Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22

Süzlärneñ gomumi sanı 3549
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
جاۋاب: مىراس مەسىلىسىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى بىۋاسىتە بەلگىلەپ، كىمنىڭ قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان بالىلىرىغا مىراستىن كۆپرەك بېرىشى ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بالىلىرىنى مىراستىن مەھرۇم قىلىشى ياكى شۇنداق قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرۇشى ئاللاھ توسقان ھارام ئىشنى قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە قارشى چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا مۇنداق ھەقسىزلىقنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئىسلام قانۇنىدا، ئۆلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسى ھەققىدە قالدۇرغان ۋەسىيىتى بىكاردۇر. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمايدۇ. ئەمما ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدىكى باشقا ماۋزۇدىكى ۋەسىيەتلىرى بولسا يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا مىراس قانۇنى ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(317).

نەسەبنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى
884. سوئال: نەسەبنى قانداق ساقلاش كېرەك؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ نەسەبى ئۇنىڭ كىملىكىدۇر. شۇڭا ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى قوغداشقا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن باشقا بىرىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىپ، نامىنى ئۆزىگە قارىتىپ بېقىۋېلىشنى مەنئى قىلغان. ئەمما بىراۋ بىر بالىنى بېقىۋالماقچى بولسا، ئۇنى ئۆز ئاتىسىنىڭ نامى ۋە نەسەبى بىلەن ئاتىشى شەرت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، يېتىم بالىلارنى ياكى يولغا تاشلىۋېتىلگەن ئىگىسى يوق بالىلارنى ياكى يېتىمخانىلاردىكى ئىگىسىز بالىلارنى ئۆز نەسەبىگە قوشۇۋالماسلىق شەرتى بىلەن بېقىۋېلىپ، تەربىيىلەپ، ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئەلۋەتتە تولۇق بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن يېتىمنى باققان كىشى بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداقمەن»(318) دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئايرىپ كۆرسەتكەنلىكىمۇ ئەنە ئاشۇ مۇكاپاتنىڭ بېشارىتىدۇر.
ئاتىنىڭ بالىسىغا تېنىشى دۇرۇس
885. سوئال: ئاتىنىڭ بالىسىغا تېنىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھىدا بولغان ئايالى تۇغقان بالىنى «مېنىڭ بالام ئەمەس» دەپ تېنىشى يوللۇق ئەمەس. پاكىتسىز ھالدا، ئۆز بالىسىدىن تانغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار ئادەمدۇر. ئەگەر ئايالىنى «بۇ بالىنى باشقىسىدىن تاپقان» دەپ قارىلىماقچى بولۇپ، قارىلاشتا دەلىل - ئىسپاتى بولماستىن، پاكىتسىز ھالدا قارىلاپ يۈرگەن بولسا، مەسىلىنى سوتقا سۇنىدۇ. سوتتا ئىسلامدىكى «لەنەتلىشىش» ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ، ئەر - ئايال ئىككىسىنى ئايرىۋېتىدۇ ۋە بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ بېرىدۇ. «لەنەتلىشىش» ئۇسۇلىنى قۇرئان كەرىم مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن، بەشىنچى قېتىمدا: ‹ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن› دېسۇن، ئايالمۇ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا: ‹ئەگەر ئېرىم راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن› دېسە، جازاغا تارتىلمايدۇ.»(319)
ھازىرقى زاماندا، تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، بالىنىڭ دادىسىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى. مەسىلەن: دادا - بالا ھەر ئىككىسىدىن ئانالىز (DNA) ئېلىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۇنىڭغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
886. سوئال: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش — ئۆز ئېرى بولمىغان بىر ئەرنىڭ سپېرمىسىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ رەھمىگە (بالىياتقۇسىغا) يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھامىلە بولۇش دېگەنلىكتۇر.
سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ھاراملىقى
887. سوئال: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش زىنادىن بالا تېپىشنىڭ تەرەققىي قىلغان زامانىۋى تۈرى بولۇپ، قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى مەزمۇنى، نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئېرى بولمىغان يات ئەردىن بالا تاپقانلىقتىن تاشقىرى نەسىلنى بۇزۇشتۇر. مىسىرنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ شەلتۇت ئۆز ۋاقتىدا، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ زىناغا ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكىگە پەتىۋا بەرگەن.(320)
بالىلارنىڭ ئاتىسىدىن تېنىشى دۇرۇس ئەمەس
888. سوئال: بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ باشقىسىغا مەنسۇپ بولۇۋېلىشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىرىگە ئۆزىنى مەنسۇپ قىلىۋېلىشى ئىسلامدا چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئاتىسىدىن تېنىشنى ئاللاھ ۋە جىمى خەلقنىڭ لەنىتىگە ھەقلىق بولغان ئەڭ ئېغىر گۇناھلاردىن بىرى دەپ تونۇغان ۋە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز ئاتىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىسىنى ئاتام دەۋالىدىكەن، جەننەت ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ»(321).
ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنىڭ گۇناھى ۋە جازاسى
889. سوئال: ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: پەرزەنتلەر تەرىپىدىن ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويىدىغان ياكى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى ئاتا - ئانىلارنى قاقشاتقانلىقتۇر. ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
890. سوئال: ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. كىشى قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىپ، ئاللاھقا شۇنچە سادىق بولسىمۇ، ئاتىسىنى ياكى ئانىسىنى قاقشاتقان ئىكەن، ئۇ، ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنىڭ جازاسىدىن خالىغىنىنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ، پەقەت ئاتا ـ ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مۇشۇ دۇنيادىلا ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ.»(322)
ئاتا - ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ گۇناھى توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئىسلام نەزىرىدە ئەڭ كەچۈرۈلمەس، ئېغىر گۇناھ شېرىك بولسا، شېرىكتىن كېيىنلا ئاتا - ئانىسىنى قاقشىتىشنىڭ گۇناھى كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا (يەنى شېرىك كەلتۈرمەستىن) ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى﴾ يەنى ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ ئاۋۋالقى ئىش — ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن، ئۇنى بىر بىلىپ ئىبادەت قىلىش بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنلا بۇيرۇلغان تەكلىپ ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت سانالسا، ئاتا ـ ئانىنى قاقشىتىشمۇ شۇنچىلىك ئېغىر گۇناھى كەبىرىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھالاك قىلغۇچى يەتتە چوڭ گۇناھتىن قېچىڭلار. ئۇلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، غازاتتىن قېچىش، ئاتا - ئانىنى قاقشىتىش ۋە ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان چاپلاش»(323) دەپ كۆرسەتكەن.


ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ھارام ئىشلار
ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ياكى گۇناھ – مەسىيەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا، پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك ئېتىش ۋە ھارامنى ھالال ئورنىدا قوللىنىش كېلىدۇ. پۈتۈن گۇناھلارغا ۋە يامانلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل مانا مۇشۇ ئىككىسىدۇر. بۇ ئىككىسىگە رىئايە قىلغان ئادەم كۆپلىگەن گۇناھلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.
ئومۇمىي ھاياتتا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:
1. كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا چەكلەنگەن ئىشلار
2. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گۇناھى
3. ئەر - ئايال ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار
4. ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قوۋملارگە ئوخشىتىۋېلىشنىڭ گۇناھى ۋە تۈرلىرى
5. ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە چەكلەنگەن ئىشلار

كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا چەكلەنگەن ئىشلار
891. سوئال: ئىسلام دىنى گۈزەل كىيىنىشكە قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەندەك، چىرايلىق، يارىشىملىق، ئېسىل ۋە گۈزەل كىيىنىشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىياپىتى، كىيىمى، يۈرۈش- تۇرۇشى خۇددى ئۇنىڭ قەلبىگە ئوخشاش پاكىز، ئېسىل، چىرايلىق بولۇشى لازىم. گۈزەللىك پاكىزلىقتىن كېلىدۇ. شۇڭا پاكىزلىق مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ھەددىدىن ئارتۇق بۇزۇپ چېچىپ، ئىسراپ قىلماستىن ۋە بەكمۇ ئاددىي كىيىنمەستىن نورمال دەرىجىدە كىيىنىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەكمۇ ئاددىي كىيىنگەن بىر ئادەمگە: «ئاللاھ ساڭا مال – مۈلۈك بەرگەن ئىكەن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى – كەرەمىنىڭ ئىزناسى سەندە كۆرۈنسۇن»(324) دېگەن
تۇرمۇشتا قوللىنىش ھارام بولغان نەرسىلەر
892. سوئال: تۇرمۇشتا قوللىنىش ھارام بولغان نەرسىلەر قايسىلار؟
جاۋاب: تۇرمۇشتا قوللىنىش ھارام بولغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:
(1) ئەرلەر ئۈچۈن يىپەك بىلەن ئالتۇن ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىغا يىپەكنى، سول قولىغا ئالتۇننى ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككىسى ئۇممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى»(325) دەپ كۆرسەتكەن.
ئالتۇن بىلەن يىپەكنى ئەرلەرنىڭ قوللىنىشىنىڭ ھارام قىلىشىنى بۇ ئىككىسىنىڭ ئايال جىنسىنىڭ زىننەتلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپى يۈزىسىدىن بولسا كېرەك.
(2) ئەر - ئايال پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان قاچىلارنى قوللىنىش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن - كۈمۈش قاچىلاردا يەپ- ئىچكۈچىلەر جەھەننەم ئوتىنى قورسىقىغا كىرگۈزگەن بولىدۇ»(326) دېگەن.
(3) مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ھەيكىلى ياكى سۈرىتى تاقالماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇنداق قىلىش كاپىرلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان پەرىشتىلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە كىرىشىدىن توسۇلۇشىنى شۇ ئۆيدە سۈرەت ياكى ھەيكەل بولغانلىقىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىچىدە سۈرەت ياكى ھەيكەل بار ئۆيگە پەرىشتىلەر كىرمەيدۇ»(327).
ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋېلىشى دۇرۇس ئەمەس
893. سوئال: ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋېلىشى دېگەن قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالچە، ئايالنىڭ ئەرچە كىيىنىشى ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋالغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھكار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشتىن، يىپەك ۋە ئايالچە بويالغان كىيىملەرنى كىيىشتىن توسقان»(328) دېگەن.


ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ گۇناھى
894. سوئال: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەن زىننەتلىنىشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ شەكىلنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق قىلىشنى ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ئەمەلىي دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى شەيتان مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن﴾(329).
895. سوئال: قانداق ئىشلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش سانىلىدۇ ؟
جاۋاب: تۆۋەندىكىلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ:
(1) بەدەنگە گۈل ۋە سۈرەت چېكىش، چىشنى ئىنچىكىلىتىش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈل چەككەن ۋە چەكتۈرگەن، چىش ئىنچىكىلەتتۈرگەنلەرگە لەنەت قىلغان.»(330)
(2) قاشنى ئىنچىكىلىتىش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاش تەرگۈزگەن ئاياللارغا لەنەت قىلغان»(331).
(3) چاچ ئۇلاش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بىر چاچنى ئۆزىنىڭ چېچىغا ئۇلىغان ۋە ئۇلاتقان ئايالغا لەنەت قىلغان»(332).
ئەرلەرنىڭمۇ چاچ ئۇلىشى ۋە ئۇلىتىشى، شۇنداقلا شۇنداق چاچ ئۇلايدىغان ساتىراشخانىلاردا ئىشلىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر. چاچ ئۇلاش ياكى ئۇلىتىشتىن توسۇشنىڭ ھېكمىتى ئالدامچىلىققا ۋە ھىيلە – مىكىرگە يول قويماسلىق پىرىنسىپىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىمال.
(4) چاچ بوياش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشانغان كىشىلەرنى چېچىنى قارا بويىۋېلىشتىن توسقان.(333) چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆزى چېچى ئاقىرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن كىشىنىڭ چېچىنى قارا بويىۋېلىشىغا بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىقتىن يىراقتۇر.(334)


ئەر – ئايال ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار
896. سوئال: بىر - بىرىگە يات ئەر - ئايال جىنسلار ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: بىر - بىرىگە يات ئەر - ئايال جىنسلار ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:
(1) يات ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە تىكىلىپ قارىشى. بۇ شەھۋانىي قاراش بولۇپ، زىنانىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كۆزمۇ زىنا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىناسى شەھۋانىي قاراشتۇر»(335) دېگەن.
(2) ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان شەكىلدە ئوچۇق كىيىنىشى ۋە تار، نېپىز، قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾(336).
ئەۋرەت ۋە ئۇنىڭ چەك-چېگرىسى
897. سوئال: ئەۋرەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئەۋرەت — ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېمەكتۇر.
898. سوئال: ئاياللارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا ئورگانلىرىدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كەڭ، ئازادە ۋە ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشى، يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا ئەزالىرىنى يېپىپ يۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ناماز ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ ئەۋرەت ئورگانلىرىدىن بىرەرسى ئېچىلىپ قالسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ، ۋاقتىدا قايتىلىشى كېرەك بولىدۇ.
ئەمما تېخى ئادەت كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن نارەسىدە قىزلارنىڭ نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدىكى نورمال ۋاقىتلاردا بولسۇن، بەزى ئەۋرەت ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمۇ بۇزۇلمايدۇ.
مەھرەم ۋە نامەھرەم ئۇقۇملىرى
899. سوئال: مەھرەم دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: مەھرەم — مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. نامەھرەم — بۇلارنىڭ ئەكسى، يەنى يات كىشىلەردۇر.
ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئەر تۇغقانلىرىدۇر. ئۇلار: شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بوۋىلىرى، تاغىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۆگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئاچا - سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر.
ئەركىشىنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرىدۇر.
(3) نامەھرەم بىلەن يالغۇز قېلىش. ئەر ياكى ئايال ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ جورىسى ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان يات بىرى بىلەن خالىي يەردە يالغۇز قېلىشى ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان ھارام ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم مەھرىمى يېنىدا بولمىغان يات ئايال بىلەن خالىي بىر يەردە يالغۇز قالمىسۇن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»(337).
(4) بىراۋنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا قاراش. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىراۋنىڭ باشقا بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى مۇتلەق ھارامدۇر. پەقەت ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە ۋە پۈتۈن ئورگانلىرىغا قارىشى دۇرۇستۇر.
(5) ھاياسىز فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەخلاقسىز سۈرەتلەرگە قاراش، تېلېۋىزور كونتروللۇقىنى قولدىن بېرىش. نامەھرەملەرگە قاراش ھارام بولغان يەردە، بەزى فىلىملەردىكى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا قاراپ لەززەتلىنىش، ھاياسىز رەسىملەرگە قاراپ تاماشا قىلىش، تېلېۋىزور قاناللىرىنى كونتروللۇقىدا تۇتۇپ، نورمال فىلىملەردىن باشقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى چەكلەنمەستىن مۇتلەق قويۇۋېتىش ئەلۋەتتە چوڭ ھاراملاردىن بىرى ۋە ئىنساننىڭ قەلب كۆزىنى خىرەلەشتۈرىدىغان گۇناھتۇر. ئائىلە باشلىقى بولغان ئاتا بىلەن ئانا بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىپ، گۇناھ ئىشلىشىنى توسۇشى لازىم. شۇنداق قىلمىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنىڭمۇ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ جازاسىنى چېكىدۇ.
(6) ئاياللار كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، ئايال دوختۇرلارغا بېرىش ئىمكانىيىتى بار بولغان شارائىتتا، ئاياللارنىڭ ئەر دوختۇرغا بېرىشى. چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئىككى يات كىشىنىڭ يالغۇز بىر يەردە بولۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەر قانداق ئادەم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئايال دوختۇر بولمىغاندا ياكى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئەر بولامدۇ، ئايال بولامدۇ قايسىبىر دوختۇرغا بېرىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدىكى «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارغا يول قويىدۇ» دەيدىغان ئومۇمىي پىرىنسىپ بۇ ئىشقا يول قويىدۇ.
(7) ئاياللارنىڭ ئەر ساتىراشقا، ئەرلەرنىڭ ئايال ساتىراشقا بېرىپ چاچ كەستۈرۈشى ياكى ياسىتىشى. يات ئايالنىڭ يات ئەرگە، يات ئەرنىڭ يات ئايالغا تىكىلىپ قارىشى ھارام بولغان يەردە، ئۆزىنىڭ جورىسى بولمىغان بىرىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، چېچىنى ياسىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر. بۇنىڭدا زۆرۈرىيەت ياكى ئۆزۈر بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار ئۈچۈن ئايال ساتىراش، ئەرلەر ئۈچۈن ئەر ساتىراشلار تېپىلماي قالمايدۇ. ھەمدە چاچ ياسىتىش ياكى كەستۈرۈش جىددىي ئەھۋالمۇ ئەمەس، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا قىلغىلى بولىدۇ.
(8) ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالدا سەپەرگە چىقىشى. مۇسۇلمان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى بىلەنلا چىقىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايال كىشىنىڭ بىر كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىگە مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ چىقىشى ھالال بولمايدۇ»(338) دېگەن.
مەھرىمى يوق ئايال سەپەرگە چىقىش مەسىلىسى
900. سوئال: مەھرىمى يوق ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولسا قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: ئېرى ياكى مەھرەم بولالايدىغان يېقىن تۇغقىنى بولمىغان ئايالنىڭ ھەج، ئۆمرە، سودا - سېتىق، ساياھەت قاتارلىق يوللۇق سەپەرلەرگە چىقىش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. ئەڭ توغرا قاراش شۇكى، مەھرىمى بولمىغان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا، ئىشەنچلىك ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقسا بولىدۇ.
ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك، ئىبنى سىرىن، ئەۋزائىي قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار مەھرىمى يوق ئايالنىڭ پەرز ھەج ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئەر – ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەپەرگە چىقسا بولىدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى پەرز ھەج ئۈچۈن يول قويۇلغان ئىكەن، گۇناھ ئىشلەش مەقسەت قىلىنمىغان بارلىق سەپەرلەرگە يول قويۇشقا بولىدۇ، دېگەن پەتىۋانى بەرگەن.(339)
(9) زىنا قىلىش. دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ زىنانى ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەسىردە تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. چۈنكى زىنا دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئەڭ زىيانلىق بىر ئاپەت بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ساقايمايدىغان نىجىس كېسەللىكلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا زىنادىن توسۇشتا: ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر﴾(340) دەپ كۆرسەتكەن(341).


ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قوۋملارغا ئوخشىتىۋېلىش تۈرلىرى
901. سوئال: ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئوخشىتىۋېلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مەيلى كىيىنىشتە بولسۇن، مەيلى ئىش – ھەرىكەتلەردە بولسۇن، مەيلى ھەر قانداق بىر ئىشتا بولسۇن مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى دوراش ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشىتىۋالغانلىقتۇر.
مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئىشلار
902. سوئال: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن ئۆگىنىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر. ئۇنى نەدىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر»(342) دېگەن.
ئەرەب تىلىدىكى «ھېكمەت» سۆزى «توغرا ئىش، توغرا سۆز ۋە پايدىلىق ئىلىم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلىمنى ۋە ھۈنەر – كەسىپنى نەدە بولسا تېپىپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھېكمەت مۇسۇلمان ئەمەس قوۋملاردە، ھەتتا مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ياۋۇز كاپىرلاردا بولسىمۇ، ئۇنى ئېلىپ ئۆگىنىش پەرزدۇر. چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھەققىدۇر. مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ پەن – تېخنىكىسىنى، ئىلىم - ماھارىتىنى، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان روھىنى ئۆگىنىش زۆرۈردۇر.
مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى دوراشنىڭ چەكلىنىدىغان تەرەپلىرى
903. سوئال: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى قايسى تەرەپتىن دوراش چەكلىنىدۇ؟
جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە، مۇسۇلمانچە ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئادەتلىرىنى دوراش چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق قىلىشتىن توسۇپ ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قوۋمغا ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قوۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ.»،(343) ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىتىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس.»(344)
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى «باشقىلار» ۋە «باشقا بىر قوۋم» سۆزلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەس قوۋملار مەقسەت قىلىنغان. زامانىمىزدا ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قوۋملارگە ئوخشىتىۋېلىش ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
قەبىرلەرنى قاتۇرۇش
قەبىرلەرنى قاتۇرۇش، باشقا دىندىكىلەرنىڭ قەبرىلىرىگە ئوخشىتىپ قۇرۇپ چىقىش. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپ كېلىدىغان يامان ئىشتۇر. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قەبرە پەقەت بىر غېرىچ (تەخمىنەن22.5 سانتىمېتىر) ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ قەبرە ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە تونۇپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى بىر غېرىچ مىقدارىدا كۆتۈرۈلگەن.»(345)
تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش
تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش ئادىتى خرىستىئان ئەقىدىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەڭ مۆتىۋەر ئىبادەت ساناپ خاتىرىلەيدۇ.
يېڭى يىلنىڭ كىرىشى ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۇن خوشاللىق ئەمەس، بەلكى غەمكىنلىك بولىشى كېرەك. چۈنكى ئۆمۈردىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خوشاللىق ئەمەس. ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنسانلىق نامىمغا لايىق نېمە قىلدىم؟ قانداق ياخشى ئىشلارنى بېجىردىم؟ ئىنسانىيەتكە نېمە مەنپەئەت يەتكۈزەلىدىم دەپ ھېسابلىشىش ۋاقتى. بۇ قانداقمۇ بايرام بولسۇن؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىشىلەر قەدرىگە يېتەلمەيدىغان ئىككى چوڭ نېمەت بار: بىرى ۋاقىت يەنە بىرى تەن ساقلىقى»(346) قېنى ئويلاپ بېقىڭ بۇ نېمە دېگەن توغرا ئېيتىلغان ھەدىس؟! نان يەپ قاچا بىكار قىلىدىغان، كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن پەرقى بولمىغان بىلەن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئورۇنباسارى دەپ بىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سوئال ئاددى ئەمەستە!
ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى
ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى 02-14كۈنىدە خرىستىئان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا يولۇققان خرىستىئان پوپ داي ۋالىنتاين(day valentine) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن خرىستىئانلار پەيدا قىلغان، ئەسلىدە رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىئانلىرى بۇ ئادەتنى بايرام شەكلىدە داۋاملاشتۇرماقتا.
يىل بېشى بايرىمى(مىلادى بايرىمى)
يىل بېشى بايرىمى ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن خرىستىئانلار يولغا قويغان بىر دىنىي بايرام بولۇپ، ئۇنىڭ پائالىيىتى خرىستىئانلارنىڭ بىر- بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىشى، يېشىل دەرەخنى تىكلەش، ئائىلە بويىچە خوشاللىق تەنتەنىسى قىلىش، نوۋېل پاپانىڭ تەقلىدىنى ياساش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. ( چۈنكى Xmas) سۆزى گرېكچىدىكى خرىستوس(Xpіотоς) سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خرىستىئانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىبى بىلەن كاتۇلىك مەزھىبى 25 دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىبى يانۋارنىڭ 7- كۈنىنى قارارلاشتۇرغان.
220- مىلادىيە يىلىغىچىلىك خرىستىئانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسا تەۋەللۇدىنىڭ 29- يىلى 25 مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33- يىلى 3- ئاپرىل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14 – ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، كونىستانتىن 25- دېكابىرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن. چۈنكى رىملىقلار خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى 25- دېكابىر كۇنىدە ” قۇياش ئىلاھى“ سانىلىدىغان «بول ئىنفىكتوس» نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەت خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
مۇندىن باشقا، ئانىلار بايرىمى، ئەر – ئاياللارنىڭ توي كۈنىنى خاتىرىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا باشقا دىندىلەردىن كىرگەن ئادەتلەر بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇلارنى دورىشى چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بۇ ھۆكۈمدە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. بىرەر ئۆلىمانىڭ يۇقىرىقى بايراملاردىن بىرەرسىنىمۇ جائىز سانىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار»(347) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دورىماڭلار، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلماڭلار، ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنى ئوخشاتماڭلار دېگەنلىك بولۇپ، مۇشرىكلارغىلا خاس ئەمەس. ھەدىستە «مۇشرىك» سۆزىنىڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار ئەسلىدە مۇشرىكلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مۇشرىكلىك مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كوپرەك مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
ئىسلام ئۇممىتى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئەڭ ئىلغار بىر دىن بىلەن شەرەپلەنگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە ئېرىشكەن بىر خەلقتۇر. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئەقىدىسىدە، پىكىر يۆنىلىشىدە، ئەخلاقىدا، يۈرۈش – تۇرۇشىدا ۋە جىمى ئىشلىرىدا مۇسۇلمانغا خاس ئۆزگىچىلىكلەر كۆرۈنىشى تولىمۇ زۆرۈر. ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە ئەنئەنىۋىي پائالىيەتلىرى، مۇراسىملىرى ۋە ھېيت - ئايەملىرى باشقىلارنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان، بەلكى ئۇلارنىڭكىدىن ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئېشىپ چۈشىدىغان ئېسىل ئەنئەنىلەردۇر.
بىراۋ ئۆزىنى ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرۇپ، ھەتتا بەزىدە كىشىلەر بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، باشقىلارنىڭ ”مۇسۇلمان ئەمەسمۇ سەن“ دېگەن سوئالىغا ئويلىنىشقا بىر سكونتمۇ ھاجەت بولماستىن دەرھاللا” ئەلھەمدۇ لىللا مۇسۇلمان“ دەپ جاۋاب بېرىدىغان، مۇنداق سۆزلەرنى ھاقارەت دەپ قوبۇل قىلىدىغان تۇرۇپ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئادەتلىرىنى دورىسا، دورىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ دىنىي ئادەتلىرىنى دورىسا(تەقلىد قىلسا)، بۇنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ ئۇ ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقى يالغانمۇ ياكى ئۇ ئادەم ئېتىقاد قىلغان دىن يېتەرسىزمۇ؟ ياكى ئۇ ئادەم ئىختىيارسىز ھالدا مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلامدۇ؟ يا كى ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىننىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى بىلمەمدۇ؟ بىلمىسە ئۆگىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن شارائىتلار ھازىر ئەمەسمۇ؟ خۇسۇسەن پۈتۈن مەلۇماتلار تورلاشقان بۇزاماندا ”ئۆگىنەلمىدىم“ دېيىش ئۆزۈر بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدە بار جەۋھەرنىڭ قەدرىنى بىلمەستىن، ھەمىشە كەمسىنىپ يۈرگەنلىكتىن ۋە باشقىلارنى دوراشقا ماھىرلىقىدىن بۈگۈنكى كۈنگە قالغان. ئۆزۈڭنى قەدىرلىمىسەڭ سېنى باشقىلار قانداق قەدىرلەيدۇ؟ سەنمۇ ئۆزگىچىلىكىڭنى نامايان قىلساڭ باشقىلار ئادەتلىرىنى ساڭا تېڭىش ئەمەس، بەلكى سەندىن ئۆگىنىشكە، سېنىڭ دىنىڭ ئىگە بولغان ئېسىللىكلەردىن بەھرى ئېلىشقا تىرىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ «بىر ئادەمنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن ھىدايەت تاپقانلىقى سېنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن ياخشىلىقلاردىن ئەۋزەل»(348).
خرىستىئانلارنىڭ كرېسماس بايرىمى ئىبادەت خاراكتېردىكى ئادەت. ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىشتىكى خوشاللىقىنى بىز بىرگە تەنتەنە قىلساق ئۇلار بىلەن ئىبادەتتە ئىشتىراك قىلغانلىق بولمامدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ ئىبادەت خاراكتېرلىق پائالىيىتىنى قوللىغانلىق بولمامدۇ؟ بىر مۇسۇلمان ئادەم باتىل بىر دىننىڭ ئىبادەت خاراكتېردىكى ئادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلسا ياكى ئۇنى قوللاپ بىرگە تەنتەنە قىلسا ياكى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوشاللىق ھېس قىلسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ قايسى دىن ۋە قايسى ئەقىل بۇنى دۇرۇسلايدۇ؟
بەلكى، سىز ”بۇنداق بايراملارنى قىلىش ئىبادەت قىلىمەن دەپ قىلغان ئىش ئەمەس، دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت خوشاللىقنى ئىپادىلەيدىغان ئادەتقۇ؟ “دېيىشىڭىز مۇمكىن. دەيمىزكى، مۇسۇلمان ئادەم نىيىتىنى توغرىلىسا، ھەر ئىشنى ”ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن“ دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلسا، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئىبادەت بىلەن ئۆتكەن بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ھاياتى ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى بولىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن شۇنى تەلەب قىلىدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىي بىلەن ئىپتىخار ھېس قىلىدىغان، دىنىنى ۋە دىنىي ئۆزگىچىلىكلىرىنى ھەر زامان قوغدايدىغان، باشقا باتىل دىنلاردىن ۋە ئۇ دىنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ. بىر ئادەم مەسجىدتە مۇسۇلمان، ئائىلىدە خرىستىئان ياكى كوممۇنىست بولسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ باشقىلارنىڭ ئىبادەت خاراكتېرلىك ئادەتلىرىنى دورىغان ياكى ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن خوشاللىق ھېس قىلغان ئادەم شۇلار بىلەن بىللە چوقۇنغان بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى ئۆزىنى بىر قوۋمغا ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قوۋمنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ»(349) دېگەنلىكى تاشقى قىياپەت جەھەتتىكى دوراشنىلا ئەمەس، ئىش – ھەرىكەت، ئېتىقاد، مۇئامىلە قاتارلىق پۈتۈن ئىشلاردىكى دوراشنى مەقسەت قىلغان.
ھالبۇكى، باشقا دىندىكىلەر سىزنى دورامدۇ؟ ياكى سىزنىڭ دىنىي پائالىيەتلىڭىزنى قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە دورىمايدۇ. چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىن باتىل بولسىمۇ ئۆز دىنىنى قوغداش يولىدا بارلىقىنى ئاتايدۇ، ھەتتا جېنىنىمۇ پىدا قىلىدۇ، ئۆز دىنىغا ھۆرمەت قىلغانلىقتىن باشقا دىنلارنىڭ ئادەتلىرىنى دورىمايدۇ. بىز نىمە ئۈچۈن ئۆز دىنىمىزنى ھۆرمەتلىمەيمىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىگەنلىكىمىز ئەمەسمۇ؟!
خرىستىئانلار يىل بېشى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ يىلدا بىر قېتىم ئىسا ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلىسە، مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى ھەر يىل، ھەر ئاي، ھەر كۈن ۋە ھەر ۋاقىت خاتىرىلەيدۇ. قىسقىسى مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامازلىرى سايىسىدا، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە 11 قېتىم خاتىرىلەيدۇ.(350) مۇندىن باشقا ھەر نامازدىن كېيىنكى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىكى دۇئالىرىدا، ھەرخىل دىنىي پائالىيەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەنە دۇرۇد ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن ياخشى خاتىرىلەش بولامدۇ؟! مۇسۇلمانلار يەنە ئىسا، مۇسا ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە دۇرۇد ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا بولغان ئىمانىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى مەدھىيىلەيدۇ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئىمان بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ.
خرىستىئانلار ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى ئارقىلىق سۆيگەنلىرىنى يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلىسە، مۇسۇلمانلار سۆيگەنلىرىنى ھەر كۈنى ۋە ھەر ۋاقىت خاتىرىلەيدۇ. «مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارىغىنىڭدا (پېقىرلارغا)سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى تاپىسەن»(351)، «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى بولغانلاردۇر»(352)، «چىرايلىق سۆزدە سەدىقىنىڭ ساۋابى بار»(353)، «كىمكى ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى خوشال قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا بۇ خوشاللىقتىن شۇنداق بىر ئىنسانلارنى يارىتىدۇكى، ئۇلار شۇ كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالادىن سورايدۇ»(354) دېگەن ھەدىسلەر مۇسۇلمان ئادەمنى كۈندىلىك ھايتىدا، ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىدىن باشلار ياخشى كۆرىدىغان ھەر قانداق كىشىسىگە ئۆزىنىڭ سۆيگىسىنى چىرايلىق سالام، تەبەسسۇم، ياخشى سۆز، گاھ سوۋغات ۋە ئۇلار خوشال بولىدىغان ھەر قابداق نەرسىلەر بىلەن نامايان قىلىپ تۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.
خرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ بايرام كۈنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆيگەنلىرىگە يىل ئىچىدە بىر قانچە قېتىملا سوۋغا تەقدىم قىلسا، مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشقا بۇيرۇلغان. «بىر بىرىڭلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىشىڭلار! ئۆز ئارا مۇھەببىتىڭلار ئاشىدۇ»(355) دېگەن ھەدىس بۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.