Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17

Süzlärneñ gomumi sanı 3433
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
بىراۋنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى، ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، چىراي شەكلىگە ياكى ئىبادەتلىرىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ئەمەس، پەقەت مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىم - شەپقەتلىك بولۇشقا، شۇنداقلا بارلىق مۇئامىلىلەردە توغرا، ئادالەتلىك، ھەققانىي بولۇشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئىناقلىقى، خاتىرجەم ھالدا بەختلىك ھايات كەچۈرىشى شۇ جەمئىيەتتە ياخشى مۇئامىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا باغلىقتۇر. ۋەزىپىسىنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئورۇنلاش، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز ئارا بىر- بىرىگە كۆيۈنۈش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى مۇئامىلىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قەدىمدىن بىرى تەكرارلاپ كەلگەن «دىن – مۇئامىلىدۇر»دېگەن سۆزىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئىسلام دىنىدا ياخشى مۇئامىلىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن دىيەلەيمىزكى، دىيانەت ياكى دىندارلىق ئىسلام ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلاپ قويۇش بىلەنلا ئەمەس، يۈرۈش – تۇرۇش، ئەخلاق ۋە باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىلەردە ئىپادىلىنىدۇ. زامانىمىزدا، تاشقى قىياپىتىدە دىيانەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئىچكى دۇنياسى بۇزۇق كىشىلەرمۇ كۆپ. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ تاشقى ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئورۇندايدىغان، بەش ۋاخ نامىزىنى تەرك قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ئەڭ دىندار كۆرۈنىدىغان، ئەمما باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدە بۇلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، جورىسىغا ۋە بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەتراپىدىكىلەرگە چوڭلۇق قىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى جاق تويغۇزىدىغان، باغرى قاتتىق ئادەملەر بار. مۇنداقلار ئۆزلىرىنى دىندار ۋە ئەخلاقلىق دەپ سانىسىمۇ ئىسلام دىنى ئۇلارنى ئۇنداق سانىمايدۇ.
باشقىلارغا يامان مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە سۆيگىسىگە ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. باشقىلارنىڭ سۆيگىسىگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم ئەڭ بەختسىز ئادەمدۇر. قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى(191) دېگەن. يامان مۇئامىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، باشقىلارنىڭ غۇرۇرىنى زىدىلەيدىغان، كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، ئاچچىقىنى باسالماي چېچىلىش، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق، ئائىلىسىدىكىلەرگە قوپاللىق قىلىش، خىزمەتداشلىرىنى، خوشنىلىرىنى ۋە ئارىلاشقان كىشىلىرىنى رەنجىتىش، ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدا ساختىپەزلىك قىلىش ۋە يالغان سۆزلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى يامان مۇئامىلە تۈرىگە كىرىدۇ. باغرى يۇمشاق، توغرا مۇئامىلىلىك ئادەمنى كىشىلەر سۆيىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقۇسى ۋە مۇئامىلە قىلغۇسى كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر﴾(192).
زامانىمىزدا تېخنىكا ئىلىملىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن دۇنيا كىچىك بىر مەھەللىگە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە باشقا جەمئىيەت ئىنسانلىرى بىلەنمۇ ئىناق، ياخشى ئۆتۈشكە بولغان زور ئېھتىياجنى ھېس قىلدۇرماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھايات سۈرۈشتىن باشقا يەنە بىر پەرز باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ ئۇلۇغ دىنغا دەۋەت قىلىشتۇر. بۇ پەرز ئىسلام ئىستېمالىدا ﴿ئەمرۇ مەرۇپ – ۋەز – نەسىھەت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ پەرزنى بىزگە يادلاندۇرۇپ:﴿(ئى مۇھەممەد ئۇممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر﴾(193) دېگەن.
ئەمدى بۇ پەرزنى مۇسۇلمانلار نېمە بىلەن ئورۇندايدۇ ؟
تەبىئىيكى، ئېغىزى ئارقىلىق دەۋەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئەمەلىيىتى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئورۇندايدۇ. ھازىرقى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش يولىدا مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغانلىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقى، سۆزى باشقا، ئەمەلىيىتى باشقا بولغانلىقى ئىدى. شەكسىزكى، كىشىلەرنى ئىمان – ئىسلامغا، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولى ئىسلامنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا ياشىتىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامنى ھاياتىمىزدا ياشىتىشنىڭ يولى مۇئامىلىدىن باشلىنىدۇ. ئۇلۇغ يولباشچىمىز ۋە ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ياشىتىشتا ۋايىغا يەتكۈزگەن زات ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ دەۋىتى چارەك ئەسىرگە يەتمىگەن ئاز بىر ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئورۇن ئالغان.
دىن - مۇئامىلىدۇر
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىردىن مۇئامىلىدۇر. مەسىلەن: ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان ناماز ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىق تەرەپكە يۈكسەلدۈرىدىغان بىر مۇئامىلە نوقتىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ گۇناھلاردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ(194) دېگەن سۆزىدىكى ﴿يامان ئىشلار﴾ يامان مۇئامىلە ۋە ناچار ئەخلاقلارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇندىن باشقا ناماز ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا ياردەم سورايدىغان ئەخلاقىي يۆلەنچۈكىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار﴾ (195) دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككىنچى چوڭ ئىبادەت بولغان زاكات بايلاردىن ئېلىپ كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپلا قالماستىن، ئىنساننى بېخىللىق، پىخسىقلىق كىرلىرىدىن پاكلاپ، ئۇنىڭ ئەخلاقىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئاللاھ ۋە ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلايدىغان بىر مۇئامىلە خاراكتېرلىق ئىبادەتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى: ﴿ئۇلارنى (بېخىللىق كىرلىرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاكلىشىڭ ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى زاكات ھېسابىدا ئالغىن﴾(196) دەپ بۇيرىغان.
ئۈچىنچى چوڭ ئىبادەت بولغان روزا نەپسنى ئىستەكلىرىدىن توسۇلۇشقا كۆندۈرۈش، تەربىيىلەش ۋە تەقۋالىققا ئادەتلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى ئەخلاقىي ئىبادەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ ۋە باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلىسىدۇر. چۈنكى نەپسىنى يىغىپ ئۆزىنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى كىشىدە باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش روھىنى يارىتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا: ﴿ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىپ تەقۋالىق دائىرىسىگە كىرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغىنىغا ئوخشاش سىلەرگە (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(197) دېگەن سۆزىدە روزا تۇتۇش ئارقىلىق «تەقۋالىق» ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تەقۋالىق – ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلغانلىقتىن يامان ئەخلاق، يامان مۇئامىلە ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە كىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ھەقىقىي مەنىدىكى تەقۋالىق ياخشى مۇئامىلىلىك بولۇشنى كاپالەندۈرىدۇ.
تۆتىنچى چوڭ ئىبادەت بولغان ھەج ئىنسانلار بىلەن قانداق ئۆتۈش، قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىق ئىبادەتتۇر. ئادەتتە ھەج پائالىيىتى نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن توپلىنىپ ئورۇندىلىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا ئاچچىقلىنىش، قوپاللىق قىلىش، گۇناھ ئىشلەش ۋە ئايرىمچىلىق چەكلىنىدۇ. شۇڭا ھاجىلار باي- گاداي، رەئىس – پۇقرا، رەڭ، تىل ۋە ئىرق پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلغان ھالدا، ھەممىسى بىرخىل ئاق ئىھرامغا يۆرگىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«كىمكى جېدەل – ماجرا قىلماستىن، گۇناھ ئىشلىمەستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ ئانىسىدىن ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاقتەك گۇناھتىن پاك بولىدۇ(198) دېگەن مۇبارەك ھەدىسىمۇ ھەج ئىبادىتىنىڭ تەربىيىلىنىش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ھاجىنىڭ شۇ پاكلىقىنى ساقلىيالىشى ئۇنىڭ ھەج پائالىيىتىدە ئالغان تەربىيىسىنى داۋام قىلدۇرۇشىغا باغلىق.
ئەپسۇس بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى، يۇقىرىقى ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەر ئەشۇ ئاساسلىق غايىسىنى ۋە نىشان قىلىنغان مەقسەتلىرىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ ئىبادەتلەر خۇددى جانسىز بەدەنلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقتىن كۆپلىگەن كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن توسالمىغان، تەقۋالىقنى بەرپا قىلالمىغان، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇش ئەخلاقىنى تىكلىيەلمىگەن. قىسقىسى بۇ ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتىكى مۇددىئا ئەمەلگە ئاشمىغان.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىبادەتلەر غايە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنى تەقۋالىق، گۈزەل ئەخلاق، ياخشى مۇئامىلە، ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى ۋاستىلاردۇر.
مۇندىن باشقا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھاياتلىقتا ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان پۈتۈن ئىشلارنىڭ ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن مۇئامىلە قائىدىسى باردۇر. ھەممىسىدە مۇئامىلىنىڭ دۇرۇس، توغرا ۋە ئادالەتلىك بولىشى تەلەب قىلىنىدۇ.



مۇئامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
766. سوئال: مۇسۇلمان ئادەم كىملەرگە قارىتا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان؟
جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم ھەممىگە ئىسلامىي ئەخلاق دائىرىسىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكىلەر:
1. ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
2. ئائىلىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش
3. ئاتا – ئانىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش
4. تۇغقانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
5. خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
6. خىزمەتداشلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
7. دوستلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش
8. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
9. ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
10. مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
11. ھايۋانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.


767. سوئال: ئىنسان ئۆزىگە قارىتا قانداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئۆز- ئۆزىگە توغرا بولۇشى، ئۆزىنى ئالدىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ روھىغا، دىنىغا، ئەخلاقىغا ۋە تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى لازىم. بۇ دېگەنلىك ئۆزىگە ھەر ئىشتا توغرا ۋە قائىدە – يوسۇنلۇق بولۇش تەلىبىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىقى، ئۆزى ئۈچۈن خالىمىغان زىيان – زەخمەتلەرنى باشقىلارغا كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىشى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، قىمار ئويناشقا ئوخشىغان ئۆزىگە بىۋاسىتە زىيانلىق بولغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىبكار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى، ھەر ۋاقىت ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ئەقىل، ۋىجدان ۋە شەرىئەتنىڭ مىزانىغا سېلىپ تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قىيامەت كۈنى سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن سىلەر ئۆز – ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار»دېگەن كۆرسەتمىسى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەكسىچە قىلىش ئۆزىنى ئالدىغانلىق ۋە ئۆزىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغانلىقتۇر.
ئائىلە ھاياتىدىكى ئىسلام پىرىنسىپلىرى
768. سوئال: ئىنسان ئائىلىسىدىكىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قارىتا مۇئامىلىسى ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر» دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ياكى سىرتتىكىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۇنى ياخشى ياكى يامان دەپ باھالىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى ئىنسان سىرتتىكىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش نىيىتى بىلەنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ئەڭ تەبىئىي مۇئامىلە بولۇپ، شۇ ئادەمگە قويۇلغان دىئاگنوزدۇر.
بىراۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا – ئانىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەب قىلىدۇ.
769. سوئال: ئىنسان ئۆزىنىڭ جورىسىگە قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: ئىسلام قانۇنىدا ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر – بىرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇقلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئۇنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىشلىرىنى توغرا يولغا سالىدىغان بىرەر مەسئۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، ئائىلىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىگە مەسئۇللۇق قىلىدىغان بىرەر مەسئۇلنىڭ شۇ ئائىلىدە بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. تەبىئىيكى، بۇ مەسئۇللۇققا ئەر كىشىلەر ئايال كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇناسىپراقتۇر. چۈنكى، ئەر كىشىلەر ئومۇمەن جىسىمانىي جەھەتتە كۈچلۈك، سوغۇققان بولغاچقا، ئۇلار ئائىلە ئىشلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن باشقۇرالايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا:﴿ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر﴾(199)دېگەن.
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ۋە ئائىلىنى ھىمايە قىلىپ، ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىگە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا ئەرلىرىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا بويسۇنۇشى زۆرۈر. بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى خوجايىن، ئاياللىرىنى بولسا، خىزمەتچى ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەدەپ خورلايدىغان، ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەرلەر ھەقىقەتەن، نادان ھەم ئاڭسىز كىشىلەردۇر.
تۇرمۇش پەقەت ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر- بىرىگە يول قويۇشى بىلەن داۋام قىلىدۇ. چۈنكى ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالدا داۋام قىلىشى ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىق، ئۇنىڭ سائادىتى ئەر خوتۇن ـ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىنى ھېمايە قىلىپ قوغدىشى، بىر- بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى بەختلىك ئائىلىنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى
770. سوئال: ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟
جاۋاب: ئەركىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى.
(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى ئۇنىڭ بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى.
(3)ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى.
(4) ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى. لېكىن ئايال كىشىنى كۈنلىدىم دەپ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، بەتنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان.
(5) ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا ـ ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تورغۇزۇشى، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسە ـ كېرەكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئايالىغا قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۇكلىرىنى يۇكلىمەسلىكى.
(6) ئايالىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەھرىنى ۋە باشقىمۇ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى.
(7) ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە باشقىلار قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىشىغا ئۈندىشى، ياردەم بېرىشى.
(8) ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ ئۆزگەرتىشى، ئىمكان قەدەر ئايالىنى ئۇرماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر»(200) دەپ كۆرسەتكەن. ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە ئەڭ قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر.
(9) ئايالى تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى تۇغماسلىقنى تاللىسا، ئۇنى زورلىماستىن، ئۆزئارا كېڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈش.
(10) ئايالىنىى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى تۇغقانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى، ھاقارەتلىمەسلىكى، مەسخىرە قىلماسلىقى.
(11)ئايالىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى.
(12) بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى.
(13) ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن، ئەيبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى.
يۇقىرىقىلار ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسىمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللار توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان.
ئايالنىڭ ئېرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى
771. سوئال: ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئايالنىڭ ئېرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشى.
(2) ئايلىق ئادەت، تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەر ـ ئايال بىر ـ بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى ئومۇمەن، مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىمۇ، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى رەنجىتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(3) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك ـ ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ.
(4) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر – ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى.
(5)ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلىشى. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئېرىغا ھەمىشە: ”ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز قاتتىقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز“ دەيدىغان خوتۇندۇر.
(6) ئېرىدىن باشقىلار ئۈچۈن زىننەتلەنمەسلىكى، باشقىلارغا يۈز، قوللىرى ۋە پۇتلىرىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى نامايان قىلماسلىقى، قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان.
(7) ئېرىنىىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى.
(8) ئېرىگە ھۆسىن ـ جامالى، بايلىقى ۋە مەنسبى بىلەن پەخىرلەنمەسلىكى يەنى ئايال كىشى ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەپكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭلۇق قىلماسلىقى.
(9) پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىگە تىل ئۇزارتماسلىقى.
(10) ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشى، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى.
(11) ئايال كىشى قېيىن ئانىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇمۇ شۇلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كېيىنچە كېلىن ياكى كىئوغۇللىرىدىن كۆرىدۇ. ياخشى ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئائىلىلەر گۈللىنىدۇ، ھاياتلىق ئۆزىنىڭ ھۇزۇرـ ھالاۋىتىنى تاپىدۇ. دۇنيادىكى مەشھۇر ئەربابلارمۇ ئەنە شۇنداق ياخشى ئانىلارنىڭ قوللىرىدىن يېتىشىپ ئۆسكەن كۆچەتلەردۇر.
ئاتا-ئانا ۋە پەرزەتنلەر ھەققىدىكى ئىسلام پىرىنسىپى
772. سوئال: ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: پەرزەنتلەر ئاتا ـ ئانىلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ھەم شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك بىر ئامانەتلەردۇر. ئاتا ـ ئانىلار قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۇ ئامانەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بۇ جاۋابكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار﴾(201).
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالا ـ چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش يولىدا، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئىمان، ئىسلامنى ئۆگىتىپ، ياخشى ـ ياماننى بىلدۈرۈپ، ئىلىم ـ مەرىپەت ئۆگىتىپ بۇ ئامانەتنى ئادا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئاتا ـ ئانىلار يۇقىرىقىلارنى ئاللاھ بۇيرىغان بويىچە ئادا قىلغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆگەيدۇ. كېيىنىكى ئىشلارغا بالىلار ئۆزلىرى جاۋابكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەرقانداق بالا ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھازىر بولغان تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى يەھۇدىي قىلىدۇ ياكى خرىستىئان قىلىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ.» دېگەن. دېمەك، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق يېتىشىپ چىقىشىدىن مەسئۇلدۇر. ئۇلار بالىلىرىنى ئىسلام نۇرى ئاستىدا، ياخشى تەربىيىلەپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چۇقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلىرىنى ئۆز ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بېرىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېتىشتۈرەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە تارتىدۇ. يامان بالىنىڭ ئاپىتى ئاتا ـ ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. ئامانەتنى زايە قىلغان كىشى قانداق جاۋابكالىققا تارتىلسا، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلىچىكىنى زايە قىلىۋەتكەن ئاتا ـ ئانىلارمۇ، ئۇنىڭدىن ئېغىرراق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارغا تاپشۇرغان ئامانەتلىرىدۇر.
ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرى
(1) بالىلارغا ئاتا – ئانا بولىدىغانلارنىڭ ياخشى تاللىنىشى
بۇ ماۋزۇ ئاتىلار بىلەن ئانىلارغا ئوخشاشلا قارىتىلغان بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ دىيانەتلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە ئېسىل - پەزىلەتلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئاتا بولغۇچىنىڭ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغان ئايالنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ئانا بولغۇچىنىڭمۇ كېلەچەكتە بالىلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان ئەرنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا ياخشى تاللىشى زۆرۈردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە قارىتىپ:«كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ: ئۇلارنىڭ ھۆسىن – جامالىغا، بايلىقىغا، نەسىبىگە ۋە دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللغىن. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭ زىيان تارتىپ قالىسەن.»(202) دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسى ئارقىلىق دىنغا، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق، ياخشى نەسىل يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، شۇ نەسىلگە ئانا بولغۇچى ئايالنى دىيانەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ياخشى تاللاپ، ئىلغاشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان. ئېسىللىك، ياخشىلىق پەقەت دىيانەت بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. بىراۋنىڭ دىيانىتى بولماستىن، قانچىلىك ئېسىل، شەرەپلىك ئائىلە بولۇپ كەتسۇن، ئۇنى ياخش دېگىلى بولمايدۇ.
ئايال كىشىلەرمۇ كېلەچەكتىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان جورىسىنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى مىزان قىلغان ھالدا، ياخشى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزنىڭ ئائىلىسىگە :«ئەخلاقى بىلەن دىيانىتى سىلەرنى رازى قىلىدىغان قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى دەر ھال ئۆيلەندۈرۈڭلار»(203) دېيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جور تاللىشىدىكى ئىسلامىي پىرىنسىپنى بايان قىلىپ بەرگەن.
(2) بالىلارغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇش
بالىلارغا گۈزەل ـ چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇش ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئىسلام دىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كامىل بىردىن بولغانلىقتىن، بۇ ماۋزۇدىمۇ ئىنسانلارغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىشنى ئۇنتۇمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتلەرگە چىرايلىق، گۈزەل ئىسىملارنى قويۇش ھەققىدە:«سىلەر قىيامەت كۈنىدە ئىسمىڭلار بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇڭا بالىلىرىڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇڭلار»(204) دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ھەمىشە گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى، يېقىمسىز ئىسىملارنى گۈزەل، يېقىملىق ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ قوياتتى.
(3) ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش
ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش پۈتۈن ساماۋىي دىنلاردا بۇيرۇلۇپ كەلگەن بىر ھۆكۈمدۇر. يەھۇدىي دىنىدىكىلەر ـ گەرچە ئەسلىدىكى يەھۇدىي دىنىنىڭ ماھىيىتىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ــ ھازىرمۇ ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئىشىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەمما خرىستىئانلار، ـ گەرچە ئۆز ۋاقتىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەقتە تەۋسىيەلىرى بولغان بولسىمۇ ـ بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلمەكتە. ئىسلام دىنىدىكى بارلىق مەزھەپلەردە ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ لازىم ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن قائىدىدۇر.»(205)
(4) بالىلارنى بېقىش
ئاتىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتلەرنى بېقىش پەرزدۇر. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىدىن چىقىش پەقەت ئاتىنىڭ ئۈستىگىلا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئاتا بولغان كىشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا نەفەقە(چىقىم) قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسنى تەمىن ئېتىدۇ. ئائىلىنىڭ نەفەقىسى سىلە ـ رەھىم قىلىش، سەدىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ياخشىلىقلاردىن ئەھمىيەتلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە نەفەقىسىنىڭ ــ ئادا قىلىنىشتا ــ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلىقنى ئاۋۋال ئائىلەڭدىن باشلىغىن، بالا مېنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن، ماڭا ئاش ـ نان بەرگىن! دەيدۇ.»(206)
بالىلىرىنى ياخشى باقماي، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى زايە قىلۋەتكەن ئاتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ھال ـ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىغا تاشلىۋېتىش ئەڭ ئېغىر گۇناھى كەبىرىلەردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىراۋنىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماي، زايە قىلىۋېتىشى يېتەرلىكتۇر.»(207)
(5) بالىلارنى تەربىيىلەش
ئاللاھ ئىنسانىيەتنى، ئۆزىنىڭ يەرشارىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشىدا ئۆزىدىن خەلىپە (ئۇرۇن باسار) قىلىپ ياراتتى. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى پەقەت ئىنسانلار بىلەن بولىدۇ. ئىنسانلار پۈتۈن كائىناتنىڭ خوجايىنى. شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىنسان نەسلىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىشى پەقەت بىر ئەر، بىر ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە. ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىپتىدائى مەكتىبى بولۇپ، بۇ مەكتەبنىڭ مەسئۇل مۇئەللىملىرى ئاتا بىلەن ئانا ئىككىسىدۇر. ئىنساننىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولۇپ يېتىلىپ چىقىشى، پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۇنجى قېتىم ئالغان تەلىم ـ تەربىيىسىگە باغلىقتۇر. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسى ئىنسان ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن ئىمان ئىسلام ئۆگىتىپ ۋە ياخشى ـ ياماننى بىلدۈرۈپ، راست سۆزلەيدىغان ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ بىرىدۇر.
بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەرخىل ئويۇن ـ تاماشالار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋردۇر. بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان پاكىز، تەن ـ تەربىيە ۋە باشقىمۇ ئىجابىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز يامان دوستلاردىن يىراقلاشتۇرۇشى ۋە بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان تاماكا، ھاراق، زىنا ـ پاھشىە قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ئۇلارنى قەتئىي چەكلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا بارلىق يامان ئادەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاددى بىرەر يامان ئىشقا ئادەتلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھۇشيار بولۇش لازىم. قىسقىسى، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئېتىقادىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەپ چىقىشتىن مەسئۇل.
(6) بالىلارنى ئوقۇتۇش
بالىلارنى قايسى پەنلەردە بولمىسۇن، ئوقۇتۇش ياكى ئۇلارغا تىرىكچىلىكنىڭ كەسىپلىرىدىن بىرەر كەسىپ ئۆگىتىش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىدىندۇر. بالىلارغا دىنىي بىلىملەردىن ئالدى بىلەن ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ياخشىلىق ـ يامانلىقنى ، ھارام ـ ھالالنى، ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرىنى، ئەدەب - ئەخلاقلارنى ۋە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش قائىدىلىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئوقۇتۇش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ئەينىدۇر.
ئەمما بالىلارنى دىنىي ئىلىملەردە بولامدۇ، ياكى پەن بىلىملىرىدە ــ دوختۇرلۇق، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىىيە ، فىزىكا ، ماتېماتكا، بىيولوگىيە، پەلسەپە ۋە باشقىلار قاتارلىق پەنلەرنىڭ قايسىبىرىدە ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش پەرز كۇپايە بولۇپ سانىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئىلىم ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.»(208) دەپ كۆرسەتكەن.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقى بولغان ۋە مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بەلگىلەنگەن ”ئوقۇش، ئۆگىنىش“ بۇيرۇقى، دىنىي ئىلىملەرگىلا ياكى مەخسۇس بىرەر پەنگىلا قارىتىلغان بۇيرۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ ، كائىناتنىڭ ئىگىسىنى تونۇتىدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان پۈتۈن ئىلىم ـ پەنلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
(7) بالىلارنىڭ تويلىرىنى قىلىش
ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئوغۇللارنى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى يەردىن ئۆيلەپ قويۇش، قىزلارنىمۇ دىيانەتلىك ئەخلاقلىق ياخشى يەرلەرگە ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ياكى بالىلارنىڭ بەزىبىر تەنتەكلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بولۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ھەر قانداق ئاتا ـ ئانا ئىسلام نەزەرىدە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. قىز ـ ئوغۇللارنىڭ توي ئىشلىرىنى بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئىجرا قىلىش شۇنچىلىك كۆپ ياخشىدۇر. چۈنكى قىز ـ ئوغۇللار تۇرمۇش قورۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يامان ئىشلارغا بېرىلىشتىن تىزگىنلەپ قالالايدۇ. ھەمدە ئۇلار ئاتا ـ ئانىلىرىنىڭ قەدرىگە بۇرۇنراق يېتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىر ـ مېھنەتلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قارىتا مۇئامىلىسى
773. سوئال: ئاتا – ئانىلار بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئاتا – ئانىلار بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك:
(1) بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش
بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلارغا ئىتائەت قىلىشى ۋە سۆزىگە كىرىشى ئۈچۈن، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، مېھرى ـ مۇھەببىتىنى ۋە شەپقىتىنى بېغىشلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك. بالىلارغا ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئاچچىقلىماسلىق، ئۇلارغا كەمچىلىكلىرىنى تونۇتۇشتا، مۇناسىپ ئورۇندا بىرگە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئاندىن كەمچىلىكلىرىنى سىلىق، مەنتىقلىق ئۇسۇلدا ئېيتىپ بېرىپ، ئاندىن توغرا نەسىھەت قىلىش، تەربىيە كۆرگەن ئاتا ـ ئانىلارغا خاس ئالىيجانابلىقتۇر.
(2) بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.