋە نومۇستۇر. پوستى سويۇۋېتىلگەن دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك شەرم – ھايا ۋە نومۇستىن ئايرىلغان ئىنسانمۇ ئىمانىي خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ۋىجدان بولسا ئىچكى نومۇستۇر. بىر ھەدىستە: «ئادەم بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا تۆت جەۋھەر بار. ئۇلار: ئەقىل، دىن، ھايا ۋە ياخشى ئەمەل. بۇ تۆت جەۋھەرنى يوقىتىدىغان تۆت نەرسە بار: ئەقىلنى غەزەپ يوقىتىدۇ. دىننى كۆرەلمەسلىك يوقىتىدۇ. ھايانى تەمەخورلۇق يوق قىلىدۇ. ياخشى ئەمەلنى غەيۋەت بىكار قىلىۋېتىدۇ» دەپ كەلگەن. شەرم – ھايا بىلەن نومۇسچانلىق ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى بېيىتىپ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن گۈزەللىكتۇر.
973. سوئال: ھاياسىزلىقنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
جاۋاب: ئىمان بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك ئالاقە بولۇپ، قەلبنى پاكلاش، ئەخلاقنى توغرىلاش، ھەرىكەتنى دۇرۇسلاش قاتارلىقلار بۇ بۈيۈك ئالاقىنىڭ تەلىپى، بەلكى ئۇنىڭ تۇنجى ئىزناسىدۇر. قەلبنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، خاتالىقلار ۋە پەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغۇچە بۇ تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماسلىق تەدرىجىي ھالدا گۇناھلارنى قىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىماننىمۇ يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنى ئەڭ پەس ۋە تۆۋەن ئورۇندا كۆرىدۇ. مانا بۇ، ھاياسىزلىقنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدۇر.
گۇمانخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرى
974. سوئال: گۇمانخورلۇق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: گۇمانخورلۇق — كىشىلەردىن شەكلىنىش، ئۇلار ھەققىدە يامان خىياللارنى ئويلاش دېگەنلىك بولۇپ، باشقىلاردىن سەۋەبسىز ئاغرىنىپ، كېيىن بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە «مۇنداق بولارمىكىن، ئۇنداق قىلارمىكىن، ئېتەرمىكىن» دېگەندەك قوشۇمچىلار بىلەن گەپ قىلىشمۇ گۇمانخورلۇقتۇر. بۇ سۆزنى ئىككىنچى بىر كىشى راست قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان يالغانچىلىقمۇ گۇمانخورلۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان بىلەن قىلىنغان سۆز سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر»(445) دەپ كۆرسەتكەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئى مۆمىنلەر! كۆپ گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر﴾(446).
ۋاپاسىزلىقنىڭ رەزىللىكى ۋە ۋاپاسىزلىق تۈرلىرى
975. سوئال: ۋاپاسىزلىق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ۋاپاسىزلىق — ئىشەنچنى يەردە قويۇش، كۈتكەن يەردىن چىقماسلىق ۋە تۇز كورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت نامەردلىك بولۇپ، ۋىجدانسىز، ئىمانسىز ۋە ئەدەپ- ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان ئادەملەر قىلىدىغان رەزىل قىلىقتۇر.
976. سوئال: ۋاپاسىزلىقنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ۋاپاسىزلىقنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ۋە ئىنئاملىرىغا تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلىشتىن باش تارتىش، بۇيرۇغانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن باشلاپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېمەسلىك، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش، ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش، مۇندىن باشقا قانداقلا بىر ياخشىلىقىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرماسلىق قاتارلىقلارغىچە بېرىپ يېتىدۇ.
شۇنداقلا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمۇ ۋاپاسىزلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن: ئىلگىرى نامرات بولۇپ ھازىر ئاللاھ بايلىق بەرگەن بولسا، ئىلگىرى كېسەلچان بولۇپ، ھازىر ساقلىققا ئېرىشكەن بولسا، خۇددى ھېچقاچان نامرات بولمىغاندەك، ئاغرىپ يېتىپ باقمىغاندەك مەغرۇرلىنىشى، نامراتلارنىڭ ۋە كېسەلچانلارنىڭ ھالىغا يەتمەستىن ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشىشى تولىمۇ يامان ۋاپاسىزلىقتۇر.
977. سوئال: ۋاپادارلىق قىلىشتا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋاپادارلىق ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى ۋە رەڭگىدىن قەتئىينەزەر ئومۇم بولۇشى لازىم. چۈنكى پەزىلەت دېگەن پارچىلانمايدىغان بىر پۈتۈن نەرسە، ئادەمنىڭ بەزى كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇپ، يەنە بەزى كىشىلەرگە رەزىل ۋە سۆزىدە تۇرمايدىغان بولۇشى توغرا ئەمەس. قىلىنغان ۋەدە، تۈزۈلگەن كېلىشىم قانداقلا كىشى بىلەن بولسۇن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش شەرتتۇر. ھەقىقىي دىيانەتلىك توغرا ئادەم ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئۇلارنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى سەۋەبلىك ئايرىم مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بەلكى ھەممىگە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ياخشىلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان ياخشىلىقتۇر. شۇنداقلا يامانلىق كىمگە قىلىنمىسۇن، ئۇ ھامان يامانلىقتۇر.
چېقىمچىلىق، ئۇنىڭ خەتەرلىرى ۋە جازاسى
978. سوئال: چېقىمچىلىق دېگەن نېمە؟
جاۋاب: چېقىمچىلىق — بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر - ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ قارشى تەرەپكە ئاڭلىتىش يالغانچىلىقى بولۇپ، ئادەتتىكى گەپ توشۇشتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق رەزىل مەقسەتلەر ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق چېقىمچىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى بۇزۇق، روھى كېسەل، بىپەرۋا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
979. سوئال: چېقىمچىلىقنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى — چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئىشەنمەسلىكتۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى ئاڭلىتىپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ»(447) دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ زىيىنى ۋە گۇناھى
980. سوئال: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش — ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلىغانلىقتىن، ئۆزىدە ئاز – تولا بار بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى تولىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە غادىيىش دېگەنلىكتۇر.
981. سوئال: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ زىيانلىرى قايسىلار؟
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.