Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21

Süzlärneñ gomumi sanı 3559
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئەگەر ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان بىر نەرسە بېرەر خەتەرلىك كېسەل ئۈچۈن دورا بولۇپ، مۇئەييەنلەشسە، ئۇنىڭغا ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان دورىدىن باشقا ھېچقانداق دورا پايدا قىلمايدىغان بولسا — مۇنداق بولۇشىغۇ ناتايىن، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا ھاراق قوشۇلغان شۇ دورىنى ئىشلىتىشنى مۇسۇلمان، دىندار، ئىشەنچلىك ۋە ئۇستا بىر دوختۇر بۇيرۇغان تەقدىردە، ئىسلام دىنىنىڭ «ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تاللاش كېرەك» دەيدىغان ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېھتىياجغا قاراپ ئىنتايىن تار دائىرىدە بولۇش شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ(289).
ئەمدى بۇيەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن، بىز دۇرا شركەتلىرىدىن سېتىۋالىدىغان دورىلارنىڭ بەزىسىگە ھاراق ياكى ئىسپېرت قوشۇپ ياسالغان دورىلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلايمىز، بۇ دورىلارنى سورىماستىن ئىشلەتكەن يەردە، ئۆزىمىز زۆرۈر كەلگەندە ھاراق ياكى ھاراق ئارىلشتۇرۇلغان دورىلار بىلەن داۋالانساق بولمامدىكەن؟
بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق، بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالا بىزنى ھاراق ئىچىشتىن، ھاراق سودىسى قىلىشتىن ۋە ھاراق بىلەن داۋالىنىشتىن توسقان. بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ توسقانلىرىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلدۇق. ئىككىنچىدىن، ھاراق باشقا نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۆز خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتسە، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: فىقھى كىتابلىرىدا:” سۈيدۈك بىلەن تېزەك پاسكىنا ۋە ھارام نەرسىلەردۇر. ئەمما سۈيدۈك قۇرۇپ تۇزغا ئايلانسا، تېزەك كۆيۈپ كۈلگە ئايلانسا، بۇ ئىككىسى پاك ماددىلارغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ھالالغا ئايلىنىدۇ“ دەپ قەيت قىلىنغان. ياۋروپا پەتىۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ 2005- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى چىقارغان قارارىدا:«ھاراقتىن ياسالغان ئاچچىقسۇنى ئىچىش ھالالدۇر. چۈنكى ھاراق ئاچچىقسۇغا ئايلىنىش بىلەن ئۆزىدىكى ھاراقلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ»(290)دېگەن پەتىۋانى ئېلان قىلغان

ھايۋان ۋە قۇشلاردىن ھالال ۋە ھاراملار
845. سوئال: ھالال ۋە ھارام پەرقى نەدىن كەلگەن؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆزى پاك، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تەرەپلەرگە زىيىنى يوق، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى بار ۋە پاكىز نەرسىلەرنى يەپ – ئىچىشنى بۇيرۇپ، ئۇلارنى ھالال دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدەك ئۆزى پاسكىنا، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تەرەپلەرگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى يەپ – ئىچىشتىن توسقان ۋە مۇنداق نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئاتىغان.
ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلاردىن يېيىش ھالا ۋە ھارام بولغانلىرى
846. سوئال: ھايۋانلار نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
جاۋاب: ھايۋانلار قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە سۇ ھايۋانلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىمۇ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
847. سوئال: سۇ ھايۋانلىرىدىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:﴿سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى﴾(291). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېڭىز ۋە دەريا توغرۇلۇق: «ئۇنىڭ سۈيى پاك، مەھسۇلاتى ھالالدۇر»(292) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىس بېلىق ۋە ھەر قانداق سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدە سۇ ھايۋانلىرىدىن بېلىقتىن باشقىسى ھالال دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەممىنى ھالال دەپ قارايدۇ.
848. سوئال: ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئومۇمەن، پاكىز ۋە پاك نەرسىلەرنى يەپ ئۆسكەن، يارىتىلىشىدا يىرتقۇچلۇق ۋە يىرگىنىشلىك بولمىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر. مەسىلەن: قوي، ئۆچكە، كالا، تۆگە، ئات، توشقان، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ مۈلكى بولۇش ياكى باشقىسىنىڭ بولسىمۇ يېيىشكە رۇخسەت قىلغان بولۇش ۋە مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان بولۇش شەرتى بىلەن يېيىش ھالالدۇر.
849. سوئال: ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟
جاۋاب: ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئېشەك، قېچىر، چوشقا، ئىت، مۈشۈك، چاشقان، كىرپە ۋە باشقىمۇ گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى، ھاشاراتلارنى يېيىش ھارامدۇر. شۇنداقلا، كالا ۋە قويغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ياكى بوغۇلۇپ ئۆلگەن ياكى باشقا ھايۋانلار ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئېگىزدىن يېقىلىپ ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ يەپ قويغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر.
850. سوئال: ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئورمانلىقلاردا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆكەن، زېبرا، تاغ تېكىسى ياۋا توشقان، كېيىك، زىراپە ۋە باشقىلار قاتارلىق يىرتقۇچ بولمىغان ھايۋانلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلتۈرۈش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.
851. سوئال: ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟
جاۋاب: يارىتىلىشىدا يىرتقۇچلۇق ياكى يىرگىنىشلىك بولغان، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆسمىگەن ياكى پاكىز نەرسىلەرنى يېيىش بىلەن بىرگە پاسكىنا نەرسىلەرنىمۇ يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. مەسىلەن: شىر، ياۋا چوشقا، بۆرە، پىل، مايمۇن، ئېيىق، يىلپىز، چىلبۆرە، قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەرگەن چىشى بار يىرتقۇچ ھايۋانلار.
قۇشلاردىن يېيىش ھالال ۋە ھارام بولغانلىرى
852. سوئال: قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: قۇشلاردىن قۇشقاچ، قارا قۇشقاچ، كەكلىك، بۆدۈنە قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولمىغان قۇشلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلتۈرۈش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.
853. سوئال: قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟
جاۋاب: قۇشلاردىن بۈركۈت، قۇرغۇي، ھۇۋقۇش، لاچىن، قارچىغا قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. شۇنىڭدەك، زەھەرلىك يىلان، چايان، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك ۋە بۇلارغا ئوخشاش ھاشاراتلارنى يېيىشمۇ ھارامدۇر.
854. سوئال: دىنىمىزدا گۆشى يېيىلىدىغان ماللار نېمىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەڭ شەرەپلىك قىلىپ ياراتقان. مۇنداق بىر شەرەپلىك ئىنساننىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىمۇ شەرەپلىك بولىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىز پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يارىتىلىشىدا يىرگىنىشلىك، يىرتقۇچلۇق ۋە پاسكىنىلىق بولغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى ئىنسانلارغا لايىق ئەمەس. دىنىمىز بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىنسانلارغا لايىق كۆرمىگەن ۋە يېيىشنى ھارام قىلغان.

ئوۋ ئوۋلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
855. سوئال: ئوۋ دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئوۋ — قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ھايۋانلىرىنى قايسىبىر ئۇسۇل بىلەن تۇتۇۋېلىش دېگەنلىكتۇر.
856. سوئال: قانداق ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ؟
جاۋاب: ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتا ئېھرامدىن چىقىپ بولماي تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ. مۇندىن باشقا قايسىبىر ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاشقا بولىدۇ.
ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى
857. سوئال: ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئوۋلىغۇچىنىڭ ئەقىل – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولۇشى.
(2) ئوق ئاتقاندا ياكى ئوۋلىغۇچى ھايۋاننى ئوۋغا قويۇۋەتكەندە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ «بىسمىللا، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش.
(3) ئوۋلايدىغان سايمان، ھايۋان بولمىسا، تېرىنى تېشىپ ئۆتىدىغان تىغلىق نەرسە بولۇشى. ئەگەر ئوۋلاشتا ئىشلەتكەن سايمان ھاسا ياكى تاشقا ئوخشاش نەرسىلەردىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئوۋلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر. شۇنداقتىمۇ جېنى چىقىپ بولمىغان ھالدا ئۆلتۈرۈۋالغان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.
(4) ئوۋ ئوۋلاشتا كۆندۈرۈلگەن ئوۋچى ئىت بىلەن باشقا ئىتلارنىڭ ھەمكارلاشماسلىقى لازىم. چۈنكى ئوۋنى قايسىسىنىڭ تۇتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئىسمى قايسىسىغا ئاتالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئەگەر ئىتىڭنىڭ يېنىدا باشقا بىر ئىتنى كۆرگىنىڭدە، ئوۋلانغان ھايۋان ئۆلگەن بولسا، ئۇنى يېمە. چۈنكى سەن قايسىسىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيسەن»(293) دەپ كۆرسەتكەن.
(5) ئوۋچى ئىت ئوۋلىغان نەرسىسىدىن يېمىگەن بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئوۋغا قويۇپ بېرىلگەن ئىت تۇتقان نەرسىسىدىن يېگەن بولسا، ئۇنى سەن يېمە. ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن تۇتقان بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئوۋلىغان نەرسىسىدىن يېمىگەن بولسا، ئوۋلىغان نەرسىنى يېسەڭ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىگىسى ئۈچۈن تۇتقان بولىدۇ»(294) دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ﴿ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار﴾(295) دېگەن.


ئېتىقاد مەسىلىلىرىدىكى ھاراملار(چەكلەنگەن ئىشلار)
1. ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ
2. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار
3. ئىسلامنى ياكى قۇرئاننى ياكى پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش
4. پالچىلارنىڭ ۋە رامچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنىڭ گۇناھى
5. شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار
858. سوئال: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟
جاۋاب: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقىسىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ﴾(296).
چۈنكى ئاللاھ تائالا يېگانە ئىلاھ، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىنىڭ ئىگىسى، ھەممىنى باشقۇرغۇچى ۋە يالغۇز خوجايىنىدۇر. ئاللاھ ھېچكىمگە، ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ھېچكىمنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ ياراتقان بەندىلەرنى ۋە ھەر قانداق بىر مەخلۇقاتنى ئاللاھقا ئوخشىتىش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىقتۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ ھەقسىزلىقتۇر﴾(297) دەپ ئېلان قىلىنغان. مۇنداق بىر ھەقسىزلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزەپلەنمەسلىكى، نەپرەتلەنمەسلىكى ۋە بۇنداق ھەقسىزلىقنى قىلغان ئادەمنى جازالىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىق شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان سۆز – چۆچەكلەرنى ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۇلارنى سادىر قىلغانلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىنتىقام ئالغان يەردە، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، كاتتىلارنىڭ كاتتىسى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۈستۈن شەنىگە، ئىلاھلىق ماقامىغا، ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە لايىق كەلمەيدىغان بۇ چوڭ گۇناھنى كەچۈرمەسلىكتە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر!
859. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش - ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلاردىن قايسىبىرىنى ئاللاھقا ياكى ئاللاھنىڭ خاس سۈپەتلىرىدىن بىرىگە ئوخشىتىش دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئېتىقاد، ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ۋە دۇئالاردا ئاللاھقا باشقا بىرسىنى شېرىك قىلىپ قوشۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئاللاھنى ئەڭ قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان يامان ئىشتۇر.
860. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1) دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھتىن باشقىمۇ بەزى باشقۇرغۇچىلار بار، دەپ ئېتىقاد قىلىش.
(2) ئۆلۈكلەرنى (مەيلى ئۇلار پەيغەمبەر بولۇپ كەتسۇن، مەيلى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسۇن) كىشىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، ھاجەتلەرنى راۋا قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش.
(3) ئاللاھقا ۋە ئاللاھقا خاس سۈپەتلەرگە باشقىلارنى ئوخشىتىش. مەسىلەن: ئەۋلىيا، قۇتۇپلار، پالچىلار ۋە رامچىلار، سېھىرگەرلەر ئاللاھتىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى (غەيىبنى) بىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش.
(4) ئۆلۈكلەردىن، دەرەخلەردىن ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلەش ۋە ئۇلاردىن كېسەللەرگە شىپالىق سوراش، پەرزەنت ۋە بەرىكەت تىلەش، شۇنداقلا مەيلى تىرىك بولسۇن، مەيلى ئۆلۈك بولسۇن، ئاللاھتىن باشقا بىراۋنى تەبىئىي سەۋەبلەرنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش.
(5) ئاللاھتىن باشقا بىرسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش، يەنى ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلارنىڭ ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز، دېگەن ئېتىقاد بىلەن، ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، نەزىر ـ چىراغ ئۆتكۈزۈش، ھەتتا مازارلارغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئاتاپ مال كېسىش.
(6) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش. ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم ئەمەلىيەتتە قەسەم ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى قەسەم ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىدىن بىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا قىلىنىدۇ.
(7) ئىبادەت مەقسىتى بىلەن مازارلارنى تاۋاپ قىلىش. چۈنكى تاۋاپ قىلىش پەقەت بەيتۇللاھتىكى «كەبە» گىلا خاستۇر. بەيتۇللاھتىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلغان كىشى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ئالدىنقى تۆتىدىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ، بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ئەمەل ـ ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، قايتا ئىمان ئېيتىشى لازىم كېلىدۇ. ئەمما ئاخىرقى ئۈچىدىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، ئىماندىن چىقمايدۇ، باشقا ئەمەللىرىمۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ.
861. سوئال: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قەتئىي قول ئۈزۈپ، قايتا ئىمان ئېيتىش ۋە گۇناھلىرىغا ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋبە قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداق قىلغانلارنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
پال سېلىش ۋە غەيبتىن سۆزلەش
862. سوئال: پال سېلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: پال سېلىش — كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلار ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەر ھەققىدە يالغاندىن خەۋەر بېرىش دېگەنلىكتۇر. پال بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ غايىبنى بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىدىغان كاززاپلار بولۇپ، ئالىقانغا، چىنىگە ئوقۇش، كارت ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار پالچى، رەمچى ۋە داخان دېگەن تۈرلۈك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ.
863. سوئال: غەيب دېگەن نېمە؟
جاۋاب: غەيب — ھېسسىي ئورگانلار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان، مېتافىزىكا ئالىمىگە ئائىت ئىشلاردۇر. غەيىبلەرنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاسمان ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلمەيدۇ﴾(298).
سېھىرگەرلىك قىلىش
864. سوئال: سېھىرگەر، رەمچى ۋە پالچىلارغا ئىشىنىشنىڭ گۇناھى نېمە؟
جاۋاب: رەمچىلەرنىڭ، پالچىلارنىڭ، چىنىغا، ئالىقانغا ئوقۇيدىغانلارنىڭ، كارت ئاچىدىغانلارنىڭ ۋە بۇلارغا ئوخشاش غايىبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئالدامچىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئەڭ چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەيبتىن سۆزلىگەنلىرىگە ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى داخان، رەمچى ۋە پالچىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ» دېگەن.(299)
يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورايدىكەن ۋە پالچىنىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئىشىنىدىكەن، ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ.»(300)
پالچىلارغا ئىشەنگەن ئادەم كاپىر بولغان يەردە، پالچىلىقنى قىلغانلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق.
ئىسلام دىنىنى مەسخىرە قىلىش
865. سوئال: دىننى مەسخىرە قىلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: دىننى مەسخىرە قىلىش — ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقەددەسلەرگە تىل ئۇزىتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنىنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ياكى ئوچۇق سۆزلەش.
(2) قۇرئان كەرىمنى ئادەتتىكى كىتابلارغا ئوخشىتىش ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق.
(3) كۇففارلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنى ئادەتتىكى ئىنسان قاتارىدا كۆرۈش.
(4) ئىسلام جازا قانۇنىدىكى ئىبرەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بەزى جازالارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئەيىبلەش.
866. سوئال: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: ‹بىز (راستتىن ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق› دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) ‹سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟“ دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايمىز﴾(301)
شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار تۈرى
867. سوئال: تۇمار ئېسىش شېرىككە كىرەمدۇ؟
جاۋاب: تۇمار ئېسىشنىڭ شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىمۇ ۋە كىرمەيدىغانلىرىمۇ بار. بۇنىڭغا بىنائەن، تۇمار ئېسىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغىنى، يەنە بىرى، كىرمەيدىغىنى بولۇپ، رۇخسەت قىلىنغىنى.
868. سوئال: شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار قايسى؟
جاۋاب: پەرىشتىلەرنىڭ، ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلارنىڭ، جىنلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ (ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ) ئىسىملىرى ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز تىلسىملار يېزىلغان تۇمارلارنى ئېسىش ۋە يېزىشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا ئىسلام ئالىملىرى ھەممە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن ئۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ»(302) دېگەن سۆزى مۇشۇ تۈردىكى تۇمارنى كۆرسىتىدۇ.
869. سوئال: رۇخسەت قىلىنغان تۇمار قايسى؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىدىن يېزىلغان تۇمارلارنى بالاغەتكە يەتمىگەن نارەسىدە بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىشقا بولىدۇ. ئەمما چوڭلارنىڭ تۇمار ئېسىشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى چوڭلار ئايەتلەرنى تۇمار قىلىپ ئاسماستىن ئۆزلىرى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان.
870. سوئال: تۇمار ئاسماستىنمۇ بالايى ـ قازالاردىن ساقلىنىش چارىلىرى بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. تۇمار ئېسىشقا ھاجەت بولماستىنمۇ، بالا ـ قازالاردىن ۋە يامان كۆز، يامان تىللارنىڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ياخشى چارىلىرى بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ: ‹يارەسۇلەللاھ! مېنى كېچە يىلان چېقىۋالدى› دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئەگەر سەن ئاخشام ياتىدىغان ۋاقتىڭدا ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن› دەپ دۇئا قىلغان بولساڭ ئىدى، ساڭا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتمىگەن بولاتتى› دېدى»(303).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە، ساھابىلىرىگە تەلىم بېرىپ: «سىلەر ئاخشاملىرى يېتىشتىن بۇرۇن ‹ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، شەيتانلارنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىدىن ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن›(304) دەڭلا، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بالا ـ قازالاردىن ساقلىنىسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى ياتاق جايىغا بارغىنىدا، ئىككى ئالىقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاچقىنىچە، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئالىقانلىرىغا سۈفلەپ بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن ھەممىلا يېرىنى ئىككى ئالىقىنى بىلەن سىلاپ چىقاتتى، سىلاشنى ئاۋۋال بېشى بىلەن يۈزىدىن باشلايتتى ۋە ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن سىلايتتى»(305).
871. سوئال: دەم سېلىش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: كېسەللەرگە، ھەتتا ساق كىشىلەرگىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن دەم سېلىشقا بولىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى مۇنۇ ئۈچ شەرت بىلەن دەم سېلىشنى جائىز(دۇرۇس) دەپ قارايدۇ:
(1) دەم سېلىشتا پەقەت قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىلا ئوقۇلۇشى،
(2) سېلىنغان دەمنىڭ ئەرەب تىلىدا بولۇپ، مەنىسى چۈشىنىشلىك بولۇشى،
(3) دەم ئۆزلۈكىدىن تەسىر قىلماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەنلا تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت.
ئائىلە ھاياتىدا چەكلەنگەن ئىشلار
1. قىز ـ ئوغۇللارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاش
2. مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى
3. مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىش
4. ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
5. قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش
6. ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش
7. ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش
8. ئەر – خوتۇنلۇقنىڭ سىرلىرىنى يېيىش
9. ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى( ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىش
10. بالىنىڭ ئاتىسىغا تېنىشى
11. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش
12. بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى تاشلاپ باشقىسىغا مەنسۇپ بولۇۋېلىشى
13. بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش
14. ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش

قىز ـ ئوغۇللارنىڭ ئۆزلىرىگە لايىق تاللاشتىكى ئەركىنلىكى
872. سوئال: قىز ـ ئوغۇللارنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى قىز - ئوغۇللارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بولمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ رايىنى ۋە ئىختىيارىنى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلىرىدىن قىلىپ بېكىتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «چوكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار» ساھابىلەر يا رەسۇلەللاھ! قىزلار ئۇياتچان كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز رايىنى سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قارشىلىق بىلدۈرمەستىن سۈكۈت قىلىپ تورۇشى ئۇلارنىڭ ئىختىيار قىلىپ رازى بولغانلىقىدۇر» دەيدۇ.(306)
ئەمما قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز بىرىگە ياتلىق بولىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، شۇنىڭدەك ئوغۇلمۇ ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز بىرىنى ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، بۇ ۋاقىتتا ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ۋە بۇ ئىشنى رەت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قىز كىچىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى تاللىيالمايدىغان ياشتا بولسا، ئاتا ـ ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆزلىرى خالىغان يەرگە ياتلىق قىلىدۇ.
مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىش مەسىلىسى
873. سوئال: مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغان كوممۇنىست ياكى بۇددىست ياكى ساماۋى (ئەسلى ئاللاھتىن كەلگەن) بىرەر دىنغا مەنسۇپ بولمىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشى دۇرۇس ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر، مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر﴾(307).
بۇ ئايەت، بۇددىست، كوممۇنىست ۋە مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئىمانسىزلارغا ئۆيلىنىشنىڭ قەتئىي ھاراملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەمما خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئىمانى بار ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى) ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(308).
خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىدىكى ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ شەرتى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا مەھكەم بولۇپ، ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولۇشىدۇر.
مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىشنىڭ ھاراملىقى
874. سوئال: مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى قەتئىي جائىز ئەمەس. مەيلى ئۇلارنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغان كىشىلىرى خرىستىئان بولسۇن، مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى ئاتېئىست بولسۇن، مەيلى بۇددىست ياكى مۇشرىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللار توغرۇلۇق: ﴿ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس﴾(309) دېگەن.
ئۆز مىللەتتىن بولسىمۇ، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىست بىرىگە مۇسۇلمان قىزىنى ياتلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنداق قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى ھۆكۈمىگە قارشى چىققان بولۇپ، جازاسىنى ئېغىر تارتىدۇ.
ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى
875. سوئال: ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: تۇغۇش ـ تۇغماسلىق مەسىلىسى ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ قارارىغا باغلىق ئىشتۇر. ئائىلىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر ياكى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئەر – ئايال ئىككىسى كېلىشىپ تۇغۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش نىيىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا، ئوكۇل ۋە باشقا ھەر قانداق بىر چارىنى قوللىنىشى دۇرۇستۇر. بۇ دېگەنلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەر كۆپ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئاللاھتىن نازىل بولۇۋاتقان كۈنلەردىمۇ بىز ئەزلە قىلاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن توسمىغان.»(310)
ئەزلە قىلىش — جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، سپېرمىنى ئايالنىڭ ئىچىگە تۆكمەستىن سىرتقا تۆكۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر.
قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش جىنايىتى
876. سوئال: قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: قورساقتىكى بالىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەڭ ئېغىر قاتىللىق جىنايىتىدىن سانىلىدۇ. ئىسلام جازا قانۇنى بويىچە، چۈشۈرۈۋېتىلگەن بالا تىرىك چۈشكەن بولسا (يەنى تىرىك چۈشۈپ ئاندىن ئۆلگەن بولسا) ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچىنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەمنىڭ دىيىتى (يەنى بىر ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىگە كېلىدىغان ماددىي تۆلەم) كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا ئۆلۈك چۈشكەن بولسا، ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچى ئۇنىڭ ئانىسىغا ئالدىنقىسىدىن يېنىكرەك تۆلەم تۆلەيدۇ. بۇ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بىر جان ئىگىسىنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەنكەنلىكنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى، بەس. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ جىنايەت ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. لېكىن ئانىنىڭ قورسىقىدا بولۇپ، بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولسىمۇ بىر بوۋاقنى قەستەن ئۆلتۈرگۈچىنىڭ جازاسى قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ، دوزاختۇر!
877. سوئال: قانداق شارائىتتا بالىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىۋەتمىگەندە، ئانىنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقى ھەقىقىي ئىشەنچلىك دوختۇر تەرىپىدىن پەرەز قىلىنغان بولسا، بۇ ھالەتتە شەرىئەتنىڭ: «ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تارتىش كېرەك» دەيدىغان ئومۇمى پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىسىنى ئېلىۋېتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زۆرۈردۇر.
ھەيز ياكى نىپاسلىق ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە زىيىنى
878. سوئال: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
جاۋاب: ئايلىق ئادىتى(ھەيز) ۋە تۇغۇتلۇق ھالى(نىپاس)دىكى ئاياللارنىڭ قېنى توختاپ، تولۇق پاكلانمىغۇچىلىك، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى (مۇھەممەد) ئۇلار سەندىن ئادەت كۆرگەن ئايال (بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى) توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇ (ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە) زىيانلىقتۇر، ئادەت مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار (ئادەتتىن) پاك بولغۇچە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. پاك بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنلىشىڭلار﴾(311).
بۇ ئايەت تۇغۇتلۇق ھالىدىكى ئايال كىشىنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن مەنئى قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇنىڭدىن كەلگەن قاندىن ئىبارەتتۇر.
ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ بالا ياتقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئايلىق قېنى ئېقىپ تۇرىدۇ. تېببىي تەرەپتىن مەلۇمكى، قان مىكروبلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ مۇھىتىدۇر. ئايال كىشى ساق ۋاقتىدا ئۇنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل سۇ ماددىسى چىقىپ تۇرغانلىقتىن، ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان كىشى مىكروبنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ھالبۇكى، ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ مىكروبلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش جاھازلىرى ئىشلىمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ياتقۇدىن كەلگەن توختاۋسىز قان مىكروبلارنىڭ تېز كۆپىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. قان كېلىۋاتقان ۋاقىتتا مىكروبلىنىشقا قارشى جىنسىي ئورگاندىن كېلىدىغان سۇمۇ قان دولقۇنى ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. مەلۇمكى، ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا كۆپلىگەن مىكروبلار بولىدۇ. ئۇ ئايالى ساق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىدا، ئايالىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن كېلىدىغان مىكروبقا قارشى سۇيۇق ماددا ئەر تەرەپتىن كىرگەن مىكروبلارنى ھامان ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئايال كىشى ئادەت كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىكروبلاردىن مۇداپىئەلىنىش جاھازلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغاچقا، ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنى پەقەت مىكروبلار بىلەن قاپلانغان قان دېڭىزىغا شۇڭغۇغان بولىدۇ. نەتىجىدە، مىكروبلىنىش ئەر - ئايال ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭ زىيانلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ زىيىنى ئايال كىشىنىڭ ماتكىسى بىلەن بالا ياتقۇسىدا مىكروبلارنىڭ يېتىشكەنلىكى سەۋەبتىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئورگىنىدا داۋالاش قىيىن بولغان، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغان، ئەر كىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا مىكروبلارنىڭ ئورۇن تۇتۇشى بىلەن ئۇنىڭ سۈيدۈك يوللىرىدا ئوزونغا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.(312)
ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىشنىڭ ھاراملىقى
879. سوئال: ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭ مەيلى ئالدى تەرىپىدىن، مەيلى كەينى تەرىپىدىن، مەيلى قايسىبىر تەرىپىدىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگىنىغا كېلىش مۇتلەق دۇرۇستۇر. ئەمما ھارام بولغىنى ئاياللارنىڭ ئارقىسىغا كېلىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يامان قىلىقنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «ئۇ كىچىك بەچچىۋازلىقتۇر»(313) دەپ سۆككەن.
880. سوئال: ئەر - خوتۇنلۇقنىڭ سىرلىرىنى يېيىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
جاۋاب: ئەر - خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا تارقىتىش تولىمۇ زىيانلىق ئەخلاقسىزلىق ۋە ئەدەپسىزلىك بولۇپ، ئەر - ئاياللىقنىڭ مۇقەددەس رىشتىسىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان كىشى ئەر - خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى يايغان كىشىدۇر»(314) دېگەن.
چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئەر بىلەن ئايالنى كىيىمگە ئوخشىتىپ: ﴿ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر﴾(315) دېگەن.
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، سىلەر ئەر - خوتۇن بىرگە ئارىلىشىپ ياشىغىنىڭلار ئۈچۈن بىر- بىرىڭلارنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغداپ تۇرىدىغان، ئەۋرەت ئورگانلىرىڭلارنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىمگە ئوخشايسىلەر. خۇددى كىيىم بەدىنىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر - بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى، سىرىنى ۋە باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ھەممە ئىشىنى يېپىشىڭلار لازىم دېگەنلىكتۇر.
ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى
881. سوئال: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى (ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايالنى تالاق قىلىشقا بولمايدۇ. تالاق (ئەر - خوتۇننىڭ ئاجرىشىشى) ئاللاھقا ئەڭ ياقمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك زۆرۈر تېپىلغاندا تالاققا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتا تالاق قىلىش چەكلەنگەن. ئاللاھقا ئىمانى بار مۇسۇلمان ئادەم ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنى ئادەت كۆرگەن مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى ئادەتنىڭ قېنىدىن پاك ۋە ساق ۋاقتىدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (ئۇدۇللاپ، پاك ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار﴾(316).
بالىلار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى
882. سوئال: بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىپ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى مېھرىنى، ياخشىلىقىنى بىرىگە ئالاھىدە قىلىش ھەقسىزلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ. بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك زىيانلىرى كۆپتۇر. دۇنيادا بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ، ئارىسىدا بىر - بىرىنى كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ. مۇنداق كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.
883. سوئال: مىراستا بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش توغرىمۇ؟
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.